تالىبان ۋە سەلەفىلەر

مەھمەت ئەلى كارابۈيۈك – ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تالىباننىڭ ئۆزىگە خاس چۈشەنچە دۇنياسىدە ئىرانى دەپ ئاتىغان شىئەلەرنىڭ، ۋاھھابى دەپ ئاتالغان سەلەفىلەرنىڭ ۋە ئىخۋانى دەپ ئاتىغان ئىسلامچىلارنىڭ ھېچقانداق ئىناۋىتى يوق. سىياسىي خىرسى سەۋەبىدىن ئافغانىستاننى پالاكەتكە ئېلىپ بارىدى دەپ قارىغان ئافغان جىھادىنىڭ ئەڭ چوڭ جىھاد تەشكىلاتلىرى بولغان گۇلبەددىن، ھېكمەتيارنىڭ ھىبى ئىسلامسى ۋە بۇرھانەددىن رەببانىنىڭ جەمئىيەتى ئىسلامىسى ۋە بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئىدىئولوگىيەلىك ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن ھەسەن ئەل – بەننا، سەييىد قۇتۇب، مەۋدۇدى مەنبەلىك چاغداش ئىسلامچىلىقنىڭ چۈشەنچە ۋە ئىجرائاتلىرىغا مودېرىن (زامانىۋى)، تاللاپ ئالغۇچى ۋە راسىيونال(ئەقلىي) خاراكتېرى سەۋەبىدىن تالىبان دائىم سوغۇق مۇئامىلىدە بولغان.
سەلەفىلىك ئوتتۇرا ئاسيا-تۈركىستانغا 1910 – يىلىدىن باشلاپ كىرىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئافغانىستانغا سىڭىپ كىرىشى ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنرەك تارىخقا توغرا كېلىدۇ. پاكىستان ئەھلى ھەدىس مەنبەلىك ياكى سەئۇدىلەر يۆلىگەن ئابدۇراببىررەسۇل سەييافقا ئوخشاش مۇجاھىد ئاتامانلارنىڭ ۋاستىسى ۋە خالىس نىيەت بىلەن 1980 – يىللاردا ئافغانىستانغا كەلگەن ئەرەپ مۇجاھىدلار بىلەن بىرگە سەلەفىلىكمۇ ئافغانسىتانغا سىڭىپ كىردى. لېكىن خەلق دائىم « يات » ۋە « غەيرى سۈننى » دىن چۈشەنچىسى سۈپتىدە مۇئامىلە قىلدى.
قوراللىق ئازاتلىق كۈرىشى ئاتمۇسفېراسىدا ئافغانىستانغا سىڭىپ كىرگەن سەلەفىلىك، تەبئىي ھالدا سىياسىي ئىسلامچى ئىدىئولوگىيە بىلەن زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن ھالدا ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈردى. بۇ سەۋەپتىن ئىسلامچى ئافغان تەشكىلاتلىرى بۇ ئەمەلىي ئەھۋالنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلدى. ھەنەفىلىك ۋە سۈننىلىك ئاساسىي سالماقنى ئىگلەيدىغان خەلقنىڭ مۇسۇلمانلىقى ۋە نوپۇسىنىڭ 10%نى تەشكىل قىلىدىغان شىئە ئافغانلار نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتىلغاندا، سەلەفىلەر بەزى ئىجتىمائىي ۋە نىزام مەسىلىلەرنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بولسىمۇ، ئۇرۇش مۇھىتىدا بۇ مەسىلىلەر ۋە مەسلىلەرنىڭ تەكتىدىكى مەزھەب پەرقلىرى چوڭايتىلمىدى، كۆزمەسكە سېلىندى، ئۆتكۈزۋېتىلدى. ئاقىۋەت يېڭى سەلەفى قوللىغۇچىلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئۆيلىرىنى، ئائىلىلىرىنى، ئىشلىرىنى تاشلاپ چوڭ پىداكارلىق كۆرسىتىپ ئافغانىستانغا كەلگەن ۋە ئوخشاش دۈشمەنگە قارشى مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ كۆرەش قىلغان ئەرەپ مىھمانلار ئىدى.
جىھاد ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن بۇ مىھمانلارنىڭ بىر قىسمى مەملىكىتىگە قايتىپ كەتتى. بىر قىسمى بوسنىيە، چىچەنىستان، كوسوۋاغا ئوخشاش يېڭى جەڭگاھلارغا كەتتى، كۆپ سانلىقى ئافغانىستاندا تۇرۇپ قالدى. ھەققىدە تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغانلىقتىن قاچقۇن ھالغا چۈشۈپ قالغان ياكى قايتىپ كەتسە بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېتىشى ئۇ دەۋردىكى شارائىتتا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئافغان ئەرەپلەر دەپ ئاتالغان بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى مەلۇم بولغىنىدەك ئەلقائىدە تەشكىلاتنىڭ ئۇلىنى ھازىرلىدى.
تالىباننىڭ ئافغان ئەرەپلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلامچى سەلەفى ئىدىئولوگىيەسى بىلەن ئېنىق ھالدا تونۇشۇشى تالىباننىڭ 1996 -يىلىدا جەلالئاباد ۋە كابۇلنى ئېلىشى بىلەن باشلىدى. بۇ ئۇچرىشىشىنىڭ روياپقا چىقىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشىدە پاكىستانلىق رەھبەرلەر كېلىشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئوينىدى. دەسلەپكى مەزگىللەردە ئىككى تەرەپتە بىر – بىرىگە نىسبەتەن ئىشەنچ قىلالماسلىق يۇقىرى سەۋىيەدە ئىدى. ئۇ كۈنلەردە ئەرەپلەر تالىباننى بىئارام قىلىدىغان مۇئامىلە ۋە ئىش – ھەرىكەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلاتتى[1].
كەشمىرنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ھىندىستان بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان مۇجاھىتلار تەربىيلىنىدىغان ئەڭ چوڭ خوست گازارمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي رايوننىڭ ئەلقائىدىنىڭ قولىدا قېلىشىنى تەلەپ قىلغان پاكىستان، بۇ مەسىلىدە تالىباننى قايىل قىلدى. كابۇلنىڭ ئېلىنىشى ئۈچۈن ئۇسامە بىن لادىن تەرىپىدىن مەردلىك بىلەن تالىبانغا قىلىنغان ئۈچ مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ بۇ يېقىنلىشىشتا مۇھىم رولى بارلىقىدا شۈبھە يوق. 1997 – يىلى بىن لادىن قەندەھارغا تەكلىپ قىلىندى. ئايرودۇرۇمنى شەھەرگە تۇتاشتۇرىدىغان ۋەيرانە يولنى ياسىتىپ بەرگەن، شەھەردىكى خېلى كۆپ مەسچىتنى رېمۇنت قىلدۇرۇپ، تالىبان قوماندانلىرىغا سېخىيلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان بىن لادىن، قىسقا مۇددەت ئىچىدە تالىباننىڭ ئەتىۋارلىق كىشىسىگە ئايلاندى. موللا ئۆمەر بىلەن بىن لادىن ئائىلىسى ئارىسىدا قۇدا – باجىلىق مۇناسىۋەت بىلەن قۇرۇلغان تۇققاندارچىلىق بۇ مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى[2].
ئەلقائىدىنىڭ ھېچ كۈتمىگەن شەكىلدە تالىباننىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرىشى غەرپلىك كۈچلەرنى ناھايىتى بىئارام قىلدى. بىن لادىن 1996 – يىلى ئامېرىكىغا، 1998 – يىلى يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلارغا قارشى جىھاد ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلىغان پەتىۋالىرى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئافرىقىدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئامېرىكا تالىباندىن بىن لادىن ۋە ھەمراھلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. تالىبان بۇ تەلەپكە جاۋاپ بەرمىدى. بىن لادىن بۇ تارىختىن تا ئۆلتۈرۈلگەن 2011 – يىلى 2 – مايغىچە تالىباننىڭ ياردىمى بىلەن ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا يوشۇرنۇپ يۈرۈپ تەشكىلاتنى باشقۇرۇپ كەلگەن.
تالىبان ھۆكۈمىتى 11 – سېنتەبىردىن بۇرۇن ئەلقائىدە ۋە بىن لادىنغا ئىگە چىقىۋاتقانلىقىنى بىۋاستە ئېلان قىلىدىغان باياناتلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. 11 – سېنتەبىردىن كېيىن بولسا ئامېرىكىنىڭ ئىشغالىيىتى بىلەن باشلىغان يېڭى باسقۇچتا، بولۇپمۇ پاكىستان تالىبانىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىق يوشۇرۇلمىدى. پاكىستان تالىبانىنىڭ ئەڭ ئالىي ئاپپاراتى بولغان « تاھرىكى تالىبانى پاكىستان »نىڭ باياناتچىسى مەۋلەۋى ئۆمەر، مەزكۇر ئىتتىپاقلىقنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: « ئەلقائىدە بىلەن تالىبان ئارىسىدا پەرق يوق. تالىبان ۋە ئەلقائىدە ئورتاق بىر ئىدىئولوگىيە ئۈستىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۈگۈن تالىبان ۋە ئەلقائىدە ئوخشاش بىر ئىدىئولوگىيە ئۈستىدە بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلار كاپىرلارغا قارشى كۈرەش قىلماقتا… ئوتتۇرىدا پەقەت بىرلا پەرق بار. ئۇ بولسىمۇ چەتئەلدە كۈرەش قىلىۋاتقانلار ئەلقائىدە، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا كۈرەش قىلىۋاتقانلار تالىبان دەپ ئاتالماقتا. ھەقىقەتتە بولسا بۇ ئىككىسى بىر ئىدىئولوگىيەنىڭ ئىسمىدۇر. ئىككى تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى بىر »[3].
تالىباننىڭ ئەلقائىدىنى ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىشى، پەشتۇنۋالى دەپ ئاتالغان پەشتۇن ئۆرپ ئادەتنىڭ تەقەززاسى سۈپتىدە قارالماقتا. ئۆزىدىن پاناھلانلىق تىلىگەن بىر يات مىھمانغا قارىتا بىر پەشتۇن قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىش، ئۇنىڭغا خۇددى ئۆزىنىڭ ئۇرۇق – تۇققىنىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش، ئۇنىڭغا مىھماندوستلىقىنى كۆرسىتىش، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى دەپ قاراپ، جېنىنى تىكىپ ئۇنى قوغداشتۇر. تالىبان ئاتامانى موللا ئۆمەر بىن لادىننى تاپشۇرۇپ بەرگەندە پەشتۇن رايونلىرىدا باستۇرالمايدىغان قوزغىلاڭنىڭ چىقىدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى بىر قانچە قېتىم ۋاستىلىك ھالدا بىلدۈرگەن[4]. ئۇنىڭدىن باشقا تالىبانغا قارشى شىمالى ئىتتىپاققا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇشلاردا تالىبان ئارمىيسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئەلقائىدىگە قاراشلىق چەتئەللىك مۇجاھىتلار تەشكىل قىلىنغانلىقى نەزەردە تۇتۇلغاندا[5]، بۇ خىل تەقدىرداشلىقنىڭ مۇشۇنداق ۋاپادارلىققا تالىباننى مەجبۇرلىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەك.
مەزكۇر بىرلىكنىڭ ئىستىخىيلىك ياكى ئىستىخىيسىز ھالدا ئۆزئارا تەسىرچانلىق پەيدا قىلغانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم. بەزى شىمالى ۋىلايەتلەردە 1998 – يىلى شىئە ئافغانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قەتلئامغا ئوخشاپ قالىدىغان ھەرىكەتلەر ۋە يەنە بامياندا 1500 يىللىق بۇددا ھەيكەللىرىنىڭ 2001 – يىلى چېقىپ تاشلىنىشىغا ئوخشاش تالىباننىڭ ئۈستىگە ئارتىلىپ قالغان بەزى چوڭ ھەرىكەتلەردە ئەلقائىدەنىڭ سەلەفى ئىدىئولوگىيەسىنىڭ كۈچلۈك ئىزنالىرى كۆرۈلمەكتە ئىدى. تالىباننىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىشى ئەلقائىدىنىڭ پايدىسىغا بولغانىدى. تالىباننىڭ يىرىك دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئاستىدا رادىكال كىملىكىنى مۇھاپىزەت قىلىشى، ئەلقائىدىگە بېرىلگەن ھىمايە ۋە ئىمكانىيەتلەردىن دىرەك بېرەتتى. ئەلقائىدە رەھبەرلىرى ئۈچۈن تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ غايە ۋە مەقسەتلىرى ئالدىدا كۆپىنچە ۋاقىتتا مۇھىم ئەمەس ئىدى.
راشىدنىڭ ئىپادىسىگە قارىغاندا، بىن لادىن ۋە سەپداشلىرى 2000 – يىلىنڭ بېشىدىن باشلاپ تالىبان رەھبەرلىك ھەيئىتى قارار ئېلىش مېخاينىزمى ئىچىدە نوپۇزى بارغانسېرى ئېشىپ، سۆزى ئۆتىدىغان كۈچكە ئايلانغان. بۇ ئەھۋال تالىباننىڭ نىشانىنى ئافغانىستان چېگرالىرىدىن ھالقىتىشقا، بولۇپمۇ شىمالدىكى ئوتتۇرا ئاسيا ئەللىرىگە بۇراشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئەلقائىدىنىڭ ئىتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە ئوخشاش تەشكىلاتلار خالاپ – خالىماي تالىبان ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى بولدى. تالىبان بۇ چەتئەللىك مۇجاھىتلارغا ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قۇچاق ئاچقان بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىگە پاناھلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن تالىبانغا مۇھتاج بولدى[6].

________________________________________
[1] كۆرۈشۈش ۋە تەپتىش قىلىش ئۈچۈن ئەرەپ گازارمىلىرىغا كېلىشكە باشلىغان تالىبان يېتەكچىلىرى بىلەن گازارما ئاھالىسى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى ئۇچرىشىش ھەققىدە نەخ مەيداندىكى شاھىتنىڭ ئەسلىمىلىرى، بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ بىر – بىرى ھەققىدىكى شۈبھە ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى يارقىن ھالدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەرەپلەر، تالىباننىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، پاكىستاننىڭ ھەربىي، سەئۇدىلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بويۇنتۇرۇق ئاستىدىكى تەشكىلات دەپ قارىغان بولسا. تالىبان يېتەكچىلىرى كەنت جامىسىغا بارمىغان ھەم جامائەتكە قوشۇلمىغان ئەرەپلەرنى « ھەنەفى بولمىساڭلارمۇ شافى مەزھىبى ئەقىدىسى بويىچە جامائەتكە قوشۇلىشىڭلار كېرەك » دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ كۈنى جامە تالىبان قورقۇسى سەۋەبىدىن ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە تولۇپ تاشقان بولۇپ، ئەرەپ گازارمىلىرىدىن جامەگە كەلگەن ئەرەپلەرگە قۇماندانلار نامازدا سۈرە فاتىھەدىن كېيىن ئۈنلۈك ئاۋازدا « ئامىن » دېمەسلىك ھەققىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان. يەھيا كونۇك، « بوسنادىن ئافغانىستانغا جىھادنىڭ مەھرەم ھېكايىسى »، ئىستانبۇل، 2007، بەت: 255-7، 265 – 7.
[2] Rashid, Taliban, S. 139; Nojumi, The Rise of the Taliban, S. 227.
[3] C. Franco, ”The Tehrik-i Taliban Pakistan“, [ A. Giustazzi (ed.), Decoding the New Taliban, New York, 2009 ] ئىچىدە، 282 – بەت. ئەلقائىددىن بۇنىڭغا ئوخشاش بىر باياناتنى 2001 – يىلى باشتىلا ئەيمەن زاۋاھىرى ئېلان قىلغانىدى. ئۇنىڭچە «… موللا ئۆمەر، ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا بەيئەت قىلغان مۇجاھىتلارنىڭ ئاتامانىدۇر. شەيخ ئۇسامە بىن لادىن – ئاللاھ ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي – موللا ئۆمەرنىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىرسىدۇر ».
J.Nathanö ”Reading the Taliban“,[ A. Giustazzi (ed.), Decoding the New Taliban, New York, 2009 ] ئىچىدىكى 33 – بەتكە قارا

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*