يەنە ئانا تىل ھەققىدە (1)

ئانا تىل روھ تىلىدۇر
چېخ ماقاللىرىدىن

ھەممىمىزنىڭ، ھېچبولمىغاندا كۆپىنچىمىزنىڭ ئانا تىلنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىمىزدىن گۇمان قىلمىساممۇ، ئەمما بۇ مۇھىملىقنى تونۇپ يېتىش دەرىجىمىزدە زور پەرق مەۋجۇت دېگەن قاراشتىمەن. مېنىڭچە، ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ئىلمىي بولمىغان ئويلىنىش بىزگە ئۇنىڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىملىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرالمايدۇ. شەيئىلەرنىڭ مۇھىملىقىنى ئابستراكت ھېس قىلىش بىلەن ئۇنىڭ زادى قايسى ساھەلەردە، قانداق مۇھىملىقىنى چۈشىنىشنىڭ ئارىسىدا ماھىيەتلىك پەرق مەۋجۇت. غۇۋا تۇيغۇلار ئەقلىي بىلىشكە ئايلىنالمىغاندا ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلمەيدۇ. بىز ھازىر مۇلاھىزە ئېلىپ بارماقچى بولغان ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقىمۇ بىز دەل غۇۋا ھېس قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بەلكىم ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى تارىخىمىزدا ئانا تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھازىرقىدەك تەھدىتكە دۇچ كېلىپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. مانا مۇشۇنداق تارىخنىڭ ھايات-ماماتلىق دەقىقىلىرىدىمۇ ئانا تىلنىڭ بىز ئۈچۈن زادى نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھېلىھەم يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇپ يېتەلمەيۋاتىمىز. سەزگۈر كىشىلەرگە نىسبەتەن ئانا تىلىمىزنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەمدى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكى ئوچۇق بىر ھەقىقەتتۇر. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرچىغا ئاغزى كەلمەيۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى، ھەقسىز تارقىتىلسىمۇ ئوقۇلماي تۇرۇپ كەتكەن ئانا تىلدىكى كىتاب -ژۇرناللار، دىنىي مائارىپىمىزدا ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھېلىھەم مۇنتىزىم بىر دەرسلىك ھالىتىگە كەلمەسلىكى، كەلسىمۇ يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمەسلىكى، توردىكى يازمىلىرىدىكى ئانا تىل پاساھىتىنىڭ كۈنسېرى چۈشۈشى، چەتئەلدە تارقىتىلىدىغان رەسمىي بىر ئەدەبىي ژۇرنىلىمىزنىڭ تېخىچە بولماسلىقى…. قاتارلىق مۇزدەك پاكىتلار بىزنىڭ ئانا تىل داۋايىمىزدىكى سەمىمىيلىكىمىزگە شەك چۈشۈرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ پاكىتلار بىزنىڭ ئانا تىل چۈشەنچىمىزدە ئېغىر خاتالار، نۇقسانلار بارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئانا تىلىمىزغا بولغان تۇتۇملىرىمىز (پوزىتسىيەلىرىمىز) دەل ئانا تىل چۈشەنچىلىرىمىزدىن تۇغۇلىدۇ. شۇڭلاشقا، مەن بۇ پاسسىپ تۇتۇملارنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە، مەزكۇر ماقالىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئانا تىلنىڭ قانداق مۇھىملىقى ھەققىدە ئىلمىي دەلىللەر ئاساسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ ئۆتىمەن.

تىل ۋە تەپەككۇر

تىل ۋە تەپەككۇرنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىسى تىلشۇناسلىقتىلا ئەمەس، پىسخولوگىيەدىمۇ تولىمۇ نازۇك، تالاش-تارتىشلىرى بېسىقماي كەلگەن چىگىش تېمىلارنىڭ بىرى. مەزكۇر مەسىلە ماقالىمىزنىڭ باش تېمىسى بولمىغانلىقتىن، بۇ يەردە ئىمكانقەدەر ئىخچام بىر بايان بېرىشكە تىرىشىمەن.
زېھنىي پائالىيەت ھېسابلىنىدىغان تەپەككۇرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئېلىپ بېرىلىش جەريانى ۋە ئىپادىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىككى تەركىبى سانىلىدۇ. تەپەككۇر جەريانى دېگىنىمىز، مېڭىمىزنىڭ تاشقى ئۇچۇرلارنى پىششىقلاپ ئىشلەشتەك ئىچكى پائالىيىتىنى كۆرسەتسە، ئىپادىلىنىشى دېگىنىمىز، تەپەككۇر نەتىجىسىنىڭ نۇتۇق ياكى يېزىقتا تاشقى دۇنياغا ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. تەپەككۇرنىڭ مەيلى جەريانى ۋە ياكى ئىپادىلىنىشى بولسۇن، تىلدىن قەتئىي ئايرىلالمايدۇ، تىل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. تەپەككۇرنىڭ تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغانلىقى ھەممىمىز ئوڭايلا بىلەلەيدىغان مەسىلە، بۇنى تەپسىلىي دەلىللەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئادەمنىڭ تىل سەۋىيەسىنىڭ ، بولۇپمۇ، ئانا تىل سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى، ئۇنىڭ نۇتۇق-يېزىقىنىڭ بالاغىتى، قايىل قىلارلىق دەرىجىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. قايىل قىلارلىق بىر بايان، جەزمەن پاساھەتلىك سۆز-جۈملىلەردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. بىز تىلدار <تىلغا ماھىر> بىر كىشىگە چوقۇم تەپەككۇرى چوڭقۇر دەپ ھۆكۈم قىلالمىساقمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى باشقىلارغا قارىغاندا پاساھەتلىك ئىپادىلىيەلەيدۇ دېيەلەيمىز. قىسقىسى، تىلنىڭ تەپەككۇرنى ئىپادىلەشتىكى ئاچقۇچلۇق رولى مۇنازىرىگە بىھاجەت بىر ئاشكارا ھەقىقەتتۇر.
ھالبۇكى، تىلنىڭ تەپەككۇر جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىشى بولسا، نۇرغۇن كىشىلەرنى گاڭگىرىتىدىغان بىر قەدەر چىگىش مەسىلىدۇر. تىل تەپەككۇر جەريانى ۋە ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ يوق؟ تىلدىكى پەرق تەپەككۇردىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ دېگەن سوئاللار توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان تىلشۇناسلار، پىسخولوگلار كۆپ مۇنازىرە قىلىشقان، ئىزدەنگەن شۇنداقلا نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
<تىل ئالاقە قورالىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە تەپەككۇرنىڭمۇ قورالىدۇر> ، <بىز مەلۇم دەرىجىدە، ھەتتا خېلى يۇقىرى دەرىجىدە، سۆزلەرگە تايىنىپ پىكىر يۈرگۈزىمىز> (پىسخولوگىيەنى تونۇشتۇرۇش: پېتىر گرېي … 19-بەت.) تىلشۇناسلىقتا <تىل نىسپىيلىكى قىياسى – linguistic relativity hypothesis> دەپ ئاتىلىدىغان (بۇ يەنە ساپىر-ۋورف-sapir whorf hypothesis قىياسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مەشھۇر بىر تەلىمات بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا <كىشىلەر سۆزلىشىدىغان تىلنىڭ قۇرۇلمىسى ئۇلارنىڭ شەيئى-ھادىسىلەر ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئۇسۇللىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ> (پىسخولوگىيە ۋە تۇرمۇش 259-بەت…). بۇ قىياس بېنجامىن ۋورفنىڭ نۇرغۇن تىللارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە شۇ تىلنى ئىشلىتىدىغان مىللەتلەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئىنچىكە كۆزىتىشى ۋە سېلىشتۇرۇشى ئارقىلىق ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان. كېيىنچە مۇشۇ قىياستىن ئىلھام ئالغان نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئامازون ۋادىسى، ئاۋسترالىيە، فىلىپپىن، ئالياسكا، جۇڭگو، ئافرىقا قاتارلىق جايلاردا ياشايدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ۋاقىت-بوشلۇقنى ئىدراك قىلىش، ھەتتا رەڭ-رەقەملەرنى تونۇشىدىمۇ پەرقلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان. (بۇ يەردە بۇ تەجرىبە-كۆزىتىشلەرنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلمايمىز). يۇقىرىقى كىتابتا مۇنداق بىر مىسال ئېلىنغان: <بىر كىچىك بالىنىڭ دادىسىنىڭ توپ ئاتقانلىقىنى كۆرگەن مەنزىرىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ، ئەگەر بۇ بالا ئىنگلىز بولسا، <دادام توپ ئاتتى-daddy threw the ball> دەيدۇ. ئەگەر ئۇ بالا تۈرك بولسا، <توپنى دادام ئاتتى-topu babam atti> دەيدۇ. بۇ پەقەت ئوخشىمىغان سۆز تەرتىپى بىلەن مەنە ئىپادىلەشلىمۇ؟ ناتايىن. تۈركچە جۈملىنىڭ ئاخىرىدىكى ti قوشۇمچىسى بۇ ئىشقا سۆزلىگۈچىنىڭ شاھىت بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. سۆزلىگۈچى شاھىت بولمىغان ئەھۋالدا mis قوشۇمچىسى ئۇلىنىپ كېلىدۇ. (دادام توپنى ئېتىپتۇ). بىر ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىگۈچىگە نىسبەتەن، دۇنيادىكى ئىش-ۋەقەلەرنى ئۆزى بىۋاسىتە شاھىت بولغان ۋە خەۋەر تاپقان دەپ ئىككىگە ئايرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەمما تۈركچە سۆزلىگۈچىگە نىسبەتەن ئۇنداق ئەمەس. (يۇقىرىقى كىتاب . 259-بەت. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى ئىنگلىزچە نەشرى)
خۇددى باشقا نۇرغۇنلىغان ئىلمىي قىياسلاردەك، مەزكۇر قىياسقىمۇ قارشى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان تەتقىقاتچىلارمۇ ئاز ئەمەس، بىراق <بۈگۈن مۇتلەق كۆپ ساندىكى پىسخولوگلار تىل نىسپىيلىكى قىياسىنىڭ ئاشقۇن ۋارىيانتى (يەنى، تىل تەپەككۇر ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدۇلا ئەمەس، بەلكى تەپەككۇر ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ) توغرىلىق مۇنازىرە قىلىشسىمۇ، ھېچكىم تىلنىڭ بىزنىڭ بەزى پىكىر قىلىش يوللىرىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن گۇمان قىلمايدۇ>. (پىسخولوگىيەنى تونۇشتۇرۇش . ئىنگلىزچە 4-نەشرى)
دېمەك، يۇقىرىقىلاردىن شۇكى بىلەلەيمىزكى، تىل نوقۇل باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشىدىغان، ئۆزىمىزنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى تاشقى ئالەمگە ئۇقتۇرىدىغان كۆۋرۈكلا ئەمەس، بىزنىڭ دۇنيادىكى شەيئى-ھادىسىلەرنى چۈشىنىش، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمىزغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان تەپەككۇر قورالى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا بىز يەنە يۇقىرىقى بايانلاردىن ئوخشىمىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس تەپەككۇر ئۇسۇللىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئۇلاردا پەرقلىق دۇنيا قاراش، قىممەت قاراشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئېھتىماللىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەم بىلىۋالالايمىز.

تىل، كىملىك ۋە خاراكتېر

مەن نېمىشقا مەن بولۇپ قالدىم؟ بىز نېمىشقا بىز؟ بىز نېمىشقا ئۇلار ئەمەس، ئۇلار نېمىشقا بىز ئەمەس؟ دېگەن سوئاللار دائىم ئىنسانلارنى غىدىقلاپ، ئويغا سېلىپ تۇرىدۇ، بولۇپمۇ، ئادەملەر ئوخشىمىغان مەدەنىيەت مۇھىتىغا كىرگەندە ياكى باشقا مەدەنىيەت ئەزالىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىپ، ئۆز-ئارا پەرقلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشقاندا بولسا بۇ سوئاللار پەيدا قىلىدىغان گاڭگىراش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ماھىيەتتە، يۇقىرىقى سوئاللار ھەققىدە ئويلىنىش ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە كىم ئەمەسلىكى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلىۋېلىش شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق مۇھىمكى، ئۇ مانا مۇشۇنى تونۇش بىلەن ئۆزىنىڭ رېئال دۇنيادىكى ئورنى، سالاھىيىتىنى بېكىتىۋالىدۇ، ئۆزى تەۋە توپنى بىلىۋالىدۇ. ھەرقانداق بىر ئىنساندا تەۋەلىك ئىستىكى بولىدۇ، بۇنداق بىر ئىستەكتىن مەھرۇم ئىنساننى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. مانا بۇ ئىستەك ئادەمنىڭ كىملىكى ئۆزىگە ئېنىق ئايان بولغاندا ئاندىن قانائەت ھاسىل قىلىدۇ. ئېنىق تونۇلغان كىملىك ئادەم ئۈچۈن يېڭىچە ھايات، يېڭىچە قىممەت قاراش، يېڭىچە بۇرچ، يېڭىچە ئۆلچەملەردىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق كىملىكنىڭ ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ھەرىكەت تەلىپى بولىدۇ. ئادەمدىكى كىملىك بىلەن ھەرىكەت ئارىسىدىكى بىردەكسىزلىك ئادەمنى قىينايدىغان ئەڭ تۈپ سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئىنسان ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان كىملىك، ئۇلار تەۋە بولۇۋاتقان مەدەنىيەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. تىل بولسا مەدەنىيەتنى تەشكىل تاپقۇزىدىغان ئەڭ تۈپكى ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، مەدەنىيەت تىلغا تايىنىپ مەۋجۇت بولىدۇ ۋە تىلغا تايىنىپ ئىپادىلىنىدۇ، تىلغا تايىنىپ داۋاملىشىدۇ. تىلدا ئەكس ئېتىدىغان سان-ساناقسىز بەلگە-سىمۋوللار ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان تەپەككۇر ئۇسۇلىنى، مەنىۋىي دۇنياسىنى شۇنداقلا مەدەنىيەت ھاياتىنى نامايان قىلىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ ئىزچىللىقى تىل بىلەن ئاندىن كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، ئەۋلادلار تىل ۋاسىتىسى بىلەن ئەجدادلىرى بىلەن بولغان مەدەنىيەت رىشتىسىنى ساقلايدۇ. گېرمانىيە تىلشۇناسى ھامبولدت مۇنداق دەيدۇ: <بىر مىللەتنىڭ تىلى ئۇلارنىڭ روھىدۇر، بىر مىللەتنىڭ روھى بولسا ئۇلارنىڭ تىلىدۇر>.
قىسقىسى، مەدەنىيەتنىڭ ئادەملەرنىڭ كىملىكىنى بەلگىلەيدىغانلىقى، تىلنىڭ بولسا مەدەنىيەتنىڭ يادرولۇق بىر ئامىلى ئىكەنلىكى ھازىر مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىر ئاددىي ھەقىقەتتۇر. ئەگەر بىز بۇنى چۈشىنىۋالساق، تىلنىڭ ئادەمنىڭ كىملىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىمۇ تەبىئىيلا ئېتىراپ قىلىمىز. بۇ دېگەنلىك بىر ئادەمنىڭ كىملىك تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ئۇنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىش مىقدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپ دېگەنلىكتۇر.
روشەنكى، تىل دېگىنىمىز تاۋۇش، سۆز، جۈملە قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بىر مۇرەككەپ بەلگىلەر سىستېمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ بەلگە-سىمۋوللار تىلنىڭ ئۆزىگە خاس ئامىل بولۇشتىن تاشقىرى، يەنە مەزكۇر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئۆزىدە ئىپادىلەش فۇنكسىيەسىگە ئىگە. ئۆزىمىزنىڭ يازما ۋەسىقىلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەردە ئوخشاش بولمىغانلىقىنى روشەن ھېس قىلالايمىز. بىز ئەنە شۇنداق ئوخشىمىغان دەۋرلەرگە تەۋە ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شۇ دەۋرنىڭ ئومۇمىي سىياسىي، ئىجتىمائىي كىلىماتى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى دېگەنلەر ھەققىدە مول يىپ ئۇچىغا ئىگە بولالايمىز. ئەسەرلەردە قوللىنىلغان ئەنە شۇ سۆزلۈكلەر بىزنىڭ شۇ دەۋرلەرنى تەتقىق قىلىش، چۈشىنىشىمىزدىكى مۇھىم ماتېرىيال بولالايدۇ. سۆزنى ھەرگىزمۇ پەقەت تىلدىكى مەنە ئىپادىلەيدىغان ئەڭ كىچىك بىرلىك دەپلا چۈشەنمەسلىكىمىز لازىم، سۆزلۈكلەرنىڭ ئارقىسىغا بىر دەۋر، تارىخ، مەدەنىيەت ھادىسىلىرى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. سۆزنىڭ مەدەنىيەت مەنىسى ئۇنىڭ تىلشۇناسلىقتىكى مەنىسىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئاساسەن مۇمكىنسىز ئىش ھېسابلىنىدۇ. گەرچە تەرجىمە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش مەلۇم ئېھتىياجدىن چىقالىسىمۇ، مەزكۇر تىل ئۆزىگە يۈكلىگەن مول مەدەنىيەت، تارىخ ئۇچۇرلىرى تەرجىمىدە تولۇق ئەكس ئېتەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا تىلدا بەزى سۆزلۈكلەرنىڭ ئىستېمالدىن قېلىشى نوقۇل بىر سۆزنىڭلا ئەمەس، بەلكى شۇ سۆز ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئەنە شۇ مەنىلەرنىڭمۇ ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەن بۇ يەردە ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى <سانغۇن> كەلىمىسىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقىمەن. ئەمەلىيەتتە ئاۋام ئۇيغۇرلار <سانغۇن> كەلىمىسى بىلەن خىتايچىدىن تەرجىمە قىلىنغان تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئارقىلىق قايتا تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ بەلكىم بىزنىڭ تارىخچى ۋە تىلشۇناسلىرىمىز بىلىدىغان بىر كەلىمە ئىدى. سانغۇن كەلىمىسى خىتايچىدىكى 将军 نىڭ تەرجىمىسىدۇر، ئۇنى يەنە گېنېرال دەپ تەرجىمە قىلىشمۇ مۇمكىن. بىراق 将军 نىڭ سانغۇن دەپ تەرجىمە قىلىنىشى بىلەن گېنېرال دەپ تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ ئارىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق مەۋجۇت. مەلۇمكى، سۆز-كەلىمىلەردە دەۋر تۈسى بولىدۇ، سانغۇن كەلىمىسى بىزگە نىسبەتەن ئۇزاق بىر تارىخىي تۈسنى يۈكلىگەن بىر كەلىمە بولسا، گېنېرال كەلىمىسى پەقەت ھازىر تۈسىنى يۈكلىگەن سۆزدىن ئىبارەتتۇر. شۇنداقلا گېنېرال سۆزىمۇ تىلىمىزغا ئىنگلىزچىدىن كىرگەن سۆزدۇر، ئەمما سانغۇن سۆزى ئۇيغۇرلار قەدىمدىن قوشۇننىڭ قوماندانى مەنىسىدە قوللىنىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە بىر كەلىمىدۇر. دېمەك، بۇ يەردىكى سانغۇن سۆزى ئاددىيلا گېنېرال مەنىسىنىلا بىلدۈرمەستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىنمۇ يىپ ئۇچى بېرەلەيدىغان قىممەتكە ئىگە يىپ ئۇچىغا ئايلىنالايدۇ. يەنى، ئوچۇق ئېيتقاندا، سانغۇن كەلىمىسىنىڭ بارلىقى ماھىيەتتە قوشۇننىڭ بارلىقىنى، قوشۇن بولسا تەشكىللەنگەن بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك بىز مۇشۇ بىر سۆزنى قاراڭغۇ تارىخىمىزنى مەلۇم نۇقتىدىن يورۇتىدىغان قولچىراغ قىلىپ ئىشلىتەلەيمىز. ئەلۋەتتە، بۇ مۇشۇ تۈردىكى ساناقسىز كەلىمىلەر ئىچىدىكى بىر كەلىمىدىن ئىبارەت، خالاس.
مېنىڭ بۇ يەردە تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكىتلىشىمدىكى مەقسەت، ئەمەلىيەتتە، تىلنىڭ مىللەت ئەزالىرىدا كىملىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىشتا ئوينايدىغان ھەل قىلغۇچ رولىغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچە پەيدا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، ئۈستىدە بايان قىلغىنىمىزدەك، كىملىك مەدەنىيەت تەرىپىدىن قۇرۇلىدۇ، مەدەنىيەت بولسا تىلدىن ئايرىلالمايدۇ، تىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، تىل بىلەن داۋاملىشىدۇ، مىراس قالىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئانا تىلنى كىملىكنى قوغدايدىغان ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئامىللارنىڭ بىرى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ كىملىك تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقىغا، ئۇنىڭ ئانا تىلنى قوللىنىش مىقدارىغا قاراپ بىر نەرسە دېيىش مۇمكىن. <ئانا تىل دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى ئىما قىلغىنىدەك، تىل كىملىك بىلەن باغلانغان بولىدۇ>. (ب د ت نىڭ مەدەنىيەت مائارىپ ئورگىنى تەييارلىغان <ئانا تىل تەڭقىسلىقى> ناملىق ماقالە. 1-بەت)
تىلنىڭ كىملىك بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىدىن باشقا، ئۇنىڭ يەنە شەخسنىڭ خاراكتېر، ئىندىۋىدۇئاللىقى بىلەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقى دىققەتنى چېكىدىغان يەنە بىر نۇقتىدۇر. مەدەنىيەتنىڭ ئادەمنىڭ ھېس-تۇيغۇ، ئوي-پىكىر ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان بەزى پىسخولوگىيە تەتقىقاتچىلىرى <كۈلتۈر رامكىسىنىڭ ئالمىشىشى> (cultural frame switch) دەپ ئاتىلىدىغان بىر نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭدا قوشتىللىق كىشىلەر ئوخشىمىغان تىللاردا سۆزلەشكەندە، ئوخشىمىغان كىشىلىك خاراكتېر ئىپادىلەيدۇ، قوشتىل قوش كۈلتۈرلۈككە، بۇ يەنە قوش خاراكتېرلىككە ئېلىپ بارىدۇ دېگەن قىياس ئوتتۇرىغا قويۇلغان. <قوشتىللىقلارنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىدە كۆرۈلگەن تىلنى ئاساس قىلغان ئۆزگىرىشلەرنى چۈشەندۈرۈشنىڭ بىر يولى، ئۇلارنىڭ بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا يۆتكەلگەندە، ئاڭسىز رەۋىشتە <كۈلتۈر رامكىسىنى ئالماشتۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر پاكىتتۇر>. بىر تەكشۈرۈشتە، خىتاي قوشتىللىقلار ئىنگلىز تىلىدا بېرىلگەن سوئالغا جاۋاب يازغاندا، ئىنگلىز تىلى دۇنياسى بىلەن ئالاقىدار قىممەت قاراش، ئۆلچەملىرىنى كۈچلۈكرەك ئىپادىلىگەن، ئەكسىچە ئوخشاش سوئال خىتاي تىلىدا بېرىلگەندە بولسا، ئاجىزراق ئىپادىلىگەن>. <بۇ خىل تەسىر ئىلگىرى يەنە <كۈلتۈرەل ئۆزلەشتۈرۈش> (cultural accommodation) دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، دەل <كۈلتۈر رامكىسىنى ئالماشتۇرۇش> دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. كۈلتۈرەل ئۆزلەشتۈرۈش دېگىنىمىز، قوشتىللىق كىشىلەرنىڭ مەلۇم پەيتلەردە، شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە قوللىنىۋاتقان تىلغا ئالاقىدار كۈلتۈرنى باشتا ئىپادىلىشى ۋە قوبۇل قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، قوللىنىلىۋاتقان تىلنىڭ ئۆزى ئۆزىگە چېتىلىدىغان مەدەنىيەتنىڭ ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قىممەت قاراش، پوزىتسىيە، ۋە كۈلتۈر ئەستىلىكلىرىنى باش ئورۇنغا قويىدۇ. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، ئۇ ئانا تىلدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇنىڭ ئىنكاسى ئانا تىلى باغلانغان مەدەنىيەتنىڭ قىممەت قاراش ۋە پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ>.
يۇقىرىقى نەقىللەر <قوشتىللىقلار ئىككى خاراكتېرگە ئىگىمۇ؟ : كۈلتۈر رامكىسىنى ئالماشتۇرۇش ھەققىدە ئالاھىدە تەتقىقات> ناملىق ماقالىدىن ئېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالە كۈلتۈرەل ئۆزلەشتۈرۈش ھادىسىسىنى تېخىمۇ دەلىللەش ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ، ماقالە ئاپتورلىرى ئامېرىكىدىكى ئىسپانچە ۋە ئىنگلىزچىنى راۋان قوللىنالايدىغان كىشىلەرنى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلغان. بۇ يەردە ئۇلار ئىشلىگەن تەجرىبىنىڭ جەريانىنى بايان قىلىشى ئارتۇقچە، پەقەت ئۇلارنىڭ بۇ تەتقىقاتتىن يەكۈنلىگەن خۇلاسىسىنىلا يەتكۈزۈش يېتەرلىك. <بۇ تەكشۈرۈش كۈلتۈرەل ئۆزلەشتۈرۈش ھادىسىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ھادىسە ئىككى كۈلتۈرنى ئۆزلەشتۈرگەن قوش كۈلتۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان مۇھىتتىكى غىدىقلىغۇچى ئامىللارغا-تىل ۋە باشقا سىمۋوللۇق بەلگىلەر- ئىنكاسەن، ئۆزى ئۆزلەشتۈرگەن كۈلتۈرلەرگە ئاساسلىنىپ، دۇنيانى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشكە مايىللىقى بولىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. ھازىرقى تەتقىقاتلاردىن ئېرىشكەن نەتىجىلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، <كۈلتۈرەل ئۆزلەشتۈرۈش> تىلغا ئوخشاش نازۇك بەلگىلەر بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ. شۇنداقلا، تىل كىشىلەرنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى، قىممەت قارىشىغىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ> (نايران رامېرەز ئېسپارازا، سەمىيۇل گوسلىڭ، جېيمىس پېننىبېيكر. تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى پىسخولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ <خاراكتېر تەتقىقاتى ژۇرنىلى>
دېمەك، يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەسكى، تىلنىڭ ئادەمنىڭ كىملىكىگىلا ئەمەس، بەلكى كىشىلىك خاراكتېرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش، بىزگە ئانا تىلنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىملىقىنى يەنە چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ.

تىل ۋە ئوقۇش نەتىجىسى

بالىلارنىڭ تىلنى بولۇپمۇ ئانا تىلنى بىلىش دەرىجىسى بىلەن ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ ئانا تىل ئوقۇش نەتىجىسىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتەمدۇ ياكى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ دەرس تىلى ئىككىنچى تىل بولغان ئوقۇتۇش شارائىتىدىچۇ؟….مانا بۇلار نۆۋەتتە ئاتا-ئانىلار جاۋابىغا تولىمۇ ئىنتىزار سوئاللاردۇر. تۆۋەندە مەن مەزكۇر تېمىغا ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلىپ ئۆتىمەن، تەتقىقاتلارنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىققۇچىلار ئۆزلىرى ئىزدىنىپ باقسا بولىدۇ.
ئانا تىل بىلەن ئىككىنچى تىلنىڭ مۇناسىۋىتى، قوشتىل مائارىپى، ئانا تىلنىڭ بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار ب د ت نىڭ مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت ئورگىنى يۇنېسكو (UNESCO) نىڭ مۇھىم تەتقىقات تېمىلىرىدىن بولۇپ، مەزكۇر ئورگان 1950-يىللىرىدىن باشلاپلا، بۇ تېمىلار ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى باشلىۋەتكەن. تۆۋەندىكى نەقىللەر ئاساسەن دېگۈدەك، مەزكۇر يۇنېسكو ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالىلەردىن ئېلىنغان:
<بارغانسېرى، تېخىمۇ كۆپلىگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئانا تىلنى پىششىق، راۋان بىلىش بالىلارنىڭ باشقا تىلنى ئۆگىنىشىگە زېھنىي ۋە تىل ئاساسىنى بەرپا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلار باشقا تىللارنى تېخىمۇ ئاسان ئۆگىنەلەيدۇ> (دەسلەپكى مەزگىل ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئانا تىل ئاساسىدىكى قوشتىللىق ياكى كۆپ تىللىق مائارىپ ناملىق ماقالىدىن. 2-بەت. بۇ كانادا ۋىكتورىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور جېسسىكا بولنىڭ يۇنېسكوغا تەييارلىغان ماقالىسى)
بىلىش (Cognitive) پىسخولوگلىرىنىڭ قارىشىچە، ئانا تىل ياكى بالىلارنىڭ تىلى چىققاندىن كېيىن ئۆگىتىلگەن ھەرقانداق تىل چوقۇم باشتا ئىگىلىگەن تىل يەنى ئانا تىل بىلىم ۋە ماھارىتى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. قوشتىل مائارىپى ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى دوكتور جىم كۇممىنس (Jim Cummins) <تايىنىشىش قىياسى> (İnterdependence Hypothesis)نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ بۇ قىياسى بىلەن <ئىككىنچى تىلدىكى پىششىقلىقنىڭ بىرىنچى تىل ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن>. (يۇقىرىقى ماقالە 13-بەت). <بالىلار ئانا تىلدا ئاكادېمىك پىششىقلىق (Academic Proficiency) سەۋىيەسىگە يەتسە، ئۇلار بۇ پىششىقلىقنى ئىككىنچى تىلغا يۆتكەيدۇ. كۇممىنىسنىڭ تەتقىقات يەكۈنى كېيىن رىچېس، گېنىس-riches, genesse قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقاتى تەرىپىدىنمۇ قۇۋۋەتلەندى. ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، پىششىق ئانا تىل ماھارىتى، بولۇپمۇ ئوقۇش، يېزىش ماھارىتى ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تىلدىكى ئۇزاق مەزگىللىك مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن زىچ باغلانغان>. (يۇقىرىقى ماقالە 25-بەت). ئۇنىڭدىن باشقا، نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلاردىن سكۇتناب تانگاس-Skutnab Tangas ۋە توئۇكاما-Toukama ئىككىيلەن <بوسۇغا سەۋىيەسى قىياسى-Threshhold Level Hypothesis> نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلار مۇنداق قارىغان: بالىلار پەقەت بىرىنچى تىلدا بوسۇغا سەۋىيەسىنى ھازىرلىغاندىلا، ئاندىن ئۇلار ئىككىلا تىلدىكى پىششىقلىقىنى يوقاتماستىن، ئىككىنچى تىلنى ئوڭۇشلۇق ئىگىلىيەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار پەقەت ئىككىلا تىلدىكى بوسۇغا سەۋىيەسىدىن ھالقىيالىغاندىلا، بالىلاردىكى بۇ قوشتىل ئۇلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ>.(يۇقىرىقى ماقالە 13-بەت)
<بۇ ئىككىيلەن بۇ قىياسنى فىنلاندىيەدىن شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇپ كېلىپ، فىنلاندىيە تىلىنى پىششىق ئىگىلەشتىن بۇرۇنلا، باشلانغۇچ مائارىپىنى شىۋېت تىلىدا باشلىغان بالىلارنى كۆزەتكەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار كۆزىتىش داۋامىدا، بۇ بالىلارنىڭ دەرس نەتىجىسىنىڭمۇ تۆۋەنرەك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا شىۋېت ۋە فىن تىلىدىمۇ تازا پىششىق ئەمەسلىكىنى بايقىغان. ئۇلارنىڭ يەكۈنىچە، ئەگەر بالىلارنىڭ ئانا تىلى يېتەرلىك تەرەققىي قىلمىسا، ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تىل ئۆگىنىشىگە زۆرۈر بولغان ئاساس كەمتۈك بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىدا، ئانا تىلدا يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن فىنلاندىيەلىك بالىلار شىۋېتسىيەدە مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئىككىنچى تىل ئۆگىنىش داۋامىدا، ئانا تىلىنىمۇ داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرالىغان. ئىككىلا تىلدا يۇقىرى سەۋىيەگە يېتەلىگەن، شۇنداقلا ئوقۇش نەتىجىسىمۇ ياخشى بولغان>. (13-بەت)
ئىككىنچى تىل ئۆگىنىپ باققانلار شۇنى ئېنىق ھېس قىلالايدۇكى، ئانا تىلدىكى پىششىقلىقنىڭ ئىككىنچى تىلدىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە جۈملە شەكىللىرىنى ئاڭقىرىشقا كۆپ ياردىمى بولىدۇ. بىز ئانا تىلىمىزدا مەنىسىنى ئېنىق ئاڭقىرالمىغان سۆزلەرگە ئىككىنچى تىل ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققىنىمىزدا، ئوخشاشلا ياخشى چۈشىنەلمەيمىز. چۈنكى بىز يېڭى سۆز ئۆگەنگەندە، دائىم بۇلارنىڭ مەنىسىنى مېڭىمىزدە ئەسلى مەۋجۇت بولغان ئانا تىلىمىزدىكى شۇ مەنىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزگە ئۇدۇللىۋېتىپ ئاندىن ئۆزلەشتۈرىمىز. شىۋېيتسارىيەلىك مەشھۇر بالىلار پىسخولوگى پياگېتنىڭ نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، بالىلار ناتونۇش، يېڭى نەرسىلەرنى ئۆزىگە تونۇشلۇق نەرسىلەرگە سېلىشتۇرۇپ ئاندىن بىلىدۇ. مەسىلەن:
– ئاپا، ئاپا، ئاۋۇ توپنى ئېلىپ بېرىڭە دېدى ئۈچ ياشلىق غۇنچەم باغچىدىكى ئاكاشنىڭ قولىدىكى شارلارنى كۆرسىتىپ.
– ھاھاھا، قىزىم، ئۇلار توپ ئەمەس شار.
– نېمە؟ يۇمىلاق تۇرمامدۇ ئاپا؟ ئۇ دېگەن توپ توپ ..
مانا مۇشۇ دىيالوگدىنلا باشتىكى يەكۈننى ئوبرازلىق چۈشەنگىلى بولىدۇ. غۇنچەم توپنى تونۇيدۇ، ھەم ئۇ يۇمىلاق نەرسىنى توپ دەپ چۈشەنگەن، شۇنداق بولغاچقا، ئۇ ئۆزىگە ناتونۇش يۇمىلاق شارنى ئۇچراتقاندا، ئۆزى بىلىدىغان توپقا ئوخشىتىپ، ئۇنىڭ يۇمىلاقلىقىغا ئاساسەن شارنى توپ دەپ چۈشەنگەن. خۇددى شۇنىڭدەك، ئادەمدە ئەسلى ئانا تىل ئاساسى بولمىسا، گەرچە ئىككىنچى تىلدىن يادلىغان يېڭى سۆزلەر لەبزى ھالەتتە مېڭىمىزدە ئورناشسىمۇ، ئۇقۇم ھالىتىدە ئورنىشالمايدۇ. چۈنكى، مېڭىمىزدە يېڭى ئۇقۇم ئورنىشىدىغان ئەسلى ئۇقۇمنىڭ ئورنى قۇرۇق، تاكى مەزكۇر سۆز ئىپادىلىگەن مەنە ئايدىڭلىشىپ، چۈشىنىلگەندە، ئاندىن بۇ سۆز مەنە سۈپىتىدە ئۆزلىشىدۇ. مەسىلەن: ناۋادا بىزدە <دۇنيا قاراش> دېگەن كەلىمىنىڭ ئۇقۇمى غۇۋا بولسا، ئىككىنچى تىلدا دەل مۇشۇ مەنىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزگە ئۇچراشقىنىمىزدا، ئۇنىمۇ ئوخشاشلا غۇۋا چۈشىنىمىز. شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئىككىنچى تىل ئۆگىنىش ئانا تىل بىلەن ئۆگىنىۋاتقان تىلنى سېلىشتۇرۇش جەريانىدۇر. ئەگەر سېلىشتۇرۇلۇش ئۇلى بولغان ئانا تىل ئاساسى كەڭرى، پۇختا بولسا، سېلىشتۇرۇش جەريانى زور دەرىجىدە ئاسانلىشىپ، يېڭى تىل مېڭىمىزدە ئورۇنلىشىش ئورنىنى تېزلا تاپالايدۇ.
ئۈستىدە بىز تىلغا ئالغان دوكتور جىم كۇممىنس ئۆزىنىڭ <قوشتىللىق بالىلارنىڭ ئانا تىلى مائارىپ ئۈچۈن نېمىشقا شۇنچە مۇھىم؟> دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: <مەكتەپكە پۇختا ئانا تىل ئاساسى بىلەن كەلگەن بالىلار مەكتەپتىكى دەرس تىلىدا ئوقۇش-يېزىش قابىلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ. بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياكى باشقا خەۋەر ئالغۇچىلىرى (بوۋا-مومىسى ياكى باشقىلار) بالىلىرى بىلەن كۆپ پاراڭلىشىش، ئۇلارغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىش دېگەندەك پائالىيەتلەر بىلەن، ئۇلارنىڭ ئانا تىلدىكى سۆزلۈك مىقدارىنى كۆپەيتىپ بەرسە، بالىلار دەرس تىلىنى ئىگىلەشكە تولۇق تەييارلىق بىلەن مەكتەپكە كېلەلەيدۇ. دەرستىمۇ ياخشى نەتىجە قازىنالايدۇ. بالىلارنىڭ ئانا تىلدىكى تىل بىلىمى ۋە ماھارىتى دەرس تىلىغا يۆتكىلىدۇ. بالىلارنىڭ ئۇقۇملاشتۇرۇش ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىدىن قارىغاندا، بۇ ئىككى تىل ئۆز-ئارا تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. تىللار ئارا يۆتكىلىش قوش يۆنىلىشلىك بولىدۇ. قىسقىسى، مائارىپ شارائىتى بالىلارنىڭ ئىككىلا تىل بىلەن ئۇچرىشىشىغا يول قويغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىككىلا تىل بىر-بىرىنى ئوبدان ئوزۇقلاندۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ> (4-بەت)
ئۇنداقتا، ئانا تىلنىڭ پەقەت ئىككىنچى تىل ئىگىلەشكىلا ياردىمى بارمۇ؟ ئۇنىڭ بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى دەرس نەتىجىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق؟
ئانا تىلنىڭ مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدىمۇ نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك، ئانا تىلدا پىششىق بولۇشنىڭ بالىلارنىڭ دەرسلەرنىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. 2007-يىلى يۇنېسكو <ئانا تىل مۇھىم: ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشتىكى ئاچقۇچ يەرلىك تىل> نامىدا بىر تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلغان. مەزكۇر دوكلاتتا، مالى، پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسى، پېرۇ ۋە ئامېرىكىنىڭ بەزى جايلىرىدا يولغا قويۇلغان قوشتىل مائارىپىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ بايقىغان سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدىكى خۇلاسىلەر ئېلان قىلىنغان. يۇقىرىقى دۆلەتلەردە يولغا قويۇلغان قوشتىل مائارىپىنىڭ ئەندىزە ۋە ئىجراسىدا بەزى پەرقلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسىدە، ئانا تىل ئاساسىدىكى قوشتىل مائارىپ ئەندىزىسى يولغا قويۇلغان بولغاچقا، نەتىجە نۇقتىسىدىن زور ئورتاقلىققا ئىگە. بۇ تەكشۈرۈشتە، تولىمۇ تەپسىلىي سانلىق مەلۇمات، سېلىشتۇرمىلار توپلانغان بولۇپ، مەن بۇ يەردە پەقەت ماقالە ئاخىرىدىكى خۇلاسە قىسمىنىلا ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇش بىلەن كۇپايىلىنىمەن:
<پاكىتلار ئېنىقكى، ئانا تىل ئاساس قوشتىل مائارىپى، ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىگە كۈچلۈك ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن...> (يۇقىرىقى نامدىكى ماقالە 4-بەت)
<...بۇنىڭدىن باشقا، ئانا تىل ئاساس قوشتىل مائارىپىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى قوللايدىغان پاكىتلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. كامېرۇننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى ھەققىدە بىر ئۇزاق مۇددەتلىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كوم تىلى (يەرلىك تىل)دا دەرس ئۆتۈلىدىغان سىنىپتىكى بالىلارنىڭ، ئىنگلىزچە ئېغىز تىلىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە باشقا ئومۇمىي پەنلەر نەتىجىسى، ئىنگلىز تىلىدا دەرس ئوقۇيدىغان يەرلىك بالىلارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. يەنە مالىدا 1987-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇلغان ئانا تىل ئاساس قوشتىل مائارىپىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل، ماتېماتىكا نەتىجىسى يەكتىللىق مەكتەپلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان> (جېسسىكا بولنىڭ يۇقىرىدىكى ماقالىسى 28-بەت)
خۇلاسە قىلغاندا، <بالىلارنىڭ بىرىنچى تىلى (ئانا تىلى)، ئۇلارنىڭ تىل، بىلىش تەرەققىياتى ۋە ئوقۇش سۈپىتى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق ئامىل ھېسابلىنىدۇ> (يۇنېسكونىڭ يۇقىرىقى دوكلاتى: 21-بەت.

داۋامى بار…

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*