تۈركچىنى نېمىشقا ئۆگەنمەيمىز؟

بىلگىن | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

 

تېمىدىن دەرىزە ئاچقىلى بولىدىغان ئۆيلەردە پەقەت تۈڭلۈك قويۇپلا كۈندۈزدىمۇ قاراڭغۇدا ئولتۇرغان كىشىلەرنى كۆرسەك، ئۇلارنى ئەخمەقلىقتە ئەيىپلىشىمىزدە گەپ يوق. بەلكىم بۇلار مۇنداق ئىككى سەۋەپتىن دەرىزە ئاچماسلىقى مۇمكىن. بىرىنچىسى، قاراڭغۇدا ئۇزۇن ياشاپ كۆنۈپ كەتكەچكە، يورۇقلۇقنى ئۇنچىۋالا زۆرۈر ھېس قىلمايدۇ. چۈنكى، ئىنسان مەلۇم نەرسىدىن ئۇزۇن مۇددەت مەھرۇم ياشىغاندىن كېيىن، ئاستا_ئاستا ئۇ نەرسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قانداق قىممىتى ۋە زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئىككىنچىسى، ھەددىدىن زىيادە ھورۇنلۇقىدىن دەرىزە ئېچىشتىن ئېرىنىدۇ. ۋەھالەنكى، ھېچكىم بىراۋنى ئازراق تىرىشسىلا ئۆگىنەلەيدىغان بىر تىلنى ئۆگەنمىسە، ئۇنى ئەيىپلەپ يۈرمەيدۇ، چۈنكى تىل بىلمەسلىكتىن كېلىۋاتقان نادانلىقنىڭ زىيىنىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى نۇرغۇن كىشىلەر ھەقىقىي مەنىسى بىلەن تونۇپ يەتمەيدۇ. ئەسلىدە بۈگۈنكى كۈندە_ بولۇپمۇ چەتئەلدە _قاراڭغۇ ئۆيدە ياشاشنىڭ زىيىنى بىرلا تىل بىلەن ياشاشنىڭ زىيىنىدىن كۆپ يەڭگىل ئىدى.

ئۈستىدىكى تەققاسلاشقا قايتىپ كەلسەم، بىر چەتئەل تىلى ئۆگىنىش خۇددى تۈڭلۈكى بار ئۆيگە بىر دەرىزە ئېچىۋالغانغا ئوخشايدۇ. بىز بۇ دەرىزە ئارقىلىق تاشقى دۇنيانىڭ نۇرغۇن گۈزەل مەنزىرىلىرىنى كۆرەلەيمىز، تاشقى ئالەم بىلەن ئۆز ئالىمىمىزنى سېلىشتۇرۇپ، ھالىمىز ھەققىدە بىر قەدەر ئوبيېكتىپ تونۇشقا ئىگە بولالايمىز. كۆز ئالدىمىزدىكى تولىمۇ ئەپسۇسلۇق رېئاللىق شۇكى، باشقا دۆلەتتە ياشاۋاتقانلارنى قويۇپ تۇرايلى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن قېرىنداشلار تېخىچە تۈرك تىلىنى جىددىي بىر زۆرۈرىيەت سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ ئۆگەنمەيۋاتىدۇ. تۈرك تىلىنى بىلىشنىڭ بىز ئۈچۈن نەقەدەر زۆرۈرلۈكى، نەقەدەر مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي مەنىدە تونۇپ يەتمەيۋاتىدۇ. كۆزىتىشىمچە، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن.

تىل بىلىش ئۆلچىمىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى

روشەنكى،ئۇيغۇر تىلى ۋە تۈرك تىلى ئەسلىدە يىلتىزداش تىللاردۇر. ھازىر بۇ ئىككى تىل ئارىسىدا مورفولوگىيەلىك پەرقلەر خېلى كۆپ كۆرۈلسىمۇ، سىنتاكسىس قىسمى ئاساسەن بىردەكلىكىنى ساقلاپ قالغان، يەنى سۆزلەرنىڭ جۈملىدىكى تەرتىۋى ئوخشاش. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككىلا تىلدىكى ئەڭ تۈپكى كەلىمەلەر ئاساسەن ئوخشاش. مانا مۇشۇ سەۋەپتىن، ئەقلى جايىدا ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر تۈركىيەدە تىل كۇرسلىرىغا قاتناشمىسىمۇ، تۈركىيەدە بىر قانچە ھەپتە تۇرغاندىن كېيىنلا تۈركلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىدىن ئاساسەن چىقالايدۇ. يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن تۈركچە كىنو، تېلىفىلىملەرنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيەگە كېلەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى تۈركچىنى بىلىپ بولغاندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ قانائەت تۇيغۇسى دەل ئۆزىمىزدىكى تىل بىلىش ئۆلچىمىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كەلگەن. يەنى، بۇ ئۆلچەم بىزنى ئەڭ باشلانغۇچ ئالاقە ئېھتىياجىمىزدىن چىقالىغانلىقىمىزنى تۈركچە بىلدىم دەپ ئويلىۋېلىشقا ئېلىپ بارغان. بۇ ئۆلچەمنىڭ ئىچىدە ھەرگىزمۇ ئۆلچەملىك سۆزلىشىش، تۈركچە كىتاپلارنى ئوقۇپ چۈشىنىش، تۈركچە يېزىش دېگەنلەر يوق. بىلىش كېرەككى، كۈندىلىك ئالاقە ئېھتىياجىدىن چىقالىغىدەك سەۋىيە تىل بىلىشنىڭ ئەڭ باشلانغۇچ سەۋىيەسىدۇر. ئەمەلىيەتتە قېرىنداشلار بىلدۇق دەپ ئويلىۋالغان مۇشۇ ئالاقىلىشىش سەۋىيەسىمۇ گۇمانلىق. مېنىڭچە بۇ بىز ئالاقە قىلىۋاتقان تۈركلەر بىزنىڭ مەقسىدىمىزنى چۈشىنەلىگەنلىكتىن پەيدا بولغان خاتا تۇيغۇ. تۈركلەر بىز بىلەن پاراڭلاشقاندا خاتا سۆزلەپ قويساق ھەرگىزمۇ بىزنى نەقمەيداندا تۈزىتىپ يۈرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ تۈزەتمىگەنلىكى بىزنىڭ توغرا سۆزلىيەلىگىنىمىزدىن بولماستىن، بەلكى ئەدەپ يۈزىسىدىندۇر. قىسقىسى، ئۆزىگە تۈركچە كىتاپلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلىشىم كېرەك دەپ ئۆلچەم قويغان بىرى ھەرگىزمۇ ئالاقە ئېھتىياجىدىن چىقالىغانلىقىنى تۈركچىنى بىلگىنىم دەپ قارىمايدۇ.

بالدۇر قېرىۋېلىش

ئوتتۇز ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇمايۋاتقانلىقىنى ئاقلايدىغان ئەڭ چوڭ باھانىلىرىنىڭ بىرى يېشىنىڭ يوغىناپ قالغانلىقى بولسا، يەنە بىر ئاتالمىش < ئالدىراش> لىقىدۇر. بۇ يەردە بۇ ئاتالمىش < ئالدىراشلىق> ھەققىدە توختالمايمەن. ئويۇن_تاماشا، سودا_سېتىقتا ئۆزىنى ياش چاغلايدىغانلار، ئوقۇش،ئۆگىنىشكە كەلگەندە دەرھال < قېرىپ> قالىدۇ. ماھىيەتتە بۇنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئۆگەنمەسلىكىمىزنىڭ يوللۇقلۇقىغا ئۆزىمىزنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئويلاپ چىققان يالغان تەسەللى ئىكەنلىكىمۇ ئۆزىمىزگە ئايان.

<يېشىمىز بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ، ئوقۇش ئېغىر كېلىدىكەن، كاللىمىزدا تۇرمايدىكەن، ئاسان ئۇنتۇپ قالىدىكەنمىز، كىتاپنى قولۇمغا ئالساملا ئۇيقۇ تۇتىدۇ، بىز ئەمدى ئوقۇپ بولالمىدۇق، بالامنى ياخشى ئوقۇتاي دېدىم…….> دېگەندەك بۇ كىلاسسىك باھانىلەرنىڭ ئىگىلىرى ۋەتەندىكى لاگېرلارغا قامىلىپ كۈندە سائەتلەپ مەجبۇرى خىتايچە ئۆگىتىلىۋاتقان، قانۇن_تۈزۈم، شوئارلار مەجبۇرى يادلىتىلىۋاتقان، خىلمۇ_خىل ئۆگىنىش خاتىرىسى يېزىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان ( ئۆتكەندە بىر قېرىندىشىمىز خىتايچە ناخشىلارنى يادلاپ بولالمىغانلىقىدىن ئۇچرىغان ھاقارەتلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى) قېرىنداشلىرىمىزنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. مۇشۇنداق بىر پەيتتە چوقۇم ئۆزىنى شۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ بېقىشىمىز بىر ۋىجدانى مەجبۇرىيەتتۇر. ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىز، يۇقارقىدەك تاتلىق باھانىلەرنى كۆرسىتەلەمتىڭىز؟!

ئىماننىڭ بىر مۇسۇلماننىڭ زېھنىيىتىدە بەرپا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم تەپەككۇر ئادەتلىرىنىڭ بىرى ئۆزىگە خاتانى راۋا كۆرمەسلىكى ياكى باشقىچە ئېيتقاندا، ئۆزىنى ئالدىماسلىقىدۇر. ئەممار ئىبنى ياسىر رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ < ئۈچ تۈرلۈك خىسلەت بار، كىمكى بۇ خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرسە، ئىماننى ئۆزلەشتۈرگەن بولىدۇ. بۇ خىسلەتلەر ئۆزىگە قارىتا ھەققانى بولۇش، مۇسۇلمانغا سالام بېرىش، يوقسۇل تۇرۇقلۇق كەڭ قول بولۇشتىن ئىبارەت> بۇخارى. مەزكۇر ھەدىس شەرىپتىكى ئۆزىگە قارىتا ھەققانى بولۇش مېنىڭچە مۇئمىننىڭ ئۆزىگە ھەقسىزلىك، خاتانى راۋا كۆرمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىگە قارىتا ھەققانى بولۇش ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس، ئۇ مۇئمىندىن ئۆز روھىي دۇنياسىغا ھەقىقىي يۈزلىنىشنى،ئۆزىنى چىن ئېتىراپ قىلىشنى، نەپسى ئۈستىدىن غالىپ كېلىشنى، نەپسى چىرايلىق كۆرسەتكەن نەرسىلەرنىڭ ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن زىيانلىرىنى تونۇپ يېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىمان ئادەمنىڭ تۇيغۇ ئالىمىنىلا ئەمەس، زېھنىيەت ئالىمىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ.

يەنى، مەن شۇنى دېمەكچىكى، بىزنىڭ تۈرك تىلى ئۆگىنىشتىن ياشنى باھانە قىلىپ قېچىشنىڭ ئۆزى ئۆزىمىزنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. < ئوقۇ!> (ئەلەق) دېگەن ئايەت، < ئىلىم تەلەپ قىلىش ئەر_ئايال بارلىق مۇئمىنگە پەرزدۇر> دېگەن ھەدىسلەرنىڭ ھېچبىر يېرىدە بالىلارلا، ئوقۇغۇچىلارلا ئوقۇسۇن، چوڭلار ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ دەيدىغان ياش چەكلىمىسى يوقتۇر.

بىلىمگە ئېھتىياج ھېس قىلماسلىق

ھەممىمىز نادانلىقتىن سۆز ئاچقىنىمىزدا، مىللەتنىڭ نادانلىقىدىن قاخشىغىنىمىزدا، سۆزلىگۈچىلەرنىڭ جۈملە ئورانىدىن، نادانلىقنىڭ ئۆزىدىن باشقىلاردا ئىكەنلىكىنى، نادانلىقتىن ئاۋال باشقىلارنىڭ قۇتۇلۇشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت ئىمانى سەزگىلى بولىدۇ. سورۇنلاردىكى < ھەي، مىللىتىمىز نادانلىقتا قالدۇرۇلدى> دەپ ئاھ ئۇرۇشلىرىمىزدا، مەندىن باشقىلار نادان قالدۇرۇلدى، مەن مىللەتنىڭ نادانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىكەنمەن، دېمەك، مەن نادان ئەمەس دەيدىغان يوشۇرۇن تەستىق مەۋجۇت. يەنى بۇ يەردە < مەن > نادان ئەمەس، بەلكى بارلىق < باشقا> لار ناداندۇر. مانا بۇ بىمەنە قانائىتىمىزنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغىنى ئۆزىمىزنى بىلىمگە، باشقىچە ئېيتقاندا، ئۆگىنىشكە، تېخىمۇ كونكېرت ئېيتساق تىل ئۆگىنىشكە بىھاجەت ھېسابلاشتۇر. بىزچە نادانلىقتىن قۇتۇلۇشقا، ئوقۇشقا تېگىشلىكى مەڭگۈ باشقىلاركى، ھەرگىزمۇ < مەن > ئەمەس.

تۈرك تىلىنى كۈندىلىك ئالاقىدىن چىقالىغىدەك، كىنو كۆرەلىگىدەك سەۋىيەدە بىلىۋالغاندىن كېيىنلا داۋاملىق ئۆگىنىشنى تاللىماسلىقىمىز بىزنىڭ بىلىمگە بولغان ئېھتىياج تۇيغۇمىزنىڭ تۆۋەنلىكىنىڭ روشەن بىر دەلىلىدۇر. چۈنكى داۋاملىق ئۆگىنىش ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان تىل سەۋىيەسى بىزنىڭ تۈرك تىلى ۋاسىتىسىدە بىلىم ئىگەللىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ. پەقەت تۇرمۇش ئېھتىياجىنىلا كۆزلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن، داۋاملىق ئۆگىنىشكە بىلىم ئىگەللەش ئېھتىياجىدىن باشقا تۈرتكە بولمايدۇ. دېمەك، تۈرك تىلىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆگىنىشكە تىرىشماسلىقنى، بىلىم ئېھتىياجىنىڭ يوقلىقى ۋە تۆۋەنلىكىدىن دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى ھەقىقىي ئېھتىياج مۇناسىپ ھەرىكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قورسىقى ئاچقان بىر ئادەمگە تاماق ئېتىش ياكى يېيىشنى ئەسكەرتىشنىڭ قىلچە ھاجىتى بولمايدۇ. بىر ئادەم نادانلىقىدىن ئازابلىنالمىسا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەت قىلمايدۇ، شۇنىڭدەك يېڭى بىلىشلەردىن ھۇزۇرلىنالمىسىمۇ، بىلىم ئىگەللەشكە ئىنتىلمەيدۇ. ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، بىلىمگە ئېھتىياج تۇيۇلمىغان ھايات نىشانسىز، سۈپەتسىز،قىممەتسىز بىر ھاياتتۇر.

قارارسىزلىق

تۈركىيەدە داۋاملىق ياشاشنى قارار قىلالماسلىقمۇ قېرىنداشلارنى تۈركچە ئۆگىنىشتىن توسۇپ قويۇۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن قېرىنداشلار ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن غەرب ئەللىرىگە چىقىپ كېتىشنى ئويلاۋاتىدۇ. يەنە بەزى قېرىنداشلار ۋەزىيەت ھامان ئوڭشىلىپ قالاتتى دەيدىغان ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان پەۋقۇلئاددە ئۈمىتۋارلىق بىلەن ۋەتەنگە قايتىشنى خىيال قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇنداق قاراشتىكىلەر ھامىنى بىز تۈركىيەدە ياشىمىغاندىكىن، تۈركچە ئۆگەنگەننىڭمۇ پايدىسى يوق دېگەن قاراشتا تۈركچە ئۆگەنمەيدۇ. تۈركىيەگە كەلگىلى تۆت، بەش يىل بولغان قېرىنداشلاردىن تۈركچىنى قىلچىمۇ ئۆگەنمىگەن نۇرغۇن قېرىنداشلارنى ئۇچراتتىم. ئەڭ ئېچىنارلىقى بۇ قېرىنداشلاردا تۈركچە ئۆگەنمىگىنىدىن ئازراقمۇ پۇشايمان قىلغىنىنى، ئۆكۈنگىنىنى كۆرەلمەسلىكىمىزدۇر.

ھايات نىشانى غۇۋا، ئېنىقسىز كىشىلەر ئومۇمەن بىر ئۆمۈر قارارسىزلىق ئىچىدە ياشايدۇ ۋە بۇ قارارسىزلىق يۈزلەنگەن نۇرغۇن تاللاشلاردا ئىككىلىنىشنى، كېچىكىشنى، زىياننى ھەسسىلەپ تارتىشنى تۇغدۇرىدۇ. قەيەردە ياشاشنى تاللاش ئىنساننىڭ تەبىئىي ھوقۇقى دەپ چۈشەنگەندىمۇ، مەلۇم دۆلەتتە ۋاقىتلىق تۇرسىمۇ، شۇ ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ تىل مۇھىتى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ شۇ دۆلەتنىڭ ئاساس تىلىنى ئۆگىنىۋېلىش ئاقىلانە تاللاشتۇر. بۇ تىل ئۇنىڭغا كەلگۈسى ھاياتىنىڭ بىر يەرلىرىدە چوقۇم ئەسقېتىپ قالىدۇ. مېنىڭچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھېسسىي، كەيپىيات ئېھتىياجلىرىنى ھازىرچە ئىككىنچى، ئۈچىنچى قەۋەتلەرگە تىزىپ قويغاچ تۇرۇپ، ھاياتقا ئەقلىي كۆزدە قارىشى، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئەمەلىي پايدا_زىيىنىنى بەكرەك ھېساپلىشىپ، ۋاقتى، زېھنى،ئىقتىسادىنى كونكېرت، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىدىغان ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. مانا مۇشۇلارنى نەزەرگە ئالغاندا، تۈركچە ئۆگىنىشمۇ مەيلى سىز مەكتەپتە ئوقۇڭ ئوقۇماڭ، مەيلى سودىگەر ياكى ھۈنەرۋەن بولۇڭ سىزگە ئەمەلىي نەپ ئەكىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر.

ھورۇنلۇق

تۈرك تىلىنىڭ مۇھىملىقىنى، بىلىمگە ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى، قىرىق ياشتا بولساقمۇ چوقۇم ئۆگىنىشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپمۇ، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشكە ئىنتىلمىگەن بولساق ئۇنى پەقەت ھورۇنلۇق بىلەنلا چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ھايات_مامات دەقىقىلىرىدە مەيلى ئوقۇش، پۇل تېپىش، بالا تەربىيەلەش، مەيلى ئىبادەت، كىشىلىك مۇناسىۋەت، ئۆز_ئارا ياردەم، سىياسىي كۈرەش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەر قاندىقىدا ھورۇنلۇق قىلىش ۋاقىتنى ئۈنۈمسىز، بىھۇدە ئۆتكۈزۈش ئېغىر گۇناھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. ھورۇنلۇقىمىزنى ھەر قانداق بىر شەكىلدە ئاقلاشقا ئۇرۇنىشىمىز ئېغىزىمىزدىكى ئۇلۇغ دەۋالارنىڭ نەقەدەر ساختا، قۇرۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە كۇپايىدۇر. ئۆز ئىمكانى ئىچىدىكى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلمىغان، قىلىشقا تىرىشمىغان، شۇنداق يوق ئىمكانلارنى بار قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇنمىغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ قاخشاشلىرى، ۋايساشلىرى، ئېغىزىدىن چۈشمەيدىغان ئۇلۇغ غايە_ئارمانلىرى يالغاندۇر. ھورۇنلۇقىمىزنى يەڭمىگىچە دۈشمىنىمىزنى يېڭەلمەيمىز. بىزنى نۇرغۇن ئىمكانىيەتكە، يولغا، بىلىمگە ئىگە قىلىدىغان، باشقا تىللارغا قارىغاندا ئۇيغۇرغا نىسبەتەن ئۆگىنىش ئەڭ ئاسان بولغان بۇ تۈرك تىلىنى ئۆگەنمەسلىكىمىزمۇ ئاللاھ بەرگەن پۇرسەتلەرنى ئىسراپ قىلىشنىڭ بىر شەكلىدۇر. ھازىر بىزنىڭ ئىسراپ قىلىدىغان بىر سائەت، بىر مىنۇت، بىر سېكۇنت ۋاقتىمىز يوقتۇر. بىزدە ناننى تاشلىۋېتىش ئىسراپ دېيىلدى، پۇلنى بۇزۇش ئىسراپ دېيىلدى، ئارتۇقچە كىيىم_ كېچەك ئىسراپ دېيىلدى، زىبۇ_زىننەتنى كۆپ تاقاش ئىسراپ دېيىلدى، بۇلار توغرا. ئەپسۇسكى، < ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت > دەيدىغان تەمسىلى بار مىللەتنىڭ ئالىملىرى ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىمۇ گۇناھ دېمىدى.

مېنىڭچە بىر ئادەمنىڭ ھورۇنلۇقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئاۋال ئۇنىڭدا بىر نىشان بولۇشى كېرەك، چۈنكى نىشانى ئۇنىڭغا قىلىدىغان ئىشىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئاندىن نىشانىغا مۇھەببىتى چىن بولۇشى كېرەك، شۇندىلا بۇ مۇھەببەت ئۇنىڭدىكى ھورۇنلۇقنى يېڭىشتە كۈچ بولالايدۇ. ئىشىنىلگەن ۋە چۈشىنىلگەن نىشان يەنە ئادەمنىڭ كىرىزىس ئېڭىنى كۈچەيتىدۇ. چۈنكى نىشان ئەمەلگە ئاشماي قالسا يۈز بېرىدىغان يامان ئاقىۋەت ۋە نىشان يولىدىكى جەرياننىڭ قىيىنلىقى كىرىزىسنىڭ ئۆزىدۇر. مۇشۇ نۇقتىلاردىن قارىغاندا، بۈگۈن بېشىمىزغا كەلگەنلەر، بىز ئىچىدە ياشاۋاتقان بۇ كىرىزىس ھەر بىرىمىزنىڭ مۇئەييەن بىر نىشان تىكلىۋېلىشىغا يېتەرلىك بولمىغان بولسا، يەنە ھورۇنلۇق، نىشانسىزلىق، پىلانسىزلىقتىن قۇتۇلالماي يۈرگەن بولساق، ئۇنداقتا بىز بۇ كەلگۈلۈكلەرنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزىمىزگە ھەق ئەتكەن بولىمىز.

يېپىق ياشاشتىن قۇتۇلالماسلىق

مۇھاجىرەتتە ۋەتەن سېغىنچىنىڭ ئاچچىق ئازابلىرىنى قېرىنداشلار بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇش، پاراڭلىشىش، چاي ئىچىشىشلەر بىلەن ئاز_تولا يەڭگىللىتەلىگىنىمىز ئۈچۈن، پۇرسەت تاپساقلا بىر_بىرىمىزنى يوقلىغۇمىز، سائەت سائەتلەپ مۇڭداشقۇمىز كېلىدۇ. ھەم شۇنداق قىلىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى مۇھىتتىن تەبىئىي ياتسىراش، ئۇ مۇھىتتىكى قەدىرسىزلىك تۇيغۇلىرى بىزنى تېخىمۇ ئۆز_ئارا يېقىنلىشىشقا قىستايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار بەلگىلىك مىقداردا توپلاشقان شەھەر_رايونلاردىكى ئىجتىمائىي چەمبىرىكىمىز ئۆز قېرىنداش، ۋەتەنداشلىرىمىز بىلەن چەكلىنىدۇ. ئاساسلىق ئىجتىمائىي ئېھتىياجلىرىمىز مۇشۇ چەمبىرەك ئىچىدە قاندۇرىلىدۇ. باشقا دۆلەتلەردە قانداق بۇنى بەك بىلىپ كەتمىدىم، ئەمما تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئاساسەن دېگىدەك يەنىلا ئۇيغۇر ئىجتىمائىي چەمبىرىكى ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. تۈركىيەدە ئوقۇش، ياشاش ۋە باشقا ئىشلارغا ئالاقىدار كېرەكلىك ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى بىز ئۇيغۇر ئىجتىمائىي چەمبىرىكىدىن ئېلىۋاتىمىز. يەنى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بولساقمۇ، يەنىلا بىزنىڭ توردا ياكى جەمىيەتتە كۈندىلىك ئالاقە قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بولۇۋاتىدۇ. بۇ سەۋەپتىنمۇ، نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز تۈرك تىلى ئۆگىنىشكە سەل قاراۋاتىدۇ، ئېھتىياج ھېس قىلمايۋاتىدۇ. ئوقۇش مەسلىھەتىنىمۇ، تىجارەت مەسلىھەتىنىمۇ پۈتۈنلەي ئۆز_ئارا قىلىشىۋاتىمىز، تۈركىيە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇرلاردىن ئېلىۋاتىمىز ۋە ئۇنى يېتەرلىك بىلىۋاتىمىز. ئۆز_ئارا يېقىن ياشاشنىڭ بىز ساناپ بولالمىغىدەك پايدىلىرى بولسىمۇ ( بۇ پايدىلىرىنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ بولالمايمەن)، بۇ يېقىنلىق تۈرك جەمىيىتىگە كىرىشتىن بىزنى توسۇپ ،مەۋجۇت چەمبىرىكىمىزنى بىزگە يېتەرلىك ھېس قىلدۇرۇپ قويسا، بۇ خىل ھالەت بىزنى ئۆزىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىشىمىزدىن، تۈركىيە جەمىيىتىدىكى مەۋجۇت ئىمكانلارنى بايقاش ۋە پايدىلىنىشتىن توسۇپ قويىدۇ. ئارىمىزدا شەكىللەندۈرۈۋالغان بۇ يېپىق چەمبىرەك مەلۇم دەرىجىدە كۆزىمىزنى پەردىلەيدۇ، ئەسلى قولىمىزنى سۇنساقلا پايدىلىنالايدىغان ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنالمايمىز.

شۇنداق قارايمەنكى، بىزنىڭ تۈركچە بىلمەسلىكىمىزدىن تارتىدىغان زىيان، ئۆزىمىزنىڭ تار چەمبىرىكىدە ئالىدىغان پايدىمىزدىن ئېغىر. شۇڭلاشقا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار _بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار_بەكمۇ ئەمەلىيەتچان بولۇشى، ئىشلارنىڭ ئەمەلىي پايدا_زىيىنىنى چىقىش قىلىپ پىكىر يۈرگۈزۈشنى، ۋەزىيەتلەرنى دەڭسەشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.

ئۇنداقتا تۈرك تىلى ئۆگىنىشنىڭ قانداق ئەمەلىي پايدىلىرى بار؟

گەپنى ئاۋال تۈركىيەدىكى ياشاش ئېھتىياجىمىزدىن باشلايلى. تۈركىيەدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار دۇچكېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر، ئەڭ رېئال مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھەر ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ تۈپكى، تۇنجى ئېھتىياج بولغان جان بېقىش مەسىلىسىدۇر. تۈركىيەدە جان بېقىشنىڭ قىيىن بولۇشىنىڭ نۇرغۇنلىغان سەۋەبلىرى بار. يازمىمىز بۇ سەۋەبلەرنى تېما قىلمىغاچقا، پەقەت تۈركچە ئۆگىنىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى جان بېقىش قىيىنچىلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە يەڭگىللىتەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ.

مەلۇمكى، ھەرقانداق مىللەت ئۈچۈن كۆچمەن ھاياتتا تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلمەسلىك ئوقۇشنى قويۇپ تۇرغاندىمۇ، شۇ دۆلەتتە خىزمەت تېپىش، خىزمەت قىلىشتا دۇچكېلىۋاتقان مەۋجۇت قىيىنچىلىقلارنى يەنە ھەسسىلەپ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ئۆزىدە مەلۇم تىجارەتكە سالغىدەك ياكى بىر قانچە يىل يېتىپ يېگىدەك جۇغلانمىسى يوق، ئىشلىمىسە جان باقالمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ تىل بىلمەسلىكتىن كەلگەن بېسىم، ئاۋارىچىلىق تېخىمۇ زور بولىدۇ. مۇشۇ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىنلا خىزمەت بازىرىدا كۆرۈنەرلىك تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ، خىزمەت ئىزدەشتىكى مۇھىم بىر رىقابەت ئەۋزەللىكىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە شەخسى قابىلىيىتىگىلا تايىنىپ، تۈركلەر بىلەن خىزمەت بازىرىدا رىقابەتلىشىشى بەك قىيىن. بىراق باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇھاجىرلار بىلەن رىقابەتتە ئۈستۈنلۈك قازىنالىشى تامامەن مۇمكىن. مانا مۇشۇ ئۈستۈنلۈكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى دەل تۈرك تىلىنى باشقىلاردىن تېزرەك، ئاسانراق ئۆگىنەلىش ئەۋزەللىكىدۇر. نۆۋەتتە تۈركىيەدە سۈرىيەدىن كەلگەن ئۈچ مىليون ئەتراپىدا ئەرەپ بار، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېلىۋاتقانلارمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەپ ئەللىرىنىڭ چەتئەللىكلەرگە قاراتقان سىياسىتلىرىنىڭ ناچارلىشىشى بىلەن ئۇ دۆلەتلەردىكى ئاساسلىق جىسمانىي خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمدى تۈركىيەگە يۆتكىلىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك. ئۇلار چەتئەللەردە خىزمەت قىلىپ ئادەتلەنگەن، خىزمەت پوزىتسىيسى، سۈپىتى تەرەپلەردىن چەتئەللەردە ئىشلەش تەجرىبىسى كەمچىل ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە. بۇنداق بۈيۈك بىر ئېھتىماللىق ئالدىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك تىلىنى ياخشى ئۆگىنىۋېلىشى شۇ مۇمكىن كىرىزىسقا قىلىنغان ئەڭ ئەمەلىي ھازىرلىقلارنىڭ بىرىدۇر. بىر ھىندى، بىر پاكىستانلىق، بىر بېنگاللىق ياكى بىر ھىندىنوزىيەلىك بىلەن بىر تۈرك شىركىتىگە تەڭ خىزمەتكە ئىلتىماس قىلىپ قالساق، تۈركچە بىلىش بىلمەسلىكنىڭ تاللىنىشىمىزغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىشى مۇھەققەق. ناۋادا تۈركچىنى ياخشى بىلمەي قالساق، خىزمەت سۈپىتىدە ئۇلاردىن ئېشىپ كەتكىدەك دەسمايىمىزنىڭ يوقلىقىنى ئېتىراپ قىلماي ئامال يوق.

يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، تۈركىيەدە جان بېقىش، پۇل تېپىش ئۈچۈن تۈرك جەمىيىتىگە كىرىش، تۈركلەر بىلەن يامان ئەمەس ئىجتىمائىي تور قۇرۇش كېرەك دەپ قارايمەن. تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى، مۇناسىۋەتلىك قانۇن_سىياسەتلىرىنى، ھەر قايسى شەھەر، رايونلىرىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى چوقۇم ئاز تولا بىلىش، چۈشىنىش كېرەك. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى تۈركچىنى بىلمەستىن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. تۈركچە بىلمىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك جەمىيىتىنىڭ ئىچىدە ئەمەس، پوستىدا ياشاۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما پۇرسەتلەر پوستىدا ئەمەس بەلكى ئىچىدە. ئىچىگە كىرىشنىڭ يولخېتى بولسا دەل تۈرك تىلىدۇر. قىسقىسى، تۈرك تىلى بىلىشنى تۈركىيەدە پۇل تېپىشنىڭ مۇتلەق كاپالىتى دېيەلمىسەممۇ، تۈركچە بىلمەسلىكنى تۈركىيەدە يوقسۇل، خار ياشاشنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى بوپقالىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن.

ئىككىنچىدىن بىلىم ئېھتىياجىمىز ئۈچۈن تۈرك تىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

مەلۇم جەمىيەتتە بىلىم مەنبەلىرىنىڭ مول بولۇش بولماسلىقى، شۇ جەمىيەت خەلقى يېتەلەيدىغان بىلىم سەۋىيەسىنىڭ قانچىلىك يۈكسەكلىكتە بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئوبيېكتىپ سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئەسلىدىنلا بىلىم مەنبەلىرىنىڭ زىيادە كەمچىلىككىگە مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بىلىم مەنبەلىرىنى سىستېماتىك كونترول قىلىشى قوشۇلۇپ، شەخسلەر قانچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئوقۇسىمۇ، يېتىدىغان پەللىسى مەھەللىۋىي سەۋىيەدىن ھالقىيالمايدىغان بىر ھالەت شەكىللەنگەن ئىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئىلىم تالىبلىرىمىز ۋە خەلقىمىز ئۇلىشالايدىغان سەۋىيە بىزگە تېڭىلغان مۇستەملىكە مائارىپى ۋە ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردىكى مەزمۇنلار تەرىپىدىن بەلگىلىنەتتى. گەرچە بۇ ئىنتايىن چەكلىك مەنبەلەر ئارقىلىق ئۆتمۈشىمىزگە سېلىشتۇرغاندا ئۆزىمىزنى خېلى <ئاقارغان>دەك ھېس قىلساقمۇ، بۇ < ئاقىرىش> سەۋىيەسىنىڭ مەقسەتلىرىمىزگە، زامان تەلىپىگە ۋە قۇرداش مىللەتلەرگە نىسبەتەن يېتەرلىك بولۇشتىن نەقەدەر ئۇزاق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي ئامالىمىز يوق. ئاقارتىلىش سۈپىتىمىز بارلىق ساھەدىكى خزمەتلىرىمىزنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەۋاتىدۇ. مۇھاجىرەتتە كۆرۈۋاتىمىزكى، بۈگۈنكى زاماندىكى ئەڭ ئەقەللىي ئىشلاردىن بولغان تەشكىلاتلىنىش، تەشكىلات باشقۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، ئوقۇ_ئوقۇتۇش، تەشۋىقات، مەتبۇئات قاتارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن ئىپتىدائىي شەكىلدە ئۈنۈمسىز مېڭىۋاتىدۇ. ھەر ساھەنىڭ ئەڭ باشلانغۇچ ئۇقۇملىرىنىڭمۇ ئاۋام تەرىپىدىن ئەمەس، شۇ ساھەدىكى ئىش باشلىرى تەرىپىدىنمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە ئاڭقىرىلمىغانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. ھەر ساھەنىڭ بۈگۈنكى ئويۇن قائىدىلىرىنى بىلمەيدىغانلىقىمىز ئىجرائاتلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇ.

مانا مۇ مەۋجۇت ئۇنىۋېرسال ساپاسىزلىقنى مەلۇم دەرىجىدە يوقىتىشنىڭ ئەڭ قولاي يوللىرىنىڭ بىرى بىلىم مەنبەلىرىمىزنى كۆپخىللاشتۇرۇشتۇر، بۇنىڭ تېخىمۇ كونكېرت چارىسى بولسا مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركچە ئۆگىنىشىدۇر. ھازىر ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ نادانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، بىلىم بىلەن قوراللىنىشىنىڭ ئۆزىمۇ مىللەت ئۈچۈن قىلغان ئەڭ ئەمەلىي خىزمىتىدۇر. تۈركچە بىلىش بىلەن بىز قانداق بىر بىلىم مەنبەسىگە ئېرىشەلەيمىز؟

تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا قاراڭ

2017يىللىق سىتاتىستىكىدا تۈركىيە نەشرىياتچلىق بازىرى2008_يىلىدىكى سەككىز يۈز مىليون دوللارلىق بازاردىن ئىككى مىليارد بەش يۈز مىليونلۇق سەرمايىگە ئىگە دۇنيادىكى 11_چوڭ نەشرىيات بازىرىغا ئايلانغان.

2017_يىلى خەلقارا ئۆلچەملىك كىتاپ نومۇرى( international standard book number-ISBN) بىلەن نەشر قىلىنغان كىتاپلارنىڭ تۈرى 60335 خىل بولغان. < دىققەت= بۇ كىتابلارنىڭ تىراژى ئەمەس، بەلكى نەشر قىلىنغان كىتاپلارنىڭ تۈرى، ھەر بىر تۈر كىتاپنىڭ تىراژى بەلكىم كۆپى ئۈچيۈزمىڭدىن ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ مىڭغىچە بولۇشى مۇمكىن. ھەم بۇ قايتا نەشر قىلىنغانلارنى كۆرسەتمەيدۇ>.

2017_يىلى مۇشۇ 60335 خىل كىتاپ بىلەن دۇنيانىڭ ئونىنچى ئورنىدا تۇرغان. يەنى دۇنيادىكى ئونىنچى چوڭ كىتاپ دۆلىتى بولغان.

2017_يىلى تۈركىيەدە نەشىر قىلىنغان كىتاپ نوپۇس بېشىغا سەككىز يېرىم پارچە بولغان. ئەگەر بۇ ساننى تۈركىيە نوپۇسى 80مىليون 995مىڭ 654 كىشىگە كۆپەيسەك، جەمى 688،463،059 پارچە كىتاپ بېسىلغان بولىدۇ.(ئالتە يۈز سەكسەن سەككىز مىليون تۆتيۈز ئاتمىش ئۈچمىڭ ئەللىك توققۇز پارچە). بۇ سان 2016+يىلى404،129،293 بولغان بولسا، 2015_يىلى 384،054،363 پارچە بولغان. يەنى ئىزچىل ئېشىش يۆنىلىشىنى ساقلاپ ماڭغان.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا قۇرۇمىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا 2016_يىلى تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان گېزىت،ژۇرنالنىڭ تۈرى 6265 خىلغا يەتكەن بولۇپ، جەمى تىراژى بىر مىليارد705مىليون 225مىڭ بولغان. بۇنىڭ 80%نى گېزىتلەر تەشكىل قىلغان.

مېنىڭچە ئەستايىدىل ئوقۇرمەن يۇقارقى چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئىنچىكە ئوپېراتسىيە قىلىپ ئانالىز قىلىپ باقسا، بۇ سانلارنىڭ زادى نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيدۇ. بۇلارنى ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشىر بۇيۇملىرىنىڭ سانىغا سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ دېمەك، تۈركچە بىلگەن ئۇيغۇرغا مانا مۇشۇ مىقداردىكى بىلىم دۇنياسى ئىشىكىنى ئاچىدۇ.

كۆزىتىشىمگە قارىغاندا، ھەر قايسى ئىلىم ساھەسىدىكى دۇنياۋىي كىلاسسىك ئەسەرلەر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇشلۇقلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئاساسەن دېگىدەك تۈركچە تەرجىمىسى بار، بۇنىڭدىن باشقا تۈرك تەتقىقاتچىلىرى ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىي ئەسەر، ماقالىلىرىنىڭ سانىنى ئېلىپ بولۇش قىيىن. دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق بىلىم تىلى ئىنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغان دۇنياۋىي مودا ئەسەرلەرنىڭمۇ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىشىنى ئىنتايىن تېز دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن-دۇنياۋىي مودا رومان < داۋىنچنىڭ مەخىپىيىتى> نىڭ ئاپتورى ئامېرىكىلىق يازغۇچى دان بروۋننىڭ ئەڭ يېڭى رومانى< باشلانغۇچ> ( Origin)نىڭ ئىنگىلىزچە ۋە تۈركچە نەشرى 2017_يىلى ئۆكتەبىردە تەڭ ئېلان قىلىندى. (مەزكۇر روماننىڭ خىتايچىسىمۇ 2018_يىلى مايدا ئاندىن نەشىر قىلىندى). يەنە مەسىلەن_پاكىستانلىق مەشھۇر ئىسلام ئالىمى مەۋدۇدىنىڭ < قۇرئاننى چۈشىنىش> ناملىق تەپسىرىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ، تۆت خىل تۈركچە تەرجىمە نۇسخىسى بار، بىراق 1972_يىلى نەشىر قىلىنغان بۇ ئەسەرنىڭ تا ھازىرغىچە ئەرەپچە تولۇق نۇسخىسى چىقمىدى. يەنى، چەتئەل تىلىدىكى نوپۇزلۇق، مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىنىڭ سۈپىتى، نەشىر سۈرئىتى خېلىلا تېز. بۇنىڭدىن باشقا، غەرب ئەدەبىياتىدىكى دۇنياۋىي كىلاسسىك ئەسەرلەر، قەدىمقى يۇناندىن ھازىرغىچە بولغان غەرب پەلسەپىسىنىڭ ئانا تېكىستلىرى، ئىجتىمائىي پەننىڭ ھەممە تۈرىنىڭ ھۇلى بولغان گىگانت ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگىدەك تۈركچە نۇسخىسى بار دېيىشكە بولىدۇ.

بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، بىزدە نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر مەيلى ژانېر تۈرى، تەرجىمە سۈپىتى جەھەتلەردىن بولمىسۇن، يوقنىڭ ھېسابىدا. پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى دۇنياۋىي مەشھۇر رومان، پوۋېستلاردىن باشقا، يىرىك ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئانا ئەسەرلىرى ئاساسەن نەشىر قىلىنغىنى يوق. يەنى، ئۇيغۇرلار ھەقىقىي ۋەزنى بار، نادىر ئەسەرلەر بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچرىشالىغان ئەمەس. ئاخىرىدا دىنىي كىتاپلار ھەققىدە قىسقىچە توختىلايلى. ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان ئىسلامىي كىتاپلارنىڭ سانى بىلەن تۈركچە ئىسلامىي كىتاپلارنىڭ سانىنى، تۈرىنى سېلىشتۇرۇش دېڭىزنى كۆلگە سېلىشتۇرغاندەك كۈلكىلىك بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ. سىيرەت، ھەدىسشۇناسلىق، تەپسىرشۇناسلىق، شەرىئەت ئىلمى، كالام، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، تەسەۋۋۇف، فىقھ پىرىنسىپلىرى……..قاتارلىق ئىسلامىي پەنلەرنىڭ ئانا كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەرجىمىسى بولۇشتىن باشقا، ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئىسلام ئالىملىرى، مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ ئاساسەن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان. ئوخشاش بىر كىتابنىڭ بىر قانچە خىل تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ ئۇچراپ قېلىشى بەكلا نورمال بىر ئىش. ئەلۋەتتە، تۈرك ئالىملىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىنى بۇلارغا قوشساقچۇ؟

شۇنى قىستۇرۇش زۆرۈركى، مېنىڭ ئىنگىلىز تىلى، ئەرەپ تىلى، ياپون تىلى ۋە ياكى خىتايچە ئەمەس،( خىتايچىنىمۇ بىلىش زۆرۈر) تۈركچىنى ئۆگىنىشنى تەكىتلىشىمنىڭ سەۋەبى بەكلا ئاددىي، مەن ھەرگىزمۇ تۈركچە كىتاپلار ئىنگىلىزچە، ئەرەپچە كىتاپلاردىنمۇ مول دېمەكچى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرغا نىسبەتەن تۈركچە ئۆگىنىش ئىنگىلىز تىلى، ئەرەپ تىلى ۋە ياكى باشقا بىر چوڭ تىل ئۆگىنىشتىن نەچچە ھەسسە ئوڭاي دېمەكچىمەن. ئىنگىلىزچە، ئەرەپچىدە بىلىم كىتاپلىرىنى ئوقۇپ چۈشەنگىدەك سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن، ئاز دېگەندە باش كۆتۈرمەي ئۈچ، تۆت يىل ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ. تۈركچىنى بولسا تىرىشىپ ئۆگەنسەك ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە راۋرۇس كىتاپ ئوقۇيالىغىدەك سەۋىيەگە كېلەلەيمىز. ئۆزىمىزگە ئەڭ ئاز مەبلەغ سېلىپ، ئەڭ يۇقىرى پايدا يارىتىدىغان تۈركچە ئۆگىنىشتىن باشقا بىر يولنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.

ئۈچىنچىدىن، تۈرك تىلىنى ياخشى بىلىشنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋا ئىشلىرىغا ئەكىلىدىغان پايدىلىرىنى قەتئىي سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئەڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى بەرپا قىلىشقا ئەڭ ماس دۆلەت تۈركىيەدۇر. ئۇيغۇرنى، ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئەڭ ياخشى تونۇتۇش ۋە قوللىتىش ئىمكانىيىتى ۋە ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت يەنىلا تۈركىيەدۇر. ئۇيغۇرلارغا ئەڭ ياخشى ساھىپخان بولغان، بولۇۋاتقان ۋە بولالايدىغان دۆلەت يەنىلا تۈرك خەلقىدۇر. مانا مۇشۇنداق تەييار، مۇنبەت بىر ئىجتىمائىي مۇھىت ئىچىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك مەشرۇئىيەت، ھېسداشلىق، قوللاشقا ئېرىشتۈرۈشتە، تۈركچىنى تۈركلەردە پىششىق بىلىدىغان دەۋا ئادەملىرىمىزگە ئېھتىياجىمىز زور ئىدى. ھازىرغىچە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلاردىن تۈركلەرگە تونۇلغان ناتىق، يازغۇچى، دىنىي ئۆلىما ۋە ئاكادېمىكلەرنىڭ ئاساسەن يېتىشمىگەنلىكى،ئادەمنىڭ ئىچىنى ئويلىغانسېرى ئاچچىق قىلىدىغان، كەچۈرۈش ناھايىتى قىيىن خاتالىقلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. ئەسلى كونا ئەۋلات مائارىپقا ھەقىقىي ئەھمىيەت بەرگەن بولسا ئىدى، ئۇنداق ئادەملىرىمىزنىڭ يېتىشىشى پۈتۈنلەي ئېھتىمال ئىچىدە ئىدى. بۇ جەھەتتە مۇنبەت تۇپراقنى ئوغۇتلىماي، ئاپتاپقا سالماي تاشلىۋېتىپ، ئاندىن بۇ تۇپراقتىن ھوسۇل ئالالمىدىم دەپ قاخشايدىغان كالۋا دېھقانغا ئوخشاپ قالىمىز.

بولۇپمۇ ھازىرقى ئىنتېرنىت ئەۋزەللىكىدە سۆزلىيەلىسەكلا ئاڭلىتالايدىغان، يازالىساقلا ئېلان قىلالايدىغان سۇپا بار، ئەپسۇسكى، شۇنداق سۆزلىيەلەيدىغان، يازالايدىغان ئىستېدات ئەھلىمىز يوقنىڭ ئورنىدا بولۇۋاتىدۇ. جانلىق، تەسىرلىك نۇتۇقلار، ئېسىل ئەدەبىي ئەسەرلەر، چوڭقۇر ئىلمىي تەتقىقاتلار تۈركىيەدىكى ئەڭ ياخشى دەۋا قورالىمىزدۇر. ئەمما بۇ قورالنى ئىشلىتىشنىڭ شەرتى دەل تۈرك تىلىنى ياخشى بىلىشتۇر. تىلدىن ھەقىقىي پايدىلىنالىساق ئۇيغۇر دەۋاسىنى مەلۇم دەرىجىدە تۈركلەرنىڭ ئۆز تۇيغۇسىغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت دەپ قارايمەن. يەھۇدىلار ئەۋلاتمۇ ئەۋلات تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ياۋروپا خرىستىئان دۇنياسىدا ئەسلى مەۋجۇت، يىلتىزى ئىنتايىن چوڭقۇر ئەنتىسېمىتىزم _يەھۇدىلارغا ئۆچمەنلىك ئىدىيەسى_كەيپىياتىنىڭ ئورنىغا، ھازىر غەرب دۇنياسىنىڭ دېگىدەك ھەممە قاتلىمىدا مەۋجۇت يەھۇدىلارغا ھېسداشلىق كەيپىياتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك دەسسىتەلىدى. بۇنىڭدا يەھۇدىلار ئىچىدىكى ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى، ئەدىبلىرى،سەنئەتكارلىرى، كىنو ئارتىسى ۋە رېژىسسسورلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە زور رولى بار. ئەگەر بىزدىمۇ يېتەرلىك مىقدار ۋە سۈپەتتە قەلەمكەش، ناتىقلار يېتىشىپ چىقسا، ھاكىمىيەتتە قايسى پارتىيە تۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر دەۋاسىنى تۈركىيە كۈنتەرتىپىدە نىسبەتەن تۇراقلىق تۇتۇپ تۇرالايمىز. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى دىپلوماتىك ئېھتىياجلار سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنى چەتكە قاققىنىدا تۈركىيە خەلقى ئارقىلىق مەلۇم بېسىم شەكىللەندۈرەلەيمىز. خۇددى ھازىر غەرب دۇنياسىدا يەھۇدىلارغا قانداق قاراش بىر ئادەمنىڭ ئىرقچى ئەمەس ھەقىقىي بىر ئىنسانپەرۋەر ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئالامىتى بولۇپ قالغىنىدەك، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشنىمۇ، تۈرك زىيالىيلىرىنىڭ، پارتىيەلىرىنىڭ تۈپ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى ۋە ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرالايمىز.

تۆتىنچىدىن، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەملىك بىر ئاقارتىش، مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىگە ئېھتىياجلىق. دائىم تەكىتلىگىنىمدەك، پۈتۈن ساھەلەردىكى نەتىجىسىزلىك، ئۈنۈمسىزلىكنىڭ تېگىدە ئۇنىۋېرسال ساپاسىزلىقىمىز ياتىدۇ. بىزدە ئەزەلدىن ئىرادە، قىزغىنلىق، پىداكارلىق كەم بولمىدى، ئەمما مۇشۇ قىزغىنلىقنى توغرا يولغا سالىدىغان، ئۇنى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىش كۈچى بار ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇرالايدىغان ئاڭ، سىياسىي دىت كەم بولدى. مېنىڭ چۈشەنچەمدە، بۇ ئاقارتىش ھەرىكىتى سىستېمىلىق، پىلانلىق بىر تەرجىمىچىلىك ھەرىكىتىنى يادرو قىلىدۇ. چۈنكى، باشقىلاردا بىز يىللارچە ئۆگىنىپ بولالمايدىغان تەييار بىلىم، تەتقىقات نەتىجىلىرى، تەجرىبىلەر بار، بىز ئۇچرىغان مەسىلىلەرنىڭ ئوخشاشلىرى ۋە تەتقىقاتتىن ئۆتكەن ھەل قىلىش چارىلىرى بار. چۈنكى جاھاندا بىز ئۇيغۇرلارلا مۇستەملىكە بولغان ئەمەس، سانسىزلىغان مىللەتلەر بىزلەردەك مۇستەملىكە بولغان شۇنداقلا قۇتۇلۇپ چىققان، ئۇلاردىن ئۆگىنىدىغان جىق يەرلەر بار. ئۇچرىغان سوتسىئولوگىيەلىك، پىسخولوگىيەلىك مەسىلىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنىڭ نەزەرىيەلىرىدە چۈشەندۈرۈشلىرى بار. ھەممىنى نۆلدىن باشلاپ بەرپا قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. تەرجىمە يولى بىلەن خەلققە بىلدۈرۈش ھازىرقى تەخىرسىز خىزمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەگەر بۇ تەرجىمىچىلىكنى تۈركچىنى ئاساسلىق مەنبە قىلىپ باشلىغىنىمىزدا سۈرئەت، ئۈنۈمدىن زور دەرىجىدە ئۇتالايمىز.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىز بۇ تەرجىمىچىلىك ئارقىلىق ۋەتەندە يوق قىلىنىۋاتقان ئانا تىلىمىزنى چەتئەلدە بولسىمۇ ساقلاپ قالالايمىز، بىلىم تىلى بولۇش سالاھىيىتىنى تۇتۇپ تۇرالايمىز. مىللەت گەۋدىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلمىگىچە، بىزدىن دۇنياۋىي سەرخىللار يېتىشىپ چىقالمايدۇ. بۇ خۇددى سۈپەتسىز سۈتتىن، سۈپەتلىك قايماق چىقمىغاندەك بىر ئىشتۇر. شۇڭلاشقا ئېسىل قايماققا ئېرىشمەكچى بولساق، ئاۋال سۈتنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلىماق كېرەكتۇر.

خاتىمە

مەيلى قايسى خىل ئېھتىياجىمىز نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا، تۈرك تىلىنى ياخشى بىلىش بىزنى غايەت زور ئىمكانىيەت، ئەۋزەللىك ۋە بوشلۇققا ئىگە قىلىدۇ. بۇ ئىمكانىيەتتىن يېتەرلىك پايدىلانماسلىقىمىزنى، بۇ پۇرسەتنى ئاتا قىلغان ئاللاھ ئالدىدىمۇ، ۋەتەندە قامىلىپ ئوقۇشتىن مەھرۇم قالغان مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز ئالدىدىمۇ ئاقلىيالمايمىز. < ئاندىن ئۇ كۈنى بېرىلگەن نېئمەتلەردىن سورىلىسىلەر> تەكاسۇر 8_ئايەت. دېگەن ئايەتتىكى < نېئمەتلەر> نوقۇل يېمەك كىيىم كېچەك، ئۆي تۇرالغۇدەك ماددىي نېئمەتلەرنىلا ئەمەس، ئەقىل، ۋاقىت، پۇرسەت دېگەندەك مەنىۋىي نېئمەتلەرنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىندۇر. < نېئمەتلەر> دەپ كۆپلۈك كېلىشىدىنمۇ بۇنىڭ ھەر تۈرلۈك نېئمەتلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. نېئمەتلەرگە شۈكرى ئېيتىشنىڭ يولى ئاۋال نېئمەتلەرنى تونۇش، ئاندىن نېئمەتلەرنى بەرگۈچىنى ئۇنتۇماستىن تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش ئاخىرىدا ئۇ نېئمەتلەردىن ۋايىغا يەتكۈزۈپ پايدىلىنىشتۇر. مۇشۇ نۇقتىدىن مەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تۈرك تىلى ئۆگىنىشنى بىز قىستالغان بىر ۋەزىپە دەپلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى بىر بۇرچ، بىر نېئمەت دەپ قارايمەن. چۈنكى بىلىم بىر نېئمەت دەپ قارالسا، ئۇ ھالدا بىزنى ئۇ بىلىمگە ئۇلاشتۇرىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسى شۇ نېئمەتنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاشكارە قاتنىشالماسلىقىنى نۇرغۇن ئۆزرىلىرى بىلەن قوبۇل قىلىش چۈشىنىش مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ تىرىشماسلىقىنى، بىلىم ئالماسلىقىنى قوبۇل قىلغىلى، چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ھازىر بىر ئادەمنىڭ نادانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، بىر ئەقىل، ئاڭ، نەزەر ئىگىسى بولۇپ بېرىشىمۇ، مىللەتكە قىلىنغان ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەردىندۇر. چۈنكى مىللەتكە ئاشكارا دۈشمەن، يوشۇرۇن خائىنلارلا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ، يەنە ساناقسىز ئاقكۆڭۈل ھاماقەتلەرمۇ ئوخشاش، ھەتتا بەزىدە تېخىمۇ ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزىدۇ.

تامام.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

2 ئىنكاس

  1. مەمەتسىدىق says:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھەقىقەتەن توغرا گەپ قىلىنىپتۇ بۇ ماقالىدە.
    پەقەت…
    بەزى يەرلەردىكى ئىملا خاتالىقلىرى (بولۇپمۇ ئالتە يۈز سەكسەن سەككىز مىليون… ساننىڭ ئاتمىش سەككىز مىليون… دەپ يېزىلىشى) ئادەمنى بىرئاز، بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ (ئادەمنى دەپ ئۆزۈمنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن). ئازراق دىققەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*