تۇنجى نۆۋەتلىك «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە» كۇرسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

2018-يىلى 29-دېكابىر

ئىنستىتۇتىمىز تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۇنجى نۆۋەتلىك «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە» كۇرسى 2018 – يىلى 23 – دېكابىردا ئەنقەرەدە باشلىنىپ 29 – دېكابىردا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىي مەلۇماتلىق ياشلار ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ رىياسەتچىلىكى ۋە پىروفېسسور قۇنۇرئالپ ئەرجىلاسۇن، رۇقىيە تۇردۇش، م.بۇغرا، نۇرى تۈركەل، نىجات تۇرغۇن قاتارلىق ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە دۆلەت، سىياسەت، خەلقئارا مۇناسىۋەت، مىللەت ۋە مىللەتچىلىك، ئاخبارات – سىياسەت مۇناسىۋىتى، ئىقتىساد ۋە سودا، باشقىلارنىڭ نەرىزىدە ئۇيغۇرلار، تارىخ ۋە ئىستراتېگىيە، ئىستراتېگىيە ۋە ئىستراتېگىيە مەركەزلىرى، مىللىي مەپكۇرە ۋە قىممەت – قاراش، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا مۇناسىۋەت، قانۇن ۋە خەلقئارا قانۇن ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئىستراتېگىيەسى… قاتارلىق تېمىلار بويىچە لېكسىيە ئاڭلىدى ۋە ھەر بىر تېمىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا تەشكىللىك بەس – مۇنازىرە ئېلىپ باردى.

كۇرسنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە بارلىق دەرسلەر قىسقىچە مۇھاكىمە قىلىندى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ پائالىيەتچىلەر ۋە سىياسەتچىلەردىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ دەۋاغا قوشقان، قوشۇۋاتقان ۋە قوشىدىغان تۆھپىلىرى، شۇنداقلا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، يېتەرسىزلىكلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىرگە، دەۋا ئۈچۈن قانداق سىياسەتنى ياقلاش كېرەكلىكى مەسىلىسى بەس – مۇنازىرە قىلىندى.

كۇرسانتلار ۋە سىرتتىن دەرس ئاڭلىغان ياشلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۇرسقا بەرگەن باھالىرى يۇقىرى بولدى. «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە» كۇرسىغا كېلىپ قاتناشقان قاھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسىي پەنلەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپى بويىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان مۇھەممەد ئاتاۋۇللا تەسىراتىنى سۆزلەپ، «كۇرسنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولدى، مەن تۈركىيەدە تۈركلەر تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ خىلدىكى كۇرسلارغا قاتنىشىپ باققان، مەيلى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن، بۇ قېتىمقى كۇرسنى باشقا ئوخشاش تۈردىكى كۇرسلاردىن ياخشى بولدى، دېيىشكە بولىدۇ. مەن بۇ كۇرس جەريانىدا، بىر تەرەپتىن ئۆزۈم كەسىپتە ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى پىششىقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، يەنە بىر جەھەتتىن يېڭى بىلىم ۋە چۈشەنچىلەرگە ئېرىشتىم. بولۇپمۇ بىر قىسىم كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ ئۆز تەجرىبىلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا بەرگەن لېكسىيەلىرى مېنى يېڭى مەلۇمات، يېڭى چۈشەنچىگە قىلدى. بۇ كۇرستا ئۆگەنگەنلىرىمىز بىزگە ئوخشاش ياشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە سۈپەتلىك ئېلىپ بېرىشىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن. ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ بۇ تۈردىكى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدى.

كۇرسقا سىرتتىن قاتنىشىپ دەرسلەرنى باشتىن ئاخىر تىڭشىغان داڭلىق دەۋەتچى، جامائەت ئەربابى ھەبىبۇللاھ كۈسەنى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، «مەن ئالدى بىلەن، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇر دەۋاسى سېپىدە بوشلۇق بولۇپ كېلىۋاتقان بىر ئىستراتېگىيە مەركىزىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقىدىن چوڭقۇر سۆيۈندۈم، ئىككىنچى نۇقتا، كۇرس ئارقىلىق نۇرغۇن يېڭى شۇنداقلا ئەھمىىيەتلىك مەلۇمات ۋە مېتودلار بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم، ئۈچىنچىسى تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن سەرخىللار بىلەن تونۇشۇش، پىكىرلىشىش پۇرسىتىم بولدى. ماڭا نىسبەتەن بۇ بىر ھەپتە ناھايىتى مەنىلىك ئۆتتى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىنستىتۇت ۋە پائالىيەتلىرىگە يېقىندىن ھەمكارلىشىشى ۋە بۇ يەرگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىستانبۇل سودا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن ماھىرە مۇھەممەد كۇرس ھەققىدە توختىلىپ: «قانۇن كەسپى بويىچە باكلاۋورلۇقنى تۈگەتكەن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ ساھەدە كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن بولساممۇ، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ بۇ قېتىمقى كۇرسى ماڭا ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا بېسىشىمىز كېرەك بولغان يەنە نۇرغۇن مۇساپىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ مۇساپىنى دەرھال باشلاشنىڭ تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. ھازىر يېڭى بىر يىلنى باشلاش ھارپىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. مەن بۇ كۇرستا ئىگىلىگەنلىرىم سايىسىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش ھاياتىمنىڭ يېڭى چېرتىيوژىنى قايتىدىن سىزىشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە» كۇرسىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەريىلى بىر قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*