تەكفىرچىلىك

مۇھەممەر ئەسەن- ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
قىسقىچە مەزمۇنى
ئۆزگىلەرنى «كۇپۇرلۇق بىلەن ئەيىبلەش»مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان تەكفىر تىئولوگىيەلىك، سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرى بولغان ئۇقۇمدۇر. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۇقۇم ئۆزگىلەرنى دىنى، سىياسىي، ھەتتا ئىقتىسادىي بولۇپ نۇرغۇن ساھەدىن چەتكە قېقىشنىڭ ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. بۇ چەتكە قاققۇچى خاھىش ۋە پوزىتسىيە ئۆزىنىڭ تەسىرى ۋە نوپۇزىنى مەزھەپ، گۇرۇھ، پارتىيە، ئېقىم قاتارلىق ناملار ئاستىدا داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن شۇنى چۈشىنىشكە بولىدىكى، تەكفىر ئەنئەنىسى ئىسلامنىڭ تەۋھىد چۈشەنچىسىگە زىت كەلمەكتە. بىر زامانلار سىياسىي، ئىدېئولوگىيەلىك ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرى تەرىپىدىن ئوزۇقلىنىپ كەلگەن بۇ تەكفىر ئەنئەنىسى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تىئولوگىيەلىك (ئىلاھىيەت) ۋە دوگماتىك تۈسكە كىردى.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تەۋھىد، تەكفىر، بىدەت، نېجاد، ئەھلى سۈننەت، مۇتەزىلە، رافىزە، پىرقە
مۇقەددىمە
تەكفىر كالام ئىلمىدە ئىستېمال نۇقتىسىدىن تىئولوگىيەلىك، سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك مەنىلىرى بولغان ئۇقۇمدۇر.
بۇ كەلىمە لۇغەتتە «يوشۇرماق، كاپىرغا چىقىرىش، بىرىنى كۇپۇرلۇق بىلەن ئەيىبلەش»دېگەندەك مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تەكفىر ئۇقۇمىنىڭ كالام ئىلمىدىكى مەنىسى مۇنداق: بىر دىنغا ئىشەنگۈچىنىڭ ئوخشاش دىنغا ئىشىنىدىغان يەنە بىر دىنى قېرىندىشىنى ئىنكارچى ۋە كاپىرغا چىقىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. كۇپۇر ئىچىدىكى بىر كىشى بۇ ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ مۇسۇلمان بولالايدىغانلىقىغا ئوخشاش، مۇسۇلمان بىرى دىندىن يېنىپ كۇپۇرلۇققا كىرىدىغان ئىشمۇ بولىدۇ. بىراق مۇسۇلمان بىرىنىڭ قانداق ئەھۋالدا كۇپۇرغا كىرىپ قالىدىغانلىقى، كۇپۇر بىلەن ئىمان ئارىسىدىكى پاسىلنى بېكىتىش مەسىلىسى تارىختىن بۇيان مەزھەبلەر ئارىسىدا ئىختىلاپلىق مەسىلە بولۇپ كەلگەن. ھەتتا بىر مەزھەبكە باغلىق ئالىملارمۇ بەزىدە ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تەكفىر ئىسلام ئىدىيەسىدە بولۇپمۇ كالام تارىخىدا پەيدا بولغان تارىخىي ھادىسىدۇر. دەرۋەقە بۇ ھادىسەنى ئەقىدە ساھەسىدە ئىسلامىي مەزھەپلەرنىڭ پەيدا بولۇپ تەرەققىي قىلىشى بىلەن شەكىللەنگەن كالام ئىلمىدە ئۇچرىتىمىز. ماقالىمىزدە تەكفىر ئەنئەنىسىنى ئىككى نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىشقا تىرىشىمىز. بىرسى تەكفىر ئەنئەنىسىنىڭ تىئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى ۋە تەسىرلىرى، ئىككىنچىسى بولسا، تەكفىر ئەنئەنىسى شەكىللەنگەن سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيە مۇھىتتىكى قۇرۇلمىسى ۋە بۇنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىپادىلىرىدۇر.
تەكفىر ئەنئەنىسىنىڭ تىئولوگىيەلىك ئاساسى
تەكفىرنىڭ تىئولوگىيەلىك ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىش تولىمۇ مۈشكۈل. ئەسلىدە تەكفىر ئىدېئولوگىيەلىك ۋە سىياسىي تالاش-تارتىشلار تۈپەيلى پەيدا بولغان بولۇپ، كېيىنچە تىئولوگىيەلىك تۈسكە كىرىشكە مەجبۇر بولغان. چۈنكى ئىدېئولوگىيەلىك ۋە سىياسىي تالاش-تارتىشلارنى ئېلىپ بارغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ يوللۇق ۋە ھەقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن دىنى مەنبەلەرگە مۇراجائەت قىلاتتى. بۇنىڭ ئەڭ ئاسان يولى بولسا ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن يوللۇق ۋە ھەقلىق قىلىش ئىدى. تەكفىر ئەنئەنىسىنىڭ پەيدا بولۇپ تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس تەشكىل قىلغان نۇرغۇن ھەدىس بولسىمۇ، لېكىن بۇ خۇسۇسنىڭ ئاساسلىق تىئولوگىيەلىك ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى تەخمىن قىلىنغان ھەدىس، « ئاخىرەتتە نېجادلىققا ئېرىشىدىغان پىرقە»(پىرقەئى ناجىيە ھەدىسى)دۇر. بۇ ھەدىسنىڭ خىلمۇ-خىل ۋارىيانتى بارلىقى مەلۇم. بۇ ھەدىسنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقا شەكلى تۆۋەندىكىچە:
«ئۈممىتىم 73 پىرقىغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ، بىرسى توغرا يولدا، قالغانلىرى دوزىخى بولۇپ كېتىدۇ، توغرا يولدىكى پىرقە بولسا مەن ۋە ساھەبىلىرىمنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغۇچىلاردۇر.»
ھەر خىل ۋارىيانتىلىرى بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بۇ ھەدىسگە ئاساسەن نۇرغۇن مەزھەپ تارىخچىسى بولۇپمۇ ئۆز دەۋىرلىرىگىچە شەكىللەنگەن پىرقە ۋە مەزھەبلەرنى 73 خىل كاتىگورىيەگە ئايرىپ چىققان. ھەتتا بۇلاردىن بەزىلىرى كاتىگورىيەگە ئايرىشتىن ھالقىپ «ھەق-توغرا » مەزھەپنى بېكىتىپ چىققان. بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، ئۆزلىرى تەۋە بولغان پىرقىنى «نېجادلىققا ئېرىشىدىغان يېگانە پىرقە»بولغان «ھەق پىرقىسى»دەپ ئاتاپ، باشقا پىرقىلارنى، ئەگەشكۈچىلىرىنى ئازغۇنلۇق ۋە كۇپۇرلۇق بىلەن ئەيىبلەشكەن. نەتىجىدە ئىسلامنىڭ نېجادلىق ئەندىزىسى ئەپسۇس پىرقىلارنىڭ مۇتلەق دەۋالىرى بىلەن قېلىپلاشقان «نېجادلىق ئەندىزىسى»گە ئايلىنىپ كەتكەن.
ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ئىسلام ئېتىقادىي مەزھەپلىرىنىڭ كاتىگورىيەگە ئايرىلىشىغا ئاساس تەشكىل قىلغان بۇ «پىرقەئى ناجىيە» (ئاخىرەتتە نېجادلىققا ئېرىشىدىغان پىرقە)ھەدىسى «مۇتەۋاتىر»ھەدىس بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، مەزكۇر ھەدىسنىڭ سەھىھ ھەدىس ئۆلچەملىرىگە مۇۋاپىقلىقىمۇ گۇمانلىقتۇر. تىئولوگىيەلىك سەۋىيەدە ئېتىقادىي مەسىلىلەردە بىر خەۋەرنىڭ مۇئەييەنلىشىشى مەزكۇر خەۋەرنىڭ تەۋاتۇر دەرىجىسىگە يېتىشى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. مەزكۇر ھەدىسنىڭ سەھىي ئىكەنلىكى توغرىسدا مەيلى كالام ئىلمىدە بولسۇن مەيلى ھەدىس ئىلمىدە بولسۇن نۇرغۇن مۇنازىرە بولۇپ ئۆتكەن. ھەدىسىنىڭ سەھىيلىك مەسىلىسى تېمىمىزغا بىۋاستە ئالاقىدار بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرچە بۇ ھەقتە توختالمايمىز. بىزگە مۇناسىۋەتلىك قىسمى بولسا ھەر خىل ۋارىيانتى بولغان بۇ ھەدىسنىڭ دەل ئۆزى يەنى مەزمۇنىدۇر.
مەزكۇر ھەدىستە ھېچقانداق بىر پىرقىنىڭ ئىسمى بېرىلمىگەن بولۇشىنىڭ ئەكسىچە، بارلىق پىرقە ياكى مەزھەپ مەنسۇبى «نېجادلىققا ئېرىشكەن پىرقە»نىڭ ئۆزىنىڭ پىرقەسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. نەتىجدە بۇ ئەھۋال ھەر پىرقەنىڭ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر پىرقە مەنسۇبىنىڭ ئۆزگە پىرقەلەرنى ۋە مەنسۇبلىرىنى غەيرىي رەسمىي دەپ قارىشىغا ۋە ئۇلارنى بولمىغۇر ئىپادىلەر بىلەن ئاتاپ ئەيىبلەشكە سەۋەب بولغان. بۇ مەسىلىدە ئەڭ مۆتىدىل ھەرىكەت قىلغان ئەھلى سۈننەت يولىنى تۇتقۇچىلار بولغان.
سەلەفىيە بولۇپ بەزى ئەھلى سۈننەت كالامچىلىرى بولۇپمۇ مۇتەزىلە كالامچىلىرىنى «ھەۋايى ئەھلى»، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغۇچىلار مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «مۇئەتتىلا»ياكى «ئۈممەتنىڭ مەجۇسىسى»، شىئەلەرنى بولسا «رافىزىلەر»دەپ ئاتىغان بولسا، ئۆزلىرىنى بولسا «ئەھلى ھەق ، ئەھلى سۈننە ۋە ئەھلى ھەدىس»دېگەن گۈزەل ناملار بىلەن ئاتاشقان. سۈننىي ئۆكتىچىلەر مۇتەزىلەنى ئازغۇن پىرقە دەپ قارايدىغان بولۇپ، مۇتەزىلەنى مەجۇسىلارغا ئوخشىتىش مەقسىتىدە ئۇلارنى «قەدەرىيە»دەپ ئاتىغان بولسا، مۇتەزىلە پىرقىسى ئۆزلىرىنى «تەۋھىد ۋە ئادالەتنى ياقلىغۇچىلار»دەپ ئاتىغان. بۇنىڭغا ئوخشاش نام قويۇشلار ئەمەلىيەتتە تىئولوگىيەلىك نۇقتىدىن باتىلغا قارشى ھەقنى، ئىجتىھادقا قارشى سۈننەتنى، بىدئەتكە قارشى تەقلىدنى مۇداپىئە قىلىش رولىنى ئۆتىگەن.
تىئولوگىيەلىك چۈشەنچىسى ۋە ئۇسۇلى نۇقتىسىدىن « فىرقەئى ناجىيە»ئىكەنلىكىنى قەتئىي ھالدا ياقلايدىغان ئەھلى سۈننەت بىلەن مۇتەزىلە ئارىسىدىكى روشەن پەرق مۇنداق: پىرقەئى ناجىيە ئاللاھنى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ياقلىسا، باشقىلار دەل ئەكسىچە، ئىنسانغا ۋاكالىتەن ئىنساننىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئەركىنلىكىنى ياقلىغان. دەسلەپكىلەر بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىيەچىلىرى ئىلاھ مەركەزلىك قاراشنى ياقلاپ ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى رەت قىلغان بولسا، مۇتەزىلە ئىنسان مەركەزلىك قاراشنى ياقلاپ ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تەكىتلەيدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ناسنىڭ تىئولوگىيەلىك دائىرىسىدىن جەبرىيە، مۇتەزىلە، ئەشئارىلىك ۋە ماتۇرىدىلىككە ئوخشاش تۆت مەزھەپ شەكىللەنگەن. بۇلاردىن تۇنجىسى يەنى جەبرىيە تەقدىرچىلىك، مۇتەزىلە ئەركىنلىك، ئەشئارىلىك بىلەن ماتۇرىدىلىك بولسا ھەم تەقدىر ھەمدە ئىنسان ئەركىنلىكى بىرلەشتۈرۈلگەن «كەسب»ئىدىيەسىنى ياقلىغان. بۇ تىئولوگىيەلىك نەزىرىيەلەر ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىگە قۇرئاننى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ئىنسانىي ئىجتىھادلار ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئىجتىھاد ياكى چۈشەنچەنى تەكفىر مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى، بىراق ئۇنداق بولمىدى. ئاللاھنى ھەر قانداق زۇلۇم، رەزىللىك ۋە يامانلىقلاردىن خالىي تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان، رەزىللىك، زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىقنىڭ مەنبەسىنى ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ئىزاھلايدىغان نەزىرىيە بولسا قارشى نەزىرىيەنى ياقلىغۇچىلار تەرىپىدىن تەكفىر قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت، ياخشى-ياماننى قىلىپ قىلماسلىقتا ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى ياقلىغانلارمۇ زىت قاراشنى ياقلىغۇچىلار تەرىپىدىن تەكفىرگە چىقىرىلغان.
ئىنسان قىلغان ئىشلىرى تۈپەيلى ئاللاھ ئالدىدا مەسئۇلدۇر. بۇ مەسئۇلىيەت ئىنساننىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىدە ئەركىن بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىنسان ئاساسەن قىلغان ياخشى يامان بارلىق ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەركىن ئىرادىسىغا ئاساسەن قىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھنىڭ مۇتلەق قادىرلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئەندىشىسى بىلەن ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى يوققا چىقىرىش ئىنساننىڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە زىت كېلىدۇ.
تىئولوگىيەلىك جەھەتتە تەكفىر ئېتىقاد مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تەرىقىدە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مەسىلىلەردىن سىرت پەيغەمبەرلىك، ئىمامەت ۋە ئاخىرەت ئېتىقادىغا ئوخشاش مەسىلىلەردىمۇ ئۇچرايدۇ. پەيغەمبەرلىك مەسىلىسىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلار تۈپەيلى بەزىدە بىر مەزھەپكە تەۋە كىشى ئۆزگە بىر مەزھەپكە تەۋە كىشىنى كۇپۇرلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن. ئوخشاشلا ئىمامەت مەسىلىسىدىمۇ مۇشۇنداق كۆرۈلگەن.
تەكفىرگە تېما بولغان مەسىلىلەردىن بىرى ئوخشىمىغان ئاخىرەت ئېتىقادىدۇر. دەرۋەقە، غەززالى بىر تەرەپتىن «تەكفىر مەسىلىسىدە پىرقىلەر ئاشقۇن ۋە مۇتەئەسسىپ كېلىدۇ، ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق پىرقە ئۆزىنىڭ پىرقىسىدىن باشقا ھەر قانداق مەزھەبنى تەكفىر قىلىدۇ»دېيىش ئارقىلىق ئىسلام مەزھەپلىرى ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان تەكفىر ئىدىيەسىنى تەنقىد قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى بىۋاستە بەزى ئىسلام پەيلاسوپلىرىنى ئالەمنىڭ ئەبەدىيلىكى، ئاللاھنىڭ جۈزئىلەرنى بىلمەيدىغانلىقى ۋە ئاخىرەتنىڭ جىسمانىي ئەمەس رۇھانى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلارنى ياقلىشى سەۋەبىدىن تەكفىر قىلغانىدى. شۇنداقلا غەززلىنىڭمۇ ئەزاسى بولغان مەزھەبنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئەشئارى، بۇرۇن ئۆزىمۇ ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلىپ كۆز-قاراشلىرىنى قوللاپ ياقلىغان مۇتەزىلەنى توققۇز مەسىلىدە تەكفىر قىلغانىدى، مۇتەزىلە ئاللاھنى ئاخىرەتتە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغانلىقى، قەبىر ئازابىنىڭ يوقلىقى ۋە چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ دوزاختتا ئەبەدىي قالىدىغانلىقىنى ياقلايتتى. دەرۋەقە، بۇ ئېقىمنىڭ كېيىنكى چاغلاردىكى ئەڭ مەشھۇر ياقلىغۇچىلىرىدىن باغدادى، «رۇيەت»كە مۇناسىۋەتلىك ئەھلى سۈننەتكە زىت قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىلىم ئەھلىلىرىنى تەكفىر قىلىش بىلەنلا بولدى قىلماي، بۇ قاراشنى ياقلىغۇچىلارنىڭ دوزاخقا كىرىپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ دېگەنىدى، ئەلۋەتتە بۇ جەھەتتە ئۇ يالغۇز ئەمەس ئىدى.
تەكفىرگە تېمىغا بولغان مەسىلىلەر يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئېتىقاد مەسىلىلىرىدىن ھالقىپ جەۋھەر (ئۆز ۋە ماھىيەت) ۋە ئىشارەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلىرىگە كېڭەيگەن ۋە بۇلار ئېتىقاد مەسىلىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن. مەسىلەن، ناززامنىڭ ئىشارەتلىرى جىسىملاردۇر، جەۋھەر ئىشارەتلەردىن تەشكىل تاپىدۇ دېگەن قاراشىمۇ بىر ئېتىقاد مەسىلىسىگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى. ھەتتا ئەھلى سۈننەتنىڭ ئەڭ قويۇق كالامچىلىرىدىن بىرى بولغان باغدادى، جەۋھەرلەرنى تەشكىل قىلغان ئىشارەتلەرنىڭ جىسىملەرنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ناززامگە ئوخاشلا كىشىلەرنىمۇ ئوچۇق ئاشكارە تەكفىر قىلغانىدى.
3. تەكفىر ئەنئەنىسىنىڭ سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئاساسى
تەكفىر تىئولوگىيەلىك يەنى ئېتىقادى مەسىلە بولۇشتىن باشقا سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھاكىمىيەت-ئۆكتىچى مۇناسىۋىتىدە ئۆكتىچىلەرنى يوق قىلىشنىڭ ۋاستىسى بولغان.
تەكفىرنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرۇش مۇساپىسىنى خاۋارىچلەر باشلاپ بەرگەنىدى. بۇ مۇساپىنى باشلىغان ئەسلىدىكى ئامىل بولسا ئەڭ دەسلەپكى ئىمام مەسىلىسىدىكى سىياسىي ئىختىلاپلار ئىدى.
خاۋارىچلار ئىبادەتنى ئاقساتمايدىغان ۋە ئۇلارنى تولۇق ئادا قىلىدىغان كىشىلەر ئىدى. ئەپسۇس ئۇلار تەۋە بولغان مۇھىت، ئەنئەنە، كۈلتۈر قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ قوپال ۋە چۇس خاراكتېرگە ئىگە بولۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال خاۋارىچ زىھىننى ئوزۇقلاندۇرغان غول ئامىل بولغان. خاۋارىچلەر سىففىن ئۇرۇشىدا مۇئاۋىيەگە قارشى ھەزىرىتى ئەلى بىلەن بىر سەپتە تۇرغانىدى، لېكىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىشتا ياراشتۇرغۇچى تەيىنلىنىشىگە قارشى چىقىپ ھەزىرىتى ئەلىنى تەكفىر قىلدى. ئۇلار بىر نەرسىنىڭ ھالال ياكى ھارام بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان بىرسىنىڭ بىلمىگەن ئۇ نەرسىنى قىلىشىنى كۇپۇر ھېسابلىغان بولسا، بۇ ئىشنى قىلغۇچىنى بولسا كاپىرغا چىقارغانىدى. خاۋارىچلەر مۇرجىەنىڭ ئەكسىچە ئەمەلنى ئىماندىن ھېسابلىغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئىبادەتنى تەرك ئەتكۈچىلەرنى كاپىر قوبۇل قىلىۋالغانىدى. خاۋارىچلار تەكفىر مەسىلىسىدە شۇنچىلىك ئاشقۇنلىشىپ كەتكەنكى، غەيرى دىننىڭ مۇرىتلىرىغا قىلغان نورمال ۋە خۇش مۇئامىلىنى تولىمۇ ئەپسۇس مۇسۇلمانلارغا قىلمىغان بولۇپ، ئۇلار مۇشرىككە چىقىرىپ تەكفىر قىلغان ئۆكتىچى پىرقىلەرنىڭ ياكى كىشىلەرنىڭ پەرزەنت ۋە ئاياللىرىنىمۇ «ئىمان» ۋە «كۇپۇر«نۇقتىسىدىن ئاتىلىرىغا نىسبەت قىلىش ئارقىلق، ئۇلارنىڭ پەرزەنت ۋە ئاياللىرىنىڭ قاتىللىرىنىڭمۇ قىلمىشلىرىنى جايىز دەپ قاراشقان. بۇ خاۋارىچلار بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، تېخىمۇ ھەددىن ئېشىپ، قارشى پىرقىدىكىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتىلىرى بىلەن بىرلىكتە دوزاخققا كىرىدىغانلىقلىرىنىمۇ بىلجىرلاشقان.
خاۋارىچلەر بىلەن ئىمان چۈشەنچىسى جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىدىغان ۋە مۆتىدىل قاراشقا ئىگە مۇرجىيەمۇ كۇپۇرلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى. ھالبۇكى ئەمەلنىڭ ئىمادىن پەرقلىق نەرسە ئىكەنلىكىنى ياقلىغان مۇرجىيە ۋە ئۇنىڭ چوڭ ۋەكىلى ئەبۇ ھەنىفە، مۇرجىيە ئىمان نەزىرىيەسىنى مۇسۇلمانلارنى تەكفىر پىتنىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇلارغا كاپىردەك مۇئامىلە قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئەپسۇس، ئەقىل ۋە ئەخلاقنى بىر چەتكە قايرىپ كۈچكىلا چوقۇنغان مۇستەبىتلەر سىياسىي كۈچنى قوللىمايدىغان ھەر قانداق قاراش ۋە ئېقىمنى باستۇرۇش مەقسىتىدە تەكفىرنى قوللاپ كەلگەنىدى. ئوتتۇرا ئەسىردە چىركاۋنىڭ ئەركىن پىكىرگە قارشى چىقىشى ۋە قارشى پىكىردىكىلەرنى جازالاندۇرۇشى بىلەن مۇسۇلمان ئارىسىدا پەيدا بولغان تەكفىر ئەنئەنىسى ئارىسىدا ماھىيەت جەھەتتىن پەرق يوق.
بۇ مەسىلىدە ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا بولۇپمۇ ھەزىرىتى ئوسماننىڭ خەلىپىلىكىنىڭ ئاخىرقى ئالتە يىلىدىن كېيىن، ئىدېئولوگىيەلىك تالاش-تارتىشلار خەلپىلەرنىڭ تەكفىر قىلىنىشى بىلەن نەتىجلەنگەنىدى. دەسلەپ ھەزىرىتى ئەلىنى قوللىغان خاۋارىچلەر كېيىنچە ھەزىرىتى ئەلى بولۇپ نۇرغۇن ساھەبىنى تەكفىر قىلغان بولسا، بەزى شىئەلەر ھەزىرىتى ئەلى، مىقدات، ئەبۇ زەر، سەلمان، ئاممار، ئەبۇ ساسان ئەل ئەنسارى، ھۇزەيفە ۋە ئامردىن باشقا بارلىق ساھابەنى دىندىن چىقىش بىلەن ئەيىبلەشكەن.
تەكفىر سىياسەت ساھەسىدە ھاكىمىيەت ياكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەقلىقلىقىنى ۋە يوللۇقلۇقىنى بىكار قىلىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن. بۇ ساھەدە دىننىڭ لايەقەت، ئىلىم، ئادالەت ۋە كېڭەشكە ئوخشاش ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ ۋارىسلىق ۋە قۇرەيىشلىككە ئوخشاش سىياسىي ساھە بىلەنلا چەكلىنىدىغان دوگمىلارغا مۇراجائەت قىلىنغان.
سىياسەتتە كۆپ ئىستېمال قىلىنغان تەكفىر ئەنئەنىسى بۇ ساھەدە مەيدانغا كېلىدىغان ئۆزگىرىش ياكى تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇپ دوگماتىزىمنىڭ يىلتىز تارتىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ ئەھۋال شۇنچىلىك يۇقىرى پەللىگە چىققانكى، بۇ ساھەدە يېڭى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ھەتتا ھەر يېڭى قاراش ياكى تەكلىپ بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقۇپ تۈگىدى. تىئولوگىيەلىك ساھەدىكى نەزىرىيەۋى تەكفىر بۇ ساھە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي سىياسىي، ئىجىمائىي ۋە قانۇن ساھەسىگىمۇ كېڭەيدى. بولۇپمۇ قانۇن ساھەدە روشەن گەۋدىلەندى.
4. تەكفىرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرلىرى
ئەھلى سۈننەت تەكفىر ئۈچۈن ئىككى ئۆلچەم بېكىتكەن بولۇپ، بىرىنچىسى تەۋاتۇر ئارقىلىق ئايدىڭلاشقان دىنى ئاساسنى ئىنكار قىلىش، ئىككىنچىسى ئىجما بىلەن مۇئەييلەنلەشتۈرۈلگەن نەرسىنى ئىنكار قىلىش. بۇ دائىرىدە غەززالى ناماز، روزا ۋە ھەجكە ئوخشاش ئاساسلىق ئىبادەتلەر مەسىلىسىدە بۇ ئىبادەتلەرنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ كاپىر ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. چۈنكى بۇ يەرە تەۋاتۇر بىلەن مۇئەييەنلەشكەن شەرئىي ئاساسنى ئىنكار قىلىش بار. ئىككىنچىسى ئەھۋال نىسبەتەن پەرقلىق بولۇپ، ئىجمائنىڭ ئېنىق ۋە كەسكىن دەلىل شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى دېيىش تەسرەك. چۈنكى زامان، شەكىل ۋە كىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىغا ئوخشاش ئۈستىدە ئىختىلاپ بولغان بىر نەرسىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتە دەلىل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. قانداق بولغانلىقى ئېنىق بولمىغان ياكى زورىلاش مېتودى بىلەن ۋە سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە ماس بولغان ئىجماغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئۆزگىلەرنى تەكفىر قىلىش شەخسنىڭ ئېتىقادىي پاسىلىغا دەخلىي قىلغانلىق بولىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئېتىقاد جەھەتتىن ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە، كىملەرنىڭ قاچان، قايسى شەكىلدە ۋە شەرتلەردە ياكى قانداق بېسىملار نەتىجىسىدە پەيدا بولغانلىقى ئېنىق بولمىغان –بولۇپمۇ ئۇزۇن يىل ئىلگىرى پەيدا بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن- ئىجماغا ئاساسەن جەمئىيەتنى ۋە ئۇنى تەشكىل قىلغان شەخسلەرنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قىسىش قاتارلىقلار ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نەتىجىدە شەخس ئېڭى ئاجىز بولغان، قەبىلە ئېڭى كۈچلۈك بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئېتىقاد ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. مەسىلەن، ئاشقۇن قاراشقا ئىگە بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن بىرسى «مۇرتەد»ئېلان قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە، نامىزىنىڭ چۈشۈرۈلمەسلىكىگە ۋە ئىلكىدىكى مال-دۇنيالىرىنى مۇسۇلمانلارغا غەنىمەت قىلىپ بېرىۋېتىلىشىگە قارار قىلىنغان.
بۇ يەردە ئېتىقادى نۇقتىدىن «مۇرتەد»كۆرۈلگەن كىشى، ئۈستىدە «ئۆلتۈرۈلىدۇ»دېگەن تەرىقىدىكى فىقىھ ھۆكۈم بىلەن «سىياسىي»، «نامىزى چۈشۈرۈلمەيدۇ»دېيىلىش ئارقىلىق «ئىجتىمائىي»، «مال-دۇنياسى مۇسۇلمانلارغا غەنىمەت سۈپىتىدە ئۈلەشتۈرۈلىدۇ»دېگەن ھۆكۈم تەرىپىدىن «ئىقتىسادىي»بېسىم ئاستىغا ئېلىنىپ يۇرتداشلىق ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇش ئارقىلىق تەبئىي ھەقلىرى تارتىپ ئېلىنغان. بۇ جەھەتتە باشقا ئاشقۇن مىساللارنىمۇ بېرىش مۇمكىن. مەسىلەن «قۇرئان مەخلۇقتۇر»دېگەن جەھمىيە، قەدىرىيە ۋە مۇتەزىلەنىڭ بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش قاراشلىرى تۈپەيلى كاپىر بولىدىغانلىقى، نامىزى چۈشۈرۈلمەيدىغانلىقى، ئاياللىرىنىڭ ئەرلىرىگە ھالال بولماي تالاق بولىدىغانلىقى، كېسەللىرىنىڭ يوقلانماي جىنازە نامىزىغا بارسا بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تەكفىر ئەنئەنىسى ھاشەۋى، قەدەرى، دارۇل ئىسلام، دارۇل ھەرب، مۇتەزىلە، رافىزى، مۇبتەدى، گۇلات، زىندىق، ئەھلۇل ھەۋاغا ئوخشاش ناملاردىن سىستېمىلىق ھالدا ئوزۇقلىنىپ كەلمەكتە. باغدادى «ئۇسۇلى دىنى»ناملىق ئەسىرىدە « فاقىھلىرىمىز بىر مۇتەزىلەنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىجا قىلىشتى» دېيىش ئارقىلىق تەكفىر ئەنئەنەسىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا ھەسسە قوشقان. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئەسەرنىڭ باشقا بىر يېرىدە مۇنۇ ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ: «شافىئى، مالىك، داۋۇد ئەز زاھىرى، ئەھمەد بىن ھانبەل ۋە ئىھساق ب راھۋەيخ بىلەن ھەمراھلىرىنىڭ نەزىرىدە <تەۋھىدى>بۇزماقچى بولغان قەدەرى ۋە رافىزى مۇرىتلىرىنىڭ كەيندىە ئوقۇلغان نامازنى قايتا ئوقۇش ۋاجىپتۇر. بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش قاراشلار مەسىلىنىڭ قانچىلىك مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تەكفىر ئەنئەنىسى ئۆزگىلەرنى چەتكە قاقىدىغان، يېتىم قالدۇرىدىغان، بېسىم، زوراۋانلىق مۇھىتى ئاستىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك مۇھىتتىن تىئولوگىيەلىك تۈسكە كىرىپ ئىدىيەگە ئايلانغان. نەتىجىدە ئىجتىمائىي تۇرمۇش تىئولوگىيەلىك، ئىدېئولوگىيە ۋە قانۇنىي خاھىشلار بىلەن توقۇنۇش ساھەسىگە ئايلىنىپ قالغان.
«ئەھلۇل ئەھۋا»دەپ قارالغان كىشى ياكى مەزھەپلەرنىڭ قانۇنىي شاھىتلىقى قوبۇل قىلىنمىغان. دەرۋەقە، ئىمام مالىك ئۇلارنىڭ شاھىتلىقىنى رەت قىلغان. ئەبۇ ھەنىفە ۋە شافىئى بولسا ئۇلارنىڭ شاھىتلىقىنىڭ قوبۇل بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم ئوتتۇرىغا قويۇشقان. شافىئى رافىزىلەرنىڭ «گۇلات»پىرقىسىنىڭ تەكفىر قىلىنىشى توغرىسىدا پىكىر بىلدۈرمىگەن. بىراق «كىتابۇل قىياس»تا ھەۋا ئەھلى دەپ قارىلىدىغان پىرقىلەرنىڭ شاھىتلىقىنى قوبۇل قىلىش تەرىقىسىدىكى بۇرۇنقى قارىشىدىن ۋاز كەچكەنلىكى بايان قىلىنغان.
يۇقىرقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، تىئولوگىيەلىك جەھەتتە ئوخشىمىغان قاراشلارغا ئىگە فىقىھ ۋە كالام ئېقىملىرى كۆز-قاراشلىرى تۈپەيلى تەكفىر قىلىنغان ياكى ھېچ بولمىغاندا ئېزىپ كەتكەنلەر قاتارىغا چىقىرىلغان. ئۇلار سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدىن سىقىپ چىقىرىلىپ ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. ئەمەلىيەتتە شاھىتلىك قىلىدىغان كىشىدىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئالاھىدىلىك يات بىرى بولماسلىقى ۋە ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بولۇشىدۇر. جەمئىيەتتە ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ياكى ئىسپاتلانغان بىرىنىڭ پەرقلىق قاراشقا ئىگە بولۇشى تۈپەيلى شاھىتلىكىنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقى ئىدېئولوگىيەلىك چەتكە قېقىش ھېسابلىنىدۇ. ھەر مەزھەپ تەبىئىي ھالدا ئۆزىنىڭ تۇتقان يولىنى توغرا دەپ قارىسا، قارشى تەرەپنى بولسا تەنقىد قىلىدۇ.
ئىدىيە جەھەتتە تەنقىدكە ئوچۇق بولۇشنىڭ ئورنىغا يېپىق بولۇشقا مايىل پوزىتسىيە قوبۇل قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئىي ھالدا ھېچقانداق بىر ئېقىم ياكى كىشى ئۆزىنىڭ يولىنى، قارىشىنى بىددەت ياكى ھەۋا دەپ قارىمايدۇ. ئەكسىچە ئۆزىنىڭ يولى ۋە قارىشىنى مۇتلەق توغرا، قارشى تەرەپنىڭ يولىنى ۋە قاراشلىرىنى بولسا مۇتلەق خاتا دەپ قارايدىغان دوگماتىك خاھىش مەۋجۇتتۇر. بۇ ئەھۋال دەسلەپ سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇشنى، ئارقىدىن تىئولوگىيەلىك توقۇنۇشنى پەيدا قىلغان. مۇتلەقلىق دەۋاسى دوگماتىك، ئىدېئولوگىيەلىك ۋە سىياسىي تۈسكە ئىگە بولغان مۇھىتتا ئەقىل ۋە ئىلىمنىڭ قۇدرىتىگە شاھىت بولۇش تولىمۇ تەس. مۇتلەقلىقنىڭ ئىدىئولوگىيەلىك خاراكتېرى ھەقىقەتنىڭ تېپىشنىڭ ئورنىغا ئۆز پىكرىنى قارشى تەرەپكە تېڭىشقا مايىل بولىدۇ. كۈنىمىزدە ئوتتۇرا شەرقتە پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئىسلامىي»گۇرۇھلار ئۆزلىرىنىڭ مۇتلەق توغرا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇتقان يولىنى قوبۇل قىلمىغان ياكى قارشى چىققانلارغا پىكىرلىرىنى مەجبۇرىي تېڭىشتىن سىرت، ئەھلى قىبلە بولغان مۇسۇلمانلارنى تەكفىر قىلماقتا.
تەكفىر ئەنئەنىسىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىپادىلىرىدىن سىرت ئىقتىسادىي ئىپادىلىرىمۇ بار. بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى ئىقتىسادىي ھوقۇقلارنىڭ توختىتىپ قويۇلۇشىدۇر. شەخس ۋارىسلىق، غەنىمەت ھەققىدىن، سايلاش، سايلىنىش ۋە توختام تۈزۈش، ھەتتا دۆلەت خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىش ھەققىدىن، كۈنىمىزدىكى چاغداش تېرمىن بويىچە بولغاندا «پۇقرالىق»ھەققىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان. باغدادى يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان كىتابىدا بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق توختالغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى«ئەھلى ئەھۋا» بولغان مۇتەزىلە، قەدەرىيە، جەبرىيە، رافىزىلەر، خاۋارىچلەر، مۇرجىيە ھەتتا ئۇلارنىڭ 72 پىرقىسىنىڭ ئەھلى سۈننەتتىن ھەر قانداق بىرسىگە ۋارىس بولالمايدىغانلىقى ئۈستىدە ئىجما قىلىشقان.

خۇلاسە
مۇسۇلمانلاردا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھەقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان كىشىلەرگە قارىتا پەيدا بولغان چەتكە قېقىش خاھىشى كالام ۋە فىقىھ ئاساسلار بىلەن دوگماتىك تۈسكە ئىگە بولغان. بۇنداق بىر خاھىش پەرقلىق، غەيرى ۋە ئوخشىمىغان نەرسىنى توقۇنۇش سەۋەبى كۆرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېيىنچە سىياسىي ساھەگىچە كېڭەيگەن. سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇش تەكفىر قىلىنغانلارنىڭ مال-دۇنياسىنى غەنىمەت، يۇرتلىرىنى بولسا ئۇرۇش مەيدانى قىلغان. نەتىجىدە ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەر چەكلىك دائىرىگە قاپسىلىپ قېلىپ ئاساسلىق ھەق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان ۋە ئىسلامنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بەش پىرىنسىپى تەرىپىدىن فورمىلاشتۇرۇلغان ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر تولۇق مەنىدە ياشاش پۇرسىتى تاپالمىغان.
بىز ئىنسانلارنى دىنى، ئېتىقادى، قاراشى ۋە مەزھەبى سەۋەبلىك تەكفىر قىلىشنى ئىسلامنىڭ توغرا شەكىلدە چۈشىنىلىپ ئەمەلگە ئايلىنالماسىلىقىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە دەپ قارايمىز. چۈنكى تارىخىي نۇقتىئىينەزەردىن قارىغىنىمىزدا، ئەسلىدە بار بولغان مەدەنىيەت، كۈلتۈر ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلما مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى چۈشەنچىسگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. تەكفىردىن ئىبارەت بۇ خاھىش ھەق دىن بولغان ئىسلامنىڭ ماھىيىتىگە ئەمەس ئەينى دەۋىردىكى ئەرەب جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي رىئاللىقىغا يەنى قەبىلە قۇرۇلمىسىغا تايىنىدۇ. بۇ قۇرۇلما چەتكە قېقىش خاھىشىنى ئىسلام بىلەن بىرلىكتە مەزھەپ ۋە پىرقە تەرىقىسىدە داۋاملاشتۇرغان. قۇرئان ۋە ھەدىسكە نەزەر سېلىنغىنىدا چەتكە قېقىش، يېتىم قالدۇرۇش ئەمەس كەڭ قورساقلىق، خۇش پىئىللىق، بىرلىك، باراۋەرلىك، ئادالەت ۋە مەرھەمەت تەشەببۇس قىلىنىدۇ. قىسقىسى، تەكفىر ئىسلامغا زىت بولۇپ، دەسلەپ كۈلتۈر، سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيەدىن كېيىنچە دوگماتىك بىر تىئولوگىيەلىك تۈس ئالغان.
پايدىلانمىلار

Abdullâh b. Ahmed b. Hanbel eş-Şeybânî, Kitâbü’s-sünne, (neşr. Muhammed
b. Sa‘îd b. Sâlim el-Kahtânî), Riyad 1981.
akîde ile’s-sevra, V/402-403.
51 Hanefî, Mine’l-akîde ile’s-sevra, V/403-404.
110 MUAMMER ESEN
Âcurrî, Ebûbekr Muhammed b. Huseyn, eş-Şerîa‘, (neşr. Muhammed Hâmid
el-Fakî), Beyrut 1983.
Ahmed b. Hanbel, Müsned, Beyrut, ty.
Bağdadî, Ebû Mansûr Abdulkâhir b. Tâhir, el-Fark beyne’l-fırak, (neşr. Tâhâ
Abdurraûf Sa’), Kahire, ty.
Dârimî, Sünen, yy., ty.
Ebû Dâvûd, Sünen, Mısır 1950.
Eş‘arî, Ebû’l-Hasan, el-Luma‘, Mısır 1954.
Eş’ârî, Ebû’l-Hasan Alî b. İsmâ’îl, el-İbâne, Medine 1975.
Eş‘arî, Ebu’l-Hasan, Makâlâtu’l-islâmiyyîn, (neşr. H. Ritter), Wiesbaden 1980.
Gazâlî, Ebû Hâmid Muhammed b. Muhammed, Faysalu’t-tefrika, Beyrut
1986.
Hanefî, Hasan, Mine’l-Akîde ilâ’s-Sevra, Mısır 1988.
Hayyât, el-İntisâr ve’r-red ‘alâ İbn Râvendî el-Mulhid, (neşr. Muhammed
Hicâzî), Kahire 1988.
İbn Fâris, Ebû’l-Hüseyin İbn Zekeriyâ,, el-Mekâyîs fi’l-Luga, (neşr. Şihâbuddîn
Ebû Amr), Dâru’l-Fikr, Beyrut 1994.
Îcî, Abdurrahmân b. Ahmed, , el-Mevâkıf, Kahire, ty.
İmam Yahyâ b. el-Huseyn, Resâ’ilu’l-‘adl ve’t-tevhîd, (neşr. Muhammed
Ammâra), Dâru’l-Hilâl, Kahire 1971.
İsferâyînî, Ebû’l-Muzaffer, et-Tabsîr fî’d-dîn, (neşr. Yûsuf el-Hût), Beyrut 1983.
Malâtî, Ebû’l-Huseyn Muhammed b. Ahmed, et-Tenbîh ve’r-redd ‘alâ ehli’lehvâ
ve’l-bida’, (neşr. Zâhidu’l-Kevserî), İstanbul 1939.
Mâtürîdî, Ebû Mansûr Muhammed es-Semerkandî, Kitâbu’t-tevhîd, (neşr.
Fethullâh Huleyf), İstanbul 1979.
Şehristânî, Ebû’l-Feth Muhammed b. Abdilkerîm, el-Milel ve’n-nihal, (neşr.
Ahmed Fehmî Muhammed), Kahire 1948.
Şerafettin Gölcük, Kelam Tarihi, İstanbul 1998.
Şevkânî, İmam Muhammed Alî b. Muhammed, et-Tuhaf fî mezâhibi’s-selef,
(neşr. Seyyid Âsım Alî), Tanta 1979.
Şeybânî, Ebûbekr ‘Amr b. Ebî Âsım ed-Dahhâk, Kitâbu’s-sunne, Beyrut 1985.
Tabersî, Hüseyin, Nefsu’r-rahmân, Necef, ty.

تەرجىمان: ئۆمەرجان قۇربان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*