ئۇلۇسلار (دۆلەتلەر) نېمىشقا مەغلۇپ بولىدۇ؟

2019-يىلى 16-ئاپرېل

كۈچ، باياشاتلىق ۋە يوقسۇللۇقنىڭ يىلتىزلىرى

ئۇلۇسلار (دۆلەتلەر) نېمىشقا مەغلۇپ بولىدۇ؟

(كىتاب خۇلاسىسى)

دارون ئاجەمئوغلۇ – جېيمېس ئا.روبىنسون

 

 

ئىقتىسادىي ئۇتۇقنىڭ نېگىزىدە ئىنسانلار شەكىللەندۈرگەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ ياتىدىغانلىقىنى كەسكىن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئەسەر، مۇتەخەسسىسلەر ئەسىرلەردىن بۇيان باش قاتۇرۇپ كېلىۋاتقان سوئالغا جاۋاب بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. نېمىشقا بەزى دۆلەتلەر باي، يەنە بەزىلىرى يوقسۇل؛ نېمىشقا بىر تەرەپتە ساغلاملىق ۋە مولچىلىق ھۆكۈم سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتە ئاچلىق ۋە كېسەللىك ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئاجەمئوغلۇ بىلەن روبىنسوننىڭ سىغدۇرۇشچان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشلەرگە دائىر يېڭىچە پىكىرلىرى دۇنيا قارىشىڭىز ۋە چۈشەنچىڭىزنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. ئون بەش يىللىق تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسىي ئىقتىساد نەزەرىيەسى، تارىخىي پاكىتلارنى چىقىش قىلىدىغان بولۇپ، زامانىمىزدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بىلەن يېقىندىن ئالاقىسى بار. بۇ ئەسەرنى، باياشاتلىق ۋە يوقسۇللۇقنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشىنىش نۇقتىسىدىن بىر مەنبە كىتاب دېيىشكە بولىدۇ.

 

مۇقەددىمە

 

دۇنيانىڭ ئەڭ باي دۆلەتلىرى بىلەن نامرات دۆلەتلىرىنى ئايرىپ تۇرىدىغان كىرىم مىقدارى ۋە تۇرمۇش ئۆلچەملىرى ئارىسىدىكى ئېغىر پەرقلەر توغرىسىدىكى بۇ كىتاب نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقاندا، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەرەب باھارىدا داۋالغۇماقتا ئىدى؛ تۇنىس ۋە مىسىر دىكتاتورلىرى ئاغدۇرۇلغان، بەھرەين، سۇرىيە ۋە يەمەندىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى تېخى نائېنىق ئىدى. ئەسلىدە بۇ دۆلەتلەردىكى نارازىلىقلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئامىل نامراتلىق ئىدى. بىر مىسىرلىقنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى بىر ئامېرىكىلىقنىڭ كىرىمىنىڭ تەخمىنەن %12 ىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا، نېمىشقا مىسىر ئامېرىكىدىن بۇنچىلىك نامرات؟

نامايىشچىلار ئەسناسىدا خەلقتىن نېمىشقا قوزغالغانلىقى سورالغىنىدا، چىرىكلىكتىن، بېسىمدىن ۋە مائارىپنىڭ ناچارلىقىدىن جاق تويغانلىقلىرىنى، قالاق تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ يولسىزلىقلىرى، ئاممىۋىي خىزمەتلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى، دۆلەتتە سىياسىي ھوقۇق ۋە پۇرسەت باۋەرلىكىنىڭ يوقلۇقىدىن ۋايسايدۇ. ئارزۇ قىلىنىۋاتقان ئىش بولسا، ۋاقتىدا سايلام ئارقىلىق بېكىتىلگەن بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىشنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشى ۋە ئالەمشۇمۇل ئەركىنلىكلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىدۇر. تۇنىس مىسالىدا كۆرۈلگىنىدەك، بېسىم، ئىجتىمائىي ئادالەتنىڭ كەملىكى ۋە تىنچ ئۇسۇلدا ئۆزگىرىش يوللىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىشى بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكىنىدە، ئەھۋال گوياكى بىر سائەتلىك بومبىغا ئايلىنىدۇ. ھەم مىسىر، ھەم تۇنىس خەلقلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ نېگىزىدە سىياسىي ھەق – ھوقۇقلارنىڭ بولماسلىقى ياتىدۇ. دېمەك سىياسىي جەھەتتە ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىش تەلىپى، تۆۋەن مائاش چېكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش دېگەندەك مەسىلىلەردىن بۇرۇن كېلىدۇ. ئەسلىدە مىسىرلىقلار ئارقىدا قېلىشلىرىنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىدۇ؛ بۇلار باشتا دۆلەت رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ لاياقەتسىز ۋە چىرىكلەشكەن بولۇشى، خەلقنىڭ بولسا، قابىلىيەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئوچۇق بولماسلىقىدۇر. لېكىن، ساقلىنىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ سىياسىي ئىكەنلىكىنى ۋە دۇچار بولۇۋاتقان ئىقتىسادىي توسالغۇلارنىڭ سىياسىي كۈچنىڭ تار بىر قاتلام تەرىپىدىن مونوپول قىلىۋېلىنغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ. (شۇڭا) بۇ تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈشتى. ھالبۇكى، بۇ مەسىلىگە تەتقىقاتچىلار ۋە  ئانالىزچىلار ئادەتتە باشقا كۆزنەكتىن قارايدۇ. بەزىلىرى مىسىرنىڭ نامراتلىقىنى جۇغراپىيەگە، ئىقلىمىنىڭ تېرىقچىلىققا ناباب ئىكەنلىكىگە چېتىپ ئىزاھلىسا، يەنە بەزىلىرى، باياشاتلىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا زىت مەدەنىيەت ئامىللىرىغا دىققەتنى تارتىدۇ. ئىقتىساد ۋە سىياسەت مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدا ھەممىدىن بەك بازار تاپقان ئۈچىنچى خىل قاراش بولسا، مىسىر رەھبەرلىكىنىڭ دۆلەتلىرىنى گۈللەندۈرىدىغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى، ئۆتمۈشتىمۇ خاتا سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقىدۇر؛ ئەگەر ئۇلار لاياقەتلىك مەسلىھەتچىلەردىن توغرا تەۋسىيەلىرىنى ئالغان بولسا ئىدى، تەرەققىي قىلغان بولاتتى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، مىسىرنىڭ خەلقنى زىيانغا ئۇچرىتىش بەدىلىگە قونچىنى تولدۇرغان بىر ئۇچۇم كىشىلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇش رېئاللىقىنىڭ، بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنىڭ چۈشىنىلىشى بىلەن ئالاقىسى يوقتۇر. كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىمۇ كۆپىنچە تەتقىقاتچى ۋە ئانالىزچىنىڭ ئەمەس، مەيدانلارنى تولدۇرغان خەلقنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىدۇر. مىسىر يوقسۇلدۇر، چۈنكى، ئۇ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەپ خەلقنى شەكىللەندۈرگەن ۋە خەلقنى شوراپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن بىر قاتلام تەرىپىدىن باشقۇرۇلدى. سىياسىي نوپۇزغا ئىگە كىشىلەر قوللىرىدىكى كۈچنى ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش ئۈچۈن ئىشلەتتى. زىيان تارتقىنى مىسىر خەلقى بولدى. مىسىرنىڭ نامراتلىقىنى بۇ شەكىلدە ئىزاھلاش، بىزنى دۆلەتلەرنىڭ نېمىشقا نامرات پېتى قالغانلىقىغا دائىر ئومۇمىي چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشى مۇمكىن. مەيلى مىسىر بولسۇن، مەيلى شىمالىي كورېيە، سېررالېئون ياكى زىمبابۋې بولسۇن، ھەممىسىنىڭ نامراتلىق سەۋەبلىرى ئوخشاشتۇر. بىرلەشمە خانلىق ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولسا، بېيىدى. چۈنكى پۇقرالىرى كۈچنى قولىدا تۇتۇۋاتقان تار قاتلامنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سىياسىي ھوقۇقلار ئومۇملاشتۇرۇلغان؛ ھۆكۈمەت خەلقكە ھېساب بېرىدىغان، سەزگۈر ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان بىر دۆلەت تۈزۈمىدە كەڭ خەلق ئاممىسى ئىقتىسادىي ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنالايدىغان بىر جەمئىيەت ياراتتى. دۇنيادا نېمىشقا بۇنداق ئېغىر تەڭسىزلىكنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تارىخىي دىنامىكلارغا قاراشقا توغرا كېلىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ مىسىردىن باي بولۇشىنىڭ سەۋەبى، 1688 – يىلى ئەنگلىيەدە دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىقتىسادىغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن بىر ئىنقىلابنىڭ يۈز بەرگەن بولۇشىدۇر. ئىنسانلار سىياسىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىش كۈرەش قىلدى ۋە بۇ ھەقلەردىن ئىقتىسادىي ئىمكانىيەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا پايدىلاندى. نەتىجىدە بۇرۇنقىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق سىياسىي – ئىقتىسادىي يۆنىلىش ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە بۇ ئىلگىرىلەش سانائەت ئىنقىلابىي بىلەن يۈكسەك پەللىگە يەتتى.

لېكىن، نە سانائەت ئىنقىلابى، نە ئۇ پەيدا قىلغان تېخنولوگىيەلەر مىسىرغا يېتىپ بارالمىدى. چۈنكى، ئۇ دەۋردە ئوسمانلى ھۆكۈمدارلىقى ئاستىدىكى دۆلەتكە ئوسمانلى خانىدانىنىڭ تۇتقان مۇئامىلىسىمۇ مۇبارەك ئائىلىسىنىڭ مۇئامىلىسىدىن دېگەندەك پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە كىرگەن چېغىدا بولسا، ئىنگلىزلارمۇ ئادەتتىكى خەلقنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇنچىۋالا كۆڭۈلشىپ كەتمىدى. مىسىرلىقلار ئىمپېرىيەلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ۋە 1952 – يىلى خانلىق تۈزۈمدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەنگلىيەدە مەيدانغا كەلگەن ھەيۋەتلىك ئىنقىلابقا ئوخشاش سىياسەتنى ماھىيەتلىك شەكىلدە ئۆزگەرتەلمىدى. قىلغان بىردىنبىر ئىشى ھاكىمىيەتنىڭ بېشىغا خەلقنىڭ باياشاتلىقى بىلەن قىلچىلىكمۇ ئالاقىسى بولمىغان باشقا بىر قاتلامنى تىكلەشتىن ئىبارەت بولدى. خۇلاسىلىگەندە، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئۆزگەرمىدى، نەتىجىدە مىسىر يوقسۇل پېتى قالدى.

بۇ قېلىپلارنىڭ قانداق تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى؛ نېمىشقا بەزىدە ئۆزگىرىپ ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى تەكشۈرىدىغان بولساق، نۆۋەتتە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىپ – ئۆزگەرمىگەنلىكىنى سوراقلىيالايمىز. مەسىلەن، مۇبارەكنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىنقىلابنىڭ نورمال خەلقكە باياشاتلىق يارىتىدىغان ئورگانلارنى پەيدا قىلىپ – قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. ئۆتمۈشتە مىسىردىمۇ ئىنقىلابلار بولدى، لېكىن، تىزگىننى قولىغا ئالغان ھەر يېڭى ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇپ تاشلانغان ھاكىمىيەتكە ئوخشاش بىر تۈزۈمنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن، دېگەندەك ئۆزگىرىش بولمىدى. ئەلۋەتتە، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ سىياسىي كۈچكە ئېرىشىپ، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى ناھايىتى قىيىندۇر. بىراق، ئىمكانسىز ئەمەسلىكى مىساللاردىن چىقىپ تۇرىدۇ. نامرات بىر دۆلەتنىڭ بېيىشى ئۈچۈن ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياپونىيە، ھەتتا بوتسۋانا ۋە بىرازىلىيەدىكىگە ئوخشاش ماھىيەتلىك سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئاچقۇچلۇق نۇقتا، خەلق ھەرىكىتىنىڭ كەڭ قاتلاملارنى بىرلەشتۈرەلەيدىغان بولۇشىدۇر. بۇ سىياسىي قاراشلاردا نېمىلەر بولدى، ئۆزگىرىشلەر نېمىشقا ۋە قانداق روياپقا چىقتى، دېگەنلەرنى چۈشىنەلىگىنىمىزدە، بۇ خىل ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنىڭ قانداق بىكارغا كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلەيدىغان، قاچان ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغانلىقىمىزغا قارار قىلىدىغان بولىمىز.

 

ئىناۋەتسىز نەزەرىيەلەر

 

تۈپ نىشان دۇنيادىكى تەڭسىزلىكنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى قېلىپلارنى ئىزاھلاش بولغانىكەن، ئالدى بىلەن، ئىزچىل ھالدا ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان دۆلەتكە قاراشقا توغرا كېلىدۇ. ئەنگلىيە 18 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا يۈز بەرگەن كۈچلۈك تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ سانائەتتە ئەكس ئېتىشى بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. ئارقىدىن غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سانائەتلەشتى. باياشاتلىشىش تېز سۈرئەتتە ئەنگلىيەنىڭ كىنەزلىكلىرىگە يەنى كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېنلاندىيەگىمۇ كېڭەيدى. بۇ دۆلەتلەرگە دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ باي 30 دۆلىتى قاتارىغا ياپونىيە، سىنگاپور ۋە جەنۇبىي كورېيەمۇ قوشۇلدى. يېقىنقى مەزگىللەردە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېز بولغان شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى تەيۋەن ۋە خىتايمۇ مەزكۇر سەپكە قېتىلدى. بۇ تىزىملىكتىكىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى ئوتتۇرىچە 20 مىڭ دوللار ئەتراپىدىدۇر. ئەڭ نامرات دۆلەتلەردە بولسا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم 2 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولماقتا.

بۇلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسىلا ئافرىقا تۆۋەن سەھراسىدىدۇر؛ ئافغانىستان، ھىندىستان، نېپال، كامبودژا، لائوسمۇ نامراتلىقنىڭ پەنجىسى ئاستىدا تۇرماقتا. لاتىن ئامېرىكىسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر تىزىملىك چىقىرىدىغان بولساق، چىلى، ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە، مېكسىكا، ئۇرۇگۋاي ۋە نېفىت باھاسىغا باغلىق بولۇۋاتقان ۋېنېزۇئېلانى تىلغا ئېلىشىمىز مۇمكىن ئىدى. ئارقىدىن كولومبىيە، ئېكۋاتور ۋە پېرۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بولىۋىيە، گىۋاتېمالا ۋە پاراگۋاي ئورۇن ئالىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قېلىپنى كۆرۈشكە بولىدۇ. نېفىتقا باي دۆلەتلەر سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كۇۋەيت تىزىملىكنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان بولۇپ، كىرىمى ئەڭ باي 30 دۆلەتنىڭكىگە يېقىندۇر. لېكىن، نېفىتى بولمىغان مىسىر، ئىيوردانىيە ۋە سۈرىيەدە بولسا، كىرىم گىۋاتېمالا ۋە پېرۇنىڭكىگە تەڭ كېلىدۇ. نېفىت بولمىسا، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىمۇ گىۋاتېمالا ياكى پېرۇغا ئوخشاشلا نامراتلىشىپ كېتىدۇ، لېكىن، ئافرىقا تۆۋەن سەھراسىنىڭ سەۋىيەسىگە چۈشۈپ قالمايدۇ.

ئەسلىدە بۇ تىزىملىكنى بۇنىڭدىن 150 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە قايتۇرساقمۇ نەتىجىسى ئۇنچىۋالا پەرقلىق بولمىغان بولاتتى. چۈنكى، بۇ تەڭسىزلىك 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى سانائەت ئىنقىلابىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى باياشاتلىق پەرقى تېخىمۇ ئاز ئىدى. يەنە كېلىپ، ئۇ دەۋردىن تارتىپ ئاساسەن دېگۈدەك سابىتلىشىپ قالغان تەرتىپ، تارىخنى تېخىمۇ ئارقىغا قايتۇرغىنىمىزدا پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ جەرياندا نۇرغۇن دۆلەتلەر نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان تەرەققىيات باسقۇچلىرىغا قەدەم قويدى، بەزىلىرى قايتىدىن چېكىنىشكە يۈزلەندى. ئارگېنتىنا 1870 – 1920، سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى 1930 – 1970 – يىللار ئارىسىدا گۈللەپ ياشنىغان بولسا؛ شەرقىي ئاسىيا 1950 – يىللاردىن، خىتاي بولسا، 1990 – يىللاردىن بۇيان يۈكسىلىشكە ئۆتتى.

ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلغان بۇ قېلىپلار ئۆزگەرمەيدۇ ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، دەيدىغان قائىدە يوق. مۇھىمى، ئالدى بىلەن باي ۋە نامرات دۆلەتلەر ئارىسىدىكى بۈيۈك پەرقنىڭ قانداق ھاسىل بولغانلىقىنى چۈشىنىشتۇر. دۇنيادىكى تەڭسىزلىكنىڭ سەۋەبى توغرىسىدىكى ئەڭ كۆپ ئالقىشلىنىۋاتقان نەزەرىيە جۇغراپىيەلىك ئوخشىماسلىقلارغا تايىنىدۇ. ئىسسىق ئىقلىم بەلبېغىدىكى دۆلەتلەر باي؛ ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، جەنۇبىي ئاسىياغا ئوخشاش تىروپىك بەلباغدىكىلەر نامراتتۇر دېگەن مەزمۇندىكى ئومۇمىي قانائەت، قارىماققا توغرىدەك قىلسىمۇ، ئەسلىدە خاتادۇر. فىرانسۇز پەيلاسوپ مونتېسكيۇ نامراتلىقنى ئىزاھلاپ، ئىسسىق دۆلەتلەردە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ھۇرۇنلۇققا مايىل ئىكەنلىكىنى، شۇڭا قاتتىق قوللارچە باشقۇرۇلۇشقا كۆنۈكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەم ئىقتىسادىي ھەم سىياسىي جەھەتتىكى مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبىنى جۇغراپىيەگە چاتىدۇ. ئىقتىسادشۇناس جېفرېي ساچمۇ ئىلگىرى سۈرگەن جۇغراپىيە پەرىزىگە مودىرن چاغدا تىروپىك كېسەللىكلىرىنىڭ سەلبىي تەسىرلىرى ۋە تېرىقچىلىققا نىسبەتەن ئۇيغۇن بولماسلىقىنىڭ ئىلاۋە قىلىنىشى بىلەن سوغۇق ئىقلىملارنىڭ باشقا ئىقلىملارغا قارىغاندا ئەۋزەل ئىكەنلىكى قانائىتى ھاسىل بولغان. ھالبۇكى، نە ئىقلىم، نە كېسەللىكلەر، نە جۇغراپىيە، نە باشقا بىر خۇسۇسىيەت دۇنيادىكى تەڭسىزلىكنى ئىزاھلاشقا يەتمەيدۇ. مەسىلەن، يېقىنقى چاغلاردا سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلغان سىنگاپور، مالايشىيا ۋە بوتسۋانا بۇ مۆلچەرلەرگە  چۈشمەيدۇ. ئۆتمۈشتە تىروپىك بەلباغلاردا (ھازىرقى مېكسىكا، ئوتتۇرا ئافرىقا، پېرۇ ۋە بولىۋىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زېمىنلاردا) قۇرۇلغان ئازتېك ۋە ئىنكا مەدەنىيەتلىرى ناھايىتى باي ئىدى ۋە تەرەققىي تاپقانىدى. بىر قەدەر سوغۇق ئىقلىملاردا (شىمالدا ھازىرقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كانادا؛ جەنۇبتا ئارگېنتىنا ۋە چىلى رايونىدا) ياشىغۇچىلار بولسا، تاش دەۋرى سەۋىيەسىدە ئىدى. ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ياۋروپالىقلار قەدەم بېسىشتىن ئىلگىرىكى ھالىتى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ئامېرىكا ۋە كانادا ئىگە بولغان بايلىقلار، جۇغراپىيە ئۆز پېتى قالغان بولسىمۇ، تەقدىرىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنىڭ مىسالىدۇر. شىمال بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋاللىرى مۇستەملىكە قىلىنىش مۇساپىسىدىكى پەرقلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بىر تەرەپتە ناھايىتى ئېغىر شەكىلدە مۇستەملىكە قىلىنغان، مېتىر بىلەن سىزىلىپ تەقسىم قىلىۋېلىنغان، قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ ئەڭ رەھىمسىز شەكلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ باشتىن كەچۈرگەن قارا قىتئەنىڭ نۆۋەتتە نامراتلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ تىروپىك كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. كېسەللىك نامراتلىقنىڭ مەھسۇلىدۇر، لاياقەتسىز ياكى ئىستەكسىز ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېگىشلىك ئامما ساغلاملىقى تەدبىرلىرىنى يولغا قويماسلىقىدىندۇر. يەنە بىر تەرەپتىن ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېنلاندىيەنىڭ ئاساسەن ھەممىسىدىن يۇقىرى باياشاتلىق دەرىجىسىگە ئىگە بولۇشىمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئەنگلىيە مەھكۇملارنى، جەمئىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغانلارنى يوللىغان بۇ زېمىنلاردا، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتلارغا ھەمدەم بولىدىغان سىغدۇرۇشچان ئەنگلىيە ئورگانلىرىنى ئاساس قىلغان يېڭىلىقچى ۋە كۆپ سانلىقچى بىر تۈزۈم قۇرۇلغانىدى. تارىخنىڭ تېخىمۇ بۇرۇنقى چاغلىرىغا قايتىدىغان بولساق، ھازىرقىنىڭ دەل ئەكسىچە تىروپىك بەلباغلاردا بولۇشىغا قارىماي، كامبودژادىكى ئاڭكور؛ ئېفىيوپىيەدىكى ئاكسۇم، جەنۇبىي ھىندىستاندىكى ۋىجاياناگارا، پاكىستاندىكى ئىندۇس مەدەنىيەتلىرىنىڭ سوغۇق بەلباغدىكىدىنمۇ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. يەنە كېلىپ نامراتلىقنىڭ سەۋەبى، زېمىنلارنىڭ تېرىقچىلىققا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىندىمۇ بەكرەك يەر ئىگىدارچىلىقى قۇرۇلمىسىنىڭ ۋە دېھقانلارغا قىلىنىدىغان ياردەملەرنىڭ مەھسۇلىدۇر. تېرىقچىلىق ساھەسىگە قەدەم باسقان، ئوتتۇرا ئەسىردە تېخنىكا جەھەتتە ھەرىكەتچان ئوتتۇرا شەرقتىكى يوقسۇللۇقنىمۇ جۇغراپىيە بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ. يېڭى تاش دەۋرىنىڭ بايرىقىنى مىسسوپوتامىيەنىڭ كۆتۈرۈپ ماڭغان، تۆمۈرنىڭ تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە ئېرىتىلگەن، تۇنجى ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ ئىراقتا قۇرۇلغان بولۇشىغا قارىماي، ئوتتۇرا شەرق ھېلىھەم نامراتتۇر. بۇ زېمىنلارنىڭ تەقدىرىنى سىزغىنى ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىن مىراس قىلغان تەشكىلىي قۇرۇلمىدۇر. بۇ مىساللار، ئىقتىسادىي ئۇتۇقنىڭ جۇغراپىيە بىلەن چېتىشلىق ئەمەسلىكىگە پاكىت بولالايدۇ. جۇغراپىيەلىك ئامىللار، ياپونىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇزۇنغا سۇزۇلغان تۇرغۇنلۇقتىن كېيىن تەرەققىياتقا يۈزلەنگەنلىكىنىمۇ ئىزاھلاپ بېرەلمەيدۇ.

بايلىقنى كۈلتۈر بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرگەن تەسەۋۋۇر، غەربىي ياۋروپانىڭ مودېرن سانائەت جەمئىيىتىگە ئايلىنىشىنىڭ نېگىزىدە ئىسلاھات ۋە پىروتېستانت ئەخلاقىنىڭ ياتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەلىك جەمئىيەتشۇناس ماكس ۋېبېرنىڭ نەزەرىيەسىگە تايىنىدۇ. دەسلەپ سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيە بولۇشى بۇ نەزەرىيەنى كۈچلەندۈرسىمۇ، ئارقىسىدىنلا كۆپ سانلىقى كاتولىكلاردىن تەشكىل تاپىدىغان فىرانسىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشى دىن بىلەن ئىقتىسادىي ئۇتۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ زەئىپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پىروتېستانت ئەخلاقى ياكى خىرىستىيان دىنىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي ئاسىيا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇق بىلەن پەقەتلا مۇناسىۋىتى يوق. نۆۋەتتە پەقەت دىنلا ئەمەس، باشقا ئىدىيەلەر، ئېتنىك قىممەت – قاراشلارمۇ نەزەرگە ئېلىنىدىغان بولغاچقا، كۈلتۈر نەزەرىيەسى، ئۆزگەرتىلىشى قىيىن، تەشكىلىي ئوخشىماسلىقلارنى ياقلايدىغان ئىجتىمائىي بەلگىلىمىلەرنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىش جەھەتتە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، بۇلار دۇنيادىكى تەڭسىزلىكلەرنى ئىزاھلاشقا كۇپايە قىلماسلىق بىلەنلا قالماي، تۈزۈمنىڭ ئايلىنىشىنى چۈشىنىشىمىزگىمۇ دېگەندەك ياردىمى بولمايدۇ. مەسىلەن، بىر زامانلاردا خىتاي كۈلتۈرى ۋە كۇڭزى تەلىماتلىرىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ قارايدىغانلار بار ئىدى. ھازىر بولسا، خىتاينىڭ خىزمەت ئەخلاقىنىڭ خىتاي، خوڭكوڭ ۋە سىنگاپوردىكى تەرەققىياتنىڭ موتورى، دەپ كۆرسىتىلمەكتە. ياكى ئافرىقىلىقلار خىزمەت ئەخلاقىدىن مەھرۇم بولغانلىقى؛ لاتىن ئامېرىكىلىقلار (ئىشلارنى تۈگىمەس ئاينىڭ ئاخىرقى چارشەنبىسىگە قالدۇرۇپ قويۇش) تونۇشىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، نامراتلىقتىن ھەرگىزمۇ قۇتۇلالمايدۇ، دەپ ئويلايدىغانلارمۇ بار. كۈلتۈر نەزەرىيەسىنى ياقلىغۇچىلار، ئوتتۇرا شەرقنى مىسال كۆرسىتىپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سۇرىيە ۋە مىسىرغا ئوخشاش دۆلەتلەر نامرات بولسىمۇ، نېفىت زاپىسى مول سەئۇدى ئەرەبىستان ياكى كۇۋەيتمۇ زامانىۋى ئىقتىساد مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. بۇرۇن ئوسمانلى ھىمايىسىدە بولۇشى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگەن چاغدىمۇ تەرەققىياتى يەنە توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى مۇستەقىللىقلىرىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىنمۇ مۇستەملىكە پىكىرىنى داۋاملاشتۇردى، دەرىجە قاتلىمى ۋە دىكتاتور سىياسىي تۈزۈملەر بىلەن باشقۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىدىغان ئورگانلارنى شەكىللەندۈرەلمىدى. دېمەككى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئىقتىسادىي يۆنىلىشىنىڭ بەلگىلىنىشىدە مەدەنىيەت ئامىللىرىدىنمۇ بەكرەك تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ رولى بار.

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، چېگرالار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقلىرى باياشاتلىق پەرقىنى ياراتقۇچى سەۋەب بولۇشتىنمۇ بەكرەك پەرقلىق تۈزۈملەرنىڭ، پەرقلىق ئورگانلارنىڭ، قىسقىسى پەرقلىق تەشۋىقاتلارنىڭ مەھسۇلىدۇر. شۇنچە تەكىتلىنىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، مەدەنىيەتكە ئائىت ئامىللار يەنى دىن، مىللىي كىملىك، ئېتنىك كېلىپ چىقىش ياكى ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلار ئەسلىدە يۆنىلىشنىڭ نېمىشقا بىر خىل قېلىپ بويىچە داۋاملاشقانلىقىنى چۈشىنىشىمىزدە ئۇنچىلىك مۇھىم ئەمەس. ئىنسانلارنىڭ بىر – بىرىگە ئىشىنىشى ياكى ھەمكارلىق ئورنىتالىشىمۇ ناھايىتى مۇھىم. لېكىن، بۇ خىل ھالەت ئۆز ئالدىغا شەكىللەنمەيدۇ، بەلكى ئورگانلار سايىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئىقتىسادشۇناسلار ۋە غەربلىك سىياسەتچىلەر ئارىسىدا ناھايىتى بازارلىق بولۇۋاتقان نادانلىق تەسەۋۋۇرى بولسا، لىدىرلىرىنىڭ نامرات دۆلەتلەرنى بېيىتىشنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ ئاساسىي كىلاسسىك باياشاتلىق ئىقتىسادى ئۇقۇمىغا تايىنىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە مەنبەلەرنىڭ خەلق ئارىسىدا تەلەپ قىلىنغان شەكىلدە تەقسىم قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بەزى شەرتلەر بار. بازار ئىقتىسادى، شەخس ۋە شىركەتلەرنى ئۇلار خالىغان مەھسۇلاتنى ياكى مۇلازىمەتنى ئەركىن ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنداق شارائىت شەكىللەنمىگەن تەقدىردە بازار ئاقسايدۇ ۋە بۇ ئاقساقلىقلار بىر تەرەپ قىلىنالمىغانسېرى دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىشىشقا يۈزلىنىش مۇمكىنچىلىكى كۈچىيىدۇ. نادانلىق تەسەۋۋۇرى، نامرات دۆلەتلەرنى خاتا سىياسەتلەر ۋە خاتا ئىقتىسادىي تەۋسىيەلەر تۈپەيلى بازاردىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى تۈزىتىپ كېتەلمىگەن، دەپ تەخمىن قىلىدۇ. نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى سۈپىتىدە سۇنۇلغان تەۋسىيە بولسا، لىدىرلارنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىپ، ئارقارتىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقىدۇر. ئەمما، لىدىرلار خاتالىق بىلەن ياكى نادانلىقىدىن خاتالىق سادىر قىلمايدۇ، خاتالىقنى مەقسەتلىك ھالدا سادىر قىلىدۇ. ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلىمەستىن پاجىئەلىك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، دۆلەتلىرىنى نامراتلىق پاتقىقىغا ئىتتىرگەن سىياسىي لىدىرلارمۇ بار، ئەلۋەتتە. لېكىن، نادانلىق مەۋجۇت ھالەتنى ئىزاھلاش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەب ئەمەس. يەنە كېلىپ، بۇ نەزەرىيە نە باياشاتلىقنىڭ يىلتىزلىرىنى، نە تۈزۈمنىڭ ئايلىنىش شەكلىگە ئىزاھات بەرمەيدۇ. ئۆزلىرىنى نامراتلىققا مەھكۇم قىلىپ قويغان قېلىپلىشىپ قالغان ئورگانلاردىن قۇتۇلۇپ، ئىقتىسادىي ئېشىش يولىغا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولغان دۆلەتلەردىكى ئۆزگىرىش، لىدىرلىرى بىردىنلا ئىلىملىك، مەلۇماتلىق بولۇپ كەتكەنلىكى ياكى ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ئازراق ئويلىشىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن مەيدانغا كەلمەيدۇ. ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنى سىياسەتلەر ۋە بۇلارنىڭ ئاستىدىكى ئورگانلار بەلگىلەيدۇ. نامرات دۆلەتلەر نامراتتۇر؛ چۈنكى كۈچلۈكلەر يوقسۇللۇق يارىتىدىغان ئىشلارنى تاللايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئىقتىساد نەزەرىيەلىرىنىڭ ۋە مۇتەخەسسىس تەۋسىيەلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، قارارلارنىڭ كىملەر تەرىپىدىن قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى تەتقىق قىلىشتۇر. بۇمۇ سىياسەتنى ۋە سىياسىي مۇساپىلەرنى تەتقىق قىلىش دېمەكتۇر. چۈنكى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بەزى تۈپ سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا باغلىقتۇر.

 

بايلىق ۋە نامراتلىقنى چۈشىنىش

 

دۇنيادىكى تۇرمۇش ئۆلچەملىرى ئارىسىدا زور پەرقلەر بار. ئەڭ نامرات ئامېرىكىلىقنىڭمۇ مۇئەييەن كىرىمى بار. سەھىيە ۋە ئاممىۋىي خىزمەتلەردىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئىمكانىيەتلىرى ئافرىقا، جەنۇبىي ئامېرىكا ياكى ئوتتۇرا ئامېرىكا ئاھالىسىگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ياخشى. لېكىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن مېكسىكا ياكى كورېيەنىڭ شىمالى جەنۇبى ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىقلار يېقىنقى چاغلاردا ئوتتۇرىغا چىقتى. 500 يىل ئىلگىرى ئازتېك دۆلىتى جايلاشقان مېكسىكا شىمالدىكى خەلقلەردىن خېلىلا باي ئىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، 19 – ئەسىردە مېكسىكىدىن ئېشىپ كەتتى. كورېيەنىڭ ئىككى تەرىپى بولسا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى پارچىلىنىشتىن بۇرۇن ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر – بىرىدىن قىلچىلىكمۇ پەرقلەنمەيتتى. شۇنىڭدەك ئەتراپىمىزدىكى كۆزىمىزگە چېلىقىۋاتقان ئىقتىسادىي پەرقلەرمۇ يېقىنقى ئىككى ئەسىردە مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭ مۇشۇنداق بولۇشى شەرتمىدى؟  بۇ مۇساپىدە غەربىي ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ ئافرىقا تۆۋەن سەھراسى، لاتىن ئامېرىكا ۋە خىتايدىن باي بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار تارىخىيمۇ، جۇغراپىيەلىكمۇ، مەدەنىيەتمۇ ياكى ئېتنىكمۇ؟ سانائەت ئىنقىلابىنىڭ 18 – ئەسىر ئەنگلىيەسىدە باشلىنىشى، ئارقىدىن غەربىي ياۋروپا ۋە مۇستەملىكىلىرىگە يەنى ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەگە كېڭىشى بىر مۇقەررەرلىكمىدى؟ 1688 – يىلى ئەنگلىيەدە مەيدانغا كەلگەن ھەيۋەتلىك ئىنقىلاب ۋە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ پېرۇدا روياپقا چىقىشى ۋە پېرۇنىڭ ياۋروپانى مۇستەملىكە قىلىپ، ئاق تەنلىكلەرنى قۇل قىلىشى مۇمكىنمىدى؟ ياكى بۇ تارىخىي فانتازىيەدىن ئىبارەتمۇ؟ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ۋە سەۋەبلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن نېمىشقا بەزى دۆلەتلەرنىڭ باي، بەزىلىرىنىڭ نامرات ۋە مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم ئىكەنلىكىنى ئىزاھلايدىغان بىر نەزەرىيەگە ئېھتىياج بار. بۇ نەزەرىيە ھەم باياشاتلىق يارىتىدىغان ھەم ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئامىللارنى تارىخىي مەنبەلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىزاھلاپ بېرىشى كېرەك.

كىتابنىڭ ئاپتورلىرى، دۇنيانىڭ پەرقلىق جايلىرىنىڭ قانداق بولۇپ بىر – بىرىدىن مۇشۇنداق پەرقلىق ئورگانلارنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئايدىڭلىتىش مەقسىتىدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ بىر – بىرىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ بايلىق ياكى نامراتلىققا سەۋەب بولغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ چىققان. ئۇلار دىققىتىنى دۇنيانىڭ يېڭى تاش دەۋرىدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئورگانلار سىغدۇرۇشچانلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگىمۇ ياكى يەكلىگۈچىلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگىمۇ؟ نېمىشقا ئۇ دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا تەرەققىي قىلدى؟ دېگەن سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى ئىزدىگەن. ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيەنىڭ نېگىزىدە، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورگانلار بىلەن باياشاتلىق ئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەت ئورۇن ئالىدۇ. ئىگىدارچىلىق ھەقلىرىنى كۈچەيتكۈچى، باراۋەر شارائىت يارىتىپ بەرگۈچى، يېڭى تېخنولوگىيەلەرگە مەبلەغ سېلىشقا ۋە ئۇ جەھەتتە ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرگۈچى سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادىي ئورگانلار، ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئوچۇقتۇر. ئەمما، يەكلىگۈچى ئىقتىسادىي ئورگانلار، كۆپ سانلىقنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى مەنبەلەرنىڭ مۇئەييەن كىشى ياكى كىچىك گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈشىگە تايىنىدۇ. بۇنداق ئورگانلار ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتكە رىغبەتلەندۈرۈش كۈچىدىن مەھرۇمدۇر.

سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادىي ئورگانلار بىلەن سىغدۇرۇشچان سىياسىي ئورگانلار بىر – بىرلىرىنى تولۇقلايدۇ، قوللايدۇ. سىغدۇرۇشچان سىياسىي ئورگانلارمۇ سىياسىي كۈچنى كۆپ سانلىقچى پوزىتسىيەنى ياقلاپ جەمئىيەتكە تارقىتىدۇ. قانۇن ۋە تەرتىپ – ئىنتىزامنىڭ ساقلىنىشى، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە سىغدۇرۇشچان بازار ئىقتىسادى ئۈچۈن مۇئەييەن مىقداردا سىياسىي مەركەزىيلىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭدەك يەكلىگۈچى ئىقتىسادىي ئورگانلارمۇ يەكلىگۈچى سىياسىي ئورگانلار بىلەن باغلىنىشلىقتۇر. سىياسىي كۈچنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغان كىچىك بىر گۇرۇپپىنىڭ ئىقتىسادىي ئورگان ۋە مەنبەلەرنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغىنى يەكلىگۈچى سىياسىي ئورگانلاردۇر. بۇ، يەكلىگۈچى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورگانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشقا پۈتۈنلەي زىت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە، مەزكۇر گۇرۇپپا تېخىمۇ كۆپ سۈمۈرۈش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. نىسبەتەن سىياسىي مەركەزىيلىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئورگانلار بىر مىقدار ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. لېكىن، يەكلىگۈچى ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئېشىش ۋە تەرەققىيات ھەرگىزمۇ سىجىل بولمايدۇ. چۈنكى، سىجىل ئىقتىسادىي ئېشىش يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش روھىنى بولسا، ئىقتىسادىي ساھەدە كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى قويغۇچى ۋە سىياسەتتىكى قاتمال، بېكىك كۈچ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزغۇچى «ئىجادىي ۋەيران قىلىش»تىن ئايرىپ چۈشەنگىلى بولمايدۇ. يەكلىگۈچى ئورگانلارغا ھۆكۈمران بولۇۋالغان قاتلام، ئىجادىي ۋەيران قىلىش» تىن قورقىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ ۋە بۇنداق تۈزۈم ئاستىدىكى ھەرقانداق ئۆزگىرىشنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەكلىگۈچى ئورگانلارغا ھۆكۈمران كىشىلەرنىڭ خەلقنى زىيانغا ئۇچرىتىش بەدىلىگە ئۆزىگە بۈيۈك مەنپەئەتلەرنى يارىتىشى، سىياسىي كۈچكە ئىگە بولۇش ئىستىكىنىمۇ تەڭ كۈچەيتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھاكىمىيەت جېدەللىرىنىڭ ئايىغى چىقمايدۇ. نەتىجىدە بۇ خىل ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىكىدىكى جەمئىيەتلەر سىياسىي مۇقىمسىزلىققا ئىتتىرىلىدۇ-دە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات توختاپ كېتىدۇ.

ئىشنىڭ ناچار تەرىپى، خەلقنى يەكلىگۈچى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورگانلار بىر جەمئىيەتكە بىر ئورۇنلىشىۋالسا، ئۇ يەردە ئايىغى چىقماس بىر ئايلانما ھاسىل قىلىدۇ-دە، ئۇ ھۆكۈمەتلەر ئالماشقان تەقدىردىمۇ كونا پېتى تەكرارلىنىپ ماڭىدۇ. ھەممىدىن قورقۇنچلۇقى، روبېرت مايكېل، ئولىگارخىيەنىڭ تۇچ قانۇنى، دەپ ئاتىدىغان ئايلانمىدۇر. تارىختا كونىنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر مۇشتۇمزور تۈزۈمنى كەلتۈرگەن، مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ئىنقىلابلار ۋە ئاشقۇن ئېقىملارنىڭ ئۈلگىلىرى تولۇپ ياتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتە، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورگانلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ئۈنۈملۈك ئايلانمىلارمۇ مەۋجۇت. لېكىن،  ھەر ئىككى خىل ھالەت مۇتلەقلىككە ئىگە ئەمەس. تارىختىكى ئومۇمىي مودېل يەكلىگۈچى ئورگانلار مودېلى بولسىمۇ، دەۋرىمىزدە بەزى دۆلەتلەر توسۇقلارنى پاچاقلاپ تاشلاپ، سىغدۇرۇشچان ئورگانلارغا ئۆتۈشكە مۇۋەپپەق بولالىدى. بۇ خىل ئۆتۈشلەر تارىخىيلىققا ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ تارىخىيلىقىنىڭ ئالدىن بېكىتىلگەنلىكىنى ئېيتقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىلىرى شارائىتقا باغلىقتۇر.

 

تارىخىي كېلىپ چىقىش

 

دەۋرىمىزنىڭ باي دۆلەتلىرى 19 – ئەسىردە باشلانغان سانائەتلىشىش ۋە تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر سەپىرىگە قاتناشقانلار؛ نامرات دۆلەتلەر بولسا، قاتناشمىغانلاردۇر. كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشنىڭ شەرتى بولغان كۈچلۈك تەشكىلىي ئۆزگىرىشلەر، مەۋجۇت ئورگانلار بىلەن «ھالقىلىق دوقمۇشلار» ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھالقىلىق دوقمۇشلار، بىر ياكى بىر قانچە جەمئىيەتتە مەۋجۇت سىياسىي ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدىغان چوڭ ۋەقەلەردۇر. مەسىلەن، 14 – ئەسىردە ياۋروپا نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى يوقىتىپ تاشلىغان ۋابا، غەربىي ياۋروپالىقلارغا ناھايىتى زور پايدا ياراتقان ئاتلانتىك سودا يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى، دۇنيا مىقياسىدا ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە سانائەت ئىنقىلابى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھالقىلىق دوقمۇشلاردۇر. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتلەردە بىر – بىرىگە بەكلا ئوخشىشىپ كېتىدىغان جەمئىيەتلەرمۇ ئارىسىدىكى كىچىككىنە پەرقلەر تۈپەيلى تەشكىلىي جەھەتتە پەرقلىق يوللارنى تۇتۇشى مۇمكىن. ۋابا، مەدىكارلىق مۇئەسسەسەسىنىڭ غەربىي ياۋروپادا ئەمەلدىن قېلىشىغا، شەرقىي ياۋروپادا بولسا، كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى. سانائەت ئىنقىلابى بىلەن ئەنگلىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيەگە ئوخشاش غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرەققىي قىلغان بولسا، رۇسىيە، ئوسمانلى ۋە ئاۋسترىيە، ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە چېكىنىپ كەتتى، لېكىن، مۇتلەق خانلىقلىرى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە داۋاملاشتى. ھالقىلىق دوقمۇشلار تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدۇر. ئۈنۈمسىز ۋە ئۈنۈملۈك ئايلانمىلارغا ئوخشاش تارىخىي جەرياندا شەكىللەنگەن تەشكىلىي جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ تارىخىي جەريانغا قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق، بۇ تارىخىي ياكى باشقا تۈرلۈك كېلىپ چىقىش دېگەنلىك بولمايدۇ. مەسىلەن، پېرۇ جۇغراپىيەلىك ياكى مەدەنىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەمەس، تەشكىلىي ئورگانلىرى تۈپەيلى غەربىي ياۋروپا ياكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن نامراتتۇر. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، پېرۇنىڭ تارىختىكى تەشكىلىي قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىنكا ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە ناھايىتى باي، 500 يىل ئىلگىرىسىنىڭ شارائىتىغا نىسبەتەن تېخنىكا جەھەتتە ئىلغار، شىمالىي ئامېرىكىدىكى تارقاق قەبىلىلەرگە سېلىشتۇرغاندا سىياسىي جەھەتتىن مەركەزىيلەشكەن بىر قۇرۇلمىنى كۆرىمىز. ئاساسلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى بۇ زېمىنلارنىڭ مۇستەملىكىلەشتۈرۈلۈش شەكلى بولۇپ، ئۇ، شىمالىي ئامېرىكىنىڭ مۇستەملىكىلەشتۈرۈلۈشىدىن تولىمۇ پەرقلىق شەكىلدە روياپقا چىقىرىلغان. ئىسپان ئىستېلاچىلار پېرۇدىكى ئىنكالارنىڭ مەركەزىيلەشكەن تەييار دۆلەت قۇرۇلمىسى بىلەن تەشكىلىي ئورگانلىرىنى سۈمۈرۈشنى داۋاملاشتۇردى. شىمالىي ئامېرىكىدا بولسا، ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ تولىمۇ تارقاق بولۇشى پۈتۈنلەي باشقىچە بىر مۇساپىگە يول ئاچتى. باشقىلارنى يەكلىگۈچى ئورگانلىرى سەۋەبىدىن ئىنكالارغا سىياسىي ئىنقىلاب قوزغاش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. لېكىن، ئىسپان ئىستېلاچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتەلىگەن ياكى تەشكىلىي قۇرۇلمىلىرىنى تەھدىتلەرنى مۇھاپىزەت قىلىپ قالالىغان بولسا، ھەممە ئىش پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

دۇنيانى ئىنكالار ياكى خىتايلار ئەمەس،  ياۋروپالىقلارنىڭ مۇستەملىكە قىلىشىمۇ تارىخىي نۇقتىدىن مۇقەررەر ئەمەس ئىدى. 15 – ئەسىر ياۋروپاسىنىڭ شۇ ھالەتكە كەلگۈچە بولغان جەرياندا باشتىن كەچۈرگەن تەشكىلىي ئۆزگىرىشلىرى، بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ كىرگەن يوللار ۋە ھالقىلىق بېسىپ ئۆتكەن دوقمۇشلارنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇنى ئەنگلىيە باشتىن كەچۈرگەن تەشكىلىي ئېغىش مۇساپىسى ۋە ئاتلانتىك سودىسىنىڭ باشلىنىشى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلدى. ئەنگلىيەنىڭ ئۈستۈنلۈكى، سودىغا ئەقلى يېتىدىغان دېھقانلار بىلەن سودىگەر ۋە سانائەتچىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا مۇۋاپىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن مانچېستېر، لىۋېرپۇلغا ئوخشاش مۇستەقىل شەھەر مەركەزلىرى بولدى. خەلق بارغانسېرى ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى، ھەرخىل سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەرقلىق ئىقتىسادىي ئورگانلارنى تەلەپ قىلىپ، سىياسىي قەدەملەرنى تاشلاپ، سادالىرىنى خان سارىيىغا يەتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولالىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپادا سىغدۇرۇشچان ئورگانلارنىڭ تەرەققىيات يولىنى رىمنىڭ يىمىرىلىشى ئاچتى. غەربىي رىم ئىمپېرىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىن قۇرۇلغان پادىشاھلىقلارنىڭ قۇرۇلمىسى رىم قانۇنى ۋە ئورگانلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى. فېئودال تۈزۈمگە ئايلىنىدىغان مەركىزىي تارقىلىپ كەتكەن سىياسىي مۇھىتنى ۋە بەگلىكلەرنى ياراتقىنىمۇ رىمنىڭ يىمىرىلىشىدۇر. تېخىمۇ بۇرۇنقى چاغلارغا قايتىدىغان بولساق، كونا رىمدىكى ئىقتىسادىي پائاللىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتقان جۇمھۇرىيەت ئورگانلىرى، سېزارنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە ئىمپېرىيەگە ئايلىنىدىغان بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. لېكىن، بۇ نىسپىي ھالەتتىكى سىغدۇرۇشچان ئورگانلار ئىمپېرىيە رەھبەرلىكى ئاستىدا يەكلىگۈچى ئورگانلارغا ئايلاندى –دە، ئىقتىسادىي چېكىنىش مۇقەررەرلىشىپ قالدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا، ۋەنەدىكلىكلەرنىڭ بايلىقىمۇ سىغدۇرۇشچان ئورگانلىرى سايىسىدا روياپقا چىققانىدى، لېكىن شەھەر دۆلىتىنىڭ باياشاتلىقىنى تەشكىل قىلغان بۇ ئورگانلار، سەركە قاتلامنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بازارغا يېڭىدىن كىرمەكچى بولغانلارنى چەكلەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغاچقا، تۇرغۇنلۇق ۋە چېكىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بىر چاغلارنىڭ كۆركەم شەھىرى گويا بىر مۇزېيغا ئايلنىپ قالدى.

تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى بولمىغان بولسا ئىدى، غەربىي ياۋروپا قوزغىلىپ دۇنيانى پەتھى قىلالمىغان بولاتتى. مەسىلەن، ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولۇپ، سەھرالىقلارنى ئىسيان كۆتۈرۈشكە ئىتتىرىپ، فېئودال تۈزۈمنىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىۋەتكەن، پادىشاھلىقنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىۋەتكەن ۋابا يۈز بەرمىگەن بولسا ئىدى ياكى ياۋروپا خانلىقلىرى خىتاينىڭ مىڭ خانىدانلىقىغا ئوخشاش دېڭىز ھالقىغان سودىغا تەھدىت دەپ قاراپ، ئۇنى توسۇشقا تىرىشقان بولسا ئىدى، تولىمۇ پەرقلىق بىر دۇنيادا ياشىغان بولار ئىدۇق.

رىم ئىمپېرىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىن سىغدۇرۇشچان ئورگانلارغا بىرىنچى بولۇپ يۈزلەنگەن دۆلەتنىڭ ئەنگلىيە بولىدىغانلىقى ياكى 1970 – يىللاردا خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىقتىسادىي ئورگانلىرىدا كۈچلۈك ئۆزگىرىش ياساپ، سۈرئەت بىلەن يۈكسىلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايتتى؛ 500 يىلدىن كېيىن ئەھۋالنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغىمۇ جەزملەشتۈرگەن ھالدا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئالدىمىزدىكى ئون يىللاردا ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقى بار جەمئىيەت تىپلىرى توغرىسىدا قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز. ئالدى بىلەن، بىر ئىزدىلا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان چاقلارنىڭ جاھىل، ئالغا ئىلگىرىلىگۈچى چاقلارنىڭ ماسلىشىشچان قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىش لازىم. 50 – 100 يىل كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە غەربىي ياۋروپا سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورگانلىرىغا تايىنىپ ئافرىقىنىڭ تۆۋەن قىسمى، ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئامېرىكا ياكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن باي بولىدىغانلىقىدا شۈبھە يوق. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئالدىمىزدىكى ئەسىردە بۈيۈك تەشكىلىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ قېلىپىنى پاچاقلاپ تاشلاپ بېيىيدىغانلىقىمۇ چوقۇم. سومالى ۋە ئافغانىستانغا ئوخشاش ھېچبىر شەكىلدە سىياسىي مەركەزىيلىشىشنى كۈچكە ئىگە قىلالمىغان ياكى ھائىتىغا ئوخشاش قۇرۇلمىسى يىمىرىلگەن دۆلەتلەرنىڭ يەكلىگۈچى ئورگانلارنىڭ ئاستىدا تەرەققىي قىلىشى ياكى سىغدۇرۇشچان ئورگانلارغا ئۆتۈشكە يۈزلىنىشى بەك مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ ئەكسىچە، يېقىن مەزگىلدە گۈللىنىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولغانلار، يەكلىگۈچى ئورگانلارغا ئىگە بولسىمۇ، قىسمەن بولسىمۇ سىياسىي مەركەزىيلىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلار بولىدۇ. ئافرىقىدا بۇرۇندى، ئېفىيوپىيە، رۇئاندا ۋە تانزانىيە، لاتىن ئامېرىكىدا بولسا، مەركەزىيلىشىش بىلەن بىرگە كۆپ سانلىقچىلىقمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان دۆلەتلەر بىرازىلىيە، چىلى ۋە مېكسىكا. مەسىلەن، كولومبىيەنىڭ سىجىل ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئېھتىمالى بەك يوق. نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،  نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس. مەسىلەن، كۇبا مەۋجۇت ئورگانلىرىنى ساقلاپ قېلىشىمۇ ياكى سىغدۇرۇشچان ئورگانلارغا ئۆتۈپ ئىقتىسادىي ئۆزگىرىش ياسىشىمۇ مۇمكىن. ئاسىيادا بىرما ئۈچۈنمۇ بۇ قاراش كۈچكە ئىگىدۇر.

بۇ پوزىتسىيە ئورگانلارنىڭ قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقى ۋە ئاقىۋەتلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەتراپلىق ئويلىنىشىمىزغا تۈرتكە بولسىمۇ، كىچىك پەرقلەر ۋە شارائىتقا باغلىق ئەھۋاللار تۈپەيلى جەزملەشتۈرۈپ تەخمىن قىلىش قىيىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىياسەتلەرگە دائىر تەۋسىيەلەرنى قىلغاندا، تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. ھالقىلىق دوقمۇشلارنىڭ تەسىرلىرى مەۋجۇت ئورگانلىرىغا قانچىلىك مۇناسىۋەتلىك بولسا، پەرقلىق توپلۇقلارنىڭ مەزكۇر سىياسەتكە قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلىقىمۇ يەنە مەۋجۇت ئورگانلارنىڭ قۇرۇلمىسىغا باغلىق. ئەلۋەتتە، دۆلەتلەرنىڭ باياشاتلىق يارىتىش يولىدا قەدەم تاشلىيالىشى ئۈچۈن، يەكلىگۈچى ئورگانلىرىنى سىغدۇرۇشچان ئورگانلارغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. لېكىن بۇنىڭ ئاسان يولىنىڭ يوقلۇقىمۇ ئېنىق. ئالدى بىلەن ئۆز ئورنىدا ئايلىنىپ تۇرۇش دېيىلگەن ھادىسە، ئورگانلارنى ئۆزگەرتىشنى بولۇشىغا قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئولىگارخىيەنىڭ تۇچ قانۇنىغا ئاساسەن يەكلىگۈچى ئورگانلار شەكىل ئۆزگەرتىپ ئۆز – ئۆزىنى يېڭىدىن يارىتالايدۇ. مانا شۇ ۋەجىدىندۇركى، مىسىردىكى ئىنقىلاب بىلەن مۇبارەك تۈزۈمىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىن ئورنىغا چوقۇم تېخىمۇ دېموكراتىك ۋە سىغدۇرۇشچان ئورگانلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى كاپالىتى يوق. ئەكسىچە، قېلىپلار تەكرارلىنىدۇ ۋە ئۈمىد بېغىشلىغۇچى دېموكراتىيە ھەرىكىتىگە قارىماي، دۆلەت يەنە نامرات ۋە ئىلگىرىلەشتىن مەھرۇم ھالەتتە قېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

تارىخىي شارائىتلارغا ئاساسەن ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى ۋە تەشكىلىي پەرقلەرنىڭ بىر – بىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدىغان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، سىغدۇرۇشچان ئورگانلارغا ئۆتۈشنى كۈچكە ئىگە قىلغۇچى ئۆزگىرىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئومۇمىي بىر فورمولامۇ بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ناچار سىياسەتلەرنى مۇشۇ خىل مەلۇماتلار سايىسىدا پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. ئاجەمئوغلۇ ۋە روبىنسوننىڭ نەزەرىيەسىنىڭ خاتا پەرەزلەرگە ۋە يېتەرسىز مەلۇماتلارنى تايانچ قىلغان سىياسىي تەۋسىيەلەرنى ئانالىز قىلىدىغان بىر نۇقتىئىنەزەر ياراتقانلىقى ئېنىق. مەسىلەن، خىتاي مودېلىغا قاراپ، دىكتاتور ئۆزگىرىشلەرنى قوللايدىغان سىياسىي تەۋسىيەلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. يۇقىرى سودا ھەجىمى ۋە باشقىلار دۆلەتنىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتىغا ھېچقانداق ھەسسە قوشقىنى يوق. دىكتاتور تۈزۈم ۋە يەكلىگۈچى ئورگانلار ئاستىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشالمايدىغانلىقى ناھايىتى روشەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئوخشاش تەۋسىيەلەرنىڭ خاتاغا يېتەكلەشتىن ئىبارەت بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش ئاسانغا توختايدۇ. ئېغىر خاتالىقلاردىن ساقلىنىش ئەسلىدە ئاددىي چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە رېئالىست پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. ئىراق مىسالىدا، زامانىۋىلىشىش نەزەرىيەسىگە تايىنىپ، ئامېرىكا ئىشغالىدىن كېيىن ئىراقتا دېموكراتىيە ۋە پۇقرالار ھوقۇقىنىڭ كۈچىيىدۇ، دەپ ئويلىغانلار، ئېغىر خاتالاشتى. ئىراقنىڭ پاجىئە ۋە ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا ئىتتىرىلىشى بىلەن ئۈمىدلەر سۇغا چىلاشتى. دېمەككى، دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللەنگەنسېرى زامانىۋىلىشىپ مەدەنىيلىشىدىغانلىقىنى، دېموكراتىيەلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان زامانىۋىلىشىش نەزەرىيەسى، ئىزىدا توختاپ قالغان دۆلەتلەردىكى يەكلىگۈچى ئورگانلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسىگە كەلگەندە ھېچقانداق ئىشقا يارىمايدۇ. باي دۆلەتلەردە ئادەتتە دېموكراتىك تۈزۈملەرگە ۋە سىغدۇرۇشچان ئورگانلارغا ئىگە، پۇقرالار ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەتلەردۇر. يەنە بىر تەرەپتىن بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورگانلارنى شەكىللەندۈرگەن دۆلەتلەر سىجىل تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا، يېقىنقى 60 – 100 يىلنىڭ مابەينىدە سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلغان دىكتاتور تۈزۈملەر بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردە دېموكراتىيە ئائىت بىر نەرسە تېپىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق. ئەسلىدە بۇنىڭ ھەيران قالارلىق بىر تەرىپى يوق. چۈنكى، دىكتاتور تۈزۈملەردىكى ئىقتىسادىي ئېشىش يەكلىگۈچى ئورگانلاردىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولۇپ قالمايدۇ. ئورگانلارنىڭ بېشىدىكىلەر بۇنىڭغا خەۋپ نەزىرى بىلەن ئەمەس، تۈزۈمنىڭ قوللىغۇچىسى دېگەن نەزەر بىلەن قارايدۇ. 1980 – يىللاردىن بۇيان كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ قىلىۋاتقىنىمۇ بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر. ئوخشاشلا ئېشىش گابون، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ۋېنېزۇئېلادىكىگە ئوخشاش دۆلەتنىڭ مەنبەلىرىدىكى قىممەتنىڭ ئېشىشى سايىسىدا ھاسىل بولغاندا، بۇ دىكتاتور تۈزۈملەرنىڭ سىغدۇرۇشچان ئورگانلارغا ئۆتۈش ئېھتىمالى ناھايىتى تۆۋەندۇر. تارىخمۇ زامانىۋىلىشىش نەزەرىيەسىنى ياقلىمايدىغان مىساللار بىلەن تولغان. بىر قاتار باي دۆلەتلەرنىڭ دىكتاتورلارغا ۋە سۈمۈرگۈچى، يەكلىگۈچى ئورگانلارغا بويۇن ئەگكەنلىكى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. 20 – ئەسىرنىڭ بېشىدا سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان بولۇشى ۋە خەلقىنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا قارىماي، گېرمانىيە ناتسىستلار پارتىيەسىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن؛ ياپونىيە بولسا ھەربىي تۈزۈمدىن قۇتۇلالمىدى. 19 – ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەنگلىيەدىنمۇ باي بولغان ئارگېتىنادا كۆپ سانلىقچىلىق ۋە دېموكراتىيە راۋاجلانمىدى. سايلام ئارقىلىق كەلگەن ھاكىمىيەتلەرمۇ تويماس دىكتاتورلارغا ئايلاندى. 21 – ئەسىرگە كەلگەندىمۇ ھېيىقماستىن خەلقنىڭ مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلماقتا.

بۇ مىساللار روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، دىكتاتور تۈزۈملەر ئاستىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش چەكلىك بولىدۇ؛ دېموكراتىيەگە ئېلىپ بارمايدۇ؛ ئىلگىرىلەش پەقەت سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادىي ئورگانلار ۋە ئىجادىي يېڭىلىقلار ئارقىلىق قوللاپ – قۇۋۋەتلەنگىنىدىلا مۇمكىن بولىدۇ. ئېنىقكى، دىكتاتور تۈزۈمدىكى ئېشىش ئۇزۇن مەزگىلدە قوبۇلمۇ قىلىنمايدۇ، كۈچكىمۇ ئىگە بولمايدۇ. دېمەك، چارىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى، ئافرىقىغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن قېلىپ ھالىتىدە سۇنۇلۇشى ئىنتايىن خاتا. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا خەلقئارالىق ئورگانلار، نامرات دۆلەتلەرگە بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇلار دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ساھەلەرنىڭ تارايتىلىشى، تاشقى پېرېۋوتنى ئەركىن قويۇۋېتىش دېگەندەك نىشانلىرى بولغان ماكرو ئىقتىسادىي مۇقىملىق بىلەن بىرگە خۇسۇسىيلاشتۇرۇش، ئاممىۋىي خىزمەتلەرنىڭ پائاللاشتۇرۇلۇشىغا ئوخشاش ماكرو ئىقتىسادىي نىشانلارغا مەركەزلىشىدۇ. ھەتتا چىرىكلىككە قارشى چارە – تەدبىرلەرگە مەركەزلىشىپ، دۆلەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى تۈزىتىشكە ئالاقىدار تەۋسىيەلەرنى سۇنىدۇ. بۇ ئىسلاھاتلار ئۆز ئىچىدە لوگىكىغا مۇۋاپىق بولسىمۇ، لېكىن، ۋاشىنگتون، لوندون، پارىژ ۋەھاكازا مەركەزلىك خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ، سىياسىي ئورگانلارنىڭ سىياسەت ئوتتۇرىغا قويۇشىغا قويغان چەكلىمىلىرىنىڭ رولىنى چۈشىنىپ يېتىش ئىقتىدارى كەمچىل. خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ نامرات دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانلىرىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبى، ناچار سىياسەتلەر ئارقىلىق ئورگانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپتە قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشكە تىرىشماسلىقىدۇر. تەۋسىيە قىلىنغان سىياسەتلەر يا پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىنمايدۇ ياكى ئىجرا قىلىنمايدۇ ۋەياكى پەقەت كۆرۈنۈشتىلا ئىجرا قىلىنىدۇ. مەسىلىنىڭ يىلتىزىغا چوڭقۇر چۆكمەي تۇرۇپ، باياشاتلىق يارىتىشقا ئالاقىدار پىلانلارنى تۈزۈش تىرىشچانلىقلىرى مەغلۇپ بولۇشقا مەھكۇمدۇر. باياشاتلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئالاقىدار مۇشۇ كۈنلەردە ئاجايىپ مودا بولۇۋاتقان قاراش بولسا، مىكرو دەرىجىدە بازار ئاقساقلىقلىرىنى تۈزىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىدۇر. نامرات دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە ۋە مائارىپ سىستېمىلىرى، بازار تۈزۈملىرى مەغلۇبىيەتلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن. ئەمما، يەكلىگۈچى ئورگانلار ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان جەمئىيەتلەردە بۇ سىستېمىلارنىڭ نورمال ئىشلىمەسلىكى تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن مەسىلىلەرنىڭ كۆرسەتكۈچىدۇر. ياخشى نىيەتلىك تەۋسىيە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان سىياسەتچىلەر ۋە بىيۇروكراتلارمۇ ئادەتتە مەسىلىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. خۇلاسىلىگەندە، يەكلىگۈچى ئورگانلار ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلىپ تۇرۇۋاتقان سىياسەتلەر بىلەن يۈزلەشمەي تۇرۇپ، يەنى مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزىغا چۆكمەي تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ نە تەرەققىي قىلىشى، نە بېيىشى مۇمكىن ئەمەس.

 

ئەنگلىيە پەرقى

 

سانائەت ئىنقىلابىنىڭ، ھەيۋەتلىك ئىنقىلاب يۈز بېرىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەنگلىيەدە باشلىنىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئەنگلىيە ئىمزا قويۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە ئاللىقاچان باشلىدى. ئەنگلىيە تارىخىي خانلىق بىلەن خەلقى؛ كۈچ ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پەرقلىق گۇرۇپپىلار ۋە ئاقسۆڭەكلەر ئارىسىدىكى سۈركىلىشلەرگە تولۇپ كەتكەنىدى. ئومۇمىي خۇلاسە بولسا، 1215 – يىلىدىكى ماگنا كارتادىن بۇيان ھاكىمىيەتتىكىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئەمەس، پۇقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى كۈچەيتىش بولدى. 1688 – يىلىدىن كېيىن ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم شەكىللەندۈرىدىغان كۈچلۈك بىر پارلامېنتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچلۈك بىرلىك ھاسىل قىلىش شەرت ئىدى. بۇ سايىدا پارلامېنت ئىچىدە پەقەت بىرلا گۇرۇپپىنىڭ ئالاھىدە كۈچىيىپ كېتىپ، كۈچىنى سۇيىئىستېمال قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن ئىدى. بۇ ئامىللار ئەنگلىيەدە كۆپ سانلىقچىلىق ۋە سىغدۇرۇشچان ئورگانلارنىڭ شەكىللىنىشىنى بەلگىلىدى.

17 – ئەسىردە سىجىل ئىقتىسادىي ئېشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەنگلىيە، دۇنيادىكى ھەيۋەتلىك ئىنقىلابنى قان تۆكمەستىن ئىشقا ئاشۇرغان بىر مۇستەسنا دۆلەتتۇر. پەرقلىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھاكىمىيەت ۋە ئورگانلارنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى 1642 – 1651 – يىللىرى ئىچكى ئۇرۇشقا سەۋەب بولغانىدى. ئۇ دەۋردە ئەنگلىيەدە نە قۇللۇق، نە مەدىكارلىق سىستېمىسى يوق ئىدى. بىراق ئىنسانلار مەشغۇل بولىدىغان دېموكراتىك پائالىيەتلەر چەكلىك ئىدى. ھەم يەرلىك ھەم خەلقئارادىكى ئىقتىسادىي مونوپوللۇقلار يۈزىسىدىن قاپسىلىپ قالغانىدى. دۆلەت خالىغانچە باج قويۇپ، قانۇنىي سىستېمىنى سۇيىئىستېمال قىلاتتى. يەر – زېمىن ئېلىپ – سېتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق ئىدى، مەبلەغ سېلىش خەۋپلىك ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى 1688 – يىلى مەيدانغا كەلگەن ھەيۋەتلىك ئىنقىلاب ئۆزگەرتىۋەتتى. مەدەنىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە سىغدۇرۇشچان بىر ئىقتىساد ۋە سىياسەتكە مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن بۇ ئىنقىلاب بىلەن بىرلىكتە ھاسىل بولغان ئورگانلار، پەقەت ئىقتىسادىي رىغبەتلەندۈرۈشلەرنىلا ئەمەس، بايلىقتىن كىمنىڭ پايدىلىنىدىغانلىقى مەسىلىسىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. يۈز يىل ئىلگىرى ئىسپانىيە دېڭىز ئارمىيەسىنى يېڭىپ دېڭىزلارغا ھۆكۈمران بولۇشقا باشلىغان ئەنگلىيەدە، ئاتلانتىك سودىسى سايىسىدا بېيىپ جاسارەتكە تولغان سودىگەرلەر سىنىپى خانلىققا قارشى باشقا گۇرۇپپىلار بىلەن بىرلىشىپ، ناھايىتى زور ھەق – ھوقۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. ھەيۋەتلىك ئىنقىلاب، پادىشاھنىڭ ۋە يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ نوپۇز دائىرىسىگە چەكلىمە قويۇپ، ئىقتىسادىي ئورگانلارنى بېكىتىش سالاھىيىتىنى پارلامېنتقا بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىياسىي تۈزۈمنى دۆلەتنىڭ خىزمەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئېچىپ، كۆپ سانلىقچى بىر جەمئىيەتنىڭ ئۇلىنى سالغان بولدى. سىياسىي مەركەزىيلىشىش مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرغان بۇ ئۆزگىرىشلەر پەيدا قىلغان سىغدۇرۇشچان سىياسىي ئورگانلار ئىقتىسادىي ئورگانلارنىمۇ سىغدۇرۇشچان ھالەتكە كەلتۈردى. دۆلەت سېلىنما، سودا ۋە يېڭىلىق يارىتىش ساھەلىرىگە ياردەمچى بولۇش توغرىسىدا قانۇنلارنى چىقاردى. خالىغانچە باج قويۇش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى، مونوپوللۇق ئاساسەن دېگۈدەك يوقالدى. مىللىي سانائەت گۈللەندۈرۈلدى، سودا پائالىيەتلىرى قوللاپ – قۇۋۋەتلەندى. ھەم سودا پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىدىكى توسۇقلار ئېلىپ تاشلاندى ھەم ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە سودا مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى. ئىگىدارچىلىق ھەقلىرى كاپالەت ئاستىغا ئېلىندى. سانائەت تەرەققىياتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئۈستقۇرۇلما خىزمەتلىرى باشلىدى. يوللار، ئۆستەڭلەر ئېلىندى، رېلىسلار ياتقۇزۇلدى. مانا مۇشۇ ئىشلار سانائەت ئىنقىلابىغا بارىدىغان يولنى ئاچتى. ياۋروپادىكى ئەسىرلەر بويىچە بىرىككەن ئىلىمنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنى تايانچ قىلغان سانائەت ئىنقىلابى، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىقتىدارلىق ئادەملەرنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە روياپقا چىقتى، تېخىمۇ مۇھىم ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ياراتتى. كۈچىنى تېخنولوگىيەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىشلىتىش ئۈچۈن پايدىلىق پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگەن سىغدۇرۇشچان بازاردىن ئالغان سانائەت ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى، مائارىپ ۋە ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈشكىمۇ قەرزدار ئىدى. ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يولىنى ئاچقان پار ماشىنىسى، يىپ ئېگىرىش ماشىنىسىغا ئوخشاش يېڭى ئىجادلارنىڭ قىتئە ھالقىغان مۇستەملىكە رايونلار قاتارلىق ئەنگلىيە زېمىنلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە بازار تېپىشى ئىلگىرىلەشنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇردى. جېيمس ۋاتقا ئوخشاش باشلامچى تەشەببۇسكارلار پارلامېنتقا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان سىغدۇرۇشچان سىياسىي سىستېما شەكىللەندى. بۇ تۈزۈم پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى سايىسىدا تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىش، خىزمەت ئورنى ئېچىش ۋە مەبلەغ سېلىش، ئىلىم ۋە ئىقتىداردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلدى. ئارقا – ئارقىدىن تاشلانغان كۈچلۈك قەدەملەر ئىلگىرىلەشنىڭ ئىتتەرگۈچى كۈچى بولدى. بىرىتانىيە ئارىلىدا باشلانغان ئۆزگىرىش قىتئە ھالقىغان مۇستەملىكە رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەنگلىيە خانلىقى زېمىنلىرىغا كېڭىيىشكە باشلىدى ۋە پۈتكۈل ياۋروپاغا تەسىر كۆرسەتتى.

ئىسپانىيە بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى پەرقنى گەۋدىلەندۈرگەن ئامىلمۇ مۇتلەقلىقنىڭ مۈلۈكچىلىك ھوقۇقلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلارغا كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرى بولدى. ئىسپانىيە مۇستەملىكە رايونلىرىنى سۈمۈرۈپ ئۆز خەزىنىسىنى تولدۇرسا، ئەنگلىيە سودىگەرلەر سىنىپىنى بېيىتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەنگلىيەدىكى ئىقتىسادىي ھەرىكەتچانلىقنى باشلىغان ۋە ھاكىممۇتلەقلىككە قارشى سىياسىي بىرلەشمىگە باشلامچىلىق قىلغانلارمۇ دەل ئاشۇ سودىگەرلەر بولدى. ئىسپانىيەدە ئەركىن سودا تەرەققىي قىلمىدى، ساراي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاقسۆڭەكلەردىن باشقا ھېچكىم بۇ بايلىقتىن نېسىۋىسىنى ئالالمىدى. مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، بۇ يەكلىگۈچى ۋە سۈمۈرگۈچى ئورگانلارنىڭ نەتىجىسى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئارقىدا قېلىشنى، خەلقنىڭ نامراتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن بەزى دۆلەتلەر پۇقرالىرىنى يېڭى تېخنولوگىيەلەرگە يۈزلەندۈرۈپ، سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلدى، بەزىلىرى بولسا، بۇنداق قىلىشنى قاملاشتۇرالمىدى ياكى بىر ئىزدا توختاپ قېلىش يولىنى تاللىدى. ئۆزگىرىشتىن، ئىجادىي بۇزۇشتىن باشلاشتىن قورققان ھۆكۈمدارلار سانائەتلىشىشنى ئېلىپ كېلىدىغان تېخنولوگىيەلەرنىڭ ئومۇملىشىشىغا غەرەزلىك ھالدا توسقۇنلۇق قىلدى.

 

بۈيۈك پەرقلەرنى پەيدا قىلغان كىچىك پەرقلەر

 

سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ئەنگلىيەگە ئوخشاش بەزى دۆلەتلەر سانائەتلىشىش ۋە تەشەببۇسكارلىقنى پائال رەۋىشتە قوللىغان بولسا، خىتاي ۋە ئوسمانلىغا ئوخشاش بەزى دۆلەتلەر سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ياكى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئارقىدا قالدى. سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ تېخنولوگىيەلىك يېڭىلىقلارغا بىلدۈرۈلىدىغان ئىنكاسلارنىمۇ بەلگىلىشى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە ئوخشاش بولمىغان نەتىجىلەرنى ياراتتى. نېمىشقا ئەنگلىيەدە روياپقا چىققان ئۆزگىرىش ئوسمانلىدا روياپقا چىقمىدى؟ چۈنكى ئوسمانلىنىڭ يەكلىگۈچى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇنىڭغا يول قويمىدى. گەرچە ئورگانلىرى كۆپ سانلىقچى ۋە سىغدۇرۇشچان بولمىسىمۇ، ئوسمانلى مەتبەئەگە ئوخشاش بىر يېڭىلىقنى چەكلىگۈدەك دەرىجىدە مەركەزىيلەشكەن بىر دۆلەت ئىدى. 1445 – يىلى گېرمانىيەدە گوتېنبېرگ مەتبەئەنى ئىجاد قىلغاندىن تارتىپ ھەممە نەرسە ئۆزگىرىشكە يۈزلەنگەنىدى، بىراق دەسلەپتە 1485 – يىلى سۇلتان II بەيازىت تەرىپىدىن مەنئى قىلىندى، 1515 – يىلى بۇ چەكلىمە ياۋۇز سۇلتان سەلىم تەرىپىدىن مۇستەھكەملەندى. مەتبەئەگە قارشى نامايان قىلىنغان بۇ پوزىتسىيە ئوقۇش – يېزىش، مائارىپ ۋە ئىقتىسادىي ئۇتۇق قاتارلىق جەھەتلەردە ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. 1800 – يىللاردا نوپۇسنىڭ پەقەت %2-3 تىلا ساۋاتلىق ئىدى. ئەنگلىيەدە بولسا، ئەرلەرنىڭ %60ى، ئاياللارنىڭ %40 ى ئوقۇش – يېزىشنى بىلەتتى. گوللاندىيە بىلەن گېرمانىيەدە بولسا، بۇ نسىبەت تېخىمۇ يۇقىرى ئىدى. ئوسمانلى بۇ دەۋردە ئەڭ تۆۋەن مائارىپ سەۋىيەسى بىلەن ياۋروپانىڭ خېلىلا ئارقىسىدا قالغانىدى. ئوسمانلىنىڭ تۇنجى مەتبەئەگە رۇخسەت قىلىشى 1727 – يىلىغا توغرا كەلدى. III ئەھمەد مەتبەئە قۇرۇش ئۈچۈن ئىبراھىم مۇتەفەررىقەگە رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، بېسىلغان ھەربىر نەرسىنى تارقىتىش ئۈچۈن قازىلاردىن تەشكىل تاپقان بىر دىنىي ئورگاننىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى شەرت ئىدى. شۇڭا مۇتەفەررىقە مەتبەئەسىنى ئېچىشنى داۋاملاشتۇرغان 14 يىل ئىچىدە پەقەت 17 كىتاب باسالىدى. تۈركىيەنىڭ سىرتىدىكى ئوسمانلى زېمىنلىرىدا بولسا، مەتبەئەچىلىك تېخىمۇ ئارقىدا قالدى. مەسىلەن، مەتبەئەنىڭ مىسىرغا كىرىشى ناپالېئوننىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ئىشغال ھەرىكىتى جەريانىغا توغرا كەلدى.

ئۆزگىرىشتىن، سانائەتلىشىشتىن قورقۇپ پويىزغا يېتىشەلمىگىنى يالغۇز ئوسمانلىلارلا ئەمەس ئىدى؛ رۇسىيە، ئاۋسترىيە، ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھۆكۈمدارلىرىمۇ يېڭى تېخنولوگىيەلەرگە، تۆمۈر يولىغا ئوخشاش ئۈستقۇرۇلمىلارغا غەرەزلىك ھالدا توسقۇنلۇق قىلغانىدى. شەرقىي ياۋروپادا داۋاملىشىۋاتقان مەدىكارلىق سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى خالىمىغان ئېسىلزادىلەر، ھەممىلا نەرسىنى شۇ پېتى ساقلاپ قېلىشنىڭ كويىغا كىرگەنىدى. ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ۋە يېزا نوپۇسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىشتىن مەھرۇم قىلىۋاتقان مەدىكارچىلىق سىستېمىسى بىلەن بىرلىكتە، ئېسىلزادىلەر مونوپول قىلىۋالغان سودا ۋە شىركەتلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى شەھەر ئىقتىسادىي سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

دىكتاتورىلىق بىلەن باشقۇرۇلىدىغان، ئەمما سىياسىي جەھەتتە مەركەزىيلىشىشى يېتەرلىك بولمىغان دۆلەتلەردە بولسا، ئەھۋال تېخىمۇ ناچار ئىدى. ئاتلانتىك سودىسى، قۇللۇقنىڭ كېڭىيىشىگە سەۋەب بولۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ھازىرقى ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. ياۋروپالىقلار قورال ۋە ئوق – دورا بەدىلىگە قۇل ئالىدىغان بولغاچقا، قەبىلىلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ پىلتىسىگە ئوق يېقىلدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئافرىقىدىكى ئارقىدا قېلىش ئىنسانلارنىڭ قولى ئارقىلىق يارىتىلدى. قۇل سودىسى 1807 – يىلىدىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، قۇللۇق مۇئەسسەسەسى شۇنچىلىك چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن ئىدىكى، نە قۇللاشتۇرۇش، نە قۇللۇق تەلتۆكۈس تۈگىمىدى. سانائەتلىشىشنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن كىرىمى كۆپەيگەن ياۋروپالىق ۋە شىمالىي ئامېرىكىلىقلارنىڭ تىروپىك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تەلىپى كۈچەيدى-دە، بۇ قېتىم «قانۇنلۇق سودا» دېگەن نام ئاستىدا ئىنسانلار  تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق مەيدانلىرىدا مەجبۇرىي ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. ئافرىقىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن ئۇنچىۋالا كۆپ پۇرسىتى قالمىغانىدى. مۇستەملىكىچىلىك ۋە قۇل سودىسى باشلامچىلىق قىلغان سىياسىي مۇساپىلەرنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋەتلىرى ھازىرمۇ قىيىنچىلىق ۋە ئىنسانلىق پاجىئەسى پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

يېقىنقى يىللاردا ئالاھىدە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن دېموكراتىك ئافرىقا دۆلىتى بوتسۋانانىڭ غەلىبىسى بولسا، مۇستەقىللىقتىن كېيىنكى سىغدۇرۇشچان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلارنى شەكىللەندۈرۈشكە باغلىق بولدى. ئەنئەنىۋى ئورگانلارنىڭ كۆپ سانلىقچى بولۇشى بۇنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇردى. ئىچكى ئۇرۇش ياكى ھەربىي مۇداخىلە قىلىش ئەھۋاللىرىنى باشتىن كەچۈرمىدى. مۇستەملىكە دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئورگانلىرى تەبىئىي مەنبەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قەدەملىرى ئۈنۈملۈك بولدى. قانۇنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يەر ئاستى بايلىقلارنىڭ بارلىق ھوقۇقى دۆلەتكە تەۋەدۇر. بۇ قانۇننى ئالماس كانلىرىنىڭ بايقىلىشىدىن ئىلگىرى چىقىرىپ، باشقا ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن بولدى. سېررالېئوندا، تۆۋەن سەھرادا داۋاملىشىپ كەلگەن ئىچكى ئۇرۇشلاردا ئالماس كانلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن قان تۆكۈلۈۋاتقاندا، بوتسۋانا لىدىرلىرى بۇ بايلىقنى تار بىر قاتلامنى بېيىتىشنىڭ ئورنى پۈتكۈل خەلقكە پايدىلىق بولىدىغان شەكىلدە مائارىپ، ئۈستقۇرۇلما دېگەن ئاممىۋى خىزمەتلەرگە سەرپ قىلدى. ئۇلار مۇستەقىللىقتىن كېيىن دىكتاتور تۈزۈم ئورنىتىشقا تىرىشمىدى. دۇنيا مىقياسىدا ناچارلىقى بىلەن نام چىقارغان مۇگابېنىڭ ئەكسىچە دېموكراتىك سايلاملارنى ئۆتكۈزۈپ، دۇرۇس ھەرىكەت قىلدى. سىغدۇرۇشچان ئورگانلار سىياسىي مۇقىملىق يارىتىپ، ئىقتىسادنى ئىزىغا سېلىپ بولغۇچە ھېچكىم ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، دۆلەتنى قولغا كىرگۈزۈش دېگەندەك كويلارغا كىرمىدى. چۈنكى، قېلىپلارنى بۇزۇش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتكۈچى دىكتاتور سىياسىي كۈچتىن قۇتۇلۇشقا، قانۇننىڭ كۈچىگە ھۆرمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بوتسۋانا دەل بۇنى ئۇتۇقلۇق ئىشقا ئاشۇرالىغانلىقى ئۈچۈن، قېلىپنى چېقىپ تاشلاپ ئالدىنقى پىلانغا چىقالىدى.

يېقىنقى 500 يىلدا لاتىن ئامېرىكىسىنى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىكى قانداق شەكىللەندۈرگەن بولسا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇئەسسەسەلىرىنىمۇ ئوسمانلى شۇنداق شەكىللەندۈردى. ھاكىممۇتلەقلىق بىلەن ئىدارە قىلىنغان ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئورگانلىرىمۇ يەكلىگۈچى خاراكتېرگە ئىگە ئىدى. زېمىن ئىگىدارچىلىقى دۆلەتكە تەۋە ئىدى. دۆلەت كىرىم ھاسىل قىلىدىغان ئاساسلىق مەنبەلەر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، باجلار ۋە ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىدىن ئىبارەت ئىدى. شۇنداقتىمۇ دۆلەت ئوتتۇرا شەرققە ئانادولۇغا ھۆكۈم قىلغاندەك ھۆكۈم قىلالمايتتى. ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى بەدەۋىلەر بېشىنى ئاغرىتىپلا تۇراتتى. ئامانلىق ساقلاش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، باج يىغىدىغان ئىدارى قۇرۇلمىغىمۇ ئىگە ئەمەس ئىدى. سودا دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىدا ئىدى. كەسىپ ئەھلىلىرى شىركەتلەر ۋە مونوپول قىلغۇچىلارنىڭ قولىدا ئىدى. قىسقىسى، سانائەت ئىنقىلابى ئەسناسىدا ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئورگانلىرى يەكلىگۈچى ماھىيەتكە ئىگە ئىدى، شۇ ۋەجىدىن رايون ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي قىلالمىدى.

1840 – يىللارغا كەلگەندە ئوسمانلى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئورگانلىرىنى قايتىدىن رەتلەشكە ئۇرۇنماقتا ئىدى. بىراق، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تىرىشچانلىقلىرى كونىلىقنى ياقلىغۇچىلارنىڭ «ئىجادىي ۋەيران قىلىش» ئەندىشىسى بىلەن سەركە قاتلامنىڭ ئىقتىسادىي ياكى سىياسىي كۈچلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋەھىمىلىرى تۈپەيلى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. ئوسمانلىلاردىن كېيىن 1918 – يىلى ياۋروپانىڭ سۈمۈرۈشىگە ئۇچرىغان ئوتتۇرا شەرق، كونا تەشكىلىي قۇرۇلما بويىچە باشقۇرۇلدى. مۇستەقىللىققا ئېرىشكىنىدە بولسا، ئۆزگەرگەن بىردىنبىر نەرسە، بۇ ئورگانلارنىڭ بېشىغا يەرلىك سەرخىللارنىڭ ئولتۇرۇشى ئىدى. ئىيوردانىيە پادىشاھلىقىغا ئوخشاش بەزىلىرىدە يۇقىرى قاتلام بىۋاسىتە ھالدا ياۋروپالىق مۇستەملىكىچىلەر ياراتقان سەرخىللار ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىردە دۇنيادىكى باي رايونلارنىڭ بىرى بولغان بولسىمۇ، تەشكىلىي جەھەتتە پەرقلەر تۈپەيلى ئوتتۇرا شەرقنىڭ كۆپىنچىسى نامراتلىقنىڭ دەردىنى تارتماقتا.

 

يانمۇيان، ئەمما پۈتۈنلەي پەرقلىق

 

جەنۇبىي كورېيە ۋە شىمالىي كورېيە ياكى ھائىتى ۋە دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاش دۇنيادا جۇغراپىيەلىك جەھەتتە يانمۇيان تۇرسىمۇ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە بىر – بىرىدىن شۇنچىلىك پەرقلىق نۇرغۇن نەرسىلەر بار. دۆلەتلەرنى، رايونلارنى، شەرق بىلەن غەربنى؛ جەنۇبى بىلەن شىمالنى ئايرىپ تۇرۇۋاتقان چېگرالار ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتلىرىنى، ئىگە بولغان ئىمكانىيەتلىرىنىمۇ بەلگىلەپ قويىدۇ. ئورگانلارنىڭ پەرقلىق بولۇشى چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىگە بىر – بىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق تۇرمۇش شەكىللىرىنى سۇنۇپ، ئىقتىسادىي باياشاتلىق جەھەتتە سېلىشتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان پەرقلەرنى روياپقا چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئارىزونا ئىشتاتىنىڭ نوگالېس بازىرى بىلەن مېكسىكا تەرەپتىكى سونورا ئۆلكىسىگە قاراشلىق نوگالېس يانمۇيان بولسىمۇ، پۈتۈنلەي پەرقلىق تۇرمۇش شارائىتلىرىغا ئىگە. بازارنىڭ شىمال تەرىپىدە ياشايدىغانلار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پۇقرالىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈستقۇرۇلمىدىن تارتىپ… مائارىپ ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىگىچە بولغان بارلىق ئىجتىمائىي ئىمكانىيەتلەردىن بەھرىمەن بولالايدۇ. شىمالدىكى نوگالېسلىقلار دېموكراتىك ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرسە، جەنۇبىي نوگالېس قانۇن ۋە تەرتىپ – ئىنتىزامدىن مەھرۇم، خەلقىنىڭ كۆپ سانلىقى جاننىڭ غېمىدە. يوللار بۇزۇق، ياشلار ئىشسىز، جىنايەت نىسبىتى يۇقىرى. ئىش – خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش خەۋپلىك شۇنداقلا خۇشامەت قىلماي تۇرۇپ ئىجازەت ئېلىش ئىنتايىن قىيىن. مېكسىكىنىڭ باياشات رايونى بولۇشىغا قارىماي، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم نوگالېس، ئارىزونادىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ پەقەت ئۈچتىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ. كۆپ سانلىق تولۇق ئوتتۇرا سەۋىيەسىگىمۇ ئىگە ئەمەس؛ ئۆمۈر مۇددىتىمۇ شىمالدىكى قوشنىلىرىدىن خېلىلا قىسقا. شىمالدىكى ئۆز ئاۋازلىرى ئارقىلىق رەھبەرلىرىنى سايلاپ، سىياسەتلىرىنى ياقتۇرمىغان چاغدا ئۇلارنى چۈشۈرۈۋېتەلەيدۇ، بىراق جەنۇب تەرەپتە سىياسەتچىلەرنىڭ چىرىكلىكلىرى ۋە ئىقتىدارسىزلىقلىرى ئاشكارا بولماي كۈن ئۆتمەيدۇ.

ئەسلىدە بىر شەھەر بولسىمۇ چېگرالىرى پاسىللار بىلەن ئايرىلغان بۇ تەرەپنى پەرقلىق قىلغان نەرسە نە جۇغراپىيە، نە كىلىمات، نە ئۇلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشلىرى ئەمەس. ئوخشاش كۈلتۈرگە ئىگە ئىنسانلار ياشايدىغان بىر يەر پەرقلىق دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرى ئىچىدە قالغان. شىمالدىكىلەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىپ، كەسىپلىرىنى ئەركىن – ئازادە تاللىيالايدۇ؛ مەكتەپكە بېرىپ ئىقتىدارىنى ئاشۇرالايدۇ؛ خىزمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلىرىنى ئەڭ ياخشى تېخنولوگىيەگە مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يۇقىرى مائاش ئالالايدۇ. شۇنداقلا ۋەكىللىرىنى سايلاش ئارقىلىق دېموكراتىك مۇساپىگە ئىشتىراك قىلىش، سىياسىي ئورگانلارغا كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. قىسقىسى، سىياسەتچىلەرمۇ خەلق تەلەپ قىلغان خىزمەتلەرنى قىلىدۇ. جەنۇبتىكىلەر بولسا، بۇنداق تەلەيلىك ئەمەس، چۈنكى ئۇلار مېكسىكا ئورگانلىرى ياراتقان پۈتۈنلەي باشقىچە بىر دۇنيادا ياشايدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئورگانلىرى مۇشۇنداق كۆپ ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ئىكەن، مېكسىكا ياكى تېخىمۇ توغرىسى لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ قەيىرى كەم؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، دەسلەپكى مۇستەملىكە دەۋرىدە پەرقلىق شەكىللەردە ئوتتۇرىغا چىققان جەمئىيەتلەرگە قاراشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ چاغدا مەيدانغا كەلگەن تەشكىلىي پەرقلەرنىڭ نەتىجىسى زامانىمىزغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ پەرقلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن، شىمالىي ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ياۋروپا مۇستەملىكە رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاراش لازىم.

غەرب مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ مەنتىقىسى يېڭى دۇنيانىڭ بايلىقلىرىنى، قىممەتلىك مەدەنلىرىنى بولاڭ – تالاڭ قىلىشنى ياقلايتتى. 1500 – يىللارنىڭ بېشىدا ئامېرىكا قىتئەسىدە يېيىلىشقا باشلىغان ئىسپانىيە، بىر ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ۋە جەنۇبىنى پەتھى قىلغانىدى. پورتۇگالىيەمۇ بىرازىلىيە ۋە ئۇنىڭ شەرقىگە ئىگە بولغانىدى. يەرلىك ئۆكتىچى خەلقلەرنى بويسۇندۇرماقچى بولغان ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكە قىلىش تاكتىكىسى، ئالدى بىلەن باشلىقلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش، يەرلىك ئاھالىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ ئاشلىق ۋە خىراج تۆلەشكە مەجبۇرلاشتىن ئىبارەت ئىدى. كېيىنكى باسقۇچتا ئىسپانىيەلىك ئىستېلاچىلار، يېڭى ئۈستۈن قاتلام سۈپىتىدە يەرلىك خەلقنىڭ يەلكىسىگە مىنىپ، باج، خىراج توپلاش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتەك مەۋجۇت تۈزۈملەرنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزەتتى. ئارقىدىن ئەڭ قىممەتلىك مەنبە بولغان يەرلىك نوپۇس، «ئېنكومىئېندا» دەپ ئاتىلىدىغان تەشكىلىي ئورگاننىڭ قارمىقىدىكى يەرلىكلەرنى خىرىستىيانلاشتۇرۇشقا مەسئۇل ئىسپانىيەلىك يۇقىرى قاتلاملار ئارىسىدا تەقسىم قىلىنىپ تىنىمسىز ھالدا ئەمگەككە سېلىناتتى. مۇستەملىكىچىلەر ئەلۋەتتە ئىستېلا قىلغان زېمىنلاردا ئۆزلىرى ئىشلىمەيتتى. مەقسەت، يەرلىكلەرنى ئىشلىتىپ، تېرىقچىلىق ۋە كان مەھسۇلاتلىرىدىن مەڭگۈ پايدا ئېلىش ئىدى. مېكسىكا ئىستېلا قىلىنغاندا كورتېس تەرىپىدىن كەم – كوتىسىز ئىجرا قىلىنىپ كۈچلۈك ئۈنۈمگە ئېرىشىلگەن بۇ ئىستراتېگىيە، ئىسپانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ھەر تەرىپىدە قوبۇل قىلىندى. شۇ يىللاردا قەلەمگە ئېلىنغان ئىسپانىيە بويۇنتۇرۇقىنىڭ رەھىمسىزلىكى ئەيىبلىگەن ئەسەرلەردە، يەرلىك ئاھالىگە قېرى – ياش، ئەر – ئايال دېمەستىن قۇل مۇئامىلىسى قىلىنغانلىقى ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ئالدى بىلەن ئىبادەتخانىلارنىڭ بېزەك ئالتۇنلىرىنى ئېرىتىپ كېسەك ھالىتىدە ئىسپانىيەگە يۆتكەپ كەتكەندىن كېيىن، ئەمگەك كۈچى ۋە خام ماددا سۈمۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، تەشكىلىي تورلارنى شەكىللەندۈرگەن ئىسپانىيەلىكلەر، شۇ چاغنىڭ يەرلىك سىستېمىلىرىدىنمۇ پايدىلاندى. ئىنكالاردا خەلقىنىڭ ئىبادەتخانىلار، ئېسىلزادىلەر ۋە ئارمىيەنىڭ ئاشلىق ئېھتىياجىنى قامداش بەدىلىگە تاللانغان قاتلامنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، قۇرغاقچىلىق ياردىمى بېرىدىغان مىتا سىستېمىسى بار ئىدى. مەسىلەن، ئىسپانىيەلىكلەر بۇنى ئۆز مەنپەئەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ، «ئېنكومىئېندا» غا ئوخشاش ئۆز سىستېمىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تارىخنىڭ ئەڭ مۇشەققەتلىك ۋە ئەڭ كەڭ دائىرىلىك مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. يەرلىك ئاھالىنى تارقاقلاشتۇرۇپ تاغلىق رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش، زېمىنلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ تۇرمۇش ئۆلچەملىرىنى ئادەتتىكى ئېھتىياجلار دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ، ئېشىپ قالغان كىرىمنى ئىسپانلارغا بېرىشتەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە، كىشىلەر نان بازىرىغا كىرىشكە زورلايدىغان، ئىسپان زېمىندارلارغا ياقىدىغان  رەۋىشتە كۈنلۈك ئىش ھەقلىرىنى تۆۋەنلىتىشنى چۆرىدەيدىغان بىر تۈزۈم قۇرۇلدى. بۈگۈنكى پېرۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلىنىپ بولىۋىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ رايوننىڭ تېرىقچىلىقىنى قىلىدىغان ياكى كانلىرىدا ئىشلەيدىغان تارقاق ئاھالىلەر ۋۇجۇدقا چىقىرىلدى. ھەددىدىن زىيادە ئېغىر باج، يۇقىرى باھا، تۆۋەن ئىش ھەققى تۈپەيلى يەرلىك ئاھالە كۈنسېرى نامراتلاشتى. رايوندىكى ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان يوقسۇللۇق ئاشۇ چاغلارنىڭ مىراسىدۇر. ئۇ دەۋردە شەكىللەندۈرۈلگەن ئوخشاش ئورگانلار ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلار ئىسپانىيە خەزىنىسىنى تولدۇرۇپ، ئىستىلاچىلارنى نۇرغۇن بايلىققا ئىگە قىلدىيۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئۇلىنىمۇ كولىغان بولدى.

ئىسپانىيەلىكلەر 1492 – يىلى يېڭى دۇنيانى پەتھى قىلىشقا ئاتلانغان چاغلاردا، ئىچكى ئۇرۇشتىن ئەمدىلا چىققان ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك قىلغۇدەك ماجالى يوق ئىدى. لېكىن، ئارىدىن بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1588 – يىلى ئىسپانىيە ئەنگلىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنغاندا، ئىنگلىزلار ئۇلارنى يېڭىپ، دېڭىزلارنىڭ يېڭى ھۆكۈمرانى بولىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى. ئىنگلىزلارنىڭ مۇستەملىكە ئىمپېراتورلۇقى كارۋىنىغا قوشۇلۇشىنى كۈچكە ئىگە قىلغان ئامىل دەل بۇ ئىرادە ئىدى. شىمالىي ئامېرىكىدا مۇستەملىكىلەرنى قۇرۇشقا باشلىشى بۇ دەۋرگە توغرا  كەلدى. لېكىن شىمال ئۇلارنىڭ ئۆز تاللىشى ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ياخشى يەرلەر ئىگىلىۋېلىنىپ بولۇنغانىدى، كېچىككەنلەر بارماق چىشلەشكە مەجبۇر ئىدى. ئىسپانىيەلىكلەر سۈمۈرۈلىدىغان يەرلىك نوپۇسنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش كانلىرى كۆپ جايلىرىنى ئاللىقاچان ئىگىلەپ بولغاچقا، ئىنگلىزلار ئېشىپ قالغىنى بىلەن كۇپايىلىنىشكە مەجبۇر بولدى. دەسلەپكى پىلانلىرى، ئىسپان ئىستىلاچىلىرىغا ئوخشاش تاكتىكا ئىشلىتىپ، يەرلىكلەرنىڭ باشلىقلىرىنى تۇتۇپ، قەبىلىلەردىن ئاشلىق ئۈندۈرۈۋېلىش ئىدى. ئىشلار ئۇلار ئويلىغاندەك بولمىدى. لېكىن، ھېچبولمىغاندا، يەرلىك ئاھالە بىلەن سودا قىلىشنى سىناپ بېقىشقا بولاتتى. باشقا يەردىن كېلىپ يەرلەشكۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشتىراك قىلىشى ئىنگلىزلارنىڭ ئەقلىگە كېلىپ باقمىغانىدى. شىمالىي ئامېرىكىدىكى يەرلىك ئاھالىنى بويسۇندۇرۇش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. مۇستەملىكىلەر قۇرغاقچىلىققا دۇچ كەلدى. ئىنگلىزلار ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەش ئارقىلىق ئىسپانىيە تاكتىكىسىنىڭ ئۇ يەردە كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. مېكسىكا ۋە پېرۇدا قىلىنغان ئىشلارنى شىمالدا يولغا قويغىلى بولمايتتى. چۈنكى شەرت – شارائىتى بىر – بىرىگە پەقەتلا ئوخشىمايتتى. جەنۇبتىكى نوپۇس شىمالىدىكىدىن 500 ھەسسە كۆپ ئىدى. ئۇنىڭ بۇ يەرلىكلەرنىڭ ئازتېك ياكى ئىنكالارنىڭكىگە ئوخشاش ئالتۇنلىرى يوق ئىدى، ئىلكىدىكى بىردىنبىر مۈلكى ئاشلىقى ئىدى. نە سودا يولى بىلەن نە مەجبۇرىي يوسۇندا بولسۇن، يەرلىك خەلق مۇستەملىكىچىلەرنى بېقىشقا بەل باغلىيالمايتتى. زېمىن ئىگىسى مۇستەملىكىچى ئىنگلىزلارنىڭ ۋىرگىنىيە شىركىتى پايدا يارىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغاچقا، يېڭى بىر مودېل يارىتىپ، كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈلگەنلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا باشلىدى. قاچقانلارنىڭ جازاسى ئۆلۈم ئىدى. شۇنداقتىمۇ كىشىلەردە يېقىندىكى يەرلىكلەر بىلەن بىرلىكتە ياكى ئۇ پايانسىز زېمىننىڭ باشقا بىر يېرىدە ئەركىن – ئازادە ياشاش ئىستىكى كۈچىيىشكە باشلىغانىدى. شۇنداق ئەھۋالدا شىركەتنىڭ كۈچى چەكلىك ئىدى. ئىنگلىز كۆچمەنلەرنى قورساق تويغۇزۇش بەدىلىگە ئېغىر ئىشلارغا مەجبۇرلىغىلى بولمايتتى. نە يەرلىكلەرنى، نە ئىنگلىز كۆچمەنلەرنى بېسىم ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەن شىركەت، 1607 – يىلى تۇنجى مۇستەملىكە ۋىرگىنىيەدە قۇرۇلۇپ 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يىپيېڭى بىر ئىستراتېگىيەنى قوبۇل قىلدى. بارلىق كۆچمەنلەرنىڭ ئىش توختاملىرى بىكار قىلىنىپ، ئۇلارغا ئۆي ۋە يەر – زېمىن بېرىلدى. بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەرگە مۇستەملىكىگە ئالاقىدار قانۇن ۋە ئورگانلارغا ئاۋاز قاتناشتۇرۇش ھوقۇقىنى بەرگەن ئورگان 1619 – يىلى قۇرۇلدى. مانا بۇ، ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسىدۇر. 17 – ئەسىر كۈرەش ئىچىدە ئۆتتى ۋە ناھايەت ئىقتىسادىي جەھەتتە گۈللىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بىر مۇستەملىكىگە نىسبەتەن بىردىنبىر تاللاشنىڭ كۆچمەنلەرنى مەبلەغ سېلىشقا ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان ئورگانلارنى تەسىس قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى تونۇپ يېتىلدى. شىمالىي ئامېرىكا گۈللىنىش مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەيتلەردە ئىنگلىز نوپۇزدارلار ئاندا – ساندا ئىسپانىيەلىكلەرگە ئوخشاش پەقەت بىر ئۇچۇم ئىمتىيازلىق كىشىلەرگە مۇستەسنا مۇئامىلە قىلىدىغان شەكىلدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەقلەرگە چەكلىمىلەرنى قويىدىغان بەزى ئورگانلارنى قۇرۇشنى قايتا سىناپ باقتىيۇ، ھەر قېتىمدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. چۈنكى يېڭى دۇنيانى ماكان تۇتقان ئىنسانلار دەرىجە قاتلىمىغا ئىگە بىر تۈزۈمگە بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا تاللاش كۆپ ئىدى، ھەقىقەتەن كۆپ ئىشلەشلىرى تەلەپ قىلىنىدىغان بولسا، بۇنىڭ قوبۇل قىلدۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئەركىنلىك ۋە تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ھەق تەلەپ قىلىشقا باشلىدى. 1720 – يىللىرىغا كەلگەندە، كېيىنكى چاغلاردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولىدىغان 13 مۇستەملىكە رايون ئوخشاش قۇرۇلمىغا ئىگە ئىدى. ئاياللار، قۇللار ۋە مال – مۈلۈكسىز كىشىلەر بېلەت تاشلىيالمايتتى، شۇڭا ئۇنى دېموكراتىيە دېگىلى بولمايتتى. بىراق، سىياسىي ھەقلەر شۇ دەۋر دۇنياسىنىڭ باشقا جايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا بەكلا كۆپ ئىدى. ھەممىسىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىدا بىر ۋالىي ۋە بىر ئەر مال – مۈلك ئىگىسىدىن تەشكىل تاپقان بىر كېڭەش بار ئىدى. 1774 – يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىغا بارىدىغان يولنى داغداملاشتۇرغان تۇنجى قۇرۇلتاينى تەشكىللەپ، ئىنگلىزلارنىڭ باشلىرىغا ئىش تېپىپ بەرگەنلەرمۇ مەزكۇر كېڭەشلەر بولدى.

دېمەككى، دېموكراتىك پىرىنسىپلارنى قوبۇل قىلغان، سىياسىي نوپۇزنىڭ سالاھىيىتىگە چەكلىمە قويۇپ، ئۇ كۈچنى جەمئىيەتكە ئومۇميۈزلۈك يايغان بىر ئاساسىي قانۇننى ئىجرا قىلغان دۆلەتلەرنىڭ مېكسىكا ئەمەس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولۇشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن دەۋردىكى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مۇساپىسى بىلەن مېكسىكىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مۇساپىسى بىر – بىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. 1808 – يىلى ناپالېئون ئىسپانىيەنى ئىشغال قىلىپ پادىشاھنى تەختتىن چۈشۈردى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان دۆلەت ئارمىيەسى، فىرانسىيە ئارمىيەسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى باشلاپ، قانۇنىيلىقنى تايانچ قىلغان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقماقچى بولدى. قۇرۇلغان پارلامېنت ئالاھىدە ئىمتىيازلار بىكار قىلىنغان، ھەممە قانۇن ئالدىدا باراۋەرلىككە ئىگە بولغان، خەلقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تايانچ قىلغان بىر تۈزۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بىر ئاساسىي قانۇننى تەۋسىيە قىلدى. بۇ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە دىكتاتور كۈچلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئىسپانىيە مۇستەملىكىلىرىدىكى ئۈستۈن تەبىقىگە نىسبەتەن پاجىئەدىن ئىبارەت ئىدى. ياۋروپادىكى ئىسپانىيە دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن قۇرۇلغان ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ نوپۇزىنى قوبۇل قىلىش – قىلماسلىق ئارىسىدا ئىككىلىنىپ قالغان لاتىن ئامېرىكىلىقلار، ئاساسىي قانۇنلۇق بىر كىرىزىس پاتقىقىغا ئىتتىرىلىپ، ئايرىم ھەربىي ھاكىمىيەتلەرنى قۇرۇشقا، مۇستەقىللىق خىتابنامىلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. 1810 – يىلى مېكسىكىدا يۈز بەرگەن خىدالگو ئىسيانىنى مۇستەقىللىق كۈرىشى دېگەندىن كۆرە سىنىپىي ياكى ئېتنىك ئۇرۇش دېيىش تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. مۇستەملىكىچى ئاق تەنلىكلەر ئايرىپ ئولتۇرماستىن ئۆلتۈرۈلۈشكە باشلانغان بۇ ھەرىكەتكە قارشى ئۈستۈن تەبىقە بىرلەشتى. مۇستەقىللىق ئەگەر خەلقنىڭ سىياسەتكە ئارىلىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان بولسا، ئىسپانىيەلىكلەرگە ئوخشاش يەرلىك يۇقىرى تەبىقىلەرمۇ بۇنىڭغا قارشى ئىدى. شۇڭا تەۋسىيە قىلىنغان كادىز ئاساسىي قانۇنى ئۇلارغا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ قانۇنىيلىققا ئىگە بولالمايتتى. 1815 – يىلى ناپالېئوننىڭ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن، پادىشاھ VII فېردىناند قايتىدىن ئىسپانىيە تەختىگە ئولتۇرۇپ، كادىز ئاساسىي قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئىسپانىيە، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرىدە ھەققى بارلىقىنى دەۋا قىلىشقا باشلىغاندا، سادىق مېكسىكا مەسىلە پەيدا قىلمىدى. لېكىن، مۇستەملىكىلەردە قايتىدىن نوپۇز تىكلەش مەقسىتىدە ئەۋەتىلگەن دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بىرلىشىپ، پادىشاھنى قايتىدىن كادىز ئاساسىي قانۇنىنى قوبۇل قىلىپ، كورتېس پارلامېنتىنى قايتىدىن يىغىشقا مەجبۇرلىدى. بۇ قېتىم تېخىمۇ ئاشقۇن بىر ئاساسىي قانۇننىڭ تەۋسىيە قىلىنغانلىقىنى كۆرگەن مېكسىكىلىق يۇقىرى قاتلام مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش تېخىمۇ مۇۋاپىق ئىكەن، دېگەن قاراشقا كەلدى. ئىسپانىيە ئەمدى مېكسىكىنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلالمايتتى. مېكسىكا مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ لىدىرى ئىتۇربىدې، يۇقىرى قاتلاملارنىڭ سالاھىيەت ۋە ئىمتىيازلىرىغا خەۋپ دەپ قارىغان جايلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭى بىر لايىھە تەييارلاپ ماقۇللاتقۇزدى. ئىسپانىيە ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىتۇربىدې، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دىكتاتورلىشىپ، ئاساسىي قانۇنلۇق پارلامېنتنى بىكار قىلىپ تاشلاپ، ئورنىغا ئۆزىنىڭ ھەربىي ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى. ئىتۇربىدې دەۋرى ئۇزۇن داۋاملاشمىغان بولسىمۇ، 19 – ئەسىر مېكسىكىسىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر پات – پاتلا قايتىلىنىپ تۇراتتى (مەسىلەن، سانتا ئانا ۋە دىئاز ھاكىمىيەتلىرى). چۈنكى، مېكسىكا لىدىرلىرىنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتلىرىغا چەكلىمە قويۇپ تۇرىدىغان ئورگانلارغا ئوخشاش ئورگانلار يوق ئىدى. دەسلەپكى چاغ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىمۇ ھەربىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە سىياسەتچىلەر بولسىمۇ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىپ ھاكىمىيەتكە كېلىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلەتمىدى. ئەلۋەتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاساسىي قانۇنىمۇ دەسلىپىدە زامانىۋى ئۆلچەملەرگە چۈشىدىغان بىر دېموكراتىيەنى ۋۇجۇدقا چىقارمىدى. كىمنىڭ بېلەت تاشلىيالايدىغانلىقىغا ھەربىي ئىشتات ئۆز ئالدىغا قارار چىقىراتتى. شىمالدىكى ئىشتاتلار كىرىمى ياكى مال – مۈلكىگە قارىماستىن بارلىق ئەرلەرگە ئاۋاز قاتناشتۇرۇش ھوقۇقى بەردى، لېكىن جەنۇبلۇقلار بۇ جەھەتتە بەكلا ئارقىدا قالدى. شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ قۇللۇق مەسىلىسى ئىختىلاپلىق ئاساسىي قانۇن مەزگىلىدە باستۇرۇلدى. پالاتادا قۇللۇق تەرەپدارى ئىشتاتلار بىلەن ئۇنىڭغا قارشى ئىشتاتلار ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق ئورنىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىلدى. دەرۋەقە، ئامېرىكا ئورگانلىرى ئىچكى ئۇرۇش ئىختىلاپلىرىنى شىمالغا پايدىلىق شەكىلدە ھەل قىلغۇچە بولغان جەرياندا مۇرەسسەلەشكەن ھالدا خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان بولدى. شۇنداق قىلىپ، بولۇپمۇ شىمال ۋە غەربتىكى ئىشتاتلاردا قانلىق ۋە ۋەيران قىلغۇچ ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خەلقنىڭ كۆپ قىسمىغا نىسبەتەن ئىقتىسادىي جەھەتتە كەڭرى ئىمكانىيەتلەر شەكىللىنىپ بولغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پەقەت 1860 – 1865 – يىللىرى ئارىسىدا سىياسىي مۇقىمسىزلىقنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، مېكسىكا مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى 50 يىلنى مۇقىمسىزلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. يەرلىك خەلق سۈمۈرۈلدى، مونوپولچىلىق ئېغىرلاشتى. بۇ ئىشلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي ئاقىۋەت ۋەھىمىلىك ئىدى. ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنىڭ كاپالىتى داۋالغۇپ كەتتى، دۆلەت ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلىدى. مۇستەقىل مېكسىكا مۇستەملىكە دەۋرىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەشكىلىي ئورگانلارنى ساقلاپ قالغان بولغاچقا، ئىقتىسادىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈشلەرنىڭ ۋە نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنىڭ يولى توسۇلۇپ قالدى، خەلقنى ئېغىر تەڭسىزلىككە دۇچار قىلدى. 19 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، سانائەت ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندا، مېكسىكا تېخىمۇ نامراتلىشىپ كەتتى. زامانىمىزدا مېكسىكا دۆلىتىنىڭ كۈچى ۋە سالاھىيىتى نە باج كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، نە ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنى ئورۇنداشقا يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.

 

سانائەت ئىنقىلابى: پىكىر ئوتتۇرىغا قوي، شىركەت قۇر ۋە قەرز ئال

 

كەشپىياتلار ئىقتىسادىي ساھەدىكى تېخنولوگىيەلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ پاراۋۇزى ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيەدە باشلانغان سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى ئۇتۇقى پاختا رەختلەرنىڭ ماشىنىلاردا توقۇلۇشى بولدى. بۇ دەسلەپتە توقۇمىچىلىق، ئارقىدىن باشقا سانائەتلەردە ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇنىڭغا باشلامچىلىق قىلغانلار يېڭى پىكىرلەرنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشقا قىزىقىدىغان تەشەببۇسكارلار ۋە سودا – سانائەتچىلەر ئىدى. پارلامېنتنىڭ مالىيە ساھەسىگە ئالاقىدار قانۇنلىرى بازارنى جانلاندۇردى. بۇ ھەرىكەتلىنىش ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئۇ تەرىپىگىمۇ يېتىپ باردى. ئەنگلىيەدە ياسالغان تېخنولوگىيەلەرنى ئىشلىتىشنىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنى يارىتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئامېرىكىلىقلار، ئۆزلىرىمۇ ئىجاد قىلىشقا يۈزلەندى. پىكىر ھوقۇقىنى قوغدايدىغان پاتېنت ھوقۇقى سىستېمىسى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا 1623 – يىلى پادىشاھنىڭ خاھىشى بويىچە خالىغان ئادەمنى ئىمتىيازغا ئىگە قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە قىسمەن يولغا قويۇلغانىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا پاتېنت ئالغۇچىلار بولسا، پەقەت باي ۋە يۇقىرى قاتلاملا ئەمەس، جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرىدىكى خىلمۇخىل كىشىلەر ئىدى. نۇرغۇن ئادەم پاتېنت ھوقۇقىغا تايىنىپ بايلىق ياراتتى.  مەسىلەن، لامپىنىڭ ئىجادچىسى ۋە گېنېرال ئېلېكتىرىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى توماس ئېدىسون؛ يەتتە پەرزەنتلىك بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولۇپ، پەقەتلا مەكتەپ يۈزى كۆرۈپ باقمىغانىدى. 1820 – يىلى بىلەن 1845 – يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا پاتېنت ھوقۇقى ئالغۇچىلارنىڭ پەقەت %19 ىنىڭ ئائىلىسى كەسىپ ئەھلى ياكى زېمىن ئىگىسى ئىدى. كۆپىنچىسى ئېدىسونغا ئوخشاش رەسمىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرمىگەنىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇ دەۋردە پەقەت سىياسىي جەھەتتىنلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يېڭى ئىجادىيەتلەر جەھەتتىمۇ دېموكراتىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۇنيانىڭ ئەڭ يېڭىلىقچى دۆلىتى بولۇش يولىدا ناھايىتى مۇھىم ئىدى. يوقسۇل بولساڭمۇ ياخشى پىكىرىڭ – پىلانىڭ بولسا، پاتېنت ھوقۇقىنى مۇۋاپىق باھاغا سېتىۋېلىپ، باشقا بىرىگە ساتالايتتى. لېكىن، ھەقىقەتەنمۇ پاتېنت ھوقۇقىغا تايىنىپ پۇل تېپىشنى خالايدىغانلار ئۆزىنىڭ ئىش ئورنىنى ئېچىشىغا توغرا كېلەتتى. بۇنىڭغا سەرمايە كېتەتتى. قەرز ئېلىش ئۈچۈن بانكىلارغا ئېھتىياج بار ئىدى. 19 – ئەسىردە سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلغان پۇل – مۇئامىلە ۋاسىتىچىلىكى ۋە بانكىچىلىق پائالىيەتلىرى ئىقتىساد باشتىن كەچۈرۈۋاتقان سۈرئەت بىلەن ئېشىش ۋە سانائەتلىشىش يولىنى داغداملاشتۇرغان ھالقىلىق بىر ئامىل بولدى. 1818 – يىلى ئامېرىكىدا 160 مىڭ دوللار سەرمايىلىك 338 بانكا بار ئىدى. 1914 – يىلىغا كەلگەندە، 27684 بانكىنىڭ ئومۇمىي سەرمايىسى 27 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەنىدى. دېمەككى، يوشۇرۇن كەشپىياتچىلار ۋە تەشەببۇسكارلارنىڭ ئىش – خىزمەت ئورنى ئېچىشقا كېرەكلىك سەرمايىگە ئېرىشىشى ئاسان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بانكىلار بىلەن مالىيە مۇئەسسەسەلىرى ئارىسىدىكى رىقابەت تۈپەيلى ئۆسۈم نىسبىتىمۇ ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. مېكسىكىدا بولسا، 1910 – يىلى مېكسىكا ئىنقىلابى باشلىغان چاغلاردا بانكا سانىمۇ ئاز ئىدى. رىقابەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆسۈم يۇقىرى ئىدى ۋە بانكىلار ئەسلىدىنلا باي كىشىلەرگە قەرز بېرەتتى، ئۇلار پۇلنى ئىقتىسادنىڭ پەرقلىق ساھەلىرىدىكى نوپۇزلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتەتتى. مېكسىكىدىكى بانكىچىلىق ساھەسىنىڭ 19 – ۋە 20 – ئەسىردىكى ئەھۋالى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقتىن كېيىن قۇرۇپ چىققان سىياسىي ئورگانلارنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلىدۇر. گوياكى ئىسپان ئىستىلاچىلارنىڭ مۇستەملىكە دەۋرىدە قىلغىنىدەك، مۇستەقىللىقتىن كېيىن ھاكىمىيەتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالغان ھۆكۈمەتلەرمۇ تەرەپدارلىرىنىڭ يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەڭ كەتكەن زېمىنلارنى ئىگىلەش ئارقىلىق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلدى.

ئامېرىكا بانكىچىلىق ساھەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى باياشاتلىقى نۇقتىسىدىن ياخشى بولۇشىنىڭ بانكا خوجايىنلىرىنىڭ مۇددىئالىرى بىلەن ئالاقىسى يوق ئىدى. ئەلۋەتتە، ئامېرىكا بانكىچىلىقىمۇ پايدىنى كۆزلەيتتى. لېكىن، بۇ ئامىل ئامېرىكا ئورگانلىرى تۈپتىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرقلىق شەكىللەردە يېتەكلىنەتتى. بانكىچىلارنىڭ قارشىسىدىكى ئىقتىسادىي ئورگانلار پەرقلىق ئىدى ۋە ئۇلارنى رىقابەتلىشىشكە مەجبۇرلايتتى. چۈنكى، بانكىچىلىق قائىدە – تۈزۈملىرىنى بېكىتىدىغان سىياسەتچىلەر، ئوخشاش بولمىغان ئورگانلار يولغا قويغان پەرقلىق رىغبەتلەندۈرۈشلەرگە دۇچ كېلەتتى. ئەسلىدە 18 – ئەسىردە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاساسىي قانۇنى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مېكسىكىدىكىگە ئوخشاش بىر خىل بانكىچىلىق سىستېمىسى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانىدى. سىياسەتچىلەر، دوستلىرىغا ۋە شېرىكلىرىگە پايدا بۆلۈشۈش بەدىلىگە بېرەلەيدىغان دۆلەت كونتروللۇقىدىكى بىر بانكىچىلىق سىستېمىسىنى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كۆردى. بانكىلارمۇ دەرھال ئۆزلىرىنى نازارەت قىلىدىغان سىياسەتچىلەرگە قەرز بېرىشكە باشلىدى. بۇ سىياسەتچىلەرگە پايدىلىق ئەھۋال بولسىمۇ، خەلقكە نىسبەتەن پەقەتلا ياخشى ئەمەس ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن، بانكا مونوپوللۇقىنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشقانلارمۇ سىياسىي سايلامغا كىرەتتى. ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ مېكسىكىدىن ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتتىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يېرى سىياسەتچىلەرنى تەكشۈرەلەيدىغان بولۇشىدۇر. ھوقۇقىنى چونتىكىنى تولدۇرۇش ياكى تەرەپدارلىرىنى بېيىتىش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلغانلارنى چۆرۈپ تاشلايدۇ. بۇنىڭ سايىسىدا بانكىچىلىق مونوپوللۇقى يىمىرىلدى، يەنى مېكسىكىدىكى سىستېمىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق ئىدى. بولۇپمۇ قوشنىسى مېكسىكا بىلەن سېلىشتۇرۇلغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى سىياسىي ھەق – ھوقۇقلارنىڭ كەڭ تارقىلىشى مالىيە ۋە قەرزگە ئېرىشىش باراۋەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. دېمەككى تۇتۇرۇقى بار لايىھە ۋە ئىجادقا ئىگە بولغانلار توغرا ۋاقىتتا ئۇلاردىن پايدىلىنالىدى.

 

دۇنياۋى تەڭسىزلىك

 

19 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك گۈللىنىشنى قولغا كەلتۈرگەن دۇنيا ئىقتىسادى، پار پاراخوتى ۋە تۆمۈر يولىغا ئوخشاش قاتناش يېڭىلىقلىرى سايىسىدا خەلقئارا سودىدا زور ئىلگىرىلەش كۆرۈلدى. بۇ يەرشارىلىشىش دولقۇنى سايىسىدا بايلىق زاپىسى مول دۆلەتلەردىكى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى، سانائەتلەشكەن شىمالىي ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپاغا خام ماددا ۋە تەبىئىي مەنبە ئېكسپورت قىلىپ پۇل تاپاتتى. ئۆزلىرىنى سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۇنيانىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرگەن ئىمتىياز ئىگىلىرى دۆلەتلىرىنىڭمۇ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى. لېكىن، بۇ ئادەتلىنىپ قالغان تەشكىلىي ئورگانلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكىگە ئوخشاش ئورگانلارنى قۇرۇپ چىقىش دېگەنلىك بولمايتتى. قىتئەنىڭ ئىككى تەرىپى تەشكىلىي جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقلار نۇقتىسىدىن بىر – بىرىدىن تۈپتىن پەرقلەندى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا يەرلىكلەر بىر چەتكە ئىتتىرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، چېگرا رايونلىرىنىڭ ئولتۇراقلاشتۇرۇلغۇچىلارغا ئېچىلىشى باراۋەر ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە دىنامىك مۇھىت ياراتتى. لېكىن، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە نەتىجە پەرقلىق ئىدى. چېگرا رايونىدىكى كەڭ كەتكەن يەر – زېمىنلار ئاللىقاچان بايلارغا بېرىلىپ بولغاچقا، بۇ قاتلام تېخىمۇ كۈچەيدى. مۇئەييەن قاتلام بېيىپ، جەمئىيەتنىڭ قالغان قىسمى چەتكە قېقىلدى. كۈچ گۇرۇپپىلىرى مەنپەئەت كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇردى. يۇقىرى قاتلامنىڭ سېلىنمىلىرى سايىسىدا ئىقتىساد بىر قەدەر گۈللەنگەن بولسىمۇ، ئىزچىل ھالدا نادامەت بىلەن ئاخىرلاشتى. 20 –  ئەسىردىمۇ بۇ قېلىپنى داۋاملاشتۇرۇش پىكىرىدە چىڭ تۇرۇۋېلىش لاتىن ئامېرىكىسىغا ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق، ئىچكى ئۇرۇش، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. مېكسىكا ئىنقىلابىغا بولىۋىيە، كۇبا ۋە نىكاراگۇئا قاتارلىقلار ئەگەشتى. كولومبىيە، ئەل سالۋادور، گىۋاتېمالا ۋە پېرۇدا ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەردى. ھەربىي ھاكىمىيەتلەر ۋە دىكتاتورلۇققا ئەگىشىپ ئىنقىلابلار، يەر – زېمىن ئىگىلىۋېلىش ۋە سىياسىي مۇقىمسىزلىق باش كۆتۈردى. دېموكراتىك ھەق تەلەپلىرىنى بارغانچە كۈچەيگەن بولسىمۇ، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تاكى 1990 – يىللاردا دېموكراتىيە بىلەن دىدارلاشتى. دىدارلاشتىيۇ، مۇقىمسىزلىقتىن قۇتۇلالمىدى. پىنوچېت تۈزۈمىدىكىگە ئوخشاش كۆپىنچىسىدە مۇقىمسىزلىققا بېسىم ۋە جىنايەت ھەمراھ بولدى. ئارگېنتىنادا 1976 – 1983 – يىللىرى ئارىسىدا ئارمىيە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى تەخمىن 9 مىڭ، كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ قارىشىچە، 30 مىڭدۇر.

مۇستەملىكە جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ تەسىرىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان بولۇشى ۋە بۇلارنىڭ تەشكىلىي مىراسلىرى يۈزىسىدىن زامانىمىزدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە مېكسىكا ئارىسىدا، يەنى قىتئەنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى ئارىسىدا بۇنچىلىك ئېغىر پەرق بار. دۇنيانىڭ ئەڭ باي ئىككى ئادىمى ئارىسىدىكى پەرقمۇ ئىشلارنىڭ قانداق يۈرىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تېخنولوگىيە داھىيسى بىل گېيتس شۇنچىلىك مەشھۇر بولۇشىغا قارىماي، مايكروسوفتنىڭ مۈلكىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا ھېساب بېرىشتىن قۇتۇلالمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن مېكسىكىدا خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ئەسناسىدا دۆلەت مۈلكىنى ھۆددىگە بېرىش ھىيلىسى ئارقىلىق ئۆز قوينىغا تارتقان، ئىمتىيازغا ئىگە توختامنامىلەرگە قول قويۇش جەھەتتە ماھىرلىشىپ كەتكەن مېكسىكىلىق پاي چېكى بازىرى بېيى كارلوس سلىمنىڭ پارا بېرىپ، تونۇشلىرى ۋە نوپۇزىنى ئىشقا سېلىپ غايەت زور پايدا يارىتىشنى داۋاملاشتۇرالىشىنىڭ سەۋەبى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭكىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان ئىقتىسادىي ئورگانلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. ئىجازەتنامە چىقارغۇزۇشتىن تارتىپ قەرز ئېلىشقىچە ئامېرىكىدا ھەممىلا ئادەم ئاسانلا قىلالايدىغان ئىشلار، مېكسىكىدا دۇرۇس بىر تەشەببۇسكارنى زېرىكتۈرۈۋەتكۈدەك دەرىجىدە مۇرەككەپتۇر. كارلوس سلىمغا ئوخشاش ئادەملەر قانۇنىي بوشلۇقلاردىن پايدىلىنىپ، سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ بېيىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنى پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي ئورگانلار، خەلقنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداشتىن زىيادە كىچىك بىر قاتلامنىڭ يانچۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئورگانلار خىزمەتلىرىنى ياخشى ئورۇندىغىنىدا، سلىمنىڭ تاكتىكىلىرى كارغا كەلمىدى، ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىش تەشەببۇسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتتا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان شىركەتكە زور مىقداردا تۆلەم تۆلىدى. بۇ قارار دۇنيا ئىقتىسادىدا ئامېرىكا پۇل – مۇئامىلە بازىرىغا كىرىشنى خالايدىغان شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش نۇقتىسىدىنمۇ ئالاھىدە مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

پەقەت ئامېرىكا قىتئەسى تارىخىغىلا قاراشمۇ ئادەمنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلارنى شەكىللەندۈرگەن كۈچلەر توغرىسىدا ئازدۇر – كۆپتۇر پىكىرگە ئىگە قىلىدۇ. دەۋرىمىزنىڭ ھەرخىل قېلىپلارغا ئىگە تەشكىلىي ئاپپاراتلىرىنىڭ يىلتىزى ئۆتمۈشكە سوزۇلىدۇ. چۈنكى، بىر جەمئىيەت بىر قېتىم مۇئەييەن تەشكىلىي تۈزۈمگە كىرىپ قالسىلا، ئۇ شەكىل داۋاملىشىشقا مايىل بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىمۇ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىدۇر. بۇ جاھىل خاراكتېرلىك ئىزچىللىق ۋە بۇنى پەيدا قىلغان كۈچلەر دۇنيادىكى تەڭسىزلىكنى يوقىتىپ تاشلاشنىڭ ۋە نامرات دۆلەتلەرنى بېيىتىشنىڭ نېمىشقا بۇنچىلىك قىيىن ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئوتتۇرىدىكى پەرقنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى ئورگانلار بولسىمۇ، بۇ بۇلارنى ئۆزگەرتىش يولىدا ئورتاق ئىرادىنى نامايان قىلىنىدۇ، دېگەنلىك بولمايدۇ. بىر جەمئىيەتتە ئىقتىسادىي ئېشىشنى ۋە پۇقرالارنىڭ ياخشىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن. چوقۇم ئورگانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ قوبۇل قىلىشى شەرت ئەمەس. چۈنكى، ئورگانلارنىڭ سۈپەتلىك بولماسلىقى سىياسەتنى ۋە سىياسىي ئورگانلارنى كونترول قىلىۋاتقانلارغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە نوپۇز قاتلىمى بىلەن خەلقنىڭ قالغان قىسمى قايسى ئورگانلارنى ساقلاپ قېلىپ، قايسىلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى توغرىسىدا بىردەكلىككە ئىگە بولمايدۇ. چۈنكى، كۈچنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلار جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدۇ. نەتىجىدە جەمئىيەتنىڭ قايسى قائىدىلەرگە ئاساسەن تەرتىپكە سېلىنىدىغانلىقىنى، كۈچنىڭ كىمنىڭ قولىدا بولۇپ قايسى شەكىلدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغىنى سىياسەتتۇر. كارلوس سلىمنىڭ خالىغان نەرسىسىگە ئىگە بولۇشى، بىل گېيتسنىڭ كۈچىنىڭ چەكلىك بولۇشى دەل مۇشۇ سەۋەبتىندۇر. دەپ بۇ سەۋەبتىندۇركى، بۇ نەزەرىيە پەقەت ئىقتىساد بىلەنلا ئەمەس، سىياسەت بىلەن، ئورگانلارنىڭ بىر دۆلەتنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى بىلەن، نەتىجىدە بايلىق ۋە نامراتلىق ئىقتىسادىي بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. يەنە تەشكىلىي ئورگانلارنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قانداق بەلگىلىنىپ ئۆزگىرىشى ۋە مىليونلارچە كىشىنىڭ نامراتلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەقدىردىمۇ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالماسلىقى بىلەن يەنى، بايلىق ۋە نامراتلىق سىياسەتلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. دۇنيادىكى تەڭسىزلىكلەرنى ئىزاھلاش ئۈچۈن پەرقلىق سىياسەتلەرنىڭ ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈملەرنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ھەرىكەت شەكىللىرىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشىنىش لازىم.  چۈنكى، جەمئىيەت تەرتىپىنى بەلگىلەيدىغىنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىدۇر.

چوڭ نۇقتىدىن قارىغاندا، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئوخشىماسلىقلارمۇ يانمۇيان ئىككى بازارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقكە ئوخشايدۇ. باي دۆلەتلەردىكى ئىنسانلارنىڭ تېنى ساغلام، ئۆمرى ئۇزۇن ۋە مائارىپ سەۋىيەسى يۇقىرى بولىدۇ؛ ئۇلار يول، سۇ، توك قاتارلىقلارغا ئىگىدۇر. كەسىپتىن تەتىلگىچە ھاياتلىقتىكى تاللاشلىرىمۇ، ئىمكانىيەتلىرىمۇ نامرات دۆلەتلەردە ياشايدىغانلار تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە كۆپ. تۇرمۇش ئۆلچىمى يۇقىرى، قانۇن – ئىنتىزام بار؛ ھۆكۈمەتلىرىمۇ كىشىلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ زېرىكتۈرۈۋەتمەستىن، ئەكسىچە ئۇلارغا خىزمەت قىلىدۇ، سەھىيە ساھەلىرىدە ھەرخىل ئىمكانىيەتلىرىنى يارىتىپ بېرىدۇ. خەلق سايلامدا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق دۆلىتىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنىڭ بەلگىلىنىشىدە رول ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. دۇنيادىكى تەڭسىزلىكلەرنى ھەممە بىلىدۇ. ئىنسانلارنى قانۇنسىز يوللار بىلەن چېگرالارنى، دېڭىزلارنى ھالقىپ ئۆتۈشكە قىستىغان نەرسىمۇ دەل مۇشۇ. دۇنيادىكى تەڭسىزلىك، يالغۇزلا نامراتلارنىڭ، يوقسۇل – كەمبەغەللەرنىڭ ھاياتلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش بىلەنلا قالماستىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى نۇرغۇن كىشىنىمۇ ئازابلىماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ناھايىتى زور سىياسىي ئاقىۋەتلەرنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ خىل ئوخشىماسلىقلارنىڭ نېمىشقا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ۋە سەۋەبلىرىنى چۈشىنىپ يېتىش لازىم. بۇنداق بىر چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، بىراق نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان مىلياردلارچە ئىنساننىڭ ھاياتىنى گۈزەللەشتۈرۈش يولىدا پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇش نۇقتىسىدىن تۇنجى قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيا نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن مېكسىكا ئارىسىدىكى پەرقلەر كىچىك ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرىچە بىر ئامېرىكا پۇقراسى بىر مېكسىكىلىقتىن 7 ھەسسە؛ پېرۇلۇقلاردىن 10 ھەسسە؛ ئافرىقىلىقلاردىن 20 ھەسسە؛ ئېفىيوپىيە، مالى، سېررالېئونغا ئوخشاش ئەڭ نامرات ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ياشايدىغانلاردىن بولسا، 40 ھەسسە باي. پەقەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىلا ئەمەس ياۋروپا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە، سىنگاپور، جەنۇبىي كورېيە ۋە تەيۋەنگە ئوخشاش دۆلەتلەردە ياشايدىغانلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ بىر پەرقلىق بىر ھاياتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرمەكتە. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى، كىشىلەرگە كەڭ ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بەرگۈچى ئورگانلارنىڭ جەمئىيەتكە سىڭگەن بولۇشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەشكىللىنىش ئۇتۇقلۇق، رەھبەرلەر ئىقتىدارلىق، قانۇنلار توغرا ئىشلىمەكتە. سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلار سودا – سانائەت دۇنياسىنى، شەخسلەرنى ۋە سىياسەتچىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان ئامىللارنى پەيدا قىلىدۇ. ھەرقانداق جەمئىيەت، دۆلەت بىلەن خەلق بىرلىكتە ھاسىل قىلىپ ئىجرا قىلغان بىر قاتار ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي قائىدىلەرگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئىقتىسادىي ئورگانلار  تەلىم – تەربىيە ئېلىش، تەسەررۇپ قىلىش، مەبلەغ سېلىش، يېڭى تېخنولوگىيەلەرنى ئىجاد قىلىش ۋە بۇلارنى قوبۇل قىلىشتەك ئىقتىسادىي تەشۋىقلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئىقتىسادىي ئورگانلارنى سىياسىي مۇساپە؛ بۇ مۇساپىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سىياسىي ئورگانلار بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن، بىر دۆلەتتە پۇقرالارنىڭ سىياسەتچىلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەلىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغىنىمۇ سىياسىي ئورگانلاردۇر. مۇشۇنداق بولغاندا، سىياسەتچىلەرنىڭ (نۇقسانلىرىدىن قەتئىينەزەر) خەلقنىڭ ۋەكىلى ياكى ئەمەسلىكىنى، ھوقۇقىنى شەخسىي مەنپەئەتلىرىگە بويسۇندۇرۇپ كۈچلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ – قىلمىغانلىقىنى ياكى نەپسىگە چوغ تارتىپ خەلقكە زىيانلىق ئىشلارغا ئارىلىشىپ – ئارىلاشمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. سىياسىي كۈچنىڭ جەمئىيەتكە قانداق تارقالغانلىقىنى بېكىتىدىغان ئامىللارنىمۇ نەزەرگە ئېلىش لازىم. بولۇپمۇ ئوخشاش بولمىغان گۇرۇپپىلارنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۆز مۇددىئالىرىنى بويلاپ ياكى باشقىلارنىڭ نىشانلىرىغا يېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىشلىرى مۇمكىن. سىياسىي ئورگانلار ئاساسىي قانۇن ۋە يازما نىزامنامىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن بۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بىر جەمئىيەتنىڭ دېموكراتىك بولۇش – بولماسلىقى بىلەنمۇ چەكلەنمەيدۇ. دۆلەتنىڭ جەمئىيەتنى تەرتىپكە سېلىپ باشقۇرۇش كۈچى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تەشكىلىي ئورگانلارنىڭ شەخسلەرنىڭ ھەرىكىتى ئۈستىدىكى رىغبەتلەندۈرگۈچى تەسىرى، دۆلەتلەرنىڭ ئۇتۇقىنى بەلگىلەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارلىرى بارلىق جەمئىيەتلەرگە نىسبەتەن مۇھىم بولسىمۇ، بۇنىڭ ئىجابىي بىر كۈچكە ئايلىنىشى ئۈچۈن، مۇستەھكەم تەشكىلىي رامكىنىڭ بولۇشى شەرت. مائارىپ سىستېمىسى ئىنسانلارنى ئىقتىدارىنى تولۇقلىغۇچى پۇرسەتلەرگە ئىگە قىلىشى ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلار ئىنسانلارغا ئاسان ئىش – خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى لازىم. كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ھالقىپ ئۆتۈش قىيىن توسۇقلارنى پەيدا قىلىشنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق لايىھەلەرنى روياپقا چىقىرىشقا ياردەمچى بولىدىغان مالىيە مەنبەلىرىنىمۇ ئورگانلار يارىتىشى كېرەك. سۈپەتلىك ئەمگەك كۈچى، رىقابەت مۇھىتىغا ئىگە بازار ۋە ئادىل بازارغا سېلىش مۇھىتى تەشەببۇسكارلارنىڭ، شىركەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا پۇرسەت بېرىشى لازىم. مەسىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بىل گېيتس ۋە ستېۋ جوبسقا ئوخشاش كارخانىچىلارنىڭ ئۇچۇر ساھەسىدە دۇنيا مىقياسىدا ئۇتۇق قازىنىشى بۇنىڭ سايىسىدا ئىشقا ئاشتى. ئامېرىكىلىق نۇرغۇن كارخانىچىلارغا ئوخشاش بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى پىكرىي ئىگىدارچىلىق ھوقۇقلىرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىدىغانلىقىغا ۋە بىر دىكتاتورنىڭ ھوقۇقنى تارتىۋېلىپ، ئويۇننىڭ قائىدىلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدىغانلىقىغا، تويۇقسىزلا مال – مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈرمىگە تاشلانمايدىغانلىقىغا، ھاياتلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلاتتى. مەنپەئەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنى ئېغىر ئىقتىسادىي بوھرانغا ئىتتىرەلمەيدىغانلىقىمۇ ئېنىق ئىدى. چۈنكى، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە سىياسىي كۈچنىڭ ھەم چەك – چېگراسى سىزىلغان ھەم يېتەرلىك دەرىجىدە تارقاقلاشقانىدى. ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پىشىپ يېتىلگەن سىياسىي ئورگانلار پەيدا قىلغان بىر قاتار ئىقتىسادىي ئورگان، باياشاتلىق يارىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. يېڭى قەدەملەر قانۇننىڭ كۈچى بېغىشلىغان ئىشەنچ تۇيغۇسىغا، ئىقتىسادىي پائالىيەتنى قوللىغۇچى سىغدۇرۇشچان ئورگانلارغا ۋە سىياسىي مۇقىملىقنى كۈچكە ئىگە قىلغۇچى سىغدۇرۇشچان سىياسىي ئورگانلارنىڭ ئىزچىللىقىغا تايانغان ھالدا تاشلىناتتى. ئىقتىسادىي ئورگانلار بىر دۆلەتنىڭ نامراتلىقىنى ياكى بايلىقىنى بېكىتىشتە ھالقىلىق  ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، بىر دۆلەت ئىگە بولغان ئىقتىسادىي ئورگانلارنى بەلگىلەيدىغىنى سىياسەت ۋە سىياسىي ئورگانلاردۇر.

 

بايلىق ۋە نامراتلىقنى يارىتىش

 

دۇنيادىكى تەڭسىزلىكنى ئىزاھلاپ بېرىدىغان مىساللارنىڭ بىرى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە، يەنى 1945  – يىلى شىمال ۋە جەنۇبتىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنگەن كورېيەدۇر. بىر زامانلاردىكى بىر جەمئىيەتنىڭ مەنسۇپلىرى ئارىسىدا نۆۋەتتە ئالەمچە پەرقلەر بار. ئويلاپ باقايلى، 60 يىل بويىچە پەرقلىق تۈزۈملەر ئاستىدا پەرقلىق ئورگانلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇش مۇشۇنداق زور پەرق يارىتىدىغان بولسا، بىر قانچە ئەسىر نېمىلەرنى ئۆزگەرتىۋېتەر؟! سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەر ئىككى تەرەپ ئىقتىسادلىرىنى تەرتىپكە سالدى؛ ئەمما بىر – بىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق يوللارنى تاللىدى. جەنۇبتا دىكتاتور بولسىمۇ، بازار ئىقتىسادىنى قوبۇل قىلىدىغان پىرېزىدېنتلار سايىسىدا خەلقكە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بېرىلدى، ئۇتۇق قازانغان شىركەتلەر دۆلەت تەرىپىدىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەندى. جەنۇبىي كورېيەلىك سىياسەتچىلەر ئاممىنى مائارىپقا مەبلەغ سېلىپ، سانائەتلىشىشكە، ئېكسپورتقا، سېلىنمىلارغا ۋە تېخنولوگىيەگە يۈزلىنىشكە رىغبەتلەندۈردى، نەتىجىدە جەنۇبىي كورېيە سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلدى. شىمالىي كورېيە بولسا، ھەم يېزا – ئىگىلىك ھەم سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا ئارقىدا قالدى. ئىگىدارچىلىق ھوقۇقلىرىنىڭ بولماسلىقى ئادەتتە كىشىلەرنى مەبلەغ سېلىشتىن توسۇپ قويسا، ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، داۋاملاشتۇرۇشقىمۇ كۈچ سەرپ قىلىنماسلىقىغا سەۋەب بولدى. دىكتاتور تۈزۈم يېڭىلىقلارنى رەت قىلماقتا؛ گوياكى ئاتىسى كىم ئىلسۇڭغا ئوخشاشلا كىم جوڭئىل ۋە تەرەپدارلىرىنىڭمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش نىيىتى يوق. شۇ ۋەجىدىن شىمالىي كورېيە ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر ئىزدا ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پەرقلىق يوللارنى تاللىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئورگانلىرىغا قاراش لازىم. بارلىق ئىقتىسادىي ئورگانلارنى خەلق يارىتىدۇ. مەنپەئەت ۋە نىشانلىرى ئوخشاش بولمىغان پەرقلىق ئىنسانلارنىڭ جەمئىيەتنى قانداق شەكىللەندۈرىدىغانلىقىغا دائىر قارارلىرى يەنى سىياسەتلىرى پەرقلىق بولىدۇ. شىمالىي كورېيەدىكى ئورگانلارنى تاڭغانلار سوۋېتلەر؛ لاتىن ئامېرىكىسىدا بولسا، ئىسپان ئىستىلاچىدۇر. سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادىي ئورگانلار ئىقتىساد پائالىيەتنى، ئەمگەك ئۈنۈمىنى ۋە باياشاتلىقنى كۈچەيتىدۇ، بايلىق ياراتقۇچى ئىككى ئىتتەرگۈچى كۈچ بولغان مائارىپ ۋە تېخنولوگىيەنىڭ يولىنى داغداملاشتۇرىدۇ. سىجىل ئىقتىسادىي ئېشىش ئاساسەن دېگۈدەك ئەمگەك كۈچىنىڭ، زېمىنلارنىڭ ۋە مەۋجۇت سەرمايىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تېخنولوگىيەلىك ئىلگىرىلەشلەرگە ھەمراھ بولىدۇ. سامسۇڭ، ھيۇندائىغا ئوخشاش ماركىلارنىڭ شىمالدىن ئەمەس، جەنۇبىي كورېيەدىن چىقىشىمۇ بۇ سەۋەبتىندۇر.

ئىقتىسادىي ئورگانلار سىغدۇرۇشچان بولغىنىدا يېڭىلىق يارىتىشقا، سېلىنمىغا ۋە پۇقرالارنى ئىقتىدارلىرىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ساھەلەرگە رىغبەتلەندۈرىدۇ. سىغدۇرۇشچان سىياسىي ئورگانلار بولسا، سىياسىي كۈچنى جەمئىيەتكە باراۋەر تارقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، سىياسەت پەقەت بىرلا كىشى ياكى تار بىر قاتلام تەرىپىدىن مونوپول قىلىۋېلىنالمايدۇ. سىغدۇرۇشچان سىياسىي ئورگانلار دېموكراتىك سايلاملارنى ئۆتكۈزۈشتىنمۇ كۆپ نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر پارتىيەلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغان تەقدىردىمۇ سىياسىي كۈچنىڭ تەڭ تارقىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىشى لازىم. ھىندىستان ۋە ھىندونېزىيەگە ئوخشاش ئورگانلىرى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە يەكلىگۈچى خاراكتېرگە ئىگە دۆلەتلەردە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى كاپالەت ئاستىغا ئېلىنمىغان بولغاچقا، يېڭىلىقلارغا رىغبەتلەندۈرۈلمەيدۇ، سېلىنمىلارنىڭ يولى توسۇلۇپ قالىدۇ. مائارىپ سىستېمىسى ئاجىز بولغاچقا، نوپۇسنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن پايدىلىنىشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ سىغدۇرۇشچان  ئورگانلارنى تەسىس قىلىش  يولىدا تاشلىغان قەدەملىرى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

سىياسىي كۈچ ھەربىي، ئىقتىسادىي ياكى سىياسىي ساھەدىكى تار بىر قاتلامنىڭ قولىدا مونوپوللىشىپ قالغان جايلار بىلەن كۈچ تەڭ – باراۋەر تارقىتىلغان جايلار ئارىسىدا ناھايىتى زور پەرق بار بولۇپ، بۇنىڭ ئارقىسىدىمۇ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورگانلار ياتىدۇ.  تەرتىپكە سېلىش ۋە تەكشۈرۈشنى توغرا ئېلىپ بارالايدىغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورگانلارغا ئىگە دۆلەتلەر راۋاج تاپىدۇ. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان سىياسىي ئورگانلارنىڭ ھىمايىسىدىكى سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادىي ئورگانلارغا ئىگىدۇر. كۈچنى مونوپول قىلىش ئۈچۈن تەشكىلىي ئورگانلاردىن پايدىلىنىدىغان ۋە مەزكۇر ئورگانلارغا تايىنىدىغان ئىقتىسادىي ئېشىش بارلىق دۆلەتلەردە چەكلىك بولىدۇ؛ ئوتتۇرىغا چىققان تەڭسىز قۇرۇلمىدا مەمۇرىي ۋە سىياسىي ھەقلەر باستۇرۇپ قويۇلىدۇ. دىكتاتور ئورگانلارغا لىدىرلارغا جەزبىدار كۆرۈنىدۇ. چۈنكى، بۇ ئورگانلارغا دىكتاتورچىلارنى پەۋقۇلئاددە كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. لېكىن، ئېلىپلا قېچىش ۋە تېخنولوگىيە يۆتكەشكە مەركەزلەشكەن بۇ خىل ھاكىممۇتلەق يۈكسىلىش، يېڭىلىق ۋە سىجىل ئىلگىرىلەش ئېلىپ كەلمەيدۇ. نۆۋەتتە ھاكىمىيەتنى كۈچلۈك سەركە قاتلام ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان، ئىچكى ئۇرۇش جاراھەتلىرىنى تاڭغان ئافرىقا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردىكى يۆنىلىش بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر.

ھالبۇكى، يېڭىلىقچىلىق سىجىل ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرىدۇر. نوپۇسنىڭ كۆپ سانلىقى ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالايدىغان يېڭىلىقچى ۋە سېلىنمىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان ئۈنۈملۈك مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن يولغا قويۇلۇشى كېرەك بولغان سىياسەتلەر بولىدۇ. يېڭى پىكىرلەرگە، يېڭى ئىنسانلارغا ۋە يېڭى تېخنولوگىيەلەرگە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىقتىسادىي ساھەدىكى يېڭىلىقلارغا ھەمدەم بولۇش، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش شەرتتۇر. بۇلارنى قىلالىغان، ئوچۇق – ئاشكارا ھالەتتە باشقۇرۇلغان؛ ياخشى مائارىپ ئورگانلىرى ۋە باراۋەر ھەق – ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي ئىشتىراكنى ئىشقا ئاشۇرالىغان ئەركىنلىكپەرۋەر تۈزۈملەر تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ.

 

نامرات دۆلەتلەرگە قىلىنغان چەتنىڭ ياردەملىرىنىڭ ئۈنۈمسىزلىكى

 

مىلياردلارچە ئىنساننى نامراتلىقنىڭ پەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ باياشات مۇھىتقا ئىگە قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى نېمە؟ غەربتىكى باي دۆلەتلەردىن كەلگەن خەير- ساخاۋەت ياردەملىرىنىڭ مىقدارىنىڭ ئاشۇرۇلىشىمۇ؟ دۇنيادىكى تەڭسىزلىك ۋە يوقسۇللۇقنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىكەنمىز، قۇرۇق ئۈمىدلەرنى يۈدۈپ يۈرۈش بىھاجەت. دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىق قېلىپىنى چېقىپ تاشلاش ئۈچۈن سىغدۇرۇشچان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلارغا ئېھتىياج بار. لېكىن چەتنىڭ ياردەملىرىنىڭ بۇنىڭغا دېگەندەك پايدىسى يەتمەيدۇ. ياردەملەرنىڭ رەتكە سېلىنىشى بولسا، ساقلىنىۋاتقان ئايرىم بىر مەسىلە. ياردەملەرنىڭ ناھايىتى ئاز بىر بۆلىكى موھتاجلارغا يېتىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىجىللىققا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن سىغدۇرۇشچان ئورگانلار زۆرۈر بولسا، ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئاۋامنى يەكلىگۈچى ئورگانلارنىڭ بېشىدىكى تۈزۈملەرگە ھەمنەپەس بولۇش ئەلۋەتتە مەسىلىنىڭ چارىسى ئەمەس. ئافغانىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنى نامراتلاشتۇرۇۋەتكىنىمۇ بۇ خىل ئورگانلاردۇر. قانۇن – تۈزۈمنىڭ بولماسلىقى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتتا سەركە قاتلامنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇشى دېگەندەك تەشكىلىي قۇرۇلمىلار يۈزىسىدىن ياردەملەر يېتىپ بېرىشى كېرەك بولغان يەرگە بارماستىنلا بولاڭ – تالاڭ قىلىنىدۇ. ھەتتا بەزى ياردەملەر مەسىلىنىڭ ئەسلىي مەنبەسى بولغان ئورگانلارنىڭ ئۈستىدىكى تۈزۈملەرنى قوللىغان بولىدۇ. ئافرىقىنىڭ كۆپىنچە دۆلەتلىرىدە ئەھۋال بۇنىڭدىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئەركىن بازار ياكى دېموكراتىيە يولىدا ئىلگىرىلەشكە ئوخشاش ئەھۋاللارغا باغلاپ تۇرۇپ، ياردەملەرنى شەرتلىك قىلىش بىر چارىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

لېكىن، بۇلار ئىنسانپەرۋەر ياردەملەر قىلىنماسلىقى كېرەك، دەپ چۈشىنىلمەسلىكى لازىم. مەكتەپ ئېچىشنى نىشان قىلغان بەزى ياردەم پىلانلىرىنىڭ تالىبان تۈزۈمىدىمۇ ياخشى تەتبىقلىنىپ، نۇرغۇن پايدا ياراتقانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. دەرۋەقە، ياردەملەرنىڭ غەربلىكلەرنىڭ ۋىجدانىغا ئارام بېغىشلىغۇچى تەسىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار بولغانلىقى ئۈچۈن، مەۋجۇت ھالەت داۋاملىشىدۇ. شۈبھىسىزكى، ياردەملەرگە ئەڭ موھتاج دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىشنى توختىتىش شەپقەتسىزلىك قىلىش بولىدۇ. كۆپىنچىسى بىكار بولۇپ كەتسىمۇ، پەقەت بولمىغاندىن ياخشىدۇر. ئەگەر مەسىلە ئورگانلارنى ياخشىلاش بولىدىغان بولسا، ھېچبولمىغاندا ياردەملەرنىڭ بىر بۆلىكىنى سىغدۇرۇشچان ئورگانلارنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا ئاجرىتىش پايدىلىقتۇر. بۇنىڭدىن باشقا، ياردەملەرنى شەرتلەرگە باغلاپ قىلىشنىڭ ئورنىغا ھاكىمىيەتتىن يەكلەنگەن گۇرۇپپىلار بىلەن جامائەت ئەربابلىرىنىڭ قارار چىقىرىش مېخانىزملىرىغا قاتناشتۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ كەڭ بىر قىسمىنىڭ سالاھىيەتكە ئىگە قىلىنىشى تېخىمۇ ئۇيغۇن پىكىر بولۇشى مۇمكىن.

 

خۇلاسە

 

جەمئىيەتتىكى كەڭ قاتلاملارنى كۈچەيتىپ سالاھىيەتكە ئىگە قىلىش ئارقىلىق سىغدۇرۇشچان سىياسىي ئورگانلارنى روياپقا چىقىرىشنىڭ جەزملەشكەن يول خەرىتىسى يوق. بىراق، بۇ مۇساپىگە يېتەكلەيدىغان بەزى ئامىللارنىڭ بارلىقى ناھايىتى روشەندۇر: بۇ ئامىللارنىڭ كۆپىنچىسى تارىخىي نۇقتىدىن ئاللىقاچان بېكىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆزگىرىشىگە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. مەۋجۇت تۈزۈملەرگە قارشى قوزغالغان ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنىڭ بىراقلا قانۇنسىزلىققا ئايلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مۇئەييەن نۇقتىغىچە مەركىزىي تەرتىپ ئورنىتىلغان بولۇشى كېرەك؛ كۈچلۈك بىرلەشمىلەر ھاسىل بولۇپ بەرداشلىق كۈچىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن، بوتسۋانانىڭ ئەنئەنىۋى ئورگانلىرىغا ئوخشاش ئازراق بولسىمۇ كۆپ سانلىقچى سىياسىي ئورگانلار مەۋجۇت بولۇشى لازىم؛ ئۆكتىچى ئېقىملارنىڭ ھەم مەۋجۇت ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئاسانلا ئىزىپ تاشلانماسلىقى ھەم ئومۇمىي خەلقنى يەكلىگۈچى ئورگانلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا كىرگۈزمەكچى بولغان باشقا بىر قاتلامنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، خەلقنىڭ تەلەپلىرىنى ماسلاشتۇرىدىغان ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار بولۇشى كېرەك…

ئادەتتە تەرتىپ – ئىنتىزامنى ساقلاشقا، ئوغرىلىق ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەسئۇل دۆلەت ئورگىنى بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىسا؛ قانۇن، ئاممىۋى خىزمەتلەر، مائارىپ، ئۇيۇشمىغا ئورگانلارغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىسا، خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، بىرازىلىيەدە بىر – بىرىدىن پەرقلىق ناھايىتى كۆپ ئىجتىمائىي ھەرىكەتنىڭ بايرىقى ئاستىدا بىرلىشىشى ئارقىسىدا ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى دەسلەپتە مەھەللىي سايلاملاردا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئارقىدىن كۆپ سانلىقچى تونۇشنى ياقلىغان ھالدا ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە كوللېكتىپ ئىشتىراكقا ئىشىكى ئوچۇق سىياسەتنى يولغا قويغان ھۆكۈمەت سايىسىدا بىرازىلىيەنىڭ ئىقتىسادىي ياخشىلاندى ۋە لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە گېپى ئۆتىدىغان تۇنجى دۆلىتىگە ئايلىنالىدى. بۇ پۈتۈنلەي جاسارەتلىك كىشىلەرنىڭ سىغدۇرۇشچان ئورگانلارنى قۇرۇپ چىقىش تىرىشچانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. دېمەككى، كەڭ خەلق ئاممىسىغا خىتاب قىلىدىغان ئىتتىپاقداشلىقلارنى ئورناتقىلى، ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنى ۋە پارتىيەلەرنى نۆلدىن قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. بىراق بۇ ناھايىتى ئاستا ئىلگىرىلەيدىغان بىر جەرياندۇر. شۇنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، ئوخشىمىغان شارائىت ئاستىدا بۇ ئۇسۇلغا تايىنىپ قانچىلىك ئۇتۇق قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن.

كوللېكتىپنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە سالاھىيەتكە ئىگە قىلىنىشى مۇساپىسىدىكى يەنە بىر ئامىل، مۇھىم ئۆزگەرتىش رولىغا ئىگە مېدىيادۇر. ھاكىمىيەت ئىقتىسادىي ياكى سىياسىي جەھەتتىن سۇيىئىستېمال قىلىنغىنىدا، بۇنىڭ خەلقكە مەلۇم قىلىنىشى؛ خەلقنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى مېدىيانىڭ ۋەزىپىسىدۇر. مېدىيا يەنە ئەنگلىيەنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىدىكىگە ئوخشاش ئۈزۈل – كېسىل سىياسىي ئىسلاھاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن خەلقنىڭ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈش رولىنىمۇ ئوينىيالايدۇ. تارىختىكى مۇھىم ئىنقىلابلاردا كىتابچىلار ۋە تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى كىشىلەرنى ئاقارتىپ، دېموكراتىيەلىشىش يولىدا ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن. دەۋرىمىزدىكى مەنىسى ئۇچۇر – ئالاقە تېخنولوگىيەلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كۆپەيگەن تور بلوگلىرى، ئىسىمسىز سۆھبەت كۆزنەكلىرى، فەيسبۇك ۋە تۋىتتېرغا يېڭى مېدىيا تۈرلىرىدۇر. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئىراندا ئەھمەدى نېجادقا قارشى ۋە ئەرەب باھارىدىكىگە ئوخشاش ھاكىمىيەتكە قارشى ئۆكتىچىلەرگە نىسبەتەن پايدىلىق روللارنى ئوينىدى. دىكتاتور تۈزۈملەر ئەركىن مېدىيانىڭ مۇھىملىقىنى ياخشى بىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن قوللىرىدىن كېلىدىغان ھەممە ئىشنى قىلىدۇ. دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەتنىڭ بېشىغا كەلگەن تۇرۇپ، پېرۇدا دىكتاتور تۈزۈم ئورناتقان فۇجىمورى ۋە مۇئاۋىنى مونتېسىنوس، تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى ياكى گېزىتلەرنى سېتىۋالغانلىقى، چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا دائىر پاكىتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن پارا بەرگەنلىكى دەلىللەنگەن يېگانە لىدىرلار ئەمەس. دىكتاتور تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان يەنە بىر دۆلەت خىتايدا بولسا، پارتىيەنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى قولدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئارمىيەنى، كادىرلارنى، مېدىيادا چىققان خەۋەرلەرنىڭ كونترول قىلىنىدىغانلىقى مەلۇمدۇر.

ئەلۋەتتە، ئەركىن مېدىيا ۋە يېڭى ئالاقە تېخنولوگىيەلىرى خەلقنى ۋاقىپلاندۇرۇپ تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان ئورگانلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى خالايدىغانلارنىڭ تەلەپلىرىنى ۋە ھەرىكەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، مۇئەييەن نۇقتىغىچە ياردەمچى بولالايدۇ. لېكىن جەمئىيەتتىكى كەڭ قاتلامنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ۋە تەشكىللىنىشى بىلەن كۈچلۈك سىياسىي ئۆزگىرىش روياپقا چىقىشى مۇمكىن. بۇ جەرياننىڭ دۆلەتنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ يولىنى ئېچىشى ئۈچۈن، بۇنداق بىر كوللېكتىپ ھەرىكەت، مەۋجۇت يەكلىگۈچى ئورگانلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈشنى ياكى بۆلگۈنچى سەۋەبلەرنى كۆزلەپ ئەمەس، يەكلىگۈچى ئورگانلارنىڭ تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان ئورگانلارغا ئۆزگەرتىلىشىنى نىشان قىلىشى كېرەك.

تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان ئورگانلارنىڭ يولىنى ئاچقان سىياسىي ئىنقىلابلارنىڭ ئورتاق نۇقتىسى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنى سالاھىيەتكە ئىگە قىلغان بولۇشى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۆپ سانلىقچى بولۇشىدۇر. كۆپ سانلىقچىلىق (كۆپ سانلىقنىڭ خاھىشى بويىچە يول تۇتۇش) سىياسىي كۈچنىڭ جەمئىيەتكە ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە كەڭ تارقالغان بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. مەسىلەن، ھەيۋەتلىك ئىنقىلاب ئەسناسىدا پادىشاھنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا سودىگەرلەر، سانائەتچىلەر، ئېسىلزادىلەر، ھەتتا پادىشاھلىق بىلەن بىرلىك ئورناتمىغان ئاقسۆڭەكلەرمۇ رول ئوينىغانىدى. جەمئىيەتتىكى زور بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىنقىلاب سايىسىدا كۈچكە ئىگە بولغان ئامما، ھاسىل قىلىنغان ھەقلەرگە تايىنىپ تېخىمۇ كېڭەيگەنىدى. تېخىمۇ قانلىق ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي، فىرانسىيە ئىنقىلابىمۇ نەتىجىدە كۆپ سانلىقچى ۋە دېموكراتىك بىر تۈزۈمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تۈرتكە بولدى. 1868 – يىلىدىكى مېئىجى ئىسلاھاتى ياپونىيەنىڭ سىغدۇرۇشچان ئورگانلارغا ئۆتۈش مۇساپىسىگە سىياسىي ئىنقىلاب ئارقىلىق باشلامچىلىق قىلدى.

لېكىن، خانى – ۋەيرانچىلىقلارنى ۋە ئېغىر مۇشەققەتلەرنى پەيدا قىلغان ئىنقىلابلارنىڭ ھەممىسىنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولمايدۇ. بولشېۋىك ئىنقىلابى، چارلىق رۇسىيەسىنىڭ سۈمۈرگۈچى سىياسەتلىرىگە خاتىمە بېرىپ، رۇسىيە خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە باياشاتلىق يارىتىدىغان ئادىل بىر تۈزۈمنى ئورنىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، نەتىجە، ئاغدۇرۇپ تاشلانغان تۈزۈمنىڭ ئورنىغا كەلگەن تۈزۈمنىڭ تېخىمۇ زالىم ۋە خەلقنى سۈمۈرگۈچى، يەكلىگۈچى ئورگانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئىبارەت بولدى. خىتاي، كۇبا ۋە ۋىيېتنامدىمۇ ئوخشاش ئەھۋاللار يۈز بەردى. مىسىر ۋە زىمبابۋىغا ئوخشاش دۆلەتلەردە بولۇپ ئۆتكىنىدەك، ئىنقىلاب كوممۇنىست بولمىسىمۇ ، يۇقىرىدىن چۈشكەن ئىسلاھاتلارنىڭ نەتىجىسى دېگەندەك خەيرلىك بولۇپ كەتمىدى. تارىخ بويىچە ئولىگارخىيەنىڭ تۇچ قانۇنى ئالدىدا مەغلۇپ بولۇپ كەلگەن ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى، ئومۇمەن كونىراپ كەتكەن ناچار ئورگانلارنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ناچار خاراكتېرلىك يېڭىلىرىنىڭ ئورۇنلىشىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئەپسۇسكى، دېموكراتىيەنىڭ بولۇشى كۆپ سانلىقچى بولۇشنىڭ كاپالىتى ئەمەس. بىرازىلىيەدە ھاسىل بولغان كۆپ سانلىقچى ئورگانلارنىڭ ئەكسىچە ۋېنېزۇئېلادا 1958 – يىلى دېموكراتىيەگە قەدەم بېسىلغان بولۇشىغا قارىماي، قالاق سىياسەتلەر، يۈز خاتىرە قىلىپ قانۇنسىزلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇشلار ۋە سۈركىلىشلەر  داۋاملىشىپ كەلدى. خەلقنىڭ سايلام ساندۇقىنىڭ بېشىغا بارغان چېغىدا چاۋېزغا ئوخشاش بىر دىكتاتورغا رازىمەنلىك بىلدۈرۈشىنىڭ سەۋەبىمۇ – قىسمەن بولسىمۇ، يىلتىز تارتىپ كەتكەن ئۈستۈن قاتلامغا پەقەت ئۇلا تاقابىل تۇرالايدۇ، دەپ ئويلىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. نەتىجىدە ۋېنېزۇئېلا ھازىرمۇ يەكلىگۈچى ئورگانلار بىلەن ئىدارە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسا، بىرازىلىيە كونا قېلىپنى چېقىپ تاشلىيالىدى.

كۆپ سانلىقچىلىق بولمىسا، پەرقلىق مەنپەئەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىرى كۈچنى قولىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى باشقىلارغا قارشى ئىشلىتىشى مۇمكىن. چەكلىگۈچى سىياسەتلەر ھامان بىر كۈنى زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. شەخسلەر ئەركىنلەشمەي تۇرۇپ، جەمئىيەتلەرنىڭ گۈللىنىشى مۇمكىن ئەمەس.

دۆلەتلەر، ئىلگىرىلەش تەرەپدارى سىياسىي ئورگانلارنى جايىدا شەكىللەندۈرەلىگىنىدە راۋاجلىنىدۇ؛ ئۇ ئورگانلار قاتماللىشىپ كەتكەن ياكى ماسلىشىشچانلىقى يوقاپ كەتكەن چاغدا، مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم بولىدۇ. كۈچلۈكلەر، نوپۇزدارلار ھەردائىم ۋە ھەممىلا يەردە ھۆكۈمەتلەرنى كونترول قىلىشنىڭ كويىدىلا يۈرىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا پالتا ئۇرۇشتىن يالتايمايدۇ. يا بۇنداق ئادەملەرنى كۆپ سانلىقچى، ئىشتىراكچى، سىغدۇرۇشچان ئورگانلارغا ئىگە پائال دېموكراتىيە ئارقىلىق كونترول قىلىسىز ياكى دۆلىتىڭىزنىڭ يىمىرىلىشىنى تاماشا قىلىپ تۇرىسىز.

 

 – تۈگىدى –

 

دارون ئاجەمئوغلۇ: 1967 – يىلى ئىستانبۇلدا دۇنيا كەلگەن. 1986 – يىلى گالاتاساراي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن. باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئەنگلىيەنىڭ يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىنى بولسا، مۇشۇ ساھەنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق مەكتەپلىرىنىڭ بىرى بولغان لوندون ئىقتىساد مەكتىپى (London School of Economics) دىن ئالغان. 1993 – يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدا دەرس ئۆتۈشكە باشلىغان. 2000 – يىلى پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. قىزىقىدىغان ساھەلىرى سىياسىي ئىقتىساد، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىقتىسادىي ئېشىش، كىرىم ۋە ئىش ھەققى تەڭپۇڭلۇقى تەڭسىزلىكى.

جېيمس ئا.روبىنسون: 1932 – يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دۇنياغا كەلگەن. 1958 – يىلى سىياسىي پەنلەر بويىچە Northwestern ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇزۇن يىللار بويىچە ئىقتىسادشۇناس ۋە جەمئىيەتشۇناس سۈپىتىدە دەرس ئۆتكەن پىروفېسسور روبىنسون لاتىن ئامېرىكا ۋە ئافرىقا ئىقتىسادى ساھەسىدىكى ناھايىتى قىممەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*