خىتاينىڭ يۈكسىلىشى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش

2019-يىلى 18-ئاپرېل

 

 

دوكتور تولگا دەمىريول

نيۇ ھاۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر كافېدراسى

 

خىتاي يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، دۇنيانىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىگە ئايلىنالامدۇ؟ بۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتە چېكىنىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشتا بولۇپ، دۇنيانىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىلا يېرىدە جاۋابى كۈچلۈك قىزىقىش قوزغاۋاتقان سوئاللارنىڭ بىرى. ھەتتا خەلقئارادىكى تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئانالىزى قىلىدىغان Language Monitor ئورگىنىنىڭ قارىشىچە، «خىتاينىڭ يۈكسىلىشى» ئىراق ئۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىس دېگەندەك ناھايىتى كۆپ مۇھىم ۋەقەلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، يېقىنقى ئون يىلدا ھەققىدە ئەڭ كۆپ خەۋەر ئىشلەنگەن تېما بولغان.[1] تەتقىقات ۋە سىياسەت ساھەسىدىكى كۆپ سانلىقى، خىتاينىڭ ھامان بىر كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تەختىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ يازمامدا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى بىرىكمىلىرىنى ئۈزۈل – كېسىل خەلقئارالىق سىياسىي ئۇتۇقلارغا ئايلاندۇرۇشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان گېئو-سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.

خىتاي ئىقتىسادىي ئوتتۇز يىلدىن بۇيان تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا. دۇنيا بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ئىقتىسادى 1978 – يىلىدىن بۇيان 10 ھەسسە زورايغان. سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، سانائەت ئىنقىلابى ئەسناسىدا پارتلاش خاراكتېرلىك گۈللەنگەن ئەنگلىيە ئىقتىسادىنىڭ 1830 – 1900 – يىللاردا ئارىسىدا ئاران 4 ھەسسە زورايغانىدى. 2010 – يىلى ياپونىيەنى ئارقىدا قالدۇرۇپ دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ئايلانغان خىتاينىڭ، يېقىن كەلگۈسىدە (گولدمان ساچ باش ئىقتىسادشۇناسى جىم ئونېئىلنىڭ قارىشىچە، 2027 – يىلى[2]) ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئارقىدا قالدۇرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

خىتايدا ئىقتىسادىي گۈللىنىش بىلەن بىرگە، پاراۋانلىق دەرىجىسى ۋە كىرىم تەقسىماتىدىمۇ ياخشىلىنىش بار. يەنە، 1978 – يىلى خىتاي نوپۇسىنىڭ %84 ى نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسا، بۇ نىسبەتەن ھازىرقى كۈندە (2011 – يىلى) %15 ئەتراپىدا بولماقتا. ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاساسىي موتورى ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە تايانغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورتتىن ئىبارەت. 1978 – يىلى ئاساسەن ھېچقانداق مەھسۇلاتىنى ئېكسپورت قىلالمىغان خىتاينىڭ 2010 – يىلىدىكى ئېكسپورتى 1 تىرىليون577 مىليارد دوللارغا يەتتى. ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا بولغان تاشقى سودا ئوڭ پەرقى يېقىنقى 10 يىلدا 83 مىليارد دوللاردىن 273 مىليارد دوللارغا يەتكەن.[3]

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسىنىڭ، بولۇپمۇ رېئالىزمچى ئېقىمنىڭ، ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي كۈچلىرى ئارىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بارلىقىدىن ئىبارەتتۇر. پائۇل كېنېدينىڭ «چوڭ كۈچلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە يىمىرىلىشى» ناملىق كىتابىدىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي كۈچلىرى ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق ئورنىتالىغان دۆلەتلەرلا تارىخ سەھنىسىدە ئۇزۇن مەزگىل ئالدىنقى پىلاندا قالالايدۇ.[4] مەزكۇر پىرىنسىپنى چىقىش قىلغان ناھايىتى كۆپ ئانالىزچى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشىنى ئۇزۇن مەزگىلدە پاراللېل ئەسكىرىي  كېڭىيىش ئىستراتېگىيەسى بىلەن كۈچەيتىش ئىمكانىيىتىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. سىياسەتشۇناس مېرشېئىمېر (Mearsheimer) 2004 – يىلى ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ يۈكسىلىشى تىنچلىق ئۇسۇلدا ئىشقا ئاشارمۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتلىرىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى سىياسىي ۋە ئەسكىرىي كونتروللۇقىنى كېڭەيتىشىنى تەقەززا قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ  كېڭىيىشنىڭ يېقىن كېلەچەكتە خىتاي – ئامېرىكا توقۇنۇشىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.[5]

خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئېشىپ بېرىۋاتقان ھەربىي خىراجەتلىرى بۇ سېنارىيەنى جەزملەشتۈرۈش ماھىيىتىگە ئىگە. 1996 – يىلى 10 مىليارد بولغان مۇداپىئە خامچوتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2009 – يىلى 70 مىليارد دوللارغا يەتكەن. پېنتاگوننىڭ 2010 – يىلى ئېلان قىلىنغان مۇداپىئە مۇھاكىمىسى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئەسكىرىي خىراجەتلىرىنىڭ ھەقىقىي قىممىتى 150 مىليارد دوللاردىن يۇقىرى ئىكەن.[6] يەنە مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى نۆۋەتتە رايوندىكى سان جەھەتتە ئەڭ كۆپ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىن سىرت 60 دانە سۇ ئاستى پاراخوتى، 55 دانە ئوتتۇرا ۋە چوڭ ھەجىملىك ئۇرۇش پاراخوتى ۋە 85 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھاپىزەت پاراخوتىدىن تەشكىل تاپقان دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن رايوننىڭ ئەڭ كۈچلۈك دېڭىز ئارمىيەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇكرائىنادىن سېتىۋالغان ۋارياگ ناملىق ئاۋىياماتكىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى يېقىندا پۈتكۈزگەن خىتاينىڭ، پۈتۈنلەي ئۆز مەھسۇلاتى بولغان يېڭى ئەۋلاد ئاۋىياماتكىسى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي ئەينى زاماندا ئۇزۇن مۇساپىلىك ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش تېخنولوگىيەلىرى ۋە ئىلغار تىپتىكى ئالەم بوشلۇقى جېڭى ساھەلىرىگە مەبلەغ سالماقتا. خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى رادارغا چۈشمەيدىغان J-20 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سىناق قىلىشنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گېيتسنىڭ 2010 – يىلىدىكى بېيجىڭ زىيارىتى ئەسناسىدا ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ئەسكىرىي ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدا ئوچۇق – ئاشكارا سىگنال بەرگەنىدى. پېنتاگون ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ، بۇ ئۆزگىرىشلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يوشۇرۇن ۋە سەۋر قىل» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كېلىپ قالغان بولۇشىنىڭ ۋە يېقىن كېلەچەكتە تېخىمۇ ئاكتىپ ئەسكىرىي سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا باشلايدىغانلىقىنىڭ ئىشارىتى، دەپ باھا بەرمەكتە.[7]

مېنىڭ ئىلگىرى سۈرىدىغىنىم شۇكى، خىتاينىڭ دۇنيانىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ئەسكىرىي ۋە سىياسىي چوڭ كۈچى بولۇشىنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئانالىزلار بىر قىسىم مۇھىم ئامىللارنى يېتەرلىك دەرىجىدە نەزەرگە ئالمىغانلىقى ئۈچۈن، يېتەرسىزلىك ۋە غەلەتلىكتىن خالىي ئەمەس. ئىقتىسادىي دىنامىكىلار بىلەن بىرگە گېئو-سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر كۆزنەكتىن قارالغىنىدا، خىتاينى يولىدىن قايدۇرىدىغان ئوتتۇرىغا چىققۇسى توسالغۇلۇقلار بار. نەزەردىن ساقىت قىلىنغان ئامىللارنىڭ بىرىنچىسى، خىتاينىڭ نىسبەتەن يالغۇز ئورۇنغا ئىگە بولۇشى. چېگرالىرى شىمالدا سىبىرىيە ۋە جەنۇبتا ھىمالايا ۋە بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان دەرەخزارلىقلار تەرىپىدىن سىزىلغان دۆلەتنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى شەرق قىرغىقىدا قىستىلىپ قالماقتا.

رۇسىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيە ۋە تەيۋەن بىلەن قورشالغان خىتاينىڭ ئەسكىرىي ۋە سىياسىي تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى قىيىن.[8]

ھالبۇكى، تارىخىي نۇقتىئىنەزەردىن مۇھاكىمە قىلىنغىنىدا، دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا سەھنىدە سەركە ئورۇنغا ئۆتۈشى ئۈچۈن، كېڭىيىشكە ئوچۇق گېئو-سىياسىي ئورۇنغا ئىگە بولۇشى ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. رىم، ئوسمانلى، ھابسبۇرگ ۋە ئىنگلىز ئىمپېرىيەلىرىنىڭ گېئو-سىياسىي ئورۇنلىرىنىڭ ئىمپېرىيە قۇرۇش مۇساپىسىدە ئوينىغان رولى ئوتتۇرىدا تۇرۇپتۇ. 19 – ئەسىر بويىچە ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىگە قاراپ كېڭىيەلىشى ۋە نىسبەتەن خاتىرجەم جەنۇبىي ۋە شىمالىي چېگرالىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ بېشىدا دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت كۈچىگە ئايلىنىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. يېقىن ئۆتمۈشتىكى بۇ مىساللارغا سېلىشتۇرۇلغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇ خىل گېئو-سىياسىي ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىش قىيىن.

خىتاي مىڭ خانىدانلىقى مەزگىلىدە، بولۇپمۇ 16 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئېشىش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ كۆپ سانغا ئىگە مۇقىم ئارمىيەسى ۋە ئەڭ كۈچلۈك دېڭىز ئارمىيەسىنى تەشكىللىگەنىدى. بىراق، ئۇ دەۋردىمۇ گېئو-سىياسىي ئورنىنىڭ نامۇۋاپىقلىقى ۋە ئىجتىمائىي سۈركىلىشلەر خىتاينىڭ تەسىر ساھەسىنى يېقىن ئەتراپىنىڭ سىرتىغا كېڭەيتىش، دۇنياۋى كۈچ بولۇشىغا يول قويمىغانىدى. دەۋرنىڭ شەرت – شارائىتى پەرقلىق بولسىمۇ، ئوخشاش گېئو-سىياسىي دىنامىكلار خىتاينىڭ يوشۇرۇن كۈچىگە چەكلىمە قويۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

خىتايغا نىسبەتەن نۆۋەتتە ئىستراتېگىيەلىك كېڭىيىشنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى مول بۇ رايون دۇنيانىڭ بىرىنچى دەرىجىدىكى ئېنېرگىيە ئىستېمالچىسىغا ئايلانغان خىتاي ئۈچۈن ھايات – ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە. خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى ۋۇ شېڭلىنىڭ 2006 – يىلى ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خىتاينىڭ داۋاملىشىۋاتقان دېڭىز ئارمىيەسىنى كۈچەيتىش خىزمەتلىرىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق نىشانى رايوندىكى «بېلىقچىلىق ساھەلىرىنى قوغداش، تەبىئىي مەنبەلەرنىڭ ئېچىلىشى ۋە ئېنېرگىيە ئۆتۈش يوللىرىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشتىن ئىبارەت.»[9] بىراق، تىنچ ئوكياندىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ نوپۇزىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىنى كاپالەت ئاستىغا ئالماي تۇرۇپ، خىتاينىڭ تەسىر دائىرىسىنى تەبىئىي چېگرالىرىنىڭ سىرتىغا كېڭەيتىشى مۇمكىن ئەمەس. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 284 ئۇرۇش پاراخوتى، 29 سۇ ئاستى پاراخوتى، 4 ئاۋىياماتكىسى ۋە 4000 ئەتراپىدا ھاۋا قاتنىشىغا ئىگە. يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ سىرتىدا تۇرۇۋاتقان دېڭىز ئارمىيەسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تىنچ ۋە ئاتلانتىك ئوكيانلاردىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەربىي نۇقتىلاردىن سىرت، خەلقئارا دېڭىز سودىسىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرىدە مۇتلەق ھۆكۈمران ئورۇنغا ئىگە قىلماقتا.[10]

خىتاينى چوڭ كۈچ بولۇش يولىدا كۈتۈپ يېتىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم توسالغۇ بولسا، تېز سۈرئەتتە زورىيىۋاتقان خىتاي ئوتتۇرا قاتلىمى ۋە بۇ قاتلام پەيدا قىلىدىغان مەسىلىلەر. ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى بولغان ئوتتۇرا قاتلامنىڭ كۈچىيىشىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: ئىستېمال مايىللىقلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر، دۆلەتتىن قىلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەلەپلەرنىڭ كۈچىيىشى ۋە سىياسىي تۈزۈمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ داۋالغۇشى. ئىستېمال مايىللىقلىرىدىكى ئۆزگىرىش بىلەن باشلايلى.

خىتايدا 2011 – يىلىدىكى 190 مىليون ئائىلە (ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %23ى) دىن ئىبارەت بولغان ئوتتۇرا قاتلامنىڭ 2025 – يىلىغا بارغاندا 370 مىليون ئائىلىدىن ھالقىپ كېتىدىغانلىقى ۋە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تەخمىنەن %75 ىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.[11] سېتىۋېلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ ماڭغان شەھەرلىك كەسپىي ئوتتۇرا قاتلامنىڭ ئىستېمال تورىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن، خىتاي دۇنيانىڭ ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئاپتوموبىل بازىرى. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان GM نىڭ 2008 – يىلىدا خىتايدىكى ئومۇمىي سېتىش ھەجىمى 1 مىليون بولغان بولسا، 2011 – يىلىنىڭ پەقەت دەسلەپكى 8 ئېيىدىكى ئومۇمىي سېتىشى 1 مىليون 600 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.[12] بولۇپمۇ ئېسىل مەھسۇلاتلارغا بولغان تەلەپنىڭ كۈچىيىشى دىققەتنى تارتماقتا. GM نىڭ ئالىي مودېللىرىدىن كادىلاكنىڭ سېتىش نىسبىتى 2010 – يىلىدىن بۇيان (2011 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا – ت) %55 ئاشتى. ھاراق ئىستېمالى 2005 – يىلىدىن 2009 – يىلىغىچە %104 ئاشقان خىتاينىڭ كىشى  بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئىستېمال مىقدارىدىن قارىغاندا، كېچىككەندىمۇ 2014 – يىلىغا بارغاندا دۇنيانىڭ ئالتىنچى چوڭ ھاراق بازىرىغا ئايلىنىشى كۈتۈلمەكتە.[13]

خەلقئارادىكى ئېسىل ئىستېمال بازىرىدىكى %27.5 لىك پېيى بىلەن 2009 – يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ھالقىپ ياپونىيەدىن كېيىنكى ئىككىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان خىتاينىڭ، پەقەت بىر قانچە يىل ئىچىدىلا دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئېسىل ئىستېمال بازىرى بولىدىغانلىقىغا كەسكىن نەزەر بىلەن قارالماقتا.[14] گەرچە ئائىلە بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېجەش نىسبىتىدە ئۆرلەش داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ[15]، ئوتتۇرا مەزگىلدە كۈچىيىۋاتقان ئېسىل ئىستېمالنىڭ ئامانەت پۇلغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇقەررەردۇر. ئامانەت نىسبىتىدىكى تۆۋەنلەش سېلىنمىنى ئازايتىپ ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ قويىدۇ. شۇنداقلا ئوتتۇرىچە كىرىم بىلەن تەڭ كۈچىيىۋاتقان ئېسىل ئىستېمال مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تەلەپ تاشقى سودا تەڭپۇڭلۇقلىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

سېتىۋېلىش كۈچى ئاشقان، ئىستېمال تەلەپلىرى ئۆزگەرگەن ئوتتۇرا قاتلامنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە مەھەللىي ھۆكۈمەتلەردىن كۈتىدىغانلىرىمۇ كۆپەيمەكتە. خۇسۇسەن، شەھەردە ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا قاتلام ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، پىنسىيونېرلىق ۋە سالامەتلىك سۇغۇرتىسى دېگەندەك ئاساسىي پاراۋان دۆلەت سىياسەتلىرىنى ياخشىلاش بارغانچە زىچ ۋە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەلەپ قىلىنماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى 362 مىليارد دوللار ئەتراپىدىكى يىللىق سودا ئېشىندىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى كىرىمى تۆۋەن ئامېرىكا خەزىنە زايوملىرىغا ياتقۇزۇپ پايدىلانماقتا. ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بولغان جەمئىي 1 تىرىليون 1 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان قەرزى (2010 تەرجىمان) بولسا، نۆۋەتتە ھەم يۈەننىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قالماقتا، ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا كۈچلۈك سىياسىي كوزىر بەرگەن بولدى. كۈچىيىۋاتقان ئىجتىمائىي تەلەپلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى خامچوت ئېشىندىسىنى پاراۋان دۆلەت سەرپىياتلىرىغا يۈزلەندۈرۈشكە مەجبۇرلايدۇ-دە، بۇ مەركىزىي پۇل سىياسەتلىرىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە خىتاينىڭ قولىنى ئاجىزلىتىپ قويغان بولىدۇ.

باش كۆتۈرگۈسى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى قوزغىتىدىغان يەنە بىر سەۋەب بولسا، خىتاينى ئوتتۇرا مەزگىلدە كۈتۈۋاتقان دېموگرافىك مۇساپىدۇر. ئۇزۇندىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ سايىسىدا خىتاينىڭ نوپۇس كۆپىيىشى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىمەكتە. خىتاي نۆۋەتتە %0.47 لىك نوپۇس ئېشىش سۈرئىتى بىلەن دۇنيادا 156 – رەتتىن ئورۇن ئالماقتا. بۇ ھالەت داۋاملاشقان تەقدىردە، خىتاي نوپۇسىنىڭ 2030 – يىلىغا بارغاندا تۇرغۇنلۇق دەۋرىگە قەدەم قويىدىغانلىقى، ئارقىدىن، نۆۋەتتە ناھايىتى كۆپ ياۋروپا دۆلىتى ۋە ياپونىيەدىكى ئەھۋالغا ئوخشاش، تۆۋەنلەشكە باشلايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. قېرىغان نوپۇس بولسا، ئىقتىسادىي دىنامىزمنىڭ تۆۋەنلىشىشى بىلەن بىرگە، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، پىنسىيونېرلىق ۋە سەھىيە سەرپىياتلىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشى دېگەنلىك بولىدۇ.

يەنە بىر چىقىم ئېغىزى بولسا، تېز سۈرئەتتىكى شەھەرلىشىش بىلەن بىرلىكتە ئېغىرلىشىۋاتقان ئۈستقۇرۇلما چىقىملىرى. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۈستقۇرۇلما ۋە قۇرۇلۇش چىقىملىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىدىكى پېيى تاشقى سودىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان. كۈچىيىۋاتقان تەلەپنى قاندۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە بانكىلىرىنىڭ يەرلىك دائىرىلەرگە بەرگەن قەرزلىرىنىڭ بارغانسېرى خەۋپلىك باسقۇچقا كىرىپ قېلىۋاتقانلىقى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئون مىلياردلارچە دوللارلىق يوشۇرۇن قەرزلىرىنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.[16]

ئاخىرىدا تېز سۈرئەتلىك سانائەتلىشىش پەيدا قىلغان مۇھىت مەسىلىلىرى ۋە بۇلارنىڭ چىقىملىرىنى مۇھاكىمە قىلىش كېرەك. دۇنيادا ھەم ئومۇمىي ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا ھەم كاربون گازى قويۇپ بېرىش جەھەتتە بايراقدار بولۇپ كېتىۋاتقان خىتاي، ئېغىر مۇھىت مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلمەكتە. باشتا چوڭ شەھەرلەر بولۇپ خىتايدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ھاۋا بۇلغىنىشى يۈز بەرمەكتە. ئومۇمىي سانى 560 مىليونغا يېتىدىغان شەھەر نوپۇسىنىڭ پەقەت %1 نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن، پاكىز دېيىشكە بولىدىغان ھاۋادىن نەپەسلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.[17] خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ بۇلغىنىش سەۋەبىدىن راك دۆلەتنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ئۆلۈم سەۋەبىگە ئايلىنىپ قالغان.

بىر تەرەپتە يۈكسىلىۋاتقان ئوتتۇرا قاتلامنىڭ كۈچىيىۋاتقان تەلەپلىرى، يەنە بىر تەرەپتە قېرىۋاتقان نوپۇس، تېز سۈرئەتتە شەھەرلىشىش ۋە مۇھىت مەسىلىلىرى پەيدا قىلغان سەرپىياتلار، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ھايات – ماماتلىق خەۋپ پەيدا قىلماقتا. ھۆكۈمەت كۈچىيىۋاتقان تەلەپلەرنى قاندۇرىدىغان ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنى يولغا قويالمىغانلىقى، ئۈستقۇرۇلما خىزمەتلىرىگە مەبلەغ ئاجرىتىشقا ئىستەكسىز مۇئامىلە قىلغانلىقى ۋە مۇھىت مەسىلىلىرىنىڭ كونتروللۇقتىن چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقى يۈزىسىدىن تەنقىد قىلىنماقتا. خەلقنىڭ باشقۇرغۇچىلار قاتلىمىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تەلەپلىرى جاۋابسىز قالغان تەقدىردە، ئىجتىمائىي خاتىرجەمسىزلىكلەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى ۋە كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ قايتقىلى بولمايدىغان شەكىلدە زىيانغا ئۇچرىشىشى تۇرغانلا گەپ.

خىتاي دائىرىلىرى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يېقىنلاشماقتا. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە نۆۋەتتىكى نۇقتىغا يېتىپ كېلىشىنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلغان ئامىلنىڭ يەرشارىلىشىش ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋە قاتناش تېخنولوگىيەلىرىدىكى ئىنقىلابلار سايىسىدا تەلتۆكۈس پۈتۈنلىشىپ كەتكەن سودا ۋە مالىيە سىستېمىسى بولماي تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئېكسپورتنى تايانچ قىلغان ئىقتىسادىي ئېشىش مودېلىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمايتتى. خىتاي دائىرىلىرى ئىقتىسادىي ئېشىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغان بولسا، دۆلىتىنى دۇنياۋى تەسىرلەرگە تولۇق ئېچىۋېتىشكە مەجبۇردۇر. دۇنيا ئىقتىسادىغا تولۇق مەنىدە قوشۇلغان خىتاينىڭ بولسا، بولۇپمۇ پۇل سىياسىتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى، خىزمەت سائەتلىرى، مەلۇماتقا ئېرىشىش ۋە ئاساسىي سىياسىي ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر ساھەلىرىدە ئىنتايىن ئوچۇق – ئاشكارا ۋە ياراشقۇچى بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ يەرشارىلىشىش ئېلىپ كەلگەن ئېچىۋېتىشكە قىزغىن مۇئامىلە قىلمىغان ياكى قىلغان مۇئامىلىسى يېتەرلىك بولمىغان تەقدىردە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئىجتىمائىي داۋالغۇشلار ۋە سىياسىي توقۇنۇشلارمۇ ئىقتىسادىي ئېشىشقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالنى ھېس قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. 2008 – يىلى ئېلان قىلىنغان خىتاي مۇداپىئە دوكلاتىنىڭ كۆزىتىشلىرى بۇ جەھەتتە دىققەتنى تارتىدۇ: «خىتاي خەلقئارا سىستېمىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى بولدى. خىتاينىڭ كېلەچىكى ۋە تەقدىرى كۈنسېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەقدىرى بىلەن تېخىمۇ باغلىنىشلىق ھالەتكە كەلمەكتە. خىتاي ئۆزىنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن چەتتە قالدۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ، دۇنيامۇ خىتايسىز پاراۋانلىق ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىيالمايدۇ.»[18]

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىرازىلىيە، ھىندىستان ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۆنىلىش شەكلى خەلقئارا تۈزۈمنىڭ يېقىن كېلەچەكتىكى شەكىللىنىشىدە بەلگىلىگۈچى رول ئوينايدۇ. ئاسىيانىڭ يەنە بىر كۈچىيىۋاتقان دۆلىتى بولغان ھىندىستان (بەزى ئانالىزلارغا قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچىنىڭ خىتاينىڭكىدىن خېلى يۇقىرى ئىكەن) خىتاي  بىلەن بولغان سودا، ئەسكىرىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. خىتاي ۋە ھىندىستان 2007 – يىلى ئورتاقلىشىپ قۇرغان مۇداپىئە دىيالوگى دائىرىسىدە ئۈچ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.[19] يېقىنقى 15 يىل ئىچىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان چېگرا مەسىلىلىرىنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش ئۈچۈن ئونلارچە قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈلدى. بۇ سىياسىي ۋە ئەسكىرىي يېقىنلىشىشلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ ئورتاق ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى ياتىدۇ. 2010 – يىلىغا كەلگەندە 60 مىليارد دوللاردىن ئاشقان خىتاي – ھىندىستان سودىسىنىڭ 2015 – يىلىغىچە 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.[20] خىتاي سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان بىرازىلىيە بىلەنمۇ يېقىن ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقى ئورنىتىشقا تىرىشماقتا. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ھەجىمى 2010 – يىلى 60 مىليارد دوللارغا يەتتى؛ بۇ پەقەت يېقىنقى 20 يىل ئىچىدىكى 230 ھەسسە ئېشىشنى كۆرسىتىدۇ.[21]

يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكىنىمىزدەك، خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى بولۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان كۈچلۈك ئامىللار بار. كېڭىيىشىگە ئەپسىز گېئو-سىياسىي ئورنى، تارىختىكىگە ئوخشاشلا يېقىن كېلەچەكتىمۇ خىتاينىڭ ئەسكىرىي ۋە سىياسىي ئىستراتېگىيەسىگە توسالغۇ بولىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولىدۇ. سۈرئەت بىلەن گۈللىنىۋاتقان خىتاي ئوتتۇرا قاتلىمىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان ئىستېمال تەلەپلىرى تېجەشچانلىق ۋە سېلىنمىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. مائارىپ سەۋىيەسى ۋە مەلۇماتقا ئېرىشىشى كۈچەيگەن شەھەرلىك ئوتتۇرا قاتلامنىڭ دۆلەتتىن كۆتىدىغانلىرىمۇ ئاشىدۇ. ياشانغان نوپۇس ۋە ئېغىرلىشىۋاتقان مۇھىت مەسىلىلىرى ئىجتىمائىي توقۇنۇشلارنى تېخىمۇ شىددەتلىك ھالغا كەلتۈرىدۇ. كۈچىيىۋاتقان ئىجتىمائىي تەلەپلەرنى قاندۇرىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويالمىغان تەقدىردە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي قانۇنىيلىقى زەخىملىنىدۇ.

يۇقىرىقىلارغا قارىماي، خىتاي خەلقئارا تۈزۈمنىڭ كېلەچىكىگە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. دۇنيا ئىقتىسادىغا تولۇق مەنىدە قوشۇلغان بىر سانائەت كۈچى ۋە ئىستېمال بازىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن مۇھىم رول ئويناشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. زورىيىۋاتقان ئەسكىرىي كۈچىنى بولۇپمۇ تەيۋەن ۋە شىمالىي كورېيە مەسىلىلىرىدە ئاقىلانە دىپلوماتىيە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئىگە بولىدىغان خەلقئارا ئىناۋىتى ۋە «يۇمشاق كۈچ» بىلەن مۇستەھكەملىگەن تەقدىردە،  خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندا ئەسكىرىي ۋە سىياسىي چوڭ كۈچ بولۇشىمۇ مۇمكىن.

بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئوتتۇرا شەرقتە مەركىزىي كۈچكە ئايلىنىشنىڭ كويىدا چېپىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تاشقى سىياسەت ئىستراتېگىيەسىمۇ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە خىتاي، ھىندىستان، ھەتتا بىرازىلىيە ئاساسىي ئاكتىيورلار بولىدىغان بۇ يېڭى دۇنياۋى تۈزۈم دىنامىكلىرى نەزەرگە ئېلىنغان ھالدا مۇھاكىمە قىلىنىشى كېرەك.

[1] http://www.languagemonitor.com/about/news/top-news-stories-of-the-decade/.

[2] http://www.economist.com/node/17493408

[3] http://www.census.gov/foreign-trade/balance/c5700.html

[4] Kennedy, P. M. (1989). The rise and fall of the great powers : economic change and military conflict from 1500 to 2000. New York, Vintage Books.

[5] http://mearsheimer.uchicago.edu/pdfs/A0034b.pdf

[6] http://www.defense.gov/pubs/pdfs/2010_CMPR_Final.pdf

[7] http://www.defense.gov/pubs/pdfs/2010_CMPR_Final.pdf

[8] Friedman, G. (2009). The next 100 years : a forecast for the 21st century. New York, Doubleday.

[9] “China Naval Modernization: Implications for U.S. Navy Capabilities—Background and Issues for Congress,” Congressional Research Service,2010.  http://fpc.state.gov/documents/organization/150210.pdf

[10] http://www.navy.mil/navydata/navy_legacy_hr.asp?id=146

[11] http://www.investmentu.com/2011/February/asia-emerging-middle-class-consumer.html

[12] http://media.gm.com/content/media/us/en/gm/news.detail.html/content/Pages/news/us/en/2011/Sep/0907_c hina .

[13] “China to be sixth largest wine market by 2014,” China Daily, 3 Subat 2011. http://www.chinadaily.com.cn/bizchina/2011-03/02/content_12103869.htm

[14] http://www.chinadecoded.com/2010/09/18/china-surpasses-the-usa-in-luxury-consumption/

[15] Chamon, Marcos, and Eswar Prasad (2010), “Why are Saving Rates of Urban Households in China Rising?” American Economic Journal: Macroeconomics, 2(1):93-130

[16] http://www.usasabah.com/TheNewyorkTimes/2011/07/18/asiri-borc-cinin-basina-dert-olabilir .

[17] http://www.nytimes.com/2007/08/26/world/asia/26china.html

[18] China’s National Defense in 2008, http://www.gov.cn/english/official/2009-01/20/content_1210227.htm.

[19]  India, China prepare for next round of joint military exercise, The Times of India, 6 Temmuz 2010. http://articles.timesofindia.indiatimes.com/2010-07-06/india/28275175_1_joint-military-exercise-boundary-talks-chinese-leaders.

[20] http://www.bbc.co.uk/news/world-south-asia-12006092

[21] http://www.npr.org/2011/06/29/137353744/china-and-brazil-warm-up-business-culture-ties.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*