تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ خىتاي زىيارىتى

ئەركىن ئەكرەم

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى
ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى

2018-يىلى 19-ئىيۇل

ئەركىن ئەكرەم
2018 – يىلى 21- ئىيۇن

تۈركىيەدىكى زۇڭتۇڭ ۋە مىللەت ۋەكىللىرى سايلىمىنىڭ ھارپىسىدا ۋە روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ2018-يىل 14-15- ئىيۇن كۈنلىرى خىتاينى زىيارەت قىلغان ئىدى. بۇنداق ئالاھىدە ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتنىڭ مۇھىملىقىمۇ ئەلۋەتتە ئالاھىدە بولىدۇ.
زىيارەت مەقسىتى
2018 – يىلى 13- ئىيۇن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بىرىلگەن باياناتتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇنداق خۇلاسىلەنگەن ئىدى. «خىتاي- تۈركىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سىجىل تەرەققى قىلىۋاتىدۇ،ئىككى دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆرۈشۈش قېتىم سانى كۈندىن كۈنگە كۆپۈيىۋاتىدۇ،ئىقتىسادى – تىجارەت ئورتاقلىقى مۇستەھكەملىنىۋاتىدۇ، كۈلتۈرەل مۇناسىۋىتى كۆپ خىللىشىۋاتىدۇ، دۇنياۋى ۋە رايون خاراكتىرلىك مەسىلىلەردە يېقىن ئالاقە ۋە ئۆز ئارا ماسلىشىش قولغا كەلتۈرىلىۋاتىدۇ». باياناتنىڭ داۋامىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلىنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا خىتاي گوۋۇيۈەن ھەيئەت ئەزاسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىق، دۇنياۋى ۋە رايون خاراكتىرلىك مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلىشىدىغانلىقى ،خىتاي تەرەپنىڭ تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە خىتاي- تۈركىيە ئىستراتىگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى دىيىلگەن ئىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلىمۇ ئۆزىنىڭ تىۋىتىر ھىسابىدا بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتىنى مۇنداق بايان قىلغان: « خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تەكلىپى بىلەن بېيجىڭغا كەلدۇق. كۆرۈشۈشلىرىمىزدە خىتاي- تۈركىيە مۇناسىۋىتى بىلەن بىللە رايون خاراكتىرلىق مەسىلىلەرمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ، ئۇندىن باشقا سودا ساھاسىدىكىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشىمىز».
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇندىن باشقا مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنەن بىلەن بىرلىكتە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى. تۈركىيەنىڭ ئىككىنجى چوڭ سودا ھەمكارلاشقۇچىسى ھىساپلىنىدىغان خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى ھەققىدە سۆزلەشتى. بىلىم ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان خىتاي شىركىتى خۇاۋېينىڭ تەتقىقات مەركىزى زىيارەت قىلىنىپ ئەقلي بىخەتەرلىك شەھەر پروگراممىلىرى ۋە باشقا تېخنىكىلىق مەسلىلەر ھەقىدە پىكىرلەشتى.
مىنىستىر چاۋۇشئوغلىنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ يەنە بىر مەقسىتى بولسا، خىتاي رەئىسى شى جىن پىڭنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىشى بولدى. مىنىستىر چاۋۇشئوغلى بۇ تەكلىپىنى خىتاي زۇڭلىسى ۋاڭ چىشەن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا يەتكۈزدى. شى جىن پىڭ 2012-يىلى فېۋرالدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيىگە زىيارەتكە كەلگەن ئىدى. رەئىس بولۇش سۈپىتى بىلەن بولسا 2015-يىلى ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن گ 20 زىرۋىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ئىدى. جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بولسا 2015-يىلى ئىيۇلدا،2016-يىلى سېنتەبىردە ۋە 2017-يىلى مايدا خىتاينى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئىككى رەئىس 2018-يىلى ئاپرىلدا بىر قېتىم تېلىفونلىشىپ، خىتاي رەئىسى شى جىن پىڭنىڭ تۈركىيەگە زىيارەتكە كىلىشى پىلانلىنىشقا باشلانغان ئىدى. مىنىستىر چاۋۇشئوغلىنىڭ بايانىدىن «سايلامدىن كىيىن بۇ زىيارەتنىڭ دىپلوماتىك يوسۇندا بىرلىكتە پىلانلىنىپ ئورۇنلاشتۇرىلىدىغانلىقى»چىقىپ تۇرىدۇ.
زىيارەت مەزمۇنى
مىنىستىر چاۋۇشئوغلىنىڭ خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن بىلەن بولغان كۆرۈشىشىدە، ئۆزئارا پايدا مەنپەئەتنى مۇھىم ئورۇندا قويۇش، ھەر ئىككى دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ پايدىسىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ تەرەققىيات يولىدا ئىلگىرىلەش، ھەر ساھەدە ئەمەلى ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خىتاينىڭ «يىڭى يىپەك يولى» پىلانى بىلەن تۈركىيىنىڭ «ئوتتۇرا كارىدور» تۈرىدە ماسلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، چوڭ تۈرلەرنى قوللاش ئاساسىدا ھەر سەۋىيەدە تىجارەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش،تېرورغا قارشى بىخەتەرلىك ئورتاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئۈچۈن مەدەنىيەت ئالاقىسىغا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي-تۈرك ئىستراتىگىيىلىك ئىشەنچ بېغىنى ئەمەلى ھەرىكەتلەر ئارقىلىق چىڭايتىش قاتارلىق تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چاۋۇشئوغلى، تۈركىيەنىڭ بىر خىتاي سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى،«يىڭى يىپەك يولى» تۈرىنى قوللايدىغانلىقىنى،بىخەتەرلىك ۋە تېرورغا قارشى ئورتاقلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھەدىكى ئورتاقلىقنىڭ كۈچەيتىلىشى كىرەكلىكىنى بايان قىلدى.
مىنىستىر چاۋۇشئوغلى خىتاي مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدىمۇ ئوخشاش تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە ۋاڭ يىمۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيىدە تىجارەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇن شارائىتنىڭ يارىتىلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇندىن باشقا،خەلق ئارىسىدا چۈشىنىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن بىللە ئۆز ئارا كۈلتۈر مەركەزلىرى قۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. چاۋۇشئوغلىمۇ خىتاي سىياسىتىنىڭ ئېستىراتىگىيىلىك سەۋىيەدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى، تېرورغا قارشى بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات ئورتاقلىقىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىنىرگىيە، ئۇل- مۇئەسسە،تىجارەت ۋە مەبلەغ ساھەلىرىدە ئەمەلى ئورتاقلىقلارنىڭ كۈچەيتىلىشى، بولۇپمۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىق قىلىنىشى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. مىنىستىر چاۋۇشئوغلى خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ «يىڭى يىپەك يولى» تۈرى بىلەن تۈركىيەنىڭ «ئوتتۇرا كارىدور» تۈرىدە ئۆز ئارا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىق توغرىسىدا توختالدى. تۈركىيەنىڭ «ئوتتۇرا كارىدور» تۈرى بىلەن بىرلىكتە بۇرۇنقى يىپەك يولى ۋە كارۋان- ساراي تۈرىمۇ بار ئىدى.
خىتاي مىنىستىرى ۋاڭ يى ئورتاق ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يېغىنىدا، خىتاي – تۈركىيە ھەمكارلىق ساھەلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. ئۆزئارا سىياسى ئىشەنچنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئىككى دۆلەت ئېستىراگىيىلىك ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىشى ئۈچۈن ھازىرقى رايون خاراكتىرلىك ۋە خەلقئارالىق ئېنىق بولمىغان ۋەزىيەتكە قارشى خىتاي-تۈركىيە ئىستىراگىيىلىك مۇقىملىقىنىڭ قوغدىلىشى ھەققىدە ھەمكارلىقلارنىڭ كۈچەيتىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. 1.دۆلەت ئىچى مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن بىر بىرىگە ياردەم قىلىش لازىم. خىتاي تەرەپ، تۈركىيە تەرەپنىڭ تۈركىيەدە خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان كەلتۈرىدىغان پائالىيەتلەرگە رۇخسەت قىلمىغانلىقىدەك پوزىتسىيىسىدە چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن مەمنۇنلىقىنى بىلدۈردى. 2. يىڭى جانلىنىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاپ قېلىش، يىڭى جانلىنىۋاتقان ئىقتىساد ،مالىيىنىمۇ قوغدىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا تۆھپە قوشۇشى لازىم.خىتاي، تۈركىيە بىلەن بىللە «يىڭى يىپەك يولى» ۋە «ئوتتۇرا كارىدور» تۈرلىرى ئۈچۈن يىڭىچە ھەمكارلىق پىكىرلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىپ،دىققىتىنى يادرو ئېنېرگىيەسى،ئۇچۇر – ئالاقە، مالىيە ۋە ئېلىكترونلۇق تىجارەت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلىشى لازىم. 3. رايون خاراكتىرلىك مۇقىملىقنى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە قوغدىشى لازىم. ئوتتۇرا شەرق نازۇك ۋە ھەل قىلغۇچ مەزگىلىگە قەدەم قويماقتا، ئىران يادرو مەسىلىسى، سۇرىيە ۋە پەلەستىن مەسىلىلىرىدە مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بولماقتا. خىتاي،تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئۇچرىشىش ۋە ماسلىشىش دائىرىسى ئىچىدە كۆپ تەرەپلىك توختاملارنىڭ قوغدىلىشى، قىززىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە قارىتا سىياسى ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا مەركەزلىشىشى،خەلقئارالىق تېرورغا قارشى ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشى، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم.
بېيجىڭدىكى دىياۋيۈتەي دۆلەتلىك مىھمانسارىيىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن مىنىستىر چاۋۇشئوغلى، ئىككى دۆلەت رەئىسلىرىنىڭ ئوخشاش پىكىردىكى تېمىلاردا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىرادىسىنى تەكىتلىدى. ئىككى دۆلەت رەئىسلىرى بىكىتكەن دائىرە ئىچىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش پىكرىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلى، تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئالاقىسىنى كۆپەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلى سۆز قىلىپ« رايون خاراكتىرلىك مەسىلىلەر بولسۇن ياكى خەلقئارالىق مەسىلىلەر بولسۇن خىتاي بىلەن كۆز قارىشىمىز ۋە پوزىتسىيىمىزنىڭ ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز، بولۇپمۇ سىياسى ۋە تىنچلىق ساقلاش چارىلىرى ئۈچۈن ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دىدى. ئوتتۇرىغا قويدى. خىتايچە مەتبۇئاتلاردا كۆرۈلمىگەن بۇ ئىپادىلەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى پەلەستىننى قوللاش سىياسىتى توغرىسىدا ئوخشاش پىكىردە ئكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاينىڭ پەلەستىن سىياسىتى ، مىنىستىر چاۋۇشئوغلىنىڭ 2017-يىلى ئاۋغۇستتا ئېلىپ بارغان خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ۋاڭ يى تەرىپىدىن تەكىتلەنگەن ئىدى. تىنچ سىياسى دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كىرەك دىيىلگەنىدى. خىتاينىڭ ئاخىرقى پەلەستىن سىياسىتى بولسا رەئىس شى جىن پىڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى: 1. ئىككى دۆلەتلىك سىياسى چارە؛2. دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىنىش؛3.«تۇپراق ھىسابىغا تېنچلىق»پىرىنسىپى؛4.خەلقئارا تېنچلىق جەريانىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن كېپىللىك قىلىنىشى مۇھىم. ئەسلىدە خىتاينىڭ پەلەستىننى قوللاش سىياسىتى 50 يىلدىن بېرى داۋام قىلماقتا. مىنىستىر چاۋۇشئوغلىنىڭ ئاخىرقى زىيارىتىدە پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاينىڭ قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلى،ئامېرىكىنىڭ باش كونسۇلخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىگەندىن كىيىنمۇبنخىتاينىڭ پەلەستىننى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سۈرىيە مەسىلىسى بىلەن خىتاينىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتى(دۆلەتنىڭ پۇت تىرەپ تۇرىشى ۋە خەلقنىڭ باياشات ياشىشى) ئارىسىدا بىۋاستە باغلىنىش يوق،پەقەتلا ب د ت دائىمى ئەزاسى ، دۇنيانىڭ بىرىنجى سودا كۈچى ۋە ئىككىنجى چوڭ ئىقتىسادى كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىدەك دۇنياۋى سىياسى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بولۇشقا مەجبۇر. دۇنيانىڭ ئالدىنقى كۈچلىرىدىن بىرسى بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى مەسئۇلىيەتلىرى بولىشى تەبىئى. خىتاي ئەسەد ھۆكۈمرانلىقىنى قوللايدۇ.ئىچكى مەسىلىلەرگە ئارىلاشماسلىقنى، سۈرىيىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداشنى تەرغىپ قىلىدىغان خىتاي، ئەسەد قوشۇنىغا قورال-ياراق، قورال سەپلەنگەن ماشىنا ۋە ئىقتىسادى ياردەم قىلىۋاتىدۇ. بەزى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا،سۈرىيىگە خىتاينىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىمۇ ئەۋەتىلگەن. ئەسەد ھاكىمىيىتىدىكى سۇرىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمكارلاشقۇچىسى بولغان خىتاي، بىر تەرەپتىن سۇرىيە مەسىلىسى سىياسى دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەك دىسىمۇ، بىر تەرەپتىن رۇسىيىنىڭ قوراللىق ھەل قىلىش چارىسىنىمۇ قوبۇل قىلماقتا. خىتاي ئامىرىكا ۋە ياۋروپانىڭ سۈرىيىدىكى ئەسكەر چىقىرىش مەسىلىنى تېخىمۇ چوڭايتىۋەتتى، ئەمما رۇسىيەنىڭ قوراللىق قىسىملىرى بولسا قانۇنلۇق ھۆكۈمەت بولغان ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن كېلىپ دائىشتەك تېرورلۇق تەشكىلاتى بىلەن جەڭ قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىماقتا.سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە ب د ت دىكى ئاۋاز بىرىشتىمۇ خىتاي دائىم قارشى ئاۋاز بەردى ياكى ۋاز كەچتى. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي سۈرىيىگە ئالاھىدە ئەلچى بىكىتىپ، ئەسەد ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ئۆكتىچى گۇرۇپلار بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق سىياسى ھەل قىلىش چارىلىرىمۇ ئىزدەۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى تەسىر كۈچىمۇ ساقلىنىپ قالغان بولىدۇ. دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كۈچلەرنىڭمۇ سۈرىيە مەسىلىسىگە ئىشتىراك قىلىشى خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق بولماقتا. بۇ كۈچلەر سۈرىيە مەسىلىسى بىلەن ئالدىراش يۈرگەندە خىتاي «يىڭى يىپەك يولى» تۈرىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ كويىدا بولغان بولىدۇ. خىتاينىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى يەنە بىر بىخەتەرلىك مەنپەئەتى بولسا سۈرىيىدىكى ئايرىمىچى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىدۇر. خىتاي كوڭۈل بۆلىۋاتقان ئىقتىسادى تىجارەت مەنپەئەتى بولسا ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن دۆلەتنى يىڭىدىن قۇرۇش مەزگىلىدىكى مەبلەغ سېلىشتۇر. خىتاينىڭ سۈرىيىگە مۇناسىۋەتلىك پوزىتسىيە ۋە مەنپەئەتلىرى، تۈركىيىنىڭ سۈرىيە سىياسىتى بىلەن ماس كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىران يادرو مەسىلىسى ئۈچۈن 3 ماددىلىق بىر تەكلىپ سۇنغان ئىدى. 1.ب د ت غا دائىمى ئەزا 5 دۆلەت ۋە گىرمانىيىنىڭ ئىران بىلەن بىكىتكەن «ئورتاق كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەت پىلانى» توختامى جىددى ۋە بۇيرۇق خاراكتىرلىك بولۇپ، بۇ توختامنىڭ داۋاملىشىشى بىر پىرىنسىپ مەسىلىسىدۇر. 2. جازا ۋە كۈچ ئىشلىتىش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، دىئالوگنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم. 3. ھەمكارلىققا تايانغان ئىران سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم. خىتاي بۇ يولنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مەسىلىلەر
1985-يىلىدىن ھازىرغىچە،تۈركىيە –خىتاي سودا ئالاقىسى تۈركىيىگە پايدىسىز شەكىلدە تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. 1999-يىلى خىتاي خەلق قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى لى پىڭ تۈركىيىگە زىيارەتكە كەلگەندە سودا ئالاقىسىدىكى بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ تۈزىتىلىشى ئۈچۈن بەزى تەكلىپلەرنى سۇنغان ئىدى. ھازىرغىچە تۈركىيە ۋە خىتاي ئارىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ كۆرۈشۈشلىرىدە بۇ تىما ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلسىمۇ نەتىجىسىز بولۇپ كەلمەكتە.

تۈركىيە ۋە خىتاي ھەر ئىككىسى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ،بەزى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان مەھسۇلاتلىرى ئوخشاپ قالىدۇ. نىشان قىلىۋاتقان بازارمۇ ئوخشاش. يەنى ئككى دۆلەت رىقابەت مۇناسىۋىتىدە كىتىۋاتىدۇ. خىتاي ئىگە بولغان بەزى ئارتۇقچىلىقلار تۈركىيىنى ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. تۈركىيە خىتاي بىلەن رىقابەتلىشەلىشى ئۈچۈن مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالىشىكىرەك ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە بولۇشقا مەجبۇر. يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مائارىپ تەرەققى قىلىشى، مالىيە كۈچلىنىشى لازىم.بۇ مەسىلىلەرقىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل بولالمايدىغان بولغاچقا، تۈركىيە-خىتاي تىجارىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىق، ئىقتىسادى يول بىلەن ئەمەس بەلكى بىر سىياسى ئىمتىياز بىلەن ھەل بولىشى مۇمكىن. تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىھتىياجلىق بولغان ئىككى موھىم ئامىل بار ، مالىيە مەبلىغى ۋە تېخنىكا. خىتاينىڭ بۇ ئىككى شەرتنى ھازىرلىيالايدىغانلىقى ئېنىق. تۈركىيىمۇ خىتاي بىلەن تەرەققى قىلدۇرىۋاتقان يۇقىرى سەۋىيىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق مەنپەئەتكە ئىگە بولالىشى مۇمكىن.
يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي 2013-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق يوللىرىدىن تەشكىل تاپقان «يىڭى يىپەك يولى» تۈرىمۇ تۈركىيىنىڭ بۇ تۈردىكى مۇھىملىق دەرىجىسىنى ئاشۇردى. خىتاي بازارلىرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا تۇتىشىشىنى مەقسەت قىلغان بۇ تۈرنىڭ قۇرۇقلۇق يولى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتىشىدۇ. بۇ تۈر ئەمەلگە ئاشسا،خىتاي دۇنيا تىجارىتى ۋە ئىقتىسادى قائىدىلىرىنى يىڭىدىن بىكىتىش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزگەن بولىدۇ. بۇ ھوقۇققا ئىگە بولغان خىتاي خەلقئارالىق سېستىما ۋە دۇنيا تەرتىپىگىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بولىدۇ. خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنىڭ (2020،2035،2050 يىللىرىدا ئۈچ باسقۇچلۇق بىر جەريان ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەت بولۇش) ئەمەلگە ئېشىشى تۈركىيىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئورنىغا باغلىق. خىتاينىڭ «يىڭى يىپەك يولى» تۈرىدە ھالقىلىق نۇقتا بولۇپ قالغان تۈركىيە، خىتاي ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر دۆلەت بولۇپ قالدى. تۈركىيىنىڭ قاتناش ۋە ئالاقە ساھەلىرى، ئېنىرگىيە ساھەسى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ مۇستەھكەم بىر ئاساسقا ئىگە بولىشى ئۈچۈن خىتاي ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ قالىدۇ.
ئەمما خىتاينىڭ يەنە بىر تەلىپىمۇ بار،ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ۋەياكى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدۇر. دىيىلىۋاتقان بۇ مەسىلە ئەسلىدە خىتاينىڭ باشقۇرۇش مەسىلىسى بولۇپ، 1949-يىلىدىن كىيىن شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيىگە كىلىپ ئولتۇراقلىشىشى ۋە بەزى پائالىيەتلەردە بولىشى بۇ مەسىلىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى زىل نۇقتا قىلىپ قويدى. تۈركىيە دەسلەپ بۇ مەسىلىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغان بىر ئامىل ھالىغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ ، كىيىن بۇ مەسىلىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىن چىقىرىش يولىنى تاللىغان ئىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات ھەمكارلىقى ئورنىتىشقا قارار بەردى. مىنىستىر چاۋۇشئوغلى بىلەن ۋاڭ يى ئارىسىدىكى كۆرۈشۈشتە بۇ مەسىلە يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. زۇڭلى بىنالى يىلدىرىممۇ تۈركىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسىتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ:«خىتاينىڭ مۇستەقىللىقى،زىمىن پۈتۈنلىكى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىرىمىزبولسا نەسىلداشلىرىمىزدۇر. ئەمما تېرورغا ئارىلىشىپ قالسا، خىتاينىڭ مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلىكى ھوقۇقىغا ئوچۇق ئاشكارا قارشى تۇرىدىغان ھەرىكەتلەردە بولسا بىز ئۇلارغا ئىجابى قارىمايمىز.» دىدى.
خىتايچە مەنبەلەردە ئۇيغۇرلار تېرورلۇق ۋە تېرورىست ئاتالغۇلىرى بىلەن ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىلمەكتە. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا خىتاينىڭ تېرورلىققا قارشى كۈرىشى ئەسلىدە ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى كۆرىشى ھىساپلىنىدۇ. يېقىندا شەرقى تۈركىستانلىق قازاقلارمۇ بۇ ئاتالغۇ ئىچىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ تۈركىيىدىكى پ ك ك ۋە فەتۇللاھ گۈلەن بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ئوخشاش تېرور ۋە تېرورىست ئاتالغۇلىرى بىلەن پەرقلىق. تۈركىيە «شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى»نى تېرور تەشكىلاتى دەپ ئىلان قىلسىمۇ،خىتاي پ ك ك ۋە فەتۇللاھ گۈلەن بۆلگۈنچى كۈچلىرىنى تېرور تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلمىدى. خىتاي بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇپ بىرىلىشىنى تەلەپ قىلسىمۇ، خىتايدىكى فەتۇللاھ گۈلەن بۆلگۈنچى كۈچلىرىنى تېخى تۈركىيىگە قايتۇرغىنى يوق.
خەلقئارالىق مەۋجۇت سېستىما ۋە دۇنيا تەرتىپى چۆكۈش ھارپىسىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ ئېنىقسىز ۋەزىيەتتە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر بارغانسىرى مۇرەككەپلەشمەكتە. بۇنداق ئەھۋالدا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىمۇ بەزى قېيىنچىلىقلارغا ئۇچرىشى ئېنىق. بۇ قېيىنچىلىقلارنىڭ ھەل قىلىنىشى ھەر ئىككى دۆلەتتىن ئەقىل-پاراسەت ۋە تەجرىبە تەلەپ قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*