تەنقىدى تەپەككۇر ۋە ئىسلامى مېتود

2019-يىلى 7-ئاۋغۇست

مۇھەممەد مۇمتاز ئالى
تەنقىدى تەپەككۇر – كىلاسسىك چۈشەنچىلەر
مۇھىم ئىدىئولوگىيە ئۆگىنىۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە قىزىقىشى كېرەك. چۈنكى بىز ئۇلارنى كۆرسەكمۇ قوبۇل قىلماسلىقىمىز لازىم. بىز كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئويلايدىغانلىقىنى ياكى نېمە ئۈچۈن بىر شەيئىنىڭ مۇشۇنداق بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشقا مۇھتاج. بىز سەۋەپنى تېپىپ چىقىشقا مۇھتاج بولىمىز، ئەستايىدىللىق بىلەن ۋە تەنقىدىي شەكىلدە تەپەككۇر قىلىمىز. نەتىجىدە كۆپ ساندىكى كىشىلەر ساھىپ بولغان ئەقىدە ۋە ئەمەللىرىدىكى قارارلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى ئاساسقا ئىگە بولىمىز. ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى ياكى ئەمەللىرى مەنتىقلىقمۇ – ئەمەسمۇ؟ دېگەندەك مەسىلىگە گۇمان بىلەن قاراشقا مۇھتاج بولىمىز. ئىلگىرى سۈرۈلگەن قاراشلارنىڭ ئۇلىدىكى دەلىل ۋە ئاساسلارنى ئىزدەشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلىمىز. شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە قارار بەرمەسلىكىمىز مۇمكىن. بۇ سەۋەپتىن سۆزلەرنى توغرا دەپ قوبۇل قىلىشنى ياكى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى كېچىكتۈرىمىز. تەنقىتچى بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپتىدە گۇمانخور بولۇشنىڭ ياكى قارار چىقىرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان پۈتكۈل بىلىمگە ئىگە بولغىچە ناھايىتى ئۇزۇن مۇددەت كۈتۈپ تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ھاياتتا ئىھتىياجىمىز چۈشكەن بارلىق بىلىمگە ھەرگىزمۇ ئىگە بولۇپ بولالمايمىز.
مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن تەنقىدىي تەپەككۇر ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ قانداق قىلىشىمىزنى ئويلاشتىن بۇرۇن، مۇھىت بىلەن ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش ئىچىدە بولىشىمىزغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. تەنقىدىي نۇقتىئىيەزەردە تۇرۇپ قاراش، مەسئۇلىيەتنى ئەڭ ياخشى ۋە ئوڭاي ھالدا ئادا قىلىش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا زۆرۈر. تەنقىدىي تەپەككۇر ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كۈندىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىزغا يار يۆلەكتە بولىدۇ. تەنقىت بىلەن قاراش ئادىتى، بىزنى تۇرمۇشتا مەلۇم بولغىنىدىنمۇ مول تەجرىبىلەر ئارقىلىق تېخىمۇ تەجرىبىلىك كىشىلەرگە ئايلاندۇرىدۇ .
تەنقىدىي تەپەككۇردىكى مەغلۇبىيەت ھاياتىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىلەردىن بىرنى مەھرۇم قالدۇرىدۇ. چۈنكى تەنقىدىي تەپەككۇر ئەقلىمىزگە ۋە قەلبىمىزگە ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان قىممەتلىك قابىلىيەتتۇر. مانا مۇشۇنداق بىباھا غەزىنىنى ئاكتىپ ھالدا ئىشلىتەلمەسلىك ئىسراپخورلۇق بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ دۇنيادا بىزنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن خەلىپىلىك سالاھىيىتىمىزگە قىلىنغان خىيانەتتۇر.
تەنقىدىي تەپەككۇر – ھەم تەنقىد، ھەم ئىجادىيەت
دەسلەپكى قەدەمدە تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ مەنىسى، ئۇنىڭ باسقۇچلىرى، ئىشلىتىلىدىغان مېتودلىرىنى ئىزاھلاپ ئۆتۈش كېرەك. بەزى يازغۇچىلار، تەپەككۇر جەريانىدا ھەر ئىككىسى ئورۇن ئالغان تەنقىدىي ۋە ئىجادىي تەپەككۇرنى ئوخشاش بىر ئىش دەپ قارايدۇ. ھەر ئىككىسى بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى بىز ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللاردا پەرقلىق تەپەككۇر قىلىشقا ۋە چۈشىنىشكە مۇھتاج بولىمىز. مەسىلەن: ئىلمىي ماقالە يېزىش ئۈچۈن مۇئەللىپنىڭ ھەم تەنقىدىي، ھەم ئىجادىي تەپەككۇر قىلىشى زۆرۈر. مەقسىتى يېڭى بىر نەرسە، يەنى چۈشەنچە، نەزىرىيە ياكى ئۆرنەك يارىتىش بولغان تەنقىدىي ۋە ئىجادىي تەپەككۇر بىلەن بەنت بولىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ نىيىتى مەۋجۇت ماقالىلاردىكى خاتا ۋە كەمتۈك تەرەپلەرنى كۆرسىتىش بولغان بولسا، باشقا يازغۇچىلار ئۇنىڭ نۇقتىئىينەزىرىدە تۇرۇپ تەنقىدچى بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى مۇنازىرىنىڭ ئىشەنچلىك، ماقالىسىنىڭ مەنتىقىلىق ۋە كەمتۈكسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر .
تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ بەزى ئاساسلىق ئۇقۇملىرى
ھەم تەنقىدىي، ھەم ئىجادىي تەپەككۇر قىلىش ئونىۋېرسال ئۇقۇمدۇر. دۇنيادا ئالىملار، مۇتەپەككۇرلار، پەيلاسوپلار، ئىلىم – پەن تەتقىقاتچىلىرى، سىياسەتچىلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەرباپلىرى تەپەككۇردىن ئۆزىنى خالىي تۇتالمايدۇ. ئۇلار دائىم كىشىلەرنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن سىياسەتلەر ۋە پىلانلار تۈزۈپ چىقىش ھەققىدە ئويلىنىدۇ ۋە ئۇلارنى تېپىپ چىقىدۇ. ھەر قانداق بىر خەلق تەپەككۇر پائالىيىتىدىن خالىي ئەمەس. ئىنسان ئاساسەن دېگۈدەك تەپەككۇر قىلىدىغان مەخلۇقتۇر. تەنقىدىي تەپەككۇر – ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن يېتەكچى پىلان ۋەياكى سىياسەت بەلگىلەپ چىقىش ياكى بىر مەسىلىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ھەل قىلىش ئۈچۈن نەزەرىيلەشتۇرۇش مەقسىتىدە ئانالىز، بىرلەشتۈرۈش، كۆزىتىش، تەجرىبە قىلىش، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش، مۇھاكىمە قىلىش ۋەياكى ئالاقە ئارقىلىق ھاسىل قىلغان ياكى جۇغلانغان مەلۇماتلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى بىرلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە، ئانالىز قىلىش قابىلىيىتىگە پائال ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە مۇراجەت قىلىش ئارقىلىق ئەقىل بىلەن تۈزۈپ چىقىلغان ئىش دەپ ئىزاھلىنىدۇ.
تەنقىدىي تەپەككۇر بىر كىشىنىڭ ئوچۇق – يورۇق، قەتئىيلىك، ھۇشيارلىق ۋە مەنتىقىلىق بولۇشتەك زىھنىي ئۆلچەملەرگە لايىق لوگىگىلىق ئېيتىلمىلار بىلەن شۇغۇللىنىش قابىلىيىتى ۋە زىھنىي تەۋازۇ، ئەقلىي دۇرۇستلۇق ۋە زۆرۈر بولغان تەپەككۇرنى تەكىتلەيدىغان ئاساسلىق قىممەت – قاراشلارغا ماس ھالدا تەنقىد قابىلىيىتىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىش دەپمۇ ئىزاھلىنىدۇ. تەنقىدىي تەپەككۇر يەنە ئەكس ئەتتۈرگۈچى گۇمان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىش مەسىلىسى پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ۋە قارار قىلىش يولى بولۇپ، تەجرىبىلەردىن ھەم ئۈنۈملۈك ھالدا ئۆگىنىش، ھەم ئىجادىي ھايات ئۈچۈن تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى قانداق قىلىپ تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىشكە تەييارلاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئىشەنچلىك مۇتەپەككۇرلار بولالايدۇ. يېڭى قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈش ئاساسلىق نىشان بولۇپ، كىشىنىڭ قايسى قابىلىيەتنى ئۆگىنىشكە لايىق ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەكلىكى مۇنازىرە قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. بۇ تەنقىدىي تەپەككۇرنى بەكرەك تەقەززا قىلىدىغان مەسىلىدۇر. بۇ سەۋەپتىن تەنقىدىي تەپەككۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى تەجرىبە ئارقىلىق ئۇستىلىقنى تەقەززا قىلىدىغان مۇھاكىمە ياكى كۆزىتىش دەپ ئىپادىلىنىدۇ. بىر قارارنىڭ تەكتىدە ياتقان سەۋەب مۇھاكىمە قىلىنغاندا تەپەككۇر تەنقىدىي بولىدۇ. تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ كۆپرەك بىلىمگە ئىگە بولۇشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ مەقسىدىنىڭ توغرا – خاتانى ئايرىش ئىكەنلىكىنى بىلىش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ ئۆزى بىر جەريان بولۇش سۈپىتى بىلەن پارچىدىن پۈتۈنگە ئۇلىشىش ۋە پۈتۈندىن پارچىغا يۈزلىنىش مېتودى ۋاستىسى بىلەن ياكى مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ۋەياكى ھەقىقەتلەر ياكى رىئايە قىلىدىغان قەتئىي ئۆلچەملەر ۋەياكى پىرىنسىپلار ئارقىلىق سىستېمىلىق ۋە لوگىكىلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. تەپەككۇر توغرا – خاتانى ئايرىيالمىسا تەنقىدىي دەپ قاراشقا بولمايدۇ. تەنقىدىي تەپەككۇر مەسىلىگە قارىتا مۇمكىن بولىدىغان يېشىملارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى ياكى ھەقىقىي مەۋجۇت ۋەقەلەرنىڭ قايىل قىلارلىق ئىزاھاتى دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تەنقىدىي تەپەككۇر ئوتتۇرىغا قويۇلغان چارە – تەدبىرلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە سىناشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالدا تەپەككۇر قىلىش ھەم تەنقىدىي تەپەككۇرنى، ھەم ئىجادىي تەپەككۇرنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە تەنقىدىي تەپەككۇر ئاڭلىق پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەنقىدىي ھالدا تەپەككۇر قىلىش، ئىلمىي ئۇسلۇپ ۋە لوگىكىلىق – لوگىكىسىز قاراشلارنى پەرقلەندۈرۈش قابىلىيىتى ۋە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىنىڭ پەرەز قىسمىدىكى خاتالىقلارنى بايقاشنى تەقەززا قىلىدۇ.
تەنقىدىي تەپەككۇر قاراشلىرىمىزنىڭ ئۇلىنى بەرپا قىلغان پەرەزلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەم ئەكس ئەتتۈرۈشنى، ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەرنى بىلىشىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە تەنقىدىي تەپەككۇر ئومۇمەن باشقىلارنىڭ قاراشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى كۆرسىتىش ياكى باشقىلارنى تەستىقلاش شەكلىدە ئەمەس، بەلكى ئۆز تەنقىد ئارقىلىق مەنپەئەت يەتكۈزۈشنىڭ ۋاستىسى سۈپتىدە ئىشلىتىلىشى كېرەك . تەنقىدىي تەپەككۇر، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مۇئەييەن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەۋسىيە ياكى قاراشنىڭ ھەقىقىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى قوبۇل قىلىپ – قىلمايدىغانلىقىمىزنى، رەت قىلىپ – قىلمايدىغانلىقىمىزنى ياكى توختۇتۇپ قويۇپ – قويمايدىغانلىقىمىزنى نامايەن قىلىدىغان مەقسەتلىك قاراردۇر. ئۇ، تەپەككۇرچان بولۇشنى، بىر مۇنازىرىنىڭ تەكتىدە ياتقان ئامىل ۋە سەۋەپلەرنى قەتئىيلىك بىلەن تېپىپ چىقىشنى ۋە ئۇلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تەنقىدىي تەپەككۇر قابىلىيىتىنىڭ، باسقۇچلىرىنىڭ، مېتود ۋە ئىجرائاتلىرىنىڭ نەزىرىيىۋى ئاساسقا ئىگە قىلىنىشىدۇر.
ئەدەبىيات ھەققىدە تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىش، يا ئاڭلىق قابىلىيەتنى ياكى تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ ۋەياكى تەدبىقلاش توغرىسىدىكى بەلگىلەنگەن تەرتىپلىك ھەرىكەتلەر بىلەن ياكى مۇئەييەن زىھنى قەدەم باسقۇچلار بىلەن تەنقىدىي تەپەككۇرنى سېلىشتۇرىدۇ. ئالىملار ئۇمۇمىييۈزلۈك ھالدا تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ ئۈچ ئۇقۇمى ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇلار قابىلىيەت سۈپتىدە تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىش، زىھنى جەريان سۈپتىدە تەنقىدىي تەپەككۇر ۋە تەرتىپ سۈپتىدە تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىشتۇر .
سىيگىل ( Siegel ) بىرىنچى قاراشنى ياقىلايدۇ، بۇ سەۋەپتىن تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىشنى مۇئەييەن خاراكتېرغا، ھەم بەلگىلىك قابىلىيەتكە ئىگە بولۇش دەپ قارايدۇ ۋە ئەقىل يۈرگۈزۈش قابىلىيىتى ھەققىدە ناھايىتى كەڭ دائىرىدە توختىلىدۇ . پائۇل ( Paul )، تەنقىدىي تەپەككۇر قابىلىيىتىنى يۇقىرىدىكى ئوخشاش شەكىلدە ئىزاھلايدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆز ئارا ماسلاشقان ماكرو لوگىكىلىق قابىلىيەت بىرىكمىسى دەپ چۈشەندۈرىدۇ . تەنقىدىي تەپەككۇر ھەققىدە دەلفى ( Delphi ) دوكلاتى بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىلەرنىڭ قاراشلىرىنىڭ بىرىكمىسىنى ئاساس قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىلىش خاراكتېرلىق قابىلىيەتنى ئىزاھلاش، ئانالىز قىلىش، مۇئەييەنلەشتۈرۈش، يەكۇن چىقىرىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆز تەرتىپكە سېلىشتا تەنقىدىي تەپەككۇرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىدۇ.
ئىككىنچى قاراشچە بولغاندا، تەنقىدىي تەپەككۇر ئەسلىدە مۇئەييەن زىھنى باسقۇچتا يېتەرلىك بولۇش مەسىلىسى بولۇپ، بۇ زىھنى باسقۇچلار ئومۇمەن تۈرگە ئايرىش، خۇلاسە چىقىرىش، كۆزىتىش، باھالاش، بىرلەشتۈرۈش ۋە مۆلچەرلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: كىربي ۋە كۇيكەندىل ( Kirby ve Kuykendall )، تەپەككۇر قىلىشنى پەرقلىق زىھنى پائالىيەتنىڭ ماسلىشىشچانلىق ئىچىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشى دەپ قارايدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق زىھنى قابىلىيەت تەربىيىسىنى ئىما قىلىدۇ .
رايت ( Wright ) ئۈچىنچى قاراشنى ياقىلايدىغان بولۇپ، تەنقىدىي تەپەككۇرنى ئەسلىدە ئومۇمىي قائىدىگە ئاساسلانغان مەسىلە دەپ قارايدۇ ۋە بىر يۈرۈش قەدەم – باسقۇچ ۋەياكى جەريان دەپ ئىزاھلايدۇ. ئومۇمىي قائىدىلەر تەنقىدىي تەپەككۇرنى ئۈچ باسقۇچتا ھاسىل قىلىدۇ. يەنى، سوراق، مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە قارار چىقىرىش. بىر قانچە يازغۇچى تەنقىدىي تەپەككۇر ۋە ئىجادىي تەپەككۇرنى بىر – بىرىدىن ئايرىم تۈرلەر دەپ قارايدۇ.
يەنە بىر تۈركۈمى، مەسىلەن: مارزانو ( Marzano ) سەككىزگە يىقىن تەپەككۇر قائىدىسنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، بۇلار ئېنىقلىما ھاسىل قىلىش، پىرىنسىپ شەكىللەندۈرۈش، ئىدراك قىلىش، مەسىلىنى يېشىش، قارار چىقىرىش، تەتقىق قىلىش، يازما ۋە ئاغزاكى ھەرىكەتتىن ئىبارەتتۇر .
تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ پەقەت بىرلا ئېنىقلىمىسى يوق. ھېچكىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر قانداق بىر ئېنىقلىمىنى توغرا دەپ كېسىپ ئېيتالمايدۇ. س. بايلىن ( S. Bailin ) ۋە باشقىلار تەنقىدىي تەپەككۇرنى زىھىن خاراكتېرلىق مەنبەلەر ئاتالغۇسى ئاساسىدا تەتقىق قىلىدۇ. بۇلار بىلىم بىرىكمىسى، تەنقىدىي تەپەككۇر نۇرملىرى ھەققىدىكى مەلۇمات، تەنقىدىي ئۇقۇملارنى ياخشى بىلىش، سىتىراتېگىيە بىلىمى، تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىشتا ئوبىيكتىپچان بولۇش ۋە زىھىننىڭ مۇئەييەن ئادەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ چۈشەنچە تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ بىر شۈبھىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قارار چىقىرىش، بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش، بىر مەسىلىنى يېشىش، بىر پىلان تۈزۈش ياكى بىر قۇرۇلۇش تۈرىنى ئېلىپ بېرىشقا ئوخشاش بەزى نەتىجە ۋە مەقسەتكە خاس بولۇشىنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، تەپەككۇر – قارار بېرىشنى مەقسەت قىلغان تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىش دەپ قوبۇل قىلىنغان مۇشۇنداق بىر مەقسەتنى ئادا قىلىدۇ. مۈجمەل، يۈزەكى، بىپەرۋا ۋە ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن ئويلىنىشنى تەنقىدىي تەپەككۇر دەپ قاراشقا بولمايدۇ. تەنقىدىي تەپەككۇر بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن كىشى مانا مۇشۇنداق ئۆلچەملىرى بارلىقىنى، ئەجىر قىلىشى ۋە مۇۋەپپەق بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىشى كېرەك. بۇ نۇقتىدا تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەك:
1. تەنقىدىي تەپەككۇر بىر كىشىنىڭ زىھنىنىڭ نېمىگە ئىشىنىشى ياكى نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. تەنقىدىي تەپەككۇر بىلەن شۇغۇللانغان كىشى تەپەككۇر قىلىشتا يېتەرلىك بولۇش ۋە توغرا بولغان لاياقەت ئۆلچەملىرىگە لايىق بولۇشقا تىرىشىدۇ.
3.تەپەككۇر، مۇۋاپىق ئۆلچەملەرنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرىدۇ .
س. بايلىن ( S. Bailin ) بىزنىڭ بۇ ئاساسلىق تەنقىدىي تەپەككۇر ئېنىقلىمىمىزنىڭ ئەسلىدە ئۆلچەملىك قاراش ئىكەنلىكىنى ياقىلايدۇ. ئۇ، بۇ خىزمەتنى لايىقىدا ئادا قىلغان ئۆلچەمگە لايىق مۇئەييەن زىھنى ۋەزىپىلەرنى « مۇۋەپپەق بولۇش » ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. تەنقىدىي تەپەككۇر بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەتراپلىق ئويلىنىشتۇر. تەنقىدىي تەپەككۇرنى غەيرى تەنقىدىي تەپەككۇردىن ئايرىپ تۇرغان ئامىل تەپەككۇر قىلىش پائالىيىتى ئەمەس، بەلكى تەپەككۇرنىڭ سۈپىتىدۇر .
تەنقىدىي تەپەككۇر – ئانالىز قىلىش، باھالاش، ئىپادىلەش، مۇنازىرە ۋەياكى سەۋەپلەرنى تارايتىش ئارقىلىق ئەڭ ياخشى شەكىلدە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. مەسىلەن: جونسون ( Johnson )، تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ مۇۋاپىق ئۆلچەملەر ۋە بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بىر زىھنىي مەھسۇلاتنى باھالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. زىھىنىي مەھسۇلاتلارنىڭ باھالىنىشى تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىشنىڭ مۇھىم پارچىسى بولۇپ، بۇنداق پائالىيەتلەرگە ئۇنى مەھكۇم قىلىپ قويۇش، ئۇنى ھەددىدىن زىيادە كىچىكلىتىۋېتىدۇ. ئەتراپلىق ئويلىنىش زىھنىي مەھسۇلاتلارنىڭ لايىقىدا باھالىنىشىدىنمۇ بەكرەك ئوڭاي بولۇپ، ئۇ ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىشنى ۋە قاراش ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىشتا باھالاشتىنمۇ مۇھىم بولغان ئىش باھالاشنى قايسى نۇقتىدىن تۇرۇپ ئېلىپ بېرىشتۇر .
لېۋىس ۋۇ ( Lewis Wugh )نىڭ « تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ كۈچى » دەپ ئاتىغان ئەڭ يېڭى تەتقىقاتى تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ تۆۋەندىكىدەك مۇكەممەل يەكۈنىنى ئوتتۇرىغا قويدى : تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىش، ئەقلىي ئۆلچەملەر ئارقىلىق ئېيتىلمىلارنى ياكى چۈشەنچىلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋەياكى سىتستېمىلىق ھالدا باھالاش بولۇپ، ئۇ باھالاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ھەم مەۋجۇت قاراشلارنى باھالاش، ھەم يېڭىلىرىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. قاراشلار، ئۇلارنى كۈچلەندۈرگەن سەۋەپلەر ۋە مۇھاكىمىلەر ئاساسىدا قايتىدىن سوراققا تۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ لوگىكىلىق ئۆلچەملەرگە ئاساسەن رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
تەنقىدىي تەپەككۇر ناھايىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى ھاياتىمىز چۈشەنچىمىز ئارقىلىق يۈزلەندۈرۈلگەن تاللاشلار ۋە ئىش – ھەرىكەتلەر بىلەن ئىزاھلىنىدۇ.
تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىش، قوبۇل قىلىش زۆرۈر بولغان قاراشلارغا قارىتا بىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ھاياتتا ئۇتۇق قازىنىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ. ھالبۇكى، بىز ئۇتۇقنى تەرىپلەيمىز. تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ نەتىجىسى كىشىلىك ئەركىنلىكنىڭ غايىپ بولۇشىدۇر. ئائىلە ياكى كۈلتېر ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن ئەقىدىلەرنى پاسسىپ دەپ قوبۇل قىلسىڭىز، كېيىن بۇ ئەقىدىلەر سىزگە مەنسۇپ بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتەن سىزگە مەنسۇپ بولمىسا ۋە سىز ئۇلارنىڭ تاللىشى ۋە ئىش – ھەرىكىتىگە يول قويسىڭىز، سىزنىڭ ئورنىڭىزغا ئۇلار ھاياتىڭىزدىن جاۋاپكار بولىدۇ. ئەگەر ئەقىدىڭىزنى قايىل قىلارلىق سەۋەپلەر بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن ئۆزىڭىز تەنقىدىي شەكىلدە تەكشۈرۈپ چىقسىڭىز، مانا بۇ ۋاقىتتا ئەقىدىڭىز سىزگە مەنسۇپ بولىدۇ.
بەزى كىشىلەر تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىشنىڭ ئۇلارنى مەسخىرىۋاز، تۇيغۇ جەھەتتىن سوغۇق قىلىپ قويىدىغانلىقىغا ۋە ئىجادىچانلىقىنى بوغۇپ قويىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. لېكىن ئەھۋالنىڭ ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بولىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق قايىل قىلارلىق دەلىل يوق. تەنقىدىي تەپەككۇر مەجبۇرىي ھالدا مەسخىرىۋازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئۇ، ئۇلارنى مەلۇم رامكا ئىچىگە ئېلىشىمىزغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ھېسلىرىمىزنى تولۇقلىيالىشى مۇمكىن. شۇنداقلا، ئىجادىچانلىقىنى بوغۇپ تاشلىمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭ مۇكەممەللىشىگە ياردەم قىلىدۇ.
تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىش، ھەر تۈرلۈك قاراشلىرىمىزغا تەدبىقلانغان ئەقلىي، سىستېمىلىق جەرياندۇر. ئۇ ئەقىدە، ئىپادە ياكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن قاراشنىڭ باشقىچە تەبىرىدۇر. بىر ئىپادىنىڭ مەسىلە بولۇپ – بولمىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشتۇر. سىز تەنقىدىي تەپەككۇر بىلەن مەشغۇل بولغاندا، كۆپىنچە بىر ئىزاھاتنى باھالايسىز ياكى باشقىسىنى ھاسىل قىلىشقا تىرىشىسىز. ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ئالدى بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە چۈشەنچە بايان قىلىشقا بولغان ئىشەنچنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى دەڭسەشتۇر. ئىشەنچىڭىزنىڭ كۈچى چۈشەندۈرۈشىڭىزگە پايدىلىق بولىدىغان سەۋەپلەرنىڭ كۈچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.
تەنقىدىي تەپەككۇردا، ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرە جىدەل ئەمەس بولۇپ، بېرىلگەن ئىزاھاتلار يەنە بىر ئېنىقلىمىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەر ئوتتۇرىغا چىقارغان چۈشەندۈرۈشلەر پۈتۈنىدۇر. باشقا چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بېرىلگەن ئىزاھاتلار « يېتەكچى » دەپ ئاتىلىدۇ. « يېتەكچى »لەرنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئىزاھاتلار « خۇلاسە » دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنداقتا مۇنازىرە – يېتەكچنىڭ خۇلاسىنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار ئىزاھاتلاردۇر. مۇنازىرە ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىش باشقا تەنقىدىي تەپەككۇر قابىلىيىتىنى تايانچ قىلغان مۇھىم ئىقتىداردۇر. مۇنازىرىلەرگە پات – پات ھەمراھ بولغان ۋە يېتەكچى – خۇلاسە مۇناسىۋىتىنى ئىما قىلغان يېتەكچى سۆزلەر ئارقىلىق ۋەزىپە تېخىمۇ ئاڭاي ئادا قىلىنىدۇ. يېتەكچى ئىشارەتلەر شۇنداق قىلىپ، بۇ سەۋەپتىن، شۇڭا دېگەندەك سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇنازىرىلەر ھەرگىزمۇ ئېنىقلىما ئۈچۈن تەرتىپلىك ھالدا ئايرىلغان شەكىلدە كۆرۈنمەيدۇ. ئۇلار ئۇمۇمەن مۇنازىرىلەرنىڭ بىر پارچىسى بولمىغان ناھايىتى كۆپ ئىپادىنىڭ ئىچىدە كۆمۈلۈپ قالغان ھالدا كېلىدۇ. مۇنازىرىلەر مۇرەككەپ ۋە ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن. مۇھىم بولغان مەسىلە، ناھايىتى كۆپ گەپ – سۆزلەرنىڭ ئىچىدە غەرق بولماستىن، خۇلاسە ۋە يېتەكچىلەرنى ئايرىپ چىقىشتۇر .
تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ نەزىرىيىۋى چىقىش نۇقتىسى
ھەر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىز تەنقىدىي تەپەككۇرغا مۇھتاج بولىمىز. تەنقىدىي تەپەككۇر بولسا نەزىرىيىۋى چىقىش نۇقتىلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. نەزىرىيىۋى چىقىش نۇقتىلىرى ياكى دائىرە كۈنىمىزدىكى مەسىلىلەردە ئاساسەن دېگۈدەك زامانىۋى غەرپ مەركەزلىك نەزىرىيىۋى رامكىلار ئىچىدە بولىدۇ. مەسىلەن: چېركاۋ قانۇنى، مۇقەددەس ۋەياكى ئىلاھىي دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئۇنسۇرلار… بۇلار:
1. مودېرن – لىبرال – ئىلمىيلىك ( لائىك )
2. تەنقىدىي ماركسىست
3. دىنى
ئەھمىيىتى ۋە پايدىسى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان ھالدا، بۇ ئۈچ ئۇنسۇر يەرشارى نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىنىڭ بېشىغا بالا بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا چەكلىك دائىرىدە چارە – تەدبىرلەر سۇنىدۇ. بۇ سەۋەپتىن بىرسى ئۇلارنىڭ مودېرن دەۋردە ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغانلىقى توغرىسىدا يەكۈن چىقىرالىشى مۇمكىن. بۇ ئۈچ ئۇنسۇرنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ تەكتىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، بىلىمنىڭ ئورنىغا پەرەزلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى بولۇپ، ئۇلار مۇنازىرىلىرىگە بىلىمنى ئاساس قىلمايدىغان ھايات پەلسەپىسىنى تايانچ قىلغان ھالدا باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ ھايات پەلسەپىسى پەرەزدىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ بارلىق چارە – تەدبىرلىرى كەڭ دائىرىلىك بولۇشنىڭ ئەكسىچە تار بولىدۇ. بۇ ئۇنسۇرلار ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىۋىي ۋە ماددىي تەرەپلىرىنى ئايرىغان زامانىۋى غەرپ قاراشلىرى تەرىپىدىن ھەددىدىن زىيادە تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ھەتتا ئاتالمىش دىنى نۇقتىئىينەزەر زامانىۋى غەرپنىڭ دىنغا بولغان تەسىرى سەۋەبىدىن پەقەت شەخسىي ۋە ئالاھىدە مەسىلىلەر بىلەن چەكلىنىپ قالىدۇ. بۇ « ئىلاھىي مەلۇمات » ئۇلىدا ھاياتقا كەڭ دائىرىلىك ئۇپۇق ھاسىل قىلغان « ئەد – دىن » سۈپتىدە ئىزاھلانغان ئىسلامدىكى دىندىن ناھايىتى يىراقتۇر. بۇ سەۋەپتىن ئىنسان ھاياتىنىڭ مەسىلىلىرىگە قارىتا كەڭ دائىرىلىك ۋە قوللىنىشچان چارە – تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويغان تۆتىنچى نەزىرىيىۋى چىقىش نۇقتىسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى چۈشىنىشكە مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى مۇنازىرە قىلىشىمىز كېرەك. مانا بۇ تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ ئىسلامى تىرىلگۈچى رامكىسىدۇر.

2. بۆلۈم
تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ ئىسلامى تىرىلگۈچى رامكىسى
ئىسلامى تىرىلگۈچى نۇقتىئىينەزەردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ مەقسىتى ھەر قانداق مەسىلىدە توغرىنى تېپىپ چىقىش بولۇشى كېرەك ۋە ئەڭ باشتىن تارتىپ توغرا – خاتاغا مۇناسىۋەتلىك سۈننەت ۋە قۇرئاندا بىلدۈرۈلگەن ئىلاھىي يېتەكچىلىك ئاساس قىلىنىشى لازىم. بۇ شەرتلەر ئادا قىلىنمىسا، ئىسلامى تىرىلگۈچى نۇقتىئىينەزەر سۈپتىدە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، پەقەت ئىسلامى تىرىلگۈچى نۇقتىئىينەزەر ھەم دىنى، ھەم دىنى بولمىغان ئىنسان مىراسىنىڭ ئەتراپىلىق تەنقىت قىلىنىشىنى ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئىلگىرلىشىنى، مۇھىتنىڭ ئاسرىلىشىنى، ھەر بىرىنىڭ ۋە ھەر شەيئىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىسلامى تىرىلگۈچى شەكىل ئىچىدە تەنقىدىي تەپەككۇر جەريانى ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك پاراۋانلىقىغا ھەسسە قوشۇشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك. پاراۋانلىق ئىچىدىكى دۇنيا مەنىۋىي، ئەخلاقى، ئىتىك، ماددىي ۋە زىھنى خاراكتېرلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتلاردىن تارتىپ ھاياتنىڭ ھەر ھالىتىدە جەمئىيەتنىڭ باياشاتلىقى، خاتىرجەملىكى ۋە سائادىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىسلامى مۇداپىئە ھەرىكەتنى مەدەنىيەتكە قارشى ۋەياكى ئىنسانىيەتكە قارشى ياكى يالغۇز ھالدا مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە ئىسلامنىڭ قوغدىغۇچىلىرى دەپ قاراشنىڭ ئۆزىمۇ خاتادۇر.
بارچە ئىلھام كۈچىنى ئىسلامدىن ئالىدۇ، لېكىن ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قەتئىيلىك بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئىسلامنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈنتەرتىپى ( بۇ سەۋەپتىن شەرىئەت ) ئىنسانىيەتنىڭ يېتەكچى مەنبەسى بولغان قۇرئاندا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ كۆرسىتىلگەن. بۇ سەۋەپتىن بىزدىن ئاللاھ تەئالاغا دۇئا قىلىشىمىز تەلەپ قىلىنىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ۋە ھاياتنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن توغرا بولغان چارە – تەدبىرلەر ۋە توغرا بولغان تەپەككۇر شەكلى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يول كۆرسەتكۈچ بولۇشنى تەلەپ قىلىمىز. بىزگە رەھمىتىڭنى ئېھسان قىلغان، غەزىۋىڭدىن ساقلاپ قالىدىغان توپتوغرا يولنى كۆرسەتكىن، يولۇڭدىن ئازدۇرىۋەتمىگىن ( فاتىھە سۈرىسى، 6 ۋە 7 – ئايەت ).
شەرىئەت نۇقتىئىينەزىرى تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ شەرىئەتچى رامكىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ شەرىئەتچى رامكىسىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بىر ئىپادە، چۈشەنچە ياكى سىياسەتتىكى ئىچكى لوگىكىلىق تۇترۇقسىزلىقنى يېڭىش ۋە ئۇنى تېخىمۇ مەنتىقىلىق ۋە رېئاللىققا مۇۋاپىق ھالغا كەلتۈرۈشتۇر. تەنقىد بىر ئىپادە ياكى قاراشنىڭ خاتا تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇنى توغرىغا ۋە رېئاللىققا يېقىنلاشتۇرىدۇ. كۆپ ساندىكى قاراش تەخمىن ياكى پەرەزگە ئاساسلىنىدۇ. تەنقىدىي تەپەككۇر ھەقىقەت ۋە ئىلىمنىڭ نۇرى ئاستىدا باشلىنىشى لازىم، توغرىسى مانا بۇ بولۇپ، ئىنسان، ھايات، كائىنات ۋە تەڭرى ھەققىدىكى توغرا مەلۇمات پەرەزنى ئاساس قىلغان ئۇل ئۈستىگە بەرپا قىلىنمايدۇ. ھەقىقىي مەلۇماتقا ئاساسلانغان تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ شەرىئەتچى رامكىسى ئۆزىنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەم مودېرن غەرپ دۇنياسىدىن، ھەم بۇنىڭ يېنىدا مۇسۇلمان دۇنياسى ئىچىدىكى ئەنئەنىۋى، ئىسلاھاتچى ۋە مودېرنىست نۇقتىئىينەزەردىن ئايرىم تۇتىدۇ. شەرىئەتچى مۇتەپەككۇرلارنىڭچە تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ شەرىئەتچى رامكىسى ئىنسانىيەتنىڭ مۇرەككەپ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىردىنبىر ئەڭ مۇۋاپىق تاللاش بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭغا قوشۇپ مەنىۋىي دۇنياغا تايانغان كەڭ دائىرىلىك ئىلگىرلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ شەرىئەتچى رامكىسى بىلەن باشقا رامكا ۋە نۇقتىئىينەزەرلەر ئارىسىدا سۈپەت جەھەتتىن ئوخشاشماسلىق مەۋجۇت.
تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ شەرىئەتچى رامكىسى ھاياتقا يالغۇز بىر بۆلۈم سۈپتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئىنسانىيەتنى پەقەت بىر ئائىلە دەپ قارايدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش بىر پۈتۈن ۋە ئۇنىۋېرسال چارە – تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ شەرىئەتچى رامكىسى، شەرىئەت ۋە ئىلاھىي قەدىرىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلامى دۇنيا قارىشى ئىچىگە چوڭقۇر پېتىپ قالغان بولۇپ، بىز باشقا تەرەپكە ئۆتۈشتىن بۇرۇن، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قاراشلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ قىسقا مۇنازىرىسىنى ئېلىپ بارساق مۇۋاپىق بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇ، تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ شەرىئەتچى رامكىسى ۋە مۇسۇلمان دۇنيادىكى تەنقىدىي تەپەككۇرغا نىسبەتەن باشقا قاراشلار ئارىسىدىكى روشەن ئوخشاشماسلىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مۇسۇلمان دۇنيادىكى قاراشلارنىڭ كۆپ خىللىقى
ئىسلامنىڭ مېتافىزىك بىر تەڭرىلىك دىن ئىكەنلىكىدە شۈبھە يوق. لېكىن ئۇ ھەممىنى بىر خىل قىلىشقا يول ئاچمايدۇ، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە كۆپ خىللىققا ۋە رەڭدارلىققا يول ئاچىدۇ. بۇ سەۋەپتىن مۇسۇلمان دۇنياسىدا پەقەت بىرلا خىل قاراشنىڭ ئورنىغا كۆپ خىل قاراش مەۋجۇت . بۇنى تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن:
ئەنئەنىۋى قاراشلار
ئەنئەنىۋى دىنى تەلىم – تەربىيە مۇئەسسەسەلىرىدىكى ئالىملار بۇ قاراشنى شەكىللەندۈرگەن . ئۇلار ئېتىقادلىق مۇھاپىزىكارلار بولۇپ، ھەر قانداق تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئېلىپ بارماستىن غەرپنى رەت قىلىدۇ. ئۆزگىرىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلشقا تەييار ئەمەس. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى دەسلەپكى دەۋردىكى ئىسلامى ئەقىدىلەرنى، ئەنئەنە، ئۆرپ – ئادەتلەرنى ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان تىنچلىقنى كېينكى دەۋرلەردىمۇ ساقلاپ قېلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش يولىنى تۇتۇپ ماڭىدۇ. ئۇلار بۇ نۇقتىئنەزەرنى چىقىش قىلىپ، كونا ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا مودېرن دەۋرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىشكە بەكرەك ئەھمىيەت بەردى. ئۇلار مودېرن دەۋر بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئابستىراكىت ئىسلامى نەزەرىيە مەسىلىلىرىنى مۇنازىرە قىلىشىدۇ. بىلىم، پەن – تېخنىكا ئىلىمىنىڭ مۇسۇلمان خەلقنىڭ ئەقىدىسىنى بۇزىدىغانلىقى، ئاجىزلىتىدىغانلىقى ۋە ئىمانىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ياقىلايدۇ. بۇ خەلقنىڭ كۈندىلىك تىرىكچىلىككە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە سەۋەپ بولغان. ئىجتىمائىي ساھەدە چامىنىڭ يېتىشىچە ئەڭ كەڭ دائىرىدە سۈننى مەزھىبىگە مەنسۇپ قائىدە – پىرىنسىپلار، قىممەت – قاراشلار ۋە مۇھاپىزىكار مەيدانىنى ساقلاپ قېلىش ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولۇپ، ئۇلارنىڭچە مودېرن ھاياتنىڭ جەلىپ قىلغۇچى سېھرى كۈچى ۋە سۈرئىتى ئەڭ خەتەرلىك ئامىللاردىن بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەيدانى ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇشتۇر . ئۇلار ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي تەشكىللىنىش، ئىلمىي ئېيتىلمىلار ھەققىدىكى پوزىتسىيە ۋە ئەقىدە ئۇلىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان زامانىۋىلىقتىن خاۋاتىرلىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇلار سانائەتلىشىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، چوڭ تىپتىكى دەسمايە ھېساپلىرىنىڭ شەكىللىنىشى، بىلىمنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىدە يېڭى سىنىپلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرگە ئوخشاش يېڭىلىقلار ۋە زامانىۋىلىشىشنىڭ تەكتىدە ياتقان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. سىياسىي پارتىيەلەر، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياشلار گۇرۇپپىلىرىنىڭ كۆپىيىشى، پەرقلىق جىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئاممىۋىي ئالاقە، شەھەرلىشىش ۋە زامانىۋى ئىدىئولوگىيىنىڭ تەسىرى … ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ پەقەت بىر پارچىسى، خالاس. جون ئەسپوسىتو ( John Esposito )نىڭچە، ئۇلار كۆپىنچە كۈلتېر خاراكتېرلىق بېكىنمىچىلىك، چېكىنىش ۋە ئاممىۋى ھەمكارلىق ياكى غەرپنى رەت قىلىش سىياسىتىنى ياقىلايدۇ .
مودېرنىست ۋە لىبرال ئېيتىلمىلار
مودېرنىست ئېيتىلمىلارنىڭ ئۆزى ئىسلامى دۇنيا قاراشنىڭ يوليورۇقى ئاستىدا، ھېچقانداق تەنقىدىي مۇھاكىمە بولماستىن، زامانىۋى غەرپ پەلسەپىۋى چۈشەنچە، نەزەرىيە، ئۆرنەك ۋە قۇرۇلمىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بولۇپ، چاغداش مەسىلىلەرنى يېڭىشنىڭ بىردىنبىر چارىسىنىڭ زامانىۋىلىقنى ئۆز پېتى قۇچاقلاش كېرەكلىكىنى ياقىلايدۇ. ئۇلار غەرپنىڭ ھۇجۇملىرى، پەلسەپىلىرى ۋە ئىدىئولوگىيىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئىسلامنى ئۆزگەرتىشتىن ۋە مودېرنلەشتۈرۈشتىن يانمايدۇ. مەسىلەن: ئۇلار ئىنسانىي سەۋەپلەرگە ھەل قىلغۇچ ئامىل تۈسىنى بېرىپ، ئىسلام دىنىنى مودېرنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇلار ئىككى مۇھىم تەكلىپنى سۇنىدۇ. يەنى، دىن ۋە سىياسەتنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ تاشلاش ۋە غەرپتىكى ئۇلۇس ( مىللىي ) دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۆرنەك قىلىپ، دىن ۋە سىياسەتنى بىر – بىرىدىن ئايرىشنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىسلام شەخسى تۇرمۇشنى مۇئەييەن رامكا ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ئىجتىمائىي ھايات غەرپ رامكىسى ئىچىدە زامانىۋىلىشىپ شەكىللەندۈرۈلىدۇ . بۇ ئېيتىلمىلارنىڭ رولى بولسا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەرگە مودېرنىزمنىڭ روھىنى سىڭدۈرۈشتۇر. ئىسلامى قىممەت – قاراشلارنى، ئەنئەنىلەرنى ۋە مۇئەسسەسەلەرنى رەت قىلىپ ئۇلارغا خاتىمە بېرىدۇ. قانۇن دۆلىتى بولۇش سۈپتىدە شەرىئەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇسۇلمان دۇنياسىدا جاھانگىرلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىنگەن قانۇنلارنى ئورنۇتۇشنى تەرغىپ قىلىدۇ. قىز – ئوغۇل ئارىلاش ئوقۇيدىغان مائارىپ، جىنسىيەت ئەركىنلىكى، مۇسۇلمانچە كىيىم – كىچەكنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرلۇشى دېگەندەك غەرپ مائارىپ ئەندىزىسىدىن ئىبارەت بىمەنە مېتوتلىرىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. سىستېمىلىق ئىسلام رامكىسى بولماستىن ئىجتىھاد قىلىشنى ياقىلايدۇ. ئۇلارنىڭچە ھەر قانداق كىشى ئىجتىھاد قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئىجتىھاد ئۇقۇمىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئىشلىتىدۇ. ئۇلار ئەقىل ۋە ئەقلىيەتچىلىك ئارىسىدىكى پەرقنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئەمەس. قارىغۇلارچە غەرپ كۈلتېر نۇرمىلىرىنى ۋە قىممەت – قاراشلىرىنى قوغلىشىدۇ. ئۇلار زامانىۋى غەرپ دۇنياسى تەرىپىدىن مۇسۇلمان دۇنيادىكى قەھرىمانلار دەپ تەرىپلىنىدۇ. غەرپ كۈچلىرى تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلىنىدۇ، ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ ۋە تەرغىپ قىلىنىدۇ.
ئىسلاھاتچى ئېيتىلمىلار
بىر گۇرۇپپا ئىسلاھات تەرەپتارى مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلار غەرپنىڭ مودېرن مەسىلىلىرىگە قارشى چىقىشنىڭ ئورنىغا جاۋاپ بېرىش نىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلار ئەنئەنىچى ۋە مودېرنىستتىن ئىبارەت پەرقىلىق نۇقتىئىينەزەرلەرنى شەرھىيلەپ بەرمەكچى بولۇشىدۇ . ئىسلامى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش زۆرۈر دەپ قارايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىشىشىنى، كۈچىنى يوقۇتۇپ قويۇشى، ياۋروپانىڭ مۇستەملىكە قىلىشىغا كۈچلۈك جاۋاپ قايتۇرۇشقا قۇربىتىنىڭ يەتمەي قېلىشى ۋە ئارقىدا قېلىشى، ئۆتمۈشكە قارىغۇلارچە ۋە سوئال – سوراقسىز ئېسلىۋېلىشى سەۋەبىدىن بولغان دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئىسلامنىڭ جانلىق، يۇمشاق ۋە ماسلىشىشچانلىق قابىلىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. غەرپ ئىدىيىسى ۋە تېخنىكىسىنى تاللاپ ئۆزلەشتۈرۈش ۋە شەرھىيلەش ئارقىلىق ئىچكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىگە ئىشىنىدۇ. مۇسۇلمان ھاياتىنىڭ ئۆزگىرىشچان شارائىتقا ماسلىشىشى ئۈچۈن ئىسلامنى قايتا شەرھىيلەشتە مۇھىم ئىشلارنى ئېلىپ باردى. قانۇن، مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلار مۇسۇلمانلارنى خارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان غەرپ مېتودلىرى سۈپتىدە تونۇشتۇرۇلدى. ئەنئەنىۋى دىنى چۈشەنچىنى 19 – ئەسىر ياۋروپاسىنىڭ راتسىيونالىزمىغا ماس كېلىدىغان ھالغا كەلتۈرمەكچى بولۇشتى. ئۇلار ئالدى بىلەن ئىسلامنىڭ لوگىكا، چۈشەنچە ئەركىنلىكى ۋە باشقا زامانىۋى ئانالىز ئۇسلۇپلىرىغا زىت كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئىسلاھاتچىلارنىڭ كۆپ سانلىقى غەرپنىڭ ئۆزگىرىشچان جانلىقلىقى، كۈچى، تەرەققىياتى ۋە باياشاتلىقىنى ئەقىلنى ئەركىن ئىشلىتىش ۋە كەمبەغەللىشىپ كەتكەن، ئاجىز ھالغا چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمان دۇنياسى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ئىلمىي پەن – تەتقىقات جەريانىدىكى جاسارەتلىك بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئۇلار غەرپ بىلىمىنى، پەن – تېخنىكىسىنى ۋە خىزمەتلىرىنى ئۆگىنىشنى غەرپتىن ئارىيەت ئالغان ۋاقىتتا تاللاپ ئالغانلىقىنى، مۇسۇلمان خەلقنى ئېھتىياجى ۋە ئارزۇلىرىغا خىزمەت قىلغانلىقىنى قاتتىق تەكىتلەيدۇ. ئىسلاھات پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن كۆپ قىرلىق ئىلمىي، لىبرال ۋە رېئالىست نۇقتىئىينەزەرلەر بىلەن ئىسلامى چۈشەنچىلەرنىڭ مەنتىقىلىق ۋە تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېڭى شەرھىيلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن سىنتىزلاش ئېلىپ بارىدۇ. مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئالاھىدە مائارىپ كومتېتلىرى قۇرۇپ چىقىشقا ۋە زامانىۋىلىقنىڭ ئالىي مۇئەسسەسەلىرىنى قۇرۇپ چىقىشتا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن غەرپتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭچە مۇسۇلمان دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن غەرپنىڭ بىلىم ۋە تېخنىكىسى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ سەۋەپتىن مۇسۇلمان ئەللەردە غەرپچە مائارىپنى قوللايدۇ. مۇسۇلمان دۇنيانىڭ ئىستىقبالىنىڭ، غەرپ بىلىم ۋە مائارىپىغا ماسلىشالايدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد يېتەكچىلەرنى تەربىيىلەپ چىقىش قابىلىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. پەن – تېخنىكىلىق تەرەققىيات ۋە غەرپ مودېرن پەلسەپىسىنىڭ قاراشلىرىغا زىت كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزگىرىشچان خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىسلام تەلىماتلىرىدا مۇشۇنداق بىر يولنىڭ بارلىقىنى ئىزاھلاپ بېرىشكە ئۇرۇنىدۇ.
ئىسلاھاتچىلار ئەنئەنىۋى دىنى چۈشەنچىلەر ۋە لائىك ئىلمىي ئەقلىيەتچىلىك ئوتتۇرىسىدىكى؛ شەرتسىز ئىمان بىلەن سەۋەپ – نەتىجە مۇناسىۋىتىگە تايانغان لوگىكا ئوتتۇرىسىدىكى؛ ئىسلام ئەنئەنىسىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مودېرنلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشماسلىقلارنى مۇرەسسە قىلدۇرماقچى بولىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئۆتمۈش بىلەن بولغان بېغىنى ئۈزۈپ تاشلىمىغان ھالدا ئىسلامنىڭ بارلىق سىستېمىسىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار دىنى چۈشەنچە ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىشنى ۋە يېڭىدىن بەرپا قىلىنىشىنى ياقىلايدۇ.
تىرىلىشنى ياقىلىغۇچى ئېيتىلمىلار
تىرىلىشنى ياقىلىغۇچى ئېيتىلمىلار كۆپ تەرەپتىن باشقا ئېيتىلمىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. تىرىلىشنى ياقىلىغۇچىلار مودېرن ئىنساننىڭ ئاساسلىق مەغلۇبىيىتىنىڭ مەنىۋى تەرەپتىن، يەنى ھەقىقىي ئىسلامدىن ۋە ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئۇلارنىڭ مۇنازىرە تېمىسى قايتىدىن تىرىلىش پەقەت ئىسلامنىڭ توغرا يولىغا قايتىش بىلەن روياپقا چىقىدىغانلىقى بولۇپ، ئىسلامنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى ياقىلايدۇ ( غەرپلىك تەتقىقاتچىلار بۇلارنى ئاساسلىق پىرىنسپلارنى تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن رادىكال دىنچى دەپ ئاتايدۇ ). تىرىلىشنى ياقىلىغۇچىلار قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ رەھبەرلىكىنى ياقىلايدۇ. شەخسىي تىرىشچانلىقتىن زىيادە كوللىكتىپ ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىسلامى ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەيدۇ. تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى سۈپتىدە كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشتە ۋە كۈنىمىزدە چۈشەنچە جەھەتتە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇشقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ياقىلايدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسان چۈشەنچىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى مۇستەقىل ۋە ئىھتىياتچانلىق بىلەن تەقىپ قىلىشتۇر. ئۇلارنىڭچە ئىجتىھاد ئىنسان چۈشەنچىسىنىڭ ئۆزگەرمەس ئۇسلۇبىدۇر . تىرىلىشنى ياقىلىغۇچى ئېيتىلمىلارنىڭ تايانچ نۇقتىسى جانلىق ۋە ئىجادىي بولغان قۇرئان نۇقتىئىينەزىرى بولۇپ، بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا تىرىلىشنى ياقىلىغۇچى ئېيتىلمىلار زامان نۇقتىسىدا سۈننەت ۋە قۇرئان ھەققىدە يېڭىچە چۈشەنچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلار ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇرۇلۇش ياساۋاتقان جەمئىيەتلەرنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مۇسۇلمان دۇنيانىڭ ئىچكى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى، غەرپ جاھانگىرلىكىنىڭ تاشقىي خەۋپىنى، بىلىم ۋە تېخنىكىنىڭ قىممەت – قاراشلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئىلاھقا، ئىلاھىي رولىغا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا سادىق قالسا ماتېرىيالىزمنى تاشلاپ، مەنىۋى تەرەپكە يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇرىتلىرىنى، مەنىۋى جەھەتتىن رىشتىسى بولغان جەمئىيەتنى ئۆز ئىچىدىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تەربىيلەپ چىقىلغان جامائەتلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشىنىڭ مەنىۋى تەرەپنى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. جاھالەت، نادانلىق، كېسەللىك ۋە يوقسۇللۇققا قارشى بىلىملىك كىشىلەر ئارىسىدا ئاڭ – سەۋىيەنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئىدىئولوگىيىلىك نۇقتىدىن ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە پاراۋانلىق تەلەپلىرى بىلەن كىشىلەر توپىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ھەممىسى ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك گۈللىنىش ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
ئىسلامى تېكىستلەر ۋە دۇنيا قارىشىنى تەكىتلىشى سەۋەبىدىن تىرىلىشنى ياقىلىغۇچى ئېيتىلمىلار كىشىلەر ئارىسىدا يىلتىز تارتالايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ۋە تەرەققىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىسلامى تىرىلىشنىڭ چاغداش رېئاللىقى بۇ ھەقىقەتكە شاھىتتۇر.
مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا رەقىبى سۈپتىدە تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ ئىسلامى تىرىلىش رامكىسى
تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ ئىسلامى تىرىلىش رامكىسى، زامانىۋى غەرپ دۇنياسى ئالدىدا ئاقساپ قالغان ئېقىم سۈپتىدە قارالماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى كېلەچەككە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پەرقلىق تاللاشلارنى سۇنىدۇ. ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرى، ئىنسانىيەتنىڭ يارىتىلىش مەقسىتىگە مۇناسىپ ھالدا ئىنسانىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش بولۇپ، يارىتىلىشنىڭ ھەقىقىي غايىسىنى بىلمەي تۇرۇپ ھېچكىم توغرا شەكىلدە تەپەككۇر قىلالمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىنسانىيەتنىڭ يارىتىلىشنىڭ ھەقىقىي غايىسىنى كەڭ دائىرىلىك ھالدا چۈشىنىپ يېتىش كېرەك. يارىتىلىش مەقسىتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان چۈشەنچە، كۈلتېر ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشىدۇ. ئىنسان ھاياتىدىكى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىدۇ. بۇ نۇقتىدا خالىد م. ئىسھاقنىڭ تۆۋەندىكى قاراشلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ:
ھەر پەيغەمبەر ئۆز دەۋرىنىڭ ئىنقىلاپچىسى بولۇپ، بىز ئۇلارنى سۈپەت ۋە خاراكتېرىگە ئاساسەن ئادەتتىكى ئىسلاھاتچىلار ۋە لائىك ئىنقىلاپچىلاردىن ئايرىپ قارايمىز. ئۇلار بىردەك ئېتىراپ قىلىنىدىغان، تەشەببۇس قىلىنغان ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە ئەخلاقنى ئېلىپ كەلدى. ۋەھىي كېلىشتىن ئىلگىرىمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇرۇست ۋە ئىشەنچلىك كىشى سۈپتىدە جەمئىيەتتە تونۇلغانلىقى مەلۇمدۇر. شۇنداقتىمۇ ئۇلار كىشىلەرنىڭ ھەيران قېلىشىغا سەۋەپچى بولغان ئاساسلىق ئىنقىلاپنى ئىزدەيتتى. مەزكۇر دەۋردىكى كىشىلەر ئۇلار روياپقا چىقارغان ئىنقىلاپنىڭ پەقەت بىر قىسمىدىن ۋازكەچسىلا، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىشقا رازى ئىدى. ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئەرەپلەر ئۈچۈن دۇرۇستلۇق، ئادالەت، شەپقەت، سېخىيلىق ۋە ساداقەت ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالاھىدىلىكلەر ئىدى. لېكىن پەيغەمبەرنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا قارشى قاتتىق ئۆكتىچىلىكنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرىمىز. ئۇ پەقەت ئەرەپلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن رەھمەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. بۇ قاتتىق دۈشمەنلىك قىلىش نېمە سەۋەپتىن ئىدى؟ سەۋەبىنى يىراقتا ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئۇ، جەمئىيەتتە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانلارنى ئۆزگەرتىش ۋە قەبىلەۋازلىق ئەنئەنىسى ئىچىدە يېتىلگەن بىر ئەقىل ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىنسانلار ئارا باراۋەرلىك پىرىنسىپىغا ئاساسلانغان بىر جەمئىيەتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلدى. ھاكىمىيەت كۈچى شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتۈنلەي يېڭى غايىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلدى. ئېسىلزادىلىك ئەمەس، ئىززەت – شەرەپ داۋاملاشتى ( XLIX: 13 ). بىلىمدىكى ئۈستۈنلىك ( XXXIX: 9 ) ئەمدى پەقەت ئېشىپ بېرىۋاتقان مەسئۇلىيەت مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان شەخسىي كۈچنى ئاشۇردى. جەمئىيەتتىكى ئاجىز ۋە كەمبەغەللەرگە رىزىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۆزىنى ھىمايە قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى (LI: 19 ) . ئىسلامى جەمئىيەتىنىڭ ئەزالىرى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇشۇنداق ئاجىز ۋە ئېزىلگەن كىشىلەرنى قوغداشنى غايە قىلغان ئەبەدىي ئىنتىرناتسىئول ئىنقىلاپنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولۇش سۈپتىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك ئىدى .
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ( ئۇنىڭغا سالام بولسۇن )، ئۆزى ياشىغان دەۋردە ئۆزى ياشاپ ئۆتكەن جايدىكى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىمتىيازلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
تۇرمۇش شەرت – شارائىتلىرىغا تەنقىدىي نۇقتىئىينەزەر بىلەن قاراپ چىقتى ۋە ئۇنىڭدىن رازى بولمىدى. ئۇ، بۇ سەۋەپتىن ناچار تۇرمۇش شارائىتنى ياخشى شارائىتقا ئالماشتۇرۇشنى ياقىلىدى. تەنقىدىي تەپەككۇر ۋە ئۆزگىرىش جەريانىدا ئىنقىلاپ نۇرى بىلەن يول كۆرسىتىلدى ( LR ). ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ھەقىقەتتە ئۆزگىرىش بايرىقىنىڭ ھامىيلىرىدۇر. ئۇلار، مەسىلەن: مەنىۋىيەتنى ئاساس قىلغان ساغلام ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى ( CDS ) ياقىلايدۇ. مەنىۋىي دۇنيانى تايانچ قىلغان كەڭ دائىرلىك ئۆزگىرىش ( CDS ) ۋە لىدىرلىرىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىسلامى ھايات قارىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىسلامى غايە ۋە ئوينايدىغان رولىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن زۆرۈردۇر.
ئىسلامى تىرىلىشنى ياقىلىغۇچى غايە ۋە ھاياتتا ئوينايدىغان رولى
ئىسلامنىڭ غايىسى ۋە ھاياتنىڭ رولى ھەققىدىكى مۇنازىرە ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، نېگىزلىك بىر سوئال بىلەن سۆزنى باشلاشقا بولىدۇ. بىز نېمە ئۈچۈن تەنقىدىي تەپەككۇرغا مۇھتاج؟ بۇ نېگىزلىك سوئالنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي. بىز ھەممە تەرىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھاياتنىڭ توغرا بولغان ھەقىقىي غايىسى ۋە رولىغا زىچ باغلانغان بۈگۈننىڭ ۋە كېلەچەك دۇنيانىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئىسلامى غايە ۋە ھاياتنىڭ رولى بىر پەرەزدىن زىيادە مەلۇماتقا، قۇرئاننىڭ ۋەھىي قىلىنغان مەلۇماتىغا ۋە سۈننەتكە تايىنىدۇ. ھاياتنىڭ باشقا غايىلىرى ۋە روللىرى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار جاھىلىيەت ئۇلى ئۈستىگە بەرپا قىلىنغان باشقا مۇھىم مەسىلىلەر ئاساسىدا ھاسىل قىلىنغان. گەرچە ئىنسان بۇنى قىلىشقا قادىر قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن ھاياتنىڭ غايىسى ۋە رولىنى بەلگىلەش ئۈچۈن مەلۇمات ياكى ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس. لېكىن ئەتراپىمىزدىكى بارلىق تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ھەقىقەتلەر، ئىنساننىڭ ئۆزى ئىلگىرى سۈرگەن قارىشىدا ئېغىر دەرىجىدە خاتالاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئۇ، پۈتۈنلەي ۋەھىي قىلىنغان مەلۇمات – يەنى قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. پەقەت بۇ مەنبەلەر توغرا بولغان ئۇسلۇپتا ۋە توغرا شەكىلدە ھاياتنىڭ غايىسى ۋە رولىنى – دۇنيا قارىشىنى تەپسىلىي ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قۇرئان ۋە سۈننەت ھاياتنىڭ قانۇنى بولغان شەرىئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرىئەت، ئىنسانىي قىممەت – قاراشلار بىلەن بىرگە، ساغلام توپلۇم ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئىلاھى ۋە ئۇنىۋېرسال قەدىرىيەتلەرنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ. بۇ ئۇنىۋېرسال قەدىرىيەتلەر ساغلام ۋە بەختىيار جەمئىيەتنىڭ ئۇلى بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى شەكىل ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ:

يۇقىرىدا بېرىلىگەن قىسقىچە ئىزاھات سايىسىدە ئىسلامى مۇداپىئەچى تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى ئىسلامى چۈشەنچىنىڭ يېڭىدىن بەرپا قىلىنىشىدۇر. مەسىلەن: ئىسلامى چۈشەنچىنىڭ ئىلغارلىشىشى، مەسىلەن: مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، تەرەققىيات دېگەندەكلەر بولۇپ، بۇ مەقسەتتىكى ئۇتۇق – تىنچلىق، بىخەتەرلىك، پاراۋانلىق ۋە بەخت – سائادەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. دۇنيادىكى غەلىبە ئاخىرەتتىكى ئۇتۇقنى، يەنى ئاللاھ تەئالانىڭ رازىلىقى، جەننەت، ئەبەدىي ھاياتنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
ئىسلامى تىرىلىشنى ياقىلىغۇچى تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ بىلىش خاراكتېرلىق سەۋىيىسى
بىز ئىسلامدا ئىسلامى تىرىلىشنى ياقىلىغۇچى تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئۆتۈشتىن بۇرۇن، ئىسلامى تىرىلىشنى ياقىلىغۇچى تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ بىلىش خاراكتېرلىق سەۋىيەسىنى مۇھاكىمە قىلىش مۇۋاپىق بولسا كېرەك. ئىسلامدا تەپەككۇر قىلىشنىڭ بىلىش خاراكتېرلىق مۇنازىرىسى پەقەتلا ئۇنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يېتىشىمىزگە پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، يەنە ھەقىقەتتە ئۇنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ۋە مۇھىم ئىكەنلىكىگە بىزنى قايىل قىلىدۇ.
سامۇئەل پ. خانتىڭتون ( Samuel P. Huntington ) « مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ( 1996 ) » ناملىق ئەسىرىدە تۆۋەندىكى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان:
دۇنيا مىقياسىدا بىر سەۋىيەدە مەدەنىيەت كۆپ جەھەتتىن ۋەھشىيلىكنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بولۇپ، تەڭدىشى يوق ۋەقەنىڭ، ئوتتۇرا ئەسىر مەنزىرىسىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەپچى بولغان بولۇپ، ئىنسانىيەتكە ھۇجۇم قىلغاندەك كۆرۈنىدۇ . سەييىد ھۇسەيىن ناسر، « سەييىد ھۇسەيىن ناسرنىڭ پەلسەپىسى » ناملىق ئەسىرى ( 2001 )دە، قاراڭغۇ زۇلمەت دەۋرنىڭ قۇربانلىرى ئىكەنلىكىمىزنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « گەرچە كېچىلىرىمىزنى ئېلېكتېرىك بىلەن ئايدىڭلاتقان بولساقمۇ، لېكىن مېتافىزىك جاھالىتى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىر زۇلمەتلىك ئوتتۇرا ئەسىردە ياشاۋاتىمىز » .
قانداق بولۇپ بۇ قاراش شەكىللەندى؟ نېمە ئۈچۈن ئىنسان تىرىشچانلىقى بىلەن خاتا يولغا ماڭدى؟ ۋەھشىلىكنىڭ ۋە بۇ زۇلمەتلىك دەۋرلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نېمە ئىدى؟ بىلىم ۋە ئۆگىنىش ناھايىتى كۆپ دەۋرلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن تۇرۇپ، يەنە نېمە ئۈچۈن تېخىچە زۇلمەتلىك دەۋردە تۇرىمىز؟
« ئىلىمي نەزەر » ( 2001 ) ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى بېرسەند رۇسسەل ( Berthand Russell ) تەرىپىدىن مودېرن دەۋرنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى نېگىزلىك سەۋەبلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە زېرەكلىك بىلەن بۇ سوئاللارغا جاۋاپ بەردى. ھېكمىتى بىلەن دۇنيانى ئايدىڭلاتتى ۋە دەۋرىمىزنىڭ پۈتكۈل مەسىلىلىرىنىڭ تەكتىدە ھېكمەتتىن يوقسۇللۇقنىڭ ياتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
… لېكىن ئەگەر بىلىم مەدەنىيىتى ئەڭ ياخشى مەدەنىيەت بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بىلىمدە ئىلگىرىلەش ھېكمەتتىمۇ ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشى كېرەك. ھاياتنىڭ ئاقىۋىتىنى توغرا ئىدراك قىلىش ھېكمەت بىلەن بولىدۇ دېمەكچىمەن. بۇ بىلىمنىڭ ئىچىدە بىلىمنىڭ ئۆزلىكىدىن ئىلگىرىلىشىنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىغان نەرسىدۇر. بۇ سەۋەپتىن زۆرۈر بولغان ئىلگىرىلەش شەرتلىرىدىن بىرسىنى ئادا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي رەۋىشتە ئىلگىرىلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك بولمايدۇ .
قۇرئان بېرسەند رۇسسەلدىن 14 ئەسىر بۇرۇنلا كىشىنىڭ ئۆزىنى ئىلغارلاشتۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھېكمەتنىڭ، كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلكىدە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تەتقىقاتچىلار، پەيلاسوپلار، مۇتەپەككۇرلاردىن تارتىپ بارلىق كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىر يەرگە جەملەنگەن تەقدىردىمۇ، ئىلىمنىڭ ھۇزۇر، بىخەتەرلىك ۋە باياشاتلىققا كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت نەتىجىگە ئېرىشتى ۋە بايقىدى. بۇ نۇقتىدا پەقەت ئەر – ئاياللارلا خاتالاشمىدى، جىنلارمۇ خاتالاشتى. « ئەلۋەتتە ئىنسانلار ۋە جىنلار قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغان ۋە ئۆز ئارا ياردەم قىلىشقان تەقدىردىمۇ، ( ئىلىمنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى ) ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيتتى » ( ئىسرا سۈرىسى، 88 – ئايەت ).
بۇ سەۋەپتىن ئۆگىنىش پەقەت بىلىم ۋە ئەقىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىلىش خاراكتېرلىق ۋاستىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى تەنقىدىي ۋە ئىجادىي تەپەككۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋاستىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ۋاستىلەر ھەم ئىشارەت قىلغان تەرەپلىرى، ھەم مودېرن پەلسەپىۋى تەپەككۇر ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدىغان بۈگۈنكى زامانىۋى ئاكادېمىك مۇھىتتىن خېلىلا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە قۇرئاننىڭ بىلىش خاراكتېرلىق ۋاستىلىرىنى نىسبەتەن تەپسىلىي ھالدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.
قۇرئاندا ئىزاھلانغان بىلىش خاراكتېرلىق ۋاستىلەر
بىلىش خاراكتېرلىق ۋاستىلەر دېگەن ۋاقتىمىزدە بۇ ۋاستە ۋە مېتوتلار ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ مېتافىزىكىلىق ياكى فىزىكىلىق جەھەتتىن ھەقىقىي ۋە رېئال يوللار بىلەن دۇنيانى تەتقىق قىلىپ چۈشىنىشىگە ياردەم قىلىدىغان ۋاستىلەرنى كۆزدە تۇتىمىز.
پەلسەپىنىڭ بىر تارمىقى بولغان بىلىش، بىر شەيئىنى ئىدراك قىلىشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان بارلىق پەلسەپىۋى ۋە بىلىش خاراكتېرلىق سوئاللارنى تەتقىق قىلىدۇ. ئەڭ نېگىزلىك سوئاللار بۇ نۇقتىدىن سورۇلىشى مۇمكىن:
1. ئىنساننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى قانداق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرىمىز؟
2. مېتافىزىك ۋە فىزىك بىلىمىمىزنى قانداق قىلىپ ئاشۇرىمىز؟
3. تىرىشچانلىقىمىزنى ھەقىقىي ۋە ئىلمىي تۈسكە ئىگە قىلىدىغان پىرىنسىپلار نېمە؟
4. ئىلمىي نۇقتىئىينەزەر ئارقىلىق نېمە دېمەكچىمىز؟
5. بىلىمنىڭ مەقسىتى نېمە؟
قۇرئان – بىلىشنىڭ بىردىنبىر مەنبەسىدۇر
ئاللاھۇ تەئالانىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەندەك، مېتافىزىك بىلىمىمىزنىڭ بىردىنبىر مەنبەسىنىڭ قۇرئان ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدا مۇھاكىمە قىلدۇق. مانا بۇ سەۋەپتىن بىلىش خاراكتېرلىق ۋاستىلەر بىلەن قۇرئان ئىلگىرى سۈرگەن قاراشلارنى تەتقىق قىلىش بىز ئۈچۈن زۆرۈر. قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن غەرپنىڭ ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدىغان بىلىش خاراكتېرلىق ۋاستىلىرى بىلەن سېلىشتۇرما ئانالىز ئېلىپ بېرىش مەنتىقىلىقتەك كۆرۈنمەكتە. ئەڭ باشتا قۇرئاننىڭ ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق يول كۆرسەتكۈچى مەنبە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.
« … ساڭا ھەممە نەرسىنى بايان قىلىپ بەرگەن، توغرا يولغا باشلىغان ۋە رەھمەت بولغان كىتاپنى، ئىنسانلارغا خۇشخەۋەر يەتكۈزگۈچى سۈپتىدە نازىل قىلدۇق » ( نەھل سۈرىسى، 89 – ئايەت ).
« كىتاپتا ھېچقانداق نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق … » ( ئەنئام سۈرىسى، 38 – ئايەت ).
يۇقىرىدىكىلەرگە ئاساسەن ھەر نەرسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يول كۆرسەتكۈچلىكنى ئاللاھتىن ۋە ئۇنىڭ كىتابىدىن ئىزدەش، ئىنسان ئۈچۈن بىردىنبىر توغرا بولغان ئۇسلۇپتۇر. مودېرن غەرپ بىلىش نەزىرىيىسى مۇنازىرىسىدە ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابىغا، يەنى قۇرئانغا قەتئىي ئورۇن يوق. قۇرئان ئىنجىلغا ئوخشاش ياكى مۇئەييەن بىر دىننىڭ ۋەياكى بىر دىنى جامائەتنىڭ كىتابىغا ئوخشاش شەكىلدە قوبۇل قىلىنىدۇ. دىنلار ۋە دىنى تېكىستلەرنىڭ دوگماتىك ۋە ئاساسىسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. يەنى، بۇلارنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەش يولىدا ئىنسانغا يول كۆرسەتكۈچى بولالمايدىغانلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. قۇرئانغىمۇ بۇ روھ بىلەن مۇئامىلە قىلىنىدۇ. قۇرئانغا تۇتۇلغان بۇ مۇئامىلە قۇرئان ۋە ئۇ ئىلگىرى سۈرگەن قاراشلارغا نىسبەتەن نۇقسانسىز بىر ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى ئەمەس. ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن يول كۆرسەتكۈچى كىتابى بولغان قۇرئان بەزى پەرەز ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى رەت قىلدى. قۇرئان ئۇلار ئىلگىرى سۈرگەندەك نە بىر دىنى كىتاپ، نە بىر جامائەتنىڭ كىتابى ئىدى. ئۇ بۇنىڭ ئەكسىچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدى. مانا بۇ سەۋەپتىن بىز ئەستايىدىللىق بىلەن يول كۆرسەتكۈچىلىكنى ئۇنىڭدىن ئىزدىشىمىز، يوليورۇق ۋە ۋاستىلەردىن يەكۈن چىقىرىشىمىز كېرەك. قۇرئان مانا بۇ سەۋەپتىن يول كۆرسەتكۈچى بولۇش ۋە بىلىم نۇقتىسى جەھەتتىن بىرىنچى مەنبەدۇر. دۇنيا ئۈستىدىكى ھاياتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ ئۆزىلا ھەقىقىي ئىسپاتتۇر. قۇرئاننىڭ يول كۆرسەتكۈچىلىكىنى رەت قىلىش ۋەھشىلىك ۋە جاھالەت بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. ئىنسانلار ئىلمىي خاراكتېرلىق بىلىم، تەجرىبە خاراكتېرلىق مېتوتلار، تېخنىكىنىڭ ئىشلىتىلىشى، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىلىرىنىڭ قوللىنىلىشىغا قارىماستىن، ۋەھشىلىك ۋە جاھالەتتىن خالىي بولالمىدى. بۇ ۋەھشلىك ۋە جاھالەتنىڭ بەلكىم مىلىيۇن تۈرلۈك ئىزاھاتى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇزغۇنچىلىقنىڭ سەۋەبى – ئىجتىمائىي مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلاھىي يېتەكچىلىكنى رەت قىلىشىدىن ئىبارەت ھەقىقەت ئۆزگەرمەيدۇ.
ئاللاھ تەئالانىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئىنسان
قۇرئان ئۈستىدە ئەستايىدىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات، بىلىم نەزەرىيىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى مۇھىم نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بىرىنچىسى، قۇرئاننىڭ نۇقتىئىينەزىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزدىن مۇستەقىل ھالدا ھەقىقىي بىر دۇنيانىڭ بار بولۇشىدۇر. ئىككىنچىسى، ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ دۇنيانىڭ مۇتلەق ساھبى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتتۇر.
« چىنپۈتكەن كىشىلەر ئۈچۈن زېمىندا ۋە ئۆزىدە نۇرغۇن ئالامەتلەر بار. تېخىچە بۇنى كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ » ( زارىيات سۈرىسى، 20 ۋە 21 – ئايەتلەر ).
« جىمى ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر. جەننەتنى ( ئاسمانلارنى ) ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟ قاراڭغۇلۇق ( زۇلۇمەت ) نى ۋە يورۇقلۇقنى كىم يوقتىن بار قىلدى؟ » ( ئەنئام سۈرىسى، 1 – ئايەت ).
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر ئاللاھ تەئالانىڭ ۋە ئىنساننىڭ بۇ ئالەمدىكى ئىككى مۇھىم ۋە ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى روشەن ھالدا بايان قىلماقتا. مودېرن غەرپ پەلسەپىۋى چۈشەنچىسىدە تەڭرىنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەت ئىنكار قىلىنىدۇ. ئىنساننىڭ مەۋجۇتلىقى بولسا تەبىئىي دۇنيانىڭ تولۇقلىغۇچىسى سۈپتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپتىدە ئىنساننىڭ بارلىق تىرىشچانلىقى ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە تەبىئەت كۈچلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مانا بۇ ئىنساننىڭ مەنىۋى ياكى رېئاللىققا مەنسۇپ بولمىغان تەبىئىي بىر مەۋجۇدىيەت سۈپتىدە قوبۇل قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇڭا نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى تەبىئەت كۈچلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
ھېس – تۇيغۇلارنىڭ قابىلىيىتى ۋە ئەقىل
قۇرئان ھەر شەيئىنى تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن ھېس – تۇيغۇلىرىمىز ۋە ئەقلىمىزگە ئىشارەت قىلدى. « ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغان ھالەتتە چىقاردى ۋە شۈكۈر قىلسۇن دەپ قۇلاق، كۆز ۋە قەلىپلەرنى ئاتا قىلدى » ( نەھل سۈرىسى، 78 – ئايەت ).
بىز تەپەككۇرغا تايانغان كۆزىتىش ۋە تەجرىبە ئارقىلىق ئۆگىنىمىز.
« ئېيتقىنكى، يەر يۈزىدە ئايلىنىڭلار، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتنى قانداق قىلىپ يوقتىن بار قىلغانلىقىغا نەزەر تاشلاڭلار » ( ئەنكەبۇت سۈرىسى، 20 – ئايەت ).
« ئۇلار يەر يۈزىدە ئايلانمامدۇكى، ئەقىل يۈرگۈزىدىغان قەلىپلىرى، ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بولغاي » ( ھەج سۈرىسى، 46 – ئايەت ).
بىز مۇسۇلمانلار كۆرۈش، ئاڭلاش ۋە تەپەككۇر قابىلىيەتلىرىنى، ئاللاھ تەئالانىڭ رەھبەرلىكىگە ئىتائەت قىلىدىغان ۋاستە سۈپتىدە قوبۇل قىلىمىز. بۇ سەۋەپتىن ئېنىق قىلىپ نۇقتىئنەزەر ۋە مېتودىمىزنى روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويالايمىز. بۇنى فورمىلالاشتۇرساق تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە بولىدۇ:
تىرىلىش + كۆزىتىش + تەجرىبە + تەپەككۇر مەلۇمات = بىلىم
بۇ فورمىلا تولۇقلىغۇچىدۇر ۋە بىر پۈتۈن ھالدا ئېلىنىدۇ. ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاستىدا ئىجرا قىلىنىدۇ ۋە تەجرىبە، كۆزىتىش خاراكتېرلىق قابىلىيەتلەر مۇستەقىل ھالدا ئىشلىتىلىدۇ. مودېرن غەرپ بىلىش نەزىرىيىسىنىڭ تەجرىبە خاراكتېرلىق ئىكەنلىكىنى، چۈشىنىشلىك بولۇشىنىڭ روشەن ھالدا كۆزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىشقا تايانغانلىقىنى، سۈبىيكتىپ تەپەككۇر ئارقىلىق ئېلىپ بارىدىغان نەرسە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن بۇ قاراش غەرپ مودېرن نەزىرىيىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. ساپ بىلىم ياكى تەجرىبە خاراكتېرلىق بىلىم دەيدىغان نەرسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئالىملار بار. مودېرن غەرپ ئېيتىلمىلىرى ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىنغاندا، ھەقىقەتەن بىرسى چىقىپ بىر قېتىم ئاللاھنىڭ رەھبەرلىكىنى رەت قىلسا؛ باشقىلارنىڭ بىراۋنىڭ قارىشى، پەرىزى ۋە تەخمىنىگە ئەگىشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىق ئوتتۇرىغا چىقماقتا. مودېرن غەرپ بىلىش نەزىرىيىسى پەرەز ۋە تەخمىنلەر ئاساسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىدۇ ۋە پەرەزلەرنى تايانچ قىلىدۇ. بۇ پەرەز ۋە تەخمىنلەر ئىسپاتلانمىغان ۋە ئىسپاتلىنالمايدۇ. تىلغا ئېلىنغان تەجرىبە جۇغلانمىسى ۋە ئىلمىي مېتوت تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن فورمىلاغا ئاساسلىنىدۇ:
تەخمىن ( پەرەزلەر ) + كۆزىتىش + تەجرىبە قىلىش + تەپەككۇر مەلۇمات ( ھەقىقەت ۋە پەرەزلەرنىڭ بىرلىشىشى ) = بىلىم
قۇرئاندا ئىلىمى ۋە تەجرىبە خاراكتېرلىق تەتقىقاتلار ھەر شەيئىنى بىلىشنىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان ۋاستىلىرىدۇر. ئىنسان شۇنى ئېنىق بىلىشى كېرەككى، مودېرن غەرپ بىلىش نەزىرىيىسىدىن مەلۇم بولغىنىدەك بىلىمىمىزنىڭ ھەممىسى بىۋاستە ھالدا ھېس – تۇيغۇلىرىمىزدىن كەلمەيدۇ. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى مەلۇم رامكا ئىچىگە مەھكۇم قىلىپ ئەقلىمىزنى ئىشلەتمىسەك، ھايۋانلاردىنمۇ تۆۋەن ھالغا چۈشۈپ قالىمىز. « ئۇلارنىڭ قەلىپلىرى بار، لېكىن ئۇ ئارقىلىق تەپەككۇر قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بار، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار ھايۋانغا ئوخشايدۇ. ھەتتا ھايۋانلاردىنمۇ بەتەردۇر. ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر » ( ئەئراف سۈرىسى، 179 – ئايەت ).
قۇرئاندا كۆزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئەقىل ۋە تەپەككۇرنى ئىشلىتىش ھەققىدە كۆپ توختىلىدۇ.
لېكىن قۇرئانغا ئاساسەن كائىناتتا بىز ھېس – تۇيغۇلىرىمىز ئارقىلىق ئىدراك قىلالمىغان نۇرغۇن ھەقىقەتنىڭ بارلىقىنى بىلىپ يېتىشىمىز كېرەك. « سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان ۋە كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى! … » ( ھاققە سۈرىسى، 38 ۋە 39 – ئايەتلەر ).
يېتەكچىلىك ۋە بىلىمنىڭ مەنبەسى بولغان قۇرئان، بۇ دۇنيانىڭ شۈبھىسىز ھەقىقىتى بولغان ئاللاھ تەئالانى تونۇش، ھېس – تۇيغۇلىرىمىزنى ئىشلىتىش، ئەقلىي بىلىمىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا، ئۆگىنىشتە پايدىلىنىدىغان ئاساسلىق مەنبە ۋە ۋاستىدۇر. ئەگەر بىز بۇ مەنبە ۋە ۋاستىلارنى رەت قىلساق ياكى بىرسىنى يەنە بىرسىدىن ئايرىپ ئىشلەتسەك بىلىم يارىتالمايمىز. لېكىن ۋەھشىلىك ۋە جاھالەت پەيدا قىلىمىز.
ئەپسۇسكى، دۇنيادىكى ناھايىتى كۆپ ئىنسان، بۇنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانلارمۇ بار، تەپەككۇر قىلىش ئۇسلۇبىدا ناھايىتى كۆپ مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى.
بەزى كىشىلەر ئىلمىي چۈشەنچىمىزنى ئاللاھنىڭ رەھبەرلىكىگە مۇھتاج بولماستىن، ئاددىغىنە قىلىپ كۆزىتىش ۋە تەجرىبىگە ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرالايمىز دەپ قارايدۇ. بىلىمنىڭ ئىسلامىلىشىشى تەرەپتارى بولغان مۇسۇلمان ئالىملار ئارىسىدىمۇ نېگىزلىك خاتا قاراشلار مەۋجۇت. تەجرىبە خاراكتېرلىق مېتوتتىن پەقەت فىزىكىلىق نەزىرىيە تەتقىقاتىدا پايدىلىنىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ مېتافىزىكىلىق نەزىرىيە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ. يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك قۇرئان تەرىپىدىن تەدبىقلانغان فورمىلا بۇ دۇنيادىكى ھەر شەيئىنى چۈشىنىشتە ئۆزگەرمەس پىرىنسىپتۇر.
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى – باتۇر قاراخانلې

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*