تارىخنىڭ يۆنىلىنىشى

2019-يىلى 22-ئاپرېل

يۇۋال ھارىرى

تارىخنىڭ ئوقى

تېرىقچىلىق ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىنسانلار جەمئىيىتى تېخىمۇ چوڭ ۋە مۇرەككەپ ھالەتكە كەلدى، ھەممىدىن مۇھىمى ئىجتىمائىي تۈزۈمنى تۇتۇپ تۇرىدىغان بارلىق نەرسىلەر تېخىمۇ سۈزۈكلىشىشكە باشلىدى. ئەپسانىلەر، رىۋايەتلەر، چۆچەكلەر، ئىدىيەلەر، ھېكايىلەر، دۇنيا قاراشلار، ئەنئەنىلەر، ئۆرپ-ئادەتلەر قىسقىسى ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولغان بارلىق نەرسىلەر ئىنسانلارنى تۇغۇلغان پەيتتىن باشلاپ مەلۇم قېلىپ ئىچىدە تەپەككۇر قىلىشقا، بەزى ئۆلچەم ۋە پىرىنسىپلارغا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشقا ۋە مەلۇم نەرسىلەرگە مايىل بولۇشقا كۆندۈرۈۋېتىدۇ. نەتىجىدە، بىر-بىرىگە يات مىليونلارچە ئىنساننىڭ ئۈنۈملۈك شەكىدە ھەمكارلىق ئورنىتالىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قابىلىيەت بەرپا قىلىدۇ. بۇ كۈچلۈك قابىلىيەتنىڭ نامى بولسا كۈلتۈردۇر.

20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئاكادېمىكلەر بارلىق كۈلتۈرلەرنىڭ تولىمۇ گارمونىك ۋە ئۇيۇشچان خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، كۈلتۈرلەرنىڭ ئىنسانلارنى ھەقىقىي كۈچ قۇدرەتكە ئىگە قىلىدىغان ئۆزگەرمەس ۋە ئەبەدىي نەرسە ئىكەنلىكىنى كۈچەپ تەكىتلەشتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھەر ئىنسان توپلۇقىنىڭ ئۆزىگە خاس دۇنيا قارىشى ۋە پىلانېتالارنىڭ قۇياش سىستېمىسى ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگىنىگە ئوخشاش ئاسانلا ھەرىكەت قىلالايدىغان ئىجتىمائىي، قانۇنىي ۋە سىياسىي تۈزۈملىرى بار ئىدى. ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن كۈلتۈرلەر ئۆزگەرمەي ئوخشاش يۆنىلىش ۋە تېزلىكتە داۋاملىشىدۇ، لېكىن تاشقى كۈچ ئارىلاشقان كۈلتۈرلەر بولسا ئۆزگىرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئانتروپولوگلار، تارىخچىلار ۋە سىياسەتچىلەر ”سامو كۈلتۈرى“ ياكى ”تازمانيە كۈلتۈرى“ نىڭ گېپى چىققاندا، سامولىقلار ياكى تازمانيالىلارنى شەكىللەندۈرگەن ئېتىقاد سىستېمىلىرى، نىزاملار، مەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرى، ئەنئەنىلەرگە ئەزەلدىن بۇيان ئۆزگەرمەي شۇ پېتى داۋاملىشىپ كەلگەن نەرسىلەردەك مۇئامىلە قىلىشىدۇ.

كۈنىمىزدە كۈلتۈر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئاكادېمىكلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇنىڭ تەتۈرىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. ھەر كۈلتۈرنىڭ ئېتىقاد سىستېمىسى، ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرى بار ئەلۋەتتە. لېكىن بۇلار داۋاملىق ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرىدۇ. كۈلتۈر تاشقى مۇھىتلاردىكى ئۆزگىرىشلەر، ياكى قوشنا كۈلتۈرلەر بىلەن ئۆزئارا ئالاقە نەتىجىسىدە ئۆزگەرگىنىگە ئوخشاش، ئۆزىدىكى ئىچكى ئامىللار نەتىجىسىدىمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئۆزگە كۈلتۈرلەردىن يىراقتا تۇرىدىغان ۋە مۇقىم بىر يەردىلا ياشايدىغان كۈلتۈرلەرمۇ ئۆزگىرىشتىن خالىي بولالمايدۇ. زىتلىق ۋە قائىدىسىزلىكتىن خالىي بولغان فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەرنىڭ ئەكسىچە، ئىنساننىڭ ئەسىرى بولغان بارلىق نىزاملار، ئەنئەنىلەر – ئەپسۇس ئىچكى زىددىيەتلەر بىلەن تولغان. كۈلتۈرلەر دەل مۇشۇ زىددىيەتلەرنى – بىر تەرەپ قىلىشقا كۈچەيدۇ ۋە كۈلتۈرنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئۆزگىرىشنى مۇقەررەر قىلىدۇ.

مەسىلەن، ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا ئېسىلزادىلەر ھەم خىرىستىيانلىققا ھەمدە چەۋەندازلىق روھىغا بىرلا ۋاقىتتا ئىشىنەتتى. بىر ئېسىلزادە چېركاۋغا بېرىپ پوپنىڭ ئەزىزلەرنىڭ روھى توغرۇلۇق دېگەن ۋەز نەسىھەتلىرىنى ئاڭلايتتى، پوپ مۇنداق ۋەز-نەسىھەت قىلاتتى: «بىھۇدىلىقنىڭ بىھۇدىسى، ھەر نەرسە بىھۇدىدۇر… بايلىق، شان-شۆھرەت، شەھۋەتلەر تولىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، ئىنساننى ئازدۇرىدۇ. شۇڭا بۇلاردىن نېرى تۇرۇپ ئەيسانىڭ يولىدا مېڭىشىڭ لازىم. ئۇنىڭغا ئوخشاش رايىش ۋە مۇلايىم بولغىن، زوراۋانلىق ۋە ئىسراپچىلىقتىن يىراق تۇرغىن. ناۋادا بىرسى سېنىڭ ئوڭ يۈزۈڭگە ئۇرسا سەن سول يۈزۈڭنى تۇتۇپ بەرگىن.“ ئۆيىگە روھى كۆتۈرەڭگۈ قايتىپ كەلگەن بۇ ئېسىلزادە ئۇزۇن ئۆتمەيلا قىممەتلىك باھالىق يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ، شۇ جايدىكى كىنەزنىڭ كەچلىك زىياپىتىگە باراتتى. شارابلار سۇدەك ئاقىدىغان، ناخشىچىلار لانكېلوت ۋە گۇينېۋېرې توغرۇلۇق ناخشا ئوقۇيدىغان ۋە مېھمانلارنىڭ بىر-بىرلىرىگە ئۇرۇش ئەسلىمىلىرىنى كۆپتۈرۈپ چۈشەندۈرۈپ كېتىدىغان بۇ زىياپەتتە ئېسىلزادىلەر: «نومۇس ئىچىدە ياشىغاندىن ئۆلۈش ئەۋزەلدۇر، ناۋادا بىرى ئىززەت ئابرۇيىڭىزغا چېقىلىپ ئابرۇيىڭىزغا داغ چۈشۈرسە، بۇ داغ قان بىلەن يۇيۇلىدۇ. بۇ ھاياتتا دۈشمەنلىرىڭىزنىڭ سىزدىن قېچىپ يىراقلارغا كېتىشى ۋە ساھىبجامال قىزلارنىڭ ئالدىڭىزدا يۈكۈنۈپ خىزمەت قىلىشىدىنمۇ ئېسىل ئىش بولامدۇ؟ دەيسىز» دېگەن پاراڭلارنى قىلىشاتتى.

بۇ زىددىيەتلەر تولۇق تۈگىگەن بولمىسىمۇ، ياۋروپا ئاقسۆڭەكلىرى، رۇھانى قاتلاملار ۋە خەلق ئۇزۇن يىل تىرىشىپ بۇلارنى ئۆزگەرتتى. بۇ زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى دەل ئەھلى سەلب ئۇرۇشلىرىدۇر. چەۋەندازلار ھەم ھەربىي قابىلىيەتلىرىنى ھەمدە دىنغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى بىرلا ۋاقىتتا نامايان قىلالايتتى، خىرىستىيانلىق ۋە چەۋەندازلىق روھىنى بىر يەرگە مۇجەسسەم قىلىشنىڭ ئارزۇسىدا يۈرگەن چەۋەندازلارغا ئوخشاش ھەربىي قاتلاملارمۇ ئوخشاش زىددىيەتنى پەيدا قىلدى. بۇ تىرىشچانلىق ئوخشاشلا ئوتتۇرا ئەسىر سەنئەت ۋە ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ مەنبەسىگە ئايلاندى. مۇقەددەس ئاپقۇر ۋە خان ئارتۇرنىڭ ھېكايىلىرى بۇلارغا مىسال بولالايدۇ. كامېلوتنىڭ ياخشى بىر چەۋەندازنىڭ تەقۋا خىرىستىيان بولالايدىغانلىقىنى، ئوخشاشلا تەقۋا بىر خىرىستىياننىڭ ئەڭ قالتىس چەۋەنداز بولالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشتىن باشقا دەردى يوق ئىدىغۇ؟

يەنە بىر مىسال مودېرن يەنى ھازىرقى زامان سىياسىي تۈزۈمىدۇر. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلار فىرانسىيە ئىنقىلابىدىن بۇيان باراۋەرلىك ۋە شەخسىي ئەركىنلىكنى ئاساسلىق قىممەت قاراشلىرى سۈپىتىدە كۆرۈشكە باشلىدى. غەلىتە يېرى شۇكى، بۇ ئىككى قىممەت قارىشىمۇ بىر-بىرىگە زىتتۇر. باراۋەرلىك پەقەت تېخىمۇ ياخشى ئەھۋالدىكىلەرنىڭ ئەركىنلىكى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىغاندا ئاندىن ۋۇجۇدقا چىقىدىغان نەرسىدۇر. ھەر ئىنساننىڭ ئۆزى خالىغانچە ھەرىكەت قىلالايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىلسە ياكى بۇنىڭغا شارائىت يارىتىپ بېرىلسە تەبىئىي ھالدا باراۋەرلىك زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا، 1789-يىلدىن بۇيانقى پۈتكۈل دۇنيانىڭ سىياسىي تارىخىنى بۇ زىددىيەتنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقى دېسەك مۇبالىغە قىلىۋەتكەن بولمايمىز.

چارلېس دىكېنسنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇپ باققانلار بىلىدۇ، 19-ئەسىردە ياۋروپادىكى لىبېرال ھۆكۈمەتلەر نامراتلارنى تۈرمىگە سولاش ۋە يېتىم بالىلارغا يانچۇقچىلار بىلەن تولغان مەكتەپلەرگە بېرىشتىن باشقا چارە قالدۇرماسلىق بەدىلىگە بولسىمۇ شەخسىي ئەركىنلىكلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنىدى. ئوخشاشلا، ئالېكساندر سولجېنىتسىننىڭ ھەر قانداق بىر رومانىنى ئوقىغان بىرسى كوممۇنىزمنىڭ باراۋەرلىك ئىدىيەسىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشنى ھەر ۋاقىت كونترول قىلىپ تۇرىدىغان مۇستەبىتلەر تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىنى ئاسانلا بىلەلەيدۇ.

كۈنىمىزدە بولسا ئامېرىكا سىياسەتلىرى دەل مۇشۇ زىددىيەتنى چۆرىدىگەن ھالدا شەكىللەنمەكتە. ئامېرىكىدىكى دېموكراتچىلار نامراتلار، ياشانغانلار ۋە موھتاجلارغا ياردەم قىلىشنىڭ بەدىلى باجنى ئۆستۈرۈش بولسىمۇ يەنىلا باراۋەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لېكىن بۇ ئىنسانلارنىڭ پۇللىرىنى خالىغانچە خەجلەش ئەركىنلىكىگە توسالغۇ بولىدۇ. پەرزەنتلىرىمنى پۇللۇق مەكتەپكە ئەۋەتەلەيدىغان تۇرۇپ، دۆلەت نېمىشقا يەنە مېنى ئارتۇقچە سەھىيە سۇغۇرتىسى ئېلىشقا مەجبۇرلىغۇدەك؟ جۇمھۇرىيەتچىلەر بولسا باج ئۆستۈرۈشنىڭ بەدىلى كىرىم تەڭسىزلىكنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ۋە نۇرغۇن ئامېرىكىلىقنىڭ سەھىيە سۇغۇرتىسى قىلدۇرالماسلىقى بولسىمۇ، يەنىلا شەخسىي ئەركىنلىكلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

خۇددى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپالىقلار خىرىستىيانلىق بىلەن چەۋەندازلىق روھىنى بىرلەشتۈرۈشتە قانداق قىينالغان بولسا، كۈنىمىزدىكى ئامېرىكىلىقلار ۋە ياۋروپالىقلار ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى بىرلەشتۈرۈشتە شۇنداق قىينالماقتا. ئەمەلىيەتتە بۇنى خاتالىق دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق زىددىيەتلەر بارلىق كۈلتۈرلەردە مەۋجۇت، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، زىددىيەتلەر كۈلتۈرلەرنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا زىددىيەتلەرنى كۈلتۈر تەرەققىياتىنىڭ موتورى دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئاشۇرۇپراق دېسەك، زىددىيەت ئەمەلىيەتتە ئىجادكارلىقىمىز ۋە ھەرىكەتچانلىقىمىزنىڭ ئەڭ غول سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. خۇددى ئوخشاش ۋاقىتتا بېسىلغان مۇزىكا نوتىسى مۇزىكىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندەك، چۈشەنچىلىرىمىزدىكى، پىكىرلىرىمىزدىكى ۋە مەنىۋى قىممەت قاراش ۋە ئۆلچەملىرىمىزدىكى زىددىيەتلەر، تۇترۇقسىزلىقلار بىزنى ئىزدىنىشكە، تەتقىق قىلىشقا، سوراقلاشقا، تەنقىد قىلىشقا ۋە قايتىدىن باھالاپ خۇلاسىلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ. تۇتۇرۇقلۇق ۋە زىددىيەتسىزلىك ئەمەلىيەتتە تۇرغۇن زېھىنلەرنىڭ ئويۇن ساھەسىدۇر.

ناۋادا سۈركىلىشلەر، توقۇنۇشلار ۋە يېشىلمىگەن زىددىيەتلەر كۈلتۈرلەرنىڭ خۇرۇچلىرى بولىدىغان بولسا، بۇ كۈلتۈرلەرگە تەۋە كىشىلەرنىڭمۇ بىر-بىرىگە زىت ئېتىقادلىرى، ئىدىيەلىرى ۋە بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدىغان قىممەت قاراش ۋە ئۆلچەملىرى بار،دېگەن گەپ. بۇ ھەر كۈلتۈرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئامىلى بولۇپ، بۇنىڭ ئىسمى: بىلىشتىكى تۇترۇقسىزلىقتۇر. ئىنسان پىسخىكىسىنىڭ كەمچىلىكى دەپ قارىلىپ كېلىنىۋاتقان بىلىشتىكى تۇترۇقسىزلىق، ئەسلىدە ئىنسانغا نىسبەتەن ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىنسانلار بىر-بىرىگە زىت قىممەت قاراش، ئۆلچەم ۋە ئېتىقادلارغا ئىگە بولمىغان بولسا ئىدى، بەلكىم بىرەر كۈلتۈر بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.

نېمىسلار ياكى شىۋېتسىيەلىكلەر دۆلىتىدىن پاناھلىق تىلىگەن مۇسۇلمان كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ۋاقىتتا، بۇ مۇسۇلمانلاردىن بىغۇبارلىق، يۈكسەك ئالىيجانابلىق ۋە كۈچلۈك قىممەت قارىشى ۋە ئۆلچەم ئىزدىسە توغرا بولمايدۇ. بۇنداق مەسىلىلەردە، مۇسۇلمان كۈلتۈرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن زىت قائىدە-يوسۇنلار ۋە ئۆلچەملەردىن پەيدا بولغان زىددىيەتلەرگە قاراش ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.

جاسۇس سۈنئىي ھەمراھ

ئىنسان كۈلتۈرلىرى تىنىمسىز ئۆزگىرىش ئىچىدە بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئۆزگىرىش تاساددىپىيمۇ ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك بىر جەرياننىڭ نەتىجىسىمۇ؟ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تارىخنىڭ مۇقىم بىر ئېقىش يۆنىلىشى بارمۇ؟بۇنىڭ جاۋابى مۇنداق: بار. مىڭلارچە يىلدىن بۇيان كىچىك ۋە ئاددىي كۈلتۈرلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ چوڭ ۋە مۇرەككەپ مەدەنىيەتلەر بەرپا قىلالايدىغان تەرىقىدە بىرلەشتى ۋە دۇنيا بارغانچە بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ ۋە مۇرەككەپ لېكىن سان جەھەتتىن ئاز، چېگرا ھالقىغان كۈلتۈرلەرگە ساھىبخانلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ ھۆكۈم پەقەت ماكرو سەۋىيەدە چىقىرىلغان ئومۇمىي خۇلاسىدۇر. مىكرو سەۋىيەدە بىرلىشىپ تېخىمۇ بۈيۈك كۈلتۈر بەرپا قىلغان ھەر كۈلتۈردىن پارچىلىنىپ بۆلۈنۈپ كەتكەن چوڭ كۈلتۈرنىڭ ئىزىنى تاپقىلى بولىدۇ. موڭغۇل ئىمپېرىيەسى قۇدرەت تېپىپ ئاسىيانىڭ كەڭ كەتكەن زېمىنلىرىنى ھەتتا ياۋروپانىڭ بەزى جايلىرىنى قولغا كىرگۈزدى، لېكىن كېيىن پارچىلىنىپ كەتتى. خىرىستىيانلىق يۈز مىليونلارچە ئىنساننى تەسىرى ئاستىغا ئالغان كۈندىن باشلاپ سان-ساناقسىز مەزھەپ ۋە پىرقىغە بۆلۈنۈپ كەتتى. لاتىنچە غەرب ۋە ئوتتۇرا ياۋروپاغا تارقالغاندىن كېيىن مىللىي تىل ھالىتىگە ئايلىنىپ يەرلىك دىيالىكىتلارغا ئايرىلدى. بۇ ھادىسىلەر بىرلىشىشكە قاراپ ئىلگىرىلىگەن، تېخىمۇ چوڭ ۋە قايتىشقا مۇمكىن بولمايدىغان چوڭ ئېقىمنىڭ ۋاقىتلىق تولغاقلىرى، خالاس.

تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئىزاھلاش ئەمەلىيەتتە نۇقتىئىنەزەرگە باغلىق ئىشتۇر. تارىخقا يۈزەكى نەزەر سالغىنىمىزدا، تارىخىي ھادىسىلەرنى ئونلارچە يىل ياكى يۈزلەرچە يىل تەرىقىسىدە ئانالىز قىلىش كېرەك، تارىخنىڭ يۆنىلىشىنىڭ بىرلىك ياكى كۆپلۈك ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئۇزۇن يىلغا سوزۇلغان ھادىسىلەرگە يۈزەكىلا قاراپ چىقىش ئىنساننى يىراقنى كۆرەلمەس قىلىپ قويىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، تارىخىي ھادىسىلەرگە يۈزەكى ئەمەس بىر سۈنئىي ھەمراھ نەزىرى بىلەن قاراش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ، بۇنداق قىلساق يۈز يىللار ئورنىغا مىڭ يىللارغا قاراپ چىقالايمىز. تارىخقا مۇشۇ نۇقتىئىنەزەردىن يەنى سۈنئىي ھەمراھ نەزىرى بىلەن قارىساق، تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىقلاپ چىقالايمىز. خىرىستىيانلارنىڭ مەزھەپلەرگە ئايرىلىشى ۋە موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمرىلىشى پەقەتلا تارىخ يولىدىكى ئوڭغۇل-دوڭغۇللۇقلاردۇر.

تارىخنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشنى چۈشىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىدىن بىرى، دۇنيادا ئوخشاش بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت بولغان پەرقلىق ئىنسان توپلۇقلىرىنى توغرا ئېنىقلاپ چىقىشتۇر. كۈنىمىزدە دۇنيانى ئومۇمىي جەھەتتىن چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتىمىز، لېكىن تارىخنىڭ كۆپ قىسمىدا دۇنيا بىر-بىرىدىن تامامەن پەرقلىق ئىنسان توپلىرىدىن تەشكىل تاپقان پىلانېتادىن ئىبارەت ئىدى.

مەسىلەن، ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بەكمۇ چوڭ بولمىغان تازمانىيە ئارىلى ئۈستىدە توختىلايلى، بۇ ئارال مۇز دەۋرى ئاخىرلاشقاندا تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 10000-يىلى دېڭىز سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە ئاۋسترالىيە قىتئەسىدىن ئايرىلىپ يېگانە قالغانىدى. ئەينى چاغدا بۇ ئارالدا ساق قالغان بىر نەچچە مىڭ ئوۋچىنىڭ ئەۋلادلىرى 19-ئەسىردە ياۋروپالىقلار بۇ ئارالنى بايقىغۇچە دۇنيادىن خەۋەرسىز ياشىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئارال ئىنسانلىرىنىڭ دۇنيادىكى باشقا ئىنسان توپلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغانىدى. شۇنداقلا 12مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ھېچكىم بۇ ئارال ۋە ئارال ئىنسانلىرىدىن خەۋەرسىز ياشىدى. بۇ جەرياندا ئارالدا ئۇرۇشلار، سىياسىي سۈركىلىشلەر، ئىجتىمائىي داۋالغۇشلار ۋە مەدەنىي تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلدى. خىتاي پادىشاھلىرى ياكى مىسوپوتامىيەلىك خانلارغا نىسبەتەن تازمانيا ئارىلى يۇپىتېرغا جايلاشقان تەقدىردىمۇ يەنىلا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىدى، تازمانيالىلار ئۆزگىچە بىر دۇنيادا ياشايتتى.

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپامۇ تارىخىنىڭ كۆپ قىسمىدا ئايرىم دۇنيا ھالىتىدە ياشىدى. رىم ئىمپېراتورى ۋالېنس مىلادىدىن كېيىن 378-يىلى گوتلار تەرىپىدىن ئادرىيانوپولىس ئۇرۇشىدا مەغلۇپ قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىتتا، تىكال پادىشاھى چاك توك ئىچاك تىئوتىھۇكان ئارمىيەسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى. (تىكال ناھايىتى مۇھىم مايا شەھەر دۆلىتى ھېسابلىناتتى، تىئوتىھۇكان بولسا 250 مىڭ كىشىلىك نوپۇسى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر بولۇپ، زاماندىشى رىم بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتا ئىدى). رىمنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن تىئوتىھۇكاننىڭ قۇدرەت تېپىشى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت يوق ئىدى، بۇ ئىككى دۆلەت بىر-بىرىدىن شۇنچىلىك ئايرىم ئىدىكى، خۇددى رىم مارستا، تىئوتىھۇكان ۋېنۇستا قۇرۇلغاندەك ئىدى.

ئۇنداقتا زېمىندا ئوخشاش بىر ۋاقىتتا قانچە پەرقلىق ئىنسان دۇنياسى بار ئىدى؟ مىلادىدىن ئىلگىرى 10000-يىلى بۇلاردىن بىر نەچچىسى بار ئىدى، مىلادىدىن ئىلگىرى 2000-يىللىرى بولسا يۈزلەرچە ئىدى. مىلادىدىن كېيىنكى 1450-يىلىغا كەلگەندە پەرقلىق ئىنسان دۇنياسىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ كەتتى. بۇ يىللاردا ياۋروپانىڭ جۇغراپىيەلىك بايقاشلىرىدىن ئىلگىرى دۇنيا ھېلىھەم تازمانياغا ئوخشاش ناھايىتى كۆپ ساندا كىچىك رايونلاردىن تەشكىل تاپاتتى، لېكىن ئىنسانلارنىڭ %90ى بىرلا چوڭ دۇنيادا ياشايتتى، ئۇ بولسىمۇ ئافرىقا-ئاسىيا دۇنياسى. ئاسىيانىڭ، ياۋروپانىڭ ۋە ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسمى مەدەنىيەت، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە ئاساسەن بىر-بىرىگە تۇتۇشۇپ بولغانىدى.

دۇنيانىڭ قالغان %10لىك قىسمى بولغان يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە مۇرەككەپلىكى ۋە چوڭلۇقى بولغان مۇنداق تۆت رايونغا بۆلۈنگەن:

1 – ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسمىنى ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مېزوئامېرىكا.

2 – جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئەند رايونى

3 – ئاۋسترالىيە قىتئەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاۋسترالىيە

4 – غەربىي جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ ھاۋايدىن يېڭى زېلاندىيەگىچە بولغان نۇرغۇن ئۇششاق ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئوكيان.

كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە ئافرىقا-ئاسىيا قىتئەسى ئەپسۇس باشقا بارلىق رايونلارنى تامامەن يۇتۇۋالدى. 1521-يىلى ئىسپانىيەلىكلەر ئېزتېك ئىمپېرىيەسىنى بېسىۋالغاندا مېزوئامېرىكانى يوق قىلدى، فېردىناند ماكېللاننىڭ دۇنيانىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ ئافرىقا-ئاسىياغا قەدەم باسقان بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ رايونلارغا باشقا ئىنسانلارنىڭ قەدەملىرى تېگىشكە باشلىدى ۋە بۇ رايونلارمۇ بېسىۋېلىندى. ئەند رايونىمۇ 1532-يىلى يەنە ئىسپانىيەلىكلەر تەرىپىدىن ئىنكا ئىمېرپىيەسى يوق قىلىنغان چاغدا تامامەن ۋەيران بولدى. ئاۋسترالىيەگە تۇنجى ياۋروپالىق 1606-يىلى قەدەم باستى ۋە ياتلارنىڭ قەدىمى تېگىپ باقمىغان بۇ رايون 1788-يىلى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىشى بىلەن يوق بولدى. ئون بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەنگلىيەلىكلەر تازمانيادا تۇنجى تۇرالغۇ رايون بەرپا قىلىشتى، شۇنداق قىلىپ زېمىندىكى ئەڭ ئاخىرقى ئەركىن ئىنسان دۇنياسىمۇ ئافرىقا-ئاسىيانىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

ئاسىيا-ئافرىقا دۇنياسى بۇنچىۋالا كۆپ زېمىننى يۇتۇۋالدىيۇ، لېكىن ئۇلارنى ھەزىم قىلىشى ئاسانغا توختىمىدى، بۇنىڭغا ئەسىرلەر كەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ قايتۇرغىلى بولمايدىغان جەريان ئىدى. كۈنىمىزدە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاش بىر گىئو-سىياسىي (دۇنيا مىللەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان دۆلەتلەرگە ئايرىلدى)، ئوخشاش بىر ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ (كاپىتالىست بازار ئىقتىسادىي دۇنيانىڭ ئەڭ چەت رايونىغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە)، ئوخشاش بىر قانۇن سىستېمىسى (كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئالەمشۇمۇل قانۇنلار ھەر يەردە ھېچ بولمىغاندا نەزەرىيە جەھەتتىن بولسىمۇ كۈچكە ئىگە) ۋە ئوخشاش بىر ئىلىم-پەن سىستېمىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى (تۈركىيە، ئىسرائىلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ئارگېنتىنادىكى مۇتەخەسسىسلەر ئاتومنىڭ قۇرۇلمىسى ياكى تۇبېركۇليوزنى قانداق داۋالاش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئوخشاش قاراشقا ئىگە.)

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان يەر شارى خاراكتېرلىك كۈلتۈر بىر خىل ئەمەس. بۇ بىر ئورگانىك ۋۇجۇدنىڭ ئوخشىمىغان ئەزالار ۋە ھۈجەيرىلەردىن تەشكىل تاپقىنىغا ئوخشاش، يەر شارى خاراكتېرلىك بۇ كۈلتۈرمۇ نىيۇيوركلۇق ئاكاتسىيەچىلەردىن ئافغان پادىچىلىرىغىچە بولغان پەرقلىق ئىجتىمائىي قاتلاملارنى، خىلمۇ-خىل تۇرمۇش ئەندىزىلىرىنى ۋە پەرقلىق ئىنسان تىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پەرقلىق ئىنسان تىپلىرى ۋە ئىجتىمائىي قاتلاملار ئوتتۇرىسىدا يېقىن مۇناسىۋەت بار بولۇپ، بۇلار بىر-بىرىگە سان-ساناقسىز دەرىجىدە ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە ھالدا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا جېدەل ۋە كەسكىن ئىختىلاپلار ئەلۋەتتە مەۋجۇت، لېكىن ئۇلار بۇ غوۋغا ۋە ئىختىلاپتا ئوخشاش ۋاسىتە ۋە ئۇقۇملارنى ئىشلىتىدۇ. ھەققى مەنىدىكى «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» گاسلارنىڭ پاراڭلىشىشىغا ئوخشايدۇ، ئەپسۇس بىرسى يەنە بىرسىنىڭ دېگىنى چۈشەنمەيدۇ. بىر-بىرى بىلەن توختىماي جېدەل ئويناپ كېلىۋاتقان ئىران بىلەن ئامېرىكىغا قارايدىغان بولساق، ھەر ئىككىلى دۆلەت بىر-بىرى بولغان بۇ توقۇنۇشتا مىللىي دۆلەت، كاپىتالىست ئىقتىساد، كىشىلىك ھوقۇق ۋە يادرو فىزىكىسى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تىلىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بايقايمىز.

بىز ھېلىھەم «يەرلىك كۈلتۈر»نى كۆپلەپ تىلغا ئېلىۋاتىمىز، ھەقىقەتەن «يەرلىك ۋە ساپ »دېگەن چېغىمىزدا، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەرەققىي قىلغان ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ باقمىغان يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەردىن تەشكىل تاپقان بىر نەرسىنى كۆزدە تۇتىدىغان بولساق، ئۇنداقتا دۇنيادا بۇ مەنىدە يەرلىك ۋە ساپ كۈلتۈر قالمىدى. يېقىنى يىللاردا ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق كۈلتۈرلەر يەر شارى خاراكتېرلىك داۋالغۇش نەتىجىسىدە ئەسلىنى تونۇغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتتى.

يەر شارىلىشىشنىڭ نەتىجىلىرىگە بېرىلىدىغان بىر نەچچە ئۆزگىچە مىساللاردىن بىرى «ئېتنىك» تائاملاردۇر. بىر ئىتالىيە رېستورانىدا پەمىدۇر قىياملىق سىپاگېتتى، پولشا ۋە ئىرېلاندىيە رېستورانلىرىدا مايدا قىزارتىلغان بەرەنگە، ئارگېنتىنا رېستورانلىرىدا خىلمۇ خىل گۆش قاتلىمىلىرى، ھىندىستان رېستورانلىرىدا كۈچلۈك پۇقرالىق خۇرۇچلۇق تائاملار، شىۋېيتسارىيە قەھۋەخانىلىرىدا ھەر خىل شاكىلاتلارنى ئىستېمال قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. لېكىن بۇ يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ھېچقايسىسى بۇ دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى ئەمەس. پەمىدۇر، ئاچچىق قارىمۇچ ۋە كاكاۋ ئەسلى مېكسىكىدىن چىققان بولۇپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا ئىسپانىيەلىكلەر مېكسىكىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن يېتىپ كەلگەن. جۇل سەزەر ۋە دانتې ئالېگىرې ئۆمرىدە بىر قېتىممۇ شوخلا قىياملىق سېپاگېتتىنى تېتىپ باقمىدى. ۋىليام تېلغا بىر قېتىممۇ شاكىلات تېتىپ بېقىش نېسىپ بولمىدى، بۇددا بىرەر قېتىممۇ تامىقىغا ئاچچىق خۇرۇچ سېلىپ باقمىدى. بەرەڭگىلەر پولشا ۋە ئېرىلاندىيەگە كەلگىلى ئاران تۆت ئەسىر بولدى، ئارگېنتىنادا 1492-يىلى بىر خىللا گۆش قاتلىمى يېگىلى بولاتتى.

ھوللىۋود فىلىملىرى ئات مىنىشكە تولىمۇ ماھىر جەسۇر ئىندىيانلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ياۋروپالىق كۆچمەنلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىق كۆرۈنۈشىنى بىزنىڭ ئېڭىمىزغا سىڭدۈرۈۋەتتى. لېكىن ھەققى ئەھۋال بۇنىڭدىن تامامەن پەرقلىق ئىدى، ياۋروپالىقلارنىڭ قىتئەگە تۈركۈملەپ ئاتلارنى ئېلىپ كېلىشى بىلەن باشلىغان ۋە 17 ۋە 18-ئەسىرلەردە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى رايونلارنى ۋەيران قىلىۋەتكەن ھەربىي ۋە سىياسىي ئىنقىلابنىڭ مەھسۇلاتى ئىدى ئاتلار. 1492-يىلى ئامېرىكىدا ئات يوق ئىدى، 19-ئەسىردە سىيۇ ياكى ئاپاچى كۈلتۈرى ئۆزگىچە ئىدى، لېكىن بۇلار «يەرلىك»بولماستىن، تامامەن زامانىۋى (خەلقئارا كۈچلەرنىڭ نەتىجىسىدۇر)كۈلتۈردۇر.

دۇنياۋى نىشان

مەسىلىگە ئەمەلىي نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، يەر شارىلىشىش ھادىسىسىدىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچ ئۆتكەن بىر نەچچە ئەسىردە ئىمپېرىيەلەر كېڭىيىپ سودىنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە شەكىللەندى. ئافرىقا-ئاسىيا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ئوكيانىيە خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەر بارغانچە قويۇقلاشتى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە مېكسىكىنىڭ ئاچچىق مۇچى ھىندىستان تائاملىرىدىن ئورۇن ئالدى، ئىسپانىيە كالىلىرى ئارگېنتىنادا ئوتلاشقا باشلىدى، بۇلاردىنمۇ بەكرەك مۇھىم بولغان بىر ئۆزگىرىش بولسا، مىلادىدىن ئىلگىرى مىڭ يىل ئىچىدە خەلقئارا تۈزۈم ئورنىتىش پىكىرى بىخلانغان چاغلاردا يۈز بەردى. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىڭلارچە يىل ئىچىدە تارىخ دېمىسىمۇ يەر شارى خاراكتېرلىك بىرلىك يۆنىلىشىدە ئاستا-ئاستا بولسىمۇ ئىلگىرىلەۋاتاتتى. لېكىن پۈتكۈل دۇنيانى باشقۇرىدىغان ئالەمشۇمۇل تۈزۈم چۈشەنچىسى نۇرغۇن كىشىگە نىسبەتەن تېخى ناتونۇش ئىدى.

ئىنسانلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىز ۋە ئۇلار دېگەن كاتېگورىيە بويىچە ئايرىلىشقا باشلىدى. «بىز» يېنىمىزدىكى ئىنسان توپلۇقىنى كۆرسەتسە، «ئۇلار» ئۆزگە ئىنسان توپلۇقلىرىنى كۆرسىتەتتى. ئادەتتە ھېچقانداق بىر ھايۋان ئۆزى تەۋە بولغان تۈرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت ھەرىكەت قىلمايدۇ، ھېچبىر شىمپەنزە شىمپەنزە تۈرلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ھېچبىر قۇلۇلە دۇنيا قۇلۇلە توپلۇقى ئۈچۈن بىر ئانتىنىسىمۇ ئىشلىتىپ قويمايدۇ. ھېچبىر شىر پۈتكۈل شىرلارنىڭ پادىشاھى بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمايدۇ، شۇنداقلا ھېچبىر ھەرە كۆنىكىنىڭ ئېغىزىدا مۇنداق بىر شوئارنى كۆرەلمەيسىز: «دۇنيادىكى بارلىق ئىشچان ھەرىلەر بىرلەشسۇن.»

ئۇچۇر ئىنقىلابىدىن باشلاپ ئىنسانلارنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىش جەھەتتىكى قابىلىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى. بىر-بىرى بىلەن پەقەتلا تونۇشمايدىغان ئىنسانلار ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا، بىر-بىرلىرىنى «دوست ۋە قېرىنداش»دەپ تەرىپلەشكە باشلىدى. لېكىن بۇ قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇق يەر شارى خاراكتېرلىك ئەمەس ئىدى. يان تەرەپتىكى تۈزلەڭلىكتە ياكى تاغلارنىڭ كەينىدىكى سەھرالاردا ھېلىھەم «ئۇلار»نى (يەنى ئۆزگىلەرنى) تاپقىلى بولاتتى. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 3000-يىلى تۇنجى پىرئەۋن مېنېس مىسىرنى بىرلەشتۈرگەندە مىسىرلىقلار شۇنى ئوبدان بىلەتتى:« مىسىر پاسىللىرى بولغان بىر جايدۇر، پاسىلنىڭ نېرىسىدا ياۋايىلار ھەرىكەت قىلىدۇ. ياۋايىلار ۋەھشىي مەخلۇقلاردۇر». مىسىرلىقلار كۆزى چۈشكەن زېمىن ياكى بايلىقلاغا رەسمىي ئىگە بولغاندا بۇ ياۋايىلار پەيدا بولۇپ قالاتتى. ئەينى چاغدا ئىنسانلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بارلىق تۈزۈملەر ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ قىسمىنى سىرتىدا قالدۇراتتى.

مىلادىدىن بۇرۇنقى مىڭ يىل ئىلگىرى دۇنيا پەرقلىق تۈزۈملەرگە شاھىت بولدى. بۇ تۈزۈملەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تارىختا تۇنجى قېتىم پۈتكۈل دۇنيانىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسان ئىرقىنىڭ بىرلا تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بىر ۋۇجۇد ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلدى. ھېچ بولمىغاندا ھەممە ئادەم نەزەرىيە جەھەتتىن بولسىمۇ «بىز» گۇرۇپپىسىدىن ئورۇن ئالالايتتى، «ئۇلار»گۇرۇپپىسى يوق ئىدى. تۇنجى دۇنياۋى تۈزۈم ئىقتىسادنى ئاساس قىلىپ روياپقا چىقتى، بۇ تۈزۈمنىڭ نامى: پۇللۇق تۈزۈم ئىدى. ئىككىنچى دۇنياۋى تۈزۈم بولسا سىياسەت بولۇپ، ئۇنىڭ نامى ئىمپېرىيەلەر تۈزۈمىدۇر، ئۈچىنچى دۇنياۋى تۈزۈم بولسا دىن بولۇپ، ئۇلار بۇددىزم، خىرىستىيانلىق ۋە ئىسلامغا ئوخشاش دىنلارنىڭ ئالەمشۇمۇل تۈزۈمىدۇر.

سودىگەرلەر، ئىمپېراتورلار ۋە پەيغەمبەرلەر «بىز ۋە ئۇلار»دېگەن ئايرىمنى بۇزۇپ تاشلىيالىغان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن بولسىمۇ بىرلىشەلەيدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرەلىگەن ھەتتا تەشەببۇس قىلغان تۇنجى ئىنسانلاردۇر. سودىگەرلەرگە نىسبەتەن پۈتكۈل دۇنيا بازار، پۈتكۈل ئىنسان خېرىداردىن ئىبارەت ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ھەر يەردە ھەممە ئادەمگە ماس كېلىدىغان ئىقتىسادىي سىستېما بەرپا قىلىشقا تىرىشتى. ئىمپېراتورلارغا نىسبەتەن پۈتكۈل دۇنيا بىر ئىمپېراتورلۇق، پۈتكۈل ئىنسانلار بولسا تەبادىن يەنى ئۇنىڭ خەلقىدىن ئىبارەت ئىدى. ئوخشاشلا پەيغەمبەرلەرگە نىسبەتەنمۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ دىنغا مايىللىقى بار ئىدى. ئۇلارمۇ ھەممە يەردە ھەممە ئادەمگە ماس كېلىدىغان تۈزۈم بەرپا قىلىشقا تىرىشتى.

ئۆتكەن مىڭ يىل ئىچىدە ئىنسانلار دۇنياۋى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. كىتابىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلۈملىرىدە پۇل، ئىمپېرىيەلەر ۋە دىنلارنىڭ قانداق تارقالغانلىقى ۋە كۈنىمىزدىكى يەر شارىلاشقان دۇنياغا قانداق ئاساس سالغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. ھېكايىمىز تارىختا ئەڭ قۇدرەتلىك جاھانگىر بىلەن باشلىنىدۇ، بۇ جاھانگىر ناھايىتى كەڭ قورساق، چىقىشقاق، شۇنداقلا ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆزىگە راملا قىلىۋالىدۇ، بۇ جاھانگىرنىڭ نامى پۇلدۇر. ئوخشاش بىر دىنغا ئىشەنمەيدىغان ياكى ئوخشاش بىر پادىشاھقا ئىتائەت قىلمايدىغان ئىنسانلار سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئوخشاش پۇلنى ئىشلىتىدۇ. ئامېرىكا كۈلتۈرىدىن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ دىنىدىن، ئامېرىكا سىياسىتىدىن نەپرەت قىلىدىغان ئۇسامە بىن لادىن ۋە دائىشچىلار ئامېرىكا دوللىرىنى كۆرسە دۈم چۈشىدۇ. ئۇنداقتا پادىشاھلار ۋە دىنلار قىلالمىغان ئىشنى پۇل قانداق بولۇپ قىلالىدى؟

تەرجىمان: ئادىلجان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



One Comment

  1. ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم
    ماقالىلەرنى چۇشۇرگىلى بولىدىغان شەكىلدە قىلىش مۇمكىنمىدۇ. شۇنداق بولسا ، تور يوق يەردىمۇ ئوقوغىلى بولار ئىدى.
    رەھمەت

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*