تۇنجى نۆۋەتلىك «تەتقىقات ۋە تەنقىد » كۇرسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

ئىنستىتۇتىمىز تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۇنجى نۆۋەتلىك «تەتقىقات ۋە تەنقىد» كۇرسى 2019 – يىلى 26 –يانۋار ئستانبۇلدا باشلىنىپ 27 –يانۋاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

2019 – يىلى 26 – يانۋاردىن 27 –يانۋارغىچە تۈركىيەنىڭ ئستانبۇل شەھرىدەتۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ۋە باشقا دۆلەتلەردىن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىشتىراك قىلغان ئالىي مەلۇماتلىق ياشلار، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋەپىروفېسسورئالىمجان ئىنايەت ئۇستازلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاكادېمىك ماقالىلەرنى يېزىش، ئوقۇش، ئانالىز قىلىش، ئۇلارغا باھا بېرىشمېتودلىرى توغرىسىدا بويىچە لېكسىيە ئاڭلىدى.

ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ تۈرلىرى، يېزىش مېتودلىرى ۋە ئۇلارغا ئەخلاقىي دائىرىدىن چەتنەپ كەتمىگەن ئاساستا تەنقىدىي باھا بېرىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولغانكۇرسانتلار، بۇ قېتىملق كۇرستا ئۇستازلارنىڭ دەرسنى قىزىقارلىق ۋە چۈشىنىشلىك تىل بىلەن سۆزلىگەنلىكىنى،ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق دەرستىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە كۇرس ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى، بىر قىسىم بەزى تەكلىپ – پىكىرلەرنى بەردى.

كۇرس ئاخىرىدا 24 نەپەر كۇرسانتقا <شاھادەتنامە> تارقىتىپ بىرىلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*