يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىش ئارزۇسى ۋە شەرقىي تۈركىستان

2019-يىلى 28-نويابىر

كۆلتېكىن | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

بۇ يازمىدا غەرب ۋە ئامېرىكىنىڭ 18-ئەسىردىن بۇيان ئورناتقان خەلقئارالىق سىياسىي ئەندىزىسىنىڭ قىسقىچە تارىخىي جەريانى، ئۇنىڭ كەچمىشتىكى ۋە بۈگۈنكى رەقىبلىرى بىلەن بولغان كۈرىشى ماكرولۇق نۇقتىدىن تەھلىل قىلىنىدۇ ۋە غەربنىڭ بۈگۈنكى رەقىبلىرى ئوتتۇرسىدىكى كىمنىڭ يېڭىشى ئېنىقسىز بولغان رىقابەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىنىڭ قايسى نۇقتىغا كەلگەنلىكى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.

بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنىدىغان غەرب، جۇغراپىيەلىك مەنىدىكى غەرب بولماستىن بەلكى لىبېرالىزملىق قىممەت قارىشىغا ساھىب بولغان غەربىي ۋە شىمالى ياۋروپا، شىمالى ئامېرىكا، ئوكيانىيە قىتئەسى ۋە ياپونىيە قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ لىبېرالىزمنىڭ رەقىبلىرى بولسا ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە فاشىزم، كوممۇنىزم، خىتاي ۋە مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدۇ. لىبېرالىزمنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى رەقىبى بولغان فېئودالىزم بۇ يەردە مۇلاھىزە قىلىنمايدۇ.

بىز بۈگۈن گېپىنى قىلىۋاتقان غەرب 1500- يىللاردىن بۇرۇن ھېچكىم دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان، زوراۋانلىق، مۇستەبىتلىك، ئاچلىق ۋە جاھالەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ياۋرو-ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئەڭ چەت تەرىپىگە سىقىشىپ قالغان كىچىك بىر رايون ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى شۇنداقلا ئۇلار ئەڭ ھەۋەس قىلىدىغان دۆلەت جەنۇبتىكى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسى ئىدى. تارىخچى مارشال ھادسىن ئەينى ۋاقتتىكى ئوسمان ئىمپېرىيەسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر 16-17 ئەسىردە تاشقى پىلانىتادىن بىرلىرى يەرشارىغا زىيارەتكە كەلگەن بولسا، دۇنيانىڭ پۈتۈنلەي مۇسۇلمانلىشىشنىڭ بوسۇغىسىدا ئىكەنلىكىنى سۆزلىگەن بولاتتى.» (Marshall G. Hudgson: Rethinking of World History)

لېكىن غەرب 15- ئەسىردىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن پۈتۈن يەرشارىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان خوجايىنىغا ئايلاندى (18-ئەسىر). 15-ئەسىردە ئىتالىيەدە باشلانغان ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتىدىن گۈللىنىش ھەرىكىتى ياۋروپادا چېركاۋنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى مونوپوللۇق ئورنىنى بۇزۇپ تاشلىدى. 16-ئەسىردە فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەدە باشلانغان ئاقارتىش ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىپ ئىلاھىي ئىلىم (Theology) بىلەن دۇنياۋىي ئىلىم (بىلىم يەنى Science)نى بىر – بىرىدىن ئايرىم تەتقىق قىلىش ۋە مۇئامىلە قىلىش مېتودىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلار بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك ۋاقىتتا باشلانغان بىلىم ئىنقىلابىي (Scientific Revolution) غەربنىڭ سانائەت ۋە ھەربىي ئىشلاردىكى تەرەققىياتىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە غەرب مۇستەملىكە قىلىش يولىغا قاراپ ماڭدى ۋە ئامېرىكا ۋە ئافرىقا قىتئەسىدە نۇرغۇنلىغان رايونلارنى ئىگەللىدى. بۇ رايونلاردىكى ئالتۇن ۋە خام ئەشيالار غەرب كاپتالىزمىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مىسلىسىز گۈللىنىش ئېلىپ كەلدى.

ئىدىيەنىڭ ئويغىنىشى ۋە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن غەرب دۇنياسىدا سىياسىي ۋە تۈزۈلمە ئۆزگىرىشلىرى مەيدانغا كەلدى. 1789- يىلدىكى فىرانسىيە ئىنقىلابىي فېئودال دىكتاتورىلىقنى ئۆرۈپ تاشلاپ دېموكراتىك ئۇلۇس دۆلەتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە يول ئاچتى. جون لوك، رۇسسو، مونتېسكىيۇ قاتارلىقلارنىڭ خەلقچىل ياكى سىياسىي مونوپولىزمىغا قارشى ئىدىيەلىرى ۋە ئادام سىمىتنىڭ ئەركىن كاپىتالىزم تەشەببۇسىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن غەربتە تامامەن لىبېرال تەرتىپ مەيدانغا كەلدى. لىبېرالىزم سىياسىي جەھەتتىن دېموكراتىيەنى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەركىن بازار ئىگىلىكىنى، ئىدىيە جەھەتتىن بولسا ئەركىن پىكىر قىلىشنى ۋە ئىندىۋىدۇئاللىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. غەرب دۇنياسىدا ئورنىتىلغان لىبېرال تەرتىپ بۇرۇنقى «كىشەن» لەرنى پاچاقلاپ تاشلاپ غەربنى دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلاندۇردى. ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسىگە ھەۋەس قىلغان غەرب ئەمدىلىكتە ئۇنى «غەربنىڭ كېسەل ئادىمى» دەيدىغان بولۇۋالغان ئىدى.

كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن شەھەرلىشىش غەربنىڭ ئەنئەنىۋىي ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئورتاق تىل، ئورتاق كىملىك (ئىشچى، كاپىتالىست ياكى شەھەرلىك)، ئورتاق يېزىق قاتارلىقلار يېڭى تەۋەلىك ھېسسىنى پەيدا قىلدى. بۇ مىللەتچىلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى تىكلىدى (Benedict Anderson Hayali Cemaatler). نەچچە يۈز يىللىق ئىدىيە ئىنقىلابى غەربنى فېئودالىزم ۋە خىرستىيانلىقتىن يىراقلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردا مەنىۋى قەھەتچىلىك يۈز بەرمەكتە ئىدى. بۇنى ھېس قىلغان سىياسەتچىلەر ۋە پەلسەپەشۇناسلار مىللەتچىلىكنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىدىغانلىقىغا ئىشەندى. نەتىجىدە تارىخ مىللەتچىلىك ئىدېئولوگىيەسى ئەتراپىدا قايتىدىن يېزىلىشقا باشلىدى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي مىللەتچىلىك فاشىزمغا ئۆزگىرىپ كەتتى. گېرمانىيەدىن گىتلېر، ئىتالىيەدىن مۇسسۇلىنى ۋە ياپونىيەدىن خىروخىتو قاتارلىقلار غەرب لىبېرالىزمىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى. ياپونىيە فاشىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ئاساسىنى تىكلىگۈچى سېيگو ناكانو (1886-1943)بولۇپ ئو ساموراي روھىي، يېڭى كوڭزىچىلىق ( Neo- Confucianism ) ۋە مىللىيەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈش ئارقلىق ياپون فاشىزىمىنىڭ ئاساسىنى تىكلىدى. دارۋىننىڭ «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى»نى جەمئىيەتكە تەتبىقلانغان نۇسخىسى بولغان «سوتسىيال دارۋىنىزم» فاشىزمنىڭ قىرغىنچلىقىغا نەزەرىيەۋى ئاساس سېلىپ بەرگەن ئىدى. يەنى تەبىئەتكە ماسلىشالىغان ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشىيالايدىغانلىقى، ماسلىشالمىغانلارنىڭ شاللىندىغانلىقى ۋە بۇنىڭ تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئادىل قانۇنىيىتى ئىكەنلىكى بۇ قېتىم رىقابەتكە ماسلىشالىغان ئىرقنىڭ تارىخ تەرىپىدىن تاللىندىغانلىقى ۋە پەس، پارازىت ئىرقلارنىڭ شاللىنىشىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئادىل قانۇنىيىتى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىدى. گىتلېر باشلىق فاشىستلار ئارىيان ئىرقىنىڭ بۇ پەس مىللەتلەرنى يوقىتىش كېرەكلىكى، دۇنيانىڭ ئارىيانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغاندىلا ئاندىن مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئارىيانلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى (Yuvval Noah Harary: 21 Lessons for 21th Centuriey) ۋە ئۆز خەلقىنىڭ مېڭىسىنى بۇ نەزەرىيە بىلەن يۇدى. ياپونىيە ۋە گېرمان فاشىزمى لىبېرالىزمغا جەڭ ئېلان قىلدى. 1939- يىلدىن 1941- يىلغىچە فاشىزم ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلىپ ماڭدى. گېرمانىيە ياۋروپادا ئەنگلىيەدىن باشقا پۈتۈن دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلدى. بۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا فاشىزم لىبېرال ياۋروپا سىستېمىسىنى مەغلۇپ قىلىدىغان بولدى، دېگەن قاراش پەيدا بولغان ئىدى. 1941-يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشقا كىرىشى ۋە 1943- يىلى رۇسىيە ستالنگرادتا گېرمانىيەنى مەغلۇپ قىلىشى بىلەن ئۇرۇشتا بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى. فاشىزمنىڭ غالجىرلىقى، ئۆز ئىدېئولوگىيەسى ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماسلىقتەك ئىنسانىيلىققا يات بولغا خاھىشى دەل ئۇنىڭ ئاجىزلىقى ئىدى. ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى غەرب سوۋېت ئىتتىپاقىنى يېنىغا ئېلىپ بارلىق فاشىزمنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيە ۋە ياپونىيەگە جەڭ قىلدى. 1945- يىلى ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ ئىككى ئارىلىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىدى ۋە شۇنىڭ بىلەن فاشىزم مەغلۇپ بولدى. لىبېرالىزم دۇنياغا ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن ئىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئۇنىڭ دائىرىسى ياۋروپا قىتئەسىدىن ھالقىپ ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرگىچە كېڭەيدى. ئو دۇنياغا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئېلىپ كېلىش ۋەدىسى ئارقىلىق ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

لېكىن ئىشلار ئويلىغاندەك كۆڭۈللۈك بۆلمىدى. ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى لىبېرال تەرتىپ ئەمدى تېخى غەلىبىدىن ھوشىنى يىغىپ تۇرۇشىغا يەنە بىر چوڭ تەھدىتكە دۇچ كەلدى. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزم لاگېرى ئىدى. كوممۇنىزمنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى ماركس تىكلىگەن بولۇپ، ئۇ « كاپىتال» ناملىق ئەسرىدە قوشۇمچە قىممەت دەيدىغان بىر ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويدى. ماركسنىڭ قارىشىچە، كاپىتالىستلار ئىشچىلارغا مائاش بەرگەندەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆپ ئىشلىتىپ ئاز ھەق بېرەتتى. ئۇلارنى خور كۆرەتتى ۋە زاۋۇتلارنىڭ شارائىتى تولىمۇ ناچار ئىدى. ئۇ يەنە كاپىتالىزمنى ئىنسانلارنىڭ بۇرۇنقى بەختلىك ياشاش ئۇسۇلىنى بۇزۇپ تاشلىدى، خەلقنى فېئودال بەگنىڭ قولىدىن ئېلىپ كاپىتالىستلار ۋە ئۇلارنىڭ ماشىنىسىنىڭ قۇلى قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى. پەقەت پايدىنىلا قوغلىشىدىغان كاپىتالىزم باي كەمبەغەللىك پەرقىنى چوڭايتىپ ئىشچىلار ۋە كاپىتالىستلار سىنىپىنى بىر بىرىگە قارمۇ – قارشى دۈشمەن قىلىپ قوياتتى. ھامان بىر كۈنى بۇ زىددىيەت پارتلاپ چىقاتتى. قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا، ماركس كاپىتالىزىمنىڭ ئىنسانىيەتكە بەخت ئېلىپ كېلىشنىڭ ئورنىغا توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش ئېلىپ كېلەتتى.

1917- يىلى رۇسىيەدە لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار غەلىبە قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قۇردى. ماركسنىڭ ”كوممۇنىزم ئەڭ ياخشى“ دېگەن نەزەرىيەسىگە لېنىن «پىرولېتارىياتنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى» دېگەن بىر ئۇقۇمنى قاتتى. ئۇنىڭچە بولغاندا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كوممۇنىزمغا يېتىشتە، كوممۇنىزمنىڭ ماھىيىتىنى ۋە جەمئىيەتتە قانداق يۈرگۈزۈشىنى ياخشى چۈشىنىپ يەتكەن پىرولېتارىيات ئاۋانگارتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك ئىدى. چۈنكى ئاۋام خەلق كوممۇنىزمنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى خاتا يۈرگۈزۈشى ياكى غەرب كاپىتالىزمنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچراپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى (Addrew Heywwod: Political Science ).

2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا مۇتلەق ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن ستالىن ئۇرۇشتىكى تۆھپىسى، ئورنى ۋە ھەيۋىسى بىلەن غەربنىڭ لىبېرالىزم لاگېرىغا قېتىلىشنى رەت قىلدى. تارىختىن بېرى ياۋروپا بىلەن ئېتىشىپ كەلگەن رۇسلارنىڭ يەنىلا ئۇلارغا بويسۇنغۇسى كەلمىگەن ئىدى. سىتالىن «پىرولېتارىيات دىكتاتورىلىقى»نى كوممۇنىزمنىڭ زۇلۇمى دەرىجىسىگە كۆتۈردى. ئو ناتوغا قارشى «ۋارشاۋا بىرلىكى» قۇرۇپ كوممۇنىزم لاگېرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇندى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كوممۇنىزمغا قارشى قورشاپ يوقىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئىقتىساد، ھەربىي ۋە پەن تېخنىكا جەھەتتە سوۋېتنى يېتىم قالدۇرۇش سىياسىتىنى قوللاندى. لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ غەربتىن قورقۇپ قالمىدى، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا ئۇلاردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇردى. 1957-يىلى غەربتىن بۇرۇن ئالەم بوشلۇقىغا سۈنئىي ھەمراھ ئەۋەتتى، 1962- يىلى كۇباغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇردى. خىتاي، چاۋشيەن، ۋىيېتنام، كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا ئارقىدىن كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت قۇردى. بۇنىڭدىن باشقا دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كوممۇنىستىك پارتىيەلەر قۇرۇلدى. لىبېرالىزم يەنە بىر چوڭ تەھدىتكە دۇچ كەلگەن ئىدى. نۇرغۇن غەربلىك ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدى. بۇ ھەقتە ئەنگلىيەلىك تارىخچى تويىنبى « غەرب ئىدېئولوگىيەسىنىڭ بىنورمال تۆرەلمىسى بولغان سوۋېت كوممۇنىزمى غەرب مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت” دېگەن ئىدى.(Arnold Toynbee: A Study of Hustory)

لېكىن سوۋېتنىڭ پەقەت قورالىغىلا تايانغان مۇشتۇمزورلۇقى جىق كارغا كېلىپ كەتمىدى. ئۇنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى ئىدىيە زوراۋانلىقى، مۇستەبىتلىكى، فاشىستلىقى، تاشقى جەھەتتىكى قۇرۇق تىرە تاراقشىتىپ يۈرۈشى ئۆزىنىڭ گۆرىنى كولىدى. غەربتىن زىيادە خۇدۈكسىرەپ كەتكەن سوۋېت ئۆزىنى ئامال بار كۈچلۈك كۆرسىتىشكە تىرىشتى ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئېغىر سانائەت ۋە قورال -ياراغنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلەتتى. نەتىجىدە ئىچكى جەھەتتە ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بەردى. غەرب لاگېرى بولسا ئۇرۇشتىن كېيىن توختىماي تەرەققىي قىلىپ ماڭماقتا ئىدى. ئىنسانلار ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن كۆپ خىللىققا، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن مۇكەممەللىككە قاراپ كېتىپ باراتتى. بۇنىڭ پەرقىنى ھەممىدىن بۇرۇن مەجبۇرىي كوممۇنىزم لاگېرىغا كىرىپ قالغان شەرقىي ياۋروپالىقلار ھېس قىلىپ يەتتى. چۈنكى ئۇلار ھەر ئىككى تەرەپنى كۆرۈش ئىمكانىيتىگە ئىگە ئىدى ۋە 1989-يىلى ئىنقىلاب پارتلىدى، نەتىجىدە 1991- يىلدا سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندى. لىبېرالىزم فاشىزمنى قورال بىلەن يەڭگەن بولسا كوممۇنىزمنى ئەۋزەل ئىدىيەسى، كۆز قارىشى ۋە جەمئىيەتكە ماس بولغان سىستېمىسى ئارقىلىق يەڭگەن ئىدى. 50 يىلغا يېقىن سوزۇلغان ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك رىقابەتتىن كېيىن كوممۇنىزمنى پارچىلىغان غەرب لىبېرالىزمى شادلىقتىن مەست بولۇشتى. كوممۇنىزمنىڭ ھالاك بولۇشى ۋە لىبېرالىزمنىڭ غەلىبە قىلىشى ھەققىدە ياپونىيەلىك پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق سىياسەتچى فۇكۇياما « تارىخنىڭ ئاخىرى كەلدى، لىبېرالىزم ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تاللىشى” دېگەن ئىدى (Fukuyama : Tarihin Son ve Son Adam). ئۇنىڭ قارىشى بولسا بۇنىڭدىن كېيىن لىبېرالىزمغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان بىر ئىدېئولوگىيە ئوتتۇرىغا چىقمايتتى، چۈنكى لىبېرالىزمدىن بەكرەك دۇنياغا ئۇيغۇن سىستېما يوق ئىدى.

لېكىن فۇكۇياما خاتالاشقان ئىدى. ئو تارىخنىڭ ئاخىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتقاندا ئىككى مەۋجۇت ئىدېئولوگىيەنى سەل چاغلاپ قالغان ئىدى، بۇلار ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە خىتاي مەدەنىيىتى ئىدى. 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوسمانلىنى پارچىلاپ نۇرغۇن كىچىك دۆلەتلەرنى بەرپا قىلغان غەرب ئۇلارنى ھېسابقا قوشمىغان ئىدى. خىتاينى بولسا خاتا ھالدا لىبېرالىزم لاگېرىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ، دەپ خام خىيال قىلىشقان ئىدى.

خىتاي رۇسىيەنىڭ ياردىمىدە دۆلەتنى قۇرۇۋالغاندىن كېيىن رۇسىيەگە ئاستىرتىن شىلتىڭ ئېتىشقا باشلىغان ئىدى. ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن ماۋزېدۇڭ ئۆزىنى دۇنيا كوممۇنىزمنىڭ داھىيسى دەپ قارايتتى، لېكىن سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى ماۋزېدۇڭنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تۆۋەن كۆرگەندەك تۆۋەن كۆرەتتى. خىتاينى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمىگەن سوۋېت پات-پات خىتايغا قوراللىق تەھدىت سېلىپ قوياتتى. بۇنىڭغا قارىتا ماۋزېدۇڭ ئامېرىكىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشنى تاللىدى. چىن يى، يىجەنيىڭ قاتارلىق خىتاي قوماندانلار تەيۋەن مەسىلىسىدىن ۋاقتىنچە ۋاز كېچىپ ئامېرىكىغا ياخشىچاق بولۇپ رۇسىيەنىڭ تەھدىتىنى يوق قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ جۇگىلىياڭنىڭ ساۋ ساۋغا قارشى جۇيۈ بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىدىن ئىلھام ئېلىنغان تاكتىكا ئىدى. (مايكىل پىلىزبېرى: يۈز يىللىق مارافون. «ئۇيغۇرلار» ژۇرنىلى 3-ساندىكى تەرجىمىسى) شۇنىڭ بىلەن ماۋزېدۇڭ شەرقىي ياۋروپادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى نىكسوننى بېيجىڭنىمۇ زىيارەت قىلىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى. سوۋېتكە قارشى ئىتتىپاقداشقا ئېھتىياجلىق بولغان ئامېرىكىمۇ قوشۇلدى ۋە خىتاي ئامېرىكىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. ئامېرىكا خىتاينى ئۆزىگە دۈشمەن قىلغاندىن ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ ئۆزىنىڭ لاگېرىغا قوشۇۋېلىشنى پىلان قىلغان ئىدى. ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلسا ۋە داۋاملىق غەرب بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرسا دېموكراتىيە يولىغا ماڭىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. لېكىن ئۇلار چوتنى خاتا سوققان ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن 1978- يىلدىن كېيىن پىلانلىق ھالدا خىتايغا غايەت زور چەتئەل مەبلىغى كىردى. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئۈزلۈكسىز يۇقىرىغا قاراپ ماڭدى. خىتاي بولسا بېشىنى ئىچىگە تىقىپ كۆرۈنۈشتە غەربكە بويسۇنغان بولۇپ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشقا باشلىدى. يەنە ئامېرىكىنىڭ ۋەزخانلىق قىلىشى بىلەن 2001-يىلى خىتاي WTO غا ئەزا بولدى. بۇ خىتايغا قىلىنغان 2-چوڭ ياردەم بولدى. خىتاي بارا-بارا دۆلەتنىڭ كونتروللۇقى، ئادىل رىقابەت، قانۇنلارغا بويسۇنۇش، ئەركىن بازار رىقابىتىگە قارىتا ئېچىۋېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگەرتىش ۋە ياخشىلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەردى. لېكىن بۇنى ھازىرغىچە قىلمىدى.

ئامېرىكا باشچىلىق غەرب لىبېرالىزم دۇنياسى خىتاينى چۈشىنەلمەي كەلدى. خىتاينى چۈشىنىشنىڭ قىيىن بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى خىتاي يازغۇچى لىن يۈتاڭ تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ؛

1 – خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ قىيىنلىقى، بۇ قىيىنلىق ھەم يېزىشتا ھەم سۆزلەشتە مەۋجۇت.

2 – خىتاينى تەتقىق قىلغان چەت ئەللىكلەرنىڭمۇ ھە دېسىلا كۇڭزىغا ئېسىلىۋېلىشى.

3 – خىتاينى تەتقىق قىلىدىغان خىتايلارنىڭ ئادىل بولماسلىقى ۋە ھېسسىياتنى ئارىلاشتۇرۇۋېلىشى.

بۇ ئۈچ سەۋەبكە مايكىل پىلىزبېرى يەنە بىر كۆز قارىشىنى قوشساق تۆت بولىدۇ، يەنى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى تىقىۋېلىش، خىتاي خەلقىگىمۇ ئاشكارىلىماسلىقى (مايكىل پىلىزبېرى: 100 يىللىق مارافون، «ئۇيغۇرلار» ژۇرنىلى 2-ساندىكى تەرجىمىسى). ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ماتېرىياللارنى خىتايلار پەقەت ناھايىتى چەكلىك ئىنسانلارنىڭ كۆرۈشىگىلا يول قويىدىكەن.

مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى غەربنىڭ، جۈملىدىن دۇنيانىڭ خىتاينى چۈشىنىشى ھەر دائىم ناھايىتى ئاز ۋە قىسمەن بولۇپ كەلگەن. خىتاي غەربتىن كەلگەن مەبلەغ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى تەمىنلىگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئېرىشكەن غايەت زور بايلىقىنى دېموكراتىيەلىشىش يولىغا سەرپ قىلماستىن ئۆزىنىڭ كوممۇنىست دىكتاتورىسىنى كۈچەيتىشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللاندى. سىياسىي جەھەتتە 外儒内法 تاكتىكسىنى قوللاندى. 儒 بولسا كۇڭزى ئىدىيەسىنى، 法 بولسا شاڭياڭ ۋە خەن فېي لەر سىستېمىلاشتۇرۇپ چىققان ۋەھشىي «قانۇنچىلىق» ئىدىيەسى ئىدى. خىتاي سىرتقا قارىتا كۇڭزى ئىدىيەسىنى ھە دەپ ئىمپورت قىلىپ باشقىلاردا خىتاينى تىنچلىقپەرۋەر، مۇستەملىكە قىلىش نىيىتى يوق، رەھىمدىل ۋە ئىتائەتچان تەسىر پەيدا قىلسا ئىچكى جەھەتتىن 法家 نىڭ روھىي بويىچە كوممۇنىزمدىن باشقا ھەرقانداق ئىدىيەدە بولغانلارنى قىلچە رەھىم قىلماي بىر تەرەپ قىلدى.

خىتاينىڭ بۇخىل «بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىش» ۋە «ئۆي ئىچىنى جىمىقتۇرۇش» سىياسىتى 2000-يىللارنىڭ بېشىغىچە داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا خىتاي ئىقتىسادىي ئۈزلۈكسىز 2 خانلىق سۈرەت بىلەن ئاشتى.

غەربنىڭ كوممۇنىزمنىڭ ئۈستىدىن قىلغان غەلىبە تەنتەنىسى ئۇزۇنغا بارمىدى. لىبېرالىزمنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك نەزەرىيەسىمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي بەزى سىناقلارغا دۇچ كەلدى. 2001 -يىلدىكى بەش بۇرجەكلىك بىنا ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتى بىناسىغا قىلىنغان ھۇجۇم غەربنىڭ دۆلەت سىستېمىسىنىڭمۇ ئۇنچە مۇكەممەل ئەمەس ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا كوممۇنىزمدىن كېيىن ”ئىسلام“ ئەسلىيەتچىلىكى ۋە تېررورىزمىنىڭ غەرب ئۈچۈن يېڭى تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

لېكىن ۋەقەنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى 2008- يىلدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىستا ئىپادىلەندى. پۈتۈن دۇنيا بۇ كىرزىستىن ئېغىر ھالسىرىدى. لېكىن ھەيران قالارلىق بىر شەكلىدە خىتاي بۇ كىرىزىستا ھېچنېمە بولمىدى. ئو زىيان بولغان كارخانىلارغا خەزىنىدىن نۇرغۇن پۇل بېرىپ ناھايىتى تىزلا كىرىزىسىنى «ھەل قىلىۋەتتى». يەنە تېخى باشقا دۆلەتلەرگە قەرز بېرىپ تۇردى. مانا بۇ قېتىم دۇنيا جىددىي بىر شەكىلدە ئۆزىگە شۇ سوئالنى قويدى، لىبېرالىزم بىزگە ئۈمىد بەخش ئېتەلەمدۇ؟ ئەجەبا خىتايچە دۆلەت كاپىتالىزمى (State Capitalism) تېخىمۇ ياخشىمۇ؟

ئۇنىڭدىن كېيىن 2014-يىلدا باشلانغان سۇرىيە ئۇرۇشىغا قارىتا ئوباما ھۆكۈمىتى ناھايىتى پاسسىپ ئىنكاس قايتۇردى. بىزنىڭ بۇ يەردە ئىشىمىز يوق، دېدى. شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكىنىڭ رولىنى ئالدى. 2016- يىلغا كەلگەندە Brexit ۋەقەسى بولدى ۋە ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا چىقتى. بۇ ۋاقىتتا غەربنىڭ لىدىرلىقىغا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا قارىتا يوغان سوئال ئىشارىتىدىن بىرى قويۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا ترامپنىڭ تەختكە چىقىپلا ئامېرىكىنى دۇنيا سىياسىتىدىن يىراقلاشتۇرماقچى بولۇشى، ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلىرىغىمۇ ئىككىلەنمەي باجنى ئۆستۈرۈشى غەربنىڭ بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنىڭمۇ مۇئەمما ئىكەنلىكىدەك تەسىر پەيدا قىلدى.

بۇ ۋاقىتتا خىتاي ئۆزىنى ئاشكارىلىدى. ئو پۇرسەتنى يېتىپ كەلدى دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن ياكى شى جىنپىڭنىڭ بىلىمسىزلىكى سەۋەبىدىن بالدۇر مەيدانغا چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە. خىتاي 2014-يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق دۇنياغا ئىقتىسادنى مەن ئوڭشايمەن، دېگەن سىگنالنى بەردى. يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت مۇداپىئەسىگە بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە زور مەبلەغ سېلىپ جەنۇبىي دېڭىزدا ئامېرىكا بىلەن پۇت تېپىشتى. خىتاينىڭ تۇيۇقسىز غالجىرلىشىشى غەربنى ھەيران قالدۇردى لېكىن ئۇلار ناھايىتى تېزلا خىتاينىڭ مەقسىتىنى چۈشەندى. خىتاي يېڭى دۇنيا تەرتىپى بەرپا قىلماقچى ئىدى. يەنى بۇرۇن غەرب ئويلىغاندەك ئۇلارنىڭ لىبېرال دۇنيا تەرتىپىگە كىرىشنى ئەمەس ئۆزىنىڭ لىدىرلىقىدا يېڭىسىنى قۇرۇشنى پىلان قىلىۋاتقان ئىدى.

مۇسۇلمان دۇنياسىغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا غەربكە نىسبەتەن ئىزچىل سەلبىي قاراش مەۋجۇت. ئەلۋەتتە بۇ سەۋەبسىز ئەمەس. ئىسلام دۇنياسىدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى غەربنىڭ مۇستەملىكىچىلىكى بولۇپ ئېتنىك ۋە مەزھەپ تەركىبىنى نەزەرگە ئالماي سىزىلغان چېگرالار، كۆپ ئويلاشماي باشقا ئېلىپ كەلگەن ھاكىمىيەتلەر ۋە مۇسۇلمانلارغا زورلانغان غەربچە ياشاش ئۇسۇلى قاتارلىقلار بۇنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا مۇسۇلمانلار ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ يېڭىلىپ پارچىلىنىشى، خەلىپىلىكنىڭ بىكار قىلىنىشى، پەلەستىندە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇش قاتارلىقلارنى غەربلىكلەرنىڭ سەۋەبىدىن، دەپ بىلىدۇ. بۇنىڭغا يەنە تارىختا ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان نەچچە يۈز يىللىق خىرىستىيان- مۇسۇلمان ئۇرۇشىنى قوشساق بۇ ئىككى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا ئېغىر جاراھەتنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز. نەتىجىدە مۇسۇلمانلارنىڭمۇ مەۋجۇت خەلقئارا تەرتىپنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسى بار.

رۇسىيەگە قارايدىغان بولساق، رۇسىيە تارىختىن بېرى ياۋروپا بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ كەلگەن. رۇسلار ناپالېئوننىڭ، گىتلېرنىڭ ھۇجۇمى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈستىدىن قىلغان مۇتلەق غەلىبىسىنىڭ ئاچچىقىنى ئۇنۇتقىنى يوق. خىتايلارمۇ 1840- يىلىدىن 1949- يىلغىچە بولغان تارىخنى «100 يىللىق نومۇس” دەپ ئاتايدۇ.

بۇ ئۈچ مەدەنىيەتنىڭ، يەنى خىتاي، رۇس مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ غەرب بىلەن تېخى تۈگىمىگەن ھېساباتى ۋە غەرب باشچىلىقىدىكى دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئورنىغا يېڭى تەرتىپ قۇرۇش ئارزۇسى بار. ھازىر دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىش بۇنىڭدىن ئىبارەت. خىتاي- رۇسىيە – ئىسلام ئىتتىپاقى غەربكە قارشى.

غەربكە قارشى بىرلەشكەن ياكى بىرلىشىش يولىغا قاراپ كېتىۋاتقان ئىتتىپاقنىڭ يادروسى خىتايدىن ئىبارەت. شۇڭا خىتاي بىزنىڭ ۋەتەندە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىغا قارىتا ئىسلام دۇنياسىنى سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئىسلام دۇنياسىنىڭمۇ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تەڭلا غەربكە جەڭ ئېلان قىلغاندەك تارىخى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغۇسى يوق.بىز تارىخىمىزدا كۆرۈلۈپ باقمىغان قىرغىنچلىق ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىمىز. يەھۇدىيلار باشقىلارنىڭ زېمىنىدا خورلانغان بولسا بىز ئۆز ۋەتىنىمىزدە ھەم جىسمانىي ھەم روھىي خورلۇققا ئۇچراۋاتىمىز. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بىزدەك زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر مىللەت بولۇپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچلىك بەلگىلەر تاغدەك دۆۋلىنىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتئەلدە ياشاۋاتقان مىڭلارچە ئۇيغۇر ۋە قازاقنىڭ ھەر بىرىنىڭ ھېكايىسى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى پولاتتەك پاكىت. لېكىن بىزگە غەربتىن باشقا ئىگە چىقىدىغان خەلق چىقمىدى. مۇسۇلمانلاردىن خىتايغا قارشى گەپ قىلغانلار ئىككى ئۈچ بىلەنلا چەكلىنىۋاتىدۇ.سەۋەبى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنىپ ئۆتكەندەك ، بىز لىبېرالىزملىق دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتىمىز. مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يەنە مۇنداق بىر رومانتىك ئىسلامچىلار بولۇپ ئۇلار خىتاينى مۇسۇلمان قىلىپ، غەربنىڭ ھاكممۇتلەقلىقىنى يىقىپ تاشلاپ دۇنيادا ئىسلامنىڭ ئادالىتىنى ئورنىتىش. بۇلار خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ يېقىن تەرەپلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. خىتايغا بېرىپ كەلگەنلىرى بولسا خىتاينى تەرەققىي قىلىپتۇ ، دەپ ھەيرانلىق ۋە قايىللىقىنى يوشۇرالماي قالىدۇ. لېكىن بىزنىڭ ۋەتەننىڭ گېپى چىققاندا جىم تۇرۇۋالىدۇ. بۇ بىلىشىمىز كېرەك بولغان ئاچچىق بىر رېئاللىق. ئەلۋەتتە بۇ يەردە كەڭ مۇسۇلمان خەلقىنى ھاكىمىيەت بىلەن بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ. لېكىن خەلقئارا سەھنىدە سۆز ساھىبى بولىدىغانلار خەلق ئەمەس دۆلەتتۇر.

خانتىڭتون «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» دېگەن كىتابىدا ھەرقايسى مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىق دەرىجىسىنى تەھلىل قىلىدۇ ۋە شۇنداق دەيدۇ: ئىسلام ۋە كوڭزى مەدەنىيىتى غەرب مەدەنىيىتى بىلەن قارشىلىشىش دەرىجىسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىككى مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ توقۇنۇش جەرياندا بۇ ئىككى مەدەنىيەت بىرلىشىپ غەرب مەدەنىيىتىگە قارشى تۇرىدۇ (خانتىڭتون : مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى).

خانتىڭتوننىڭ بۇ تېئورىيەسى كۆپ تەنقىد قىلىندى. ھەتتا ئۇنىڭغا قارشى گېرمانىيەلىك سىياسەتچى مۇللىر «مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرلكىتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى» دېگەن تېمىدا كىتاب يازدى. لېكىن بۈگۈن مۇشۇ دەۋرگە كەلگۈچە ئۇنىڭ خىتاي- مۇسۇلمان ئىتتىپاقى تېئورىيەسى توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە. بىز بۇلارنى بىلىشىمىز، پەرق ئېتىشىمىز لازىم ۋە ھەرىكىتىمىزنى مۇشۇ ۋەزىيەتكە قارىتا ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم.

دۇنيا T شەكىللىك يولغا كېلىپ قالدى. بىر تەرەپتە خىتاي ۋە بىر تەرەپتە غەرب. غەرب مەدەنىيىتى تارىخىدىكى ئەڭ قىيىن ۋە ھەل قىلغۇچ نۇقتىغا كېلىپ قالدى. فېئودالىزمنىڭ جاھىللىقىنى، فاشىزمنىڭ ئىرقچىلىقىنى، كوممۇنىزمنىڭ زوراۋان ۋە دىكتاتورىلىقىنى يەڭگەن لىبېرالىزم فاشىزم ۋە كوممۇنىزمنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان خىتايچە دۆلەت كاپىتالىزمى (State Capitalism) ئۈستىدىن غالىب كېلەلەمدۇ يوق؟ بىز بۇ توقۇنۇشنىڭ قەيىرىدە؟ دۇنيانىڭ ھازىرقى خەرىتىسىدىن مەلۇم بولغان شۇكى بىزنىڭ تەقدىرىمىز غەرب لىبېرالىزمنىڭ غەلىبە قىلىشىدا.

ئۇنداقتا،لىبېرالىزمنىڭ ئىنسانىيەتكە يەنە ئېيتىپ بەرگۈدەك ھېكايىسى بارمۇ؟ بۇنى كۆرىمىز.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خانتىڭتون: مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى،

ئۇيغۇرلار ژۇرنىلى 1-3- سان، مايكىل پىلىزبېرى: 100 يىللىق مارافون.

لىن يۈتاڭ: جۇڭگولۇقلار

Arnold Toynbee: A Study of History

Andrew Heywood: Politics

Science

Benedict Anderson: Hayalet Cemmatler

Yuvval Noah Harary: 21 Lessons for 21th Century

Fukuyama: Tarihin Sonu ve Son Adam

Marshall G.Hudgson: Rethinking of World History

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*