خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەلىرى

2019-يىلى 11-ئاپرېل

مۇھەررىر: رامازان گۆزەن

خۇلاسىلىگۈچى: ياسىن يايلار

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ھەبىبۇللاھ مەتقۇربان

كىرىش سۆز

نەزەرىيە – ئۇقۇم جەھەتتىن ھەر قانداق بىر ۋەقە ياكى ھادىسىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن قوللىنىلغان چۈشەنچە سىستېمىسىدۇر. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە نەزەرىيەدىن كۆزدە تۇتۇلغىنى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى سىستېمىلىق بىر شەكىلدە يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان چۈشەنچە سىستېمىلىرىدۇر. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسى ئۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس بىر بۆلۈك نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈملىرى تەتقىق قىلىنغىنىدا، باشقا مەنبەلەردىكىگە ئوخشاشلا نەزەرىيە ساھەسىدىمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ. باشقا دۆلەتلەر مۇشۇ دۆلەتلەرنىڭ مەنبەلىرىگە تايىنىپ ئۆز مەنبەلىرىنى بېيىتىپ كەلگەن. بۇ ئەھۋال ئورتاق بىر تىلنىڭ روياپقا چىقىش نۇقتىسىدىن پايدىلىق بولسىمۇ، مۇستەقىل قاراشلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا توسالغۇ بولماقتا. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى بىلەن ئىنژېنېر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىگە ئوخشىتىش مۇمكىن. قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى قۇرۇلۇشنى قانداق سېلىشنى بىلسىمۇ، يەنىلا تېخنىك ئىشلىرىدا ئىنژېنېرغا موھتاج بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، نەزەرىيەلەر ئۆگىنىلمەي تۇرۇپ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى بولۇش مۇمكىن ئەمەس. ئايدىن ۋە يازگاننىڭ ئەسەرلىرىگە كۆرە، تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار %43 رېئالىزم، %28 لىبېرالىزم، %22 قۇرۇلمىچىلىقنى ئاساس قىلغان. بۇ ئەھۋال ئاكادېمىكلارنىڭ بۇندىن باشقا نەزەرىيەلەردىمۇ يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:

– مەمۇرلارغا تايانغان، تەجرىبىچىلىككە قارىتىلغان مائارىپ سىستېمىسى.

– باشقا بۆلۈملەرنىڭمۇ مەمۇرلارغا تايىنىۋېلىشى.

– تېخنىكىلىق تەتقىقاتلارنىڭ تېخىمۇ قولاي ۋە ئۈنۈمدار بولۇشى.

– ئابستراكت ئۇقۇملارنىڭ ئاجىزلىقى.

– ئىنگلىزچە مەنبەلەرنى ئوقۇيالماسلىق.

– تارىخچى، بىخەتەرلىك خادىمى ۋە مەمۇرلۇقتىن چىققانلارنىڭ ئاكادېمىك بولۇۋېلىشى.

– مەنبە كەملىكى قاتارلىقلار.

بىرىنچى بۆلۈم: خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە نەزەرىيە ئۇقۇمى ۋە ئاساسلىق نەزەرىيەۋى تالاش-تارتىشلار

 

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىنىڭ ئاساس تېمىسى «زامانىۋى دۆلەت» دەپ قارالغان بولسىمۇ، زامانىۋى دۆلەتنىڭ قاچان ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھازىرمۇ دەتالاش قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. 1648-يىلى ۋېستفاليانىڭ ئەڭ ئاۋۋال زامانىۋىيلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، تەشكى (Teschke)گە ئوخشاش مۇتەپەككۇرلار بۇنىڭ پەقەت بىر ئەپسانە ئىكەنلىكىنى، دەۋرىمىزدە ھېلىھەم ئەنئەنىۋىي ئىمپېراتورلۇق تۈزۈملىرىنىڭ مۇنازىرە تېمىسى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ روياپقا چىقىشى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن خانى-ۋەيرانچىلىقنىڭ قايتىلانماسلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ مەزگىلدە ئەبرىۋېس ئۇنىۋېرسىتېتى (Aberywyth Üniversitesi)دا قۇرۇلغان تەربىيەلەش كۇرسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ باشلىنىشى دەپ قارىلىدۇ. لېكىن نېمە سەۋەبتىندۇركى، ئامېرىكا بۇ باشلامچىلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ.

كۈنىمىزدە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ كۆپلۈكى كاللىمىزغا «ئەجەبا ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى ئاخىرقى چەككە يەتتىمۇ؟» دېگەن سوئالنى كەلتۈرىدۇ. نەزەرىيەلەر كۆز ئالدىمىزدىكى مۇرەككەپ دۇنيانى چۈشىنىشلىك ھالەتكە كەلتۈرىدۇ، دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك ئاددىيلاشتۇرۇلغان ھەم رادىكال (يىلتىزلىق) ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. «رادىكال» سۆزى بۇ يەردە «يىلتىز، ئاساس» مەنىسىدىدۇر. يەنى، نەزەرىيەلەر بىزنى ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنىڭ تېگىگە يەتكۈزىدۇ. بۇ يەردە تۇنجى بولۇپ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا نەزەرىيەنىڭ شەكىللىنىشىدۇر. ئاساسىي نەزەرىيە دەپ ئاتالغان قاراشنىڭ نەزەرىيەلىشىش جەريانىنى تەتقىق قىلغان ئۇقۇمنىڭ ياردىمىدە نەزەرىيەلەرنىڭ قانداق ۋە نېمە سەۋەبتىن شەكىللەندۈرۈلگەنلىكى ئاشكارا بولىدۇ. نەزەرىيەلەرنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشىدە مۇھىم دەپ قارالغان ئۈچ ئاساسىي ئۇقۇم: ئونتولوگىيە، ئېپىستېمولوگىيە ۋە مېتودولوگىيەدۇر. ئونتولوگىيە نەزەرىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئېپىستېمولوگىيە بىلىم نەزەرىيەسى بولۇپ، تەتقىق قىلىنغان تېمىدا قايسى قاراشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىدۇ. مېتودولوگىيە ئۇقۇمى ئارقىلىق كۆزدە تۇتۇلغىنى بولسا، بىلىم ئىگىلەش ئۇسۇلىدۇر.

پوزىتىۋىست (دەلىلچىلىك) قاراش – ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىگىلىگەن بىلىملەرنىڭلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ماھىيەتتە باشقا بىلىملەرنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇۋەتكەن. ۋايت (wight)نىڭ ئىپادىسىگە كۆرە، دەلىلچىلىك قارىشى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىنى لوگىكىلىق بەس-مۇنازىرىلەرگىلا چەكلەپ قويۇش ئارقىلىق باشقا مۇھىم تېمىلارنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىشىغا توسالغۇ بولغان. دەلىلچىلىك قارىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچىگەن كېيىنكى پوزىتىۋىست (Neo-pozitivist) مۇتەپەككۇرلار دەلىلچىلىك قارىشىنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى سان-سىپىرنى ئاساس قىلغان تەتقىقاتلاردىمۇ قوللانغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۈرلەرگە ئايرىش مېتودى قوللانماقتا.

دەلىلچىلىك قارىشىنىڭ ئەنئەنىۋىي قاراشلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب، بۇ قاراشنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان خەلقنى جانسىز ماددا قاتارىدا كۆرۈۋېلىشىدۇر. ھالبۇكى، خۇسۇسەن ئىنسانلار ئىچىدە، ئومۇمەن پۈتكۈل جەمئىيەتتە تەرتىپسىزلىكلەر مەۋجۇت. بۇ تەرتىپسىزلىكلەرنى كۆزىتىش مۇمكىن بولسىمۇ سىناق قىلغىلى بولمايدۇ. يۈز بەرگىنىگە ئۇزۇن بولغان ھادىسىلەرنى ھەتتا كۆزەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ ئەھۋال مۇئەييەن بىر يەكۈن چىقىرىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. نەزەرىيەلەر ئايدىڭلاشتۇرغۇچى نەزەرىيە، شەكىللەندۈرگۈچى نەزەرىيە ۋە تەنقىدچىلىك نەزەرىيەسى دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئايدىڭلاشتۇرغۇچى نەزەرىيەلەر رېئاللىقتا مەۋجۇت بولغان ۋەقە ياكى ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. شەكىللەندۈرگۈچى نەزەرىيەلەر كوكس (Cox)نىڭ ئىپادىسى بويىچە ئىدىيە يېتىلدۈرىدۇ. تەنقىدچىلىك نەزەرىيەسى بولسا، بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى قارا-قويۇق قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ.

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە تۆت ئاساسىي دەتالاش ھەققىدە سۆز ئېچىش مۇمكىن. بەشىنچى دەتالاش يېڭى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان تەنقىدىي رېئالىزمدۇر. بۇ دەتالاش نىيۇتونچە قاراشنىڭ نىسپىيلىكى، كۇئانتۇم فىزىكىسى ۋە لىنەر ئەنئەنىسىنىڭ تەنقىد قىلىنىشىنى ھەمدە ھەر ئىشنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغانلىقى قارىشىنى تەنقىدلەيدۇ. تۇنجى دەتالاش ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى ئارىلىقىدا ئوتتۇرىغا چىققان رېئالىزم-ئىدېئالىزم دەتالىشىدۇر. رېئالىزم ئۇرۇشتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئىدېئالىزمغا قارشى چىقىدۇ. كار  (Carr)تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدېئالىستلارنى «ئۇتوپىيەچىلەر» دەپ ئاتايدۇ. كۆزلىگەن نىشانغا يېتىشنىڭ تەخمىن قىلغاندەك ئۇنچىۋالا ئاسان بولمايدىغانلىقىنى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئىدېئالىزمنىڭ ئورنىنى رېئالىزمنىڭ ئېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئىككىنچى دەتالاش ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- ۋە 60-يىللىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلىك-ئەنئەنىۋىزمچىلىكتۇر. بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىجتىمائىي پائالىيەتچى قاراش دەلىلچىلىكنى ئاساس قىلغان ئىستاتىستىكىلىق پاكىتلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان تەتقىقاتلارنى نىشان قىلغان. قاپلان ۋە سىنگېرگە ئوخشاش مۇتەپەككۇرلار مۇشۇ ئارقىلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىمۇ تەرتىپ ۋە ئىنتىزام بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەنئەنىۋىزمچىلار بولسا، مۇرەككەپ قۇرۇلمىغا ئىگە بولغان ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بۇ قائىدە-تۈزۈملەرنى تەتبىقلاش مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۈچىنچى دەتالاش خىلمۇخىل قاراشلار ئارىسىدىكى بىر دەتالاش سۈپىتىدە يەر ئالىدۇ. 1970-يىللىرى توماس كۈن يازغان بىر كىتاب ئۈستىدە باشلانغان بۇ دەتالاش 80-يىللارنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، كۈن بۇ كىتابىدا ئىلمىيلىك ئاساسىدىكى بىلىمنىڭ پوزىتىۋىستلارنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك تۈز سىزىق بويىچە ئىلگىرىلىمىگەنلىكىنى، بەلكى بىر تەۋرىنىش-بىر توختاش (دولقۇنسىمان) شەكلىدە داۋاملاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر قاراش ئۇقۇمۇشلۇق كوللېكتىپ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە يەنە بىرىنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە تەۋرىنىش مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ، پوزىتىۋىستلارنىڭ خاتاغا چىقىرىلغان قاراشلارنى يوققا چىقىرىشلىرىنى رەت قىلىدۇ. ئىشنىڭ قىزىقارلىق تەرىپى شۇكى، ئۇ، دەتالاشلارغا سەۋەب بولغان بۇ قاراشنى ئىجتىمائىي بىلىملەرگە تەتبىقلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۆتىنچى دەتالاش دەلىلچىلىك-كېيىنكى دەلىلچىلىك (pozitivizm-postpozitivizm)تۇر. 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ دەتالاش پەقەت ئىلمىيلىك ئاساسىدىكى بىلىملەرنىڭلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت قاراشنى تەنقىد قىلغان كېيىنكى دەلىلچىلىكنىڭ باشلامچىلىقىدا تەرەققىي قىلغان. ماكس ۋېبىر ئوتتۇرىغا قويغان «ئىجتىمائىي بىلىملەرنىڭ چۈشەندۈرۈش ئەمەس، چۈشىنىش يولى بىلەن تەتقىق قىلىنىشى كېرەكلىكى قارىشى» تىلغا ئېلىنغان. بۇ دەۋردىكى نەزەرىيەلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەنقىدىي نەزەرىيە دەپ قارالغان بولۇپ، بۇ نەزەرىيەلەر ئارىسىدا گەۋدىلىك پەرقلەر بولۇشىغا قارىماي دەلىلچىلىككە قارشى چىقىش نۇقتىسىدا بىرلىككە كەلگەن.

چۈشىنىكسىزلىك نەزەرىيەسى (kompleksite teorisi) يېڭى تارقىلىشقا باشلىغان بىر نەزەرىيە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ نەزەرىيە ئىجتىمائىي سىستېمىنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ قۇرۇلمىلىرى بارلىقىنى ۋە تاق يۆنىلىشلىك، تۈز لىنىيەلىك سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بىلەنلا بۇنى ئىزاھلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ھەر قايسى قىسىملارنىڭ ۋە تەركىبلەرنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تۈركىيەدە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسلىق تەتقىقاتلىرى رايون خاراكتېرلىك، تەجرىبىگە ئاساسەن بېكىتىشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ئەمەلىي ھادىسىلەرگە قاراپ باھا بېرىشنى نىشان قىلغان تەتقىقاتلاردۇر. بۇ ئەھۋالنىڭ ھېچقانداق نەزەرىيەۋى قىممىتى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، تېمىلارنىڭ پەقەت بىر نۇقتىغىلا مەركەزلىشىپ قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا.

نەزەرىيەۋى تاللاش شەخسىي قابىلىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، نەتىجىدە سىياسىي ۋە قېلىپلاشقان بىر تاللاشتۇر. بۇ ساھەنىڭ تۇنجى يىللىرىدا قايسى نەزەرىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئاسان بىر سوئال ئىدى: رېئالىزممۇ ياكى لىبېرالىزممۇ؟ لېكىن ھازىر بۇ ساھەنىڭ بىردىنبىر مەسىلىسى ئۇرۇش ۋە تىنچلىقلا ئەمەس. ھەر قانداق نەزەرىيەنىڭ مۇئەييەن بىر نەرسىنىلا تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمۇ توغرا ئەمەس، خالىغان ۋاقىتتا خالىغان بىر نەزەرىيەنى تاللاشمۇ توغرا ئەمەس. ھەربىر نەزەرىيە تەتقىق قىلىنغان مەسىلىنى ئوخشىمىغان شەكىلدە تونۇشتۇرىدۇ ۋە پەرقلىق يەكۈنلەر چىقىرىدۇ.

ئىككىنچى بۆلۈم: ئىدېئالىزم

 

ئىدېئالىزم – ئىككى ئۇرۇش (بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى) ئارىلىقىدىكى مەزگىللەردىكىگە ئوخشاش ناھەقچىلىكلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تىنچلىقنى ساقلىيالايدىغان بىر شەكىلدە ئورنىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئەسلىدە ئىدېئالىزم رېئالىزمدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقىپ، «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر» ئۇقۇمىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولغان. ئىدېئالىستلار ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى سۇنغان: 1) خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئاساسىنى ئۇرۇش، دىپلوماتىيە ۋە قانۇن تەشكىل قىلىدۇ. 2) بۇلاردىن ئۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قالغان ئىككىسى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى كېرەك. 3) بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى قورالسىز مۇھىت بەرپا قىلىش كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى لازىم. ئەنگىلنىڭ قارىشىچە، قوراللار ئۇرۇش يۈز بېرىش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئاكتىپلاشتۇرۇۋېتىدۇ. توقۇنۇشقان تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدىغان بىر خەلقئارالىق يىغىن ئورنى بولۇشى كېرەك. بۇ ۋەزىپىنى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئورۇندىيالىشى مۇمكىن. بۇ ئورگانلار يەنە خەلقئارا قانۇننىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇلاردىن سىرت، خەلقئارالىق تىجارەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇشنى خالىمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.

رېئالىزم مەۋجۇت ۋەزىيەتنى تونۇشتۇرسا، ئىدېئالىزم ئىدېئال ئىشلارنى -يەنى كۆڭۈلگە پۈكۈلگەن نىشاننى- تونۇشتۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىدېئالىزم كۆپىنچە ئۇتوپىيەچىلىك ياكى خىيالپەرەسلىك دەپ تونۇشتۇرۇلۇپ كەلگەن. ئىدېئالىزم ئۈمىدۋارلىققا تولغان بولسا، رېئالىزم ئۈمىدسىزلىككە مايىلدۇر (ئارتۇقچە ئۈمىدۋار ئەمەس). لىبېرالىزم سۆزىمۇ ئىجابىي مەنىدە ئىدېئالىزمنىڭ ئورنىدا قوللىنىلغان سۆزلەرنىڭ بىرىدۇر. ئىدېئالىزمنىڭ ھەم فىزىيولوگىيەلىك، ھەم نەزەرىيەۋى شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىنى زۇڭتۇڭ ۋىلسوندۇر. «ۋىلسونچىلىق» دەپمۇ ئاتالغان بۇ قاراش بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ۋىلسون ئىلگىرى سۈرگەن «ۋىلسون پىرىنسىپلىرى»غا ئاساسەن تەرەققىي قىلغان. بۇ پىرىنسىپلار تىنچلىقنىڭ ئىزچىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئۆز كېلەچىكىنى بەلگىلەش پىرىنسىپى (self determinasyon)، ئوچۇق دېڭىز، ئوچۇق دىپلوماتىيە ۋە مىللەتلەر جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش، كۆپىنچىسى ئۆز دەۋرىدە تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان تەكلىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلارنى قىلالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتلىشىشى تۇرغانلا گەپ. ئەمەلىيەتتە ئىدېئالىزمنى ئاساس قىلغان دېموكراتىك تىنچلىق نەزەرىيەسىمۇ دېموكراتلارنىڭ ئۆزئارا ئۇرۇشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇشلارنى خەلق رايىمۇ توغرا تاپمايدۇ، خەلقنىڭ قوللىشى بىلەن پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتقان دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرمۇ خەلقنىڭ رايىغا قارشى بىر ئىش قىلالمايدۇ.

ۋىلسون پىرىنسىپلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكى دەسلەپتە ئوتتۇرىغا چىققان دۆلەتتە قوللاشقا ئېرىشەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولۇپ، ۋىلسوننىڭ دېموكراتىك مىللەتلەر جەمئىيىتى ئەزالىقى ئۈچۈن قۇرۇلتاينىڭ ماقۇللۇقىنى ئالالمىغانلىقى بۇ پىرىنسىپلارغا بېرىلگەن تۇنجى زەربە بولغان. ئەڭ مۇھىمى قۇرۇلتاي بۇ پىرىنسىپلارغا ئىجرا قىلىنىش سالاھىيىتىمۇ بەرمىگەن. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئايرىمىچىلىق سىياسىتىگە قايتىشى بۇ ئىدېئالىزمنىڭ پۈتۈن خىياللىرىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن.

ئىدېئالىزم ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا كۆپ قوللىنىلغان لىبېرالىزم ئاتالغۇسى ئەسلىدە ئىدېئالىزمدىن خېلىلا پەرقلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئىدېئالىزم دۆلەتنى ئاساسلىق رولچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ ۋە دۆلەت ئاساسىدا بىر خەلقئارالىق تەرتىپ لايىھەلەپ چىقىدۇ. لىبېرالىزم بولسا شەخسنى ئاساس قىلىدۇ، ھەتتا دۆلەتمۇ قوشۇلۇپ ھەممىسى شەخسنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئىدېئالىزم بىر خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسىدۇر، لىبېرالىزم بولسا سىياسەت نەزەرىيەسىدۇر.

ۋىلسوننى ئەڭ كۆپ تەنقىد قىلغانلاردىن بىرى بولغان كارنىڭ قارىشىچە، ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىي بىلەن بىيۇروكراتنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىي نەزەرىيەۋى ۋە ئۇتوپىيەچە تەپەككۇر قىلسا، بىيۇروكرات قېلىپلاشقان تەپەككۇرغا مايىل كېلىدۇ. كارنىڭ قارىشىچە، زىيالىينىڭ تىپىك مىسالى بولغان ۋودروۋ ۋىلسون ئۆزىنىڭ تەكلىپلىرىنى ئادەتتىكى ئاددىي پىرىنسىپلارغا تاياندۇرغان. ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىيلار ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپى، ئەركىن بازار ۋە ئورتاق بىخەتەرلىككە ئوخشاش ھەممەيلەن قوبۇل قىلغان پىرىنسىپلارغا شەرتسىز ئۇنىۋېرساللىق سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە بىر سىياسەتنىڭ ياخشى ياكى يامان ئىكەنلىكىنى مۇشۇ پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكى دەرىجىسىگە قاراپ بېكىتىدۇ. چۈنكى ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەيدۇ.

قارىماققا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى ئىدېئالىزمنىڭ رېئالىزم ئالدىدىكى بىر مەغلۇبىيىتىدەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك مەزگىللىرىدىمۇ ئىدېئالىزم ئاساسىغا قۇرۇلغان تەشكىلاتلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئىدى. مەسىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (BM) ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بۇنىڭ مىسالىدۇر. ياۋروپادا ئوتتۇرىغا چىققان «ياۋروپا بىرلىكى»نى مىسالغا ئالساق، ئۆزئارا پات-پات ئۇرۇشۇپ تۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۇرۇشنى كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئورتاق بازار شەكىللەندۈرگەنلىكى بۇنىڭ يەنە بىر ئۆرنىكىدۇر. بۇلاردىن سىرت، يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى، NPT (خىمىيەلىك قوراللارنىڭ كۆپىيىشىنى ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمنامىسى)غا ئوخشاش قورالسىزلىنىش كېلىشىمنامىلىرى، دېڭىز ھوقۇقى توختامنامىلىرى ئىدېئالىست چۈشەنچىنىڭ غەلىبىسىگە بىر تۆھپە بولۇپ يېزىلىشى مۇمكىن.

ماكس ۋېبىر ئىدېئالىزمنىڭ پىرىنسىپلىرىنى مۇنداق رەتكە تىزىدۇ:

– ئىنساننىڭ تەبىئىتى ياخشى ۋە ياردەمسۆيەردۇر.

– ئىلگىرىلەش مۇمكىن.

– يامانلىقلارنىڭ سەۋەبى ئىنسان ئەمەس، بەلكى ناچار ۋەزىيەتتۇر.

– خەلقئارالىق ھۆكۈمەتسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن.

– خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە بىردەك ھەرىكەت قىلىش لازىم.

– خەلقئارالىق ئورگانلار دۇنيا تەرتىپىگە تۆھپە قوشالايدۇ.

– دۇنياۋى ئۆزگىرىش ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش مۇمكىن.

ئىدېئالىزمنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلىش دەۋرى ۋە ھۇمانىزم چۈشەنچىسىگە تايىنىدۇ. بۇ چۈشەنچىگە كۆرە ئىنسان ياخشىدۇر، ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ تەربىيىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىكى مۇھىم سوئال: ھەممەيلەن تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئۇنىۋېرسال ياخشى قايسى؟ يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق يولىغا قاراپ مېڭىشى ئۇرۇش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، باياشاتلىق ئېلىپ كېلىدۇ، باياشاتلىققا ئېرىشكەن جەمئىيەت ئۇرۇش بولۇشىنى قەتئىي خالىمايدۇ. ئىدېئالىزممۇ رېئالىزمغا ئوخشاش خەلقئارالىق سىستېمىنىڭ ھۆكۈمەتسىزلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. لېكىن بۇ ھۆكۈمەتسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بۇنىمۇ خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ھەمكارلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن دەپ قارايدۇ.

ئىدېئالىزم ئۆز نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىدۇ. بۇ ۋاسىتىلەر: ياخشى ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن مائارىپ، دېموكراتىيە ۋە خەلق رايى، خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە قانۇن، خەلقئارالىق بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئورتاق بىخەتەرلىك سىستېمىلىرى بەرپا قىلىشتۇر. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ ئاخىرىدا يەر شارىلاشقان بىر جەمئىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

تۈركىيەدە ئىدېئالىزمنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سېلىنسا، تۇنجى بولۇپ مۇستافا كامال ئاتاتۈرك تىلغا ئالغان «دۆلەتتە ئاسايىشلىق بولسا دۇنيادا تىنچلىق بولىدۇ» سۆزى بۇنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۆرنىكىدۇر. كېيىنكى دەۋرلەرگە نەزەر ئاغدۇرۇلغىنىدا، ناتو NATO (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە قېتىلىشنى بىر دۆلەت سىياسىتى كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرگەنلىكى، تۈركىيەنىڭ تىنچ بىر يول ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. تۈركىيەنىڭ 1974-يىلىدىكى قىبرىس مەسىلىسىگە ئارىلاشقىنىدىن سىرت، ئۆز ئالدىغا ھېچقانداق بىر توقۇنۇشقا كىرىپ قالمىغانلىقىمۇ بۇنىڭ يەنە بىر ئىسپاتىدۇر. يەنە 1963-يىلىدىن ئېتىبارەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنىڭ كويىدا بولۇپ كەلگەنلىكى، ھەتتا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن مەزگىلدىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسلىرىغا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىمۇ مۇشۇنىڭ ئىپادىسى، ئەلۋەتتە. ئەھمەد داۋۇت ئوغلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىللەردە ئىلگىرى سۈرۈلگەن «ھېچقانداق مەسىلە بولماسلىق سىياسىتى»[1]، تا بۈگۈنگە قەدەر مۇشۇ ئىدىيەنىڭ داۋاملاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تاشقى سىياسەت دېپلوماتىيەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتسە، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ۋە ئىران-غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەچىلىك روللىرىمۇ مۇشۇنى قۇۋۋەتلەش خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتلەردۇر. ئۆزالنىڭ (تۈركىيەنىڭ دەسلەپ باش مىنىستىرى، كەينىدىن جۇمھۇر رەئىسى بولغان)سۈرىيە ۋە ئىراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تىنچلىق سۈيى پىلانى» ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدېئالىزم ئاساسىدىكى بىر ئۇرۇنۇشتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەنىڭ «كۆرپەز (پارس قولتۇقى) ئۇرۇشى»غا قاتناشقانلىقى ۋە ئەسكىرىي جەھەتتە مۇداپىئەلىنىش پوزىتسىيەسىدە بولغانلىقى، بەزى ۋاقىتتا ئۇرۇش تاكتېكىسى ئوينىيالىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولغان.

ئۈچىنچى بۆلۈم: لىبېرالىزم ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر

 

ئىلگىرىكى بۆلۈمدە ئىدېئالىزم ۋە رېئالىزم ئارىسىدىكى ئاساسىي پەرقلەرگە نەزەر ئاغدۇرۇلغان ئىدى. بۇ بۆلۈمدە ئايرىم ھالدا لىبېرالىزم ۋە ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى، تەسىرى ۋە تىپىك مىساللىرى ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىلىدۇ. شەخسىي  ئەركىنلىككە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە دۆلەتنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويغان ئىدېئالىزمغا قارىتىلغان ئەڭ چوڭ تەنقىد كار تەرەپتىن كەلگەن. بۇلار (يەنى كار ۋە ئۇنىڭ پىكىرىنى ياقىلىغۇچىلار – ت) ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىيلارنىڭ جەمئىيەتكە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىيلارنىڭ بۇنىڭغا زىت بولغان بىيۇروكرات قارىشى «ھەممىگە ئورتاق ئەھۋاللار يوق، ھەر كىمگە خاس ئەھۋاللار بار» مەنتىقىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. بىيۇروكرات چۈشەنچىگە كۆرە، تەجرىبە بىلىمدىن بۇرۇن مەۋجۇتتۇر. ئورتاق بىخەتەرلىك، دۇنيا تەرتىپى، ئومۇميۈزلۈك قورالسىزلىنىش ۋەھاكازا پىلانلار ئەمەلىي تەجرىبىگە يات، پەقەت نەزەرىيەنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ پىلانلارغا ئومۇمىي پىرىنسىپ بويىچە ئەمەس، بەلكى ”ھەر ھادىسىگە ئۆز خاسلىقى بويىچە مۇئامىلە قىلىش“ پىرىنسىپى بويىچە باھا بېرىلىشى كېرەك. ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر بىلەن بىيۇروكراتلار ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇقارشىلىق سولچىللىق-ئوڭچىللىق دىيالېكتىكىسىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. زىيالىيلار سولچىللىققا مايىل بولسا، بىيۇروكراتلار ئوڭچىللىققا مايىلدۇر. بىراق سولچى پارتىيەلەر ۋە سىياسەتچىلەر سىياسىي ئۇنۋانغا ئېرىشىپ، رېئاللىققا يۈزلەنگەندە پىرىنسىپال ئۇتوپىيەچىلىكتىن ۋاز كېچىپ، ئوڭچىللىققا ئېغىش خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇتوپىيەچى ئۆزىنىڭ سىياسەتتىن مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر ئەخلاقىي ئۆلچەم شەكىللەندۈرىدۇ ۋە سىياسەتنى مۇشۇ ئۆلچەمگە چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. رېئالىزمچىغا كۆرە، ئۇنىۋېرسال ئەخلاقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەمدە سىياسەتنىڭ سىرتىدا بىر ئەخلاقىي ئۆلچەم ئىزدەش ئېنىقلا مەھرۇملۇقتۇر.

لىبېرالىزمنىڭ دۆلەتنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇشى دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەققىدە دەتالاشنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغان. دۆلەت ئۇقۇمى ھابىس (Hobbes)نىڭ تەكلىپ بەرگەن شەكلى بويىچە، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ كۈشەندىسى بولۇشىدىن ئىبارەت ھۆكۈمەتسىزلىككە خاتىمە بېرىش ھەرىكىتىدۇر. لېكىن نوۋزىك (Nozick) بۇ ئەھۋالنىڭ ھۆكۈمەتسىزلىكنى تۈگىتەلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە يېڭى ھۆكۈمەتسىزلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھابىس ئەسلىدە بۇ قارىشى ئارقىلىق بىزگە ھۆكۈمەتسىزلىكلەر ئىچىدە ئەڭ ياخشىسىنى تاللاتقۇزغان ئىكەن. بۇنىڭغا قارىغاندا رېئالىزمچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرگىنىگە ئوخشاش، دۆلەت بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتسىزلىك تەبىئىي ئەھۋالمۇ ياكى ھازىر توقۇنۇش تېخىمۇ كۆپ يۈز بېرىۋاتامدۇ؟ ئوپېنھايمىر (Oppenheimer)نىڭ كېڭەيمىچىلىك نەزەرىيەسىگە كۆرە، ئۇرۇش كۈچى يۇقىرى جەمئىيەتلەر كېڭەيمىچىلىك ئارقىلىق قولغا كىرگۈزگەن چارۋىچى قەبىلىلەرنى ئۆزلىرىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىغان. بۇ ئەھۋال، بۇ قەبىلىلەرنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن دۆلەتلىشىشىگە ۋە توقۇنۇشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولغان. يەنى ھۆكۈمەتسىز دۆلەتلەر دۆلەتلەردىن ھۆكۈمەتسىزلىك پەيدا قىلغان. پانتىڭ (Ponting)غا كۆرە، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئېشىنچا مەھسۇلاتنى قانداق ئۆلۈشۈش جىددىي مەسىلىگە ئايلانغان. ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشمىغان ئەسكەرلەر ۋە دىنىي خادىملارغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئۆلۈشكە ئېرىشىش ئىستىكى بىيۇروكرات سىنىپىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان.

لاك (Locke) ۋە ھابىس (Hobbes)قا ئوخشاش كىشىلەر دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى مۇھىم دەپ قارايدۇ. لېكىن دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشتىكى مەقسىتى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئەمەس، بەلكى پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەك. بۇ قاراشقا كۆرە قانداقلا بولمىسۇن، شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ماددىي-مەنىۋى بايلىقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولىدۇ. كانت «ئۈزلۈكسىز تىنچلىق» ناملىق ئەسىرىدە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك مۇھىم، لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتلەر قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەك. بۇ ئەھۋال پەقەت ئاساسىي قانۇنلۇق جۇمھۇرىيەت ئارقىلىق ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن. كانتقا كۆرە، ئاساسىي قانۇنلۇق جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەبىتلەرچە ئىدارە قىلىشتىن بەكرەك تىنچلىقپەرۋەر كېلىدۇ. قايتا سايلىنىش كويىدىكى رەھبەرلەر خەلقنىڭ رايىغا باقماي ئۇرۇش قىلالمايدۇ. مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەردە بۇنداق ئەھۋالدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

لىبېرالىزمغا كۆپ تۆھپە قوشقان يەنە بىر مەشھۇر مۇتەپەككۇر بولسا ئادام سىمىس (Adam Smith)تۇر. سىمىس ئىش تەقسىماتى نەزەرىيەسى بويىچە، ھەركىمنىڭ ھەر ئىشنى قىلالمايدىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ، ئەمەلىيەتتە بىر پايدىلىق ئەھۋال بولۇپ، مەھسۇتلارنىڭ تېخىمۇ قولاي ئىشلەپچىقىرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئوخشاش مەنتىقە بويىچە، دېيۋىد رىكاردو (David Ricardo) سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈك نەزەرىيەسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ نەزەرىيەگە كۆرە، دۆلەتلەرمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش ھەممە مەھسۇلاتنى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ. ھەربىر دۆلەت قولىدا بار بولغان خام ماددا ۋە تېخنىكىسىغا قاراپ ئەڭ سۈپەتلىك ۋە تەننەرخى تۆۋەن ئىشلەپچىقىرالىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك. بۇ ئەھۋال چوقۇمكى خەلقئارا سودىنىڭ تەرەققىياتىنى، نەتىجىدە توقۇنۇشلارنىڭ ئازىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

بۇۋىينو (Bueno) ۋە مەسكۋىيت (Mesquita)نىڭ سايلىغۇچى نەزەرىيەسى لىبېرالىزمغا تايانغان بىر تەكلىپتۇر. بۇ نەزەرىيەگە كۆرە، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر سايلام ئۆتكۈزمىگەچكە سايلىغۇچى ئەندىشىسىگە دۇچ كەلمەيدۇ، ئازغىنە بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى قايىل قىلىش ئارقىلىقلا قارار چىقىرالايدىغان بولغاچقا، بۇ ئاز بىر قىسىم ئەمەلدارلارغا دۆلەت تۈرلۈك ئىمتىيازلارنى بېرىپ ئىندەككە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. بۇ ئەھۋال تېخىمۇ قولاي ئۇرۇش قارارى چىقىرىشقا سەۋەب بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، دېموكراتچى ھۆكۈمدارلار خەلق تەرىپىدىن سايلانغان بولغاچقا، خەلقنى قاقتى-سوقتى قىلىش بەدىلىگە دۆلەتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس، پەقەت پۇقرالارغا ئاسايىشلىق ئېلىپ كېلىدىغان شەكىلدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك. قارار چىقىرىشتىمۇ ئاممىنىڭ رايىغا قارشى ھەرىكەت قىلالمايدۇ.

روبېرت كىيوھان (Robert Keohane) 1990-يىلى ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقاتىدا تۆت خىل لىبېرالىزم ھەققىدە توختالغان. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى جۇمھۇرىيەتچى لىبېرالىزم بولۇپ، كانت تەكلىپ بەرگەن دېموكراتىك ھاكىمىيەت شەكلىدۇر. دويېل (Doyle) بولۇپمۇ دېموكراتىك تىنچلىق نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، دېموكراتىيەلەرنىڭ دېموكراتىيەلەر بىلەن ئۇرۇشمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سودا لىبېرالىزمىدىكى خەلقئارالىق سودىنىڭ خەلقئارالىق تىنچلىقتا تۆھپىسى بار دەيدىغان قاراش مەۋجۇت. «تايىنىشچانلىق» دەپ ئىسىم قويۇلغان نەزەرىيە بويىچە سودىدىكى كاساتلىشىشقا ئېلىپ بېرىش خەۋپى بولغاچقا، دۆلەتلەر سودا ھەمكارلىقى ئورناتقان دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇشۇشنى خالىمايدۇ. ھاس (Haas)نىڭ كېڭىيىش تەبىرى (Spillover) ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ھەمكارلىقلارغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. تەرتىپلىگۈچى رېئالىزم خەلقئارالىق سىستېمىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە تۈزۈملەرنىڭ ياردىمىدە تىنچلىقپەرۋەر بىر شەكىلدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا جەمئىيەتشۇناسلىق لىبېرالىزمى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مائارىپ سەۋىيەسى ۋە ئومۇملاشقان تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە قىممەت-قاراشلار ئومۇملاشقان ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۆز چېگرالىرىنىڭ سىرتىدىكى ئىنسانلار بىلەنمۇ ھەمكارلىق ئورنىتالايدىغان بۇ دەۋردە دۆلەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى، ئىنسانلارنىڭمۇ ئۆز دۆلەتلىرىگە بولغان رىشتىسىنىڭ ئوخشاشلا ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

لىبېرالىزمنىڭ مىسالى سۈپىتىدە، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش جەريانىنى ئېلىش مۇمكىن. بۇ ئەھۋال قارىماققا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدەك كۆرۈنسىمۇ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاللىبۇرۇن ئاخىرلاشقان بۇ دەۋردە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا  ئەزا بولۇش ئۇنچىۋالا قىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى ھەم بىخەتەرلىك، ھەم ئىنسان ھەقلىرى نۇقتىسىدىن تۈركىيە تېخىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنىڭ كويىدا. بولۇپمۇ ئەسكىرىي كۈچ سىياسەتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان دەۋردە سىياسىيونلارنىڭ بۇ ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارماقتا. بەئەينى ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىدە يۈز بەرگىنىگە ئوخشاش. لېكىن ھۆكۈمەت ئەسكىرىي كۈچنى بويسۇندۇرۇپ، ھاكىمىيەت تىزگىنىنى تامامەن قولىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن بۇ ئارزۇ پەسكويىغا چۈشتى، دېيىشكە بولىدۇ.

تۆتىنچى بۆلۈم: رېئالىزم

 

رېئالىست نەزەرىيە ئەنئەنىسى ئىنسانىيەت تارىخى مابەينىدە ۋاقىت ۋە ئورۇن پەرقىگە قارىماستىن، يۈز بەرگەن پۈتۈن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي ۋەقە ۋە ھادىسىلەردىن ئىبارەت ئىنسانلار ئارقا-ئارقىدىن دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلگەن. كۆپلىگەن تەرەپلەردە، بولۇپمۇ تەھلىل قىلىش سەۋىيەسى بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولغان ئۈچ خىل رېئالىزمدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن. بۇلار: كىلاسسىك رېئالىزم، قۇرۇلمىلىق رېئالىزم (كېيىنكى رېئالىزم) ۋە كېيىنكى كىلاسسىك رېئالىزمدۇر. بۇ ئۈچ خىل رېئالىزم ئوخشىمىغان تەرەپلەردە بىر-بىرىدىن پەرقلەنسىمۇ، يەنىلا ئورتاق بەش ئاساسىي سوئاللىرى بار:

  1. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ خاراكتېرى نېمە؟ مەيلى ئىنسان تەبىئىتى، مەيلى سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىسى مەنبە قىلىنسۇن، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ خاراكتېرىدە كۈرەش ۋە رىقابەت بار.
  2. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مەۋجۇت بولغان مۇھىتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى نېمە؟ بۇ سىستېمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان مۇئەييەن بىر دۆلەت يوق. يەنى، بۇ مۇناسىۋەت ھۆكۈمەتسىزدۇر.
  3. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ باش رولچىسى كىم؟ گەرچە بۇ سىستېمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا رولچىلار بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا باش رولچى دۆلەتتۇر.
  4. باش رولچىنىڭ ئاساسلىق نىشانى نېمە؟ بىر دۆلەت ئۈچۈن ئاساسلىق نىشان ھۆكۈمەتسىز بىر مۇھىتتا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش.
  5. نىشانغا يېتىشتىكى ئاساسلىق ۋاسىتە نېمە؟ دۆلەتنىڭ مۇھىم نىشانغا يېتىشتىكى ۋاسىتىسى كۈچتۇر.

ئۈچ خىل رېئالىزمنىڭ تۇنجىسى بولغان كىلاسسىك رېئالىزم ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە مەركەزلىشىدۇ. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىنسان تەبىئىتى، نىيەتلىرى ۋە قارارلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. دۆلەت ئىچى سىياسىتى ۋە خەلقئارالىق سىياسەتلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىماستىن، ئەكسىچە بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قۇرۇلمىلار سۈپىتىدە قارايدۇ. بۇ ساھەدە ئەڭ مۇھىم مۇتەپەككۇرلار سرۇسېسىدىس Thucydides، مەكىيىۋېللىي Makyavelli ، ھابىس Hobbes، كلوۋزىۋىيت Clausewitz ۋە مورگىنسوۋ Morgenthauدۇر.

سرۇسېسىدىس ئافىنا ۋە سپارتا ئوتتۇرىسىدىكى ئېلوپىنىيس ئۇرۇشىنى بايان قىلغان ئەسىرىدە بۇ ئۇرۇشقا سەۋەب بولغان ئامىلنىڭ ئافىنانىڭ كۈچىيىشى ۋە سپارتانىڭ بۇ ئەھۋالنى بىر تەھدىت دەپ قارىغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى يازىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاشۇ يىللاردىلا كېيىنكى مەزگىللەردىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى، تەھدىت ۋە قاراردىن ياندۇرۇش دەپ چۈشەندۈرۈلىدىغان ئۇقۇملارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان.

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىنىڭ رېئالىست نەزەرىيەچىلىرى كۆپىنچە مەكىيىۋېللىيگە مۇراجىئەت قىلىدۇ. مەكىيىۋېللىي كىتابىدا گەرچە ئەخلاق ھەققىدە ئېغىز ئاچسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى يەنىلا رەھبەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى بىر شاھزادە بولۇشتا زۆرۈر بولغان بىر قىسىم ئەخلاقلارغا بەزىدە كۆز يۇمۇلۇشى مۇمكىن. ئەخلاق مەنىسىدىكى (virtue)گە ئوخشاش خىرىستىيانلىققا ئائىت دىنىي ئاتالغۇلارنىڭ قوللىنىلغانلىقى، ئۇنىڭ دىنغا ئاساسلانغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. شۇنداقلا دىنىي ياكى ئەخلاقىي باغلاردىن خالىي، پەقەت كۈچنىلا قولغا كىرگۈزۈشنى نىشان قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھۆكۈمران بولۇش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا بولىدۇ. بەئەينى رېئالىست نەزەرىيەچىلەرنىڭ تەكىتلىگىنىگە ئوخشاش، ھۆكۈمرانلىقنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق ئامىلى كۈچتۇر.

ئىنساننىڭ ئەقىلگە تايىنىپ ئىش قىلىدىغان مەخلۇق دەپ قارايدىغان ھابىس، ئىنسانلارنىڭ  بىخەتەر ۋە پاراۋان بىر مۇھىتتا ياشاش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان كېلىشىملەر تۈزگەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىدىن چوڭ بولغان بىر قۇرۇلمىغا ئۆزلىرىنى باشقۇرۇش ھەققى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە ئىنسانلار قورقۇشقا تېگىشلىك ئورتاق كۈچنىڭ پەقەت ھۆكۈمران دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى، ئۆز تېمىسىنىڭ ئىسمى سۈپىتىدە  Leviathan دەپ ئاتايدۇ.

ئىدېئالىزمنى ئەڭ قاتتىق تەنقىد قىلغان كارنىڭ قارىشىچە، ئىدېئالىزم – كۈچ سىياسىتىنىڭ تەلەپ-تەقەززالىرىغا سەل قارىغان بىر ئۇتوپىيەچىدۇر.

مورگىنسوۋ (Morgenthau)نىڭ قارىشىچە، رېئالىزمنىڭ ئالتە ئاساسىي پىرىنسىپىدىن مۇنداق يەكۈن چىقىرىش مۇمكىن: خەلقئارا سىياسەت دېيىلگەن بۇ كەڭ ساھەدە سىياسىي رېئاللىقنىڭ ئۆز يولىنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم قىلغان ئەڭ مۇھىم نەرسە «كۈچ» ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلەنگەن مەنپەئەت ئېنىقلىمىسىدۇر. خەلقئارا سىياسەتنى بىلىپ، چۈشىنىشكە تىرىشقان ئەقىللىك ئادەم بىلەن چۈشىنىلىشكە تېگىشلىك بولغان رېئاللىقلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقىنى مۇشۇ چۈشەنچىدۇر. رېئالىزم ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۇقۇمى بولغان، «كۈچ» دەپ تونۇشتۇرۇلغان مەنپەئەت ئۇقۇمىنى پەقەت ئۆزگەرمىگەن، بېكىنمىچى بىر ئۇقۇم ئىچىگە چەكلەپ قويۇش مەقسىتى يوق. مەنپەئەت چۈشەنچىسى ئەسلىدىلا سىياسەتنىڭ ئۆزىدۇر، شۇنداقلا ۋاقىت ۋە ئورۇنغا باغلىق ئەمەس ھەم بۇلارنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ. خەلقئارالىق ئەخلاق پىرىنسىپلىرى مۈجمەللىشىپ كەتكەچكە، ئانچە ئېتىبار بېرىلىپ كەتمەيدۇ، ھەممىدىن مۇھىمى مەۋجۇت ۋەزىيەت ۋە ۋاقىتتۇر. دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەر قانداق ئەخلاق پىرىنسىپلىرىدىن ئۈستۈندۇر. شۇ سەۋەبتىن ياخشىلىققا ئىش-ھەرىكەتتىكى نىيەت-مەقسەتلەرگە قاراپ ئەمەس، بەلكى كېلىپ چىقىدىغان نەتىجىلەرگە قاراپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ. خەلقئارالىق ئەخلاقىي قىممەت-قاراشلار ئايرىم مىللەتلەرنىڭ ئەخلاقىي قىممەت-قاراشلىرىدىن پەرقلىقتۇر.

قۇرۇلمىلىق رېئالىزم بولسا، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ خەلقئارالىق سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىسى ئىكەنلىكىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئەخلاقچىلىق نەزەرىيەسى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان كېيىنكى-يېڭى (Neo-Neo) دەتالاشلىرىنىڭ تەسىرىدۇر. ئىلمىي ئاساسىغا قارىتىلغان تەنقىدلەرگە ئەخلاقچى مېتودلار تەدبىقلىنىپ، رېئالىزمنىڭ يېڭىدىن شەرھلىنىشىدۇر. كەنس ۋالتز kenneth Waltz بىلەن ستەفىن مىيشايمېر Stephan Mearsheimer بۇ قاراشنىڭ مۇھىم مۇتەپەككۇرلىرىدۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن كېيىنكى كىلاسسىك رېئالىزم، دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتسىزلىك ئىستىكىدە ئېلىپ بارغان بىر قىسىم قىلمىشلىرىنى دۆلەت ۋە دۆلەت ئەربابلىرى سەۋىيەسىدىكى ئامىللار پەيدا قىلغان دەپ چۈشەندۈرىدۇ. مۇشۇ بويىچە قارىغاندا بۇ قاراش سىستېمىلىق بىر خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى ئەمەس، بەلكى ئۇنىۋېرسال بىر تاشقى سىياسەت نەزەرىيەسىدۇر. فەرىيد زەكەرىيا بۇ نەزەرىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن.

رېئالىزمنىڭ بۇنچىۋالا تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇشى، ئۇنىڭ مۇھىم سوئاللارغا جاۋاب بېرىشىدىن كۆپرەك مۇھىم سوئاللارنى سورىيالغانلىقى تۈپەيلىدىندۇر. بۇنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ قانچىلىكلىكىنى مۇنۇلاردىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: ھەرقانداق نەزەرىيە رېئالىزم بىلەن ئازدۇر-كۆپتۇر كېسىشىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، باشقا بارلىق نەزەرىيەلەر رېئالىزمغا قارىتا يېزىلغان رەددىيە ۋە شەرھلەردۇر. رېئالىزم نەزەرىيەسىنىڭ، سىستېمىنىڭ مۇستەبىتلىكىنى تەكىتلىشى ھەم ئىدېئالىزمدا، ھەم ئىنگلىز ئېقىمىدا ھەمدە قۇرۇلمىچىلىقتا قوللاشقا ئېرىشىدۇ.

ئوفانسىف رېئالىزمى – رېئالىزمنىڭ مۇھىم ئۇقۇملىرىدىن بىرىدۇر. مىيشايمېر ئوتتۇرىغا قويغان رېۋىزيونىست (تۈزەتمىچى) ۋە ئاگرەسىف )تاجاۋۇزچى) خاراكتېرىدىكى ھۇجۇمچى رېئالىزم بولسا، قوغدىنىش خاراكتېرىدىكى رېئالىزم ۋالتز ئوتتۇرىغا قويغان ئىتتىپاقلىشىش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئوخشاش سىياسەتلەرنىڭ قوللانغىنى قوغدىنىش خاراكتېرىدىكى رېئالىزم ئۇقۇمىغا ئىگە بولىدۇ. ئۆز-ئۆزىنى قوغداش (self-help) بولسا، ھۆكۈمەتسىز بولغان خەلقئارالىق سىستېمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ «ئۆز بىخەتەرلىكىنى ئۆزى قوغداش كېرەكلىكى» چۈشەنچىسىدۇر. جون ھېرز (John Hertz) تىلغا ئالغان بىخەتەرلىك باش قېتىنچىلىقى (security dilemma) بولسا، بىر دۆلەتنىڭ قوغدىنىش مەقسىتىدە ئالغان تەدبىرلەرنىڭ باشقا بىر دۆلەت تەرىپىدىن ئۆزىگە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قارىلىشى ۋە ئۇنىڭمۇ قوراللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئايىغى چىقماس بىر خالتا كوچىغا كىرىپ قېلىشىدۇر.

بەشىنچى بۆلۈم: خەلقئارا سىياسەت نەزەرىيەسى

 

خەلقئارا سىياسەت نەزەرىيەسى – رېئاللىقنىڭ قانداق بولغانلىقىدىن كۆپرەك قانداق بولۇشى كېرەكلىكى تېمىسىغا مەركەزلىشىدۇ. قېلىپلاشقان نەزەرىيە دەپمۇ ئاتالغان خەلقئارا سىياسەت نەزەرىيەسىنىڭ دەلىلچىلىك تەتقىقات مېتودى بىلەن ئېلىپ بارغىلى بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. خەلقئارا سىياسەت نەزەرىيەسى تەتقىقاتلىرىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە ئارقىدا قېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى، مارتىن ۋايت Martin Wight ئىلگىرى سۈرگەن ئالەمشۇمۇل بىر نەزەرىيەنىڭ بولمىغانلىقىدۇر. پەيلاسوپلار دۆلەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە ئەھمىيەت بەرگەن بولسىمۇ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە كۆڭۈل بۆلمىگەن.

خەلقئارا سىياسەت نەزەرىيەسىگە قارىتىلغان تەنقىدلەر ئاساسەن دۆلەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ئېڭىغا تايىنىدۇ. بۇ قاراش بويىچە، سىياسىي نەزەرىيە دەتالاشلىرى پەقەت بىر جەمئىيەت كۆزدە تۇتۇلغاندىلا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. جەمئىيەت بولسا دۆلەتنىڭ ئىچىدە مەلۇم دەرىجىدە نەزەرگە ئېلىنىشى مۇمكىن. خەلقئارا سىستېمىدا مەلۇم بىر جەمئىيەتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن دۇرۇسلۇق، باراۋەرلىك ۋە ئادالەت قاتارلىق قېلىپلاشقان قىممەت-قاراشلار ھەققىدىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قىممەت-قاراشلار ئالەمشۇمۇل بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم بىر قىممەت-قاراشنىڭ ھەممە يەردە مەۋجۇت بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. شۇنداقلا بۇ، خەلقئارا سىياسەت نەزەرىيەسىنىڭ لىبېرالىزمدىن ئايرىلغان نۇقتىدۇر. لىبېرالىزمنىڭ قارىشىدا مۇھىم بولغىنى شەخسلەر ۋە ئۇلار ئىگە بولغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىگە بولۇشى زۆرۈر بولغان قىممەت-قاراشلاردۇر. ھۆرمەت قىلىنىدىغان قىممەت-قاراشلار مەجبۇرىي بولسىمۇ جەمئىيەتتە يەرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. بۇ خىل قاراشتا دىن ۋە كۈلتۈر جەھەتتىكى پەرقلەر كۆرمەسكە سېلىنىدۇ. قىسقىچە تەنقىد: ئىنسانلار ئارىسىدا كۈچكە ئىگە بولغان قىممەت-قاراشلارنىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىمۇ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىھۇدىلىكتۇر.

قېلىپلاشقان بولۇش نۇقتىسىدىن قارالسا، پۈتۈن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەلىرى قېلىپلىشىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە ھەربىرى مەۋجۇت ۋەزىيەتنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزى تەكىتلىشى زۆرۈر بولغان ۋەزىيەتنى شەرھلەيدۇ. لېكىن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغانلار بۇرۇندىنلا خەلقئارالىق تەرتىپنىڭ ھېچبولمىسا دۆلەت ئىچىدىكى تەرتىپكە ئوخشاش پىرىنسىپقا ئەمەل قىلالايدىغان بولۇشىنى ئويلايدۇ. دۆلەت ئىچىدە باشقىچە، سىرتىدا باشقىچە قائىدە-پىرىنسىپ ۋە قىممەت-قاراشلار بويىچە پوزىتسىيە تۇتۇشقا يول قويۇش ھەم ئەخلاققا ئۇيغۇن، ھەم ئەمەلىيەتچانلىق ئەمەس. شۇنداقلا بارلىق تەنقىدىي ۋە كېيىنكى دەلىلچىلىك نەزەرىيەلىرى ئىچى-سىرتى دەپ ئايرىشقا قارشى تۇرىدۇ، بۇ ساختا قۇرۇلمىلاشتۇرۇشنىڭ ھامىنى تەنقىدكە ئۇچرايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. تەنقىدىي نەزەرىيەلەر قوبۇل قىلغان ھەمدە كۈچنىڭ يوللۇق بولغانغا ئېنىقلىما بەرگەنلىكى قارىشى خەلقئارا سىياسەت نەزەرىيەسىدىمۇ كۈچكە ئىگە. مەۋجۇت سىستېمىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى ۋە شۇ پېتى داۋاملىشىشى، بۇنىڭدىن مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغان باش رولچىلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەنلىكى سەۋەبىدىندۇر.

ئۇلۇس دۆلەت[2] زېھنىيىتىگە قارشى چىققان خەلقئارا سىياسەت نەزەرىيەسى، ئۇلۇس ئۇقۇمىنىڭ باشقىلارنى يەكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ زېھنىيەت بويىچە، ئوخشاش بىر ئۇلۇس كىملىكى ئاستىدا بىرلەشكەن كىشىلەر باشقىلارنى ئۆزلىرىدىن پەرقلىق ئورۇنغا قويىدۇ. ھېچبولمىغاندا ئۆز ۋەتەنداشلىرىدىن باشقىلارنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىشىغا كۆز يۇمۇشى ياكى ئالدى بىلەن ئۆز ۋەتەندىشىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى مۇمكىن. بۇ خىل زېھنىيەتتە توغرا-خاتالار ئەخلاق پىرىنسىپى بويىچە ئەمەس، بەلكى ۋەتەنداش ياكى چەتئەللىك ئىكەنلىكىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

دېموكراتىيە ئۇقۇمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئۇلۇس دۆلەت چۈشەنچىسى، بۇ قاراشنى پەقەت بىر مەملىكەت مىقياسىدىلا تەتبىقلىغىلى بولغان بىلەن، باشقا مەملىكەتلەرگە قوبۇل قىلدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يەر شارىلىشىش جەريانى ئۇلۇس دۆلەت ئېڭىنى سۇسلاشتۇرۇش يولىغا ماڭغان بولسىمۇ، كۈنىمىزدە ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنداشلىرى سىرتىدىكى كىشىلەر بىلەنمۇ ئورتاق ھېسسىيات ۋە ئورتاق چۈشەنچىدە بىرلىككە كېلەلەيدىغان ھالەتكە كەلدى.

يۇقىرىدا ساناپ ئۆتۈلگەن ئۇلۇس دۆلەت چۈشەنچىسىنىڭ ئەكسىچە، خەلقئارا سىياسەت نەزەرىيەسى ئۆز دۆلىتىنىڭ گىراژدانى بولمىغان كىشىلەرگىمۇ بىر پۇقرا سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ، ئوخشاش ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاشقا ئوخشاش مۇھىمدۇر. خەلقئارا سىياسەت نەزەرىيەسى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ قوغدىلىشىدا ئەڭ ياخشى سىستېمىنىڭ دېموكراتىيە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ تېمىدا دېموكراتىيەلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇرۇشمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. بۇلار ناۋادا ئۇرۇشۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، بىر قىسىم پىرىنسىپلار ۋە مەنىۋى قىممەتلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەققانىي ئۇرۇش ئۇقۇمى مۇشۇ يەردە روياپقا چىقىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا يوللۇق قوغدىنىش ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر بىخەتەرلىك كېڭىشىنى چۆرىدىگەن ئاساستا چىقىرىلغان قارارلار ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يەردە قوغداش مەسئۇلىيىتى ئېڭىنى ئەسكەرتىش كېرەك. كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى قوبۇل قىلغان بۇ چۈشەنچە بويىچە، دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بولۇش بىلەن بىرگە پۇقرالىرىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمۇ بار. پۇقرالىرىنى قوغدىيالمىغان دۆلەت ھۆكۈمرانلىق سالاھىيىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇنىڭغا ئارىلاشماي قالمايدۇ.

ئاق پارتىيە -ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى- ھوقۇق تۇتقان يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە رېئالىست چۈشەنچىدىن قېلىپلىشىپ كەتكەن چۈشەنچىگە ئېغىش كۆرۈلمەكتە. ھۆكۈمەت دۆلەت مەنپەئەتىنى ئويلىشىشتىن بۇرۇن زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئىنسانلارنىڭ دەپسەندە قىلىنغان ھەق-ھوقۇقلىرى ھەققىدە توختالماقتا. بولۇپمۇ پەلەستىن ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدە بۇ ئەھۋال تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەنمەكتە. پۈتۈن دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ سۈرىيەدىن ئېقىپ كەلگەن پاناھلانغۇچىلارغا چېگرالىرىنى تاقىۋېلىۋاتقان بىر پەيتتە تۈركىيە ئۇلارغا قۇچاق ئاچماقتا.

ئالتىنچى بۆلۈم: ئىنگلىز ئېقىمى

 

ئىنگلىز ئېقىمى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان ۋە ئامېرىكا ئىجتىمائىي پېنى دەپمۇ ئاتىلىدىغان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەلىرىگە رىقابەتچى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئىنگلىز ئېقىمى مۇتەپەككۇرلىرى بۇ ساھە دەسلەپ مەيدانغا كەلگەن يەرنىڭ ئەنگلىيە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن بۇ ساھەنى مەشھۇر قىلغىنى 1950-يىللاردا تەرەققىي قىلغان ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلىك قارىشى ئىدى. ئىنگلىز ئېقىمى بۇ قاراشقىمۇ قارشى چىقىدۇ ۋە بىر ئىجتىمائىي پەن بولغان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ، شۇنداقلا بۇ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ قۇرۇلمىسى بولغان بىر تېمىنى يۈزەكىيلەشتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە بۇنىڭ ئورنىغا تارىخچى-باھالىغۇچى بىر قاراشنى كۆرسىتىدۇ، زىتلىقلارنى تەكىتلىگەن پائالىيەتچانلىق ئورنىغا via media ئۇقۇمى ئارقىلىق ئوتتۇرھال بىر يول تەۋسىيە قىلىدۇ. قېلىپلىشىپ كەتكەن بىر تەرىپىمۇ بولغان بۇ ئېقىمنىڭ ئەخلاقنى تەكىتلىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئىنگلىز ئېقىمى رېئالىزمغا ئوخشاش، دۆلەتلەرنى سىستېمىنىڭ بىردىنبىر ۋە ئۆزگەرمەس رولچىسى دەپ قارىمايدۇ، ئىجتىمائىي جەھەتتىن چوڭقۇرلۇق، جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن تەكشىلىك نۇقتىئىنەزەرى بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. قىسقىسى، ئىنگلىز ئېقىمى ئامېرىكىچە قاراشلارنىڭ ئورنىغا ياۋروپاچە بىر تاللاش سۇنىدۇ.

مېتودولوگىيە جەھەتتىن ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلىك ئەنئەنىسىدىكى تەتقىقات ئوبيېكتىنى كۆزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارمايدۇ، تەتقىقاتچى بىلەن تەتقىق قىلىنغۇچى ئارىسىنى ئۇنچىۋالا بەك ئايرىپمۇ كەتمەيدۇ. تەتقىقاتچىنىڭ ئۆزىمۇ تەتقىق قىلىنغان جەمئىيەتنىڭ بىر پارچىسى بولغاچقا، تەتقىقات ئوبيېكتى بولغان كىشىمۇ كۆزەتكۈچى ئورنىدا بولىدۇ. بۇ ئېقىم ئامېرىكىچە نوموتېتىك[3] ئۇسۇلنىڭ ئەكسىچە، ئىنگلىز ئىدېئوگرافىك ئۇسۇلىنى تەكىتلەيدۇ: يەنى تارىخ ۋە ھادىسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىماسلىقى. پەقەت بىرلا مېتودنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىق خەلقئارالىق قۇرۇلمىلارنى تەتقىق قىلىپ بولالمايدىغانلىقى ئۈچۈن كۆپ قىرلىق مېتودولوگىيە ئېڭى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان.

ئىنگلىز ئېقىمىدا ئەڭ دىققەت تارتقان تەرەپ ئۈچ ئەنئەنە تالاش-تارتىشىدۇر. مارتىن ۋايت Martin Wight تىلغا ئالغان گۇرۇپپىلاشتۇرۇشقا كۆرە ئۈچ ئاساسىي پەلسەپىۋى چۈشەنچە بار. رېئالىزم، راسيونالىزم (ئەقلىيەتچىلىك) ۋە ئىنقىلابچىلىق. ھابىس ۋە مەكىيىۋېللىيغا تايانغان رېئالىزم دۆلەتنى مەركەز قىلغان ئاساستا كۈچ ۋە مەنپەئەتنى تەكىتلەيدۇ. راسيونالىزم گروتىيېسنىڭ قانۇن ۋە بۇ ئارقىلىق ساقلىنىدىغان تەرتىپ قارىشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىنقىلابچىلىق بولسا، شەخسنى مەركەز قىلغان بىر دۇنيا جەمئىيىتىنى خىيال قىلىدۇ. ئىنگلىز ئېقىمى بۇلارنىڭ ئىچىدە راسيونالىزمغا مەھكەم ئېسىلىدۇ. رېئالىزم، ئىنتىزام دۆلەتلەرنىڭ كۈچى ئارقىلىق ساقلىنىدۇ دەپ قارىغان بولسا، كانتنىڭ ئىنقىلابچىلىق قارىشى جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرلىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. رېئالىزم بولسا قانۇن ۋە ھەمكارلىق شەكلىدىكى ھۆكۈمرانلىققا ھۆرمەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. رېئالىزمغا كۆرە پۇقرالارنىڭ باياشاتلىقى رەھبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ، ئىنقىلابچىلار بولسا شەخسلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان رەۋىشتە مەجبۇرىيەتلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. راسيونالىزم دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق قانۇننى چۆرىدىگەن ئاساستىكى مەسئۇلىيتىگە دىققەت تارتىدۇ.

ئىنگلىز ئېقىمىنىڭ بۇ خىل ئاتالغۇلاشتۇرۇشى خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۇنيا جەمئىيىتى ئۇقۇملىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. رېئالىزمنىڭ قارىشىدا خەلقئارا سىستېما ھۆكۈمەتسىز جەمئىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بول (Bull)نىڭ ئىپادىسى بويىچە خەلقئارا جەمئىيەت، مەلۇم پىرىنسىپلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن جەمئىيەتتۇر. دۇنيا جەمئىيىتى بولسا، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئوخشاش ئورتاق مەنپەئەت ۋە قىممەت-قاراشلارنى تەكىتلەيدۇ، لېكىن بۇنى دۆلەتكە ئەمەس، شەخسكە قارىتىدۇ.

بول تىلغا ئالغان ھەمكارلىق ئۇقۇمى دۆلەتلەرنىڭ پەقەت سىياسىي ۋە ئەسكىرىي ساھەلەردىلا ئەمەس، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردىمۇ ھەمكارلىق ئورنىتالايدىغانلىقى مەنىسىدىدۇر. بۇ ئەھۋال، ئەلۋەتتە بىر قىسىم پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلغان ئاساستا بولۇپ، بۇ پىرىنسىپلار: دىپلوماتىيە، كۈچ تەڭپۇڭلۇقى، خەلقئارا قانۇن، ئۇرۇش ۋە چوڭ كۈچلەرنىڭ ماسلىشىشىدۇر.

ئىنگلىز ئېقىمىدىكى ئەڭ ئاساسلىق پەرق، كۆپلۈكچىلىك ۋە ھەمكارلىقچىلىق ئارىسىدا كۆرۈلىدۇ. كۆپلۈكچىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇستەھكەم دېگىلى بولىدىغان بىر دۆلەت مەركەزچىلىكى بىلەن چۈشەندۈرىدۇ، ھۆكۈمرانلىق ئۇقۇمىغا ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇنىڭغا ئاساسەن ئىنسانىي مۇداخىلىگە قارشى تۇرىدۇ، تەرتىپ-ئىنتىزامغا ئادالەتتىنمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ھەمكارلىقچىلىق قارىشىدىكىلەر شەخسنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇلارنىڭ قارىشىچە دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى شەخسنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشتۇر. خەلقئارا قانۇن دەلىلچىلىككە ئەمەس، بەلكى تەبىئىي ھوقۇق چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلىشى كېرەك.

ئىنگلىز ئېقىمىغا قارىتىلغان ئەڭ چوڭ تەنقىد، ئۇنىڭ چەك-چېگرالىرىنىڭ مۈجمەللىكىدۇر. بىر قىسىم تېمىلارنىڭ باشقا بىر قىسىم نەزەرىيەلەر بىلەن كېسىشىپ قېلىشى ئۇنىڭ خاسلىقىغا دەخلى يەتكۈزمەكتە. ھابسون Hobson، ئىنگلىز ئېقىمى ھەرقانچە ئىنسانىيلىق ۋە باراۋەرلىك ئۈستىدە توختالسىمۇ، ئۇنىڭدا ئورتودوكس بىر مېتود بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ مېتودمۇ باشقا نەزەرىيەلەرگە ئوخشاش غەربچىدۇر. سىستېمىنىڭ بىر رولچىسى بولۇش ئۈچۈنمۇ غەربنىڭ قىممەت-قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق ئىسپاتلاش كېرەك بولسا، ۋىيانا پارلامېنتى نەتىجىسىدە تەسىس قىلىنغان ”ياۋروپاغا ماسلىشىش“ بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالىدۇر. ھۆكۈمرانلىققا ھۆرمەت قىلىش ۋە خەلقئارا قانۇن تەسىس قىلىشتىن كېيىن ياۋروپادا بىر خەلقئارا جەمئىيەت بەرپا بولدى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ تىنچلىقمۇ مەيدانغا كەلدى. ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقى بۇ مەزگىلدە كاۋالالىغا قارشى رۇسىيە بىلەن، رۇسىيەگە قارشى ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ دىپلوماتىيەنىڭ مېزىنى تىتىۋەتتى. ھابسبۇرگ ئىمپېراتورىنى پادىشاھقا تەڭ ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق ھۆكۈمران باراۋەرلىكىنى قوبۇل قىلدى. بوغۇزلار مەسىلىسىدە خەلقئارالىق بىر يىغىلىش تەلەپ قىلىپ مۇۋازىنەت بەرپا قىلىشقا تىرىشتى. ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى ياۋروپادا قۇرۇلغان خەلقئارا جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇش ئىدى. ئەمەلىيەتتە قىرىم ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىمزالانغان پارس كېلىشىمى ئارقىلىق بۇ ئەھۋال تېخىمۇ كۈچەيتىلدى.

يەتتىنچى بۆلۈم: ماركسچە قاراشلار

 

كارل ماركس ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر قىسىم مۇتەپەككۇرلارنىڭ پىكرىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك نۇقتىئىنەزەردىكى فېمىنىست (ئايالچىلىق)، تەنقىدىي، كېيىنكى قۇرۇلمىچى ۋە رادىكال مېتودلىرنىڭ ھەممىسى ماركسچە مېتودلار دەپ قارىلىدۇ. ھابېسبون Hobsbawnnنىڭ قارىشىچە، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۈچ خىل ئىنقىلاب دولقۇنى بار. بىرىنچىسى، ئەنگلىيەدە باشلانغان سانائەت ئىنقىلابى. ئىككىنچىسى، فىرانسىيەدىن كېڭەيگەن دۆلەتچىلىك چۈشەنچىسى. ئۈچىنچىسى بولسا ئوتتۇرا ياۋروپادا باشلانغان ھۇمانىزم-سېكۇلارىزم[4] ئېقىمىدۇر. ئاخىرقى دولقۇن بىلەن تەڭ مەيدانغا كەلگىنى ماركسىزمدۇر.

ماركسزمنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىگە خېلىلا كېچىكىپ كىرىشى دۆلەتچىلىك ئۇقۇمىغا قارشى چىققانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ماركسىزم دۆلەتچىلىكتىن ھالقىپ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىشچىلار ۋە ئېزىلگەن سىنىپلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ كويىدا. ئۇ چېگرا ۋە دۆلەتچىلىك مەنتىقىسىگە مۇشۇ شەكىلدە قارشى چىقىدۇ. ھەم رېئالىزمنى، ھەم لىبېرالىزمنى يادرو قىلغان دۆلەت ماركسىزمغا نىسبەتەن پەقەت بىر سۈمۈرۈش ۋاسىتىسىدۇر. بۇنىڭدىن سىرت، ماركسىزم باشقىلارنىڭ ئۇرۇش، كۈچ ۋە مەنپەئەتكە ئوخشاش يۈكسەك سىياسەت تېمىلىرىغا روبىرو ھالەتتە تۆۋەن سىياسەت تېمىلىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە كىملىك تېمىلىرى بىلەن بۇ ساھەگە كىرگەن. بۇ مەزگىل بىرايتون ئورمىنى سىستېمىسى  Bretton-Wood ۋەيران بولغان، ئامېرىكا مۇستەملىكىچىلىكى تەۋرىنىپ قالغان ھەمدە ئىشچى-ئوقۇغۇچىلار ئىنقىلابلىرى يۈز بەرگەن 1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدۇ.

ماركس، ئېنگلىس ئىلگىرى سۈرگەن «تارىخىي ماتېرىيالىزم» قارىشىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇ قاراش بويىچە تارىخىي ماتېرىيالىزم، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆزگىرىشى ھەر قانداق ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ، بايلىقلارنىڭ تارقىلىشى سىنىپلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولۇپ، جەمئىيەتنىڭمۇ ئاساسىنى بەرپا قىلىدۇ، تارىخنى چۈشىنىش ئۈچۈن مانا مۇشۇ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى ئانالىز قىلىش كېرەك، دېگەندىن ئىبارەت. ماركسقا نىسبەتەن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ئارىسىدا چوقۇم بىر مۇناسىۋەت بار. كىرىم، بىراۋنىڭ جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنى ۋە قىلىنغان ئىشلار سىنىپلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ سەۋەبى ئەمەس، بەلكى نەتىجىسىدۇر. ئەسلىي مەسىلە كىشى بېشىغا چېچىلغان كىرىمدىكى تەڭسىزلىكتىن كېلىپ چىققان. ئىجتىمائىي توقۇنۇشقا سەۋەب بولغان بۇ ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوشۇمچە قىممەت ھەممەيلەنگە باراۋەر شەكىلدە تارقىتىلىشى كېرەك.

ماركسىزمدىكى قوشۇمچە قىممەت ئىشلەپچىقارغۇچى سىنىپتىن شىلىۋېلىنغان قىممەتتۇر. بۇنىڭغا كۆرە، ئەمگەكچى پەقەت بىر كۈننىڭ مەلۇم قىسمىدىلا ئائىلىسى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ، قالغان ۋاقىتتا قىلغان ئەمگىكىنىڭ ھەممىسى كاپىتالىستلارنىڭ چۆنتىكىگە كىرىدۇ. مانا بۇ ئەمگەكنىڭ سۈمۈرۈلۈشىدۇر. قوشۇمچە قىممەت بولسا كاپىتالىستىك سىستېمىدىكى ئىشچىنىڭ قولىغا كىرگەن ئىش ھەققى بىلەن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان كۈچ ئارىسىدىكى پەرقتۇر.

ماركسىزمنىڭ ئۇتوپىك تەرەپلىرىدىن بىرى، كوممۇنىستىك جەمئىيەتتىكى پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگە بولغان بارلىق ئىشچىلار ھامان بىر كۈنى دىن، كۈلتۈر ۋە ئەخلاق ئۇقۇملىرىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇپ، ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ، نەتىجىدە ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغىمۇ يېتىدۇ، دېگەن پىكىردۇر. «ئىجتىمائىي ئىنقىلاب» دەپ ئاتالغان بۇ ئەھۋال كېيىنكى ماركسىزم neo-Marksizm دا قوبۇل قىلىنمىغان.

لىبېرالىزم ئىلگىرى سۈرگەن زامانىۋىلىشىش“ Modirnizm ”نەزەرىيەسىگە كۆرە، تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەر تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بېسىپ ئۆتكەن جەريانلارنى بېسىپ ئۆتكەندىلا تەرەققىي تاپقان دۆلەتكە ئايلىنالىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە بولغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئەركىن بازار پىرىنسىپلىرىنى قوللىنىشى كېرەك. ماركسىزمنى ئاساس قىلغان تايىنىشچانلىق ئېقىمى بۇ ئەھۋالغا قارشى چىقىدۇ. بۇلارغا كۆرە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ پىكىرنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ سەۋەبى، بايلىققا ئېرىشىشتە تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە قەرزدار بولغانلىقىدىندۇر. لېكىن تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەر ئۇلار تەۋسىيە قىلغان بۇ سىستېمىنى قوللانغان تەقدىردىمۇ داۋاملىق تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىققا تايانغان ئىشلەپچىقىرىش ھالىتىدە قالىدۇ، نەتىجىدە باشقا تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا يەنىلا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە بېقىندى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.

دۇنيا سىستېمىسى ئانالىزى دەسلەپتە گالتېڭ( Galtung )تەرىپىدىن چەت (ياقا) ۋە مەركەز دۆلەتلەر دېگەن كاتېگورىيەلەرگە ئايرىلغان، كېيىن ۋالىرستېين( Wallerstein )تەرىپىدىن يېرىم چەت دۆلەت ئۇقۇمىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق تېخىمۇ بېيىتىلغان ماركسىزمچە قاراش ئېقىمىدۇر. بۇ ئېقىمغا كۆرە، سەرمايە ساھىبى بولغان دۆلەتلەر مەركىزىي دۆلەتلەرنى تەشكىل قىلغان بولسا، نامرات بولغانلىرى چەت دۆلەتلەرنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدا بىر سۈمۈرۈش تۈزۈلمىسى بار. مەركەز دۆلەتلەر چەت دۆلەتلەرنى ھەم ئەمگەك، ھەم خام ماددا جەھەتتىن سۈمۈرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن چەت دۆلەتلەر بارغانسېرى نامراتلاشسا، مەركەز دۆلەتلەر داۋاملىق بېيىۋېرىدۇ. «يېرىم چەت» ئۇقۇمىدىن كۆزدە تۇتۇلغان دۆلەتلەر تۈركىيەگە ئوخشاش تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئەمما يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ تەتقىق قىلىش-تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېتەرلىك سەرمايىسى بولمىغان دۆلەتلەر بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر ھەم سۈمۈرۈلگۈچى، ھەم سۈمۈرگۈچى دۆلەتلەر دەپ قارىلىدۇ.

يوشۇرۇن لىبېرالىزم“ Embedded Liberalizm ”ئۇقۇمى ئارقىلىق چۈشەندۈرمەكچى بولغىنى، دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارىماي كۆزگە كۆرۈنمەستىن يۈرۈشۈپ تۇرغان ئەركىن بازار ئىقتىسادىدۇر. بۈيۈك كىرزىستىن كېيىن خەلقنىڭ قان-تەرىنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلىنغان ۋە كېينىس Keynesنىڭ مېتودلىرى قوللىنىلغان. كېينىس بازارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئىچىدە تەرتىپكە سېلىنىدىغانلىقى قارىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن كىلاسسىك لىبېرالىزمغا قارشى چىقىپ، ”ئۇزۇن مەزگىل ئىچىدە ھەممىمىز مۇردىغا ئايلىنىمىز“ دېگەن. بۇنىڭغا قارىغاندا ھەر قايسى دۆلەتلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلەت پايدىلىرىنى يۈكسەلدۈرۈپ، باھاغا چەك قويۇشى، باھا مۇقىم تۇرغان مەزگىللەردە باھانى چۈشۈرۈشى كېرەك.

ماركسىزمغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنىڭ بىرىنچىسى، ماركسىزمنىڭ مىللەتچىلىككە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدۇر. چۈنكى ماركسىزم جەمئىيەتكە مىللەتلەرنى ئەمەس، سىنىپلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ باھا بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ماركسىزمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكى دەپ قارالغان، ئەمما بۇنىڭ ئورنىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىككىنچى بىر قاراشمۇ ئوتتۇرىغا چىقمىغان.

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىغا ماركسىزم نۇقتىئىنەزەرى بىلەن باھا بېرىلسە، 1963-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىلتىماستىن ئېتىبارەن بارغانسېرى قويۇقلاشقاندەك كۆرۈنگەن سودا ئالاقىلىرىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ماھىيەتتە قويۇقلاشقان سودا ئالاقىلىرى بۇ ئەھۋالنىڭ تۈركىيەگە زىيانلىق بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ئىمپورتىنىڭ يېرىمىنى تەمىنلىسە، تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قىلغان سودىلاردا پات-پات زېمىن بەرمەكتە، نەتىجىدە بۇمۇ بىر خىل بېقىندىلىقنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئالغان ماللارنى ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋرو-ئاسىيا بازىرىغا چىقىرىپ، كىرىم قىلىپ كەلمەكتە ۋە بۇ ئەھۋال تۈركىيەنى يېرىم چەت دۆلەت ھالىتىگە كەلتۈرمەكتە.

سەككىزىنچى بۆلۈم: تەنقىدىي نەزەرىيە

 

تەنقىدىي نەزەرىيە ئۇقۇمىنىڭ ئىجتىمائىي بىلىملەرگە كىرىشى ماكس ھوركھايمېر (Max Horkheimer)نىڭ 1937-يىلى نەشر قىلدۇرغان «ئەنئەنىۋىي ۋە تەنقىدىي نەزەرىيە» ناملىق ماقالىسىگە ئاساسلىنىدۇ. فرانكفورت ئېقىمى مۇتەپەككۇرلىرى ۋە ئېرىك فرام( Erich Fromm)غا ئوخشاش مۇتەپەككۇرلارمۇ قوللىغان بۇ ئېقىمدا ئىجتىمائىي پەنلەردە پايدىلىق دەپ قارالغان خېلى كۆپ نەرسىلەرگە قارىتا تەنقىدلەر بار. 1980-يىلىدىن كېيىنكى مەزگىللەردە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمىگەن رېئالىزم ۋە ئىدېئالىزمغا ئوخشاش ئېقىملارنىڭ ئورنىنى تەنقىدىي نەزەرىيە ئالغان. تەنقىدىي نەزەرىيە رەھبەر ئۇقۇمى ئارقىلىق پەقەت سىياسىي قەھرىمانلارنىلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنى باشقۇرغان پۈتۈن ھۆكۈمرانلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇلار مۇتەپەككۇرلاردىن مائارىپچىلارغا قەدەر كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا كۆرە رەھبەرلەر سۇنغان بىلىمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تەرەپسىز بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ.

تەنقىدىي نەزەرىيەنىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرى بولغان گرەمشى (Gramsci) ، ئۆزى ئىلگىرى سۈرگەن مۇستەملىكىچىلىك ئۇقۇمى ئارقىلىق ھاكىمىيەت-جەمئىيەت مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. مۇستەملىكىچىلىك گەرچە زومىگەرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا خەلقنى رازى قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زومىگەرلىك ۋاسىتىلىرى تەشكىل قىلغان يەر سىياسىي جەمئىيەت بولسا، رازى قىلىش ۋاسىتىلىرى تەشكىل قىلغان يەر مەدەنىي جەمئىيەتتۇر. سىياسىي جەمئىيەت دۆلەتنى ۋە ۋېبىرنىڭ ئىپادىسى بويىچە دۆلەتنىڭ مۇستەبىتلىكىنى يوللۇق كۆرسىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئەسكەر، ساقچى ۋە سوت مەھكىمىلىرىگە ئوخشاش ۋاسىتىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەدەنىي جەمئىيەت بولسا مائارىپ ئورگانلىرىدىن تارتىپ ئۇيۇشمىلارغا قەدەر، خۇددى مەدەنىيەتتەك كۆرۈنگەن، ئەمما يەنىلا جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرگەن ۋاسىتىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ شەكىلدە تەنقىدىي نەزەرىيەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەنقىدى دۆلەتكە قارىتىلغان بولىدۇ. دۆلەت پەقەت مۇستەبىتلىك ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىش تەشكىلاتىلا ئەمەس، مەكتەپ ۋە مەھكىمىلەرگە ئوخشاش ئورگانلارنىمۇ قوللىنىش ئارقىلىق تەربىيەچى ئورنىدا تۇرىدۇ.

دۆلەت = مەدەنىي جەمئىيەت + سىياسىي جەمئىيەت

ياكى باشقا بىر ئىپادە بىلەن ئېيتقاندا، دۆلەت = زومىگەرلىك بىلەن مۇستەھكەملەنگەن مۇستەملىكىچى. مۇستەملىكىچىنىڭ زومىگەرلىك قىلىشقا ئېھتىياجى چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇتەپەككۇرلارغا ئېغىر مەسئۇلىيەت يۈكلىنىدۇ. گرەمشى بۇلارنى ئورگانىك مۇتەپەككۇرلار دەپ ئاتايدۇ. يەنى ھۆكۈمدارلارنىڭ دېپىنى چالىدىغان زىيالىيلار. دۇنياۋى مۇتەپەككۇرلار بولسا بۇلارنىڭ دەل ئەكسىچىدۇر.

گرەمشى تارىخىي گۇرۇھ[5] ئۇقۇمى ئارقىلىق جەمئىيەتتە مەلۇم ۋاقىتلاردا تەسىر قوزغىغان سەرخىللارنى كۆزدە تۇتىدۇ. مەسىلەن، تۈركىيەدە ئەسكەرلەر. تارىخىي گۇرۇھ ئۇقۇمىنىڭ تارىخىيلىقى ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئاقىۋىتى مەخپىيدۇر.

يەنە بىر مۇھىم مۇتەپەككۇر روبېرت كاكس Robert Cox بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە ھەر قانداق نەزەرىيە مەلۇم بىر شەخس ياكى بىر نەرسە ئۈچۈندۇر. نەزەرىيەلەر مۇنداق ئىككى مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ: مەسىلىنى ھەل قىلىش ياكى تەنقىد قىلىش. كاكس رېئالىزم، لىبېرالىزم، ھەتتا قۇرۇلمىچىلىققا ئوخشاش نەزەرىيەلەرنى مەسىلە ھەل قىلغۇچى نەزەرىيەلەر كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزگەن بولسا، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلى پېتى قوبۇل قىلمىغان نەزەرىيەلەرنى تەنقىدىي نەزەرىيە دەپ قارايدۇ. گرەمشىنىڭ نامىنى چىقارغان كاكس، ئۇنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئۇقۇمىغا مۇستەملىكىچى دۇنيا تەرتىپى تايانغان ماددىي ئىمكانىيەتلەرگە قاراپ باھا بېرىدۇ. بۇ ماددىي ئىمكانىيەتلەر: ھەم ئىشلەپچىقارغۇچى، ھەم ۋەيران قىلغۇچى يوشۇرۇن كۈچلەرگە ئىگە تېخنىكىلىق ۋە تەشكىللىك قابىلىيەت، بۇلارنىڭ تەبىئىي مەنبەلىرىگە ئىگە بولۇش، سانائەت قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئەسكىرىي ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق بۇلارغا رەھبەرلىك قىلالايدىغان پاراۋانلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىدۇر.

ئەنئەنىۋىي نەزەرىيەلەر خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە دۆلەت ۋە ئۇنىڭ ماددىي ئىقتىدارلىرىغا ئاساسەن باھا بەرگەن بولسا، تەنقىدىي نەزەرىيە ئىجتىمائىي كۈچلەرگە ۋە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان رولچىلارغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ. كۈچنى پايدىلىق دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا، بۇنى شەكىللەندۈرگەن ئىجتىمائىي جەريانلارغىمۇ ئېتىبار بېرىدۇ. بولۇپمۇ مەۋجۇت خەلقئارالىق قۇرۇلمىنى ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ئالەمشۇمۇللۇق ئورنىغا تارىخىيلىق ئىچىدە چۈشىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىكىرىنى رەت قىلىدۇ. تەنقىدىي نەزەرىيە ماركسىزم نەزەرىيەسىگە ئارىلىشىپ قالغان بىر قىسىم خاتالىقلارنىمۇ تۈزىتىش پىكرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭغا كۆرە تەنقىدىي نەزەرىيە ماركسىزمنىڭ تار دائىرىلىك سىنىپ ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى چۈشەنچىسى ئورنىغا، خابېرماس (Habermas) نىڭ ئالاقە خاراكتېرلىك سۆز-ھەرىكەت ئەخلاقى كەبى ئاتالغۇلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ كۈلتۈر، ئىجتىمائىي ئۆگىنىش جەريانلىرى ۋە ئەركىنلىشىشكە ئوخشاش يېڭى ساھەگە يۈزلىنىدۇ.

مەسىلەن، ناتو (ياۋروپا ئىتتىپاقى) تەنقىدىي نەزەرىيە بويىچە تەتقىق قىلىنسا، ئامېرىكا مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مەزگىللەردە تۈركىيە ھەم ناتو، ھەم بىرايتون ئورمىنى سىستېمىسىنىڭ مېۋىسى بولغان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) ۋە (DB)غا ئوخشاش تەشكىلاتلارغىمۇ ئەزا بولۇپ غەربچە خاراكتېرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە تىرىشقان. بۇ ئىش گەرچە رېئالىزم مەنتىقىسى بويىچە بىخەتەرلىكنى كۆزلەپ بېسىلغان بىر قەدەمدەك كۆرۈنسىمۇ، تۈركىيە يەنىلا ئامېرىكىنىڭ مۇستەملىكىسىگە مەھكۇم بولغان. جونسون مەكتۇپى ۋە ئامېرىكا ئېمبارگوسىغا ئوخشاش توقۇنۇشلار تارىخىي قۇرۇلمىلارنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ماددىي ئىمكانىيەتلەر ۋە كۈلتۈرەل پائالىيەتلەردىمۇ يىلتىزىدىن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئاچچىق بىر ساۋاق ئارقىلىق بىلىپ يەتكەن.

توققۇزىنچى بۆلۈم: سوتسىيال قۇرۇلمىچىلىق

 

سوتسىيال (ئىجتىمائىي) قۇرۇلمىچىلىق ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ سوتسىيال بىر شەكىلدە بەرپا قىلىنغانلىقىنى ۋە بىر ئىجتىمائىي رېئاللىق سۈپىتىدە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ سوتسىيال بىر قۇرۇلما ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سوتسىيال قۇرۇلمىچىلىق 1980-يىللاردا بەرپا قىلىنىشقا باشلىغان ۋە 1990-يىلى تۆتىنچى چوڭ دەتالاشقا سەۋەب بولغۇدەك دەرىجىدە تەسىرىي كۈچكە ئىگە بولغان.

نىكولاس ئونۇف (Nicholas Onuf)، فرېدرىخ كراتوخۋىل(Friedrich Kratochwil) ، ئېمانۇئېل ئادلېر (Emanuel Adler )  ۋە پېتىر يوئاخىم كاتزېنشتېين (Peter Joachim Katzenstein)  غا ئوخشاش نەزەرىيەچىلەر كىلاسسىك قۇرۇلمىچىلار دەپ قارالغان بولۇپ، نېتزى (Nietzshe)، فۇكو(  Foucault)  ۋە دېرىدا (Derrida)نىڭ يولىنى تۇتقان رىچارد ئاشلې (  Richard Ashley ) ، داۋىد كامپبېل (  Campbell David)  ، جامېس دېر دېرىيان (James Der Derian )  ۋە راب ب.ج. ۋالكىر (  Rob B.J. Walker) غا ئوخشاش مۇتەپەككۇرلار كېيىنكى مودېرنىزم ھاسىلاتچىلىق ئېقىمى post-modernist konstrüktigvizmنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە قارىلىدۇ. يەنە بىرى بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ئارىسىدا قالغان ئالېكساندىر ۋېندت (Alexander Wendt) قا ئوخشاش كىشىلەرمۇ بولۇپ، بۇلارنىڭ قاراشلىرى ئىلمىي رېئالىزمنىڭ پەلسەپىۋى قارىشىغا يېقىندۇر.

ماددىي دۇنيانى ئۇچۇرغا ئائىت قۇرۇلمىلار ئارقىلىق مەنىگە ئىگە قىلىنىدۇ دەپ قارايدىغان قۇرۇلمىچىلار، خەلقئارا سىياسەتنىڭمۇ ئىجتىمائىي شەكىلدە بەرپا قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئۇلار خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى بىر خىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر تۈگۈنى دەپ قارايدۇ. قۇرۇلمىچى قاراش بويىچە ئىنسان ئەتراپىدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ۋە تەسىرلىشىش ھالىتىدىكى ئىجتىمائىي بىر مەۋجۇداتتۇر. بۇ جەريان ئىجتىمائىي بىر ”قۇرۇلما“ ئىچىدىكى بىر يۈرۈش پىرىنسىپلارغا تايىنىپ ”قۇرغۇچى“لار ۋە ”ئورگان“لار ۋاسىتىسى ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ. ۋېندت قۇرۇلمىلارنى ئىجتىمائىي ھادىسىلەر دەپ قارىسا، ئونۇف بۇ ئاتالغۇ قۇرۇلمىچى ئەسەرلەردىن چىقىرىۋېتىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئونۇفنىڭ ”قۇرۇلما“ ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا ”ئىجتىمائىي لايىھە“ ئاتالغۇسىنى قوللانغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئىنسانلار تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان قۇرۇلمىلارنىڭ كۈلتۈرەل خاراكتېرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان قۇرۇلمىچىلار خەلقئارالىق قۇرۇلمىنىڭمۇ ماددىي قابىلىيەتتىن ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىن شەكىللەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قۇرۇلمىچى قاراشقا نىسبەتەن دۇنيا سىياسىتىدە رول ئوينىغان پىكىر ۋە كىملىكلەرنىڭ قانداق شەكىللەندۈرۈلگەنلىكى، قانداق تەرەققىياتلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى ۋە بۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ ھەرىكەتلىرىنى چۈشىنىشكە قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مۇھىمدۇر. قۇرۇلمىچىلار بۇ نۇقتىدا ”سۆز“ ئاتالغۇسىنى تەكىتلىمەكتە. ئىنسانلار ئېھتىياجلىرىنى ئۇقتۇرۇش ۋە قامداش ئۈچۈن تىل قوللىنىدۇ، لېكىن بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى جەمئىيەتتىكى ”مۇستەملىك سۆزى“ بىلەن بىرگە دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ مەجبۇرىي تېڭىلغانلىقىدۇر. ئونۇف بۇ سۆزنىڭ ئەھمىيىتىنى ”سۆزلىمەك قىلماقتۇر“ شەكلىدە يىغىنچاقلىماقتا. مەسىلەن، بىر توقۇنۇشنى ئىرقىي يوقىتىش دەپ سۈپەتلەش، ئەينى ۋاقىتتا بۇ توقۇنۇشقا ئىنسانىيلىق مۇداخىلىسىنىڭ يولىنى ئېچىش دېمەكتۇر.

قۇرۇلمىچى قاراشتا دۆلەت ئەقلىيلىشىش نەزەرىيەلىرىدىكىگە ئوخشاش بىر ماتېرىيال دەپ قارالمايدۇ ھەمدە دۆلەتلەرنىڭ بىردىنبىر غايىسى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش دەپمۇ چۈشىنىلمەيدۇ. بولۇپمۇ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەت ۋە خاراكتېرلىرىنىڭ بەلگىلىك تارىخىي جەريانلاردا شەكىللەندۈرۈلگەنلىكى قوبۇل قىلىنىدۇ. يەنىلا ئاساسلىق نەزەرىيەلەرنىڭ ئەكسىچە، قۇرۇلمىچى مەنتىق بويىچە خەلقئارا سىستېمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەر قانداق بىر قۇرۇلما مۇقىم ۋە ئۆزگەرمەس خاراكتېرگە ئىگە ئەمەس. قۇرۇلمىدا ئۆزگىرىش ئىمكانىيىتى يارىتىدىغان نەرسە بولسا، بۇ ئورۇندا كۈتۈلگەن نەتىجىدۇر.

قۇرۇلمىچىلار خەلقئارا سىستېمىدا دۆلەتلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ۋە ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھەر قانداق بىر ئورگان يوق دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان ھۆكۈمەتسىزلىك ئاتالغۇسى ئەسلىدە ئەمەلدارلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنىتىش شەكلىدىن كېلىپ چىققان ۋە ئۇلار بىۋاسىتە مەسئۇل بولمىغان بىر تۈزۈمنىڭ ئەھۋالىنى ئىپادىلىمەكتە. ھۆكۈمەتسىز ئەمەلدارلارنىڭ نىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولمىغان بۇنداق بىر تۈزۈم ئەمەلىيەتتە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ھۆكۈمەتسىزلىك ئەمەس. چۈنكى ھۆكۈمەتسىزلىكمۇ بىر خىل تۈزۈم ھالىتى بولۇپ، ھەر قانداق بىر تۈزۈمنىڭ بولماسلىقى ھۆكۈمەتسىزلىك ئەمەس، باشباشتاقلىقتۇر. لېكىن ھۆكۈمەتسىزلىك دۆلەتلەر قۇرۇپ چىققان ۋە بەرپا قىلغان بىر نەرسىدۇر.

قۇرۇلمىچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئۇقۇمىنى تەتقىق قىلىشلىرىمۇ ئاساسلىق نەزەرىيەلەردىن پەرقلىنىدۇ. ئالدى بىلەن ھۆكۈمرانلىق سۇبيېكت چۈشەنچىلەر ئارىسىدىكى بىر ئۇقۇمدۇر. يەنى ھۆكۈمرانلىق باشقىلارنىڭ مەلۇم بىر ساھەدىكى سىياسىي نوپۇزىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ھوقۇقىغا ئۆزئارا يول قويۇش پىرىنسىپىغا تايىنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن باشقىلار بولمىسا ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىق بىر تەشكىلدۇر ۋە بۇ تەشكىل ھۆكۈمەتسىزلىك خەۋپىنى ئازايتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. شۇنداقلا بىخەتەرلىك ئۇقۇمىنىڭمۇ سۇبيېكتىپ چۈشەنچىلەر ئارا مەنىگە ئىگە قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن قۇرۇلمىچىلار، ئىجتىمائىي مەنتىقىنىڭ بىر شەرتى سۈپىتىدىكى بىخەتەرلىكنى پەقەت قوغدىنىشقا، تەھدىت مۇۋازىنىتىگە ۋە ھۇجۇملارغا ياكى مۇشۇ تۈردىكى ھەر قانداق بىر ئوبيېكت ۋە ماددىي ئۇنسۇرغا چەكلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بىخەتەر بولۇش-بولماسلىق ئەھۋالى بىر مۇناسىۋەتنىڭ خۇسۇسىيىتى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنىڭ ماھىيىتىدىكى مۇقىملىق ۋە ئۆزگىرىشچانلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بىخەتەرلىك، قوغدىلىشى زۆرۈر بولغان مەنپەئەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئاتالغۇدۇر.

قۇرۇلمىچى مېتودلار دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىققا تايانغان كوللېكتىپ كىملىكلەر شەكىللىنەلىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. سۆز تېمىسى كوللېكتىپ كىملىكنىڭ شەكىللىنىشى باشقىلارغا ئىجابىي قاراش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. دۆلەتلەر مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن كوللېكتىپ كىملىكلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىچىدە ”بىز“ سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلالايدىغان ئورگانلارنى بەرپا قىلالايدۇ.

كەڭ مەنىدە ئالغاندا تۈرك تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلىگەن ئاساسىي ئامىل كىملىكتۇر. تاشقى سىياسەت قۇرۇلمىسىدىكى ئاجىزلىقلار ئەنئەنە ۋە داۋاملاشقان كىملىكنى مەركەز قىلغان ئاساستا چۈشىنىلگەندە مەنىگە ئىگە بولىدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى جەريانىدا تەسىر كۆرسەتكەن رېئالىست چۈشەنچە، كىملىك ۋە كۈلتۈرگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان چۈشەنچىگە ئورنىنى بوشىتىپ بەرگەن. بولۇپمۇ ئاق پارتىيە تاشقى سىياسەتتە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرا شەرقكە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان ھەمدە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھامىيسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاڭ، رايوندىكى كۈچىگە بولغان ئىشەنچىسى بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن.

ئونىنچى بۆلۈم: كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق

 

كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق چۈشەنچىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىگە كىرىشى 1980-يىللارغا تۇتىشىدۇ. كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق پەقەت دۇنيا سىياسىتىنىڭ خاراكتېرى ۋە رولى بىلەنلا ئەمەس، ھۆكۈمرانلىق، تاشقى سىياسەت، دۆلەت ۋە بىخەتەرلىككە ئوخشاش ئۇقۇملارنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. رىچارد ئاشلې نەشر قىلدۇرغان ”كېيىنكى رېئالىزم مۈشكۈلچىلىكى“ ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېقىمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كېيىنكى مودېرنىزم ۋە كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق ئوخشاش مەنىدە قوللىنىلسىمۇ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ”كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق“ ئاتالغۇسى كۆپرەك قوللىنىلىدۇ.

دۆلەت ئاتالغۇسىنى تەتقىق قىلغان كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق نەزەرىيەسى بىر دۆلەتنىڭ ئۈزلۈكسىز يەنە بىر دۆلەتنى نىشانغا ئېلىپ تۇرۇشىنى ماھىيەتتە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش قايغۇسى دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن ئالدى بىلەن باشقىلار، ئاندىن دۈشمەن دەپ تونۇلغان باشقا بىر دۆلەتكە قارشى ئىچكى بىرلىك مەقسەت قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئۇسۇلنى كۆپ قوللانغانلىقى كۆرۈلمەكتە. كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندە بىر قىسىم ئىستراتېگىيەلەرنى قوللىنىدۇ. بۇلار بىلىم-ھاكىمىيەت، سۆز-نۇتۇق، نەسەبشۇناسلىق، قۇرۇش-يىقىش ۋە ئىككىلىك ئوقۇش ئۇقۇملىرى بويىچە چۈشىنىلىشى مۇمكىن.

بىلىم-ھاكىمىيەت ئۇقۇمى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلمەكچى بولغىنى بىلىمنىڭمۇ، ھاكىمىيەتنىڭمۇ مۇستەقىل بولمىغانلىقىدۇر. بۇ چۈشەنچىدە ھاكىمىيەت جەمئىيەتنى باشقۇرۇشتا بىلىمنى مونوپول قىلىدۇ، ھاكىمىيەت بولمىسا بىلىممۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. ھالبۇكى مۇھىم بولغىنى تەرەپسىز ۋە ئالەمشۇمۇل بىلىمدۇر. فاكالتنىڭ قارىشىچە، بىلىم ئارقىلىق ھاكىمىيەتكە، ھاكىمىيەت ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىقتا سۆز-نۇتۇق مەلۇم مەزگىلدە كۈچكە ئىگە بولغان، ئۇنىڭغا قارىتا تىلغا ئالغۇدەك ئېتىرازلار بولمىغان، بولغانلىرىغىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بىر مۇھىتتۇر. بۇنىڭدىن مەقسەت، قىلغان ئىشلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىش، قارشى ئاۋازلارنى بىنورمال قىلىپ كۆرسىتىشتۇر.

نەسەبشۇناسلىقتا ۋەقەلەرنىڭ تارىخىي بىر سىستېما ئىچىدە تەرەققىي قىلمىغانلىقى، ماھىيەتتە بىلىمنىڭ ئارقىسىدا بىر ھاكىمىيەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىدىن ئىبارەت چۈشەنچە بار. ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇشۇ تەرەپ بايقىلىشى كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قىلىنغاندىلا گەپ-سۆز بىلەن ئوبيېكت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاشكارا بولىدۇ.

قۇرۇش-يىقىش بولسا ئىشەنچلىك ۋە ئۆزگەرمەس دەپ قارالغان گەپ-سۆزلەرنى ۋە چۈشەنچىلەرنى ھەم قۇرۇش، ھەم يىقىش ئارقىلىق ئىشنىڭ تېگىدىكى ھەقىقەتكە ئېرىشىش كۈرىشى بولۇپ، مەلۇم ئۇقۇملارغا زىت بولغان باشقا ئۇقۇملار ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ھەقىقەتكە ئېرىشىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئىككىلىك ئوقۇش خىزمىتىدە بولسا دەسلەپكى ئوقۇشتا تېكىستنىڭ نېمىنى چۈشەندۈرمەكچى بولغانلىقى، تېكىستنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ھالدا چۈشىنىشكە ھەرىكەت قىلىنىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق ئوقۇشتا يادلاشنى بۇزىدىغان شەكىلدە ئوقۇلىدۇ. بۇ ئوقۇشتا گەپ-سۆز ئارىسىدىكى ئىچكى زىتلىقلار ۋە بۇ زىتلىقلارنىڭ قانداق پەردازلانغانلىقى بايقىلىدۇ.

كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق قارىشى بويىچە، ھەتتا ”تاشقى سىياسەت“ كەلىمىسىمۇ بىر ”باشقىلاشتۇرۇش“ كۈرىشىدۇر. چۈنكى بۇ يەردىكى ”تاشقى“ كەلىمىسىنى قوللىنىش ماھىيەتتە ”بىز“ ۋە ”باشقىلار“ ئېڭى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغانلىق بولۇپ، بۇ ئەھۋال ھەتتا مۇشۇ كەلىمىنىڭمۇ سۈنئىي ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئوخشاش مەنتىقە بويىچە، كوپېنھاگېن ئېقىمىنىڭ چۈشەنچىسى بولغان ”بىخەتەرلىكلەشتۈرۈش“ ئۇقۇمىنى تەتقىق قىلغان كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق نەزەرىيەسى، بۇ ئۇقۇمنىڭ مەقسىتىنىڭمۇ جەمئىيەتنى باشقۇرۇش، بىر ئاڭ شەكىللەندۈرۈش ۋە قىلماقچى بولغان ئىشنى يوللۇق كۆرسىتىش كۈرىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، بىخەتەرلىكلەشتۈرۈش ئۇقۇمى ئارقىلىق كۆزدە تۇتۇلغىنى بىر مەسىلىنىڭ ئالدى بىلەن خەلقكە تەھدىت دەپ قوبۇل قىلدۇرۇلۇشى، ئاندىن ئۇنىڭ تەدبىرى ئېلىنىشىدۇر.

سۈنئىي رېئاللىق ئۇقۇمى (Hiper-gerçeklik) كۈنىمىزدە ئەڭ كۈچلۈك قايىل قىلىش ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولغان مېدىيانىڭ قانداق بولۇپ تاشقى سىياسەتتە قوللىنىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە پايدىسى بولىدۇ. بۇنىڭغا كۆرە، مېدىيا پەقەت ئەمەلىي رېئاللىقنىلا كۆرسەتمەيدۇ، بىرلا ۋاقىتتا ئۆز رېئاللىقىنىمۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ. سومالىدا ”دۈشمەن“ تەرىپىدىن يەردە سۆرەلگەن ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ كۆرۈنۈشى سومالىغا ئېلىپ بېرىلغان ئىنسانىيلىق مۇداخىلىسىنى خەلقنىڭ نەزىرىدە يوللۇق قىلىپ كۆرسەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئىراق ئۇرۇشى جەريانىدا بېشىغا خالتا كىيدۈرۈلگەن تۈرك ئەسكىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى تۈرك خەلقىنى بىردىنلا ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

ئون بىرىنچى بۆلۈم: پوست كولونيال (post-kolonyal) نەزەرىيەسى

 

پوست كولونيالىزم (Post-kolonylaizm)، يەنى كېيىنكى كولونيالىزم ئاتالغۇسى ”مۇستەملىكىدىن كېيىن“ دېگەن مەنىدە بولۇپ، باشقىلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن دۆلەتلەر، ئەمما مۇستەملىكىچىلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن مۇستەملىكىلەر (kolonyallar) ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدۇ. كولونى كەلىمىسى تۈركچىگە گەرچە ”مۇستەملىكە“ مەنىسىدە تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، ماھىيەتتە مۇستەملىكىدىن خېلىلا كەڭ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇستەملىكىچى مۇستەملىكە خەلقنى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئېلىپ، ماددىي جەھەتتىن ئېكسپلاتاتسىيە قىلغان بولسا، كولونيالىزم مۇستەملىكە ۋە ئېكسپلاتاتسىيەدىن باشقا قارشى تەرەپنى تۆۋەن كۆرۈش بىلەن بىرگە كۈلتۈرەل ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ كويىدا بولىدۇ. ماھىيەتتە كېيىنكى كولونيالىزم ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ قارىغان بىر كۈلتۈرنىڭ باشقا كۈلتۈرلەر بىلەن ئۆزئارا تەسىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىدۇر.

كولونيالىزم ھۆكۈمرانلىق ئۇقۇمى بويىچە چۈشەندۈرۈلگىنىدە، بىر كىشى ياكى گۇرۇپپىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولمىغان باشقا بىر كوللېكتىپنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈش ھەرىكىتى دەپ قارىلىشى مۇمكىن. ھېنرىي شاۋېيرس  Henry Schwarzنىڭ قارىشىچە، كېيىنكى كولونيالىزم 1947-يىلى جەنۇبىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى بىلەن باشلانغان. 1955-يىلى ئېچىلغان باندۇڭ خەلقئارالىق يىغىنى بولسا بۇرۇنقى مۇستەملىكە دۆلەتلەرنىڭ ئەمدى بۇ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇشنى خالايدىغانلىقىنى رەسمىي شەكىلدە تىلغا ئالغان يىغىن بولغان. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە قاتناش قوراللىرىنىڭ تەرەققىياتى نەتىجىسىدە بۇرژۇئا كۈلتۈرى ئەڭ مەدەنىيەتسىز جەمئىيەتلەرگىمۇ تارالغان ئىدى. ھەتتا ئىنگلىز بۇرژۇئاسىنىڭ ھىندىستاننىڭ يەرلىك رەخت ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنى يوقىتىپ، شۇ يەردىمۇ ئۆزىنىڭ بۇرژۇئا خاراكتېرىنى سىڭدۈرگەنلىكى بۇنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالىدۇر.

ماركس بىلەن ئېنگېلىس كولونيالىزمنىڭ ئىقتىسادىي تەرىپىگە ئەڭ كۆپ دىققەت تارتقان. ئۇلارنى كېيىنكى مۇستەملىكە مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئايرىغىنىمۇ دەل مۇشۇ تەرەپتۇر: يەنى، كولونيالىزمنىڭ كىملىك ۋە ئاساسىي قىسمىدىن كۆپرەك ئىقتىسادىي قىسمىنى تۇتقا قىلغانلىقىدۇر. لېنىن ”ئىمپېرىيالىزم“ ناملىق ئەسىرىدە تىلغا ئالغان ئىمپېرىيالىزمنىڭ كاپىتالىزمنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئىكەنلىكى چۈشەنچىسىمۇ مۇشۇ ئىقتىسادىي لوگىكىغا تايىنىدۇ. سۈمۈرگۈچى كۈچلەر ئىستېمال ئازلىقى تۈپەيلىدىن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ھەتتا بەزىدە مەھسۇلاتلىرىنى مەجبۇرىي سېتىش ۋاسىتىسىنىمۇ قوللىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپالىق ھۆكۈمدارلارغا نىسبەتەن باشقىلارنىڭ قان-تەرىنى شوراش ياۋروپانىڭ ھەققى ۋە ۋەزىپىسىدۇر. ئەڭ كۆپ تەرەققىي قىلغان ۋاسىتىلەرگە ساھىب بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ خام ماددىغا ئېرىشىش ھەققى بولغاندەك، ئەڭ مەدەنىيلەشكەن بولغانلىقلىرى ئۈچۈن بارغانلا يېرىگە مۇشۇ مەدەنىيەت (مۇستەملىكىچىلىك، سۈمۈرگۈچىلىك)نى ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسى بار.

كېيىنكى كولونيالىزمنىڭ مۇھىم مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرى بولغان فرەنس فېنىن (Frans Fannon) قارا تەنلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاق تەنلىك ئىكەنلىكلىرىنى ئىسپاتلاش دەۋاسىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى مۇشۇ ئەھۋالمۇ ئاق تەنلىكلەرگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغانلىقتۇر. شۇڭا قارا تەنلىك ئادەم قارا تەنلىكتەك يۈرۈش-تۇرۇشلاردىن قاچماسلىقى كېرەك. يەنە بىر مۇھىم مۇتەپەككۇر ئېدۋارد سەئىد غەربنىڭ ئالدى بىلەن شەرقنى تونۇشتۇرغانلىقىنى، ئاندىن باشقىلاشتۇرغانلىقىنى، ئاندىن كېيىن تۆۋەن كۆرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شەرقنى تونۇشتۇرغانلىقى ماھىيەتتە ئۆزىنى تونۇشتۇرغانلىقىدۇر. چۈنكى شەرق قانداق بولسا، غەرب ئۇنىڭ دەل ئەكسىدۇر. شەرقشۇناسلىق لوگىكىسى بويىچە شەرقلىقلەر ھۇرۇن، مەدەنىيەتسىز، ئاز تەرەققىي قىلغان ۋە ئاياللارنى تۆۋەن كۆرىدىغانلاردۇر. باشقىلارغا مۇشۇ خىل قاراشنى قوبۇل قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ شەرق جەمئىيەتلىرىگە مەدەنىيەت تارقىتىشى ياكى شەرقلىقلەرنىڭ قولىدىن ئۇلار ياخشى باشقۇرالمىغان زېمىنلارنى تارتىۋېلىشى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. سپىۋەكنىڭ ھىندىستاندىن بەرگەن بىر مىسالىدا، ساتى ئەنئەنىسى سەۋەبىدىن ئېرى ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا مەجبۇر بولغان ئايالنى مەدەنىي بىر غەربلىك قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى بىر مەزگىلدىن كېيىن كۆپلىگەن ئۆلۈملەرنىڭ ساتى ئەنئەنىسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقلۇقى ئاشكارا بولىدۇ.

ھومى بابا Homi Bhabhaنىڭ قارىشىچە، كېيىنكى كولونيالىزم شالغۇتلاشتۇرۇش، تەقلىدچىلىك ۋە قارارسىزلىق ئۇقۇملىرىغا ئاساسەن ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن. شالغۇتلاشتۇرۇش ئۇقۇمىدا مۇستەملىكىچى ۋە مۇستەملىكىلەر ئارىسىدا ئۈچىنچى بىر مەيدان شەكىللەندۈرۈلۈش ئارقىلىق، ماھىيەتتە ئىككىسى ئارىسىدا كەسكىن پەرقلەر يوقتەك كۆرسىتىشكە ھەرىكەت قىلىنىدۇ. تەقلىدچىلىك ئۇقۇمىدا مۇستەملىكىچىلىك ياخشى ۋە توغرا بولغان ئىشتۇر، شۇڭا مۇستەملىكىلەرمۇ مۇستەملىكىچىلەرنى دورىشى كېرەك. ئەمما بۇ ئەھۋال كېيىنكى مەزگىللەردە توقۇنۇشقا سەۋەب بولىدۇ. مۇستەملىكىچىلەر ئەركىن كىشىلەر بولغان يەردە، مۇستەملىكىلەر نېمىشقا ئەركىن بولالمايدۇ؟ بۇ نۇقتىدا بىر ئامال قىلىپ ئۇلارنى غەربلىكلەر خالىغان كىملىككە كۆندۈرۈشتۇر. بۇ ئەھۋال مۇستەملىكە خەلقلەر ئىچىدە بىر قارارسىزلىق كەيپىياتى پەيدا قىلىدۇ–دە، ئۇلار يا پۈتۈنلەي غەربلىك بولالمايدۇ، ياكى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.

كېيىنكى كولونيالىزم باشقا نەزەرىيەلەرنى ياۋروپانى مەركەز قىلغان دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئالدى بىلەن ئىنگلىز ئېقىمىنى، ئاندىن خەلقئارالىق سىستېمىنىڭ يىلتىزىنى ياۋروپادا دەپ قاراپ تەنقىد قىلىدۇ. ئىنگلىز ئېقىمى غەربنى دېموكراتىك ئورگانلارغا ئىگە ۋە تەرەققىي قىلغان جەمئىيەت دەپ قارىغان بولسا، شەرقنى كەلگۈسىدە شۇنداق بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. كېيىنكى رېئالىزمدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال مەۋجۇت. بۇنىڭغا كۆرە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كۈچ ۋە كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىغا ئاساسەن ئورنىتىلىدىغان بولۇپ، كۈچسىز ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرى قاتارغا ئېلىنمايدۇ. غەربكە قارشى قوراللىق ھەرىكەتلەر تېررور دەپ تەشۋىق قىلىنىپ، ئۇلارغا قارىتا ئەسكىرىي مۇداخىلە قىلىش يوللۇق كۆرسىتىلىدۇ. مۇستەملىكىچىلىك مۇقىملىق نەزەرىيەسىدىمۇ ئوخشاش مەنتىقە مەۋجۇت. ئامېرىكىغا نىسبەتەن ياخشى بولغان پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈنمۇ ياخشىدۇر. ئەگەر ئاجىزلارنى باشقۇرغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان بىر دۆلەت (ئامېرىكا) بولىدىكەن، سىستېما تېخىمۇ مۇقىم دېمەكتۇر. ھابسون غەربنىڭ ئاز تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە قىلغان ياردەملىرىنى ھەر قانچە قىلسىمۇ رېئالىزم مەنتىقىسىگە سىغدۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. رەقىب دۆلەتلەرنىڭ كۈچلىنىشىنى كىممۇ خالىسۇن؟ سەئىد ماركسنى تەنقىد قىلغاندا، ئۇنىڭمۇ سىستېمىنى غەربنى مەركەز قىلغان ئاساستا تۈزۈپ چىققانلىقىنى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئاساسەن تەتقىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ھەتتا ۋالىرستېينمۇ مۇشۇ مەنتىقە بويىچە غەرب ۋە شەرق سېلىشتۇرمىسىغا ئاساسەن ئانالىز قىلىپ، غەربنى ماختايدۇ. كېيىنكى كولونيالىزمغا كۆرە، توغرىسى شەرق ئوبيېكتلاشتۇرۇلماستىن ئانالىز قىلىنىشى كېرەك.

لەرنا يانىك شالغۇتلاشتۇرۇش ئۇقۇمى بويىچە تۈركىيەنى ئانالىز قىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭغا  ئاساسەن تۈركىيەنىڭ ھەم غەربكە، ھەم شەرقكە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئامېرىكىنى پات-پات ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ ۋە بۇنىڭ ياردىمىدە ئىككى كۈلتۈر ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. غەرب بۇنى كىملىك سۈپىتىدە قوبۇل قىلمايدىكەن، مەنپەئەتى تۈپەيلىدىن قوبۇل قىلىش ئارىسىدا زىددىيەت ئىچىدە قالىدۇ. باھار رۇمئەلىلى بۇ ئەھۋالنى ياۋروپانىڭ ئۆزۈمچى چۈشەنچىسىگە باغلايدۇ.

ئون ئىككىنچى بۆلۈم: فېمىنىزم[6]

 

فېمىنىزمغا (ئايالھەقچىلىك) كۆرە، كىلاسسىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەلىرى غەربنى ۋە ئەرلەرنى مەركەز قىلىدۇ. ئاساس ئامىلنى، بولۇپمۇ جىنسىيەتنى چۆرىدىگەن ئاساستا مۇلاھىزە قىلىنغىنىدا بۇنىڭدا ئاياللارنى كۆرمەسكە سالغان بىر چۈشەنچە بار. فېمىنىست نەزەرىيەسى دەل مۇشۇ ئەنئەنىنى ئىنچىكىلەيدۇ ۋە ئاياللارنىڭ تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ. فېمىنىست قاراش خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئانالىز ئوبيېكتى بولغان دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن خۇسۇسىي شىركەتكە، ئىجتىمائىي جىنسىيەتكە ۋە سۇبيېكتىپلىققا يۈزلەنمەكتە. بۇ يەردىكى ئىجتىمائىي جىنسىيەتتىن كۆزدە تۇتۇلغىنى بىيولوگىيەلىك جىنسىيەتتىن كۆپرەك، جەمئىيەت تەرىپىدىن بېرىلگەن جىنسىي كىملىككە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن جىنسىيەتنى بەلگىلىگەن ئامىللار جەمئىيەتنىڭ كۈتكەنلىرىدۇر. چاغداش فېمىنىست نەزەرىيەسى كىمنى، نېمىنى، قاچان ۋە قانداق تونۇشتۇرۇپ، سۈپەتلەش ھەققىدىكى سوئاللار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەلىرىنىڭ قاچان ۋە قانداق قىلىپ ئەرلەر بىلەن غەربنى مەركەز قىلىدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى ئىنچىكىلەيدۇ.

19-ئەسىردە باشلانغان فېمىنىست ھەرىكەتلەر بۇ ئېقىمدا بىرىنچى دولقۇن دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە 1960-يىللارغا قەدەر بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئاياللار ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، ئىشلەش ۋە ئوقۇش ھوقۇقى دېگەندەك ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېرىشكەن. 1960-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئىككىنچى دولقۇندا ئاساسىي قانۇن ئالدىدا باراۋەر گىراژدان بولۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. 1980-يىلىدىن كېيىنكى ئۈچىنچى دولقۇندا باراۋەرلىكتىن ئېشىپ، ئىجتىمائىي بىلىملەر ۋە جەمئىيەتكە ئائىت قاراشلاردا ھۆكۈم سۈرگەن ئەرلەرنى مەركەز قىلغان ئىدىيەگە قارشى كۈرەش باشلانغان.

فېمىنىست ئىدىيەگە قارىتىلغان تەنقىدلەر ئەڭ بۇرۇن دۆلەت ئۇقۇمى ئۈستىدىن باشلىنىدۇ. بۇنىڭغا كۆرە، تۈرك تىلىدىكىگە ئوخشاشلا باشقا كۆپلىگەن تىللاردىمۇ ”ۋەتەن ئانا بولسا، دۆلەت ئۇنى قوغدايدىغان دادىدۇر“. بۇ ئاڭ ئالدى بىلەن ئاياللارنىڭ ئاجىزلىقى ۋە كۈچلۈك بولغان ئەرلەر تەرىپىدىن قوغدىلىشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت ئاڭغا تايىنىدۇ. جىنسىيەت روللىرى مۇشۇ شەكىلدە زېھىنگە سىڭدۈرۈلۈش ئارقىلىق ئاياللار پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈلىدۇ ۋە بويسۇندۇرۇلىدۇ. ئەسلىدە ئەرلەر بۇ بىخەتەرلىكنى ساقلىيالمايدۇ، ئەگەر ساقلىيالىسا ئاياللارنىڭ ئۇلارغا بولغان ئېھتىياجى ئاخىرلاشقان بولىدۇ.

فېمىنىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلغار مۇتەپەككۇرلىرىدىن تىكنېرنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن زامانىۋى دۆلەت سىستېمىسى ھېچبىر بوۋاق تۇغۇلمىغان ۋە ھېچكىم ئۆلمىگەن دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان بىر قۇرۇلمىدۇر. بۇ سەۋەبتىن دۆلەت ئىچىدىكى رولچىلار كۆرمەسكە سېلىنىدۇ.

فېمىنىستلەرگە كۆرە، زامانىۋى دەۋردە ئاياللارنىڭ تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن ھالەتكە كېلىشىمۇ بىر پايدىلىنىش ئامىلىدۇر. مەسىلەن، ئامېرىكا ئەسكىرىي قىسىم ئىچىدە ئايال ئەسكەرلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى، ئىراق ۋە ئافغانىستانغا ئوخشاش ئەرلەر ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان رايونلاردا ئاياللار بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە قارشى-ئىسيان ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەھسۇلىدۇر. يەنە تالىباننى باستۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان مۇداخىلىگە ئاياللارنىڭ نىقاب كىيىشكە مەجبۇرلىنىشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئاشكارا يۈرۈشىنىڭ چەكلىنىشى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلگەن ھەمدە باشقىلارنىڭ دىققىتى باشقا تەرەپكە بۇرۇۋېتىلگەن. فېمىنىزم نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى دەل مۇشۇ جىنسىيەت سۇيىئىستىمالىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىشتۇر.

فېمىنىزمدە يالغۇز بىرلا فېمىنىست قاراش بار دېگىلى بولمايدۇ. ئاساس دەلىللىرى ئوخشاش بولسىمۇ، بىر-بىرىدىن پەرقلىق نەزەرىيەۋى قاراشلارغا ساھىب كىچىك ئېقىملارمۇ مەۋجۇتتۇر. مەسىلەن، لىبېرال فېمىنىزم، تەنقىدىي فېمىنىزم، قۇرۇلمىچى فېمىنىزم، كېيىنكى قۇرۇلمىلىق فېمىنىزم ۋە كېيىنكى كولونيال فېمىنىزم قاتارلىقلار بۇنىڭ مىساللىرىدىندۇر.

فېمىنىزم نەزەرىيەسى تۈرك تاشقى سىياسىتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئانالىز قىلىنىغىنىدا يەنىلا ئاجىز پېتى قالماقتا. يۇقىرىدا ئەسكەرتىلگىنىگە ئوخشاش، رېئالىزمچى تۈرك تاشقى سىياسىتى ئاق پارتىيە دەۋرىگە كەلگەندە قېلىپلاشقان، ئىنسان ۋە قىممەت-قاراشنى مەركەز قىلغان سىياسەتكە ئورنىنى بوشاتقان بولۇپ، سۈرىيە خەلقىگە قىلىنغان ياردەملەردە ئاياللار ۋە بالىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىشى ئاجىزلار ۋە قوغدىلىشقا تېگىشلىك بولغانلار ئېڭىنى ئويغاتماقتا. بۇ سىياسەت رايونغا قىلىنغان مۇداخىلىنى جامائەت پىكرى ئىچىدىمۇ يوللۇق ھالەتكە ئېلىپ كەلمەكتە. نېمىلا بولمىسۇن، تۈركىيەنىڭ مەۋجۇت تاشقى سىياسىتى ئىنساننى مەركەز قىلغان نۇتۇقلىرىغا قارىماي، ئورۇنباسار بىر لىبېرالىزم بىلەن پەردازلانغان لىبېرالىزم ئارىسىدا يەر ئالغان، ئەرلەرنى مەركەز قىلغان بىر سىياسەت بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئون ئۈچىنچى بۆلۈم: يېشىل نەزەرىيە

 

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرى ئەنئەنىۋىي خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مېتودىدا ئاساسلىق مەسىلە سۈپىتىدە كۆرۈلمىگەن. بۇ ئەھۋال 1980-يىللاردىن كېيىن جانلىنىشقا يۈزلەنگەن تەنقىدىي نەزەرىيەلەر بىلەن تەڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغان. كېيىنكى لىبېرال نەزەرىيەچىلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۆۋەن سىياسەت low politics تېمىلىرى ئارىسىدا ئورۇن ئالغان يېشىل نەزەرىيە مۇشۇ مەزگىلدىن كېيىن كۆزگە چېلىقىدىغان ھالەتكە كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ، رېئالىزمدا ئورۇن ئالغان يۇقىرى سىياسەت-تۆۋەن سىياسەت high politics-low politics ئايرىمىسىغا قارىتىلغان بىر تەنقىد بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تېمىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت تارتىشتا پايدىسى بولغان. يېشىل نەزەرىيە كۈچنىڭ مەركەزلەشتۈرۈلۈشىنى تەنقىدلەيدۇ. يەر شارىلىشىش تەكشىلىكىدە يەرلىكچىلىكنى قوللايدىغان بولۇپ، بىر خىل كىملىك شەكىللەندۈرۈلۈشىگە قارشى چىقىدۇ. كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىقتىن پەرقلىق ھالدا مودېرنىزم چۈشەنچىسىگە زىچ باغلىنىدۇ.

مۇھىت مەسىلىلىرىگە قارىتا يەر شارى خاراكتېرلىك قايغۇنىڭ ئېشىشى، 1972-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ”بىرلەشكەن دۆلەتلەر مۇھىت پىروگراممىسى “ ناملىق بىر مۇھىت تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋىي ساپانىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك. 1997-يىلى ئىمزاغا ئېچىلغان كيوتو كېلىشىمى بىلەن بىرلىكتە سەرا گازىنىڭ[7] باھاسىنىڭ چۈشۈرۈلۈشى ۋە كونترول قىلىنىشىغا قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر كۈنتەرتىپكە كەلگەن. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كانادا ئىمزالىمىغان بۇ مۇھىت كېلىشىمى 2005-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىمزالانغان. قانداقلا بولمىسۇن، تۈركىيە ئامېرىكا ساھىب بولغان بىلىملەرگە ماس قەدەمدە مېڭىش ۋە زامانىۋى دۆلەت بولۇش مەجبۇرىيەت ئېڭىنىڭ بۇ كېلىشىمنامىگە ئىمزا قويۇشىنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئېكولوگىيەلىك قايغۇلىرىدىن كۆپرەك خەلقئارالىق مەنپەئەتنىڭ كويىدا بولغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ قويغان.

ئاساسىي ئېقىم نەزەرىيەلىرىنىڭ مۇھىتقا قارىتا پوزىتسىيەسى يېشىل نەزەرىيە تەرىپىدىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەنقىدلەنمەكتە. رېئالىزمغا كۆرە، تۆۋەن سىياسەت تېمىسى بولغان مۇھىت مەسىلىلىرى دۆلەتكە تەھدىت ئېلىپ كەلمىسىلا كۆرمەسكە سېلىنىشى مۇمكىن. لىبېرالىزم مۇھىت مەسىلىلىرىنى ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئىنسانلارنىڭ پاراۋانلىقىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرىنى تۇتقا قىلىپ ئانالىز قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن تەنقىد قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت، رېئالىزم بۇ مەسىلىلەرنىڭ چارىسى سۈپىتىدە دۆلەتنىڭ تۈزۈمى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى يېشىل نەزەرىيەچىلەر ئىنساننى مەركەز قىلغان مۇھىت ئېڭى ئورنىغا تەبىئەتنى مەركەز قىلغان مۇھىت مېتودى مەنتىقىسىگە ئىگە. بۇ نەزەرىيەگە كۆرە، ئىنسان-ھايۋان ۋە ئىنسان-تەبىئەت دەپ ئايرىلمايدۇ، بۇنىڭ ئورنىغا، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا پۈتۈن بىر گەۋدە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

ئون تۆتىنچى بۆلۈم: يەرلىك نەزەرىيە قۇرۇلۇشى

 

يەرلىك نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ئاساسەن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىنىڭ غەربنى مەركەز قىلغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئۇنى پۈتۈن دۇنياغا ئومۇملاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقى تەخمىنىگە ئاساسلىنىدۇ. بۇنىڭغا كۆرە مەۋجۇت ئىلمىي ئاستقۇرۇلما پەقەتلا غەربنى ۋە كۈچلۈك دۆلەتلەرنى مەركەز قىلغان مۇناسىۋەتلەرنى تۇتقا قىلغان بىر ھالەتتە. يەنە بىر تەرەپتىن قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان نەزەرىيەلەرنى ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇش دەۋاسى بىر قىسىم مۇتەپەككۇرلارنىڭ يەرلىكچى مېتودلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى بىلەن پەرقلىق سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەن. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئانا ئېقىم نەزەرىيەلەرنىڭ ئۆزگىچە شەرھلىنىشى بولۇپ، قالغان قىسمىمۇ تامامەن ئۆزگىچە بولۇشنىڭ كويىدا.

ئانا ئېقىم نەزەرىيەلىرىگە قارىتىلغان دەسلەپكى تەنقىد بىخەتەرلىك تەتقىقاتلىرىدىن كەلگەن. 1945-يىلىدىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جاھانگىرلىك ئورنىغا چىقىشى ۋە سوۋېتلارنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشى بىلەن رېئالىزمنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى ھەمدە ساھەگە ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمران بولۇشىدىن كېلىپ چىققان. غەربنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆرمەسكە سېلىنىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم مىسالى ئوفۇخودۇر. بۇنىڭغا كۆرە، مۇبادا 1990-يىللاردا ئافرىقىدىكى چوڭ كۆل رايونىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش ياۋروپادا يۈز بەرگەن بولسا ئىدى، ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەپ قارىلىپ، بۇ ھەقتە نەزەرىيەلەر تۆكۈلۈپ كەتكەن بولاتتى.

غەرب سىرتىدىكى دۆلەتلەردە نەزەرىيە ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئاجىز بولۇشىنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرى بار. بۇلاردىن بىرى كېيىنكى دەلىلچىلىك قارىشىنىڭ پەقەت مەلۇم بىر ئاكادېمىك ئۇنىۋېرسىتېت تەرىپىدىن ھۆددىگە ئېلىۋېلىنغانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ رېئال دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئاجىز بولۇشى ئەمەلىي قوللىنىلىشىغا توسالغۇ بولماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دۆلەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەرلىك ئالاقىچى سۈپىتىدە قارىلىشى، بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىنماسلىقى ئىككىنچى بىر سەۋەبتۇر. ئىدارە-ئورگانلار، ماددىي ئىمكانىيەتلەر، مائارىپ ۋە تىل مەسىلىلىرى بۇ ئاجىزلىقنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن باشقا سەۋەبلەردۇر.

نەزەرىيە بەرپا قىلىشتا ئەڭ مۇھىم باسقۇچ ئۇقۇمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتۇر. نەزەرىيەلەر دەلىل كەلتۈرۈش مېتودى ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلغىنىدەك، تەتقىق قىلىش مېتودىغىمۇ ئىگە بولۇشى مۇمكىن. دەلىل كەلتۈرۈش مېتودىدا ئاممىباب نەرسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى مىسال ئېلىنغان بولسا، تەتقىق قىلىش مېتودىدا بىر مىسالنى مۇھاكىمە قىلىپ، يەكۈنلەنگەن نەتىجە ھەممىسىگە ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. ئىجتىمائىي بىلىملەردە تەتقىقاتلار سۈپەتلەش ياكى مىقدارلاشتۇرۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. دىياگرامما ۋە خەرىتىلەرگە ئوخشاش مىقدارلاشتۇرۇش شەكلىدىكى ئۇسۇللارنى قوللانغان تەتقىقاتلار تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق بولۇپ، نەزەرىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۆھپە قوشماقتا. بولۇپمۇ دىققەت چېكىدىغان مەخپىي بەلگىلەرنى قوللىنىشىمۇ ئوخشاش ئەھۋالغا سەۋەب بولماقتا. مەسىلەن، billard ball model of international system بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.

يەرلىك نەزەرىيە بەرپا قىلىش ھەرىكىتى رۇسىيە، جۇڭگو، ھىندىستان ۋە ياپونىيەدە مەيدانغا چىقىۋاتىدۇ. بۇلار ئانا ئېقىم نەزەرىيەلەرنىڭ يەرلىك تۈسكە كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىن بولغىنىغا ئوخشاش، پۈتۈنلەي ئۆزگىچىلەشتۈرۈشكە غەيرەت كۆرسىتىلمەكتە. بۇلار جۇڭگودا سۈنزىنى بۇ پىلانغا كىرگۈزگەن بولسا، ھىندىستاندا كائۇتىليانى كىرگۈزگەنگە ئوخشاش ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. بۇ نەزەرىيەلەر ئىچىدە لاتىن ئامېرىكىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بېقىندىلىق نەزەرىيەسى ئالاھىدىلىك جەھەتتىن ئەڭ مۇۋەپپىقىيەتلىكى دەپ قارىلىدۇ.

تۈركىيەدە يېڭى تەرەققىي قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىنىڭ نەزەرىيەۋى تەتقىقاتلىرى ھېلىھەم رايون تەتقىقاتلىرىدىن خېلىلا كېيىن تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئەھمەد داۋۇت ئوغلىنىڭ ”ئىستراتېگىيەدىكى چوڭقۇرلۇق“ ناملىق كىتابى چۈشەندۈرگۈچى بولۇشتىن كۆپرەك يول كۆرسەتكۈچى بىر نەزەرىيەۋى تەتقىقات سۈپىتىدە قارىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا ئۆزەينىڭ ”مەركىزىي تۈرك ھاكىمىيىتى نەزەرىيەسى“ ناملىق كىتابىمۇ تەبىئەت سىياسەتشۇناسلىقى نەزەرىيەلىرى ئارىسىدا ئورۇن ئالالايدىغان بىر تەتقىقاتتۇر.

[1] . 2009-يىلى تۈركىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئەھمەد داۋۇد ئوغلىنىڭ ”تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى“نىڭ 2013-يىلى 21-مارتتىكى سانىدا ئېلان قىلغان ”يېڭى دەۋردە ھېچقانداق مەسىلە بولماسلىق سىياسىتى“ ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان ”قوشنا ئەللەر ئارىسىدا مەسىلە بولماسلىق“ سىياسىتىنى دېمەكچى – ت.

[2] . ئۇلۇس دۆلەت – بۇ سۆزدىن چېگرالىرى بېكىتىلگەن، ئېنىق چېگرالىرى بولغان، ئۇ چېگرا ئىچىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار ۋە پەرقلىق دىنىي گۇرۇپلار ياشايدىغان ھەمدە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ۋەتەنداشلىق ئەتراپىدا بىرلەشتۈرەلەيدىغان ئورتاق بىر مەنىۋى قىممەت-قاراشقا ساھىب بولغان بىر دۆلەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ – ت.

[3] . دەۋر ۋە ۋەزىيەتكە بېقىنىپ قالمىغان، ئالەمشۇمۇل بىر سىستېما بەرپا قىلىش مېتودى – ت.

[4] . ھۇمانىزم– ئىنساننى ۋە ئىنسان ئەقلىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويىدىغان، ئىلاھ، ۋەھىي ۋە دىنغا ئائىت ھەرقانداق چۈشەنچىنى چەتكە قاقىدىغان بىر خىل دۇنيا قارىشى. سېكۇلارىزم– دۇنيانىڭ بارغانسېرى دىندىن يىراقلىشىپ، دىنسىزلىققا يۈزلىنىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە دىننىڭ دۇنيا سەھنىسىدىن يوقىلىپ تارىخقا ئايلىنىدىغانلىقىنى، ھېچبولمىغاندا دىننىڭ پەقەت ئۆزىگە خاس بەلگىلىك ئورۇنلارغىلا چەكلىنىپ، ئاممىۋىي جەمئىيەتتىكى تەسىرىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر خىل دۇنيا قاراش – ت.

[5]. تارىخىي گۇرۇھ – بۇ ئاتالغۇ تۈركچىدە Tarihsel Blok دەپ ئېلىنغان بولۇپ، ماتېرىيالىزمچى كۈچلەر، ئورگانلار ۋە ئىدېئولوگىيەلەر ئارىسىدىكى تارىخىي بىر ھەمكارلىقنى كۆرسىتىدۇ – ت.

[6] . 18-ئەسىردە فرانسىيەدە ئايال يازغۇچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، كېيىنكى مەزگىللەردە باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئاياللارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئاياللارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھەق-ھوقۇقلاردا ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بىر خىل ئېقىم – ت.

[7] . سەرا گازى – N2O, CH4, CO2  ۋە باشقا بىر قانچە خىل خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ بىرىكمىسى – ت.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*