توقۇنۇش ئىچىدىكى ئىككى دۇنيا تەسەۋۋۇرى ۋە ئاشقۇن تەشكىلاتلار

ئۇغۇر پەكتاش -ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خەلقئارالىق تېررورىزىم بىلەن مۇسۇلمان دۇنياسى ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بارلىقى مەسىلىسىدە ئۈستىدە نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ماقالىمىزدە بۇ تەتقىقاتلاردا داۋاملىق تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدىغان دارۇل ئىسلام-دارۇل ھەرب ئۇقۇملىرى بىلەن ئاشقۇن تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئانالىز قىلىنىدۇ. بۇ دائىرىدە تۇنجى بولۇپ دارۇل ئىسلام-دارۇل ھەرب تۈزۈم تەسەۋۋۇرى ئۈستىدە ئىزاھات بېرىلىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە بولسا دارۇل ئىسلام-دارۇل ھەرب تەسەۋۋۇرى بىلەن ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدىغان ۋېستفالىيە تۈزۈمى ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ سەۋەبلىرى يورىتىلىدۇ. ئۈچىنچى قەدەمدە، تېررورىزىم ۋە خەلقئارالىق تېررورىزىم ئۇقۇملىرىغا قىسقىچە ئىزاھات بېرىلىدۇ. ئاخىرىدا بولسا دارۇل ئىسلام تۈزۈمى ۋە ۋېستفالىيە تۈزۈمى تەسەۋۋۇرى دائىرىسىدە ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارادىكى ئەھۋالى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ماقالىدە ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلقئارا تۈزۈمگە نىسبەتەن زور تەھدىت سۈپىتىدە كۆرۈلۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى، بۇ تەشكىلاتلار قوبۇل قىلغان دارۇل ئىسلام-دارۇل ھەرب تەسەۋۋۇرىنىڭ زامانىۋى مىللىي دۆلەتلەر تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى ۋە فونكسيەسىگە دۇئېل ئېلان قىلىش دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ.
دارۇل ئىسلام-دارۇل ھەرب، ۋېستلفالىيە تۈزۈمى، ئاشقۇن تەشكىلاتلار
كىرىش
كۈنىمىزدە خەلقئارالىق تېررورزىم ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بىلەن ئىسلام ئارىسىدا قانداق بىر مۇناسىۋەت بارلىقى مەسلىسى ئۈستىدە نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئەل-قائىدە، تالىبان، بوكو ھارام ۋە دائېشقا ئوخشاش ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ قىلمىشلىرى نۇرغۇن ئاكادېمىك تەتقىقلارغا تېما بولۇپ كەلدى. بۇ ئاكادېمىك ماقالىلەر بۇ ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ ئىدىيەلىرى، مەقسەتلىرى ۋە قايسى خىل ئۇسۇللار بىلەن نوپۇز تىكلەپ ئاكتىپ بولالايدىغانلىقىنى يورىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئاشقۇن تەشكىلاتلارنى زور تەھدىت ھالىتىگە ئېلىپ كەلگەن ئامىل ھازىرقى خەلقئارا تۈزۈمگە خەۋپلىك ۋە زىيانلىق بولغان ئىدىيە ۋە ئېيتىملارنى قوبۇل قىلىشلىرى ۋە بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا خەلقئارا سەۋىيەدە مۇۋاپىق شارائىت تاپالىشى ئىدى.
زامانىۋى مىللىي دۆلەتلەر تۈزۈمىنىڭ ئاساسىنىڭ ۋېستفالىيە تىنچلىق ئەھدىناسىدىن كېيىنلا سېلىنغانلىقى توغرىسىدا بىردەك قاراش مەۋجۇت. ۋېستفالىيە تۈزۈمىنىڭ ئىككى ئاساسلىق پىرىنسىپى بار بولۇپ، بىرىنچىسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەڭ ۋە باراۋەر بولۇشى بولسا ئىككىنچىسى، دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىدىن ئىبارەت. بۇ تۈزۈم ياۋروپادا ئاپرىدە بولغان بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەر خىل ئامىللارنىڭ قوشۇلۇپ بىر پۈتۈن ھالغا كېلىشى بىلەن خەلقئارالىق تۈزۈمگە ئايلانغان. ۋېستفالىيە تۈزۈمى خەلقئارالىق سالاھىيەتكە ئىگە بولۇش جەريانىدا ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلغان ئۆزگە دۇنيا تۈزۈمى تەسەۋۋۇرلىرىنىمۇ پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان، ھەتتا ياشاش ھوقۇقى بەرمىگەن بولۇپ، بۇ تۈزۈم تەسەۋۋۇرلىرىدىن بىرى ھازىر ئاشقۇن تەشكىلاتلار قوبۇل قىلغان دارۇل ئىسلام-دارۇل ھەرب تۈزۈمىدۇر.
دارۇل ئىسلام-دارۇل ھەرب تۈزۈمى ئۆزلىرىنى ئىسلام دۆلىتى دەپ قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرنىڭ 8-ئەسىردىن باشلاپ باشقا دۆلەتلەرگە كېڭىيىش ئۈچۈن پايدىلانغان تۈزۈم تەسەۋۋۇرىدۇر. بۇ تۈزۈمدە مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىسلام قانۇنى ئىجرا قىلىنغان دۆلەت ۋە رايونلار دارۇل ئىسلام (ئىسلام دۆلىتى) دەپ تەرىپلىنىدۇ. باشقا دۆلەتلەر بولسا دارۇل ھەرب (ئۇرۇش دۆلىتى)دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئاخىرقى نىشان دارۇل ئىسلامنى زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. يەنى دۇنيانىڭ ھەممىسىنى ئىسلام قانۇنى ئىجرا قىلىنىدىغان ماكان ھالىتىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ قاراش ئەممەۋىلەر ۋە ئابباسىيلار دەۋرىدىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ياۋروپا دۆلەتلەر تۈزۈمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان 1956-يىلدىكى قىرىم ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزلىرىنى ئىسلام دۆلىتى دەپ ئاتىغان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپى بولغان. بىر قىسمى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمرىلىشى نەتىجىسى، يەنە بىر قىسمى جاھانگىرلىك ۋە مۇستەملىكە مۇساپىسىدىن كېيىن مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن ۋە خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى ۋېستفالىيە تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىدۇ. خەلىپىلىنىڭ بىكار قىلىنىپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن دارۇل ئىسلام تۈزۈمىنى ياقلايدىغان بىرمۇ دۆلەت چىقمايدۇ. ۋېستفالىيە تۈزۈمى بولسا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن رەقىپسىز ھالەتكە كېلىدۇ. بىراق، نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسىمى مۇسۇلمان بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن خەلقىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى قامدىيالماسلىقى ھەتتا قانۇنلۇق سالاھيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىشى، شۇنداقلا دۆلەتسىز بىر قىسىم مۇسۇلمان توپلۇقلارنىڭ زۇلۇم ۋە بېسىمغا ئۇچرىشى قاتارلىقلار دارۇل ئىسلام –دارۇل ھەرب تۈزۈمىنى قوبۇل قىلغان ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ نوپۇز تىكلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.
بۇ دائىرىدە مەزكۇر ماقالىمىز ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلقئارا تۈزۈمگە نىسبەتەن زور تەھدىت سۈپىتىدە كۆرۈلۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ، ئاشقۇن تەشكىلاتلار قوبۇل قىلغان دارۇل ئىسلام-دارۇل ھەرب تۈزۈم تەسەۋۋۇرىنىڭ زامانىۋى مىللىي دۆلەتلەر تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپ ۋە فونكسىيەسىگە دۇئېل ئېلان قىلىشنى ئىلمىي ئاساس سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى. ماقالىنىڭ تۇنجى قىسمىدا دارۇل ئىسلام تۈزۈم تەسەۋۋۇرىگە ئىزاھات بېرىلىدۇ، دارۇل ئىسلام ئۇقۇمىنىڭ پەيدا بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ رولى بولغان نەسىھ ئۇقۇمى ۋە بۇ ئۇقۇم ئىستېمال قىلىنغاندا كېلىپ چىققان بەزى مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنىدۇ. ماقالىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا دارۇل ئىسلام تۈزۈمى بىلەن ۋېستفالىيە دۆلەتلەر تۈزۈمى ئارىسىدىكى كۈرەشنىڭ سەۋەبى ۋە نەتىجىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى قىسىمدا بۇ ماقالىگە نىسبەتەن مۇھىم ئۇقۇملاردىن بىرى بولغان تېررورىزىم ھادىسىسىگە ئۇقۇم رامكىسى بېكىتىلىدۇ. ئاخىرقى ۋە خۇلاسە قىسمىدا 1990-يىلدىن كېيىن خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلگەن ئاشقۇن تەشكىلاتلار دارۇل ئىسلام ۋە ۋېستفالىيە دۆلەتلەر تۈزۈمى دائىرىسىدە مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.
2-دارۇل ئىسلام-دارۇل ھەرب تۈزۈمى
دارۇل ئىسلام-دارۇل ھەرب تۈزۈمى، ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ قىلمىشلىرى ۋە بولۇپمۇ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە كەڭ ئورۇن ئالغان ئۇقۇملاردىن بىرىدۇر. خەلقئارالىق تېررورىزىمنىڭ سەۋەبلىرى قىسقىچە يورىتىپ بېرىلىدىغان بىر تەتقىقاتتا ياكى كونكرېت بىر ئاشقۇن تەشكىلات ئانالىز قىلىنغان تەتقىقاتلاردا بۇ ئۇقۇملارغا كەڭ ئورۇن ئاجرىتىلىدۇ. ماقالىمىزنىڭ بۇ قىسمىدا دارۇل ئىسلام تۈزۈم تەسەۋۋۇرى ئۈستىدە توختىلىمىز. بىراق دارۇل ئىسلام، دارۇل ھەرب ۋە دارۇل سۈلھىگە ئوخشاش ئۇقۇملارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىسلامدا قايسى خىل ئەھۋاللاردا ئۇرۇشقا يول قويۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلار ئۈستىدە توختىلىش كېرەك.
1.2-قۇرئانى كەرىم ۋە فىقىھچىلارغا كۆرە ئۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي قانۇنىي ۋە غول مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان قۇرئانى كەرىمدە، يوللۇق ئۇرۇشنى يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ قايسى خىل ئەھۋالدا ئۇرۇشقا مۇراجائەت قىلىشىنىڭ يوللۇق ۋە ھەقلىق بولۇش مەسىلىسى بەزى ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ. قۇرئاندىكى ئايەتلەرگە بىر پۈتۈن ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغىنىمىزدا، ئۇرۇشقا ئىككى خىل ئەھۋال مۇراجائەت قىلىنىدۇ. بىرىنچىسى، بىر مۇسۇلمان مىللەت، توپلۇق ياكى جەمئىيەت ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇشقا مۇراجائەت قىلىسا بولىدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئاندا ئايەتلەر ئۇچرايدۇ، مۇمتەھىنە سۈرىسىنىڭ 8-، 9-ئايەتلىرىدە: «(كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ [8]. ئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر [9]. » (مەۋدۇدى، 2004: 290). نىسا سۈرىسىنىڭ 90-ئايىتى : « پەقەت سىلەر بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدا ئەھدە بولغان بىر قەۋمگە سېغىنغانلار ياكى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن ياكى ئۆز قەۋمگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن يۈرەكلىرى سىقىلىپ (يەنى سىلەر تەرەپمۇ ئەمەس، ئۆز قەۋمى تەرەپمۇ ئەمەس بولۇپ) سىلەرگە كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى مۇنداقلارنى ئۆلتۈرمەڭلار ۋە ئەسىر ئالماڭلار). ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئۇلارنى سىلەرگە مۇسەللەت قىلاتتى، ئۇلار، ئەلۋەتتە، سىلەر بىلەن ئۇرۇشاتتى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى كۈچلۈك قىلپ سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەتلىك قىلاتتى)، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرسا (يەنى سىلەرگە چېقىلمىسا)، سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىسا ۋە سىلەرگە تەسلىم بولسا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىڭلارنى ھەرگىز رۇخسەت قىلمايدۇ »(ئۆز تۈرك، 2016: 92). ۋە ئەنفال سۈرىسىنىڭ 61-ئايىتى: « ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر » (ئۆز تۈرك، 2016:170).
قۇرئان كەرىمدە ئۇرۇشقا يول قويۇلغان ئىككىنچى خىل ئەھۋال بولسا، كۈنىمىزدە خەلقئارا قانۇندا ئىسانىي مۇداخىلە ئۇقۇمىغا ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگىدۇر. يەنى، بىر مۇسۇلمان جەمئىيەت (بۇنىڭغا ئا دەيلى) غەيرى مۇسۇلمان بولغان ئۆزگە بىر جەمئىيەت (بۇنىڭغا ب دەيلى)نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا، باشقا مۇسۇلمان جەمئىيەتتىن (بۇنىڭغا س دەيلى)ئارىسىدىكى دىنى رىشىتى سەۋەبلىك ياردەم تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا س جەمئىيەتنىڭ ئا جەمئىيەتكە ياردەم قىلىشى كېرەك. بۇ يەردە يەنە مۇنداق مۇستەسنا ئەھۋال بار، ب ۋە س بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا كېلىشكەن بولسا س جەمئىيەت ئا جەمئىيەتكە ياردەم قىلالمايدۇ. قۇرئاندا غەيرى مۇسۇلمان بىلەن بولغان تەقدىردىمۇ تۈزۈلگەن كېلىشىمگە رىئايە قىلىشنىڭ ئىككى مۇسۇلمان جەمئىيەت ئارىسىدىكى دىن رىشىتىسىدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. ئەنفال سۈرىسىنىڭ 72-ئايىتىدە بۇ ئەھۋال مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: « ئىمان ئېيتقانلار، (ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيۈش يۈزىسىدىن يۇرتىنى تاشلاپ) ھىجرەت قىلغان، پۇل ـ ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار (يەنى مۇھاجىرلار)، (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار) ـ ئەنە شۇلار ئەلۋەتتە بىر ـ بىرىگە ئىگىدۇر (يەنى بىر ـ بىرىگە ياردەمچىدۇر، بىر ـ بىرىگە مىراسخوردۇر). ئىمان ئېيتقان ئەمما (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلمىغانلار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تاكى ئۇلار ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئۆزئارا ئىگە بولۇش (يەنى ياردەملىشىش، مىراسخور بولۇش) بولمايدۇ؛ ئەگەر دىن ئىشىدا ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېلىشىم بولمىسىلا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر » (يۈكسەل، 2014:172).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا مەككىلىك مۇشرىكلەر قاتتىق زۇلۇم سالىدۇ. بېسىم ۋە زۇلۇم كۈچىيىپ كەتكەچكە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قىسمى ھەبەشىستانغا، يەنە بىر قىسمى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىدۇ. بىراق مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا سالغان زۇلۇمى چەككە يەتكەندە مەككىلىك مۇشرىكلارغا قارشى جىھاد قىلىش توغرىسىدا ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇشى بىلەن مەدىنە دۆلىتى مەككىلىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە دەسلەپكى تۆت خەلىپە دەۋرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار ھەقلىق ۋە يوللۇق قوغدىنىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئىشقا ئاشىدۇ. ئىسلامنىڭ بىرىنچى ئەسىرىدە پەقەت مەكلىلىكلەرلا ئەمەس ئىسلامنىڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ كېتىشىنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارىغان ۋىزاتىنىيە ۋە ساسانى ئىمپېرىيەلىرى ۋە ئۇلارغا قاراشلىق رايونلارمۇ بۇ ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىسلام دۆلىتىگە ھۇجۇم قوزغىغان (ئۆزەل، 2014: 45-46). يەنى ئىسلامنىڭ تۇنجى ئەسىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار زېمىن ۋە غەنىمەت ئۈچۈن ئەمەس يوللۇق قوغدىنىش ئۈچۈن قىلىنغان. بۇ ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە ئاندىن زېمىن ۋە غەنىمەت قولغا كەلگەن. ئۇرۇشقا مۇراجائەت قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى يېڭى زېمىن ۋە غەنىمەت قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولمىغان.
قۇرئانى كەرىمدە قايسى خىل ئەھۋاللاردا ئۇرۇشقا يول قويۇلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر نەزەرگە ئېلىنىغىدا، مۇنداق زىددىيەتلىك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئەممەۋىلەر دۆلىتى، ئابباسىيلار دۆلىتى، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ۋە بۇ دۆلەتلەردىن سىرت ئۆزلىرىنى ئىسلام دۆلىتى دەپ ئاتىغان دۆلەتلەرنىڭ ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى ئىچىدە يوللۇق قوغدىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇشلار بولغىنىدەك، ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئۇرۇشلارمۇ ئۇچرايدۇ. قۇرئاندىكى ھەقلىق ۋە يوللۇق ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە زېمىن، غەنىمەت، شان-شۆھرەتكە ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار يوللۇق ۋە ھەقلىق دەپ قارالمايدۇ. بۇ پاسسىلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش ئۈچۈن ھەر قايسى مەزھەپلەردىن ئىسلام فىقىھچىلىرى «نەسىھ» ئۇقۇمىغا مۇراجائەت قىلغان ۋە قۇرئاندىكى ھەقلىق ۋە يوللۇق ئۇرۇشلارغا كەلتۈرۈلگەن چەكلىمە ۋە پاسىللاردىن مەلۇم دەرىجىدە ئاشالىغان. نەسىھ ئۇقۇمىنىڭ قۇرئاندا ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى يۇمشىتىشى دارۇل ئىسلام ۋە دارۇل ھەرب تەرىقىسىدە دۇنيانىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىشىگە نەزەرىيە جەھەتتىن شارائىت يارىتىپ بەرگەن. بۇ دائىرىدە دارۇل ئىسلام –دارۇل ھەرب دۇنيا تەسەۋۋۇرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن نەسىھ ۋە مەنسۇھ (ھۆكۈمسىز قالدۇرۇلغان ياكى ئۆزگەرتىلگەن)

2.2- دارۇل ئىسلام-دارۇل ھەرب ئايرىمىنىڭ يىلتىزى: نەسىھ-مەنسۇھ تەدبىقى
«نەسىھ» كەلىمىسى بىر كىشىنىڭ ئىلگىرى يازغان بىر تېكىستنى باشقا بىر كىتابقا ياكى كىتابقا ئوخشاش بىر نەرسىگە نەقىل قىلغاندا بۇرۇن يازغانلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى چىقىرىپ تاشلىشىنى، بىر قىسىمىنى ئۆزگەرتىشىنى ۋە قالغان قىسمىنى بولسا ئوخشاش نەقىل قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دائىرىدە ئاللاھ ئىنجىل ۋە تەۋراتقا ئوخشاش قۇرئاندىن بۇرۇنقى مۇقەددەس كىتابلاردىكى ھۆكۈملەرنىڭ بىر قىسمىنى قۇرئانغا كىرگۈزمىگەن، بىر قىسمىنىڭ ھۆكۈمىنى يېنىكىلىتپ قۇرئانغا كىرگۈزگەن، قالغان قىسىملىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى قۇرئانغا شۇ پېتى كىرگۈزگەن. ھۆكۈمى ئۆزگەرتىلگەن ياكى بىكار قىلىنغان قىسىمغا مەنسۇھ، مەنسۇھنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن قىسىمغا نەسىھ دېگەن نام بېرىلىدۇ (بايىندىر، 2014:445). قۇرئاندا نەسىھ ئۇقۇمىنىڭ بارلىقى بەقەر سۈرىسىنىڭ 106-ئايىتىدە ئىزاھلىنىدۇ: « قانداقلا بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، (ئورنىغا) ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ » (مەۋدۇدى، 2004:36).
ئاللاھ ئىسلامدىن بۇرۇنقى دىنلارغا تەۋە كۆپ قىسىم ھۆكۈمنى قۇرئانغا كىرگۈزگەن. بۇنى قۇرئاننىڭ 42-سۈرىسىنىڭ 13-ئايىتىدە بايان قىلىدۇ: « ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە (يەنى تەۋھىد) ئېغىر كەلدى، ئاللاھ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ » (مەۋدۇدى، 2004، 255-6). ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ۋاستىسى ئارقىلىق بايان قىلغان بەزى ھۆكۈملەر ئۆزگەرتىلىپ يىنىكلىتگەن ھالدا قۇرئانغا كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە ئىنجىل ۋە تەۋراتتا زىنا قىلغان ئەر ۋە ئايالغا ئىجرا قىلىنغان رەجم يەنى تاش ئېتىپ ئۆلتۈرۈش جازاسىنىڭ قۇرئاندا يىنىكلىتىگەن ھالدا بايان قىلىنىشىنى كۆرسىتەلەيمىز. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: زىنغا قىلغان ئەر ۋە ئايالنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررۇ ئۇرۇڭلار، ئەگەر ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسەڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىنى تەدبىق قىلىشتا ئۇلارغا رەھىمسىزلىك قىلماڭلار…» (مەۋدۇدى، 2004:192). قۇرئان ئىنجىل، تەۋراتتىكى بەزى ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ (بايىندىر، 2004:446). مائىدە سۈرىسىنىڭ 15-ئايىتىدە « ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەرگە سىلەر كىتابتا (ئىنجىلدا ۋە تەۋراتتا) يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە (يوشۇرغان نەرسىلەردىن) نۇرغۇنىنى كەچۈرىدىغان (ئاشكارىلاپ سىلەرنى پاش قىلمايدىغان) رەسۇلىمىز كەلدى، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى » (ئۆز تۈرك، 2016:108). بۇ ئايەتتە كىتاب ئەھلى بولغان يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارغا ۋەھىي قىلىنغان بەزى ھۆكۈملەرنىڭ قۇرئاندا بارلىقى، بىر قىسىمنىڭ قۇرئانغا كىرگۈزۈلمىگەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.
يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك، قۇرئاندا ئۇرۇش ئاچقانغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا يول قويۇلىدۇ. ھەنەفى مەزھىپىنىڭ ئىسلام فىقىھچىلىرى، بەزى ھەنبەلى ۋە مالىكى مەزھەپىگە قارشى فىقچىلارمۇ مۇشۇ قاراشنى ياقلايدۇ. بىراق شافى مەزھىپىنىڭ فىقىچىلىرى بىلەن باشقا ھەنبەلى ۋە مالىكى ئىسلام فىقىھچىلىرى باشقىچە قاراشقا ئىگە. بۇ قاراشقا كۆرە، ئىسلام دىنىدىن باشقا بىر دىنغا تەۋە بولۇش يەنى غەيرى مۇسۇلمان بولغان جەمئىيەتنىڭ ئۆزىلا ئۇرۇش سەۋەبى بولۇشقا يېتەرلىك. شافى فىقىھچىلىرى بۇ قاراشىغا تەۋبە سۈرىسىنىڭ 5-ئايىتىنى دەلىل قىلىدۇ. « (ئۇرۇش قىلىش) ھارام قىلىنغان ئايلار ئۆتۈپ كەتكەندە، مۇشرىكلارنى قەيەردە ئۇچراتساڭلار، شۇ يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئەسىرگە ئېلىڭلار، قورشاڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇڭلار، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ناماز ئوقۇسا، زاكات بەرسە، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر » (ئۆزتۈرك، 2016:173). نەسىھ ئۇقۇمىنى ئىشلەتكەن ئىسلام فىقىھچىلىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، قۇرئانى كەرىمدە غەيرى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئۇرۇشلار قەدەممۇ قەدەم ۋە باسقۇچمۇ باسقۇچ ھالىتىدە تەرەققىي قىلىپ ماڭغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھىجرەتتىن بۇرۇنقى دەۋىردە مۇسۇلمانلارغا غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان، ھىجرەتتىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش ئاچقان غەيرى مۇسۇلمانلارغا (مۇشرىكلار)غا قارشى ئۇرۇش قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم كەلگەن. كېيىنچە، بارلىق غەيرى مۇسۇلمانلار (مۇشرىكلار)غا قارشى ئۇرۇش ئېچىش پەرز قىلىنغان (قۇتۇپ، 2014:30، قۇتۇپ، 2012: 207-210). نەسىھ ئۇقۇمىنى قۇرئان ئايەتلىرى ئارىسىدا تەدبىق قىلغۇچىلار قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ 22 يىل ۋاقىت ئىچىدە مۇھەممەد ئەلەيىھىسسلامغا نازىل قىلىنغانلىقىنى، شۇڭلاشقا ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرمۇ بۇ مەزگىلدە ئۆزگىرىپ ماڭغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋەھىي قىلىنغان ئايەتلەر ئالدىنقى ئايەتلەرنىڭ ھۆكۈمىنى بىكار قىلغان. بۇ قاراشقا ئاساسلانغاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ مۇسۇلمان بولماسلىقى يېتەرلىك سەۋەب بولۇپ قالغان.
نەسىھ ئۇقۇمىنى قۇرئانغا تەدبىق قىلغۇچىلار بەزىدە «سەھىھ»ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەدىسىلەر بىلەنمۇ قۇرئان ئايەتلىرىنى نەسىھ قىلىشقا تىرىشىدۇ. بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزى نەقىل قىلىنىدۇ: «ئىنسانلار بىلەن، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر دېگىگۈچە ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم» (ئۆزەل، 2014: 58). نەسىھ ئۇقۇمىنى قۇرئان ئايەتلىرىگە تەدبىق قىلغۇچىلار نۇرغۇن ئايەت ۋە ھەدىسنى دەلىل قىلىپ قاراشلىرىنى قۇۋەتلەشكە تىرىشىدۇ. قىسقىسى، يوللۇق قوغدىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋبە سۈرىسىنىڭ 5-ئايىتىگە ئوخشاش ئايەتلەر ۋە ھەر خىل ھەدىسلەر ئىشلىتىلىپ نەسىھ قىلىنغان، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھۆكىمى بىكار قىلىنغان. بىراق نەسىھ- مەنسۇھ مۇنازىرىلىرىدە قارشى تەرەپنى ياقلىغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، نەسىھ ئۇقۇمىنىڭ قۇرئاندىكى ئايەتلەر ئىچىدە تەدبىق قىلىنىشى توغرۇلۇق ئايەت يوق. شافىلارغا ئوخشاش قاراشنى ياقلىغۇچىلار تۆۋبە سۈرىسىنىڭ 5-ئايىتىدىكى مۇشرىك ئۇقۇمىنى بارلىق غەيرى مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تەرىقىدە ئىزاھلايدۇ. قارشى كۆز قاراشتىكىلەر بولسا مەزكۇر ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان مۇشرىكلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش ئېچىپ ئارىسىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، يەنى بارلىق مۇشرىكلارنى-غەيرى مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىر مەسىلە توغرۇلۇق قۇرئان ئومۇمىي جەھەتتىن مۇھاكىمە قىلىنغىنىدا ئالدىنقى ۋە كېيىنكى ئايەتلەرگە قاراپ چىقىلغان ئاساستا مەنە پۈتۈنلىكى نۇقتىسىدىن ئىزاھلىنىشى كېرەك (ئۆزەل، 2014). قۇرئاندىكى بىر ئايەت ئېلىنىپلا كونتېكىستىن خالىي ھالدا ئىزاھلانسا بولمايدۇ. نەسىھ-مەنسۇھ ئۇقۇملىرىنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىگە تەدبىق قىلىنىپ قىلىنماسلىقى ياكى نەسىھ-مەنسۇھ مۇنازىرلىرىدە قايسى تەرەپنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئانالىز ئېلىپ بېرىش ماقالىمىزنىڭ دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. بۇ ماقالىدە نەسىھ ئۇقۇمىنى تەدبىق قىلىشتا كېلىپ چىقىدىغان مەسىلىلەر يەنى دارۇل ئىسلام ۋە دارۇل ھەرب ئۇقۇملىرى بىلەن بۇ ئۇقۇملار سەۋەب بولغان مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
دار كەلىمىسى لۇغەتتە ئۆي، بىر توپلۇق قونىدىغان ماكاننى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام قانۇنىدا دار كەلىمىسى بىلەن ئىسلام ھاكىمىيىتى يولغا قويۇلغان دۆلەت ياكى باشقا دىنلارنىڭ ھاكىمىيەتلەر يولغا قويۇلغان دۆلەت مەنىسىدە ئىشتىلىدۇ. بۇ تەدبىرگە كۆرە، بىر دۆلەتنىڭ مۇسۇلمانلارغا ياكى غەيرى مۇسۇلمانلارغا ئاساسەن ئايرىلىشىدا ئاساسلىق ئۆلچەم بۇ دۆلەتنى كىمنىڭ باشقۇرۇش مەسىلىسىدۇر. ئەھمەت ئۆزەلنىڭ قارىشىچە، ئىسلام فىقىچىلىرى بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى يەرلەرنى ئېنىقلاپ چىقىش، مەزكۇر دۆلەتتە ياشايدىغان توپلۇق بىلەن ئۆزگە دۆلەتلەردىكى توپلۇقلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرتىپكە سېلىشكە ئوخشاش چۈشەنچە بىلەن دۇنيانى ئىككىگە ئايرىغان: دارۇل ئىسلام ۋە دارۇل ھەرب. ئىسلام قانۇنى ئىجرا قىلىنغان ۋە ھۆكۈمدارلىرى مۇسۇلمان بولغان دۆلەتلەر دارۇل ئىسلام، دارۇل ئىسلامغا قوشۇلمىغان باشقا جايلار بولسا دۇرۇل ھەرب دەپ تەرىپلەنگەن (ئۆزەل، 2012، 43-44). دارۇل ئىسلام ۋە دارۇل ھەرب ئايرىمىدا ئۆزەل تەكىتلىگەن خۇسۇسلار مۇھىم بولۇش بىلەن بىرگە، بۇنداق بىر چۈشەنچە ياكى مەنتىق بىلەن ئىككىگە ئايرىشنى تولۇق ئىزاھلاشتىن ئاجىز كەلمەكتە. يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك، دۇنيانى ئۇرۇش مەنتىقىسىگە ئاساسەن ئىككىگە ئايرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا غەيرى مۇسۇلمان بولۇشنىلا ئۇرۇش سەۋەبى دەپ قارايدىغان فىقىچىلارنىڭ قارىشىدۇر. مۇشۇنداق بىر قاراش ياكى چۈشەنچىنىڭ ئۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملىشىدىغان ھادىسە سۈپىتىدە قارشى تولىمۇ تەبىئىي ھادىسىدۇر. دۇنيا نوقۇل مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمانلار ئۇرۇش قىلىدىغان جاي دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا، غەيرى مۇسۇلمانلار ياشايدىغان جايلار مۇقەررەر ھالدا دارۇل ھەرب يەنى ئۇرۇش دۆلىتى ھالىتىگە كېلىپ قالىدۇ. ھەقلىق ۋە يوللۇق ئۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە دەسلەپكى تۆت خەلىپە دەۋرى بىلەن كېيىنكى دەۋرلەر ئارىسىدا ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. ئىسلامنىڭ كەڭ يېىيىلىشى نۇقتىسىدىن ئەڭ ھالقىلىق پەيتتىمۇ نە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نە دەسلەپكى تۆت خەلىپە دارۇل ھەرب ئۇقۇمىنى ئىشلەتمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئانى كەرىمدە ھەتتا ھەدىسلەردىمۇ دارۇل ئىسلام ۋە دارۇل ھەرب ئۇقۇملىرى ئىشلىتىلمىگەن. بۇ ئۇقۇملار بەزى ئىسلام فىقىچىلىرى ئىجاد قىلغان ئۇقۇملاردۇر.
دارۇل ئىسلام ۋە دارۇل ھەرب ئۇقۇملىرى توغرىسىدىكى مۇنازىرلەردە پات-پات دارۇل سۇلھى ئۇقۇمىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. دارۇل ئىسلام-دارۇل ھەرب ئۇقۇملىرىنى ياقلىغۇچىلار بۇ ئايرىمنىڭ تېنىمسىز ئۇرۇشنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە تېنىمسىز ئۇرۇش ھالىتىنىڭ يوقلىقىنى، دارۇل سۇلىھنىڭ (سۇلىھ ياكى تار مەنىدە تىنچلىق، يەنى ئۇرۇش بولمىغان دۆلەت)مۇ بارلىقىنى ئەسكەرتىشىدۇ. بۇ قاراشقا كۆرە، دارۇل ئىسلام ۋە دارۇل ھەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدا كېلىشىم ئارقىلىق ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتقىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ (ئۆزەل، 2014:45). بىراق دارۇل سۇلھى ئۇقۇمى مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا باراۋەرلىككە تايىنىدىغان مۇناسىۋەت ئورنىتىش مەنىسنى بىلدۈرمەيدۇ. دارۇل ئىسلام ۋە دارۇل ھەرب ئارىسىدا تۇرىدىغان دارۇل سۇلىھتە غەيرى مۇسۇلمان ھۆكۈمدار دۆلەتنى باشقۇرسا بولىدۇ. بىراق بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلارنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. دارۇل سۇلىھىغا ئەمەۋى خەلىپىسى مۇئاۋىيە بىلەن ئەرمەنى خانلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مىسال بولالايدۇ. ئەرمەنى خانلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئەرمەنى خانلارنىڭ زېمىنلىرىغا ھۆكۈمدارلىق قىلىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغان كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىمۇ بالقان رايونىغا كېڭىيىش ئەسناسىدا، غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن بۇنىڭغا ئوخشاش كېلىشىملەرنى ئىمزالىغانىدى (لېۋىس، 2011، 122-123). بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، دارۇل سۇلھى ھادىسىسىمۇ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم بولۇپ، غەيرى مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلغان ئەھۋالدا ئاندىن ئىشقا ئاشىدۇ.
دارۇل ئىسلام-دارۇل ھەرب تۈزۈم تەسەۋۋۇرى ئەمەۋى دۆلىتى بىلەن باشلىنىپ ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن ئاخىرلاشقان «ئسىلام»دۆلەتلىرى زەنجىرلىرى نۇقتىسىدىن ھەمدە 1990-يىلدىن كېيىن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان خەلقئارا تېررورىزىم ھادىسىسى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تۈزۈم تەسەۋۋۇرىنىڭ كىرىستېندوم ۋە زامانىۋى مىللىي دۆلەتلەر تۈزۈمىنىڭ ئاساسىى بولغان ۋېستفالىيە دۆلەتلەر تۈزۈمىگە ئوخشاش تۈزۈملەرگە قارشى كۈرىشى ئوتتۇرا ئەسىر ۋە 1990-يىلدىن كېيىنكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
3-ئىككى تۈزۈم نېمە ئۈچۈن توقۇنۇشىدۇ؟
نەسىھ ئۇقۇمىنىڭ قۇرئاندىكى ئايەتلەرگە تەدبىق قىلىنىشى مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا توماس ھوببېسنىڭ (2013)دېگىنىدەك تېنىمسىز ئۇرۇش ھالىتىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان. دۇنيا بۇ تەرىقىدە تەسەۋۋۇر قىلىنغاچقا، دارۇل ئىسلام ۋە دارۇل ھەرب ئايرىمى مۇقەررەر بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بىر دۇنيا تەسەۋۋۇرى يېڭى نەرسە ئەمەس. خىرىستىيانلارمۇ ئوڭ يۈزۈڭگە شاپىلاق ئۇرغۇچىلارغا سول يۈزۈڭنى تۇتۇپ بەرگىن،دەپ تەلىمات بەرگەن بىر پەيغەمبەرنىڭ دىنىدىن ئەھلى سەلەب ئۇرۇشلىرىنى قوزغىغانىدى. دارۇل ئىسلامنىڭ ياۋروپادىكى زىتى كىرىستېندوم (خىرىستىيان دۆلىتى)بولغان. ھىلال بىلەن كىرىستنىڭ 7-ئەسىردىن 17-ئەسىرغىچە سوزۇلغان ئۇرۇشىنى بۇ نۇقتىدىن ئىزاھلاش مۇمكىن. خىرسىتىيانلىقمۇ ئىسلامغا ئوخشاش ئالەمشۇمۇل ۋە دۇنياۋى تۈزۈم تەسەۋۋۇرىغا ئىگە. بۇ ئىككى رەقىب تۈزۈم ئارىسىدىكى كۈرەش 7-ئەسىردە باشلىدى ۋە ۋېستفالىيە تۈزۈمى شەكىللەنگۈچە داۋاملاشتى. ئىسلام ۋە خىرىستىيانلىق ئارىسىدا ئەھلى سەلەب ئۇرۇشلىرى ۋە جىھادلار، فەتىھلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى (لېۋىس، 2003، 195-196). بۇ رىقابەت ياۋروپادا يېڭى تۈزۈم تەسەۋۋۇرىنىڭ ئاپىرىدە بولۇشى بىلەن باشقىچە تۈسكە كىردى. ياۋروپادا ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى سەۋەب بولغان مەزھەپ ئىختىلاپلىرى 16- ۋە 17-ئەسىرلەردە ياۋروپادا مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيەسى ۋە پاپالىق تۈزۈمىگە قارشى پىروتېستان خانلىرى ئارىسىدا بىر قاتار قانلىق ئۇرۇشلارغا سەھنە بولدى. 1555-يىلدىكى ئاگسبۇرگ ئەھدىنامىسى بىلەن ھەر خانغا ھاكىمىيىتى ئاستىدا خالىغان مەزھەپنى تاللاش ھوقۇقى بېرىلدى. بىراق بۇ ئەھدىنامە ئۇزۇن ئۆتمەيلا تىنچلىق ئېلىپ كەلدى. تەرەپلەر 30 يىل ئۇرۇشلىرى دەپ تەرىپىلىنىدىغان 1618-1648 يىللىرى ئارىسىدا يەنە ئۇرۇشتى. ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا ئىمزالانغان مۇنستېر ۋە ئوسنابرۇك ئەھندىنامىلىرى بىلەن زامانىۋى مىللىي دۆلەتلەر تۈزۈمىنىڭ ئۇلىنىڭ سېلىنغانلىقى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. كىرىستېندومنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن ۋېستفالىيە تۈزۈمى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگىدۇر. بۇ تۈزۈم ئارقىلىق چېركاۋنىڭ قانۇنلۇق ھاكىمىيەت نوپۇزى تارتىپ ئېلىنىپ مۇستەقىل دۆلەتلەرگە بېرىلدى. كىرىستېندومدا دەرىجە قاتلىمى مەۋجۇت ئىدى. دەرىجە قاتلىمىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە ئىككى قىلىچ ئىدىيەسىگە مۇۋاپىق ھالدا دۇنياۋى مەسىلىلەردە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيەسى، دىنى مەسىلىلەردە بولسا پاپا جايلاشقانىدى. ۋېستفالىيە تۈزۈمىدە بۇ دەرىجە قاتلىمى بىكار قىلىندى. تۈزۈمنى تەشكىل قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق جەھەتتىن باراۋەرلىكى ۋە بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسپلىرى مۇنداق ئىككى نەتىجە پەيدا قىلدى. بىرىنچىسى، ۋېستېفالىيە تۈزۈمىدە دۆلەتلەردىن ھالقىغان ھېچقانداق ھۆكۈمران كۈچ مەۋجۇت بولمايدۇ، ئىككىنچىسى، دۆلەتلەر بىر-بىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش پىرىنسپىنى شەكىللەندۈردى (پوگگى، 2012، گىروس، 1948).
كىرىستېندوم ۋېستفالىيە تۈزۈمىگە ئۆزگەردى، ئارقىدىن تارىخىي مۇساپە ئىچىدە رايونلۇق تۈزۈمدىن چىقىپ خەلقئارلىق تۈزۈمگە ئايلاندى. بۇ تۈزۈم ئۆزى بىلەن رىقابەتلەشكەن تۈزۈملەرنى بىر-بىرلەپ يوقاتتى. خىتاي ئىمپېرىيەسى ۋە ياپون ئىمپېرىيەسى بۇلاردىن بىر نەچچىسى خالاس. 20-ئەسىرگىچە ۋېسفالىيە تۈزۈمىگە ئەڭ كۆپ جەڭ ئېلان قىلغان دۆلەت بولسا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دارۇل ئىسلام تۈزۈم تەسەۋۋۇرىدۇر. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى مەيلى خەلىپىلىك سالاھىيىتى جەھەتتىن بولسۇن مەيلى تېرروتورىيەسىدىكى كەڭ كەتكەن زېمىنلار جەھەتتىن بولسۇن ۋېستفالىيە تۈزۈمىنىڭ بىر قىسىمى بولغان ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلغان. 1683-يىلدىكى ئىككىنچى ۋىيانا مۇھاسىرگىچە ھۇجۇم ھالىتىدىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى، بۇ مۇھاسىرنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن مۇداپىئە ھالىتىگە ئۆتكەن . دارۇل ئىسلامنىڭ چېكىنىشى ۋە مۇسۇلمان جەمئىيەتلەرنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قېلىشى بىلەن دارۇل ئىسلام كىچىكلەشكە باشلىغان. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تارىخقا ئايلانغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن كېيىن دارۇل ئىسلام تۈزۈم تەسەۋۋۇرىنى ياقلايدىغان دۆلەت قالمىغان (كسىنجېر، 2016: 111-163). ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن دۆلەتلەر ۋېستفالىيە تۈزۈمىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندى. نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان دۆلەتلەر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇستەقىللىقە ئېرىشتى. بۇ دۆلەتلەرمۇ ۋېستفالىيە تۈزۈمىنىڭ پىرىنسپىلىرىنى قوبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ ۋېستفالىيە دۆلەتلەر تۈزۈمى ئۇزۇن يىل رەقىبى بولۇپ كەلگەن دارۇل ئىسلام تۈزۈم تەسەۋۋۇرىنى مەغلۇپ قىلدى.
لېكىن 1998-يىللار ۋە 1990-يىللاردا خەلقئارادا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر تۈرتكىسىدە دارۇل ئىسلام تۈزۈم تەسەۋۋۇرى قايتىدىن باش كۆتۈردى. بۇ قېتىمقى دارۇل ئىسلامنى ياقلىغۇچىلار قانداقتۇر دۆلەت ئەربابلىرى بولماستىن دۆلەت سالاھىيىتى بولمىغان ئاشقۇن تەشكىلاتلار بولدى. ئەل قائىدە، تالىبان، بوكو ھارام ۋە دائېشقا ئوخشاش ئاشقۇن تەشكىلاتلار دارۇل ئىسلام تۈزۈم تەسەۋۋۇرىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشتى. غەربتە ئاكادېمىكلار ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئاشقۇن تەشكىلاتلار بىلەن تارىختا ئۆزلىرىنى ئىسلام دۆلىتى دەپ ئاتىغان دۆلەتلەرنى بىر كۆرۈشتى. ھەتتا مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداش تەشكىلاتلار، پاكىستاندا ئىسلام جامائىتى ۋە تۈركىيەدە مىللىي گۆرۈش ھەرىكەتلىرىگىمۇ بۇ ئاشقۇن تەشكىلاتلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشتى (لېۋىس، 2003 ۋە 2011: كىسىنجېر، 2016). بۇ ئانالىزلاردا دارۇل ئىسلام تۈزۈم تەسەۋۋۇرىنى قوبۇل قىلغان ھەر دۆلەت ۋە تەشكىلات ئوخشاش نام ئاستىدا مۇھاكىمە قىلىندى. لېكىن بۇ ئانالىزلار ئىزچىل سەل قاراپ كېلىۋاتقان مۇنداق بىر مەسىلە بار: تارىختىكى ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ دارۇل ئىسلام تەسەۋۋۇرى بىلەن ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ دارۇل ئىسلام تەسەۋۋۇرى ئارىسىدا روشەن پەرق بار. بۇ ئوخشىماسلىققا ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارا قانۇندا ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش پىرىنسپىلىرىنى نۆلگە تەڭ قىلغىنىدەك قۇرئاندا ئادىل ئۇرۇش پىرىنسىپىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشى سەۋەب بولغان. ماقالىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىنىڭ ئاساسلىق چىقىش نۇقتىسى بۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن تېررورىزىم ۋە خەلقئارالىق تېررورىزىم ئۇقۇملىرىنى ئىزاھلاشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇقۇملارنىڭ نوقۇل تاشقى سىياسەت تېرمىنلىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
4- تېررورىزىم ۋە خەلقئارالىق تېررورىزىم ئۇقۇملىرى
تېررورىزىم ئۇقۇمى ئۈستىدە ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن ئېنىق تەبىر يوق. چارلېس گېلېينىڭ قارىشىچە، بولۇپمۇ سىياسەتچىلەر كۈنىمىزدە خەلقئارالىق تېررورىزىمنىڭ خۇسۇسىيىتى، سەۋەبلىرى ۋە قانداق تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلاردا ئوخشاش قاراشتا ئەمەس (كېگلېي، 2003،7). ئېنىقلىما مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان يەنە بىر تەتقىقاتچى بىرىيان جېنكىنىس بولۇپ، ماقالىمىزدا جېنكىنىسنىڭ تېررورىزىم ۋە خەلقئارالىق تېررورىزىم ئۇقۇمى ئۈستىدە توختىلىمىز. جېنكىنىس تېررورىزىم توغرىسىدىكى ھەر مۇنازىرىنىڭ بالدۇر ياكى كېيىن ئۇقۇم چېگىشلىكىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. جېنسكىنس تېررورىزىم توغرىسىدا ئېنىقلما بېرىشتىن بۇرۇن ئۇقۇم چېگىشىلىكى ئۈستىدە مۇنداق سوئاللارنى سورايدۇ: تېررورىزىمنىڭ نورمال جىنايەتلەرىن پەرقى نېمە؟ سىياسىي مەقسەتلىك ھەر بىر زوراۋنلىق تېررورىزىم ھېسابلىنامدۇ؟ تېررورىزىم پارتىزانلىق ئۇرۇشىمۇ ياكى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغۇچىلار تېررورچىمۇ؟ھۆكۈمەت ياكى دۆلەتلەرمۇ تېررورچى بولامدۇ؟بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل ئارقىلىق بىر ئەلچىخانىنى پارتىلتىش بىلەن بىر شەھەرنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىش ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟جېنكىسنىڭ ئاساسلىق سوئالى مۇنداق: تېررورىزىمنى قانداق قىلساق ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ مۇۋاپىق تەرىپلەيمىز؟ )جېنكىنىس( 2003:16,
تېررورىزىم ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان ۋەھىمە ۋە ئەنسىزلىك يارىتىدىغان تەرىقىدە پىلانلانغان زوراۋنلىقتۇر. تېررورىزىم ئەنئەنىۋى جىنايەت ئۇسۇللىرى بولغان ئادەم گۆرۈگە ئېلىش، بۇلاڭ-تالاڭ ۋە پارتلاتقۇچ ماددا ئىشلىتىش قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان قىلمىشلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. بىراق ئەنئەنىۋى جىنايىي قىلمىشلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان مۇنداق تەرىپى بار: تېررورىزىم بىر جەمئىيەتتە قەستەن ئەنسىزلىك، ۋەھىمە، تەرتىپسىزلىك، نىزامسىزلىق پەيدا قىلىش كۆزلەنگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ (جېنكىنس، 2003:16). كۈنىمىزدە تېررورىزىم ئۇقۇمى سەلبىي مەنىگە ئىگە، بىراق 20-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە تېررورىزىمنىڭ مۇنداق سەلبىي مەنىسى يوق ئىدى. 1880-يىللاردا چاررۇسىيەدە باشلىغان ھۆكۈمەتسىزلىك تېررورىزىم دولقۇنىدا تېررورچىلار ئۆزلىرىنى تېررورچى دەپ ئوچۇق-ئاشكارە سۆزلەپ يۈرەتتى. ئۇلار يىلىتىزىنى فىرانسىيە ئىنقىلابىغا ھەتتا ھاشھاشىلەرغىچە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشەتتى. ئۇلار شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئەمەس جەمئىيەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن مۇشۇنداق سىياسىي سۇيىقەستلەرنى ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ياقلايتتى. تېررورىزىم ئۇقۇمىنىڭ سەلبىي مەنىسى مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىققە ئېرىشىش ئۈچۈن تېررورىزىمغا مۇراجائەت قىلىنغان دەۋرلەردە پەيدا بولغان. جاھانگىر دۆلەتلەر بۇ ھەرىكەتلەرنى تېررورىزىم دەپ تەرىپلىگەندىن سىرت، تېررورىزىمغا مۇراجائەت قىلغان ھەرىكەتلەرنى بولسا قانۇنسىز ھېسابلىغان. بىراق بۇ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغۇچىلار بولسا ئۆزلىرىنى تېررورچى ئەمەس ئەركىنلىك جەڭچىسى دەپ تەرىپلەشكەن (راپوپورت، 2003: 39).
ياسەر ئارافات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر يىغىنىدا ھەقلىق داۋا ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنىڭ تېررورچى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. جېنكىنىسنىڭ قارىشىچە، ئارافاتنىڭ قارىشى قوبۇل قىلىنسا تېررورىزىم ئۇقۇمى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. چۈنكى دۇنيادا ئوخشاش بىر داۋا توغرۇلۇق بىر-بىرىگە تامامەن زىت قاراشلار چوقۇم بار. كۈنىمىزدە تېررورىزىم ۋەھىمە پەيدا قىلىش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلمىغان نۇرغۇن زوراۋنلىق ۋەقەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تەرىقىدە ئىشىلىتىدىغان ئۇقۇمغا ئايلاندى. ئىنسانلارنى قورقۇتۇش غەرىزىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر ۋە ئىنسانلارنى چۆچۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر ئارىسىدا چوقۇم پەرق بولۇش كېرەك. «شەھەر» قاراقچىلىرى قىلمىلشىرى بىلەن ئاھالىلىلەرنى چۆچىتىپ تۇرۇشى مۇمكىن، بىراق بۇ ۋەھىمە قاراقچىلارنىڭ قىلمىشىنىڭ ئەگەشمە نەتىجىسىدۇر. قاراقچىلارمىڭ غەرىزى ئىنسانلارنىڭ پۇلىنى ياكى سائاتلىرىنى ئېلىۋېلىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئىنسانلارنى قورقۇتۇش ئەمەس (جېنكىنىس، 2003:16).
«بىرىنىڭ تېررورچىسى باشقىسىنىڭ ئەركىنلىك جەڭچىسى»بولغانلىقتىن تېررورزىم ئۇقۇمىغا تەبىر بېرىشتە قىيىنچىلىق كۆرۈلىدۇ. جېنكىنىسنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋال تېررورىزىم ھەققىدە ئوبىيكتىپ ئېنىقلىمىنىڭ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىشى توغرىسىدا خەلقئارادا بىر ئۆلچەمنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىراق جېنسكىنىنىڭ قارىشىچە، مەدەنىي جەمئىيەتلەر جىنايىي قىلمىشلارنىڭ تۈرلىرى توغرىسىدا قانۇن تۈزگەن. جىنايەت، ئادەم گۆرۈگە ئېلىش، ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سېلىشقا ئوخشاش جىنايەتلەر ھەر دۆلەتنىڭ جىنايىي ئىشلار قانۇنىدا بار. ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئوخشاش قىلمىشلارغا ئۇرۇش ۋاقتىدا قانۇنىي جەھەتتىن مۇئامىلە قىلىنماسلىقى تەبىئىي ئەھۋالدۇر. بىراق خەلقئارا قانۇندا بۇ ئەھۋال «قانۇنلۇق »دەپ قارىلىدۇ. تېررورچىلار جىنايەتچى ئەمەسلىكىنى بىراق ئەسكەر ئىكەنلىكىنى شۇڭا نورمال ۋاقىتتىكى قانۇنىي بەلگىلمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. لېكىن ئۇرۇشتىمۇ بەزى تاكتىكىلار ۋە بەزى قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشى قانۇنسىز ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇش ئۇسۇلى قانۇنىغا كۆرە، ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر ئۇرۇشتا ھۇجۇم نىشانى بولمايدۇ. ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى قىيناپ زۇلۇم سېلىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ئۇرۇش ئۇسۇلى قانۇنى ئۇرۇشنىڭ تەرەپلىرى ۋە بىتەرەپ رايونلارنى بېكىتىپ چىقىدۇ. بۇ قائىدە-پىرىنسپلارغا بەزىدە خىلاپلىق قىلىنىدۇ بىراق بۇنى سادىر قىلغۇچىلار ئۇرۇش جىنايەتچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ھېچقاچان قانۇننىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتالمايدۇ (جېنكىنس، 2003:17). بۇ دائىرىدە تېررورىزىم ھەققىدە شۇ نەرسىنى تەكىتلەپ قويۇش زۆرۈركى، تېررورىزىمنىڭ نىشانىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇرۇشتىكىدەك بولماسلىقىدۇر. ئەنئەنىۋى ئۇرۇشلاردا نىشان دۈشمەن رايونىنى قولغا كىرگۈزۈش ۋە دۈشمەننى يوق قىلىشتىن ئىبارەت بولسا، تېررىرىزىمنىڭ نىشانى سىمۋوللۇقتۇر. تېررورىزىمنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغانلىقتىن، سىمۋوللۇق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئىنسانلارنى قورقىتىپ تەھدىت سېلىش ئارقىلىق سىياسىي مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنسانلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. تېررورىزىم بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ سىياسىي خاھىشى ۋە ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن تېررورچىلار كۈنىمىزدە بىگۇنا كىشىلەرنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلىماقتا (جېنكىنس، 2003:21).
جېنكىسنىڭ قارىشىچە، تېررورىزىم سادىر قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ياكى داۋاسىنىڭ ھەقلىق ۋە يوللۇق بولۇشىغا ئاساسەن ئەمەس، ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن ئوبېيكتىپ ھالدا ئىزاھلىنىشى كېرەك. جېنكىنس بۇ ئۆلچەمنىڭ تېررورىزىم ئۇقۇمىدىكى مۇجمەللىكنى يوق قىلمىسىمۇ بىزگە دائىرە سىزىپ بېرىپ بەزى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. تېررورىزىم ئادەتتىكى بىر جىنايەتتىن سىياسىي مەقسەت جەھەتتىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، بانكىنى بۇلىغان بۇلاڭچى ياكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى رېگاننى قەستلىگەن كىشى تېررورچى بولمايدۇ. شۇنداقلا سىياسىي مەقسەتنى كۆزلەپ سادىر قىلىنغان ھەر قىلمىش تېررورىزىممۇ ئەمەس. ئامېرىكا ئىنقىلابىدىكى پىدائىي ئەسكەرلەر بىلەن ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئىسيانكارلارنىڭمۇ سىياسىي مەقسىتى بار ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ تېررورچى بولۇشىغا سەۋەب بولالمايدۇ. تېررورىزىم پارتىزانلىق ئۇرۇشى ياكى ھەر قاندق بىر ئۇرۇش تۈرى بىلەن ئوخشاش مەنىگە ئىگە ئەمەس، شۇنداقلا تېررورزىم يەنە بىر ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغان كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلسە بولمايدۇ ( جىنكىنىس، 2003:18).
جېنكىنسنىڭ قارىشىچە، خەلقئارالىق تېررورىزىم خەلقئارالىق نەتىجە پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلاردۇر. بۇ قىلمىشلار تېررورچىلارنىڭ دۆلىتىنى ياكى تۇرۇشلۇق رايوننى تاشلاپ ئۆزگە دۆلەت ۋە رايوندا كۆزلەپ قويغان نىشانىغا ھۇجۇم قىلىشى ياكى دۆلىتىدىكى چەت دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قەستلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى 1990-يىللاردىن باشلاپ خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىگە پات-پات كېلىپ تۇرماقتا.
5- ئىككى تۈزۈمنىڭ توقۇنۇشى ۋە ئاشقۇن تەشكىلاتلار
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە ئامانلىق ماكانى بولۇشىغا بولغان ئۈمىدلەر تۇغۇلدى، بىراق ئۈمىدلەر شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدا مەيدانغا كەلگەن ئىچكى ئۇرۇش ۋە قەتلىئاملار سەۋەبىدىن سۇغا چىلاشتى. بوسنا ۋە رۇئاندادا يۈز مىڭلارچە ئىنسان قىرغىن قىلىندى. 1990-يىللاردىن ھازىرغىچە بۇرۇن مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەتلەردە ئىچكى ئۇرۇش ۋە كىرىزىس يۈز بېرىپ تۇردى. بۇ دۆلەتلەرنى ئىزاھلاش ئۈچۈن نۇرغۇن تېرمىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەسىلەن: «ۋەيران بولغان» (collapsed)، مەغلۇب بولغان (failed)، دۆلەتلىشەلمىگەن (quasi-state) ۋە ئاجىز (fragile). بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى قانۇنلۇق كۈچ ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدۇر. مۇسۇلمان دۆلەتلەردە بۇ ئەھۋال ئومۇملاشقانىدى، نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان دۆلەتلەردە ئىسلامدىن مەقسەت سۈپىتىدە ئەمەس ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلانغان خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلار باش كۆتۈرۈپ ھەر يەردە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى، بۇ ئەھۋال خەلقئارانىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئەل قائىدىنىڭ 2001-يىلى 11-سېنتەبىردە ئايروپىلان ئېلىپ قېچىپ نىيۇيوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىگە تەۋە قوشماق بىنالارنى ۋەيران قىلىشىدىن كېيىن، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۈستىدە ئىلمىي تەتقىقاتلار كۈچەيىشكە باشلىدى.
ئەل قائىدە، تالىبان، ھىزبۇللاھ، بوكو ھارام ۋە دائېشقا ئوخشاش ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بىگۇناھ كىشىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغانلىقلىرى، مەقسىتى ۋە قايسى خىل ئۇسۇللار بىلەن ئەزا يىغىدىغانلىقلىرى ئۈستىدە ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان دۆلەتلەردە مەيدانغا كەلگەن ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كىرىزىسلەر بىلەن خەلقئارالىق تېررورىزىمنى ئىزاھلاشقا تىرىشماقتا. يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بولسا خەلقئارالىق تېررورىزىمنى ئىزاھلىغان چاغدا بۇ تەشكىلاتلارنىڭ دۇنيا قارىشىغا يەنى دارۇل ئىسلام ئۇقۇمىغا مەركەزلەشمەكتە. نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان جەمئىيەتلەردە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى يۈزەكى بولسىمۇ نەزەرگە ئالىدىغان بۇ چۈشەنچىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارالىق تېررورىزىمنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دارۇل ئىسلام تۈزۈم تەسەۋۋۇرىدۇر. ھېنرىي كىسىنجېر ۋە بېرنارد لېۋىسقا ئوخشاش تەتقىقاتچىلار خەلقئارالىق تېررورىزىم ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بارغاندا داۇرۇل ئىسلام ئۇقۇمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇلار دارۇل ئىسلام ئۇقۇمى ۋە بۇ ئۇقۇمنى ياقلايدىغان دۆلەتلەرنىڭ 14 ئەسىرلىك تارىخىنى خۇلاسىلاپ چىققاندىن كېيىن 1990-يىلدىن كېيىن باش كۆتۈرگەن ئاشقۇن تەشكىلاتلار توغرىسىدا ئېنىق خۇلاسىگە كېلىدۇ. خۇلاسە مۇنداق: دارۇل ئىسلام-دارۇل ھەرب تۈزۈم تەسەۋۋۇرى خەلقئارلىق تېررورىزىمنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر (كىسىنجېر، 2016: 111، لېۋىس، 2003:194). لېكىن بۇ تەتقىقاتچىلار ئوچۇق دېمىسىمۇ ئەل قائىدە، ھىزبۇللاھ، تالىبان، بوكو ھارام ۋە دائېشقا ئوخشاش ئاشقۇن تەشكىلاتلار بىلەن تارىختا ئۆزلىرىنى ئىسلام دۆلەتلىرى دەپ ئاتىغان ئەمەۋىلەر، ئابباسىلار ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە ئوخشاش قۇدرەتلىك دۆلەتلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەتتا كىسىنجېر 20-ئەسىردە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر تۈرلۈك بۆھرانلاردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز باش قاتتۇرۇپ ھەم نەزىرىيە ھەمدە ئەمەلىي جەھەتتىن ھەرىكەت قىلغان ھەسەن ئەل بەننا ۋە سەييىد قۇتۇپ بىلەن مۇسۇلمانلار قېرىنداشلار تەشكىلاتىغىمۇ دارۇل ئىسلام تۈزۈمىنى ياقلىغانلىقلىرى ئۈچۈن خەلقئارلىق تېررورچىلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. كىسىنجېرنىڭ نۇقتىسىدىن مەسىلىگە قارايدىغان بولساق تۈركىيەدە نەجمەتتىن ئەرباكان تەرىپىدىن ئاساسىي سېلىنغان «مىللىي گۆرۈش» ھەرىكىتى ۋە پاكىستاندا مەۋدۇدى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىسلام جامائىتى ھەرىكىتىمۇ تېررورچىلار بىلەن ئوخشاشتۇر. كىسىنجېر ۋە لېۋىسنىڭ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى غەرب ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق قاراشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى، بۇ خىل نۇقتىينەزەر ۋە پوزىتسىيە ھەم يۈزەكى، ھەم خاتا ھەمدە ئاشقۇندۇر.
خەلقئارالىق تېررورىزىمنى دارۇل ئىسلام تۈزۈمىگە باغلاپ تۇ ۇپ ئانالىز قىلغانلارنىڭ قاراشلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىش توغرا ئەمەس، لېكىن بۇ ئانالىزچىلار دارۇل ئىسلام تۈزۈمىنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ دارۇل ئىسلامنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوخشاش ئۇسۇلغا مۇراجائەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىدۇ. ئوخشاش دۇنيا تەسەۋۋۇرىنى قوبۇل قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن دائېشقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش ھەقىقەتەن تۇترۇقسىز ۋە خاتا ئانالىزدۇر. جېنكىنسمۇ قەيت قىلىنغىنىدەك، زوراۋانلىق قىلمىشىنى ئوبىيكتىپ ھالدا تېررورىزىم دەپ تەرىپلەش ئۈچۈن سادىر قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ۋە مەقسىتىنىڭ ماھىيىتىگە ئەمەس قىلمىشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراش كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزلار يۈزەكى ۋە خاتا بولۇپ چىقىدۇ. 1973-يىلى ب د ت دا چاقىرىلغان تېررورىزىمغا مۇناسىۋەتلىك يىغىندا خەلقئارا تېررورىزىم مۇلاھىزە قىلىنغاندا كېلىپ چىققان تالاش-تارتىشلار بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ. يىغىندا بەزى دۆلەتلەرنىڭ قارىشىچە تېررورزىم مۇستەملىكچى دۆلەتلەرنىڭ قىلمىشلىرى بولسا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قارىشىچە، تېررورىزىم سىياسىي تۈزۈمنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدىغان قىلمىشتۇر (ب د ت دوكلات، 1973). يەنى ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى تېررورچى دەپ تەرىپلەشمەكتە. بۇنىڭغا ئوخشاش زىددىيەت كۈنىمىزدىمۇ يۈز بەرمەكتە. دارۇل ئىسلامنى ياقلىغۇچىلار غەرب دۆلەتلىرى ۋە يىراق شەرقتىكى مۇستەبىت دېكتاتور دۆلەتلەرنى تېررورچى دەپ تەرىپلەيدىغان بولسا، غەرب دۆلەتلىرى، يىراق شەرقتىكى مۇستەبىت دېكتاتور دۆلەتلەر ۋە تەتقىقاتچىلارمۇ دارۇل ئىسلام تۈزۈمىنى ياقلىغۇچىلارنى تېررورچى، دەپ تەرىپلىمەكتە.
جېنكىسنىڭ تېررورىزىم ئۇقۇمىدا مۇھىم بولغىنى سادىر قىلغۇچىنىڭ قىلمىشىنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. تېررورىزىم دەپ تەرىپلەنگەن ھەرىكەتلەردە سادىر قىلغۇچىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى چەكلەيدىغان ھېچقانداق قانۇن ياكى قائىدە يوق. يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىددەك، خەلقئارا قانۇندا مەيلى يوللۇق سەۋەبلەر ئاساس قىلىنسۇن ياكى قىلىنمىسۇن ئۇرۇشنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەلقئارالىق قائىدە-پىرىنسىپلار مەۋجۇت. بۇ قانۇن ۋە قائىدە-پىرىنسىپلار خەلقئارالىق بىر ئۇرۇش ياكى توقۇنۇشقا قاتناشقان جەڭچىلەرنى ۋە جەڭچى بولمىغانلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىغان. خەلقئارا قانۇن ھەم جەڭچىلەرنى ھەمدە جەڭچى بولمىغانلار ھەققىدە ئۇرۇش ئەسناسىدا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-پىرىنسىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، جەڭچى سالاھىيىتى بولغان شەخسلەر قارشى تەرەپكە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغاندا ئۇرۇش ئەسىرى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك. شۇڭا ئەسىرلەرگە قىيىن-قىستاق قىلىش، ئۆلتۈرۈش چەكلىنىدۇ. توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشلاردا ئۇرۇشقا قاتناشمىغانلار سالاھىيىتىگە كىرىدىغان نورمال پۇقرالارغا قەستەن ھۇجۇم قىلىش ئۆلتۈرۈشمۇ مەنئىي قىلىنىدۇ. خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلانغاندا، خەلقئارالىق بىر ئۇرۇش ياكى توقۇنۇشتا تەرەپلەر خالىغانچە ۋە چەكسىز ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ۋە ئۇسۇللاردىن پايدىلىنالمايدۇ، يەنى ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ۋاستە ۋە ئۇسۇللارغىمۇ چەكلىمە قويۇلىدۇ. خەلقئارالق توقۇنۇشلاردا نورمال پۇقرالار، ئۇرۇشقا قاتناشمىغان كىشىلەر ۋە يەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ. خىمىيەۋى قوراللار، مىنالار، لاۋ قوراللىرى ۋە ناپامغا ئوخشاش بەزى يېقىلغۇ خاراكتېرلىك قوراللارنىمۇ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ (پازارجى، 2009: 572). ئەل قائىدە، بوكو ھارام، دائېشقا ئوخشاش ئىسلامنى ۋاستە قىلىدىغان ئاشقۇن تەشكىلاتلارنى تېررورچى خاراكتېرگە ئىگە قىلىدىغان نەرسە بولسا ھېچقانداق ئەخلاقىي،دىنى، قانۇنىي ۋە ئىنسانىي پىرىنسىپلارنى ئېتىبارغا ئالماسلىقى، شۇنداقلا جەڭچى ۋە جەڭچى بولمىغانلارنى ئايرىماستىن ۋە ھەر قانداق ھەربىي ۋاستىلار ۋە ئۇسۇللارنى ئىشلىتىشىدۇر. ئىسلامنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان بۇ تەشكىلاتلار قۇرئانى كەرىمدىكى «ئادىل ئۇرۇش قىلىش»پىرىنسىپىغىمۇ زىت ھەرىكەت قىلىدۇ. بەقەرسۈرىسىنىڭ 190-ئايىتىدە خالىغانچە زوراۋانلىق قىلىش چەكلىنىدۇ:« سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ ». بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، قۇرئاندىمۇ ئۇرۇش باشلىغاندىن كېيىن جەڭچىلەرنىڭ خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈشى ۋە خالىغانىچە ئۇرۇش ۋاستىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىشى چەكلىنىدۇ. قۇرئان ئايەتلىرىدىن سىرت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئادىل ئۇرۇش قىلىش»توغرىسىدا دېگەن ھەدىسىمۇ بار.
تارىختىكى ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە كۈنىمىزدە ئۇلارنىڭ دۇنيا قارشىنى قوبۇل قىلغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى، ئىسلام جامائىتى، مىللىي گۆرۈش ھەرىكىتىگە ئوخشاش دىننى ئاساسلىق پىرىنسىپ قىلغان ھەرىكەتلەر بىلەن يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئاشقۇن تەشكىلاتلارغا قەتئىي ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى يۇقىرىدىمۇ قەيت قىلىنغىنىدەك، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرنى جىناىيەت ۋە ئادەم گۆرۈگە ئېلىشقا ئوخشاش بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قانۇنىدا چەكلەنگەن خەلقئارالىق پىرىسنىپلار ۋە «ئادىل ئۇرۇش قىلىش»قا مۇناسىۋەتلىك ھەم خەلقئارا قانۇن ھەمدە قۇرئان ئايەتلىرى تىزگىنلەپ ۋە مەلۇم دەرىجىدە چەكلەيدۇ. ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى ئەل قائىدە، دائېش، تالىبان، بوكو ھارامغا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تىزگىنلەپ مەلۇم دەرىجىدە چەكلەپ تۇرىدىغان ھېچقانداق ئەخلاقىي، دىنى ۋە قانۇن پىرىنسىپلار يوق.
6- خۇلاسە
قۇرئاندا يوللۇق قوغدىنىشتىن باشقا ئەھۋاللاردا كۈچ ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە دەسلەپكى تۆت خەلىپە دەۋىرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى ۋە ئېتىقادىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار ئىدى. ۋىزاتىنىيە ۋە ساسانى ئىمپېرىيەلىرى ئىسلام كەلگەن دەۋىردە بىر-بىرلىرى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇرۇش قىلىپ كېلىپ كېلىۋاتاتتى. ئوزۇنغا سوزۇلغان بۇ ئۇرۇشلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ماددى ۋە مەنىۋى زىيانلار خەلقنى بىزار قىلىۋەتكەنىدى. ۋىزاتىنىيە ۋە ساسانى ھۆكۈمدارلىرى خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى ئازايتىش ۋە خەلقنى ئۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن خىرسىتىيانلىق ۋە زەردۇشلۇقتىن پايدىلىنىشقا باشلىدى. ئىسلامنىڭ ئادالەت ۋە باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان پىرىنسىپلىرى دىن بېسىم قىلىش ۋاستىگە ئايلىنىپ قالغان ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ئەتراپىدىكى خەلقلەرنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلدى. داڭلىق مۇتەپەككۇر ئەلى شەرىئاتنىڭ قارىشىچە، ئىسلامنىڭ 50، 60 يىل ئىچىدىلا ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە شىمالىي ئافرىقىدا كەڭ تارقىتىلىشى بۇ رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ۋىزاتىنىيە ۋە ساسانى ھۆكۈمدارلىرى كەڭ تارقىلىۋاتقان ئىسلامنى يوق قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى، نەتىجىدە مەدىنە مەركەزلىك ئىسلام دۆلىتى بىلەن ۋىزاتىنىيە ۋە ساسانى ئىمپېرىيەلىرى ئارىسىدا ئۇرۇش پارتىلدى. قىسقىسى، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى 50، 60 يىللىرى مۇسۇلمان جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە قارشى قىلىنغان ئۇرۇشقا قارشى مەۋجۇدلۇقىنى قوغداش كۈرىشى ئېلىپ بارغان دەۋىرلەردۇر. لېكىن ئەمەۋىلەر دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇرۇشلار نوقۇل يوللۇق قوغدىنىش ئۈچۈنلا ئېلىپ بېرىلمىغان بولۇپ، سىياسىي، ئىستىراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. بەزى ئىسلام فىقىھچىلىرى قۇرئاننىڭ پەقەت يوللۇق قوغدىنىشقا توغرا كەلگەندە ئۇرۇش قىلىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بۇيرۇقنى يۇمشىتىش ئۈچۈن نەسىھ ئۇقۇمىنى قۇرئان ئايەتلىرى ئۈچۈنمۇ تەدبىق قىلغان. بۇ ئەھۋال دۇنيانىڭ دارۇل ئىسلام ۋە دارۇل ھەرب تەرىقىسىدە ئىككىگە ئايرىلىدىغانلىقى چۈشەنچىسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان. دارۇل ئىسلام ۋە دارۇل ھەرب ئۇقۇملىرىنى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن تاپقىلى بولمايدۇ. بۇ ئۇقۇملارنى ئىسلام فىقىھچىلىرىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى دەپ تەرىپلەشكىمۇ بولىدۇ. ئەمەۋىلەر دەۋىرى بىلەن باشلانغان بۇ خاھىش ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بولۇپ نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان دۇنيا تەسەۋۋۇرى ھالىتىگە كەلگەن.
مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلار دۇنيانىڭ ئىسلام قانۇنى تەدبىق قىلىنىدىغان جاي ھالىتىگە كېلىشى بىلەن تېخىمۇ ئادىل ۋە تىنچ دۇنيانىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىغا ئىزچىل ئىشىنىپ كەلگەن. ئۇرۇشلاردا زېمىن، غەنىمەت قاتارلىق ماددىي مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىش ئارزۇسى چوقۇم بولىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك، ئارزۇ قىلىنغىنىدەك گۈزەل بىر دۇنيا تەسۋۋۇرىنى ياقلايدىغانلىقلىرى سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە روشەن ئەكس ئەتكەن. قۇرئانى كەرىمدە ئادالەت ۋە باراۋەرلىككە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇشۇنداق گۈزەل ۋە مۇۋاپىق دۇنيا تەسەۋۋۇرىنى ياقلاشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇڭا كۈنىمىزدە مۇسۇلمان جەمئىيەت، مىللەت ۋە توپلۇقلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىنسانىي ۋە ئىجتىمائىي بۆھرانلاردا ئىسلامنى تەرغىپ قىلىدىغان ئېقىم، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلەرگە قىزىقىشنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ ئەگىشىشىگە ھەيران قالماسلىق كېرەك. چۈنكى يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك، ئىسلام تارقالغان 7-ئەسىردىمۇ نۇرغۇن رايون بۆھران ئىچىدە تۇرۇۋاتاتتى.ئىنسانلارنىڭ قىيىنچىلىق مەزگىللىرىدە قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چارە ئىزدىشى تولىمۇ تەبىئىي ئەھۋالدۇر. نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان دۆلەتلەر ۋە رايونلاردا 1990-يىللاردىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بۆھرانلاردا دارۇل ئىسلام تەسەۋۋۇرىنى ياقلايدىغان ئېقىم ۋە ھەرىكەتلەرگە بولغان مايىللىق ۋە قىزىقىش كۈچىيىپ بارماقتا.
ھىندىستان تۆۋەن قىتئەسىدىن ماراكەشكىچە بولغان نۇرغۇن دىيارلار 20-ئەسىردە تولۇق مۇستەقىللىققە ئېرىشتى. بۇ رايونلاردا غەرب مەركەزلىك ۋېستفالىيە تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىپ مىللىي دۆلەت قۇرۇپ چىقماقچى بولغان جەمئىيەتنىڭ ئالدىكى كىشىلەر مۇستەملىكچى دۆلەتلەرگە قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بارغان. مىللىي رەھبەرلەر مۇستەملىكە تۈزۈمىنىڭ خەلققە ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرىنى چۈشەندۈرۈپ مىللىي دۆلەت قۇرۇلغاندا بۇنداق مۇستەملىكچىلىك مۇناسىۋىتىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىشكەن. پارلاق كېلەچەك يارىتىش توغرىسىدا بېرىلگەن بۇ ۋەدىلەر باشقا مۇستەملىكە ئاستىدىكى رايونلارغا ئوخشاش نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان جەمئىيەت ۋە مىللەتلەرگىمۇ جەلپ قىلارلىق تۇيۇلغان. بىراق بىر قىسىم مىللىي رەھبەرلەر ۋە خەلقنى باشلاپ ماڭغان جەمئىيەتنىڭ ئالدىكى شەخسلەر خەلققە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئورۇندىيالمىغان. 1990-يىلاردىن كۈنىمىزگىچە پاكىستاندىن ماراكەشكىچە بولغان رايونلاردا نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان دۆلەتلەر ئىچكى ئۇرۇش، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بۆھرانلارغا دۇچ كەلمەكتە. مەنبەلەردە ھەر خىل سەلبىي سۈپەتلەر بىلەن ئاتالغان بۇ دۆلەتلەر دارۇل ئىسلام تۈزۈم تەسەۋۋۇرىنى ياقلايدىغانلارغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولسا، ۋېستفالىيە دۆلەتلەر تۈزۈمى ۋە ئامېرىكىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇپ چىققان خەلقئارا تۈزۈمىگە نىسبەتەنمۇ تەھدىت ھالىتىگە كەلگەن.
نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان جەمئىيەت ۋە مىللەتلەر غەرب دۇنياسىدىكى ئوخشاش مەرىپەت ئويغىنىش ۋە ئىسلاھات دەۋرىنى باش كەچۈرمىگەن. شۇڭلاشقا ئۇلارغا نىسبەتەن ۋېستفالىيە دۆلەت تۈزۈمىنى ئاساسلىق پىرىنسپ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى باراۋەرلىكى، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ۋە بۇ پىرىنسپلار ئاساسىدا دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغدىشى، خەلقئارا تۈزۈمدە دۆلەتلەردىن ھالقىغان پاپالىق بولۇپ يۇقىرى ھاكىمىيەت نوپۇزى بولمىغان بىر تۈزۈمنىڭ ئەھمىيىتى يوق. نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان جەمئىيەتلەردە كىشىلەرگە نىسبەتەن مىللىي دۆلەت مەقسەت بولماستىن ۋاستىدۇر. مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چارە تاپالماي كېلىۋاتقان زامانىۋى مىللىي دۆلەتلەر ۋە بۇ دۆلەتلەر قوبۇل قىلغان ۋېستفالىيە تۈزۈمىگە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجابىي قاراپ كەتمەسلىكىگە ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. مىسىردا ھەسەن ئەل بەننا (قۇتۇپ 2014) ۋە سەييىد قۇتۇپ (2014)نىڭ قاراشلاردىن ئىلھام ئېلىنىپ قۇرۇلغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى، پاكىستاندا مەۋدۇدى (2014)نىڭ ئىدىيەسى بىلەن بارلىققا كەلگەن ئىسلام جامائىتى ۋە تۈركىيەدىكى «مىللىي گۆرۈش ھەرىكىتى»گە ئوخشاش خەلقئارا تۈزۈمنى تەنقىد قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشى بۇ ئەھۋالنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.
غەرب دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ئاساسلىق تەھدىت بولسا 1990-يىللاردىن كېيىن ھەرىكەت دائىرىسىنى كېڭەيتكەن خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدۇر. ئەل قائىدە، تالىبان، بوكو ھارام ۋە دائىشقا ئوخشاش خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلارنى خەلقئارا تۈزۈمگە تەھدىت ھالىتىگە ئېلىپ كەلگەن ئامىل بۇ تەشكىلاتلارنىڭمۇ مۇسۇلمانلارغا نېجادلىق رېتسىپى سۈپىتىدە دارۇل ئىسلام تۈزۈم تەسەۋۋۇرىنى تەرغىپ قىلىشىدۇر. بۇ سەۋەبتىن غەربلىك تەتقىقاتچىلار دارۇل ئىسلامنى ياقلايدىغان شەخس ۋە تەشكىلاتقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىدۇ. بىراق شۇنىسى روشەنكى، ئاشقۇن تەشكىلاتلار بىلەن دارۇل ئىسلامنى ياقلايدىغان باشقا قۇرۇلما (مەيلى دۆلەت بولسۇن مەيلى سىياسىي پارتىيە، جەمئىيەت بولسۇن) ئارىسىدا دارۇل ئىسلامنى قانداق بەرپا قىلىش مەسىلىسىدە روشەن پەرق مەۋجۇت. كۈنىمىزدە مۆتىدىل ئىسلامچىلار بىلەن ئەسلىيەتچى ئىسلامچىلار دېگەن ئايرىمنىڭ بولۇشىمۇ ئۇسۇل ۋە ۋاستىدىكى ئوخشىماسلىقلاردىن بولغان. ئاشقۇن تەشكىلاتلارنى مەقسىتى دائىرىسىدە مەلۇم دەرىجىدە چەكلەپ تۇرىدىغان ھېچقانداق دىنى، قانۇنى ۋە ئىنسانىي قائىدە-پىرىنسىپلار يوق. بۇ ئاشقۇن تەشكلاتلار بىگۇناھ كىشىلەر ياشايدىغان بىر بىنانى، ئادەتتىكى سودا-سېتىق مەركىزىنى، بازارنى ياكى مەلۇم دىننىڭ ئىبادەتخانلىرىنى پارتىلتىش ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتىدىغانلىقىنى ئويلىشىۋالىدۇ. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە ئوخشاش تارىختىكى ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە كۈنىمىزدە دارۇل ئىسلامنى ياقلايدىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ئەل قائىدە، دائېشقا ئوخشاش ئاشقۇن تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش ئېغىر خاتالىقتۇر.
تارىختا بولغىنىدەك كۈنىمىزدىمۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلغان جەمئىيەت، مىللەت ۋە توپلۇقلارنى يەكپارە سۈپىتىدە چۈشىنىشكە بولمايدۇ. ئىسلامنىڭ سۈننىيلىك ۋە شىئەلىككە ئوخشاش ئىككى پەرقلىق ئاساسلىق مەزھىپى بولغنىدەك، ھەر مەزھەپ ئىچىدىمۇ بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىدىيەلىرى بولغان يانداش مەزھەپلەرمۇ بار. مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان خانتىڭتون، بىر-بىرلىرى بىلەن ئىختىلاپ ئىچىدىكى مۇسۇلمان جەمئىيەتلەرنىڭمۇ ئىسلام مەدەنىيىتى ئەتراپىغا يىغىلالايدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ غەرب مەدەنىيىتى بىلەن توقۇنۇشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بېرنارد لېۋىس ۋە ھېنرى كىسىنجېرگە ئوخشاش تونۇلغان ئانالىزچىلارمۇ دارۇل ئىسلام دۇنيا تەسەۋۋۇرىنى قوبۇل قىلغان بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ قاراش ھەقىقەتەن يۈزەكى ۋە خاتادۇر. ئەل قائىدە ۋە دائېشقا ئوخشاش ئاشقۇن تېررورلۇق تەشكلاتلىرى بىلەن باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش مۆتىدىل ھېسابلىنىدىغان مۇسۇلمانلارنىمۇ ئاشقۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ئاشقۇن تەشكىلاتلار دەل مۇشۇنداق بولۇشىنى خالايدۇ. ئەل قائىدىنىڭ دۇنيا سودا مەركىزىنى يوق قىلىپ مىڭلارچە بىگۇناھ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشى دۇنيا مىقىياسىدا بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىدە مۇسۇلمانلارغا يوشۇرۇن تېررورچى نەزىرىدە قارايدىغان ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى. مۇسۇلمان بولغانلىقلىرى ئۈچۈنلا بېسىم ھەتتا جىسمانىي قىيىن-قىستاققا دۇچ كەلدى. مۇسۇلمانلارغا تۇتۇلغان بۇ سەلبىي پوزىتسىيە نۆۋەتتە ئىسلامدىن ئەندىشە قىلىش ھادىسىسى سۈپىتىدە نامايەن بولدى.
جېنكىنىس قەيت قىلغىنىدەك، بىر داۋانىڭ ھەقلىق ياكى ئەمەسلىكى ۋە بۇ داۋانى ياقلىغۇچىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئۇلارنى تېررورچى قىلمايدۇ. ئۇلارنى تېررورچى قىلغان ئۇلار سادىر قىلغان ھەرىكەتلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىدۇر. كىسىنجېر داۋاملىق سەلبىي تەرىپلەپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد مۇرسى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندا تېررورزىمغا مۇراجائەت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن زوراۋانلىق قىلمىشىغىمۇ مۇراجائەت قىلمىغان. خەلق نامايىش ئۆتكۈزۈپ ھەربىي ھاكىمىيەتنى ئەيىبلىگەن، خالاس.
تەرجىمان: ئوسمان قۇربان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*