تىل سىياسەتلىرى ۋە تىل ھوقۇقىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى

2018-يىلى 15-نويابىر

 

 

تىل سىياسەتلىرى ۋە تىل ھوقۇقىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى[1]

سالىم ئورھان[2]

قىسقىچە مەزمۇنى

 

تىل، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تارىختا تۇنجى قېتىم يېقىنقى زاماندا سىياسىيلاشتۇرۇلدى ۋە بىر سىياسىي ۋاسىتە سۈپىتىدە ئىشلىتىلدى. تىل سىياسەتلىرى، ئۇلۇسچىلىق (مىللىي دۆلەتچىلىك) نىڭ «مىللىي دۆلەت» نى ئورتاق كىملىك رامكىسى ئىچىدە يارىتىش مۇساپىسى جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىقتى. تىل سىياسەتلىرىنىڭ دائىرىسى، ئادەتتە مىللىي – دۆلەتلەرنىڭ «ئۇلۇس كىملىك (دۆلەت كىملىكى ياكى ھۆكۈمران كىملىك – ت)» سىياسەتلىرى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلدى. بۇ مەنىدە، مىللىي دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ ياقلىغان تىل سىياسىتى تىلنى بىر خىللاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئاسسىمىلياتسىيە خاراكتېرلىك تىل سىياسىتى بولۇپ كەلدى. بۇ تىل سىياسىتى، دۆلەت تاللىغان تىلنىڭ سىرتىدىكى تىللارنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئاممىۋى ھاياتتىن سىقىپ چىقىرىلىشىغا، ھەتتا بەزى تىللارنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولدى. ئاسسىمىلياتسىيەچى تىل سىياسەتلىرى بىلەن تىل ھوقۇقى ئارىسىدا تەبىئىي بىر خىل «توقۇنۇش» مەۋجۇت بولۇپ، تىل ھوقۇقى ئاسسىمىلياتسىيەچى تىل سىياسەتلىرىنىڭ «ئەسلىي ناھەقچىلىكلىرى» گە قارشى ھەق تەلەپ قىلىش ۋە مەۋجۇتلۇق «كۈرىشى» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. باشقا بەزى ھەق – ھوقۇقلار بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بولغان تىل ھوقۇقلىرىنىڭ شەكىل ۋە دائىرىلىرىنىڭ بېكىتىلىشى قىسمەن ھالدا تىلغا بېرىلگەن ئەھمىيەت ۋە ئۇنىڭ ئوينايدىغان رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلدى. ئونتولوگىيە (مەۋجۇدلۇق) جەھەتتىن ئىنساننىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان تىلنىڭ ئالاقە ۋە كىملىكنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك رولى بار. بۇ ۋەزىپىلەر دائىرىسىدە تونۇلىدىغان تىل ھوقۇقىنىڭ تايانچلىرى، ماھىيەت ۋە ئەۋزەللىكلىرى ھەققىدە ھەر خىل بەس – مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ ماقالە، تىل سىياسەتلىرى ۋە تىل ھوقۇقىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا نەزەرىيەۋى تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى نىشان قىلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇلۇس، تىل سىياسەتلىرى، تىل ھەقلىرى

 

كىرىش سۆز

 

مىللىي دۆلەتنىڭ بىر ئامىلى بولغان «ئۇلۇس»، كاپىتالىستىك نەشرىياتچىلىق، ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى ۋە ياۋروپا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ مەركەزلىشىش خىزمەتلىرىگە ئوخشاش ئامىللار ئوتتۇرىغا چىقارغان ئۇلۇسچىلىق تەرىپىدىن تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ ياساپ چىقىلدى. ئۇلۇس (مىللىي دۆلەت) نىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل دەپ قارىلىدىغان «ئۇلۇس تىللار»مۇ، ئۇلۇسلارغا ئوخشاشلا ئاساسەن دېگۈدەك يېرىم سۈنئىي شەكىلدە بەرپا قىلىنغان مەۋجۇتلۇقتۇر. ئۇلۇسچىلىق، ئۇلۇسنى بەرپا قىلىش مۇساپىسىدە ئېتنىك ۋە پۇقراۋى / سىياسىي ئۇلۇسچىلىق دېگەندەك پەرقلىق شەكىللەرگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئۇلۇسچىلىقنىڭ بارلىق شەكىللىرىدە بىر ئورتاق كىملىك شەكىللەندۈرۈش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىلنىڭ باشقۇرۇلۇپ كونترول قىلىنىش كېرەكلىكى پىكىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. تىل تۇنجى قېتىم بۇ دەۋردە سىياسىي ۋاسىتە سۈپىتىدە ئىشلىتىلدى. تىل ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇلغان بىر خىللاشتۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق خەلقنى بىر خىل تۈسكە كىرگۈزۈش نىشان قىلىندى. يېگانە ۋە ئورتاق بىر ئۇلۇس تىلى، ئىجتىمائىيلىق، رايون ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن پەرقلىق كۈلتۈرلەرگە مەنسۇپ قاتلاملاردىكى ئىنسانلارنى بىرلەشتۈرۈش مەقسىتىدە بەرپا قىلىنغان ئۇلۇسنىڭ ۋە ئۇلۇس كىملىكىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى، دەپ قارالدى. يەنە كېلىپ، مەركەزلەشكەن زامانىۋى ئۇلۇس دۆلىتى توپلۇقىنىڭ ھەممىسىنى ئورتاق بىر پىروگرامما ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئۆلچەملىك بىر تىلغا ئېھتىياج تۇغۇلدى.  تىل سىياسەتلىرى ئۇلۇسچىلىق دەۋرىنىڭ، زامانىۋى ئۇلۇس دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تىل ۋە ئورتاق كىملىك يارىتىش ئۈچۈن تىلنىڭ كىملىك ۋە ئۇچۇر – ئالاقىدىكى رولىدىن پايدىلىنىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بىر دۆلەتتىكى تىل سىياسەتلىرى ئۇ دۆلەتتىكى ئۇلۇسچىلىق سەرگۈزەشتىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتىلكتۇر. بىر سىياسىي قاتلام ئارىسىدا ئىشلىتىلىدىغان تىلنىڭ سالاھىيەت ۋە (يا) ماددىي قۇرۇلمىسىغا قىلىنغان مۇداخىلىلەر سۈپىتىدە تىل سىياسەتلىرى كۆپ خىللىققا ئىگە بولسىمۇ، ئۇلۇس دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ ئىشقا سالىدىغان تىل سىياسەتلىرى، بىر تىلنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ھۆكۈمران قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. دۆلەتلەرنىڭ ئۇلۇس كىملىك سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان تىل سىياسەتلىرى، بەزى تىللارنىڭ تەدرىجىي ھالدا دۆلەت ئورگانلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىشىنى ۋە چەكلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئەھۋال، مەۋجۇتلۇققا مۇناسىۋەتلىك بەزى تىل ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى، ھەتتا بۇنىڭ نەتىجىسىدە «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بەزى تىللارنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تىل سىياسەتلىرى، تىل ھوقۇقىنىڭ دائىرىسى، ئىجرا قىلىنىش رامكىسى ۋە شەكلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تىل سىياسەتلىرى بىلەن تىل ھوقۇقى ئارىسىدىكى ئۆزئارا – شۇنداقلا تارىخىي جەھەتتىنمۇ «سوغۇق» – تەسىر كۆرسىتىش، بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ بىرلىكتە تەتقىق قىلىنىشىنى تەقەززا قىلماقتا.

تىل ھوقۇقلىرى ناھايىتى كەڭ مەنىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، ئاساسلىقى «ئانا تىل» نىڭ خۇسۇسىي ۋە ئاممىۋىي ئورۇنلاردا ئەركىن – ئازادە ئىشلىتىلىشى ۋە تاللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ مەنىدە تىل ھوقۇقى ئەمەلىيەتتە دۆلەتلەرنىڭ تىل سىياسەتلىرىگە قارشى شەخس ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆز كىملىكلىرى ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقتا. تىل ھوقۇقىنىڭ باشقا بىر قاتار ھوقۇقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىمۇ تىل ھوقۇقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدىغان ئىككىنچى بىر سەۋەبتۇر. بۇنىڭدىن باشقا، تىل ھوقۇقىغا تايانغان ھالدا يۈرگۈزۈلىدىغان بىر تىل سىياسىتىنىڭ خەتەر ئاستىدىكى كۆپلىگەن تىللارنىڭ يوقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى شۇنداقلا، ئېتنىك توقۇنۇشلارنىڭمۇ بىر قىسمىنى يوقىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ مەنىدە، تىل سىياسەتلىرىنىڭ رامكىسىنىڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۇلۇس كىملىكى سىياسەتلىرىدىنمۇ بەكرەك تىل ھوقۇقى ياكى تىلغا ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلۈشى تەلەپ قىلىنماقتا. بۈگۈننىڭ دۇنياسىدا ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ئۇلۇس – دۆلەتلەردە بىردىن كۆپ تىل مەۋجۇت بولۇپ، تىل پەرقلىرى مۇھىم بىر مەسىلە سۈپىتىدە سىياسىي دائىرىلەرنىڭ كۈنتەرتىپىنى مەشغۇل قىلماقتا. ھەر خىل ۋەزىپىلىرىنى تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئورۇنداپ كېلىۋاتقان زامانىۋى دۆلەتنىڭ بىر تىل سىياسىتى بېكىتىپ چىقىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ ماقالە، كۆپلىگەن ساھەلەردە بىر – بىرىگە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان تىل سىياسەتلىرى ۋە تىل ھوقۇقىنىڭ ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى ۋە تىل ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىقلاشنى نىشان قىلىدۇ. ئالدى بىلەن، بىر ئاممىۋى بەرپا قىلىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە تىل سىياسەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبلىرى ۋە راۋاجلىنىشى، تىل سىياسەتلىرىنىڭ دائىرە ۋە تەسىرلىرى تەتقىق قىلىنىدۇ. ئاندىن، تىل ھوقۇقى مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ؛ تىل ھوقۇقنىڭ ماھىيىتى، باشقا ھەق – ھوقۇقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئاساسىي تايانچ نۇقتىلىرى ۋە تىل ھوقۇقىغا تەڭداش ئورۇندىكى ھوقۇق كاتېگورىيەلىرى تەتقىق قىلىنىدۇ. تىل سىياسەتلىرى بىلەن تىل ھوقۇقى ئۇقۇملىرىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى كەڭ بولسىمۇ، ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا بىرلىكتە تەتقىق قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ئەسەر، تېمىنى ئۈلگە ۋەقەلەرنى مۇھاكىمە قىلماستىن نەزەرىيەۋى نۇقتىدىن تەتقىق قىلىپ، بىر ئومۇمىي قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى نىشان قىلىدۇ.

 

1 – تىل سىياسەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى: ئۇلۇس ۋە ئۇلۇسال / ئورتاق تىل يارىتىش

 

«ئۇلۇس» ئۇقۇمى ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ ۋە دەتالاشلىق ئۇقۇملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چارلېس تىللي، ئۇلۇس ئۇقۇمىغا «سىياسەت لۇغىتىدىكى باشنى ئەڭ كۆپ ئايلاندۇرىدىغان شۇنداقلا ئەڭ بىر تەرەپلىمە ماددا» دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ.[3] ئۇلۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېنىقلىمىلار تىل، دىن ۋە ئەنئەنە، دۆلەت ۋە ئورگانلارغا ئوخشاش «ئوبيېكتىپ» ئامىللار ئۈستىدە تۇرىدىغان پوزىتسىيەلەردىن، خاھىش ۋە سەزگۈرلۈكلەرگە ئوخشاش پەقەت «سۇبيېكتىپ » ئامىللارنى تەكىتلەيدىغان پوزىتسىيەلەر ۋە خاھىشلارغىچە سوزۇلىدۇ. خابېرماسنىڭ قارىشىچە، سىياسىي تېرمىنولوگىيەدە «ئۇلۇس» بىلەن «دۆلەت خەلقى» گە ئوخشاش كۆزنەكتىن قارىلىدۇ. ئەمما، قانۇنىي ئېنىقلىمىلاردىن سىرت «ئۇلۇس»، كېلىپ چىقىش ئورتاقلىقى، ھېچبولمىغاندىمۇ ئورتاق تىل، مەدەنىيەت ۋە تارىخ سايىسىدا شەكىللەنگەن سىياسىي توپلۇق دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.[4] ئۇلۇس ۋە ئۇلۇسچىلىق ساھەسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نەزەرىيەچىلىرىدىن ئاندېرسون، ئانتروپولوگىيەلىك بىر خىل روھ بىلەن ئۇلۇسقا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ: «ئۇلۇس تەسەۋۋۇر قىلىنغان بىر سىياسىي توپلۇقتۇر – ئۇ شۇنداقلا ئىگىلىك ھوقۇق بىلەن چەكلىك دائىرىدە ھەرىكەت قىلىش كىرىشىپ كەتكەن ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىنغان بىر جامائەتتۇر»[5] تەسەۋۋۇر قىلىنغاندۇر؛ چۈنكى ئەڭ كىچىك ئۇلۇسنىڭ مەنسۇپلىرىمۇ باشقا مەنسۇپلارنى تونۇمايدۇ، ئۇلار بىلەن تونۇشمايدۇ، كۆپىنچىسى توغرىسىدا ھېچنەرسە ئاڭلىمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ھەر بىرىنىڭ مېڭىسىدە جۇغلانمىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى ياشاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.[6] بۇ مەنىدە ئۇلۇس ئۇقۇمىنى ئۇلۇسچىلىق ئاتالغۇسىدىن ئايرىم مۇلاھىزە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، خىيالىي توپلۇق بولغان ئۇلۇس، ئۇلۇسچىلىق تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغاندۇر.

ناھايىتى كۆپ مەنىلەردە ئىشلىتىلىدىغان – ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھەرىكەت، ئۇلۇس ئىدېئولوگىيەسى، ئۇلۇسنىڭ تىلى ۋە سىمۋوللىرى … – ئۇلۇسچىلىق ئۇقۇمى ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان بىر نۇقتا مەۋجۇت بولسا، بۇ ئۇقۇمنىڭ پۈتۈنلەي مودرېن (زامانىۋى)بولۇشىدۇر. ئۇلۇسچىلىق، ئۇلۇسنى غەم – ئەندىشىلىرىنىڭ مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى كۆپەيتىشكە ئۇرۇنىدىغان بىر ئىدىيەدۇر. سىمىت ئۇلۇسچىلىققا «ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياكى كېلەچەكتە بىر مىللەتنى قۇرۇپ چىقماقچى بولغان بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن پەرەز قىلىنىۋاتقان خەلق نامىدىن ئەركىنلىك، بىرلىك ۋە كىملىككە ئىگە بولۇش ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن شەكىللەندۈرۈلگەن بىر ئىدېئولوگىيەلىك ھەرىكەت»[7] دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. سىمىت، تەۋسىيە قىلغان بۇ ئېنىقلىمىسىنىڭ بىر «مىللەت» / ئۇلۇس دەپ ھېسابلانسىمۇ، ئۇلۇسلارنىڭ «ئۇلارنىڭ» ئۇلۇسچىلىقلىرىدىن بۇرۇنمۇ بار ئىكەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.[8] «ياكى ئوتتۇرىغا چىققۇسى بىر مىللەت» دېگەن سۆزلىرى، ئومۇمىي ئابستراكت «ئۇلۇس» چۈشەنچىسىگە ئىگە كىچىك بىر ئۇلۇسچى ئاز سانلىقنىڭ مۇئەييەن ئۇلۇسلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇشى جەريانىدىكى نۇرغۇن ئەھۋاللارنى قوبۇل قىلىدۇ.

بېنېدىكت ئاندېرسون، ئۇلۇسچىلىقنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرىنىڭ كاپىتالىست نەشرىياتچىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.[9] كاپىتالىست نەشرىياتچىلىق، ئەينى چاغدا پىروتېستانلىق بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن ھالدا يەرلىك تىللارنىڭ ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، بۇ پىكىرنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىغا ۋە راۋاجلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتتى.[10] يەرلىك تىللار كاپىتالىستلارغا نىسبەتەن يېڭى بىر بازار بولسا، پىروتېستانلارغا نىسبەتەن يېڭى توپلۇقلارغا ئېرىشىشىنىڭ بىر ئالاقە ۋاسىتىسى بولدى. گېلنېر بولسا، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە سانائەتكە ئۆتۈش دەۋرىنىڭ ئۇلۇسچىلىقنى راۋاجلاندۇرغانلىقىنى ئېيتىدۇ.[11] يەنە بىر نۇقتا، ياۋروپا خانلىقلىرىنىڭ مەركەزلىشىشى ۋە كۈچلىنىشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىققان سىياسىي پەرقلىنىشمۇ ئۇلۇسلىشىشقا قەدەم تاشلاشنىڭ بىر مۇقەددىمىسى بولدى.

ئۇلۇسچىلىق ئۇلۇسلارنىڭ ئۆزلىرىنى تونۇپ  ئويغىنىشى ئەمەس. ئۇلۇسچىلىق ئۇلۇسلارنى يوق يەردىن پەيدا قىلىدۇ – بىراق، رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈنلەي مەنپىي يۆنىلىشتە بولسىمۇ، ئىلگىرى بار بولغان گەۋدىلىك پەرقلەرگە ئېھتىياجى چۈشىدۇ.[12] باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تەسەۋۋۇر قىلىنىۋاتقاننىڭ ئەكسىچە ئۇلۇسچىلىق ئۇلۇسلارنىڭ مەھسۇلى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلۇسلارنى مەيدانغا چىقارغىنى ئۇلۇسچىلىقنىڭ دەل ئۆزىدۇر.[13] ھوبسباۋن، «مىللەتنىڭ شەكىللىنىش ساھەسىگە كىرگەن سۈنئىيلىك، ئىجاد ۋە ئىجتىمائىي ئىنژېنېرلىق ئامىللىرى»[14] بارلىقىنى تەكىتلەپ؛ ئۇلۇسلارنىڭ تەبىئىي بىر توپلۇق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلارغا پەقەت بىر «ئەپسانە» دىن ئىبارەت، دەپ قارايدۇ ۋە ئۇلۇسلارنى پۈتۈنلەي تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ بەرپا قىلىنغان، دەپ ھېسابلايدۇ.

ئۇلۇس بەرپا قىلىش مۇساپىسى پەرقلىق ھالەت ۋە شەكىللەردە داۋاملاشتۇرۇلدى. ھەر بىر ئۇلۇسنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، بۇلارنى ئومۇمەن سىياسىي ۋە ئېتنىك ئۇلۇسچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى كاتېگورىيەگە ئايرىش مۇمكىن. سىياسىي ئۇلۇسچىلىق مودېلىدىكى ئۇلۇسلار، ئورتاق تارىخىي ئەسلىمىلەر ۋە ئەنئەنىلەر ئارقىلىق باغلانغان، تۈرداش بولۇشى شەرت بولمىغان مەدەنىيەت توپلۇقلىرى دەپ قارالماقتا. ئېتنىك ئۇلۇسچىلىق مودېلىدا بولسا، ئۇلۇس ئورتاق بىر ئاتا ۋە ئورتاق مەدەنىيەتكە تايانغان گۇرۇپپىنىڭ كىملىك ئېڭىدۇر.[15] ئالتېر، سىياسىي ئۇلۇسچىلىقنىڭ يەككە ۋە كوللېكتىپنىڭ ئەركىن ئىرادىسنى ئاساس قىلغان ھالدا، كۈچىنى شەخسنىڭ ئەركىن ئىستىكى ۋە ئۇلۇسقا سۇبيېكتىپ بېقىنىشتىن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، «ئېتنىك» ئۇلۇسچىلىق دائىرىسىگە كىرىدىغان ئۇلۇسچىلىق تۈرلىرى، فىترى (تەبىئىي) توپلۇقلۇق پىكرىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىدۇ. بۇ مودېلدا توپلۇق روھى ئورتاق مىراس، تىل، دىن ۋە تارىخقا تايىنىدۇ.[16] سىمىتنىڭ قارىشىچە، ئەسلىدە ھەربىر ئۇلۇسچىلىقنىڭ ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجە ۋە پەرقلىق شەكىللەردە پۇقراۋى ۋە ئېتنىك ئامىللار بولىدۇ. بەزىدە پۇقراۋى ۋە تېررىتورىيەلىك ئامىللار ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتسە، بەزىدە ئېتنىك ۋە يەرلىك ئامىللارنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىققانلىقى كۆرۈلىدۇ.[17] ئالتېرنىڭ دېگىنىدەك، ئۇلۇس تەسىس قىلغۇچىنىڭ نىشانى ئىجتىمائىي، رايون خاراكتېرلىك، سىياسىي ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن پەرقلىق قاتلاملارغا ئايرىلغان كىشىلەرنى بىرلەشتۈرىدۇ.[18] بۇنداق ئەھۋالدا، ھەربىر ئۇلۇسچىلىق مودېلىدا – مۇھىملىق دەرىجىسى پەرقلىق بولسىمۇ – تۈرداش بىر كۈلتۈر، ئۇلۇسنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىزچىللىقى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئامىل، دەپ قارالماقتا.

ئۇلۇس يارىتىش مۇساپىسىدە مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىن بىر خىللاشتۇرۇشقا ھەم مىللىي كىملىكنىڭ پىلانلىنىشى ۋە شەكىللەندۈرۈلۈشى، ھەم مىللىي بىرلىكنىڭ كاپالىتى بولۇش جەھەتتە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سۈنئىي بىرلىك شەكىللەندۈرۈش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىل بىرلىكىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقاردى. دېمەك، ئۇلۇسنىڭ تىلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان تىللارمۇ ئۇلۇسلارغا ئوخشاشلا سۈنئىي پىلانلار ئارقىلىق ئىجاد قىلىنغان نەرسىلەردۇر.[19] يەنە، مەركەزلەشكەن دۆلەتنىڭ بىيۇروكراتىيە ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداش، رەھبەرلەرنىڭ خەلق بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ۋە خەلقنى ھاكىمىيەتكە قارىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تىلغا ئالاقىدار خىزمەتلىرىمۇ ئۇلۇسال تىللارنىڭ شەكىللىنىشىگە ھەسسە قوشتى. چۈنكى، مەركەزلەشكەن زامانىۋى دۆلەت،  پۇقرالىرىنى ئورتاق پىروگراممىلار دائىرىسىدە تەشكىللەشنى ئاساس قىلدى.[20]

يارىتىلغان مىللىي تىل، مىللىي كۈلتۈرنىڭ / كىملىكنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشى، ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، دەپ قارالدى. ۋالېرستېئىن، بىر سىياسىي بىرلىك ئىچىدە ئورتاق تىلنىڭ مىللىي كىملىكنىڭ كاپالىتى دەپ قارىلدىغانلىقىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:

«ئاھالىدىن تەشكىل تاپقان گۇرۇپپىنىڭ بىرلىكى ئادەتتە تىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈلگىلەرگە يۈزلىنىش ئارقىلىق كۈچەيتىلدى: دۆلەت ئىچىدە بىرلا تىل ۋە ناھايىتى قويۇق ھالدا قوشنا دۆلەتلەرنىڭكىدىن پەرقلىق بىر  تىل – ئەسلىدە مۇھىمىمۇ مۇشۇ ئىدى. بۇ پۈتكۈل دۆلەت پائالىيەتلىرىنىڭ پەقەت بىرلا تىل بىلەن ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ مەجبۇرىي قىلىنىشى بىلەن، تىلنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي پائالىيەت (مەسىلەن، لۇغەتلەرنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان مىللىي ئاكادېمىيەلەر) لەرنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى بىلەن ۋە بۇ تىلنىڭ پەرقلىق تىللىرى بار ئازسانلىقلار تەرىپىدىن ئىقتىباس قىلىنىشىنى تېڭىش ئارقىلىق تاماملاندى.»[21] ئورتاق بىر تىل تاللاپ ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇنىيلاشتۇرۇش ۋە مۇئەسسەسەلەشتۈرۈش تەرىقىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى. قانۇنىيلاشتۇرۇش ئادەتتە ئۇلۇس – دۆلەت تەرىپىدىن تىلنىڭ رەسمىي سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشى دەپ چۈشىنىلمەكتە. مۇئەسسەسەلەشتۈرۈش بولسا، رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي مەنىلەردە تىلنىڭ كەڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي مۇھىتتا قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى ئامىل پەقەت ئۇلۇس – دۆلەتلەر تاللىغان ئورتاق تىللارنىڭ ئومۇملىشىشىدا ئۈنۈملۈك بولۇپلا قالماي، ئوخشاشلا ئاز سانلىق تىل ۋە شېۋىلەرنى يىراقلاشتۇرۇشتىمۇ ئۇتۇق قازاندى.[22]

ئۇلۇس يارىتىش مۇساپىلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغان ئورتاق تىل شەكىللەندۈرۈش خىزمەتلىرى، تىل سىياسەتلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا مەنبەلىك رول ئوينايدۇ. مودېرن ئۇلۇس – دۆلەتنىڭ ھەرقانداق بىر شەكىلدە – مەيلى ئۇچۇر – ئالاقە، مەيلى سىياسىي بولسۇن – تىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تىل سىياسەتلىرىنىڭ مەركىزىنى تەشكىل قىلىدۇ. بېكىتىلگەن تىل سىياسەتلىرى باشتا «مەجبۇرىي» مائارىپ[23] بولۇپ دۆلەتنىڭ بارلىق ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق كۈچەيتىلىشكە كۈچ چىقىرىلىدۇ.

 

2 – تىل سىياسەتلىرىنىڭ دائىرىسى ۋە ھەجىمى

 

تىل سىياسەتلىرىگە «بىر سىياسىي قاتلام ئارىسىدا سۆزلىشىدىغان تىللارغا، بۇلارنىڭ ساھە ۋە رايونلىرىغا، تەرەققىياتلىرىغا ۋە ئىستېمالىغا ئالاقىدار ھەق – ھوقۇقلارغا مۇناسىۋەتلىك پىرىنسىپ، قارار ۋە تەتبىقلاشلار جۇغلانمىسى»[24] دەپ ئېنىقلىما بېرىش مۇمكىن. بۇ ئېنىقلىمىدىنمۇ چىقىپ تۇرغىنىدەك، تىل سىياسەتلىرى نوقۇل قانۇنىي رامكىدىنلا ئىبارەت ئەمەس؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، تىل قانۇنلىرى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇلماسلىقى لازىم. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەقەت قانۇن يوق ئەھۋاللارنىڭمۇ بولغىنىدەك، ئىجرائاتلار قانۇنلاردىن پەرقلىق بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. پاۋلستوننىڭ تەبىرى بويىچە، تىل سىياسەتلىرى پەقەت كىتابلاردىكى قانۇنلار ياكى رەسمىي سىياسىي تەبىرلەرگە ئاساسەن ئەمەس، بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر نۇقتىدىكى تىل ئادەتلىرى، ئىجتىمائىي ۋە قۇرۇلمىلىق نۇقتىلارغا ئاساسەن مۇھاكىمە قىلىنىشى لازىم.[25] تىل سىياسەتلىرى بىۋاسىتە ھالدا ھۆكۈمەتلەر، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھىمايىسىدىكى يېرىم رەسمىي ئورگانلار (مىللىي تىل ئاكادېمىيەلىرى) ۋە(ياكى) دۆلەت سىياسىتىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشىدە رول ئوينىغان ئاكتىيور ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلۈشى مۇمكىن. دۆلەتلەرنىڭ تىل سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدارە – ئورگانلار بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، دۆلەتلەرنىڭ مىللىي (ئۇلۇس) كىملىك سىياسەتلىرىدىن يىراقلاشمايدۇ ۋە بۇلارنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ياردەمچى بولىدۇ. تىل سىياسەتلىرىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرى ئاڭلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىشىدۇر. ئۆزلەم ئە.ۋىرتانېن، دۆلەتلەرنىڭ تىللارغا مۇداخىلە قىلىش مۇددىئالىرىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «دۆلەتلەر خەلقنىڭ سۆزلىشىش تىللىرىغا نوپۇزلىرىنى كۈچەيتىش، قانۇنىيلىق قازىنىش، ئىشتىراك قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ياكى چەكلەش، مىللىي كىملىك شەكىللەندۈرۈش ۋە بۇنى مۇستەھكەملەش ۋە كىرىم تەقسىماتىنى بېكىتىش مەقسىتىدە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىشى مۇمكىن.»[26] ئەسكەرتىلگەن مەزكۇر مەقسەتلەرنىڭ ھېچبىرى بىر دۆلەتنىڭ ئۇلۇس يارىتىش مۇساپىسىدە بېكىتىپ، تۇراقلىق ھالەتكە كەلتۈرگەن «مىللىي كىملىك» سىياسەتلىرىدىن مۇستەقىل ئەمەس.

مودېرن دۆلەتنىڭ تىل بىلەن بولغان مەجبۇرىي مۇناسىۋىتىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان تىل سىياسەتلىرى، ماددىي پىلان (corpus planning) ۋە سالاھىيەت پىلانى (status planning)دىن ئىبارەت ئىككى شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مودېرن دۆلەت بىر تەرەپتىن مىللىي كىملىكنى شەكىللەندۈرۈش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن «سالاھىيەت پىلانى» تۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئالاقىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن ماددىي پىلان تۈزىدۇ. بۇ ئىككى پىلان تۈرى بىر – بىرىدىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولماستىن، مودېرن دۆلەتنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى، مودېرن ئۇلۇس دۆلەت بىر مىللىي كىملىككە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، توپلۇقنىڭ ھەممىسىنى تەشكىللەيدىغان، گىددېنسنىڭ تەبىرى بويىچە، ئەنئەنىۋى دۆلەتلەردە بولمىغان بىر «ئۇقۇم خاراكتېرلىك توپلۇق»تۇر.[27] فىئېرماننىڭ قارىشىچە، ماددىي پىلانلاش «تىلنىڭ قۇرۇلمىسى، سۆز ئامبىرى، تاۋۇش ۋە تەلەپپۇزغا ئوخشاش ئىچكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلغان يېڭىلىقلاردۇر.»[28] سالاھىيەت پىلانىغا بولسا، «بىر رايون ياكى دۆلەتتە تىلنىڭ قايسى مۇددىئا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى ياكى تونۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر»[29] دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. سالاھىيەت پىلانى، بىر تىلنىڭ مىللىي ياكى رەسمىي تىل سۈپىتىدە پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا ياكى مۇئەييەن جايلاردا ئىشلىتىلىشىنى، قايسى تىلنىڭ قايسى ۋەزىپىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنىڭ بېكىتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. فىشمان، تىل سىياسىتىنىڭ بۇ ئىككى شەكلى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بىر – بىرىنى قوللاش ماھىيىتىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ ۋە بۇلارغا بىر تەڭگىنىڭ ئىككى تەرىپى دەپ قارايدۇ.[30] بىر تىلنىڭ ماددىي پىلانى تۈزۈلمەي تۇرۇپ، ئۇ تىلغا يۈكسەلدۈرگۈچى بىر سالاھىيەت پىلانلاش (دۆلەت ئورگانلىرىدا ھۆكۈمران بىرلا تىل قىلىش) قا ئۇرۇنۇش نورمال بىر ھەرىكەت بولماسلىق بىلەن بىرگە، سالاھىيەت پىلانى تۈزمەستىن بىر تىلنىڭ پۈتۈنلەي ماددىي پىلانلاش ئارقىلىق كېڭەيتىلىشى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىمۇ مۇمكىندەك قىلمايدۇ.

دۇنيادىكى ئىجرا قىلىنىش ئەھۋاللىرىغا قارىلىدىغان بولسا، تىل سىياسەتلىرىنىڭ خىلمۇخىل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ تىل سىياسىتىگە سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك – سىياسىي تاللاشلىرى تەسىر كۆرسەتسىمۇ،[31] بۇ سىياسەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قىسىم «ئوبيېكتىپ» ئامىللارمۇ بار. بىر دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىدىكى تىل توپلۇقلىرىنىڭ دېموگرافىك (نوپۇس) قۇرۇلمىسى، ئازسانلىق تىل توپلۇقلىرىنىڭ ئومۇمىي نوپۇس ئىچىدىكى نىسبىتى ۋە ئېتنىك / مىللىي ئېڭى ۋە تەشكىلاتلىنىش ئەھۋالى، ئېتنىك ياكى مىللىي سۈركىلىشنىڭ دەرىجىسى، تىل توپلۇقلىرىنىڭ دۆلەت بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋىتى دېگەندەك بىر قاتار ئايرىم سەۋەبلەر پەرقلىق تىل سىياسەتلىرىنىڭ نەزەردە تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. رولاند بىرېتون، «دۇنيا تىللىرى ئاتلىسى» ناملىق ئەسىرىدە، دۇنيا تىللىرىنى خەرىتىلەر ئارقىلىق بايان قىلىپ، ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىردىن كۆپ تىل توپلۇقىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ناھايىتى ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىردىن كۆپ تىلنى رەسمىي تىل قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دۇنيادا ھۆكۈمران دۆلەتلەرنىڭ بەزىلىرى رايون دەرىجىسىدە ھەر خىل تىللارنى رەسمىي تىل ياكى يېرىم رەسمىي تىل، دەپ قوبۇل قىلسىمۇ، 160 دۆلەتنىڭ بىر تىلنى رەسمىي تىل قىلىپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى؛ قالغانلىرىنىڭ قوش ۋە(ياكى) كۆپ تىللىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.[32] ھەربىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە خاس تىل سىياسىتى بولسىمۇ، بۇ سىياسەتلەرنى نېگىزىدىن ئىككى ئاساسىي كاتېگورىيەگە ئايرىلىشى مۇمكىن. ئېسماننىڭ تەبىرى بويىچە، «ئاسسىمىلياتسىيەچى (بىر تىللىقچى)» ۋە «كۆپلۈكچى (كۆپ تىللىقچى)» ئىستراتېگىيەلەر دېيىلىۋاتقان بۇ تاللاشلار، ئۆز ئىچىدە پەرقلىق دەرىجىلەرگە، خىلمۇخىللىققا ئىگە بولسىمۇ، ئەسلىدە دۆلەتنىڭ رەسمىي تىل نۇقتىسىدىن كۆپ تىللىق بولۇشنى قوبۇل قىلىشى ياكى رەت قىلىشىغا پاراللېل كېلىدۇ.[33]

 

3 – بىر ئاسسىمىلياتسىيە ئىستراتېگىيەسى بولغان بىر تىللىق بولۇشنى ياقلاش سىياسىتى

 

مىللىي دۆلەتلەردە ئەڭ كۆپ يۈرگۈزۈلىدىغان «بىر تىللىق بولۇش» سىياسىتى، بىر تىل (ئادەتتە كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغانلارنىڭ تىلى) نىڭ رەسمىي تىل قىلىپ بېكىتىلىشى ۋە باشقا تىللار (ئادەتتە ئاز سانلىقلارنىڭ تىلى) نىڭ قەدەممۇ قەدەم ئاممىۋى ھاياتتىن سىقىپ چىقىرىلىشى شەكلىدە ئەكس ئېتىدۇ. بۇ (ئاسسىمىلياتسىيەچى) سىياسەتكە ئاساسەن تاللانغان رەسمىي تىل، بىردىنبىر ھۆكۈمران شۇنداقلا گەۋدىلىك تىل قىلىنىشقا ۋە باشقا تىل گۇرۇپپىلىرىغا «قوبۇل قىلدۇرۇلۇش» قا تىرىشىلىدۇ. رەسمىي تىلنىڭ دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىدا، ھەتتا ئىجتىمائىي ھاياتتىمۇ بىردىنبىر بىر تىل بولۇپ كۆرۈنۈشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ھەر خىل (ئاسسىمىلياتسىيەچى) ئىستراتېگىيەلەر ۋە ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ. بۇ شەكىلدە بىر تىل سىياسىتىنى يولغا قويغان دۆلەتلەرنىڭ، باشقا تىللارغا قارىتا چەكلىگۈچى ۋە جازالاندۇرغۇچى ئىستراتېگىيەلەرنى يۈرگۈزىدىغانلىقى ۋە(ياكى) رەسمىي تىلنى قوبۇل قىلدۇرۇش ۋە تەقدىرلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىدىغانلىقى كۆپلەپ ئۇچرايدۇ.[34] رەسمىي تىلنىڭ سىرتىدا قالغان تىللارغا قارىتىلغان چەكلىمىلەر ئەڭ ئالىي قانۇن بولغان ئاساسىي قانۇن قاتارلىق ھەر خىل قانۇنلار ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ.

بىر تىل سىياسىتى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، ئۇلۇس يارىتىش مۇساپىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ تونۇش، پۈتكۈل دۆلەت ئىشلىرىنىڭ بىرلا تىلدا ھەل قىلىنىشىنى ۋە سىياسىي توپلۇق (ئۇلۇس – مىللەت) نىڭ بۇ دائىرىدە تەسىس قىلىنىشىنى ئاساس قىلىدۇ؛ كۆپ تىللىق بولۇشنىڭ «بىر ۋە پارچىلانماس» بولغان مىللەتنى پارچىلايدىغانلىقىنى، بىر تىللىق بولۇشنىڭ بولسا، بىرلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. رەسمىي بولمىغان تىللار (ئۆي ئىچىدە ياكى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىدە ئەركىن قويۇۋېتىلگەن تەقدىردىمۇ) نىڭ سالاھىيەتلىرى تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئىجتىمائىي – سىياسىي سالاھىيەت ۋە ئىقتىسادىي ئۇتۇق رەسمىي تىلدا راۋانلىقنى شەرت قىلغانلىقى ئۈچۈن، باشقا تىل توپلۇقلىرىنىڭ ئەزالىرى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۆز تىللىرىنى بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويۇپ، دىققىتىنى رەسمىي تىلدا راۋان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرىدۇ.[35]

بىر تىللىق بولۇش سىياسىتىنى ياقلىغۇچىلارنىڭ بىر باھانىسى مودېرن ئىقتىسادنىڭ تەقەززاسىغا تايىنىدۇ. تىل باشقا مۇددىئالارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىر ۋاسىتىسى؛ مودېرن ئىقتىساد تەقەززا قىلىۋاتقان چاققانلىق، تەھسىللىك ۋە قولاي ئەمگەك كۈچى پەقەت بىر تىل ئارقىلىقلا روياپقا چىقىدۇ، دەپ قارايدۇ. دۆلەتنىڭ قوللىشى بولماي تۇرۇپ بىر تىلنىڭ ئورتاق ئۆلچەملىك بىر تىلغا ئايلىنىشى ۋە قانائەتلىنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشىنىڭ بەك مۇمكىنچىلىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەت بىر تىلنى ئورتاق تىل، دەپ قوبۇل قىلىپ، ئۇنى مائارىپ يولى ئارقىلىق قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ ئومۇملاشتۇرىدۇ.[36] ئەمما، بۇ تەخمىننى ئىسپاتلايدىغان ئۇچۇرلار ئۇنچە كۆپ ئەمەس. تەجرىبىدىن ئۆتكەن مەلۇماتلار، مىللىي تىلنىڭ بىردىنبىر بىر تىل، دەپ بېكىتىلىشى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق باغلىنىش يوقلۇقىغا ئىشارەت قىلماقتا.[37] ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەمەلىيەتتە دۆلەتلەرنىڭ ھېچقانداق بىر ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە تەلەپ بولماي تۇرۇپمۇ، ھەتتا دۆلەتلەرگە قوشۇمچە چىقىم يارىتىدىغان بولۇشىغا قارىماي (كاتالانچىدىكىگە ئوخشاش) ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزگەنلىكى بىر رېئاللىقتۇر.

بىر تىللىق بولۇش سىياسىتىنى ياقلىغۇچىلارنىڭ يەنە بىر باھانىسى بولسا، دېموكراتىك مۇساپىلەر تەقەززا قىلىدىغان دىيالوگ ۋە ئىشتىراك قىلىشنىڭ پەقەت بىر تىللىق بولۇش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۆلچەرلەردىن ئىبارەت. ھەممىنىڭ ۋەكىللىك ئورنى بولغان دېموكراتىك تۈزۈم تەلەپ قىلىۋاتقان پۇقرالار بىر – بىرى بىلەن سۆھبەتلىشەلەيدىغان مۇھىت، ئورتاق بىر تىل بولماي تۇرۇپ ئىشقا ئاشمايدۇ. جون ستۇارت مىل، بىردىن كۆپ تىل توپلۇقى بولۇشىنىڭ ھەممە ۋەكىللىك قىلىدىغان دېموكراتىيەگە توسالغۇ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكىچە ئىپادىلەيدۇ: «بىر خەلق ئارىسىدا دوستانە تۇيغۇلار بولمىسا، بولۇپمۇ پەرقلىق بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان ۋە يازىدىغان بولسا، ھەممىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئېھتىياجلىق ئورتاق (بىرلەشمە) بىر توپلۇق شەكىللەنمەيدۇ.»[38] لېكىن، بىر خەلق ئىچىدىكى بەزى تىل گۇرۇپپىلىرى ئۆز تىللىرىنى ئىشلەتمىگەن (ئىشلىتەلمىگەن) جايلاردا دېموكراتىك مۇساپىلەرنىڭ قانچىلىك ئىشقا ئاشىدىغانلىقى دەتالاشلىق بىر مەسىلىدۇر. تىل جەھەتتە پۈتۈنلەي بىردەكلىككە ئىگە بىر توپلۇققا ئىگە ئاساسەن بىرمۇ دۆلەتنىڭ بولماسلىقى، پەقەت بىرلا / ھۆكۈمران تىل ئىشلىتىلگىنىدە باشقا بىر تىل گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىنى تارايتىۋېتىدىغان بولغاچقا، ھەممە ۋەكىللىك قىلىدىغان دېموكراتىيە مۇساپىسىمۇ تولۇق مەنىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان بولىدۇ.

دېموكراتىك دۆلەتنىڭ بىيۇروكراتىك خىزمەتلىرىنىڭ بىر تىل ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسان ۋە تېز ھەل بولىدىغانلىقى مۆلچەرى، بىر تىللىق تۈزۈمنىڭ ئاسانچىلىق تۇغدۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت سەۋەبلەر تۈپەيلى قوغدىلىغانلىقى قارىشىنى پەيدا قىلىدۇ. بىر تىللىق سىياسەت يۈرگۈزۈلگەن بىر سىياسىي توپلۇقنى، كۆپ تىللىق تەڭداشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئاسان باشقۇرغىلى بولىدۇ ۋە بۇ مەنىدە چىقىم (تەرجىمە ۋە قوشۇمچە چىقىملار يوق) مۇ ئاز بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

بىر تىل سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ يۈرگۈزۈلىدىغان ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ باشقا (بولۇپمۇ ئازسانلىقلار) تىل گۇرۇپپىلىرىغا، كۆپ سانلىقلار ئىگە بولغان بىر قىسىم ئەۋزەللىكلەرگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق بەزى «پايدىلار»نى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. لېكىن، باشقا تىل توپلۇقلىرى ئادەتتە ئاسسىمىلياتسىيەگە قارشى قاتتىق چىڭ تۇرىدۇ. مودېرن دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بىرلا تىل ئارقىلىق ئادا قىلىشلىرى، ئاز سانلىقلارنىڭ ھاياتلىرىدا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.[39] بىر تىل سىياسەتلىرى توپلۇقلار ئارىسىغا گويا كۆرۈنمەس بىر دەرىجە قاتلىمى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، زامانىۋى ئۇلۇس  دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ تايىنىدىغان بىر تىل سىياسىتى تەبىئىي شۇنداقلا ئىنساننىڭ ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقى بولغان تىل ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا ۋە بەزى تىللارنىڭ يوقاپ كېتىشى (تىل قىرغىنچىلىقى) گە سەۋەب بولىدۇ.

 

4 – بىر تىل سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى: تىللارنىڭ قاتىلى / ئۆلۈمى

 

«تىل ئۆلۈمى»، كۆپىنچە ھاللاردا تىل سىياسەتلىرىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە تىللارنىڭ ۋەزىپىلىرى ۋە سالاھىيەتلىرىدە ئۆزگىرىشلەر بولۇپ كەلگەن؛ تىل ئۆلۈملىرى، يوقاپ كېتىشلىرى ۋە ئۆزگىرىشلىرى كۆرۈلگەن. بىراق، مەلۇم تارىخنىڭ ھېچبىر مەزگىلىدە تىللارنىڭ يوقىلىپ كېتىشى بۈگۈنكى دەرىجىدە «خەتەرلىك» ھالەتنى باشتىن كەچۈرمىگەن ۋە بۇنچىلىك تېز ئەمەلىيلەشمىگەن. تەخمىن قىلىنىشىچە، يېقىنقى بەش يۈز يىل ئىچىدە مەۋجۇت تىللارنىڭ سانىچىلىك تىل يوقاپ كەتكەن. دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە سىستېمىلىق بىر ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ۋە تىل بىلەن شېۋىنى پەرقلەندۈرىدىغان دۇنياۋى / كونكرېت بىر ئۆلچەمنىڭ بولماسلىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى، بۈگۈنكى دۇنيادا سۆزلىنىۋاتقان، ھايات تىللارنىڭ سانىغا ئالاقىدار ھەرخىل سانلىق مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان تىل سانى 6000 بىلەن 8000 ئارىسىدىدۇر. بۇ ھايات تىللارنىڭ سان جەھەتتىن خېلى كۆپ قىسمى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. مېي، مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادا سۆزلىنىۋاتقان 6800 تىلنىڭ %25-%50 سىنىڭ 21 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يوقىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. كرائۇسمۇ ئوخشاش شەكىلدە، تىللارنىڭ %50 ىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئەسىردە يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى، قالغان %40 ىنىڭ يوقىلىش خەۋپىنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقى مۆلچەرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.[40] بەزى جەمئىيەتشۇناسلار، ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بۇ تىل ئۆلۈملىرىنى «تىل قىرغىنچىلىقى» دەپ ئىزاھلىماقتا.[41] بۇ دېگەنلىك – ئۇ تىلغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ئۆز تىللىرىنى تاشلاپ باشقا تىللارغا ئادەتلىنىپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. تىلنىڭ يوقىلىشى كۆپىنچە ئىككى تىللىق ياكى كۆپ تىللىق ئەھۋاللاردا، ھۆكۈمران تىل (سىياسىي كۈچكە، ئىمتىيازغا، ئىجتىمائىي ئەۋزەللىككە ئىگە تىل) نىڭ ئاز سانلىق تىلنىڭ فۇنكسىيە ۋە خىلمۇخىللىقى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇشىدۇر.[42] قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر تىلنىڭ سۆزلىگۈچىسى بولمىسا، ئۇ ئۆلۈك تىلدۇر.

رۇدنيسكيج (Rudnyckyj)، بىر تىلنى تەلتۆكۈس ياكى قىسمەن يوقىتىش ۋەياكى تەبىئىي تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى ئىشلاردىن بىرىنىڭ قىلىنىشىنى «تىل قىرغىنچىلىقى»نىڭ روشەن پاكىتى، دەپ قارايدۇ. 1) ئايرىم بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان توپلۇقنىڭ ئەزالىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش؛ 2) بىر تىلنىڭ تەبىئىي، ئارگىنال ھالەتتە راۋاجلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش مەقسىتىدە بېسىم خاراكتېرلىك چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش؛ 3)  بىر تىللىق بىر گۇرۇپپىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى تىللىق توپلۇقنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە گۈللىنىش مۇھىتىنى قىسىش؛ 4) ئايرىم تىلدا سۆزلىشىدىغان بىر ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ ئىستىكىگە قارىماي، بىر تىلنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەردە ئۆگىتىلىش ۋە ئاممىۋى ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئىشلىتىلىش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىش؛ 5) ئايرىم تىلدا سۆزلىشىدىغان بىر ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ تەلىپىگە قارىماي، ئۇنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى ۋە تىلىنى ياشنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاشنى رەت قىلىش.[43] باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تىل قىرغىنچىلىقى ماھىيىتىدىكى چارە – تەدبىرلەر؛ بىر خىللاشتۇرۇش، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئېتنىك يوقىتىش قاتارلىق شەكىللەر بويىچە ئېلىپ بېرىلماقتا.

«تىل ئۆلۈمى»، ئاساسەن تىل ئىلمى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە مەيدانغا كەلدى ۋە كەلمەكتە. ھېچبىر تىل، بىۋاسىتە ھالدا تىلغا مۇناسىۋەتلىك يېتەرسىزلىكلىرى سەۋەبىدىن يوقاپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، سۆز بىرىكمىسى سۆزلىگۈچىلەرنىڭ تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئىشلىرىنى ھەل قىلىشىنى تەقەززا قىلغۇدەك دەرىجىدە چەكلىك، مۇئەييەن تاۋۇش ۋە گىرامماتىكىسى، ئىشلىتىش ئۆلچەملىرى بولمىغان؛ سىستېمىسىز ياكى يېزىقسىز بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرۇلمىسى باشقا تىللاردىن تېز ئۆزگىرىدىغان؛ ئابستراكت سۆزلىرى ۋە ئۇلارنى شەكىللەندۈرىدىغان ئىقتىدارى بولمىغان؛ مۇھىم ئېستېتىك ۋە مەدەنىي ئىپادىلەش شەكىللىرىگە خىزمەت قىلمايدىغان تەبىئىي بىر تىل يوقتۇر.[44] تىل ئۆلۈملىرى، مودېرن مىللىي دۆلەتلەرنىڭ بىر تىللىق بولۇش تۈزۈمىنى ياقلاپ يۈرگۈزگەن ئاسسىمىلياتسىيەچى سىياسەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، بىر تىللىق بولۇش سىياسىتىگە ئاساسەن تاللانغان تىلنىڭ سىرتىدىكى تىللارنىڭ سالاھىيەتلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا تۆۋەنلىتىلىدۇ ۋە ھاياتنىڭ «مۇھىم» ساھەلىرى (مائارىپ، دۆلەت تاراتقۇلىرى، ھۆكۈمەت ۋەباشقىلار) دىن سىقىپ چىقىرىلىدۇ. دۆلەتنىڭ رەسمىي تىلدىن باشقا تىللارغا يۈرگۈزگەن چەتكە قېقىش ۋە سوغۇق قاراش سىياسىتى ھەردائىم ئوچۇق – ئاشكارا دۈشمەنلىك شەكلىدە ئەكس ئەتمەستىن ناھايىتى ئىنچىكە نۇقتىلاردا ئەكس ئېتىشى مۇمكىن. فىشماننىڭ تەبىرى بويىچە، بىر تىلنىڭ «فولكلورلىشىشى»[45]، يەنى پەقەت سەنئەت، ئويۇن – تاماشا ۋە فولكلورغا ئوخشاش ساھەلەردە ئىشلىتىلىشى، تۇرمۇشنىڭ رەسمىي سەھنىلىرىدىن چېكىنىشىمۇ تىلنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، سىياسىي جەھەتتە تىل كۆرۈنمەس ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ شەكىلدە ئىجتىمائىي رولىنى يوقىتىپ قويغان بىر تىلنىڭ ئۇزۇن مەزگىل جانلىقلىقىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى كۆپ ئەمەس.

لىئونېل ۋېنىڭ قارىشىچە، ئۆلۈۋېلىش چىدىغۇسىز بىر خىل كېسەللىكنىڭ ۋە روھىي بېسىمنىڭ نەتىجىسىدە قانداق مەيدانغا كەلگىنىدەك، ھېچكىم «ئورۇنلۇق بىر سەۋەب» بولماي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ تىلىنى تاشلىۋەتمەيدۇ.[46] مودېرن مىللىي دۆلەتلەرنىڭ باشقا تىللارغا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسى ئومۇمەن «تۆۋەن كۆرۈش» ۋە «دۈشمەنلەشتۈرۈش» تەرىقىسىدە ئىپادىلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، شەخسلەرنىڭ تىللىرىنى تاشلىۋېتىش سەۋەبلىرى «قورقۇش» ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتتە «يۇقىرى سالاھىيەت» كە ئېرىشىش ئىستىكىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بۇ يەردىكى تىلغا قارىتىلغان سىياسەتلەر ئەسلىدە ئۇ تىل گۇرۇپپىسىنى چەتكە قېقىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە، تىلنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاسسىمىلياتسىيە ئادەتتە زوراۋانلىق، ھۆكۈمرانلىق ۋە بېسىم ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مەنىدە، ئاسسىمىلياتسىيە بىر توپلۇقنىڭ باشقا بىر توپلۇققا قارشى كۈچ ئىشلىتىشىنىڭ بىر بەلگىسىدۇر.[47]

تىل ئۆلۈملىرىنىڭ تۈگىشى ۋە خەتەر ئاستىدىكى تىللارنىڭ جانلىنىشى، مىللىي دۆلەتلەر تەتبىقلاپ كېلىۋاتقان «بىر تىل» سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى شەرت قىلىدۇ. خەلقئارا خەتەر ئاستىدىكى تىللارنى ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش بىرلىكىنىڭ قارىشىچە، خەتەر ئاستىدىكى تىللارنىڭ ھايات قېلىش شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1) تىلنىڭ ئەنئەنىۋى زېمىنلىرىدا – قايسى دەرىجىدە بولسا بولسۇن- خۇسۇسىيلار ياكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە مائارىپنىڭ ئۇ تىلدا بولۇشى؛ 2) تىلنىڭ، ھاكىمىيەتنىڭ، توپلۇق، رايون ۋە دۆلەت دەرىجىلىك پائالىيەتلىرىدە ۋە رەسمىي بەس – مۇنازىرىلەردە ئىشلىتىلىشىدۇر.[48] ئەسلىدىمۇ تىل ھوقۇقىنىڭ نېگىزىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاز سانلىق تىل ھوقۇقىنىڭ راۋاجلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىل، ئاز سانلىقلار تىللىرى ۋە ئۇ تىللاردا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ كەمسىتىلىشى ۋە چەتكە قېقىلىشىدەك سىياسەتلەر بولۇپ كەلدى ۋە تىل ھوقۇقى ئاساسلىقى مۇشۇلارغا بىلدۈرۈلگەن نارازىلىق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.[49] تىل ئۆلۈملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىللارنىڭ پۈتكۈل خۇسۇسىي ۋە ئاممىۋىي ئورۇنلاردا ئەركىن – ئازادە ئىشلىتىلىشى ۋە تاللىنىشىنى؛ تىللارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان ماددىي ۋە مەنىۋى قوللاشنى؛ تىللارنىڭ باراۋەر سالاھىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشىنى تايانچ قىلغان بىر تىل سىياسىي ئارقىلىق يەنى تىل ھوقۇقى تەرىپىدىن رامكىسى سىزىلغان بىر تىل سىياسىتى ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ.

 

5 – تىل سىياسەتلىرىنىڭ «ئەسلىي ناھەقچىلىكلىرى» گە قارشى تىل ھوقۇقلىرى

 

تىل سىياسەتلىرى بىلەن تىل ھوقۇقى ئوتتۇرىسىدا قويۇق رىشتە ۋە بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسەتكۈچى مۇناسىۋەت بار. تىل سىياسەتلىرى كىشىلەرنىڭ قايسى تىل ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىنىدەك، تىل ھوقۇقىنىڭ ئىجرا قىلىنىش دائىرىسىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.[50] بۇ مەنىدە، يولغا قويۇلغان ۋە ياقلانغان تىل سىياسەتلىرى بەزىدە تىل ھوقۇقىنىڭ ئاساسىنى دەپسەندە قىلسا، بەزىدە تىل ھوقۇقىنى مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرغان ھالدا شەكىللىنىدۇ. تىل سىياسەتلىرى بىلەن تىل ھوقۇقى ئارىسىدىكى تارىخىي مۇناسىۋەتكە قارالغىنىدا، تىل سىياسەتلىرىنىڭ تىل ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان ھالەتتە بۇرۇنلا پەيدا بولغانلىقى كۆرۈلىدۇ. يۇقىرىدا ئەتراپلىق شەكىلدە بايان قىلىنغىنىدەك، تىل سىياسەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇلۇس – مىللەت يارىتىش مۇساپىلىرىنىڭ «ئاسسىمىلياتسىيەچى» ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ مەھسۇلىدۇر. تىل ھوقۇقى بولسا، يولغا قويۇلغان مەزكۇر ئاسسىمىلياتسىيەچى ئىستراتېگىيەلەرنىڭ ۋەيران قىلغۇچى تەسىرلىرىگە قارشى شەخس ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ تىل جەھەتتىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشى، بىر مەۋجۇتلۇق ئىنكاسى ياكى «كۈرىشى» نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققاندۇر. تىل ھوقۇقى دۆلەتنىڭ تىل سىياسەتلىرى ئالدىدا شەخسنىڭ ئىجتىمائىي بىر مەۋجۇتلۇق سۈپىتىدە كىملىكى بىلەن مەنىلىك ھايات كەچۈرۈش ۋە مەنسۇپ بولۇش ئېھتىياجلىرىغا جاۋاب بېرىش مەقسىتىدە بېرىلىدۇ.[51] زامانىمىزدا تىل ھوقۇقى روشەن ھالدا ئازسانلىق تىللار ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھۆكۈمران تىل گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ جەھەتتە مەسىلىسى يوقتۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ تىل ھوقۇقى قانۇنىي ياكى ئەمەلىي جەھەتتىن كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان بولىدۇ. بۇ دائىرىدە، «ئازسانلىقلار» نىڭ تىل ھوقۇقلىرى خەلقئارالىق ھۆججەتلەردە بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

تىل ھوقۇقىغا – ناھايىتى ئاددىي قىلىپ – پۈتكۈل خۇسۇسىي ۋە ئاممىۋىي ئورۇنلاردا «ئانا تىل» نىڭ ئەركىن – ئازادە ئىشلىتىلىشى ۋە ئۇنى تاللاش ھوقۇقى، دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. ئۇ تېخىمۇ كەڭ مەنە ۋە شەكىللەرگە ئىگە بولسىمۇ، تىل ھوقۇقىنىڭ نېگىزىنى «ئانا تىل»[52] شەكىللەندۈرىدۇ. دېمەك، ئانا تىلنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەنىسى بىۋاسىتە ھالدا تىل ھوقۇقىنىڭ ئەھمىيىتىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىن ئورۇن ئالغان، كىملىكىنىڭ ئۇل تېشى ھېسابلىنىدىغان ۋە توپلۇق بىلەن بولغان ئەڭ كۈچلۈك رىشتىسىنى ھاسىل قىلغۇچى بىر ئامىل بولغان ئانا تىل، بىر ئىنسانىي مەۋجۇتلۇق سۈپىتىدە ئۆز – ئۆزىنى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋاسىتىلىرىدىن بېرىدۇ.[53] ئىنساننىڭ خاراكتېرىنىڭ تەبىئىي بىر پارچىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئانا تىلى بىلەن بولغان تۇغما شۇنداقلا ئايرىلماس مۇناسىۋىتى، تىل ھوقۇقىنىڭ ماھىيىتى ۋە سۈپىتىنىمۇ بەلگىلەيدۇ.

سكۇتناب – كانگاس، تىل ھوقۇقىنىڭ قانداق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تۆت ئامىلنى تەكىتلەيدۇ: 1) ھەرقانداق بىر ئىجتىمائىي قاتلام ئۆزىنى بىر ياكى تېخىمۇ كۆپ تىل ئارقىلىق كىملىكلەندۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. بۇ كىملىكلەندۈرۈش باشقىلار تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىنىشى لازىم. 2) ھەر بالا ئۆزى تەۋە توپلۇقنىڭ تىلى (تىللىرى) نى ئۆگىنىش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. 3) بارلىق كىشىلەر ئۆز تىلىنى رەسمىي ئورۇنلاردا ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. 4) بارلىق كىشىلەر ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ رەسمىي تىللىرىدىن بىرىنى ئۆگىنىش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر.[54] خەلقئارا تىل ھوقۇقلىرى خىتابنامىسىنىڭ 3 – ماددا بىرىنچى بۆلىكى، تىل ھوقۇقلىرىنىڭ مۇستەقىل دائىرىسىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىدۇ: بىر تىل توپلۇقىغا تەۋە بولۇپ تونۇلۇش؛ خۇسۇسىي ۋە ئاممىۋى ئورۇنلاردا ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش؛ ئۆز ئىسمىنى قوللىنىش؛ ئۆز تىل توپلۇقىنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە شېرىكچىلىك ئورنىتىش؛ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش ھەققى. 3 – ماددا ئىككىنچى بۆلىكى بولسا، تىل ھوقۇقىنىڭ كوللېكتىپ مەزمۇنىنى؛ تىل گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆز تىللىرى ۋە مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆگىتىلىشى، مەدەنىيەت خىزمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش، ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئۆز تىللىرىنىڭ ۋە مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئادىل رەۋىشتە ئورۇن ئېلىشى؛ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە ئۆز تىلىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇش ھوقۇقى دەپ كۆرسىتىلمەكتە.

تىل ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ۋە ئاز سانلىقلار ھوقۇقىنىڭ تىل ئىشلىتىشىگە مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئومۇمىي ئۇقۇمدۇر. تىل ھوقۇقى، مەدەنىيەت ھوقۇقى، پىكىر ئەركىنلىكى، ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقى، تەشكىللىنىش ھوقۇقى ۋە كىملىكىنى مۇھاپىزەت قىلىش ھوقۇقىغا ئوخشاش ھوقۇقلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر.[55] تىل ھوقۇقىنىڭ دائىرىسى پەقەت ئەنئەنىۋى كىشىلىك ھوقۇق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. تىل ھوقۇقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىدىكى ئورنى دۆلەت كۈچلىرىنىڭ تەتبىقلاش ئۇسۇلى بىلەن شەخسلەرنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. تىل ھوقۇقى، ئاساسىي ھوقۇقلار ئايرىمىسىدىكى سەلبىي، ئىجابىي ۋە ئاكتىپ سالاھىيەت ھوقۇقلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ دائىرىسىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. دۆلەت مۇداخىلە قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك بولغان ئەھۋاللاردا، چەكلىمە قويمىغان ياكى مەنئى قىلمىغان تەقدىردە سەلبىي سالاھىيەت ھوقۇقى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت ئىجتىمائىي خىزمەتلەر (مەكتەپ، سەھىيە… دېگەندەك) دە ئىجابىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان تەقدىردە، تىل ھوقۇقى ئىجابىي سالاھىيەت ھوقۇقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھوقۇقلارنىڭ بىرلىكتە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، ئاكتىپ سالاھىيەت ھوقۇقى ھېسابلىنىدۇ.[56] فېرناد دې ۋارېننېس، تىل ھوقۇقىنى ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارايدۇ؛ ئايرىمچىلىق چەكلىمىسى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ئوخشاش ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقتىن كېلىپ چىققان تىل ھوقۇقى ئۈچۈن ئايرىم بىر ھوقۇق كاتېگورىيەسىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىدۇ.[57] ئەنئەنىۋى كىشىلىك ھوقۇق تىل ھوقۇقىنى ئاساسەن ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن، باشقا بىر تەرەپتىن ئەنئەنىۋى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تىل ھوقۇقىنىڭ ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش جەھەتتە ئاجىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەسىلەن، ھەر ئېتنىك ياكى مىللىي ئاز سانلىقلار دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەردە ئانا تىلىدا ئوقۇمدۇ؟ پارلامېنت، سوت مەھكىمىسى، ئومۇمەن بىيورۇكرتىيەدە قايسى تىللار قوبۇل قىلىنىدۇ؟ بۇ خىل سوئاللارغا ئەنئەنىۋى كىشىلىك ھوقۇق تەلىماتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى – خاتا ئەمەس – پەقەت جاۋاب بەرمەيدۇ. گەرچە ئايرىمچىلىقنى چەكلەش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى دېگەندەك نورمال كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تىل ھوقۇقىغا ئالاقىدار تەرەپلىرى بولسىمۇ، تىل ھوقۇقىنى تولۇق مەنىدە كاپالەت ئاستىغا ئالمايدىغان بولغاچقا، تىل ھوقۇقىغا ئايرىم بىر ھوقۇق كاتېگورىيەسى سۈپىتىدە قارىلىدۇ. بۇ نۇقتىدا تىل ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرىنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكى ۋە قايسى خىل ئاساسلارغا تايىنىدىغانلىقى، ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسىي تايانچىنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى قاتارلىق سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

 

6 – تىل ھوقۇقىنىڭ تايانچ ۋە ئالاھىدىلىكلىرى

 

تىل ھوقۇقىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدىغان قىممەت – قاراشلارنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەتلىكى؛ تىل ھوقۇقىنىڭ نېمە ئۈچۈن قوغدىلىدىغانلىقى؛ قانداق ئاساسلارغا تايىنىپ قوغدىغىلى بولىدىغانلىقى ۋە تايانچلىرىنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان بەس – مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. مەسىلەن، بۇ مەنىدە «تىللارنىڭ ئۆلۈمىگە نېمىشقا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك؟» دېگەندەك بىر سوئالغا دېيۋىد كېيستال بەش تۈرلۈك سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويۇپ جاۋاب بېرىدۇ: چۈنكى خىلمۇخىللىققا موھتاجمىز؛ تىل كىملىكنى ئىپادىلەيدۇ؛ تىللار تارىخنىڭ ئامبىرىدۇر؛ تىللار ئىنسانىيەت ئومۇمىي بىلگىسىنىڭ بىر پارچىسىدۇر؛ تىللار مۇستەقىل قىزىقىش مەنبەسىدۇر.[58] تىل ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇقتىئىنەزەرلەر ۋە ئىلگىرى سۈرۈلگەن پىكىرلەرنى تىل ھوقۇقىغا ھەق ئاساسىدا قارىغۇچىلار، يەنە بىرى پايدا – مەنپەئەت ئاساسىدا قارىغۇچىلاردىن ئىبارەت ئىككى تۈركۈمگە ئايرىش مۇمكىن. «ھەق مەركەزلىك» بولغىنى ئۇ تىلدا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقلىرىغا؛ «مەنپەئەت مەركەزلىك» قارىغۇچىلار تىللارنىڭ ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.

 

ئا – تىل ھوقۇقىنىڭ «مەنپەئەت» ۋە «ھەق» ئاساسىدا مۇھاكىمە قىلىنىشى

 

تىل ھوقۇقىنى مەنپەئەت مەركەزلىك ھىمايە قىلغۇچى دۇنيا قاراش تىلغا ئېكولوگىيەلىك ۋە ئېستېتىك بىر قىممەت ۋە ئېپىستېمىك بىر مەنبە دەپ قارايدۇ.[59] بۇ چۈشەنچە بويىچە، ھەر بىر تىل ئىنسان ئەۋلادىنىڭ ئورتاق مىراسى، دەپ قارىلىپ، تىلنىڭ ئۆزىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ھەربىر تىل، ئىنساننىڭ ھېس قىلىش، ئويلاش ۋە ياشاش شەكلىنىڭ پەرقلىق ئىپادىسى سۈپىتىدە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى دەپ قەدىرلەنگەن بولغاچقا، بارلىق تىللار سۆزلىگۈچىلىرى ۋە سۆزلىگۈچىلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىدىن مۇستەقىل ھالەتتە قوغدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قاراش بويىچە، ئىنسان ئەۋلادىنىڭ تارىختا ياراتقان سەنئەت، پىكىر ۋە ئەنئەنىلىرى قانداق مۇھاپىزەت قىلىنىۋاتقان بولسا، ئۇلارنىڭ توشۇغۇچىسى بولغان تىللارنىڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ مۇھاپىزەت قىلىنىشى شەرتتۇر.[60] بۇ يەردە تىل خىلمۇخىللىقىنىڭ ئۆزى بىر بايلىقتۇر. مىساللار ئادەتتە ئېستېتىك خاراكتېرنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا كۆپ خىللىق ۋە تىل بىلەن تېخىمۇ رەڭلىك ۋە دىنامىك بولىدۇ، قارايدۇ.

تىل خىلمۇخىللىقىغا بىيولوگىيەلىك خىلمۇخىللىققا ئوخشاش قارىلىپ، تىللارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئېكولوگىيەلىك ئاساس ۋە ئېكوسىستېما ئۇقۇملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلىدۇ. ئېكوسىستېما ئۇقۇمى بىر پۈتۈن ھالەتتە ياشاۋاتقان مەۋجۇداتلارنىڭ مۇناسىۋەتلەر توپى تۈرتكىسىدە مەۋجۇت بولغانلىقى قارىشىنى چىقىش قىلىدۇ. ئېكوسىستېمىدىكى ئامىللارنىڭ، ئېلېمىنتلارنىڭ ھەرقانداق بىرىگە يەتكەن زىياننىڭ سىستېمىنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بار.[61] بىر جانلىق نەسلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى دۇنيانى قانداق كىچىكلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا قانداق زىيان يەتكۈزسە، بىر تىلنىڭ ئۆلۈشى ۋە يوقىلىپ كېتىشىمۇ شۇنداقتۇر؛ بىر تىلنىڭ يوقىتىپ تاشلىنىشى، ئىنساننىڭ ئورتاق مەۋجۇتلۇقىدىكى بىر نەرسىلەرنىڭ پۈتۈن زامان ئۈچۈن يوقىتىپ تاشلىنىشىدۇر. دېمەك، تىل ھوقۇقىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى، بارلىق تىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىمدۇر. تىللار ئىنسان ئەۋلادىنىڭ ئورتاق مىراسىدۇر ۋە ئىنسانىيەت پۈتكۈل تىللار ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيەت ۋە مەلۇمات بىرىكمىلىرىدىن پايدىلانماقتىدۇر. بۇ پوزىتسىيەنىڭ يىپ ئۇچلىرىنى بەزى خەلقئارالىق ھۆججەتلەردىمۇ كۆرۈش مۇمكىن. ياۋروپا رايونلۇق ۋە ئاز سانلىقلار تىللىرى شەرتنامىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدىكى «بىر قىسىم يوقاپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ياۋروپانىڭ چوڭ رايون ۋە ئاز سانلىق تىللىرىنىڭ؛ ياۋروپانىڭ مەدەنىيەت بايلىقىغا… قوشىدىغان تۆھپىلىرى نەزەردە تۇتۇلۇپ» دېگەندەك ئىبارىلەرمۇ قىسمەن مۇشۇ قاراشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

مەنپەئەت مەركەزلىك تىل ھوقۇقىنى ياقلايدىغان قاراش، تىل ھوقۇقىغا كىشىلىك ھوقۇق كاتېگورىيەسىدە قارىمايدۇ. چۈنكى (بۇ يەردە)، ھوقۇق كىشىلەرنى ئەمەس، تىلنىڭ دەل ئۆزىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ پوزىتسىيە، تىل ھوقۇقىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە قوغداش جەھەتتە ئاجىزلىق قىلماقتا. تىل ھوقۇقىنى قوغداش، بايان قىلىنغان پايدىنى كەلتۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ مۇھىم بىر نۇقتا ھېسابلىنىدۇ، بىراق، بۇ ئومۇملاشقان پايدىلارنى تىل ھوقۇقىنىڭ ئاساسلىق بىر سەۋەبى  دېگەندىن، ئۇنىڭ ئارزۇ قىلىنغان بىر يانداش مەھسۇلاتى دېگەن تۈزۈك.[62] يەنە كېلىپ ھەقدارلىق تىل ۋە مەدەنىيەت ياراتقان پايدىغا تاياندۇرۇلغاندا، مۇقەررەر ھالدا، قىممەت نۇقتىسىدىن بىر تىل ۋە مەدەنىيەت دەرىجە قاتلىمى يارىتىدۇ-دە، بۇنىڭ نەتىجىسى بەزى تىللارنىڭ قۇربان قىلىنىشىغا بېرىپ تاقىلىدۇ.[63] قىسقىسى، بۇنداق بولغاندا تىل ھوقۇقى تولۇق مەنىدە كاپالەت ئاستىغا ئېلىنمايدۇ. شۇڭا، تىل ھوقۇقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان باشقا بىر خىل پوزىتسىيە ئېھتىياج بار.

تىل ھوقۇقىنى ئۇ تىلدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا قاراپ ئاساسقا ئىگە قىلىدىغان تونۇش، ئادالەت ۋە باراۋەرلىك دېگەن ئاساسىي قىممەت – قاراشلارنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ. تىل ھوقۇقى ئىنساننىڭ بىر ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇق سۈپىتىدە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش، كىملىكىنى قوغداش، توغرا ھېسسىي ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش، ئۆز ھۆرمىتىنى قوغداش، پۇرسەت باراۋەرلىكى ۋە مىللىي كىرىمدىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.[64] مەنپەئەت مەركەزلىك پوزىتسىيەنىڭ ئەكسىچە بۇ تىل ھوقۇقىنىڭ تەرزىدە قوغدىلىشى ۋە تىلنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى، تىلنىڭ بىۋاسىتە ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، ئۇ تىلنى ئالاقە ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقان ۋە ئۇ تىلغا كىملىككە ئالاقىدار سىمۋوللۇق قىممەت بېغىشلىغان گۇرۇپپا ۋە ئۇ گۇرۇپپىغا تەۋە كىشىلەر ئۈچۈن مۇھىمدۇر. ئىنسانلار (پەقەت شەخسلەرنىڭلا ئەمەس) نىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن، تىل ھوقۇقىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنمەكتە. مېي، ئۇ تىلدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ يەككە، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەق ۋە سالاھىيەتلىرىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا تىل ھوقۇقىنى ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ. تىلنىڭ يوقاپ كېتىشى، تىلنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى، تىل ئۆزگىرىشى ۋە تىللارنىڭ «چەتكە قېقىلىشى» تەبىئىي بىر مۇساپە ۋە تىلشۇناسلىققا مۇناسىۋەتلىك بىر ھادىسە بولۇشتىن زىيادە؛ تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ياساپ چىقىلغان بىر مۇساپە ۋە تەڭداش بولمىغان كۈچ مۇناسىۋەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ بەرپا قىلىش مۇساپىسى ۋە تەڭ – باراۋەر بولمىغان مۇناسىۋەت ئاساسەن تىل توپلۇقلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا. دېمەك، تىل ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشى، ئۇ تىل مەنسۇپ بولغان خەلقنىڭ ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشى دېگەنلىك بولىدۇ.[65] تىل ھوقۇقىدىن مەھرۇم بىر تىلنىڭ يوقاپ كېتىشىگە ئالاقىدار قايغۇلار ئۇ تىلنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، تىلنىڭ يوقاپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۇ تىل مەنسۇپ خەلقنىڭ ئالاقە ۋە كىملىك جەھەتتە يوقاپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

تىل ھوقۇقىنىڭ ئاساسقا ئىگە قىلىنىشى، قىسمەن ھالەتتە تىلنىڭ مەنە ۋە فۇنكسىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. تىلغا بېرىلگەن پەرقلىق مەنە ۋە قىممەتلەر، تىل ھوقۇقىنىڭ تايانچ ۋە ئاساسلىرىغا ئالاقىدار پەرقلىق پوزىتسىيەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. مەسىلەن، تىل ئېستېتىك بىر قىممەت دەپ قارالغىنىدا، ھوقۇقى پەرقلىق تايانچلار ئارقىلىق قوغدالسا، تىل ئالاقە ۋاسىتىسى ۋە كىملىك ئۈچۈن سىمۋوللۇق قىممەتكە ئىگە دەپ قارالغىنىدا، ھوقۇقى تېخىمۇ پەرقلىق ئاساسلارنى چۆرىدىگەن ھالدا قوغدىلىدۇ. شۇنىڭدەك تىلغا بېرىلگەن مەنە ياكى ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن فۇنكسىيە تىل ھوقۇقىنىڭ ھەجىم ۋە خاراكتېرىنىڭ بېكىتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

 

ب – تىل ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرلىرى

 

تىل ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىقلاشتىن ئىلگىرى، تىلنىڭ خاراكتېر ۋە فۇنكسىيەسىنى بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، تىلنىڭ فۇنكسىيەسىگە قاراپ، بېرىلىدىغان تىل ھوقۇقى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار خاراكتېرلىرى ئۆزگىرىدۇ. ئىنساننىڭ ئەڭ ئاساسلىق، ئەسلىي ۋە پەرقلەندۈرگۈچى فۇنكىسىيەلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى تىل ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. بۇ مەنىدە بىر ئادەمنىڭ «ئىنسانىي پۈتۈنلۈكى» ئۈچۈن شەرت  بولغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولغان تىلنىڭ، ئالاقە تۈرىدىكى «ۋاسىتە» ۋە كىملىك تۈرىدىكى «قوغدىغۇچى ۋە سىمۋوللۇق» بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي فۇنكسىيەسى _ گەرچە بۇ ئىككى فۇنكسىيە ھەردائىم بىرلىكتە ۋە مۇھىملىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ – توغرىسىدا توختىلىش مۇمكىن.[66] تىل سىياسەتلىرى، تىلنىڭ مەزكۇر ئىككى فۇنكسىيەسىنى چۆرىدىگەن ھالدا شەكىللىنىدىغان بولغاچقا، تىل ھوقۇقىمۇ تىلنىڭ بۇ ئىككى فۇنكسىيەسىگە قاراپ شەكىللىنىدۇ.

تىلنىڭ بۇ ئىككى فۇنكسىيەسى گەرچە بىر – بىرىدىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولمىسىمۇ، ئالدىنقى پىلانغا چىققان / تەكىتلەنگەن فۇنكسىيە تىل ھوقۇقىنىڭ ماھىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. تىلنىڭ ۋاسىتىلىك / ئالاقە قورالىلىق رولى تەكىتلەنگىنىدە، تىلنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئالاقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىشى دېگەنلىك بولىدۇ. تىلنىڭ بۇزۇلۇشى شەخسلەرنىڭ ئۆز تەجرىبىلىرىنى يەتكۈزۈش ۋە باشقىلارنىڭ ئالاقىسىنى چۈشىنىش مۇساپىسىدىكى مەنپەئەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.[67] تىلنىڭ ماھىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشى، ئۇ خەلقنى تەشكىل قىلغان كىشىلەر ئارا ئالاقىنى بۇزىدۇ-دە، ئۇ خەلقنىڭ ئالاقىگە باغلىق ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، تىل ھوقۇقىنىڭ ئەھمىيىتى باشقا ھوقۇقلارنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئالدىدىن ئورۇن ئالىدۇ. كىلاسسىك كىشىلىك ھوقۇق نەزەرىيەسىدە، تىلنىڭ ئالاقە فۇنكسىيەسى ئاساس قىلىنىدۇ؛ تىل ھوقۇقىمۇ باشتا پىكىر ئەركىنلىكى، ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقى ۋە جەمئىيەت قۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئوخشاش ھوقۇقلارنىڭ تۈرى سۈپىتىدە مۇھىمدۇر. تىل ھوقۇقى ئىجتىمائىي، مەمۇرىي ۋە سىياسىي ھوقۇق قاتارلىق باشقا ھوقۇقلارنىڭ روياپقا چىقىشىدا ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ.[68] دېمەك، تىل ھوقۇقى تۈرداش ۋە ۋاسىتىلىك بىر ھوقۇق خاراكتېرىگە ئىگىدۇر. بىراق، تىلنىڭ ئالاقىلىك رولىنى چىقىش قىلىپ، تىل ھوقۇقىنى ۋاسىتىلىك ھوقۇقلار كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈش، شەخس ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ تىل بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۇپايە قىلمايدۇ. بىر كىشىنىڭ ئىشلىتىۋاتقان تىلىنىڭ خەۋپ ئاستىدا بولۇشى، ئۇ كىشىنىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي ئېھتىياجلىرى ۋە ئىجتىمائىيلىشىش مۇساپىسى بىلەن بىرگە شەخسنىڭ ئۆزى ۋە مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈنمۇ خەۋپ شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ تونۇش تىل ھوقۇقىنى چەكلىك دائىرىگە قاماپ قويىدۇ.

تىل نوقۇل بىر ئالاقە ۋاسىتىسىلا ئەمەس؛ ئۇ يەنە كىملىكتۇر. كىملىكنىڭ بىرى ئىزاھلاش ۋە ئېتىراپ قىلىنىش، يەنە بىرى تەۋەلىكتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي ئامىلى بار. ئۆزىنى چۈشەندۈرۈش ۋە جەمئىيەتتە مۇئەييەن بىر سۈپەت بىلەن ئىجتىمائىي جەھەتتىن تونۇلۇش ھەم ئىنسانغا خاس بىر ئىشتۇر ھەم ئىنسانىي ئېھتىياجدۇر. «ئىجتىمائىي جەھەتتىن تونۇلۇش» نىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋاسىتىسى ئالدى بىلەن سۆزلىشىش تىلى، ئارقىدىن يېزىق تىلى ۋە «مەدەنىيەت ئاداسى»دۇر.[69] تىل كۆپىنچە كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۆزىنى چۈشىنىشنىڭ ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر تەرىپىنى تەشكىل قىلىدۇ. بىر تىل گۇرۇپپىسىنىڭ مەنسۇپلىرى ئۆزلىرىنى ئىجتىمائىي دۇنيادىكى ئورنىغا ئاساسەن مەنىگە ئىگە قىلىدۇ ۋە ئىزاھلايدۇ. بۇ ئىجتىمائىي دۇنيا ساھەسىنى بولسا، ئالدى بىلەن ئانا تىل ۋە ئەنئەنىۋى تىل شەكىللەندۈرىدۇ.[70] چارلېس تايلورغا ئوخشاش ناھايىتى كۆپ نەزەرىيەچىلەر، خۇسۇسىي كىملىك زېمىنى ئۈچۈن تىلنىڭ مۇھىملىقىنى قوبۇل قىلىدۇ.[71] تىل پەقەت ئىندىۋىدۇئال كىملىك ئۈچۈن ئەمەس، ئوخشاشلا كۆپلىگەن كوللېكتىپ كىملىكنىڭمۇ ئاساسىي ئامىلىدۇر. گرېن، تىلنىڭ كىملىككە ئالاقىدار فۇنكسىيەسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «تىل بىر كىملىك كۆرسەتكۈچى، بىر مەدەنىي مىراس ۋە توپلۇقنىڭ كونكرېت ئىپادىسىدۇر.»[72] كۆپلىگەن ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا نىسبەتەن تىل ئۆز كىملىكلىرىنىڭ نېگىزىنى تەشكىل قىلىدۇ. قىسقىسى تىل، ھەم ئىندىۋىدۇئال كىملىك، ھەم كوللېكتىپ كىملىك ئۈچۈن مۇھىم بىر فۇنكسىيەگە ئىگە. تىل ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىشى ۋە بەشەرىي (ئىنسانىي) بىر مەۋجۇتلۇق سۈپىتىدە ئۆز – ئۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق ئامىلىدۇر. بۇ نۇقتىئىينەزەردە، تىل ھوقۇقى پەقەت ۋاسىتىلىك ھوقۇقلار كاتېگورىيەسىدە ئەمەس، ئونتولوگىيەلىك (مەۋجۇتلۇق – ۋاسىتىسىز) بىر ھوقۇق دەپ قارالماقتا. بۇ خىل ھوقۇق، ئىندىۋىدۇئال ئەركىنلىكنىڭ روياپقا چىقىشى ۋە ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىشىنىڭ ئاساسىي سۈپىتىدە كۈلتۈرەل مەنسۇپلۇقىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىغا پايدىلىق قاراشلار تەرىپىدىنمۇ ھىمايە قىلىنماقتا. تەبىئىي بىر ھەق بولغان تىل ھوقۇقىنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى، باشقا بىر «ياخشى» نىڭ ۋاسىتىسىز دەل ئۆزىنىڭ تەبىئىيلىكىدىدۇر.

تىل ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرىگە ئالاقىدار بەس – مۇنازىرىلەردە كوللېكتىپ ھوقۇق – ئىندىۋىدۇئال ھوقۇقتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تىل ھوقۇقى (ئاساسەن ئاز سانلىقلار ھوقۇقى) توغرىسىدىكى بۇ بەس – مۇنازىرە، قولغا كەلتۈرۈلگەن ھوقۇقتىن كىملەرنىڭ پايدىلىنىدىغانلىقىغا ئالاقىدار بەس – مۇنازىرىدۇر. كوللېكتىپ ھوقۇق كىشىلەر باشقىلار بىلەن بىرلىكتە پايدىلىنالايدىغان ياكى كوللېكتىپ بىرەر مەنپەئەت ۋەياكى «كوللېكتىپ» ئۈچۈن پايدا يارىتىش ئۈچۈن بەھرىمەن بولىدىغان ھەقلەر – ھوقۇقلار دەپ قارالماقتا. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كوللېكتىپ ھوقۇقلارغا «ئۆزلىرىگە ئائىت پەرقلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، توپلۇقلار پايدىلانغان بىر ھوقۇق» دەپ ئېنىقلىما بېرىش مۇمكىن.[73] ئىندىۋىدۇئال ھوقۇق بولسا، شەخسكە ئالاقىدار ئاساسىي ھوقۇقلارنى مۇھاپىزەت قىلىشنى نىشان قىلغان ھوقۇقتۇر. بۇ ئايرىما «ئالەمشۇمۇل» ۋە «گۇرۇپپا ئايرىش» قا توغرا كېلىدۇ. ئالەمشۇمۇل ھوقۇق، بېكىتىلگەن تىل گۇرۇپپىسىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سالاھىيەت ساھەسى بىلەن ئالاقىدار بارلىق كىشىلەر ئىگە بولغان ھوقۇقلاردۇر. ئىندىۋىدۇئال تىل ھوقۇقى، تىل ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك رايوندا / دۆلەتتە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ سانىغا قارىماستىن بىر شەخس تەلەپ قىلالايدىغان ھوقۇقتۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە كوللېكتىپ تىل ھوقۇقى بولسا، مۇئەييەن تەلەپ ۋە يېتەرلىك سان بولغاندىلا بېرىلىدۇ.[74] دې ۋارېننېسنىڭ قارىشىچە، تىل ھوقۇقى، ئايرىمىچىلىق چەكلىمىسى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ئوخشاش ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقلاردىن ئاپىرىدە بولىدۇ. بۇ ھوقۇقلار بولسا، ئىندىۋىدۇئال ھوقۇق، دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئازسانلىق ياكى كۆپ سانلىققا مەنسۇپ بولۇشىغا قارىماستىن بارلىق كىشىلەر بۇ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. دېمەك، تىل ھوقۇقى كوللېكتىپ ھوقۇق ئەمەس، ئىندىۋىدۇئال ھوقۇقنىڭ بىر پارچىسىدۇر. تىلنىڭ ماھىيىتىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن كوللېكتىپ ھالەتتە بەھرىمەن بولۇش، تىل ھوقۇقىنىڭ كوللېكتىپ ھوقۇق كاتېگورىيەسىدە مۇھاكىمە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. دەل بۇ نۇقتا، تىلنىڭ پەقەت بىر گۇرۇپپا ئىچىدە ئىشلىتىلىدىغان ۋە داۋاملاشتۇرۇلىدىغان كوللېكتىپ بىر مۈلۈك بولۇش تەبىئىتى، تىل ھوقۇقىنىڭ كوللېكتىپ ھوقۇقلار كاتېگورىيەسىگە تەۋە قارىشىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. تىل، بىر كۈلتۈرنىڭ ھامىيسى ۋە كۈلتۈر كىملىكىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈلۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغۇچى ئاساسلىق ئامىل بولغاچقا، تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن ئىندىۋىدۇئال ئەمەس، كوللېكتىپلىق قۇرۇلمىغا ئىگىدۇر. بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىدىغان بولساق، تىل بىلەن ئالاقىدار ھوقۇقلارنىڭ تەبىئىتى كوللېكتىپ بولۇشىدۇر.[75] بىراق، بۇ كوللېكتىپلىق شەخسكە چەكلىمە قويغۇچى ياكى ئۇنى بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشقا مەجبۇرلىغۇچى (ئادەتتە شەخسنىڭ ھوقۇقىنى مەركىزىي ئورۇنغا قويىدىغانلار ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئەندىشە) بىر قۇرۇلمىغا ئىگە ئەمەس. خەلقئارالىق ھۆججەتلەردە تىل ھوقۇقى ئادەتتە ئىندىۋىدۇئال ھوقۇق («ئازسانلىقلار» ئەمەس، «ئازسانلىقلارغا مەنسۇپ كىشىلەر» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلمەكتە) دائىرىسىدە مۇھاكىمە قىلىنىش بىلەن بىرگە؛ ئارزوز، بۇ ھۆججەتلەردە بايان قىلىنغان «چەكلەر/ يېتەرلىك سانلار» تىل ھوقۇقىنىڭ كوللېكتىپ تەرىپىگە ئىشارەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.[76] ئەسلىدە ئىندىۋىدۇئال ۋە كوللېكتىپ ھوقۇق بىر – بىرىگە زىت ئەمەس؛ بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان ھوقۇقتۇر. تىل ھوقۇقىنىڭ بەزىلىرىدىن  (پىكىر ئەركىنلىكى ۋە سوتلاش مۇساپىسىدە ئانا تىلنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئوخشاش) يەككە ھالەتتە بەھرىمەن بولۇنسا؛ يەنە بەزىلىرىدىن (ئانا تىلدا تەلىم – تەربىيە ئېلىش ھوقۇقى) مەجبۇرىي ھالدا – يېتەرلىك سان بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ – كوللېكتىپ ھالەتتە بەھرىمەن بولۇنىلىدۇ. لېكىن، ئىندىۋىدۇئال تىل ھوقۇقىنىڭ زېمىنىنى ئاكتىپ قۇرۇلما شەكىللەندۈرىدۇ ۋە بۇ ھوقۇقلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن كوللېكتىپلىقنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى شەرت بولىدۇ. دېمەك، تىل ھوقۇقىنى يەككە بەھرىمەن بولۇش ئىرادىسىگە باغلىق كوللېكتىپ ھوقۇق، دەپ تەرىپلەش خاتا بولمايدۇ.

تىل ھوقۇقىغا ئالاقىدار يەنە بىر نۇقتا، يول قويۇش مەركەزلىك ھوقۇقلار بىلەن قوللاش مەركەزلىك ھوقۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بولۇپ، بۇ پەرق ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق تېرمىنولوگىيەسىدە ئىشلىتىلگەن «سەلبىي ھوقۇق» ۋە «ئىجابىي ھوقۇق» پەرقىگە ئوخشايدۇ. كىشىلىك ھوقۇقتىكى سەلبىي ھوقۇق، دۆلەتنىڭ ئارىلاشماسلىقىنى، يەنى مۇداخىلە قىلماسلىقىنى بىلدۈرسە؛ ئىجابىي ھوقۇق، دەل ئەكسىچە بۇ ھوقۇقنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن دۆلەتنىڭ مۇداخىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يول قويۇش مەركەزلىك ھوقۇق، كىشىلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ تىل جەھەتتىن مۇداخىلە قىلىشىدىن مۇھاپىزەت قىلىدۇ. شەخسلەر، دۆلەتنىڭ ھەرقانداق بىر مۇداخىلىسىگە دۇچار بولماستىن، خالىغان بىر تىلنى ئۆيلىرىدە، خىزمەت ئورۇنلىرىدا، جەمئىيەتلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. يول قويۇش مەركەزلىك تىل ھوقۇقىنىڭ نەزەرىيەۋى كېلىپ چىقىشى، لىبېرالىزمنىڭ «ئەڭ كىچىك دۆلەت» ۋە «ياخشى نىيەتلىك تاشلىۋېتىش» شوئارلىرىغا تايىنىدۇ. بۇ قاراش، كۆپلىگەن مەسىلىلەردىكىگە ئوخشاش تىل سىياسىتىدىمۇ «تەرتىپكە سالماسلىق» نى ئەڭ ياخشى چارە، دەپ قارايدۇ. مۇئەييەن بىر تىل چەتكە قېقىلمايدۇ ياكى تەشۋىق قىلىنمايدۇ ۋە قوللاپ – قۇۋۋەتلەنمەيدۇ؛ دۆلەت ئۇنىڭغا تەۋەلىكىدىكى بارلىق تىللارغا ئوخشاش مۇساپىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ.[77] دۆلەتنىڭ بىر تىل سىياسىتىنى يولغا قويماسلىقى ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشلىتىدىغان تىللىرىغا مۇداخىلە قىلماسلىقى، دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغان كەڭ قويۇۋېتىش مەركەزلىك تىل ھوقۇقى، كىلاسسىك كىشىلىك ھوقۇقتىكى سەلبىي ھوقۇققا ئوخشايدۇ. دې ۋارېننېسنىڭ قارىشىچە، ياخشى شەكىللەندۈرۈلگەن بىر كىشىلىك ھوقۇقى چۈشەنچىسى تىل ئاز سانلىقلىرىنىڭ كۆپلىگەن مۇھىم تەلەپلىرىنى قامدىيالايدۇ.[78] چۈنكى تىل ھوقۇقى، ئايرىمىچىلىق چەكلىمىسى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقلاردىن پەيدا بولغاندۇر. بىراق، ئارزۇزنىڭ قارىشىچە، ئايرىمىچىلىق چەكلىمىسى دېگەندەك پىكىرلەر ئەسلىدە يوشۇرۇن شەكىلدە تىل ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقنىڭ بىر سەۋەبىدۇر.[79] تىل ھوقۇقىنى، ئومۇملاشتۇرۇپ ئازسانلىقلار ھوقۇقىنى كىلاسسىك كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئايرىمىچىلىق چەكلىمىسىگە ئوخشاش تەرەپلىرى بىلەن ئىزاھلاش؛ مەۋجۇت بولغان تەڭسىزلىكنىڭ داۋاملىشىشىنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلىدۇ. چۈنكى، دۆلەتلەر مەجبۇرىي ھالدا بىر ياكى بىر قانچە تىلغا پايدىلىق تىل سىياسىتى يۈرگۈزىدۇ. تىل ھوقۇقى بولسا، ئىجرا قىلىنىۋاتقان ناھەق تىل سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كىلاسسىك لىبېرال نەزەرىيەنىڭ يول قويۇش مەركەزلىك پوزىتسىيەسى ۋە مۇداخىلە قىلماسلىق پىرىنسىپىنىڭ، دىنىي جەھەتتە بىر چارە بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ، تىل مەسىلىسىگە چارە بولالمايدۇ. دۆلەت دىنلارغا قارىتا «بىتەرەپ» تۇرۇشى مۇمكىن، بىراق تىللارغا نىسبەتەن ئۇنداق قىلالمايدۇ.[80] دۆلەت بەزى خىزمەتلىرى (قانۇن چىقىرىش، ئىجرا قىلىش ۋە سوتلاش پائالىيەتلىرى) نى تىل ئارقىلىق ئورۇندايدىغان بولغاچقا، «مەجبۇرىي ھالدا» بىر ياكى بىر قانچە تىلنى تاللىشىغا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىدارە – ئورگانلاردا ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەردە دىنىي قەسەملەرنىڭ ئورنىغا سېكولار (بىتەرەپ) بىر قەسەمنى قويالىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇنداق بىتەرەپ بىر «تىل» يوقتۇر. ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئۆز ئىدارە – ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچىلىرىدىن ئۈنۈملۈك ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن بىر تىلدا (رەسمىي تىلدا) يېتەرلىك قابىلىيەتكە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. دېمەك، دۆلەتلەر قانۇنىي ياكى ئەمەلىي جەھەتتىن بىر ياكى بىر قانچە تىلغا يول قويۇشتىن يالتايمايدۇ.

قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىدىغان ھوقۇقلار، مۇئەييەن بىر تىلنىڭ دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ، شەخسلەرنىڭ مۇئەييەن بىر تىلنى مەھكىمىلەر، قانۇن چىقىرىش خىزمەتلىرى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەر ۋە باشقا دۆلەت خىزمەتلىرىدىكىگە ئوخشاش خەلققە ئوچۇق ھالەتتە ئىشلىتىشىنى تەقەززا قىلىدىغان ھوقۇقلاردۇر.[81] قوللاشقا نائىل ھوقۇقلاردا دۆلەتكە ئاكتىپ مەسئۇلىيەت چۈشىدۇ. تىل گۇرۇپپىسىنىڭ تىلىدىن كېرەكلىك پايدىنى ئالالىشى ئۈچۈن قوللىغۇچى / ئىجابىي ھەقلەرنى يارىتىپ بېرىش زۆرۈرىيەت شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قوللاشقا ئېرىشكەن ھوقۇقلارنىڭ نىشانى، شارائىتى ناچار گۇرۇپپىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مەنسۇپلىرىنى ئەمەلىي جەھەتتىن باراۋەر قىلىشتۇر. ئەپۇچانلىق – يول قويۇش  مەركەزلىك تۈزۈم بىلەن قوللاش مەركەزلىك تۈزۈم ئارىسىدا تىل ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشى ۋە مۇھاپىزەت قىلىنىشى جەھەتتە دەرىجە پەرقى بار. ئەپۇچان – كەڭ قورساق بولۇشنى ئاساس قىلغان بىر تۈزۈم، تىل ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلمايدۇ؛ قوللاش مەركەزلىك بىر تۈزۈم تىل ھوقۇقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

قوللاش مەركەزلىك تىل ھوقۇقى تەبىئىي ھالدا دۆلەت تەۋەلىكىدىكى تىللارنىڭ ئاممىۋىي ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىشىنى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئورگان ياكى رەسمىي كۆپ تىللىق تۈزۈمنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىر دۆلەت تەۋەلىكىدىكى بىردىن ئارتۇق تىلنى رەسمىي تىل، دەپ قوبۇل قىلغىنىدا، يەنى رەسمىي كۆپ تىللىق بولۇشنى تاللىغىنىدا، ھەر خىل تاللاش ۋە پەرقلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بارلىق تىللار (ئاز سانلىق ۋە كۆپ سانلىق تىللىرى) نىڭ تولۇق مەنىدە باراۋەر سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ – بولمايدىغانلىقى ياكى بارلىق رايونلاردا ۋە دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىدا ئىناۋەتلىك بولۇپ – بولمايدىغانلىقى دېگەندەك بىر قاتار مەسىلە (لەر) كۆپ رەسمىي تىللىق تۈزۈمنىڭ  پەرقلىق شەكىللىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

 

7 – كۆپ تىلنى رەسمىي تىل قىلىش سىياسەتلىرى: تىل ھوقۇقلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى

 

بىر تىللىق تۈزۈم سىياسىتىنىڭ ئەكسىچە كۆپ تىللىق تۈزۈم سىياسىتىدە بىردىن ئارتۇق تىلغا «رەسمىي سالاھىيەت» بېرىلىدۇ.[82] كۆپ رەسمىي تىللىق تۈزۈمدە، ئاممىنىڭ خىزمەتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان پائالىيەتلىرى بىردىن ئارتۇق تىلدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. كۆپ تىللىق تۈزۈم سىياسىتىنى ياقلايدىغان دۆلەتلەردە، بۇ تىللارنىڭ قانۇنىي تەسىرلىرى، رايون خاراكتېرلىك ۋە ئورگانلار ئارا ئىناۋەتلىك بولۇش دەرىجىسى دېگەندەك بەزى ئەھۋاللار ئەمەلىيەتتە ناھايىتى مۇرەككەپ قائىدە – نىزام ۋە پەرقلىق مودېللارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىدارە – ئورگانلاردا بىردىن ئارتۇق تىلنى ئېتىراپ قىلىدىغان دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرگە قارالغىنىدا، «خاسلىق پىرىنسىپى (personality principle)» ۋە «رايون خاراكتېرلىك پىرىنسىپ (territoriality principle)» دىن ئىبارەت ئىككى ئايرىم پوزىتسىيە ۋە مودېل كۆزگە چېلىقىدۇ.

«خاسلىق پىرىنسىپى»، ئادەتتە جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىن دۆلەتنىڭ قەيىرىدە ئىكەنلىكىگە قارىماستىن پۇقرالارنىڭ ئوخشاش تىل ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، «رايون خاراكتېرلىك پىرىنسىپ»، تىل ھوقۇقىنىڭ ھەرقايسى جايلارنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن، رايوندىن رايونغا پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رايون خاراكتېرلىك پىرىنسىپتا، تىل ھوقۇقى دۆلەت ئىچىدە شەخسنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان ياكى ياشاۋاتقان رايونغا يەنى جۇغراپىيەلىك ئورنىغا تايىنىدۇ. خاسلىق پىرىنسىپىدا تىل ھوقۇقى شەخسلەرنى ئاساس قىلىدۇ؛ يەنى كىشىلەر دۆلەتنىڭ ھەممىلا يېرىدە مائارىپ، مەھكىمە، دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرى ۋە خىزمەتلىرى جەھەتتە بىر خىل تىل ھوقۇقىغا ئىگىدۇر.[83] خاسلىق مودېلىنى لوپونس «كۆچمە» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. (ئۇنىڭ قارىشىچە،) بېرىلگەن ھوقۇقلار ھەق ئىگىلىرى بىلەن بىرلىكتە كېزىدۇ.[84] تەتبىقلىنىش جەھەتتە دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىن بۇ ئىككى مودېلنىڭ «ساپ» ھالەتتىكى مىسالىنى تېپىش ناھايىتى قىيىن. كۆپ تىللىق تۈزۈملەرنىڭ كۆپىنچىسى، ھېچبولمىغاندىمۇ بەزى تىل ھوقۇقىنىڭ دۆلەتنىڭ بارلىق رايونلىرىدا ئۆزگەرمەس ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشىنى ۋە بەزىلىرىنىڭ بولسا، جايلارنىڭ شارائىتىغا قاراپ، رايوندىن رايونغا ئۆزگىرىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ. بىراق، كۆپ تىللىق تۈزۈملەر ئوتتۇرىسىدىكى گەۋدىلىك پەرق، بۇ ئىككى پىرىنسىپنى تەكىتلەش دەرىجىسى ۋە زىچلىق نىسبىتىدە ئىپادىلىنىدۇ.

رېئۇمې (Reaume) نىڭ قارىشىچە، خاسلىق پىرىنسىپى نەزەرىيە جەھەتتىن كىلاسسىك كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسىدە، سەلبىي ئەركىنلىك مەنىسىدە ئاساسقا ئىگە قىلىنغاندۇر.[85] بىراق، تىل ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرىغا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگىنىدەك، تىل ھوقۇقى پەقەت كىلاسسىك ئىندىۋىدۇئال كىشىلىك ھوقۇق ياكى يول قويۇش  – ئەپۇچانلىق نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىنغىنىدا، تىلنى تولۇق مەنىدە قوغداشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ. بۇ ئاساسلارنى چىقىش قىلىدىغان خاسلىق پىرىنسىپى، پەقەت ياردەمچى ھوقۇقلار بىلەن بىرلىكتە تىل ھوقۇقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىشى مۇمكىنكى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ئومۇمەن دۆلەتلەر بۇ شەكىلدە مۇشۇ پىرىنسىپنى ياقلىماقتا. كانادا ۋە جەنۇبىي ئافرىقا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە خاسلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن كۆپ تىللىق تۈزۈمنى يولغا قويغان ئىككى ئۈلگە دۆلەتتۇر.  كانادانىڭ رەسمىي تىللىرى بولغان ئىنگلىزچە بىلەن فىرانسىيە پارلامېنت ۋە فېدېراتىپ ھۆكۈمەتتە باراۋەر ھەق ۋە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولماقتا. ئىشتاتلار[86] ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىككى تىللىق بولۇش مەجبۇرىيىتى يوق. كانادا ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر قانۇنى، بىر ئازسانلىق تىلىنىڭ تەلىم – تەربىيە ئېلىشنى (يەنى ئىنگلىزچە سۆزلىشىدىغان ئۆلكىلەردە فىرانسۇزچە؛ فىرانسۇزچە سۆزلىشىدىغان ئۆلكىدە – كۇۋىبىكتە – ئىنگلىزچە تەلىم – تەربىيە ئېلىشىنى) كاپالەت ئاستىغا ئالغان. دۆلەتنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە «يېتەرلىك سان» شەرتى (تېخنىكىلىك شەرتلەرنىڭ سىرتىدىكى ئاساسەن بىردىنبىر شەرت) ھازىرلانغاندىن كېيىن، ئىنگلىزچە ۋە فىرانسۇزچە تەلىم – تەربىيە ئېلىش ئىمكانىيىتى بار.[87]

جايلارغا خاس بولۇش مودېلى، ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىن باراۋەر ئىكەنلىكى «يەرلىك بولۇش» پىكرى ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. لاپونس، جايلارغا قاراپ ھەل قىلىش چارىسىنىڭ مۇقىم چېگرالار ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدىغانلىقى، ئۇنىڭ تىللارنىڭ بىر – بىرىدىن ئايرىلىشى كېرەكلىكى پىكرىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.[88] بۇ مودېلدا، تىللار مۇئەييەن بىر جۇغراپىيە ۋە رايونغا مەركەزلەشكەن دەپ قوبۇل قىلىنىپ، دۆلەت تەۋەلىكىدىكى پەرقلىق تىللارغا ئۇ بار جايلاردا تىل ھوقۇقى بېرىلىدۇ. رايونلارغا قاراش پىرىنسىپى دۆلەتنى بىر تىللىق رايونلارغا ئايرىش ئارقىلىق كۆپ تىللىق ۋەزىيەت يارىتىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمما، دۆلەتنىڭ پەرقلىق رايونلىرىدا بىرلا تىل ئىشلىتىلىدىغان بولسا، ھەر بىر رايونغا پەرقلىق تىل سىياسىتى چىقىرىش ئېغىر مەسىلە پەيدا قىلمايدۇ. لېكىن، دۆلەت ئىچىدىكى رايونلارنىڭ تىل جەھەتتىن بىر خىل بولمىغان، رايوندا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان كۆپ سانلىق تىلى بىلەن بىرلىكتە ئاز سانلىق تىلىمۇ بار (ئا ۋە ب رايونلىرى؛ ئا رايونىدا ب تىلىنىڭ ئازسانلىق ياكى ب رايونىدا ئا تىلى ئازسانلىق) بولغان ئەھۋاللاردا، «نوقۇل » رايونلارغا قاراش پىرىنسىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ئۇ رايوندىكى ئازسانلىقلارنىڭ تىل ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلمايدۇ.[89] كۆپ تىللىق جەمئىيەتلەردىكى دېموگرافىك قۇرۇلمىلارنىڭ پەرقلىق بولۇشى، جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراش پىرىنسىپىغا ئاساسەن شەكىللەنگەن تىل پىرىنسىپلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىللىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بېلگىيە بىلەن شىۋېيتسارىيە رايونلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى پىرىنسىپىنى ياقلاپ رەسمىي ئورگانلاردا كۆپ تىللىق تۈزۈمنى يولغا قويغان كۆپ تىللىق دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ روشەن مىسالى بولۇشى مۇمكىن. بېلگىيە تۆت پەرقلىق تىل رايونىغا ئايرىلغان ۋە ھەربىر رايونغا پەرقلىق تىل ھوقۇقى بېرىلگەن. ئەڭ مۇھىم ئىككى رايوننىڭ بىرى ۋالونيادا فىرانسۇزچە، فلاندرادا فېلېمېنكچە تىللىرى رەسمىي تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. پايتەخت بىريۇسسېل رەسمىي جەھەتتىن قوش تىللىقتۇر. ۋالونيا رايونىنىڭ گېرمانىيە چېگراسىغا يېقىن جايلىرىدىكى نېمىسچە سۆزلىشىدىغانلارغا مۇئەييەن دەرىجىدە ئازسانلىق تىل ھوقۇقى بېرىلگەن.[90]

جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراش مودېلىنڭ ئەڭ جانلىق مىسالى بولغان شىۋېيتسارىيە، تۆت رەسمىي تىلى (نېمىسچە، فىرانسۇزچە، ئىتالىيانچە ۋە رومانچە) بار بولغان 23 رايونلۇق بىر فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتتۇر. رايونلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چېگرالىرى بىلەن تىل چېگرالىرى بىر – بىرىگە تەڭ كېلىدۇ.[91] 19 رايوندا بىر تىل، 3 رايوندا ئىككى تىل، بىر رايوندا بولسا، ئۈچ تىل ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ھەر رايوننىڭ قانۇنى بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرى تۆت تىلنىڭ ھەممىسى كۈچكە ئىگىدۇر. شىۋېيتسارىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ تىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۆت ئاساسىي پىرىنسىپى تۆۋەندىكىچە ئەسكەرتىلىدۇ: تىللار ئارىسىدا باراۋەرلىك بار؛ پۇقرالار تىل جەھەتتە باراۋەردۇر؛ رايونلار تىللارغا ئاساسەن ئايرىلغاندۇر؛ ئاز سانلىق تىللىرى قوغدىلىدۇ.[92] شىۋېيتسارىيە ئومۇمەن كۆپ تىللىق سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارالىغان دۆلەتتۇر.

خاسلىق پىرىنسىپى بىلەن رايونلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراش پىرىنسىپى سېلىشتۇرۇلغىنىدا، ھەر بىر پىرىنسىپنىڭ ئۆز شەرتلىرىگە كۆرە قولايلىق ۋە قىيىنچىلىق تەرەپلىرى بار. ئوخشاشلا، بۇ ئىككى پوزىتسىيە ۋە پىرىنسىپنىڭ قايسىسىنىڭ ئادىل ۋە تىل ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدىغانلىقى مەسىلىسى بولسا، دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىكى تىل توپلۇقلىرىنىڭ دېموگرافىك ۋە جۇغراپىيەلىك قۇرۇلمىلىرىغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. تىل ھوقۇقلىرىغا تولۇق مەنىدە كاپالەتلىك قىلىش بۇ ئىككى خىل ھالەتنىڭ بىرلىكتە / ئارىلاش ئىجرا قىلىنىشى ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ.

خۇلاسە

مىللەت (ئۇلۇس) بەرپا قىلىش مۇساپىسىنىڭ ئايرىلماس ئامىلى بولغان ئورتاق / مىللىي تىل شەكىللەندۈرۈش خىزمەتلىرى / تىرىشچانلىقلىرى، تىل سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. تىل تارىخىي نۇقتىدىن تۇنجى قېتىم مودېرن چاغلاردا سىياسەتنىڭ تېمىسى بولدى ۋە بىر سىياسىي ۋاسىتە سۈپىتىدە ئىشلىتىلدى. تىل سىياسەتلىرى پەقەت تىلغا ئالاقىدار سەۋەبلەرگە تايىنىپ ئەمەس، ئاساسلىقى ئىجتىمائىي مېڭە شەكىللەندۈرۈش ۋە توپلۇقنى پىلانلاش مەقسىتىدە يولغا قويۇلدى. مودېرىن ئۇلۇس (مىللىي) دۆلەتلەر ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىستراتېگىيەسى سۈپىتىدە ئەڭ كۆپ ياقلىغان «بىر تىل» سىياسىتى ئارقىلىق خەلقنى بىر خىللاشتۇرۇشنى كۆزلىدى. بىر تىل سىياسىتى بەزى جايلاردا نىسپىي ئۈنۈم ياراتقان بولسىمۇ، تىلغا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي خىلمۇخىللىققا خاتىمە بېرەلمەيدىغانلىقى؛ بىر سىياسىي قاتلام ئىچىدە تەلتۆكۈس بىر خىللاشقان بىر خەلق يارىتىش نىشانىغا يېتەلمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ھازىر دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بىر تىل سىياسىتى بىلەن تىل ھوقۇقى ئارىسىدا جىددىي سۈركىلىش ۋە بارغانچە كۈچىيىۋاتقان بىر كۈرەش مۇناسىۋىتىنىڭ نامايان بولماقتا. نۆۋەتتە بىر تىل سىياسىتى نەزەرىيە جەھەتتىن بولسىمۇ بۇرۇنقىدەك قىزغىن قارشى ئېلىنمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن بولۇپ، تىل ھوقۇقى ئاساسىدا راۋاجلانغان كۆپ تىللىق سىياسەتنىڭ تېخىمۇ بەك راۋاج تېپىشى كۈتۈلمەكتە.

تىل ھوقۇقى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن سالمىقى ئېغىر تىل گۇرۇپپىلىرىنىڭ، دۆلەت تەرىپىدىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىدىغان كۆپ سانلىق تىلىنىڭ ۋەيران قىلغۇچ تەسىرلىرىگە؛ يەنى تىل سىياسەتلىرىنىڭ سۈنئىي بولغان «ئەسلىي ناھەقچىلىك» لىرىگە قارشى تەبىئىي بولغان كىملىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن قوغدىنىشنى كۆرسىتىدۇ . بۇ مەنىدە، تىل ھوقۇقى ئىنسان خاراكتېرىنى تەبىئىي ۋە ئاساسىي ئامىلى بولغان «ئانا تىلى» ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىنى ۋە كىملىكى ئارقىلىق مەنىلىك ۋە تىنچ ياشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. تىل ھوقۇقىنىڭ بۇ قابىلىيىتى / ماھارىتى، ئوخشاش ۋاقىتتا تىل ھوقۇقىنىڭ تىل ئىگىلىرىنىڭ «ھوقۇقلىرى» ئاساسىدا مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ سەۋەب بىلەن بېرىلىدىغان / كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان تىل ھوقۇقى ئېستېتىك ۋە ئېكولوگىيەلىك بايلىق قىممەت سۈپىتىدىمۇ تىللارنى قوغداپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەۋجۇتلۇقىغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىنساننىڭ «ئىنسانىي پۈتۈنلۈكى» نىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋە بەلگىلىگۈچى ئامىللىرىنىڭ بىرى بولغان تىلنىڭ، ئالاقە ۋاسىتىسى ۋە كىملىك سىمۋولى سۈپىتىدە – بىر – بىرىدىن مۇستەقىل بولمىغان – ئايرىم ئىككى فۇنكسىيەسى بار. تىل ھوقۇقىنىڭ مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىكى تىلنىڭ بۇ فۇنكسىيەلىرىگە ئاساسەن شەكىللىنىدۇ. تىلنىڭ نوقۇل ۋاسىتىلىك رولى نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا بېرىلىدىغان تىل ھوقۇقى، ئالاقە ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدىغان ھەق ۋە مەنپەئەتلەرنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. تىل ھوقۇقى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىغا ئوخشاش كۆپلىگەن ھوقۇقلارنىڭ ئەمەلىيلىشىدە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدىغان بولغاچقا – خاتا ھالدا – پەرقلىق ۋە ۋاسىتىلىك بىر ھەقتەك كۆرۈنمەكتە. بىراق، تىلنىڭ ئىندىۋىدۇئال ۋە كوللېكتىپ كىملىككە قارىتا قۇرغۇچى ۋە سىمۋوللۇق فۇنكسىيەسى، تىل ھوقۇقىنىڭ تېخىمۇ پەرقلىق مۇھاكىمە قىلىنىشىنى شەرت قىلىدۇ. تىل، ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسىي ئامىلى بولغاچقا، تىل ھوقۇقى ئونتولوگىيەلىك بىر ھەق دەپ قارىلىشى لازىم. بۇ دائىرىدە تىل ھوقۇقىنىڭ ئەھمىيىتى بىۋاسىتە ئۆزىدىن كەلگەن بولىدۇ.

تىلنىڭ كىملىككە ئالاقىدار فۇنكسىيەسى، ئىجتىمائىي مەھسۇلات ۋە كوللېكتىپ مۈلۈك بولۇشى تىل ھوقۇقىنىڭ تەبىئىتىگە ئاساسەن كوللېكتىپ ھوقۇقلارنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. تىل ھوقۇقىنىڭ بەزىلىرى (پىكىر ئەركىنلىكىگە ئوخشاش) ئىندىۋىدۇئاللىققا، يەنە بەزىلىرى (ئانا تىلدا تەلىم – تەربىيە) كوللېكتىپچانلىققا ئىگىدۇر. يەنى تىل ھوقۇقىغا دائىر ئىندىۋىدۇئال ۋە كوللېكتىپ ھوقۇق كاتېگورىيەسى بىر – بىرىنى تولۇقلاش ماھىيىتىگە ئىگە. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىندىۋىدۇئال تىل ھوقۇقىنىڭمۇ ئەڭ ئاخىرقى زېمىنى كوللېكتىپ قۇرۇلما شەكىللەندۈرىدىغان بولغاچقا، تىل ھوقۇقىنى ئىندىۋىدۇئال ئىرادىگە باغلىق كوللېكتىپ ھوقۇقلار دەپ ئىزاھلاشقا بولىدۇ. يەنە بىر نۇقتا، دۆلەتنىڭ دىنلارغا قارىتا مۇداخىلە قىلماسلىق ۋە كەڭ قورساق – ئەپۇچان مۇئامىلە قىلىشتەك – ئۇتۇقلۇق – سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشى تىللارغا نىسبەتەن مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، دۆلەت بىر قىسىم ۋەزىپىلىرىنى تىل ئارقىلىق ئادا قىلىدىغان بولغاچقا، تىل بىلەن مەجبۇرىي مۇناسىۋىتى باردۇر. تىل ھوقۇقىنىڭ تولۇق كاپالىتى مۇئەييەن بىر تىلنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشىدەك قوللاش مەركەزلىك ھوقۇقنى تەقەززا قىلماقتا.

تىل ھوقۇقى زېمىنىدا ئوتتۇرىغا چىققان كۆپ تىللىق سىياسىتى، خاسلىققا ۋە جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراش پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ ئىككى مودېلنىڭ قايسىسىنىڭ تىل ھوقۇقىنى تولۇق مۇھاپىزەت ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى كاتېگورىك ھالەتتە ئوتتۇرىغا قويۇش ياخشى ئەھۋال ئەمەس. چۈنكى، دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىكى توپلۇقلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇنلىرى ۋە دېموگرافىك قۇرۇلمىلىرى پەرقلىقتۇر. نەزەرىيە جەھەتتىن ئىككى مودېلنىڭ بىرلىكتە / بىرلەشتۈرۈلگەن ھالەتتە ئىجرا قىلىنىشى تىل بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ. تىل ھوقۇقى دائىرىسىدە شەكىللەنگەن كۆپ تىللىق تۈزۈملەر تىل توپلۇقلىرىنىڭ تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈشلىرىنىمۇ مۇمكىنچىلىككە ئېرىشتۈرەلەيدۇ.

 

مەنبەلەر:

▶ ALTER, Peter: Nationalism, 2nd Edition, Edward Arnold Publisher, Londra / New York 1994.

▶ ANDERSON, Benedict: Hayali Cemaatler: Milliyetçiliğin Kökenleri ve Yayılması, Çev: İskender Savaşır, 5. Basım, Metis Yayınları, İstanbul 2009.

▶ ARZOZ, Xabier: ‘‘The Nature of Language Rights’’, JEMIE, 6 (2), 2007, ss. 1-35.

▶ AYDIN, Suavi: Türk Kimliğinin Yaratılması ve Ulusal Kimlik Sorunu, Özgür Üniversite Yayınları, Ankara 2009. Dil Politikaları ve Dil Hakları Üzerine Teorik Çerçeve

▶ BLAKE, Michael: ‘‘Language Death and Liberal Politics’’, in Kymlicka, Will / Patten, Alan (Ed.), Language Rights and Political Theory, Oxford University Press, New York 2003, ss. 210-229.

▶ BRETON, Roland: Dünya Dilleri Atlası, Çev: Orçun Türkay, NTV Yayınları, İstanbul 2007.

▶ CANGIZBAY, Kadir: Hiçkimsenin Cumhuriyeti, 2. Baskı, Ütopya Yayınevi, Ankara 2007.

▶ CRYSTAL, David: Dillerin Katli, Çev: Gökhan Cansız, Profil Yayıncılık, İstanbul 2007.

▶ ÇAVUŞOĞLU, Naz: Uluslararası İnsan Hakları Hukukunda Azınlık Hakları, 2. Baskı, Su Yayınları, İstanbul 2001.

▶ DE VARENNES, Fernand: ‘‘Language Rights as an Integral Part of Human Rights’’, IJMS, Vol.: 3, No: 1, 2001, ss. 15-25.

▶ DEMİRCİ, H. Aliyar: ‘‘Osmanlı Modernleşmesinde Dil Politikaları ve Mebusan Meclisi’’, Muhafazakar Düşünce, Sayı: 16-17, 2008, ss. 187-2012.

▶ ERAYDIN VİRTANEN, Özlem: ‘‘Dil Politikalarının Milliyetçilik Hareketlerindeki Tarihsel Kökenleri’’ (Dil Politikalarının Kökenleri), in Uzpeder, Ebru (Ed.), Avrupa Birliği Sürecinde Dil Hakları, Helsinki Yurtaşlar Derneği Yayınları, İstanbul 2003, ss. 18-21.

▶ ERAYDIN, Özelem: ‘‘AB İlişkileri Çerçevesinde Türkiye’de Dil Politikaları’’, in Menz, Astrid / Schroeder, Christoph (ED.), Türkiye’de Dil Tartışmaları, 2. Baskı, Bilgi Üniversitesi Yayınları, İstanbul 2008, ss. 147-184.

▶ ERÖZDEN, Ozan: Ulus-Devlet, 2. Baskı, On İki Levha Yayınları, İstanbul 2008.

▶ ESMAN, Milton J.: ‘‘The State and Language Policy’’, International Political Science Review, Vol.: 13, No: 4, 1992, ss. 381-396.

▶ FISHMAN, Joshua A.: ‘‘Language Policy and Language Shift’’, in Ricento, Thomas (Ed.), An Introduction to Language Policy: Theory and Method, , Blackwell Publishing, 2006, ss. 311-328.

▶ GELLNER, Ernest: Uluslar ve Ulusçuluk, Çev: Büşra Ersanlı / Günay Göksü Ezdoğan, 2. Baskı, Hil Yayınları, İstanbul 2008.

▶ GIDDENS, Anthony: Ulus Devlet ve Şiddet, Çev: Cumhur Atay, 2. Basım, Kalkedan Yayınları, İstanbul 2008.

▶ GÖKÇEN, Sinan: ‘‘Bir Milletti Dillendirmek’’, in Uzpeder, Ebru (Ed.), Avrupa Birliği Sürecinde Dil Hakları, Helsinki Yurtaşlar Derneği Yayınları, İstanbul 2003, ss. 15-17.

▶ GREEN, Leslie: ‘‘Are Language Rights Fundamental?’’, Osgoode Hall Law Journel, Vol.: 25, No: 4, 1987, ss. 639-659.

▶ HABERMAS, Jürgen: ‘‘Öteki’’ Olmak, ‘‘Öteki’’yle Yaşamak, Çev: İlknur Aka, 4. Baskı, Yapı Kredi Yayınları, İstanbul 2010.

▶ HASANPUR, Emir: Kürt Diliyle İlgili Devlet Politikaları ve Dil Hakları, Çev: Cemil Gündoğan, Avesta Yayınları, İstanbul 1997.

▶ HOBSBAWM, Eric J.: 1780’den Günümüze Milletler ve Milliyetçilik: Program, Mit, Gerçeklik, Çev: Osman Akınhay, 4. Basım, Ayrıntı Yayınları, İstanbul 2010.

▶ KOÇAK, Mustafa: Çok-Kültürlülük Açısından Dil Hakları, Liberta Yayınları, Ankara 2013.

▶ KRAUSS, Michael: ‘‘The World’s Language in Crisis’’, Language, No: 68, 1992, ss. 4-10. Salim ORHAN 362 Inonu University Law Review InULR Vol:8 No:2 Year:2017

▶ KYMLICKA, Will: Çokkültürlü Yurttaşlık: Azınlık Haklarının Liberal Teorisi, Çev: Abdullah Yılmaz, Ayrıntı Yayınları, İstanbul 1998.

▶ LEVY, Jacob T.: ‘‘Language Rights, Literacy, and the Modern State’’, in Kymlicka, Will / Patten, Alan (Ed.), Language Rights and Political Theory, Oxford University Press, New York 2003, ss. 230-249.

▶ MAY, Stephen: ‘‘Language Policy and Minority Rights’’, in Ricento, Thomas (Ed.), An Introduction to Language Policy: Theory and Method, , Blackwell Publishing, 2006, ss. 255-272.

▶ MILL, John Stuart: Consideration on Representative Government, in On Liberty and Other Essays, Oxford University Press, Oxford 1991.

▶ PATTEN, Alan: ‘‘What Kind of Bilingualism’’, in Kymlicka, Will / Patten, Alan (Ed.), Language Rights and Political Theory, Oxford University Press, New York 2003, ss. 296-321.

▶ PATTEN, Alan / KYMLICKA, Will: ‘‘Introduction Language Rights and Political Theory: Context, Isuues, and Approaches’’, in Kymlicka, Will / Patten, Alan (Ed.), Language Rights and Political Theory, Oxford University Press, New York 2003, ss. 1-51.

▶ PAULSTON, Christina Bratt: ‘‘Language Policies and Language Rights’’, Annual Review of Anthropology, Vol. 26, 1997, ss. 73-85.

▶ REAUME, Denise G.: ‘‘Beyond Personality: The Territorial and Personal Principles of Language Policy Reconsidered’’, in Kymlicka, Will / Patten, Alan (Ed.), Language Rights and Political Theory, Oxford University Press, New York 2003, ss. 271-295.

▶ RENAN, Ernest: Ulus Nedir?, Çev: Gökçe Yavaş, Pinhan Yayıncılık, İstanbul 2016.

▶ RUBIO-MARIN, Ruth: ‘‘Language Rights: Exploring The Competing Retionales’’, in Kymlicka, Will / Patten, Alan (Ed.), Language Rights and Political Theory, Oxford University Press, New York 2003, ss. 52-79.

▶ SADOĞLU, Hüseyin: Türkiye’de Ulusçuluk ve Dil Politikaları, 2. Basım, İstanbul Bilgi Üniversitesi Yayınları, İstanbul 2010.

▶ SKUTNABB-KİNGAS, Tove: Linguistic Genocide in Education – or Worldwide Diversity and Human Rights?, NJ: Lawrence Erlbaum, Mahwah, 2000.

▶ SMITH, Anthony D.: Milli Kimlik (Milli Kimlik), Çev: Bahadır Sina Şener, 5. Baskı, İletişim Yayınları, İstanbul 2009.

▶ SMITH, Anthony D.: Milliyetçilik: Kuram – İdeoloji – Tarih (Milliyetçilik), Çev: Ümit Hüsrev Yolsal, Atıf Yayınları, Ankara 2013.

▶ WALLERSTEIN, Immanual: Liberalizmden Sonra, Çev: Erol Öz, 3. Basım, Metis Yayınları, İstanbul 2009.

▶ WEE, Lionel: Language without Rights, Oxford University Press, New York 2011.

[1]  بۇ ماقالە نۇقتىلىق ھالدا 2012 – يىلى 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى مۇھاكىمە قىلىنغان «تىل سىياسەتلىرى، تىل ھەقلىرى ۋە تۈركىيەدە ئىجرا قىلىنىشى» ماۋزۇلۇق ماگىستېرلىق دىسسېرتاتسىيەسىنى ئاساس قىلىپ تەييارلاندى.

[2]  ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئومۇمىي دۆلەت قانۇنى كافېدراسى تەتقىقاتچىسى.

[3] Aktaran; SMITH, Anthony D.: Milliyetçilik: Kuram – İdeoloji – Tarih (Milliyetçilik), Çev: Ümit Hüsrev Yolsal, Atıf Yayınları, Ankara 2013, s. 21.

[4] HABERMAS, Jürgen: ‘‘Öteki’’ Olmak, ‘‘Öteki’’yle Yaşamak, Çev: İlknur Aka, 4. Baskı, Yapı Kredi Yayınları, İstanbul 2010, s. 16.

[5] ANDERSON, Benedict: Hayali Cemaatler: Milliyetçiliğin Kökenleri ve Yayılması, Çev: İskender Savaşır, 5. Basım, Metis Yayınları, İstanbul 2009, s. 20.

بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسىگە مۇراجىئەت قىلغان ئېرنېست رېناننىڭ «ئۇلۇسنىڭ ماھىيىتى بارلىق شەخسلەرنىڭ ئورتاق كۆپلىگەن نەرسىلەرگە ئىگە بولۇشى، شۇنداقلا ھەممىسىنىڭ ناھايىتى كۆپ نەرسىنى ئۇنۇتقان بولۇشىدۇر» دېگەن سۆزىمۇ بىر شەكىلدە بۇ خىيالىي ئالاھىدىلىككە ئىشارەت قىلىدۇ.

RENAN, Ernest: Ulus Nedir?, Çev: Gkçe Yavaş, Pinhan Yayıncılık, İstanbul 2016, s. 38.

[6] ANDERSON, s. 20.

[7]  SMITH, Anthony D.: Milli Kimlik (Milli Kimlik), Çev: Bahadır Sina Şener, 5. Baskı, İletişim Yayınları, İstanbul 2009, s. 121. Aynı zamanda bkz. SMITH, Milliyetçilik, s. 20.

[8] SMITH, Milliyetçilik, s. 21.

[9] Kapitalist yayıncılık, ‘‘sayıları hızla artmakta olan insanların kendileri üstüne düşünmelerine ve kendilerini başka insanlarla çok kökten bir anlamda yeni tarzlarda ilişkilendirmelerine imkan verdi’’. ANDERSON, s. 51.

[10] ANDERSON, s. 51-57.

[11]  GELLNER, Ernest: Uluslar ve Ulusçuluk, Çev: Büşra Ersanlı / Günay Göksü Ezdoğan, 2. Baskı, Hil Yayınları, İstanbul 2008, s. 119.

[12] ERÖZDEN, Ozan: Ulus-Devlet, 2. Baskı, On İki Levha Yayınları, İstanbul 2008, s. 13-14.

[13] GELLNER, s. 205.

[14] HOBSBAWM, Eric J.: 1780’den Günümüze Milletler ve Milliyetçilik: Program, Mit, Gerçeklik, Çev: Osman Akınhay, 4. Basım, Ayrıntı Yayınları, İstanbul 2010, s. 24.

[15] SMITH, Milli Kimlik, s. 26-29.

[16] ALTER, Peter: Nationalism, 2nd Edition, Edward Arnold Publisher, Londra / New York 1994, s. 8-9.

[17] SMITH, Milli Kimlikler, s. 30.

[18] ALTER, s. 14.

[19] HOBSBAWM, s. 73.

[20] SADOĞLU, Hüseyin: Türkiye’de Ulusçuluk ve Dil Politikaları, 2. Basım, İstanbul Bilgi Üniversitesi Yayınları, İstanbul 2010, 36.

[21] WALLERSTEIN, Immanual: Liberalizmden Sonra, Çev: Erol Öz, 3. Basım, Metis Yayınları, İstanbul 2009, s. 131.

[22] MAY, Stephen: ‘‘Language Policy and Minority Rights’’, in Ricento (Ed.), Thomas, An Introduction to Language Policy: Theory and Method, Blackwell Publishing, 2006, s. 261.

[23]  گېلنېرنىڭ قارىشىچە، زامانىۋى دۆلەت قانۇنلۇق مائارىپنى قانۇنلۇق زوراۋانلىققا ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۈچلۈك رەۋىشتە مونوپۇل قىلىدۇ. ئەسلىدە دۆلەتنىڭ مەركىزىيلىشىشى بىرىنچى قەدەمدە مائارىپنىڭ مەركىزىيلىشىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. GELLNER, s. 140..

[24] ERAYDIN VİRTANEN, Özlem: ‘‘Dil Politikalarının Milliyetçilik Hareketlerindeki Tarihsel Kökenleri’’ (Dil Politikalarının Kökenleri), in Uzpeder, Ebru (Ed.), Avrupa Sürecinde Dil Hakları, Helsinki Yurtaşlar Derneği Yayınları, İstanbul 2003, s. 18.

[25] PAULSTON, Christina Bratt: ‘‘Language Policies and Language Rights’’, Annual Review of Anthropology, Vol. 26, 1997, s. 79.

[26] ERAYDIN VİRTANEN, ‘‘Dil Politikalarının Kökenleri’’, s. 19.

[27] GIDDENS, Anthony: Ulus Devlet ve Şiddet, Çev: Cumhur Atay, 2. Basım, Kalkedan Yayınları, İstanbul 2008, s. 287.

[28] Aktaran; DEMİRCİ, H. Aliyar: ‘‘Osmanlı Modernleşmesinde Dil Politikaları ve Mebusan Meclisi’’, Muhafazakar Düşünce, Sayı: 16-17, 2008, s. 189.

[29] ERAYDIN VİRTANEN, ‘‘Dil Politikalarının Kökenleri’’, s. 19.

[30] FISHMAN, Joshua A.: ‘‘Language Policy and Language Shift’’, , in Ricento (Ed.), Thomas, An Introduction to Language Policy: Theory and Method, , Blackwell Publishing, 2006, s. 316.

[31]  ھوبسباۋننىڭ قارىشىچە، مەۋجۇت يازما ۋە مەدەنىيەت تىللىرىنى ئاددىيسى «تۈزىتىش» ۋە ئۆلچەملىكلەشتۈرۈلۈشىدىن تارتىپ بىر – بىرىگە يېقىن شىۋىلەر قالايمىقانچىلىقىغىچە ۋە ئۆلۈك ياكى ئۆلۈش گىردابىدىكى تىللارنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىگە بولغان تىل «قۇرۇلۇشى» مۇساپىسىدە سىياسىي – ئىدىئولوگىيەلىك ئامىلنىڭ ئورنى ناھايىتى ئوچۇقتۇر. HOBSBAWM, s. 136.




 

[33] ESMAN, Milton J.: ‘‘The State and Language Policy’’, International Political Science Review, Vol.: 13, No: 4, 1992, s. 382.

[34] SADOĞLU, s. 42

[35] BRETON, Roland: Dünya Dilleri Atlası, Çev: Orçun Türkay, NTV Yayınları, İstanbul 2007, s. 30-31.

[36] RUBIO-MARIN, Ruth: ‘‘Language Rights: Exploring The Competing Retionales’’, in Kymlicka, Will / Patten, Alan (Ed.), Language Rights and Political Theory, Oxford University Press, New York 2003, s. 53.

[37] KOÇAK, Mustafa: Çok-Kültürlülük Açısından Dil Hakları, Liberta Yayınları, Ankara 2013, s. 212. 

[38] MILL, John Stuart: Consideration on Representative Government, in On Liberty and Other Essays, Oxford University Press, Oxford 1991, s. 428.

[39] LEVY,Jacob T.: ‘‘Language Rights, Literacy, and the Modern State’’, in Kymlicka, Will / Patten, Alan (Ed.), Language Rights and Political Theory, Oxford University Press, New York 2003, s. 232.

[40] KRAUSS, Michael: ‘‘The World’s Language in Crisis’’ Language, No: 68, 1992, s. 4-10. 

[41] SKUTNABB-KİNGAS, Tove: Linguistic Genocide in Education – or Worldwide Diversity and Human Rights?, NJ: Lawrence Erlbaum, Mahwah, 2000.

[42] MAY, s. 258.

[43] HASANPUR, Emir: Kürt Diliyle İlgili Devlet Politikaları ve Dil Hakları, Çev: Cemil Gündoğan, Avesta Yayınları,İstanbul 1997, s. 78.

[44] CRYSTAL, David: Dillerin Katli, Çev: Gökhan Cansız, Profil Yayıncılık, İstanbul 2007, s. 44.

[45] CRYSTAL, s. 103.

[46] WEE, Lionel: Language without Rights, Oxford University Press, New York 2011, s. 53-54.

[47] KOÇAK, s. 219-220.

[48] HASANPUR, s. 79.

[49] MAY, s. 257.

[50] KOÇAK, s. 215.

[51] ERAYDIN VİRTANEN, s. 18.

[52] ھەرخىل شەكىللەردە ئېنىقلىما بېرىلىۋاتقان ئانا تىل، قىسقىچە قىلىپ، ئىنسان توغۇلۇپ ئۆسكەن ئائىلە، مەنسۇپ بولغان توپلۇم ياكى مۇھىتتىن ئۆگەنگەن تىل، دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ.

[53] CANGIZBAY, Kadir: Hiçkimsenin Cumhuriyeti, 2. Baskı, Ütopya Yayınevi, Ankara 2007, s. 49.

[54] GÖKÇEN, Sinan: ‘‘Bir Milletti Dillendirmek’’, in Uzpeder, Ebru (Ed.), Avrupa Sürecinde Dil Hakları, Helsinki Yurtaşlar Derneği Yayınları, İstanbul 2003, s. 17.

[55] ERAYDIN, Özelem: ‘‘AB İlişkileri Çerçevesinde Türkiye’de Dil Politikaları’’, in Menz, Astrid / Schroeder, Christoph (ED.), Türkiye’de Dil Tartışmaları, 2. Baskı, Bilgi Üniversitesi Yayınları, İstanbul 2008, s. 152.

[56] ARZOZ, Xabier: ‘‘The Nature of Language Rights’’, JEMIE, 6 (2), 2007, s. 6.

[57] DE VARENNES, Fernand: ‘‘Language Rights as an Integral Part of Human Rights’’, IJMS, Vol.: 3, No: 1, 2001, s. 15 vd.

[58] CRYSTAL, s. 46-71.

[59] Koçak, s. 272-276.

[60] PATTEN, Alan / KYMLICKA, Will: ‘‘Introduction Language Rights and Political Theory: Context, Isuues, and Approaches’’, in Kymlicka, Will / Patten, Alan (Ed.), Language Rights and Political Theory, Oxford University Press, New York 2003, s. 45.

[61] KRAUSS, s. 8.

[62] KYMLICKA, Will: Çokkültürlü Yurttaşlık – Azınlık Haklarının Liberal Teorisi, Çev: Abdullah Yılmaz, Ayrıntı Yayınları, İstanbul 1998, s. 195.

[63] KOÇAK, s. 277.

[64] ERAYDIN, ‘‘AB İlişkiler Çerçevesinde Türkiye’de Dil Politikaları’’, s. 150.

[65] MAY, s. 257-265.

[66] KOÇAK, s. 232.

[67] BLAKE, Michael, ‘‘Language Death and Liberal Politics’’, , in Kymlicka, Will / Patten, Alan (Ed.), Language Rights and Political Theory, Oxford University Press, New York 2003, s. 214. 

[68] RUBIO-MARIN, s. 63.

[69]  ئايدىن، سۇئاۋى: تۈرك كىملىكىنىڭ يارىتىلىشى ۋە مىللىي كىملىك مەسىلىسى، ئۆزگۈر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2009، 15-بەت. كىملىك مەسىلىسى ھېچبىر كىشى ۋە گۇرۇپپا تەرىپىدىن سەل قارالمايدۇ. ئىنسانلار ئۆزلىرىنى ھەردائىم شەخس ۋە كوللېكتىپ ھالەتتە ئىزاھلاش ئېھتىياجى ۋە تىرىشچانلىقى ئىچىدىدۇر.

[70] BLAKE, s. 213.

[71] PATTEN / KYMLICKA, s. 45.

[72] GREEN, Leslie: ‘‘Are Language Rights Fundamental?’’, Osgoode Hall Law Journel, Vol.: 25, No: 4, 1987, s. 659.

[73] ÇAVUŞOĞLU, Naz: Uluslararası İnsan Hakları Hukukunda Azınlık Hakları, 2. Baskı, Su yayınları, İstanbul 2001, s. 55.

[74] PATTEN / KYMLICKA, s. 31-32.

[75] PAULSTON, s. 80.

[76] ARZOZ, s. 3

[77] PATTEN / KYMLICKA, s. 26, 32-33.

[78] DE VARENNES, s. 11.

[79] ARZOZ, s. 11-13.

[80] RUBIO-MARIN, s. 175.

[81] PATTEN / KYMLICKA, s. 26-27.

[82] ESMAN, s. 384.

[83] PATTEN, Alan: ‘‘What Kind of Bilingualism’’, , in Kymlicka, Will / Patten, Alan (Ed.), Language Rights and Political Theory, Oxford University Press, New York 2003, s. 296.; PATTEN / KYMLİCKA, a.g.e., s. 29.

[84] Aktaran; REAUME, Denise G.: ‘‘Beyond Personality: The Territorial and Personal Principles of Language Policy Reconsidered’’, , in Kymlicka, Will / Patten, Alan (Ed.), Language Rights and Political Theory, Oxford University Press, New York 2003, s. 276.

[85] REAUME, s. 284-285.

[86] Kanada 10 Eyalet, iki Bölge ve Merkezden oluşan bir federasyondur. Sadece Quebec’te (%83,3) Fransızca konuşanlar çoğunluktadır.

[87] TACAR, Pulat: Kültürel Haklar, Dünyadaki Uygulamaları ve Türkiye İçin Bir Model Önerisi, Gündoğan Yayınları, Ankara 1996, s. 132-133.; PATTEN, s. 298.

[88] REUME, s. 277.

[89] PATTEN, s. 300-302.

[90] PATTEN, s. 297.

[91]  شىۋېيتسارىيەدە تىللارنىڭ / تىل گۇرۇپپىلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك رايونلارغا مەركەزلىشىشى، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراش پىرىنسىپىنىڭ شىۋېيتسارىيەدە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىنىڭ بىرلەمچى سەۋەبىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

[92] 90 TACAR, s. 126-127.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*