تىرىك جەسەتلەر ۋە ئۆلۈك ھاياتلار

ئابدۇللا قاسىم

( شەھىد، ئەللامە مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ شاھادىتىدىن تۇغۇلغان ئويلار)

< شەھىدلەرنى ئۆلۈك سانىماڭلار، ئۇلار تىرىكتۇر> قۇرئان كەرىم.

(مەرىپەت ژۇرنىلىنىڭ 2018 – يىللىق 1 – سانىدىن ئېلىندى.)

 

ئاللاھتائالا ئادەمنى يارىتىشتىن بۇرۇن پەرىشتىلەرنىڭ ئېتىرازىغا جاۋابەن، قېنى ئادەم بىلگەننى سىلەر بىلەمسىلەر؟ دېگەن قايتۇرما سوئالى بىلەن بىزگە بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلارنىڭ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي باراۋەر بولمايدىغانلىقىنى ئىشارە قىلغانىدى. < بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟> دېگەن ئايەتتىمۇ بۇ مەنە ئوچۇق ئىپادە قىلىنغانىدى. ئەمما بىز بۇ يەردىكى باراۋەر بولماسلىقنى پەقەت ئاللاھتىن ئېرىشىدىغان ساۋاپتىكى ياكى قىيامەتتىكى ماقامدىكى يۇقىرى-تۆۋەنلىك دەپ چۈشىنىپ قالدۇق، ھالبۇكى دۇنيا رېئاللىقىغا قارىغىنىمىزدا، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلارنىڭ باقىي دۇنياغا بېرىشتىن بۇرۇن، پانىي ئالەمدىلا ھەممە جەھەتلەردە باراۋەر بولالمايدىغانلىقىنى قۇياشتەك ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. دۇنيا سەھنىسىدە بىلىدىغانلار ھاكىم، بىلمەيدىغانلار مەھكۇم؛ بىلىدىغانلار كۈچلۈك، بىلمەيدىغانلار ئاجىز؛ بىلىدىغانلار ئاكتور، بىلمەيدىغانلار تاماشىبىنلىق ئورنىدا تۇرۇۋېتىپتۇ. دېمەككى، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار مەيلى پانىيدا، مەيلى باقىيدا، ھاياتنىڭ مەيلى مىكرو قاتلىمىدا ۋە ياكى ماكرو قاتلىمىدا بولسۇن، ھەقىقەتەن باراۋەر بولمىغان ئورۇنلارغا ساھىب ئىكەن، بۇ خىل باراۋەرسىزلىك ھەتتا ئاللاھنىڭ ئادالىتىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن.

 

داۋامىنى پ د ف ھۆججىتىدىن ئوقۇڭ

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*