ياخشى ئاتا-ئانا بولۇشنىڭ ئۇسۇللىرى

2018-يىلى 27-ئاپرېل

ئالى كۇشات

ئاتا-بوۋىلىرىمىز بالا تەربىيەلەشنى پولات تاۋلاشقا ئوخشاتقان.ھازىر بالا تەربىيەلەش بۇرۇنقىدەك ئوڭاي ئەمەس. بالىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاتا-ئانىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىدىغان توسالغۇلار بۇرۇنقى توسالغۇلاردىن ئىنتايىن كۆپتۇر.بولۇپمۇ بۈگۈنكى دۇنيادا تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان تەسىر كۈچىنى ئەڭ تۆۋەن ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا،ھەتتا تامامەن يوق قىلماقتا، دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.  بۇ تۈپەيلى نۇرغۇن ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ بۇرۇنقى بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا،تېخىمۇ كىچىك ياشلاردا ئۆز كونتروللىقىدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ زارلانماقتا.
ھازىر بۇرۇنقىدەك «ئېغىرىنى يەر كۆتۈرەر،رىزقىنى خۇدايىم بېرەر» دېگەن ئاڭ بىلەن بالا تۇغۇپ تەربىيەلەشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئىسپاتلانماقتا .چۈنكى بۈگۈنكى جەمئىيەتنى بالىغا زىيان يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن خەتەرلىك ئامىللار كۆپتۇر.بۈگۈن مۇشۇنداق مۇھىتتا تەربىيەلەنگەن بالىلارنىڭ سەل چوڭ بولغىنىدا نۇرغۇن خەتەرلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، جىنايەت ۋە تېرورچىلارنىڭ پايدىلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئىسلام ئېتىقادىغا ئاساسلانغاندا،بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياشىنىپ قالغىنىدا، ئۇلارغا نىسبەتەن بىر قاتار مەجبۇرىيەتلىرى بولغىنىغا ئوخشاش،ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ بالىلىرى ئۈستىدە مەسئۇلىيەتلىرى باردۇر.
20-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بېرى، ئاتا-ئانىلارنىڭ  پەرزەنتلىرىنى، دۇنيانىڭ بىلىم،سەنئەت ۋە كەسىپ ساھەلىرىدىكى ئىلگىرىلەشلەرگە ماسلىشالايدىغان،راھەت ھاياتقا ئېرىشەلەيدىغان نەسل قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشى دەۋرىمىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەسلىلەردىن بىرى بولۇپ قالدى.
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ھاياتىدا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچلىقلارنى ھەل قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە،ئۆزىگە ئىشىنىدىغان،ئەتراپىدىكى مىللىي ۋە مەنىۋىي كۆز قاراشلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەم قىلىپ تەربىيەلىشى ئۈچۈن،تۆۋەندە تىلغا ئېلىنغان نوقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى مەيلى قايسى جەھەتتىن بولسۇن باشقا بالىلارغا سېلىشتۇرماسلىقى لازىم.بولۇپمۇ سەلبىي سېلىشتۇرۇشلار بالىلارنىڭ ئۆزلىرىنى كەمسىتىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ.ئۆزىنى كەمسىتكەن بالا باشقىلارنىمۇ كەمسىتىدۇ ۋە بۇ خىل روھىي ھالەت ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.

.بالىلارنىڭ ئۆزىگە مۇستەھكەم بىر ئىشەنچ ھاسىل قىلىشىغا ياردەم قىلىڭ
بالىلارنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى كۆپىنچە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسى بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ.بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىنتوناتسىيەسى،بەدەن تىلى ۋە ھەرخىل ئىپادىلەش شەكىللىرىنى كۆزىتىش ئارقىلىق كىملىك ۋە كىشىلىك خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.بولۇپمۇ بالىلىقىنىڭ بالدۇرقى مەزگىلىدىلا،ئاتا-ئانىلار بالىلاردا مۇستەھكەم ۋە ساغلام بىر كىشىلىك قىممەت قارىشى يېتىلدۈرىشى كېرەك.بۇمۇ بالىلارنىڭ كىشىلىك قىممەت-قارىشىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.يۇقىرى قىممەت قارىشى بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە،ئۆزىنى بىر ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمەن دەپ ئويلىشىغا،ئۆز-ئۆزىدىن پەخىرلىنىشىگە،مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق.كىشىلىك قىممەت قارىشى تۆۋەن بالىلار ئاتا-ئانىلىرى ۋە باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمايدۇ ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇلارغا بولغان تەسىر كۈچى ئاجىزلايدۇ.
ئۆزىنى كەمسىتىش پۈتۈن سەلبىيلىكلەرنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىختىلاپ قىلىشلىرى،بىر-بىرىنى كەمسىتىشلىرى،ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان تەسىر كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا،ھەتتا تامامەن يوق بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.ئاتا-ئانىلار ئۆز ئەتراپىدىكىلەرنى ھۆرمەتلەش ئارقىلىق بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك.
بالىلىرىڭىزنى ئۆزىنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكى توغرىسىدا دائىم ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇڭ.
بالىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى تەنقىدلەشنىڭ ئورنىغا توغرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ توغرا بولغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ”ئىنتايىن ياخشى“،“ئاپىرىن“،“ناھايىتى ياخشى بالىسەن“دېگەندەك ئىپادىلەر بىلەن تەقدىرلەش كېرەك.
بالا خاتالىق سادىر قىلغاندا،بالىنى ئەمەس، ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىدىكى خاتالىقىنى تەنقىدلىسەك بولىدۇ.“ساڭا ئوخشاش ياخشى بىر بالىغابۇنداق قىلىش ياراشمايدۇ.“ دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن بىر تۈركۈم ياقتۇرۇلمايدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى تەنقىدلىيەلەيمىز.بۇ خىل ئۇسۇل ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىش قىلىش ئىستىكىنى قوزغايدۇ.

.مۇئەييەن قائىدە-تۈزۈملەرنى بەلگىلەڭ ۋە بولۇپمۇ ئۆزىڭىز بۇ قائىدىلەرگە رىئايە قىلىڭ
بەزى پىسخولوگلار قائىدە-تۈزۈمنىڭ بالىنى لۆم-لۆم، پاسسىپ قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ھەر قانچە ئىلگىرى سۈرسىمۇ،دەۋرىمىزدە بالىلارنىڭ ئاشۇرۇۋېتىلمەستىن،مەلۇم قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىدىغان بولۇپ تەربىيەلىنىشى زۆرۈر.ھەر ئائىلىنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە-تۈزۈملىرى بولۇشى كېرەك.ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ بۇ قائىدە-تۈزۈملەرگە ئىزچىل رىئايە قىلىشى،ئاندىن بالىلاردىنمۇ بۇ قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇتۇمسىز ھەرىكەتلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ.بالىلارنى تۈزۈملەرگە رىئايە قىلدۇرۇشتىكى مەقسەت،ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنىڭ چېكى بولىدىغانلىغىنى،ئۆزلىرىنى كونترول قىلىشى كېرەكلىكىنى،باشقىلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئىنسانلىق ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشىگە،مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم قىلىدۇ.ئەكسىچە بولغاندا  بالا كەپسىز، ئەتراپىدىكىلەرنى ھۆرمەت قىلمايدىغان،شەخسىيەتچى بىر ئادەم ھالىغا كېلىشى مۇمكىن.بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋىردە بالىلارنىڭ ئۆزلىرىنى چەكلەشتە قىينىلىۋاتقان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى،كومپيۇتېر ئويۇنلىرى،يېتىلىش دەۋرىدىكى ياشلارنىڭ ئۆيگە كېچىكىپ كېلىشى،ئەتىگىنى سەھەر تۇرماسلىقى قاتارلىق ئىشلاردا قائىدە-تۈزۈم بەلگىلەنسە بولىدۇ،مەلۇم ۋاقىتلاردا تاماقنى ئائىلە بويىچە يېيىش ۋە ھۇجرىسىنى رەتلەش توغرۇلۇقمۇ تۈزۈم بەلگىلەنسە بولىدۇ.

پەرزەنتلىرىڭىزگە ۋاقىت ئاجرىتىڭ.
ياشلار،بولۇپمۇ يېتىلىش دەۋرىدىكىلەر ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ.بەلكى بالىلىق ۋاقتىغا سېلىشتۇرغاندا،ياشلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇشنىڭ يوللىرى بەكلا ئاز بولۇشى مۇمكىن.ئاتا-ئانىلار يېتىلىش دەۋرىدىكى ياشلار بىلەن ھەپتە ئاخىرىدا بىرلىكتە سىرتقا چىقىپ كۆڭۈل ئاچالىشى،ئاخشاملىرى ئۆيدە ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينىيالىشى، كىنو كۆرگىلى چىقالىشى مۇمكىن.بۇنداق مۇھىتلاردا ياشلار بىلەن بىرگە بولۇش ئارقىلىق،ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بىلەلەيدۇ.

ياخشى ئاتا-ئانا ئۆرنىكى بولۇڭ.
بالىلار ئەڭ چوڭ تەقلىدچى بولغانلىقلىرى تۈپەيلى،ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئەينەن دورايدۇ.بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئېغىزدا ئەمەس ئەمىلىيەتتە كۆرسىتىش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىتىش ئۇسۇلىدۇر.ئاخشىمى تېلېۋوزۇر كۆرۈۋاتقان بىر دادىنىڭ بالىغا ئۆگىنىش قىل دېيىشى، ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىلمايدۇ.ئەمما ئەگەر دادا ئۆزى قولىغا بىر كىتاپ ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىغان ۋاقتىدا،“قېنى بالام،سەنمۇ ئۆگىنىش قىل.“ دېسە بالىسىغا تەسىر قىلالىشى مۇمكىن.ياكى تاماكا چېكىدىغان بىر دادىنىڭ بالىلىرىنىڭمۇ تاماكى چېكىشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن.

بالىلىرىڭىزغا كەڭ قۇرساق بولۇڭ ۋە ئۇلار بىلەن سەمىمىي مۇناسىۋەت ئورنىتىڭ.
ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا سەمىمىي ۋە دۇرۇس مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلىرىنى بالىلىرىغا ئوچۇق ئېيتىشى،بالىلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق ھېس قىلىشىغا ۋە قايسى خىل چۈشەنچىگە ئىگە بولىشىغا سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.يەنى ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ نۇرغۇن جەھەتتە سەزگۈرلىكىنى،قىممەت-قارىشى ۋە ھۆكۈملىرىنىڭ بارلىقىنى بالىلىرىغا ھېس قىلدۇرىشى كېرەك.
ئائىلىدە بالىنىڭ ناتوغرا قىلىقى سەۋەپلىك بىر مەسىلە كۆرۈلگىنىدە،ئاتا-ئانا بۇ توغرۇلۇق چىرايلىقچە سۆزلىشىشى كېرەك.شەخسەن بالا بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىنى ئۇنىڭدىن يوشۇرۇشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.بۇنىڭدىن سىرت، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى بالا بىلەن بىرلىكتە تېپىش ۋە تەدبىقلاش ئىنتايىن پايدىلىقتۇر.مەسلەن:بالا بۇ مەكتەپتە ئوقۇسۇنمۇ؟ياكى باشقا بىر مەكتەپتە ئوقۇسۇنمۇ؟بۇ مەسىلىنى بالا بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىشنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.چۈنكى بىرلىكتە قارار بېرىلگەندە ھەممە تەرەپ ئېلىنغان قارارنى تەدبىقلاشقا رازى بولىدۇ،بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ قارارىغا قوشۇلسىمۇ رازى بولماسلىقى مۇمكىن.
ماسلىشىشچان بولۇشقا تىرىشىڭ ۋە قىلمىشىڭىزنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھامان تۈزىتىڭ.
ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا تەسىر كۆرسىتەلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن بالىسىنى چۈشىنىشى،بالىسىنىڭ قىزىقىش،ئىستەك ۋە ئېھتىياجلىرىغا يارىشا ئۇنى قانداق تەربىيىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىشى كېرەك.
ياخشى بىر ئاتا-ئانا بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى،بالىلار تەرەققىياتى ۋە مائارىپى توغرىسىدا مەلۇم بىر بىلىم سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇشتۇر.كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانىلار ئۆز ئائىلىسىدە كۆرگەن ئەنئەنىۋى قائىدە ۋە ئاڭ بىلەن بالىلىرىنى تەربىيىلەشكە غەيرەت قىلىشى مۇمكىن. بۇ خىل تەربىيە كۆپىنچە ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارغا خاتا مۇئامىلە قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.بالا تەربىيەلەش توغرىسىدا نۇرغۇن خاتالىقلارنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىنى يېڭىلاشقا ۋە تەرققىي قىلدۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار بولۇشى كېرەك.
بولۇپمۇ بالىلىرى يېڭىدىن بالاغەتكە يېتىۋاتقان ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا تېخىمۇ تەييار بولۇشى كېرەك.ياشلار ئاتا-ئانىلىرىدىن بەكرەك دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.بۇ ئەھۋال ئاتا-ئانىلارنى ئىنتايىن بىئارام قىلماقتا.بۇنداق ئەھۋاللاردا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئائىلىسىگە بولغان تونۇشىنى ياخشى بىلىشى كېرەك.ئەكسىچە,ياشلارنىڭ ئۆيدىن پۈتۈنلەي يىراقلىشىشىغا ۋە يامان ئادەت يېتىلدۈرۈۋېلىشىغا سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن.ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلىرىنى بالىلىرى بىلەن ئورتاقلاشسا ۋە قائىدە-تۈزۈمنى ئازراق يۇمشاتسا،بالىلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئالاقە ئورنىتىشىغا پايدىسى بولىدۇ.

.پەرزەنتلىرىڭىزنى شەرتسىز سۆيۈڭ
سۆيگۈ ئاللاھنىڭ ئىنساننىڭ قەلبىگە سالغان ئەڭ قىممەتلىك تۇيغۇ ۋە خەزىنىدۇر.قەلبىدە سۆيگۈ بولمىغان ئادەمنى ئادەم دېگىلى بولمايدۇ. ئادەمنىڭ سۆيگۈسىنى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەش ئوبيېكتى بولسا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر.ئاتا-ئانا بالىلىرى مەلۇم ياشقا كەلگۈچە ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە مەسئۇلدۇر. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ توغرا مىجەز-خۇلق يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ ۋە خاتالىق سادىر قىلغىنىدا مۇۋاپىق چارىلەر بىلەن تۈزىتىشنى خالايدۇ.بۇ تۈزىتىشكە بەزىدە بالا قارشىلىق كۆرسىتىشى مۇمكىن.بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا-ئانا ئۆزىمۇ بالىسىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ،ئۇنى ئەيىپلەپ،ئازارلاپ،كەمسىتمەسلىكى، ئۆز سۆيگۈسىنى مەلۇم شەرتلەرگە باغلىقتەك تۇيغۇ بېرىپ قويماسلىقى كېرەك.ئەكسىچە،ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا بالىسىنى سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.چۈنكى ھەقىقىي سۆيگۈ ھېچقانداق شەرتكە باغلىق بولمايدۇ.بالىلار ۋە ياشلار ئاتا-ئانىلىرى تەرىپىدىن سۆيۈلگىنىدە خۇشال بولىدۇ.ئاتا-ئانىلار سۆيگۈسىنى بالىلىرىغا ئېنىق ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.
ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا تەسىر كۆرسىتەلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن بالىسىنى چۈشىنىشى،بالىسىنىڭ قىزىقىش،ئىستەك ۋە ئېھتىياجلىرىغا يارىشا ئۇنى قانداق تەربىيەلىشى كېرەكلىكىنى بىلىشى كېرەك.بالىسىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ياردەم قىلالمايدىغان ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرىغا تەسىر قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس.بولۇپمۇ بالا كۆپىنچە ۋاقتىنى ئانىسى بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئۈچۈن،ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتە بىلىملىك ۋە تەربىيەلەنگەن بولۇشى، يېڭى ئەۋلادلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەربيىەلىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. «ھەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەرنىڭ ئارقىسىدا بىر ئايال باردۇر» دېگەن سۆزنى «ھەر غەلىبە قازانغۇچىنىڭ ئارقىسىدا بىر ئانا باردۇ» دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىقتۇر.چۈنكى تارىخنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا،ھاياتىدا غەلىبە قىلغان كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدا،مۇكەممەل،ئېسىل مىجەز-خاراكتېرگە ئىگە،يىراقنى كۆرەر ۋە بىلىملىك ئانىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرمەكتىمىز.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*