تۈركىيەدىكى تەرىقەتلەر ۋە خالىدىييە نەقشى بەندىلىكى

2018-يىلى 30-ئىيۇل

مەھمەت ئەلى كارابۈيۈك –ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تۈركىيە ئىسلام دۇنياسىدا تەرىقەت ئەنئەنىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئەللەردىن بىرسى بولۇپ، تۈركلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسيادا ئىسلامىيەتنى سوپىلار ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆگىنىپ، قوبۇل قىلىنغانلىقى بىردەك قوبۇل قىلىنماقتا. ئىران ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئانادولۇغا كۆچۈش جەريانىدا ۋە بالقانلارغا ئۆتۈشتە تەرىقەتلەرنىڭ، ھەم فەتىھلەردە ھەم فەتىھ قىلىنغان جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىدا، ھەم ئىسلامى ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ شەھەرلەردە ئومۇمىيلىشىشىدا ۋە تەشكىللىنىشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقى بىلىنمەكتە. دەسلەپكى مەزگىللەردە يەسەۋىييە، ۋەفائىييە، ھەيدەرىييە، قەلەندەرىييەگە ئوخشاش باتىنى تەرىپى ئېغىر سالماقتا تۇرىدىغان تەرىقەتلەر تۈركلەر ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولسا؛ كېيىنكى مەزگىللەردە سەلچۇقلار بىلەن بىرگە، ئانادولۇدا كۆچمەنلىكتىن شەھەر ھاياتىغا كۆچۈش بىلەن بىرلىكتە مەۋلەۋىلىك، قادىرىلىككە ئوخشاش سۈننى تەرىقەتلەرنىڭ كۈچلىنىشكە باشلىغانلىقى كۆرۈلمەكتە.
ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزى جۇغراپىيىسىدە 600 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئوسمانلى دۆلىتى تەسەۋۋۇپ خاراكتېرلىك تەشكىللىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، دۆلەت بىلەن ئاۋام ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ساقلاپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك سۈپتىدە بۇ خىل مۇئەسسەسەلەرنى يۆلىگەن، بۇلارنى ھىمايە قىلغان. 19 – ئەسىردىكى دۆلەتنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش سىياسىتى دۆلەت – تەرىقەت مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، مەجلىسى مەشايىخ ( شەيخلەر مەجلىسى ) ئىسمى بىلەن شەيخۇلئىسلامغا قارام قىلىنغان رەسمىي ئورگان تەرىپىدىن تەرىقەتلەر نازارەت قىلىنىشقا باشلانغان. خانىقاغا تەيىنلەنگەن شەيخنىڭ تەستىقلىنىشى بىلەن ۋەقپە مەسلىلىرى ۋە تەرىقەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا قارارلار بۇ ئورگانغا ھاۋالە قىلىنغان.
تەرىقەتلەر 1. دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىستانبۇلنىڭ، مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنقەرەدىكى مەجلىسنىڭ (پارلامېنت) بۇيرىقى ئاستىدا پەۋقۇلئادە پايدىلىق خىزمەت كۆرسەتكەن. ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1925 – يىلى تەرىقەتلەرنى چەكلەپ، خانىقا ۋە دەرگاھلارنى تاقىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن قانۇنىي كىملىكلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان تەرىقەتلەر پائالىيەتلىرىنى بۈگۈنگىچە ئاساسەن دېگۈدەك تۈرلۈك ئۇيۇشما ۋە ۋەقىپلەر ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. خانىقا ۋە دەرگاھلىرى بولمىغان بولسىمۇ، زىكىر – تەسبىھ مۇراسىملىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى خۇسۇسىي ماكانلاردا مەخپىي شەكىلدە ئېلىپ بارغان. كۈنىمىز تۈركىيەسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەرىقەتلەرنىڭ كۆپ سانلىقى نەقشىبەندىييەدىن كېلىپ چىققان. قادىرىييە، مەۋلەۋىييە، ئۇششاقىييە، رىفائىييە، مەلامەتىييە، ھالۋەتىييەگە ئوخشاش تەرىقەتلەر مەۋجۇت بولسىمۇ[1]، بۇلار نەقشىبەندى تەرىقىتىگە ئوخشاش كەڭ دائىرىدە تارقالمىغان ۋە تەشكىلىي ھالەتتە ئەمەس.
نەقشىبەندىلىكنىڭ ئانادولۇدا قۇدرەت تېپىشى، بۇ تەرىقەتنىڭ خالىدىييە غولىنىڭ ئوسمانلى تېررىتورىيەسىدە تەشكىللىنىشى بىلەن باشلىنىدۇ. خالىدىلىكنى قۇرۇپ چىققۇچى دەپ قارالغان مەۋلانا خالىد ئەل-باغدادى ئەل-كۈردى، شىمالى ئىراقنىڭ سۇلەيمانىيە شەھرىگە قاراشلىق قاراداغ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن (1779). مەدرىسە تەلىمىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇستاز بولغان. 1805 – يىلى ھەج سەپىرى جەريانىدا تەسەۋۋۇپقا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان بىر قىسىم ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. سەپەردە ئۇچرىغان ھىندىستانلىق بىر دەرۋىش ئۇنىڭغا ھىندىستانغا بېرىپ، نەقشى شەيخى ئابدۇللاھ ئەد-دىھلەۋىگە ( ۋاپات، 1824 ) مۇرت بولۇشنى تەۋسىيە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىران ۋە ئافغانسىتان ئارقىلىق جاپالىق سەپەرلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن مەۋلانا خالىد، ئۇ يەردە بەش ئاي داۋاملاشقان سەيرى سۈلۈك باسقۇچىدىن، شەيخى تەرىپىدىن يۇرتى سۇلەيمانىيەگە خەلىپە قىلىپ تەيىنلەنگەن. بۇ ساياھىتى جەريانىدا ئىراندىن ئۆتكەندە شىئە ئالىملار بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇلار بىلەن سۈننىلىكنى قوغداپ مۇنازىرە قىلغان.
مەۋلانا خالىد قادىرى تەرىقىتىدىكىلەر بىلەن چىقىشالماسلىقى سەۋەبىدىن سۇلەيمانىيەدىن ئايرىلىپ باغداتقا كېلىپ ماكانلاشقان ۋە ئۇ يەردە بىر خانىقا ئاچقان. ئۇ ئۆزى تەربىيلەپ چىققان ناھايىتى كۆپ مۇرتلىرىنى خەلىپە قىلىپ مەركىزى جايلارغا ئەۋەتكەن. تەكلىپكە بىنائەن 1823 – يىلى شامغا كۆچۈپ بېرىپ، پائالىيەتلىرىنى بۇ يەردە داۋاملاشتۇرغان ۋە 1827 – يىلى بۇ شەھەردە ۋاپات بولغان. شامنىڭ مەشھۇر ھەنەفى فىقىھچىسى مۇھەممەد ئەمىن ئىبن ئابىدىن ( ۋاپات، 1836 ) بىلەن باغداتلىق مەشھۇر مۇپەسسىر ئالىم شەھابەددىن مەھمۇد ئالۇسى ( ۋاپات، 1854 ) ئۇنىڭ تالىپلىرى ئىدى. خالىدىييە نەقشىبەندىلىكى تۈرك، كۈرت، بالقان، كافكاسىيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن سۈرىيە ۋە ئىراق ئەرەپلىرى ئارىسىدا كېيىنكى ئىككى ئەسىردە كەڭ قوللاشقا ئېرىشكەن. بولۇپمۇ تەرىقەتنى قۇرۇپ چىققۇچى مۇرشتنىڭ كۈرت بولۇشى، بۇ تەرىقەتنىڭ كۈرت رايۇنلىرىدا ئەڭ كۈچلۈك تەرىقەت بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىرسى. مەزكۇر رايۇندىكى بەرزانجىلەرگە ئوخشاش ئەڭ نوپۇزلۇق جەمەتلەر قادىرىلىكتىن نەقشىبەندىلىككە ئۆتكەن. نەتىجىدە ئالگارنىڭ ئېيتقىنىدەك كۈرت كىملىكى مەلۇم دەرىجىدە خالىدى غولى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن[2].
خالىدىييە بەقشىبەندىلىكىنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقىدا ئىپادىلەنگەن بەزى خۇسۇسلار تۆۋەندىكىچە:
شەرىئەتكە رىئايە قىلىش- تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسىنىڭ باتىنى تۈسى بۇ تەرىقەتتە كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئاجىز. تەرىقەتلەرنىڭ ۋاز كېچىلمەس ئەقىدىسى بولغان «ۋەھدەتى ۋۇجۇت» چۈشەنچىسى خالىدىلىكتە مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا ئورۇن ئالمايدۇ. مەۋلانا خالىدنىڭ دەرۋىشلىرگە «ۋەھدەتى ۋۇجۇت» چۈشەنچىسى ياقىلانغان ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلەردىن مۇھىددىن ئىبنۇل ئارابىنىڭ « فۇتۇھات ۋە فۇسۇس »قا ئوخشاش كىتابلىرىنى ئوقۇشنى مەنئى قىلغانلىقى بىلىنمەكتە[3]. بۇنىڭ ئورنىغا زاھىرى ئىلىملەرگە ئەھمىيەت بەرگەن. تەپسىرى ھەدىس ئەنئەنىسىگە، ھەنەفى ۋە شافى فىقىھىغا سادىق بولۇپ، بۇ تەرىقەتنىڭ مەدرىسە بىلەن زىچ باغلىنىشىنى مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە قىلغان. خالىدى يولىنىڭ زۇلجەناھەين، يەنى ئىككى يۆنىلىشلىك ئىكەنلىكى دائىم تىلغا ئېلىنىدۇ. مەدرىسە ئىلىمنىڭ، دەرگاھ ئېرپاننىڭ مەركىزىدۇر.
ئەڭ مەشھۇرلىرى سۈپتىدە تۈركىيەنىڭ بىتلىستە ۋىلايىتىدە نورشىن ۋە ئوھىن، سىئىرت ۋىلايىتىدە تىللو، ئەرزۇرۇم ۋىلايىتىدە تاشكەسەن مەدرىسلىرىنىڭ مۇددەرىسلىرى ھەم مۇددەرىس ھەم خالىدى شەيخلىرى سۈپتىدە خىزمەت قىلغان. كۈنىمىزدە بۇ ئەھۋال ئاساسەن دېگۈدەك مۇشۇنداق داۋام قىلماقتا. ئوف، چايكارا ۋە رىزەدىكى مەدرىسلەرمۇ خالىدى نەقشىبەندىلىكىنىڭ مۇئەسسەسەلىرىدۇر. 1940 – 1950 – يىللىرىدا مەزكۇر رايوننىڭ دىنى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا نوپۇزى چوڭ بولغان شەرقى قارا دېڭىز سوپى مەدرىسە ئەنئەنىسى كۈنىمىزدە بۇرۇنقى نوپۇزى ۋە تەسىرىنى يوقۇتۇپ قويدى. بۇ رايۇندا پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەرىقەتلەر بۇ ئەنئەنىنى روھى خەتكە ئېلىنغان قۇرئان كۇرسلىرى دائىرىسىدە داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.
1826 – يىلىدا يەنىچەرىلىكنىڭ (ھەربىي تۈزۈم) ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىدىن بىرسى، بۇ ھەربىي تەبىقە مەنسۇپ بولغان بەكتاشى تەرىقىتىنىڭ چەكلىنىشى بولدى. بەكتاشى خانىقالىرىنىڭ تاقىۋېتىلىشى بىلەن تەڭ، ئانادولۇغا كېلىشكە باشلىغان خالىدى خەلىپىلىرى بەكتاشىلىقتىن بوشالغان ئورۇننى تولدۇردى. بۇ جەرياندا ساراي ۋە ئىستانبۇل ئۆلىماسىنىڭ خالىدىلىكنى قوللىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. پائالىيەتلىرى چەكلەنگەن بەكتاشى دەرگاھلىرى خالىدىلەرگە بېرىلدى. شۈبھىسىزكى، بۇ قوللاشنىڭ تەكتىدە باتىنى خاراكتېرلىق بىر تەرىقەتكە قارشى، ئۆزىنى شەرىئى شېرىپقا ئاتىغان ۋە بۇ جەھەتتە ئىشەنچ بەرگەن باشقا بىر تەرىقەتنى تاللاش ياتماقتا.
شەرىئەتكە مۇۋاپىق بىر دىنى چۈشەنچە ۋە مۇئامىلە شەكلىنى دۆلەت ئەربابلىرىغا تەۋسىيە قىلىش غەيرىتى، خالىدىلىككە ئىمام راببانىدىن مىراس قالغان خۇسۇسىيەتتۇر[4]. بۇ سەۋەپتىن خالىدى شەيخلىرى بۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتكە تەسىر كۆرسىتىپ دۆلەت ئەربابلىرىغا يېقىنلىشىشنى، بۇ ئارقىلىق ئاۋامنىڭ دىندار بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان باشلامچىلىق ئورنىغا ئىگە بولۇشنى خىزمەت مېتودى سۈپتىدە قوبۇل قىلغان. ئوسمانلى بىلەن ئورناتقان بۇ خىل مۇناسىۋەت نەتىجىسىدە خالىدىييە 19 – ئەسىردە ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك تەرىقەتلەردىن بىرىگە ئايلىنىشقا مۇۋەپپەق بولغان.
ھافى زىكىر ۋە سۆھبەت – خالىدىييە تەرىقىتى جەھرى ( ئوچۇق – ئاشكارە ۋە ئاۋازلىق ) زىكىرگە قارشى بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن قاينام تاشقىنلىق مۇراسىم ۋە نەغمىلىك سامانى ياقتۇرمايدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن تەرىقەت، مەسىلەن: مەۋلەۋىلىكتىكىدەك كۈلتېر – سەنئەت قاناللىرىدا ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان. يەنە بۇ خاراكتېرى سەۋەبىدىن چەكلەنگەن ۋە باستۇرۇلغان مەزگىل ۋە شارائىتلاردا ئۆزىنى ئاشكارا قىلماستىن پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. سۆھبەت دەپ ئاتالغان نەسىھەت خاراكتېرلىق خۇسۇسىي ئالاقە ئۇسۇلىنىڭ تەرىقەت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم قائىدىگە ئايلانغان بولۇپ، تەرىقەتتىكى يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ تەلىماتىنى مۇرتلىرىغا بىۋاستە يەتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاستە سۈپتىدە ئىشلىتىلمەكتە. سۆھبەتلەر جامائەت خاراكتېرلىق ھەمكارلىقنىڭ ئۇلى بولغان تونۇشۇش ۋە بىرلىك ھاسىل قىلىشنىڭ ۋاستىسى سۈپتىدە رول ئوينىماقتا.
ئوسمانلى دۆلىتىگە سادىق بولۇش – خالىدىلەر ئوسمانلىنى ئىسلامىيەتنىڭ ھامىيسى بولغان خەلىپە دۆلىتى دەپ قارىغان. بۇ سەۋەپتىن دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى شەرت. خالىدى گۈمۈشخانائەۋى دەرگاھىنىڭ 1877 – 1878 – يىلىدىكى روس ئۇرۇشىدا ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن خالىس ھالدا ئۇرۇشقا قاتنىشىشى مانا مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدىمۇ ئوخشاش پوزىتسىيەدە بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلىپىلىكنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ئەنقەرە ھۆكۈمىتىنى قوللىغان. مەزكۇر ئالاھىدىلىك مەلۇم بولغاندەك بىر تەرەپتىن « دەۋلەتى ئەبەد مۇددەت » سەۋەبىدىن ئوسمانلى دۆلىتىگە ۋە ئۇنىڭ مىراسىغا سادىق بولۇپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلىپىلىكنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن « شەرىئەتكە رىئايە قىلىش » خاسلىقى بىلەن بىرلىشىپ، لائىك تۈزۈمگە ئۆكتىچىلىك قىلغان. يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت 1930 – يىلىدىكى مەنەمەن ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ، خالىدىلىكنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، ئۇنى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھەدىن سىقىپ چىقارماقچى بولغان بولسىمۇ، بۇ مەقسەتكە يېتەلمىگەن.
شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى بىلەن 20 – ئەسىرنىڭ بېشىدا كۈرت رايۇنلىرىدا چىققان ئۇبەيدۇللاھ نەھرى ۋە موللا ئابدۇسسالام بارزانىغا ئوخشاش بەزى نەقشىبەندى شەيخلىرىنىڭ ئوسمانلىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشى ئىتنىك ۋە ئىقتىسادىي سەۋەپلەردىن بولغانىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئايماق ئاتامانلىرى ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. دۆلەتنىڭ ئايماقلارغا قاراتقان خاتا سىياسىتى ئەنگىلىيەگە ئوخشاش بەزى غەرپلىك كۈچلەرنىڭ ئۇ مەزگىلدە ئوسمانلىنى ئاجىزلىتىش مەقسىتىدىكى پىلانلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ۋەزىيەت بۇ خىل ئىسيانلارنىڭ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان.
شىئە دۈشمەنلىكى – گەرچە شەيخ نەسەپلىرىدە ئەھلى – بەيتتىن كەلگەن كۆپلىگەن ئىسىم بولسىمۇ، ئانادولۇ تەرىقەتلىرى ئىچىدە ئالەۋىلىككە يۈزلىنىش ناھايىتى ئاجىز، سۈننىلىك تۈسى ئەڭ كۈچلۈك تەرىقەت بولغان خالىدىييە نەقشىبەندىلىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەك. ئوسمانلى – ئىران ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشتە ئارىدا قالغان بىر جۇغراپىيە بولغان شىمالىي ئىراقتا ئوتتۇرىغا چىققان خالىدىلىك، بۇ يىرىك سىياسىي ۋەزىيەتتە ئوسمانلى تەرەپتە تۇرغان. مەۋلانا خالىد رابىتا ھەققىدىكى رىسالىسىنى « مۇرتەد ئىرانلىقلار »نى لەنەتلەپ ئاخىرىلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ شىئەلەرگە تۇتقان دۈشمەنچە پوزىتسىيىسى ئوتتۇرىدا ئىدى. ئۇنىڭ بۇ پوزىتسىيىسىنى خەلىپىلەرمۇ ياقتۇرغانىدى. شەيخ ئۇبەيدۇللاھنىڭ 1880 – يىللىرىدا ئۇرمىيەدىكى ئىسيانى پەقەت ئىران ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ بولۇپلا قالماستىن، يەنە شىئەلىككە قارشى ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش دەپمۇ قارالغان[5]. يەنىچەرىلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ تەبىقىنىڭ تەرىقىتى بولغان بەكتاشىلىققا قارشى دۆلەتنىڭ خالىدىلىكنى قوللىشى، يەنە بۇ تەرىقەتنىڭ خاراكتېرى سەۋەبىدىن بولغانىدى. خالىدىلىك بۇ رولىنى كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ زوق بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
تۈركىيەدىكى نەقشىبەندى تەرىقەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى خالىدى نەسەپ زەنجىرىگە ئىگە. بىۋاستە ئىمام رەببانىغا تۇتاشقان ۋە مەۋلانا خالىددىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئوسمان تىرىتورىيىسىگە سىڭىپ كىرگەن مۇجەددىدى نەسەپ زەنجىرى كەڭ دائىرىدە تارقالمىغان. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسلاھاتچى دىنى ھەرىكەتلىرىدىن بىرى بولغان سۇلەيمانچىلىق جامائىتى، قۇرۇپ چىققۇچىسى سۇلەيمان ھىلمى ئەپەندى قانىلى ئارقىلىق جامائەت ئۆز ئىچىدە « ئالتۇن نەسەپ زەنجىرى » دەپ ئاتىغان ئۆزگىچە مۇجەددىدى نەسەپ زەنجىرىگە ئىگە. يەنە بىر چوڭ ئىسلاھاتچى ھەرىكەت بولغان نۇرچىلىقنىڭ قۇرۇپ چىققۇچىسى بولغان بەدى ئۇززامان سەئىد نۇرسى بولسا نورشىن مەدرىسىنىڭ تالىپى بولۇپ، مەلۇم بولغىنىدەك نورشىن مەدرىسەلىرى خالىدىييە شەيخلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا پائالىيەت قىلىدىغان مۇئەسسەسەلەردۇر.
خالىدىييە نەقشىبەندىلىكى ئانادولۇغا تەخمىنەن ئونغا يېقىن خەلىپە ئارقىلىق تارقالغان. بۇ خەلىپىلەرنىڭ نەسەپلىرىدىن بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن غوللىرى كۈنىمىز تۈركىيەسىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان جامائەتلەردۇر[6]. ئىستانبۇلدىكى ئۈچ چوڭ دەرگاھ ھەققىدە توختۇلۇشقا توغرا كەلسە، بۇلارنىڭ تۇنجىسى بۈگۈنكى ئىسمى بىلەن ئىسكەندەر پاشا دەرگاھى، ئەھمەد ئەل-ئەۋرادى ( ۋاپات، 1857 ) ئارقىلىق خالىد ئەل-باغدىدىغا تۇتىشىدۇ. بۇ زەنجىردىكى كېيىنكى ئىسم بولغان ئەھمەد زىيائەددىن گۈمۈشخانەۋى ( ۋاپات، 1893 ) ئوسمانلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مەشھۇر ئۆلىمادۇر. ئۇ جاغالئولىدىكى دەرگاھتا شەيخ بولۇپ، گۈمۈشخانىلىق دەرگاھى دارۇلھەدىس سۈپتىدە خىزمەت قىلغان. بۇ تەرىقەت پەقەت تەرىقەت سۈپتىدىلا مەۋجۇت بولۇپ قالماستىن، يەنە ئىسلاھاتچى پائالىيەتلەرگىمۇ تۇتۇش قىلغان بولۇپ، ياردەملىشىش غەللىسى ھاسىل قىلىپ، ئۆي ۋە تىجارەتخانىلاردا ساقلانغان نەخ پۇللارنى بۇ يەرگە يىغىپ، بۇ كىرىملەر بىلەن مەتبەئە قۇرۇپ چىقىپ، پايدىلىق كىتاپلارنى نەشىر قىلدۇرۇپ ھەقسىز تارقاتقان[7].
دەرگاھ، فاتىھ ئىسكەندەر پاشا جامەسى ئىمام – خاتىبى مەھمەت زاھىت كوتكۇ ( ۋاپات، 1980 ) سايىسىدە يىقىن تارىختىكى داڭقىغا ئىگە بولغان. مەھمەت زاھىت ئەپەندى ۋەز ۋە سۆھبەتلىرىدە دىنى تېمىلارغا قوشۇمچە تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي، كۈلتېر، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ كەلگەن. بۇ مۇئامىلىسى بىلەن شۇ دەۋردىكى، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن نۇرغۇن ۋەقىپ، ئۇيۇشما ۋە شىركەت قۇرۇلغان. بۇ جەھەتتىكى تەسىرى سەۋەبىدىن « كۆرۈنمەس ئالىي مەكتەپ » دەپ ئاتالغان[8].
ئىسكەندەر پاشا دەرگاھى 1970 – يىللىرىدىن كېيىنكى تۈركىيە سىياسىتىدە ئۆزىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، مىللىي گۆرۈش يېتەكچىسى پىروفېسسور دوكتۇر نەجمەتتىن ئەرباكان ۋە سەپداشلىرىنى سىياسىي پائالىيەتلەرگە تەشۋىق قىلغۇچى ئەڭ مۇھىم شەخس مەھمەت زاھىت ئەپەندى ئىدى. جۇمھۇر رەئىسى تۇرگۇت ئۆزئال ۋە ئىنىسى كوركۇت ئۆزئال قاتارلىق تۈرك سىياسىىتىدىكى مەشھۇر مۇھاپىزىكار ۋە ئوڭچى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ بۇ دەرگاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە. مەھمەت زاھىت ئەپەندىدىن كېيىن پىروفېسسور دوكتۇر ئەسات جوشان ( ۋاپات، 2001 ) تەرىقەت شەيخى بولغان. بۇ تەرىقەت جوشان دەۋرىدە تېخىمۇ كېڭەيگەن.
ئىسكەندەر پاشا جامائىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى تەسىرى چوڭ. مۇھەممەد ئەساد ئەربىلى ( ۋاپات، 1931 ) ۋە سەييىد تاھا ھەككارى ئارقىلىق خالىدىلىققا تۇتاشقان يەنە بىر دەرگاھ، ئىستانبۇلدىكى ئەرەنكۆي دەرگاھ بولۇپ، ئاساسەن ئوتتۇرا ۋە چوڭ كۆلەملىك تىجارەتچىلەرنى ئۆزىگە قاراتقان. بۇ دەرگاھ ماھمۇد سامى رامازانئوغلۇ ( ۋاپات، 1984 ) ئارقىلىق داڭ چىقارغان. 1953 – يىلى ئىستانبۇلغا كېلىپ ئەرەنكۆي رايۇنىدا ماكانلىشىپ قالغان ماھمۇد سامى ئەپەندى، بۇ شەھەردە يۇرتى ئادانادا باشلىغان ئىرشات پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. ماھمۇد سامى ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇرتلىرى سۈپتىدە تەرىقەتنىڭ گۈللىنىشىدە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن كونيا كادىنخانلىق سودىگەر توپباشلار جەمەتىدىن مۇسا توپباش ( ۋاپات، 1999 ) ۋە ئوغلى ئوسمان نۇرى توپباش ئىرشات ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئەرەنكۆي دەرگاھى بۈگۈن ئىنسانى ياردەم ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرى بىلەن كۈلتېر ئىسلاھاتچى جەمئىيەتلىرىگە ئوخشاش شەكىلدە خىزمەت قىلماقتا.
ئىستانبۇلنىڭ بۇ ئىككى چوڭ دەرگاھىنىڭ، 1970 – يىللاردىن كېيىنكى ئسىلامچى ياشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى ئۈستىدىكى تەسىرى خېلى چوڭ. 1980 – يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگۈرۈشكىچە جانلىق پائالىيەت ئېلىپ بارغان بۇ تەشكىلاتلاردىنMTTBنىڭ[9] 1969 – يىلىدىن كېيىنكى رەئىسلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ۋە ئاكىنجىلارغا رەئىس بولغان تۆت كىشىدىن ئۈچى بۇ دەرگاھ مەنسۇبى ئىدى.
ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ چوڭ خالىدى دەرگاھلىرىنىڭ ئۈچىنچىسى چارشەمبە ئىسمائىل ئاغا دەرگاھى بولۇپ، ئابدۇللاھ مەككى ئەرزىنجانى ھالقىسى ئارقىلىق مەۋلانا خالىدقا تۇتىشىدۇ.
ئابدۇللاھ مەككىنىڭ خەلىپىسى بولغان يانيالى مۇستاپا ئىسمەت ئەپەندى ( ۋاپات، 1872 ) ئىستانبۇلدىكى تۇنجى خالىدى خانىقاسى بولغان فاتىھ چارشامبادىكى ئىسمەت ئەپەندىكى خانىقاسىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ ئىرشات مەركىزىدە ئۇنىڭدىن كېيىن نۆۋەت بىلەن خالىل نۇرۇللاھ، ئالى رىزا بەززاز ۋە ئاھىسكالى ئالى ھايدار ئەپەندى ( ۋاپات، 1960 ) شەيخ بولغان. فاتىھ مۇددەرىسلىرىدىن بولغان ئالى ھايدار ئەپەندى باشقا خالىدى شەيخلىرىگە ئوخشاش 2. ئابدۇلھەمىت تەرەپتە تۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن مۇرشىتلىك ۋەزىپىسى ئىتتىھاد ۋە تەرەققى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە تەستىقلانمىغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن دەرگاھلار پىچەتلەنگەنلىكتىن خانىقاغا بىر مۇنار ياسىتىپ، ئىلىم ۋە ئىرشات خىزمەتلىرىنى مەسچىت ئىچىدە ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ئارىغا كىرىشى نەتىجىسىدە 1954 – يىلى چارشامبا ئىسمائىل ئاغا جامەسىدە ئىمام – خاتىپلىق قىلىۋاتقان، 1929 – يىلى تىرابزون ۋىلايىتىنىڭ ئوف ناھىيسىدە تۇغۇلغان ماھمۇد ئۇستائوسمانئوغلۇ، شەيخنىڭ ۋاپاتىدىن تا بۈگۈنگىچە دەرگاھنىڭ مۇرشىدى بولۇپ كەلمەكتە[10].
ئىسمائىل ئاغا دەرگاھى ئىستانبۇلدىكى باشتا تىلغا ئېلىنغان ئىككى دەرگاھ بىلەن سېلىشتۇرغاندا مائارىپ سەۋىيەسى خېلىلا تۆۋەن ۋە كىرىم سەۋىيىسى تۆۋەن تەبىقىدىكى دىندار كىشىلەرگە خىتاپ قىلىدىغان خاسلىققا ئىگە. ئالى ھايدار ئەپەندىدىن باشلاپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كىلاسسىك مەدرىسە تەلىم – تەربىيەسى ئارقىلىق ئەزالىرىنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسەت قىلىنماقتا. ماھمۇد ئەپەندى ھەم خانىقا ھەم مەدرىسە سۈپتىدە ئىشلەتكەن ئىسمائىل ئاغا جامەسىدە ئوسمانلى مەدرىسە سىستېمىسىغا ئۇيغۇن دەرسلەر ئۆتۈلۈپ، يۈزلەرچە مۇرت ۋە تالىپىغا ئىجازەت بەرگەن. ساقال قويۇپ، تون – تامبال كەيگەن ئەرلەر ۋە قارا پۈركەنجە كەيگەن ئايال مۇرتلىرى بىلەن ئىسمائىل ئاغا دەرگاھى تۈرك ئاخبارات ۋاستىلىرىدا پات – پات خەۋەر قىلىنغان ۋە بۇ ئارقىلىق مەشھۇر بولغان دىنى جامائەتتۇر.
ئىستانبۇلنىڭ ئۈچ بۈيۈك دەرگاھىدىن باشقا تۈركىيە مىقياسىدا ناھايىتى كەڭ تارقالغان ۋە تەسىرى چوڭ يەنە بىر تەسەۋۋۇپ خاراكتېرلىق ئادىيامان مەنزىل دەرگاھى، شەيخ ئەھمەد ھازنەۋى – سەييىد تاھا ھاككارى ئارقىلىق خالىدىلىككە تۇتىشىدۇ. ئەرول فامىلىسىنى ئىشلەتكەن سەيدا مۇھەممەد راشىد بىلۋانىسىدىن ( ۋاپات، 1993 ) كېيىن ئىنىسى سەيدا ئابدۇلباقى بىلۋانىسى (ئەرول) شەيخلىك ماقامىدا ئولتۇرغان. بۇ دەرگاھمۇ خۇددى ئىسمائىل ئاغىغا ئوخشاش تۆۋەن ۋە ئىقتىسادىي كىرىم تۆۋەن سەۋىيەدىكى كىشىلەردىن تەشكىل قىلىنغان. يۇقىرى مائارىپ سەۋىيسىگە ئىگە مۇرتلىرى ناھايىتى ئاز بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى دوختۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. شەكىل جەھەتتىكى ئىسلامى ئىلىملەرنى ئوقۇغانلاردىن ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ بۇ تەرىقەتكە قوشۇلغان[11]. بۇ تەرىقەتمۇ باشقا خالىدى جامائەتلەرگە ئوخشاش سۆھبەتنىڭ ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، مەنزىل سوپىلىرى ئىرشادنىڭ ئاساسەن مەنىۋى كۈچ بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكى ھەققىدە كۈچلۈك قاراشقا ئىگە. شەيخلەرنىڭ نەزەر تاشلىشىنىڭ ئەخلاقى ئىللەتلەر ۋە يامان خۇيلاردىن پاكلايدىغان كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكتىن، تۈركىيەنىڭ ھەر تەرىپىدىن مۇرتلارنىڭ ئۆمەكلەر ھالىتىدە مەنزىل جامائىتىگە مەركىزىگە زىيارەتكە كېلىدۇ[12].
تۈركىيەدىكى ئۈلكۈجى[13]ھەرىكەتنىڭ كۆپ ساندىكى ئەزاسى 1980 – يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگۈرۈشتىن كېيىن مەنزىل دەرگاھىغا قوشۇلغان. بۇ سەۋەپتىن دەرگاھ بۇ چۈشەنچىدىكى مۇھىم كىشىلەرنى مىللەتچىلىكتىن زىيادە ئۈممەتچىلىك چۈشەنچىسىگە ئېغىشىدا كۆۋرۈكلىك رولى ئوينىغان. بۇ ئەزالاردىن بىرسى، ئۈلكۈ تەشكىلاتنىڭ 1980 – يىلىدىن بۇرۇنقى رەئىسى ۋە نىزامى ئالەم ھەرىكىتىنىڭ ئاتامانى مۇھسىن يازىجىئوغلىدۇر ( ۋاپات، 2009 ).
تۈركىيەدىن زىيادە ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىدا بەكرەك تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان قىبرىسى دەرگاھى، خالىدىلىككە ئىسمائىل شىرۋانى – جامالەددىن كۇمۇكى نەسەبى ئارقىلىق تۇتىشىدۇ. دەرگاھنىڭ بېشىدا ئۇزۇن يىللار ئىرشاد ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ كەلگەن قىبرىسلىق شەيخ نازىم ئەل-ھەققانى 2014 – يىلى ۋاپات بولغان. بۇ دەرگاھ 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن « ۋاھھابىلىقنىڭ دەل زىتتى » بويىچە ئىسلامنىڭ كەڭ قورساق يۈزى سۈپتىدە ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتقان. خالىدىييەنىڭ مەشھۇر غوللىرى ئارىسىدا باتىنى تەرىپى ئەڭ تەرەققىي قىلغان تەرىقەتنىڭ قىبرىسى دەرگاھى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: تەرىقەتتىكى ئەر – ئايال مۇناسىۋەتلىرىدە، باشقا دەرگاھتا ئانچە كۆرۈلمەيدىغان ئەركىنلىكنى، بۇ تەرىقەتنىڭ مەزكۇر خاسلىقنى ئەكىس ئەتتۈرگەن تەرىپى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
شەيخ نازىمنىڭ نەسەبىدىكى شەيخ كۇمۇكى، روسلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلگەن كافكاس مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ 1834 – 1859 – يىللىرىدىكى مەشھۇر ئاتامانى شەيخ شامىل ( ۋاپات، 1871 )نىڭ پىرى ئىدى. شامىل كېيىن شەيخلىق مەرتىۋىسىگە چىققان. مۇسۇلمانلار « گازاۋات » دەپ ئاتىغان بۇ جىھادى ھەرىكەت، تەسەۋۋۇپى كېلىپ چىقىشى سەۋەبىدىن روسلار تەرىپىدىن « مۇرىتىزم » دەپ ئاتالغان. بۇ نۇقتا نەزەرگە ئېلىنغاندا، كافكاز مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى نەقشى-خالىدى مەنبەلىك ھەرىكەت دەپ قاراشقا بولىدۇ.
خالىدىلىكنىڭ ئەل-ئەرۋادى – گۈمۈشخانەۋى غولىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئىسىم شەيخ ئابدۇلئەزىز بەككىنە ( ۋاپات، 1952 ) بولۇپ، كىتاپلىرى ۋە چىقارغان « ھەرىكەت » ناملىق ژورنىلى بىلەن 1960 – 1970 – يىللاردا ئوڭچى – مىللەتچى ئىدىئولوگىيىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا نوپۇزى چوڭ مۇتەپەككۇرلاردىن نۇرەتتىن توپچۇ ( ۋاپات، 1975)، شەيخ بەككىنەنىڭ مۇرىتى ئىدى. يەنە شۇ دەۋردىكى مۇتەپەككۇر بۈيۈك شەرق ھەرىكىتى يېتەكچىسى نەجىپ فازىل قىساكۈرەك ( ۋاپات، 1983 )مۇ خالىدىييە مۇرىتى ئىدى. نەجىپ فازىلنىڭ شەيخى بولغان ئابدۇلھاكىم ئارۋاسى ( ۋاپات، 1943)، سەييىد فەھمى – سەييىد تاھا ھاككارى نەسەبى ئارقىلىق خالىدىلىككە تۇتىشىدۇ. 1980 – 1990 – يىللاردىكى رادىكال سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن تونۇلغان شائىر ۋە مۇتەپەككۇر سالىھ مىرزابەيئوغلۇ، ئاتامانى بولغان İBDA (ابداع) ھەرىكىتىنىڭ[14] ئۇستازى نەجىپ فازىل ئارقىلىق ئارۋاسىگە مۇرىت بولغان. İBDA نىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى شەيخ (ئارۋاسى)، ئۇستاز (نەجىپ فازىل) ۋە قۇماندان (مىرزابەيئوغلۇ) ھاسىل قىلغان. ئالدىنقى ئىككىسى مەنىۋى دۇنيادا پەرىشتىلەر، شېھىتلەر ۋە ئەۋلىيالار بىلەن بىرلىكتە İBDA ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ[15].
ئارۋاسىنىڭ يەنە بىر مۇرىتى، پىنسىيىگە چىققان دېۋىزىيە قۇماندان ۋە خېمىيە ئالىي تېخنىكوم مۇتەخەسىسى ھۇسەيىن ھىلمى ئېشىك ( ۋاپات، 2001 ) ئىدى. ئېشىك، تۈركىيەنىڭ كۈلتېر ئىسلاھاتچى دىنى ھەرىكەتلىرىدىن بىرى بولغان ئېشىكچى ھەرىكەتنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قارىلىدۇ[16]. شەيخ ئابدۇلھاكىمنىڭ جەمەتى ئارۋاسىلەر، باشكالە، مۈكۈس ( باھچەساراي )، ھىزان ۋە دوغۇبەيازىتتا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ۋە ئىتىبارلىق سەييىد ئائىلىسى ئىدى. كۈرت ھاۋزىسىدىكى خالىدىييە شەيخلىرىنىڭ ۋە مەدرىسە ئۇستازلىرىنىڭ بىر قىسمى ئارۋاسىلەردىن كېلىپ چىققان. بۇ جەمەتتىن بولغان ئەھمەد ئارۋاسى ( ۋاپات، 1988 )، « تۈرك-ئىسلام ئۈلكۈسى » ئىدىئولوگىيىسىنىڭ ئاساسچىسى دەپ قارالماقتا. بۇ ئىدىئولوگىيىنىڭ نىزامى ئالەم ھەرىكىتىگە ئوخشاش ئۈلكۈچىلىكتىن كېلىپ چىققان مىللەتچى كىشىلەرنى لائىك مىللەتچى ئىددىيەدىن يىراقلاشتۇرۇشتا تەسىرى چوڭ بولغان.
شەرقتىكى يەنە بىر نوپۇزلۇق جەمەت بولغان سەبتىلەردىن شەيخ سەئىد، پالۇلۇ ئەھمەد ئەس-سەبتى ئارقىلىق خالىدىييەگە تۇتىشىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك شەيخ سەئىد 1925 – يىلى جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن، ئىسيان مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ دارغا ئېسىلغان. كۈرت ئاتامان مەسئۇد بارزانىنىڭ تاغىسى شەيخ ئابدۇسسەلام بارزانىمۇ ( ۋاپات، 1915 ) خالىدى شەيخى ئىدى. بارزانى شەيخلىرى سەييىد تاھا ھاككارى نەسەبى ئارقىلىق تەرىقەتكە تۇتىشىدۇ.
ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سان جەھەتتىن كۆپ ۋە تەشكىلىك بولۇشى جەھەتتىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دەرگاھلاردىن باشقا شەرقىي ئانادولۇدا مۇئەييەن تەسىر كۈچكە ئىگە دەرگاھلاردىن غەزنەۋى ۋە جەزەرىلەرمۇ بار. مەركىزى سۈرىيەدە بولغان غەزنەۋىلەر، تۈركىيەدە كەڭ كۆلەمدە مۈرىت تورىغا ئىگە. جەزەرى شەيخلىرىنىڭ مەركىزى جىزرە بولۇش بىلەن بىرگە، سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئاساسەن كۈرتلەر ئىچىدە كەڭ تارقالغان. يەنە كۈرتلەرنىڭ نوپۇزلۇق جەمەتلىرىدىن سىئىرت-شىرۋانلىق كۈفرەۋىلەرنىڭ شەيخلىرىگە بەيئەت قىلغان ئالۋارلې ئەفە لەقەملىك مۇھەممەد لۇتفى ( مازلۇمئوغلۇ ) ئەپەندىنىمۇ ( ۋاپات، 1956 ) بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەك. ئالۋارلې ئەفە ئەسلىدە ھەسەنكالەلىك بولۇپ، ئەرزۇرۇمدىكى دەرگاھى مەھمەت كېركېنجې، ئوسمان دەمىرجى ۋە فەتھۇللاھ گۈلەنگە ئوخشاش نۇر ھەرىكىتىدىكى جامائەت يېتەكچىلىرى پايدىلانغان ماكان ئىدى.
ئەرزىنجانلىق ئابدۇرراھىم (رەيھان) ئەپەندىممۇ ( ۋاپات، 1998 ) ئانادولۇدىن چىققان، كېيىنكى مەزگىللەردە تونۇلغان خالىدى شەيخلىرىدىن بىرسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا سومۇنجۇ بابا خانىقاسى دەپ ئاتالغان دارەندە دەرگاھى، شەيخ ئوسمان خۇلۇسى ( ئاتەش ) ئەپەندى ( ۋاپات، 1990 ) زامانىدا ناھايىتى گۈللەنگەنىدى. يەھيالې دەرگاھى دەپ تونۇلغان خالىدى تەرىقىتىنىڭ بىر قولىنىڭ ئاتامانى ۋە خالىدىلىكنىڭ مەشھۇر شەيخلىرىدىن بىرى، قەيسەرىنىڭ يەھيالې ناھىيىسىدىكى ھاجى ھەسەن ( دىنچ ) ئەپەندى ( ۋاپات، 1987 ) ئىدى. بۇ دەرگاھلار، ۋەقىپلەر ۋەياكى ئۇيۇشما – جەمئىيەت سۈپتىدە تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۆز ئالدىغا تىجارى ئورگانلار قۇرۇپ چىققان. نەشىر ئەپكارلىرى ئارقىلىق مۇرتلىرىنى تەربىيلەپ چىقماقتا. ئالىي مەكتەپ ۋە ئاياللار بۆلىمى يەنە مۇشۇ مەقسەتتە خىزمەت قىلماقتا. ئىنسانىي ياردەم ئورگانلىرى ئارقىلىق مۇھتاج كىشىلەرگە خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا.
ھەم ئەنئەنىۋى دىنى قۇرۇلمىلارنىڭ، ھەم تۈركىيە ئىسلامچىلىقىنىڭ تەرىقەت ئەنئەنىسى بىلەن، بولۇپمۇ خالىدىييە نەقشىبەندىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يۇقىرىدا قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتۇق. بۇ مۇناسىۋەت تەسىر دائىرىسى خېلى چوڭ بولغان سەلەفىييە ئىدىئولوگىيىسىنىڭ تۈركىيەدە يىلتىز تارتالماسلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئىراندا پەيدا بولغان ئىسلامچى ئېقىملارنىڭ تۈركىيەدە يىلتىر تارتالماسلىقىمۇ بۇ سەۋەپتىندۇر. تەرىقەتنىڭ سۈننى تەرىپى بۇ خىل يۈزلىنىشىلەرنى توسۇپ تۇرماقتا. تۈركىيەدىكى سوپىلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان بۇ جامائەتلەر، ئۆزىگە ئوخشاش جامائەتلەرنىڭ پاكىستاندىكىگە ئوخشاش سىياسىي پارتىيە سۈپتىدە تەشكىللىنىشنىڭ ئورنىغا، ھەر خىل سىياسىي پارتىيەلەرنى ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا قوللاپ، ئاۋام ۋە دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك ۋە كۆزگە كۆرىنەرلىك بولۇشقا تىرىشماقتا. بۇ سەۋەپتىن سىياسىي پارتىيلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئوڭچىل كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاۋازغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بۇ جامائەتلەر بىلەن ئىزچىل زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم ھەقىقەتتۇر.

________________________________________
[1] تۈركىيەدىكى تەرىقەتلەر ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك مۇستەقىل تەتقىقات ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئەسەرگە مۇراجەت قىلىڭ:
سەمىھ جەيھان، تۈركىيەدە تەرىقەتلەر: تارىخ ۋە كۈلتېر، ئىستانبۇل، 2015.
[2] ھامىد ئالگار، « خالىد ئەل-باغدادى »، دىيانەت ئىشلىرى ئانسكىلوپېدېيىسى، 15 – جىلىت، 284 – 285 – بەت.
[3] Ferhad Shakely, “The Naqshbendi Sheikhs of Hawraman and the Heritage of Khalidiyya-Muhaddidiyya in Kurdistan”, [ E.Özdalga (ed.), Naqshbendis in western and Central Asia, İstanbul, 1999], P. 98 – 99.
[4] بەلكىم شەرىئەت ئۆلچەملىرىدە تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلى بولغان ئىمام رەببانىنىڭ، دىنى ئىلاھى ناملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بىر دىنى چۈشەنچىنى تارقىتىشقا ئۇرۇنغا بابۇر ھۆكۈمدارى ئەكبەر شاھقا قارشى ئېلىپ بارغان كۆرىشى ۋە ئەكبەرنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى جىھانگىر شاھ بىلەن ھەمكارلىشىپ مەزكۇر دەۋرنىڭ سەلبىي ئىزلىرىنى يوقۇتۇشقا تىرىشىشى، خالىدى-نەقشى ئەنئەنىسىدە « دۆلەت بىلەن ئورنۇتۇش زۆرۈر بولغان مۇناسىۋەتلەر »نىڭ ئۈلگىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.
[5] ئالگار، « خالىد ئەل-باغدادى »، 285 – بەت.
[6] خالىدىلىكنىڭ ئانادولۇ خەلىپىلىرى ۋە بۈگۈنكى غوللىرى ھەققىدە نەجدەت توسۇننىڭ « نەقشىبەندىييە » ناملىق ئەسىرىگە قاراڭ. [ تۈركىيەدە تەرىقەتلەر: تارىخ ۋە كۈلتېر، سەمىھ جەيھان (تەھرىر)، ئىستانبۇل،2015، 652 – 658، 675 – 681 – بەتلەر ].
[7] ئىرفان گۈندۈز، « گۈمۈشخانەۋى ئەھمەد زىيائەددىن »، دىيانەت ئىشلىرى ئانىسكىولپېدېيىسى، 14 – جىلىت، 276 – بەت.
[8] مەھمۇت ئەسەت جوشان، « كوتكۇ، مەھمەت زاھىت »، دىيانەت ئىشلىرى ئانىسكىولپېدېيىسى، 26 – جىلىت، 228 – بەت.
[9] مىللى تۈرك تالىب بىرلىكى (Milli Türk Talebe Birliği)
[10] كامىل شەنئوجاق، « قەدىم پوزىتسىيەلىك بىر خالىدى شەيخى: ماھمۇد ئۇستائوسمانئوغلۇ »، دىموكراتىيە مۇنبىرى، 6 ( 2006 )، 129 – 132 – بەتلەر.
[11] نىيازى ئۇستا، « مەنزىل نەقشىلىكى »، دىموكراتىيە مۇنبىرى، 6 ( 2006 )، 24– 25 – بەتلەر.
[12] نىيازى ئۇستا، « مەنزىل نەقشىلىكى »، دىموكراتىيە مۇنبىرى، 6 ( 2006 )، 28، 33 – بەتلەر.
[13] ئۈلكۈ – ئىدىئال، ئۈلكۈجۈ – ئىدىئالىست دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ ( تەرجىماندىن ).
[14] ئىبدا – يارىتىش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت ئىسلامى دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ ( تەرجىماندىن ).
[15] سالىھ مىرزابەيئوغلۇ، « تىلكى گۈنلۈغۈ ( تۈلكە كۈندىلىك خاتىرىسى ) »، ئىستانبۇل، 1994، 4 – توم، 258 – بەت.
[16] باشقا دىنى گۇرۇپپا ۋە جامائەتلەرگە نىسبەتەن دىنى تۈسى ئاجىز بولغان، شىركەتكە ئوخشاپ قالغان ئېشىك جامائىتى ھەققىدە مۇستاپا تەكىننىڭ « ئېشىكچېلېك »، دىموكراتىيە مۇنبىرى، 7 (2006)، 47-64- بەتلەر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*