خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئاچقۇچلۇق ئۇقۇم- مىللىي (ئۇلۇس) مەنپەئەت

 

مىتات چەلىكپالا | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئۈچۈن مەمەتجان تەرجىمىسى

 

مەزكۇر ماقالىدە «مىللىي (ئۇلۇس) مەنپەئەت» ئۇقۇمىنىڭ يىلتىزى، ئالەمشۇمۇل سىياسىي دەستۇر سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى ۋە مىللىي (ئۇلۇس) مەنپەئەت تەرىقىسىدە تەرىپلىنىدىغان سىياسەتلەرنىڭ ھەقلىق، يوللۇق ۋە قانۇنلۇق قوبۇل قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان تارىخىي مۇساپىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ماقالىدە يەنە مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمىنىڭ تارىخى يىلتىزى تامامەن رېئالىستىك قاراش نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىنىدۇ. بۇ ئۇقۇمغا نوقۇل نەزەرىيە جەھەتتىنلا ئەمەس تارىختىكى مەنىلىرى ۋە رېئاللىقتىكى ئىپادىلىرىگە ئاساسەن ئىزاھات بېرىلىدۇ. 20-ئەسىردە دۇنيا سىياسىتى ۋە ھازىرقى زامان مىللىي دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى چۈشىنىشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان سىياسىي پەلسەپىۋى خاراكتېرگە ئىگە مىللىي دۆلەت ئۇقۇمى، مىللىي دۆلەتنىڭ نوپۇزىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى ھەتتا يوق بولىدىغانلىقى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان 21-ئەسىرنىڭ بېشىدا، ھېلىھەم ئالەمشۇمۇل سىياسىي دەستۇر بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى قوغدىماقتا. مىللىي مەنپەئەت كۈچ ۋە خەۋپسىزلىكتىن سىرت، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق نەزەرىيەلىرىدىن بىرى بولغان «رېئالىستىك نەزەرىيە ئېقىمى» دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئىزاھلاشتا ئەڭ كۆپ مۇراجىئەت قىلىدىغان ئاساسلىق ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇقۇم يەنە تاشقى سىياسەت قارارلىرىنىڭ چىقىرىلىشىدىمۇ ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمى يەر شارىلاشقان كۈنىمىز دۇنياسىدىمۇ ھېلىھەم ۋاز كېچىش مۇمكىن بولمايۋاتقان ئەڭ غول ئۇقۇملاردىن بىرى بولماقتا.

مەنپەئەت، مىللىي (ئۇلۇس) مەنپەئەت، رېئالىست

مۇقەددىمە

مىللىي (ئۇلۇس) مەنپەئەت ئۇقۇمى 20-ئەسىردە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى ئىزاھلاش ۋە چۈشىنىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى، يەر شارىلىشىش ھادىسىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، مىللىي دۆلەتنىڭ نوپۇزىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى ھەتتا يوق بولىدىغانلىقى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان 21-ئەسىردىمۇ مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمى ھېلىھەم مۇھىملىقىنى ۋە نوپۇزىنى قوغدىماقتا. خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، خەلقئارالىق شىركەتلەر، دۆلەتتىن ھالقىغان سىياسىي ئورگانلارنىڭ نوپۇزى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان، ھەتتا مىكرو مىللەتچىلىك باش كۆتۈرۈۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتىمۇ، مىللىي دۆلەتلەر ۋە مىللىي مەنپەئەتلەرنىڭ ئۇنداق ئاسان ئاجىزلىشىشى ھەتتا يوق بولۇشى ھازىرچە مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ. مىللىي مەنپەئەت كۈچ ۋە خەۋپسىزلىكتىن سىرت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق نەزەرىيەلىرىدىن بىرى بولغان «رېئالىستىك نەزەرىيە ئېقىمى» دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئىزاھلاشتا ئەڭ كۆپ مۇراجىئەت قىلىدىغان ئاساسلىق ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ (دونېللىي: 2000، ئايدىن: 2004). رېئالىستىك نەزەرىيە ئېقىمى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمىدە نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئۆتۈۋالغان «ئىدېئالىستىك نەزەرىيە ئېقىمى»نىڭ دۇنيا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىلىرىگە چارە تاپالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەخسلەر بىلەن دۆلەتنىڭ سىياسەت تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش مۇساپىلىرىگە پەرقلىق ۋە تېخىمۇ ئوبيېكتىپ نۇقتىدىن جاۋاب تېپىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئېدۋارد ھ. كارر تەرىپىدىن 1939-يىلى نەشر قىلىنغان «20 يىللىق بوھران: خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىلمىنى ئىزاھلاش»ناملىق كىتابتا ئىدېئالىستىك نەزەرىيە ئېقىمىنىڭ كەمچىلىكى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىنغاندىن كېيىن رېئالىستىك نەزەرىيە ئېقىمىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كاررىدىن كېيىن، 20-ئەسىردىكى نوپۇزلۇق نەزەرىيەچىلەردىن بىرى بولغان ھانس ج. مورگېنتىيا «مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسەت: كۈچ بىلەن تىنچلىقنىڭ كۈرىشى»ناملىق كىتابىدا سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى كۈچ ۋە كۈچ بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ئامىللارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىزاھلاپ چىقتى. مورگېنتىيا مۇنداق دەيدۇ (1985): خەلقئارا سىياسەتنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى ۋە سىياسىي ھەقىقەتنىڭ چىقىش يولى تېپىشىدا مۇھىم ئوينايدىغان كۈچنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىزاھلىنىدىغان ئۇقۇم دەل مىللىي مەنپەئەت بولۇپ، بۇ ئۇقۇم ئارقىلىق خەلقئارالىق سىياسەتنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. بۇ ئۇقۇم بولماي تۇرۇپ، ئىچكى ياكى تاشقى سىياسەت نەزەرىيەسى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولمايدۇ. بۇ ئۇقۇمسىز نە سىياسىي بىلەن غەيرى سىياسىي ھەقىقەتلەرنىڭ پەرقىنى ئايرىيالمايمىز، نە سىياسىي قائىدە ۋە ئەندىزىگە ئۆلچەم بېكىتەلمەيمىز. »
يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان بۇ سىياسىي دەستۇرنى چىقىش قىلغان رېئالىستلار، ئالەمشۇمۇل دەپ قارىغان بۇ نۇقتىئىنەزەر دائىرىسىدە خەلقئارا سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى ئىزاھلاپ ئانالىز قىلىپ كەلدى. مىللىي (ئۇلۇس) مەنپەئەت ئۇقۇمىدىن ئەمەلىي ۋە ئەقەللىي ھېسابلىنىدىغان دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرىنى، ھەرىكەت ئۇسلۇبلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن پايدىلاندى. رېئالىستىك نەزەرىيە نۇقتىسىدىن مىللىي مەنپەئەت تاشقى سىياسەت قارارلىرىنىڭ چىقىرىلىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئويناش بىلەن بىرگە، ئاكادېمىك ياكى تەتقىقات نۇقتىسىدىنمۇ ئىشقا يارايدىغان قىممەتلىك ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ. «دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ئەمەس مەنپەئەتلەر بار، ھەر قانداق دۆلەت مەنپەئەتنى نېمىنى تەقەززا قىلسا شۇ بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ»دېگەن شوئار خاراكتېرلىك سۆزلەر كۈنىمىزدىمۇ ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە بولۇپ، يەنىلا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلمەكتە (ئۇزگەل، 2004:15-69). بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مىللىي (ئۇلۇس) دۆلەت ھادىسىسى بىلەن تەڭ ئاپىرىدە بولغان ۋە كۈنىمىزگىچە قىممىتىنى ۋە نوپۇزىنى قوغداپ كېلەلىگەن مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمىنى توغرا چۈشىنىش تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ماقالىمىزدە مىللىي مەنپەئەتنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى، قايسى باسقۇچىلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى، كىملەر تەرىپىدىن ئىزاھلانغانلىقى ۋە قايسى تارىخىي باسقۇچلاردا فۇنكسىيەلىك رول ئوينىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنمايدۇ. بۇ ماقالىنى يېزىشىمىزدىكى مەقسەت، تارىخىي ھادىسە سۈپىتىدە ئاپىرىدە بولغان مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمىنىڭ يىلتىزىنى، ئالەمشۇمۇل سىياسەت دەستۇرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىنىڭ سەۋەبلىرى، مىللىي مەنپەئەت تەرىقىسىدە ئىزاھلىنىدىغان سىياسەتلەرنىڭ ھەقلىق، يوللۇق ۋە قانۇنلۇق قوبۇل قىلىنىشىدا زور رول ئوينىغان تارىخىي جەريانلار بايان قىلىنىدۇ.
سىياسىي قائىدە ۋە نەزەرىيەلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىنسان تەبىئىتىنى ئاساس قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى مەلۇم. سىياسىي قائىدە ۋە نەزەرىيەلەرنىڭ غول ئۇقۇملىرىدىن ھېسابلىنىدىغان مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمىنىڭ يىلتىزىنى قەدىمكى گىرېتسىيە ۋە ئىتالىيە شەھەر دۆلەتلىرى تۈزۈمىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت تۇكىدىدېس (Thucydides) ۋە ماكياۋېلى قاتارلىق نوپۇزلۇق شەخسلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا مەنپەئەت ئۇقۇمىنىڭ مىللىي (ئۇلۇس) مەنپەئەتى ئۇقۇمىغا قاراپ ئۆزگەرگەن جەريان، مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمى، ۋېستفالىيە كېلىشىمى ۋە «ياۋروپانىڭ مۇرەسسەلىشىشى »دېگەنگە ئوخشاش دەۋرلەردە شەكىللەنگەن مودېرىن (زامانىۋى) خەلقئارا تۈزۈم بىلەن ئىزاھلىنىدۇ. خۇلاسە قىسمىدا بولسا بۇ جەرياننىڭ كۈنىمىز دۇنياسىدىكى ئىپادىلىرى بايان قىلىنىدۇ.

1-قەدىمكى گىرېتسىيە، تۇكىدىدېس ۋە مەنپەئەت ئۇقۇمىنىڭ يىلتىزلىرى

مەنپەئەت ئۇقۇمى قەدىمكى گىرېك شەھەر دۆلەتلىرى دەۋرىدە ۋە گىرېك تارىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدۇ، ئەلۋەتتە ئۇ دەۋرلەردە بۇ ئۇقۇمنىڭ ئالدىدا مىللىي دېگەن سۈپەت يوق ئىدى. ئانتونىي د. سىمىسمۇ تەكىتلەپ ئۆتكىنىدەك، قەدىمكى گىرېتسىيەدە كۈنىمىزدىكى مىللىي (ئۇلۇس) ياكى سىياسىي مەنىدىكى مىللەتنى (ئۇلۇس) ئاساس قىلىدىغان دۆلەتلەردەك دۆلەتلەر بولمىسىمۇ، لېكىن ئېتنىك ۋە كۈلتۈرنى ئاساس قىلغان جامائەت خاراكتېرلىك، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى مۇقەددەس دەپ بىلىدىغان شەھەر دۆلەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان ۋە كۈنىمىزدىكى تۈزۈملەرنى ئەسلىتىدىغان دۆلەت توپلۇقى بار، دېيىشكە بولىدۇ (1999:24).
بۇ سىياسىي قۇرۇلمىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىلەن بۇلارنىڭ كۈنىمىزدىكى تۈزۈم بىلەن ئوخشاشلىقى ۋە پەرقلىرىنى چۈشىنىشتە قاراشلىرىغا مۇراجىئەت قىلىدىغان شەخسلەردىن بىرى بولغان تۇكىدىدېس، كۈنىمىزدىمۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمى ساھەسىدە ھېلىھەم ئېتىبارلىق شەخسلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ «پېلېپونېز ئۇرۇشلىرى تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە، ئەينى دەۋردىكى قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن بولغان ئافېنا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر بىلەن سىپارتا تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن رەقىب كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.
تۇكىدىدېس ئافېنالىقلار بىلەن سىپارتالىقلارنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنى ئىزاھلىغاندا، سىپارتالىقلارنىڭ ئافېنانىڭ كۈنسايىن زورايغان كۈچىنىڭ مەلۇم سەۋىيەگە بارغاندىن كېيىن ئۆز مەنپەئەتلىرىگە زىيان ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ، پۈتۈن نوپۇزىنى ئىشقا سېلىپ ۋەزىيەتنى پايدىسىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ (كىيوخانې، 1986: 7). تۇكىدىدېس ئافىنالىق خاتىپلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ سىياسەتلىرىنى ۋە تاكتىكىلىرىنى ئانالىز قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھادىسىلەرنى ئانالىز قىلغاندا كۈنىمىزدىكى مىللىي دۆلەتلەرنى ئىزاھلىغان چاغدا ئىشلىتىلىدىغان مەنپەئەت ئۇقۇمىغا ئوخشاش ئۇقۇملاردىن پايدىلىنىدۇ.
تۇكىدىدېس بۇ مۇھىم ئەسىرىدە بىرلا ھادىسىنى ئىزاھلىمايدۇ ئەلۋەتتە، ئۇ يەنە ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكىتى ۋە قىلىقلىرىنىڭ سەۋەبىنىمۇ چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ ھەرىكەت قىلىش مەنتىقىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا دۆلەت، دۆلەتنىڭ ئاپىرىدە بولۇشى، دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەت شەكلى قاتارلىقلار ئۈستىدە توختىلىپ، بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەيلى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بولسۇن مەيلى شەخسلەر ئوتتۇرىسىدا بولسۇن مەنپەئەت ئەڭ ئاساسلىق رول ئوينايدىغان ئاچقۇچلۇق ئۇقۇمدۇر. مەنپەئەت ۋە كۈچ كۈرىشى رەقىب شەھەر دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى بەلگىلەيدۇ (نەقىل قىلغۇچى: فىلورد، 1995).
ئۇ مەنپەئەت ئۇقۇمىنى ئىزاھلىغاندا دۆلەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىلنىڭ گىرېك شەھەر دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ ۋە نوپۇزنىڭ تارقىلىشى، شۇنداقلا بۇنىڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتلىرىگە بولغان تەسىرلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. تۇكىدىدېس كۆزدە تۇتقان مەنپەئەت دەل دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بولۇپ، بۇ قانچىلىك بايلىق ۋە زېمىنغا ئىگە بولۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ كۈچ ۋە نوپۇز يەنە ھەربىي كۈچ بىلەن زىچ چېتىشلىق بولغان سەرمايە، دۆلەت خاراكتېرى ۋە لىدېرلىك قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. دەل مۇشۇ نۇقتىدا تۇكىدىدېس ھازىرقى زامان دۆلەت تۈزۈمىدىكى دىپلوماتىيە ۋە ئۇنىڭ رولىنى تەكىتلەيدۇ. كۈچ ۋە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى دائىرىسىدە دىپلوماتىيەنىڭ ۋەزىپىسى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى ياكى مەنپەئەتىنى تولۇق ۋە توغرا دەڭسەپ، ئۇنى رەقىبلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق توغرا ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق سىياسەت يولغا قويۇشتىن ئىبارەت. ئادالەت ئۇقۇمىنى ئاساس قىلىپ چىقىرىلغان بۇ يەكۈندە، ئادالەت خەلقئارا مۇناسىۋەت تۈرلىرىدىن بىرى، دەپ قارىلىدۇ. ئەپسۇس تۈزۈم دەپ قارالغان ئادالەت، قانداقتۇر ھەممە كىشى باراۋەر دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان ئەمەس، بەلكى ھەممە ئادەمنىڭ كۈچىگە ئاساسەن ئورنىنى بېكىتىشى كېرەك بولغان ھادىسىدۇر (ئاغائوغۇللىرى، 2000:111، شەنەل: 1995: 139).
خىرىستىيانلىق بىلىم ۋە سىياسىي ساھەدە كۈچلۈك ئورۇنغا ئۆتكەن دەۋرلەردە، تۇكىدىدېسنىڭ كىلاسسىك سىياسىي ئىدىيەسى نوپۇزىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ دەۋرلەردە ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى تۇزاقلارغا تولغان بۇ دۇنيا ئەمەس، بەلكى خۇشال-خۇرام ۋە بەخت-سائادەتكە تولغان ئۇ دۇنيادا ياشاش ئىدى. شۇڭلاشقا، مەنپەئەتكە ئوخشاش نوقۇل شەخس بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك قىممەت قاراشلارنىڭ قىممىتى بولمايتتى، دۆلەتكە نىسبەتەنمۇ مۇشۇنداق ئىدى، يەنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا مەنپەئەت دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتى بولماسلىقى كېرەك ئىدى، دۆلەتنىڭ ئالەمشۇمۇل ۋە مۇقەددەس تەلىماتلارنى تەرغىب قىلىشقا مەركەزلىشىشى شەرت ئىدى. مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمى ۋە ئىسلاھات دەۋرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك بۇ دەۋردە، مەنپەئەت ئۇقۇمى ئېتىباردىن چۈشتى.

نىكولو ماكياۋېلى، ھۆكۈمدار ۋە مەنپەئەت

نىكولو ماكياۋېلى (1469-1527) ئۆتكۈنچى دەۋردە ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن بۇ قاراشنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىتالىيە شەھەر دۆلەتلىرى قالايمىقان بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان مەزگىللەردە، فلورانسا شەھەر مەركىزىدە ئالىي مەنسەپ ھېسابلىنىدىغان ئىككىنچى سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى 1489-1512-يىللىرىدا 14 يىل ئىزچىل ئۆتىگەن ماكياۋېلى، ۋەزىپىسىدىن چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن يېزىپ ھاكىمىيەتتىكى مەدىجى جەمەتىگە تەقدىم قىلغان مەشھۇر ئەسىرى «ھۆكۈمدار»دا، «ھۆكۈمدارلىق دېگەن زادى نېمە؟ قانداق تۈرلىرى بار؟ ھۆكۈمدارلىققا قانداق ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ ھۆكۈمدارلىقنى قانداق قىلغاندا ئوڭۇشلۇق تۇتۇپ تۇرغىلى بولىدۇ؟ ھۆكۈمدارلىقتىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى؟»قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ ئەتراپلىق ئانالىز ئېلىپ بارىدۇ. ماكياۋېلى كۆزدە تۇتقان ھۆكۈمدارلىق زامانىمىزدىكى دۆلەتتۇر. دۆلەت قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنىڭ قائىدىلىرىنى ئۆز تەجرىبىسىگە ئاساسەن يەكۈنلەپ چىققان ماكياۋېلى، كۈچ ۋە مەنپەئەتنى دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى ۋە مەۋجۇتلۇقىدا ناھايىتى مۇھىم نەرسىلەر دەپ قارايدۇ. ماكياۋېلى بۇ ئەسىردە مەنپەئەت ئۇقۇمىنى بىۋاسىتە ئىشلەتمەي ۋاسىتىلىك ھالدا ئىشلىتىدۇ.
ماكياۋېلىنى كىلاسسىك سىياسىي چۈشەنچىلەردىن پەرقلىق ھالدا ئويلاندۇرۇشقا سەۋەب بولغان ئامىل ئۇ ياشىغان دەۋر ۋە مۇرەككەپ سىياسىي مۇناسىۋەتلەر ئىدى. ئىتالىيە 1494-يىلى 8-چارلېس تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىتالىيە تولىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ماكياۋېلى ئىتالىيەنى قانداق قىلىپ بۇ قىيىن ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىدۇ ۋە ئاخىرى ھۆكۈمدار ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ دەۋردە ئىتالىيەدىكى ئاساسلىق سىياسىي ئورگانلار شەھەر دۆلەتلىرى بولۇپ، بۇ شەھەر دۆلەتلىرىمۇ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە تۇراتتى. داۋاملىق توقۇنۇش ئىچىدە تۇرىدىغان بۇ شەھەرلەر دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرى، دوستلۇق-دۈشمەنلىك مۇناسىۋەتلىرى ۋە كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە باغلىق ھالدا داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇراتتى. بۇ ئەھۋال تەبىئىي ھالدا ھۆكۈمدارلارنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. ماكياۋېلى ئىتالىيە شەھەر دۆلەتلىرى بىرلىشىپ سىياسىي بىرلىك قۇرۇپ چىقالىسا نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى ياقلاپ، ئەمەلىي چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دەرۋەقە، «ھۆكۈمدار» ناملىق كىتابىنىڭ 26-بابى ۋە ئاخىرقى بابىدا بۇ توغرۇلۇق تەپسىلىي توختىلىدۇ. بۇ بابلارنىڭ نامى تۆۋەندىكىچە: «ئىتالىيەنى گېرمانىيە ۋە دۈشمەنلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرىق».
ماكياۋېلى دۆلەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مۇھىملىقى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ. دۆلەت ئۇقۇم سۈپىتىدە ئەينى دەۋرگە نىسبەتەن يېڭىلىق ھېسابلىناتتى. «ھۆكۈمدار»نىڭ دەسلەپكى 8 بابىدا دۆلەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، تۈرلىرى، بولۇپمۇ دۆلەت قۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە تەپسىلىي مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. دۆلەت ئۇقۇمى شۇ كەمگىچە ئىشلىتىپ كېلىنىۋاتقان كىنەزلىك، بەگلىك، خانلىق، ئىمپېرىيەگە ئوخشاش ئۇقۇملار قاتارىدىمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ. ماكياۋېلى دۆلەتنى ئۆز-ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن قامداپ كېتەلەيدىغان، ئۆزگە دۆلەتلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغان ۋە بۇ سەۋەبتىن كۈچكە زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولغان سىياسىي قۇرۇلما سۈپىتىدە كۆرىدۇ.
ماكياۋېلىنىڭ قارىشىچە ئىنسانلار «تۇزكور، تۇراقسىز، مەنپەئەتپەرەس، توخۇ يۈرەك، مۇرەسسەگە مايىل»دۇر (1994: 106). دۆلەت ئىنساننىڭ بۇ مەنپەئەتپەرەس تەبىئىتىنى ئىجتىمائىي جەھەتتە ئارزۇ قىلىنىدىغان مەقسەتلەرگە يېتەكلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىدۇر. ھەممىدىن مۇھىمى ئىنسانىيەت دۆلەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىخەتەرلىكى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، دۆلەتنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغداپ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىسى بولۇپ، قانداقتۇر ھەر قانداق بىر ئىلاھىي مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ.
ھۆكۈمدارلار ياكى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە سىياسەتلىرى ھاكىمىيەتكە كېلىش، ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ھاكىمىيەتتىن پايدىلىنىش سەنئىتىدىن ئىبارەت بولغان سىياسەت دائىرىسىدىن چەتنەپ كەتمىگەن بولۇشى كېرەك. مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارالغىنىدا، ھۆكۈمدارلارنىڭ سىياسەت قىلىشتىكى مەقسىتى دۆلەتنى قولغا كىرگۈزۈپ ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇش بولۇشى لازىم، ھۆكۈمدار بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماسلىقى شەرت. شۇڭا ھۆكۈمدارلارغا باھا بەرگەندە، ئۇلار پايدىلانغان ۋاسىتىلەرگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ مەقسىتىگە قاراش كېرەك. ھۆكۈمدارلار دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا قارار چىقىرىپ سىياسەت يولغا قويۇشى لازىم.
بىر دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىككە بولغان ئېھتىياجى تەبىئىي ھالدا ئۇ دۆلەتنىڭ ئۆزگە دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇشىغا ۋە قىتئەدە (رايون) ئۇزۇن مۇددەتلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ تۈزۈمنىڭ ئاساسىنى توقۇنۇش، كۈچ ۋە مەنپەئەت تەشكىل قىلىدۇ. ماكياۋېلىنىڭ قارىشىچە، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي ۋە بولۇشقا تېگىشلىك بىر دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتى بولىدۇ، بۇ مۇناسىۋەتتە بىر دۆلەتنىڭ مەنپەئەت دائىرىسى كۈچىيىپ نوپۇزى ئاشسا تەبىئىي ھالدا ئىككىنچى بىر دۆلەتنىڭ مەنپەئەت دائىرىسى تارىيىپ نوپۇزى ئاجىزلايدۇ. يەنى بىر دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى ئۆزگە دۆلەتكە زىيانلىقتۇر. «ئۆزگىلەرنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا سەۋەب بولغان بىرسى ئۆز ئورىسىنى ئۆزى كولىغان بولىدۇ. بۇنى بەلكىم ھىيلە-مىكىر ياكى كۈچ ئىشلىتىپ قىلغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ھەر بىرى كېيىنكى كۈنلەردە بۇ يول ئارقىلىق قۇدرەت تاپقان تەرەپكە نىسبەتەن خەۋپ شەكىللەندۈرىدۇ».
بۇنىڭ چارىسى دەل قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتۇر. قۇدرەتلىك دۆلەت دېگەندە دىننىڭ تەسىرىدىن خالىي بولغان ۋە ئۆزگىچە قىممەت قاراشلىرىنى قوبۇل قىلغان يېڭىچە سىياسىي قۇرۇلمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن ماكياۋېلىنىڭ سىياسەتنىڭ دىنى ۋە ئېتنىك تەرەپلىرىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ماكياۋېلى سىياسەتنى بىر خىرىستىيان مۇرىتى ياكى ياخشى بىر پۇقرانىڭ نەزەرىدىن چۈشىنىشنىڭ ئورنىغا، سىياسەتكە ھۆكۈمدارنىڭ، دۆلەتنىڭ ياكى يېڭىدىن بەرپا بولۇۋاتقان «مىللەت» (ئۇلۇس) نەزەرىدىن مۇئامىلە قىلىپ، كۈچ ئۇقۇمىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ھۆكۈمدارلار «سىياسەتتە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن دۇئانىڭ كۈچىگە ئىشىنىشى كېرەكمۇ ياكى ئۆز كۈچىگىمۇ؟»دېگەن سوئالغا ماكياۋېلى مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «ھۆكۈمدارلار نوقۇل دۇئاغىلا ئىشىنىپ ھەرىكەت قىلسا مۇقەررەر ھالدا مەغلۇپ بولىدۇ، ئۇلار كۈچلۈك بولسا ئاسان مەغلۇپ بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، قوراللىرى بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەر غەلىبە قازانغان، قورالسىز پەيغەمبەرلەر بولسا مەغلۇپ بولغان» (ماكياۋېلى، 1994: 60).
بۇ جاۋابتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۈچ بىۋاسىتە ھالدا ھەربىي قوشۇن ۋە دانا ھۆكۈمدارلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇلغان. «بارلىق دۆلەتلەرنى مۇستەھكەم قىلىپ تۇرىدىغان ئاساسلىق ئامىللار مۇكەممەل قانۇن ۋە قۇدرەتلىك قوشۇندۇر. قۇدرەتلىك قوشۇن بولماي تۇرۇپ مۇكەممەل قانۇننىڭ بولۇشى مۇمكىن بولمىغاچقا ۋە قۇدرەتلىك قوشۇن بولغان يەردە مۇكەممەل قانۇن بولۇشى زۆرۈر بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇنلارغا ئەمەس قوشۇنلارغا مەركەزلىشىش كېرەك (ماكياۋېلى). ماكياۋېلى كۆزدە تۇتقان قۇدرەتلىك قوشۇن ئۇقۇمى، شۇ دۆلەتنىڭ خەلقىدىن تەشكىل تاپقان كۈنىمىزدىكى تەبىر بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا «مىللىي ئارمىيە»نى كۆرسىتىدۇ. «دۆلەت ئۆز خەلقىدىن ئارمىيە تەشكىللەپ چىقالمىسا بىخەتەر بولالمايدۇ. تەقدىرى ئۆزگىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ… دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆزىنى قوغداپ قالمايدۇ.» (ماكياۋېلى، 1994: 94).
ماكياۋېلىنىڭ يۇقىرىدىكى بايانلىرىغا قارىغىنىمىزدا، مەنپەئەت ئۇقۇمىنى بىۋاسىتە ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرەلمەيمىز. ئۇ ئىشلەتكەن ئۇقۇم «زۆرۈرىيەت»تۇر. ماكياۋېلىنىڭ قارىشىچە، زۆرۈرىيەت ھۆكۈمدارلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، بۇرۇنقى ھۆكۈمدارلارنىڭ قىلغانلىرى ۋە پەيلاسوپلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئەخلاقىي ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزگىچە بىر ئەخلاققا ئايلاندۇرىدۇ. ئوتۇپىيەنىڭ زۆرۈرىيەت ئۇقۇمى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇشى مەنپەئەتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن لازىملىق بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارالغىنىدا، نامى رەسمىي مەنپەئەت دەپ ئاتالمىغان زۆرۈرىيەت ھۆكۈمدارلارنى توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلەيدۇ، دېگەن گەپ. شۇڭلاشقا، ماكياۋېلى مەنپەئەت ئۇقۇمىنىڭ تەشەببۇسچىسى بولۇپ، قانداقتۇر ئىجادچىسى ئەمەس (مەنسفىلد، 1995، فورد: 1995).

مەنپەئەتتىن مىللىي (ئۇلۇس)مەنپەئەتىگە قاراپ

مەنپەئەت ئۇقۇمىنىڭ ئالدىغا «مىللىي» (ئۇلۇس) ئىبارىسىنىڭ قوشۇلۇپ كۈنىمىزدىكى مەنىسىگە ئىگە بولۇشى مىللىي دۆلەت ئاپىرىدە بولۇشقا باشلىغان يىللارغا توغرا كېلىدۇ. لېكىن بۇ ئۆزگىرىشتىن بۇرۇن، 11-13-ئەسىرلەردە، ياۋروپادا ھاكىمىيەت سۈرگەن «رېسبوبلىك خىرىستىيان»نىڭ ئورنىغا، ئاستا-ئاستا مىللىي (ئۇلۇس) بولمىغان ھاكىم مۇتلەق مونارخىيەلىك «مودېرىن» مۇستەقىل دۆلەتلەر دەسسەشكە باشلىدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىدا يەنى 16-ئەسىردە پۈتكۈل ياۋروپا مىقياسىدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھېسابلىنىدىغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر شەكىللىنىشكە باشلىدى، بۇ ئەسىردە فېئودالىزمنىڭ يەرلىك ۋە نىسپىي خاراكتېرىگە ئىگە بولغان مەنپەئەتلىرى ئاجىزلاپ «ئورتاق مەنپەئەت» پەيدا بولدى، بۇ يەردىكى «ئورتاق مەنپەئەت»كۈنىمىزدىكى «دۆلەت ۋە ئامما مەنپەئەتى»دېگەن ئۇقۇمغا توغرا كېلىدۇ (فىلپوت، 2000: 210).
مۇشۇ يەردە مىللەت ۋە مىللىي (ئۇلۇس) دۆلەت ئۇقۇملىرى ئۈستىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىرقى زامان مىللىي دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇشى توغرۇلۇق نۇرغۇن تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى. بۇ تەتقىقاتلاردا ھازىرقى زامان مىللىي دۆلەت ئۇقۇمى پەرقلىق قاراش ۋە مېتودلار نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىندى، لېكىن مىللىي دۆلەت ئۈستىدە ئىزدەنگەن نەزىرىيەچىلەر مىللەتنىڭ مەلۇم شارائىت ئاستىدا شەكىللەنگەن بىر ئىجتىمائىي گەۋدە ئىكەنلىكى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشتى. ئوخشىمىغان نەزەرىيەلەر، مېتودلار ۋە مۇنازىرىلەر مۇشۇنداق مۇرەككەپ شارائىتلاردا پەيدا بولىدۇ. بۇ شەرت-شارائىتلارنى ئىممانۇئېل ۋاللېرستېيىنغا ئوخشاش ئىقتىسادى نۇقتىدىن ئىزاھلىغان نوپۇزلۇق نەزىرىيەچىلەر بولغىنىدەك، بارتسقا ئوخشاش سىياسىي ئانالىزچىلار ياكى بېندېك ئاندېرسون ۋە ئېرنېست گېللنېرگە ئوخشاش شەخسلەر مەسىلىنى سانائەت جەمئىيىتى ياكى تەبىئىي بولمىغان توقۇلما توپلۇقلار ۋەياكى جامائەتنى چىقىش قىلغان ھالدا ئىزاھلاشتى.
بارلىق نەزىرىيەچىلەر ۋە ئانالىزچىلار بىردەك ھالدا شۇنى قوبۇل قىلىشتى: مىللەتچىلىك، مىللەت ۋە مىللىي (ئۇلۇس) دۆلەت غەرب دۇنياسىدا 18-ئەسىردە ئاپىرىدە بولدى (كېدورې، 1960). ئا.د. سىمىس (1999: 10) مۇنداق دەيدۇ: «بىر-بىرىگە بېقىندى ھالەتتىكى يېڭىچە بىر سىياسىي گەۋدە، راتسىيونال دۆلەت، يېڭىچە ئىجتىمائىي توپلۇق شەكلى، تېررىتورىيەلىك مىللەت تۇنجى بولۇپ غەربتە پەيدا بولدى. 18-ئەسىردە پەيدا بولغان بۇ ئۆزگىچە ۋە يېڭى قۇرۇلما ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلقلەرنى جەلپ قىلدى ۋە تېز سۈرئەتتە تارقالدى (تىللى، 1995).
18-ئەسىردە مىللەت ۋە مىللىي (ئۇلۇس) دۆلەت قۇدرەت تېپىپ، مىللەتچىلىك ئىدېئولوگىيە تۈسىگە ئايلانغان بولسىمۇ، «مىللەت»دېيىلىدىغان بىر ھېس-تۇيغۇ ياكى چۈشەنچە بىرلىكى 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پەيدا بولغان. شۇڭا ماكياۋېلى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ چۈشەنچىلىرىنىڭ مۇھىملىقىغىمۇ دەل «مىللەت ھېسسىياتى » سەۋەب بولغان. بۇ شەخسلەرنىڭ ئىدىيەلىرى، ئالدىدا مىللەت ياكى مىللىي سۈپىتى بولغانلا ھادىسە ۋە ئۇقۇملارنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولغان. سىمىس (1999: 137-138) مىللىي دۆلەت پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى، 16-17-ئەسىرلەردە «مىللىي خاراكتېر» ۋە «مىللىي ئەقىل» دېگەندەك ئۇقۇملارنىڭ ئىشلىتىلىپ،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ جەلپ قىلارلىق ھالغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمىمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان ئۇقۇملار بىلەن بىرلىكتە 18-ئەسىردىن باشلاپ كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. 18-ئەسىردىن ئىلگىرىمۇ مەنپەئەت ئۇقۇمى ئىشلىتىلەتتى، لېكىن مىللىي مەنپەئەت ئورنىغا «ھۆكۈمدارنىڭ مەنپەئەتى»، «خاندانلىقنىڭ مەنپەئەتلىرى»گە ئوخشاش پەرقلىق ئۇقۇملار قوللىنىلاتتى (فىرانك، 1970: 20). دەرۋەقە، چارلېس بېرد مەنپەئەت ئۇقۇمىنى ھازىرقى زاماندىكى مەنىسى ۋە رېئالىستىك قاراش نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىدۇ، ئۇ «مىللىي غۇرۇر»، «دۆلەت ۋە ئامما مەنپەئەتى» ۋە «ئومۇمىي مەنپەئەت» دېگەندەك ئۇقۇملارنىڭمۇ مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمى بىلەن بىرلىكتە 18-ئەسىردە پەيدا بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ دەۋردە خەلقنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەرگە كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشى نەتىجىسىدە مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمى پۈتكۈل مىللەتكە ئالاقىدار مەنىگە ئىگە بولۇشقا باشلىغانىدى (ئۇزگەل، 2004: 55).
بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ قويۇش زۆرۈركى، 15-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە بولغان مەزگىللەردە شەكىللەنگەن مىللىي دۆلەت ئەمەلىيەتتە بىيۇروكراتىك دۆلەتتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. بۇ 300 يىللىق جەرياندا شەكىللەنگەن مىللىي دۆلەتتە ئاساسلىقى كەسپىي ھەربىي كۈچ، بۇرۇنقى تۈزۈمنىڭ قالدۇقلىرى بولغان ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى چىقىپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن بۇرژۇئازىيە سىنىپى، بۇ سىنىپ بىلەن ئىتتىپاقلاشقان ئوقۇمۇشلۇق زىيالىي قاتلاملار ئورۇن ئالدى. بۇ قاتلاملارنىڭ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي، مەدەنىيەت ۋە پەن-مائارىپ ساھەلىرىدىكى زور ئىنقىلاب، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىر پۈتۈن خەلقنى ئاساس قىلغان مائارىپ ۋە مەجبۇرىي ئەسكەرلىك تۈزۈمى تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن سېكۇلارلىشىش ھادىسىسى مىللىي دۆلەتنى ياراتتى. بۇنچىۋالا غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ تېگىدىكى مەنتىق بولسا دۆلەتنىڭ پارچىلانمايدىغان قۇرۇلما بولۇشى ئىدى. بۇ ئەھۋال پۈتكۈل پۇقرالارنىڭ بىر قېلىپتا ئوخشاش بولۇشىنى تەقەززا قىلاتتى. قىسقىسى، پۇقرالىق دەل مىللەتنىڭ ئۆزى ئىدى.
ماكياۋېلىدىن ئىلھام ئالغان تراجانو بوككالىن (1556-1613 ۋە گىيوۋاننى بوتېرو (1540-1617) مەنپەئەت ئۇقۇمى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن مۇتەپەككۇرلاردىن بولۇپ، بوتېرو 1589-يىلى نەشر قىلدۇرغان «دېللا راگىن دى ستاتو» ناملىق كىتابىدا، ماكياۋېلىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى دۆلەتنى خۇسۇسىيلىكتىن يەنى ھۆكۈمدارلار ياكى پادىشاھلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلكى بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇپ مۇستەقىل ۋە ئۆز ئالدىغا ئىمتىياز ۋە مەنپەئەتلىرى بولغان سىياسىي قۇرۇلما ئەندىزىسى بولۇشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ « راگىن دى ستاتو » (ھۆكۈمەتنىڭ ھېكمىتى) ئۇقۇمىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمدارلارنىڭ قارارلىرىدا مەنپەئەت ئاساسلىق رول ئوينىشى كېرەك.
ئوخشاشلا بوككالىنمۇ ماكېياۋېلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، مەنپەئەت ئۇقۇمىنى بىۋاسىتە ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمدارلار زالىم ياكى رەھىمدىل بولۇشتىن قەتئىينەزەر، مەنپەئەت ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ھەققى زالىم نەرسە دەل مەنپەئەتنىڭ ئۆزىدۇر. بوككالىن مەنپەئەتنى ماكياۋېلىغا ئوخشاشلا تەرىپلەيدۇ. ئۇ زالىم ياكى زومىگەر دېگەن ئۇقۇم سەلبىي مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولغاچقا، زالىمنىڭ ئورنىغا مەنپەئەت ئۇقۇمىنى ئىشلەتكەن بولسا كېرەك. مەنپەئەت زالىم بولسۇن ياكى بولمىسۇن ھۆكۈمدارلارنىڭ قارارلىرى ياكى سىياسەتلىرىدە ئەڭ ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ قارار چىقىرىدىغان ھۆكۈمدارلار تەبىئىي ھالدا زالىم دېگەن بۇ تامغىدىن قۇتۇلىدۇ، ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاندا ھۆكۈمدارنىڭ قارارلىرى ۋە سىياسەتلىرى ھەقلىق ۋە قانۇنلۇق تۈسكە ئىگە بولغان بولىدۇ.
بۇ دەۋردە يەنە مەنپەئەت ئۇقۇمىنىڭ خاراكتېرى، فۇنكسىيەسى ۋە تەسىرلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئانالىز ئېلىپ بارغان كىشى دۈك ھېنرى دې روھاندۇر (1579-1638). ئۇ 1638-يىلى يازغان كىتابىدا مەنپەئەت ئۇقۇمى ئۈستىدە توختىلىدۇ، بۇ ئەسەر مەنپەئەت ئۇقۇمى ھازىرقى زامان خەلقئارا سىياسەت ساھەسىدە تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن ئەسەر بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە (كىلىنتون، 1994:7).
روھان مۇنداق دەيدۇ: «بىزدە زور ئەندىشىلەر پەيدا قىلغان قالايمىقان ئارزۇ-ئىستەكلەر ۋە باتىل چۈشەنچىلەرنىڭ رەقىبى بولغان كۈچ، نوقۇل ئەقىل تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان مەنپەئەتلىرىمىزدۇر.»
روھان ۋە كىتابى ئۈستىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى، روھان ئەينى ۋاقىتتا كىتابىنى سوۋغا قىلغان كاردىنال رىچېلىيۇنىڭ قانداق كىشى ھەققىدە توختىلىش تولىمۇ مۇھىمدۇر. ئەينى دەۋردە فىرانسىيەدە ھازىرقى مەنىدىكى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن رىچېلىيۇنىڭ قارىشىچە، فىرانسىيەنى ھەققى مەنىدە مۇستەقىل ۋە تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق سەۋىيەسىگە ئىگە قىلىش چۈشەنچىسى، ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتنىڭ ئاساسلىق دەستۇرى بولۇش كېرەك. شۇڭا ئۇ خاننى فىرانسىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى رەقىبلىرى ئالدىدا كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، فىرانسىيە سىياسىتىنى مۇشۇنى چۆرىدىگەن ھالدا شەكىللەندۈرگەن. بەزى تارىخچىلار رىچېلىيۇنىڭ سىياسەتلىرى تۈپەيلى ئۇنى فىرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان شارائىتلارنىڭ باش جاۋابكارى، خەلقئارا سىياسەتنىڭ ئىدېئالىزمدىن يىراقلىشىشى ۋە ياۋروپادىكى ئالەمشۇمۇل ئېقىملارنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبچىسى، شۇنداقلا رەھىمسىز رېئالىزمنىڭ بەرپاچىسى دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزلارنى چۈشەنسەك، كۈنىمىزدىكى خەلقئارا سىياسەتنىمۇ تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنەلەيمىز (ۋايت ۋە پارتېر، 1991: 122).
ھېنرې دې روھان ياشىغان دەۋر ۋە مۇناسىۋەتلەر تورىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، خىرىستىيانلىق يەنى پاپالىقنىڭ دۆلەت ۋە خەلق ئۈستىدىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلاشقا باشلىغانلىقى ۋە سېكۇلار دۆلەت چۈشەنچىسىنىڭ بارغانچە ئومۇملاشقانلىقىنى بايقايمىز. دىننىڭ تەرغىباتلىرى ۋە نوپۇزى سۇسلىشىۋاتقان، سىرتتىن كېلىدىغان بېسىم ئاجىزلىشىۋاتقان ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ پۇقرالىق ئېڭىمۇ كۈچىيىۋاتقان بۇ دەۋردە، روھان مەنپەئەتنىڭ دۆلەتتىكى تەسىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ يەنە ئەينى دەۋردىكى دۆلەت تۈزۈمىنى ئانالىز قىلىپ، قۇدرەتلىك كۈچلەر ياكى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى تەرىپلەپ چىقىدۇ. ئۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا، ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ ياكى مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا ھۆكۈمدارلارنىڭ دۆلەتنىڭ ھەقىقىي مەنپەئەتىنى ئەمەس ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەت ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئەلا بىلىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ. روھان خاندانلىقلار ۋە خانىدانلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شەكلىنى ئۆزگىچە نۇقتىدىن ئانالىز قىلىپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئۆزگىچە قارىشى بويىچە بولغاندا، «خان ۋە خاننىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئاساس قىلىدىغان خانلىقنىڭ كۈچىنى قانداشلىق ئەمەس مەنپەئەتلەر بەلگىلەيدۇ» (نەقىل قىلغۇچى: كىراتوچۋىل، 1982: 12. كىلىتون، 1994:8).

ۋېستفالىيا، ھوببېس ۋە مەنپەئەت

روھاننىڭ مۇشۇنداق خۇلاسىگە كېلىشىدە ئەلۋەتتە ئۇ ياشىغان سىياسىي مۇھىت مۇھىم رول ئوينىغان. ئەينى دەۋردە ياۋروپا قىتئەسىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتىغا 1618-يىلىدىن 1648-يىلىغىچە داۋاملاشقان مەشھۇر «30 يىل ئۇرۇشلىرى» زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ قانلىق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھاسىل قىلىنغان ۋېستفالىيە كېلىشىمى تۈرتكىسىدە، ياۋروپادا ھازىرقى زامان دۆلەتلەر تۈزۈمىنىڭ ئۇلى سېلىنىپ مىللىي دۆلەتنىڭ بەرپا بولۇشىغا شارائىت ھازىرلانغانىدى (مورگېنتاۋ، 1985: 328).
ۋېستفالىيە كېلىشىمى مۇقەددەسلىك ۋە تەڭرى چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلغان دىنى تۈسلۈك دۆلەت قۇرۇلمىسىدىن سېكۇلار، ئوبيېكتىپ ۋە مىللىي مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدىغان، راتسىيونال مودېرىن مىللىي دۆلەتكە ئۆتۈشتە بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ۋېستفالىيە كېلىشىمى بىلەن زېمىن ۋە ئىقتىسادنى ئاساس قىلىدىغان سىياسىي ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى قۇرۇلغان بولدى. بۇ يەردىكى زېمىن ئۇقۇمى بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى نوقۇل جۇغراپىيەلىك مەنىگە ئىگە زېمىن ئۇقۇمىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، كۈچلۈك سىياسىي مەنىگە ئىگىدۇر. دۆلەت تېررىتورىيەسى ئىچىدە دۆلەتتىن باشقا ھەر قانداق بىر تاشقى كۈچنىڭ ھۆكۈمرانلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ، بۇنىڭغا دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى دېيىلىدۇ. ۋېستفالىيەدىن كېيىن ياۋروپا «ئۆز قانۇنلىرى بويىچە ئىش تۇتىدىغان، ئۆز سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتلىرىنى ئاساس قىلىدىغان، ئەركىن ۋە ئىختىيارى ھالدا ئۆزگىلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشالايدىغان، بەزى چاغلاردا ئۇرۇش ۋە تىنچلىقتىن بىرىنى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى قائىدىسىگە ئاساسەن تاللىيالايدىغان، ئۆزگە دۆلەتلەرگە ئەلچى ئەۋەتىدىغان شۇنداقلا ئۆزگە دۆلەتلەردىنمۇ ئەلچى قوبۇل قىلىدىغان مۇستەقىل ۋە ئەركىن دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان قىتئەگە ئايلاندى» (ساندېر 1994: 74).
مەنپەئەت ئۇقۇمى 17 –ۋە 18-ئەسىرلەردە مەنە جەھەتتىن تېز ئۆزگىرىپ كۈنىمىزدىكى مەنىسىنى ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ مەزگىللەردىكى ئىدىيە ۋە سىياسىي ساھەلەردە مۇنازىرىلەرنىڭ باش تېمىسى بولغانىدى. ھەتتا مەنپەئەت ئۇقۇمى نوقۇل سىياسەتتىلا كەڭ ئىشلىتىلىپ قالماستىن، بەلكى ئىنساننىڭ «يېڭى ئاشكارىلانغان» تەبىئىتىنى ئىزاھلاشتىمۇ ھالقىلىق رول ئويناشقا باشلىدى. مەنپەئەت ئۇقۇمى ھۆكۈمدارلارنىڭ مەنپەئەتلىرى بولۇشتىن ھالقىپ، ئالەمشۇمۇل سىياسىي قائىدە سۈپىتىدە دۆلەتلەرنىڭ نىشانى ياكى ھەرىكەت شەكلىنى ئىزاھلاشتا مۇراجىئەت قىلىنىدىغان دەستۇرغا ئايلاندى، توماس ھوببېس (1588-1679) دەل بۇنىڭ باشلامچىسى بولدى.
ئەنگلىيەدە ئىچكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان بوھرانلارنى باشتىن كەچۈرگەن تومماس ھوببېس قاتارلىق مۇتەپەككۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا مەۋجۇت تۈزۈم، نەزەرىيەۋى جەھەتتىن سىياسىي تۈسكە ئىگە بولىدۇ ۋە ئادالەت ئۇقۇمىنى سىياسىي نەزەرىيەسىنىڭ مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ھوببېس ئەنگلىيەدىكى بۇ قالايمىقان ۋەزىيەت بولۇپمۇ ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىدۇ. ئۇ ئاخىرى بىر چارە ئويلاپ چىقىدۇ، ئۇنىڭچە بولغاندا بوھراندىن قۇتۇلۇشنىڭ يېگانە چارىسى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرلا كۈچكە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى مۇتلەق مونارخىيەنى ھۆكۈمران قىلىشتۇر (ئاغائوغۇللىرى ۋە كۆكەر، 2000: 149).
ھوببېسنىڭ جەمئىيەت پەلسەپىسى مۇقەددەس ھەق-ھوقۇق چۈشەنچىسىنى ئەمەس ئەخلاقىي ۋە سىياسىي زۆرۈرىيەتنى ئاساس قىلىدىغان سېكۇلار چۈشەنچىنى ئاساس قىلىدۇ. ھوببېسنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكىتى ۋە پائالىيىتى ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. بۇ ئەھۋالدا مەنپەئەت ئاساسلىق رول ئوينايدۇ، جەمئىيەت شەخسلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ۋاسىتە بولۇپ، ھەممىدىن مۇھىم بولغان مەنپەئەت بىخەتەرلىكتۇر. بىخەتەرلىك ئارزۇسى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجىدۇر. توماس ھوببېسنىڭ پەلسەپىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق چۈشەنچە دەل مۇشۇ ئىدى.
«تەبىئىي ئەھۋال»دېگەن نەزەرىيە بىلەن مەشھۇر بولغان ھوببېسنىڭ قارىشىچە، جەمئىيەت ۋە دۆلەت پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى ھەممىدىن بەك بىخەتەرلىككە ئېھتىياج ھېس قىلىدىغان ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۆزگىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىستىكى بىلەن تولۇپ تاشقان ئىنسانلاردىن تەشكىل تاپقان ئىنسان توپلۇقى بار ئىدى. بۇ خىلدىكى ئىنسان توپلۇقى ياكى تەبىئىي ھالەتتىكى ئىنسانلار «ئىنسان ئىنساننىڭ بۆرىسىدۇر»دېگەن قانۇنىيەت دائىرىسىدە ھېچ بولمىغاندا بىر-بىرلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئىگە تەڭ-باراۋەر ئورۇندا ئىدى. شۇغىنىسى، تەڭ-باراۋەرلىك مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا باراۋەرسىزلىك مەنىسىنىمۇ بىلدۈرەتتى، دەل مۇشۇ قائىدە ياكى ئەھۋال ئىنسانلار ئىچىدە ۋەھىمە ۋە خەۋپ پەيدا قىلغان ئاساسلىق سەۋەب ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار «تەبىئەت قانۇنىيىتى»گە ماسلىشىپ «تەبىئىي ئەھۋال»دىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىدۇ. ھوببېس كۆزدە تۇتقان تەبىئەت قانۇنىيىتى راتسىيونال (ئەقلىي) بولغان ۋە ئىنسانغا زىيانلىق نەرسىلەرنى چەكلەيدىغان ئومۇمىي قائىدە-پىرىنسىپلارنى كۆرسىتىدۇ (ئاغائوغۇللىرى ۋە كۆكەر، 2000: 175-187).
ھوببېسنىڭ قارىشىنى خۇلاسىلەيدىغان بولساق، ئىنسانلار تەبىئىي ئەھۋالدىكى چاغدا تەڭ-باراۋەر ، لېكىن ۋەھىمە ۋە خەۋپ ئىچىدە ياشايدۇ. شۇڭا ئىنسانلار ئەقىلنىڭ تەقەززاسى بويىچە تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ماسلىشىپ بۇ ۋەھىمىلىك ۋە خەۋپلىك مۇھىتتىن قۇتۇلۇشنى ئىرادە قىلدى ۋە جەمئىيەت ئەھدىنامىسى تۈزۈپ چىقىپ دۆلەت دېگەن قۇرۇلمىنى روياپقا چىقىرىشتى. دۆلەتنىڭ روياپقا چىقىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان نەرسە جەمئىيەت ئەھدىنامىسى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شەخسلەر بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى بىرلا ھۆكۈمدارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، ئىنسانلار مۇشۇنداق قىلغاندىلا مەدەنىي جەمئىيەتكە ئايلىنىدۇ. جەمئىيەت ئەھدىنامىسىنىڭ مەقسىتى، خەلقنىڭ جان ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت (ئاغائوغۇللىرى ۋە كۆكەر، 2000: 188). شۇڭلاشقا مۇتلەق ھۆكۈمدارلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق يەنى شەخسلەرنىڭ بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھۆكۈمدارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى تۈرتكىسىدە قالايمىقانچىلىق تۈگىشى كېرەك، ھۆكۈمدار قاتتىق قوللۇق قىلىپ بولسىمۇ خەلقىنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇشى شەرت، بۇ زۆرۈر قائىدىدۇر. ھۆكۈمدارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى بولسا خەلقىنىڭ جان بىخەتەرلىكىنى قوغداشتۇر (جاكسون ۋە سورېنسېن، 1999: 73).
ھوببېسنىڭ نەزەرىيەسىدىن جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋەت شەكىللىرىدىن باشقا دۆلەتلەرئارا مۇناسىۋەتلەرنى ئىزاھلاش ئۈچۈنمۇ پايدىلىنىشقا بولىدۇ. تەبىئەت قانۇنىدىن باشقا، بارلىق دۆلەتلەرنى تولۇق مەنىدە مۇستەقىللىققا ئىگە قىلىدىغان ھەر قانداق بىر خەلقئارا قانۇن ياكى تۈزۈم يوق. تۈزۈم كېلىشىمگە تايىنىدىغان بولسىمۇ ماھىيەت جەھەتتىن نىزامسىزدۇر. شۇڭلاشقا، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە مۇناسىۋەت شەكىللىرىنى ئىزاھلاشتا ئىشقا يارايدىغان «تەبىئىي ئەھۋال» چۈشەنچىسى دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىزاھلاشتىمۇ ئىشقا يارايدۇ (رۇسسېل، 1990). مەسىلەن، دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە تۈزۈمدە ئوينايدىغان روللىرى جەمئىيەتتىكى شەخسلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى سېلىشتۇرۇلغان ئاساستا ئانالىز قىلىنسا بولىدۇ. شەخسلەر جەمئىيەتتە ئۆز مەنپەئەتىگە قانداق ئەھمىيەت بېرىدىغان بولسا ياكى مەنپەئەتىگە مەھكەم يېپىشقان بولسا، دۆلەتلەرمۇ مۇستەقىل قارار چىقارغۇچىلار بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا تۈزۈمدە ئۆز مەنپەئەتىگە ئاساسەن ئىش تۇتىدۇ. شەخسلەر بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەنپەئەتىنى قانداق قوغدايدىغان بولسا، دۆلەتلەرمۇ ئوخشاشلا بىخەتەرلىك ۋە بۇنىڭغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىخەتەرلىك ۋە ئۇنىڭ قوشكېزىكى بولغان مۇستەقىللىق زور ئەھمىيەتكە ئىگە مەنپەئەت ھېسابلىنىدۇ. ھوببېس شەخسىي ۋە دۆلەت مەنپەئەتى ھەققىدە نەزەرىيە ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، مىللىي مەنپەئەتنىڭ نەزەرىيەلىشىدىمۇ ئاساسلىق رول ئوينىغان نوپۇزلۇق شەخسلەردىن بىرىدۇر.
1648-يىلدىكى ۋېستفالىيە كېلىشىمىدىن 1815-يىلدىكى ۋىيېننا قۇرۇلتىيىغىچە بولغان مەزگىللەردە ياۋروپادا بۇنىڭغا ئوخشاش چۈشەنچىلەردىن سىرت مىللىي دۆلەت، كۈچ ۋە كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا ئوخشاش ئۇقۇملار ئۈستىدە كەسكىن مۇنازىرە بولدى. تېز سۈرئەتتە گۈللەنگەن سودا، بۇرژۇئازىيە ۋە 1789-يىلدىكى فىرانسىيە ئىنقىلابى تۈرتكىسىدە كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان مىللەت (ئۇلۇس) ئۇقۇمىنى ئاساس قىلغان سىياسەتلەر بىلەن بىرلىكتە، مەنپەئەت ئۇقۇمىمۇ سىياسەت سەھنىسىدە مۇھىم ئۇقۇملاردىن بىرىگە ئايلاندى. مىللىي (ئۇلۇس) دۆلەت، مىللىي ئارمىيە ۋە مىللەتچىلىك ئۇقۇملىرى بىلەن بىرلىكتە، بىرلا كىشى (پادىشاھ)نىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ ئورنىغا يېڭى ئۇقۇم سۈپىتىدە مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى (كىلىنتون، 1994: 8).

مەرىپەت ئويغىنىش دەۋرى، ياۋروپانىڭ مۇرەسسەلىشىشى ۋە مەنپەئەت

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەرگە مەرىپەت ئويغىنىش دەۋرى دەپ ئاتىلىدىغان ئىدىيە ھەرىكىتى زېمىن تەييارلىدى. مەرىپەت ئويغىنىش دەۋرىدە راتسىيونالىزم بىلەن ئەقىلگە زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلدى، تەبىئىي پەن ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور ئۇتۇقلارغا ئەگىشىپ، دۆلەت ئەربابلىرى ۋە سىياسىي مۇتەپەككۇرلار تەڭ-باراۋەر ۋە نىزام ئىچىدىكى سىياسىي دۇنيادا مەنپەئەتلەرنى مۇۋاپىق يوسۇندا تەڭشەپ ئەقلىي بولغان ھەرىكەت شەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويۇش مەسىلىسىدە كەسكىن مۇنازىرە قىلىشتى. نەتىجىدە، ئۆزگە دۆلەتلەرنىڭمۇ مەنپەئەتلىرى بولىدىغانلىقى، بىر دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى بولۇشىنىڭ ناھايىتى ئەقەللىي ئىش ئىكەنلىكى، ئۆز-ئارا مەنپەئەتكە تايىنىدىغان مۇناسىۋەت ئورنىتىپ مۇرەسسە قىلىشنىڭ تامامەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا ئوخشاش يېڭى ۋە ئۆزگىچە بىر خاھىش ۋە قاراش شەكىللىنىشكە باشلىدى (ھوف، 1995).
مىللىي (ئۇلۇس) مەنپەئەت ئۇقۇمى بۇ دەۋردە ھەم دۆلەت ئەربابلىرى ھەمدە دىپلوماتىيە نەزەرىيەچىلىرى تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلدى. پىرۇسسىيە پادىشاھى بۈيۈك فرېدېرىك (1712-1786) بىلەن ئامېرىكىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ نام-شەرىپلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. 1740-1786-يىللىرىدا پىرۇسسىيە پادىشاھى بولغان 2.فرېدېرىك پىرۇسسىيەنى نېمىس ئىتتىپاقى شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرغان شەخس بولغانلىقى ئۈچۈن، بۈيۈك دېگەن نامغا نائىل بولغان. فرېدېرىكنىڭ قارىشىچە، مىللىي مەنپەئەت دېگەنلىك دۆلەتنى باشقۇرىدىغان ھۆكۈمدارنىڭ مەنپەئەتى دېگەنلىكتۇر، فرېدېرىك ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى مۇقەددەسلىك ۋە دىنى تۈسكە ئىگە قىلغانىدى. لېكىن فرېدېرىك مىللىي (ئۇلۇس) مەنپەئەت بىلەن ھۆكۈمدارنىڭ مەنپەئەتنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلسىمۇ، بۇرۇنقى ھۆكۈمدارلاردەك ھۆكۈمدارنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا دېگەن چۈشەنچىگە قارشى ئىدى. فرېدېرىك ئۆزىنى خەلقنىڭ چاكىرى دەپ قاراپ، خەلق ۋە دۆلەتنىڭلا مەنپەئەتىنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بۇ قارىشى دانا ۋە ئىلىملىك لىدېرلارنىڭ خاھىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، رېئالىستىك نەزەرىيە ئېقىمىنىڭ «ھۆكۈمەتنىڭ ھېكمىتى» دېگەن قارىشى بىلەن ئوخشاش. فرېدېرىك يەنە تۇكىدىدېسقا ئوخشاش، بىر تۈزۈمدە لىدېر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كۈچلەرنىڭ تۈزۈمنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئۆز مەنپەئەتىنىڭ دائىرىسىنى تولۇق شەرھىيلەپ چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ (كىلىنتون ، 1994: 11).
بۇ دەۋردە يەنە، ياۋروپادىن مۇستەقىل ھالدا يېڭى تۈزۈم بەرپا قىلىش كويىدا يۈرگەن ئامېرىكىنى قۇرۇپ چىققان دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمىغا پات-پات مۇراجىئەت قىلىپ تۇرغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ ( روسېنىيو، 1986: 34). بۇ شەخسلەر ياۋروپادىن مۇستەقىل ھالدا يېڭى تۈزۈم بەرپا قىلىشنىڭ كويىدا يۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ياۋروپانىڭ تۈزۈم ۋە قىممەت قاراشلىرىدىن خالىي بولالمىغان. مەنپەئەت ئۇقۇمىمۇ ياۋروپادا كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلىپلا قالماستىن، يەنە ئامېرىكىنىڭ كۈنتەرتىپىدىمۇ ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. ئامېرىكا ئىنقىلابىدا ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قوماندانى جورج ۋاشىنگتوننىڭ 1778-يىلى بەرگەن تۆۋەندىكى باياناتى بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ: ئىنسانىيەت تارىخىدىن باشقا، ئىنسان تەبىئىتىگە دائىر ناھايىتى ئاز بولغان بىر ئۇچۇرمۇ بىزنى مەنپەئەتنىڭ ئىنسانىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان ئاساسلىق پىرىنسىپ ئىكەنلىكىگە ئاسانلا قايىل قىلىۋېتىدۇ. ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ئىنسان ئاز تولا بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئاممىۋى ئەخلاق دىنامىكلىرى مەلۇم بىر پەيت ياكى مەلۇم بىر ئەھۋالدا ئىنساننى بىرتەرەپ ھالدا قوزغىتالىشى مۇمكىن. لېكىن ئاممىۋى ئەخلاق دىنامىكلىرى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتلەرنىڭ بېسىملىرى ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى قوغدىيالايدىغان گارمونىك مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن شەخسىي مەنپەئەتلەر ياكى ئىمتىيازلاردىن داۋاملىق پايدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئىنسان تەبىئىتىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى تەشەببۇس قىلىش تولىمۇ بىمەنىلىكتۇر. ھەر دەۋر ۋە قەۋملەرنىڭ تەجرىبىلىرى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، بىز بۇنىڭ تەتۈرىسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىپ چىقىشقا مەجبۇرمىز. توغرىلىق ئېھتىمالى بولغان دەستۇرلارنى ئاساس قىلمىغان بىرمۇ ئورگان نەتىجە يارىتالمايدۇ (كىلىنتون، 1994: 12، تومپسون، 1992: 86).
ئەينى دەۋردىكى ئامېرىكىلىق بۇ لىدېرلارنىڭ دېگەنلىرىگە قارايدىغان بولساق، شەخسلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى بولغىنىدەك دۆلەتلەرنىڭمۇ بار، شەخسلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۆز-ئارا رىقابەت ئىچىدە بولغىنىدەك، دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىمۇ مۇرەسسەلىشىپ بولغۇچە رىقابەت ئىچىدە بولىدۇ. بۇ ناھايىتى تەبىئىي ئەھۋال بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئەمەلىيەتتە ياۋروپادىكى رەقىبلىرى بىلەن بۇ جەھەتتە ئوخشاش ئويلىغان. ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغىنى، مەنپەئەتلەرنى شەخسىي ئارزۇ-ئىستەكلەرنىڭ كىشەنلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ باراۋەر ۋە ئورتاق ھالدا بۆلۈشۈلىدىغان قىممەتلەرگە ئايلاندۇرۇش ئىدى. ئامېرىكىدا ياۋروپادىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە بىر قۇرۇلما بەرپا قىلىش، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەر ئورۇن ئالغان تۈزۈمنىڭ نەزىرىدىكى مەنپەئەت ئۇقۇمىنى دەستۇر قىلىدىغان بىر قۇرۇلما ۋە خەلقئارا تۈزۈم بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىندى.
ياۋروپادا بولسا 1795-1815 –يىللىرىدىكى ناپالېئون ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن 1815-يىلى چاقىرىلغان ۋىيېننا قۇرۇلتىيىدا ياۋروپانى بوھرانغا ئىتتىرىۋاتقان ئۇرۇشلارغا قانداق خاتىمە بېرىش ۋە مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىنى قانداق قىلغاندا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر كېڭەش قىلىندى، نەتىجىدە قۇرۇلتاي ئاخىرىدا بۇ توقۇنۇشلارغا ئۇرۇش ئارقىلىق ئەمەس دىپلوماتىك مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق خاتىمە بەرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى. بۇ ئەھۋال مىللىي (ئۇلۇس) مەنپەئەتى ئۇقۇمىغا يېڭىچە تۈس ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ۋىيېننا قۇرۇلتىيى تۈرتكىسىدە ئورنىتىلغان ۋە «ياۋروپانىڭ مۇرەسسەلىشىشى»دە مۇھىم رول ئوينىغان يېڭى تۈزۈمدە، «ھېچقانداق بىر قۇدرەتلىك دۆلەت ئۆزگە دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە تەھدىت سالالمايدۇ»دېگەن پىرىنسىپ بېكىتىلدى. ھەر قانداق بىر كۈچ (دۆلەت) ئۆزگە دۆلەتلەر نۇقتىسىدىن ئىشەنچلىك بولۇشى كېرەك، يەنى خەۋپ ئېلىپ كەلمەسلىكى لازىم. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈم ئىچىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق توقۇنۇشلار ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە چۈشۈرۈلۈشى كېرەك. دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ مەسىلىلىرىنى (مەنپەئەتلەر) سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋە مۇرەسسەلىشىشكە ئوخشاش ۋاسىتىلار بىلەن ھەل قىلىش ئالدى بىلەن مۇراجىئەت قىلىنىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. ئەينى دەۋردە ياۋروپا دۆلەتلىرى جاھانگىرلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىك كەڭ ئومۇملىشىۋاتقان ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز مەنپەئەتلىرىنى رەقىبلىرىنىڭ نەزىرى تېخى چۈشمىگەن يىراق ئەللەردىن ئىزدەش يولىنى تۇتقانىدى (ۋون ۋوريس، 1990: 175).
شۇنداق قىلىپ ۋىيېننا قۇرۇلتىيىدىن كېيىن «مېتېرنىك دەۋرى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان دەۋردە، ياۋروپادا مەنپەئەتلىرى تامامەن بىر-بىرىگە زىت دۆلەتلەر «مەنپەئەتلەرگە ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش»پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم مەنپەئەتلەرنى ئەمەس ئومۇمىي بىر مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەتلەرئارا تۈزۈمنى بەرپا قىلىشنى بىردەك ئوتتۇرىغا قويۇشتى. قۇرۇلۇش ئالدىدىكى يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش بولمىغان دۇنيا ئۈچۈن بۇنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى. ۋىيېننا قۇرۇلتىيىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرىنىڭ مۇقەددەس ۋە دەخلى-تەرۇزسىز بولۇشىنى تەكىتلىشى دەل مۇشۇ چۈشەنچىنىڭ مۇقەددىمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قاراش كېيىنكى دەۋرلەردىكى كۈچ ۋە مەلۇم بىر تېررىتورىيەدە قۇرۇلغان، زېمىن پۈتۈنلىكىنى ئاساس قىلىدىغان مىللىي دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەت چۈشەنچىسىنىڭمۇ ئاساسىدۇر. لېكىن بۇ تۈزۈمنىڭ بەرپاچىسى بولغان پادىشاھ مېتتېرنىكنىڭ (1773-1859) مىللەت ۋە مىللىي مەنپەئەت چۈشەنچىسى، ئۇل – ئاساسىي فىرانسىيە ئىنقىلابىغا تايانغان كۈنىمىزدىكى مىللىي دۆلەت چۈشەنچىسىدىن ئالاقىدە پەرقلىقتۇر. چۈنكى مېتتېرنىك مونارخىيە، كونسېرۋاتىپلىق، خىرىستىيان تەلىماتلىرىمۇ بولغان تۈزۈم بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغانىدى. مېتتېرنىك ۋە قوللىغۇچىلىرى «ياۋروپانىڭ مۇرەسسەلىشىشى»پىكرىنى تەرغىب قىلىدىغان بولۇپ مىللەتچىلىك، لىبېرالىزم ۋە دېموكراتىيەلىشىش چۈشەنچىلىرىگە قارشى ئىدى. مېتتېرنىڭ قارىشىنى خۇلاسىلەيدىغان بولساق، ئۇ ھەر بىر شەخس ياكى ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئايرىم خۇسۇسىي مەنپەئەتى بولۇشىغا قارشى بولۇپ، بىرلا مىللەت ياكى خەلقئارا مەنپەئەتنىڭ بولۇشى لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ قاراش بويىچە بولغاندا، بىر-بىرىدىن مۇستەقىل ۋە پەرقلىق مەنپەئەتلەر بولغان تۈزۈم نىزامسىزلىق، تىزگىنسىزلىك، مۇقىمسىزلىق، ھەتتا ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مېتتېرنىكنىڭ قارىشى بىلەن ۋىيېننا قۇرۇلتىيىدا تەشەببۇس قىلىنغان تۈزۈمنىڭ ئەڭ زور كەمچىلىكى، چوڭ دۆلەتلەرگە بېقىندى بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش ۋە مىللەتچىلىك ئېقىملىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشتۇر. ۋىيېننا تۈزۈمى ئۇزۇن مەزگىل ياۋروپادا تىنچلىقنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىدا زور رول ئوينىدى، لېكىن بۇ مەزگىللەردە ۋىيېننا تۈزۈمىنىڭ بەرپاچىلىرى ئۆلگۈدەك قورقىدىغان مىللەتچىلىك ئېقىملىرىمۇ باش كۆتۈردى. بۇ دەۋرلەردە ئىستراتېگىيە، كۈچ ۋە خاندانلىققا ئوخشاش ئامىللار مىللەت ياكى ئىقتىسادى مەنپەئەتلەردىنمۇ مۇھىم، دەپ قارىلاتتى.
بۇ دەۋردە كۈچنى مەركەزگە يىغقان سىياسىي قۇرۇلما بولغان دۆلەت ئىزچىل نوپۇزىنى كۈچەيتتى. لېكىن تېز سۈرئەتتە كېڭەيگەن مىللەتچىلىك ئېقىمى تۈرتكىسىدە مىللىي دۆلەتلەر خاندانلىقلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. ھەر دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا مەنپەئەتلىرى بولۇش ۋە بۇلارنى ئۆزگە دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلىش چۈشەنچىسى بىلەن ھەر شەخسنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغدىيالايدىغان دۆلەتكە ئىگە بولۇش ئارزۇسىنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە، مىللىي دۆلەتلەر تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش ياكى ھېچ بولمىغاندا تېخىمۇ كۆپ كۈچكە ئېرىشىش كويىغا كىرىشتى. بۇنىڭغا پىرۇسسىيە ۋە خان ئوتتو ئېدۋارد لىيوپولد ۋون بىسمارىكنى (1815-1898) مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بىسمارىك سىياسەت نەزەرىيەچىسى ماكياۋېلىنىڭ «ھۆكۈمەتنىڭ ھېكمىتى» ناملىق ئۇقۇمىدىن پىرۇسسىيەنىڭ قۇدرىتى ۋە گۈللىنىشىنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. بىسمارىك دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ياكى قانۇنىيەتنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئىكەنلىكىنى ۋە بىر دۆلەت «ھۆكۈمەتنىڭ ھېكمىتى»نى دەستۇر قىلسا غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، «دۆلەت ئەربابى ياكى ھۆكۈمدار ئەڭ دەسلەپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرى ۋە ئەمەلىي شارائىتلىرىنى تولۇق دەڭسەپ بولغاندىن كېيىن، بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىدىن بۇ ئېھتىياجلارنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ھەل قىلىنىشىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىسا، ئاندىن رېئالىستىك ۋە ئۇتۇقلۇق سىياسەتنىڭ فورمۇلاسىنى تۈزۈپ چىقالايدۇ» (نەقىل قىلغۇچى رۇسسېل، 1990: 43).
بىسمارىك قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن مەنپەئەتنىڭ دۆلەتنىڭ تەبىئىتىگە ئايلىنىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى، مېتتېرنىك دەۋردىكى سىياسىي رومانتىزمنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قۇدرەتلىك دۆلەتكە نىسبەتەن مەنپەئەتىگە توغرا كەلمەيدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىش بىھۇد ئاۋارىچىلىكتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.»
بۇ تۈزۈم 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا قاتتىق زەربە يەپ خېلىلا ھالسىرىدى. بۇ دەۋردە « سىياسەت دۆلەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىنىڭ ئىلمىدۇر» دېگەن قاراش كەڭ ئومۇملاشقانىدى. بۇ ئەھۋال بىر دۆلەت ئۆز ئالدىغا ئايرىم مۇستەقىل ياشىيالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەتلەر گەۋدىسى ياكى توپلۇقى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق كۈنىمىزدىكىگە ئوخشاش تۈزۈم ۋە مەنپەئەت چۈشەنچىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تەقەززا قىلاتتى. بۇنداق بولغاندا، دۆلەتلەر ئومۇمىي مەنپەئەتلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئاستىغا ئېلىپ تۈزۈمنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمىگەن ئاساستا ھەرىكەت قىلىدۇ (كىلىنتون، 1994: 15).

ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ پەرقلىنىشى ۋە مىللىي مەنپەئەت

1 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مىللىي مەنپەئەتنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىككى نەزەرىيەۋى قاراش ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتتى، بۇ نەزەرىيەۋى قاراشلارنىڭ بىرسى ياۋروپادا يەنە بىرسى ئامېرىكىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئىككى نەزەرىيەۋى قاراشنىڭ مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىشىمىزدە پايدىسى بولىدۇ. ياۋروپادا پەيدا بولغان نەزەرىيەۋى قاراشتا مىللىي مەنپەئەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى ئىزاھلاشتا مۇراجىئەت قىلىنىدىغان ئاساسلىق ئۇقۇم يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان «ھۆكۈمەتنىڭ ھېكمىتى» بولۇپ، بۇ ئۇقۇمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق: «مۇستەقىل دۆلەتلەر زېمىن پۈتۈنلۈك مەسىلىسىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان دىپلوماتىك ۋە سىياسىي قۇرۇلمىدۇر، سىرتتىن كېلىدىغان ھەر قانداق بېسىملارغا قارىماستىن، دىيالوگ، مۇرەسسە، ھەتتا توقۇنۇش ئارقىلىق بولسىمۇ مەنپەئەتلىرىنى ئاداققىچە قوغداش كېرەك، كۈچ بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، دۆلەتلەرئارا تۈزۈمنىڭ قوزغاتقۇچى موتورىدۇر، دۆلەت بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىي ئاپپاراتتۇر.» بۇلاردىن سىرت يەنە بىسمارىك دەۋرىدە «رېئال سىياسەت» ئۇقۇمى پەيدا بولغان بولۇپ، ياۋروپادىكى غول سىياسەت نەزەرىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. رېئال سىياسەتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋالتىز مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ھەممە نەرسە دەسلەپ ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئارقىدىن دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى تۈرتكىسىدە باشلىنىدۇ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىقسىز توقۇنۇش ۋە ئىختىلاپلار سىياسەتنى تەقەززا قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت قىلىدىغان سىياسەت، زۆرۈرىيەتلەرنى ئىنقىلاب چىققاندىن كېيىن سۈزۈكلىشىدۇ. سىياسەتنىڭ ئەڭ ئالىي غايىسى ئۇتۇقتۇر، بۇ يەردىكى ئۇتۇق دۆلەتنى قوغداش ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ (1979: 117).
رۇسسېل ياۋروپا نەزەرىيەسىدىكى «ھۆكۈمەتنىڭ ھېكمىتى» ئۇقۇمىنىڭ خەلقئارا سىياسەت نەزەرىيەسىنىڭ پەيدا بولۇپ تەرەققىي قىلىشىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى مۇنداق يەكۈنلەپ چىقىدۇ: ماكياۋېلىدىن بىسمارىكقىچە بولغان نۇرغۇن سىياسەت نەزەرىيەچىسى، مۇستەقىل ياشاپ كۆنگەن شەخسلەرنىڭ ئەخلاقىي خاھىشلىرى بىلەن جەمئىيەتنىڭ غەيرى ئەخلاقى تەبىئىتىنى بىر-بىرىدىن ئايرىيدۇ. ھەر بىر شەخس ياكى جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ياكى ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ ئىش-ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلىرىگە يول كۆرسىتىدىغان ئەخلاقىي قائىدە-پىرىنسىپ ۋە چەكلىمىلەر دۆلەتلەرئارا تۈزۈمدە كۈچ ۋە دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشتا ئىشقا يارايدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. دۆلەت دەل ئەخلاقىي كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دۆلەت ئەربابىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئەڭ ئالىي سىياسىي ئاپپارات بولغان دۆلەتنى قوغداپ قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت. بۇ دۆلەتكە نىسبەتەن ئەخلاقىي قائىدە بولۇپ، دۆلەت دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا باشقا ئەخلاقىي قائىدىلەرگە ئېھتىياجى يوق. شۇڭا دۆلەت ماھىيەت جەھەتتىن زۆرۈر نەرسە بولۇپ، ئۆز ئالدىغا ئەخلاقىي پىرىنسىپ شەكىللەندۈرەلەيدۇ، دۆلەتنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى بىر خەلقئارا تۈزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەقەززا قىلىدۇ. رۇسسېلنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا تۈزۈم چوقۇم قۇرۇلما ھالىتىدە بولۇشى كېرەك. دۆلەت باشلىقى دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ سىياسىي نىشانلىرىنى بېكىتكەندە، تاشقى ئامىللارنىڭ بېسىمىدىن خالىي بولالمايدۇ. خەلقئارا تۈزۈم ياكى قۇرۇلمىدا دۆلەتلەر بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ھەمكارلىق ئورنىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا پۇرسەت ۋە ئىمتىيازلاردىن سىرت چەكلىمىلەرنىڭ مەلۇم دەرىجىدە رولى بولىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت دائىرىسىدە دۆلەتلەرنىڭ كۈچى ۋە نوپۇزى تەبىئىي ھالدا سېلىشتۇرۇلىدۇ، بۇ يەردە كۈچ ئەڭ ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ھېكمىتى قارىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاتالغۇمۇ كۈچ ئۇقۇمى بولۇپ، كۈچنىڭ سىياسەتتىكى تەبىئىتى ۋە رولىنى چۈشىنىش ئۈچۈن كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى، مىللىي مەنپەئەت ۋە دىپلوماتىيەگە ئوخشاش ئۇقۇملارغا مۇراجىئەت قىلىنىدۇ. كۈچ ۋە بىخەتەرلىك ئۇقۇملىرى خەلقئارا سىياسەتنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىشتە تولىمۇ رول ئوينايدۇ. دۆلەتلەر ۋە سىياسەتچىلەر بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ھەقلىق، يوللۇق ۋە قانۇنلۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىدۇ. سىياسەتچىلەر دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى خىزمەت ۋە ئۇتۇقلىرىنى دىنىي، پەلسەپىۋىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي پىلان-لايىھە ۋە نىشانلار بىلەن ئىزاھلىيالايدۇ. خەلقئارا سىياسەتتە بارلىق قەدەملەر بېسىلغاندىن كېيىن ئاخىرقى ھېسابتا مۇنداق ئىككى خىل ئېھتىماللىق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، يا ئۇرۇش يا تىنچلىق. قىسقىسى، «ھۆكۈمەتنىڭ ھېكمىتى» پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان ياۋروپا نەزىرىيەسىنى مۇنداق يىغىنچاقلاش مۇمكىن: ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن نەرسە ھۆكۈمدار ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىدۇر. دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئادالەتسىز رىقابەت بولغاچقىلا سىياسەت قىلىش شەرت بولۇپ قالىدۇ. دۆلەت مەنپەئەتىگە ئەڭ مۇۋاپىق سىياسەت ئېھتىياج ۋە زۆرۈرىيەتلەرنى توغرا دەڭسەپ چىقىش بولۇپ، سىياسەتنىڭ ئەڭ ئالىي غايىسى ئۇتۇقتۇر، بۇ يەردىكى ئۇتۇق دۆلەتنى قوغداش ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ.
ئانگلو-ئامېرىكا نەزەرىيەسىدە دۆلەتنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە مۇھىملىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، ئەخلاقىي قائىدە-پىرىنسىپلار، مىللىي مەنپەئەت ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتى ئۇقۇملىرىنىڭ بىر-بىرىدىن روشەن ئايرىلماسلىقى، بۇلار ئوتتۇرىسىدا گارموننىڭ مۇناسىۋەت بارلىقى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئەخلاقىي ھەرىكەت شەكىللىرى مىللىي مەنپەئەتنى نوقۇل كۈچ ۋە كۈچ تەڭپۇڭلۇقى نۇقتىسىدىن ئىزاھلىمايدۇ.
ياۋروپا نەزەرىيەسىدە تۈزۈم دۆلەتنى مۇقەددەسلەشتۈرىدۇ، دۆلەت بىلەن چېتىشلىق بولغان ھەر قانداق ئۇقۇم ۋە ھادىسە زۆرۈرىيەت دەپ قارىلىدۇ، مەنپەئەت ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسى تار دائىرىدىلا ئىزاھلىنىدۇ. ئامېرىكا نەزەرىيەسىدە مەنپەئەت ئۇقۇمى نىسپىي بولسىمۇ مۇستەقىل مەنىگە ئىگە بولۇپ كەڭ دائىرىدە ئىزاھلىنىدۇ.
قىسقىسى، ئامېرىكا نەزەرىيەسىدە ئەخلاقىي پىرىنسىپلار نەزەرگە ئېلىنىدۇ، جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەخلاقىي قائىدىلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن مەنپەئەتلەرنىڭمۇ بىر خىللا بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنسە، ياۋروپادا مەنپەئەتنىڭ يىلتىزنىڭ بىرلا ئىكەنلىكى، مەنپەئەتنىڭ خىلمۇ-خىل بولمايدىغانلىقى، ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. بۇرۇنمۇ قەيت قىلىنغىنىدەك، بۇ «راتسىيونال، چەكلىك دائىرىدىكى مەنپەئەت 19-ئەسىردىن كېيىن يىمىرىلگەن» (كىلىنتون، 1994: 18). مەنپەئەتنىڭ يىمىرىلىشىدە ئامېرىكىنىڭ نوپۇزىنىڭ بارغانچە ئېشىپ بېرىشى مۇھىم رول ئوينىغان. روسېنانىڭ قارىشىچە، دۇنيا ئۇرۇشلىرىغا سەھنە بولغان 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمى خەلقئارا مۇناسىۋەتتە مۇراجىئەت قىلىنىدىغان غول ئۇقۇملاردىن بىرىگە ئايلانغان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۆلەتلەر تاشقى سىياسەتلىرىنى بېكىتىپ ئىزاھلىغان چاغدا مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە باشلىدى، شۇنداقلا ئاممىۋى ياكى خەلق مەنپەئەتى ئىچكى سىياسەت ئۈچۈن، مىللىي مەنپەئەت (دۆلەت ۋە ئۇلۇس) تاشقى سىياسەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمىنىڭ توغرا ئىزاھلىنالماسلىقى ياكى خاتا چۈشىنىلىشى دۇنيا ئۇرۇشلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالدى. شۇڭا مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمىنى توغرا ئىزاھلاشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكى داۋاملىق تەكىتلىنىپ كەلمەكتە.

خۇلاسە

ئىككى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مىللەتلەر جەمئىيىتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار قۇرۇلدى، يەر شارىلىشىش ھادىسىسى كەڭ ئومۇملاشتى، سىياسىي، ئىقتىسادى بولۇپ ھەر قايسى ساھەلەردە كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەر مىللىي (ئۇلۇس) مەنپەئەتنىڭ ئورنىغا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەنپەئەتنىڭ دەسسەيدىغانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لېكىن خەلقئارا سەھنىدە كۆرۈلگەن بەزى ئۆزگىرىشلەر مىللىي مەنپەئەتنىڭ كۈنىمىزدىكى خەلقئارا سىياسەت ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە ھېلىھەم مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمى ئۈستىدە 1950-1960-يىللاردا نۇرغۇن ئەسەرلەر روياپقا چىقىرىلدى، كېيىنكى كۈنلەردە ئاكادېمىك ساھەدە بۇ ئۇقۇم ھەققىدە بۇرۇنقىدەك ئەسەرلەرنى كۆرەلمىسەكمۇ، سىياسەتچىلەر بۇ ئۇقۇمىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتمەكتە. كۈنىمىزدە تاشقى سىياسەت توغرۇلۇق قىلىنغان باياناتلار، ئانالىزلار ۋە يولغا قويۇلغان سىياسەتلەر ئاساسلىقى مىللىي مەنپەئەتنى چۆرىدىگەن ھالدا بولماقتا.
ماقالىمىزدە «مىللىي (ئۇلۇس) مەنپەئەتى» ھادىسىسىنى ۋە ئەھمىيىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ ئۇقۇمنىڭ تارىختا قايسى باسقۇچىلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىگە قىسقىچە قاراپ چىقتۇق. كۈنىمىزگىچە دۆلەت، كۈچ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھېكمىتىگە ئوخشاش ئۇقۇملار بىلەن ئوخشاش مەنىدە ئىزاھلىنىپ كەلگەن مەنپەئەت ئۇقۇمىغا، ئوخشىمىغان دەۋرلەردە سىياسىي مۇھىتقا ماس ھالدا ھەر خىل سۈپەتلەر قوشۇلغان. بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسىدە ھېلىھەم مۈجمەللىك بار، بۇ ئۇقۇمنى تولۇق يورۇتۇپ بېرىشمۇ تەسكە توختىماقتا. لېكىن بۇ ئۇقۇم ماكياۋېلىدىن ھوببېسقىچە، مېتتېرنىكتىن كۈنىمىزدىكى دۆلەت ئەربابلىرىغىچە بولغان نۇرغۇن شەخسنىڭ سىياسىي غايىسى ۋە ھەرىكەت مىزانىغا يول كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەقىقەتتۇر. كۈنىمىزدە شەخسلەرنىڭ، ھەر قايسى ئىجتىمائىي قاتلام ۋە تەبىقىلەرنىڭ، جامائەتلەرنىڭ، جەمئىيەتلەرنىڭ، شۇنداقلا دۆلەتنىڭمۇ مەنپەئەتلىرى باردۇر. شۇڭا مىللىي مەنپەئەت ئۇقۇمى دۆلەتلەرئارا تۈزۈمنى چۈشىنىشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.

 

پايدىلانمىلار

Agaogulları, M.A. (2000) Kent Devletinden _mparatorluga, Ankara: _mge.
Agaogulları, M.A. ve L. Köker (2000) Kral-Devlet ya da Ölümlü Tanrı, Ankara:
Aydın, M. (2004) “Uluslararası _liskilerin ‘Gerçekçi’ Teorisi: Kökeni, Kapsamı, Kritigi”, Uluslararası _liskiler: Akademik Dergi, 1(1), 33-60.
Beard, C. (1934) The Idea of National Interest: An Analytical Study in American Foreign Policy, New York: Macmillan.
Clinton, D. (1994) The Two Faces of National Interest, Baton Rouge ve Londra: Lousiana State University Press.
Donelly, J. (2000) Realism and International Relations, Cambridge: Cambridge University Press.
Eralp, A. (1996) “Uluslararası _liskiler Disiplininin Olusumu: _dealizm-Realizm Tartısması”, A. Eralp (der.), Devlet, Sistem, Kimlik: Uluslararası _liskilerde Temel Yaklasımlar, _stanbul: _letisim, 57-88.
Forde, S. (1995) “International Realism and Science of Politics: Thucydides, Machiavelli, and Neorealism”, International Studies Quarterly, 39(2), 141-160.
Frankel, J. (1970), National Interest, New York: Preager.
Hof, U. (1995) Avrupa’da Aydınlanma, (çev. S. Sunar), _stanbul: Afa Yayıncılık.
Jackson, R. ve G. Sorensen (1999) Introduction to International Relations, Oxford: Oxford University Press.
Kedourie, E. (1960) Nationalism, Londra: Hutchinson.
Keohane, R.O. (1986) Neorealism and its Critics, New York: Columbia UniversityPres.
Kratochwil, F. (1982) “On the Notion of ‘Interest’ in International Relations”, International Organization, 36(1), 1-30.
Machiavelli, N. (1994) Prens, (çev. Nazım Güvenç), _stanbul: Anahtar Kitaplar.
Mansfield, H.C. (1995) “Self-Interest Rightly Understood”, Political Theory, 23(1), 48-66.
Meinecke, F. (1998) Machiavellianism: The Doctrine of ‘Raison d’état and its Place in Modern History, New Brunswick: Transaction.
Morgenthau, H.J. (1985) Politics Among Nations: The Struggle for Power and Peace, New York: Alfred A. Knopf.
Philpott, Daniel (2000) “The Religious Roots of Modern International Relations”,World Politics, 52(1), 206-245.
Rosenau, J.N. (1968) “National Interest”, International Encyclopedia of the Social Sciences, Cilt 11, New York: The Macmillan Company ve The Free Press, 34- 40.
Russell, G. (1990) Hans Morgenthau and the Ethics of American Statecraft, Baton Rouge ve Londra: Louisiana State University Press.
Sander, O. (1994) Siyasi Tarih: _lkçaglardan 1918’e, Ankara: _mge Kitabevi.
Smith, A. D. (1999) Milli Kimlik, _stanbul: _letisim.
Senel, A. (1995) Siyasal Düsünceler Tarihi: Tarih Öncesinde, _lkçagda, Ortaçagda ve Yeniçagda Toplum ve Siyasal Düsünce, Ankara: Bilim ve Sanat Yayınları.
Thompson, K.W. (1994) Traditions and Values in Politics and Diplomacy: Theory and Practice, Baton Rouge ve Londra: Lousiana State University Press.
Tilly, C. (1995) Avrupa’da Devrimler 1492-1992, (çev. Ö. Arıkan), _stanbul: Afa Yayıncılık.
Uzgel, _. (2004) Ulusal Çıkar ve Dıs Politika: Türk Dıs Politikasının Belirlenmesinde Ulusal Çıkarın Rolü, Ankara: _mge.
Vorys, K. von (1990) American National Interest: Virtue and Power in Foreign Policy, New York: Preager.
Waltz, K. (1979) Theory of International Politics, New York: Random Hause.
Wight, M. and B. Parter (1991) International Theory. The Three Traditions, Leicester: Leicester University Press.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*