تۆتىنچى قېتىملىق «ئىستراتېگىيەلىك مۇھاكىمە يىغىنى» گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلدى

2019-يىلى 19-نويابىر

تۆتىنچى قېتىملىق «ئىستراتېگىيەلىك مۇھاكىمە يىغىنى» 11 – ئاينىڭ 15-، 16 – كۈنلىرى گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلدى؛ ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى، دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا تۈركىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، كانادا، شىۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار، سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ جەمئىي 15 ئەتراپىدا ئادەم ئىشتىراك قىلدى.
ئىككى كۈن داۋاملاشقان يېپىق يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە «مەۋجۇت خەلقئارا سىستېما ۋە دۇنيا تۈزۈمىدىكى ئۆزگىرىشلەر» دېگەن ئاساسىي تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا دۇنيا تۈزۈمىنىڭ غەرب مەركەزلىك بىر قۇتۇبلۇقتىن كۆپ قۇتۇبلۇققا قاراپ يۈزلىنىشى، ئىقتىساد ۋە سودا، مۇداپىئە ۋە قوراللىنىش، خەۋپسىزلىك ۋە يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈلدى ۋە «دۇنيا قەيەرگە كېتىۋاتىدۇ؟» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. ئارقىدىن خىتاينىڭ خەلقئارا سىستېما ۋە دۇنيا تۈزۈمىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى شۇنداقلا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش جەريانىدىن تارتىپ دۇنيا تۈزۈمىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئەتلىرى ۋە خىتاي، خىتاي – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى، خىتاي – ئىسلام دۆلەتلىرى مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەر كۆپ قىرلىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە «خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى» دېگەن چوڭ تېما؛ «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارا سەۋىيەگە يېتىشى ۋە ئۇنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئۆزگىرىشلەر» تارماق تېمىسى ئاستىدا دەۋانى ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ كەسپىيلىشىشىدىن تارتىپ تەشكىلاتلارنىڭ مۇئەسسەسەلىشىشى، تەشكىلاتلار سېپىدە ئىسلاھاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ياشلاشتۇرۇلۇشى، تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە ئىشەنچ يارىتىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنڭ كۈچەيتىلىشى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگىچە بولغان نۇرغۇن نۇقتىلار دادىل، ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى زۆرۈر بولغان خىزمەتلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاقىدار نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە قىلىنىشى كېرەك بولغان زۆرۈر ئىشلار ۋە ساقلىنىش كېرەك بولغان نۇقتىلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم يىغىننىڭ ئۇتۇقلۇق ئېچىلىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىگە ۋە ئالاقىدار كىشىلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
«شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيەلىك مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ بىرىنچى قېتىملىقى 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە شىمالىي قىبرىس (سىپرۇس) تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرنە شەھىرىدە، ئىككىنچى قېتىملىقى 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە، ئۈچىنچى قېتىملىقى 2018 – يىلى 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنىدىن 26 – كۈنىگىچە بېلگىيەنىڭ ئانتىۋېرفېن شەھىرىدە چاقىرىلغانىدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*