يەرلىك مىللەت ئۇقۇمى ۋە ئۇيغۇرلار

2018-يىلى 3-ماي

رۇقىيە تۇردۇش | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

 

Indigenous People دېگەن بۇ سۆزنىڭ بىۋاسىتە مەنىسى يەرلىك مىللەت، شۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ پەقەت سۆزمۇسۆز تەرجىمە مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا قانداق مىللەتلەر Indigenous People دەپ ئاتىلىدۇ؟ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت مەسىلىلىرى بۆلۈمى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئورنى دېگەن دوكلاتتا، بۇ ھەقتىكى دۇنيادا ئەڭ كۆپ قوللانغان چۈشەنچىنىڭ Jose R Martinez Cobo نىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كەمسىتىلىش مەسىلىسى دېگەن تەتقىقاتىدىكى چۈشەنچە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان: [1]

Indigenous جەمئىيىتى، خەلقلىرى ۋە مىللەتلىرى، بۇرۇن ئۆز زېمىنلىرىدا مۇستەملىكىگە ئۇچراش تارىخىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، ئۆزلىرىنى شۇ تېررىتورىيەدە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان كۈچ جەمئىيىتىدىكى، باشقا ساھەلەردىن پەرقلىق دەپ قارايدىغان توپلۇق. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ھۆكۈمران بولمىغان ساھەسى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆزلىرىگە خاس جەمئىيەت تۈزۈلمىلىرى ۋە قانۇن، تۇزۇم، سىستېمىلىرى ئارقىلىق ئاتا – بوۋىلىرى ياشىغان زېمىننىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېتنىك كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلغان. بۇ مەۋجۇتلۇقنى داۋاملاشتۇرغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكى بىر ياكى بىردىن ئارتۇق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

 

1 – تارىختا ئەجدادلىرىنىڭ زېمىنى باشقىلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغانلار،

2 – دىنى،  كىيىم – كېچىكى، ياكى تەبىقە شەكلىدىكى ياشاش ئادەتلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايەندە قىلىدىغانلار،

3 – ئوز ئالدىغا تىلى بولغان ۋە شۇ دۆلەتتىكى مەلۇم رايوندا ياكى دۇنيادىكى مەلۇم رايونلاردا مەخسۇس ياشايدىغان.

4- ۋەباشقا ئامىللار.

 

مانا بۇ مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ھوقۇقى ۋە كىملەرنىڭ شۇ يەرلىك مىللەتكە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىغا قارار قىلىش كۈچى بولۇپ، بۇنىڭغا باشقىلار ئارىلىشالمايدۇ. [2]

دېمەك، قانداق بىر توپلۇق كىشىلىرىنىڭ ياكى Indigenous People (يەرلىك مىللەت) كە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىغا شۇ توپلۇقنىڭ ئۆزى قارار قىلىدىغانلىقى بۇ يەردە ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. چۈنكى يەر شارى مىقياسىدا «يەرلىك مىللەت» دېگەن بۇ ئۇقۇمغا ھەممە يەرلىك مىللەتكە چۈشىدىغان قىلىپ تەبىر بېرىش ناھايىتى قىيىن بولۇپ گەرچە ئادەتتە ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيەدىكى ئاقلار تەرىپىدىن ئۆز ۋاقتىدا بېسىۋېلىنغان يەرلىك مىللەتلەرنى كۆزدە تۇتسا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى شۇ زېمىنلاردا دۆلەت قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ياشاپ كەلگەن مىللەتلەر، بىزمۇ بۇ زېمىننىڭ ئەسلى يەرلىك ئىگىلىرى ئىدۇق، بىزمۇ يەرلىك مىللەت دەيدۇ. «يەرلىك مىللەت» دېگەن بۇ ئۇقۇم يىللاردىن بەرى قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بەزى دۆلەتلەردە قەبىلىلەر، دەسلەپكى مىللەتلەر، ئابورىگىنالس، ئېتنىك گۇرۇپپىلار، جاناجاتى قاتارلىق ئوخشىمىغان تېرمىنلار بىلەن ئاتىلىدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى خىتابنامىسىنىڭ 33- ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ: «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ – ئادىتىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ كىملىكىگە ئۆزى تەبىر بېرىش (يەنى نېمە دەپ ئاتىلىشقا، ئۆزلىرىنى يەرلىك مىللەت، دېيىش ياكى دېمەسلىككە) ھوقۇقى بار. لېكىن بۇ ھوقۇق ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مەۋجۇت دۆلەتنىڭ گىراژدانلىرى ئىكەنلىكىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ» دەپ يېزىلغان. بۇ دېگەنلىك،  مەسىلەن، ئۇيغۇرلار يەرلىك مىللەت دېيىلىشكە توغرا كەلسە ۋە ئۆزلىرىنى ئۆز مەدەنىيىتىگە ئاساسەن يەرلىك مىللەت دەپ ئاتىسا، بۇ كىملىك ۋە تەبىر خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن: «ياق، ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي بولۇشى كېرەك، بولمىسا خىتاي گىراژدانى بولۇش ھوقۇقۇڭ يوق» دېيىلمەسلىكى ئۇلارنىڭ خىتاي گىراژدانى بولۇشىنى چەكلىمەسلىكى، كېرەك دېگەنلىك. شۇنداقلا بۇ دېگەنلىك يەرلىك مىللەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەس بەلكى مەۋجۇت ھۆكۈمران دۆلەتنىڭ گىراژدانلىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىق. ئەمما ئۇيغۇر خەلقى مەدىنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىنى،  پەقەت يەرلىك مىللەت قانۇنلىرىدىن ئىزدەپ ئۆزلىرىگە يەرلىك مىللەت دەپ تەبىر بېرىشكە ۋە مەۋجۇت دۆلەتنىڭ (خىتاي) نىڭ گىراژدانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا رازىمۇ ئەمەسمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلار مەۋجۇت خىتاي دۆلىتىنىڭ گىراژدانى ۋە پۇقراسى بولۇشنى ھېچقاچان قوبۇل قىلغان ئەمەس ۋە خىتايمۇ پۇقرالىق ھوقۇقىنى ئۇيغۇرلارغا ھېچقاچان خىتاي مىللىتى بىلەن باراۋەر بىر شەكىلدە بەرگەن ئەمەس. [3]چۈنكى دۆلەت پۇقراسى ياكى دۆلەت مىللىتى ھېسابلىنىش ئۈچۈن، شۇ دۆلەتتىكى بىر تۇتاش قانۇنلار تەرىپىدىن قوغدىلىنىدىغان ھەق – ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرگە ئىگە بولالىشى، بىر تۇتاش دۆلەت سىياسىي ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىدىن بەھرىمەن بولالىشى، بىر تۇتاش دۆلەت مائارىپىدىن ئەركىن بەھرىمەن بولالىشى كېرەك. مەن بۇ توغرىدا «ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلەت پۇقراسىمۇ؟» دېگەن ماقالەمدە تەپسىلىي توختالغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەردە ئارتۇق توختالمايمەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى تەرغىب قىلغان خىتابنامىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ خىتابنامىسىغا ھېچقاچان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇش، قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش ۋە ياكى مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش مەسىلىسى كىرگۈزۈلمىگەن، پەقەت سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى مەۋجۇت مۇستەملىكىچى دۆلەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقى، مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇشى، ھوقۇق سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنسا ئىدى، ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتىنى قوغداش ۋە بۇ ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىشنى قانۇن قىلىپ كىرگۈزۈپ، مەۋجۇت ھۆكۈمران دۆلەتتىن تەلەپ قىلىشنىڭمۇ ئورنى قالمىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە. گەرچە بۇ ھوقۇقلارنىڭ 3- ماددىسىدا سىياسىي ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار دېيىلگەن[4]  بولسىمۇ، بىر دۆلەتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ قانداق چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئازدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئۇتاھ ئىشتاتىدىكى يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىنى مىسال قىلىپ ئۆتكىنىمدە تەپسىلىيرەك توختىلىمەن.

ئۇنداقتا، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ ئۆز دۆلىتىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان مىللەتلەر بىلەن، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن قانداق پەرقى بار؟

گەرچە ئۇيغۇرلار باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆز ئالدىغا تېررىتورىيەسى بولغان، شۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان، تارىختا تاجاۋۇزغا ئۇچراپ زېمىنى بېسىۋېلىنغان بولسىمۇ، دۆلەت قۇرغان بىر مىللەت بولغانلىقتىن دۆلەت قۇرۇپ باقمىغان ۋە دۇنيادىكى دۆلەت سىستېمىسىنى رەت قىلىدىغان يەرلىك مىللەتلەر بىلەن سىياسىي نىشانى ۋە قانۇنىي پىرىنسىپلىرىدا تۈپتىن پەرقلىق. يەرلىك مىللەتلەر ئايرىم ئايرىم قەبىلە شەكلىدە ياشايدىغانلىقتىن، قانداشلىق ۋە قەبىلىچىلىككە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەر قەبىلە ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىككە ۋە ئايرىم تىلغا ئىگە. [5]ھەتتا ئۇلار پۈتۈن قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ پان قەبىلە مىللەتچىلىكى قىلىشنىمۇ خالىمايدىغان بولۇپ ھەر قەبىلىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھوقۇقىغا،  ئوخشىمىغان تىللىرىغا، ھەر قەبىلىدە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلىرىنى ساقلاشقا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ھەر قەبىلە ئۆز ئالدىغا تۇزۇم ۋە سىياسەت يۈرگۈزۈشنى ياقلايدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇلار ئۆز ئالدىغا قەبىلە شەكلىدىكى غەرب دۆلەت سىستېمىسىغا ئوخشىمايدىغان ھۆكۈمەت ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ دۇنيادىكى ھازىرقى دۆلەت تۈزۈلمىسى بويىچە دۆلەت قۇرۇپ ئورتاق بىر دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەت مەدەنىيىتى تىكلەشنى رەت قىلىدۇ. [6] يەرلىك مىللەتلەر بىرىنچىدىن مەۋجۇت ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى دۆلەت قۇرۇلمىسىنى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ياشاش ئادىتى بىلەن ماسلاشمايدۇ دەپ قارىسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەربنىڭ ئۇلارنى يەرلىرىڭلاردا دۆلەت قۇرۇشىمىز كېرەك دېگەن «بايقاش» نەزەرىيەسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ مۇستەملىكە قىلغانلىقىغا بولغان نەپرەت يۈزىسىدىن Nation State (مىللىي دۆلەت) تۈزۈمىگە قارشى تۇرىدۇ. خاسلىققا ئىگە مەدەنىيىتى، تارىخى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، ئۆزلىرىنى قەبىلە شەكلىدە باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش،  مەدەنىيىتىدە ئاپتونومىيەنى ساقلاش ئارقىلىق ھەر قەبىلە ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەتلىشىش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ، Indigenous People قىممەت قارىشى، كۆز قارىشى، ياشاش ئادىتى بويىچە ئىدارە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مەۋجۇت دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا قانۇنلار نېمە ئۈچۈن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئايرىم دۆلەت قۇرۇش، مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش مەسىلىسىنى تىلغا ئالمايدۇ؟ بۇ پەقەت يەرلىك مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈلمىسى بويىچە دۆلەت بولۇشنى خالىمايدىغانلىقى ئۈچۈنلىمۇ؟ ئەمەلىيەتتە يەرلىك مىللەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىپ دۆلەت قۇرغان دۆلەتلەر قانۇنلىرى بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئاتالمىش بايقاش نەزەرىيەسى بويىچە ئۇلارنى دۆلەت بولۇپ باقمىغان يەرلىرىگە ھۆكۈمرانلىق ئىگىدارچىلىقى يوق مىللەت، ئۇلارنى بىز ئۆز دۆلىتىمىزگە قېتىۋالمىدۇق، بەلكى ئۇلار ياشىغان بۇ يەرلەردە بىز دۆلەت قۇردۇق، شۇڭا بۇ دۆلەت بىزنىڭ دېيىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدە دۆلەت بولۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ. مەسىلەن، كانادادىكى يەرلىك مىللەتلەر دۆلەت قۇرۇشقا توغرا كەلسە، ھازىرقى زامان دۆلەت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ قەبىلە تۈزۈمىدىكى بىر دۆلىتىنى قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇ ھالدا كانادا دۆلىتىگە مەنسۇپ بولغان كانادا دۆلىتىنى قۇرغان مىللەتلەر قەيەرگە بېرىشى كېرەك؟ ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلىتىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن، ھازىرقى دۇنيا دۆلەت تۈزۈلمىسىنى قوللايدۇ، چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي دۆلەت قۇرغان ئەمەس، تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى خىتاي دۆلىتىگە قېتىۋالغان.

ئۇنداقتا بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بايقاش نەزەرىيەسى دېگەن نېمە ؟ بۇ ئاتالمىش نەزەرىيە يەرلىك مىللەتلەر ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەن؟

خىرىستىيانلارنىڭ بايقاش نەزەرىيەسى، خىرىستىيانلارنى terra nullius ( بوش يەرلەر) پىرىنسىپى بويىچە ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت قۇرۇلۇپ باشقۇرۇلمىغان يەرلەرنى ئىگىلەپ ئىدارە قىلىشقا چاقىرغان ۋە قۇشلار ئاسماندا ياشايدۇ، بېلىقلار سۇدا ياشايدۇ، ئەمما ئىنسان ئۇ يەرلەرنى گۈللەندۈرۈشى كونترول قىلىشى كېرەك. يەرلىك مىللەتلەرمۇ بېلىقلار ۋە قۇشلارغا ئوخشاش ياشاپ كەلگەن ئۇ يەرلەرنى سىستېمىغا سېلىپ دۆلەت قۇرمىغان شۇڭا بىز ئۇ يەرلەردە دۆلەت قۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ قارىغان[7] خىرىستىيان بايقاش نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسى تەۋراتنىڭ مىسىرغا قايتىش بابىدىكى مەزمۇنلاردا ئېنىق ئېيتىلغان بولۇپ، ئىسرائىل ئەۋلادى ئاللاھنىڭ ئۇلارغا يېتەرلىك نېمەت ۋە زېمىن بېرىمەن دېگەن ۋەدىسىگە ئىشەنمەي گۇمان قىلىپ، كۈچكە ئېرىشىپ باشقىلارنىڭ يەرلىرىنى بايلىقلىرىنى ئىگىلىۋالماقچى بولغان. [8] تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا خىرىستىيانلار ئۆزىدىن باشقا دىندىكىلەرنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن،  بايقاش نەزەرىيەسى بويىچە يېڭىدىن بايقالغان دۆلەت قۇرۇلۇپ باقمىغان بوش يەرلەر سۈپىتىدە تاشلىۋېتىلگەن يەرلەرنى ئىگىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان، ياراتقۇچى ئىلاھنى تونۇمايدىغان خەلقلەرنى ئىلاھنى تونۇشقا چاقىرىشنى دىننىي ۋەزىپە قىلغان.

1452 – يىلى پوپ نىكولاس ۋ، پورتۇگالىيەنىڭ خىرىستىيانلارنىڭ دۈشمىنى بولغانلارنى، بۇتپەرەس، ئوت پەرەس، جىنپەرەس ۋە خىرىستىيان دىنىغا ئىشەنمىگەنلەرنى بويسۇندۇرۇش ۋە ئۇلارنى قۇل قىلىش ھوقۇقىنى مۇشۇ نەزەرىيەگە ئاساسەن بەرگەن ۋە تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەشمىگەن زېمىنلار ئاللاھ بىزگە ۋەدە قىلغان زېمىنلار دەپ قارىغان. [9] 1493 – يىلى پوپ Alexander  VI ئامېرىكىدا يېڭىدىن بايقالغان يەرلەرگە خىرىستىيانلارنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشى بۇ قىتئە ۋە ئۇ يەردىكى خەلقلەرگە خىرىستىيانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى يولغا قويغان ۋە بۇ بايقاش نەزەرىيەسىنى ئاللاھ بىزگە مۇشۇ يەرلەرنى ۋەدە قىلغان دەپ قانۇنلاشتۇرغان، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئىسلاھاتچى چېركاۋلار بۇ نەزەرىيەگە قارشى. [10]ئەمەلىيەتتە ئاللاھ ئۇلارغا باشقىلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىشنى ۋەدە قىلمىغان بولۇپ بۇ پۈتۈنلەي تەۋراتنىڭ مىسىرغا قايتىش دېگەن 2- بابىدا تەسۋىرلەنگىنىدەك ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى تولۇق بېرىشىگە ئىشەنمىگەنلىكى ۋە ئاچكۆزلۈك قىلغانلىقى سىياسەتچىلەر ۋە خىرىستىيان موللىلىرىنىڭ خىرىستىيان دىنىنى بۇرمىلىشى بىلەن كېلىپ چىققان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئامېرىكا،  كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەت قۇرۇپ باقمىغان مىللەتلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. دەل مانا مۇشۇ سەۋەبلەردىن مەيلى ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە بولسۇن ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇنلىرىدا بولسۇن، يەرلىك مىللەتلەر ئىلگىرى دۆلەت قۇرغان مىللەت دەپ قارالمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇشى، مۇستەقىللىقى ياكى دۆلىتىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ھوقۇقى ئەسلا تىلغا ئېلىنمىغان.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، ئەگەر مەلۇم تېررىتورىيە خەلقلىرى، ياكى يەرلىك مىللەتلەر خەلقئارا قانۇندىكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش بويىچە نۇرغۇن ھوقۇقلارغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، لېكىن مۇستەملىكىچىدىن قۇتۇلمىغان ۋە خەلقئارا سىستېمىدا بىر دۆلەت بولۇپ ئېتىراپ قىلىنمىغان بولسا، ئۇلار باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش «دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق» قانۇنى ئارقىلىق مۇستەملىكىچى دۆلەتكە «مېنىڭ ئۆز تەقدىرىمنى ئۆزۈمنىڭ بەلگىلىشىگە ئارىلىشالمايسەن» تەلىپى بىلەن بېسىم قىلالمايدۇ. [11] ئەمما، مۇستەملىكىچى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى  «ئىچكى ئىشقا ئارىلاشماسلىق» قانۇنى بىلەن قوغدىلىنىدىغانلىقتىن، بۇ دۆلەت بۇ قانۇننى ئىشلىتىپ، ئۆزى مۇستەملىكە قىلىۋالغان دۆلەتنى ئۆزىنىڭ تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمى، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ئىچكى مەسىلە كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى توسۇپ قويالايدۇ. مەسىلەن ئامېرىكىدىكى يۇتاھ ئىشتاتىدىكى Goshuteslar ( يەرلىك مىللەت) گەرچە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىك پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش قانۇنىي ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ۋە يەرلىرىدىن ئۆزلىرى پايدىلىنىش ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئالغان بولسىمۇ، بۇ ھوقۇققا، ئامېرىكا دۆلىتىنى «بۇ بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز» دەپ ئارىلاشتۇرمايدىغان ھوقۇقى يوق. [12] چۈنكى ئۇلار خەلقئارا سىستېمىدا بىر دۆلەت ئەمەس، ئۇلار يەنىلا ئامېرىكا دۆلىتىگە تەۋە.

 

خۇلاسە

 

2007  – يىلى ئامېرىكا، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك مىللەتلەر ھەق – ھوقۇقى خىتابنامىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن يەرلىك مىللەتلەر بۇ قانۇن ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدە ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئېرىشتى ۋە داۋاملىق دەۋا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىككى جۇمھۇرىيەتتىن ئىبارەت دۆلەت قۇرۇش تارىخىغا ئىگە، دۆلىتى باشقىلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن دۆلىتىنى قايتا قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان بىر مىللەت بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىنى قايتۇرۇپ ئېلىش كۈچىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشىمۇ قىيىن بولغان بىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇلدى. ئەمما مەۋجۇتلۇقىنى مەدىنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەر ھەق – ھوقۇقى خىتابنامىسىغا ئاساسەن، مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش، مەدىنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئىلتىماس قىلىشىغا توغرا كەلسە، بەزى سىياسىي خاتالىقلارغا يول قويغان، مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئۆلمەس نىشان ئۈچۈن كەلگۈسى توسالغۇلارنى پەيدا قىلغان بولامدۇ قانداق؟ گەرچە مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەممە ئىشىككە ئۈسۈش، ھەممىلا پايدىلىق قانۇنلاردىن (يەرلىك مىللەت ھوقۇقلىرى قانۇنلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ھەق – ھوقۇق قانۇنلىرىنىڭ پەقەت بىر قىسمى) پايدىلىنىشقا توغرا كەلسىمۇ، بەزىدە بۇنىڭ خەتىرى ياكى پايدىسىز تەرەپلىرى كۆرۈلۈپ، بىزنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟ مەسىلەن، بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا، كانادا باشلىق غەرب ئەللىرى يەرلىك مىللەتلەرگە بېرىشكە مەجبۇر بولغان نۇرغۇن ھەق – ھوقۇقلارنى خىتاينىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا بېرىشىنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزمۇ مۇمكىن، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى يەرلىك مىللەت، دەپ تەرىپلىسە ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلسا، غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى، غەرب ئەللىرى  ئوز تېررىتورىيەسىدىكى يەرلىك مىللەتلەرگە بېرىشتە قىينىلىۋاتقان ياكى رەت قىلىۋاتقان بەزى ھەق – ھوقۇقلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۇلارغا بېسىم قىلىشى مۇمكىن.نەتىجىدە يەرلىك مىللەت ھوقۇقى بولغان بۇ ھوقۇقلار ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بىر بىرىگە ئىتتىرىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچقانداق بىر يەرلىك مىللەتكە بېرىلمەسلىكى مۇمكىن. نۇرغۇنلىرىمىز، مۇستەقىللىق دەۋايىمىزغا يول ئېچىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى خەلقئ‍ارا قانۇندىكى دۆلەتلەر بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق قانۇنى بويىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە ئىچكى ئىشى كۆرسىتىپ، ھەرقانداق دۆلەتنى ئارىلاشتۇرمايدۇ، باشقىلار ئارىلىشالايدىغان دائىرىدە ئەڭ بولمىغاندا ئالغىلى بولىدىغان ھوقۇقلارنى ئېلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك،  دەپ قارايمىز.  قارىماققا، سىياسىي پائالىيەتلىرىمىزدە باشقىلار ئارىلىشالايدىغان دائىرىدە ئىمكانلاردىن پايدىلىنىشتىن باشقا چارىمىزمۇ يوقتەك. ئەمما، شۇنىمۇ ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، ئىچكى ئىشقا ئارىلاشماسلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېنىق ھالدا ئۈچىنچى بىر دۆلەت ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشىنىڭ چەكلىنىشىگە قارىتىلغان بولۇپ،  بۇ ھەر قانداق بىر ۋاسىتە ئارقىلىق ئارىلىشالمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس، بۇ يەردە يوشۇرۇن، ئاستىرتتىن قوللاش ئارقىلىق ئارىلىشىش، دىپلوماتىك ئارىلىشىش،  ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ ياكى ئىقتىسادىي جازا قويۇپ ئارىلىشىش، ئىنسانىي ياردەم ئۈچۈن ئارىلىشىش،  قاتارلىق ھوقۇقلار مەۋجۇت.

يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خەلقئارادىكى بىزگە پايدىلىق بولغان نۇرغۇن ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزدىنىش يوللىرى گەرچە تىنچلىق يولىدىكى كۇرەشلىرىمىز ئۈچۈن بىر ئەقەللىي يولدەك كۆرۈنسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆز خىتابنامىسىدىكى بۇ ھوقۇقلارنى خىتاينى مەجبۇرلاپ ئېلىپ بېرەلەيدىغان بىر قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسى بولمىغانلىقتىن، بۇ ھوقۇقلارغا ئېرىشىش يوللىرىنىڭ ئۆزىمۇ ئەسلىدە مۇمكىنچىلىككە ئىنتايىن تۆۋەن بولغان بىر يول. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مەسىلىسى ھەرگىزمۇ ھېچبىر زامان ئەمەلگە ئاشمايدىغان مۇتلەق مۇمكىنسىز نىشان ئەمەس. دۇنيادىكى دۆلەتچىلىك سىستېمىسىغا قارشى تۇرىدىغان بىر كاتېگورىيەدىكىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى يەرلىك مىللەت، دەپ سۈپەتلىسەك، بۇ بىزنىڭ دۆلەتچىلىك ۋە مۇستەقىللىق ئىدېئولوگىيەمىزگە، ئەركىن، باراۋەر، ئادالەتنى تۈپ پىرىنسىپ قىلغان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش نىشانىمىزغا زىت. ئەلۋەتتە، نىشانغا يېتىدىغان يول ۋە ۋاسىتە باشقا، نىشان باشقا. شۇنداقتىمۇ، يەرلىك مىللەت  ھوقۇقلىرى، چوڭراق ئاپتونومىيە قاتارلىقلارنىڭ بۇ نىشان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا، مۇستەقىللىق نىشانىمىزغا باشقا ھەرقانداق نەرسىنى نىشان سۈپىتىدە ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىققا  ۋە ئىشىكلەرنى تاللاپ ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق، ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشنىڭ ئۆزى بىر نىشان ۋە بۇ نىشان مۇستەقىللىق نىشانىمىز بىلەن ھەرگىزمۇ چىقىشالمايدۇ.

 

[1] Martínez Cobo (1986/7), paras. 379-382  cited by United Nations Department of Economic and Social Affiars, Secretariat of the Permennet Forum on Indigenous issues report: state of the worlds Indegenous People
[2] Ibid.
[3] Rukiye Turdush, Uyghurlar Xitay Dolet Puqrasimu? 2018.  http://www.qarlighach.com/uyghurlar-xitay-dolet-puqrasimu-ئۇيغۇرلار-خىتاي-دۆلىتىنىڭ-پۇقر/
[4] United Nations Decleration on the Rights of Indigenous People. Article  3.
[5] Dr.Duan Champagne, The Indigenous people’s movement , Theory, Policy and Practice. Delivered speech at University of Saskatchewan, March 13, 2008
[6] Ibid.,
[7] Indian Metis Christian Fellowship, Creating a new family: A Circle of Conversation on the Doctrine of Christian Discovery, 2002:7   https://www.crcna.org/sites/default/files/doctrine_of_discovery.pdf
[8] Ibid., p.16
[9] Ibid.,p.6
[10] Ibid ., p. 7
[11] Iris Marion Young, “ Two Concept of Self Determination” in Stephen May, Traiq Modood, Judith Squires, Ethnicity, Nationalism and Minority Rights, New York, Cambridge University Press, 2004:190
[12] Ibid.,p.190-192

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*