خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە نېمە ئۈچۈن ئارىلىشىشى كېرەك؟

2019-يىلى 27-يانۋار

«بەلكىم جازا لاگېرلىرى تاقىلىدۇ، ئەمما قاچان؟ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ تۈگىتىلگەندە، ھايات قالغانلىرى  مانا بۇ رەسىمدىكىدەك بولۇپ كەتكەندە تاقىلىدۇ ۋە بىز بۇ ھاياتلارنى  تونۇيالامدۇق؟»

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە نېمە ئۈچۈن ئارىلىشىشى كېرەك؟

 

 

 رۇقىيە تۇردۇش

 

 

ئامېرىكا باشلىق  قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا ئارىلىشىپ توختىتىش قانۇنىغا قول قويغان دۆلەتلەر قىرغىنچىلىق بولغان ھامان دەرھال ئارىلىشامدۇ؟ شەرقىي تۈركىستاندا شۇنچە ئېغىر زۇلۇم ۋە يوشۇرۇن قىرغىنچىلىق بولۇۋاتسا دۇنيا نېمە ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللانمايدۇ؟ دېمەك بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، بىز قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى سوراپ جازا لاگېرلىرىنى تاقىتىشنى تەلەپ قىلايلى، دېگەندەك سوئال ۋە ئىنكاسلارغا  ھەر كۈنى دۇچ كېلىپ تۇرغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ ھەقتىكى قىسقىچە ئىزدىنىشلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش نىيىتىگە كەلدىم. ئەسلى خەلقئارا قانۇن بويىچە قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدى ئېلىنىشى ۋە قىرغىنچىلىققا ئارىلىشىپ توسۇلۇشى كېرەك. ئەمما خەلقئارا قانۇن باشقا ئۇنى يۈرگۈزۈش باشقا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئەلۋەتتە دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ كۈچى بىلەن يۈرگۈزىدۇ. ئەمما دۆلەتلەر ئەڭ ئاۋۋال ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى ئويلايدىغانلىقى، يەنى بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، گېئوپولىتىكا دېگەندەك قاتتىق سىياسەتلەردىكى پايدا مەنپەئەتىنى ئۆلچەم قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قانۇنلارنى يۈرگۈزۈش يەنىلا دۆلەتلەرنىڭ قىزىقىش قىزىقماسلىقىغا باغلىق بولىدۇ.

 

1990  – يىلدىكى بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتا، دىپلوماتىك ياردەملەر كىشىلىك ھوقۇق ياردەملىرى،  تىنچلىقنى ساقلاش دېگەندەك ياردەملەر بېرىلگەن بولسىمۇ،1995 – يىلدىكى كەڭ كۆلەملىك سېرىبرىنېتزا قىرغىنچىلىقى يۈز بەرمىگىچە ئەسكىرى كۈچ بىلەن ئارىلاشمىدى. دارفۇر دىكى قىرغىنچىلىقتىمۇ گەرچە ئامېرىكا قىرغىنچىلىق دەپ تونۇغان بولسىمۇ ئارىلىشىشنى رەت قىلدى. رىۋاندادىكى قىرغىنچىلىقتا 800،000 ئادەم ئۆلۈپ بولغاندا ئاندىن ئارىلاشتى. 1990 – يىللاردا باشلانغان جەنۇبىي سۇداندىكى قىرغىنچىلىققا پەقەت دىپلوماتىك بېسىم قىلىش ۋە ئىنسانىي قۇتقۇزۇش ياردەملىرىنى قىلىش بىلەن چەكلەندى.

 بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلىرى بار: بىرىنچىدىن خەلقئارادىكى قىرغىنچىلىق (genocide) ھەققىدىكى قانۇندا جازا بېرىش ئۈچۈن چوقۇم جىسمانىي جەھەتتىن قىرغىنچىلىققا ئۇچراشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەدەنىي قىرغىنچىلىق بىر مىللەتنى تۈپ يىلتىزىدىن قىرغىن قىلىپ يوقىتىۋېتىش بولسىمۇ بۇ قانۇنغا كىرگۈزۈلمىگەن. ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە كانادادىكى يەرلىك مىللەتلەر (indigenous)  مەدەنىي قىرغىنچىلىقنى قانۇنغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن 1948- يىلى بىر قېتىم ۋە 2008 – يىلى ئىككىنچى قېتىم ب د ت نىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشى بىلەن  ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. جىسمانىي قىرغىنچىلىق ئوچۇق ئاشكارا بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا پاكىتلىرىنى تېپىش ئىنتايىن قىيىن.

 

ئىككىنچىدىن، genocide  (قىرغىنچىلىق) قىلغۇچى تەرەپنىڭ نىيىتى ئېنىق بولۇشى كېرەك ۋە بۇ نىيەتنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ بىر دىنىي ئىرقىي ۋە مەدەنىيىتى ئۆزىگە ئوخشىمىغان بىر توپلۇمنى قانداق قىرىۋېتىش نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى پىلانلار بىلەن ئىسپاتلاپ كۆرسىتىش لازىم. ئادەتتە قىرغىنچىلىق قىلغۇچى ھەرگىزمۇ نىيىتى ۋە پىلانىنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنى خەلقئارالىق سوتتا ئىسپاتلاش قىيىنغا توختايدۇ.

 ئۈچىنچىدىن، خىتاي قىرغىنچىلىقنى دۇنيانىڭ كۆزىدە خۇددى يەھۇدىيلارنى توپلاپ گاز بىلەن ئۆلتۈرگەندەك  ياكى روھىڭيالىقلارنى دۇنيانىڭ كۆزىدە چاناپ كاۋاپ قىلىپ ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرمىگەنلىكى، ئەكسىچە پۈتۈن ئۆلتۈرۈش ۋە قىرغىن قىلىش پىلانىنى پەردازلاپ يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، دۇنياغا جىسمانىي جەھەتتىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە تولۇق پاكىت كۆرسىتىش قىيىنغا توختاۋاتىدۇ.

 

تۆتىنچىدىن، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب دۆلەتلەر ئۆز مەنپەئەتىنى كېلىدىغان پايدا زىياننى ئەڭ ئاۋۋال ئويلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە قىزىقىشىغا باغلىق بولۇپ قالىدۇ. ئادەتتە دۆلەتلەر قىرغىنچىلىق (genocide) پەيدا قىلىدىغان ئىنسان ئەتكەسچىلىكى، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سەلدەك ئېقىپ كىرىشى، قوزغىلاڭ ۋە قان تۆكۈلۈشلەرنىڭ چېگرا ئاتلاپ كېڭىيىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىگە ناھايىتى كوپ چىقىم ۋە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن قىرغىنچىلىقنى (گەنوكىدە)نى توسۇش ھەرىكىتىگە ئۆتىدۇ. ئۇنداقتا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىققا دۆلەتلەر قانداق قارايدۇ؟ خىتاي  شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان بىرمۇ ئىنساننى مىدىرلاتماي ئىچىگە سولىۋالغانلىقى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە بۇندىن كېيىن قېچىپ كېلەلەيدىغان كەڭ كۆلەملىك پاناھلىق تىلىگۈچى باش ئاغرىقى يوق. شەرقىي تۈركىستاننى تېخنىكلىق كۆزىتىش ئەسۋابلىرى بىلەن قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن سىرتقا ئادەم ئەتكەسچىلىكى قىلىش ئەھۋالىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى كەڭ كۆلەمدە قوزغىلىپ خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلالىغۇدەك ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە كېڭىيىپ كېتىشىدەك بوشلۇق يوق. ئۇنداقتا شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىرغىنچىلىق دۇنيا ئۈچۈن يۇقىرىقى باش ئاغرىقلارنى تېپىپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي چارە قوللانمايۋاتامدۇ؟

ئۇنداقمۇ ئەمەس، چۈنكى خىتاينىڭ بىر بەلباغ بىر يول پىلانى ئارقىلىق دۇنياغا كېڭىيىش مەقسىتى ۋە بۇ ئارقىلىق atrocity (زوراۋان) ئىدېئولوگىيەسىنى، دۇنياغا كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىشى لىبېرالىزم ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن بىر تەھدىت. ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا زىمبابۋې ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ خەلقنى تېخنىكلىق كۆزىتىش ئەسۋابلىرى ئارقىلىق كونترول قىلىپ شەخسىي ئەركىنلىكىنى يوقۇتۇشىنى  قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىدى. دېمەك بۇ غەرب ئەركىن دوكلاتلىرى ئۈچۈن تەھدىت . خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كېڭەيمىچىلىك نەتىجىسىدە ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، بۇنىڭلىق بىلەن ئەسكىرى كۈچىنىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى كۈچىدىن ئېشىپ كېتىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ دېڭىز يوللىرىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تارتىۋېلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ ئامېرىكا ئۈچۈن بىر تەھدىت . چۈنكى خىتاينىڭ سىرتتىن كىرىدىغان 70% نېفىت ئىمپورتى ئافرىقا ياكى پارس قولتۇقى ئارقىلىق مالاكا بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، بۇ بوغۇزنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئامېرىكىنىڭ قولىدا[1]. خىتاي دېڭىزدىكى ئېكسپورت – ئىمپورت سودىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز كۈچىنى ئاسىيادىن قوغلاپ چىقىرىپ،  2050- يىلغا بارغاندا دېڭىزدا ھۆكۈمران بولۇشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ دېڭىزدا ئۈستىگە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قونىدىغان پاراخوتىنى خىتاي دېڭىز ئارمىيە ئاتىسى ليۇ خۇاچىڭنىڭ نەچچە يىل بۇرۇنقى ئارزۇسىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ ياساپ چىققانلىقىدىن مەلۇم[2].  دىمەك خىتاينىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى توختىتىش كېرەك. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسلىق تۈگۈنى شەرقىي تۈركىستاندا. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ  بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ، ئۆزلىرىنىڭ بىر يول بىر بەلباغ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەڭگۈ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە تەھدىت دەپ قاراپ تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋەتمەكچى. شۇنداق ئىكەن شەرقىي تۈركىستاندا  يۈرگۈزۈلىدىغان قىرغىنچىلىققا غەرب ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا يېتەرلىك سەۋەب بار. ئەمما مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى بولسا ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان دۈشمەنلىكى تۈپەيلىدىن ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىرىلىپ كېتىشىگە كۆز يۇمۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.  ئۇنداقتا ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى قايسى شەكىلدە ۋە قانداق ئارىلىشىدۇ؟ باشقا ئەللەر ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ۋىجدانىنى قانداق ئويغىتىپ پۈتۈن دۇنيانى كەينىمىزگە ئېلىشىمىز نېمە ئۈچۈن زۆرۈر؟

يېقىندا Amerka Genocide Blue Print ( كۆك رەڭلىك دوكلات)  ئامېرىكا  ھۆكۈمىتىگە قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئارىلىشىش ھەققىدە بىر دوكلات ھازىرلىغان بولۇپ دۇنيادىكى قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى قىرغىنچىلىقنى توسۇش ۋە ئارىلىشىش  جەريانىنى 5 باسقۇچقا بۆلگەن:

 

1 – دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش،  كېلىپ چىقىدىغان زىياننى ئانالىز قىلىپ genocide نى توسۇش ھەرىكەتلىرىنى قوزغىتىش:

بۇ دېگەنلىك ئالدى بىلەن genocide بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ يوقمۇ ياكى باشلاندىمۇ دېگەننى توغرا مۆلچەرلەپ دۇنيادىكى قارار چىقارغۇچىلارغا يوللاش. غەربتىكى Rian Thum  قاتارلىق ئامېرىكىلىق ئاكادېمىكلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا جىسمانىي جەھەتتىن چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنى مۆلچەرلەپ، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىدا  ئامېرىكا  ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ئۆز ئەندىشىسىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ كەلدى ۋە دوكلات سۇندى . ئامېرىكا  ئاۋام پالاتا ئەزاسى Christopher Smith ۋە  سېناتور Marco Robio  قاتارلىق  ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى  ئامېرىكا دۆلەت ئاۋام پالاتاسىدا بىرىنچى قول شاھىت مېھرىگۈل تۇرسۇننى گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش يىغىنى ئېچىپ خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ۋە ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەم باستى.

 

2 – دەسلەپكى ئالدىنى ئېلىش:  دەسلەپكى ئالدىنى ئېلىش Blue Print ( كۆك رەڭلىك دوكلات) دا قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقان دۆلەت ۋە شۇ دۆلەتتىكى ھەرخىل ئورۇنلارنىڭ قىرغىنچىلىقنى توسۇشىغا ياردەم بېرىش دەپ ئېلىنغان. ئادەتتە genocide  كۆپىنچە ئېتنىك توقۇنۇشتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن، قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقان دۆلەت بىلەن ۋە شۇ دۆلەتتىكى ئىنستىتۇتلار بىلەن  ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ھەرخىل ئامال -چارىلەرنى يۈرگۈزۈپ توسۇپ قېلىشقا ئۇرۇنۇش نورمال ئەھۋال. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە بىۋاسىتە يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، قىرغىنچىلىق قىلغۇچى خىتاي دۆلىتى ئۆزى بولغانلىقى ئۈچۈن، 2- باسقۇچتىكى دەسلەپكى ئالدىنى ئېلىش چارىلىرى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

 

3 – ئالدىنى ئېلىش دىپلوماتىيەسى: قىرغىنچىلىقنىڭ يوغىناپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئېھتىياتچانلىق بىلەن توغرا شەكىلدىكى ئالدىنى ئېلىش دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسى تۈزۈپ چىقىش.

4 – ئەسكىرى كۈچ ئىشلىتىش: يۇقىرىقىلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ تەسىرى بولماي چوڭ قىرغىنچىلىق يۈز بەرسە ئەسكىرى كۈچ بىلەن ئارىلىشىش

5 – خەلقئارالىق ھەرىكەت قوزغاش:  خەلقئارادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش . نۆۋەتتە ، ئامېرىكا  خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارشى باشقا دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىيە جەھەتتە ( ئەسكەرى  ئەمەس) ھەمكارلىشىش ئۈچۈن كۈچەۋاتىدۇ. ئوخشاش ئىدېئولوگىيەدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى خىتاينى تەنقىد قىلىشىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ دۆلەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىلا ئېلىپ بېرىلماي ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ھەقتە ئۆز دۆلىتىدە خەلق ئاممىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق بېسىم قىلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقتىن ئۇيغۇر دىياسپوراسى، ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە دۆلەت سىياسەتچىلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن بېسىم قىلىشى كېرەك.

 

دېمەك بۇ يەردىكى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھازىرغىچە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى توسۇشقا ئۇرۇنىدىغان سىياسىي ئىستىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي پەقەت باشقا دۆلەتلەر سۈكۈتتە تۇرغان ئەھۋال ئاستىدىلا چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارالايدۇ.  چۈنكى خىتاي يەر شارىدا يالغۇز ياشىمايىغانلىقى ئىقتىسادىي دىپلوماتىيە ۋە باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردىن دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىلەن باغلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئەلۋەتتە خىتايغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.  خىتاينى تەھدىت ھېسابلايدىغان دۆلەتلەر ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆر ۋە مۇستەقىللىقى، خىتاينىڭ كېڭىيىش ۋە كۈچىيىشىنى كېسىپ تاشلايدىغان بىردىنبىر ئاچقۇچ.

  ئۇنداقتا بىز ئۇيغۇرلار قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە لىدېرلار، نەتىجىسى ياكى تەسىرى يوق نامايىش، يىغىن ئېچىپ سۆزلەپ قويۇش، بىرە جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە بايانات بېرىپ قويۇشلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىر قوزغاش – قوزغىيالماسلىقىغا قاراش كېرەك. ئۆزگىچە ئىجادچانلىققا ئىگە نامايىشلار ئەلۋەتتە دىققەت تارتىدۇ. نامايىشقا كوزىدىن قان ئېقىۋاتقان ماسكا كىيىپ چىققان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رەسىملىرى مېدىيالاردا ھازىرغىچە كەڭ كۆلەمدە ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. «خىتاي بىزنىڭ كۆپىيىشىمىزنى چەكلەپ كەلدى. بىز ئۆز بالىلىرىمىزنى قورساقتا تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىنى خالىمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، قېچىپ يۈرۈپ بەش بالا تۇغدۇم. 6 – بالامنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ ساق – سالامەت تۇغۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە قېچىپ كەتتىم. ئەمما خىتاي، بالىلىرىمىزنى ئۆلتۈرمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن يولدىشىمنى 10 يىل كەستى. بەش بالامنى ئۆيىمىزدىن مەجبۇرىي بۇلاپ ئېلىپ كېتىپ خىتاي قىلىۋېتىش ئۈچۈن بەش يەرگە تارقىتىۋېتىپتۇ. يېقىندا بىر قىزىمنى باشقا بىر شەھەردە چىقىرىلغان يېتىمخانىنىڭ سىن ئالغۇسىدىن تونۇۋالدىم، قالغانلىرىنىڭ ئۆلۈك – تىرىكى نامەلۇم. ئاتا ئانا بولغۇچىلار مېنىڭ يۈرىكىمدىكى ئاغرىقنى چۈشىنىپ خىتاي تەرەپتە ئەمەس مەن تەرەپتە تۇرۇشۇڭلارنى سورايمەن! خىتاي بۇ جىنايىتىگە جاۋاب بەرسۇن !» دەپ نىدا قىلغان ئۇيغۇر ئانىنىڭ گۇۋاھلىقى تەسىر قوزغىيالايدىغان جۈملىلەرنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن تىۋىتتېر دا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئەگەر بۇ ئانا «مېنىڭ بەش بالام بار ئىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى چىقتىڭ دەپ قانۇن بويىچە جازالايدىغانلىقى ئۈچۈن ۋە 6- بالامغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە قېچىپ كەتتىم. يولدىشىمنى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە بوي سۇنماي قانۇنغا خىلاپلىق قىلدىڭ دەپ 10 يىل كېسىپتۇ. بالىلىرىمنى يېتىمخانىلاردا تەربىيەلەپ بېقىپ بېرىمىز دەپ ئېلىپ كېتىپتۇ» دېگەن بولسا بۇنچىلىك تەسىر قوزغىيالمىغان بولاتتى. ئامېرىكا ھەر مىللەت ئاياللىرى ئۆتكەن يىلى مارت ئېيىدا ھال رەڭلىك دوپپا كىيىپ  ئاياللار ھوقۇقى ۋە باراۋەرلىك ئۈچۈن 500،000 كىشىلىك نامايىش ئېلىپ بېرىپ كوچىلارنى پۈتۈنلەي قامال قىلىۋالغان ئىدى، بۇ نامايىش كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.  ئۆز ۋاقتىدا ئاتوم بومبا تەتقىقاتىغا قارشى نامايىش قىلغۇچىلار تەتقىقات مەيدانىنىڭ ئالدىدىكى دېڭىزغا قان رەڭلىك قىزىل بوياقنى تۆكۈپ دېڭىزنى قىزىل رەڭگە بوياپ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئۆزگىچە ۋە دىققەت تارتىدىغان نامايىشلارنى قىلالىساق، پۈتۈن دۇنيا خەلقلىرىنى خىتاينىڭ مېلىنى ئالماسلىققا قايىل  قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئەڭ ئىجادىي تەشۋىقاتلارنى تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرساق. كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى پارە – پارە قىلىۋېتەلىگۇدەك  سىن گۇۋاھلىقلىرىنى، خىتاينىڭ «بىر  قىسىم جىنايەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلدۇق كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئوقۇتۇپ تەربىيەلەۋاتىمىز» دېگەن يالغانلىرىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن ھەممىلا يەردە ياغدۇرۇۋېتەلىسەك،  بەلكىم بىز دۇنيانى كەينىمىزگە ئالالىشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچىدىكىلەرنى تېشىغا چىقىرىپ لاگېر ئىشىكلىرىنى قۇلۇپلاپ قويۇشتىن ئىبارەت شەكلىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن  ئەمەس بەلكى، شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بىر چوڭ جازا لاگېرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بارلىق سىياسىي مەقسەتلىرىنىڭ ئىشىكىنى تاقاشتىن ئىبارەت ماھىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، تولۇق ھۆرلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا بىز ئىنسانلارنىڭ ھايات ماماتلىق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى ئىنسانىي كۈچلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ جازا لاگېرلىرىنى تاقاتقۇزغان تەقدىردىمۇ ، ھايات قالغان قېرىنداشلىرىمىز بىزنى ۋە بىز ئۇلارنى تونۇيالمايمىز، پۈتۈنلەي ياتلارغا ئايلىنىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەتلەر بىزنىڭ ھايات – ماماتلىقىمىز ئۈچۈن ئەمەس، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەل – توكۇس يوقۇتۇلىشى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە قانچىلىك زىيان كەلتۈرۈشى نۇقتىسىدىن قاراپ ئارىلىشىدۇ.

دەل شۇنداق بولغانلىقتىن، تەسىرى كۈچلۈك ھەرىكەتلەر بىلەن، ھېسداشلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۇنيانىڭ بېشىنى قاتتىق ئاغرىتىش بىلەن بىرگە مۇستەقىللىق نىشانىمىزدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەسلىكىمىز، ئىشلارنىڭ باشقىلارنىڭ بىزگە ئىچ ئاغرىتىشى بىلەنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بىر تېررىتورىيەنىڭ خىتاينى ئاجىزلىتىش ۋە يوقىتىشتا قانچىلىك رول ئوينايدىغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

 

[1] Peter Navarro. “Crouching Tiger.” Apple Books, P 48

[2] Peter Navarro. “Crouching Tiger.” Apple Books P162

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*