خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر چۈشەنچىسى ۋە دۇنيا سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىش

2018-يىلى 9-ئاۋغۇست

ئەرول كۇرۇباش – ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
مۇقەددىمە

ئىنسان رىئاللىق ۋە ھەقىقەتنى ئادەتتە شارائىتلار ۋە رىئال دۇنيا سىزىپ بەرگەن رامكا ئىچىدە چۈشىنىشكە مايىل كېلىدۇ، بۇ سەۋەبتىن بۇ دۇنيا مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىز شاھىت بولىۋاتقان دۇنيا ئەزەلىي ۋە ئەبەدىيدەك بىلىنىدۇ، شۇڭا بىز ئۆتمۈش ۋە كېلەچككە مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاچقا خاتالىق سادىر قىلىپ تۇرىمىز. تارىخنىڭ غول يۆنىلىنىشنى سىجىللىق بىلەن ئۆزگىرىش مۇساپىسى ئارىسىدىكى دىيالىكتىكىلىق مۇناسىۋەتنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقى كۆپ چاغلاردا ئېسىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇنداقلا ئۆزگەرمىگەن نەرسىنىڭ ئۆزگىرىشنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىگە سەل قارىلىدۇ.
مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، خەلقئارادا پائالىيەت قىلىۋاتقان سىياسىي ئورگان ۋە كۈچلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى، ئۆز-ئارا پائالىيەتلىرىنى، قۇرۇلمىلارنى قىسقىسى دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر»نامى بېرىلگەن ھادىسىمۇ ئەسلىدە دەل مۇشۇنداق چۈشىنىلىۋاتىدۇ. دۇنيادا ئەسلىدە بۈگۈنكىگە ئوخشاش دۆلەتلەر ۋە ئۇلار ئارىسىدا ئۇرۇش-تىنچلىق مۇناسىۋىتى دائىرىسىدە داۋملىشىپ ئۆز-ئارا بېقىندىلىققا تايىنىدىغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئومۇملاشقان قاراش مەۋجۇت. بۇ قارىماققا
توغرىدەك بىلىنىدۇ، چۈنكى ئىنسانلار جەمئىيەت
بولۇپ شەكىللەنگەن كۈندىن بۇيان داۋاملىق بىر قاتار سىياسىي قۇرۇلمىلار بەرپا قىلىشقان ۋە بۇ قۇرۇلمىلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەر بولۇپ ئۆتكەن. بىراق بۇ كۈنىمىزدە بىز ئويلىغاندەك دۇنيا بەرپا قىلالىدىمۇ؟ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆتمۈشتە ھازىرقىغا ئوخشاش دۆلەتلەر ۋە بۇلارنىڭ ئارىسىدىكىدەك مۇناسىۋەت شەكلى بار بولغانمۇ؟ ئەجەبا بۇ مۇناسىۋەت شەكلى دۇنيانىڭ ھەممىگە يېرىگە يېتىپ باردىمۇ؟ قىسقىسى، بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ئەزەلدىن بېرى بارمىدى؟ ئەجابا بۈگۈنكى دۇنيادىكى سىياسىي ۋەزىيەتمۇ ئۆزگىرەمدۇ؟ راستىنلا ئۆزگىرىدىغان بولسا بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئامىللىرى قايسىلار ۋە كېلەچەكتە بىزنى قانداق بىر دۇنيا كۈتۈۋاتىدۇ؟
مەسىلىگە تېخىمۇ ئىچىكىرىلەپ كىرىدىغان بولساق يەنە بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن سوئالنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ ماقالىمىزدە مىڭلارچە يىللىق دۇنيا سىياسىتىگە قىسقىچە نەزەر سېلىش ئارقىلىق، دۇنيا سياسىتىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى يورىتىپ بېرىشكە تىرىشىمىز. بىز كەسكىن ۋە ئومۇميۈزلۈك باھا ياكى يەكۈن چىقىرىشتىن ئامال بار ساقلىنىمىز، مەقسىتىمىز رىئاللىقنى بىر پۈتۈن يورىتىپ بېرىش بولماستىن بەلكى چۈشىنىش تەس بولغان ھادىسىنى چۈشىنىشكە ئاسان بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
ماقالىدە ئۆتمۈشتە كۈنىمىزدىن پەرقلىق بولغان دۇنيا سىياسىتى بارلىقىنى ۋە كېلەچەكتىمۇ پەرقلىق دۇنيا سىياسىتى بولىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۆتمۈشتە ھازىرقىدەك«خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر»ھادىسىسى بولمىغىنىدەك كېلەچەكتىمۇ بەلكىم بولمايدىغانلىقى قارىشىنى تەكىتلىمەكچىمىز. چۈنكى تامامەن تارىخىي ھادىسى ھېسابلىنىدىغان «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر» دۇنيا سىياسىتىنىڭ مودېرىن (ھازىرقى زامان)دەۋرىدىكى ئىپادىسى بولۇپ مودېرىنلىشىشنىڭ، مودېرىن (ھازىرقى زامان) چۈشەنچىلەرنىڭ، مودېرىن قۇرۇلما، مۇناسىۋتلەر ۋە ئامىللارنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.
قارىشىمىزنى قۇۋەتلەش ئۈچۈن ماقالىدە ئالدى بىلەن دۇنيا سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئامىللىرى قىسقىچە تىلغا ئېلىنىدۇ ۋە بۇ دائىرىدە دۇنيا سىياسىتىدە ئالاھىدە بولغان ئۈچ چوڭ تارىخىي دەۋىر بايان قىلىنىدۇ. ماقالىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئىپتىدائىي ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە دۇنيا سىياسىتىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقى، بۇلارنىڭ قايسى سىياسىي چۈشەنچىدىن ئوزۇقلانغانلىقى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى قىسىمدا، مودېرىن دەۋىردە دۇنيا سىياسىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر»ھادىسىسىنىڭ قانداق ھادىسە ئىكەنلىكى، قانداق باش كۆتۈرگەنلىكى ۋە قانداق بولۇپ خەلقئارالاشقانلىقى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئارقىلىق بۇلار سەۋەب بولغان نەتىجىلەر بايان قىلىنىدۇ. تۆتىنچى قىسمىدا، كۈنىمىزدە بولىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ئانالىز قىلىنىپ يېڭى بىر تارىخىي دەۋىرنىڭ بوسۇغۇسىدا تۇرۇۋاتقانلىمىز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ ۋە نېمىلەرنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى ۋە ئۆزگىرىشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1- دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىش ئامىللىرى ۋە بۈيۈك تارىخىي دەۋىرلەر
بىر چاغلاردا دۇنيا سىياسىتى بۈگۈنكىدەك ئەمەس ئىدى، شۇڭا كەلگۈسىدىمۇ ھازىردەك بولۇشى ناتايىن. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، دۇنيانىڭ سىياسىتى ۋەزىيىتى، سىياسىي ئاپراتلار، ئورگانلار ۋە بۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە بۇلاردىن ئاپىرىدە بولغان قۇرۇلمىلار (قىسقىچە، دۇنيا سىياسىتى)ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە ئوخشىمىغان شەكىللەرگە ئىگە ئىدى. نىي ۋە ۋېلچ (2011:3-4) دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئۈچ ئاساسلىق شەكلى بارلىقىنى تەكىتلىشىدۇ. بىرىنچىسى، دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان «دۇنيا ئىمپېرىيەسى تۈزۈمى»، ئىككىنچىسى، بېقىندىلىق ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتلەر سىياسىي سىنىپلار تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدىغان «فىئوداللىق تۈزۈم»، ئۈچىنچىسى نىسبەتەن پۈتۈنلۈكى بولغان، بىراق ئالىي ھۆكۈمرانلىق قاتلىمى بولمىغان دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان «تەرتپىسىز دۆلەتلەر تۈزۈمى». بۇ دۇنيا سىياسىتى شەكىللىرى قانداقتۇر تارىخىي بولۇشتىن بەكرەك نەزىرىيەۋى تۈسكە ئىگىدۇر. چۈنكى نىي ۋە ۋېلچنىڭ قارىشىچە، تەرتىپسىز دۆلەتلەر تۈزۈمى مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە خىتاي ياكى ھىندىستان ۋەياكى قەدىمىي يۇناندىمۇ بار ئىدى.
دۇنيا سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ قاراش خاتا ئەمەس لېكىن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى، بۇلارغا تەسىر كۆرسەتكەن ھەتتا بەلگىلەيدىغان ئامىللارنى ۋە بۇ دائىرىدە «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر»دېيىلىدىغان ئالاھىدە دۇنيا سىياسەت شەكلىنى تولۇق يورىتىپ بېرەلمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن بىز بۇ جايدا دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئوخشىمىغان شەكىللىرى ۋە بۇ دائىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى بىر قاتار ئۆلچەملەر دائىرىسىدە ئانالىز قىلىمىز. بىزچە، دۇنيا سىياسىتىدە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى تۆۋەندىكى ئۈچ ئاساسلىق ئامىلنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆزگىرىشىگە باغلىق. بىرىنچىسى، مەۋجۇت سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىككىنچىسى، بۇ كۈچلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت شەكلى ۋە دەرىجىسى، ئۈچىنچىسى، ماكاننىڭ دائىرىسى ۋە بۇ دائىرىسىدە زامان-ماكاننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى.
بىرىنچىسى ئۈستىدە توختىلىشقا توغرا كەلسە، تەشكلىي قۇرۇلمىغا ئىگە سىياسىي ئاپىراتلار بولمىغان ئىپتىدائىي دەۋىرلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويساق، ئىنسانىيەت تارىخنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىرلىرىدە بىر-بىرىگە ئوخشمايدىغان پەرقلىق سىياسىي ئاپىراتلارنى قۇرۇپ چىققان. بۇ دائىرىگە قەبىلىلەر، شەھەر دۆلەتلىرى، خاندانلىقلار، ئىمپېرىيەلەر، كىنەزەكلىكلەر، پادىشاھلىقلار، فىئودال قۇرۇلمىلار ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر كىرىدۇ. بىز بۇ يەردە «ئىمپېرىيەلىك ياكى ھىمايە ئاستىغا ئېلىنغان سىياسىي قۇرۇلمىلار»بىلەن «ئىگىلىك ھوقۇقلۇق-مۇستەقىل دۆلەتلەر»نى بىر-بىرىدىن ئايرىمىساق بولمايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، چېگرالىرى ئېنىق بېكىتىلمىگەن زېمىنلاردا تولۇق مۇستەقىل بولمىغان، پەقەت «مۇستەقىلدەك كۆرىنىدىغان ياكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىدىغان»، مۇستەقىللىقى ۋاقىتلىق، تالاش-تارتىشلىق ياكى مەۋھۇم بولغان سىياسىي قۇرۇلمىلار بىلەن چېگرالىرى ئېنىق بېكىتىلگەن ۋە بۇ چېگرالار ئىچىدىكى زېمىن ۋە ئىنسانلارغا «تولۇق ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان» دۆلەتلەرنى ئايرىش كېرەك. بۇ ئايرىم سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، بۇ سىياسىي قۇرۇلمىلاردىكى مۇناسىۋەتنىڭ شەكلىنى بەلگىلەش نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىمدۇر.
دۇنيا سىياسىتىدىكى كۈچلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ شەكلى نۇقتىسىدىنمۇ بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئوخشمىغان ئۈچ خىل شەكلى بار. بىرىنچىسى، ھەر سىياسىي قۇرۇلما ئۆزگىرىلەردىن مۇستەقىل ئايرىم ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ «ئالاقسىزلىق»نى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىسى، سىياسىي قۇرۇلمىنىڭ ئۆزىدىن ئۈستۈن ھاكىمىيەتكە بويۇن ئېگىپ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن «پىرامىدالىق مۇناسىۋەت»شەكلى، ئۈچىنچىسى، سىياسىي قۇرۇلمىلارنىڭ بىر-بىرىدىن مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزگىلەر بىلەن بۇ دائىرىدە مۇناسىۋەت ئورنىتىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا چىققان «باراۋەرلىك مۇناسىۋەت»شەكلى (يۇردۇسەۋ، 1996:23). يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان سىياسىي كۈچلەر خەۋەرلىشىش ۋە قاتناش ساھەسىدىكى «تېخنىكىلىق ئىمكانىيەتلەر» ۋە ئېتىقاد ۋە مەنىۋى بايلىقلاردىن ئوزۇقلىنىدىغان «دۇنيا قارىشى»غا باغلىق ھالدا تارىخنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىرلىرىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇناسىۋەتلەر شەكىللىرىدىن بىرىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلغان ۋە بۇ دائىرىدە داۋاملاشقان مۇناسىۋەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە زىچ-سۇس، ئىزچىل-ئىزچىل بولمىغان مۇناسىۋەتلەر پەيدا بولغان. بۇ ئەھۋال دۇنيا سىياسىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى بەلگىلىگەن.
ئۈچىنچىسى، دۇنيا سىياسىتىگە ساھىبخانلىق قىلغان ماكاننىڭ (زېمىن) ئالاھىدىلىكى ۋە دائىرىسى بىلەن بۇ دائىرىدە مەيدانغا كەلگەن «زامان-ماكان مۇناسىۋىتى»نىڭ ئەھۋالىمۇ دۇنيا سىياسىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر. بۇ جايدا «تارقاق» ياكى «بىر گەۋە» بولۇپ ئىككى خىل ماكاندىن ئېغىز ئېچىشقا بولىدۇ. «تارقاق ماكان»دۇنيانىڭ بىر-بىرىدىن خەۋەرسىز جۇغراپىيەلىك ماكاندىن تەشكىل تاپقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولسا، «بىر گەۋدىلىك ماكان»ئىنسانلار ياشىغان رايون ۋە قىتئەلەرنىڭ بىر گەۋدىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى، ھەتتا زېمىننىڭ ھەممىسىنىڭ ئاسمان ۋە يەر ئاستى بىلەن بىرلىكتە قوشۇلۇپ بىرلا ماكان بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى مۇناسىۋەتلەرنىڭ زىچلىق دەرىجىسىنى ۋە سىياسىي كۈچلەرنىڭ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش قابىليىتىنى بەلگىلەيدىغان «زامان-ماكان مۇناسىۋىتى»دائىرىسىدە چۈشىنىش كېرەك. ھارۋېنىڭ (1989) «زامان-ماكان قىسىلىشى»دېگەن ئۇقۇمىدىن ئىلھام ئېلىنغان ئاساستا بۇ «قىسىلىشنىڭ نىسبىتى»نىڭ دۇنيا سىياسىتىنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىللاردىن ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئاساسلىق ئۆزگىرىش ئامىللىرى دائىرىسىدە دۇنيا سىياسىتىنى مودېرىن دۇنيادىن بۇرۇن، مودېرىن دۇنيا، مودېرىن دۇنيادىن كېيىن دېگەندەك دەۋىرلەرگە ماس ھالدا، «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىن بۇرۇنقى دەۋىر»، «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دەۋرى» ۋە «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىن كېيىنكى دەۋىر»دەپ ئۈچ دەۋىرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
بۇ دەۋىرلەردىكى دۇنيا سىياسىتىنى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىن بۇرۇنقى دەۋىر كۆپ خىللىق بىراق بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان يېپىق تۈزۈملەردىن تەشكىل تاپقانلىقى ئۈچۈن «ئۈزۈك-كۆپ مەركەزلىك»، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دەۋرى بىر پۈتۈن ۋە بىرلا مەركەزلىك بولۇش بىلەن بىرگە، غەربنىڭ تىزگىنىدە بولغانلىقى ئۈچۈن «غەرب مەركەزلىك»، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىن كېيىنكى دەۋىر بولسا كۆپ خىللىق ۋە بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئىچىدىكى ئوچۇق تۈزۈملەردىن تەشكىل تاپقانلىقى ئۈچۈن «پۈتۈنلەشكەن-كۆپ مەركەزلىك»دەپ تەرىپلەش مۇمكىن.
2- خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىن بۇرۇنقى دەۋىر- ئۈزۈك كۆپ مەركەزلىك دۇنيا
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىن بۇرۇنقى دەۋىر ئاساسلىقى ئىپتىدائىي ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىبارىدۇر. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ھادىسىسى بولمىغان بۇ دەۋىردە، مودېرىن دەۋىردىكى سىياسىي ئاكتىيور ۋە مۇناسىۋەت شەكلى بولمايدۇ، زامان-ماكان مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئۈزۈكلۈك مەۋجۇت ئىدى. شۇڭا بۇ دەۋىر بىر-بىرىدىن ئۈزۈك نۇرغۇن يېپىق تۈزۈمدىن تەشكىل تاپقانلىقى ئۈچۈن دۇنيا سىياسىتىنى شەكىل جەھەتتىن «ئۈزۈك-كۆپ مەركەزلىك»دەپ تەرىپلىسەك بولىدۇ.
مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، بۇ دەۋىردە سىياسىي ئاكتىيورلارنىڭ ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ئوخشىماسلىقلار بولسىمۇ ھەر قانداق ئەھۋالدا ھەققىي مەنىدە مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر ئورنىغا، مەدەنىيەت ياكى دىننىڭ تەقەززاسى بويىچە دۇنيانى قولغا كىرگۈزۈش، ھۆكۈمرانلىق قىلىش ياكى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئويلىۋېلىش مەنتىقىسى بىلەن يەنى «چەتكە قېقىش، مونۇپۇللۇق ۋە ئالەمشۇمۇللۇق»غايىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان «مەدەنىيەت ياكى ئىمپېرىيە»خاراكتېرلىك سىياسىي قۇرۇلمىلار كۆزگە چېلىقىدۇ. مەدەنىيەتلەرگە نىسبەتەن مۇناسىۋەت شەكلى ئاساسەن دېگۈدەك ئايرىم ۋە مۇستەقىل بولسا، ئىمپېرىيەلەرگە نىسبەتەن مۇناسىۋەت شەكلى پىرامىدا شەكىللىك بولىدۇ. ماكان جەھەتتىن بولسا بىر-بىرىدىن ئۈزۈك ۋە يېپىق جۇغراپىيەلىك رايونلار تەرىقىسىدە بولۇپ، بىر گەۋدە بولماستىن تارقاق بولىدۇ.
ئىپتىدائىي ئەسىرلەردە خىتاي، ھىندىستان، مېزوپوتامىيە، پارس، مىسىرغا ئوخشاش مەدەنىيەت رايونلىرى پات-پات بىر-بىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بۇ مەدەنىيەتلەردە ھۆكۈمران ئىدىيە «مەدەنىي-ياۋايى ئايرىمى»ئىدى. بۇ بېكىنمە مەدەنىيەتلەر بىر-بىرىدىن يىراق تۇرۇش ۋە ئامال بار مۇناسىۋەت ئورناتماسلىققا تىرىشاتتى. مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا توغرا كەلسە، بۇ چوقۇم بىرى يەنە بىرىگە ھۆكۈمران قىلىش ئىدىيەسىگە تايىناتتى ۋە ئۇرۇش بولاتتى. بۇ مەدەنىيەتكە تايانغان ئمپېرىيەلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا بېكىنمە تۈزۈمى بار ئىدى. مەسىلەن، خىتاينىڭ سەدىچىل سېپى بۇ ئىدىيەنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى شەكسىزدۇر.
بۇ مەدەنىيەتلەرگە ئوخشاش يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى، رىم ئىمپېرىيەسى ۋە پارسلارمۇ بېكىنمە تۈزۈمنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنياغا خوجايىن بولۇش ئىدىيەسى بىلەن ھەرىكەت قىلىشقان. يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بەزى ئانالىزچىلار تەرىپىدىن «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تۇنجى نامايەندىسى»دەپ قارالسىمۇ، يۇنانلىقلارنىڭ تاشقى دۇنيا چۈشەنچىسى يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان تەرىقىدە بولۇپ، يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى بېكىنمە تۈزۈم قۇرۇپ چىققانىدى. ئوخشاشلا رىم ئىمپېرىيەسىمۇ يېگانە ۋە بىر دۇنيا چۈشەنچىسىدىن ئاپىرىدە بولغان بولسىمۇ، بۇ ئەھۋال ھېچقاچان رىملىقلارنىڭ سىرتىدىكى توپلۇقلارنىڭ باراۋەر يۇرتداشلار سۈپىتىدە كۆرۈلمەسلىكى سەۋەب بولمىغان، ئەكسىچە ئۇلارغا قارىتا ئايرىم قانۇن ئىجرا قىلىنغان. قىسقىسى، رىم ئىمپېرىيەسى سىرتىدىكى رايونلارمۇ نورمال مۇناسىۋەت قۇرۇلىدىغان جايلار دەپ قارالمىغان. يەنى رىملىقلارمۇ مەدەنىي-ياۋايى دەپ ئايرىلغان (يۇردۇسەۋ، 1996-28). نېي ۋە ۋېلچ دېگەندەك، بۇ قەدىمىي دۇنيا ئىمپېرىيەلىرى ئەسلىدە رايون خاراكتېرلىك ئىمپېرىيەلەر بولسىمۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقلىرىنى ئويلايتتى ۋە ئۆزگە ئىمپېرىيەلەر بىلەن بولىدىغان توقۇنۇشلاردىن ئالاقسىزلىك سەۋەبىدىن خالىي تۇراتتى. ئىمپېرىيەلەرنىڭ ئەتراپتىكى «ياۋايىلار»بىلەن بولغان ئۇرۇشمۇ ئوخشاش سەۋىيەدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار بىلەن ئوخشاش ئەمەس ئىدى.
دىنى چۈشەنچە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بولسا ياۋروپادا چېركاۋىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا فىئودال تۈسكە ئىگە سىياسىي قۇرۇلما ئاپىرىدە بولغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلمىمۇ جاھانگىرلىك ئىدىيەسىگە تايىنىدىغان، ئوچۇق بىر ئىچكى-تاشقى ئايرىمى بولمىغان، ئۆزىگە خاس بېكىنمە تۈزۈم شەكىللەندۈرگەنىدى. بۇ بېكىنمە تۈزۈمدە ئۆز-ئارا ھەق-ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتلەر بىلەن بىر-بىرىگە باغلىق بولغان ۋە (پوگى، 2007:51)كۆپ خىل سىياسىي ئاپىراتلار (پاپا، خان، كېنەز ۋە بەگ)بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن سىياسىي كۈچلەر بولۇش بىلەن بىرگە، نۇرغۇن ساداقەت مەركەزلىرى (پاپالىق، ئىمېپرىيەلىك، كېنىزەكلىك) بار ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار بىر ۋاقىتتا بىر نەچچە ھۆكۈمران كۈچكە بېقىنىدى بولۇشقا مەجبۇر ئىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، چېگرالىرى ئېنىق بولمىغان، قاتلاملىق خۇسۇسىي بولغان ھاكىمىيەت ۋە بۇ ھاكىمىيەتكە بولغان ساداقەت تۇيغۇسى مەۋجۇت ئىدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، سىچۇلزېنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپاسى زېمىننى ئاساس قىلغان ئىگىلىك ھوقۇق پىرىنسىپىغا تايىنىدىغان دۆلەت چۈشەنچىسىگە يات بولۇپ، پەقەت ساداقەت ۋە بېقىندلىق ئەھدىگە تايىنىدىغان مۇناسىۋەتنى ئېتىراپ قىلاتتى. بۇ سەۋەبتىن بۇ تۈزۈمدە بىرمۇ ھۆكۈمران بىر زېمىن پارچىسى ياكى جەمئىيەتنىڭ مەلۇم قاتلىمىغا تولۇق ھۆكۈمران ئەمەس ئىدى. ھەر بىرى ھۆكۈمرانلىقىنى قول ئاستىدىكىلەر، پاپا ۋە «مۇقەددەس»رىم ئىمپېرىيەسى بىلەن بۆلۈشۈشكە مەجبۇر ئىدى. مەسىلەن، بىر ئىمپېراتور چىقارغان پەرمان مۇنداق بولاتتى: باش پوپلار ۋە كىنەزلەرنىڭ ھۇزۇرى ۋە ئۇلارنىڭ رازىلىقى بىلەن» (سىچۇلزې، 2005:23).
بۇنداق بېكىنمە تۈزۈم بولغان فىئودال قۇرۇلمىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە نەزەر سېلىنغىنىدا، دۇنيا ماكان جەھەتتىن «تەڭرى دۆلىتى-زېمىن دۆلىتى»، ئىنسانىيەت بولسا »خىرىستىيان ياكى ئەمەس»دەپ ئايرىلغان. جاھانگىرلىك ئىدىيەسىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولغان بۇ ئىدىيە دائىرىسىدە تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقە شەكلىمۇ يا تەنھالىق ياكى «ئادالەت ئۇرۇشى»تەرىقىسىدە دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش مەنتىقىسى بىلەن ئىپادىلىنەتتى (كىنۇتسېن، 2006:39). بۇ نۇقتىدىن ئەھلى سەلەب ئۇرۇشلىرىمۇ «ئادالەت ئۇرۇشى»دائىرىسىدە تاشقى دۇنيا بىلەن قۇرۇلىدىغان ئالاقە شەكلىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ياخشى مىسالدۇر.
بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ تاشقى دۇنيا بىلەن ئورنىتىلغان ئالاقە نۇقتىسىدىن ئىسلام دۇنياسىدىمۇ چېلىقىدۇ. ئەمەۋى ۋە ئابباسىي خەلىپىلىكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى سىياسىي كۈچلەر ئىككى بىسلىق مەنتىق بىلەن ھەرىكەت قىلغانىدى، «مۇسۇلمان ياكى ئەمەس» ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا «دارۇل ئىسلام-دارۇل ھەرب»ئايرىمىغا تايىنىدىغان بۇ چۈشەنچىنى قوبۇل قىلىپ، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى «جىھاد»دائىرىسىدە شەكىللەندۈرگەن (ئەبۇ سۇلايمان، 1985:37). بۇ چۈشەنچە مەزمۇن جەھەتتىن خىرىستىيان دۇنياسىدىن پەرقلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ھەتتا «دارۇل سۇلھى»گە ئوخشاش، مۇسۇلمانلار بىلەن كېلىشىم تۈزگەن، مۇسۇلمان بولمىغان زېمىنلارغا بېرىلگەن سالاھىيەت ياكى «ئەمان»ۋە «زىممە»گە ئوخشاش، مۇسۇلمان بىر دۆلەتە غەيرى مۇسۇلمانلارغا كېلىشىم دائىرىسىدە تىنچلىق ئىچىدە ياشاش ھوقۇقى بېرىلگەن بەزى سىياسەتلەر يولغا قويۇلغان بولسىمۇ (ئەبۇ سۇلايمان، 1985:47)، ئاساسلىق مەقسەتنىڭ ئىسلامنىڭ ئالەمشۇمۇل ھۆكۈمرانلىقىنى بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىدە شەك يوق.
قىسقىسى، ئىپتىدائىي ئەسىرلەردىكى چەتكە قاققۇچى، ئالامشۇمۇل يەككە سىياسىي كۈچ ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تايانغان پىرامىدا خاراكتېرلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش چۈشەنچىسى، ئوتتۇرا ئەسىرلەردە پەرقلىق شەكىللەردە بولسىمۇ داۋاملاشقان، (يۇردۇسەۋ، 1996:39) نورمال مۇناسىۋەت ئورنىتىش پەقەت شۇ مەدەنىيەت ئىچىدىكى سىياسىي ئورگانلار بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش سۈپىتىدە كۆرۈلگەن. بۇ سەۋەبتىن دۇنيا سىياسىي شەكىل ئۆزگەرتمىگەن.
بۇ دەۋىرلەردىكى سىياسەت چۈشەنچىسىگە نەزەر سېلىنغىنىدا، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت توغرۇلۇق ھېچقانداق چۈشەنچە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. چۈنكى بۇ دەۋىرلەردە «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر»چۈشەنچىسى يوق ئىدى. بۇ نۇقتىدىن ئەپلاتون، ئارىستوتىلغا ئوخشاش يۇنان سىياسەت پەيلاسوپلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل دۆلەت ۋە ئەڭ مۇۋاپىق ھاكىمىيەت شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى (يۇرتسەۋ)، تۇچددېسگە ئوخشاش خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە توغرۇلۇق تۇنجى كىلاسىك ئەسەرنى يازغان شەخسمۇ، رىئال-سىياسەت چۈشەنچىسى توغرىسىدا ئاساسەن يۇنانلىقلار ئارىسىدىكى ئۇرۇشنى تېما قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك. ئارىستوتىلنىڭ «ياۋايىلار»دەپ تەرىپلىگەن شەرقلىقلەرنى قۇل بولۇشقا تېخىمۇ مۇۋاپىق «ئىنسانلار»دەپ قارىشى، ئەينى ۋاقىتتا تاشقى دۇنيانىڭ قانداق چۈشىنىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم يىپ ئۇچىلارنى بېرىدۇ.
ئوتتۇرا ئەسىر خىرىستىيان ياكى ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىمۇ بۇرۇنقىلاردىن پەرقلىق ئويلىمىغان. سائىنت ئاۋگۇستىن، ئاكىنولو توماسقا ئوخشاش خىرىستىيان مۇتەپەككۇرلار ياكى فارابى، غەززەلى، ماۋەردى، ئىبنى رۇشىد، ئىبنى سىناغا ئوخشاش ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرى ئوخشاشلا ھاكىمىيەت ۋە ھۆكۈمدارلارغا ئالاقىدار ئىدى. يەنى بۇ مۇتەپەككۇرلاردىمۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر چۈشەنچىسى يوق ئىدى.
مەسىلىگە ماكان نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدىمۇ تۇتاش بولمىغان قىتئەلەرنىڭ ئەكسىچە ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا تاق يۆنىلىشلىك ۋە زور دەرىجىدە چەكلىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. تۇتاش قىتئەلەر ئارىسىدا چەكلىك بولسىمۇ مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلغان رىم كېڭەيمىچىلىكى، قەۋملەر كۆچى، ئىسلامنىڭ كەڭ يېيىلىشى، ئەھلى سەلەب ئۇرۇشلىرى، موڭغۇل ئىستىلاسىغا ئوخشاش چوڭ ھادىسىلەر نە ئاكتىيورلارنىڭ دۇنيا چۈشەنچىسىنى، نە مۇناسىۋەت شەكىللىرىنى، نە تارقاق دۇنيا ھادىسىسىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. ئوكياندىن ھالقىغان زېمىنلاردا بولسا شارائىتلارنىڭ پەۋقۇلئاددە ناچارلىقى تۈپەيلى بۇنداق مۇناسىۋەتلەرنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى يوق ئىدى.
3- خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دەۋرى: غەرب مەركەزلىك دۇنيا
ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن، ياۋروپادا 16-ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ مەرىپەت ئويغىنىش ۋە مودېرىنلىشىش مۇساپىلىرىگە ماس ھالدا ھاكىمىيەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ مەركەزگە مەركەزلىشىشى، يەنى خانغا مەركەزلىشىشى، چېركاۋ بىلەن دۆلەتنىڭ بىر-بىرىدىن تامامەن ئايرىلىشى ۋە بۇ مۇتلەق مونارخلارنىڭ بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلىشى نەتىجىسىدە «ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر»ئاپىرىدە بولدى. بۇ يېڭى سىياسىي ئاكتىيورلار ئۆزلىرى ۋەكىللىك قىلغان دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىگە تايىنىدىغان، جاھانغا خوجا بولۇش چۈشەنچىسىدىن مەجبۇرىي ھالدا يىراق تۇرىدىغان، ئۆزگە دۆلەتلەرگە ھۆكۈمران بولۇشقا تايانمايدىغان مۇناسىۋەت شەكلى قۇرۇپ چىقىشتى. بۇ مۇناسىۋەتلەر ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت قالمىغانلىقتىن پىرامىدا ۋە تىك ئەمەس تۈز ۋە باراۋەر تۈسكە كىردى.يەنى بۇرۇنقى قاتلاملىق مۇناسىۋەت شەكلى ئاخىرلاشتى.
ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن بۇ يېڭى سىياسىي ۋەزىيەت «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ھادىسىسى»نىڭ دەل ئۆزى ئىدى. چۈنكى مەنسبېچ دېگەندەك «خەلقئارالىقچىلىق»ياۋروپانىڭ دۆلەت مەركەزلىك ئەنئەنىسى ۋە كېيىنكى ئەسىردە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر چۈشەنچەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بۇ ئەنئەنىدىن كېلىپ چىققان دۇنيا سىياسەت ئەندىزىسىدۇر. ياۋروپادا ئاپىرىدە بولغان بۇ ھادىسىنىڭ قەدىمۇ قەدەم دۇنياغا يېيىلىشى بىلەن دۇنيا سىياسىتى يېڭى بىر تارىخىي دۋىرگە قەدەم قويدى. نۆۋەتتە بىز مودېرىن دەۋىردە مەيدانغا كەلگەن دۇنيا سىياسىتىنىڭ، قىسقىچە نامى «خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر»بولغان تەخمىنەن 350 يىللىق ھادىسىنىڭ ئاپىرىدە بولۇشى، تەرەققىياتى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.
1-3- تېرروتورىيەلىك دۆلەتنىڭ ئاپىرىدە بولۇشى ۋە ۋېستفالىيە دۆلەتلەر تۈزۈمى
كەڭ ئومۇملاشقان قاراشقا ئاساسلانغاندا، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئاساسلىرى 17-ئەسىردە ياۋروپادا سېلىنغان. ئۆز ئىچىدە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىنى قوغداپ كېلەلىگەن بۇ قۇرۇلمىنىڭ نامىنى «ۋېستفالىيە دۆلەتلەر تۈزۈمى»دەپ ئاتايمىز. بۇ تۈزۈمنىڭ روياپقا چىقىشىغا زېمىن ھازىرلىغان نەرسە بولسا، ياۋروپادىى مەشھۇر«30 يىل ئۇرۇشلىرى»نىڭ ئاخىرىدا يەنى 1648-يىلى ھاسىل قىلىنغان «ۋېستفالىيە تىنچلىق ئەھدىنامىسى»دۇر. مەزكۇر تىنچلىق ئەھدىنامىسى بىلەن «مودېرىن سىياسەت»چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلغان «دۆلەت»قۇرۇلمىسى ۋە بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدا ھەر قانداق بىر ئالىي ھاكىمىيەت بولمىغان شارائىتتا مەنپەئەت ۋە كۈچكە تايانغان مۇناسىۋەت شەكلى پەيدا بولغان. بۇ سەۋەبتىن «مودېرىن دۆلەت»قۇرۇلمىسى ئاپىرىدە بولمىغان بولسا ئىدى، «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر»تۇغۇلمىغان بولاتتى، دېيەلەيمىز. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ھادىسىسى»ۋېستفالىيە ئەھدىنامىسىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان «مۇستەقىل-تېرروتورىيەلىك دۆلەت»نىڭ ئاپىرىدە بولۇشى بىلەن روياپقا چىققان.
1648-يىلدىكى ۋېستفالىيە تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈرتكىسىدە پىروتېستان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پارچىلىنىش ۋە دىن ئۆزگەرتكەن مونارخلارنى تەخىتتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاش خەۋپى تۈگىگەندىن باشقا، ياۋروپادىكى سىياسىي كۈچلەر چېگرالىرىنى ئېنىق بېكىتىپ بۇ چېگرالار ئىچىدە ھۆكۈمدارلار تولۇق ھوقۇققا ئېرىشتى. ۋېستفالىيە تىنچلىق ئەھدىنامىسى بويىچە، ھېچقانداق بىر دۆلەت مەيلى دۆلەت ئىچىدىكى ھوقۇقىنى بولسۇن مەيلى سىرتتىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى بولسۇن ئۆزگە سىياسىي كۈچلەر بىلەن بۆلۈشمەيدۇ. مەسىلەن، چېركاۋ خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىن چۈشۈرۈپ تاشلىنىدۇ، سىياسەت لايىكلىشىدۇ (دىندىن خالىيلىشىدۇ)، دۆلەت ياۋروپا تۈزۈمىنىڭ غول ۋە ئاساسلىق ئاكتىيورى بولىدۇ. بۇ ھوقۇقلار ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى كاپالەتكە ئىگە بولدى. نەتىجىدە ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسى ئېنىق بېكىتىلگەن مەملىكەتلەر ۋە بۇ مەملىكەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن «مودېرىن دۆلەتلەر»ئاپىرىدە بولدى. شۇڭا مودېرىن سىياسەتمۇ چېركاۋنىڭ «قىممەت ئۆلچەملىرى»گە ئاساسەن ئەمەس، بۇ يېڭى ئاكتىيورلارنىڭ «مەنپەئەتلىرى»گە ئاساسەن يولغا قويۇلاتتى.
بۇ يېڭىچە سىياسىي قۇرۇلمىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەممىدىن ئۈستۈن بىر ھاكىمىيەت بولمىغان ئەھۋالدا، بۇرۇنقى دەۋىرلەرنىڭ تىك ۋە پىرامىدالىق مۇناسىۋەت شەكىللىرىدىن پەرقلىق ھالدا، كۈچ سىنىشىش مەنقىتىسىگە تايىنىدىغان ۋە بىرلىكتە ياشاشنى تۆۋەن سەۋىيەدە بولسىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر قاتار قائىدە-پىرىنسىپلار دائىرىسىدە باراۋەرلىككە تايانغان تۈز ۋە قاتلامسىز تۈسكە كىردى. شۇنداق قىلىپ ياۋروپا مىقىياسىدا ھەققىي مەنىدە «خەلقئارالىق تۈزۈم»مەيدانغا كەلدى.
ئەينى دەۋىردىكى نوپۇزلۇق سىياسەت مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىگە نەزەر سالغىنىمىزدىمۇ، 16-ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ سىياسەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسلىرى توغرىسىدا بۇرۇنقىدىن تامامەن پەرقلىق چۈشەنچىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايقايمىز. ئىتالىيە دۆلەت ئەربابى ۋە مۇتەپەككۇر ماكياۋېلى، 1513-يىلى يازغان «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى»ناملىق ئەسىرىدە ھۆكۈمدارنىڭ باشقا ھېچقانداق كۈچكە بېقىنماي مۇستەقىل ھالدا (چېركاۋ ياكى باشقا ھۆكۈمدار) دۆلىتىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر مۇھاپىزەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ھۆكۈمدار بۇنى قىلغاندا ئەخلاقىي پىرىنسىپلارنىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويۇشى لازىملىقىنى، زۆرۈر تېپىلغاندا تۈلكىدەك مەككار، يولۋاستەك چاققان ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ (ماكياۋېلى، 2004:131). ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى سىياسەتنىڭ «راتسىيونال شەخسىيەتچىلىك» ۋە «مەنپەئەت»نى چۆرىدىگەن ھالدا قايتىدىن ئىزاھلىنىپ مودېرىن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولغان.
ماكياۋېلدىن كېيىن ئەنگلىيەلىك پەيلاسوپ توماس ھوببېس، جېن بودىن تەرىپىدىن ئۇقۇملاشتۇرۇپ قانۇنىي خاراكتېرگە ئىگە قىلغان ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى قايتىدىن ئىزاھلاپ، ئۇنى ئىجىمائىي كېلىشىم تۈسىگە كىرگۈزۈپ، بۇ ئۇقۇمنى ھۆكۈمدارنىڭ مۇتلەق ھوقۇقى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ، ھەتتا ئۇ يەنە بۇ ئۇقۇمنى مۇتلەق خاراكتېرلىك دۆلەت چۈشەنچىسىگە ماسلاشتۇرىدۇ (كىنۇتسېن، 2006:145). ھوببېس ۋېستفالىيە تىنچلىق ئەھدىنامىسى ئىمزالىنىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن يازغان ئەسىرىدە، دۆلەتنى دېڭىز دىۋىسىگە ئوخشىتىپ ئىنسانلارنىڭ شەخسىيەتچى، مەنپەئەتچى، قەبىھ ۋە رەھىمسىز تەبىئىتىدىن قۇتۇلۇپ «ئىجتىمائىي خاراكتېر»گە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ھەممە ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي كېلىشىم ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكنى ھاكىمىيەتكە يەنى دۆلەتكە ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى لازىملىقىنى تەكىتلىشىمۇ، ھۆكۈمدارنىڭ (دۆلەت)نىڭ ھەممە بويسۇنىدىغان ئەڭ ئالىي كۈچ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىدىن دېرەك بېرەتتى. دېمىسىمۇ، مودېرىن دۆلەتنىڭ ماھىيىتىنى دەل مۇشۇنداق ھاكىم مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسى تەشكىل قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىگىلىك ھوقۇق بۇرۇنقىغا ئوخشاش نەزىرىيە ۋە ئېغىزدىلا ئەمەس، ھەر يەردە ئۆزىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرغان ھادىسە بولۇشقا باشلىغانىدى.
ماكياۋېلى ۋە ھوببېسنىڭ بۇ قاراشلىرى ۋېستفالىيە دۆلەتلەر تۈزۈمىگە يەنە بىر ئالاھىدىلىك ئاتا قىلغانىدى، شۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان نەرسىنىڭ قانۇن ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپلار بولماستىن دۆلەت ھاكىمىيىتى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ قابىليىتى ۋە تەدبىرلىرى بولىدىغانلىقى چۈشەنچىسى خەلقئارا جەمئىيەتتە ھۆكۈمران قاراش بولۇشقا باشلىغان (فالك، 2005:31).
2-3- تېرروتورىيەلىك دۆلەتتىن مىللىي دۆلەتكە ئۆتۈش
مودېرىن دۆلەت ۋە مودېرىن دۇنيانىڭ تولۇق بەرپا بولۇپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ چوقۇم يەنە بىر قېتىم بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشى كېرەك ئىدى، بۇ بۇرۇلۇش 1789-يىل فىرانسىيە ئىنقىلابى بىلەن ئىشقا ئاشتى. ياۋروپا دۆلەتلىرى فىرانسىيە ئىنقلابىغىچە ۋاستىلىك ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ھېچقايسىسى مەركەزدىن تۆۋەنگىچە تۇتۇشىدىغان بىۋاستە باشقۇرۇش ئورگانلىرى بەرپا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى. بىراق بىۋاستە ھاكىمىيەتكە ئۆتۈش بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەسىنى تىزگىنلەپ، ھەممىگە قابىل تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتكە ئايلاندى.
ھەقىقەتەن ۋېستفالىيە تىنچلىق ئەھدىنامىسىدىن كېيىن ئوخشاش بىر چېگرادا ياشىغان ئىنسانلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئۆز-ئارا باردى-كەلدىلەرنىڭ ئاۋۇشى نەتىجىسىدە ئورتاق قىممەت قاراش ۋە ئۆلچەملىرىنى ئورتاقلاشقان، كۈچلۈك تەۋەلىك، كىملىك ۋە ساداقەت تۇيغۇسى بىلەن بىر-بىرىگە باغلانغان، بىرلىك-باراۋەرلىك چۈشەنچىسىگە تايانغان ئالاھىدە جەمئىيەت ھالىتىگە كېلىشتى. يەنى ئوخشاش بىر دۆلەتتە ياشىغان بارلىق ئىنسانلار بىر ۋە بۆلەنمەس «مىللەت-ئۇلۇس»نى شەكىللەندۈردى ياكى ھۆكۈمدارلارن ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى جاكارلاشتى. فىرانسىيە ئىنقىلابىمۇ ئىگىلىك ھوقۇقنى ئەركىن ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىمايدىغان ئەكسىچە ئەمگەك مىۋىلىرىنى ئوغۇرلايدىغان، ھەتتا كارغا كەلمەس دەپ قارالغان خاندىن تارتىپ ئېلىپ، مىللەت-ئۇلۇسقا بەردى، يەنى «مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق»دېيىلىدىغان شەكىلگە ئايلاندۇردى.
نەتىجىدە «مىللەتچىلىك-ئۇلۇسچىلىق»شەكىللەندى ۋە مودېرىن دۆلەتلەرنىڭ قۇرغۇچى ئىدىئولوگىيەسى بولغان «مىللەتچىلىك-ئۇلۇسچىلىق»چېگرالىرى ئېنىق سىزىلغان مەلۇم بىر زېمىن ئىچىدە ياشايدىغان ئىنسان توپلۇقىنى «مىللەت-ئۇلۇس»قا ۋە چېگرا ئىچىدىكى زېمىن ئۈچۈن ئۆلىدىغان ماكاننى «ۋەتەن»قىلدى، ئىگىلىك ھوقۇقنى بولسا بۇ مىللەت-ئۇلۇسقا ئاتا قىلدى.
ئىنقىلاب چۈشەنچىسى ۋە مىللەتچىلىكنىڭ مەشئىلىنى ياققان دەۋىرنىڭ ئاساسلىق پەيلاسوپلىرىدىن مونتىسكىيو، ئاق سۆڭەك قاتلىمىدىن كېلىپ چىققانلىقتىن بولسا كېرەك «كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى»نىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ھۆكۈمدارنىڭ ھوقۇقىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە چەكلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ، ئۇ قانۇنلارنىڭ روھىنى مىللەت –ئۇلۇسنىڭ روھى بىلەن ئوخشاش كۆرىدۇ. روسسو بولسا بۇ مەسىلىدە ئاشقۇن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. روسسو جەمئىيەت كېلىشىمى چۈشەنچىسىگە تايىنىدىغان ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ بۆلۈنمەس دەپ قارىلىدىغان مىلللەت-ئۇلۇسقا تەۋە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەر شەخس ھەق-ھوقۇقلىرىنى خالىسانە ھالدا ئۆزى تەۋە بولغان جەمئىيەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، يېڭى دۆلەت، يېڭى ئىتتىپاقلىق ۋە يېڭى جەمئىيەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۇ كۆزدە تۇتقان «ئومۇمىي ئىرادە»دەل مۇشۇنى كۆزدە تۇتىدۇ. قىسقىسى، روسسۇ مىللەتچىلىك نەزىرىيەسىنىڭ ئاساسلىق پىشىۋالىرىدىن بولۇپ قالىدۇ. غەلىتە يېرىكى شۇكى، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان مىللەتچىلىك چۈشەنچىسى 1776-يىلدىكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسىگە ئىلھام مەنبەسى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى دۆلەت فىرانسىيەدىن بۇرۇن ئامېرىكىدا روياپقا چىققان. كونا دۇنيا بولسا تېز سۈرئەتتە يېڭىسىغا ماسلاشقان. بىراق تارىخنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئالغان ياۋروپاغا نىسبەتەن بۇ تولىمۇ قىيىن ئىشقا ئاشقان.
روسسۇنىڭ غايىلىرى بىر ئوچۇم مۇشتۇمزورلار تەرىپىدىن توسالغۇغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئىنقىلابتىن ئۆلگىدەك قورقىدىغان ياۋروپا كېنىزەكلىرىنىڭ بىرلىشىپ فىرانسىيەگە ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە بۇ مودېل قۇرۇلمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىپ خەلقنى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، فىرانسىيە ئەتراپىدىكى كېنىزەكلەر ۋە خانلار ھاكىمىيەتنىڭ قولىدىن ئېلىنىپ مىللەت-ئۇلۇسقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدىن قورقۇپ ئىنقىلابچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ «ئىنقىلابنىڭ پەرزەنتلىرى»، «دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى» بولىۋېلىپ چېگرالىرىنى ۋە زېمىنلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشتى. بۇ مۇساپىگە قاتناشمىغانلار «ۋەتەن خائىنى»ئېلان قىلىنىپ چەتكە قېقىلدى. نەتىجىدە يۇرتتاش-ئارمىيەلەرنىڭ مۇھاپىزەتچىلىكى ئارقىسىدا دۆلەت سىناقتىن ئۆتۈپ مىللەتنىڭ دۆلەتكە سادىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئاقىۋەت فىرانسىيە ئىقىلابى نەتىجىسىدە ھېچ بولمىغاندا مودېل سەۋىيەدە بولسىمۇ يېڭىچە بىر دۆلەت ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، 1648-يىلى پەيدا بولغان تېررورتورىيەلىك دۆلەت چۈشەنچە جەھەتتە پىشىپ يېتىلىپ مىللەت-ئۇلۇسنىڭ كۈچىگە تايىنىپ مىللىي دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.
ھەممىدىن مۇھىمى، بۇ جەرياندا بولۇپمۇ ناپاليوننىڭ تۈرتكىسىدە فىرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئىدىيەۋى ماتېرىياللىرى پۈتكۈل ياۋروپاغا كېڭىيىپ سىياسىي قۇرۇلمىلارنى ئۆزگىرىشكە مەجبۇر قىلدى. سىچۇلزې مۇنداق دەيدۇ: «كۈچلۈك يۇرتپەرۋەرلىك ھېسسياتىنى قېزىپ چىقارغان ناپاليون ئەسكەرلىرىنىڭ ياۋروپادا توختاۋسىز ئىلگىرىلىشى نۇرغۇن ياۋروپا دۆلىتىدە مىللەت-ئۇلۇسنىڭ پەيدا بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.» مۇشۇنداق ھادسىلەر نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ ئۆزگىرىش 19-ئەسىردىمۇ داۋاملىشىپ پۈتكۈل ياۋروپادا مىللىي دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولدى.
3-3-خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاساس قىلىدىغان مۇھىم پىرىنسپىلار
مىللىي دۆلەتنىڭ رەسمىي شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ مودېل ئاكتىيورلار (نوپۇزلۇق كۈچلەر) بىلەن بۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت شەكلى ئاساسەن ئېنىق بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن بولسا دۇنيا ياۋروپا مەركەزلىك بۇ «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر»نىڭ پىرىنسىپلىرى بويىچە شەكىللىنەتتى. بۇ پىرىنسىپلار بىر تەرەپتىن ۋېستفالىيە دۆلەت چۈشەنچىسىگە يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتچىلىك-ئۇلۇسچىلىق ئىدىئولوگىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسلىرىغا تايىناتتى.
ۋېستفالىيە چۈشەنچىسى دۇنيا تۈزۈمىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت مۇستەقىل دۆلەت خاراكتېرىگە ئىگە بولغان، سىياسىي كۈچلەرگە ئەزالىق سالاھىيىتى بېرىدىغان دۆلەت مەركەزلىك ئالاھىدىلىكنى كۆرسىتىدۇ. ۋېستفالىيە چۈشەنچىسى دۇنيانىڭ قانۇنىي جەھەتتتە دۆلەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە ئۆزگە دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىغا ئوخشاش پىرىنسىپلار ۋاستىسى تۈرتكىسىدە شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ (فولك، 2005:28).
مىللەتچىلىك-ئۇلۇسچىلىق دۇنيانىڭ ئۆزىگە خاس تارىخىي، ئالاھىدىلىكى ۋە تەقدىرى بولغان مىللەت-ئۇلۇسلارغا بۆلىنىدىغانلىقىنى، مىللەت-ئۇلۇسنىڭ بارلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كۈچنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، مىللەت-ئۇلۇسقا ساداقەتنىڭ باشقا ساداقەت تۈرلىرىدىنمۇ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ ئەركىن بولۇش ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر مىللەت-ئۇلۇس بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ كېتىشى لازىملىقىنى، دۇنيادا تىنچلىق ۋە ئامانلىقنىڭ پەقەتلا بۇ مىللەت-ئۇلۇسلارنىڭ ئەركىن ۋە بىخەتەر بولۇشى بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ (سىمىس، 2004:121)، بۇنداق بولغاندا ۋېستفالىيە دۆلەت تۈزۈمىدە مىللەتچلىك-ئۇلۇسچىلىق سىياسىي ئورگانلارنىڭ دۇنيانىڭ پەقەتلا مىللەتلەشكەن ۋە بۇنى چۆرىدىگەن ھالدا دۆلەتلەشكەن جەمئىيەتلەرنى ئاساس قىلىپ قەبىلىدىن چوڭراق، جاھان ئىمپېرىيەلىرىدىن كىچىكرەك تەرىقىدە شەكىللىنىشىگە تايانچ تەشكىل قىلىدۇ.
بۇ دۆلەتچىلىك ۋە مىللەتچىلىك چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا دۇنيا سىياسىتىنىڭ «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر»گە ئۆزگىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان پىرىنسىپلارنى مۇنداق خۇلاسىلاش مۇمكىن: 1-ھەر جەمئىيەت مىللەت بولۇشى كېرەك، يەنى ھەر ئىنسان توپلۇقى مىللەتلىشىشكە ۋە ھەر شەخسمۇ ئۆزىنى بۇ مىللەتلەشكەن جەمئىيەت بىلەن بىر پۈتۈنلەشتۈرۈشكە تىرىشىپ پەقەتلا ئۇنىڭغا ساداقەتمەن بولۇشى لازىم. 2-ھەر مىللەتنىڭ بىر دۆلىتى، ھەر دۆلەتنىڭ بىر مىللىتى بولۇشى كېرەك، يەنى بىر خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى پەقەت ئۇ خەلقنىڭ دۆلەتلىشىشى، ھەر دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق ۋە رەسمىي بولۇشى بولسا بىر مىللەتكە ئىگە بولۇشى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. ھەر دۆلەت ئېنىق چېگرالار بىلەن ئۆزگىلەردىن ئايرىلغان زېمىنغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ھەر دۆلەت بۇ چېگرا ئىچىدىكى بارلىق نەرسىگە تولۇق ۋە مۇتلەق ئىگە بولىدۇ ۋە ئۆزگە دۆلەتلەردىن مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدۇ.4-ھەر دۆلەت ئۆزى ۋەكىللىك قىلىدىغان مىللەت ۋە زېمىننىڭ خەلقئارادىكى بىردىنبىر قانۇنىي ۋەكىلى ۋە مەنپەئەتلىرىنىڭ يېگانە قوغدىغۇچىسىدۇر.5-پۈتكۈل دۇنيا بۇ پىرىنسپلارغا رىئايە قىلىدىغان ئاكتىيورلاردىن تەشكىل قىلىدۇ ۋە بۇ دائىرىدە بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان دۆلەتلەر ئوخشاش ھەرىكەت قېلىپلىرى ئارقىلىق باراۋەرلىككە تايىنىدىغان مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ھەر مىللىي دۆلەت بىر-بىرىنىڭ چېگراسىغا، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە مۇستەقىللىقىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. 6- نەتىجىدە دۇنيا سىياسىتى سالاھىيىتى، روللىرى ۋە فونكسىيەلىرى ئېنىق بولغان ئاكتىيورلارنىڭ ئالدىن بەلگىلەنگەن كۈچ ۋە قائىدە-پىرىنسىپلارغا ئاساسەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى نەتىجىسىدە «سائەتكە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدىغان» تەرتىپلىك، سىستېمىلىق ۋە مۇقىم تۈزۈمگە ئېرىشىدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتلەر مۇشۇ پىرىنسىپلار بويىچە ھەرىكەت قىلسا خەلقئارادا ئورنى ۋە ئىناۋىتى بولىدۇ.دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى خەلقلەر بۇ يېڭى دۇنيا سىياسىتىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن بۇ چۈشەنچە ۋە پىرىنسىپلارغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىپ بۇ يېڭى ئەندىزىنى تەقلىد قىلىشقا باشلايدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئەندىزىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ياۋروپالىقلار دۇنيانى ئۆز تىزگىنى ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ئۆزگىلەرنى بۇ پىرىنسىپلارغا مۇۋاپىق ھالەتكە كەلتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ.
دېمىسىمۇ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ پىرىنسىپلارنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن دۇنيا، ھەققىي ياكى سۈننىي ھالدا مىللىي دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈشكە باشلىدى ۋە «خەلقئارا مۇناسىۋتلەر»بۇ دائىرىدە كۆرۈنۈشتە جاھان خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتتە بولسا غەرب مەركەزلىك ھادىسىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ غەربلىكلەر بىۋاستە تىزگىنى ئاستىدىكى مۇستەملىكە رايونلاردىن ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىغاندا، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان سىياسىي ئاكتىيور ھالىتىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇناسىۋەت شەكىللىرىگە ماسلىشىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇلارنى «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر»دىن ئورۇن ئېلىشقا تەييار ھالەتكە ئېلىپ كەلدى. بۇ ئەھۋالدا ئۆزگە خەلقلەرمۇ بۇ ئەندىزىنى دوراشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى، ئاقىۋەت پۈتكۈل دۇنياغا كېڭەيگەن ياۋروپاچە سىياسىي ئاكتىيور ۋە مۇناسىۋەت شەكىللىرى غەرب مەركەزلىك دۇنيانىڭ ئاپىرىدە بولۇشىغا زېمىن تەييارلىدى.
4-3- «مىللىي دۆلەت»نىڭ دۇنياغا كېڭىيىشى ۋە «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر»نىڭ خەلقئارلىشىشى
ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن مىللىي دۆلەت ئەندىزىسى ۋە بۇ مىللىي-دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت شەكلى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىكچىلىك ۋە جاھانگىرلىك ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆزگە رايونلارنى بېسىۋېلىشىغا ئەگىشىپ پۈتكۈل دۇنياغا كېڭەيدى، تەقلىد قىلىندى ياكى مەجبۇرىي تېڭىلدى (كالھون، 2007:169). بۇ كېڭىيىشنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دۇنياغا كېڭەيمىچىلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. دەرۋەقە تىللىينىڭ دېگىنىدەك، ياۋروپا دۆلەتلىرى 1500-يىللاردا دۇنيانىڭ %7نى كونترول قىلىۋالغان بولسا، 1800-يىللاردا بۇ نىسبەت %35گە، 1914-يىلى بولسا %84گە يەتتى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ نىسبەت %90غا چىقتى. دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك ۋە بۇ دائىرىدىكى خەلقئارالىق ئالاقە تورلىرى ۋە كەڭ كۆلەملىك تەشكىلاتلىنىشنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە زور رول ئوينىغان ئامىل بولسا كاپىتالىست ئىقتىسادىي چۈشەنچە ئىدى. ۋاللېرستېيىننىڭ دېگىنىدەك، مودېرىن دۇنيا تۈزۈمىنىڭ تارىخىنى ياۋروپا تارىخىنىڭ ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىغا كېڭىيىشىنىڭ تارىخى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
بۇ كېڭىيىش مۇساپىسىدە يەنى كېيىنكى ئۈچ ئەسىردىن بۇيان قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارىسىدا ھاسىل قىلغان تۈزۈم بېكىتىش خاراكتېرلىك ئەھدىنامىلىرىنى دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى خەلقلەرگە مەجبۇرىي تېڭىشى، مودېرىن دۆلەتلەر تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشى، دۆلەت چېگرالىرىنىڭ كېلىشىم نەتىجىسىدە كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ئىچكى نىزامنىڭ تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارلىشىشى بىلەن ئورنىتىلىشى قاتارلىق ھادىسىلەر تۈرتكىسىدە دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەنگەن بولدى. قىسقىسى، پۈتكۈل دۇنيادا مىللىي دۆلەتلەر ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا چوڭ دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، قوللانغان ياكى مەجبۇرىي تېڭىلغان ئەندىزىگە ئاساسەن يەنى پەقەتلا مىللىي دۆلەت تەرىقىسىدە شەكىللەندى (تىللىي، 2001:305).
لېكىن مىللىي دۆلەتلەرنىڭ دۇنياغا تارقىلىش شەكلى ئوخشىمىغان رايونلاردا ئوخشىمىغان ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا چىقتى. بۇ جايدا ئوخشىماسلىق پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولسا، بۇ رايونلارنىڭ ياۋروپا بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋىتى ۋە مىللەتچىلىك بىلەن تونۇشقان ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ئىدى. مىللىي دۆلەت ئەندىزىسى ئوخشىمىغان رايونلاردا قارىماققا ئوخشاشتەك بولسىمۇ، لېكىن تەدبىقلىنىش ئەھۋالى پەرقلىق بولۇپ مۇرەككەپ باسقۇچىلارنى باشتىن كەچۈرگەن.
مەسىلەن، شىمالىي ئامېرىكىدا فىرانسۇزلارنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ئەنگلىيە مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ ئەنگلىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىققە ئېرىشىشى بىلەن فىرانسىيەدىكى ئەركىنلىك، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بارۋەرلىك چۈشەنچىسى ئاساسىدا دەسلەپ ئامېرىكا قۇرۇلدى، ئارقىدىن بۇ ئەھۋال 19-ئەسىردە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پورتۇگالىيە ۋە ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى كۆچمەن-شالغۇت خەلقلەرگە ئىلھام مەنبەسى بولدى. بۇ جايلاردا مودېرىن شەكلىگە ئىگە كۆچمەن مىللىي دۆلەتلەرپەيدا بولدى.
ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا بىلەن بالقان رايونلىرىدىمۇ 19-ئەسىردە ناپاليوننىڭ يۈرۈشلىرى تۈرتكىسىدە مىللەتچىلىك-ئۇلۇسچىلىق ئىدىئولوگىيەسىنىڭ بۇ رايونلارغا تارقىلىشى نەتىجىسىدە، بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ياۋروپادا 1860-يىلى ئىتالىيە، 1871-يىلى گېرمانىيە كېنەزەكلىكلىرى بىرلىشىپ كېچىكىپ بولسىمۇ ئاشقۇن مىللىي دۆلەتلەرنى قۇرۇپ چىققان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بالقان رايونىدىكى ئىمپېرىيەلەر بۆلۈنۈشكە باشلىدى. ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەلىرىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بالقان رايونىدىكى يېڭى مىللىي دۆلەتلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى، ئىمېرپىيەلەر بولسا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بىلەن پۈتۈنلەي پارچىلاندى، نەتىجىدە بارلىق ياۋروپا مۇستەسناسىز ھالدا مىللىي دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان قىتئەگە ئايلاندى.
ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ھېكايىسى بولسا ياۋروپادىكىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ. كوممۇنىزىم ئىدىئولوگىيەسى ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى مىللەتچىلىك-ئۇلۇسچىلىق ئوتىنىڭ تەسىرىدىن بىر مەھەل يىراق تۇتقان بولسا، ئاسىيانىڭ قالغان قىسمى ئافرىقىغا ئوخشاش جاھانگىرلىكنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ياۋروپالىقلارنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە، بۇ رايونلاردىكى جاھانگىرلىك مۇناسىۋىتى مىللەتچىلىك-ئۇلۇسچىلىق ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشىغا ۋاستە بولۇپ قالدى. ھەقىقەتەن جاھانگىرلىك ياۋروپادا يېقىلغان مىللەتچىلىك-ئۇلۇسچىلىق مەشئىلىنىڭ بۇ زېمىنلارغا تارقىلىشىغا سەۋەب بولدى. ياۋروپاچە دۆلەت ۋە دۆلەتلەرئارا مۇناسىۋەت شەكلىنى پەيدا قىلغان مىللەتچىلىك-ئۇلۇسچىلىق ئېقىمى تۇيۇقسىزلا ئافرىقا، ئوتتۇاشەرق، جەنۇبىي ئاسىياغا ئوخشاش رايونلارغا كېڭەيدى ۋە تەخمىنەن 1 ئەسىردىن كېيىن بۇ رايونلارمۇ مىللەتچىلىك-ئۇلۇسچىلىق ئاساسىدا مۇستەقىللىققە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. بۇ رايونلاردا ئۇزۇن ئۆتمەيلا مىللەت دۆلەتلەر بەس-بەس بىلەن پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مودېرىن مىللىي دۆلەتلەرگە ئايرىلىپ بولغان دۇنيادا مۇنداق بىر مۇستەسنالىق بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنلىرى بولۇپ، 1991-يىلى تۆمۈر پەردە يوق قىلىنغان ھامان «چىش بىلەپ تۇرغان»مىللەتچىلىك دەرھال بۇ زېمىنلاردا تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى ۋە بۇ رايونلارنىڭ خەلقلىرى مىللىي دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاتلاندى. نەتىجىدە 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل دۇنيا مۇستەسناسىز مىللىي دۆلەتلەرگە ئايلىنىپ بولدى.
لېكىن مۇنداق بىر مۇرەككەپ بىر مەسىلە تېخى ھەل بولمىغانىدى: مودېرىنلىشىش مۇساپىسى غەرب ۋە غەرب سىرتىدىكى جەمئىيەتلەردە ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا مەيدانغا كېلىپ پەرقلىق شەكىللەردە تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي نەتىجىلەر پەيدا قىلدى. بۇ دائىرىدە مودېرىن دۆلەتلەر ۋە بۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت شەكىلى ئەسلىدە ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن مەلۇم تارىخىي جەريان ۋە جۇغلانمىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، ھەقىقەتەن ياۋروپاغىلا خاس ئىدى. ئاسىيا ۋە ئافرىقا تارىخىنىڭ ياۋروپا تارىخىي بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغىنىدەك، ياۋروپالىقلار داۋاملىق بۇ قىتئەلەردىكى خەلقلەرنى چەتكە قېقىپ تۆۋەن كۆرۈپ كەلدى.
غەرب دۇنياسىدىن باشقا رايونلاردا مودېرىنلىق (زامانىۋىلىشىش)نى شوئار قىلغان دۆلەتلەر جەمئىيەتلىرىنى مىللىيلەشتۈرۈشكە، يەنى مىللىي دۆلەت بەرپا قىلىشقا كىرىشتى، نەتىجىدە غەربتىگە ئوخشايدىغان بىراق ئىچىدە زىددىيەت بولغان «دۆلەت-مىللەتلەر»پەيدا بولدى. بۇ ئەھۋال ياۋروپادىن باشقا رايونلاردا ھەققىي يوسۇندا ئەمەس، تەسەۋۇردىكى مىللىي دۆلەتلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق، بۇ رايونلاردىكى خەلقلەر نە مىللەت بولالمىغان نە ھەققىي مەنىدىكى مىللىي دۆلەت بولالمىغان. ۋەتەن بولسا چېگرالىرى جاھانگىرلار تەرىپىدىن سىزىلغان بولغاچقا، مۇقەددەسلىكىدىن گۇمانلىنىدىغان زېمىن پارچىسى بولۇپ قالغان. بۇ سەۋەبتىن ئافرىقا، ئوتتۇرشەرق، ئاسىياغا ئوخشاش رايونلاردا پەيدا بولغان سۈنئىي مىللىي دۆلەتلەر ئەسلىدە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تورىغا كىرىش ئۈچۈن «مىللىي دۆلەت»بولۇش يولىدا كۈچ چىقىرىۋاتقان ۋە خەلقىنى بۇ يولغا مەجبۇرىي ئېلىپ كىرىۋاتقان قۇرۇلمىلار دەپ قارىساق خاتالاشمىغان بولىمىز.
بۇ ئەھۋال بىزگە نېمە ئۈچۈن بۇ رايونلاردا سىياسىي مۇقىملىقنىڭ تولۇق ئىشقا ئاشمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەسلىدە ياۋروپانىڭ مىللىي دۆلەت كىيىمى بۇ مەملىكەت ۋە خەلقلەرگە دەل جايىدا كەلمىگەنلىكتىن، بۇ مىللىي دۆلەت مودېلى قەبىلىنى ئاساس قىلىدىغان ئافرىقىغا چوڭ كېلىپ قالغان، مەدەنىيەتلىك ئاسىياغا بولسا تار كېلىپ قالغان. ھەممىدىن مۇھىمى، ياۋروپالىقلار بۇ دۆلەتلەرنى ئۆزلىرىدەك ۋە ئۆزلىرى بىلەن باراۋەر ئاكتىيورلار دەپ قارىمىغانلىقتىن، بۇ دۆلەتلەر بىلەن باراۋەر مۇناسىۋەت ئورناتمىغان.
نەتىجىدە بىر تەرەپتە زېمىنلىرى، جەمئىيەتلىرى، خەلقلىرى ۋە تارىخلىرى بىلەن چىقىشالىغان تەرتىپلىك، قۇدرەتلىك ۋە تەرەققىي تاپقان «مەركەزدىكى دۆلەتلەر»، يەنە بىر تەرەپتە ئۆزىنىڭ ھەققىي كىملىكىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئۆتمۈشى ۋە جەمئىيىتى بىلەن زىددىيىتى بولغان مۇقىمسىز، تەرتىپسىز ۋە قالاق «گىرۋەكتىكى دۆلەتلەر»دىن تەشكىل تاپقان دۇنيا شەكىللەندى. بۇنداق شارائىتتا دۇنيا سىياسىتىمۇ ئەلۋەتتە غەرب مەركەزلىك بولاتتى.
5-3- غەرب مەركەزچىلىكىنىڭ بەرپا بولۇشى ۋە غەربنىڭ تىزگىنىدىكى دۇنيا
مودېرىن مىللىي دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشى بىلەن، يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان تەخمىن ۋە پىرىنسىپلارغا تايانغان «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر»چۈشەنچىسى، باشقا دۆلەتلەرنى بۆھران ۋە قالاقلىققا دۇچار قىلغان بولسا، غەربنى دۇنيا سىياسىتىگە نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئىگە قىلدى. چۈنكى تۈزۈمنىڭ بەرپاچىسى بولغان غەرب دۇنياسى دۇنيا سىياسىتىنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىنى بېكىتىپ چىققانىدى. بۇ سەۋەبتىن ياۋروپا مەركەزلىك تۈزۈمنىڭ تەرەققىي قىلىشى دۇنيانىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ تىزگىنى ئاستىغا كىرىشى دېگەنلىك بولاتتى. قىسقىسى، غەرب دۇنيا سىياسىتىنىڭ قارار قىلغۇچىسى بولغانىدى.
تارىخىي نۇقىتىدىن قارىغىنىمىزدا، كېيىنكى 400 يىل ئىچىدە غەرب دۆلەتلىرى كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك كونترول قىلىۋېلىپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. غەربنىڭ بۇ كېڭەيمىچىلىكى ئىشغالىيەت، ئىقتىسادىي مۇستەملىكە ۋە ئېغىر ئادالەتسىزلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى (ۋاللتېرستېيىن، 2007:15).
غەلىتە يېرى شۇكى، غەربنىڭ بۇ خوجايىنلىق ۋە ئۈستۈنلۈكنى مەقسەت قىلغان كېڭەيمىچىلىكى ئالەمشۇمۇللۇق ئىدىيەسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى. ھەقىقەتەن غەرب دۇنياسى سىياسىتىنىڭ يوللۇق ۋە ھەقلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئالەمشۇللۇقنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلىدى. بۇ ئالەمشۇمۇللۇق ۋاللتېرستېيننىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا، دۇنيا مىقىياسىدا يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرنىڭ «ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە»نى قوغداش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ جاھان خاراكتېرلىك مەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرى ۋە توغرىلىقلارغا تايىنىدىغان يېگانە مەدەنىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن «ئۆزگە»مەدەنىيەتلەرگە سېلىشستۇرغاندا ئۈستۈن ھېسابلىنىشى لازىملىقى ۋە دۆلەتلەرنىڭ لىبېرال (ئەركىن) ئىقتىسادىي چۈشەنچىسىنى قوبۇل قىلىپ تەدبىق قىلىشتىن باشقا تاللاش يولى يوقلىقى قاتارلىق قاراشلارنى ئاساس قىلاتتى.
مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مودېرىن دۇنيا «مەدەنىيەتلىك»رايونلارنىڭ «مەدەنىيەتسىز»رايونلارنى ئوڭشاش ئۈچۈن يولغا قويغان سىياسەتلىرى تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلگەن. بۇ سىياسەتلەر ئۆزگىلەرنىڭ ياۋايىلىقىغا، قالاقلىقىغا ۋە ئالەمشۇمۇل قىممەت ئۆلچەملىرى ۋە پىرىنسپىلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىش، زالىملارنىڭ چاڭگىلىدا قالغان بىگۇناھ كىشىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئالەمشۇمۇل قىممەت ئۆلچەملىرى ۋە پىرىنسپىلىرىنى كەڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان (ۋاللتېرستېيىن، 2007:20).
ئوتتۇرا ئەسىردە شەرق غەربتىن نۇرغۇن ساھەدە ئۈستۈن ئىدى، بىراق كېيىنكى ئەسىرلەردە شەرقتىن ھەر ساھەدە ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن غەرب شەرقنىڭ ئۈستۈنلىكىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلىكىنىڭ ئەبەدىيلىكىنى، ھەتتا بىيولوگىيەلىك(گېنلىق)ئىكەنلىكىنى كۈچەپ تەكىتلىدى. بۇ قاراش مودېرنلىشىش قابلىيىتىنى پەقەتلا ياۋروپاغا ماس دەپ قارايدىغان، ئۆزگىلەرنىڭ تەقلىد قىلىشتىن باشقا ئىشنى قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان خاھىشنى ئەكس ئەتتۈرەتتى (گودېي، 2002:19).
ھەتتا بۇ ئەھۋاللار نەزىرىيەۋى ئاساسلارغا ئىگە قىلىنىپ چۈشەندۈرۈلگەنىدى. دەرۋەقە، 20-ئەسىر خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىلمىي رامكىسىغا ئايلانغان رىئالىستىك نۇقتىينەزەردە دۇنيا تەرتىپىنى ساقلىيالايدىغان كۈچلۈك ھاكىمىيەت يوق، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا تۈزۈم ئىچىدە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلگەن دۆلەتلەر ئىگىلىك ھوقۇق ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن «ئەڭ ناچار سىنارىيە»گىمۇ رازى بولۇپ ئۆز كۈچىگىلا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىشى لازىم، ھەرگىز ئۆزگە كۈچلەرگە ئىشەنمەسلىكى كېرەك. مەۋجۇدلۇقىنى، بىخەتەرلىكىنى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان دۆلەتلەر ھەر مىنۇت ھەر سېكۇنت كۈچ ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرمۇ كۈچ مۇناسىۋەتلەردىن پەيدا بولغان كۈچ سىنىشقا تايىنىدۇ. كۈچ تەڭپۇڭلۇقى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلىدىغان مەلۇم مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈچ سىنىش كۈرىشىدە كۈچلۈكلەر ھەر قانداق ئەھۋالدا ھەقلىق ۋە يوللۇق بولىدۇ، قائىدە-پىرىنسپلارنى بېكىتىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر دۆلەت ئەمەلىي كۈچىگە ئاساسەن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر (خەلقئارا)دە ھەرىكەت قىلىشقا ۋە نوپۇز تىكلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تەبىئىي ھالدا تۈزۈمنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئاكتىيورى يەنى غەربلىكلەر تۈزۈمنى ئىلكىدە ئوينىتىدۇ. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دەۋرىنىڭ ئىلمىي رامكىسى بولغان رىئالىزىم تۈزۈمنىڭ غەربنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشىنى ۋە غەربنىڭ بۇ ئۈستۈنلىكىنى ئىلمىي جەھەتتىن يەنە بىر قېتىم مۇئەييلەنلەشتۈرگەن بولاتتى: غەرب كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈستۈن بولۇشقا لايىقتۇر.
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدە ياخشى نىيەتلىك، قائىدە-پىرىنسىپلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە ئادالەتلىك دۇنيا قۇرۇپ چىقىش تىرىشچانلىقلىرى بولغان بولسىمۇ، بۇلار يا ناھايىتى چەكلىك دائىرىدە بولغان ياكى ھەققىي مەنىدە باراۋەرلىكنى ۋە ئادالەتنى تەشەببۇس قىلمىغان، ھەتتا بەزىدە كۈچلۈكلەرنىڭ ھەقلىق ۋە يوللۇق ئىكەنلىكىنى ياقلايدىغان ئىشلار بولغان. غەربلىكلەرنىڭ ئۆزگىلەر بىلەن قۇرۇپ چىققان مۇناسىۋىتى نەزىرىيە جەھەتتىن تۈز ۋە باراۋەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە تىك، قاتلاملىك ۋە پىرامىدا شەكىللىك بولغان. فالك دېگەندەك، ۋېستفالىيە تۈزۈمى قانۇنىي جەھەتتىكى باراۋەرلىك پىرىنسپى بىلەن گىئو-سىياسىي ۋە كۈچ جەھەتتىكى تەڭسىزلىكنى بىرلەشتۈرگەن.
بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، ۋېستفالىيە چۈشەنچىسى غەربلىكلەر نۇقتىسىدىن باراۋەر-تۈز مۇناسىۋەت بەرپا قىلغان بولسا، غەرب بىلەن ئۆزگىرلەر ئارىسىدا تەڭسىز، ھەتتا تىك ۋە پىرامىدالىق مۇناسىۋەت پەيدا قىلغان. ئەسلىدە بۇ دەۋىردىمۇ غەربلىكلەر تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى بۇرۇنقىغا دەۋىرگە ماس ھالدا جاھان خاراكتېرلىك، ھۆكۈمدارلىق چۈشەنچىسىگە تايىنىدىغان شەكىلدە، يېڭى «مەدەنىيەتلىك ۋە قالاق»ئايرىمىغا ئوخشايدىغان، «غەربلىك ۋە غەربلىك بولمىغان»ئايرىمىنى ئاساس قىلىپ بەرپا قىلغان. شۇڭا دۇنيا تۈزۈمىنىڭ مودېرىن دەۋىردىن بۇرۇنقى سېلىنغان ئۇللىرى يوشۇرۇن شەكىلدە ياۋروپا مەركەزلىك بولۇشتىن سىرت، «مەدەنىيلەشكەن بىز» بىلەن «قالاقلار»ئارىسىدىكى كەسكىن كىملىك توقۇنۇشتىن خالىي بولالمىغان.
بىراق غەربلىكلەر بۇرۇنقى دەۋردىن پەرقلىق ھالدا بۇ دەۋىردە بۇ چۈشەنچىنى ھەققىي مەنىدە قانۇنىي ۋە سېستېمىلاشقان سەۋىيەگە يەتكۈزەلمىدى. بەلكىم ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە ئوخشاش بەزى قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ ئالەمشۇمۇللىقىغا بولغان ئېھتىياج ئۇلارنى بۇ ئىشتىن توسۇپ قويدى، شۇنداقتىمۇ شەكىلگە بولسىمۇ «ئۆزلىرى»نىڭ «ئۆزگىلەر»بىلەن «باراۋەر»ئىكەنلىكىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولۇشتى.
بۇنىڭ ئەكسىچە، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەبىئىتىگە ئايلانغان كۈچ سەۋەبلىك پەيدا بولغان تەڭسىزلىك چۈشەنچىسى، مۇناسىۋەتلەر ۋە قۇرۇلمىلارنىڭ يوشۇرۇن ھالدا غەربنىڭ تىزگىنى ئاستىدا، مەلۇم دەرىجىدە غەربنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئۈستۈنلىكىنى تېخىمۇ مۇئەييلەشتۈرىدىغان ۋاستىلەر سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتۈشىگە سەۋەب بولدى. مەسىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى ياكى دۇنيا سودا تەشكىلاتى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقىغا ئوخشاش تەشكىلاتلار ھېچقاچان باراۋەرلىكنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلمىلاشمىدى ۋە ھەرىكەت قىلمىدى. ئەكسىچە، تىللينىڭ دېگەندەك، بۇ جەرياندا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا دەسلەپ مىللەتلەر جەمئىيىتى ئارقىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس مودېرىن دۆلەت دائىرىسىدە تەشكىللىنىشىنى رەسمىي ھالەتكە ئېلىپ كەلدى. يېڭى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن دۆلەتلەر بازار، ئىشلەپچىقىرىش ياكى ھەربىي ئورگانلارنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن چوڭ دۆلەتلەردىن ياردەم تەلەپ قىلغاندا كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۇلارنى ياۋروپانىڭ قائىدە-ئۆلچەملىرىگە ماسلىشىشقا قايىل قىلدى. مەسىلەن، دۇنيا بانكىسىغا ئوخشاش ئورگانلار بۇ دۆلەتلەرگە قەرز بېرىدىغان ۋاقىتتا غەربنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىگە ماس ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى شەرت قىلىشتى، بۇلار پەقەت غەربنىڭ قائىدە-پىرىنسپلىرىغىلا رىئايە قىلىشنىلا ئەمەس، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ماس ھەرىكەت قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
بۇ دەۋىردە غەرب دۆلەتلىرى مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشىشى، ئاسىيانىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىشىغا ئوخشاش ئەھۋاللارغا دۇچار بولغان بولسىمۇ ھەم بىلىم، تېخنولوگىيە ۋە قىممەت ئۆلچەملىرى قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى، ھەمدە بۇلارنى كۈچكە ئايلاندۇرۇشى تۈرتكىسىدە ئۈستۈنلىكىنى ساقلاپ قالدى.
ياۋروپا مەركەزلىك ۋېستفالىيە تۈزۈمى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى بايلىق، كۈچ، نوپۇز ۋە خەلقئارادىكى روللار نۇقتىسىدىن پەيدا بولغان تەڭسىزلىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان رىئاللىقلارغىمۇ بىمالال ماسلىشىپ كېتەلىدى. بۇ تەڭسىزلىك «چوڭ كۈچلەر»نىڭ رولىغا تايىنىدىغان «يەر شارى خاراكتېرلىك باشقۇرۇش»شەكلىنى پەيدا قىلدى. بۇ ئەھۋال تەبىئىي ھالدا غەربنىڭ ئۈستۈنلىكىنى ۋە غەرب مەركەزلىك دۇنيانىڭ كاپالەتكە ئاستىغا ئېلىنىشىدا تۈرتكلىك رول ئوينىدى.
نەتىجىدە، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دەۋرى پۈتكۈل دۇنيا بىر تەرەپتىن غەرب دۆلەتلىرىگە ئوخشاش بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ئۇنى دوراشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغان ۋە بۇ دائىرىدە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەربنىڭ ئۈستۈنلىكىنى ئىزچىلىققا ئىگە قىلىدىغان مېخانىزمىلىق رولىنى ئۆتىدى.
6-3- خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىن كېيىنكى دەۋىر: گىرەلىشىپ كەتكەن كۆپ مەركەزلىك دۇنيا
20-ئەسىر ھەر جەھەتتىن «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر»نىڭ ئالتۇن دەۋرى ھېسابلانسىمۇ، بۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئاكتىيور ئالاھىدىلىكلىرى، مۇناسىۋەت شەكىللىرى، دۇنيانىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە زامان-ماكان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن يېڭى دەۋىرگە قەدەم قويۇلغانلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىشارەتلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. شەكسىزكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمرىلىشى بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۆزگىرىشنىڭ دۇنيا مىقىياسىدا تېز سۈرئەتتە ۋە چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدىغان تەرىقىدە يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى. كۈنىمىزدە مودېرىن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى كۈچلۈك قۇرۇلما ۋە مۇساپىلارغا تەھدىت سالىدىغان، ئۆزگىرىشكە مەجبۇرلايدىغان مۇھىم ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەكتە. دەۋىرنىڭ روھى ئۆزگەرمەكتە، ئۇچۇر-ئالاقە ۋە خەۋەرلىشىش تېخنولوگىيەلىرىدىكى ئىنقىلابنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي دىنامىكلار ئاكتىيورلارنى، قۇرۇلمىلارنى ۋە بۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئۆزگەرتمەكتە.
ۋېستفالىيە دۆلەتلەر تۈزۈمى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىن ھالقىغان يېڭى دۇنيا ۋەزىيىتىگە شاھىت بولماقتىمىز. مودېرىنلىشىش ھادىسىسى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىسى بولغان دۇنيا سىياسىتى ئۈستىدىمۇ كۈچلۈك مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. بولۇپمۇ، ئىگىلىك ھوقۇق ماھىيەت جەھەتتىن زور دەرىجىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان، دۆلەتتىن ھالقىغان كۈچلەر قۇدرەت تېپىۋاتقان، شەخسنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتىنى تەشەببۇس قىلىدىغان چۈشەنچىلەرخەلقئارا قىممەت ئۆلچىمىگە ئايلىنىۋاتقان، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەردىن سىرت جەمئىيەتلەرئارا، شەخسلەر ئارا، گۇرۇھلار ئارا، شىركەتلەرئارا، دۆلەتلەر-جەمئىيەتلەرئارا، دۆلەتلەر-گۇرۇھلار ئارا، شەخسلەر-دۆلەتلەرئارا مۇناسىۋەتلەر مەلۇم دەرىجىدە بېقىندىلىق ھالەتكە كېلىپ بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغان دەۋىرگە قەدەم قويدۇق. بەزىلەر تەرىپىدىن «پوستمودېرىن دەۋىر»دەپ ئاتالغان بۇ دەۋىرنى دۇنيا سىياسىتى نۇقتىسىدىن ھازىرچە «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىن كېيىنكى دەۋىر»دەپ ئاتىدۇق ۋە ئۆزگىرىشلەرنى مۇشۇنى چۆرىدىگەن ھالدا ئانالىز قىلىشقا تىرىشتۇق.
ئۆزگىرىشنىڭ ئامىللىرى ۋە نەتىجىلەر
دۇنيا سىياسىتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ غول ئامىلىنى ئۇچۇر-ئالاقە، قاتناش ۋە بىلىم ساھەلىرىدىكى ئىنقىلابنىڭ تەسىرى بىلەن پەيدا بولغان ۋە «بازارلار چېگرالاردىن نەپرەتلىنىدۇ»دېگەن چۈشەنچىدىن ئوزۇقلانغان ئىقتىسادىي-مالىيە-سودا جەھەتتىكى يەر شارىلىشىش ھادىسىسى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ھەر خىل ئالاھىدىلىك ۋە سەۋىيەدىكى ئاكتىيورلار ئورۇن ئالغان ھەم كۆپ قىرلىق ھەمدە زىچ ۋە تېز سۈرئەتلىك مۇناسىۋەت شەكىللەنمەكتە. قىسقىسى، دۇنيا سىياسىتى ئاكتىيورلار، مەسىلىلەر، مۇساپىلار ھەتتا قۇرۇلمىلار جەھەتتىن كۆپ خىللاشماقتا.
دۇنيا مىقىياسىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ ئۆزگىرىشلەر ئادەتتە «يەر شارىلىشىش»دېگەن ئۇقۇم ئاستىدا ئانالىز قىلىنماقتا. دۇنيا تۈزۈمىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن يەر شارىلىشىش ھەم دۇنيانىڭ كىچىكلىشىشنى ھەمدە دۇنيا ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىنى كۆرسىتىدۇ (روبېرتسون، 1999:21). يەر شارىلىشىشقا ئەگىشىپ ئۇچۇر تورلىرى ۋە بۇ تورلار ئىچىدىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ھەمبەھرىلىشىشنىڭ زىچلىقى، سۈرئىتى كۈچەيمەكتە. بۇ ئەھۋال مۇناسىۋەت شەكىللىرىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈپ ئىلاستىكىلىق ھالەتكە ئېلىپ كېلىپ كۆپ خىلاشتۇرماقتا. نەتىجىدە، ھەممە ئادەم ھەممە نەرسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان، شۇنداقلا ھەممە ئادەم ھەممە نەرسىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كۆپ قىرلىق مۇناسىۋەتلەر تورىدىن تەشكىل تاپقان جاھان خاراكتېرلىك قۇرۇلما شەكىللەنمەكتە.
بۇ دائىرىدە دۇنيا ياكى يەر شارى مەدەنىيەتلەر، كۈلتۈرلەر، مىللىي جەمئىيەتلەر، مىللەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق ھەرىكەتلەر بىلەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلىنىش، كىچىك ۋە ئېتنىك توپلۇقلار، جەمئىيەتتىكى تەبىقە ۋە گۇرۇھلار، شەخسلەرنىڭ بارغانچە بېسىم ئاستىغا ئېلىنىشى بىلەن بىرگە، ئوخشىمىغان سەۋىيە ۋە شەكىللەردە كۈچەيتىلىپ مەلۇم نۇقتىغا قىستىلىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان ئىجىمائىي-كۈلتۈر خاراكتېرلىك سىستېمىغا ئۆزگەرمەكتە (روبېرتسون، 1999:103). يەر شارىلىشىش ھادىسىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدىكى دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ ئەكسىچە، شەخسلەرنى، ئېتىك توپلۇقلارنى ۋە بىر پۈتۈن ھالدا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى دۇنيا سىياسىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىردى. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ مىللىي دۆلەتلەرنى مۇتلەقشتۈرىدىغان پىرىنسىپلىرىغا زىت بولغان، ھەر ئاكتىيور ياكى كۈچ مۇئەييەن دەرىجىدە يەنە بىر ئاكتىيور ياكى كۈچ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان يېڭى دۇنيا شەكىللەنمەكتە.
يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدە پەيدا بولغان زامان-ماكان مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى بولسا «زامان-ماكاننىڭ قىستىلىشىدۇر». ھارۋېينىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ زىچلىشىشى نەتىجىسىدە ھەر ۋاقىت كاپىتالىزىمنىڭ مەركىزىدە ئورۇن ئالغان ماكاننىڭ زامان ۋاستىسى ئارقىلىق يوق بولىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولىۋاتىمىز. نەتىجىدە بىر جەھەتتىن ماكان جەھەتتىكى توساقلار ئازىيىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيادىكى ماكانلار ئىچىگە ئالغان نەرسىلەرگە قارشى تېخىمۇ سەزگۈر مۇئامىلە قىلماقتىمىز (ھارۋېي، 1989:307).
ھەممە نەرسىدىن خەۋەر تاپقىلى بولىدىغان، ھەممە ئادەم ئەگەر خالىسا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە تەسىر پەيدا قىلالايدىغان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولغان، ئىنسانلارنى بىرى-بىرىگە بېقىندى ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان «يەر شارى يېزىسى»شەكىللەنمەكتە.
قىسقىسى بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ غول ئامىللىرىدىن بولغان مۇناسىۋەت شەكىللىرى ۋە ماكاننىڭ خۇسۇسيىتىدە يەنە بىر قېتىم تارىخىي ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش ناۋادا ئاكتىيور (كۈچ) ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنمۇ ئۆزگەرتىۋەتسە، دۇنيا سىياسىتىدە چوقۇم زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.
بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دەۋرى»نىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئاساسلىق ئاكتىيورى بولغان مىللىي دۆلەتنىڭ غول ئامىللىرىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە نەزەر سېلىپ چىقىشىمىز كېرەك. دۆلەت ھەر نەرسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كۈچ بولۇشتىن مەھرۇم بولغىنىدەك، ئىگىلىك ھوقۇقىنىمۇ كۈندىن-كۈنگە دۆلەتتىن ھالقىغان ئاكتىيور ۋە كۈچلەر بىلەن بۆلۈشۈشكە مەجبۇر ھالەتكە كېلىپ قالماقتا. شۇنداقلا ئىچكى ۋە تاشقى مەسىلىلەرنى ئايرىشمۇ قىيىنلاشماقتا، چېگرالار بۇرۇنقى فونكسىيەسىدىن ئايرىلىپ قالماقتا، دۆلەتلەر تېررورتورىيەسىنى تاشقى كۈچلەردىن قوغداش ۋە كونترول قىلىشتا قىيىنالماقتا. مىللەت-ئۇلۇس بىز ئويلىغاندەك ئورتاق غايە ۋە قىممەت ئۆلچەملەر ئەتراپىغا يىغىلغان، بىر-بىرىگە ساداقەت بىلەن باغلانغان شەخسلەردىن تەشكىل تاپقان گارمونىك ۋە ئۇيۇشچان جەمئىيەت بولۇش ئالاھىدىلىكىنى پەيدىن-پەي يوقاتماقتا. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلار بىرلا كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتكە تايانغان ئۇيۇشچان ۋە گارمونىك بىر مىللەت-ئۇلۇس ئىچىدە بىر-بىرىگە مۇتلەق تەۋەلىك تۇيغۇسى ھېس قىلىدىغان ۋە ساداقەت بىلەن باغلىنىدىغان ئىدىيە بىلەن ھەرىكەت قىلمايدۇ. مىللەتلەر بىلەن دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش نەرسە ئىكەنلىكى، ھەر مىللەتنىڭ بىر دۆلىتى، ھەر دۆلەتنىڭ بىر مىللىتى بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى قاراش نۆۋەتتە كۆپ ئېتىبارغا ئېلىنمايۋاتىدۇ. يەر شارىلىشىش ھادىسسىنىڭ تەسىرىدە بىرلا كۈلتۈر كۆككە كۆتۈرۈپ كېلىنىۋاتقان جەمئىيەتلەردە كۆپ مەدەنىيەتلىك ۋە كۆپ قاتلاملىق ھادىسىلىرى مەيدانغا كەلمەكتە. بۇرۇنلاردا دۆلەت قانۇنىي جەھەتتىن بىر كۈلتۈرنى ئاساس قىلغان بىرلا مىللەت-ئۇلۇسقا تايىناتتى، ھازىر بولسا ھەر دۆلەت ئىچىدىكى پەرقلىق كۈلتۈر ۋە قاتلاملار ماسلىشالايدىغان سىستېما بەرپا قىلىش يولىدا ئىزدەنمەكتە.
قىسقىسى، مىللىي دۆلەتلەر زور بۇرۇلۇشلارغا دۇچ كەلمەكتە. نە مىللەت، نە ئىگىلىك ھوقۇق، نە ۋەتەن بىر ئەسىر بۇرۇنقى ئەندىزىگە ماس كەلمەيۋاتىدۇ.شۇنداقلا، نە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى نە زېمىنلارنىڭ تېرروتورىيەلىكى نە جەمئىيەتنىڭ مىللىيلىكى بۇرۇنقىدەك ئەمەس. بۇرۇنقى سىياسىي قۇرۇلمىلار زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. بۇنىڭ ئىپادىلىرىنى ھەر يەردە ئۇچرىتىش مۇمكىن. مەسىلەن، بۇرۇن دۇنيا سىياسىتىدىن ئورۇن ئېلىش مەسىلىسىدە دۆلەتلەر «دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە دۆلەت مەنپەئىتى»ئىدىيەسى بىلەن ھەرىكەت قىلغان بولسا، ھازىر بۇلاردىن باشقا يەنە «دۆلەت ۋە خەۋپسىزلىك ۋە مەنپەئەتى»گە پايدىلىق ھېسابلىنىدىغان «ئىنسانىي بىخەتەرلىك، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك، دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت مەنپەئەتى ۋە ئىنسانىيەت مەنپەئەتى»گە ئوخشاش ئۇقۇملارنى ئاساس قىلىپ ھەرىكەت قىلماقتا. ھەممىدىن غەلىتە يېرىكى شۇكى، دۆلەتلەر نۇرغۇن ساھەدە سۆز ھەققىنى دۆلەتتىن ھالقىغان شىركەتلەر،خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ئوخشاش يېڭى ئاكتىيورلارغا تاشلاپ بېرىشكە مەجبۇر بولماقتا. ھالبۇكى، باربېرنىڭ دېگىنىدەك، دۆلەتتىن ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ تاشقىي سىياسەتنى ھەققىي مەنىدە چۈشىنىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى «تاشقىي»كەلىمىسى پايدىنىڭ كويىدىلا يۈرىدىغان بىر كارخانىچىغا نسىبەتەن ھېچقانداق ئەھىيىتى بولمىسا كېرەك.
روسېنا بۇ ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇش مۇساپىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن زور داۋالغۇش پەيدا قىلغانلىقىنى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بارغانچە پۇقرالىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشتىن ئاجىز قېلىۋاتقانلىقى، ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنىڭ ماھىيىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل بولغانلىقى، دۆلەتلەرنىڭ بەزى ساھەلەردىكى ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە دۆلەتتىن ھالقىغان شىركەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە باشلىغانلىقىنى، شەخسنىڭ ئالدىنى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى، جاھان خاراكتېرلىك بىر كۈلتۈرنىڭ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ مۇساپە سىياسىي پارچىلىنىش ۋە پۈتۈنلىشىش ھادىسىلىرى بىرلىكتە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشتىن ئىبارت ئىكەن. باربېرمۇ روسېناغا ئوخشاش بۇ مۇساپىنىڭ ھەم بىرلەشتۈرۈش ھەمدە پارچىلاش خۇسۇسىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، «جىھات» ۋە «ماكدولنېز دۇنيا»دەپ سىمۋوللاشتۇرغان بۇ ئىككى ئامىلنىڭ مىللىي دۆلەت قۇرۇلمىلىرىنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى دەيدۇ.
باربېر ھەممە ئادەم ۋە ھەممە نەرسىنىڭ بىر-بىرىگە باغلىق ۋە بېقىندى ھالەتكە كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىلىم ۋە تېخنولوگىيەنى نە چېگرالار بىلەن نە مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق بىلەن چەكلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. روبېرتسونمۇ 1990-يىلاردا بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى ئېغىر مەۋھلۇملۇقتەك بىلىنىدىغان بۇ دەۋىرگە ئاللىبۇرۇن كىرىپ بولغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىپ، دۇنيا سىياسىتى ئىدىيەمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز لازىملىقىنى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مىللىي دۆلەت چۈشەنچىمىزنى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
بىز نۆۋەتتە رايونلۇق ۋە يەر شارىلىشىشقا ئوخشاش دۆلەتچى بولمىغان ھادىسىلەرگە سىياسىي جەھەتتە ئەھمىيەت بەرمەي تۇرالمايمىز. شۇڭا ئېغىر تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان خاڭتىڭتوننىڭ «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى»قارىشىنىمۇ پوست-ۋېستفالىيە سىنارىيەسى دەپ قاراش كېرەك، ئۇنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ كېلەچىكىنىڭ يۆنىلىشىنى دۆلەتچىلىكتىن مەدەنىيەتچىلىككە بۇرىغان يېڭىلىقپەرۋەر تەرىپىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئەمەلىي ۋە نەزىرىيەۋى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ۋېستفالىيە دۆلەت تۈزۈمىنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىپ قويغان بولسىمۇ، پوست-ۋېستفالىيە دۇنيا تۈزۈمى تېخى شەكىللەنمىدى. ھەتتا ھازىرقى دۇنيا تۈزۈمىگە ۋېستفالىيەلىك تۈس بېرىدىغان نۇرغۇن ئامىل مەۋجۇت. خەلقئارادا سىياسىي ئاكتىيور سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان تېرروتورىيەلىك دۆلەتلەرنىڭ نوپۇزى، دۇنيا سىياسىتىدە خەلقئارالىق ئۇرۇشلارنىڭ سەل قارىغىلى بولمايدىغان رولى، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ ھېلىھەم تېرروتورىيەسى ئىچىدىكى ھوقۇقلىرى، چوڭ دۆلەتلەر تەرىپىدىن گىئو-سىياسىي ساھەدە تەلەپ قىلىنىۋاتقان ۋە ئۇلارغا تاپشۇرۇلغان ئالاھىدە رەھبەرلىك رولى ۋە ھوقۇقى، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى پىرىنسپىدا كۆرۈلىۋاتقان ئاجىزلىق، رايون ۋە خەلقئارالىق باشقۇرۇش مەسىلىسىدە كۈچلۈك ئورگانلارنىڭ بولماسلىقىغا ئوخشاش ئەھۋاللار ھېلھەم مەۋجۇت. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بەش دائىمىي ئەزانىڭ ۋېتو ھوقۇقى، ۋېستفالىيەنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولغان دۆلەتلەر ئارا تەڭسىزلىكنىڭ ھېلىھەم رەسمىي ۋە سىمۋوللۇق مەنىدە ئېتىراپ قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسىدۇر (نېي ۋە ۋېلچ، 2011: 458).
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆزگىرىش جەريانى ئىزچىل داۋاملاشماقتا ۋە بىزمۇ بۇ ئۆتكۈنچى دەۋىرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. بۇ مۇساپە ئاخىرلاشقاندا قانداق بىر دۇنيا سىياسىتىنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. ھېلىھەم ئىزچىللىقنى ياقلىغۇچىلار بىلەن ئۆزگىرىشنى ياقلىغۇچىلار ئارىسىدا كۈرەش داۋاملاشماقتا. بۇ سەۋەبتىن، پۈتۈنلىشىش-پارچىلىنىش، يەر شارىلىشىش-رايونلىشىش، مودېرىنلىشىش-پوست مودېرىنلىشىش، مىللىيلىشىش-مىللەتتىن ھالقىش قاتارلىق جەريانلار بىرلىكتە ئوخشاش ۋاقىتتا داۋاملاشماقتا. بۇنىڭدىن سىرت، يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنىڭ ئەكسىچە، ئۆزگىرىشنىڭ يۆنىلىشىنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ ھېچ بولمىغاندا دۇنيانىڭ نوقۇل غەرب مەركەزلىك بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز.
ئۆزگىرىشنىڭ يۆنىلىشى: غەرب مەركەزچىلىكتىن گىرەلىشىپ كەتكەن كۆپ مەركەزچىلىككە
بىرزېنىسكى 1990-يىلنىڭ بېشىدا خەلقئارا ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلغاندا «21-ئەسىرنىڭ ھارپىسىدا جاھان خاراكتېرلىك قالايمىقانچىلىق»نىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ كونترولدىن چىقىش بولىدىغانلىقىنى دېگەنىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ كۆزدە تۇتقان كونترولدىن چىقىش ھادىسىسى دۇنيانىڭ غەربنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىشنى كۆرسىتەتتى.
ھەقىقەتەن ياۋروپا دۆلەتلەر تۈزۈمى پۈتكۈل دۇنياغا كېڭىيىپ 20-ئەسىردە ئالتۇن دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ غەرب مەركەزلىك دۇنيانىڭ ئاپىرىدە بولۇشىغا زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن بولسىمۇ، تىللىي دېگەندەك بۇ قۇرۇلما ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ سىستېمىغا كىرىشى بىلەن ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ھەممىدىن مۇھىمى، 20-ئەسىردە ۋېستفالىيە دۆلەتلەر تۈزۈمى دۇنيانىڭ ھەممىگە يېرىگە تارقىلىپ ئاساسەن ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇ تۈزۈم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى، ھەتتا دۇنيادىكى نوپۇزى ۋە كونتروللۇقىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. دۇنيا ئۇرۇشلىرى ياۋروپادا يۈز بەردى، بۇ ئۇرۇشلار ياۋروپانىڭ دۇنياغا ھۆكۈمدار بولۇشىنى توسۇپ قويدى. بۇ ئۇرۇشلار ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ ئېچىنىشلىق مەزگىللەردە ياۋروپادا ئىرقچىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچلىققا ئوخشاش ئىللەتلەر باش كۆتۈردى، بۇ ھادىسىلەر ياۋروپانىڭ ئىلغار مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋال ياۋروپا مەركەزلىك دۇنيا چۈشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ رولى بىلەن دۇنيانىڭ غەرب مەركەزلىك بولۇشتەك رىئاللىقىنى ئۆزگەرتەلمىدى.
دۇنيا مىقىياسىدا كەڭ ئومۇملاشقان كۆپ مەدەنىيەتلىك ۋە دۆلەتتىن ھالقىغان سانائەت سىستېمىسى، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئىقتىساد ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەردە ئۈستۈن ۋە نوپۇزلۇق كۈچ سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنغان غەرب مەركەزلىك دۇنيا تۈزۈمى چۈشەنچىسىنىڭ ئۇلىنى خېلىلا تەۋرەتتى. بولۇپمۇ كاپىتال ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇرۇنقى دەۋىرلەرگە سېلىشتۇرغاندا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە كەڭ تارقىلىشى مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئورنىغا دۆلەتتىن ھالقىغان خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ دەسسىشىگە سەۋەب بولدى. سودا ساھەسىدىكى، ئۆز-ئارا بېقىندىلىق جەھەتتىكى ۋە دۆلەتتىن ھالقىغان قۇرۇلمىلاردىكى ئۆزگىرىشلەر خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دەۋرىگە تەۋە مىللىي دۆلەت تۈزۈمىگە ئېغىر زەربە بەردى ۋە غەرب ئەللىرىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ۋە نوپۇزىنى كېڭەيتتى.
يەر شارىلىشىش ھادىسىسى ياۋروپانىڭ سۈنئىي ئالەمشۇمۇللىقىغا قارشى ھەققىي ئالەمشۇمۇللۇق شەكىللەندۈردى، بۇ ئەھۋال غەربنىڭ ئۈستۈنلۈكى توغرىسىدا گۇمان پەيدا قىلدى. بەلكىم بۇ غەرب مەركەزلىك دۇنيانىڭ ئاستا-ئاستا يوق بولۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا غەرب دۇنياسى دۇنيانى كونترول قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ باققان بولسىمۇ مۇۋەپپەق بولالمايدىغاندەك قىلىدۇ. دۆلەتلەر، مىللەتلەر، توپلۇقلار ۋە شەخسلەر ئارا بېقىندىلىقىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن دۇنيا سىياسىتىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر كۆپ تەرەپلەرنىڭ ھەل قىلىشىنى تەقەززا قىلماقتا، بۇ ئەھۋال تەبئىي ھالدا غەرب مەركەزلىك دۇنيادىن باشقا كۈچلەرنىڭمۇ نوپۇز دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە سەۋەب بولماقتا. ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا ھېلىھەم مۇھىم كۈچلەردىن بولسىمۇ خىتاي، ھىندىستان، ياپونىيە باشچىلىقىدا ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان، بىرازىلىيە-ئارگېنتىنا باشچىلىقىدا لاتىن ئامېرىكىغا ئوخشاش يېڭى كۈچ مەركەزلىرى باش كۆتۈرمەكتە. بەلكىم ئوتتۇرا شەرق رايونىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش مەدەنىيەت مەركىزى سۈپىتىدە قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى مۇمكىن.
قىسقىسى، «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدىن بۇرۇنقى»دەۋرىدىكىگە ئوخشاش، دۇنيادا بىردىن كۆپ مەركەز شەكىللەنمەكتە. لېكىن يەر شارىلىشىش دىنكامىكلىرىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، بۇرۇنقىدىن پەرقلىق ھالدا بۇ كۈچ مەركەزلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى پەيدا بولماقتا. بۇ سەۋەبتىن دۇنيا بىر-بىرىدىن ئۈزۈك ھالەتتە ئەمەس، ئەكسىچە «گىرەلىشىپ كەتكەن كۆپ مەركەزلىك»ھالەتتە تۇرماقتا. دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىگە قارىغىنىمىزدا، بۇ يېڭى كۈچ مەركەزلىرىدە بەزىدە مەدەنىيەت، بەزىدە ئىقتىساد، بەزىدە سىياسەت، بەزىدە ھەربىي-ئىستىراتېگىيە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن ھەممىدىن مۇھىمى، زامان-ماكان مۇناسىۋىتىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا بۇلار بىرلا ۋاقىتتا ۋە بىرلاماكاندا ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇ «بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن»ھادىسىدە نۇرغۇن نەرسىنىڭ ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىرلا مەركەزدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، دۇنيادا مەركەزچىلىك ئەمەس ئەكسىچە مەركەزسىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلمەكتە.
خۇلاسە
«خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر»ئاساسلىق ئامىللىرى ۋە مۇناسىۋەت شەكىللىرى نۇقتىسىدىن نە ئەبەدىي نە ئەزەلىي ھادىسە ئەمەس. بۇ ھادىسە مەلۇم بىر تارىخىي دەۋىرگە تەۋە دۇنيا سىياسىتى شەكلى بولۇپ، تارىخىي شارائىتلارغا باغلىق بولغانلىقى سەۋەبىدىن شارائىتلارغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. دۇنيا سىياسىتىدىكى بۇ تارىخىي ئۆزگىرىش بىزگە غەربنىڭ ئۈستۈنلىكىنىڭ دائىملىق ۋە ئۆزگەرمەس ھادىسە ئەمەسلىكىنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
نۆۋەتتە دۇنيا سىياسىتى يېڭى بىر دەۋىرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بىراق دۇنيا سىياسىتىنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ئۆزگىرىپ ماڭىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىدىغان»دۇنيامۇ، «ئېتنىك توقۇنۇشلار كەسكىنلىشىپ كەتكەن ۋە قەبىلىلەشكەن»دۇنيامۇ، ياكى چېگرالار يوق بولغان، بارلىق مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دۇنيا ھۆكۈمىتى ھۆكۈم سۈرىدىغان «تولۇق مەنىدىكى يەر شارىلاشقان دۇنيا»مۇ شەكىللىنىدۇ؟ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. لېكىن ئېنىق بولغان نەرسە شۇكى، دۇنيا بۇرۇنقىدەك بولمىغىنىغا ئوخشاش، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھازىرقىدەك بولمايدۇ. غەربنىڭ دۇنيادىكى كونتروللۇقى ۋە نوپۇزى ئاجىزلاۋاتىدۇ. دۇنيا غەرب مەركەزلىك بولۇشتىن كۆپ مەركەزلىك بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. تارىخ بىزگە دۇنيا سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ مۈشكۈل، ئۇزۇن مۇساپىلەردە ۋە قەدەممۇ قەدەم مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزگىرىش مەزگىللىرىدە ئىزچىللىق ۋە بۇرۇلۇش دىنامىكلىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە بىرلىكتە داۋاملىشىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى. ناۋادا بۇرۇلۇش دىنامىكلىرى ئىزچىللىق دىنامىكلىرىگە قارىغاندا تېخمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا، بولۇپمۇ ئاكتىيور ئالاھىدىلىكلىرىنى، مۇناسىۋەت شەكىللىرىنى ۋە زامان-ماكان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزگەرتكەندە يېڭى دەۋىر باشلىنىدۇ.
دۇنيا سىياسىتى تارىخى بىزگە ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشالىغانلارنىڭ كېلەچەك بەرپا قىلىپ ئاكتىپ كۈچلەرگە ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولغۇچىلارنىڭ ھايات ۋە دۇنياغا نىسبەتەن مۇئەييەن چۈشەنچىسى بولىدۇ ۋە «ئىدىيە ۋە قىممەت ئۆلچەملىرى»بەرپا قىلالايدۇ. بۇ سەۋەبتىن بۇ مۇساپە ۋە يېڭى قۇرۇلغان دۇنيادا ئاكتىپ ھالغا كېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزگىرىشنى بايقاپ چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىش كېرەك.
شەكسىزكى، دۇنيا سىياسىتىگە نەزەر سالغىنىمىدا ماھىيىتى ئۆزگەرمىگەن مۇنداق زىددىيەتلىك ئەھۋال ئۇچرايدۇ: كۈچ ۋە ئادالەت ئارىسىدىكى مەنىسىز كۈرەش. 2500 يىل ئىلگىرى تۇچىدىدېسنىڭ دىيالوگىدا مۇنداق جۈملە ئۇچرايدۇ: «كۈچلۈكلەر قىلىدىغىنى قىلىدۇ، ئاجىزلار بېشىغا كەلگەننى چىدىماي ئامال يوق». بۇ سۆز بارلىق دەۋىرلەردە ئۆز مەنىسىنى تاپقان. شۇڭا كۈچ ۋە ئادالەت ئارىسىدىكى كۈرەشتە كۈچ داۋاملىق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ كەلگەن. بۇ ئەھۋال بىزنىڭ ئادالەت ۋە ھاكىمىيەت پىرىنسپلىرى بويىچە دۇنيا قۇرۇپ چىقىش تىرىشچانلىقلىرىمىزنى ئەھمىيەتىسىز قىلامدۇ يوق؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى دۇنيا سىياسىتى تارىخى نوقۇل كۈچكە ئېرىشىش تارىخى بولماستىن، ئادالەت ئىزدەش تارىخىدۇر. شۇڭا دۇنيا سىياسىتى تارىخى ھەرگىزمۇ تۈز سىزىق بويىچە ئىلگىرىلمەيدۇ. بولۇپمۇ كۈچنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەش ۋە كونترول قىلىش نۇقتىسىدىن ئادالەتكە بولغان تەلپۈنۈش ھەر دەۋىردە مۇھىم بولغان ۋە كېلەچەكتىمۇ مۇھىمدۇر. شۇنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىق كېرەككى، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە ئادالەتكە تايىنىش كېرەك.
ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى تۈركىيە نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ باقساقمۇ بولىدۇ. ئالدى بىلەن بىز شاھىت بولىۋاتقان ئۆزگىرىش مۇساپىلىرىدە توغرا يەردىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن دۇنيانى توغرا چۈشىنىش كېرەك. تۈركىيەدە بولسا دۇنيانى توغرا چۈشىنىشتىمۇ مەسىلە مەۋجۇت. چۈنكى تۈركىيەدە ئادەتتىكى بىر كىشىدىن باشقا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئوقۇغۇچىلىرى، تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار، ھەتتا سىياسەتچىلەرمۇ «دۇنيا قاراڭغۇ كۈچلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىۋاتىدۇ»دەپ قارىشىدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى بولىۋاتقان بارلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ قاراڭغۇ كۈچلەر تەرىپىدىن يېزىلغان سىنارىيە ۋە تۇزاقلارنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئويلىشىۋالىدۇ.
بۇ ئىدىيەدىن مەسلىگە قارايدىغان بولساق، يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرمۇ ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي ھادىسىلەر بولماستىن، «قاراڭغۇ كۈچلەر»نىڭ، «تاشقى كۈچلەر»نىڭ تۇزاقلىرى، سىنارىيەلىرى ۋە ئويۇنلىرىدۇر. مەسىلەن، يەر شارىلىشىش جاھانگىر كۈچلەر سەھنىگە ئېلىپ چىققان ئويۇندۇر.
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى مۇشۇ تەرىقىدە چۈشىنىش خاتادۇر. چۈنكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۇنداق ئاددىي مۇساپىدە شەكىللەنمەيدۇ، ئەكسىچە، نۇرغۇن ئامىل تۈرتكىسىدە كۆپ ئاكتىيورلۇق مۇرەككەپ قۇرۇلما ئىچىدە جەريان قىلىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ھەققىي مەنىدىكى ھەمكارلىق ئىچىدە بىر گەۋدىلەشكەن غەرب دۇنياسى يوق. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ قارارچىلىق نۇقتىينەزەر ھېچقانداق نەرسىنىڭ بولۇپمۇ «دۆلىتىڭىزنىڭ خەلقئارا تەقدىرىنىڭ»ئۆزگەرمەيدىغانلىقىدەك چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويۇش بىلەن بىرگە ئۈمىد، كۈرەش ئېڭى ۋە ئىشەنچىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ھەتتا ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرىدىغان ئاڭ پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ھەممىدىن چاتاق يېرى، «قۇدرەتلىك قاراڭغۇ كۈچلەر» «ئىلاھلاشتۇرۇلۇپ» «تەڭرىدەك»كۆرۈلۈشكە باشلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تەسەۋۋۇرىڭىزدا «يارىتىلغان قۇدرەتلىك ئىلاھ»قا قارشى تۇرۇشنى بىھۇدە ھېس قىلىسىز. بۇ چۈشەنچە ئىنساننىڭ زىھىن دۇنياسىنى ئاددىي قىلىپ قويىدۇ. ھاياتنى قارا ۋە ئاق دەپلا چۈشىنىدىغان يۈزەكى ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. ھالبۇكى ھايات قارا ۋە ئاقتىنلا تەشكىل تاپمىغان، باشقا رەڭلەردىنمۇ تەشكىل تاپقان.
قىسقىسى، ئۆزگىرىش جەريانىنى پايدىلىق ھالغا كەلتۈرۈش ۋە پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن «خاتا دۇنيا چۈشەنچىسى»نى ئۆزگەرتىش كېرەك. تارىخ بىزگە شۇنى ئۆگەتكەنكى، ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ ئۆزگىرىش قابىليىتىنى ئىلكىدە تۇتقانلارنىڭ كۈچى بولۇپ، تارىخنى مۇشۇنداقلار يېزىپ چىققان، تارىخمۇ شۇنداق ئەلۋەتتە.

پايدىلانمىلار

Arıboğan, Deniz Ülke. (1998). Kabileden Küreselleşmeye, Uluslararası İlişkiler
Düşüncesi. İstanbul, Sarmal Yayınevi.
Barber, Benjamin. (2003). Mc World’e Karşı Cihad. Çev. E. Birey, İstanbul, Cep
Kitapları A.Ş.
Brzezinsky, Zigniew K. (1995). Out of Control: Global Turmoil on the eve of
twenty-first century. NY, Touchstone.
Calhoun, Craig. (2007). Milliyetçilik. Çev. B. Sütçüoğlu, İstanbul, Bilgi
Üniversitesi Yay.
Ebu Süleyman, A. Ahmed. (1985). İslam’ın Uluslararası İlişkiler Kuramı. Çev. F.
Koru, İstanbul, İnsan Yay.
Eisenstadt, S. N. (2007). Modernleşme: Başkaldırı ve Değişim. Çev. U. Çoşkun,
Ankara, DoğuBatı.
Falk, Richard. (2005). Dünya Düzeni Nereye?. Çev. N. Domaniç ve N. Arhan,
İstanbul, Metis Yay.
Goody, Jack. (2002). Batıdaki Doğu. Çev. B. M. Angılı ve İ. M. Bezgin, Ankara,
Dost.
Gözen, Ramazan. (2004). Uluslararası İlişkiler Sonrası Çoğulculuk, Küreselleşme
ve 11 Eylül. İstanbul, Alfa.
Harvey, David. (1989). The Condition of Postmodernity: An Enquiry into the
Origins of Cultural Changes. Oxford, Basic Blackwell.
http://avalon.law.yale.edu/17th_century/westphal.asp (erişim: 18.11.2011).
Huntington, Samuel. (1993). “The Clash of Civilizations”. Foreign Affairs. 72, 22-
49
Knutsen, Torbjon L. (2006). Uluslararası İlişkiler Teorisi Tarihi. Çev. M. Özay,
İstanbul, Açılım.
Llobera, Josep R. (2007). Modernliğin Tanrısı, Batı Avrupa’da Milliyetçiliğin
Gelişimi. Ankara, Phoenix.
Uluslararası İlişkiler Düşüncesi ve Dünya Politikasında Değişimi Anlamak
34 Cilt 2 Sayı 1 (Ocak 2012)
Machiavelli, Niccolo. (2004). Prens. Çev. H. Mutluay, İstanbul, Bordo Siyah.
Mansbach, Richard W. (2000). “Changing Understandings of Global Politics:
Preinternationalism, internationalism, and postinternationalism”. Pondering
Postinternationalism: A Paradigm for the Twenty First Century? Ed By.
Heidi H. Hobbs, Albany. State University of New York Press. 7-23.
Moreno, Dario. (2000). “The Limits of Sovereignty in a Bifurcated World”.
Pondering Postinternationalism: A Paradigm for the Twenty First Century?
Ed By. Heidi H. Hobbs, Albany. State University of New York Press. 25-37.
Nye, Joseph S. ve David A. Welch. (2011). Küresel Çatışmayı ve İşbirliğini
Anlamak. Çev. R. Akman, İstanbul, T. İş Bankası Kültür Yay.
Özkırımlı, Umut. (2008). Milliyetçilik Kuramları: Eleştirel Bir Bakış. Ankara,
Doğu Batı.
Özlük, Erdem. (2012). Uluslararası İlişkilerde Devlet: Tanım, Teori ve Devlet
İstisnacılığı, Konya, Çzigi Yayınevi.
Poggi, Giofarnco. (2007). Devlet, Doğası, Gelişimi ve Geleceği. Çev. A. Babacan,
İstanbul, Bilgi Üniversitesi Yay.
Robertson, Roland. (1999). Küreselleşme: Toplum Kuramı ve Küresel Kültür. Çev.
Ü. H. Yolsal, Ankara, Bilim ve Sanat.
Rosenau, James N. (1997). Along the Domestic-Foreign Frontier: Exploring
Governence in a Turbulent World. Cambridge, Cambridge University Press.
Schulze, Hagen. (2005). Avrupa’da Ulus ve Devlet. Çev. T. Bender, İstanbul,
Literatür Yay.
Smith, Anthony D. (1983). State and Nation in the Third World: The Western State
and African Nationalism. Brighton, Wheatsheaf Boks Ltd.
—————, (1986). The Ethnic Origins of Nations. Oxford, Blackwell.
—————, (2004). Milli Kimlik. Çev. B.S. Şener, İstanbul, İletişim.
Tilly, Charles. (2001). Zor, Sermaye ve Avrupa Devletlerinin Oluşumu. Çev. K.
Emiroğlu, Ankara, İmge Kitabevi.
Yurdusev, A. N. (1996). “‘Uluslararası İlişkiler Öncesi’”. Devlet, Sistem, Kimlik:
Uluslararası İlişkilerde Temel Yaklaşımlar. Der. A. Eralp, İstanbul, İletişim.
Wallerstein, Immanuel. (2007). Avrupa Evrenselciliği, İktidarın Retoriği. İstanbul,
Aram.
Viotti, Paul R. and Mark V. Kauppi. (2010). International Relations Theory.
Fourth Edition, New York, Longman.
تەرجىمان: ئۆمەر قۇربان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*