تەكفىرچىلىكنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىزلىرى: سەلەپىيلىك ھەرىكىتى ۋە تالىبان

2019-يىلى 8-ئاۋغۇست

پىروفېسسور دوكتور مەھمەت ئەلى بۈيۈككارا
قىسقىچە مەزمۇنى: ھەنەپىيلىك ۋە سوپىيلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ مۇسۇلماندارچىلىق/دىندارلىق خاراكتېرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان غول ئېقىملاردۇر. بولۇپمۇ سوپىيلىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىميىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ سېمۋوللۇق كۈچى بولۇپ كەلگەن ئىدى. 1910-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىياغا سىرتتىن ئېقىپ كىرگەن سەلەپىيلىك ئېقىمى بارلىق رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، 1980-يىللارغىچە قىسمەن بولسىمۇ ئالقىشقا ئېرىشتى، شۇنداقلا ئۇنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەنەپىيلىك- سوپىيلىقنى مۇۋازىنەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
بىر قاتار شەخسىي تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چەرىكىدە تاشكەنت ۋە پەرغانەدە تارقىلىشقا باشلىغان سەلەپىيلىك ئېقىمى، 1945-يىلىدىن كېيىن ئاز ساندا بولسىمۇ ئەرەب دۆلەتلىرىگە دۆلەت تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن دىنى ئۆلىما ۋە تالىپلار ، 1991-يىلدىن كېيىن بولسا سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى بولغان ئۆزبېك دەۋەتچىلەر ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى شەرىئەت پاكۇلتىتلىرىغا ھەقسىز قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۆھپىلىرى ئارقىسىدا رايوندا مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ نوپۇزغا ئېرىشتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمرىلىشى ۋە جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىگە ئېرىشىشىدىن كېيىن پەيدا بولغان نىسپىي دەرىجىدىكى ئەركىن مۇھىت، رايوننىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىغا مۇۋاپىق شارائىت تەييارلاپ بەردى. ھەنەپىي ۋە سوپىي كۈچلىرىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتىگە مەجبۇرىي ئىتتائەت قىلىپ ماسلىشىپ مۇرەسسە ھالىتىدە بولۇشىنىڭ خەلقنىڭ خاتىرىسىدە قالدۇرغان سەلبىي تەسىرى، شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىن دىندار ياشلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ يەرلىك جامائەتلەر ۋە دىنى ئېقىم ئورنىغا يات ۋە ئاشقۇن گۇرۇھ ۋە دىنى ئېقىملارغا مايىللىقىنى ئاسانلاشتۇردى.
جەنۇبتىكى ئافغانىستان بولسا ھىندىستاندا غول سالغان ئەھلى ھەدىس جامائىتىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق سەلەپىيلىك بىلەن تونۇشتى. ئافغانىستان جىھادىدا بولۇپمۇ سەييافقا ئوخشاش مۇجاھىد لىدېرلارنىڭ سەئۇدىي ئەرەبىستان بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىن ئافغانىستانغا جىھاد قىلىش ئۈچۈن كەلگەن كۆپ قىسمى سەلەپىيلىككە مايىل بولغان مىڭلارچە پىدائىي، سەلەپىيلىكنىڭ ئافغانىستاندا تارقىلىشىنىڭ غول سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. بۇ پىدائىيلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئەل-قائىدە تەشكىللىك ھالەتكە كەلدى، بۇنىڭغا ماس ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سەلەپىيلىك ئېقىمى زوراۋانلىق ئۇسۇللىرىغىمۇ مايىل بولغان تۈسكە كىردى.
سەلەپىيلىك ئېقىمىنىڭ بۇ خاراكتېرى كونا مەزھەپلەرگە لىبېرال ياكى ئەڭ ئاشقۇن تەرىقىدە مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق گويا ”ھەنەپىي سەلەپىيلىك“نى ياشاپ كەلگەن تالىباننىڭ تەئەسسۇپ ۋە زوراۋان سىياسەتلىرىگە تازا چۈشەتتى. ئافغانىستانلىقلار ۋە ئەرەبلەر ئارىسىدا ئورتاق دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ئەسناسىدا تەقدىرداشلىق ئېڭى شەكىللەندى، بۇ ئەھۋال ئىدىئولوگىيە جەھەتتىن مۇرەسسە قىلىش مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرىنىدىغان تالىبان بىلەن سەلەپىيلىك ئوتتۇرىسىدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلار ۋە ئەنئەنىۋى رېفكىلىس پوزىتسىيەلىرىنى نىسبەتەن بولسىمۇ يۇمشاتتى، ھەتتا بۇ ئىككى تەرەپنى بىرلەشتۈردى.
ئوتتۇرا ئاسىيا سەلەپىي ئويغىنىشىدا يېتىپ كېلىنگەن بۇ نۇقتىدا، تېررورلۇققا مۇراجائەت قىلىش ۋە ”تالىبانلىشىش“ كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزى ئاقىۋەتلەرنى تەكىتلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ ۋەزىيەت ياكى يۈزلىنىش بەزى تۈرك دۆلەتلىرىدىكى غەيرىي دېموكراتىيە ھاكىمىيەتلىرىگە قانۇنىيلىق سالاھىيىتى يارىتىپ بەرگەنلىكى مەلۇم. بۇ ھاكىمىيەتلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆزگە كۆرىنىپ تۇرغان بۇ ”دىنى خەتەرلەر“گە قارشى چەكلەش ۋە بېسىم سىياسىتىنى بىمالال ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. تېررورىزمدىن سىرت، تالىبان ۋە بەزى تەشكىلاتلارنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشى چوڭ كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئارىلىشىشىغا باھانە بولۇپ بەردى.
بومباي ۋە بەزى رايونلاردىكى قانلىق ۋەقەلەر رايوندىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە ئېغىر زىيان بېرىش بىلەن بىرگە ھىندىستان، خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەردىكى ئاز سانلىق ۋە مۇداپىئەسىز مۇسۇلمانلارنى باشقا دىنلارنىڭ ئاشقۇن مۇرىتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئىسلام بىلەن قايتىدىن پاكلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن مۇسۇلمانلار نەزىرىدە جىھادقا ئوخشاش پاكىز ساقلىنىپ قېلىشى كېرەك بولغان ئۇقۇملار كىرلىنىشكە يۈز تۇتتى. جىھادنىڭ ئاساسلىق غايىسى بولغان ”سىياسىي ئىشغالىيەتچى كۈچلەر ۋە زالىملارغا قارشى كۈرەش قىلىش“ئىدىيەسى ئەسلىي نىشانىدىن چەتنەپ مۇناسىۋەتسىز يەرلەرگە بۇرالدى. سەلەپىيلىكنىڭ ئاساسلىق ئۇقۇملىرىدىن بولغان ”ئەل- ۋەلا ۋەل بەرا“چۈشەنچىسىنىڭ كونتېكىستىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىشى نەتىجىسىدە شىئەلەر، سوپىيلەر، بىگۇناھ غەيرى مۇسۇلمانلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ”جىھاد“نىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى. بۇ ۋەھىمىيلىك ئەھۋال ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەم رايون ھەمدە دۇنيادىكى ئوبرازىغا ئېغىر داغ چۈشۈردى.
مۇسۇلمانلار بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە شۇنچىلىك ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان كۈنىمىزدە، ئاشقۇنلار ۋە مۆتىدىللەر دېگەندە سۈنئىي ئايرىش ئۇسۇلى بىلەن بۆلۈندى. رايوندىكى پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان كۈچلەر بولسا بۇ ناچار ئوبرازدىن پايدىلىنىپ مۇسۇلمانلارغا يېڭى قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇردى. رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقان چوڭ كۈچلەر رايوندا شەكىللەنگەن سەلبىي ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋەزىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلاندى، ئۇلار ئىستىخبارات خادىملىرىنى ئىشقا سېلىپ باشقىلارنىڭ سەنىمىگە ئاسانلا ئۇسۇل ئوينايدىغان ئاز سانلىق ئاشقۇن دىنى گۇرۇھلارنى سەھنىگە چىقاردى. بۇ ئاشقۇن دىنى گۇرۇھلار ناھايىتى ۋەھىمىيلىك قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ قالايمىقان قىلىۋەتتى. مەسىلەن، بۇ ئاشقۇن گۇرۇھلار چوڭ كۈچلەرنىڭ ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى ئىجرا قىلىدىغان شايكا ياكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكلىرىنىڭ قوشۇمچە ئىشىنى قىلىدىغان دەللال بولۇشتەك روللارنى ئۈستىگە ئالدى.
ئەل قائىدچى سەلەپىي ئىدىئولوگىيەسى غەرب دۈشمەنلىكىنى، جىھاد ۋە شاھادەتنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدۇ، بۇ زۇلۇم ئاستىدا قالغان ۋە ئىززەت-ئابرويى ئاياق ئاستى قىلىنغان بىر تۈركۈم دىندار كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ، لېكىن ئەل قائىدە تەشكىلاتىنىڭ كۈچلۈك كۈرەش پەلسەپىسى ۋە ئەخلاقىنىڭ بولماسلىقى نۇرغۇن ئىسلامىي قاتلام ئارىسىدا زور ئەندىشە ۋە بىئارامچىلىق پەيدا قىلغانلىقىمۇ ئېنىق. ئىنسانىيەتكە بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارغا قانداق خىزمەت قىلىشنى بىلمەيدىغان ۋە ئاساسلىق غايسى مەۋھۇم بولغان بۇ تەشكىلات، پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئىسلامچىلارغا ئىشەنچ ۋە ئىلھام ئېلىپ كېلىشتىن ئاجىزدۇر. بۇنىڭدىن سىرت بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇسۇلمان دىنى ئۆلىمىلارنى ۋە رەھبەرلەرنى ئاسانلا تەكپىر قىلىشى، مۇسۇلمان دۆلەتلەردە تېررورىزمدىن ئىبارەت بالايى-ئاپەتنى تېرىپ قويۇشى ۋە بىگۇناھ ئىنسانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى قاتارلىق ئېغىر قىلمىشلىرى تۈپەيلى ھەققىي سەلەپىيلىكتىن ئېغىپ كەتكەن تەشكىلات دەپ قارالسا ھەرگىزمۇ خاتا بولمايدۇ.
بولۇپمۇ ئەرەب باھارىدا ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قاتارلىق دۇنياۋى قىممەت قاراشلار ئەتراپىغا يىغىلغان زور تۈركۈمدىكى دىندار كىشىلەر ۋە ئىسلامچىلار، ئەل-قائىدە كۆزلىگەن نىشان ۋە يەردىن چىقماي قالدى. بۇ ئەھۋالدىن بىئارام بولغان ئەل-قائىدچىلار ئوتتۇرا ئاسىياغا ئوخشاش سىياسىي سۈركىلىش يۈز بېرىۋاتقان رايونلاردا تالىبان ۋە ئۇنىڭ ھىمايىسىدىكى تەشكىلاتلار ئارىسىدا مەزھەپ پېتنىسى پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، ئىراننىمۇ بۇ ئىشقا سۆرەپ كىرىشكە ئۇرۇندى، ئەمەلىيەتتە ئەل-قائىدچىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى غەرىزى ئۆزىنىڭ ئورنى، سالاھىيىتى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە نىشانىنى مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ قانۇنىيلىققا ۋە رەسمىيلىككە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، نوپۇز ۋە تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىش ئىدى. ئەل-قائىدىچىلەر ئىراقتا يۈرگۈزگەن بۇ سىياسىتىنى كۈنىمىزدە سۈرىيەدە يولغا قويماقتا، ئوتتۇرا ئاسىيادا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئەل-قائىدىنى رايوندا تالىبان بىلەن بىرلىكتە سۈنئىيلىكنىڭ قۇتقازغۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن.
رايوننىڭ ۋەزىيىتى قانچە مۇقىمسىز بولسا ئەل-قائىدىگە ئوخشاش تەشكىلاتلار ئۈچۈن شۇنچە ياخشى، چۈنكى مۇقىمسىزلىق بۇنداق تەشكىلاتلارنىڭ ئوزۇقلىنىش مەنبەسى ۋە مەۋجۇدلۇقىنىڭ كاپالىتىدۇر. بۇ سەۋەبتىن 2012-يىلىنىڭ بېشىدا تالىبان بىلەن باشلىغان تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ئەل-قائىدىگە ئوخشاش كۈچلەر بۇزغۇنچىلىققا قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ تىنچلىق مۇساپىسىگە باشلامچىلىق قىلغان ئافغانىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى بۇرھانەددىن راببانىنىڭ (2011-يىلى سېنتەبىر)ئۆلتۈرۈلۈشىگە بۇ نۇقتىدىن قاراش كېرەك. كېيىنكى كۈنلەردە راببانى ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ ھارام بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئىسلام ئالىملىرىنى قايىل قىلىشقا تىرىشىپ باققانلىقى ھەممىگە مەلۇم. قىسقىسى، مۇشۇنداق قۇرۇلما ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئەل-قائىدىچى سەلەپىيلىك مودېرن ئىسلامىي ھەرىكەتلەر ئىچىدە ھەجىم جەھەتتە كىچىك ھېسابلىنىدىغان، لېكىن ياراتقان تەسىرى ۋە ئوبراز جەھەتتىن زور يوشۇرۇن كۈچى بولغان ئىدىئولوگىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھاكىمىيەتلەر رايونغا سىرتتىن ئېقىپ كىرگەن زىيانلىق دىنى-سىياسىي تەشكىلاتلارنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دېموكراتىيە، سىياسىي ئىسلاھات ۋە دىنى ئەركىنلىك قاتارلىق ساھەلەردە جەسۇرلارچە قەدەملەرنى تاشلىشىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئەل قائىدىگە ئوخشاش تەشكىلاتلار ئاسان پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىدۇ، ھەتتا دېموكراتىيەگە قاراپ يۈزلىنىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن ئەمەلىي ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، رايون دۆلەتلىرى نىسبەتەن ئۆكتىچىلىك قىلىۋاتقان بارلىق دىنى تەشكىلات ۋە جامائەتلەرنى قارا قويۇق ۋاھابىيلىق كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ ئەل-قائىدچىلەرگە ئوخشاشلا مۇئامىلە قىلماقتا، يوقىلاڭ ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئۇلارنى قانۇن نامىغا جازالاندۇرماقتا. بۇ ئەھۋال ئاشقۇن گۇرۇھلارغىمۇ باھانە بولۇپ بېرىپ، ئۆزلىرى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىيەنىڭ نە قەدەر توغرا ئىكەنلىكىنى كۆككە كۆتۈرۈشىگە زېمىن تەييارلاپ بەرمەكتە.
مۇقەددىمە
كۈنىمىز سىياسىي جۇغراپىيەسىدە تۈركمەنىستان بولسا ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستان، شۇنداقلا ئافغانىستاننىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا، نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدىغان ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدۇر. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام كۈلتۈرىنى ھەنەپىي-ماتۇرىدىي فىقىھسى ۋە ئەقىدىسى بىلەن نەقشىبەندىچىلىكنى ئاساس قىلغان تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلىرى تەشكىل قىلىدۇ. مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسمى سۈننىيلەردىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، ئۇلارغا نىسبەتەن مەزھەپكە تەۋەلىكى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.
رويمۇ تەكىتلەنگەندەك، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىنى ئۆلىمالار كىتابلىرىنى مەككە، مەشھەد ياكى قۇمدىن ئەمەس لاھور، دېھلى ۋە بومبايدىن ئەكەلدۈرەتتى. چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دىيوبەندىييە ئىلىم ھاۋزىسىنىڭ ئىلىم مەركەزلىرى بىلەن ئالاقە ئىچىدە بولۇپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا سۈننىيلىكى سەلەپىي ۋە مودېرنىستىك ئېقىملاردىن خالىي ھالدا قۇرئان ۋە ھەدىس مەركەزلىك دىنى چۈشەنچىگە مايىل بولۇپ، بەكرەك ھەنەپىيلىك شەكىللەندۈرگەن شەرىئات قائىدىلىرى بويىچە ئىش تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. 20-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا باش كۆتۈرگەن ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلىدىغان تاتار جەدىدچىلىك ھەرىكىتى زور تەسىرلەرنى پەيدا قىلالمىدى. رايوندىكى خەلق مۇسۇلماندارچىلىقىنىڭ قەلبى ھېسابلىنىدىغان مەدرەسەلەر، جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئانايۇرتى بولغان شىمالدىكى قازانغا قارىغاندا، جەنۇبتىكى ھىندىستان ھاۋزىسىدىن بەكرەك ئوزۇقلانغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال رايوننىڭ دىنى ئەنئەنىسىگە مۇھاپىزكارچىلىق تۈسىنى ئاتا قىلغانىدى.
شەرئىي ئاساسلىرى كۈچلۈك ھېسابلىنىدىغان مۇھاپىزىكارچىلىق ئەنئەنىسىدە تەسەۋۋۇپى ھايات شەرىئەتنىڭ تولۇقلىغۇچىسى سۈپىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان بولسىمۇ ، ەركىن قويۇۋېتىلمەستىن فىقىھنىڭ نازارىتىگە تاشلاپ قويۇلغانىدى. بۇ خىلدىكى تەسەۋۋۇپى ھايات ئىچىدە ھەر زامان گۇمانلىق دەپ قارىلىپ كېلىنىۋاتقان ”ۋەھدەتى ۋۇجۇد“ ئېقىمى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى جەلپ قىلارلىق ئىپادىلىرى يىلتىز تارتالمىغانىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئوتتۇرا ئاسيادا يەرلىك مەدرەسەلەر ۋە دەرگاھلارنىڭ تەسىر دائىرىسىدىن خالىي بولغان ۋە بەكرەك قازاق، قىرغىزلار ئىچىدە يىلتىز تارتقان شامانىزمنىڭ ئىزلىرى تېپىلىدىغان ۋە كونا يەسەۋىلىكنىڭ خاراكتېرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئەۋلىياغا چوقۇنۇشنى چوڭ بىلىدىغان نىسبەتەن ئىپتىدائىي سوپىزمنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مەدرەسە ئۆلىمالىرى بۇ خىلدىكى سوپىزم ئېقىملىرىغا قاتتىق قارشى چىقىپ ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلسىمۇ، لېكىن ھەنەپى-ماتۇرىدىلىقنىڭ كەڭ دائىرلىك ئىمان چۈشەنچىسى تۈرتكىسىدە دىنى توقۇنۇشلار كۆپ يۈز بەرمىگەنىدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىنى ئەنئەنىدە شىئەلىككە كۈچلۈك قارشى چىقىلىدىغان بولۇپ،بۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرا ئاسىيا شىئەلىكنىڭ تارىخىي سىياسىي ۋەكىلى ھېسابلىنىدىغان ئىران بىلەن كۈلتۈر جەھەتتىكى ئالاقىسى تۆۋەن سەۋىيەدە بولۇپ كەلگەن. بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك مەزھەپ جەھەتتە ئورتاقلىق بولمىغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يەرلىك خەلقلىرىگە، مەسىلەن ئافغانىستاننىڭ ھازارا شىئەلىرى ياكى پامىردىكى باتىنى ئىسلامىييە شىئەلىرىگە قارشى دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيە شەكىللەنمىگەن. ئاز سانلىق بولغان بۇ گۇرۇپپىلارغا ھەنەپى-ماتۇرىدىلىق ۋە ئۇنى ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرىدىغان سوپىيلىق ئەنئەنىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىنغان بولۇپ، ئەسىرلەر بويىچە سۈنئىي قوشنىلىرى بىلەن چىقىشىپ ياشاپ كەلگەن. بۇنداق بولۇشىدا ھەنەپى-ماتۇرىدىلىقنىڭ باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىدىيەسى بىلەن سوپىزمنىڭ خوش پىئىللىقنى ياقلايدىغان چۈشەنچىسى مۇھىم رول ئوينىغان.يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارغا دىنى ياكى مەزھەپ ئامىللىرى سەۋەب بولۇشتىن بەكرەك، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ئېتنىك ئامىللار سەۋەب بولغان.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خەلق مۇسالماندارچىلىقىغا پاراللىل ھالدا ۋۇجۇدقا چىققان رەسمىي دىنى ئورۇنلارنىڭ ئىسلامىي كىملىكى توغرۇلۇق توختالمىساق بولمايدۇ، چۈنكى توختالمىساق تېمىمىزنى تولۇق يورىتىپ بېرەلمەيمىز. بارلىق رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەخمىنەن تۆتتە ئۈچى ياشايدىغان ئوتتۇرا ئاسىيادا رەسمىي دىنى ئورگان سۈپىتىدە 1943-يىلى قۇرۇلغان سادۇم ( Sredne Aziatskoe Duhovleniye Upravleniye Musulman)، رۇسىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرىشى تۈپەيلى كېلىپ چىققان قىيىنچىلىقلار بىلەن سىتالىننىڭ دىن بىلەن چىقىشىش ئارقىلىق يۇرتپەرۋەرلىكنى جانلاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلاتى ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بەزى ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ ھەجىگە بېرىشىغا يول قويۇلغانىدى.
ئىسھان باباخان (1957-يىلى ۋاپات بولغان)، ئوغلى زىيائۇددىن باباخان (1982-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ ئوغلى شەمسۇددىن باباخان (1982-1989) قاتارلىق شەخسلەر سوۋېت ئىتتىپاقى يىمرىلىگۈچە سادۇمامنىڭ باش مۇپتىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. يىگىرمە بەش يىل سادۇمىڭ باش مۇپتىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن زىيائۇددىن باباخان ماقالىمىزنىڭ كېيىنكى بۆلۈمىدە تىلغا ئېلىنىدىغان شامى داموللىنىڭ تەسىرىدىكى رايوننىڭ تۇنجى سەلەپىلىرى ئىچىدە بارلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن يېقىندىن تەقىب قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق گەپ سۆزلەر بار، لېكىن ئۇ بەكرەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتىگە ماس كېلىدىغان ۋە ئىسلاھ قىلىنغان دىنى قاراشلارنى ياقلىغانىدى، شۇڭا ئۇنىڭغا سەلەپى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش توغرا ئەمەس. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەنەپى ئىكەنلىكىنى، جەمەتىنىڭ نەقشىبەندىلىك بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى دەپ كەلگەنىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تەرىقەت ۋە پۇتپەرەستلىكنىڭ قالدۇقى دەپ قارىلىدىغان سوپىزمغا قارشى كۈرەش قىلىپ كەلگەن، لېكىن بەزى چاغلاردا ھەنەپى مەزھىپىنىڭ ئىجتىھاد ئۇسۇلىغا زىت پەتۋىلارنىمۇ بەرگەن.
شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ئوتتۇرا ئاسىيادا خەلق مۇسۇلماندارچىلىقىغا زېمىن تەييارلاپ بەرگەن ئەنئەنىۋى ھەنەپىلىك ۋە تەسەۋۋۇپقا سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى چىش تىرنىقى بىلەن قارشى چىقتى، ھەتتا سادۇمدىكى دىنى ئۆلىمالارنى ئىشقا سېلىپ مەزكۇر ئىسلامىي چۈشەنچىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇندى. شەيخ شامىلنىڭ 19-ئەسىردە چاررۇسىيەگە قارشى ئېلىپ بارغان مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى، 1920-يىللارنىڭ بېشىدا داغىستان قوزغىلىڭى ۋە 1917-يىلىدا باشلاپ 1930-يىلغىچە داۋاملاشقان باسمىچىلار ھەرىكىتىنى ئەنئەنىچى مەدرەسەلەر ۋە تەرىقەتلەر قوللىغانىدى. بۇ سەۋەبتىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى ھەر ۋاقىت بۇ ئىسلامىي قاتلاملارنى سىياسىي تەھدىت سۈپىتىدە كۆرۈپ كەلدى.
1- ئوتتۇرا ئاسىيادا سەلەپىلىك
1-1- سەلەپىلىك ئېقىمى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە ”ئەڭ خەيىرلىك نەسىللەر“دەپ سۈپەتلەنگەن ، ساھابە، تابىئىن ۋە تەبەئى-تابىئىن نەسلى، يەنى ”سەلەپ“ (كەلىمە مەنىسى ”ئالدىنقىلار“) چۈشىنىپ ياشىغان ئىسلامنى چۈشىنىپ ياشاش نىشانى، سەلەپى دىنى ئېقىمىنىڭ مۇشۇ نامنى ئېلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرىدۇر. ھەدىسىلەر باشتا بولۇپ تۇنجى ئىسلامىي نەسىللەرنىڭ دىنى چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرگەن ۋە ئەكس ئەتتۈرگەن رىۋايەتلەرنى مەنبە قىلىپ دىننى ياشىغانلىقى، ”دىن رىۋايەتلەردىن ئىبارەتتۇر“دېگەن چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ”ئەھلى ھەدىس، ئەلى ئەسەر، ئەھلى ئىتتىبا“سۈپەتلىرىمۇ بۇ ئېقىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان باشقا ناملاردۇر. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ياشىغان ئەھمەد بىن ھانبەل (855-يىلى ۋاپات بولغان)،كېيىنكى مەزگىللەردە ياشىغان ئىبنى تەيمىييە (1328-يىلى ۋاپات بولغان) بۇ ئېقىمنىڭ نەزىرىيەسىنى بەرپا قىلغان مەشھۇر ئالىملاردۇر.
”ھەلەپ“نىڭ يەنى ”كېيىنكى“نەسىللەرنىڭ ”ئەقلىيلەشكەن“دىنى مېتودلىرى، بىۋاستە ناسنى ئاساس قىلماستىن ئىتىقادىي ۋە فىقىھى ئېقىملارنى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ پىكىرلىرى ئەتراپىدا ”مەزھەپلەشكەن“پىكىرلەر، ھەدىسلەرنى ئاساس قىلىدىغان تەقۋا ۋە ئاددىي –ساددا تۇرمۇشنى ياشاشنىڭ ئورنىغا تەرىقەت ئىدىيەلىرى بىلەن بىر پۈتۈنلەشكەن دىنى ھاياتلىرى قاتارلىقلار سەلەپى ئېقىمنى قوبۇل قىلغۇچىلار تەرىپىدىن ”بىدەت ۋە دالالەت“دەپ تەرىپلەندى. بۇ سەۋەبتىن سەلەپىلەر ئۆزلىرىنى ئەھلى سۈننەتنىڭ يېگانە ۋەكىللىرى سۈپىتىدە كۆرىدۇ. ئەل فىرقاتۇن ناجىيە (نىجادلىققا ئېرىشكەنلەر)، ئەھلۇل ئىستىقامە (توغرا يولنىڭ مەنسۇبلىرى) ياكى ئەت تايفەتۇل مەنسۇرە (ئىلاھىي ياردەمگە لايىق بولغۇچىلار)دېگەن ناملارنىمۇ ئۆزلىرىگە لايىق كۆرۈشىدۇ. ئۇلاردىن بولمىغان ھەنەپىلەر، ئەشئارىلەر، شىئەلەر، تەرىقەتچى سوپىيلار ۋە باشقا مۇسۇلمان گۇرۇھ ۋە ئېقىملارنىڭ مەنسۇبلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەھلى بىددەت ئىگىلىرى بولۇپ، ئۇلار تەبلىغ ۋە دەۋەتكە ئېھتىياجلىقتۇر. قىسقىسى، ھەدىس مەركەزلىك تېكىستچىلىك بىلەن مونوپۇللۇق ۋە چەتكە قاققۇچىلىق سەلەپىلەرنىڭ ئىككى مۇھىم خۇسۇسىيىتى ھېسابلىنىدۇ. مۇتلەق ھەقىقەتكە ئۆزلىرىلا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى،توغرا يولىدا ئۆزلىرىلا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان سەلەپى ئېقىمى دەۋر ۋە زاماننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەر، تەرەققىياتلار ۋە ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ، ئوخشىمىغان قاراشلارغا، دىنى ئېتىقادلارغا ۋە ھەر خىل ئىجتىمائىي قاتلام كىشىلىرىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالمايدۇ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتى ۋە مەنىسىدىن بەكرەك كۆرۈنۈشىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. قىسقىسى، ئاشقۇنلۇق ئۇلارنىڭ روشەن خاراكتېرىدۇر.
ۋاھابىلىك ياكى ۋاھابىيە كۈنىمىزدە غەيرى سەلەپى قاتلاملار تەرىپىدىن سەلەپى ئېقىملىرىنى تەرىپلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كەڭ ئومۇملاشقان نامدۇر. ۋاھابىلىققا ئۆز ئىسمىنى بەرگەن مۇھەممەد بىن ئابدۇلۋاھاب (1792-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە سەلەپى دىنى ئېقىم چەتكە قاققۇچى خاراكتېرىنى تەكفىر سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزىدىن بولمىغانلارغا قارشى زوراۋانلىق قىلىشنىمۇ راۋا كۆرىدىغان دەرىجىگە بېرىپ، تارىخ سەھىپىلىرىگە كۆمۈلگەن خاۋارىچلىق ئېقىمىنى قايتىدىن جاندۇردى. سەلەپىلىكنى دۆلەت مەزھىپى سەۋىيەسىگىچە ئېلىپ كەلگەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن سەلەپى كىملىكى بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەر كۈنىمىزدە بۇ ئېقىمنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئومۇملىشىشى ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ۋە سىياسىي ئىسلامنى نىشان قىلغان ھالدا يولغا قويغان سىيەسەتلىرى تۈپەيلى، 1990-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ سەلەپىلەر سېپىدا زور يىمرىلىش كۆرۈلۈشكە باشلىدى، نەتىجىدە سەلەپىلەر سېپىدىن بىر تۈركۈم كىشى ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىشقا ئۆتتى. قويۇق سىياسىي تۈسكە ئىگە بولغان ۋە زوراۋانلىق مېتودىنى قوبۇل قىلغان بۇ ئېقىم ”جىھادى سەلەفىيە“دەپ ئاتالدى.
2.1- سەلەپىلىكنىڭ ئوتتۇرىغا ئاسىياغا كىرىشى
مۇقەددىمە قىسمىدىمۇ تەكىتلەنگىنىدەك تەسەۋۋۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ سىمۋوللۇق كۈچى بولغانىدى. سوپىزم ۋە ھەنەپىلىككە ئوخشاشلا بىر دىنى چۈشەنچە ئېقىمى بولغان سەلەپىلىك سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە باشقا دىنى ئېقىملارغا ئوخشاش بېسىمغا ئۇچرىدى، لېكىن بۇ بېسىم باشقا دىنى ئېقىملارغا نىسبەتەن سەل يىنىك ئىدى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىميىتى 1980-يىللارغىچە سەلەپى ئېقىمىغا نىسبەتەن يۇمشاق مۇئامىلە قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنداق قىلىشى قانداقتۇر سەلەپىلىكنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىياغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ھەنەپىلىك ۋە سوپىزمغا قارشى يېڭى بىر دىنى چۈشەنچىگە زېمىن تەييارلاپ بېرىش ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادا قانچە كۆپ دىنى ئېقىم بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن شۇنچە ياخشى بولاتتى.
ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇنجى بارغان سەلەپى ئۆلىمالاردىن بولغان مەدىنەلىك سەيىد شارى مۇھەممەد توغرۇلۇق يېتەرلىك مەلۇمات يوق. ئۇنىڭ 1910-يىللارنىڭ بېشىدا تاشكەنتكە ماكانلاشقانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات بار. 1919-يىلى تاشكەنتكە بارغان شامى داموللا (1932-يىلى ۋاپات بولغان) تاشكەنتتە تېخىمۇ كۈچلۈك نوپۇزغا ئېرىشكەن. ئەسلى ئىسمى سەيىد بىن مۇھەممەد بولغان تىرابلۇشاملىق بۇ شەخس، ئەل-ئەزھەردە ئوقۇغاندىن كېيىن، سۇلتان 2-ئابدۇلھەمىد دەۋرىدە ۋاھابىلىقنى تەشۋىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئوسمانلى دۆلىتىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇ ئوسمانلى دۆلىتىدىن ئايرىلىپ ئافغانىستان، كەشمىر، ھەتتا شەرقىي تۈركىستاننى ئايلانغان. بۇ رايونلارنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن تاشكەنتكە كېلىپ ۋاھابىلىقنى تەرغىپ قىلغان. تەرىقەتلەرنىڭ دىنى چۈشەنچىلىرى ۋە سوپىزمنى ھەدىسلەرنى دەلىل كۆرسىتىپ تۇرۇپ قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇ يەنە رايوندا تۇغۇت، ئۆلۈم، نىكاھ، ئوزۇقلىنىش ئادىتى، ھېيت قاتارلىق يەرلىك ئادەتلەرنىڭ دىنغا مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇلارنى يوق قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ تەشەببۇسىغا يەرلىك ئۆلىمالار قاتتىق قارشى چىققان. لېكىن تاشكەنتتىكى باي سودىگەرلەر ۋە سەر خىللار قاتلىمى ئىچىدە زور ئابرويغا ئېرىشكەن. سۈننىيلىك تەرىپىدىن قۇرئاندىن قالسا ئەڭ توغرا مەنبە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ”سەھىھى بۇخارا“ناملىق ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى بولغان ئىمان بۇخارىنىڭ (869-يىلى ۋاپات بولغان)نىڭ مەملىكىتىدە، ھەنەپى فىقھىسىغا قارشى ھەدىسچىلىك ئېقىمقى شامى داموللانىڭ زور تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە مەلۇم دەرىجىدە بازار تاپقان.
ئوتتۇرا ئاسىيادا چوڭقۇر يىتلىز تارتقان سوپىزم ئەنئەنىسىگە قارشى چىققان لېكىن دۆلەتنىڭ بېسىمى كۆپ ئۇچرىمىغان داموللىنىڭ تاشكەنتتىكى تەسىرى ئۇنچىۋېلا زور بولمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تالىپلىرى پەرغانە ۋىلايىتىدە داموللىنىڭ ئىدىيەسىنى تارقىتىپ مەلۇم دەرىجىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن. قارىخانا نامى بىلەن غەيرى رەسمىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەدرەسەلەر ۋە دەرگاھلار كۆپ بولغان پەرغانە ۋادىسىدا، مەسىلەن قوقەنتكە بارغان شاھ رەھىم قارى شەيخ كامېلوۋ (1963-يىلى ۋاپات بولغان)غا ئوخشاش ئۇستازلارنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا مەلۇم بىر گۇرۇپپا تەشكىل قىلغانلىقى مەلۇم. سەلەپىلىك يولىدىكى بۇ يېڭى نەسىل، رايونغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ھەنەپى دىنى مەدرەسەلەرگە قارشى يېڭى مەدرەسەلەرنى قۇرۇشقا ئۆتۈپ، رايوندا نوپۇز تىكلەش يولىدا بەزى كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىغان. داموللىنىڭ تەسىرىدىن باشقا،1895-يىلى تۇغۇلغان ھاكىمجان قارى (ۋاسىيېۋ)ئىسىملىك مەھەللىۋى تەسىرگە ئىگە بولغان شەخسمۇ پەرغانە ۋادىسىدا سەلەپىلىكنىڭ تارقىلىشىدا مەلۇم دەرىجىدە رول ئوينىغان. ئۇنىڭ كۈچلۈك كۈرەش روھىغا ئىگە بولغان شاگىرتلىرى كېيىنكى يىللاردا سەلەپىلىكنىڭ تارقىلىشىدا بەزى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. بۇ ياشلار سىياسەتكە ئاكتىپ ئارىلىشىشنى تەشەببۇس قىلاتتى، لېكىن بۇرۇنقى مەدرەسەلەردە يېتىشىپ چىققانلار بولسا يېڭى سەلەپى ئېقىمىدىكى بۇ ياشلارغا ئوخشاش سىياسەتكە ئارىلىشىپ كەتمەيتتى.
1956-يىلىدىن 1964-يىلىغىچە كرۇشېۋ دۆلەت رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن مەزگىل، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيا ۋە ئافرىقاغا ئېچىلىشنى دۆلەت سىياسىتى سۈپتىدە يولغا قويغان مەزگىل ئىدى. سوتسىيالىستىك ئەرەب ھاكىمىىيەتلىرىدىن سىرت باشتا سەئۇدى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر قاتارلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنىڭ كويىدا يۈرگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى، دۆلەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش دائىرىسىدە ئىقتىساسلىق ۋە ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى يولغا قويغان، بۇ جەرياندا سادۇمدا خىزمەت قىلىدىغان دىنى ئۆلىمالار بىلەن سادۇمدا تەلىم-تەربىيە ئالغان تالىپلار ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى كۇرس ۋە مەكتەپلەرگە تىزىملىتىپ ئوقىغاندىن سىرت، ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلغان. يەنە بۇ مەزگىلدە ئەرەب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن سادۇم كۇتۇپخانىلىرىغا ياخشى نىيەتنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە نۇرغۇن كىتاب ئىئانە قىلىنغان. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە سادۇمدا زور قىيىنچىلىقلاردىن بىرى بولغان كەلگەن دىنى كىتابلارنىڭ ئازلىقى مەسىلىسى مەلۇم دەرىجىدە ھەل بولغان. برېجنېۋ دەۋرىدىمۇ (1964-1962)مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بۇ ئالاقە داۋاملاشقان. مەسىلەن، 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ پىكىرلىرى ۋە ئىدىيەلىرى ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بارىدىغان ئوقۇغۇچىلار قوشۇنى شەكىللەنگەن.
ھەدىس مەركەزلىك ۋە يەرلىك دىنى ئەنئەنىگە قارشى بولغان سەلەپىلىككە پەرغانىنىڭ ئەنئەنىۋى مۇرشىت ۋە موللىرى قاتتىق قارشى چىققان. پەرغانىنىڭ يەرلىكلىرى سەلەپىلەرنى ۋاھابىلار دەپمۇ ئاتىغان. پەرغانە موللىرى سەلەپىلەرگە قارشى ئىلمىي يوسۇندا رەدىيەلەرنى قايتۇرۇشتىن باشقا، كەسكىن بەس-مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بارغان. مۇھەممەدجان ھىندۇستانى (رۇستەموۋ)، سەلەپىلىككە قارشى چىققان ئۆكتىچى قاراشتىكى غوللۇق شەخسلىرىدىن بىرى ئىدى. 1892-يىلى تۇغۇلغان بۇ موللا قوقەنت ۋە بۇخارادا باشلىغان دىنى تەلىم-تەربىيەنى ھىندىستاندا داۋاملاشتۇرغان. ئوقۇشنى تۈگىتىپ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئەنئەنىۋى ھەنەپى دىنى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بويىچە مەخپىي ئوقۇغۇچى تەربىيەلىگەن. يۈز ياشتىن كۆپرەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بۇ شەخس ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىمۇ ئوقۇغۇچى تەربىيلەپ چىققان.
3.1- سەلەپىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشى
ھىندۇستانى (1989-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئوقۇغۇچىلىرى پەرغانىدە سەلەپىلەر بىلەن رەسمىي سوغۇق جەڭگە كىرگەن. ”پەتىھا“دىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ”ئامىن“نى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن دەيدىغان، رۇكىدىن كېيىن قوللىرىنى كۆتۈرىدىغان ياشلار رايوندا چوڭقۇر يىتلىز تارتىپ كەتكەن ئەنئەنىۋى دىنى ئىبادەتلەردىكى نۇرغۇن نەرسىنى بىددەت ئېلان قىلىپ رەت قىلاتتى. ئۆلۈكنىڭ كەينىدىن ياكى كېسەللەرگە شىپا بولسۇن دەپ قۇرئان خەتمە قىلىش،قۇرئان خەتمە قىلىپ بەرگەن موللاملارنىڭ ھەق ئېلىشى، ئەۋلىيا ۋە ئۆلىما مەقبەرەلەرنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلارنى ياقلاشقا مەجبۇر بولغان ھىندۇستانى بىدەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ قالماستىن، دۆلەت بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشى سەۋەبىدىنمۇ ئەيىبلىنەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ دۆلەت بىلەن يېقىن ئۆتۈشى سەلەپىلەرنىڭ نەزىرىدە خىيانەت ھېسابلىناتتى. ھىندۇستانى سەلەپىلىكنى سىرتتىن ئېقىپ كىرگەن زىيانلىق ئېقىم دەپ قاراپ، سەلەپىلەرنى پېتنە-پاسات تېرىپ خەلقنىڭ پارچىلاش بىلەن ئەيىبلەيتتى.
رەھمەتۇللاھ قارى (1981-يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئابدۇۋەلى قارى( 1952-1995) باشچىلىقىدىكى ياش سەلەپىلەر ھىندۇستانى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش پىكىردىكىلەر بىلەنلا زىددىيەتلىشىپ قالمىغانىدى. ياش سەلەپىلەر سەلەپى ئۆلىمالىرىدىن ھاكىمجان قارى بىلەنمۇ 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدا زىددىيەتلىشىپ قېلىپ يوللىرىنى ئايرىغان. ھاكىمجان قارىنىڭ كوممۇنىستىك ۋە ئاتىئىست سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى ئالدىدا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماسلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمرىلگەندىن كېيىن يېڭى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ لايىك تۈزۈملىرىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن قوراللىق قوزغىڭلاڭنى قوللىماسلىقى قاتارلىقلار ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن ئىدى. 1980-يىللاردا باشلىغان بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرگە ماس ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا سەلەپىلىكى ئىچىدە ”جىھادى“ھەرىكەتلەرنىڭ پارتىلىشىدىن بىشارەت بېرەتتى.
سىتالىن ھۆكۈمىتى يولغا قويغان بېسىم سىياسىتى تۈپەيلى ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئۇلار ئافغانىستان ۋە تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەگە كۆچكەن. بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال ماۋ زېدۇڭ ھاكىمىيىتىدىكى قىزىل خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىمۇ يۈز بەرگەن. كۆچۈپ كېلىنگەن دۆلەتلەر ئارىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننمۇ بار ئىدى. بولۇپمۇ 1920-1960-يىللار ئارىلىقىدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن كۆپ قىسمى ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن كېيىن ئوتتورا ئاسىيادا ئىسلامنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىدا ئوينىغان رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشقۇرۇشىدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن ”رابىتۇل ئالەم ئىسلام“تەشكىلاتى ۋاستىسى ئارقىلىق، يىللار ئىچىدە سەلەپىلەشكەن ئۆزبېك تەبلىغچىلەر ئۆزبېكىستان چېگراسىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىشى بىلەن يۇرتلىرىغا كېلىشكە باشلىدى. سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد جەھەتتىن قوللىشى ئارقىسىدا جامەلەر ۋە مەدرەسەلەر ئاچتى. كېيىنكى مەزگىللەردە ئۆزبېكىستاندا سودا قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەرمۇ جامە سالدۇردى. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئاھالىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۆزبېكىستاندا نادانلىق پاتقىقىغا يېتىپ قالغان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەر ۋە قانداشلىرىغا ”توغرا ئىسلام ۋە سەھىھ ئىتىقاد“نى ئۆگىتىش مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقى بار ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ”توغرا ئىسلام“نى بىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قانداشلىرىنىڭ ”توغرا ئىسلام“دىن خەۋىرى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىك خەلقمۇ سىرتتىن كېلىدىغان يېڭى نەرسىلەرگە تولىمۇ قىزىقاتتى.
خەلقئارا مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش ئالىي دىنى مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ياشلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىنى تەبلىغ ئىشلىرىدا مەلۇم دەرىجىدە ئىلگىرىلەش كۆرۈلدى. كوممۇنىستىك خىتاينىڭ 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى نىشان قىلىپ يولغا قويغان ئىسلاھات ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئوخشاش ئۆزگىرىشلەر قىسمەن بولسىمۇ بارلىققا كەلدى. ھەتتا 2000-2001-يىللاردا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ”رابىتۇل ئالەم ئىسلام“نىڭ باش كاتىپلىقى رەھمۇتۇللاھ تۈركىستانى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرغا تاپشۇرۇلدى.
ئوتتۇر ئاسىيادىكى يېڭى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ سابىق كوممۇنىست لىدېرلىرى دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئۆزلىرىنى ”ياخشى مۇسۇلمان“دەپ تونۇشتۇردى، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە تىرىشتى، ھەتتا ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلدى. لېكىن بۇ ئەھۋال ئۇزۇنغا بارمىدى، چۈنكى ھاكىمىيەتكە قارشى ئاشقۇن ”ئىسلام“چىلىق ھەرىكىتى باش كۆتۈردى. ئاشقۇن ”ئىسلام“چىلىق ھەرىكىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر قاتار سىياسەتلىرى ئاز بولسىمۇ رول ئوينىغان، دەپ قارالدى. شۇڭا دەرھال تەدبىرلەر ئېلىندى. مەسىلەن، ئۆزبېكىستان ھەجگە بارىدىغانلارنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىۋەتتى، ئەركىن كېلىپ چىقىشلارنى چەكلىدى. ھەجنىڭ مۇپتىلىقنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشىنى قارار قىلدى. ھاجىلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى بولغان ئۆزبېك ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ مېھمانخانىلىرىدا قېلىشىغا ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. سەئۇدى پۇقرالىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلدى. تېگى ئوتتۇرا ئاسىيالىق بولغان لېكىن سەئۇدى پۇقراسى بولغان نۇرغۇن تەبلىغچى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى.
ھاكىمىيەتنىڭ ئاشقۇن تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرىگە سەلەپىلەرلا ئۇچرىمىغانىدى. ئەسلىدە سەلەپىلىكنى مۇۋازىنەت ھالەتكە ئېلىپ كېلەلەيدىغان، ھەتتا سەلەپىلىكنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرەلەيدىغان ئېقىملارمۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئاشقۇن تەدبىرلىرىدىن نىسىۋىسىنى ئالدى. مەسىلەن، تۈركىيەدە باش كۆتۈرگەن نۇرجۇ جامائىتىنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ كۈچلۈك ھالدا تەقىب قىلىندى. بۇ جامائەتنىڭ نۇرغۇن مەكتىپى تاقالدى، ئوقۇتقۇچىلىرى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى، گېزىت ۋە ژۇرناللارنىڭ تارقىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى. يەنە پائالىيەتلىرى چەكلەنگەن تەسەۋۋۇپى جامائەتلەرمۇ ئوچۇق ئاشكارە ھەرىكەت قىلالماي بۇرۇنقىغا ئوخشاش مەخپىي ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۆزبېكىستاندا دىنى جامائەت ۋە ئېقىملارغا قارشى يولغا قويۇلغان ئاشقۇن سىياسەتلەر ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ سەلەپىلىككە مايىل بولغان ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى 1979-يىلى ئافغانىستاننى ئىشغال قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا مۇجاھىد تەشكىلاتلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك جىھاد باشلىدى. 1988-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ تىللارغا داستان بولغان ئافغانىستان جىھادىنىڭ سەلەپىلىكنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا باش كۆتۈرۈشى ۋە سەلەپىلىك ئېقىمى ئىچىدە جىھادنىڭ بىرىنچى پىلانغا چىقىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. ماقالىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدىمۇ دېگىنىمىزدەك، ئافغانىستانلىقلارنىڭ ھىندىستان ئىلىم ھاۋزىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن كۈچلۈك ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت يەنە دىيوبەندى بىلەنمۇ بىۋاستە چېتىشلىق بولۇپ، ھەنەپى فىقھىسى ۋە سۈننىي تەسەۋۋۇپ ئەنئەنىسىنى ئاساس قىلغاندۇر. بىراق دىيوبەندىدەك كۈچلۈك ۋە نوپۇزلۇق بولمىغان، شۇنداقلا ھىندى ھاۋزىسىنىڭ تۆۋەن قىسمىدا 1870-يىللاردا ئوتتۇرىغا چىققان ئەھلى ھەدىس ئېقىمى قىسمەن بولسىمۇ قەلئەدەك رايوننى قورشاپ تۇرغان ھەنەپى ئەنئەنىسىنىڭ پاسىللىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئافغانىستانغا سوقۇنۇپ كىرىشكە مۇۋەپپەق بولغانىدى.
تەرىقەتلەرنى، قەبرە زىيارەتلىرىنى، مەۋلۇتقا ئوخشاش بىدەتلەرنى قاتتىق سۆكىدىغان، تەۋھىد-شىرىك مەسىلىسىنى تەكىتلەيدىغان، ھەنەپىلەردىن پەرقلىق ناماز ئوقۇيدىغان ئەھلى ھەدىسچىلەر سەلەپى ئېقىمىنىڭ ئەرەب دۇنياسى سىرتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ جامائەتنىڭ پاكىستاندىكى مەدرەسە تەشكىلاتى بولغان ”ۋەفاقۇل مەدراسى ئەس-سەلەپىيە“ پاكىستان مەدرەسەلىرىنىڭ تەخمىنەن %6نى كونترول قىلىدۇ. بۇ مەدرەسەلەر ”مەككە ئۇمۇل قۇرا ۋە مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىتى“غا ئوخشاش سەئۇدىدىكى ئالىي ئورگانلار بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. دىيوبەندى مەدرەسەلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئەھلى ھەدىس ئېقىمىدىكىلەر تەبئىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر، شۇنداقلا ئىنگىلىزچە ئوقۇ-ئوقۇتۇشىغا قارشى چىقمايدۇ. 2008-يىلى يۈز بەرگەن بومباي ھۇجۇمىغا ئوخشاش بەزى چوڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ”لەشگەرى تاييىبە تەشكىلاتى“، ئەھلى ھەدىس ئېقىمىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش دىنى زىھنىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، كۈرەش يولى جەھەتتىن پەرقلىق ئۇسۇللارنى قوبۇل قىلغانلىقتىن غول ئېقىمدىن ئايرىلغان، پاكىستان ۋە كەشمىردە نوپۇز تىكلەشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتتۇر.
ئەھلى ھەدىس ئېقىمىنىڭ پاكىستان-ئافغانىستان چېگراسىدا مەدەرەسەلىرى بار بولۇپ، 1950-يىللاردىن بۇيان قۇنار، بەدەخشانغا ئوخشاش ۋىلايەتلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئافغانىستانلىق موللا بۇ مەدرەسەلەردە تەلىم ئالغانىدى. باشقا ئېقىملار تەرىپىدىن ۋاھابىلار دەپ ئاتىلىپ كەلگەنلىكى تۈپەيلى تەسىر دائىرىسى ئۇنچىۋېلا كۈچلۈك بولمىغان بۇ سەلەپى تەشكىلاتلار ئافغانىستان جىھاد بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستاندا كۈچلۈك نوپۇزغا ئېرىشكەن. جىھاد جەريانىدا سەلەپى ئافغان موللىلاردىن مەۋلەۋى ئەفزال نۇرىستاندا، مەۋلەۋى شەرىقى بەدەخشاندا، مەۋلەۋى جەمىلۇرۇراھمان قۇناردا ئىسلامىي ئەمىرلىك نامى ئاستىدا ئۆزىنىڭ سەلەپى دەۋەتچىلەر قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۆزلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ تەشكىللىك ۋە كۈچلۈك بولغان، شۇنداقلا ئوخشاش دىنى چۈشەنچىگە ئىگە ئېقىملار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان چوڭ مۇجاھىت تەشكىلاتلاردىن ئايرىلىپ چىققانىدى. ئۇلارنى ئادەم ۋە ئىقتىسادىي مەنبەسىنى ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستان تەمىنلەيتتى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ھەممىدىن بەك ”ئىتتىھادى ئىسلامىي“تەشكىلاتىنىڭ لىدېرى پىرفېسسور سەييافنى قوللىدى. ”رەسۇلنىڭ قۇلى“دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئابدۇررەسۇل ئىسمى، تەۋھىد ئېتىقادىغا زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ”رەسۇلنىڭ رەببىنىڭ قۇلى“دېگەن مەنىگە كېلىدىغان ئابدۇراببىررەسۇلغا ئۆزگەرتىلگەن سەييافنىڭ، مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جىھاد جەريانىدا ئاجىزلاشقان، لېكىن بۇنىڭ ئورنىغا ھەم مەزھەپ ھەمدە سىياسىي جەھەتتىن سەئۇدى ھاكىمىيىتىگە بەكرەك يېقىنلاشقانىدى. ئۇ جىھادتىن كېيىن پارتىلغان ئافغانىستان ئىچكى ئۇرۇشىدا ”ۋەدەتى ئىسلام“ناملىق شىئە تەشكىلاتى بىلەن 1992-يىلى كابۇلنىڭ غەرىبىدە جەڭگە كىردى. جەڭدە مىڭلارچە ئادەم ئۆلدى، كابۇلنىڭ غەربىي رايونلىرى تامامەن ۋەيران بولدى. دەسلەپ جەمىلۇرراھماننىڭ يېنىغا كەلگەن پىدائىي ئەرەب مۇجاھىتلار، كېيىنكى مەزگىللەردە سەييافنىڭ مەشق بازىلىرىغا يىغىلىشقا باشلىدى. ئەل قائىدە كاتتىبېشى ئۇسامە بىن لادىنغا ئەڭ يېقىن بولغان مۇھاجىد لىدېر يەنىلا سەيياف ئىدى.
كېيىنچە ئەرەب ئافغانلىرى دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن پىدائىي مۇجاھىتلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا سەلەپىيەنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدە ئوينىغان رولى تولىمۇ زور. ئافغان مۇجاھىتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلغان سەلەپى مۇسۇلمانلار بىلەن نۇرغۇن جايدىكى مەشىق بازىلىرىنى تەڭ ئىشلىتەتتى. جىھادتىن كېيىن سەلەپى ئەرەبلەرنىڭ رەھبەرلىك قوشۇنىنى تەشكىل قىلغان ئەل قائىدە تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى بىلەن، 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئەرەبلەرگە مەخسۇس بازىلار قۇرۇلۇشقا باشلىدى. بىراق ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالمىدى. سەلەپى موللىلار سىرتتىكى مۇجاھىت بازىلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ تۇراتتى، شۇنداقلا ياۋروپادىن يىراق شەرققىچە بولغان جايلاردىن كەلگەن مۇجاھىتلارغا ۋەز نەسىھەت قىلىپ ”سەھىھ“ئەقىدىنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولۇشى، بۇ دۆلەتنىڭ يىمرىلىشىغا سەۋەب بولغان غول سەۋەبلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. گورباچېۋ دەۋرىدە (1985-1991)يولغا قويۇلغان گلانوست (ئوچۇق)سىياسىتى نەتىجىسىدە ۋەزىيەتنىڭ يۇمشىشى، ئارقىدىنلا سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ يىمرىلىشى (1991)نەتىجىسىدە مۇستەقىل ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىنى جانلىنىشقا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەنىدى. بۇرۇندىنلا دىنى سەزگۈرلۈكى ئۈستۈن ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا تەۋە بولغان پەرغانە ۋادىسى، دىنى جانلىنىشىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالدى. ئابدۇۋەلى قارىمغا ئوخشاش پائال سەلەپى موللىلار دىننى تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن تۈركۈملەپ ئۈن ۋە سىن لىنتىلارنى تارقاتتى، كەڭ ھەجىملىك ئەسەرلەرنى روياپقا چىقاردى. ئابدۇۋەلى قارىم ۋە ئەگەشكۈچىلىرى بۇ ئەسەرلەرنى خەلققە كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە زور تەسىر پەيدا قىلدى. بۇ جەرياندا دۆلەتتىن جامەلەرنى ئىبادەتكە ئېچىۋېتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى. لېكىن بۇ جامەلەرنى كىمنىڭ باشقۇرۇشى مەسىلىسىدە كەسكىن ئىختىلاپلار كۆرۈلدى. بەزى جامەلەر سەلەپىلەر تەرىپىدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىندى. بەس-مۇنازىرە سورۇنلىرىدا ھەنەپى موللىلار بىلەن سەلەپى موللار كەسكىن مۇنازىرىگە چۈشتى.
سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە قۇرۇلغان سادۇم مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن ئۆزبېكىستاندا مىللىي تەشكىلات سالاھىيىتى بىلەن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. بۇ تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولغان مۇھەممەد سادىق مۇھەممەد يۇسۇپ، سەلەپىلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىرىشتى. مۇھەممەد يۇسۇپ ۋە ئۇنىڭ يېقىن سەبدېشى نەمەنگان قازىسى ئۆمەر خان داموللا، 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىنسانلارنى ئەتراپىغا يىغىۋاتقان سەلەپى تاھىر يولداشنى ئاشقۇن پائالىيەتلەرنى قىلماسلىق بىلەن ئاگاھلاندۇردى، شۇنداقلا تاھىر يولداشنىڭ گەپ-سۆزلىرى، ئىش—ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىسلامغا پايدىسىدىن كۆپرەك زىيىنىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى يولىدىن ۋاز كېچىشكە ئۇرۇنۇپ كۆردى. ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تاھىر يولداش (2009-يىلى ئۆلدى)، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەنەپى ئىكەنلىكىنى دەپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر تاكتىكىدىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ نۇرغۇن گېپىدە ئابدۇۋەلى قارىغا ئوخشاش سەلەپى شەخسلەرنىڭ ئۆزىگە ”ئىلھام مەنبەسى“بولغانلىقىنى پۇرىتىپ قويغانىدى.
ئۆزبېكىستان ئىسلامچى ئۆكتىچىلەر سېپىدىكى مەيلى سەلەپىلەر بولسۇن مەيلى ھەنەپىلەر بولسۇن 1995-يىلىدىن باشلاپ ئۆزبېكىستاننى تەرك قىلىشقا مەجبۇر بولدى ياكى مەخپىي ھەرىكەتكە ئۆتتى. بۇ دەل تاجىكىستاندىكى ئىچكى ئۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. تاھىر يولداش ۋە سەبداشلىرى، جۈمە نەمەنگانى (2001-يىلى ئۆلدى) قاتارلىقلار تاجىكىستان ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلاشتى. 1997-يىلى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى، لېكىن تاھىر يولداش ۋە جۈمە نەمەنگانى مۇجاھىتلاردىن تەشكىل تاپقان قوراللىق تەشكىلاتىنى تارقىتىۋەتمىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزبېكىستان قوراللىق ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئۇلىنى سېلىۋاتقانىدى. ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە نىسبەتەن ئەڭ بىخەتەر ۋە بىمالال ھەرىكەت قىلىدىغان جاي تالىباننىڭ كونتروللۇقىدىكى ئافغانىستان ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئۈچۈن ئافغانىستان ئەل-قائىدە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ياكى بىرلىشىپ كېتىشكە ئەڭ مۇۋاپىق جاي ھېسابلىناتتى.
ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى 1999-يىلى ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان ھاكىمىيەتلىرىگە قارشى جىھاد ئېلان قىلدى. بۇ ھەرىكەت 2001-يىلى ئەل –قائىدىنىڭ ”دۇنياۋى جىھاد“چاقىرىقىنىڭ تەسىرىدە سىياسىي نىشانلىرىنى تۈركمەنىستان، قازاقىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تەرىقىدە كېڭەيتتى. بۇ جەرياندا ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى كۆپ مىللەتلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ”بۆلگۈنچى“كۈچلەرنى، رۇسىيە چېچەنىستان ”بۆلگۈنچى“كۈچلەرنى، پاكىستان سىپاھى ساھابە ۋە لەشگەرى جەڭۋى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى باھانە قىلىپ تالىبانغا بېسىم قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، تالىبان ئافغانىستاندىكى بازىلاردا ”ھەربىي“تەلىم ئېلىۋاتقان ئېتنىك توپلۇقلار ۋە تەشكىلاتلارنى ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى نازارىتىدىكى بازىلارغا يۆتكىدى. 2001-يىلى ئامېرىكانىڭ ئىشغالىيىتى نەتىجىسىدە تالىبان ھاكىمىيىتى يىمرىلدى، نەتىجىدە ”ئىگە-چاقىسىز“قالغان ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئەزالىرى شىمالىي پاكىستاندىكى فېدراتىپ قەبىلىلەر رايونىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
2001-يىلى 11-سېنتەبىردىن كېيىن ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئىچىدە ئەل-قائىدىنىڭ ئىدىئولوگىيەسىنىڭ تەسىرىدە پەرقلىق كۆز قاراشلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. تاھىر يولداش ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدە كۆپرەك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسا، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىدىكى باشقا بىر گۇرۇھ، تالىبان ۋە ئەل-قائىدە بىلەن بىرلىشىپ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى ياقلاپ، ”ئىتتىھادى ئەل جىھاد ئەل ئىسلامى“ (ئىسلامىي جىھاد بىرلىكى)نامى ئاستىدا تەشكىلات قۇردى. بولۇپمۇ 2005-يىلدىن كېيىن پاكىستان تالىبانلىرى سېپىدە تۇرۇپ ۋەزىرىستان ۋىلايىتىدە پاكىستان ئارمىيەسىگە قارشى جەڭ قىلغان، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىشنىڭ پىلانىنى تۈزگەن بۇ گۇرۇھ، تۈركىي خەلقلەرنى بەكرەك ئۆزىگە تارتىپ ئەل-قائىدە سېپىغا قوشۇلۇپ خەلقئارادا ھەرىكەت قىلىشنى كۆزلەيتتى. بۇ تەشكىلات كېيىنكى مەزگىللەردە زور دەرىجىدە ماغدۇرىدىن كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا پائالىيەت قىلماقتا.
2- تالىبان ھەرىكىتى
ئوقۇغۇچى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان تالىب كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈكىنى ئىپادىلەيدىغان تالىبان، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى ئەنئەنىۋى دىيوبەندى مەدرەسەلىرىدە تەلىم-تەربىيە بېرىدىغان موللا ياكى مەۋلەۋىلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا دىنى ئىلىم ئۆگىنىدىىغان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن نامدۇر. موللا ۋە تالىبلاردىن تەشكىل تاپقان مەدەرەسەلەر 1839-1842، 1878-1880 يىللار ئارىسىدا ئافغانىستاندا ئىنگىلىزلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغاندىن سىرت، 1979-يىلى سوۋېت ئىشغالىيىتىگە قارشى قوزغالغان كۈرەشلەردىمۇ زور كۈچ چىقارغانىدى.
كۈنىمىزدىكى تالىبان بولسا ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، 1960-يىللار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغانلار تەرىپىدىن تەركىب تاپقان گۇرۇھتۇر. ياشلىرى چوڭ بولغانلار ۋەرەھبەرلىك سېپىدىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئافغانىستان جىھادىغا قاتناشقان غازىلەردۇر. نىسبەتەن ياش بولغانلار بولسا جىھاد ئەسناسىدا مۇساپىرلار لاگېرلىرىدىكى تۇرغان ياكى يېتىم-يىسىرلار مەركەزلىرىدە چوڭ بولغانلار ئىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى شىمالىي پاكىستاندىكى مەدرەسەلەردە دىنى تەلىم ئالغانىدى. كىلىماتى ناچار بولغان ۋە نامراتلىق ھۆكۈم سۈرگەن، شۇنداقلا ئائىلە مىھىرىدىن خالىي چوڭ بولغان بۇ ياشلار، جىھاد ئاخىرلاشقاندا بولسا ئۇزۇن يىل ھىجران ئازابىنى تارتقان يۇرتلىرىغا ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلى قايتىشقا ئامالسىز قالغان. شۇڭا چوڭلىرىنىڭ ئافغانىستاندا قوزغىغان ئۇرۇشلارغا ئاسانلا ماسىلىشىپ تالىباننىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
تالىباننىڭ تاجىكلار ۋە ئۆزبېكىلەر ئارىسىدا مەلۇم دەرىجىدە نوپۇزى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى بولسىمۇ، تالىبان ھەرىكىتىنىڭ كۆپ قىسمى جەنۇبىي ئافغانىستان ۋە شىمالىي پاكىستاننىڭ يەرلىكلىرى بولغان ۋە تەخمىنەن 250 يىلدىن بۇيان ئافغانىستاننى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان پەشتۇنلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. تىپىك بىر تالىبان كەمىز دەپ ئاتىلىدىغان رايونغا خاس كۆينەك بىلەن كەڭ ئىشتان (شالۋار)كىيىدۇ. بېشىغا ئاق سەللە ئارتىپ، پۇتىغا ساپما كەش كىيىدۇ. تالىبان ئىچىدە ھەربىي ئۇنۋان ئاساسەن يوق.
1.2- تالىباننىڭ باش كۆتۈرۈشى
ئىشغالىيەتچى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنى 1988-يىلى چېكىندۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان ئافغان مۇجاھىت تەشىكلاتلىرى، ئەركىنلىككە ئېرىشكەن مەملىكىتىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۆز-ئارا ئۇرۇش قىلدى. تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىنى يېڭەلمەسلىكى ۋە بەزىبىرى تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتى ئىشغالىيەت دەۋرىدىكىندىمۇ ناچارلىشىپ كەتتى. پايتەخت كابۇلنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدىلا 63 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى شەھەر ۋە يېزىلاردا مۇقىمسىزلىق، ئامانسىزلىق باش كۆتۈردى. قوراللىق قىسىملارنى تىزگىنى ئاستىغا ئېلىۋالغان مۇجاھىت قوماندانلار باشقۇرۇشى ئاستىدىكى خەلققە زۇلۇم سالدى، قانۇننى ئاياق-ئاستى قىلدى، خالىغانچە سىياسەت يولغا قويدى. خەلق شۇنچىلىك نامرات، بىچارە ۋە قىيىن ئەھۋالدا تۇرسىمۇ، ئىسراپچىلىق ۋە باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشىغان بۇ ئاتالمىش قوماندانلار ئادەم ئەتكەسچىلىكى، بۇلاڭ-تالاڭ، باسقۇنچىلىق ۋە باشقا نۇرغۇن جىنايەتلەرنى سادىر قىلدى.
تالىباننىڭ باش كۆتۈرۈشى توغرۇلۇق نۇرغۇن ئەپسانىۋى رىۋايەتلەر بار بولۇپ، بۇ رىۋايەتلەر ئىچىدە ئەقىلگە نىسبەتەن مۇۋاپىق بولغىنى مۇنداق: بۇ رىۋايەتكە قارىغاندا 1994-يىلى باھاردا قەندەھارغا يېقىن جايدىكى بىر ناھىيەدە ئىككى قىز بىر قوماندان تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغان، قىزنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى بۇ ئەھۋالنى شۇ جايدىكى دىيوبەندى مەدرەسەسىنىڭ موللىسى ئۆمەرگە يەتكۈزگەن، موللا ئۆمەرنىڭ ئوتتۇزدەك تالىپى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان، بۇ ۋەقە تالىباننىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ قالغان. قولىدىكى 16 تال مىتلىق بىلەن ئىككى قىزنى ئېلىپ قاچقان قومانداننىڭ بازىسىغا بېسىپ كىرگەن تالىپلار ۋە موللىلار قىزلارنى قۇتقۇزۇپ قومانداننى تانكىغا باسۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. زور مىقداردا غەنىمەت يىغقان تالىپلار ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا ئارىلىشىشنى داۋاملاشتۇرغان. تۇنجى ھادىسە يۈز بېرىپ ئارىلىقتىن بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قەنداھاردا بىر ئوغۇل ئۇسۇلچىنى تالىشىپ جېدەل قىلغان ئىككى قومانداننى پاسسىپ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇسۇلچى بالىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئۆمەر ۋە تالىپلىرىنىڭ شۆھرىتى رايوندا بىردەمدىلا تارقالغان ۋە ئۇنى قوللايدىغانلارنىڭ ۋە ھېسداشلىق قىلىدىغانلارنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىغان. ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ”ئاياللار ۋە چارىسىزلار ئېغىر زۇلۇمغا قېلىۋاتسا ۋە بىز بۇ زۇلۇمغا شاھىت بولىۋاتساق، قانداقمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز“دەپ ئىزاھلىغان موللا ئۆمەر، كېيىنچە تالىبان ھەرىكىتىنىڭ لىدېرى بولۇپ قالىدۇ.
شەكسىزكى، تالىباننىڭ زۇلۇمغا ۋە قانۇسىزلىققا قارشى خالىسانە ھالدا ھەرىكەت ئۆتۈپ تېز سۈرئەتتە كۈچىيىشىنى نوقۇل ئىچكى ئامىل (ئافغانىستاننىڭ ئەمەلىي شارائىتى)نۇقتىسىدىن ئىزاھلاپ بەرگىلى بولمايدۇ. تېخى يېڭى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن ۋە چوڭ بازار بولالايدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئافغانىستان ئارقىلىق سودا يولىنى ئېچىشنىڭ كويىدا يۈرگەن پاكىستان دۆلىتى، ئافغانىستاندا مۇقىملىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتاتتى. پاكىستانغا نىسبەتەن تالىبان دەل مۇشۇ ئىشقا كارغا كېلەتتى، يەنى پاكىستان غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن تالىباننى ۋاستە قىلىپ ئىشلىتىشىنى مۇۋاپىق دەپ قارايتتى. شۇنىڭ بىلەن پاكىستان ھۆكۈمىتى تالىباننى زور مىقداردا قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن سىرت، دەسلەپكى مەزگىللەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئىراننىڭ ئافغانىستاندىكى كۈچلۈك تەسىرىنى شىئەلەرگە دۈشمەن بولغان تالىبان ئارقىلىق ئاجىزلىتىش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھىندى ئوكيانغا نېفىت يۆتكەش ئىشلىرىدا ئىراننى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغان بىخەتەر ئافغان-پاكىستان تۇرۇببا لىنىيەسى ياساپ چىقىش ئۈچۈن، تالىباننى ئاستىرىتتىن قوللىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. ئافغانىستان جىھادى مەزگىلىدە ئامېرىكا مۇجاھىد تەشكىلاتلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى قوللىغانىدى، ئافغانىستان جىھادى تۈگىگەندىن كېيىن ئامېرىكا ئەينى چاغدا قوللىغان مۇجاھىد تەشكىلاتلارنىڭ خەتەرلىك كۈچكە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئۈچۈن، تېخى سىياسىي كۈچكە ئايلانمىغان دىنى ئەنئەنچىلىكنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدىغان ”بىغۇبار“ تالىبانغا ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ نىسبەتەن ئىشەنچىلىك دەپ قارىغانلىقى مەلۇم.
دەسلەپكى مەزگىللەردە ئافغانىستاندا تىنچلىق، ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك بەرپا قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان تالىبان ھەرىكىتى، تاشقى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قىستىشى بىلەنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ. 1994-يىلى نويابىردا ئافغانىستاندىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر قەندارھاردا باش ئىشتاب تەسىس قىلغان تالىبان، شۇنىڭدىن كېيىن تەسىر دائىرىسىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىشكە تۇتۇش قىلىدۇ. 1995-يىلى 5-سېنتەبىردە ھىرات ۋىلايىتىنى، 1996-يىلى 26-سېنتەبىردە پايتەخت كابۇلنى كونا مۇجاھىد تەشكىلاتلاردىن قانلىق توقۇنۇش نەتىجىسىدە تارتىۋالدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئافغانىستان زېمىنىنىڭ ئۈچتە ئىككىسىنى تىزگىنى ئاستىغا ئالغان تالىبان، ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى نامى ئاستىدا دۆلەت قۇرۇپ چىققانلىقىنى 1996-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلايدۇ.
بىر دۇرانى پەشتۇن بولغان تالىبان لىدېرى موللا ئۆمەر، ئۆزىگە ئوخشاش دىيوبەندى ۋە پەشتۇن جىھاد لىدېرلىرىدىن نەبى مۇھەممەدى ۋە يۇنۇس خالىسنىڭ قول ئاستىدا كوممۇنىستلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ۋە ئۇرۇشتا تۆت قېتىم يارىلىنىپ بىر كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشى ئىدى. ئەسلىدە ئۇ مەدرەسەدىكى دىنى تەلىمنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىرىنى تۈگىتىپ موللا ئۇنىۋانىغا لايىق بىر ئىلمىي سەۋىيەگە تېخى يەتمىگەنىدى. لېكىن چەت بىر يېزىدىكى مەدرەسە تالىبلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ بىر دۆلەتنىڭ بېشىغا كەلگەنىدى. موللا ئۆمەر مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن يۈزلەرچە دىنى ئۆلىما ئالدىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە ئافغانىستانغا 250 يىل بۇرۇن ئېلىپ كېلىنىپ قەندەرھادا كۈمۈش ساندۇق ئىچىدە ساقلانغان يەكتەكنى كىيىپ، ماقامىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدۇرىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان بەزى كىشىلەر بۇ تارىخى ھادىسىنىڭ مەنىۋى كۈچىدىن قاتتىق ھاياجانلىنىپ ھوشىدىن كەتكەن.
2.2- تالىباننىڭ دىنى سالاھىيىتى ۋە ئىجرائاتلىرى
ئافغانىستان خەلقىنىڭ %90ى ھەنەپى مەزھپىگە تەئەللۇق، ئوخشاشلا تالىبانمۇ بۇنىڭدىن ئىچىدە بولۇپ، كۆپ قىسمى قەدىرىيە ياكى نەقشىدبەندى مۇرىتلىرىدۇر. ئۇلار ئاساسەن دېگۈدەك دىيوبەندى مەدرەسەلىرىدە دىنى تەلىم ئالغان. 18-ئەسىرە شىمالىي ھىندىستاندىكى ”دەرسى نىزامى“نامى بېرىلگەن مەدرەسە ئوقۇشلۇقى دىيوبەندىچىلىك ئۈچۈن ئاساس تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئارىلىقتىن نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئازلا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن. ئەنئەنىۋى ھەنەپى فىقىھ ئۇسۇلىغا ئالاھىدە سادىق بولغان دىيوبەندىچىلىك، مودېرن دۇنيانىڭ مەسىلىلىرىنىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس قائىدە-پىرىنسپىلىرى ۋە مەنانى ئەمەس تېكىست ۋە شەكىلنى ئاساس قىلىپ كونا مەزھەپ ئۇسۇللىرى بويىچە ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ، يېڭى ئۇسۇللارنى ۋە بۇلارغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزلارنى بولسا بىددەت ياكى ئازغۇنلۇق دەپ قارايدۇ. دىيوبەندىچىلىكنىڭ بۇ خىل خاراكتېرىنى ئەقىل، راي، ۋەزىيەت، ئىجتىھاد ۋە رىئاللىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان ھەنەپىلىكنىڭ روھىغا زىت ھالدا شەكىللەنگەن ”ھەنەپى سەلەپىلىك“دەپ تەرىپلىسەكمۇ بولىدۇ.
تالىبان رەھبەرلىك قوشۇنى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى ئوزۇقلىنىدىغان ئاساسلىق مەنبەلەردىن بىرسى، دىيوبەندىچىلىكنىڭ پاكىستاندىكى سىياسىي ۋارىيانتى ھېسابلىنىدىغان مەۋلەۋى فازۇلرراھماننىڭ باشچىلىقىدىكى ”جەمئىيەتى ئۇلەمائى ئىسلام“نىڭ باشقۇرۇشىدىكى سەرھاد ۋە بەلۇجىستاندىكى مەدرەسەلەر بولسا، يەنە بىرسى ”مەۋلەۋى سەمىئۇل ھەق“قە تەۋە بولغان ئاقۇرا خاددەكتىكى 8000 كىشىلىك ”ھاققانىيە دارۇلئۇلۇمى“قاتارلىق مەكتەپلەر بىلەن مەۋلانا يۇسۇپ بىنۇرىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى ”جەمئىيەتى ئۇلۇمى ئىسلامىيە“ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق مەدرەسەلەردۇر. تالىباننىڭ نەزىرىدىكى ھەنەپىلىكنىڭ دىيوبەندىچىلىك ۋارىيانتى، پەشتۇن مىللىتىنىڭ ئۆرپى قانۇنلىرى ھېسابلىنىدىغان پەشتۇنۋالى ئەنئەنىسى بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ ئۆزىگە خاس ھالەت شەكىللەندۈرگەن، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىلىرى بولسا ئاياللارغا ئايرىمچىلىق قىلىش ۋە شىئە دۈشمەنلىكىدۇر.
تالىبان كابۇلنى تارتىۋېلىپ ئىسلام ئەمىرلىكىنى قۇرغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۆزىگە خاس دىنى ئىجرائاتلارنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. قىزلار مەكتىپىنى تاقىۋەتكەن تالىبان شەھەردىكى 70مىڭ ئەتراپىدىكى قىز ئوقۇغۇچىنى ئوقۇشتىن مەھرۇم قىلدى. ئاياللارنىڭ ئىشلىشىنى چەكلىۋەتتى. ئېچىلىنىشلىقى شۇكى، پايتەخت كابۇلدىكى ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان 25مىڭدەك تۇل ئايال ئىشسىز قېلىپ مۇھتاج ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، بۇ ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەنىدى. تالىباننىڭ بۇ ئاشقۇن قارارىنىڭ تەسىرىگە ئافغانىستان مىقىياسىدىكى 400مىڭدەك تۇل ئايال بىۋاستە ئۇچرىدى. دوختۇرخانىلاردا ئىشلەيدىغان ئايال سېستىرا ۋە دوختۇرلارنىڭ ئىشنى تاشلاشقا مەجبۇرلىنىشى تۈپەيلى، سەھىيە خىزمەتلىرىدە زور قىيىنچىلىق كېلىپ چىقتى. يېنىدا مەھرىمى بولماي تۇرۇپ كوچىغا چىقىشى چەكلەنگەن ئاياللارغا، يۈزىنى پۈتۈنلەي ئورىۋالىدىغان بۇرقا ئىسىملىك رايونغىلا خاس كىيىم كىيىش مەجبۇرىي قىلىندى.
ئەرلەرنىڭ ساقىلىنى ئېلىۋېتىشى ياكى قىسقارتىشى، چاچلىرىنى ئۇزارتىشى چەكلەندى. دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە سەللە كىيىش مەجبۇرىي قىلىندى. كىنوخانىلار تاقىۋېتىلدى، ”رادىيو شەرىئات“نامى بېرىلگەن كونا كابۇل رادىيو ئىستانسىسىدا مۇزىكا قويۇش چەكلەندى. تېلېۋىزۇر، ئۈن ۋە سىن لىنتىلىرىمۇ چەكلەندى. ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىدىكى تېلېۋزۇر ئانتىنىلىرى ئېلىۋېتىلدى. ئۆيىدە مەخپىي تېلېۋۇزۇر كۆرگەنلەر بايلىقىپ قالسا، ئۇلارنى ”ئەمرى بىل مارۇف رىياسىتى“گە قاراشلىق ساقچىلار بىر تەرەپ قىلاتتى. ئەزان ئوقۇلغاندا ئىش ئورۇنلىرىنى تاقاش ۋە كوچىدا ھېچكىمنىڭ قالماسلىقى قاتارلىقلارنى يەنە شۇ ساقچىلار نازارەت قىلاتتى. يېڭى يىل ۋە نورۇزنى تەبرىكلەش ، شاھمات ئويناش، كەپتەر ۋە لەگلەك ئۇچۇرتىشمۇ چەكلەندى. دۇكانلارغا قونچاق مودېللارنى تىزىش، ماگىزىن ۋە دۇكان ئەينەكلىرىگە رەسىم چاپلاشمۇ چەكلەندى. بۇرۇن بېسىلغان قۇرئانى كەرىملەرنىڭ قەغەزلىرىدىن پايدىلىنىپ باشقا بىر مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىماللىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، قەغەزدىن ياسالغان سومكا ۋە تازىلىق قەغەزلىرىنى سېتىش ئىشلىرىمۇ توختىتىلدى.
تالىباننىڭ كابۇلدىن كېيىنكى نىشانى بولسا، ئۆزىگە رەقىب بولۇپ كېلىۋاتقان شىمالىي ئىتتىپاق نامى ئاستىدا بىرلەشكەن پىشقەدەم جىھاد لىدېرلىرىنىڭ قولىدىكى شەھەرلەر ئىدى. 1997-يىلىدا مەزارى شەرىفنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن تالىبان، ئۇرۇشتا 3000 ئادىمىدىن ئايرىلىپ قېلىپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. لېكىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن تالىبان بۇ شەھەرنى قولغا كىرگۈزدى ۋە ئەينى چاغدا ئۆزىگە قارشى چىققانلارنى قاتتىق جازالاندۇردى. تالىبان رايوندىكى شىئەلەرنى سۈننىيلىكنى قوبۇل قىلىشقا، سۈننىيلىكنى قوبۇل قىلمىسا ئىرانغا كېتىشكە ياكى ئۆلۈمنى قوبۇل قىلىشقا قىستىدى. بۇ ھادىسە جەريانىدا ئىرانمۇ 8 دىپلوماتىدىن ئايرىلىپ قالدى، تالىبان 400دەك ھازارا شىئە ئايالنى جارىيە قىلىپ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا ئېلىپ كەتتى.
تالىبانغا زىچ مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەسىلە بولسا، زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۆتكەش مەسىلىسىدۇر. دۇنيادىكى ئەپيۇننىڭ %80ى ئافغانىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. 2001-يىلى ئەپىيۇن ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەش ئۈچۈن تەدبىرلەر ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى يۇقىرى بولمىغان. ئافغانىستاندا تالىبان ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان يىللاردا ۋە تالىبان كابۇلدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلاردا زەھەرلىك چېكىملىك خام ماددىسى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى داۋاملىق ئېشىپ ماڭغان. تالىبان بۇ ئىشنىڭ ئىسلامغا زىت ئىكەنلىكىنى تەن ئالغان بولسىمۇ، لېكىن نامراتلىق ھۆكۈم سۈرگەن ئافغانىستاندا نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى بولغان ئەپىيۇن ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۆتكەش ئىشلىرىنى توسمىغان. بۇ ئۆسۈملۈكنى تېرىشنىڭ جايىز، لېكىن ئۇنىڭدىن زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئەپىيۇننى پەقەتلا تېرىغانلىقنى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىشنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن تالىبان، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشتىن زور كىرىم قىلماقتا. بولۇپمۇ ئەپىيۇن تېرىغانلاردىن ئالىدىغان ئۆشۈرنىڭ مىقدارى %10ئەتراپىدا بولماقتا. بۇنىڭدىن سىرت، ئەپىيۇن توشۇيدىغانلارنى ئادەم كۈچى بىلەن تەمىنلەپمۇ زور كىرىملارنى قىلماقتا. تالىبان بۇ كىرىملار بىلەن ئەزالىرىنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرگەندىن سىرت، قورال-ياراغ سېتىۋالماقتا.
3.2- تالىبان ۋە سەلەپىلەر
تالىبان شىئەلەرنى ”ئىرانى“، ”ۋاھابىلار“نى سەلەپىلەر، ”ئىخۋانلار“نى ئىسلامچىلار دەپ قالپاق كىيدۈرگۈچكە، ئۇلاردىن يىراق تۇرىدۇ. تالىبان ئافغانىستان جىھادىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇجاھىد تەشكىلاتلىرىدىن بولغان ”گۇلبەددىن ھىكمەتيار“نىڭ ”ھىزبى ئىسلام“تەشكىلاتى ۋە بۇرھانەددىن راببانىنىڭ ”جەمئىيەتى ئىسلام“پارتىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئافغانىستاننى پالاكەتكە سۆرەپ كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تالىبان يەنە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئىدىئولوگىيەلىك ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن ھەسەن ئەل بەننا، سەييىد قۇتۇپ ۋە مەۋدۇدى قاتارلىق مودېرن ئىسلامى ئېقىمنىڭ چۈشەنچە ۋە ھەرىكەتلىرىگىمۇ سوغۇق پوزىتسىيە تۇتىدۇ. چۈنكى تالىباننىڭ نەزىرىدە مودېرن ئىسلام ئېقىمى ئەقلىيەتچىلىكنى، زامانىۋىلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، شۇڭا تالىبان بۇ ئېقىمغا ئىزچىل قارشى چىقىپ كەلگەن.
سەلەپىلىك ئوتتۇرا ئاسىياغا 1910-يىللاردا كىرگەن بولسىمۇ، ئافغانىستانغا كېيىنكى مەزگىللەردە رەسمىي كىرگەن. پاكىستاندىكى ئەھلى ھەدىس ئېقىمى ياكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئىزچىل قوللىغان سەييافقا ئوخشاش كاتتىباشلار، شۇنداقلا پىدائىي ئەرەب مۇجاھىتلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق 1980-يىللاردا ئافغانىستانغا كىرگەنىدى. لېكىن سەلەپىلىك ئافغانىستان خەلقىنىڭ نەزىرىدە ئىزچىل ”يات“، ”سىرتتىن كىرگەن“ ۋە غەيرى سۈننىي“دەپ قارىلىپ كەلگەن.
مۇستەقىللىق كۈرىشى جەريانىدا ئافغانىستانغا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولغان سەلەپىلىك، تەبىئىي ھالدا سىياسىي ئىسلام ئىدىئولوگىيەسى بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ كەتكەن ھالدا ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىسلامچى ئافغان تەشكىلاتلىرى سەلەپىلىكنى رەت قىلمىغان. ھەنەپىلىك ۋە سوپىيلىق خاراكتېرى قويۇق بولغان ئافغانىستان خەلق مۇسۇلماندارچىلىقى ۋە %10دەك نوپۇسى بولغان ئافغان شىئەلىرىنىڭ نەزىرىدە سەلەپىلىك بەزى ئىجتىمائىي، دىنى ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبچىسى ئىدى. لېكىن ئۇرۇش ئىچىدىكى ئافغانىستاندا بۇ مەسىلىلەر ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ تېگىدىكى مەزھەپ ئوخشىماسلىقلىرى بەكمۇ كۆزگە كۆرىنىپ كەتمىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، قەستەن نەزەردىن ساقىت قىلىندى، ئادەتتىكى مەسىلىدەك مۇئامىلە قىلىندى. ئافغانىستاندىكى يېڭى سەلەپىلەر قوشۇنىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆي-ماكانلىرىنى، بالا-چاقىلىرىنى ۋە ئائىلىسىنى تاشلاپ زور پىداركارلىق كۆرسىتىپ ئافغانىستانغا كەلگەن ئەرەبلەر تەشكىل قىلدى. ئافغانىستانغا مېھمان بولغان بۇ ئەرەبلەر ئافغانىستانلىقلار بىلەن ئوخشاش بىر دۈشمەنگە قارشى مۈرىنى-مۈرىنى تىرەپ جەڭ قىلدى.
جىھاد ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مېھمانلارنىڭ بىر قىسمى يۇرتىغا قايتتى. يەنە بىر قىسمى بوسىنىيە-گىرىتسىېگوۋېنا، چېچىنىيە ۋە كوسوۋا قاتارلىق يېڭى كۈرەش مەيدانلىرىغا ماڭغان بولسا، يەنىلا كۆپ قىسمى ئافغانىستاندا قالدى. ئافغانىستاندا قېلىپ قالغان ئەرەب ”مېھمانلار“نىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېتىشىمۇ ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى بۇ ئىنسانلار پۇقراسى بولغان ئىراق، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۇنىس، ئالجىرىيە، مىسىر، سۈرىيە، يەمەنگە ئوخشاش دۆلەتلەردە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ھۆكۈم سۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەتلەر ئافغانىستانغا كەتكەن پۇقرالىرى ئۈستىدە ئاللىبۇرۇن قانۇنىي تەكشۈرۈش باشلىۋەتكەنىدى. ئەرەب ئافغانلار دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئەل-قائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئادەم كۈچىنى تەشكىل قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئافغانىستان ئەرەبچىدە ”بازا“مەنىسىدىكى ئەل-قائىدە تەشكىلاتىنىڭ ”دۇنياۋى جىھاد“چاقىرىقىنىڭ مەركىزى بازىسى بولۇپ قالدى.
تالىباننىڭ ئەرەب ئافغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلامچى سەلەپى ئىدىئولوگىيەسى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسى تالىباننىڭ 1996-يىلى جەلالئاباد ۋە كابۇلنى قولغا كىرگۈزۈشى بىلەن باشلىدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە پۇختىلاشتۇرۇشتا پاكىستان دائىرىلىرى مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رول ئوينىدى. دەسلەپكى مەزگىللەردە ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە تولۇق ئىشىنىپ كەتمەيتتى. دەسلەپ تالىبان كاتتىباشلىرى بازىلاردا پاناھلىنىۋاتقان ئەرەبلەر بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەنىدى، بۇ ۋاقىتتا ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە گۇمان بىلەن قاراپ تازا كېلىشىپ كېتەلمىگەنىدى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى ئالاقىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتنى كونۇك ئىسىملىك كىشىنىڭ خاتىرىسىدىن ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەرەبلەر تالىباننىڭ ئامېرىكانىڭ سىياسىي، پاكىستاننىڭ ھەربىي، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان باشقىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئويلايتتى، تالىبان كاتتىباشلىرى بولسا ئەرەبلەرنىڭ جامەگە بېرىپ جامائەت بىلەن ناماز ئوقىماي تۇرۇشلۇق بازىلىرىدىلا ناماز ئوقۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: ”ھەنەپى بولماسلىقىڭلار مۇمكىن، شاپىلىقتىمۇ نامازنى جامەدە جامائەت بىلەن ئوقۇش كېرەك“دەپ ئەرەبلەرنى ئاگاھلاندۇرغانىدى. شۇ كۈنى جامەدىكى جامائەت تالىباندىن قورقۇپ كەتكەنىدى، بازىلاردىن جامەگە نامازغا كەلگەنلەرنى قوماندانلىرى ئالايىتەن ئاگاھلاندۇرۇپ سۈرە فاتىھەدىن كېيىن ”ئامىن“نى يۇقىرى ئاۋازغا دېمەسلىكنى تاپىلىغانىدى. ئۇ كۈنلەردە ئەرەبلەر تالىباننى ئۈركىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن قاتتىق ئېھتىيات قىلاتتى.
كەشمىرنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھىندىستانغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان كىشىلەر ھەربىي تەلىم ئالىدىغان ھوست بازىلىرىنىڭ ئەل-قائىدىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشى ئۈچۈن كۈچىگەن پاكىستان ھۆكۈمىتى، بۇ مەسىلىدە تالىباننى مىڭ تەسلىكتە قايىل قىلدى. تالىبان كابۇلنى قولغا كىرگۈزمەكچى بولغاندا ئۇسامە بىن لادىن تالىبانغا 3 مىليون دوللار ياردەم قىلغانىدى، ئەلۋەتتە ئۇسامە بىن لادىننىڭ تالىبانغا قىلغان بۇ سېخىلارچە ياردىمى تالىباننىڭ بازىلار مەسىلىسىدە قايىل بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. 1997-يىلى ئۇسامە بىن لادىن قەندەھارغا تەكلىپ قىلىندى. ئايرۇدۇرۇمنى شەھەرگە تۇتۇشتۇرىدىغان يولنى رېمونت قىلدۇرغان، شەھەردىكى نۇرغۇن جامەنى قايتىدىن تۈزەپ چىققان، شۇنداقلا تالىبان كاتتىباشلىرىغا سېخىلارچە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇسامە بىن لادىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا تالىباننىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ياخشى كۆرىلىدىغان ئادىمىگە ئايلاندى. موللا ئۆمەر بىلەن ئۇسامە بىن لادىن ئائىلىسى قۇدا باجا بولدى، بۇ ئەھۋال ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
ئەل قائىدىنىڭ بىردىنلا تالىباننىڭ قانات ئاستىغا كىرىشى تاشقى كۈچلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. ئۇساما بىن لادىن 1996-يىلى ئامېرىكاغا، 1998-يىلى يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارغا قارشى جىھاد قىلىش توغرۇلۇق پەتىۋا بەردى ۋە كەينىدىنلا 1998-يىلى ئاۋغۇستتا ئامېرىكانىڭ نايروبى ۋە دار ئەس سەلامدىكى ئەلچىخانىلىرىغا ئەل قائىدە تەرىپىدىن ھۇجۇم قوزغالدى، ھۇجۇمدا 231 كىشى ئۆلۈپ 4300دەك كىشى يارىلاندى. بۇ ۋەقەگە قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تالىباندىن ئۇسامە بىن لادىننى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دەسلەپ تالىبان ئۇسامە بىن لادىننىڭ بۇ جىنايەتلەر بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكانىڭ قاتتىق بېسىمى نەتىجىسىدە ئۇسامە بىن لادىننىڭ يوشۇرىنىۋالغانلىقىنى، شۇڭا قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى دېيشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇسامە بىن لادىن شۇنىڭدىن كېيىن تاھ ئۆلۈپ (2011-يىلى 2-ماي) كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا يوشۇرۇنۇپ ئەل قائىدىنى باشقۇرىدۇ.
تالىبان 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى ئەل قائىدە ۋە ئۇسامە بىن لادىنغا ئىگە چىققانلىقىنى بىۋاستە بايانات ئېلان قىلىپ بىلدۈرمىگەنىدى. 11-سېنتەبىردىن كېيىن ئامېرىكا ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى، پاكىستاندىمۇ يەنە بىر تالىبان تەشكىلاتى قۇرۇلدى. بۇ ئىككى مۇھىم ھادىسە جەريانىدا ئافغانىستاندىكى تالىبان ئەل-قائىدە ۋە ئۇسامە بىن لادىن بولغان مۇناسىۋىتىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى. پاكىستاندىكى تالىبان تەشكىلاتىغا قاراشلىق بولغان ”تەھرىقى تالىبانى پاكىستان“نىڭ باياناتچىسى مەۋلەۋى ئۆمەر، تالىبان بىلەن ئەل-قائىدە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرۇلۇق مۇنداق دېگەنىدى: ”ئەل-قائىدە بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقتۇر. تالىبان بىلەن ئەل-قائىدە ئوخشاش بىر ئىدىئولوگىيەنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن. ھازىر ئەل-قائىدە بىلەن تالىبان بىر ۋۇجۇدقا ئايلىنىپ كەتتى. بۇ تەشكىلات سېپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ… لېكىن مۇنداق بىر پەرق بار: باشقا دۆلەتلەردە ئۇرۇش قىلغانلار ئەل-قائىدىچى دېيىلىدۇ، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا ئۇرۇش قىلغۇچىلار بولسا تالىبان دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىلىسى بىرلا ئىدىئولوگىيەنىڭ نامىدۇر. ھەر ئىككىلى تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانلىرى بىردۇر“
تالىباننىڭ ئەل-قائىدىنى قانات ئاستىغا ئېلىشى پەشتۇنۋالى دەپ ئاتىلىدىغان پەشتۇن ئۆرپى قانۇنىنىڭ تەقەززاسى دەپ قارىلىدۇ. پەشتۇن ئۆرپى قانۇنىدا ئۆزىدىن پاناھ تارتىپ كەلگەن بىرىگە بىر پەشتۇن خۇددى ئۇرۇق-تۇغقىنىغا مۇئامىلە قىلغانغا ئوخشاش ئۇنىڭغا مېھماندوستلۇقىنى كۆرسىتىشى، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنىدەك كۆرۈپ ئۇنى جان تىكىپ قوغداشى كېرەك. تالىبان كاتتىبېشى موللا ئۆمەر بىر نەچچە قېتىم ئۇسامە بىن لادىننى قايتۇرۇپ بەرگەن تەقدىردە پەشتۇن رايونلىرىدا تىزگىنلەش مۇمكىن بولمايدىغان ئىسيانلارنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. تالىبانغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن ”شىمالىي ئىتتىپاقى بىرلىكى“بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلاردا تالىبان قوشۇنلىرىنىڭ ئۈچتە بىرى ئەل-قائىدىگە قاراشلىق چەت ئەللىكلەردىن تەشكىل تاپاتتى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەقدىر بىرلىكى ۋە مىننەت قەرزى تالىباننى ھەر ۋاقىت ئەل-قائىدە ۋە ئۇسامە بىن لادىنغا ئىگە چىقىشقا ئىتتىرگەن بولسا كېرەك.
لېكىن بۇ تەقدىر بىرلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەرگىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ. بەزى شىمالدىكى ۋىلايەتلەردە 1998-يىلى شىئە ئافغانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان، ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەسلىتىپ قويىدىغان كوللېكتىپ جىنايەتلەر، بەمياندىكى 1500 يىللىق بۇدا ھەيكەللىرىنىڭ 2001-يىلى چېقىپ تاشلىنىشى قاتارلىق تالىبان جاۋابكار بولىدىغان بەزى چوڭ قىلمىشلاردا ئەل-قائىدىنىڭ سەلەپى ئىدىئولوگىيەسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بارلىقى شەكسىزدۇر. تالىباننىڭ خەلقئارا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىقى ئەمەلىيەتتە ئەل-قائىدىگە تولىمۇ پايدىلىق ئىدى، تالىباننىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى ناچار بولغانلىقتىن، بۇ ئەھۋال تالىباننى ئاشقۇن كىملىكىنى تېخىمۇ قوغداشقا ئىتتىردى، تالىبان مۇشۇنداق كۈنگە قالسا ئەل-قائىدىگە تېخىمۇ ئىگە چىقاتتى. ئەل قائىدىنىڭ مەقسەت ۋە نىشانلىرىغا نىسبەتەن تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىرى ئۇنچىۋېلا مۇھىم ئورۇندا تۇرمايتتى.
راشىت2000-يىلدىن باشلاپ ئۇسامە بىن لادىن ۋە سەبداشلىرىنىڭ تالىباننىڭ رەھبەرلىك سېپىدىكى ئورنىنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ ماڭغانلىقىنى، تالىباننىڭ چىقارغان ھەر قانداق قارارلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى دەيدۇ. بۇ ئەھۋال تەبىئىي ھالدا تالىباننىڭ نىشانىنى ئافغانىستان چېگرالىرىنىڭ سىرتىغا، بولۇپمۇ شىمالدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە بۇرىدى. دەسلەپ ئەل-قائىدىنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە ئوخشاش تەشكىلاتلار بىلىپ بىلمەي تالىباننىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. تالىبان سىرتتىن كەلگەن بۇ ”جەڭچى“لەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشىنىڭ تاماسىدا يۈرگەن بولسا، سىرتتىن كەلگەن بۇ ”جەڭچى“لەرمۇ تالىباننىڭ پاناھلىق بەرگەنلىكىدىن مىننەتدار ئىدى.
4.2- 2001-يىلى 11-سېنتەبىردىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر
11-سېنتەبىر ھۇجۇمىغا جاۋابكارى ئېلان قىلىنغان ئەل قائىدە ۋە بۇ تەشكىلاتنى قانات ئاستىغا ئالغان تالىبانغا قارشى ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى، شۇنداق قىلىپ رايون يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغان بولدى. پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرلا ئىتىراپ قىلغان تالىبان ھاكىمىيىتى يىمرىلدى. تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان تالىبان، ئۆزىنى قوللايدىغان رايونلاردا مەۋجۇدلىقىنى داۋاملاشتۇردى. ئەل-قائىدىمۇ بارلىق بازىلىرىنى تارقىتىۋېتىپ ”جەڭچى“لىرىنى پاكىستاندىكى قەبىلىلەر رايونىغا يۆتكىدى. ھەم تالىبان ھەم ئەل-قائىدە نۇرغۇن ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالدى، بولۇپمۇ ھەر ئىككىلى كۈچ غوللۇق ئادەملىرىنى يوقىتىپ قويدى. بىر قىسمى ئەسىرگە چۈشۈپ گۇانتاناموغا ئەۋەتىلدى. ساق قالغانلار شىمالىي پاكىستاندىكى پەشتۇن قەبىلىلىرى تەرىپىدىن پەشتۇنۋالى يەنى پەشتۇن ئۆرپى قانۇنلىرىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ھىمايە قىلىندى.
پاكىستاندىكى تالىبان تەشكىلاتى بۇ يېڭى دەۋرنىڭ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئامېرىكا ئىشغالىيىتىنىڭ مەھسۇلاتى ئىدى. قەبىلىلەر رايونىدا سىرتتىن كەلگەنلەردىن سىرت، ئافغان جىھادىغا قاتناشقان، رۇسلار چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كەتمىگەن پىشقەدەم مۇجاھىتلارمۇ بار ئىدى. 11-سېنتەبىردىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر كونا ۋە يېڭى مۇجاھىتلارنى شىمالىي پاكىستاندا جەم قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكا پاكىستان ھۆكۈمىتىنى شىمالىي پاكىستانغا يىغىلغان ”مۇجاھىت“لارغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا قىستىدى، پاكىستان ھۆكۈمىتى شىمالىي پاكىستاننىڭ ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقىغا قارىماي بۇ رايونغا ئەسكەر يوللاپ ئەل-قائىدە ۋە تالىبانغا زەربە بەردى. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلىقى شىمالىي پاكىستاندىكى قەبىلىلەرنى قاتتىق بىئارام قىلدى. باشتىن باشلاپ تالىباننىڭ بارلىق ئىجرائات ۋە سىياسەتلىرىنى قوللاپ كەلگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش دىنى ۋە زىھنى چۈشەنچىلەرنى ئورتاقلىشىپ كەلگەن شەرىئەت ھاكىمىيىتىنى ياقلايدىغان شىمالىي پاكىستاندىكى قەبىلىلەر، يېڭى ۋەزىيەتتە مۇجاھىر تالىبان ”جەڭچى“لىرى ۋە چەت ئەللىك ”جەڭچى“لەر بىلەن بىرلىشىپ پاكىستاندىكى تالىبان تەشكىلاتىغا ئۇل سالدى.
بەيتۇللا مەقسۇت 2007-يىلى دېكابىردا پاكسىتاندىكى تالىبان بىلەن چېتىشلىق بولغان 13 گۇرۇھنى ”تەھرىقى تالىبان پاكىستان“نامى ئاستىدا بىرلەشتۈردى. بەيتۇللا مەقسۇت بۇ ئىتتىپاقنى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق، قەبىلىلەر بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە سۈركىلىش ئېھتىمالىنى تۆۋەنلەتتى. بۇ ئىتتىپاقنىڭ غايىسى پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى قەبىلىلەر رايونىدا ئىسلام ئەمىرلىكى قۇرۇپ چىقىپ، قەبىلىلەر رايونىنى تاغۇت ۋە كۇپىر ھاكىمىيەت دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلىپ چىقىش ئىدى. بۇ بۆلگۈنچىلىك قىلمىشىغا قارشى پاكىستان ھۆكۈمىتى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئۇرۇش پاكىستاننىڭ ئىچكى قىسمىغىچە كېڭەيدى، ”تەھرىقى تالىبان پاكىستان“تەرىپىدىن 2007-2008-يىللىرى ئارىسىدا سادىر قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا 500دىن ئارتۇق ئىنسان جېنىدىن ئايرىلدى.
پاكىستاندىكى تالىبان ئافغانىستان تالىبانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاشقۇن بولۇپ، پىكىر ۋە ھەرىكەت جەھەتتە ئەل-قائىدىدىن قىلچە قېلىشمايدىغان، ھەتتە ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان ، دۇنياۋى جىھادنى تەشەببۇس قىلىدىغان ۋە چەتكە قاققۇچى (تەكفىر) خاراكتېرگە ئىگىدۇر، چۈنكى پاكىستان تالىبانىنىڭ بېشىدىكى مەقسۇدىنىڭ خاراكتېرىگە قارايدىغان بولساق، بۇنى تەخمىن قىلىش تەس ئەمەس. فىرانكونىڭ تەبىرى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، پاكىستاندىكى تالىبان ئەل قائىدىنى ئاساس قىلغان ئەندىزە بىلەن، يەرلىك قەبىلىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان دىيوبەندىچىلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاشقۇن رادىكالىزمنىڭ بىرلەشمىسىدۇر. بۇنىڭدىن سىرت، يۈز بەرگەن ھادىسىلەرگە ئاساسەن، ئەل قائىدىگە ئوخشاش پەۋقۇلئاددە ئاشقۇنلۇقتىن يىراق تۇرۇپ تالىباننىڭ ھەنەپى ۋە سوپى كىملىككە ئىگە بولغان يەرلىك پەشتۇن ئەنئەنىسىگە قايتىشنى ياقلايدىغان ۋە بۇ سەۋەبتىن پاكىستان بىلەن ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ تۈگەيدىغانلىقىنى ئويلايدىغان تالىبان سىياسىتىنىڭ ھەم ئافغانىستاندىكى تالىبان ھەمدە پاكىستاندىكى تالىبان ئارىسىدا پائال ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىق كېرەك.
باھا ۋە يەكۈن
ھەنەپىيلىك ۋە سوپىيلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ مۇسۇلماندارچىلىق/دىندارلىق خاراكتېرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان غول ئېقىملاردۇر بولۇپمۇ سوپىيلىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ سىمۋوللۇق كۈچى ئىدى. سىرتتىن رايونغا 1910-يىللاردا ئېقىپ كىرگەن سەلەپىلىك رۇسىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا باشقا دىنى ئېقىملارغا ئوخشاش بىر قاتار مۈشكۈل باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرۈش بىلەن بىرگە، 1980-يىللارغىچە نىسبەتەن چەكلمىدىن خالىي قالغان. سەلەپىلىكنىڭ بۇنداق بولۇشى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەنەپىلىك ۋە سوپىيلىقنى مۇۋازىنەتكە ئىگە قىلىش نەتىجىسىدە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.
20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چەرىكىدە تاشكەنت ۋە پەرغانىدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ شەخسىي تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە تارقىلىشقا باشلىغان سەلەپىلىك، 1945-يىلىدىن كېيىن چەكلىك ساندا بولسىمۇ ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىلگەن ئۆلىما ۋە ياش تالىبلارنىڭ، 1990-يىلىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى بولغان ئۆزبېك دەۋەتچىلەر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان شەرىئەت پاكۇلتىتلىرىدا ئوقىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە تېخىمۇ نوپۇزغا ئېرىشتى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمرىلىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشىشىدىن كېيىن ھاسىل بولغان نىسپىي ئەركىن مۇھىت، رايوننىڭ سىرت بولغان ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى. ھەنەپى ۋە سوپى ئۆلىمالىرى ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مەجبۇرىي مۇرەسسە ھالىتىدە بولۇشى ۋە ماسلىشىشىنىڭ خەلقنىڭ خاتىرىسىدە قالدۇرغان سەلبىي تەسىرلىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە دىندار ياشلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ يەرلىك جامائەت ۋە دىنى ئېقىملاردىن بەكرەك سىرتتىن ئېقىپ كىرگەن دىنى ئېقىم ۋە ئاشقۇن گۇرۇھلارغا بولغان مايىللىقىنى كۈچەيتتى.
جەنۇبغا جايلاشقان ئافغانىستان بولسا ھىندىستاندا كېلىپ چىققان ئەھلى ھەدىس جامائىتىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق سەلەپىلىك بىلەن تونۇشتى. ئافغانىستان جىھادى ئەسناسىدا بولۇپمۇ سەييافقا ئوخشاش مۇجاھىد لىدېرلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىن جىھاد قىلىش ئۈچۈن ئافغانىستانغا كەلگەن مىڭلارچە سەلەپى پىدائىي ياشلار سەلەپىلىكنىڭ ئافغانىستاندا تارقىلىشىنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ قالدى. بۇ پىدائىي ياشلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئەل قائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئۇلى سېلىندى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا سەلەپىلىك ئېقىمى بەزىبىر زوراۋانلىق ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ نوپۇزغا ئېرىشىشنىڭ كويىغا كىردى. بۇ ئەھۋال سەلەپىلىكنى باشقىچە خاراكتېر ۋە كىملىككە ئىگە قىلدى.
سەلەپىلىكنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ كىملىكى كونا دىنى ئەنئەنىلەرگە مايىل تالىباننىڭ مۇتەئەسسىپ ۋە ئاشقۇن سىياسەتلىرىگە ماس كېلەتتى. ئافغان ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئورتاق دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن تەقدىر ئوخشاشلىقى ئىدىئولوگىيەلىك جەھەتتە بىر يەرگە قەتئىي كەلمەيدىغان تالىبان بىلەن سەلەپىلىك ئوتتۇرىسىدىكى بەزىبىر بىر تەرەپلىمە قاراشلار ۋە ئەنئەنە رېفلىكىسلىق پوزىتسىيە ۋە خاھىشلارنى نىسبەتەن بولسىمۇ يۇمشاتتى. ھەتتا بۇ ئىككى گۇرۇھنى بىرلەشتۈردى.
ئوتتۇرا ئاسىيا سەلەپىلىك ئويغىنىش ھەرىكىتىدە كېلىنگەن بۇ سەۋىيەدە، زوراۋانلىققا مۇراجائەت قىلىش ۋە ”تالىبانلىشىش“ كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزى ئاقىۋەتلەرنى تەكىتلەش كېرەك. بۇ ئاقىۋەتلەردىن بىرسى، بەز تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىكى ھاكىمىيەتلەر ”تالىبانلىشىش“ ۋە ئاشقۇنلۇقنى باھانە قىلىپ خەلقىگە غەيرى دېموكراتىك ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش كۈچىدى. بۇ ھاكىمىيەتلەر ”دىنى خەۋپ“كە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خەلقىگە بېسىم ۋە چەكلىمە سىياسىتى يولغا قويدى. تالىباننىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرى، شۇنداقلا رايوندا ئەۋجىگە چىققان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق زور ۋەقەلەر خەلقئارادىكى چوڭ كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قول تىقىشىغا باھانە بولۇپ بەردى.
بومبايدىكى قانلىق تېررورلۇق ۋەقەلىرى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش قىلمىشلار رايونلۇق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت تورىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەندىن سىرت، ھىندىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىن ئىسلام بىلەن قايتىدىن مۇشەررەپ بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە جىھادقا ئوخشاش پاكىز قېلىشقا تېگىشلىك ئۇقۇملار بۇلغاندى. جىھادنىڭ ئاساسلىق غايىسى بولغان ”سىياسىي ئىشغالىيەتچىلەرگە ۋە زالىملارغا قارشى كۈرەش قىلىش“ ئىدىيەسىدىن چەتنەش كۆرۈلۈپ، يوقىلاڭ ۋە بىھۇدە نىشانلارغا يۈزلىنىش بارلىققا كەلدى. سەلەپىلىكنىڭ ئاساسلىق ئۇقۇملىرىدىن بولغان ”ئەل-ۋەلا ۋە ۋەل بەرا“ئىدىيەسى كونتېكىستىن ئايرىۋېتىلىپ، شىئەلەر، سوپىيلار، بىگۇناھ غەيرى مۇسۇلمانلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ”جىھادنىڭ نىشانى“قىلىپ كۆرسىتىلدى. بۇ ئەھۋال ئىسلامنىڭ ھەم رايوندا ھەم دۇنيادا ئوبرازىنىڭ خۇنۇكلىشىشىگە سەۋەب بولدى.
مۇسۇلمانلار بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىققا زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئاشقۇنلار ۋە مۆتىدىللار دەپ ئىككىگە ئايرىلدى. رايوندىكى يامان نىيەتلىك كۈچلەر مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ناچار ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ مۇسۇلمانلارغا زىيانلىق مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى. رايوننى مۇقىمسىزلىق پاتقىقىغا سۆرەپ كىرمەكچى بولغان چوڭ كۈچلەر ئوتتۇرا ئاسىيا رايوندىكى ناچار ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئاشقۇن دىنى گۇرۇھلارنىڭ قولى ئارقىلىق رەزىل مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە. رايوندىكى ئاشقۇن دىنى گۇرۇھلار بىر تېررورلۇق ۋاستىسى سۈپىتىدە چوڭ كۈچلەرگە ياكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلىدىغان قارا جەمئىيەت گۇرۇھلىرىگە بىلىپ بىلمەي خىزمەت قىلماقتا.
ئەل قائىدىچى سەلەپى ئىدىئولوگىيەنىڭ غەرب دۇنياسىغا بولغان دۈشمەنلىكى، جىھاد ۋە شاھادەتنى بىرىنچى پىلانغا قويۇشى قاتارلىقلار زۇلۇمغا ئۇچرىغان ۋە ئىززەت-ئابرويى ئاياغ-ئاستى قىلىنغان بەزى دىندارلارنى جەلپ قىلسىمۇ، ئەل قائىدىنىڭ تىنىمسىز كۈرەش قىلىش پەلسەپىسى ۋە ئەخلاقىنىڭ بولماسلىقى باشقا ئىسلامىي تەشكىلاتلارغا ھەر ۋاقىت ئەندىشە ئېلىپ كەلدى. ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى تەقدىم قىلىدىغانلىقى ھازىرغىچە مەۋھۇم بولۇپ كەلگەن بۇ تەشكىلات، پىرىنسىپقا زور ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىسلامچىلار نۇقتىسىدىنمۇ ئىشەنچ بېرەلمەيدىغان تەشكىلاتتۇر. بۇنىڭدىن غول سەلەپى ئېقىملار نۇقتىسىدىنمۇ ئەل قائىدە تەشكىلاتى، ئۆلىمالارنى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىرىنى ئاسانلا تەكفىر قىلىشى، مۇسۇلمانلار دىيارىغا زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ئۇرۇقىنى تېرىپ بۇ دىيارلارنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇۋېتىشى، بىگۇناھ ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلىشى قاتارلىقلار ھەققىي ۋە چىن سەلەپىلىكتىن چەتنىگەن ئاشقۇنلۇق ھېسابلىنىدۇ.
بولۇپمۇ ئەرەب باھارى ئەسناسىدا ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە تەلەپلىرى بىلەن مەيدانلارغا چىققان زور تۈركۈمدىكى مۇسۇلمانلار ئەل-قائىدىدىن پەرقلىق بىر يولنى تۇتتى. بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان ئەل-قائىدىچى تەشكىلاتلار، ئوتتۇرا ئاسىياغا ئوخشاش سىياسىي سۈركىلىشكە سەھنە بولىۋاتقان رايونلاردا تالىبان ۋە ئۇنىڭ ھىمايىسىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق مەزھەپ ئىختىلاپلىرى پەيدا قىلىپ ۋە ئىراننىمۇ بۇ ئىشقا سۆرەپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە. ئەل-قائىدە ئىراقتا يولغا قويغان بۇ سىياسىتىنى كۈنىمىزدە سۈرىيەدە سىنىماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئەل-قائىدىنى رايوندا تالىبان بىلەن بىرلىكتە سۈننىيلىكنىڭ ھامىيسى سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىز بولۇشى ئەل-قائىدىدەك تەشكىلاتلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئالدىنى شەرتىدۇر. بۇ سەۋەبتىن 2012-يىلىنىڭ بېشىدا تالىبان بىلەن باشلىغان تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە چوقۇم بۇزغۇنچىلىق قىلىنىدۇ. بۇ مۇھىم خىزمەتكە باشلامچىلىق قىلغان ئافغانىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى بۇرھانەددىن راببانىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشىغا بۇ نۇقتىدىن قاراش كېرەك. راببانى ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئىسلام ئالىملىرىنى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنڭ ئىسلامدا ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدا پەتۋا چىقىرىشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغانىدى. ئەل-قائىدىچى سەلەپىلىك ھەجىم جەھەتتىن كىچىك بولغان لېكىن پەيدا قىلغان تەسىرى ۋە ئوبرازى جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان ئىدىئولوگىيەدۇر.
ئوتتۇرا ئاسىيا ھاكىمىيەتلىرى دېموكراتىيە، سىياسىي ئىسلاھات ۋە دىنى ئەركىنلىك قاتارلىق ساھەلەردە جەسۇرلارچە قەدەم تاشلىغاندا رايوننى يات ۋە زىيانلىق دىنى سىياسىي تەشكىلاتلاردىن تازىلىيالايدۇ. ناۋادا بۇلار مەلۇم جەھەتتە ئۈنۈم بەرسە، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ مەۋجۇلۇق سەۋەبىمۇ يوق بولغان بولىدۇ، خەلقنىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئەپسۇس رايون دۆلەتلىرى ھەر قانداق دىنى تەشكىلاتلارنى ۋاھابىلىق ۋە سەلەپىلىك بىلەن ئەيىبلەپ ۋاھابىلىققا ۋە ۋە سەلەپىلىككە قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسا ئۇلارغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلماقتا. بۇ ئەھۋال ئاشقۇن دىنى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ئىدىيەسىنىڭ نە قەدەر توغرا ئىكەنلىكىنى تەرغىپ قىلىشىغا باھانە بولۇپ بەرمەكتە.
پايدىلانمىلار
ABDULLAH ENES (Abd Allah Anas), Viladetu’l-Afgan el-‘Arab: Siretu Abdullah Enes
beyne Mes’ud ve Abdullah A’zam, London, 2002.
ABOU-ZAHAB, Mariam, “Salafism in Pakistan: Ahl-i Hadith Movement”, R. Meijer
(ed.), Global Salafism: Islam’s New Religious Movement, London, 2009, s.126-142.
ABOU-ZAHAB, Mariam, O. ROY, Islamist Networks: Afghan-Pakistan Connection,
London, 2004.
AKINER, Shirin, “The Politicisation of Islam in Postsoviet Central Asia”, Religion,
State & Society: The Keston Journal , c.31/2, 2003, s.97-122.
BABADJANOW, Bakhtiyar ve Muzaffar KAMILOV, “Muhammadjan Hindustani
(1892–1989) and the Beginning of the ‘Great Schism’ among the Muslims of Uzbekistan”,
Stephane A. Dudoignon and Hisao Komatsu (eds.), Islam in Politics in
Russia and Central Asia (Early Eighteenth to Late Twentieth Centuries) , London,
2001, s. 195-219.
BABADJANOW, Bakhtiyar, A. MUMINOV ve A. fon KUGELGEN, Disputes On
Muslim Authority in Central Asia in 20th Century: Critical Edition and Source
Studies , Almatı, 2007.
BAJPAI, P. ve S. RAM, Encyclopaedia of Afghanistan , New Delhi, 2002.
BALCI, Bayram, “Central Asian Refugees in Saudi Arabia: religious evolution and
contributing to the reislamisation of their motherland”, Refugees and Religion ,
c.26/2, 2007, s.12-21.
BURKE, Jason, El Kaide: Terorun Golgesi , cev. Ebru Kılıc, İstanbul, 2004.
EL-BUHARI, Muhammed b. İsmail, el-Cami’u’s-Sahih , İstanbul, 1315.
56 Vehhabi kavramının Rusya’da ve Orta Asya cumhuriyetlerinde rejim karşıtı tum dini-siyasi
oluşumlar icin ortak bir ad olarak kullanılması, bunun neden ve sonucları hakkında bkz. A.
Knysh, “A Clear and Present Danger: ‘Wahhabism’ as a Rhetorical Foil”, Die Welt des Islams ,
c.44/1, 2004, s. 22-6.
III. Cilt: Aydınlıktan Aydınlanmaya
1314
BUYUKKARA, Mehmet Ali, “Bir İnanc ve İmaj Sorunu Olarak İslam’ın Talibancası”,
Gunumuz İnanc Problemleri: İlahiyat Fakulteleri Kelam Anabilim Dalı Sempozyumu,
Erzurum, 2001, s.277-287.
BUYUKKARA, Mehmet Ali, İhvan’dan Cuheyman’a Suudi Arabistan ve Vehhabilik ,
İstanbul, 2004.
BUYUKKARA, Mehmet Ali, “11 Eylul’le Derinleşen Ayrılık: Suudi Selefiyye ve Cihadi
Selefiyye”, Dini Araştırmalar , c.7/20, 2004, s.205-234.
CORNELL, Svante E., “Narcotics, Radicalism, and Armed Conflict in Central Asia:
The Islamic Movement of Uzbakistan”, Terrorism and Political Violence , c.17,
2005, s.577-597.
EDVARDS, David B., Before Taliban: Genealogies of the Afghan Jihad , Berkeley&Los
Angles, 2002.
ERŞAHİN, Seyfettin, “The Official Interpretation of Islam under Soviet Regime”,
Journal of Religious Culture , c.77, 2005, s.1-19.
FRANCO, Claudio, “The Tehrik-i Taliban Pakistan”, A. Giustazzi (ed.), Decoding the
New Taliban , New York, 2009, s.269-292.
FREDHOLM, Michael, Islamic Extremism as a Political Force: A Comparative Study
of Central Asian Extremist Movements , Stockholm, 2006.
GERGES, A. Fawaz, Journey of the Jihadist: Inside Muslim Militancy , Orlando, 2007.
GERGES, A. Fawaz, The Rise and Fall of al-Qaida , Oxford, 2011.
GROSS, Jo-Ann, “Resmi ve Resmi Olmayan İslam Tartışması: Sovyet Orta Asyası’nda
Tasavvuf”, cev. A. Tek, Uludağ U. İlahiyat F. Dergisi , c.13/1, 2004, s.279-301.
GULER, Zekeriyya, “Selefi Hareketin Tarihi Kokenleri ve Yontem Problemi”, Marife ,
c.9/3, 2009, s.47-74.
İŞCAN, Mehmet Zeki, Selefilik: İslami Koktenciliğin Tarihi Temelleri , İstanbul, 2006.
JACQUARD, Roland, In the Name of Osama bin Laden: Global Terrorism and the
Bin Laden Brotherhood , cev. G. Holoch, Durham&London, 2002.
KAZANC, Fethi Kerim, “Selefiyye’nin Nass ve Metot Ekseninde Din Anlayışı ve Sonucları”,
Kelam Araştırmaları , c.8/1, 2010, s.93-121.
KHALID, Adeeb, The Politics of Muslim Cultural Reform, Jadidism in Central Asia,
Berkeley, 1998.
KIRBAŞOĞLU, M. Hayri, “Maziden Atiye Selefi Duşuncenin Anatomisi”, İslamiyat ,
c.10/1, 2007, s. 139-160.
KNYSH, Alexander, “A Clear and Present Danger: ‘Wahhabism’ as a Rhetorical Foil”,
Die Welt des Islams , c.44/1, 2004, s. 3-26.
KONUK, Yahya, Bosna’dan Afganistan’a Cihad’ın Mahrem Hikayesi , İstanbul, 2007.
KUTLU, Sonmez, İslam Duşuncesinde İlk Gelenekciler: Hadis Taraftarlarının İman
Anlayışı Bağlamında Bir Zihniyet Analizi , Ankara, 2000.
LOUW, Maria Elisabeth, Everyday Islam in Post-Soviet Central Asia , New York, 2007.
MALEY, William, Fundamentalism Reborn?: Afghanistan and Taliban, London, 1998.
Büyükkara, Dışlamacı Müslümanlığın Orta Asya’daki İzdüşümleri: Selefilik…
1315
MATINUDDIN, Kamal, The Taliban Phenomenon: Afghanistan 1994-1997 , Oxford,
2000.
METCALF, Barbara D., ”Deobandis“, The Oxford Encyclopedia of the Modern Islamic
World , c.I, s.362-3.
MUMINOV, Ashirbeg, “Fundamentalist Challenges to Local Islamic Traditions in
Soviet and Post-Soviet Central Asia”, Uyama Temohiko (ed.), Empire, Islam and
Politics in Central Eurasia , Sapporo, 2007, s.249-262.
MURSHED, S. Iftikhar, Afghanistan: The Taliban Years , London, 2006.
MUSLİM b. Haccac, el-Cami’u’s-Sahih , ed. M. F. Abdulbaki, Kahire, 1374/1955.
NATHAN, Joanna, “Reading the Taliban”, A. Giustazzi (ed.), Decoding the New
Taliban , New York, 2009, s.23-42.
NAUMKIN, Vitaly V., Radical Islam in Central Asia between Pan and Rifle, Lanham-
Maryland, 2005.
NOJUMİ, Neamatollah, The Rise of the Taliban in Afghanistan , New York, 2002.
OLCOTT, Martha Brill, The Roots of Radical Islam in Central Asia , Washington DC:
CarnegieEndowment, tsz., http://www.carnegieendowment.org/files/olcottroots.pdf
(erişim 25 Mayıs 2012).
ONISHI, Norimitsu, “A Nation Challenged: A Shrine; A Tale of the Mullah and Muhammad’s
Amazing Cloack”, The New York Times , 19 December 2001.
OZCAN; Azmi, ”Darululum“, T.D.V. İslam Ansiklopedisi , c.VIII, s.553-4.
PETERS, Gretchen S., “The Taliban and the Optimum Trade”, Antonio Giustazzi
(ed.), Decoding the New Taliban , New York, 2009, s.7-22.
PEYROUSE, Sebastien, “The Rise of Political Islam in Soviet Central Asia”, H. Fradkin
vd. (eds.), Current Trends in Islamist Ideology , Washington, Hudson Institute,
2007, s.40-54.
POLIAKOV, Sergei P., Every Day Islam: Religion and Tradition in Rural Central Asia ,
New York, 1992.
POLONSKAYA, Ludmila ve Alexei MALASHENKO, Islam in Central Asia , Reading,
1994.
QAZI, Shehzadeh H., “The Neo-Taliban and Counterinsurgency in Afghanistan”, The
Third World Quarterly , c.31/3, 2010, s.485-499.
RASHİD, Ahmed, Taliban: Militant Islam, Oil and Fundamentalism in Central Asia ,
London&New Haven, 2000.
RASHİD, Ahmed, Jihad: The Rise of Militant Islam in Central Asia, New Haven&
London, 2002.
RAUF BEG, Adı Afganistan’dı, Talibanların Eline Nasıl Duştu, İstanbul, 2001.
ROY, Olivier, Siyasal İslamın İflası , cev. C. Akalın, İstanbul, 1995.
ROY, Olivier, Yeni Orta Asya Ya da Ulusların İmal Edilişi , cev. M. Moralı, İstanbul,
2000.
ROY, Olivier, Kureselleşen İslam , cev. Haldun Bayrı, İstanbul, 2003.
III. Cilt: Aydınlıktan Aydınlanmaya
1316
SIKAND, Yoginder, “Voices for Reform in the Indian Madrasas”, F.A. Noor ve diğerleri
(eds.), Madrasa in Asia: Political Activism and Transnational Linkages , Amsterdam,
2008, s.31-65.
SOYYER, A. Yılmaz, Bir İdeolojinin İzduşumu: Taliban, Isparta, 2002.
TARZI, Amin, “The Neo-Taliban”, Robert D. Crews ve Amin Tarzi (eds.), The Taliban
and the Crisis of Afghanistan , Cambridge-Massachusetts, 2008, s.274-310.
USAME Bin Ladin, “İ’lan bi’l-Cihad Zıdde’l-Amrikiyyini’l-Muhtillin Arda’l-
Haremeyni’ş-Şerifeyn”, el-Kuds el-‘Arabi (London), 23 August 1996.
USAME Bin Ladin, “Nassu Beyani Cebheti’l-İslamiyyeti’l-‘Alemiyye li Cihadi’l-Yehud
ve’s-Salibiyyin”, el-Kuds el-‘Arabi (London), 23 February 1998.
WITTER, David, “Uzbak Militancy in Pakistan’s Tribal Region”, 27 January 2011,
s.1-19, http://www.understandingwar.org/report/uzbek-militancy-pakistans-tribalregion
(erişim 25 Mayıs 2012).

تەرجىمان: ئادىلجان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*