تالىبان ھەرىكىتى

تالىبان ھەرىكىتى[1
مەھمەت ئەلى كارابۈيۈك – ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تالەبە، ئوقۇغۇچى مەنىسىدىكى « تالىب » سۆزىنىڭ كۆپلىك شەكلى بولغان « تالىبان » ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى ئەنئەنىۋى دىيوبەندىييە مەدرىسلىرىدە موللا ياكى مەۋلەۋى دەپ ئاتالغان ئۇستازلار نازارىتىدە دىنى ئىلىم ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن نامدۇر. موللىلار ۋە تالىپلاردىن تەشكىل تاپقان مەدرىسە، ئافغانىستاندا 1839 – 1842 ۋە 1878 – 1880 – يىللاردا ئىنگىلىزلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئازاتلىق كۈرىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. 1979- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىھاد جەريانىدىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇستازلىرى ۋە تالىپلىرى بىلەن مەدرىسلەر ھەر خىل مۇجاھىد گۇرۇپپىلىرى ئىچىدە ئورۇن ئېلىپ ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشقان.
بۈگۈنكى تالىبانلارنى ئاساسەن 1960 ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا تۇغۇلغانلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، ياش جەھەتتىن چوڭلار ۋە يېتەكچىلىك ھەيئىتىدە ئورۇن ئالغانلار ئاساسەن ئافغان جىھادىغا قاتناشقان غازىلاردۇر. ياشلار بولسا ئاساسەن دېگۈدەك جىھاد مەزگىلىدە پاناھلانغۇچىلار لاگىرلىرىدا ياكى يېتىمخانىلاردا چوڭ بولغان كىشىلەردۇر. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى مەدرىسلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان. ناچار كىلىمات شارائىتى ۋە يوقسۇللۇق ھۆكۈم سۈرگەن بىر مۇھىتتا ئائىلە مىھىر – شەپقىتىدىن مەھرۇم ھالدا چوڭ بولغان بۇ ياشلار، جىھاد ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن يۇرتىغا قايتالمىغانىدى. بۇ سەۋەپتىن ئۆزىدىن چوڭلار ئافغانىستاندا باشلىغان ھەرىكەتكە ناھايىتى ئاسانلا ماسلىشىپ، تالىباننىڭ غالىبە قازىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
گەرچە تالىباننىڭ تاجىكلار ۋە ئۆزبېكلەر ئارىسىدا تەرەپتارلىرى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىنى جەنۇبى ئافغانىستان ۋە شىمالى پاكىستاننىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان ۋە تەخمىنەن 250 يىلدىن بۇيان ئافغانىستاننى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان پەشتۇنلار تەشكىل قىلىدۇ. ھەقىقىي بىر تالىبان كەمىز دەپ ئاتالغان رايۇنغا خاس بىر كۆينەك ۋە تامبال كېيىدۇ، بېشىغا قارا سەللە يۆگەيدۇ، پۇتىغا باسنۇشكا كېيىدۇ. ئادەتتە ھەربى ئۇنۋانى بولمايدۇ.
ئىشغالچى سوۋېت ئىتتىپاقىنى 1988 – يىلى چېكىنىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان ئافغان مۇجاھىد تەشكىلاتلىرى، ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۆزئارا توقۇنۇشقا باشلىدى. تەرەپلەرنىڭ بىر – بىرىنى يېڭەلمەسلىكى ۋە باشقا تاشقى سەۋەپلەر نەتىجىسىدە ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتى ئىشغال مەزگىلىدىنمۇ بەكرەك ناچارلاشتى. پەقەت پايتەخت كابۇلنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پىرقىلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇشتا 63 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭدىن باشقا شەھەرلەردە ۋە باشقا جايلاردا خاتىرجەمسىزلىك ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلدى. چوڭ قوراللىق كۈچلەرنى تىزگىنلەۋاتقان پىشقەدەم مۇجاھىد قوماندانلار، ئۆزىنىڭ نوپۇزى ئاستىدىكى جايلاردا ناھايىتى كۆپ زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىقلارنى ئېلىپ باردى، قانۇنسىز ۋە خالىغانچە ئىشلارنى قىلىپ يۈردى. ئاۋام يوقسۇل ۋە خانىۋەيران بولۇشىغا قارىماستىن، ئۆزلىرى ھەشەمەت ۋە راھەت – پاراغەت ئىچىدە ياشاۋاتقان بۇ ئۇرۇش مونوپۇلچىلىرى ھەقسىز جازالاشلارنى، بۇلاڭ – تالاڭ، تاجاۋۇز، ئادەم ئېلىپ قېچىشقا ئوخشاش تۈرلۈك جىنايەتلەرنى سادىر قىلدى.
تالىباننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ داستان خاراكتېرلىق رىۋايەتلەر مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىشەنچىلىك رىۋايەتكە قارىغاندا، 1994 – يىلى ئەتىيازدا قەندەھار ئەتراپىدىكى بىر كەنتتە ئىككى قىزنىڭ بىر قوماندان تەرىپىدىن ئېلىپ مەجبۇرىي كېتىلىشى بىلەن، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ شىكايىتى نەتىجىسىدە ئۇ يەردىكى كىچىك بىر دىيوبەند مەدرىسىدە ئۇستاز بولغان موللا مۇھەممەد ئۆمەرنىڭ ئوتتۇزغا يېقىن تالىپى بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتىشى، تالىباننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغان. 16 مىلتىق بىلەن قومانداننىڭ قارارگاھىغا ھۇجۇم قىلغان تالىپلار ۋە ئۇستازلىرى قىزلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىپ، قومانداننى تانكىنىڭ سىتوۋولىغا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن. ناھايىتى كۆپ مىقداردا ئوق – دورا ۋە قورال – ياراق ئولجا ئالغان تالىپلار، بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرگە قول تىقىشقا باشلىغان. بۇ ۋەقە بولۇپ بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە قەندەھاردا ئۇسۇل ئوينش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر يىگىتنى تالىشىپ تانكا ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان ئىككى قومانداننى بىر تەرەپ قىلىپ، بۇ يىگىتنى قۇتقۇزىۋالغان ئۆمەر ۋە تالىپلىرىنىڭ داڭقى بۇ جايدا كەڭ تارقالغان ۋە شەھەر – قىشلاقلاردا قوللىغۇچىلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان[2]. ھەرىكەتلىرىنى « ئاياللار ۋە چارىسىز قالغانلار دۇچ كەلگەن بۇ گۇناھلارنى كۆرۈپ تۈرۈپ، قانداقمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرالايتتۇق؟ » دەپ چۈشەندۈرگەن موللا مۇھەممەد ئۆمەر ( ۋاپات، 2013 ) تالىبان ھەرىكىتىنىڭ ئاتامانى بولغان.
شەكسىزكى، تالىباننىڭ قانۇنسىزلىققا قارشى ئىختىيارىي ھەرىكەت سۈپتىدە قوللاشقا ئېرىشىشىنى پەقەت يەرلىك ئامىللارغا باغلاپ چۈشەندۈرۈش كۇپايە قىلمايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى بويۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلۇپ يېڭى مۇستەقىل بولغان ۋە چوڭ بازار بولۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغان ئوتتۇرا ئاسيا ئەللىرىگە ئافغانىستان ئارقىلىق بىخەتەر تىجارەت يولىنىڭ ئېچىلىشىنى ئارزۇ قىلغان پاكىستان دۆلىتى، ئافغانىستاندا مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، تالىباننى بۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ ۋاستىسى دەپ قارىدى. تالىبانغا كۆپ مىقداردا قورال – ياراق ياردەم قىلغان پاكىستاندىن باشقا، دەسلەپتە ئامېرىكىنىڭمۇ ئافغانىستاندا كۈچىيىۋاتقان ئىران نوپۇزىنى چەكلەش ئۈچۈن شىئەلەرگە قارشى تالىبانلارنى يۆلىگەنلىكىنى ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىن ھىندى ئوكيانغا نىفېت يۆتكىشىدە ئىراننى سىقىپ چىقىرىۋېتىدىغان بىخەتەر ئافغانىستان – پاكىستان تۇربىسىنى تېزدىن روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تالىباننىڭ ئارقىسىدا تۇرغانلىقىنى بۇ يەردە ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەك[3]. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ جىھاد جەريانىدا سوۋېتلەرگە قارشى يۆلىگەن ئافغان مۇجاھىد گۇرۇپپىلارنىڭ بۇ رايۇننى مۇقىمسىزلىققا ئېلىپ بارىدىغان بىر ئىسلامچى ئاشقۇنلۇققا ئىگە بولۇشى سەۋەبىدىن، سىياسىيۋىلىققا ئىگە بولمىغان دىنى ئەنئەنىنىڭ ۋەكىلى بولغان تالىباننى ئسىتراتېگىيەلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن بىخەتەر دەپ قارىغانلىقىنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق.
دەسلەپتە دۆلەتتە تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە ھۇزۇر ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئاتلانغان تالىبان ھەرىكىتىنىڭ، مەزكۇر تاشقى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قىستىشى بىلەن قىسقا مۇددەت ئىچىدە سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلانغانلىقى كۆرۈلمەكتە. 1994 – يىلى نويابىردا ئافغانىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان قەندەھارنى مەركەز قىلغان تالىبان، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاكىمىيەت دائىرىسىنى ناھايىتى تېزلىكتە كېڭەيتىشكە باشلىدى. قانلىق توقۇنۇشلار نەتىجىسىدە 1995 – يىلى 5 – سېنتەبىردە ھىراتنى، 1996 – يىلى 26 – سېنتەبىردە پايتەخت كابۇلنى كونا مۇجاھىتلاردىن تارتىۋالدى. بۇ پەتىھلەر بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغان تالىبان، 1996 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى دەپ ئاتالغان بىر دۆلەت قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بىر دۈرانى پەشتۇن بولغان تالىبان ئاتامانى موللا ئۆمەر، ئۆزىگە ئوخشاش دىيوبەندى ۋە پەشتۇن جىھاد ئاتامانلىرىدىن مۇھەممەد نەبى مۇھەممەدنىڭ ۋە يۇنۇس خالىسنىڭ قول ئاستىدا كوممۇنسىتلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ تۆت قېتىم يارىلانغان ۋە بىر كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشى ئىدى. موللا ئۆمەر مەدرىسە تەلىمىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۈگىتىش ئارقىلىق موللا ئۇنىۋانىنى ھەقىقىي شەكىلدە قولغا كەلتۈرگىدەك ئىلىملىك سەۋىيەگە تېخى يەتمىگەن ئىدى. لېكىن كىچىك بىر مەدرىسىدىكى تالىپلىرى بىلەن بىرلىكىتە ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكەتلىرى، ئۇنى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۇنىۋانى بىلەن يېڭى دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنىغا ئېلىپ چىقتى. موللا ئۆمەر، ئەمىرۇل مۇئمىنلىككە سايلانغاندىن كېيىن، يۈزلەرچە دىنى زاتنىڭ ھۇزۇرىدا ھەزرىتى مۇھەممەدكە ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە 250 يىل ئىلگىرى ئافغانىستانغا ئېلىپ كېلىنىپ، قەندەھاردا بىر كۆمۈش ساندۇقتا ساقلانغان كۆينەكنى كېيىپ، ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى مۇستەھكەملىگەن بولدى[4].
تالىبان، ئافغانىستان خەلقنىڭ 90 پىرسەنتىگە ئوخشاش ھەنەفى مەزھىبىدىن بولۇپ، بىر قىسمى قادىرىييە ياكى نەقشىبەندىييە تەرىقەتىگە مەنسۇپ كىشىلەردۇر. ئوقۇغان مەدرىسىلىرى دىيوبەندىييەدىن كېلىپ چىققان تەلىم – تەربىيە ئورگانلىرىدۇر. تالىبان، ئەنئەنىۋى ھەنەفى فىقىھىنى چىڭ تۇتقان بولۇپ، كۈنىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىمۇ قاتتىق قائىدە – پىرىنسىپلار ئىچىدە ۋە ئۇسۇل جەھەتتە كونا مەزھەپ قائىدىلىرىنى ئاساس قىلغانلىقتىن، يېڭى مېتودلارنى ۋە بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى شەرھىيلەرنى بىدىئەت ياكى زالالەت دەپ قارايدۇ. تالىبان ھەرىكىتىدە زىيادە ھالدا ئەكىس ئەتكەن دىيوبەندىلىكىنىڭ بۇ خاراكتېرىنى، ئەسلىدە دىنامىك ۋە ئەقىلنى ئاساس قىلىدىغان ئىسلام ئېقىم بولغان ھەنەفىلىكنىڭ روھىغا زىت ھالدا شەكىللەنگەن « ھەنەفى سەلەفىلىكى » دەپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن.
دىيوبەندىلىكنىڭ پاكىستاندىكى سىياسىي ۋەكىلى بولغان مەۋلەۋى فازلۇرراھماننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى جەمئىيەتى ئۇلەمائى ئىسلامغا قاراشلىق سەرھاد ۋە بەلۇجىستاندا كەڭ تارقالغان مەدرىسلەرنى تالىبان رەھبىرى ھەيئىتىنى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرىۋاتقان ئانا كۈلتېر ئېقىملىرىنىڭ بىرىنچىسى سۈپتىدە كۆرسىتىش مۇمكىن. قالغان ئىككىسى بولسا مەۋلەۋى سەمىئۇلھەقنىڭ ئاكۇرا ھەددەك ( Akura Haddek )تىكى 8000 تالىپ ئوقۇيدىغان ھەققانىيە دارۇلئۇلۇمى باشچىلىقىدىكى باشقا مەكتەپلىرى بىلەن مەۋلانا يۇسۇپ بىننۇرىنىڭ كاراچىدىكى جەمىيەتى ئۇلۇمى ئىسلامىييەسى ۋە ئۇنىڭغا قارام باشقا مەدرىسلەردۇر[5]. تالىبان چۈشەنچىسىدە ھەنەفىلىكنىڭ دىيوبەندى شەرھىيسى، پەشتۇن مىللىتىنىڭ ئۆرپ – ئادەت قائىدىلىرى دەپ ئاتاشقا بولىدىغان پەشتۇنۋالى بىلەن زىچ گىرەلىشىپ ئۆزگىچە ۋە قاتتىق مىزانغا ئايلانغان. ئاياللارغا قارىتىلغان ئايرىمچىلىق ۋە شىئە دۈشمەنلىكىدەك ئاشقۇنلۇق، مەزكۇر مىزاننىڭ كۆرىنەرلىك ئۆرنىكى سۈپتىدە كۆزىمىزگە چىقىلىدۇ.
باشقا شەھەرلەردە ئىلگىرى ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان تالىبانى شەرىئەت ئىجرائاتلىرى، تالىباننىڭ كابۇلنىڭ تارتىۋېلىشى ۋە ئىسلام ئەمىرلىكىنى تەشكىل قىلىشىدىن كېيىن رەسمىي ھالدا قانۇنىيلىققا ئىگە بولدى. قىزلار مەكتەپلىرىنى تاقىۋەتكەن تالىبان، شەھەردىكى 70 مىڭ قىز ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتە ئوقۇشتىن مەھرۇم قىلدى. خانىم – قىزلارنىڭ ئىشلىشىنى چەكلىدى. بولۇپمۇ پايتەختتە ھەر خىل ساھەدە خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى كۆتۈرىۋاتقان ۋە ئۇرۇشتا ئېرىدىن ئايرىلىپ قالغان 25 مىڭغا يېقىن تۇل ئايال بۇ سەۋەپتىن ئېغىر قېيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. تالىبان ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى رايۇنلاردا تەخمىنەن 400 مىڭ تۇل ئايال بۇ قارارنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرىدى. دوختۇرخانىلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئايال دوختۇر ۋە ھەمشىرىلەرنىڭمۇ خىزمەتتىن توختىشى سەۋەبىدىن سەھىيە خىزمەتلىرىدە ئېغىر مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. يېنىدا مەھرەملىرى بولماستىن كوچىغا چىقىشى مەنئى قىلىنغان ئاياللارغا باشتىن ئاياغ ھەممە يېرىنى ياپقان بۇركا ئىسىملىك مەزكۇر رايونغا خاس ھىجاپ كېيىش مەجبۇر قىلىندى.
ئەرلەرنىڭ ساقاللىرىنى ئېلىش ياكى قىسقارتىش، چاچلىرىنى ئۇزارتىش چەكلەندى. دۆلەت مەمۇرلىرىغا سەللە يۆگەش شەرت قىلىندى. بارلىق كىنوخانىلار تاقىۋېتىلدى. رادىيو شەرىئەت دەپ ئاتالغان كونا كابۇل رادىيوسىدا مۇزىك ئاڭلىتىش توختىتىلدى. تېلېۋىزۇر ۋە سىنئالغۇ چەكلەندى. بۇ چەكلىمىنى پائال ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۆيلەردىكى تېلېۋىزۇر ۋە ئۆگزىلەردىكى ئانتىنىلار يىغىۋېلىندى. تېلېۋىزۇ كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئۆيلەرنىڭ توك سىملىرى ئەمرى بىل مەرۇپ ئورگىنى تەرىپىدىن كېسىپ تاشلاندى. ئەزان ئوقۇلغاندا دۇككانلار ۋە تىجارەت ئورۇنلىرى ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ توختىتىلىشى، كوچىدا ھېچقانداق كىشىنىڭ قالماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەزكۇر ئورگاننىڭ نازارىتىگە تاپشۇرۇلدى. يېڭى يىل ۋە نورۇز تەبرىكلەش، شاھمات ئويناش، كەپتەر ۋە لەگلەك ئۇچۇرۇشمۇ چەكلەندى. ماگزىنلارنىڭ كۆزگەرمىسىدىكى مودىل ھەيكەللەر، ماگزېن ۋە دۇككان ئەينەكلىرىدىكى ئېلان خاراكتېرلىق رەسىملەر ئېلىپ تاشلاندى. كونا قۇرئان ۋاراقلىرىنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن قەغەزلەردىن بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، قەغەزدىن ياسالغان سومكا قاتارلىق بويۇملارنى ۋە تازلىق قەغەزلىرىنى سېتىش چەكلەندى[6].
كابۇل ئېلىنغاندىن كېيىن تالىباننىڭ نىشانى ئۆزىگە قارشى تەشكىللەنگەن، « شىمالى ئىتتىپاق » ئىسمى بىلەن بىرلەشكەن كونا مۇجاھىد ئاتامانلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى شىمالغا جايلاشقان شەھەرلەر ئىدى. 1997 – يىلى مايدا مازارى شەرىفنى تارتىۋېلىش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغان تالىبان چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان بولۇپ، 1998 – يىلى مازارى شەرىف ۋە بامياننى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىگە قارشى ئۇرۇش جىنايىتى ئىشلىگەن جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالىغان. سۈننىلىكنى قوبۇل قىلىش، ئىرانغا پالىنىش ياكى ئۆلۈمدىن ئىبارەت باشقا تاللىشى بولمىغان شىئە ھازارلار قەتلئام قىلىنغان بۇ ۋەقەدە ئىران دۆلىتى سەككىز نەپەر دېپلوماتتىن ئايرىلىپ قالغان. تۆت يۈزگە يېقىن ھازار خانىم – قىزنىڭ دىدەك سۈپتىدە ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن[7].
تالىبان بىلەن بىرگە تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر مەسىلە زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە توشۇلۇش مەسىلىسى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەپيۇننىڭ 80 پىرسەنتى ئافغانىستاندىن چىقىدۇ. 2001 – يىلىدا مەخسۇس تەدبىرلىرى ئېلىنغان ۋە بۇنىڭ ئانچە تەسىرى بولمىغان نەتىجىلەرنى نەزەرگە ئالمىساق، تالىبان دۆلىتى مەزگىلىدە، دۆلەت ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن تالىبان نوپۇزى ئاستىدىكى رايۇنلاردا بۇ خام ماددىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى كۈنسېرى ئېشىپ ماڭغان. تالىبان بۇنىڭ دىنى جەھەتتىن توغرا ئەمەسلىكىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دۆلەتتە يوقسۇللۇق قاتتىق ئېغىر بولغانلىقتىن، ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئەپيۇن تىرىش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلغانلىقتىن ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋە توشۇلۇشىنى ھەقىقىي مەنىدە چەكلەشنى خالىمىغان. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تېرىشنىڭ جائىز، ئۇنىڭدىن زەھەرلىك چىكىملىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋە ئىشلىتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ئەپيۇننى تېرىغانلىقى، زەھەرلىك چىكىملىك ئىشلەپچىقىرىش ياكى ئىشلىتىشنى غەيرى مۇسلىملارنىڭ قىلىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەن تالىبان، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشتىن غايەت زور كىرىمگە ئېرىشمەكتە. بۇ مەھسۇلات يىغىلغاندا ئېلىنغان 10 پىرسەنت ئۆشرە ناھايىتى كۆپ پۇلغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ماددىنى يۆتكەش جەريانىدا بىخەتەرلىكنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن ئېلىنغان ھەقتىن كۆپ مىقداردا ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېرىشمەكتە. بۇ ئىقتىسادىي كىرىم بىلەن ئەسكەرلىرىنىڭ مائاشلىرىنى ئۆتەش بىلەن بىرگە، قورال – ياراق، ئوق – دورا سېتىۋالماقتا.

________________________________________
[1] بۇ بۆلۈم م. ئالى بۈيۈككارانىڭ « تەكفىرچى مۇسۇلمانلىقنىڭ ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئىزناسى: سەلەفىلىك ھەرىكىتى ۋە تالىبان » سەرلەۋھەلىك ماقالىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك قىسمى ئاساس قىلىنغان ھالدا تەييارلاندى. قوشۇمچە مەلۇماتلار ۋە باشقا مەنبەلەر ئۈچۈن بۈيۈككارانىڭ يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ماقالىسىگە، [ ئوتتۇرا ئاسيادا ئىسلام: تەمسىلدىن قورقۇغا، م. س. كافكاسيالى ( ed. )، ئەنقەرە، 2012 ] ئىچىدە، ج. 3، 1301 – 1310 – بەتلەرگە قاراڭ.
[2] Ahmed Rashid, Taliban: Militant Islam, Oil and Fundamentalism in Central Asia, London, New Haven, 2000, s. 25.
[3] Ahmed Rashid, Taliban: Militant Islam, Oil and Fundamentalism in Central Asia, s.26-30, 44 -7.
[4] بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ماقالىگە مۇراجەت قىلىڭ:
Norimitsu Onishi, “A Nation Challenged: A Shrine; A Tale of the Mullah and Muhammed’s Amazing Cloack”, The New York Times: 19 December 2001
[5] Rashid, Taliban, S. 89 – 92.
[6] مەزكۇر چەكلىمىلەر ھەققىدە راشىدنىڭ تالىبان ناملىق ئەسىرىنىڭ 50 -1 گە قاراڭ. بۈيۈككارا، « بىر ئەقىدە ۋە ئوبراز مەسىلىسى سۈپتىدە ئىسلامنىڭ تالىبانچىسى »، دەۋرىمىز ئەقىدە مەسىلىلىرى: ئىلاھىيەت فاكۇلتېتلىرى كالام ئانا ئىلىم تارمىقى مۇھاكىمە يىغىنى، ئەرزۇرۇم، 2001، 281 – 3. ئەمرى بىلمەرۇپ ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلغان رەسمى ھۆججەت ئۈچۈن رەشىدنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسىرىنىڭ 217-9 بېتىگە قاراڭ.
Büyükkara, “Bir İnanç ve İmaj Sorunu Olarak İslam’in Talibancası”, Günümüz İnanç Problemleri: İlahiyat Fakülteleri Kelam Anabilim Dalı Sempozyumu, Erzurum.
[7] Rashid, Taliban, S. 73-5; Neamatollah Hojumi, The Rise of the Taliban in Afganistan, New York, 2002, S. 158 – 170; Rauf Beg, Adı Afganistan’dı, Talibanların Eline nasıl Düştü, İstanbul, 2001, S. 397

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*