تارىخنىڭ باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە رولىغا ئومۇمىي نەزەر

2019-يىلى 25-سېنتەبىر

مەھمۇت ئەنەس سوسيال

تارىختا دۇنيا سىياسىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن دۆلەت، مىللەت ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ بىردىنلا كۈچلۈك سەۋىيەگە كەلمىگەنلىكىگە، شۇنداقلا ئۆزلىرى ياشىغان دەۋردە مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە زور ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىغا شاھىت بولىمىز. شەكسىزكى، كەچمىشتە بولغىنىدەك، ھازىرقى دەۋردىمۇ كۈچلۈك مىللەت، قۇدرەتلىك دۆلەت ۋە ئاڭ-سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان جەمئىيەت ۋە مىللەت بولۇشنىڭ يېگانە يولى تەلىم-تەربىيە يەنى مائارىپ ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشتۇر. بۇنداق چوڭ ئىش ئىلىم-پ-پەن، تەربىيە ۋە ئەخلاق قاتارلىقلار بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنىڭدا ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەقىقەتەن ئېغىر. قىسقىسى، ئىنسان ۋە ئىنسانغا ئالاقىدار ھەممە نەرسە (ئىنسانلارنىڭ قىزىقىش دائىرىلىرى، ئېھتىياجلىرى، مەسىلىلىرى)توختاۋسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ مۇقەررەر يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا ھەر خىل ئىنكاسلار ۋە جاۋابلار قايتۇرۇلۇشى تەبىئىي. بۇ جەھەتتە تېنىمسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، ھەر خىل ۋە مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىپ كېلىۋاتقان ئىنسان ۋە جەمئىيەت ھاياتىدا، جەمئىيەتنى تەتقىق قىلىدىغان ئىجتىمائىي پەنلەر مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىجتىمائىي پائاللىقنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ئىجتىمائىي پەننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيەنىڭ ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان ئېھتىياج ۋە مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارغا ھەل قىلىش چارىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق جەمئىيەت ۋە مىللەتكە ھەسسە قوشۇشتىن ئىبارەت. لېكىن ھەم ئىجتىمائىي پەنلەر ھەمدە تارىخ ئوقۇتۇشى جەمئىيىتىمىزدە يېتىشكەن ۋە يېتەرلىك ساندا ئوقۇتقۇچى قوشۇنىمىز ۋە مۇۋاپىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىروگراممىسى بولماسلىقى تۈپەيلى، بىز كۈتكەن سەۋىيەدە بولمايۋاتىدۇ. ماقالىمىزدا ئىلىم-پەن، ئىلمىيلىك، مەلۇمات، بىلىملەرنى كاتېگورىيەگە ئايرىش، ئىجتىمائىي پەن، تارىخ ئىلمىنىڭ  تېرمىنلىرى، نەتىجە ۋە يەكۈنلەر ئۈستىدە توختالدۇق. تېما، ئۇقۇم، ساھە، تەدبىق قىلىنغان ئىلمىي ئۇسۇل ۋە تېخنىكىلار ، شۇنداقلا مەقسەت قاتارلىقلار نۇقتىسىدىن ئىجتىمائىي پەن بىلەن تارىخ ئىلمىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، جەمئىيىتىمىزدە ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە قايسى تېمىلارنىڭ تەتقىق قىلىنىشى لازىملىقى مەسىلىسىدە ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىلىم-پەن، مەلۇمات، ئىجتىمائىي پەن، تارىخ ئىلمىي، جەمئىيەت

مۇقەددىمە

ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە بىئولوگىيەلىك مەخلۇق بولغان ئىنسان ئەلمىساقتىن بېرى، مەلۇم بىر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت ئىچىدە ياشاپ كەلمەكتە. ئىنساننى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىدىن سىرت، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە پىسخىكىلىق تەرەپلىرى ئۈستىدىمۇ ئانالىز ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئىنسان ئۆزى ياشىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، كۈلتۈر ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتلارنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ھەر قانداق بىر ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى مەلۇم بىر ئىدېئولوگىيە[1] ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. شۇڭا بارلىق ھاكىمىيەتلەر مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز ئىدېئولوگىيەسىنى جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا قوبۇل قىلدۇرۇش زۆرۈرىيىتى ھېس قىلىدۇ. شەكسىزكى، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سەۋىيەلىك ۋە ئاڭلىق كىشىلەر يېتىشىپ چىقىشى شەرت. مائارىپنى ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ”شەخسلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدە تۇرمۇش ئارقىلىق ۋە قەستەن ھالدا ئارزۇ قىلىنغان ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىش جەريانى“[2] دەپ ئىزاھلاش مۇمكىن.  مودېرن جەمئىيەتلەردە مىللىي-ئۇلۇس دۆلەت[3] ئۆز مەۋجۇتلۇقى ۋە مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە بۇلارنى ھازىرقى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش نۇقتىسىدىن، مائارىپ مۇئەسسەسىگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسان تۇغۇلۇپلا ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشتىن تەشكىل تاپقان بىر مۇھىتقا كىرىدۇ. ئىجتىمائىي مەخلۇق ھېسابلىنىدىغان ئىنسان، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ۋە ئەمەلىي تۇرمۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق قولغا كەلتۈگەن بارلىق مەنىۋى بايلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇلارنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، جەمئىيەتنىڭ ئىلغار قاتلاملىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مائارىپ پىروگراممىلىرىنى ئىجرا قىلىشقا باشلايدۇ.[4]جەمئىيەت ۋە مىللەتلەرگە نىسبەتەن تولىمۇ مۈشكۈل بولغان تارىخىي بۇرچلار (ئالاھىدە ۋەزىپە) ۋە ھەرىكەتلەر داۋاملىق ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئادا قىلىنىدۇ.[5]

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، بىز ياشاۋاتقان ھازىرقى دەۋر ئۇچۇر، پەن-تېخنىكا ۋە پىكىر دەۋرىدۇر. بارغانچە يەر شارىلىۋاتقان[6] كۈنىمىزدە، بىزنى تاڭ قالدۇرىدىغان غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. يەر شارىلىشىش ھادىسىلىرىنىڭ ئىپادىلىرىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، دۇنيانىڭ بىر تەرەپتىن يەر شارىلىشىش ئۇقۇمىدا كۆرسىتىلگىنىدەك بىر پۈتۈنلىشىشىۋاتقانلىقىغا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە كۈلتۈر جەھەتلەردە پارچىلىنىپ قۇتۇپلىشىۋاتقانلىقىغا، (ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئومۇملىشۋاتقانلىقىغا، ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىغا، تاشقى قەرزلىرى تۈپەيلى خەتەرگە ئاستىغا كىرىپ قېلىۋاتقان دۆلەتلەرگە، دۇنيا بانكىسى ۋە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات پىروگراممىلىرىغا، ئاچارچىلىق، ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىقنىڭ يامراۋاتقانلىقىغا، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەتنىڭ تاۋارلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقىغا، مىللىي-ئۇلۇس دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ خىرسقا ئۇچرىۋاتقانلىقىغا، مودېرن دەۋرنىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي كىملىكلىرى ئورنىغا جىنسىيەت ۋە ئېتنىكنى ئاساس قىلىدىغان كىملىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا)شاھىت بولىۋاتىمىز. [7]بارلىق بۇ ھادىسىلەر ”ئۇچۇر جەمئىيىتى، ئۇچۇر ئىقتىسادىي، ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرى، باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتلىرى، قابىلىيەت ئۆلچەملىرى، ئىلىمخۇرمار جەمئىيەت“كە ئوخشاش ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولماقتا.

دەۋرىمىزدە جەمئىيەتلەرنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالىشى ۋە كەلگۈسىگە يېتىپ بارالىشى، شۇنداقلا ئىلىم-پەن جەمئىيىتى بولۇش قاتارلىقلارنىڭ يېگانە يولى يۇقىرى سەۋىيەلىك، تىرىشچان، ئاڭلىق، ساپالىق، ئۆز كىملىكلىرى[8] ۋە ئەتراپىدىكىلەر بىلەن چىقىشالايدىغان شەخسلەردىن تەشكىل پاتقان جەمئىيەت بەرپا قىلىشتۇر. بىز ياشاۋاتقان ھازىرقى دەۋر، دۇنيانىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە زور ئۆزگىرىشلەر[9] بارلىققا كېلىۋاتقان دەۋردۇر. مىللىي-ئۇلۇس دۆلەت ئورنىغا يەر شارىلاشقان دۆلەت-جەمئىيەت، مودېرنىزم[10]نىڭ ئورنىغا پوست-مودېرنىزم[11]، رەسمىي ئىشلەپچىقىرىش شەكىللىرى ئورنىغا ”ئۇچۇر-مەلۇمات ۋە ئىجادچانلىقنى ئاساس قىلىدىغان يېڭى ئىشلەپچىقىرىش شەكىللىرىگە ئوخشاش باشقىچە ئىشلەپچىقىرىش شەكىللىرى دەسسىدى، بۇنىڭدىن سىرت ۋاقىت ۋە ماكان ئۇقۇمنىڭ پاسىللىرى يوقىلىپ، ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا ساھەسىدە زور ئىلگىرىلەشلەر ھاسىل بولدى.[12]قىسقىسى، كۈنىمىزدە سانائەتنى ئاساس قىلغان جەمئىيەتنىڭ ئورنىغا ئۇچۇر-مەلۇمات، ئىلىم-پەن، مۇلازىمەت جەمئىيىتى دەپ كۆپ خىللىققا ئىگە بولغان يېڭى جەمئىيەت شەكىللىنىۋاتىدۇ. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، بارلىق ئاتاقلارنىڭ ئەكسىچە، ئۇچۇر-مەلۇمات ۋە ئىلىم-پەننىڭ ئەھمىيىتىنىڭ كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقانلىقى[13]، شۇندقلا ئۇچۇر-مەلۇمات ۋە ئىلىم-پەنگە زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولىۋاتىمىز. ئۇچۇر جەمئىيىتىنى بۇرۇنقى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى بىرلا جۈملە بىلەن خۇلاسە قىلىشقا توغرا كەلسە، بۇ جۈملە مۇنداق بولۇشى مۇمكىن: ”ھەر ساھەدە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ سۈرئىتى پەۋقۇلئاددە تېز بولماقتا“. [14]

قىسقىسى، ئىنسان ۋە ئىنسانغا ئالاقىدار ھەممە نەرسە (ئىنسانلارنىڭ قىزىقىش دائىرىلىرى، ئېھتىياجلىرى ۋە مەسىلىلىرى قاتارلىقلار) ئۆزگەرمەكتە. بۇنداق ئەھۋالدا، يېڭى مەسىلىلەرگە چارە تېپىش، ئېھتىياجلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەدبىرلەر ئېلىش، ئىستراتېگىيە [15] ئوتتۇرىغا قويۇش، يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەردىن مۇۋاپىق شەكىلدە پايدىلىنىش زۆرۈر بولماقتا. دەرۋەقە، خەلقئارادا بارلىققا كەلگەن ۋەزىيەت، ئۆزگىرىش ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ھادىسىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى بىلمىگەن مىللەتلەر، يەنە يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىرتىدا قېلىشقا مەھكۇم بولىدۇ. ئورتاق ئەقىل ۋە كوللېكتىپ روھقا ئىگە بولۇش، شۇنداقلا تەرەققىياتنىڭ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ۋە ھەممىدىن مۇھىمى مەۋجۇتلۇقنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگۈسى ئۈستىدە ياخشى ئويلىنىپ پىلان بويىچە ئىش تۇتۇش لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي بولۇپ ھەر قايسى ساھەلەردە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرمۇ مۇشۇنى تەقەززا قىلماقتا.

ئۇقۇمنىڭ دائىرىسى

”ئىلىم-پەن، مەلۇمات، ئىلمىيلىك، ئىجتىمائىي پەن، ئىجتىمائىي مەلۇماتلار ۋە تارىخ“

ھازىرقى دەۋرىمىزنى تەرىپلەشنىڭ يوللىرىدىن بىرى، ئىلىم-پەن ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش جەريانىنىڭ  ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئەھمىيىتىنى تەكىتلەشتۇر. ھازىرقى دەۋرنىڭ ئۇچۇر دەۋرى ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئەتراپلىق مەلۇمات ياكى چوڭقۇر ئويلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نەرسىلەرنى ھەر يەردە ئۇچرىتىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە 21-ئەسىرنىڭ ئۇچۇر دەۋرى ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئوموميۈزلۈك پىكىر بىرلىكى مەۋجۇت. بۇ پىكىر بىرلىكى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قلىۋاتقان تېخنولوگىيەلەرنىڭ، ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ مېخانىكىلىق ۋە ھەسسىلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى تۈرتكىسىدە پەيدا بولغان. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ مېخانىكىلىق ھالدا ئىشلەپچىقىرىلىپ كۆپەيتىلىشى ۋە تارقىلىشى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشتىن سىرت، بولۇپمۇ ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ ماھىيىتىگە بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى بەزى نەزىرىيەلەردە بىز ياشاۋاتقان ھازىرقى دەۋر ”ئۇچۇر دەۋرى“دەپ ئاتىلىدۇ،  جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى بۇ نەزىرىيەلەردە نۇقتىسىدىن، ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ ماھىيىتى ۋە يېڭى شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورلىرى ئاساسلىق قىزىقىش نۇقتىسى بولماقتا.[16]

ئىلىم-پەن ئىنسانلارنىڭ قىزىقىشى ۋە كائىناتنى چۈشىنىش تىرىشىچانلىقى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. ئىنساندىكى قىزىقىش تۇيغۇسى ئۇنى ئەتراپى ۋە ئۆزى توغرۇلۇق ئىزدىنىشكە ئېلىپ باردى. بىلىم ھەم ئىنسانلارنىڭ كائىناتنى چۈشىنىش ئىستىكى ۋە ئېھتىياجىنى ھەل قىلدى ھەمدە ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىنساننىڭ تۇرمۇشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان بەزى ئۆزگىرىشلەرنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. قېلىپلاشقان چۈشەنچە ۋە ئېتىقادلاردىن يىراق تۇرىدىغان، تولىمۇ كۈچلۈك تەپەككۇر شەكلى بولغان بىلىم، ”سىستېمىلىق مەلۇماتلار گەۋدىسى“گە ئايلانغان بولۇپ، لوگىگىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئىشەنچىلىك كۆزىتىش ۋە تەجرىبىلەرنى چىقىش قىلغان ھالدا ۋەقە-ھادىسىلەر ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى شەرھىيلەيدۇ.[17]بىلىم ئەقلىي تەپەككۇر شەكلى بولۇپ، تېخنولوگىيە ساھەسىدە  يېڭىلىقلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بىلەن بىرگە، كائىنتانىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىش، چۈشىنىش ۋە شەرھىيلەش قاتارلىقلاردا ئەڭ ئىشەنچىلىك ئۇسۇلدۇر، بىلىمنىڭ بۇ خىل خاراكتېرى ئۇنى ئەزەلدىن بېرى بولۇپمۇ مودېرن دەۋردە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك قىلدى. بىلىمگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق مەنبەلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بىلىم كۆزىتىشكە تايىنىدۇ، بىلىم ئوبيېكتىپ لوگىكىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، تەنقىدىي خاراكتېرگە ئىگە، شۇنداقلا ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە.  بىلىم چوقۇم تەتقىقات ئۇسۇلىغا تايىنىدۇ. شۇڭلاشقا بىلىم، بىر قاتار تەتقىقات ئۇسۇللىرى[18] نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

زامانىۋى مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، “ پەن“ (ئىلىم-پەن) ئۇقۇمى تۇنجى قېتىم 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئەنگلىيەدە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان ئىلىم-پەن ئوبېيكتىپ ھادىسىنى  ئاساس قىلىدۇ. ئىلىم-پەننىڭ نەزىرىدە كائىناتتا يۈز بەرگەن بارلىق ھادىسە ياكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھەر قانداق نەرسە ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. كۈنىمىزدە ، ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ مەقسىتى تەتقىقات ئوبيېكتى بولغان ھادىسىلەرنى تەرىپلەش، ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنى ئېنىقلاش ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى بېكىتكەندىن كېيىن نەزىرىيەلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىلمىي قانۇنىيەتلەرنى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەت.[19]بىلىمنىڭ تېمىسى ۋە بىلىم مەسىلىسى پەلسەپە تارىخىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىن بېرى  پەلسەپىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تېمىسى ۋە مەسىلىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.[20]پەلسەپە ئىلمىي بىلىمنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدەنگەن بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىلىش ئىلمىي ۋە بىلىم پەلسەپىسى دېگەن پەنلەر[21] (پەن: ئۆزىگە خاس قۇرۇلمىسى، تەتقىقات ۋە ئىسپات ئۇسۇللىرى بولغان ساھەدۇر) ۋۇجۇدقا چىققان. ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن چۈشەنچىسى ۋە ئۇسۇلىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئەنگلىيەلىك مۇتەپەككۇر فىرانسىس بېكون (1561-1626)نىڭ زور تۆھپىسى بار. ئىلىم -پەن دۇنياسىدا ”پەننىڭ پىشىۋاسى“دەپ ئاتىلىدىغان فرانسىس بېكون، 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلىم-پەننىڭ مەقسىتىنىڭ ئىنساننىڭ زېمىندىكى تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش  ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ مەقسەتكە ھادىسىلەر بىلەن سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلغان كۆزىتىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان نەتىجىلەرگە ئاساسەن نەزىرىيە ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق يەتكىلى بولىدۇ. [22]بېكون ئىلىم-پەننىڭ ئىنساننى تەبىئەتكە خوجايىن قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ، ئۇ ئىنساننىڭ ئىلىم-پەن ئارقىلىق خۇشاللىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئىنساننىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئىلىم-پەن ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسانلىشىدىغانلىقىنى ۋە بىلىمنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كۈچ ئىكەنلىكىنى دەيدۇ ۋە بۇنىڭغا چىن ئىشىنىدۇ. بېكوننىڭ بۇ قارىشىغا ئاساسەن ئىلىم-پەنگە تەبىر بېرىدىغان بولساق، ئىلىم-پەن ئوبيېكتىپ رېئاللىق (تەبىئەت)نىڭ ئىنسان مېڭىسىگە ئاڭلاش ۋە تەپەككۇر يوللىرى ئارقىلىق ئەكس ئېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. [23]نۇرغۇن ئىلىم ئەھلى ۋە زىيالىي ئىلىم-پەننىڭ ئىنسان بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىكەنلىكىنى دەيدۇ. پەننىڭ تۇنجى مەنبەسى سىزىملاردۇر. ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى سىزىم ئەزالىرى ئارقىلىق ھېس قىلىشقا باشلىغان ھامان، ئىنساننىڭ بىلىش جەريانى باشلىغان بولىدۇ.[24]

شەكسىزكى، ئىنسانىيەت تارىخىدا مەيلى ئىلىم—پەن ساھەسىدە بولسۇن مەيلى ھۇمانىزم، تەجرىبىچىلىك (ئېمپىرىزم) ۋە ئەقلىيەتچىلىك (پوزىتىۋىزم) قاتارلىق ئېقىملارنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىدا 16- ۋە 17-ئەسىرلەردە ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن ئىسلاھات ۋە ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ زور تەسىرى بار. شۇنداقلا بۇ ئەسىرلەردە ئىنساننىڭ كائىنات-تەبىئەت چۈشەنچىسىدىمۇ كۆرىنەرلىك، ھەتتا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلايدۇ.[25]بۇ دەۋرلەردە بولۇپمۇ جون كېلۋىن (John Kelvin)، مىكولاج كوپېرنىك (Mikolaj Kopernik)، گالىلو گالىلېرى (Galileo Galilei)، ئىساك نىيۇتون (Isaac Newton) ۋە نىككولو ماكېىياۋېلى (Niccolò Machiaveli) قاتارلىق مۇتەپەككۇر ۋە ئىلىم ئەھلىلىرى يېڭى ئىلىم-پەن چۈشەنچىسىنىڭ  (يىغما خۇلاسە ئىلىم-پەن قارىشى، تەجرىبىنى ئاساس قىلىدىغان يىغما خۇلاسە چۈشەنچە، لوگىكا ۋە يەشمە خۇلاسە تەپەككۇر شەكلى) باشلامچىلىرىدۇر.[26]ئىلىم-پەن ئوبيېكتىپ ھەقىقەت (رېئاللىق) ياكى ئوبيېكتىپ ھەقىقەتلەر بىلەن ئىسپاتلىنىشنى ئاساس قىلىدىغان مۇناسىۋەت ئورنىتىش جەريانى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان سىستېملىق مەلۇماتلار دەپ تەرىپلىنىدۇ.[27]ئىلىم-پەن رېئاللىقتىكى ئوبيېكتىپ نەرسىلەرنى بايقاش ياكى ئوبيېكتىپ نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىپساتلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەممە يەردە ئاقىدىغان، ئېنىق ۋە سسىتېمىلىق مەلۇماتلار[28] ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئېتىراپ قىلىنىدۇ. بىلىمنى تولۇق ۋە ئېنىق تەبىرلەش قىيىن بولغانلىقتىن، ئۇنى ئىزاھلاش تېخىمۇ مۇۋاپىق. كائىنات ۋە جەمئىيەت توغرۇلۇق ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە توغرا مەلۇماتلارغا بىلىم ئارقىلىق ئېرىشەلمەيمىز. لېكىن بىلىم خاتالىقى ئىسپاتلانغۇچە نەزىرىيە پېتى قالىدۇ، نەزىرىيەلەرنىڭ خاتالىقى ئىسپاتلانسا  ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېڭىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، بۇ ئارقىلىق بىلىم تېخىمۇ ئىلگىرىلەيدۇ. شەكسىزكى، ئىلىم-پەن ئۇزۇن مۇساپىلىك ۋە مۇشەققەتلىك تەتقىقاتلار ۋە ئىزدىنىشلەر نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن سىستېمىلىق مەلۇماتلار گەۋدىسىدۇر. نۇرغۇن پەلسەپىچى ئىلىم-پەننىڭ مەنبەسىنىڭ سەزگۈ  ئىدراكى (سەزگۈ ئەزالاردىن ئارقىلىق ئىدراك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ) ئىكەنلىكىنى، سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق ئىدراك بولماي تۇرۇپ، ئوبيېكتىپ ھەقىقەت توغرۇلۇق بىرمۇ نەرسە ئوتتۇرىغا قويغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ جەھەتتىن قارىغىنىمىزدا،مەلۇماتلارنى ئىنساننىڭ ئەتراپى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ مەھسۇلاتى دېيىشكە بولىدۇ.پەن[29] ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان ئوبيېكتىپ مەلۇماتلارنى كۆرسىتىدۇ.

بىلىم ئىجتىمائىي مەخلۇق ھېسابلىنىدىغان ئىنسانغا نىسبەتەن ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان ئامىللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىلىم تۈرتكىسىدە ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە خىزمەت، پائالىيەت ۋە باشقا ۋەزىپىلەرنى قانداق ئادا قىلىدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنەلەيمىز. تۇرمۇشىمىزدا بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىمىزدىن تەكرار-تەكرار پايدىلىنىمىز ۋە ئۇلارنى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەدبىقلايمىز. [30]لۇغەت مەنىسى بويىچە ئىلىم-پەنگە تەبىر بېرىشكە توغرا كەلسە، بىلىم ئۆگىنىش، ئىزدىنىش، كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان بارلىق ئوبېيكتىپ ھەقىقەت، مەلۇمات ۋە چۈشەنچىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدۇر. ئىلىم-پەن، توغرىلىقى ئىسپاتلانغان ئېتىقادلاردۇر.[31]بىلىم ئالدىن بېكىتىلگەن بىر قاتار سىستېمىلىق قائىدە-پىرىنسىپ ۋە بەلگىلىملەرگە مۇۋاپىق شەكىلدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىلىم-پەن ئىجتىمائىي مەخلۇق ھېسابلىنىدىغان ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان، ئۆز-ئارا يەتكۈزۈلىدىغان، تارقىتىلىدىغان ۋە قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلىدىغان تەجرىبە ۋە ئۇچۇر-مەلۇمات يىغىندىسىدۇر. بىلىم ئىجتىمائىي ھادىسلەردە قارار ۋە ھەرىكەتلەر ئۈچۈن تەدبىق قىلىشقا تەييار ھالەتتىكى قىممىتى يۇقىرى بولغان ئۇچۇر-مەلۇماتلاردۇر. بىلىم بىراۋ ياكى شەخس نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا سىستېىملىق ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىلىم-پەن مەنە پىرامىداسىنىڭ ئەڭ يۇقىرىدا بولغان ئەقىل ۋە ھىكمەت بىلەن ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ئىلىم-پەن ئەقىل ۋە ھىكمەت ئىجتىمائىي ھادىسىلەردە توغرا ياكى خاتانى پەرقلەندۈرۈشتە ئىشقا يارايدىغان بارلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى توغرا چۈشىنىمىز ۋە ئەڭ توغرا ياكى ئەڭ ئېسىلىنى تاللىشىمىزدا ئىشقا يارايدىغان چۈشىنىش، ئىدراك قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش قاتارلىق باسقۇچلىرىدا توغرا قارار چىقىرىشىمىز، ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا پىششىقلاپ ئىشلىنىشىگە، كۆزىتىش ۋە تەجرىبىلەر بىلەن قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە باغلىقتۇر. بۇ باسقۇچ مەنە پىرامىدىدىكى ئاخىرقى باسقۇچقا، يەنى ئەقىل=ھىكمەت باسقۇچىغا سىمۋول قىلىدۇ. [32]ئەمدى بۇ مەسىلىدە مەنبەلەرنىڭ كۆرسەرتمىسى ۋە مەنە پىرامىداسىنى نەزەرگە ئېلىپ ئىلىم-پەننىڭ ئاساسلىق بىر نەچچە ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

  • ئىلىم-پەن جۇغلاپ ساقلىغىلى بولمايدۇ، بىلىم كومپىيۇتېرلاردىن بەكرەك ئىنساننىڭ مېڭىسىدە ئورۇن ئالىدۇ.
  • ئىنسان ئەقلى بىلەن ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ پىشىقىلىنىپ سىستېمىلىق ھالەتكە ئېلىپ كېلىنىشىگە، ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشىغا، تەرتىپكە سېلىنىشىغا ياكى ئىشلىتىلىشىگە ئىلىم-پەن دەيمىز. ۋەقە-ھادىسىلەر ۋە ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ ئومۇمىي مەلۇماتلارنى تەشكىل قىلىدىغان تەرىقىدە تەرتىپكە سېلىنىپ سىستېمىلاشتۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ، بىلىم ۋجۇدقا چىقىشقا باشلىنىدۇ ۋە مەلۇم بىر ئىشلەتكۈچى گۇرۇپپىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا مۇۋاپىق تەرىقىدە قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىپ سۈزگەچتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
  • ئىلىم-پەن تەجرىبە، چۈشەنچە ۋە ئەمەلىي شارائىت قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدىغان ئۇچۇر-مەلۇماتلار بولۇپ، يېڭىچە نۇقتىئىنەزەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
  • ئىلىم-پەن قارار ۋە ھەرىكەتلەرگە تەدبىق قىلىنىشقا تەييار ھالەتتە تۇرىدىغان قىممەتلىك ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى كۆرسىتىدۇ.
  • ئىلىم-پەن ئالدىن تەييارلانغان قائىدە-پىرىنسىپلار، بەلگىلىمىلەر، قوللانمىلار ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ.

ئىلىم-پەن توغرۇلۇق يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان نەزىرىيەۋى مەلۇماتلار ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا ۋە ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە بىلىمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا مۇھىم رول ئويناشتىن سىرت، ئىلىم-پەننى كونترول قىلىپ باشقۇرۇشقا ئوخشاش ئاساسلىق مەسىلىلەرنىمۇ پەيدا قىلماقتا. بولۇپمۇ جەمئىيەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي رىقابەتنى ئاساس قىلىدىغان كۈنىمىزدە، ئىلىم-پەننى باشقۇرۇش ياكى ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش ئورگان ۋە شىركەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسىلىسى بولۇپ قالماقتا. ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش خىزمەتلىرى شىركەت ياكى ئورگانلارنىڭ تەشكىللەش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ماسلاشمىسا نەتىجە ئالالمايدۇ. نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن كونكرېت ۋە قوللىنىشچان پايدىلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئاساس قىلىدىغان مەنبە ۋە مېخانىزملارنىڭ قايسىسىنىڭ ئۆزگىچە ۋە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىش لازىم. داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان رىقابەت مۇھىتىدا شىركەت ياكى ئورگانلار باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەش خىزمەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىنى پەيدا قىلىشى ۋە ھەمبەرلىشىشى كېرەك. ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئوڭۇشلۇق باشقۇرۇش ئەقلىي ۋە بىلىم سەرمايىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلار، جەريانلار ۋە تېخنولوگىيەگە ئوخشاش ئۈچ ئاساسلىق ئامىلدىن تەشكىل تاپىدىغان ئۇچۇر-مەلۇمات باشقۇرۇش خىزمىتى، خۇددى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بولغىنىغا ئوخشاش ئۇچۇر-مەلۇماتقا ئېرىشىش، ئۇچۇر-مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن تېگىشلىك ئىشلارنى ئېلىپ بېرىش ۋە يېڭى شارائىتلارغا ماسلىشىدىغان تەرىقىدە بىزدىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى تەدبىقلىيالىشىمىزغا باغلىق جەرياندۇر. مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزغا، ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى باشقۇرۇشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى بىردىن ئارتۇق كىشى پايدىلىنالايدىغان يەنى ھەمبەھرىشەلەيدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىشتىن ئىبارەت. ئۇچۇر-مەلۇمات ۋە بىلىم تەشكىلاتلارنى، مۇئەسسەسىلەرنى ۋە جەمئىيەتنى بىرلىكتە ئۇيۇلتاشتەك تۇتۇپ تۇرالايدىغان غول ئامىللاردىن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە، مەقسەتكە يەتكۈزىدىغان ۋاستە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلساقمۇ بولىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىنسانلار ئىجتىمائىي مۇئەسسسە ياكى گۇرۇپپا ۋۇجۇدقا چىقارغان دەسلەپكى مەزگىللەردىن باشلاپ، بىر-بىرلىرىنىڭ بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ، بۇ ھەقتە ئورتاق ئاڭ-تۇيغۇ شەكىللەندۈرگەن ۋە ئۆز-ئارا ئالاقە جەريانىدا بىرلىكتە ئۆگىنىش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتە. [33]ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش ئىنتىزامچان ۋە تەشكىللىنىش ئادىتى نىسبەتەن ئومۇملاشقان جەمئىيەتلەردە تەرەققىي قىلغان بولىدۇ.

شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى،  ھەممە نەرسە تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان كۈنىمىزدە ئىلىم-پەن ۋە ئۇچۇر-مەلۇماتلار چۈشەنچىسىمۇ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. مەسىلەن، يېقىن زامان تارىخىغىچە ئەنئەنىۋى بىلىم چۈشەنچىسى نوپۇزلۇق ئورۇندا ئىدى. يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك، ئەنئەنىۋى بىلىم چۈشەنچىسى ھەققىي دۇنيانىڭ بىزنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ بۆلمەسلىكىمىز ياكى ئۇنىڭغا قىزىقىپ قىزىقماسلىقىمىز ۋەياكى ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قىلماسلىقىمىزغا قارىماستىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاساسنى قوبۇل قىلغانىدى. 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا، ئىلىم-پەنگە دائىر چۈشەنچىلەر، بىلىم تارىخچىلىرى ۋە بىلىش نەزىرىيەچىلىرىنىڭ ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە زور دەرىجىدە ئۆزگەردى. يېڭى دەۋردە ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئىلىم-پەن چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغاندا، بىلىم ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ئېتىراپ قىلىنىدىغان پىرىنسىپلارنى تۇتقا قىلىپ تەبىئەت ۋە تەسەۋۋۇر قىلىنغان ھادىسىلەرگە ئاساسەن قىياس ئېلىپ بېرىش ۋە دۇنيانى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىلىم ئەھلىلىرى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ. بىلىم ئىنسان پائالىيىتىدۇر. بىلىم يىغما خۇلاسىلارنىڭ نەتىجىسى ئەمەس. ئىلىم-پەن دۇنيانى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنسانلار تەرىپىدىن شەكىللەندۈرگەن توقۇلما خاراكتېرلىك سىستېملىق ئۇچۇر-مەلۇماتلاردۇر.[34]

پەننىي بىلىملەر ئىلمىيلىك پىرىنسىپى دائىرىسىدە ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. پەننىي بىلىملەر يەككە ھادىسىلەرنى ئەمەس ئومۇمىي ھادىسىلەرنى ئاساس قىلىدۇ. ئىلىم-پەندە مەيدانغا كېلىدىغان ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار تۈپەيلى، پەننىي بىلىملەر تولۇق ھالەتكە كەلمەيدۇ، يەنى پەننىي بىلىملەر ھەر ۋاقىت كەمچىللىكىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ. پەننىي بىلىملەر ئەمەلىيەتتە جەرياندىن ئىبارەتتۇر. بىلىم بىلگۈچى ۋە بىلىنگۈچى ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلغان مۇناسىۋەتنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، ئىككى قۇتۇپلۇق مۇناسىۋەتكە ئىگە. بىلىم نەزىرىيەسىدە مۇناسىۋەتنىڭ بىلگۈچى تەرىىپىدىكى ئامىلغا سۇبيېكت، بىلىنگۈچى تەرىپىدىكىگە ئوبېيكت دېيىلىدۇ.[35]بۇ ئىككى ئامىل ئوتتۇرىسىدا ئىلمىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئۇنداقتا ئىلمىيلىك ياكى پەننىيلىك نېمە؟ ئىلمىيلىك توغرا قوبۇل قىلىنىدىغان بەلگىمىلەر دائىرىسىدە قائىدە-پىرىنسىپلارغا مۇۋاپىق ھالدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ يېڭى پىكىر ياكى مەۋجۇت نەرسىنىڭ خاتا ياكى توغرا تەرىپىنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق چارە تېپشتۇر. ھەر خىل ئىلمىي ئەمگەكلەر ۋە ئىجتىمائىي-مەدەنىي يوللار ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان ئىلمىي مەلۇماتلارنى مەنبە سۈپىتىدە يىغىش، ئۇلارنى رەت چىقىش، ئانالىز قىلىش، باشقىلارغا يەتكۈزۈش، پايدىلىنىش ۋە ئارخىپلاشتۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر، چۈنكى بۇ مودېرن ئۇچۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئىنسانلارنى ئىلىم—پەنگە ئىتتىرگەن ۋە بۇ خىلدىكى ئىشلارغا يۈزلەندۈرگەن سەۋەبلەرنى بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن، ئىنسانلارنىڭ ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ تەبىئەتنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىستىكى، تەبىئەتكە بولغان ۋەھىمىسىنى يېڭىش ۋە قىزىقىشىنى تۈگىتىش ئارزۇسى، ياخشى كۆرۈلۈش، تېخىمۇ راھەت ياشاش، تېخىمۇ ئۈستۈن ۋە كۈچلۈك  بولۇش ئىستىكى قاتارلىقلار… ئۇزۇن تارىخىي مۇساپىدە ئىنسانلار بۇ ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور ئىلمىي ۋە زىھنى ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، بۇ جەرياندا ھاسىل بولغان بىلىم جۇغلانملىرى ۋە تەجرىبىلىرىدىن پايدىلاندى ۋە تارقاتتى. بۇلارنى قىلىش جەرياندا ھەر خىل ئۇسۇللاردىن، تېخنىكىلاردىن، تېرمىنلاردىن، ئۇقۇملاردىن پايدىلاندى، شۇنداقلا ھەممىدىن مۇھىم ھەر ساھە بويىچە مۇتەخەسسىسلەشتى. نەتىجىدە پەرقلىق پەنلەر شەكىللەندى. مەسىلەن، تەبىئىي پەنلەر، ئىجتىمائىي پەنلەر… جەمئىيەتنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئوبرازىنى، ئۆزگە جەمئىيەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىلىرىنى ئوخشىمىغان پەن ساھەلىرى پەرقلىق ھالدا تەرىپلەيدۇ ۋە مەلۇم دەرىجىدە قېلىپلاشتۇرىدۇ. بۇ قېلىپلاشتۇرۇش جەريانى باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ئارىلىققىچە ئىنسان ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىدا داۋاملىشىدۇ.

ئىجتىمائىي پەن غەربتە-ياۋروپا ۋە كاپىتالىزم مۇھىتىدا ئىنساننىڭ سۇبيېكتىپ كۈلتۈر ئىجادىي پائالىيىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. [36]ئىنسان ۋە جەمئىيەتكە ئالاقىدار بارلىق نەرسىلەرنى تېما قىلىدىغان ئىجتىمائىي پەنگە، ياۋروپادا كاپىستالىستىك تۈزۈم ھەر قايسى ساھەلەردە كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلارنى يوقىتىش، تۈزۈم پەيدا قىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، قايغۇ ئىچىدىكى خەلقنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى تۈگىتىش، دۆلەت ۋەجەمئىيەتنى پۈتۈنلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن ئاشقۇن كاپىتالىستىك ياۋروپا-مەركەزلىك چۈشەنچە [37]رامكىسىدىن مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ھاكىم مۇتلەق كاپىستالىستىك تۈزۈم مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى جاكارلىغان مەزگىللەردە، تەبئىي پەنلەرنىڭ كۈچلۈك نوپۇزىغا قارشى قايتۇرۇلغان ئىنكاسلار دائىرىسىدە ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىگە شاھىت بولىمىز. ئىجتىمائىي پەن يېڭى ۋە كونكرېت تارىخىي سىستېما ۋە كاپىتالىزم تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلگەن مودېرن ئەقلىيەتچىلىك (پوزىتىۋىزم) بىلىش نەزىرىيەسى ئاساسىغا قۇرۇلدى. [38]ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىن بۇيان باشلىغان ئىجتىمائىي ۋە شەخسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ئىجتىمائىي پەننىڭ ئاپىرىدە بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئىنساننىڭ مەلۇم بىر جەمئىيەتتە ياشاش ئېھتىياجى بەزى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، ئىجتىمائىي پەنگە بۇ مەسىلىلەرگە چارە تېپىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى.[39]

كۈنىمىزدە نۇرغۇن ساھەدە تەدبىق قىلىنىۋاتقان ۋە پايدىلىنىش قىممىتى بارغانچە ئېشىۋاتقان ئىجتىمائىي پەن، نانو فىزىكىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ مۇستەبىت دۆلەتلەردىكى تەشۋىقات ئۇسۇللىرى، ئۇرۇش ۋە ”پىسخىكىلىق ھەرىكەت“، كۈنىمىزدە ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا پەيدا قىلغان ئۆزگىرىشلەر جەھەتتە باشقا ساھەلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.[40]دەسلەپ غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي پەن شەكلى ھېسابلىنىدىغان ئىسلاھات ۋە ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىققان ئىجتىمائىي پەن، كېيىنكى مەزگىللەردە خىلمۇ خىللىشىپ پەرقلىق پەنلەرگە ئايرىلىپ زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى.[41]جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان شەخسلەرنىڭ زىھنى ۋە كۈلتۈر پائالىيەتلىرىگە يېقىندىن ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىجتىمائىي پەن داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئىجتىمائىي پەننى تولۇق ۋە ئېنىق ئىزاھلاش تەسرەك، بۇ چۈنكى نېمىنىڭ ”ئىجتىمائىي“ئىكەنلىكىگە، ئارقىدىن نېمىنىڭ ”ئىلمىي  ۋە پەن“ئىكەنلىكىگە قارار بېرىش، ئاخىرىدا ”ئىجتىمائىي پەن“ئۇقۇمىنى دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولغان پەن ۋە ئىلمىيلىك ئۇقۇمى رامكىسىگە ئېلىپ كىرىشكە ئوخشاش مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.[42]بۇ مەسىلىنىڭ دائىرىسى كەڭ بولغاچقا، بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمىز.

ئىنسانىيەت تارىخىغا ئوخشاشلا قەدىمىي بولغان ئىجتىمائىي پەن، ”ئىنساننى، جەمئىيەتنى بولۇپمۇ ئىنسان- ئىنسان، ئىنسان-جەمئىيەت ۋە ئىنسان-شەيئىي مۇناسىۋەتلىرىنى سىستېملىق ھالدا تەتقىق قىلىنىشىنى مەقسەت قىلىدىغان، ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلىغا مۇۋاپىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ”سىستېملىق مەلۇماتلار“نى كۆرسىتىدۇ. سوقرات بىلەن باشلىغان ”ئۆزۈڭنى تونىغىن“ چۈشەنچىسى، يۇنۇس ئەمرىدە ئىلىمنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىنساننىڭ ”ئۆزىنى بىلىشى“دېگەن ئىدىيەگە ئۆزگىرىدۇ. دەسلەپ ئۆزىنى، ئارقىدىن ياشىغان جەمئىيەت ۋە ئىنسان تەجرىبىلىرىنى تونۇش، بىلىش ۋە ھەل قىلىش ئېھتىياجى ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئىجتىمائىي پەن ”ھىكمەتنىڭ ۋارىسچىسى“دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فىرانسىيە ئىنقىلابى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىجتىمائىي، كۈلتۈر ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلەر تۈرتكىسىدە ئىجتىمائىي پەنگە پەلسەپە نۇقتىسىدىن جىددىي مۇئامىلە قىلىنىشقا باشلىنىدۇ. 1850-1945 يىللىرى ئارىلىقىدا ئىلىم-پەن ساھەسىدە بىر قاتار مۇستەقىل پەنلەر ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە بۇنىڭغا ”ئىجتىمائىي پەن“دېيىلدى. بۇ جەرياندا بەزى ئالىي مەكتەپلەردە دەسلەپ كۇرس تەرىقىسىدە، ئارقىدىن ھەر پەن ساھەسىدە دىپلوماتىيەگە قارىتىلغان دەرس پىروگراممىلىرىنى ئاساس قىلغان بۆلۈملەر ئېچىلدى.[43]

ئىنسان ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ نەزىرىيەسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئىجتىمائىي پەن، ئىنساننىڭ جەمئىيەتتىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ مەلۇم قانۇنيىتى بار بولۇشتەك پىرىنسىپ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئىنساننىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشىنىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.[44]جەمئىيەت ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىجتىمائىي پەن مودېرنىزمنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۇنىڭ غەربتە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي پائالىيەتلەر جەريانىدا، دۆلەتنىڭ جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىنى مۇتلەق توغرا مەلۇماتلارغا ئاساسەن چىقىرىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئەندىشىشى تۈرتكىسىدە پەيدا بولغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ.[45] ئىنسانلار تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان ئىشلار ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ئىجتىمائىي پەننىڭ قىزىقىش دائىرىسىدە بولىدۇ. گۇرۇپپا ھالىتىدىكى ئىنسان پائالىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىجتىمائىي پەنگە ئىبنى خازىم ۋە ئىبنى خالدۇنغا ئوخشاش مۇسۇلمان ئالىملار رەسمىي ئىلىم سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان. [46] ئىجتىمائىي پەن ئىسلام دۇنياسىدا ئىسلامىي ئىلىملەر ”فىقىھ، كالام، تەپسىر، ھەدىس)بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئىجتىمائىي پەننىڭ مۇسبەت تەرىپى بىلەن لوگىكا، ماتېماتىكا، تەبىئىي پەن ساھەسىدىمۇ ئارىستوتىل لوگىكىسىنى ئاساس قىلىدىغان ئەقلىيلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ بەرپاچىسى فارابى (870-950)، ئىسلام پىخولوگىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىبنى سىنا (980-1037)، مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرى بۈيۈك پەيلاسوپ ئىمام غەززالى (1058-1111)، ئىدرىسى (1100-1166)، مەشھۇر مۇسۇلمان جەمئىيەتشۇناس ۋە تارىخ پەلسەپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىبنى خالدۇن (1332-1406)غا ئوخشاش ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە مۇتەپەككۇرلار تەرىپىدىن نۇرغۇن ئىلمىي ئەمگەكلەر ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان.[47] 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەن ئىجتىمائىي پەننىڭ چۈشەندۈرۈش فۇنكسىيەسى بىلەن تەرتىپكە سېلىنىش فۇنكسىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىزاھلىغان كىشى،  ئەقلىيەتچىلىك (پوزىتىۋىزم) ئېقىمىنىڭ تەرغىپچىلىرىدىن مۇتەپەككۇر كارل ر.پوپپېردۇر.[48]دەرۋەقە ئىجتىمائىي پەن، پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردىن باشلاپ ئۇزۇن مەزگىلگىچە تار دائىرىدىن چىقىشنى خالىمىغان ئىجتىمائىي ئىلىملەرنىڭ ئىنسان ياكى جەمئىيەتنى بىر كۆزنەكتىنلا كۆزىتىش ئۇسۇلىنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ تار دائىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ پەنلەر ئارا تەتقىقاتلارغا يۈزلەنگەن.[49]

19-ئەسىر ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى پەنلەرنىڭ نەزىرىيەۋى رامكىلىرى ۋە تەتقىقات ئۇسۇللىرى شەكىللىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى. ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەقەلەر زىچ يۈز بېرىۋاتقان، بولۇپمۇ سانائەت ۋە فىرانسىيە ئىنقىلابلىرى تۈرتكىسىدە مودېرن دۇنيا شەكىللىنىۋاتقان دەۋر ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ غايەت زور ماھىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر يەنە نۇرغۇن مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەسىلەن، غەربىي ياۋروپادا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان سانائەت ۋە ئەركىن رىقابەتچى كاپىتالىزم (دۇنيا مۇستەملىكە ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن، رېئاللىق بىلەن مەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرى بىر-بىرىدىن ئايرىلغان، ئەخلاقىي قىممەت-ئۆلچەملىرى ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان، ئىنساننىڭ روھ ۋە ھېس-تۇيغۇ دۇنياسى بۇلغان جەريان) تۈرتكىسىدە نۇرغۇن مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. كاپىتالىزم بولۇپمۇ سانائەت جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كېلىپ چىققان مەسىلىلەر ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنىڭ قۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئىجتىمائىي پەننىڭ تەبىئىي پەنگە قارىغاندا تەرەققىيات جەھەتتىن كەينىدە ئىكەنلىكى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان بولغان رېئاللىق ئىدى. 18-ئەسىرگىچە تەبىئىي پەندە غايەت زور ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى، لېكىن ئىجتىمائىي 18-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا مۇستەقىل پەن ھالىتىدە نەزىرىيەۋى قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى بولسا، ئىجتىمائىي پەننىڭ يېڭى پەيدا بولۇشى ۋە تەتقىقات ئوبېيكتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. جەمئىيەت ئىلىملىرىنىڭ تېمىسى جەمئىيەتتىكى ئىنسانلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى بولسا، تەبىئىي پەننىڭ تېمىسى جانلىق ياكى جانسىز مەۋجۇداتلاردۇر. ئىنسان ئىرادىسى بولغان مەخلۇقتۇر. بۇ سەۋەبتىن ۋەقە-ھادىسىلەر ئالدىدا پاسسىپ ھالەتتە قالماستىن، بۇ ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئۆزگەرتەلەيدىغان قۇدرەتكە ئىگە. بۇ ئەھۋال ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدە مەۋھلۇق پەيدا قىلىپ، ئېنىقسىزلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقتا. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئىجتىمائىي پەن ماھىيەت جەھەتتە تەبىئىي پەنلەردىن پەرقلىق بولۇپ ئۆلچەپ ئېنىقلاپ چىقىش دائىرىسى تار دائىرىدە بولماقتا.[50]

كۈنىمىزدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقە-ھادىسىلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى بارلىق پەنلەردىن پايدىلىنىش كېرەك. ئىجتىمائىي پەندىن بولۇپمۇ 18-ئەسىر ۋە 19-ئەسىرلەردە مۇستەقىل ئىجتىمائىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەلسەپە تېمىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ سىستېمىلىق ھالەتكە كېلىشى بىلەن بىرلىكتە، ئومۇميۈزلۈك ھالدا پايدىلىنىشقا باشلىغانلىقىغا شاھىت بولىمىز.[51] 19-ئەسىرنىڭ باشلاپ، 20-ئەسىردە قۇرۇلمىق ھالەتكە كېلىشكە باشلىغان ۋە دىئالېكتىك (سوئال سوراش ياكى مۇھاكىمە قىلىش قابىليىتى)نۇقتىسىدىن سىستېمىلىق ھالەتكە كەلگەن ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي پەننىڭ پەيدا بولۇشىدا 19-ۋە 20-ئەسىرنىڭ پىكىر ۋە ئىدىيە مۇھىتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن بىر قاتار شەخسلەرنىڭ زور تۆھپىسى بار. مەسىلەن، فىرانسۇز جەمئىيەتشۇناس ئاگۇست كومت (1798-1857) (Auguste Comte)، گېرمانىيەلىك ئىقتىسادشۇناس كارل ماركس (1818-1882) (Karl Marx)، كلاۋۇد بېرنارد (1813-1878) (Claude Bernard)، فرېدېرىك لې پىلېي (1806-1882) (Frederic Le Play)، نېمىس جەمئىيەتشۇناس ماكس ۋېبېر (1864-1920) (Max Weber)، فىرانسۇز جەمئىيەتشۇناس ئېمىلې دۇركھېيىم (1806-1882) (Emile Durkheim) ۋە فىرانسۇز تارىخچى فېرناند بىرۋدېل (1902-1985) (Fernand Braudel )غا ئوخشاش مۇتەپەككۇر ۋە ئىلىم ئەھلىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا زور تۆھپىسى بار. ئوخشىمغان ساھەلەردە ئىجادىي ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغان بۇ شەخسلەر، ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي پېنىنىڭ پىشۋاسى ھېسابلىنىدۇ. يەنە ئىجتىمائىي پەنننىڭ سىستېمىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىدا ياۋروپادا ئىلمىي خىزمەت ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ زور تۆھپىسى بولغان. مەسىلەن، فىرانكفۇرت ئىجتىمائىي پەن ئىنستىتۇتى (فىرانكفۇرت ئېقىمى) [52] ۋە ئاننالېس مەكتىپىدۇر. [53]

ئىنسان ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىجتىمائىي پەننىڭ، ئىجتىمائىي بىلىملەر بىلەن ئۆز-ئارا كېسىشىدىغان نۇرغۇن ئورتاق تەرەپلىرى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككىسىنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى يۇقىرىدا بىز ئىزاھلاپ ئۆتكەن ئىجتىمائىي پەن ئۇقۇمى ۋە بۇ پەننىڭ تېمىسى ئىجتىمائىي بىلىملەردىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. ئىجتىمائىي بىلىملەر ئىجتىمائىي ھەقىقەتلەر (رېئاللىق) بىلەن ئىسپاتلىنىشنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەت ئورنىتىش جەريانى ۋە بۇ جەرياننىڭ ئاخىرىدا ھاسىل بولغان مەلۇماتلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي ھەقىقەت (رېئاللىق)دېگەندە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى تەرتىپكە سالىدىغان بارلىق پائالىيەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئاسانلاشتۇرۇش، خاتىرجەم قىلىش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن ۋۇجۇدقا چىقىرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان بارلىق ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ۋە مۇناسىۋەتلەر بۇ ئۇقۇمنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئىجتىمائىي بىلىملەر ئۇقۇمى تۇنجى قېتىم 1916-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ياشىغان ئىجتىمائىي، كۈلتۈر ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلگەن.[54]ئىجتمائىي پەن ۋە ئىجتىمائىي بىلىملەرنىڭ تەتقىقات دائىرىسى نۇقتىسىدىن، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ئېنىق ئايرىم يوق بولۇپ، مۇناسىۋىتى بىر-بىرىگە يېقىن. لېكىن ھەر ئىككىلى ئۇقۇم بەزى جەھەتلەردىن بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.

مەسىلەن، ئىجتىمائىي پەن بىلىمنىڭ قۇرۇلمىسى نۇقتىسىدىن كاتېگورىيەگە ئايرىلىدىغان بولسا، ئىجتىمائىي بىلىملەر پىروگرامما قۇرۇلمىسىغا مۇناسىۋەتلىك كاتېگورىيەگە ئايرىلىدۇ. بىرىچنىسى پەن كاتېگورىيەسى، ئىككىنچىسى پىروگرامما كاتېگورىيەسىنى كۆرسىتىدۇ.[55]ئىجتىمائىي بىلىملەرنىڭ ئەڭ مۇھىم مەقسىتى ياخشى پۇقرا يېتىشتۈرۈش بولسا، ئىجتىمائىي پەن ئۈستىدە ئىزدىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ ئىشى جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇچۇر ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. بىرەر تېمىنى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلسە ئىجتىمائىي بىلىملەردىن پايدىلىنىدۇ، ئىجتىمائىي پەن بولسا ئايرىم پەنلەر سۈپىتىدە ئۆگىتىلىدۇ. ئىجتىمائىي بىلىملەر پىروگراممىلىرى تېمىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ رۇشەن قىلىدىغان بولسا، ئىجتىمائىي پەن بولسا دائىرىسىگە كىرىدىغان ساھەلەرنىڭ بىرلىكى ئۈستىدە بەكرەك توختىلىدۇ. [56]ئىسمىدىنمۇ بىلىۋالغىلى بولغىنىدەك، بىرى پەن، يەنە بىر مەلۇماتتۇر. تارىخىي مۇساپىدە ئىجتىمائىي بىلىملەر ئىجتىمائىي پەنگە باغلىق ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. تۇنجى قېتىم 1960-يىللادا ئىسرائىلىيەدە دەرس سۈپىتىدە ئوقۇتۇلغان ئىجتىمائىي بىلىملەر، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، ئىجتىمائىي پەن بولسا ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋىرسېتتلاردا ئوقۇتۇلغان. ئىجتىمائىي بىلىملەر ئىجتىمائىي پەندىن ئوزۇقلىنىدۇ. ئىجتىمائىي بىلىملەر تېرمىنى ئىجتىمائىي پەننىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن شەكىللەندۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئىجتىمائىي بىلىملەر ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئاساس قىلىدۇ. ھەر ئىجتىمائىي پەنننىڭ ئۆزىگە خاس پىرىنسىپ ۋە ئۇسۇللىرى ئىجتىمائىي  بىلىملەر دائىرىسىگە كىرمەسلىكى مۇمكىن. ئىجتىمائىي پەنلەردىن پايدىلىنىلىپ شەكىللەندۈرۈلگەن مەزمۇنلاردىن تەشكىل تاپىدىغان ۋە تەلىم-تەربىيە ۋۇجۇدقا چىقارغان ئۇقۇم ھېسابلىنىدىغان ئىجتىمائىي بىلىملەر ئىلمىي، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ياخشى پۇقرا بولۇشى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت ھادىسىلىرىنى بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە چۈشىنىشى ۋە ئىجتىمائىيلىشىشى قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلۇشقا باشلىنىدۇ.  بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىي ھەرىكەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىجتىمائىي بىلىملەر، ھەر قايسى ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرى ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن پەنلەرئارا ئىلىم ھېسابلىنىدۇ. يەنى مەلۇم نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، ئىجتىمائىي بىلىملەر ھەر قايسى ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىنىڭ ئورتاق بىرلەشمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتۇشى بىلەن ئىجتىمائىي بىلىملەر ئوقۇتۇشى بىر-بىرىدىن تامامەن پەرقلىنىدۇ. ئىجتىمائىي بىلىملەر بىر  پۈتۈن ھالدا ئوقۇتۇلسا، ئىجتىمائىي پەن دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى تۈپەيلى بىر پۈتۈن ھالدا ئوقۇتۇش ياكى ئۆگىتىش قىيىنغا توختىماقتا. شۇنىسى ئېنىقكى، بولۇپمۇ 20-ئەسىردىن باشلاپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ساھەلىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ تەدبىق ساھەسى سۈپىتىدە ئىجتىمائىي بىلىملەرنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى نەزىرىيەۋى ۋە ئىلمىي تەرەققىياتلار نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە مائارىپ ساھەسى پەيدا قىلغان ئىجتىمائىي بىلىملەر ئىنسانلار ۋە ئۇلار شەكىللەندۈرگەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى چۈشىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. لېكىن ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ھاياتنى مەنە ۋە قىممەتكە ئىگە قىلىش، بىراۋنىڭ جەمئىيەتتىكى ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى تەجىرىبىلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشقا كۆرسەتكە تەسىرىنى چۈشىنىش تولىمۇ زۆرۈر. دەل ئىنسان ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىجتىمائىي بىلىملەر، بولۇپمۇ يۇقىرىدىكى زۆرۈرىيەتنى ھەل قىلالايدۇ. ئىنسانلار مائارىپ پەلسەپسى توغرۇلۇق قانداق ئوخشىمىغان قاراشلارغا ئىگە بولغان بولسا، ئوخشاشلا ئىجتىمائىي پەن مائارىپچىلىرىمۇ ئىجتىمائىي بىلىملەر ھەققىدە پەرقلىق قاراشلارغا ئىگە. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي بىلىملەر مائارىپچىلىرى ئىجتىمائىي بىلىملەرنى ئۈچ نۇقتىدىن ئانالىز قىلىدۇ. [57]قىسقىسى، ئىجتىمائىي بىلىملەر يەككە مەنىدە ئىشلىتىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىت، جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان ساھە بولغان بولسا، ئىجتىمائىي پەن ئىلمىي نۇقتىدىن جەمئىيەتنى تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ، ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلار ئىچىدىكى ئىنسان پائالىيەتلىرى ۋە چۈشەنچىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.[58]

تارىخ ئىلمىنىڭ ئىجتىمائىي پەندىكى ئورنى

تارىخنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئالاھىدە ئورنى بار بولۇپ، كۈنىمىزدە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پەن سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىپ ھەر قايسى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇلماقتا. ئۆزىگە خاس پەلسەپىسى ۋە ئالاھىدىلىكى بولغان تارىخ ئىلمىنىڭ،  ئىجتىمائىي پەن ساھەدىسىكى باشقا ئىلىملەر بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. ھەتتا تارىخ بىلەن ئۆزگە ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرى، بولۇپمۇ پىسخولوگىيە ۋە جەمئىيەشۇناسلىق ئوتتۇرىسىدا يېقىن مۇناسىۋەت بار. نۇرغۇن تارىخچى تارىخنى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىن ئايرىپ چىقىش ئۈچۈن ئۇرۇنماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تارىخ ۋەقەلەرنى يەككە ھالدا كۆزىتىپ تەتقىق قىلىدىغان بولسا، جەمىيەتشۇناسلىق ھادىسىلەرگە ئاساسەن ئومۇمىي يەكۈن چىقىرىدۇ. لېكىن تارىخمۇ ئومۇمىي يەكۈن چىقىرىدۇ،بىراق بۇ يەردىكى ئومۇمىي يەكۈن جەمئىيەتشۇناسلىقتا كۆزدە تۇتۇلغان ئومۇمىي يەكۈندىن نىسبەتەن پەرقلىنىدۇ. شۇنداقلا، تارىخ ئىچىدىمۇ پەرقلىق ئومۇمىي يەكۈن چىقىرىش ئۇسۇلى مەۋجۇت. مەسىلەن، ئۇقۇملاشتۇرۇش جەھەتتە ئومۇمىي يەكۈن چىقىرىش بولغىنىغا ئوخشاش، مۇھاكىمە قىلىش جەريانىدىمۇ ئومۇمىي يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇ. تارىخ ئىلمىي جەمئىيەتشۇناسلىقتىن مەقسەت ۋە پىرىنسىپ جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، جەمئىيەتشۇناسلىق ئۇقۇملارنى ئىزاھلاش ئۈچۈن رېئاللىقتىكى ھەقىقەتلەرنى ئاساس قىلىدىغان مەلۇملاتنى يىغىدىغان بولسا، تارىخ ئىلمىي مەلۇماتلارنى يەنى ھەقىقەتلەرنى ئىزاھلاش ئۈچۈن نەزىرىيەلەردىن پايدىلىنىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، تارىخ ئىلمىدىكى  نەزىرىيەلەر ئوبيېكتىپ ھەقىقىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلسا، جەمئىيەتشۇناسلىق نەزىرىيە ئوتتۇرىغا قويۇشنى چىقىش قىلغان ھالدا ئوبيېكتىپ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ.

تارىخ تەتقىقاتچىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئۆتمۈش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقىرىش ياكى بېرىش ئەمەس بەلكى ئۆتمۈشنى چۈشىنىشتۇر. ”بۇ ھادىسىلەرنى قانداق قىلسام ئىلمىي يوسۇندا چۈشىنىپ ئىزاھلىيالمايمەن ۋە جەمئىيەتكە تەقدىم قىلالايمەن“دېگەن مەسىلە بولۇشى كېرەك. شۇڭا رەسمىي پەن ھېسابلىنىدىغان تارىخ، قانداقتۇر ئاساسسىز، پاكىتسىز ۋە ئىلمىيلىكتىن خالىي ئانالىزلارنى ئېلىپ بارىدىغان ئىلىم ئەمەس، شۇنداقلا سۈنئىي تالاش-تارتىشلارنىڭ ساھەسىمۇ ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا تارىخ، باشقىلار ئويلىغاندىمۇ بەكرەك كەڭ دائىرلىك ۋە مۇرەككەپ پەندۇر. تارىخ بىر پۈتۈن پەندۇر.[59]ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ھەر ئىككى خىل تەتقىقاتلارغا ئېھتىياج بار. ئىجىمائىي پەن ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ھادىسىسىنى چۈشىنىشتە ”تارىخ ئوقۇتۇشىنىڭ ”زور رولى بار.[60]بۇرۇنلاردا تارىخ ئوقۇتقۇچىلىرى مۇنداق ئىككى خاتالىقنى سادىر قىلىپلا تۇراتتى. بىرىنچىسى، تارىخ ئوقۇتقۇچىسى تارىخنىڭ باشقا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىگە قارىغاندا دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭلىكىنى، مۇرەككەپلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئومۇمىي يەكۈن چىقىرىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش كېرەكلىكىنى بىلمەيتتى. يەنە بىرسى بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي پەندىكى ئاساسلىق ئۇقۇملار ۋە نەزىرىيەرلەرنى بىلىدىغانلىقىنى ئويلىۋېلىشى ئىدى.ئەپسۇس، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇلاردىن خەۋىرى يوق ئىدى. شۇڭلاشقا ئوقۇغۇچىلار ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئاساسلىق ئۇقۇم ۋە نەزىرىيەلەرنى چوقۇم ئۆگىتىش كېرەك. چۈنكى ئۇقۇملار بىتەرەپ بولۇشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقتىن، پەن ۋە تەپەككۇر سىستېمىسىنى چۈشەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، ھازىرقى زامان مائارىپ نەزىرىيەچىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىدىغان برۇنېر Bruner))،  بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تارىخ ئۆگىنەلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاساسلىق تارىخ ئۇقۇملىرىنى ئىگىللەپ، بىر تارىخچىغا ئوخشاش تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.[61]شۇڭلاشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخ ئۆگىنەلىشى ئۈچۈن، ئەڭ ئاساسلىق ئۇقۇملارنى سىستېملىق ھالدا ئۆگىنىپ چىقىشى كېرەك.

تارىخ بىلەن ئىجتىمائىي پەن ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتكە ئاساسەن،  بۇ ساھەدىكى پەنلەرنىڭ بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە ئوقۇتۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىمىز. تارىخچى تېمىنىڭ ئۆتمۈشىنى شۇ پېتى بايان قىلىشنىڭ ئورنىغا، بىر ئىجتىمائىي پەنچى ۋە تارىخچىغا ئوخشاش ئۆتمۈشنى مۇھاكىمە قىلىپ ۋە قۇرۇلمىسىنى ئايرىغان ئاساستا قايتىدىن بەرپا قىلىپ چىقىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلارغا چاغداش ۋە چوڭقۇر تارىخ ئېڭى سىڭدۈرگىلى بولىدۇ. داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، خىلمۇ خىل مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدىغان ئىنسان ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ھاياتىدا تارىخنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي پەننىڭ رولى تولىمۇ زور بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجلىرى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەتنى ساقلاپ قېلىشتا ئىنسانلارنى لازىملىق بىلىم، قابىلىيەت ۋە مەۋقەگە ئىگە قىلىش نۇقتىسىدىن ئىجىمائىي پەن مۇھىم رول ئوينايدۇ. كۈنىمىزدە ئىجتىمائىي پەن بۇ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن پەنلەرئارا ۋە كۆپ قىرلىق ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرگە مەلۇم دەرىجىدە بىلىمگە ئىگە قىلىش يوللىرى ۋە بەزى قابىلىيەتلەرنى ئۆگىتىش بىلەن بۇلارنى جەمئىيەتلەر ئارا ئالاقە تورى ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.[62] ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش- تەرەققىياتنىڭ پېنى دەپمۇ قارىلىدىغان ئىجتىمائىي پەن، تارىخ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئىچىدە بولىدۇ.

ئىجتىمائىي دىنامىزمنىڭ (پائاللىق) ئەڭ غول ئامىللىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىجتىمائىي پەن دىن، مىللەت، جۇغراپىيە، دىن، تارىخ، قانۇن، سەنئەتكە ئوخشاش جەمئىيەت ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ساھەلەرنى چوقۇم تەپسىلىي كۆزىتىشى كېرەك. چۈنكى ئىجتىمائىي پەننىڭ مەقسىتى ئىلىم—پەن ۋە تېخنولوگىيەنىڭ ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر ھادىسىلىرىگە تەسىرى كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان ئېھتىياجلار ۋە مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ ئۇلارغا چارە تېپىش، شەخس ۋە جەمئىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت. ئىجتىمائىي پەن جەمئىيەتتىن جەمئىيەتكە، كۈلتۈردىن كۈلتۈرگە پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مىللىيلىك خۇسۇسىيىتى بار. ئىجتىمائىي پەننىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە ئۇسۇللىرى سىرتتىن قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئىجتىمائىي پەن تەبىئىي پەنگە ئوخشاش ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە مۇتلەق نەتىجە، قىممەت ۋە كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيەگە ئوخشاش تەبىئىي پەنلەر، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىلمىي نەتىجىلىرى، قائىدە-پىرىنسىپلىرى ۋە يەكۈنلىرى بىر ۋە ئوخشاشتۇر. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ماتېماتىكا ساھەسىدە ئىككى كەرە ئىككى دۆت بولىدۇ، بۇ ھەممە يەردە ئوخشاش. فىزىكا ساھەسىدە ”يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى قانۇنىيىتى“ھەممە يەردە ئوخشاشتۇر. يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۆزگەرمەيدۇ. بىيولوگىيەدە ”جانلىقلار ھۈجەيرىدىن تەشكىل تاپىدۇ“دېگەن قائىدە ياكى فوتوسىنتېز ھادىسىسى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئوخشاش ۋە ھېچقاچان ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. يەنە خېمىيە ساھەسىدە ”مۇقىم ھەجىملەر قائىدىسى“ھەممە يەردە ئاقىدىغان ئىلمىىي پىرىنسىپتۇر. بۇ خىلدىكى قانۇنىيەتلەر ئۆزگەرمەس ھەقىقەتلەر بولۇپ مۇتلەقتۇر. چۈنكى پەندىكى بۇ قانۇنىيەتلەر ھەقىقەتنى تامامەن تەجرىبە ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلانغاندۇر. بۇنداق مىساللارنى تېخىمۇ كۆپ بېرەلەيمىز.

لېكىن ئىنساننى مەركەز قىلىدىغان ئىجتىمائىي پەندە ئەھۋال بۇنداق ئەمەس. دەرۋەقە، ھەر ئىنساننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياسى بار، ھەر جەمئىيەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم مۇستەقىل تىلى، كۈلتۈرى،مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، دىنى، سەنئىتى ۋە قانۇنى بار. ھەر ئىنسان ياكى جەمئىيەت ياشايدىغان ئىجتىمائىي، كۈلتۈر ۋە جۇغراپىيەلىك ماكان بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن، ئىجتىمائىي پەنمۇ كۈلتۈردىن كۈلتۈرگە، جەمئىيەتتىن جەمئىيەتكە ئوخشىمايدۇ. ئىجتىمائىي پەن مەلۇم دەرىجىدە مىللىيلىككە ۋە خاسلىققا ئىگە بولىدۇ. بۇ يەردە مىللىيلىك دېگەندە، مىللەتلەرنىڭ كۈلتۈر، مەدەنىيەت دائىرىسىدە ئاڭلىق ۋە سىستېملىق تەئەللۇق تۇيغۇسى ئىچىدە مىللىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئېرىشىش جەريانى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، خاسلىقى، مىللىيلىقى بولغان ھەر قانداق نەرسە ۋە سېمۋوللار دۇنياۋى نەرسە بولالمايدۇ. ئورتاق ياشاش ئىرادىسى، مىللەت بولۇش ئېڭى، ئورتاق تارىخ ۋە تەقدىر ئوخشاشلىقى، ئورتاق قىممەت قاراش ۋە ۋەتەن ئېڭى قاتارلىقلار كۈنىمىزدە جەمئىيەت ۋە مىللەتلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى بايلىقلاردۇر. چۈنكى ئۆزگىچە ئىش-ھەرىكەت، قائىدە-پىرىنسىپ ۋە ئەھۋاللارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرى ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ قېلىپلىق بولۇشىنى پىرىنىسپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىمىزنى باشقا ئىنسانلارغا تونۇشتۇرغاندا، ئۆزگىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە باھا بەرگەندە، ئۆزىمىزنى ئۆزگىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ۋە باشقىلارنى قايىل قىلىشتا بىزگە يول كۆرستىدۇ.[63]ئىجتىمائىي پەننىڭ ئەڭ مۇھىم ساھەلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان، شۇنداقلا ئىنسان پائالىيىتى ۋە ئىنسان چۈشەنچىسىنى تېما قىلىدىغان تارىخ، ئىجتىمائىي پەن ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك، ئىجتىمائىي پەننىڭ مىللىيلىكىنى، خاسلىقىنى ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىكلىرىنى يورىتىپ بېرىشتە تارىخ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

تارىخ ئىلمىنىڭ ئىجتىمائى پەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئىجتىمائىي پەن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پەن ساھەسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئومۇمىيلىققا ئىگە ئىجتىمائىي پەن نەزىرىيەسى ۋە مېتودى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. بۇ سەۋەبتىن، 20-ئەسىردە بەكرەك كونكرېت ساھەلەرگە يۈزلەندۈرۈلگەن ئىجتىمائىي پەننى تەشكىل قىلىدىغان ھەر پەن ساھەسى، ئۆزىنىڭ سىستېمىلىق ئالاھىدىلىكى دائىرىسىدە ئۆزىنىڭ نەزىرىيەسى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلىنى بەرپا قىلدى.[64]بۇ جەريان بولۇپمۇ 20-ئەسىردىن باشلاپ مەلۇم دەرىجىدە تېزلەشتى. مەسىلەن، تارىخ ئىلمىنىڭ دەسلەپكى، ئوتتۇرا، يېڭى ۋە يېقىنقى زامان دەۋرلىرىگە ئايرىلىشى، جۇغراپىيەنىڭ ئىنسانىي ۋە فىزىكىلىق ساھەلەرگە ئايرىلىپ تەتقىق قىلىنىشى، جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ سانائەت، يېزا، شەھەر، ئىقتىساد جەمئىيەتشۇناسلىقى قاتارلىق ساھەلەرگە ئايرىلىشى، قانۇن جەمئىيەتشۇناسلىقى ۋە قانۇن پەلسەپەسى، پىسخولوگىيەلىك كلىنىكىلىق ، سانائەت، مائارىپ، ئىجتىمائىي، تەجرىبە، تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەرگە ئايرىلىشى قاتارلىقلار. مەلۇمكى، ئىجتىمائىي پەننىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسىتى جەمئىيەتتە ئىنسانىي چۈشەنچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ياخشى ۋە كۆڭۈلدىكىدەك ئىنسان يارىتىشقا تۆھپە قوشۇش، ئىنسانلارنى بىئارام قىلىدىغان مەسىلىلەرگە چارە تېپىشتىن ئىبارەت. چۈنكى ئىجتىمائىي پەننىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارايدىغان بولساق، بۇنى ئاسانلا پەرق ئېتەلمەيمىز. [65] بۇنىڭدىن باشقا، ئىجتىمائىي پەن تارىخىغا بىۋاستە ئالاقىدار مودېرن دۇنيانىڭ تەبىئىتى ۋە يۆنىلىشىگە دائىر ئۈمىدۋارلىق خاھىشى، سانائەت دۇنياسىنىڭ ”ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇق“قۇرۇلمىسىدا پەيدا بولغان ماھىيەتلىك خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە سۇسلىشىپ كەتتى. ئىجتىمائىي پەن مەركەزلىك تارىخچىلار، مودېرن دۇنيانى ”رانكې ئېقىمى“غا قارىغاندا بەكرەك دىنامىك ھالەتتە چۈشىنەتتى، شۇنداقلا سىجىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلمىي راتسىئونال ئۇسۇل بىلەن تەرتىپكە سېلىنىشى قاتارلىقلارنى مودېرنلىقنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مۇسبەت ئامىللار سۈپىتىدە قارايتتى.[66]

ئاننالېس ئېقىمى تارىخچىلىرى تارىختىن باشقا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى باشقا پەنلەردىن ھەم مېتود سۈپىتىدە ھەمدە قۇرۇلما سۈپىتىدە پايدىلانغانىدى.[67]بۇ تارىخ ئېقىمى 1930-يىللاردىن باشلاپ ۋەقە-ھادىسىلەرنى زەنجىرسىمان بايان قىلىشنى ئاساس قىلىدىغان تارىخ چۈشەنچىسىدىن، كونكرېت دەۋرلەر ئىچىدە تەتقىق قىلىنىدىغان شارائىتلارنى ئاساس قىلىدىغان تارىخ چۈشەنچىسىگە ئۆزگەردى. بىر پۈتۈنلۈكنى ئاساس قىلىدىغان تارىخ چۈشەنچىسى بولغان ياكى يېڭى تارىخچىلىق نامى بېرىلگەن ئاننالېس ئېقىمىغا ئاساسەن، ئۆزگىرىشكە تەسىر كۆرسەتكەن بارلىق ئامىللار نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك. تارىخچى ئۆز كەسپىدىن سىرت ئىقتىسادچى، جەمئىيەتشۇناس، ئىنسانشۇناس، پىسخولوگ، تىلشۇناس بولۇشقا يۈزلەنگەن ۋە بولالىغان. [68]بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى بايان قىلغان لىئون ئې تارىخنىڭ تارىخ تەنقىدىي ۋە قوشۇمچە پەنلەر تۈرتكىسىدە پەن سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى دەيدۇ. [69]ئىجتىمائىي پەن ئىلمىي نۇقتىدىن جەمئىيەتنى تەتقىق قىلىدۇ،ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى بولسا تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرسىدۇر، ئىنسان چۈشەنچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى چۈشىنىش، بەلكىم تەخمىن قىلىشنى نىشان قىلىدىغان ئىنسان پائالىيىتىدۇر. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي پەن ئوخشاش ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئوخشاش تەتقىقات ئۇسۇللىرى بىلەن تەتقىق قىلىدۇ، تەتقىقات ئوبېيكتى بولغان ھادىسىلەرگە ئۇقۇملارنى ئىزاھلاپ ئومۇمىي يەكۈن چىقىرىشقا تىرىشىدۇ.[70] بۇ ئالاھىدىلىكلەرگە تارىخ ئىلمىمۇ ئىگە بولغانلىقتىن، تارىخ بىلەن ئىجتىمائىي پەن يېقىن مۇناسىۋەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. قىسقىسى، تارىخ ئىلمىي ئىجتىمائىي پەننىڭ ئەڭ مۇھىم ساھەلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. بولۇپمۇ تارىخ ئىلمىنىڭ ئوقۇتۇلۇشى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ يېڭى دۆلەت ۋە جەمئىيەت بەرپا قىلىشىدا ئەڭ غول ئىلمىي كۈچ ياكى نوپۇز[71]ھېسابلىنىدىغان ۋە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغان تارىخ ئىلمىي ھەر قايسى جەمئىيەتلەردە ئوخشىمايدۇ. تارىخ ئىلمىي ئوقۇتۇلغاندا چوقۇم باشقا ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدىكى بارلىق ئۇسۇل ۋە نەزىرىيەلەر بىرلىكتە ئۆگىتىلىشى لازىم. چۈنكى تارىخ ئىلمىنىڭ تېگىگە يېتىش ئۈچۈن بۇلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىش شەرت (تارىخىي نۇقتىئىنەزەر ئۆتمۈش توغرۇلۇق مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىغان،ھازىرقى ئەھۋاللارنى ئانالىز قىلىدىغان، ئۆزىنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرىدىغان). [72]تارىخ ئىلمىي ئىنساننىڭ ئۆزى ۋە ھاياتى توغرۇلۇق ئويلىنىپ تونۇشۇپ چىقىشىغا، مەۋجۇتلۇقىنىڭ نېمە ئىشقا يارايدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە، ئۆز يىلىتىزىنى ئىزدىشىگە، كەلگۈسىدە نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنىڭ پىلانىنى تۈزۈشكە مەلۇم دەرىجىدە تۈرتكە بولىدۇ.

تارىخ ئىلمىي دەسلەپ ئىجتىمائىي پەن (پەلسەپە، جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، ئەدەبىيات، سىياسەت ئىلمىي، قانۇن، ئىقتىساد، ئانترولوپوگىيە، تىلشۇناسلىق،سەنئەت تارىخى، جۇغراپىيە، كونا يېزىق ئىلمىي، دىپلوماتىيە،ئابىدىلەر ئىلمىي-ئېپگوراپىيە، كونا پۇللار ئىلمىي-مۇمىزماتىك، ئوردىنلار ئىلمىي-ھېرالدىك، تامغا ئىلمىي-سىكىلوگراپىيە، نەسەبشۇناسلىق، كالىندارچىلىق ئىلمىي، يەر ناملىرى ئىلمىي-توپونومىيە، ئىنسان ئىسىملىرى ئىلمىي-ئانتروپونومىيە قاتارلىق)بولۇپ نۇرغۇن ساھە بىلەن (ئېكولوگىيە، خىمىيە ئىستاتىستىكا)يېقىن ئالاقە ئىچىدە بولىدۇ.

مەسىلەن، ئۆتمۈشتە مەيدانغا كەلگەن بىر ھادىسىنىڭ ۋاقتىنى تەتقىقاتچى ياشىغان ۋاقىتقا بولغان ئارىلىقىنى ئۆلچەيدىغان، ھادىسىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىش تەرتىپىنى ۋاقىتقا ئاساسەن كاتېگورىيەگە ئايرىپ چىقىدىغان پەنگە يىلنامەشۇناسلىق دېيىلىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ھادىسىلەرنىڭ قاچان مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلىش نۇقتىسىدىن يىلنامەشۇناسلىق  تارىخ ئىلمىغا نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئىلىم ھېسابلىنىدۇ. تارىخ ئىلمىييېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان يەنە بىر پەن بولسا ئارخېئولوگىيەدۇر. تارىخچىلار بولۇپمۇ يازما مەنبەلەر[73]بولمىغان قەدىمكى دەۋرلەردە، كونا دەۋر كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتلىرىنى قېزىپ چىقىرىپ چۈشىنىش ئۈچۈن ئارخېئولوگىيەدىن پايدىلىنىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ كۈلتۈر تەرەققىياتىنى تېما قىلىدىغان ئارخېئولوگىيە، ئىنسان تەرىپىدىن ياسالغان ھەر قانداق ئەشيا ۋە ماتېرىيالنى تەتقىق قىلىدىغان، ئۇلارنى ياسىغان كىشىلەرنى تونۇش ۋە تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان پەندۇر.[74]

تارىخ بىلەن سىياسەت ئىلمىي ئوتتۇرىسىدىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت بار. سىياسەت كەلىمىسى غەرب تىللىرىدا ”پولىتىكا“دەپ ئاتىلىدۇ. دۆلەت، ھاكىمىيەت، باشقۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرۇلۇق توغرا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدىغان سىياسەت ئىلمىي،  دۆلەت باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭ پائالىيەت ئۇسۇللىرىنى بېكىتىش ياكى ھۆكۈمرانلىق قىلىش سەنئىتى ياكى ئىلمىنى كۆرسىتىدۇ. سىياسەت ئىلمىي سىياسىي جەمئىيەتلەرنىڭ قۇرۇلما ۋە دىنامىزملىرىنى سىستېمىلىق  ۋە  چۈشىنىشلىك تەرىقىدە ئىزاھلاش ئۈچۈن ھاكىمىيەت ۋە ئىتائەت مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە بۇلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان، رېئال ھەقىقەتنىڭ سىستېمىلىق نەزىرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى مەقسەت قىلىدىغان پەندۇر. ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە سىياسەتلىرىنى سۈرەتلەپ تەھلىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان سىياسەت ئىلمىي، سىياسەتنىڭ ئاشخانىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان تارىخ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. سىياسەت ئىلمىي بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بۇ مۇناسىۋەتنى ”تارىخ كەچمىش سىياسەتتۇر، سىياسەت بولسا بۈگۈنكى تارىختۇر.“دېگەن تەرىقىدە ئىپادىلەيدۇ.[75]

شۇڭلاشقا، سىياسەت ئىلمىي بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۆتمۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار تەتقىقات ئوبېيكتى بولغان مەسىلىلەرنى تولۇق يورىتىپ بېرىش ئۈچۈن تارىخ ئىلمىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەسىلەن، ئوسمانلى دۆلىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئاساسىي قانۇن ۋە دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرىنى ياكى ئوسمانلى دۆلىتى زامانىدا يۈز بەرگەن ”مەشرۇتىيەت ھەرىكەتلىرى“نى ئىزاھلاش ئۈچۈن 19-ئەسىردىكى ئوسمانلى سىياسىي ۋە مەمۇرىي تارىخىنى بىلىش كېرەك. تارىخ ئىلىمىنىڭ باشقا ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە پەلسەپە ئىلمىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. پەلسەپە توغرا ۋە ئاڭلىق ھالدا تەپەككۇر قىلىشنى، ئىشارەتلەر ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۆگىتىدىغان، دۇنيا قاراشلىرىنى چۈشىنىشكە شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان ئىلىم ساھەسىدۇر. تارىخىي نۇقتىئىنەزەر ۋە مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار ساھەگە تارىخ پەلسەپىسىدۇر. ۋەقە-ھادىسىلەرنى توغرا تەھلىل قىلىش ئۈچۈن ۋەقە-ھادىسىلەر يۈز بەرگەن دەۋرنى پىششىق بىلىش كېرەك.[76]

تېمىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا مىساللارنى بېرىشكىمۇ بولىدۇ. تارىخ بىلەن جەمئىيەتشۇناسلىق بىر-بىرىگە تولىمۇ يېقىن پەنلەردۇر. ئىنسانلار كوللېكتىپ ھالەتتە ياشايدۇ ۋە جەمئىيەت نۇرغۇن گۇرۇپپىدىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، تارىخ ئىلمىي جەمئىيەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە مەجبۇر. جەمئىيەتشۇناسلىق ئىجتىمائىي مۇھىتتا شەخس ۋە كوللېكتىپ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەتتا ئۇلارنى بەلگىلەيدىغان گۇرۇپپا (كوللېكتىپ،جامائەت) مۇناسىۋەتلىرىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ. [77] مەلۇم بىر گۇرۇپپا ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان جەمئىيەتشۇناسلار، بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنى، تارىخى يىلىتىزىنى، ناۋادا گۇرۇپپا تارقىلىپ كەتكەن بولسا سەۋەبىنى يورىتىپ بېرىشكە تىرىشىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلەرنى تېپىپ چىقىدۇ، تارىخ بولسا ئۆتمۈشتىكى ۋەقە-ھادىسىلەرنى جەمئىيەتشۇناسلىق تۈرتكىسىدە تېپىپ چىقىلغان ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلەرنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا تەتقىق قىلىدۇ.[78] جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئىجتىمائىيلىشىش، رول، نىزام، قائىدە-پىرىنسىپ، ئىجتىمائىي ئورۇن ۋە نوپۇز قاتارلىق ئۇقۇملار بار. جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ئۇقۇملىرى ھېسابلىنىدىغان (جەمئىيەت، نوپۇس، ئازسانلىقلار، تەشكىلات، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش، ئىجتىمائىي مۇئەسسىسەلەر، قىممەت ئۆلچەملىرى، ئىجتىمائىي ئورۇن)تارىخ ئىلمىنىڭ تىلىدۇر. تارىخ بولسا جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ تەجرىبخانىسىدۇر. بۇ نۇقتىدىن جەمئىيەتشۇناسلىقمۇ چوقۇم تارىخ ئىلمىدىن پايدىلىنىشقا مەجبۇر.[79]

تارىخ ئىلمىدە داۋاملىق سادىر قىلىنىۋاتقان خاتالىقلاردىن بىرسى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ۋە دەۋرلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن، جەمئىيەت ۋە ئەۋلادلارنىڭ ئەھۋالىنىڭمۇ ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنىشىدۇر. بۇ ئەھۋال ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىلدە ئۆزگىرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلا ئۇنى پەرق ئېتەلەيدۇ. لېكىن يەنىلا كۆپ قىسىم ئىنسان ئۇنى پەرق ئېتىپ بولالمايدۇ، شۇڭا بۇنى يوشۇرۇن كېسەللىك دېسەكمۇ بولىدۇ. دۇنيا، جەمئىيەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى داۋاملىق بىر خىل يوسۇندا ئۆزگەرمەي تۇرىدىغان ئىش بولمايدۇ. ئەكسىچە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇلارمۇ ئۆزگىرەيدۇ ۋە بىر خىللىقتىن يەنە بىر خىللىققا ئالمىشىدۇ. خۇددى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىنسان ۋە شەھەرلەرنىڭ ئۆزگەرگىنىگە ئوخشاش.[80]بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا مىساللارنى بېرىشكىمۇ بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق خاتالىقنى ئۆتكۈزۈپ قالماسلىق ئۈچۈن تارىخ ئىلمىيچوقۇم جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى بىلەن ماسلىشىشى كېرەك.

تارىخ بىلەن جەمئىيەتشۇناسلىق بىر-بىرىگە تولىمۇ يېقىن ساھەلەردۇر. ئىنسانلار گۇرۇپپا ۋە جامائەت ھالىتىدە ياشايدۇ ۋە جەمئىيەت نۇرغۇن گۇرۇپپا ۋە جامائەتتىن تەشكىل تاپىدۇ. شۇڭلاشقا تارىخ جەمئىيەت بىلەن يېقىندىن ئالاقىدار بولىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق بىزگە ئىجتىمائىي مۇھىتتا شەخس ۋە گۇرۇپپا ئىش-ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ھەتتا ئۇلارنى بەلگىلەيدىغان گۇرۇپپا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ.[81]مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپلۇق-گۇرۇپپا-جامائەت ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان جەمئىيەشۇناسلار، ئۇ ئىجتىمائىي گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنى، تارىخى يىلتىزىنى، ئەگەر ئۇ گۇرۇپپا تارقىلىپ كەتكەن بولسا سەۋەبىنى تەتقىق قىلىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلەرنى تېپىپ چىقىدۇ. تارىخ بولسا ئۆتمۈشتىكى ۋەقە-ھادىسىلەرنى جەمئىيەتشۇناسلىق تېپىپ چىققان ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلەرنى نەزەردە تۇتۇپ تەتقىق قىلىدۇ.[82]جەمئىيەتشۇناسلىقتا رول، نىزام، ئىجتىمائىي ئورۇن ۋە نوپۇزغا ئوخشاش ئۇقۇملار بار. جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى ئۇقۇملار (جەمئىيەت، نوپۇس، ئاز سانلىق جامائەت ياكى گۇرۇپپىلار، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش، ئىجتىمائىي مۇئەسسسىلەر، مەنىۋى بايلىقلار، ئىجتىمائىي نوپۇز ۋە ئورۇن)تارىخ ئىلمىنىڭمۇ تىلى ھېسابلىنىدۇ. تارىخ بولسا جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ تەجرىبىخانىسىدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جەمئىيەتشۇناسلىقمۇ چوقۇم تارىخ ئىلمىدىن پايدىلىنىشى كېرەك.[83]

بۇ ئەھۋل بىر قاتار مۇناسىۋەت قېلىپلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدۇ. مەلۇمكى، تارىخىي ھادىسىلەر چوقۇم مەلۇم بىر ۋاقىت ۋە ماكاندا يۈز بەرگەن بولىدۇ. تارىخ ئىلمىيبۇ ۋاقىت ۋە ماكاننى يورىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ ئولتۇراق يېرى ۋە فىزىكىلىق ئەھۋالىنى تېما قىلىدىغان جۇغراپىيە ئىلمى بىلەنمۇ مۇناسىۋەت ئىچىدە بولىدۇ. قەدىمكى گىرىكچىدە يەر نامىنى بىلدۈرىدىغان ”گىئو“ (geo)كەلىمىسى بىلەن ”تەسۋىرلەش، يېزىش“مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ”گراپھېيىن“ (graphein)كەلىمىلىرىنىڭ بىرلىشىشىدىن تۈزۈلگەن جۇغراپىيە ئىلمىنىڭ بەزى ئالاھىدىكلىرى (كۈلتۈر-مۇھىت ئىنسان ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەر جۇغراپىيەلىك رايوننىڭ پەرقلىق ئالاھىدىلىكلىرى بار، ئىنسان پائالىيەتلىرى ۋە تەبىئەت كۈچلىرى زېمىننىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولىدۇ)نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، تارىخ ئىلمىيبىلەن يېقىندىن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس. بۇ ئەھۋال ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تارىخىي جۇغراپىيە دېگەن بىر پەن تارمىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان. تارىخىي ھادىسىلەر يۈز بەرگەن ماكاننى توغرا تەھلىل قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش تارىخ  ئىلمىي نۇقتىسىدىن تولىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. جۇغراپىيەلىك شەرت-شارائىتلار تارىخقا تەسىر كۆرسىتىپ تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىدۇ.[84]بۇ پەن تارمىقى ئولتۇراق رايونلارنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتى بىلەن نوپۇس، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ تېمىلار ئوخشاشلا تارىخنىڭمۇ تەتقىقات دائىرىسىگە كىرىدۇ. فىزىكىلىق جۇغراپىيە ئىلمىدىن سىرت تارىخىي جۇغراپىيە ئىلمىمۇ تارىخ نۇقتىسىدىن پەۋقۇلئاددە مۇھىمدۇر. جۇغراپىيەلىك ئامىللارنىڭ تارىخ ئىلمىگە بولغان تەسىرلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم ساھەسىگە ”تارىخىي جۇغراپىيە“دېيىلىدۇ.[85]ھەر مەدەنىيەت مەلۇم بىر ماكان ئۈستىدە بەرپا بولىدۇ. ماكاننىڭ تەبىئىي شارائىتلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىپ تەرەققىي قىلىشىدا، ئوخشاشلا شۇ مەدەنىيەتنىڭ  ۋەيران بولۇشىدا  جۇغراپىيەلىك ئامىللار رول ئوينايدۇ.

تارىخىي ھادىسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ئامىللارنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ئىلمىي يەكۈن ۋە نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. نۇرغۇن تارىخىي ھادىسىنىڭ تېگىدە ئىقتىسادىي ئامىللار بولسىمۇ، بارلىق ھادىسىلەر مۇشۇ نۇقتىدىنلا مۇھاكىمە قىلىنسا باشقا ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بولىمىز. ئىقتىسادتا تاۋار ۋە مۇلازىمەت، ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال، ئىش تەقسىماتىغا ئوخشاش ئۇقۇملار تارىخچىلار تەرىپىدىنمۇ ئىشلىتىلمەكتە. بۇ نۇقتىدىن ئۆزىگە خاس مېتود بىلەن يېڭى بىلىم ۋە چۈشەنچىلەر ئوتتۇرىغا قويىدىغان تارىخ ئىلمىگە ئەسقاتىدىغان پەنلەردىن بىرسى ئىقتىساد ئىلمىدۇر.[86]ئىنسانلار ۋە دۆلەتلەر ئارزۇ-ئىستەك ۋە ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ماددىي ۋە ئىنسانىي بايلىقلارغا مۇھتاج بولىدۇ. بۇ ئارزۇ-ئىستەك ۋە ئېھتىياجلار، ئەسلىدىكى مەۋجۇت بايلىق ۋە مەنبەلەردىن كۆپ بولسا،  ئاچارچىلىق ياكى قەھەتچىلىك پەيدا بولىدۇ. ئاچارچىلىق-قەھەتچىلىكمۇ تەبىئىي ھالدا بايلىقلارنى تەقسىم قىلىش ۋە ئورتاقلىشىش جەھەتتە ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى، ھەتتا توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سودا، ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال، تارقىتىش قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىقتىساد ئىلمىنىڭ نۇرغۇن پائالىيەت ۋە ئۇقۇمىنىڭ تارىخنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى سەۋەبىدىن، تارىخ بىلەن ئىقتىساد داۋاملىق مۇناسىۋەت ئىچىدە بولىدۇ.

سىياسىي ھاكىمىيەتلەر ئۆزىگە ئەگىشىدىغان ياكى ئۆزىنى قوللايدىغانلارغا ئورتاق تەئەللۇق ئېڭى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مىللىي كىملىك، مىللىي مەپكۇرە[87] ۋە مىللىي كۈلتۈرلەرنى داۋاملىق تەكىتلەيدۇ. دەرۋەقە، مىللىي كىملىك ۋە كۈلتۈرنى قوغدىيالمىغان بىر مىللەت ياكى دۆلەت ئۆتمۈشتە بولغىنىغا ئوخشاش، كۈنىمىزدىمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى ياكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋملاشتۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ نۇقىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارىخ ئىلمىيئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە زور رول ئوينايدۇ. تارىخ ئىلمىيبۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك ۋە مۇھىم تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم خەلق ئىلمىي ياكى كەڭ ئومۇملاشقان تەبىرى بويىچە ئېيتساق، فولكلور ئىلمىي بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا مەجبۇر. بۇ مەملىكەت ياكى رايون خەلقىگە مۇناسىۋەتلىك ماددىي ۋە مەنىۋى ساھەدىكى كۈلتۈر ئەسەرلىرىنى تەتقىقات تېمىسى قىلىدىغان، بۇلارنى ئۆزىگە خاس تەتقىقات ئۇسۇلى بىلەن يىغىدىغان، كاتېگورىيەگە ئايرىيدىغان، ئانالىز قىلىدىغان فولكور ئىلمىي بىر مەملىكەتنىڭ، بىر رايون خەلقىنىڭ، جەمئىيەتتىكى شەخسلەرنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قېلىپىلىرىنى،تۇرمۇش شەكىللىرىنى، ۋەقە-ھادىسىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى، ئەتراپىنى ۋە دۇنيانى چۈشىنىش شەكلىنى  ئىلمىي يوسۇندا ئىزاھلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.[88]بولۇپمۇ تارىخ ئىلىمىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان كۈلتۈر ئۇقۇمى توغرۇلۇق ئەڭ مۇۋاپىق ۋە مەنتىلىق ئىلمىي يەكۈنلەرنى (مەسىلەن، گۇرۇپپا ھالىتىدە ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ كۈلتۈرنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى، كۈلتۈرنىڭ ئىجتىمائىي يول ئارقىلىق تارقىتىلىدىغانلىقى، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق پەرقلەرنىڭ بىئولوگىيەلىك جەھەتتىن ئەمەس، كۈلتۈر جەھەتتىن بولىدىغانلىقى، كۈلتۈرنىڭ داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھادىسە ئىكەنلىكى) ئىنسانشۇناسلىق ۋە فولكور قاتارلىق ئىلىملەردىن ئارىيەت ئالىدۇ.

چۈنكى تارىخ ئىجتىمائىي رامكىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقتىن، ئىنسانىيەتنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە پىكىرلىرىنى تەقىب قىلىدىغان ئىلىمدۇر. [89]مەسىلىلەر ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇللىرى دائىرىسىدە ئانالىز قىلىنىپ، ئوبيېكتىپ مەلۇمات ۋە ماتېرىياللار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ تەتقىق قىلىنىشى كېرەك. فىرانسۇز ئاننالېس ئېقىمى تارىخچىلىرىدىن بىراۋدېل ”تارىخ ھەققىدە يازمىلار“ناملىق ئەسىرىدە ئىجتىمائىي پەننىڭ ئومۇمەن كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بىلىم جۇغلانمىسى ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ھەر قايسى پەنلەر ئوتتۇرىسىدا يېتەرلىك دەرىجىدە ھەمكارلىقنىڭ بولماسلىقى تۈپەيلى، مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى يازىدۇ. مەلۇمكى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئۆز ئىچىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئۆز-ئارا ئالاقە ئىچىدە بولۇپ كەلمەكتە. تارىخىي ھادىسىلەرنى قېزىپ چىقىرىش، ئىزاھلاش ۋە تەھىل قىلىش ئۈچۈن تارىخ ئىلمىي، باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر ۋە بۇ ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى بىلەن ئىزچىل ئالاقە ئىچىدە تۇرماقتا.بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارىخ ئۆز ھەقىقەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەريانىدا ئىجتىمائىي پەندىكى باشقا ساھەلەرگە بېقىندى بولىدۇ. دەرۋەقە، بۇ ھەقتە دۇنيادا نوپۇزلۇق ئىجتىمائىي پەنچىلەردىن ھېسابلىنىدىغان بىراۋدېل (F. Braudel ) مۇنداق دەيدۇ: ”تارىخ باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولسا، تارىخقا زور پايدىسى بار. بۇ جەرياندا باشقا ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىمۇ تارىخنى مەلۇم مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپ تارىخنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلىدۇ.“[90]تارىخ بارلىق ئىجتىمائىي پەنلەر قېزىپ چىقارغان ئىنسان ھاياتىدىكى پۈتمەس-تۈگىمەس قانۇنىيەتلەردىن قانچە كۆپ پايدىلانسا ھازىرقى دۇنيانى چۈشىنىشىمىزگە شۇنچىلىك خىزمەت قىلىدۇ.[91]

ئىجتىمائىي پەنلەر تارىخ ئىلمىدىكى بەزى تەتقىقاتلارغا يېتەكچىلىك قىلالىشى مۇمكىن، لېكىن تارىخ تەتقىقاتلىرى ۋە ئانالىزلىرىغا ئارىلاشسا بولمايدۇ. بۇلارنى تارىخ ئىلمىنىڭ ئۆزىگە قويۇپ قويىدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋال تارىخ ئىلمىيبىلەن باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مەسىلىنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەسىلەن، كۆپ قىسىم ئىجتىمائىي پەنچىلەر تارىخچىلارنى تەتقىقاتلىرىدا ھادىسىلەرنىڭلا ئالدىنقى پىلانغا قويۇپ تەھلىل قىلىش بىلەن ئەيىبلەيدۇ. يەنى، تارىخچىلارنى تارىختا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىلا ئاساس قىلىپ ئانالىز قىلىش ۋە مۇتلەق ھۆكۈم چىقىرىش بىلەن ئەيىبلەيدۇ. شۇنى ئېنىق دېيىش كېرەككى، تارىخ ئىلمىنىڭ سىرتىدىكى باشقا ئىجتىمائىي پەنچىلەرمۇ بۇ ھەقتە تارىخچىلارنى ئەيىبلىسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىمۇ كۆپ چاغلاردا مۇشۇنداق قىلىدۇ، يەنى باشقا ئىجتىمائىي پەنچىلەرمۇ ھادىسىچىلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇنداقلا تارىخچىلار بىلەن باشقا ئىجتىمائىي پەنچىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزگىرىشلەر، ئۆلۈك ماتېرىياللار بىلەن جانلىق دەلىل-ئىسپاتلار، ئۇزاق ئۆتمۈش بىلەن يېقىن ئۆتمۈش قاتارلىقلار ئۈستىدە تالاش-تارتىش مەۋجۇت.

مەسىلەن، تارىخ ئىلمىدە ”تارىخىي دەۋر“ ئۇقۇمى مۇھىم بولۇپ، تەتقىقاتتا ئولتۇراق رايون ياكى ماكان تەتقىق قىلىنمىسا، بۇ جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەتقىقات تېمىسى بولالمايدۇ. شۇڭلاشقا، بەزى ئىجتىمائىي پەنچىلەر تەرىپىدىن تارىخ ئىلمىي ۋە زامان ئۇقۇمى توغرۇلۇق ئىلگىرى سۈرۈلگەن قاراشلار ۋە تالاش-تارتىشلار پات يېقىندا توختايدىغاندەك ئەمەس. ئەگەر تارىخ ئىلمىي ئىنسانىيەت تارىخىدا يۈز بەرگەن مۇھىم ھادىسىلەرنى، ئۆتمۈشنى ۋە كۈنىمىزنى تەتقىقات تېمىسى قىلىشنى مەقسەت قىلسا، ئۇنداقتا زامان ئۇقۇمى تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ف. براۋدېل دېگەندەك ”تارىخچىغا نىسبەتەن ھەر نەرسىنىڭ بېشى ۋە ئاخىرى زاماندۇر. ئۆتمۈش ۋە ھازىرقى زامان بىر-بىرلىرىنى چىراققا ئوخشاش يورىتىدۇ.“[92]ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىلەرنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىلىمگە ئايلىنىشتىن ئىبارەت ھەقىقەتنى نەزەردە تۇتىدىغان بولساق، ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن تارىخ ئىلمىي ئوتتۇرىسىدا يېقىن مۇناسىۋەت بارلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. دەرۋەقە، باشقا ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ تارىخ ئىلمىگە ئوخشاش ئۆزىگە خاس تەتقىقات ئۇسۇللىرى ۋە پىرىنسىپلىرى بار. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ئىجتىمائىي پەنلەردىكى بارلىق ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار تارىخ ئىلمىنىڭ مېتود ۋە تېخنىكىلىرىدىن پايدىلىنىلىپ يېزىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىلمىي تارىخ تەتقىقاتلىرىدا لوگىكىلىق ۋە مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ئۇسۇللارغا زور ئېھتىياج بار. ھەققىي تارىخ تاشقى يۈزى ئېنىق بولغان ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىققان تارىختۇر. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارىخ بەلكىم بارلىق پەنلەر ئىچىدە ئەڭ قىيىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ساھە داۋاملىق ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مودېرن مەدەنىيەت تەقەززا قىلىدىغان، ئىجتىمائىي پىششىقلىقىنى ۋە ماسلىقنى تەكىتلەپ ئىشقا ئاشۇرىدىغان شۇنداقلا تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىنسانىي ئىلىمدۇر. ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى بىرلا پەن بىلەن ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈپ مۇمكىن ئەمەس.

دەل بۇ نۇقتىدا ”ئۆتمۈشنىڭ ئىلمىي“دەپمۇ ئاتىلىدىغان تارىخ ئىلمىي تەرىپىدىن مەلۇم دەرىجىدە تولدۇرۇلغان ئىجتىمائىي پەنلەرنى قايتىدىن مۇھاكىمە قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە خۇلاسىلاپ چىقىش تولىمۇ زۆرۈر ھەم پايدىلىق. ئىنسان تەبىئىتىدە ئۇچرايدىغان ھەر نەرسە ئىجتىمائىي پەننىڭ تېمىسى بولالايدۇ. ئىجتىمائىي پەن دۇنيانىڭ ۋە ھاياتنىڭ ئىنسانىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئاكادېمىك پەنلەر گۇرۇپپىسىغا بېرىلگەن نامدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنساننىڭ ئىنسان بىلەن، ئىنساننىڭ جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە ئىش—پائالىيەتلىرىنى مەلۇم بىر پەن دائىرىسىدە تەتقىق قىلىدۇ. ئىجتىمائىي پەنلەر ئىلمىي كۆزنەكتىن جەمئىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ، تەتقىقات ئوبيېكتى گۇرۇپپا ئىچىدىكى ئىنسان پائالىيەتلىرىدۇر ۋە مەقسەت ئىنسان چۈشەنچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتۇر.[93]تارىخ ئىلمىنىڭ باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە بىر مىساللىرىدىن بىرسى، ئىجتىمائىي پەنلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئۇقۇم ۋە تېرمىنلار بىلەن تارىخ ئىلىمىدە ئىشلىتىلىدىغان نۇرغۇن ئۇقۇم ۋە تېرمىننىڭ ئورتاق بولۇشىدۇر. ئىجتىمائىي پەنلەردە تەتقىقاتلارنىڭ مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدىغان ئىلمىي يەكۈنلەر، ئۇقۇملار، تېرمىنلار، قانۇنىيەتلەر ۋە نەزىرىيەلەر تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. دەرۋەقە، ئىجتىمائىي پەنچىلەر ئۇقۇملارغا ئاساسەن ئويلايدۇ، سۆزلەيدۇ، يازىدۇ ۋە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. تارىخ ئىلمىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇقۇم ۋە تېرمىنلىرى بولسىمۇ باشقا تارىخىي ئۇقۇم ۋە تېرمىنلار باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن ئورتاقتۇر. مەلۇمكى، تىرىك ئىنسانغا خىتاب قىلىدىغان تارىخ ئىلمىنىڭ تەتقىقات ئوبېيكتى ۋە مېتودىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسىتى تارىخىي ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇ ھادىسىلەرنى چۈشىنىش ۋە ئىزاھلاشتۇر. ئەينى دەۋردىن قالغان ۋە ھادىسىلەرگە شاھىت قىلالايدىغان ماتېرىيال ۋە ئەشىيالار ئىلمىي مېتود ئارقىلىق ئانالىز قىلىنسا تارىخىي ھادىسىلەر ھەققىدە توغرا مەلۇماتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. تارىخ ئىلمىدىكى مېتود ۋە ئانالىزلاردا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بويىچە ھەرىكەت قىلىنىدۇ.

  • مەنبە ئىزدەش: تارىخقا شاھىت بولالايدىغان ھەر قانداق مەلۇمات ۋە ماتېرىياللارنى تېپىش.
  • مەنبەلەرنى كاتېگورىيەگە ئايرىش: يىغىلغان مەلۇماتلارنى سىستېمىلىق ھالدا كاتېگورىيەگە ئايرىپ چىقىش.
  • تەھلىل: قولغا كەلتۈرۈلگەن مەلۇماتلارنىڭ مەنبە-ئىلمىيلىك جەھەتتىن لاياقەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنىڭ كونترول قىلىنىشى
  • تەنقىد: يىغىلغان مەلۇماتلارنىڭ چىنلىقى ۋە ئىلمى نۇقتىدىن ئىشەنچىلىكىنى ئېنىلاپ چىقىش.
  • تەركىب-بىرلەشتۈرۈش: يىغىلغان بارلىق مەلۇماتلار بىرلەشتۈرۈلۈش ئارقىلىق تەتقىق قىلىنغان تېمىدا يەكۈن چىقىرىشتۇر. مەسىلىلەرنىڭ ھەر خىل نۇقتىئىنەزەردىن يېزىلىپ ئانالىز قىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.

تارىخ  ئۆتمۈشتە بولۇپ ئۆتكەنلەرنى خاتىرىلەش، ئۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنقىلاپ چىقىش، ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئۆگىنىش ۋە كۈنىمىزگە مەنىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان پەندۇر.[94] ئىنساننىڭ تۈنۈگۈنگە بولغان قىزىقىشى ئاسان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۆتمۈشنى چۈشىنىشى ۋە ئۇنى بۈگۈننى تەھلىل قىلىش نۇقتىسىدىن ئۆتمۈشنى ئىدارك قىلىشى ئاسان ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن تارىخ  تەتقىقاتىغا تېما بولغان ھادىسىلەر تەتقىق قىلىنغاندا تولىمۇ ھوشىيار بولۇش كېرەك. تارىخىي دەلىللەر، نەتىجىلەر، مەنبەلەر ۋە مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچىلىك ۋە ئوبېيكتىپ بولۇشى نۇقتىسىدىن تارىخ تەتقىقات ئۇسۇللىرى[95]نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك. چۈنكى تارىخ تەتقىقاتى ۋەقە-ھادىسىلەرنى بىر يەرگە تىزىپ بايان قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ. تارىخ تەتقىقاتلىرىدا مۇھىم ھېسابلىنىدىغان مەنبە ۋە مەلۇماتلار ئىلمىي مېتود ۋە مەنە پۈتۈنلىكى ئىچىدە يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان پىرىنسىپلار دائىرىسىدە مۇھاكىمە قىلىنىشى لازىم. قىسقىسى، بارلىق ئىجتىمائىي پەنلەر بۇ مېتود ۋە پىرىنسپلار دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر.

ئۆتمۈشنى قايتىدىن بايقاشنى مەقسەت قىلىدىغان باشقا ئىجتىمائىي پەنلەرگە ئوخشاش تارىخ ئىلمىمۇ تەنقىدىي قاراشنى ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلىدۇ. چۈنكى تەنقىدنىڭ تارىخ تەتقىقاتىدىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. تەنقىد بولمىغان بولسا ئىدى مەدەنىيەت ھازىرقىدەك سەۋىيەگە كەلمىگەن بولاتتى. مودېرن مەدەنىيەتلەرنىڭ بۇ سەۋىيەگە كېلىشىدە تەنقىدنىڭ موتورلۇق رولى ئوينىغانلىقىنى دېسەك مۇبالىغە قىلىۋەتكەن بولمايمىز. تەنقىد ئىنسان ياراتقان ئۇتۇقلارنى ئۆز كونتېكىسىدا ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ھادىسىلەرنىڭ ئوبېيكتىپلىق پىرىنسىپى دائىرىسىدە سوراقلايدۇ. بۇ پىرىنسىپ تەنقىدچىنىڭ ياكى ئوبزورچىنىڭ رېئالسىتىك بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.[96]ئىجتىمائىي پەنلەر ئىچىدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ خاتىرىسىنى تەشكىل قىلىدىغان، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى ئۆز قوينىدا ساقلاپ ياتىدىغان، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆزگىرىشنىڭ سىجىل ۋە مۇقەررەر بولىدىغانلىقىنى، ئىنسانلار ياشايدىغان ھەر يەردە توقۇنۇش-جېدەلنىڭ بارلىقىنى بىزگە خەۋەر قىلىدىغان تارىخ ئىلمىي ئىشلەتكەن تەتقىقات مېتودى ۋە تېخنىكىلار ( يىغما خۇلاسە ئىلمىي مېتوتىتىن پايدىلىنىش، ماتېرىيال ۋە مەنبەنى ئاساس قىلىدىغان، بىتەرەپ، ئوبېيكتىپ ھۆكۈملەرنى چىقىرىدىغان، ھادىسىلەرنى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن كۆزىتەلەيدىغان، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلالايدىغان، ماكان ۋە زاماننى تەسۋىرلىيەلەيدىغان، سۆھبەت، تۇيغۇداشلىق) بىلەن باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر ئىشلەتكەن ئىلمىي تەتقىقات مېتود ۋە تېخنىكىلىرى يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۆتمۈشنىڭ بەزى قىسىملىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياكى ئۆتمۈشتىكى ھادىسلەر توغرۇلۇق بىر قاتار مەلۇماتلارغا ئېھتىياجلىق بولغان بەزى ئىجتىمائىي پەنچىلەر (جۇغراپىيە، ئىنسانشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيە، سەنئەت تارىخى، فىلولوگىيە)تارىخ ئىلمىنىڭ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان تەتقىقات مېتود ۋە ئۇسۇللىرىغا مۇراجائەت قىلىدۇ. بۇ يەردە شۇ خۇلاسىگە كېلەلەيمىز، تارىخ تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى نۇرغۇن پەن ۋە ساھەگە بىمالال تەدبىق قىلغىلى بولىدۇ.

ئىلىم-پەن ئىنسانلارنى ۋە كائىناتنى چۈشىنىش ۋە ئىزاھلاش ئۈچۈن ھەر خىل ئىلمىي مېتودلاردىن پايدىلىنىپ بىلىم ئىشلەپچىرىشقا تىرىشىدۇ. مەلۇمكى، ئىلىم-پەن ئۆز ئىچىدە تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەن دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. بۇ پەنلەر كائىناتنىڭ ھەر خىل تەرەپلىرى توغرۇلۇق  بىلىم ئىشلەپچىقىرىشقا تىرىشىدۇ.[97]ئىلىم ئەھلىلىرى كائىنات توغرۇلۇق قولغا كەلتۈرگەن بارلىق ئىلمىي مەلۇماتلارنى بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۆت نۇقتىغا خۇلاسىلاپ چىققان. بۇلار مۇنداق: ھادىسە، ئۇقۇم، پىرىنسىپ، نەزىرىيە.[98] ئىجتىمائىي پەنلەردىمۇ بۇ نۇقتىلار ئاساسەن شەكىللىنىپ بولدى. دەل مۇشۇ نۇقتىدىن، بىر يېزىقچىلىق ژارنىرى سۈپىتىدە باشلىغان ۋە ئەسىرلەرچە ئىلىممۇ، سەنئەتمۇ ياكى پەنمۇ ئىكەنلىكى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنغان، لېكىن 19-ئەسىردە ياۋروپادا ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى نەتىجىسىدە ”پەنلەر“كاتېگورىيەسىدىن ئورۇن ئالغان تارىخ ئىلمىي، يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئىلىم—پەننىڭ تۆت ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن بولغان ھادىسە (ئوبېيكتىپ-رېئاللىق)، ئۇقۇم-تېرمىن، ئۇنىۋېرساللىق -پىرىنسىپ ۋە نەزىرىيە[99] قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. مەسىلەن، ئىنسان ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان سىياسەت ئىلمىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئاساسلىق ئۇقۇملار (دۆلەت، تەشكىلات، ئىسيان-قوزغىلاڭ، ئىنقىلاب، ھۆكۈمەت، ھاكىمىيەت، ئاساسىي قانۇن، سىياسىي تۈزۈم، پۇقرالىق، مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق، مىللىي ھاكىمىيەت، قانۇن، جامائەت پىكرى، كۈچ، نوپۇز)تارىخ ئىلمىدىمۇ ئىشلىتىلمەكتە. ياكى تەتۈرىدىن دەيدىغان بولساق، تارىخ ئىلمىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق ئۇقۇملار (ئۆزگىرىش، قارشىلىق، بايقاش، مەدەنىيەت، زامان، لىدرلىق، سجىللىق، توقۇنۇش، ھادىسە، ئىنسان تەجرىبىسى، يىلنامەشۇناسلىق، خىلمۇ خىللىق، تەرەققىيات، ئۆتمۈش، تەشكىلات، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى، تىل، كۈلتۈر، سەنئەت، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت)باشقا ئىجتىمائىي پەنلەردىكىگە ئوخشاش سىياسەت ئىلمىدىمۇ ئىشلىتىلمەكتە.

شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، مەيلى ئىجتىمائىي بىلىملەرنىڭ بولسۇن مەيلى ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ بەزى ساھەلىرى بولسۇن تەبىئىي پەنلەردىگە ئوخشاش ھەر ۋاقىت مۇتلەق قىممەت ياكى مۇتلەق توغرا ئالاھىدىلىككە ئىگە بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن، دۇنياۋى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمەس، شۇنداقلا كۆپ ۋاقىتلاردا ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئومۇمىي پىرىنسىپ ۋە ئىلمىي قانۇنىيەت ئوتتۇرىغا قويوپ بولغىلى بولمايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ئىجتىمائىي پەنلەر ئىشەنچىلىك بىر قاتار ئىلمىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ۋە بىلىم ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا بەزىبىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋال ئىجتىمائىي پەنلەردە بەزى چەكلىمىلەرنى پەيدا قىلماقتا، چۈنكى ئىجتىمائىي-ئىنسانىي بىلىملەرنىڭ تېمىسى ئىنساندۇر. ئىنسان بولسا ئەڭ سىرلىق ۋە ئەڭ مۇرەككەپ مەخلۇقتۇر. شۇڭلاشقا ئۇ توغرۇلۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان قائىدە-پىرىنسىپلار ۋە ئۆلچەملەرگە ئاساسەن چىقىرىلغان يەكۈنلەرمۇ ھەر ۋاقىت ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئىنسان ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرگە دائىر بىر قاتار نەزىرىيە ۋە پىرىنسپلار ئۆزگەرگەچكە، بىزگە تونۇشلۇق بولغان خۇسۇسلار توغرىسىدىكى بىلىملەرمۇ تەبىئىي ھالدا ئۆزگىرىدۇ. ئۆزگىرىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ياكى ئۆتكۈزۈۋاتقان بىلىملەر بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي قائىدە-پىرىنسىپلاردىمۇ بىلىپ- بىلمەي ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئارخېئولوگىيە ۋە سەنئەت تارىخىي ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋە تېخنولوگىيەلىك شارائىتلاردا ئىگىرىلەش كۆرۈلگەن چاغدا، تارىخ ئىلمىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بولغان ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمكى چاغلىرىغا تەۋە مەلۇماتلىرىمىزدىمۇ ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي پەنلەردە ئىلمىي ئىبارە ۋە جۈملىلەر قانچىلىك ئومۇمىي  ۋە ئۇنىۋېرسال بولسا مەزمۇن ۋە مەنە جەھەتتىن شۇنچىلىك ئاجىز بولىدىغانلىقى ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ئورتاق بىردەككە كەلگەن قاراشتۇر. چۈنكى ھەر ئىجتىمائىي گۇرۇپپا ياكى مۇھىت ئايرىم ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىجتىمائىي رېئاللىق ھېسابلىنىدۇ.

ئىجتىمائىي دىنامىزمنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بىرى بولغان ئىجتىمائىي پەننىڭ مەقسىتى، بىلىم ۋە تېخنولوگىيەنىڭ ئىجتىمائىي-كۈلتۈر  ھادىسىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان ئېھتىياجلارنى ئېنىقلاپ، مەسىلىلەرنى بېكىتپ چىقىش  ۋە ئۇلارغا چارە ئىزدەپ جەمئىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت. شۇنداقلا ئىقتىساد، دۆلەت، كۈلتۈر، ئۇچۇر-ئالاقىگە ئوخشاش ساھەلەردە پەيدا بولغان ئوخشىمىغان تۇرمۇش شەكىللىرى بىلەن ئىنسانىي تۈزۈم چۈشەنچىلىرى، [100]كېلەچەك تەسەۋۋۇرى شەكىللەندۈرۈشتۇر. مودېرن دۇنيادا ئاڭلىق ۋە كۈچلۈك جەمئىيەت شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىجىمائىي پەنلەرگە زور دەرىجىدە ئېھتىياج بار. چۈنكى ئىجتىمائىي پەن ئىنسانغا كىملىك، جەمئىيەتكە تەۋەلىك تۇيغۇسى تەقدىم قىلالايدۇ. دۇنيا، ئىنسان ۋە ئالاقە قاتارلىقلار داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئېھتىياج ۋە مەسىلىلەرمۇ ئۆزگىرىدۇ ۋە پەرقلىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا، رېئال ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تەتقىقات تېمىسى قىلىدىغان تارىخ ئىلمىنىڭ تەتقىقات مېتودلىرى ئىشلىتىدىغان (قانۇن،تارىخ، سىياسەت، پىسخولوگىيە، ئىقتىساد، جەمئىيەتشۇناسلىق، جۇغراپىيە، پەلسەپە، دىن، كۈلتۈر، مەدەنىيەت)ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ۋەزىپىسى ھەقىقەتەن ئېغىر. يېڭى ئېھتىياجلارنى تونۇپ يېتىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ پەنلەرنىڭ تېزلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشى، يېڭىلىق ۋە ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشالىشى كېرەك. ئىجتىمائىي پەن مائارىپىدىن جەمئىيەتنىڭ ئىزچىلىققا ئىگە تەرەپلىرىنى ”مەنىلىك“، ئۆزگىرىشكە مايىل تەرەپلىرىنى بولسا ”مەنتىقلىق“شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشى ئارزۇ قىلىنماقتا.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، غەرب دۇنياسى  16-ئەسىردىن باشلاپ كاتولىك چېركاۋىنىڭ دوگماتىزىمىنى ۋە سىكولاستىك دۇنيا قارىشىنى بىتچىپ قىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېت، ئىلمىي تەتقىقات تەقسىماتىنى ئاساس قىلىدىغان، دەسلىپىدە بەكرەك ئەمەلىي ئېھتىياجلار ۋە مۇتەخەسسىسلەشكەن مەلۇم بىر ساھەگە قارىتىلغان فورماتتا لايىھلەنگەن تېخنولوگىيە، ئىلمىي ۋە قۇرۇلمىلىق ئالاھىلىكلەرگە ئىگە ئىلىم-پەن ئىنقلابى ۋۇجۇدقا چىقاردى. 

ئىلىم-پەن بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن، بىر-بىرلىرى بىلەن كېسىشىدىغان ئوخشىمىغان مۇتەخەسسىسلىك ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىلىم-پەننىڭ كىچىك ۋە مىكرو ساھەلەرگىچە ئايرىلىپ ئىنچىكىلىشىپ كېتىشى، ئەمەلىيەتتە غەربتە نىيۇتونىزمنىڭ دۇنيانى چۈشىنىش ئەندىزىسىگىچە تۇتۇشىدۇ. [101] بۇ مېخانىكىلىق ئەندىزە بولۇپ، ئىلىم-پەن گويا غايەت زور تىپلىق ماشىنىغا ئوخشىتىلىدۇ. مەسىلەن، چوڭ بىر ماشىنا بىر قاتار چاق، زاپچاس ۋە ۋېنتا قاتارلىقلارنىڭ بىر يەرگە ئېلىپ كېلىنىشى نەتىجىسىدە قوراشتۇرۇلغان بولسا، ئوخشاشلا ئىلىم پەنمۇ ماشىنىدەك، بىر-بىرىگە باغلىق مۇتەخسسىسلىك ساھەلىرىدىن تەشكىل تاپىدىغاندەك تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ.[102]كۈنىمىزدە غەربتە تەبىئىي پەن ساھەسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ بىلىم چۈشەنچىسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىمۇ قوبۇل قىلىنماقتا. يەنى مەلۇم جەھەتتىن، غەرب دۇنياسى ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىمۇ ئۆز-ئارا كېسىشىدىغان ساھەلەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ، گويا غايەت زور ماشىنىنىڭ زاپچاسلىرىدەك ماكرو سەۋىيەدە پەنلەر ئارا ئورتاق تەتقىقاتلارغا يۈزلەنمەكتە. بۇ نۇقتىدىن تارىخ ئىلمىنىڭ باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تولىمۇ مۇھىمدۇر.

ئىجتىمائىي پەنلەر ۋە تارىخ ئوقۇتۇلۇشىغا ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەر

شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىجتىمائىي پەنلەرگە دائىر تەتقىقاتلار ۋە ئەسەرلەر خېلى بۇرۇنلا باشلانغان. ئەڭ قەدىمكى تۈرك يازما ماتېرىياللىرى  ھېسابلىنىدىغان ”كۆك تۈرك مەڭگۈ تاشلىرى“مەزمۇن جەھەتتىن تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي بىلىملەر ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تولغان.بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈرك تارىخىدا ئىجتىمائىي پەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك تۇنجى يازما مەنبە كۆكتۈرك مەڭگۈ تاشلىرىدۇر. تۇنجى مۇسۇلمان-تۈرك جەمئىيەتلىرىدىن بولغان قاراخانىيلار دۆلىتى (840-1212)دەۋرىدە يېزىلغان ئىككى مۇھىم ئەسەر ”تۈركىي تىللار دىۋانى“ ۋە ”قۇتادغۇبىلىگ“ئەدەبىي ئەسەرلەر بولۇشتىن سىرت، تىپىك ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. 11-ئەسىردە سەلچۇقىيلار دۆلىتى دەۋرىدە قۇرۇلغان نىزامىيە مەدرەسەلىرى، تۈرك مائارىپ تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇئەسسىسلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. نىزامىيە مەدرەسەلىرىدە ئىسلامىي ئىلىملەردىن سىرت مېدىتسىنا، ماتېماتىكا، تارىخ، جۇغراپىيە ۋە پەلسەپەگە ئوخشاش ئىلىملەرمۇ ئوقۇتۇلاتتى.[103] ئوسمانلى دۆلىتىدىمۇ تۇنجى قېتىم پادىشاھ ئورھان گازى دەۋرىدە، 1330-يىلى ئېچىلغان ئىزنىك مەدرەسەسىدە ئىجتىمائىي ئىلىملەرگە مۇناسىۋەتلىك تەلىم-تەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تارىخىي مەنبەلەردىن بىلەلەيمىز. كلاسسىك دەۋردە بۇ خىلدىكى ئىلمىي پائالىيەتلەر بۇرسا، ئەدىرنە، مانىسا ۋە ئىستانبۇلغا ئوخشاش شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن. 2-مەھمەت خان دەۋرىدە ئېچىلغان شاھى سەمان ۋە 1-سۇلايمان (قانۇنى)دەۋرىدىمۇ ئېچىلغان سۇلايمانىيە مەدرەسەلىرىدە ئىجتىمائىي ئىلىملەر ساھەسىدە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ مەدرەسەلەردە كالام، لوگىكا، گىراماتىكا، لۇغەت، تارىخ، جۇغراپىيە، پەلسەپىگە ئوخشاش ئىجتىمائىي ئىلىملەرمۇ ئوقۇتۇلغانىدى.[104]يۇسۇپ خاس ھاجىپ، مەھمۇت قەشقىرى، بىرۇنى، خوجا ئەھمەت يەسەۋى، مەۋلانا جالالىدىن رۇمى، يۇنۇس ئەمرە، ھاجى بەكتاش ۋەلى، قىنالىزادە ئەلى، كاتىپ چەلەبى، پىرى، كوچى بەگ، مۇستاپا ئەلى، ئەھمەت جەۋدەت پاشا، نامىق كامال، زىيا گۆكئالىپقا ئوخشاش جۇمھۇرىىيەت دەۋرىگە كەلگۈچە تۈرك تارىخىدا تولىمۇ قىممەتلىك ھېسابلىنىدىغان ئىجتىمائىي ئىلىمچىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، مۇھىم ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغانىدى. قىسقىسى، تۈرك تارىخى مىڭلارچە يىلدىن بۇيان ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇستەھكەم ئۇل سېلىشىغا مۇۋاپىق شارائىت يارىتىپ بەردى.[105]

ئەپسۇس، 17-ئەسىرلەردە مەدرەسەلەردە تۇرغۇنلۇق ۋە بۇزۇلۇش كۆرۈلۈشكە باشلىدى. تۈركلەر غەرب دۇنياغا نسىبەتەن پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدە كېيىن قالدى. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، لالە دەۋرىدىن باشلاپ دۆلەت ھەم تەلىم-تەربىيە پىروگراممىلىرى ۋە چۈشەنچىسى، ھەم قۇرۇلمىق مائارىپ مۇئەسسىسلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئۆتتى. غەرب ئەندىزىسى بويىچە تۇنجى ئالىي بىلىم يۇرتى ھېسابلىنىدىغان ۋە بەكرەك ھەربىي ساھەدە ئېچىلغان ”1733-مۇھەندىس باھرىئى ھۇمايۇن، 1795-مۇھەندىسھانە بەررىئى ھۇمايۇن، 1826-سەراكەرلىك تەشكىلاتى قارمىقىدا ئېچىلغان مەنشەئى كۇتتابى ئەسكەرىگە ئوخشاش) ئورۇنلاردىمۇ ئىجتىمائىي ئىلىملەرنىڭ ئوقۇتۇلغانلىقى مەلۇم.[106] تانزىمات دەۋرىدىن باشلاپ ئوسمانلى تۈركىيەسىدە غەرب ئەندىزىسىدىكى ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرى ۋە تەلىم-تەربىيە پىروگراممىلىرىنىڭ (1839-يىلى رۇشتىيە ۋە ئادلىيە مەكتەپلىرى، 1845-مەجلىسى مائارىفى مۇۋاققات، 1857-مائارىفى ئۇمۇمىيە نازارىتى، 1869-يىلى مەجلىسى ئۇمۇمىيە نىزامنامەسى، 1879-يىلى قىز رۇشتىيەلىرى ۋە قىز سەنئەت مەكتەپلىرى، 1880-يىلى قانۇن مەكتىپى، 1900-يىلى دارۇل فۇنۇنى شاھانە، 1910-يىلى مالىيە مەمەرلىرى مەكتىپى)ئومۇملىشىشقا باشلىشى بىلەن، ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدىمۇ بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر ۋە يېڭىلىقلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ، تۈرك تارىخىدا ئىجتىمائىي پەنلەر جۇمھۇرىيەت تۈركىيەسىدە 1924-يىلى 3-مارت تەۋھىدى تەدرىسات قانۇنى (تەلىم-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش قانۇنى) ۋە 1933-يىلى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئالىي مائارىپ قانۇنى تۈرتكىسىدە سىستېمىلىق ھالدا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى خىزمەتلەر،ھەم ئوسمانلى دەۋرىدە قۇرۇلغان دارۇلفۇنۇن (كېيىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى بولدى)دا، ھەمدە يېڭى تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ پايەختىدە قۇرۇلغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەرەققىي قىلدى.

ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن تارىخ ئوقۇتۇشى بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بىر پۈتۈن مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك بولغان ساھەلەردۇر.  تەلىم-تەربىيە سىستېمىمىزنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدىكى بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىمىزنى ياخشى بىلسەك ھازىرقى مائارىپ مەقسەتلىرىمىزنى، مائارىپ پەلسەپىمىزنى، مائارىپ مېتودلىرىمىزنى، مائارىپ ئەنئەنە ۋە بارلىق –پائالىيەتلىرىمىزنى ئوبدان چۈشىنەلەيمىز. دەۋرىمىزدە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقە-ھادىسىلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن بۇلار بىلەن بۇلارغا ئۆتمۈشتە تەسىر كۆرسەتكەن ۋەقە-ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېپىپ  چىقىش كېرەك.[107]مائارىپ كەلگۈسىدىكى يۆنىلىشىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى ياخشى بىلىش لازىم. بىز ياشاۋاتقان پوست-مودېرن دەۋردە مائارىپ نوقۇل ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن قابىىيەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە مەلۇمات ۋە بىلىمنى ئۇلارغا يەتكۈزۈشتىن ئبىارەت ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارىخ تەتقىقات مېتودى بولۇپ تارىخ ئىلمىنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى ۋە ئىلمىي يەكۈنلىرى، ئىجتىمائىي پەنلەردىكى بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدىكى ئورنى تولىمۇ چوڭدۇر. تارىخ تەتقىقاتلىرى ھادىسىلەرنى ۋە مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە، مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىلىم-پەننىڭ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى رولى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە خىزمەت قىلىدۇ. تارىخ تەتقىقاتلىرى ۋە بەزى ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى ئىلمىي پائالىيەتلەر ئۆتمۈش ياكى ئۆتمۈشتىكى ھادىسىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە كۈنىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بىزگە يول كۆرسىتىدۇ.[108]

شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈركى، پوست-مودېرنىزم نە زامان باشلىغانلىقىمۇ مەلۇم ئەمەس، شۇنداقلا زادى نېمە ئىكەنلىكى، نېمىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى، نېمىنى مەزمۇن قىلىدىغانلىقى، نېمىگە قارشى ئىكەنلىكى، نېمىنى قوللايدىغانلىقى قاتارلىقلار ئېنىق ئەمەس. يەنى پوست-مودېرنىزمنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە مەۋھۇم دۇنياسى بار. پوست-مودېرنىزم مودېرنىزمدىن ھالقىغان ياكى مودېرنىزمدىن كېيىنكى ئېقىم ياكى ئەھۋال دېگەن مەنىدە ئىشىلىتىلىدۇ. مودېرن  ئىدىيە ۋە كۈلتۈرگە تەۋە ئاساسلىق ئۇقۇم ۋە نۇقتىئىنەزەرلەردە مەسىلە بارلىقىنى، ھەتتا بۇلارنى چەتكە قېقىش لازىملىقىنى ياقلايدىغان ئېقىمدۇر. پوست-مودېرنىزم غەرب ئىدىيەسىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. ئەسىرلەردىن بۇيان زىت ئېقىم يارىتىپ ئۆز ئىچىدە ”ئەنئەنە“پەيدا قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان غەرب ئىدىيەسى پوست-مودېرنىزم ئېقىمى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىدۇ.[109]پوست-مودېرنىزم ”غەرب دۇنياسىدا مودېرنىزم ۋە ئۇ ياقلايدىغان ئەقىلىيەتچىلىك، دۇنياۋىلىق ۋە گۇمانىزم قاتارلىق ئىدېئولوگىيەلەرگە قارشى ھالدا ئوتتۇرىغا چىققانىدى.[110]پوست-مودېرنىزم مودېرنىزمنى ۋە ئۇنىڭ ھايات، سەنئەت، ئىدىيە ۋە سىياسەتنى كونترول ئاستىغا ئالغان قائىدە-پىرىنسىپلىرىنى سوراقلاشنى ۋە ئۇلارنى تەنقىد قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پوست-مودېرنىزمنى تولۇق ۋە ئېنىق ئىزاھلاشمۇ تەسرەك. مودېرنىزمدە ئىنسان ئالدىن پىروگراممىلانغان تۇرمۇش ئەندىزىلىرى بويىچە ياشاشقا مەجبۇر قىلىنىپ، سىياسىي ئەركىنلىكلىرى توسالغۇ ئۇچرىغانىدى،قىسقىسى، ئىنسانلار ”چەكلىمىلەر ۋە قېلىپلاشقان پىروگراممىلار“نىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى. پوست-مودېرنىزم بۇ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلەر ۋە مەسىلىلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان پەلسەپىۋى ئېقىمدۇر. پوست-مودېرنىزم مودېرنىزمنىڭ ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ خۇشال، ئەركىن، تىنچ ۋە خاتىرجەم دۇنيا ئاتا قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرالماسلىقى ۋە ئىنسانغا خۇشاللىق بېرەلمەسلىكىگە قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەلسەپىۋى قاراشتۇر. [111]

بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، كۈلتۈر ۋە تارىخى، بۇ دۆلەتنىڭ مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار ۋە دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىقلار مائارىپنىڭ مەقسەتلىرىنى بېكىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىللاردۇر. بۇ ئامىللار يەنە ئىنساننىڭ تەربىيلىنىپ چىقىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئىنساننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ ئۆز-ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ھەمدە بىلىمى بىلەن مۇھاكىمە قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشىمۇ مائارىپنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. بىر ئىنساننىڭ مەلۇم بىر كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىكلىرىنى ئىگىللەش ئارقىلىق، ئۆزى ۋە مەۋجۇتلۇق ھەققىدە تەپەككۇر ۋە مۇھاكىمە قىلىش قابىليىتىگىمۇ يېتەلەيدۇ. يەنى مۇستەقىل تەپەككۇر، شەخسىيەت ۋە مەسئۇلىيەتكە ئىگە ئىسلاھات دىنامىكلىرىغا ئىگە، ئۆز كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلىنىشقا بىلىدىغان پەزىلەتلىك شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈش شارائىتىنى تەييار قىلىش مائارىپنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.[112]شەكسىزكى، بىر دۆلەتتە ياكى جەمئىيەتتە بۇنچىلىك مۇھىم ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلىنغان سەۋىيەدە فۇنكسىيەلىك نۇقتىدىن ئادا قىلىش ئۈچۈن ئەتراپلىق ۋە سىستېملىق پىلان ۋە پىروگرامما تۈزۈپ چىقىش لازىم. مائارىپ مىللىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى ئاساس قىلىش بىلەن بىرگە، مودېرن پىرىنسپلار ۋە دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. دەرۋەقە، مىللىي ۋە مەنىۋى ئالاھىدىلىكى بولمىغان مائارىپ جەمئىيەتنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمايدۇ ۋە ئۇزۇن مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. شۇڭلاشقا، بىر جەمئىيەتتە شەخسلەرگە كىملىك ۋە كۈلتۈرنى سىڭدۈرۈش، مىللىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى قوغداش ۋە شەخسلەرنىڭ بۇ جەھەتلەردە ئاڭغا ئىگە بولۇشى قاتارلىق مۇھىم ئىشلاردا ئىجتىمائىي پەنلەر، بولۇپمۇ تارىخ ئىلمىي زور رول ئوينايدۇ.

باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن ئالىي مەكتەپلەرگىچە بولغان ئارىلىقتا تارىخ ئوقۇتۇشىنىڭ بەزى پايدىلىرىنى[113] نەزەرگە ئېلىش ئارقىلىق، باشقا ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسى ۋە مەقسەتلىرى (ئىجتىمائىي پەنلەر شەخسلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق شەخسلەرنىڭ كىشىلىك تەرەققىياتىدا، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شەخسلەرنىڭ ئىجتىمائىي بىلىملەر ساھەسىدە روياپقا چىقىرىلىدىغان ئاكادېمىك ئىلىملەرگە ئېھتىياجى چۈشىدۇ.  ئىجتىمائىي بىلىملەر بىر كىشىنىڭ كائىناتنى، دۇنيانى، ئۆز يۇرتىنى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى تونۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شەخس جەمئىيەتتە پۇقرالىق ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى بىلىدىغان ئاڭلىق شەخس بولۇش ئۈچۈن يەنىلا ئىجتىمائىي بىلىملەرگە ئېھتىياجى چۈشىدۇ. ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى چۈشىنىش، ئۆزگىرىش ۋە تۇرمۇشنى يېڭىش، تۇرمۇشىدا ئىقتىسادىي ئۈنۈمدارلىقنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار) دۇچ كەلگىنىمىزدە، بىر-بىرلىرى بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارلىقى مەلۇم بولىدۇ.

مائارىپنىڭ كىلاسسىك مەنىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى، بىلىمنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدىغان تەرىقىدە مەكتەپ پىروگراممىلىرىدا ئورۇن ئېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ سەۋەبتىن جەمئىيىتىمىزدە تارىخ دەرس پىروگراممىلىرى ئىلىم—پەن ئەنئەنىسىگە مۇۋاپىق ھالدا تارىخنىڭ جەمئىيەت ۋە شەخسكە پايدىلىق بولۇشتەك چۈشەنچىگە ئاساسەن تۈزۈلدى. تارىخنىڭ ئىجتىمائىي رولىنىڭ بارلىقى بەس-مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت. ھەر جەمئىيەت ۋە مىللەت ئۆتمۈشىدىن پايدىلىنىش ئېھتىياجى ھېس قىلىدۇ. ”شەخسىي جەھەتتە بىزگە نىسبەتەن ئورتاق بولغان قائىدىلەر، ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا نىسبەتەنمۇ ئورتاقتۇر. تارىخ كوللېكتىپ خاتىرىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي كىملىك ئۇقۇملىرى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئىستەك ۋە ئۈمىدلىرىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئىشقا يارايدىغان تەجرىبە ساۋاقلارنىڭ يىغىندىسىدۇر. تارىخقا ئېتىبار بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلارمۇ، ھەر ئىشتا تارىخىي دەلىلەرگە مۇراجائەت قىلىپ كۆز قارىشىنى بايان قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.[114]

جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتلىرىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىجتىمائىي پەنلەر ئىچىدە تارىخ ئىلمىي مۇھىم رول ئوينايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تارىخ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنىڭ مەركىزىنى تەشكىل قىلىدۇ. چۈنكى ئۆتمۈشنىڭ ئەينىكى بولغان تارىخ، ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق خاتىرىسى ۋە جۇغلانمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان، ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدا ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغان، ئىىنسانلارغا توغرا ۋە ئۈنۈملۈك قارار ۋە يەكۈن چىقىرالىشى ئۈچۈن يول كۆرسىتىدىغان، بارلىق ئىنسانلارنى ئۆتمۈشتىن ئىلھام ۋە جاسارەت ئېلىپ ھازىرقى زامانغا ئېلىپ كېلەيدىغان ۋە كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرۈشتە تارىخ ئىلمىي مۇھىم رول ئوينايدۇ. خىلمۇ-خىل ۋە مۇرەككەپ مەلۇماتلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىگە ماس ھالدا ئاددىيلاشتۇرىدىغان، بۇلاردىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ماسلىشىش ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە چارە تېپىش ئۈچۈن لازىملىق بىلىملەرگە، قابىلىيەتكە، قائىدە-پىرىنسىپلارغا ۋە مەۋقەگە ئىگە قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن تارىخ ئىلمىنىڭ مۇناسىۋىتى تولىمۇ قويۇقتۇر. تارىخ ئىلمىي ئەۋلادلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە مەپكۇرە بىرلىكىنىڭ ئەڭ غول ۋاستىسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن تارىخ ئوقۇتۇشى باشقا ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىگە قارىغاندا پائال ۋە ئۈنۈملۈك رولغا ئىگە. دەرۋەقە، مىللىي ئاڭ ۋە مەنىۋى بايلىقلار تارىخ ئوقۇتۇشى دائىرىسىدە ئوقۇتۇلىدۇ. تارىخ ئوقۇتۇشى بۇ جەھەتتىن باشقا ئىجتىمائىي پەنلەردىن پەرقلىق بولۇپ خەلقنى يېتەكلەش، مىللەتنى قوزغىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭلاشقا تارىخ ئىلمىي قەدىمدىن ھازىرغىچە بارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ كەلگەن پەندۇر.[115]

”ئۆتمۈشنى كۈنىمىزنىڭ فۇنكسىيەسى سۈپىتىدە“تەتقىق قىلىدىغان ۋە مۇۋاپىق سوئاللارنى مەلۇم بىر پەن رامكىسى ئىچىدە سورايدىغان ۋە 19-ئەسىردە بىر پەن سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تارىخ ئىلمىنىڭ [116]مەسئۇلىيىتى ھەقىقەتەن ئېغىر. بۇ مەسئۇلىيەت ھەم بىز تەئەللۇق بولغان جەمئىيەت ۋە دۇنياغا، ھەم ئۆتمۈشتە ياشاپ ئۆتكەن ئىنسانلارغا، ھەمدە كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلارغا بولغان مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. بۇ ھەقتە پىروفېسسور ئىلبەر ئولتايلى مۇنداق دەيدۇ: ”مودېرن دەۋرلەردە تارىخ ئېڭىغا ئىگە بولغان جەمئىيەتلەر، كېلەچىكىنىڭ يۆنىلىشىنى مەلۇم دەرىجىدە بەلگىلەپ چىقالىدى. بىز ئاڭلىق ھالدا ياشاش شەكلىمىزنى ۋە تارىخ بىزگە ئاتا قىلغانلارنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. بولۇپمۇ كىملىك مەسىلىسىدە بۇ تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن كىملىكنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ۋە كەم بولسا بولمايدىغان تەرىپى بولغان تارىخنى ئوبدان بىلىشىمىز كېرەك. تارىخ بىلىمى ۋە ئېڭى بىر جەمئىيەت ۋە مىللەتكە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىمدۇر. مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر، بولۇپمۇ 18-ئەسىردىن باشلاپ تارىخ ئىلمىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.“[117]

كۈنىمىزدە بىر جەمئىيەتنىڭ كۈلتۈرى، سىياسىتى، دۇنيا قارىشى ۋە قىممەت قاراشلىرى قاتارلىقلارغا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان پەن دەل تارىختۇر. دەرۋەقە، تارىخ سىياسەتنىڭ ئاشخانىسىدۇر. تارىخسىز سىياسەت ئىلمىي تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. تارىخ پەنلەر ئارا تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشنىڭ دەل مەركىزىدىن ئورۇن ئالىدۇ. لاتىنچە، ھىستورىيا ( historia) كەلىمىسىدىن تۈرلەنگەن تارىخنىڭ غەرب تىللىرىدا بىلدۈرىدىغان مەنىسى ”خەۋەر ئېلىش ۋاستىسى ئارقىلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش“تۇر. [118]ئۆتمۈشنىڭ ئىلمى دەپمۇ ئاتىلىدىغان تارىخ كەلمىسى ئىبرانىچە ”ۋەررەھە“ (verrehe)، كەلىمىسىدىن كېلىدۇ. مەنىسى ”ھىلالنى كۆرۈش“دېگەنلىكتۇر.[119] گىرىكچە ”ئىستورىيا“ (istoria)كەلىمىسى ۋەقە-ھادىسىلەر ئۈستىدە تەپسىلىي ئىزدىنىش دېگەنلىكتۇر.[120]ئەرەبچىدە ”ئۇستۇرە“سۈپىتىدە غەرب تىللىرىدىن كىرگەن تارىخ كەلىمىسى، ئەپسانە مەنىسىدە ئىشلىتىلىگەن.تىلىمىزغا كىرگەن ”تارىخ“كەلىمىسى ئەرەبچىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ”بىر شەيئىنىڭ ۋاقتىنى –زامانىنى بېكىىتىش“دېگەنلىكتۇر. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەر خىل باسقۇچ ۋە چۈشەنچىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن تارىخ ئىلمىي، ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە يوقىلىش، ئىززەت-ئابرويلۇق ۋە ئىززەت-ئابرويسىز ياشاش كۈرىشىنىڭ سان-ساناقسىز مىساللىرى بىلەن تولۇپ تاشىدۇ. تارىخ ئۆتمۈشتە ئىنسانلارغا بىرلەمچى ھالەتتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ ماكان، زامان ۋە ئىجرا قىلغۇچىلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، مەنبەلەرگە ئاساسەن سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە تەتقىق قىلىدىغان پەندۇر. سىھىر كۈچى ۋە جەلپ قىلارلىقى كۈچلۈك بولغان تارىخ ئىلمىي، مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىپ ۋەتەن ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدە زور رول ئوينايدۇ.[121]شەكسىزكى، تارىخ تەتقىقاتى ئىنسانغا دائىر ھەقىقەتلەردىن سىرت، ئىنسانلار تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي كىملىكلەر تەرىپىدىنمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. جەمئىيەتلەرنىڭ ئەنئەنىلىرى، ئىش-پائالىيەتلىرى، قانۇن ۋە مۇئەسسىسلىرى، شۇ جەمئىيەتنىڭ تارىخى ئارقىلىق ئىزاھلىنىدۇ.[122]تارىخ كوللېكتىپ خاتىرىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي كىملىكلىرىنى چۈشىنىشتە ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك ئارزۇ-ئىستەكلىرى ۋە ئۈمىدلىرىنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان تەجرىبىلەرنىڭ جۇغلانىمىسىدۇر.[123]تارىخ ئۆتمۈش ۋە كۈنىمىزنى تەتقىقات قىلغاندىن سىرت، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بارلىق ھەقىقەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشىدۇ.[124]تارىخ پەلسەپىسىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئەنگلىيەلىك مۇتەپەككۇر ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە ۋە تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى كولىڭۋۇد مۇنداق دەيدۇ: تارىخچىلار ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئۆتمۈش قانداقتۇر ئۆلۈك ئۆتمۈش ئەمەس، بەلكى مەلۇم مەنىدە كۈنىمىزدىمۇ ھېلىھەم ياشاۋاتقان ئۆتمۈشتۇر. لېكىن تارىخچى ئۆتمۈشتىكى بىر ھادىسە ياكى ئىش-پائالىيەتنىڭ كەينىدىكى ئىدىيە ياكى چۈشەنچىنى ئىزاھلىمىسا، بۇ ھادىسە ياكى ئىش-پائالىيەت ئۆلۈك ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بارلىق تارىخ، ئەمەلىيەتتە چۈشەنچە ۋە ئىدىيەنىڭ تارىخىدۇر. تارىخ تارىخچىنىڭ زىھنىدە قايتىدىن ئەكس ئېتىشىدۇر. تارىخچىنىڭ زىھنىدە ئۆتمۈش قايتىدىن جانلىشى ئۈچۈن ھەققىي مەنبەلەر مۇھىم رول ئوينايدۇ.[125]

شەكسىزكى، مىللىي ئېقىم ۋە مىللىي كىملىكلەرنىڭ مودېرن دەۋرلەردە پەيدا بولۇشى ۋە بۇلارنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەت ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىشى قاتارلىقلاردا تارىخ مۇھىم رول ئوينىغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، بارلىق ئىدېئولوگىيەنىڭ پەيدا بولۇشى، بۇ ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ ھەقلىق ئورۇنغا ئۆتۈشى ۋە يېڭى بىر جەمئىيەتنىڭ بەرپا بولۇشى قاتارلىقلاردىمۇ تارىخ ئىلمىي، ناھايىتى مۇھىم ئۆرنەك(پارادىگما)[126] ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. باشقا بىر نۇقتىدىن جەمئىيەتنىڭ ئۆز  ئوبرازىنى، ئۆزگە جەمئىيەتلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئۆزگىلەرگە  سېلىشتۇرۇپ چۈشىنىش جەھەتتە باشقا ئىجتىمائىي پەنلەرگە قارىغاندا تارىخ ئىلمىي بەكرەك ئىشقا يارايدۇ.

سىجىل ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئىلىم-پەن، تېخنولوگىيە ۋە ئۇچۇر دەۋرىدە، يەر شارى خاراكتېرلىك قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار يۈز بېرىۋاتقان كۈنىمىزدە، جەمئىيىتىمىزنىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مۇھىتتا سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، مەمۇرىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ساھەلەردە تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈلۈشى، ئاداققىچە مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرالىشى، ئۆچمەس مىللىي كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقلىرىنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈشى، كېلەچەكنىڭ دۇنياسىنى بەرپا قىلىشتا يېتەكچى رول ئويناش قاتارلىقلاردا تارىخ بەخشەندە قىلغان مەسئۇلىيەتمۇ نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك. تارىخچىلىرىمىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، ئوبرازى ۋە شەرت-شارائىتلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ، دۇنيانى ياخشى تونىيالىشى ، رېئاللىقلىرى بىلەن يۈزلىشىشى، دىنامىك ۋە پائال قىممەتلىك بايلىقلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشى شەرت.

شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، يۇقىرىدا تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۆتمۈشتە ۋۇجۇدقا چىقارغان ۋە كۈنىمىزدە ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان بۇ تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەقە-ھادىسىلەر، شۇنداقلا ئارزۇ-ئىستەك، نىشان ۋە غايىلەرنىڭ ئاساسى ئىجتىمائىي پەنلەرگە بولۇپمۇ تارىخقا تايىنىدۇ. دەرۋەقە، تارىخ ئىلمىي بىز ياشاۋاتقان مودېرن دۇنيانىڭ شەكىللىنىشىدە ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا، مىللىتىمىزنى ھەر قايسى ساھەلەردە قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسلىق يوللىرىدىن بىرى، تەلىم-تەربىيە يەنى مائارىپ سىستىمىمىزنى مەنىۋى بايلىقلىرىمىز ۋە مودېرن نىزام ۋە ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلىپ ئىسلاھ قىلىشتۇر. يەنى ئىلىم-پەن ۋە مەنىۋى بايلىقلار تۈرتكىسىدە شەكىللىنىۋاتقان مائارىپ سىستېمىمىزنىڭ ئاساسلىرى، نىشان ۋە پىروگراممىلىرى دائىرىسىدە مىللىي روھ، مىللىي تەربىيە[127]گە ئىگە بولغان، ساپالىق، مۇھاكىمە قىلىش قابىلىيىتى يۇقىرى، ۋەزىيەتنى كۆزىتەلەيدىغان، نەزەر دائىرىسى كەڭ، دېموكراتىك جەمئىيەت ۋە كۈلتۈر ھاياتىنىڭ ئېھىياجلىرىنى ۋە ئالاھدىلىكلىرىنى بىلەلەيدىغان ياش ئەۋلادلارنى تەربىيلەش چىقىش شەرتتۇر. جەمئىيىتىمىزدە ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە كېلەچىكى ۋە بۇ ھەقتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تۆۋەندە بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن.

  • جەمئىيىتىمىزدە ئىجتىمائىي پەنچىلەر تەتقىقات تېمىلىرىنى قانداق تاللايدۇ؟ تاللانغان تېمىلار جەمئىيىتىمىز دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە قانچىلىك مۇناسىۋەتلىك؟بۇ خىلدىكى تاللاش شەكىللىرى ئىجتىمائىي پەنلەرگە قانداق ۋە قايسى خىل يۆنىلىشتە تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
  • جەمئىيىتىمىزدە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئىلىم ئەھلىلىرى بىر-بىرلىرى بىلەن قايسى دەرىجىدە ئالاقە ئىچىدە تۇرماقتا؟ ئۇلار ئارىسدا ھەمكارلىق ۋە ئۆز-ئارا ئۇچۇر-مەلۇمات ئالماشتۇرۇش يېتەرلىك سەۋىيەدىمۇ؟ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە كۆرۈلىۋاتقان ئېقىم ئىختىلاپلىرىنى تۈگىتىش مۇمكىنمۇ؟ بۇنى تۈگىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
  • جەمئىيىتىمىزدە ئىجتىمائىي پەنلەر قانچىلىك دەرىجىدە قوللاشقا ئېرىشىۋاتىدۇ؟ قايسى ئورۇنلار ئىجتىمائىي پەنچىلەرنى قانچىلىك قوللىۋاتىدۇ؟
  • جەمئىيىتىمىزدە ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىگە ئىشەنگىلى بولامدۇ ۋە ئۇلارغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ؟

خۇلاسە

يېقىنقى يىللاردا ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيەدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەلىرىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە، تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقان يېڭىلىقلار ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ھېس قىلىنماقتا. بۇ ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات ئىلىم—پەن ساھەسىدىكى مەيدانغا كەلگەن نەتىجىلەرنىڭ تارقىلىش، ھەمبەھرىلىشىش ۋە ئىشلىتىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈپ بىلىم ۋە مائارىپ ساھەسىدىن باشقا ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ئاممىۋى خىزمەتلەر ۋە ئىقتىسادتىمۇ ئاساسلىق كۈچ ھالىتىگە ئايلاندى. كۈنىمىزدە نوقۇل بىلىمگە ئېرىشىش يېتەرلىك ئەمەس، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى يېڭى نەتىجىلەرنىڭ چىقىشىغا كۈچ چىقىرىش، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ دەرھال ئۇلارنى ئىگىللەش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ھازىرقى جەمئىيەتلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق نىشانلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى ھەقىقەتلەرنى تېپىپ چىقىشتا ۋاستە بولغان بىلىم تەرەققىي قىلغانسېرى، ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار كۆپەيگەنسېرى مۇتەسسەپلىك ۋە نادانلىق تۈگەيدۇ. كۈنىمىز ۋە كەلگۈسىدە ئىلىم-پەن مەنبەلىرىگە ئىگە بولغان، ئىلىم-پەندە يېڭىلىق يارىتالىغان، ئۇچۇر-مەلۇملارنى كونترول قىلىپ باشقۇرالايدىغان ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنالايدىغان جەمئىيەت ۋە مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشتىن باشقا قۇدرەت تاپالايدىغانلىقىنى، ناۋادا بۇلارنى ۋۇجۇدقا چىقارالمىغانلارنىڭ تارىخنىڭ زۇلمەتلىك سەھىپىلىرىگە كۆمۈلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇنداق بىر ئېسىل سۆز بار: ”ھەممە ئىشنىڭ قائىدىسى، ئۇسۇلى ۋە پىرىنسىپى بار“، ھەقىقەتەن ئىلىم-پەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپنىڭ قىلىشنىڭ چارىسىدۇر. ئىلىم-پەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئەمەسمۇ؟

بۇ دۇنيادا ئىنسان ھاياتىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ۋە كائىناتنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىزدە ئىشقا يارايدىغان ئىلىم-پەن، ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر ۋە ئۆگىنىش ئىستىكىمىزدىن پەيدا بولغان ”مېتودلۇق ھەقىقەتنى ئىزدەش“ھەرىكىتىدۇر. ئىلىم ئەھلىمۇ دەل ھەقىقەت ئىزدىگۈچىدۇر. ھەر ئىنسان كائىناتنىڭ قۇرۇلمىسى، فۇنكسىيەسى ۋە ھەر سىكۇنت ۋە مىنۇتتا مەيدانغا كەلگەن ۋەقە-ھادىسىلەر ھەققىدە مۇئەييەن چۈشەنچىلەرگە ئىگە. بۇ پارچە-پارچە چۈشەنچىلەر ئىلىم-پەنگە كۆپ پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. قاچانكى، بەزى ئىنسانلار پارچە-پارچە ۋە چېچىلاڭغۇ مەلۇمات ۋە  چۈشەنچىلەرنى سىستېملىق، مەنتىلىق ھالەتكە ئېلىپ كېلەلىسە، ئاندىن بىلىم روياپقا چىقارغان بولىدۇ.دەرۋەقە چۈشەنچىلەر ئوبيېكتىپ كۆزىتىش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن قوللاپ قۇۋەتلەنسە كۈچلۈك، قايىل قىلارلىق ۋە سىستېمىلىق پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بىر مىللەتنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي، كۈلتۈرى، ماددى-مەنىۋى بايلىقلىرىنىڭ چاقلىرى ئىلىم-پەن بىلەن ئايلىنىدۇ. ئىلىم-پەندە داۋاملىق يېڭىلىقلار بولۇپ تۇرىدۇ، يېڭى مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئىلىم-پەننىڭ قىممىتى يۇقىرلىغانسېرى، ئۇنىڭغا ئېرىشكەن شەخسلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ تەلىيى كېلىدۇ. تارىخغا نەزەر سالغىنىمىزدا بۇنىڭغا شاھىت بولىمىز. مەسىلەن، كۈنىمىزدە غەرب ئۆزىنىڭ ئىلمىي كۈلتۈرى ۋە چۈشەنچىسى تۈرتكىسىدە قۇدرەت تاپتى. ئىدېئولوگىيەلىك ئازغۇنلۇق ۋە توقۇلمىلارنى غەيرى مۇقەددەس ۋە پىراگماتىك (نەپچىلىك) نۇقتىدىن بىر تەرەپ قىلدى، گەرچە بۇ جەريان ئەگرى-توقايلىقنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، غەرب دۇنياسى يەنىلا بۇنى تەدبىق قىلىپ مۇئەييەن نەتىجىگە ئېرىشتى. بۇ سەۋەبتىن، غەربنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ۋە تەجرىبىلىرىگە سەل قارىساق بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى ئىنكار قىلالمايمىز. ياخشى كۆرۈش كۆرمەسلىك ئايرىم بىر ئىشتۇر. بۇلار ئىلمىي تەتقىقاتلار تۈرتكىسىدە ئايدىڭلىشىدۇ.

بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەنلەردىكى نەزىرىيەلەر بۈگۈنكى بىلىمنىڭ غول تۈۋرۈكلىرى بولسىمۇ، مۇتلەق مەنىدە ھەر ۋاقىت ھەققىي رېئاللىقنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ھەر ئىلمىي نەزىرىيە ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى تۈرتكىسىدە خاتا بولۇپ چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئىلىم-پەننىڭ ئوبيېكتىپ ۋە تەنقىدكە تولغان دۇنياسىدا ھېچقانداق بىر نەزىرىيە ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلمايدۇ.

دەۋرىمىزدە ئىلىم-پەن ساھەسىدە نەتىجە ياراتقان جەمئىيەتلەر دۇنيا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. چوڭقۇر پەلسەپىۋى مەسىلىلەرگە كىرمەيمۇ شۇنى كېسىپ ئېيتالايمىزكى، دەۋرىمىزدىكى ئىلىم-پەن تامامەن ئوبېيكتىپ دۇنياغا تەۋە بولۇپ، ئوتتۇرىغا چىققان نەتىجە ۋە يېڭىلىقلارمۇ ئوبېيكتىپ دۇنياغا تەۋە. مۇھىم بولغىنى، بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدە ئىلىمنى ھەم ئىلمىي ئۇسۇل ھەمدە ئىلمىي مېتودلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىش ھەمدە رەسمىي ئورۇنلار ۋاستىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈشتۇر. بىر جەمئىيەتنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتكە يېتىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ساھە دەل مائارىتپۇر. ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن يۇقىرى سەۋىيەدە بولغان جەمئىيەت ۋە مىللەتلەر بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ ساھەگە  زور مىقداردا مەبلەغ ئاجراتماقتا.

تارىختىن بۇيان ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرى جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىي، ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيەلىك تەرەققىياتلىرىغا پاراللىل ھالدا ئۆزگىرىپ ماڭدى. چۈنكى ئۆزگىرىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان شەرت-شارائىتلاردا ئىنساننىڭ مۇھىت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمۇ ئۆزگىرىپ پەرقلىق بولۇشى ناھايىتى تەبىئىدۇر. كۈنىمىز دۇنياسىدا ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن ئىقتىساد، تېخنولوگىيە ۋە ئىلمىي تەرەققىياتلارغا مەبلەغ ئاجىرىتىلىشىغا، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي-مەدەنىي ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىشىمىزگە تۈرتكە بولۇپ، كەلگۈسىنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلالايدىغانلىقى بەس-مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. شۇڭلاشقا، زامانىۋى ئىجتىمائىي پەن پىروگراممىلىرى كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە ئاساسەن شەكىللەندۈرۈلمەكتە، دائىرىسى ۋە ئۇسۇلى ئەتراپتا بولۇپ ئۆتكەن ئۆزگىرىشلەر ۋە تەرەققىياتلارغا ئاساسەن شەكىللەنمەكتە. قىسقىسى، ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتۇشىنىڭ مەقسىتىنى مۇنداق يىغىنچاقلاش مۇمكىن: كىشىلىك تەرەققىيات، كىشىلىك مۇناسىۋەت، ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۈنۈمدارلىق، پۇقرالىق ئېڭى ۋە مەسئۇلىيىتى، ھاياتقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ ئۆزگىرىش قابىلىيىتى، دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش، توغرا ۋە مەنىلىك ھايات پەلسەپىسىگە ئىگە بولۇش… دەۋرىمىزدە 21-ئەسىرنىڭ تەقەززاسى بويىچە زامانىۋى دۆلەت ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش نىشانى تەقەززا قىلىدىغان بارلىق قابىلىيەتلەرگە ئىگە بولۇش، مودېرن دۇنيا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىدىن بىرى ئىجتىمائىي پەنلەردۇر.

دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن جەمئىىيىتىمىزدىكى ئىجتىمائىي پەن ۋە تارىخ ئوقۇتۇشىدا يېڭى ئەندىزىگە ئېتھىياجىمىز بار. بۇ ئەندىزە جەمئىيەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىقىدارىغا ئىگە، مىللىي كىملىككە زىيان بەرمەيدىغان، ئەكسىچە زامانىۋى چۈشەنچىسى ۋە مەزمۇنى ئارقىلىق مىللىي كىملىكنى كۈچەيتىدىغان، كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىرق، دىن، كۈلتۈر ۋە جىنسىيەت ئايرىمچىلىقىغا قارشى بولغان، تىنچلىقنى ياقلاشنى بايلىق سۈپىتىدە كۆرىدىغان ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى مەقسەت قىلىدۇ. مودېرن تارىخ ئوقۇتۇشى ئۆزگىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى يوق قىلىشنى ئەمەس، خىلمۇ خىلاشتۇرۇشنى، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ بېيىتىشنى ۋە باشقا كىملىكلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتىدىغان بارۋەرلىك ۋە ئىناقلىقنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك. مىللەتلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۈچەيتىشە مۇھىم رول ئوينايدىغان، شەخسلەرنى مەنىۋى رىشتىلار ئارقىلىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدىغان تارىخ ئوقۇتۇشى، ئاكادېمىك خاراكتېردىكى تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇشتىن پەرقلىق تەرىقىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.[128]چۈنكى ئاكادېمىك مەنىدىكى تارىخ تەتقىقاتلىرى ۋە ئوقۇتۇشى ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدىكى تارىخ ئوقۇتۇشىدىن تامامەن پەرقلىقتۇر. بولۇپمۇ مەيلى سىياسىي ھاكىمىيەت بولسۇن مەيلى ئىدېئولوگىيەلەر  بولسۇن مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلىگەن ساھەنىڭ يەنىلا مائارىپ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ ئەھۋال ناھايىتى تەبىئىي ئەھۋالدۇر، تارىخ ئوقۇتۇشى مائارىپ تۈسىگە رەسمىي كىرسە ئاندىن مىللەتكە پايدىلىق بولىدۇ. چۈنكى تارىخ بىر مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىنى، بۈگۈنىنى ۋە كېلەچىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش رولىنى ئۆتەيدۇ. ئۆتمۈشكىلا ئېسىۋالماي، ئۇنىڭدىن كۈچ، ئىلھام ۋە غۇرۇر ئېلىپ كۈنىمىزنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋە كەلگۈسىگە مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەش…

ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە روياپقا چىققان ئەسەرلەر بىزگە تارىخ ئىلمىي بىلەن باشقا ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىنىڭ تولىمۇ يېقىن مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى تارىخ ئىلمىي بىلەن باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتتا بەزى ئورتاق ئۇسۇل ۋە تېخنىكىلارنى ئىشلىتىدۇ، تەنقىدىي نۇقتىئىنەزەرنى ئاساس قىلىدۇ، بەزى ئورتاق ئۇقۇم ۋە تېرمىنلارغا مۇراجائەت قىلىدۇ، ئورتاق تەتقىقات تېمىسىغا مەركەزلىشەلەيدۇ. تارىخ تەخمىنەن 30غا يېقىن قوشۇمچە ئىلمىي ساھەلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزىگە خاس مەلۇمات ۋە ساھە تەشكىل قىلىدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي مەلۇمات ۋە ئانالىزلار تارىخ ئىلمىي بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئوتتۇرىسىدا بىر پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا مۇھىم  رول ئوينايدۇ. ئىجتىمائىي ھەرىكەتچانلىقنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بىرى بولغان ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ مەقسىتى،ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيەنىڭ ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر ھادىسىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان مەسىلىلەر ۋە ئېھتىياجلارنى تېپىپ چىقىپ ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت. تارىخ ئىلمىي مىللەتلەرنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان پائال ۋە جانلىق ئەستە تۇتۇش خاتىرىسى بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ئانالىز قىلىشتا ئىشقا يارايدىغان ۋاستىدۇر. تارىخ زىت ۋە مۇرەككەپ ئەھۋاللارنى ئېنىقلاپ ئىلمىي نۇقتىدىن يورىتىپ بېرىدۇ. تارىخ مەسىلىلەرگە كەڭ دائىرىدىن كۆزىتىپ مۇھاكىمە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. تارىخ ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئۇسۇللىرىنىمۇ ئۆگىتىدۇ. تەتقىقات مېتودلىرى، تېمىلىرى ۋە پىرىنسىپلىرى جەھەتتىن تارىخ بىلەن باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر ئوتتۇرىسىدا يېقىن مۇناسىۋەت بار. تارىخ قاتارلىق ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنسان ۋە ئىنسانىيەتكە تەۋە ھەممە نەرسىنى يورىتىپ بېرىشكە تىرىشىدۇ. نۇرغۇن جەھەتتىن بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ۋە ئۆز-ئارا قوللاپ قۇۋەتلەيدىغان بۇ ساھەلەر، بىز ياشاۋاتقان مودېرن دۇنيانى بەرپا قىلىشتىمۇ باشتىن باشلاپ مۇھىم روللارنى ئۆتەپ كەلدى. ئىجتىمائىي پەن مىللەت ياكى جەمئىيەتنىڭ ئۆتمۈشىنى، بۈگۈنىنى ۋە كەلگۈسىنى بىرلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن نەزىرىيەۋى ئاساس يارىتىدۇ. بىزگە ئوخشاش تارىختا بۈيۈك مەدەنىيەتلەر بەرپا قىلغان، قۇدرەتلىك ئىمپېرىيەلەر قۇرۇپ چىققان، ئىلىم ساھەسىدە نەتىجە ياراتقان ۋە مول تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان بىر مىللەت ئىجتىمائىي پەننىڭ رولىغا، ئەھمىيىتىگە ۋە قۇدرىتىگە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. شەكسىزكى، پارلاق كەلگۈسى بەرپا قىلىش،  ئۆتمۈشنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا كەلگۈسىگە ھەر جەھەتتىن مەبلەغ سېلىنىشقا باغلىق. ئۆتمۈشنى رەت قىلىپ ئىنكار قىلساق نە بۈگۈن نە كەلگۈسى ياخشى بولمايدۇ.

كەڭ دائىرىدە ئىجتىمائىي پەن بىلەن، تار دائىرىدە تارىخ ئىلمىي تۈرتكىسىدە بىر جەمئىيەت مەدەنىيەت-ساپا جەھەتتىن يېتىشىپ چىقىدۇ، كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، يېڭى ئىستىراتېگىيەلەر ئوتتۇرىغا قويالايدۇ ۋە مىللىي ئېڭىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. جەمئىيىتىمىزدە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە زور مەسىلىلەر ساقلانماقتا. شۇڭلاشقا تارىخ بولۇپ بارلىق ئىجتىمائىي پەنگە زور ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بۇ مەسىلىنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يېڭى بىر دۆلەت ۋە جەمئىيەت بەرپا قىلىپ چىقىش جەريانىدا تىل، تارىخ، كۈلتۈر، سەنئەت، بىلىم ۋە قانۇنغا ئوخشاش ساھەلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.

”تارىخ بىر مىللەتنىڭ نېمىلەرگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە نېمىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ توغرا يېتەكچىدۇر. تارىخ بىر مىللەتنىڭ قېنىنى، ھەق-ھوقۇقىنى، مەۋجۇدلۇقىنى ھېچقاچان ئىنكار قىلمايدۇ. تارىخ يېزىش تارىخ ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئوخشاش مۇھىمدۇر. يازغۇچى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچىغا سادىق بولمىسا، ئۆزگەرمەيدىغان ھەقىقەتەن ئىنسانىيەتنى بىخۇدلاشتۇرىدۇ. ئۆتمۈشىگە ئىگە چىقالمىغان كەلگۈسىگىمۇ ئىگە چىقالمايدۇ“دېگەن مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تارىخ ئېڭى بىلەن يېتىشىپ چىقىشى لازىملىقىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ: ”ياش پەرزەنتلىرىمىز ئەجدادلىرىنى ياخشى تونىسا تېخىمۇ بۈيۈك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ئىلھام پەيدا بولىدۇ.“ شۇڭلاشقا، بىزنىڭ ئەڭ چوڭ كەچمىشىمىز مىڭلارچە يىللىق تەسىرگە ئىگە بولغان يىلتىمىز، كۈلتۈرىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزدۇر.

 

پايدىلانمىلار

 

تەرجىمان: ئادىلجان

[1] -ئىدېئولوگىيە سۆز جەھەتتىن (İDE-پىكىر) پىكىرلەر ئىلمى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مەلۇم بىر ئىجتىمائىي گۇرۇپپا ياكى سىنىپقا تەۋە پىكىرلەر جۇغلانمىسىدۇر.بىر سىياسىي ھاكىمىيەتنى نوپۇزلاشتۇرۇشتا ئىشقا يارايدىغان پكىرلەدۇر. ئەنئەنىۋى ئۇسۇللارنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن پىكىرلەرنىڭ سىستېمىلىق ئانالىز قىلىنىشىدۇر. ھەرىكەت مەركەزلىك سىياسىي پىكىرلەر جۇغلانمىسى ياكى شەخسنى ئىجتىمائىي جەھەتتىن مەنىگە ۋە قىممەتكە ئىگە قىلىدىغان ۋە ئورتاق تەۋەلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان پىكىرلەردۇر. سىستېمىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كاپاتكە ئىگە قىلىدىغان ۋە قۇرۇلمىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەيدىغان، شۇنداقلا ھاياتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ شەكىللەندۈرىدىغان سىستېمىلاشقان پىكىرلەر جۇغلانمىسىدۇر.

Terry Eagleton, İdeoloji, (Çev: Muttalip Özcan), İstanbul, 2005, s.1, İsmail Güven, Türkiye’de Devlet, Eğitim ve İdeoloji, Ankara, 2000, s.33; Ahmet Cevizci, Felsefe Sözlüğü, İstanbul, 1999, s.448.

[2] -Selahattin Ertürk, Eğitimde Program Geliştirme, Ankara, 1975, s.2–3.

[3] -Ömer Say, Millî Devlet Kültürü – Türkiye Yansımaları, İstanbul, 1998, s.88–89.

[4] -Fatma Varış, Eğitim Bilimine Giriş, Ankara, 1981, s.8.

[5] -Erol Eren, “Stratejik Planlama ve Yönetim”, İstanbul, 1987, s.6-9.

[6] -ھەققىدە نۇرغۇن مەنبە بولغان يەر شارىلىشىش ئۇقۇمىنىڭ ئېنىق تەبىرى يوق. بۇ سەۋەبلىك ئوخشىمىغان مەنىلەردە ئىشلىتىلگىنى ئۈچۈن بۇ ئۇقۇم خاتا ئىشلىتىلمەكتە ۋە چۈشىنىلمەكتە. يەر شارىلىشىش ئاتالغۇسى كۆپ ۋاقىتلاردا مەلۇم پىكىرلەر، قاراشلار، ئەھۋاللار، ھادىسىلەر، تېخنولوگىيەلەر، ئورگانلارغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ خەلقئارا مىقىياسىدا يۈز بېرىشى، ياكى دۇنيا مىقىياسىا مىللىي-ئۇلۇس كىملىكلىرىنىڭ، ئىقتىسادلارنىڭ ۋە چېگرالارنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يەر شارىلىشقان ھادىسىلەر تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى، پەرقلىق كىمىك ۋە كۈلتۈرلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىپادە قىلىشى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى، دۇنيادىكى جەمئىيەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشاپ قېلىشى، پەرقلىق كىملىك ۋە كۈلتۈرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئىپادە قىلىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشىشى، دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ بىر جەمئىيەت ئەتراپىدا پۈتۈنلشىشى، دۇنيانىڭ زىچلىشىپ كىچىكلىشى، مىللىي-ئۇلۇس خاراكتېرى بولغان ھەممە نەرسىنىڭ بارغانچە قىممىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى، دۇنيانىڭ يېگانە بىر ماكان سۈپىتىدە چۈشىنىلىشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

Fernand Braudel, Afterhoughts on Material Civilization and Capitalism, France, 1991, p.81-82. Paul Hırst, Grahame Thomson, Küreselleşme Sorgulanıyor, Ankara, 1998, s.26. Korkut Boratav, “Türkiye Ekonomisinde Yapısal Değişim”, 1994’e Girerken Türkiye Ekonomisi Paneli, İstanbul,1994 ,s.21; Ali Yaşar Sarıbay, Fuat Keyman, Küreselleşme Sivil Toplum ve İslâm, İstanbul,1998, s.9; Gencay Saylan, Değişim, Küreselleşme ve Devletin Yeni İşlevi, Ankara, 1995, s.80.

[7] -Fevziye Saylan, Küreselleşeme ve Eğitimdeki Değişim, Ankara, 2007, s.59–82.

[8] – بۇ ئۇقۇم كېيىنكى مەزگىللەردە پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسىنىڭ كەڭ بولۇشى جەھەتتىن دىققەت تارتقان، ئۈستىدە كۆپ تالاش-تارتىش ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئوخشىمىغان كۆزنەكتىن ئىزاھلانغان ئۇقۇمدۇر. بىر شەخس ياكى گۇرۇپپىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىزاھلىشى ۋە ئۆزىنى باشقا شەخس ۋە گۇرۇپپىلار ئىچىگە ئېلىپ كىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. شەخسنىڭ ئۆزى ياشىغان ھەر قايسى ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ۋە بۇ گۇرۇپپىلارغا قارشى بولغان، ھەق ۋە ساداقەتمەنلىك دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. كىملىك: بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتى، ئىنسانىيلىقى، ئورنى، يىتلىزى ئۈستىدىكى سۇبيېتكىپ ئىزدىشىنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەرنىڭ باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ سىز كىم؟ دېگەن سوئالغا بەرگەن جاۋابىدۇر. بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىمىزغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بېرىدىغان، قەيەردە ئىكەنلىكىمىزنى دەپ بېرىدىغان بىر يۈرۈش قىممەت ئۆلچەملىرىدۇر.

Nuri Bilgin, Kimlik İnşası, İzmir, 2007, s.11; Kemal Karpat, Kimlik Sorununun Türkiye’de Tarihi, Sosyal ve İdeolojik Gelişimi, İstanbul, 1995, s.23; Erkan Perşembe, Almanya’da Türk Kimliği; Din ve Entegrasyon, Ankara, 2005, s.27; Bozkurt Güvenç, Türk Kimliği, Kültür Tarihinin Kaynakları, İstanbul, 1995, s.3; Naci Bostancı, Kimliklerin Zırhını Kuşanmak, http://www.zaman.com.tr; Zaman Gazetesi, 13-12-2006

[9] -ئۆزگىرىش جانلىق ۋە جانسىز بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مۇقەررەر قانۇنىيەتتۇر. سوكراتنىڭ“بىز ئەڭ ياخشى بىلىدىغان نەرسە، ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدۇر“دېگەن سۆزى بۇ رىئاللىقنى ئەڭ روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى بەلگىلەيدىغان نەزىرىيە، ئۇقۇم ۋە مەنىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىدۇر. ئۆزگىرىش بىر ھالەتتىن باشقا بىر ھالەتكە ئۆتۈشنى كۆرسىتىدۇ.

[10] -مودېرنلىشىش كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان جەرياندۇر. كاپىتالىزمدىن بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى قۇرۇلمىلارنىڭ يىمىرىلىشى، مەركىزى بازارنىڭ شەكىللىنىشى، پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، تاۋار مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى ياكى ھەر نەرسىنىڭ (مەنىۋى نەرسىلەرمۇ بار)تاۋارلاشتۇرۇلۇشى، ھەقلىق (مائاشلىق) ئەمگەكنىڭ ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتۈشى (يەنە ھەر ئەمگەكچىگە ئىش ھەققى بېكىتىلىشى)،سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، دۆلەت مىخانىزملىرىنىڭ ئەقلىيلىشىشى (قۇرۇلمىشىشى) قاتارلىقلار بۇ جەرياننىڭ ئىپادىلىرى ھېسابلىنىدۇ. كونا ۋە ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە مودېرنلىشىشغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان جەريان ۋە ئەمەلىيەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامىدۇر. ئىنسان ۋە ئىنسان ئەقلىگە چەكسىز ئىشىنىشتۇر.

Metin Çulhaoğlu, Modernleşme, Batılılaşma ve Türk Solu, Modern Türkiye’de Siyasî Düşünce–Modernleşme ve Batıcılık, III, İstanbul, 2002, s.170–189.

[11] – پوست-كاپىتالىست ۋە پوست-سانائەتكە ئوخشاش ئۇقۇملاردىن پايدىنىلىپ ئۆزىنى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلماقچى بولغان پوست-مودېرنىزم، پەلسەپەدە ”پوست-مودېرن“لىق ئەھۋال، دەپ ئاتىلىدۇ. پوست-مودېرنىزم بۈيۈك ئىدېئولوگىيەلەر ۋە دۇنيا قاراشلارغا، شۇنداقلا پوزىتىۋزملىق (زىيادە ئەمەلىيەتچانلىق)بىلىم نەزىرىيەسىدىكى دۇنياۋى كاتېگورىيەلەردىن شەكلىنىدىغانلىقىنى دەيدۇ. شۇنداقلا  ئەقلىيەتچىلىكنىڭ دۇنياۋى نوپۇزىغا قارشى چىقىپ پوزىتىۋىزمنىڭ ھەقىقەت قارىشىنى رەت قىلىدىغان ئېقىمغا بېرىلگەن نامدۇر. مودېرنىزمغا قارشى ئىنكاس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان پوست-مودېرنىزم، مودېرنىزىمدىن كېيىنكى دەۋرگە بېرىلگەن نام ئىدى. مودېرنىزم بىلەن زىتلىق ئىچىدىكى بۇ ئۇقۇمنى، تۇنجى قېتىم ئەنگلىيەلىك تارىخچى ئارنولد تويىنبى ”تارىخ ئانالىزى“ناملىق ئەسىرىدە 1939-يىلى ئىشلەتكەن. مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەلۇم بىر ئىدېئولوگىيەنى ياكى ئىدىيەنى مەقسەت قىلمايدۇ. مۇتلەقلىقنى، قارارچىلىقنى رەت قىلىپ نىسبىيلىكنى، ئىلاستىكىلىقنى ۋە ھەر خىللىقنى  تەشەببۇس قىلىدىغان ئېقىمدۇر. پوست-مودېرنىزم ئىنساننىڭ تەقدىرىنى قايتىدىن ئىنساننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئىنساننى  ئەركىنلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان كۈچلۈك شەكىلدىكى تەنقىدىي ئېقىمدۇر. دۇنيانىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قايتىدىن نام بېرىش ۋە ئىنساندەك ياشىغىلى بولىدىغان دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان زىھنى پائالىيەت ياكى دۇنيانى قايتىدىن بايقاش تەسەۋۋۇرىدۇر.

İlyas Söğütlü, İdris Demirel, “Kapitalizmle İlişkisi Çevresinde Sosyal Bilimler, Avrupa Merkezcilik ve Post-modernizm”, Türkiye Günlüğü, S. 95, Güz–2008, Cedit Yayınları, Ankara, s.32–33; İlhan Tekeli, Modernite Aşılırken Siyaset, Ankara, 1999, s.66

[12]– Uğur Kömeçoğlu, “Küreselleşme, Modernleşme, Modernlik”, Doğu-Batı, Yıl:5, S. 18, Ankara, 2002, s.9–25

[13] – Aytekin Yılmaz, “Modernliğin Ötesi: Yeni Eğilimler”, Yeni Türkiye Dergisi, S. 19, Ocak-Şubat, 1998, s.99-118.

[14] – Hasan Çoban, Bilgi Toplumuna Planlı Geçiş, Ankara, 1996, s.6.

[15] -ئانالىز ياكى تەھلىل قىلىش سەنئىتى دەپ ئاتىلىدىغان ئىستراتېگىيە، بېكىتىلگەن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۇسۇلنىڭ ھەرىكەت پىلانىنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇم جەھەتتىن تەپسلىي يول خەرىتىسى ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلغاندا، تەشكىلات ماڭماقچى بولغان يولنى كۆرسىتىدۇ. ئىستراتېگىيە پەيتلىك ۋە ئالدىن بېكىتىلگەن دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. پەيتلىك ئىستراتېگىيە يېڭى ۋە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى بىر نىشان ئۈچۈن يېتەكلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئالدىن بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيە كەڭ دائىرلىك بولۇپ، ئېنىق نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بېسىشقا تېگىشلىك مەنتىقىلىق ۋە ئاڭلىق قەدەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىلدىكى ئىستراتېگىيە پىلانى ئۇزۇن مۇددەلىك پىلان دەپمۇ قارىلىدۇ.

Susan Clayton, Strateji Geliştirme, İstanbul, 2002, s.36-40.

[16] – Yasin Aktay, “Yirmibirinci Yüzyıla Doğru Bilgi Toplumu: Bir Yapıçözümü Denemesi”, Yeni Türkiye Dergisi, 21.Yüzyıl Özel Sayısı, S. 19, Ocak-Şubat 1998, s.552–564.

[17] -Yaşar Baykul, Selahattin Gelbal, Hülya Kelecioğlu, Anadolu Liseleri İçin Araştırma Teknikleri, İstanbul, 2008, s.6–7.

[18] -ئىلمىي تەتقىقات مېتودى: ھادىسە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىلمىي نەتىجە ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن مۇراجائەت قىلىنىدىغان ۋە مەلۇم جەريانلىرى بولغان ئەڭ ئىشەنچىلىك يول دە قارىلىدۇ. ئىلمىي تەتقىقات مېتودى يىغما خۇلاسە ئۇسۇلى بىلەن ئارىستوتىلنىڭ يەشمە خۇلاسە ئۇسۇلىنىڭ بىرلەشمىسىدۇر. بۇ تەجرىبە ۋە كۆزىتىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىنى ياقلايدىغان مۇتەپەككۇرلار، ئۇنىڭ ئىنسان ئەقلى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ئورتاق تەكىتلىشىدۇ.  جون ۋېۋېي ئىلمىي تەتقىقات مېتودىنىڭ چۈشەنچە ئىستراتېگىيەسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ ”قانداق تەپەككۇر قىلىمىز“ناملىق كىتابىدا بۇ ھەقتە توختىلىدۇ.

Niyazi Karasar, Bilimsel Araştırma Yöntemi, Ankara, 2002, s.12–13. 19

[19] -Halil Seyidoğlu, Bilimsel Araştırma ve Yazma El Kitabı, İstanbul, 1993, s.1

[20] Doğan Özlem, Felsefe ve Doğa Bilimleri İstanbul, 1995, s.32.

[21] Ali Sinan Bilgili, Geçmişten Günümüze Sosyal Bilimler ve Sosyal Bilgiler, Ankara, 2008, s.4.

[22] Alan F. Chalmers, Bilim Ruhbilim Sözlüğü Dedikleri, (Çev.: H. Arslan), İstanbul, 2000, s.5.

[23] Orhan Hançerlioğlu, Ruhbilim Sözlüğü, İstanbul, 1998, s.59.

[24] Merih Zıllıoğlu, İletişim Nedir?, İstanbul, 1998, s.47.

[25] Bryan Magee, Felsefenin öyküsü, (Çev.: Bahadır Sina Şener), Ankara, 2004, s.64

[26] D. Özlem, Felsefe ve Doğa Bilimleri, s.9–17.

[27] Bedia Akarsu, Felsefe Terimleri Sözlüğü, İstanbul, 1998, s.36.

[28]

[29] -پەن: ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تونۇش ۋە چۈشىنىش ئىستىكى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان، سۇبيكېتىپ (ئىنسان) بىلەن ئوبيېكتىپ (ھادىسە-رېئاللىق) ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ. پەننى باشقا مەلۇماتلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان ۋە ئۇنى تېخىمۇ ئىشەنچىلىك قىلىدىغان نەرسە ئىلمىي تەتقىقات مېتود ھەمدە رەھىمسىزلىكتۇر. دەرۋەقە، ئىلىم-پەن تەنقىدىي تەپەككۇرنى ئاساس قىلىدۇ.

Ömer Demir, Mustafa Acar, Sosyal Bilimler Sözlüğü, İstanbul, 1993. s.30.

[30] C. Aktan, İ.Vural, “Bilgi Çağında Bilginin Yönetimi”, Mercek, Yıl:10, S. 38, 2005, s.8-21.

[31]  Nonaka, Ikujiro ve Hirotaka Takeuchi, The Knowledge Creating Conpany, New York, Oxford Universty Pres, 1995, s.58.

[32] Coşkun Aktan, İstiklâl Vural, “Bilgi Çağında Bilginin Yönetimi”, s.10.

[33] C. Aktan, İstiklâl Vural, “Bilgi Çağında Bilginin Yönetimi”, s.9.

[34] Ahmet Gürses, “Bilimin Doğası, Yüksek Öğretim Öğrencilerinin Bilimin Doğasına Dair Düşünceleri,” Millî Eğitim, Bahar–2005, Yıl: 33, S. 166, Ankara, 2005, s. 65–72.

[35] B. Akarsu, Felsefe Terimleri Sözlüğü, s.34.

[36] Söğütlü İlyas, Demirel İdris, “Kapitalizmle İlişkisi Çevresinde Sosyal Bilimler, Avrupa Merkezcilik ve Post-Modernizm”, Türkiye Günlüğü, S. 95, Güz–2008, Ankara. s.29.

[37] -ياۋروپا مەركەزلىك چۈشەنچە شەرقشۇناسلىققا ئوخشاش، ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تەكىتلەيدىغان چۈشەنچە شەكلىدۇر. بولۇپمۇ، بىلىم، پەلسەپە، سەنئەتكە ئوخشاش ساھەلەردە ياۋروپا چۈشەنچىسى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگە چۈشەنچە ۋە مەدەنىيەتلەرگە قارىغاندا ئۈستۈن ۋە ئىلغا ر ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ياكى يوشۇرۇن ياقلايدىغان ئېقىمدۇر. 15-ئەسىردە ياۋروپا قىتئەسىدە ياشىغانلارنىڭ دۇنيانىڭ باشقا يېرىدىكى مەدەنىيەتسىز جەمئىىيەتلەر ياشىغان يەرلەرنى ”بايقىشى“نەتىجىسىدە پەيدا بولغان ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىدۇر.

Stam R. Shohat, E. “İç içe Geçmiş Tarihler: Avrupa-merkezcilik, Çok-kültürcülük ve Medya”, (Derleyen: Edibe Sözen), Köprü, (Kış–2002), İstanbul, s.77-94.

[38] Martin Heidegger, Bilim Üzerine İki Ders, (Çev.: Hakkı Hünler), İstanbul, 1998, s.14–15.

[39] Ali Sinan Bilgili, Geçmişten Günümüze Sosyal Bilimler ve Sosyal Bilgiler, Ankara, 2008, s.3.

[40] Mark Duverger, Sosyal Bilimlere Giriş, (Çev.: Ünsal Oksay), Ankara, 2002, s.7.

[41] İlyas Söğütlü- İdris Demirel, “Kapitalizmle İlişkisi Çevresinde Sosyal Bilimler, Avrupa Merkezcilik ve Post- Modernizm”, s.29–37.

[42] Recep Şentürk, İslâm Dünyasında Modernleşme ve Toplumbilim, İstanbul, 1996, s.51.

[43]

[44] Sevim Can, Türkiye’de Sosyal Bilimler Üzerine Düşünmek, Milli Eğitim, Yıl:7, S. 75, Ankara, Mayıs–2006, s.32–35.

[45] Şerif Mardin, Siyasal ve Sosyal Bilimler-Makaleler, İstanbul, 2005, s. 29–30.

[46]  Mehmet Öz, “Cumhuriyet Döneminde Sosyal Bilimler”, Türkler Ansiklopedisi, IX, Ankara, 2002, s.499.

[47]  A. Sinan Bilgili, Geçmişten Günümüze Sosyal Bilimler ve Sosyal Bilgiler, s.10–11.

[48]  Karl R. Popper, Tarihsiciliğin Sefaleti, Çev.: Sabri Orman), İstanbul, 1999. s.54–58.

[49] Yaşar Yücel, Bahaeddin Yediyıldız, “Tarih ve Kültür”, Milli Kültür Unsurlarımız Üzerinde Görüşler, Makaleler, Ankara, 1990, s.53–66.

[50] H. Seyidoğlu, Bilimsel Araştırma ve Yazma El Kitabı, s.6.

[51] Mark Duverger, Sosyal Bilimlere Giriş, s.12–13.

[52] -فرانكفۇرت مەكتىپى: گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدە 1923-يىلى قۇرۇلغان فۇر ئىنستىتۇتتا خىزمەت قىلىدىغان ۋە ئىجتىمائىي پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىدىغان تەتقىقاتلاردىن تەشكىل تاپقان فرانكفۇرت ئېقىمى، ئىجتىمائىي پەن تارىخىدا زور ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېقىمدا تېدور ۋ، ئادورنو، ماكس خوركھېيمىر، ۋالتېر بېجامىن، ھېبېرت ماركىيۇس، لىئو لوۋېنتال، ھېنرىك گىروسمەن، فېدرىچ پوللوك، ئېرىك فرومغا ئوخشاش شەخسلەر بار. بۇ ئېقىم ماركسىزم ۋە ئىقتىسادىي قارارچىلىققا قارشى چىقىپ، ئىدىئولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىدۇ.

[53] -ئاننالېس مەكتىپى: 1929-يىلى لىيۇسېن فېبرې ۋە ماركس بلوچ تەرىپىدىن قرۇلغان مەشھۇر تارىخ ژۇرنىلىدۇر.

[54] Nuri Köstüklü, Sosyal Bilimler ve tarih Öğretimi, s.9.

[55]Fatma Varış, Eğitimde Program Geliştirme: Teori ve Teknikler, Ankara, 1997, s.13.

[56] W. Gardner, A. Demirtaş, A. Doğanay, “Sosyal Bilimler Öğretimi”, Ankara, 1997, s.1-3.

[57] Ahmet, Doğanay, “Öğretimde Kavram ve Genellemelerin Geliştirilmesi”, Hayat Bilgisi ve Sosyal Bilgiler Öğretimi, Editl: C. Öztürk, D. Dilek, PegemA Yayıncılık, Ankara,, 2005, s.20–21.

[58] William Gardner, Abdullah Demirtaş, Ahmet Doğanay, Sosyal Bilimler Öğretimi, s.1.

[59] Y. Hakan Erdem,“Popüler Tarih, Ağzına Geleni Söyleme Alanı Değildir”, Mostar, Aylık Kültür ve Aktualite Dergisi, Ekim–2009, S. 56, İstanbul, s.50–55.

[60] Fersun Paykoç, Tarih Öğretimi, Editör: Bekir Özer, Eskişehir, 1991, s.3

[61] Dursun Dilek, Tarih Derslerinde Öğrenme ve Düşünce Gelişimi, Ankara, 2001, s.s.2–3.

[62] F. Paykoç, Tarih Öğretimi, s.2.

[63] Bkz. Norman T. Feather, Values in Education and Society, New York, 2002, s.8.

[64] Amiran Kurktan Bilgiseven, Sosyal İlimler Metodolojisi, İstanbul, 1994, s,46–47.

[65] -ئادەتتە ئىجتىمائىي پەنچىلەر بۇ ئالاھدىلىكلەرنى قىسقىچە مۇنداق بايان قىلىدۇ: ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ بارلىق سەۋەبلىرىگە مەركەزلىشىدۇ. دەلىل-ئىسپات ۋە ماتېرىيال ئىشلىتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئوبېيكتىپ ۋە مۇسبەت ئىلىم ھېسابلىنىدۇ. ئامىللارنىڭ سالمىقىغا ئاساسەن، ۋەقە-ھادىسىلەر توغرۇلۇق دەۋرلەرگە ئاساسەن مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ، تەنقىد قىلىنىشى كېرەك. سەۋەب—ەتىجە مۇناسىۋىتى دائىرىسىدە ئانالىز قىلىنىدۇ. ھەر ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر نەزىرىيەسى بار. ۋەقەلەرنى بىر يەرگە يىغىش ئارقىلىق ئانالىز قىلىپ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە چارە تېپىشنى مەقسەت قىلىدىغان پەندۇر.

[66] -فىرانسۇز تارىخ مۇتەپەككۇرى لىئوپولد ۋون رانكې، 19-ئەسىردە ياۋروپادا  تارىخنى كەسپىي ھالدا يېزىپ چىقىشنىڭ باشلامچىسىدۇر. 19-ئەسىردىكى كەسپىي تارىخچىلىق ئەنئەنسىىنىڭ ئەدەبىي تەرەپلىرى قويۇق بولغان باياننى ئاساس قىلىدىغان، ۋەقەگە مەركەزلەشكەن خاراكتېرىنىڭ، ئىجتىمائىي پەن مەركەزلىك تارىخىي تەتقىقات ۋە يېزىش شەكىللىرىگە ئايلاندى. ئەنئەنىۋى تارىخچىلىق ئەنئەنىسى تەنقىد قىلىنىپ، بۇنىڭغا دۇئېل ئېلان قىلىنىدۇ. يېڭى تارىخچىلىق ئېقىمىدا ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلار ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش جەريانلىرى تەكىتلىنەتتى. ئوبېيكتىپ تارىخچىلىق تەتقىقاتى، يېزىش ۋە چۈشەنچە ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ماھىىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشتۇر.

George G. Iggers, Yirminci Yüzyılda Tarih Yazımı, Tarih (Çev.: Gül Çağalı Güven), İstanbul, 2000, s.3-4

[67] -George G. Iggers, Yirminci Yüzyılda Tarih Yazımı, s.5.

[68] -Fatih Gümüş, “Yeni Yöntem ve Yaklaşımlara Açık Bir Ruh: Annales Okulu”, Toplum ve Bilim, S. 91, Kış–2001, s.314.

[69] -F. Braudel, Tarih Üzerine Yazılar, s.111.

[70]  Léon E. Halkın, Tarih Tenkidinin Unsurları, (Çev.: B. Yediyıldız), Ankara, 1989, s.34.

[71] – Hasan Şimşek, 21.Yüzyılın Eşiğinde Paradigmalar Savaşı: Kaostaki Türkiye, İstanbul, 1997, s.9. Ali Püsküllüoğlu, Türkçe Sözlük, Ankara, 2003, s.391

[72] Gardner W. Demirtaş A. Doğanay A., “Sosyal Bilimler Öğretimi”, Ankara, 1997, s.1.

[73] -تارىخ ئىلمىدە مەنبەلەر-ماتېرىياللار: تارىخ توغرۇلۇق بىزگە مەلۇمات بېرىدىغان، تارىخنى يورىتىپ بېرىدىغان، تارىخغا شاھىتلىق قىلىدىغان بارلىق ماتېرىياللارغا مەنبە(ماتېرىيال-ۋەسىقا)نامى بېرىلىدۇ. مەنبەلەر ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەلۇماتلارنىڭ قىممىتىگە ئاساسەن غول مەنبە، بىرىنچى قول مەنبە ۋە ئىككىنچى قول مەنبە دەپ تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. غول مەنبە: ۋەقە-ھادىسىلەرنى بىۋاستە باشتىن كەچۈرگەن، شاھىتلىق قىلغان ياكى ۋەقە-ھادىسىلەر بىلەن دەۋرداش كىشىلەر يازغان ئەسەر ۋە بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ”غول مەنبە“دەيمىز. بۇلار ئەينى دەۋردىكى جانلىق شاھىتلاردۇر. غول مەنبەلەر بىزنى ۋاستىسىز ھالدا مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىلمىي تارىخ تەتقىقاتلىرىدا ئالدى بىلەن غول مەنبەلەردىن پايدىلىنىلىدۇ. بىرىنچى قول مەنبەلەر: غول مەنبەنى كۆرگەن ۋە ئۇلاردىن نەقىل ئالغان مەنبەلەرگە ”بىرىنچى قول مەنبە“دېيىلىدۇ. مەسىلەن، ماركوپولو ۋە ئەۋلىيا چەلەبىنىڭ ساياھەت خاتىرىلىرى بىرىنچى قول مەنبەلەردۇر. ئىككىنچى قول مەنبەلەر: بىرىنچى قول مەنبەلەردىن پايدىلىنىلغان مەنبەلەردۇر. غول مەنبەلەر تېپىلغان ئەھۋالدا بىرىنچى ياكى ئىككىنچى قول مەنبەلەردىن پايدىلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. تارىخىي مەنبەلەر يازما (ئاۋازلىق، كۆرۈنۈشلۈك، خەتلىك) ۋە ئاغزاكى بولۇپ ئىككى قىسىمدا ئانالىز قىلىنىدۇ. يازما مەنبەلەر: تارىخ تەتقىقاتلىرىدا پايدىلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم مەنبەلەردۇر. يازما ئارخىپ ماتېرىياللىرى (پەرمان، ھۆكۈمنامە، ئەھدىنامە، ئىمزا ۋە تامغىلار بولغان ھۆججەتلەر،قارارنامىلەر، بىئوگراپىيە، ئوتو-بىئوگراپىيە، ساياھەتنامىلەر، گېزىت، ژۇرنالغا ئوخشاش قەرەللىك مەتبۇئات ۋە شەجەرەلەر، يىلنامىلەر، كىتابىلەر، پىلان-لايىھەلەر، تاش پۈتۈكلەر، ئۈن، رەسىم، فوتو-سۈرەت، جەدۋەللەر، فىلىم،ۋىدېئو، ئابىدە، ھەيكەل، قەبرە تاشلىرى، پۇللار، مېداللار، داچەنلەر، ئوردىنلار ۋە تامغىلار، ھەر خىل بۇيۇملار، قوراللار، ئارخىئولوگىيەلەر ئەشىيالار). ئاغزاكى مەنبەلەر: بەزىدە بىر كىشى ئېيتقان ۋە بايان قىلغۇچى بىلىدىغان مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزىلىرى بولسا، كىم تەرىپىدىن دېيىلگەنلىكى نامەلۇم بولغان مەلۇماتلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاغزاكى مەنبەلەر خەلق ئىچىدە ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىش ئارقىلىق كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن، بىر قىسمى بولسا يازمىلاشتۇرۇلغان. مەسىلەن، تارىخىي شىئىرلار، ھېكايىلەر، مەنقىبىلەر، داستانلار، ماقال-تەمسىللەر، لەتىپە قاتارلىقلار بۇنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ.

[74] Süleyman Özoğlu, Liselerde Sosyal Bilimler Öğretimi, Ankara, 1987, s.32–38.

[75] Baki Öğün, “Tarih ve Arkeoloji”, Fırat Üniversitesi, Tarih Metodolojisi ve Türk Tarihinin Meseleleri Kolokyumu, Elazığ, 1990, s.

[76] Zekerya Akkuş, “Sosyal Bilgilerin Temelleri, Makaleler”, Ankara, 2008, s.242.

[77] Mübahat S. Kütükoğlu, Tarih Araştırmalarında Usûl, İstanbul, 1991, s.9.

[78] A. Doğanay, “Öğretimde Kavram ve genelleştirmelerin Geliştirilmesi”, s.25

[79] M. S. Kütükoğlu, Tarih Araştırmalarında Usûl, s.9–10.

[80] Sina Akşin, Tarih ve Siyasî İlimler, Elazığ, 1975, s.122.

[81] İbn-i Haldûn, Mukaddime, I, İstanbul, 2005, s.59

[82] A. Doğanay, “Öğretimde Kavram ve genelleştirmelerin Geliştirilmesi”, s.25.

[83] M. S. Kütükoğlu, Tarih Araştırmalarında Usûl, s.9–10.

[84] S. Akşin, Tarih ve Siyasî İlimler, s.122.

[85] M. S. Kütükoğlu, Tarih Araştırmalarında Usul, s.11.

[86] Ekrem Memiş, Tarih Metodolojisi, Konya, 1995, s.40.

[87] -مىللىي مەپكۇر: بىر مىللەت ياكى جەمئىيەت كەلگۈسىدە يەتمەكچى بولغان ۋە جەمئىيەت، مىللەتكە ئالاقىدار ئۇلۇغ مەقسەت ۋە غايىلەرگە، مىللەتنىڭ ئارزۇلىرى ۋە نىشانىغا مەپكۇرە دېيىلىدۇ. بىر مىللەتنى تىل، تارىخ، يۇرت،كۈلتۈر ۋە مەپكۇرە بىرلىكى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئۇقۇمنى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن شەخسلەردىن بىرسى زىيا گۆكئالىپتۇر. ئەسلىدە بۇ ئۇقۇمنى تۈرك ئىلىم ۋە پىكىر دۇنياسىغا تونۇشتۇرغان، قوبۇل قىلدۇرغان، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە كەڭ ئىشلىتىلىشىگە تۈرتكە بولغان ۋە تۈركىيەدە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا  زور تۆھپە قوشقان مۇتەپەككۇر زىيا گۆكئالىپتۇر. ئۇنىڭغا قارىشىچە، مەپكۇرە ”بىر مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىدە چوڭ بۆھران دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن روھىي ھالەت ۋە زىھنى مەۋجۇدىيەتتۇر. مەپكۇرە رېئالىققا بولۇپ ئۆتكەن خىيال ئەمەس. مەپكۇرىنى مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىدىن كېلىپ ئۇنى كەلگۈسىگە ئېلىپ بارىدىغان پىكرىي ھەرىكەت دەپ قارايدىغان زىيا گۆكئالىپ، پىكىر كەلمىسىدىن تۈرلەنگەن مەپكۇرە كەلىمىسىنى ئىشلەتكەن. مەپكۇرەنى ”مىللىي ئەمەل“تەرىقىسىدە ئىشلەتكەنلەرمۇ بولغان. مىللىي ئەمەل بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى بىلەن تەڭلەشتۈرۈلگەن. بىر مەملىكەتتە بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانلار ئىچىدە كۈلپەت ۋە نىمەتتە بارۋەرلىك ۋە ئادالەتنى بەرپا قىلىش، بىر مىللەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئىچىدە ئورتاق تەئەللۇق تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت شەكىللەندۈرۈش، دۆلەت-جەمئىيەت ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قىسقىسى بىر مەملىكەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئۇ مەملىكەت ۋە ئۇ مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى دىنامىكلىرى ۋە مىللىي كىملىكىنى ياخشى بىلىش ۋە ئۇلارنى كەلگۈسى ئەۋلادلاغا يەتكۈزۈش كېرەك. بۇ تارىخىي بۇرچنى مىللىي كۈلتۈر ئادا قىلىدۇ. مىللەت بولۇش ئۈچۈن كۈلتۈر شەرت، يەنى  مىللەتنى كۈلتۈر شەكىللەندۈرىدۇ. مىللەت بولۇش ئۈچۈن تىل، تارىخ، كۈلتۈر، مەپكۇرە بىرلىكى شەرت. تارىخنىڭ قەدىمكى چاغلىرىدىن باشلاپ قۇدرەتلىك دۆلەت ۋە ئىمپېرىيەلەر قۇرغن تۈركلەر مىللەت بولۇشقا مۇۋەپپەق بولغان ۋە بۇنى تارىخىي دەۋرلەردە نامايەن قىلالىغان. مىللەت ئېڭى ۋە كۈلتۈر بىرلىكىگە يېتەلمىگەن جەمئىيەتلەر نە دۆلەت بولالمايدۇ نە ئىمپېرىيە قۇرالمايدۇ.

Hüseyin Tuncer, Türk Yurdu Üzerine Bir İnceleme, Türk Yurdu (1911-1913), Kültür Bakanlığı Yay., Ankara, 1990, s.43-44.

[88] Z. Akkuş, Sosyal Bilgilerin Temelleri, s.274

[89] Ayşegül Pehlivan, Halkbilim-Folklor, Parlamento, Yıl:22, S. 251, Ankara, 2009, s.64.

[90] Zeki Velidi Togan, Tarihte Usûl, Enderun Kitapevi, İstanbul, 1981, s.2.

[91] F. Braudel, Tarih Üzerine Yazılar, (Çev.: M. Ali Kılıçbay), İstanbul, 1992, s. 54.

[92] F. Braudel, Tarih Üzerine Yazılar, s.292.

[93] F. Braudel, Tarih Üzerine Yazılar, s. 68–69.

– [94]  Saim Kaptan, Bilimsel Araştırma Teknikleri, Ankara, 1973, s.164.

[95] -ئۇسۇل: ھەر قانداق بىر ھادىسىنى يورىتىپ بېرىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئىسپاتلاش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتكۈشكە تېگىشلىك يولدۇر. تارىخىي تەتقىقات مېتودىنىڭ بەزى ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە: 1-تارىخ تەتقىقاتى تەكرارى مۇمكىن بولمايدىغان كۆزىتىشنى ئاساس قىلىدۇ.2-كۆزىتىش ۋە كەچمىش ھادىسىلەر تەكرار يۈز بەرمەسلىكى تۈپەيلى، بۇ ھادىسىلەر ۋە كۆزىتىشلەر كۆپ چاغلاردا كۈتكەن تەرىقىدە بولماسلىقى تۈپەيلى، تارىخ تەتقىقاتى كىتاب كۆپ بولغان كۇتۇپخانا بەرپا قىلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ. 3-تارىخ بەكرەك يىغما خۇلاسە تەرىقىسىدىكى مۇھاكىمىنى ۋە تەتقىقاتنى تەقەززا قىلىدۇ. كىچىك پارچىلار ۋە ئوخشىمىغان دەلىللەرگە ئاساسەن پۈتۈنگە ئېرىشىش مۇمكىن بولىدۇ. 4-تارىخ تەتقىقاتلىرى ئومۇمەن سانلىق-مەلۇماتلارنى ئاساس قىلىدۇ.5- تارىخىي ھادىسىلەردە سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بار، بۇ سەۋەبتىن تارىخىي ھادىسىلەر ئىچىدە بىر قاتار مۇناسىۋەتلەر بار. 6- تارىخىي ھادىسىلەر  بولۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتۈشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بىر ھادىسە تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ. تارىخ تەتقىقاتچىلىرى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال ۋە مەنبەلەر بىلەن كۇپايىلىنىشى لازىم. تەتقىقاتچى يېڭى ماتېرىيال ۋە دەلىل ئىشلەپچىقىرالمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ماتېرىيال ۋە دەلىللەرنى ئوبېكيتىپ ۋە بىتەرەپ تەرىقىدە بايان قىلىش تەسرەك. 8-تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ مۇئەييەن قائىدىسى ۋە پىرىنسىپى بولمايدۇ. تارىخىي ھادىسىلەر ھازىرقى قىممەت قاراشلىرى نۇقتىسىدىن ئەمەس، ئەينى چاغدىكى شارائىتقا ئاساسەن مۇھاكىمە قىلىنشى كېرەك.

Saim Kaptan, Bilimsel Araştırma Teknikleri, s.167

[96] M. Hanefi Palabıyık, “Bilim ve Eğitim Paradigmamız Üzerine”, Erzurum Atatürk Üniv., Kâzım Karabekir Eğitim Fakültesi Dergisi, Yıl:2004, S. 9, Erzurum, s.323–32

[97] M. Hanefi Palabıyık, “Bilim ve Eğitim Paradigmamız Üzerine”, Erzurum Atatürk Üniv., Kâzım Karabekir Eğitim Fakültesi Dergisi, Yıl:2004, S. 9, Erzurum, s.323–329.

[98]A. Doğanay, “Öğretimde Kavram ve Genellemelerin Geliştirilmesi”, s.36.

[99] -ھادىسە: تولۇق بىلىنگەن، ئوبېيكتىپ بولغان، ئىسپاتلانغان، كونكرېت شەيئىي، ھادىسە ۋە چۈشەنچىلەردۇر. ھادىسىلەر بىلىم پەلەمپىيىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قىسمىدا ئورۇن ئالىدۇ. ئابىستىراكىتلىق ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەسىدە بولغان مەلۇمات پارچىلىرىدۇر. ئۇقۇم ۋە قائىدە-پىرىنسىپلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندا مەنىگە ئىگە بولىدىغان ھادىسىلەر، ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا يۈز بېرىدۇ. بىلىمنىڭ ئەڭ كونكرېت ۋە ئەڭ كىچىك پارچىلىرىدۇر. ئورتاق قارار چىقىرىلغان شەيئىلەر ھەققىدىكى مەلۇماتلار بولغان ھادىسىلەر، ئۆز ئالدىدا مۇستەقىل ھالەتتە مەنە بىلدۈرمەيدۇ. لېكىن كونكرېت دائىرىسىدە ئۇقۇم ۋە قائىدە-پىرىنسىپىلارنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇقۇم: خاسلىق، ئوخشاشلىق ۋە ئورتاقلىق قاتارلىقلارغا ئاساسەن شەكىللەندۈرۈلگەن مەۋجۇدىيەت ۋە پىكىر گۇرۇپپىلىرىغا بېرىلگەن نامدۇر. شۇنداقلا تەجرىبىلەر، سىناقلار، ئىلمىي ئەمگەكلەردە ھاسىل بولغان مەلۇماتلارنى ئالاھدىلىكلىرىگە ئاساسەن كاتېگورىيەگە ئايرىپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇقۇم ئىنسان زىھنىدە مەنىگە ئىگە بولغان پەرقلىق شەيئىي ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىلىم شەكلىدۇر. شەيئىي ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئىنسان زىھنىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىشىغىمۇ ئۇقۇم دېيىلىدۇ. ھەر ئۇقۇمنىڭ بىر ئىسمى، ئومۇمىي ۋە ئابىستىراكىت تەرىپى، خاسلىقى، دائىرىسى ۋە چەك-چېگراسى بار. پىرىنسىپ: ھەر خىل شەيئىي، ھادىسە ۋە ئىش—پائالىيەتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۇقۇملار، ئۆزى ئىچىدە مۇناسىۋەت ئورناتقان بولىدۇ. پىرىنسىپلار ئىنساننىڭ ئۆزىنى ۋە ئەتراپىنى چۈشىنىشكە تۈرتكە بولىدۇ. چۈنكى پىرىنسىپ تۈرتكىسىدە چەتكە قېقىلىپ قالغان مەلۇماتلار سىستېمىلىق ھالەتكە كەلتۈرۈلگەندە دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ. پىرىنسىپلار تۈرتكىسىدە ئىنسانلار كونكرېتلىقتىن ئابسىتراكىتلىققا ئۆتەلەيدۇ. بارلىق پىرىنسىپلار مەلۇماتلار ياكى ھادىسىلەرگە ماس بولۇشى كېرەك.

Ahmet Doğanay, “Öğretimde Kavram ve Genellemelerin Geliştirilmesi, Hayat Bilgisi ve Sosyal Bilgiler Öğretimi, Editörler, Cemil Öztürk, Dursun Dilek, Ankara, s.16-39; Gardner W. Demirtaş A. Doğanay A., Sosyal Bilimler Öğretimi, Ankara, 1997, s.1-25; Ahmet Şimşek, İlköğretim Öğrencilerinde Tarihsel Zaman Kavramının Gelişimi ve Öğretimi, Ank, 2010, s.3456.

[100] William Gardner, Abdullah Demirtaş, Ahmet Doğanay, Sosyal Bilimler Öğretimi, s.1,4.

[101] William Gardner, Abdullah Demirtaş, Ahmet Doğanay, Sosyal Bilimler Öğretimi, s.1,4.

[102] Hilmi Yavuz, Osmanlılık, Kültür, Kimlik, İstanbul, 2007, s.159.

[103] H. Yavuz, Osmanlılık, Kültür, Kimlik, s.181.

[104] Kenan Çetin,“Türk Eğitim Tarihinde Sosyal Bilimler ve Sosyal Bilgilerin Tarihsel Süreçleri” Atatürk Üniv. Sosyal Bilimler Enstitüsü Dergisi, Yıl:2003, II, S. 1–2, s.163-178.

[105] İsmail Hakkı Uzunçarşılı, Osmanlı İlmiye Teşkilatı, Ankara, 1988, s.1–2.

[106] S. Can, Türkiye’de Sosyal Bilimler Üzerine Düşünmek, s.32.

[107]

[108] Saim Kaptan, Bilimsel Araştırma Teknikleri, Ankara, 1973, s.163.

[109] S. Kaptan, Bilimsel Araştırma Teknikleri, s.166.

[110]   Ali İhsan Kolcu, Edebiyat Kuramları, Tanım-Tenkit-Tahlil, Erzurum, 2007, s.20-21.

[111] Dilek Doltaş, Postmodernizm, Tartışmalar ve Uygulamalar, İstanbul, 1999, s.11.

[112] A. İ. Kolcu, “Edebiyat Kuramları, Tanım-Tenkit-Tahlil”, s.20-21.

[113] -تارىخ ئوقۇتۇشىنىڭ پايدىلىرىنى مۇنداق خۇلاسىلاشقا بولىدۇ: تارىخ ئۆگىنىش شەخسنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يىلىتىزىنى تېپىش، ئۆتمۈش بىلەن كېلەچەك ئوتتۇرىسىدا ئۆزىنى ئىزچىل نامايەن قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق. تارىخ  ئىنساننىڭ نەزەر دائىرىسنى كېڭەيتىپ ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى ئەتراپلىق بىلىشكە تۈرتكە بولىدۇ. تارىخ ئىنساننىڭ دۇنيا قارىشى ۋە خەلقئارا چۈشەنچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. تارىخ ئۆتمۈشتە ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىقلارنى بايقاشىمىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. تارىخ كۈنىمىزدىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىشىمىزدا رول ئوينايدۇ. تارىخ ئوقۇتۇشى ئىجتىمائىي پەنلەر ئوقۇتۇشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. تارىخ ئوقۇتۇشى تۈرتكىسىدە ئوقۇغۇچىلار مەدەنىيەتنىڭ پايدىلىرىدىن خەۋەردار بولالايدۇ. تارىخ تۈرتكىسىدە ئوقۇغۇچىلار قىممەتلىك تارىخى مەنبەلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ، شۇنداقلا ئۆتمۈشتە ئىنسانلار قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇق ۋە نەتىجىلەردىن خەۋەردار بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆتمۈشتە مەيدانغا كەلگەن چۈشەنچىلەرنىڭ كۈنىمىزدىكى نەتىجىلىرى ۋە ئىپادىلىرىنى كۆزىتەلەيدۇ. تارىخ بىر ئىنساننىڭ جەمئىيەتنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى لازىملىق ئاساسلارغا ئىگە قىلىدۇ. تارىخ ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىغان پەندۇر. تارىخى مەنىۋى بايلىقلار، قىممەت قاراشلار ۋە ئېتىقادلارنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم مەنبەدۇر. يىلنامەشۇناسلىق ئىنساننىڭ ئىش-پالىيەتلىرىنى ۋە جەمئىيەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن تەرتىپكە سېلىش خاراكتېرىگە ئىگە. تارىخ ئىنساننى بىلىمدىن، تەتقىقاتتىن ھۇزۇرلىنىدىغان تۇيغۇغا ئىگە قىلىدۇ.

  1. Zeki Memioğlu, “Tarih Öğretimi Üzerine Bazı Düşünceler”, Kâzım Karabekir Eğitim Fakültesi Dergisi, Tarih Öğretimi, S. 9, Yıl: 2004, s.304-305.

[114] Tuncay Ceylan, “Atatürk’ün Eğitim Anlayışı Doğrultusunda….”, Atatürk Üniversitesi, Kâzım Karabekir Eğitim Fakültesi Dergisi, S. 9, Yıl:2004, Erzurum, s.3–13.

[115] Salih Özbaran, Tarih, Tarihçi ve Toplum, İstanbul, 1997, s.3–4.

[116] Zihni Merey, “Osmanlı Mekteplerinde Tarih Eğitimi”, II. Sosyal Bilimler Eğitimi, Kongresi Bildirileri, 26-28 Mayıs-Van, 2005, s.52-66.

[117] İlber Ortaylı, Tarihimiz ve Biz, İstanbul, 2008, s.11.

[118]Orhan Hançerlioğlu, Felsefe Sözlüğü, İstanbul, 1978, s.30–31.

[119] Şahin Uçar, Tarihi yorumlamanın Önemi, Tarih Felsefesi Meseleleri, İstanbul, 1997, s.15.

[120]   Ş. Uçar, Tarihi yorumlamanın Önemi, Tarih felsefesi meseleleri, s.15.

[121] Ziya Gökalp, Terbiyenin Sosyal ve Kültürel Temelleri-I, İstanbul,1992, s.27.

[122]

[123]

[124]

[125] Collingwood R. G., Tarih Tasarımı, (Çev.: Kurtuluş Dinçer), İstanbul, 1990, s.40-41.

[126] -لاتىنچە تىلشۇناسلىق تېرمىنى بولۇپ، ئىسىمدۇر. ئوخشاش بىر سۆز ھالقىسى ئىچىدە بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان ۋە مەجبۇرىي مۇناسىۋەت ئورناتقان بىرىكمە ۋە قىممەتلەردىن تەشكىل تاپقان بىر پۈتۈندۇر. يۈرۈشلۈك مەنىسىدىمۇ ئىشىتىلىدۇ. قىممەتلەر ھالقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پارادىگما  تېرمىنىنى تومېس سامۇئېل كۇھىن ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ھېرېدوتوس، ئەپلاتون، ئارسىتوتىل ئىشلىتىدۇ.  لېكىن ھازىرقى مەنىسى ۋە بىلىم پەلسەپىسىدىكى ئورنىغا كۇھىن ئارقىلىق ئېرىشكەنىدى. تېرمىننىڭ مەقسىتى كەڭ دائىرلىك پىكرىي ئەندىزىدۇر. كۇھىننىڭ ”ئىلىم—ەن ئىنقىلابىنىڭ قۇرۇلمىسى“ناملىق كىتابىدا 21 خىل مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. قىسقىسى، بىر بىلىم قاتلىمىغا مەلۇم مەزگىل نوپۇزلۇق قىلغان ئەندىزە دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. نەزىرىيە پارادىگما ئەمەس. پارادىگما بولۇش ئۈچۈن يېڭى ۋە تەڭدىشى بولماسلىقى، يېڭىلىقنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىلمىي ئىشلارغا مەنبە بولالايدىغان تەرىقىدە بولۇشى لازىم. بىر نەزىرىيەنىڭ پىرادىگما بولۇشى ئۈچۈن يېڭىلىق لازىم بولىدىكى، ھەم رەقىبلىرى بولسۇن تاڭ قالىدۇ ھەمدە ئۆز دەۋرىدىن ھالقىلىپ كېيىنكىلەرنىڭ قاراشلىرىغا زېمىن يارىتىدۇ.

Ali Püsküllüoğlu, Türkçe Sözlük, Ankara, Şubat–2003, s.391. 15.05.2008. http://tr.wikipedia.org/wiki/Paradigma

[127] Collingwood R. G., Tarih Tasarımı, (Çev.: Kurtuluş Dinçer), İstanbul, 1990, s.40-41.

[128] – İskender Pala, “Kültürel Meselelerimiz”, Zaman Gazetesi, 19 Ocak 2010/Salı, s.17.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*