سلوۋېنىيە، كىرودىيە ۋە بوسنىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ۋە يۇگوسلاۋىيەنىڭ يىمىرىلىشى

2019-يىلى 1-سېنتەبىر

ئەزەلى ئازاكان
بۇ ماقالىدە سلوۋېنىيە، كىرودىيە ۋە بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ تارىخىي ئانالىزى قىلىنىش بىلەن بىرگە، مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ يۇگوسلاۋىيە سوتسىيالىستىك فېدراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ تارىخى تەتقىق قىلىنغىنىدا بىر مىللەتنىڭ بىر دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ماقالىدە بۇ جەمئىيەتتە قايسى گۇرۇپپا، قاتلام ۋە ئامىللارنىڭ مۇستەقىللىققا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە قايسى پىكىرلەرنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىقىپ قايسى خىل تەرىقىدە كەڭ تارقالغانلىقى ئانالىز قىلىنىدۇ. ماقالىمىزدا يەنە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن كۈچەۋاتقان مەزگىللەردە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوينىغان رولىمۇ بايان قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق كەلىمىلەر: يۇگوسلاۋىيە، مىللەتچىلىك، سلوۋېنىيە، كىرودىيە، بوسىنىيە-گىرېتسىگوۋېنا
مۇقەددىمە
1991-يىلى يۇگوسلاۋىيە سوتسىيالىستىك فىدراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن، خەلقئارا قانۇن ۋە سىياسىي تۈزۈمنىڭ بەزى ئۇقۇملىرى بەس-مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلىدى. شۇنداقلا يۇگوسلاۋىيەنىڭ يىمىرىلىشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ۋەقە، بۇ ئۇقۇملارنى قايتىدىن سىناش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەردى. خەلقئاردا بەس-مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلىغان بۇ ئۇقۇملار يېڭى دۆلەتلەرنى ئېتىراپ قىلىش، ئىگىلىك ھوقۇق-ئىگىمەنلىك، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ئايرىلىپ چىقىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يۇگوسلاۋىيەنىڭ يىمىرىلىشى نوقۇل يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمىدى، بەلكى باشقا يېڭى مەسىلىلەرنىڭ تۇغۇلۇشىغىمۇ سەۋەب بولدى. يۇگوسلاۋىيەنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەر سابىق يۇگوسلاۋىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خەلقئارادا دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشىنىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنىدى. سابىق يۇگوسلاۋىيە دۆلەت رەئىسى ج. ب تىتو ئۆلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا جۇمھۇرىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر، ئىختىلاپلار ، بۇرۇنقى ئۆچ-ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىكلەر باش كۆتۈردى. بىردىنلا قوشنىدارچىلىق ۋە دوست-بۇرادەرلىك مۇناسىۋەتلىرى دۈشمەنلىككە ئايلاندى. ئەپسۇس بۇ دۈشمەنلىكلەرنى ھەقلىق ۋە يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن دىن ۋە ئېتنىك ئامىللاردىن پايدىلىنىلدى. سىياسەتچىلەر مەملىكەت مىقىياسىدا ئەۋجىگە چىققان ئىشسىزلىق، پۇل پاخاللىشىش ۋە قەرز پاتقىقىغا كىرىپ قېلىش قاتارلىق قۇرۇلمىلىق ۋە ھەل قىلىش تولىمۇ قىيىن بولغان مەسىلىلەرنى يېپىش ئۈچۈن خەلقلەرنىڭ مىللەتچىلىك تۇيغۇسىدىن پايدىلىنىپ سۈنئىي مەسىلىلەر پەيدا قىلدى. سىياسەتچىلەر تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ كۈچلۈك ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئېغىر مەسىلىلەر ۋە خەلقلەرنىڭ مىللەتچىلىك ھېسسىياتلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلاندى. لېكىن بۇ ناچار ئەھۋال جەمئىيەتتە جىنايەتلەرنىڭ ئاۋۇپ كېتىشىگە، چىرىكلىككە ۋە توقۇنۇشلارغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەردى. ياۋروپا دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ھازىرقى ياۋروپا ئىتتىپاقى) يۇگوسلاۋىيەدە مەيدانغا كەلگەن بۇ بۆھرانلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا دەسلەپ پاسسىپ ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، كېيىن بۇ بۆھرانلارنى يېقىندىن كۆزىتىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق كومىتېت قۇرۇپ چىقتى. يۇگوسلاۋىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزەتكەن بۇ كومىتېت سابىق يۇگوسلاۋىيەنىڭ يىمرىلىش باسقۇچىغا كىرىپ بولغانلىقىنى كۆردى.
ھېچكىم يۇگوسلاۋىيەنىڭ پارچلىنىپ كېتىشى نەتىجىسىدە سەھنىگە چىققان يېڭى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ بۇنچىلىك مۇرەككەپ، قىيىن، لېكىن تەسىرى كۈچلۈك مەسىلە بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. بەزىلەرنىڭ قىياسىچە بولغاندا، يېڭى سەھنىگە چىققان بۇ دۆلەتلەرنى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىش ھەرىكىتى، يۇگوسلاۋىيەدە پەيدا بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان كەسكىن توقۇنۇشلارنى بېسىقتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايتتى. بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن بۇ يېڭى دۆلەتلەرنى ئېتىراپ قىلىش ئەخلاق نۇقتىسىدىن توغرا قارار بولاتتى. بۇ ئۇسۇل خەلقلەر ئوتتۇرىسدىكى توقۇنۇشلارنى توختىتالايدىغان كۈچلۈك تەدبىر دەپ قارالدى، لېكىن بۇ دۆلەتلەرنى ئېتىراپ قىلىش ھەرىكىتى سابىق يۇگوسلاۋىيەدىكى ھەر قايسى ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى توسۇپ قالالمىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، سلوۋېنىيە ۋە كىرودىيەنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى بوسىنە-گىرېتسىگوۋېنا، ماكېدونىيە ۋە سىربىيە-قاراتاغ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەلقئاردا ئېتىراپ قىلىنىشىنى تېزلاشتۇردى. كېيىنچە سىربىيە-قاراتاغ تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان فېدراتىپ يۇگوسلاۋىيە جۇمھۇرىيىتى، سىربىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە قاراتاغ جۇمھۇرىيىتى دەپ ئىككىگە بۆلۈندى. نەتىجىدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان بىر دۆلەت ئاستىدىكى جۇمھۇرىيەتلەرنى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىش مۇساپىسىمۇ ئاخىرلاشقان بولدى. ماقالىمىزنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى سلوۋېنىيە، كىرودىيە ۋە بوسىنە-گىرېتسىگوۋېناغا دائىر ئانالىز تەشكىل قىلىدۇ. تۇنجى بولۇپ بۇ دۆلەتلەردە مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر بايان قىلىنىدۇ. بۇ دائىرىدە بۇ مىللەتلەرنىڭ تارىختا مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ۋە دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئاردا ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرى ۋە كۈرەشلىرىدە مىللەتچىلىكتىن سىياسىي ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقى ئانالىز قىلىنىدۇ. ماقالىمىزدە تارىخىي ئانالىز قىلىشىمىزنىڭ مەقسىتى ئىجىمائىي ۋە ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ ئەركىن ئىرادە، ھۆرلۈك ۋە باشقا كۈچلەرنىڭ تىزگىنىدىن ئايرىلىپ چىقىش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا رول ئوينايدىغان تارىخىي ئىسيان ۋە پىكىرلەرنىڭ تەسىر كۈچىنى نامايەن قىلىشتۇر. ماقالىمىزدا يەنە، سابىق يۇگوسلاۋىيەگە تەۋە ئۈچ بىرلەشمە دۆلەتتىكى مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئەكس سادالىرى ئانالىز قىلىنىدۇ. بۇ مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ تارىختىن بۇيان دۆلەت بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشىغا دائىر شەرتلەرنى ئادا قىلغانلىق بولالامدۇ؟ ياكى ھەقىقەتەن دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداقمۇ؟ قاتارلىق سوئاللارمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
سلوۋېنىيە
سلوۋېن مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى
سلوۋېنلار ئوتتۇرا ئەسىردە يۈزلەرچە يىل ياۋروپانىڭ بىر قىسمى بولۇپ ياشىغان بولسىمۇ، 18-ئەسىرگىچە ئۇلاردا ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى مىللەتچىلىك ئۇقۇمى تەرەققىي قىلالمىغانىدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، سلوۋېنلارنىڭ باشقا ئېتنىك توپلۇقلار بىلەن ئوخشاش ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇش ۋە ئايرىم دۆلەت قۇرۇش ئېھتىياجىنى ھېس قىلماسلىقى ئىدى. 13 ۋە 14-ئەسىردە كۆپ قىسىم سلوۋېن زېمىنى ھابسبۇرگ فىئودال بەگلىكىگە تەۋە ئىدى. 1918-يىلغىچە سلوۋېنلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاۋسترىيە –ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىگە تەۋە بولغان ئاۋسترىيە چېگراسى ئىچىدە ياشىغانىدى. بۇ ھەقىقەت سلوۋېنلار بىلەن سىرپلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنىڭ ئايدىڭلىشىشى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۇنجى سلوۋېن مىللىي پىلانى 1848-يىلى تارقاق ھالەتتە ياشاۋاتقان سلوۋېنلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەنىدى. سلوۋېنلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تەرزىدىكى دۆلەت ئەنئەنىسى بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرى تەبىئىي قانۇن پىرىنسپىلىرىنى ئاساس قىلاتتى (بېندېرلاي، كرافت، 1996-8).
ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى يىمرىلگۈچە بولغان ئارىلىقتا، 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا رەسمىي باش كۆتۈرگەن سلوۋېن مىللەتچىلىكىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بىرلەشمە سلوۋېنىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ چىقىش ئىدى. 1789-يىلى يۈز بەرگەن فىرانسىيە ئىنقىلابى سلوۋېنلار بولۇپ بارلىق ياۋروپالىقلارنىڭ ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. سلوۋېن زىيالىلىرى فىرانسۇز سىياسەتچىلەر ياقىلغان مىللەتچىلىك-ئۇلۇسچىلىق ۋە ئاناۋەتەن ئۇقۇملىرىنىڭ كەلگۈسىدە سىياسەتنىڭ غول مەسىلىلىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. 1870-يىلىدىكى فىرانسىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن 20 يىللىق ئۇرۇش سلوۋېنلاغا زور تەسىر كۆرسەتتى. سلوۋېنلار 1809 بىلەن 1813-يىللىرى ئارىلىقىدا فىرانسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشىدى. بۇ مەزگىلدە سلوۋېنلار فىرانسىيە ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. سلوۋېنلار مەكتەپلەردە، سوت مەھكىمىلىرىدە، گېزىتلەردە ۋە كىتابلاردا ئانا تىلىنى ئىشلەتتى. ھۆرلۈكپەرۋەر سلوۋېنلار بۇ مەزگىلدە مىللەتچىلىك-ئۇلۇسچىلىق ۋە بىرلىك ئېڭى ۋە ھېسسىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا زور رول ئوينىدى (پاۋكوۋىك، 1996-92).
1815-يىلىدىن كېيىن سلوۋېنلارنىڭ مىللەتچىلىك ئۇقۇمىغا بولغان قىزىقىشى زور دەرىجىدە ئاشتى. سلوۋېن مىللەتچىلىكى 1815-يىلىدىكى ۋىيانا قۇرۇلتىيىغىچە كۆڭۈلدىدەك تەرەققىي قىلالمىدى. نۇرغۇن تارىخىي مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىدە بولغىنىدەك، سلوۋېن كىملىكىمۇ زىيالىلار ۋە دىن ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلدى. 1848-يىلى ھابسۇرگ خاندانلىقى ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان سلوۋېنلارنىڭ مەكتەپلەردە ۋە ھاكىمىيەتتە سلوۋېنچىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بىر تۈركۈم زىيالىيلار بىرلەشمە سلوۋېنىيە ئىدىيەسىنى تەرغىپ قىلدى. ئاۋسترىيەدىكى تۇرمۇشىدىن، ئەركىن مۇھىتتىن ۋە بەھرىمان بولىۋاتقان ھەق-ھوقۇقلىرىدىن رازى بولغان كۆپ قىسم سلوۋېن، ئايرىم مۇستەقىل بولۇش ۋە ئاشقۇن مىللەتچىلىككە سوغۇق قارايتتى (دوجىكىك، 2003:84). بىرلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىق ئارزۇسىنى سلوۋېن ئەنئەنىسى بىلەن كۈلتۈرىنى قوغداش ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈندۇر، دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.
ھابىسبۇرگ خانىدانلىقىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە سلوۋېنلار ئۆزلىرىنى تۇنجى قېتىم ئايرىم بىر مىللەت سۈپىتىدە كۆرۈشكە باشلاپ مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. سلوۋېنلار ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپادىكى باشقا ئىنسانلاردىن پەرقلىق ۋە ئايرىم مىللەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. 1914-يىلىدىن بۇرۇن فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەگە ئوخشاش ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچى كۈچلۈك بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەلەردىكى تەسىرى تۈپەيلى، سلوۋېنلار ئايرىم دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ئېلان قىلىشقا كېچىپ قالدى. ئەينى دەۋردە ياۋروپانىڭ مەركىزىدىكى كىچىك بىر مىللەت بولغان سلوۋېنلار ھابىسبۇرگ خاندانلىقى ھاكىمىيىتى ئاستىدا خاتىرجەم ياشاۋاتقانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھابىسبۇرگ خاندانلىقى بىر مىليون نوپۇسى بولغان كىچىك بىر مىللەتنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سلوۋېنلارنى خاتىرجەم قىلغانىدى (كوھېن، 1993:12). ئەينى دەۋردىكى سىياسىي مۇھىتنىڭ بۇنداق كىچىك مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشىغا يول قويماسلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، سلوۋېنلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن يوشۇرۇن ئارزۇسى بولسىمۇ، بۇ چۈشەنچە خەلقئارا تۈزۈمنى كونترول قىلىۋالغان قۇدرەتلىك ئىمپېرىيەلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كىچىك دۆلەتلەر ئۆزلىرىنى قوغدىيالمايتتى، ئۇلار ياۋروپادىكى سىياسىي تۈزۈمنى مۇۋازىنەتكە ئىگە قىلىدىغان ئامىللاردىن ئىدى، خالاس (روگېل، 1996-3).
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى پۈتكۈل سلوۋېن پارتىيەلىرى ”بىر يۇگوسلاۋىيە“ئىدىيەسىنى قوللاپ قۇۋەتلىدى. 1918-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن يىمىرىلگەن ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى سىرپ، كىرود ۋە سلوۋېنلىقلارغا مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان سىرپ، كىرود ۋە سلوۋېنلىقلار بىرلىشىپ سىرپ، كىرود ۋە سلوۋېن پادىشاھلىقى قۇرۇپ چىقتى. 1921-يىلى ئاساسىي قانۇن ماقۇللانغىچە بولغان قىسقا مەزگىل ئىچىدە ۋاقىتلىق تەشكىلىي ئاپپارات قۇرۇلدى، دۆلەتنىڭ چېگرالىرى بېكىتىلىپ تىنچلىق كېلىشىملىرى ئىمزالاندى (كوھېن، 1993-13).
1919-يىلى 18-يانۋاردا باشلىغان ۋېرسايللېس تىنچلىق يىغىنىدا پادىشاھلىقنىڭ چېگرالىرى بېكىتلدى (گوۋ ۋە كارمىكېل، 2000: 37). سىرپ، كىرود ۋە سلوۋېن پادىشاھلىقى سىياسىي ئورنىنى، تىنچلىقنى، مۇقىملىقنى ۋە چېگرالىرىنى قوغداپ قېلىش مەقسىتىدە بىر نەچچە خەلقئارا كېلىشىم ئىمزالىدى . بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغان دۆلەتلەر يېڭى دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى خالىمايتتى، شۇڭا بۇ كۈچلەر بۇنىڭغا چىش تىرنىقى بىلەن قارشى چىقتى. ۋېرسايلېس كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان ئىتالىيەمۇ سىرپ، كىرود ۋە سلوۋېن پادىشاھلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى تۇردى. سىرپ، كىرود ۋە سلوۋېن پادىشاھلىقىغا تەۋە بىر قىسىم زېمىنلارنى ئىشغال قىلىش غەرىزى بولغاچقا، بۇ يېڭى دۆلەتكە قارشى ئىدى. 1919-يىلى 12-سېنتەبىردە ئىتالىيە رىجاكا شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى بىلەن ئىتالىيە سىرپ، كىرود ۋە سلوۋېن پادىشاھلىقى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئىتالىيە كىرېس، لوسىنج، لاستوۋې ۋە پالگۇرزې ئاراللىرىنى قايتۇرۇۋېلىش بەدىلىگە رىجاكاغا ۋاقىتلىق قايتىپ تۇردى. ئامېرىكا تۇنجى بولۇپ سىرپ، كىردو ۋە سلوۋېن پادىشاھلىقىنى ئېتىراپ قىلدى (دىراگنىك، 1983:11). تۇنجى يۇگوسلاۋىيە دۆلىتى گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيەنىڭ 1941-يىلى 6-ئاپرېلدا ئىشغالىيىتى نەتىجىسىدە پارچىلاندى. گېرمانىيە سىربىيەنى ھىمايىسى ئاستىغا ئالدى، سلوۋېنىيەنى ئىتالىيەگە قوشۇۋەتتى، كىرود ۋە بوسنىيە زېمىنلىرىدا مۇستەقىل كىرودىيە دۆلىتى قۇرۇپ يۇگوسلاۋىيەنى پارچىلىۋەتتى (روگېل، 1996:18).
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ 1945-يىلى 22-يانۋارغا كەلگەندە،پارتىزانلار يۇگوسلاۋىيەنى 6 جۇمھۇرىيەتلىك ۋە 2 ئاپتونوم رايونلۇق فېدراتىپ سىياسىي قۇرۇلما ئىچىدە يۇگوسلاۋىيە سوتسىيالىستىك فېدراتىپ جۇھھۇرىيىتى قىلىپ بىرلەشتۈردى. سلوۋېنىيە يۇگوسلاۋىيە ئىچىدىكى باشقا ئالتە جۇمھۇرىيەت بىلەن ئوخشاش ھەق-ھوقۇقلاغا ئىگە بولسىمۇ، ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردە بۇ ئالتە جۇمھۇرىيەتكە قارىغاندا خېلىلا تەرەققىي قىلغانىدى (گوۋ ۋە كارمىكېل، 2000:51).
سلوۋېن مىللەتچىللىرى سلوۋېنلارنىڭ ئايرىم تىلى ۋە مەدەنىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەيتتى. شۇڭا سلوۋېن مىللەتچىلىكى سلوۋېنلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. 19-ئەسىردىن بۇيان سلوۋېن زىيالىلىرى سلوۋېن تىلىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردە كەڭ كۆلەملىك ئىشلەتتى. سلوۋېن زىيالىلىرى سلوۋېن مەدەنيىتىنى قوغداش ئۈچۈن سلوۋېنىيە فېدراتىپ جۇمھۇرىيەت ئىدىيەسى، قانۇن سىستېمىلىرى ۋە سىياسىي ھاكىمىيەتلىرى قاتارلىقلاردىن ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلاندى (پاۋكوۋىك، 2000:92). بۇ ئىدىيە كېيىنچە سلوۋېنىيە مىللەتچىلىكى ئۈچۈن مۇستەقىللىق تەلەپلىرىنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالدى. كۈنىمىزدە سلوۋېن زىيالىلار سلوۋېن تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى قوغداش قېلىش كۈرەشلىرىنىڭ سلوۋېنىيەنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىدا زور رول ئوينىغانلىقىنى بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
1986-يىلى سىرپ گۈزەل-سەنئەت ئاكادېمىيەسى سلوۋېنىيەنىڭ ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىك سالاھىيىتى قانداق خەتەرلىك بولغان بولسا ئوخشاشلا سلوۋېنىيەنىڭ ئۆزىگە خاس بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ (تىل، مەدەنىيەت قاتارلىقلار)بۈيۈك يۇگوسلاۋىيە ئۈچۈن شۇنچىلىك خەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ دوكلات تەييارلاپ چىقتى. بۇ دوكلات رەسمىي ئېلان قىلىنغان بولمىسىمۇ، ئۇزۇنغىچە قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈردى. مەزكۇر دوكلاتتا پۈتكۈل سىرپلارغا قارشى سىرپ بولمىغان ئېتنىك توپلۇقلار تەرىپىدىن سۇيىقەست پىلانلانغانلىقى تەكىتلەندى، دوكلاتتا يەنە كوسوۋا ۋە مېتوخىجو قاتارلىق رايونلاردا سىرپلارغا جىسمانىي، سىياسىي، قانۇنىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقى، بۇ ئېغىر قىلمىشلارنىڭ سىرپلارنىڭ 1804-يىلىدىن 1941-يىلىغىچە ئېلىپ بارغان مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى (روگېل، 1998:18). بۇلاردىن باشقا يەنە دوكلاتتا، يۇگوسلاۋىيەدىكى جۇمھۇرىيەتلەر ئىچىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان سلوۋېنىيە ۋە كىرودىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرىنى سىياسەتكە خىزمەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق سىياسىي نوپۇزغا ئېرىشىشنىڭ كويىدا بولغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. دوكلاتتا يۇگوسلاۋىيەنىڭ پۈتۈنلىكىنىڭ يىمىرىلىگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، سىرپلارنىڭ بۇنداق ھالقىلىق پەيتتە قاراپ تۇرسا بولمايدىغانلىقىمۇ تەكىتلەندى. شەكسىزكى، مەزكۇر دوكلات سىربىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە سلوۋېنىيە ۋە كىرودىيەدىنمۇ كەينىدە قالغانلىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان سىرپ زىيالىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغانىدى. دوكلاتتا سلوۋېنىيە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىزچىل ئالدىدا ماڭسا يېقىن كەلگۈسىدە تولۇق مۇستەقىل بولىدىغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ دوكلات سلوبودان مىلوسۋېچ تەرىپىدىن سىياسىي ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلىنىلدى. مىلوسېۋىچ 1974-يىلى تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇننىڭ سىرپلارغا بەرگەن زىيانلىرىنى تۈگىتىش ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئاپتونومىيەلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا سايلىغۇچىلارغا ۋەدە بەردى. مىلوسېۋىچنىڭ كوسوۋادىكى ئالبانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان تەتۈر تەشۋىقاتلىرى، يۇگوسلاۋىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن تەڭشەش ۋە بۇنىڭغا دائىر پىلانلىرى يۇگوسلاۋىيەدىكى باشقا جۇمھۇرىيەتلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى (سامارى، 1995:76).
مەزكۇر پىلانغا سلوۋېن زىيالىلىرى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. سلوۋېن زىيالىلىرى سلوۋېن مىللىي پىروگراممىسى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن تۇتۇش قىلدى.كۆپىنچە زىيالىلار سلوۋېنلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئارمىيە تەشكىللەپ كەلگۈسىدىكى مۇستەقىللىقى ئۈچۈن توغرا يول تېپىشنى ئارزۇ قىلاتتى. 1980-يىللارنىڭ بېشىدا تۇنجى سىياسىي ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار سلوۋېنىيەدە باش كۆتۈردى. سلوۋېن ياشلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان تەشكىلاتلار ئۆكتىچىلەرنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق بولدى. ئۆكتىچىلەرنىڭ مەقسىتى بالقان دۆلەتلىرى ئىچىدە ياۋروپا مەدەنىيىتىگە ماسلىشالمىغان ياكى ماسلىشىشنى خالىمىغان سىرپلاردىن يىراقلىشىش ئىدى (رامەت، 1992:211).
كەلگۈسىدە سلوۋېنىيە پىرېزىدېنتى بولىدىغان مىلان كۇكان ”سلوۋېنلار ئانا تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە شارائىت يارىتىپ بەرمىگەن، ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ۋە باراۋەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىغان دۆلەتنى ئۆز دۆلىتى سۈپىتىدە كۆرمەيدۇ“ (رامەت، 1922:211) دېيىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە قارشى ھەققىي پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ قويغانىدى. سلوۋېنلار ۋەزىيەتنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى تونۇپ، سلوۋېنىيە دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسى قۇرۇپ چىقتى، نوۋا رېۋىجا گېزىتى مىللەتچىلىك قاراشلىرىنىڭ ئەركىن تارقىلىشى ئۈچۈن بۇ پارتىيەنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتىغا ئايلاندى (مېيېر، 1999:58).
يېڭى پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولغان دىمىترىج رۇپېل سلوۋېنلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇستەقىللىقى قانداق مۇھىم بولسا، ئوخشاشلا سىياسىي جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىنىڭمۇ شۇنچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ياقىلاپ، نوۋا رېۋىجا گېزىتىنىڭ مەتبۇئات خىزمەتلىرىنى ئاداققىچە قوللىدى. مەزكۇر گېزىتنىڭ ئوڭۇشلۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا كۈچ چىقارغۇچىلاردىن بىرى بولغان جوج پۇكنىك سلوۋېنىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى سىياسىي قۇرۇلما ھالىتىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئاساسىي قانۇندىن پايدىلىنىپ سلوۋېنىيە دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى (پاۋكوۋىك، 2000: 110). سلوۋېن مىللەتچىلىرى 1990-يىلى يانۋاردا سلوۋېنچە قىسقارتمىسى ”DEMOS “ (Demokratična Opozicija Slovenije ) بولغان مەشھۇر ئۆكتىچىلەر بىرلەشمىسىنى قۇردى. ئۆكتىچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەقسىتى سلوۋېنلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياقلاش ئىدى. مەزكۇر ئۆكتىچىلەر بىرلەشمىسى سلوۋېنىيە خىرىستىيان دېموكراتىك پارتىيەسى، يېشىل ئىتتىپاق، سلوۋېن سەنئەتكارلار پارتىيەسى ۋە سلوۋېن دېھقانلار ئىتتىپاقىغا ئوخشاش پارتىيەلەردىن تەشكىل تاپقانىدى. مىلان كۇكان 1989-يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا سلوۋېنىيەنىڭ يۇگوسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى (رامەت، 1992:211). سلوۋېنىيە فېدراتىپ جۇمھۇرىيەت مەجلىسىمۇ ئاساسىي قانۇنغا بىر قاتار تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزدى. مەجلىس بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە سلوۋېنىيە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتنى فېدراتىپ ئورگانلار ئالدىدا قوغداش ۋە سلوۋېنىيەدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش ھوقۇقى بەردى (ھايدەن، 1992:20). بۇ ئەھۋال سلوۋېنىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدا تولۇق مۇستەقىللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان قانۇنىي باسقۇچىلاردىن تۇنجىسى ھېسابلىناتتى.
بۇ مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن مۇھىم ئۆزگىرىشلەردىن بىرسى، سلوۋېنىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نامىنى سلوۋېنىيە مىللەتچى پارتىيەسىگە ئۆزگەرتىشى ئىدى. سلوۋېن كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەكىللىرى 1990-يىلى چاقىرىلغان يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن چېكىنىپ چىقتى. پارتىيە ماركسىزمنى تەرك قىلىپ نامىنى، پىروگراممىسىنى، بايرىقىنى ۋە بەلگىسىنى ئۆزگەرتىپ ”نۆۋەت ياۋروپادا“دېگەن شوئار ئاستىدا يېڭى كونفېدراتىپ يۇگوسلاۋىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى (پاۋكوۋىك، 2000: 110). ئۆكتىچىلەر ۋە دېموس پارتىيەلىرى ئىدېئولوگىيەلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ زور ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇرۇنقى ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ بولۇپمۇ يۇگوسلاۋىيە قوبۇل قىلغان ئىدېئولوگىيەنىڭ بازىرى ئۆتكەنىدى. سلوۋېنىيە فېدراتىپ مەجلىسىنىڭ بىر قىسمىنى يېڭىلاش مەقسىتىدە 1990-يىلى ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا كوممۇنىستىك دېموكراتىك يېڭىلىق پارتىيەسى %55 ئاۋازغا ئېرىشتى. يۇگوسلاۋىيەدە باش مىنىستىر لوجزې پېتېر باشچىلىقىدا كوممۇنىست بولمىغان تۇنجى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى، سايلامنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا مىلان كۇكان پىرېزىدېنت بولۇپ سايلاندى. سلوۋېنلار ئىچىدە ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشلارنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار،شۇنداقلا فېدراتىپ ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سلوۋېنلار كۆپ بولسىمۇ، لېكىن سلوۋېنلار سلوۋېنىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە يۇگوسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ تولۇق مۇستەقىل بولۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى. يېڭى سلوۋېن ھۆكۈمىتى سلوۋېنىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. 1990-يىلى دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتىدە سلوۋېنىيە نوپۇسىنىڭ %82ى مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئاۋاز بەردى (پاۋكوۋىك، 2000: 489).
سلوۋېنىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى
1980-يىلىدىن كېيىن يۇگوسلاۋىيەدە نۆۋەتچى پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. بۇ تۈزۈم يۇگوسلاۋىيە لىدېرى تىتونىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن يۇگوسلاۋىيەنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. بۇ تۈزۈمدە يۇگوسلاۋىيەدىن تەشكىل تاپقان ئالتە جۇمھۇرىيەتنىڭ پىرېزىدېنتلىرى ئەزا بولغان كوللېكتىپ پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى بار بولۇپ، نۆۋەت بىلەن ئالتە جۇمھۇرىيەتنىڭ پىرېزىدېنتلىرى يۇگوسلاۋىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولاتتى. سىربىيە ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىدە كىرودىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى سىتىپ مېسىك يۇگوسلاۋىيەگە پىرېزىدېنت بولىدىغان مەزگىلدە، نۆۋەتچى پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىنى توڭلىتىپ قويۇشنى قارار قىلدى. ئۇلار يەنە دۆلەتنىڭ خەتەر ئاستىدا قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئارمىيەسىنى دەرھال جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشقا قىستىدى (ۋېللېر، 1992: 570).
يۇگوسلاۋىىيەدىن تەشكىل تاپقان جۇمھۇرىيەتلەر يۇگوسلاۋىيە مىللىي ئارمىيەسىگە قارشى ئۆزىنىڭ ئارمىيەسىنى قۇرۇشقا باشلىدى (ستوجانوۋىك، 1995: 350). سلوۋېنىيەلىكلەر لىجۇبلىنا كوچىلىرىدا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈۋاتقان كۈنلەردە، يېڭى ھۆكۈمەت ھەربىي تەييارلىق خىزمەتلىرىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. سلوۋېنىيە يۇگوسلاۋىيە مىللىي ئارمىيەسى سېپىدىكى ئۆزىگە يېقىن گۇرۇپپا ۋە شەخسلەر بىلەن ئالاقە ئورناتتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا سلوۋېنىيەدىكى يۇگوسلاۋ فېدراتىپ ئورگانلىرىنىڭ سلوۋېنىيە تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، يۇگوسلاۋىيە ئارمىيەسى تەييارلاپ چىققان پىلان قولغا چۈشۈرۈلدى. يۇگوسلاۋىيە ئارمىيەسىدىكى ئالىي قوماندانلار سلوۋېنىيەنىڭ يۇگوسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ چىقىشىنى تاشقى كۈچلەرنىڭ پىلانلىغانلىقىنى،تاشقى كۈچلەرنىڭ مەقسىتىنىڭ يۇگوسلاۋىيە فېدراتىپ دۆلىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى (پاۋكوۋىك، 2000: 136). شۇنىڭ بىلەن يۇگوسلاۋىيە ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دۆلەت پۈتۈنلىكىنى قوغداش ۋە دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى (پاۋكوۋىك، 2000: 135).
سلوۋېن ھۆكۈمىتى ھەربىي تەييارلىقلاردىن باشقا، سلوۋېنىيەدە بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈك بەرپا قىلىشنىڭلا ئەمەس، سلوۋېنىيەنىڭ ياۋروپا ئائىلىسىگە قوشۇلۇپ كېتىشنىڭمۇ مۇھىملىقىنى تەشەببۇس قىلاتتى. سلوۋېنلىقلارنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇگوسلاۋىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا بۆلۈنۈپ چىقىشىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىشى ئىدى (رادان، 2001: 161). سلوۋېنىيە ئاۋسترىيە، گېرمانىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار مۇنازىرە ۋە يىغىنلارغا قېتىلىپ، ئۇستىلىق بىلەن دىپلوماتىك قارارلار چىقاردى. سلوۋېنلىقلار ئىختىلاپنىڭ سلوۋېنىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس پۈتكۈل ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى. يۇگوسلاۋىيەدە پەيدا بولغان بۇ ئىختىلاپ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى تېخىمۇ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇردى (رۇپېل، 1994: 191).
سلوۋېنىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تاكتىكلىرىدىن بىرى، بېلگىرادتىكلەرگە تۇيدۇرماي مەخپىي ھالدا قورال-ياراغ يىغىش بولدى. سلوۋېنىيەنىڭ 1991-يىلى 25-ئىيۇندا مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغاندا تۇنجى بولۇپ قىلغان ئىشى، سلوۋېنىيەدىكى خەلقئارا چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە كىرودىيە فېدراتىپ جۇمھۇرىيىتى چېگراسىغىمۇ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇش بولدى. سلوۋىنىيە قىسىملىرى يۇگوسلاۋىيە ئەسكەرلىرى چېگرالاردىكى ئېغىزلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەربىي بازىلاردىن چىققان ۋاقىتتا ئۇلارنى تېز سۈرئەتتە توسۇۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. سلوۋېنلارنىڭ قارشىلىق كۆرىتىش ھەرىكەتلىرى نۇرغۇن كىشىنى تاڭ قالدۇردى. نۇرغۇن كىشى يۇگوسلاۋىيە ئارمىيەسىنىڭ سلوۋېنىيەدە خاتا پىلان تۈزگەنلىكىگە ئىشەندى. 1991-يىلى 27-ئىيۇندا يۇگوسلاۋىيە دۆلەت ئارمىيەسى سلوۋېنىيەنىڭ قۇرۇقلۇق مۇھاپىزەت قىسىملىرىنىڭ ھەيۋە كۆرسىتىش بىلەنلا توختاپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ قالغانىدى. يۇگوسلاۋىيە دۆلەت ئارمىيەسى ھەتتا سلوۋېنىيە قىسىملىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارانىڭمۇ قوللىمايدىغانلىقىنى ئويلاپ چوتنى خاتا سوققانىدى. تارىختا ”10 كۈنلۈك ئۇرۇش“دەپ ئاتىلىدىغان ئۇرۇش، سلوۋېنىيەنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۇرۇشنىڭ مەقسىتى سلوۋېنلارغا يۇگوسلاۋىيە فېدراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشمەنلىكىنى پاش قىلىش ۋە يۇگوسلاۋىيە دۆلىتىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى يوقىتىش ئىدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بارلىققا كەلگەن بۇ ئۆزگىرىشلەر سلوۋېنلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىدىغان ۋە سلوۋېنىيەگە بولغان مۇھەببىتىنى ۋە ساداقىتىنى قۇۋەتلەندۈرىدىغان مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى دەپ تەسۋىرلەندى. بۇلارنىڭ غەلىبە سۈپىتىدە دەپ قارىلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى سلوۋېنلارنىڭ ئاز زىيانغا ئۇچرىشى ئىدى، ئۇرۇشتا سەككىز سلوۋېن،يۇگوسلاۋىيە دۆلەت ئارمىيەسىدىن 38 ئەسكەر ئۆلدى، 111 سلوۋېن ، 163 يۇگوسلاۋىيە ئەسكىرى يارىلاندى ( بېنېت، 1995: 159).
سلوۋېن ھۆكۈمىتى توقۇنۇشنىڭ دەرھال توختىتىلىشى ئۈچۈن ياۋروپا دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇرۇنقى نامى) ۋە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى (ۋېللېر، 1992: 570). 1991-يىلى مايدا ياۋروپا دۆلەتلەر تەشكىلاتى سلوۋېنىيەدىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش مەقسىتىدە دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى (ۋېللېر، 1992: 571). بۇ ئىككى تەشكىلات توقۇنۇشنىڭ دەرھال توختىتىلىشى لازىملىقىنى ئالاقىدار تەرەپلەرگە يەتكۈزدى. ياۋروپا دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۈچ كىشىلىك ھەيئەتنى مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بېلگىرادقا ئەۋەتتى. ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى سلوۋېنىيەدە بىخەتەرلىك بەرپا قىلىش ۋەزىپىسىنى ياۋروپا دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ياۋروپا دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەيئىتى تەرىپىدىن ھاسىل قىلىنغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. 1991-يىلى 8-ئىيۇلدا ياۋروپا دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەيئىتى سلوۋېنىيە مۇستەقىللىقىنىڭ “ de facto“ دەپ ئاتىلىدىغان تىنچلىق كېلىشىمى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىرىئونى ئاراللىرىغا باردى. بىرىئونىدا خىتابنامە ئېلان قىلىندى، بۇ خىتابنامىنى يۇگوسلاۋىيەدىكى ئالتە جۇمھۇرىيەت قوللىدى. خىتابنامىدە يۇگوسلاۋىيە دۆلەت ئارمىيەسى ۋە فېدراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارا چېگرالارنى ئېتىراپ قىلىش تەلىپى بار ئىدى، بۇنىڭدىن سىرت خىتابنامىدە يەنە سلوۋېنىيە ھۆكۈمىتىدىن يۇگوسلاۋىيە دۆلەت ئارمىيەسىگە قارىتىلغان مۇھاسىرىنى بىكار قىلىپ مۇداپىئە قىسىملىرىنى تارقىتىۋېتىش تەلەپ قىلىندى. ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئورنىغا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈۋاتقان ياۋروپا دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەيئىتى ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىنىپ قىلىنمىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم تەيىنلىدى (گوۋ، 1997: 52). نۇرغۇن سلوۋېن بۇلاردىن مەمنۇن ئىدى. ئۇلارغا نىسبەتەن بىرىئونى خىتابنامىسى ۋە ئالتە جۇمھۇرىيەت ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان ياكى قايتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەر سلوۋېنىيەنىڭ ياۋروپا دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن يۇگوسلاۋىيەگە بېقىندى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇرلىنىش ھېسابلىناتتى. خىتابنامىدىن كېيىن، يۇگوسلاۋىيە فېدراتىپ ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنتلىقىنى كىرودىيە ۋەكىللىرى ئۈستىگە ئالدى. ھۆكۈمەت سلوۋېنىيەدىكى بارلىق قىسىملارنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى. سىربىيە سلوۋېنىيەنىڭ مۇستەقىللىقىگە توسالغۇ بولغان بىرىئونى خىتابنامىسىنى دەرھال قوبۇل قىلدى (رىچ، 1993: 38). لېكىن بۇ ئۆزگىرىشلەر ”بۈيۈك يۇگوسلاۋىيە چۈشى“گە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى، ھەتتا يۇگوسلاۋىيەنىڭ پايتەختى بېلگىرادتىكى مىلوسىۋېچ ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاتتى. سلوۋېنىيە ئۆزىگە زىيانلىق بۇ ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا تەۋرەپ قالماي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى توختىتىپ قويمىدى. لىجۇبلجانادىك ھۆكۈمىتىنى مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت بۈيۈك مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن كۈچەيتتى. 1991-يىلى 19-دېكابىردا سلوۋېنىيە مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇندى.
قىسقىسى، سلوۋېنىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرۇلۇق تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىش مۇمكىن: سلوۋېنىيەنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق تارىخىي خاتىرە ياكى ۋاقىت يوق. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى سلوۋېنىيە مەلۇم ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغان ۋە ئۆزىنىڭ كىملىك ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ھامسبۇرگ پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. سلوۋېنىيە يۇگوسلاۋىيەنىڭ ھۆكۈمرالىقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىللەردىمۇ ئۆز تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە ئەدەبىياتىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەردى. گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ئاۋسترىيەگە ئوخشاش قوشنىلىرى بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورناتتى. سلوۋېنىيەنىڭ يۇگوسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ چىقىش مەسىلىسى توغرۇلۇق بىرمۇ ئىستراتېگىيەلىك خاتىرە (تارىخىي سەۋەب)بولمىسىمۇ، 1989-يىلىدىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر، سلوۋېنىيەنىڭ مۇستەقىللىق مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈردى. سلوۋېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى ئوخشاش بىر ئېتنىك تۈركۈمدىن ئىدى، لېكىن يۇگوسلاۋىيەدىكى باشقا جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ نوپۇسى بۇنداق ئەمەس ئىدى. سلوۋېنىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇستەقىل بولالايدىغان يوشۇرۇن كۈچكە، ئۆز مەدەنىيىتى، كىملىكى، مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە تىلغا ئىگە ئىدى. ئىقتىسادىي جەھەتتىن سلوۋېنلار يۇگوسلاۋىيەنىڭ باشقا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى خەلقلەرگە قارىغاندا خېلىلا ئالدىدا بولۇپ، تۇرمۇش سەۋىيەسى يۇقىرى ئىدى. سلوۋېنلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشى بىلەن ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ۋە تىلىنىڭ بولۇشى، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق بولۇشى ئۈچۈن سەپەرۋەر بولۇشىغا قوزغاتقۇچىلىق قىلدى.
تارىختا مۇستەقىل بىر دۆلەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ باقمىغان سلوۋېنىيە مۇستەقىل دۆلەت بولۇشتەك ئىستراتېگىيە ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشقا مۇۋەپپەق بولالىغانىدى. سلوۋېنىيە ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئسىتراتېگىيە يولغا قويۇپ ئاۋسترىيە، گېرمانىيە ۋە شىۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورناتتى. سلوۋېنىيە ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ئىتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەر بىلەن باشقا ساھەلەردىمۇ ھەمكارلىق ئورناتتى. سلوۋېنىيەنىڭ مۇستەقىللىقىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئامىللار بولسا سلوۋېنىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى بىلەن بېلگىرادتىكى فېدراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ سلوۋېنىيەنىڭ يۇگوسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا رازى بولۇشى قاتارلىقلار ئىدى.
سلوۋېنىيەنىڭ يۇگوسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشى ۋە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن بېرىلگەن ۋەدىلەر ”كېپىنەك تەسىرى“ (ياكى دولقۇنسىمان تەسىر) ياراتتى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ قايتۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان جەرياننىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغانىدى. دەل شۇ كۈنلەردە كىرودىيە جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى فرانجا تۇدجىمەن مۇنداق دېگەنىدى: ”ئەگەر سلوۋېنىيە مۇستەقىللىقىنى جاكارلىسا، كىرودىيەمۇ دەرھال ئوخشاش يولنى تۇتۇشى كېرەك.“ سلوبودان مىلوسوۋىك سلوۋېنىيەنىڭ مۇستەقىللىق يولىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قەتئىي قارار قىلدى. چۈنكى سلوۋېنىيەدىكى سىرپلارنىڭ نوپۇسى ئۇنچىۋېلا كۆپ ئەمەس ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، سىربىيە سلوۋېنىيە زېمىنىدا ئازراقمۇ ھەققى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرەلمەيتتى (ساماراي، 1995: 76).
سلوۋېنىيە ئايرىم مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ئۈچۈن تېگىشلىك شەرتلەرگە تامامەن ئىگە ئىدى. سلوۋېنىيەنىڭ چېگرالىرى ئېنىق بېكىتىلگەن بولۇپ، چېگرالىرىنىڭ ئىختىلاپلىق تەرىپى يوق ئىدى. نوپۇس جەھەتتىن بولسا سلوۋېنلارنىڭ نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيتتى. سلوۋېنىيە خەلقئارادا ئۆزگە دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، بۇنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە بولۇپ بولغانىدى. بولۇپمۇ ئاۋستىرىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتقانىدى. سلوۋېنىيە ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان ئورگانلار تەسىس قىلغاندىن سىرت، مەخسۇس قانۇن چىقاردى. ھەتتا ئۆز ئارمىيەسىنى تەشكىللىدى، سلوۋېنىيە مۇستەقىل دۆلەت بولۇشتىن ئىلگىرىمۇ ئىقتىسادىي ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرلىقى جەھەتتىن باشقا جۇمھۇرىيەتلەرگە قارىغاندا نىسبەتەن ئالدىدا ئىدى. بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، سلوۋېنىيەنىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشىشى كىرودىيە ۋە بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېناغا قارىغاندا خېلىلا ئاسانغا توختىدى.
كىرودىيە
كىرود مىللەتچىلىكىنىڭ تارىخى
كىرودىيەنىڭ ئەھۋالى سلوۋېنىيەگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كۆپ قىرلىققا ئىگە. كىرود مىللىتى تارىخى بارلىق كىرودلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تەرىقىدە بولۇپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر بىلەن تولغان. 6-ئەسىر كىرودلارغا نىسبەتەن مۇھىم تارىخ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ مەزگىلدە كىرودلارنىڭ ئەجدادلىرى ھازىرقى كىرودىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغانىدى. كىرود مىللىتى تارىخىدا مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولسا دالماچيا قەبىلە رەئىسى تومىسلاۋغا 925-يىلى پوپ جون تەرىپىدىن كىرود پادىشاھى دېگەن نام بېرىلىشىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، دالماچيا قەبىلە رەئىسى تومىسلاۋنىڭ پوپ تەرىپىدىن خىرىستىيان ئېتىقادىي بويىچە ”مۇقەددەس“لىككە ئىگە قىلىنىشى كىرود مىللىتى تارىخىدا مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ (مىللېر، 1994: 4).
1102-يىلى كىرودلار ياشاۋاتقان زېمىنلارمۇ كىرگۈزۈلگەن ۋېنگرىيە دۆلىتى قۇرۇلدى. كىرودلار ۋېنگرلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگەن بولسىمۇ، ئۆزلىرى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان سابور دەپ ئاتىلىدىغان مەجلىس تەرىپىدىن باشقۇرۇلاتتى. كىرودلار 14-ۋە 16-ئەسىرلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەزگىلدە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىردى. لېكىن 17-ئەسىردە ئاۋسترىيە ۋە كىرودلار تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان ئارمىيە ئوسمانلى ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاۋسترىيە ھانسبۇرگ خاندانلىقى پادىشاھى ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ۋە كىرود خانى پادىشاھى سالاھىيىتى بىلەن خانلىق تاجىنى كىيدى (مىللېر، 1994: 18). كىرودىيە بىلەن بوسىنىيە ئوتتۇرىسىدا كانجىيا دەپ ئاتىلىدىغان رايون چېگرا قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ رايون ئەسلىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن قاچقان سىرپ كۆچمەنلەرنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىدى. شۇڭا بۇ رايوندا سىرپلار ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى. سىرپلار ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولسىمۇ ، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە خاندانلىقىغا مەجبۇرىي ئەسكەر بولاتتى. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە خاندانلىقى كىرودلارنىڭ ئايرىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى توسۇش ئۈچۈن سىرپلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى (بارتلېت، 2003: 8).
1830-يىلى مودېرن كىرود مىللەتچىلىكى رەسمىي باشلىدى. كىرود مىللەتچىلىك ھەرىكىتىدە ياش زىيالىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوتتۇرا تەبىقە ئىنسانلىرى مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ يەردىكى مەقسەت ئاساسلىقى قەد كۆتۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك بولغان مىللىي غۇرۇرنى سىياسىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش ۋە قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئىدى. 19-ئەسىر كىرودلارغا نىسبەتەن مىللىي مۇستەقىللىق جەھەتتىن مۇھىم مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. دىجاكاۋو پىسكوپوسى ج.ج. سترومايېر مىللىي پارتىيە قۇرۇپ چىقتى. ستروسمايېر ئورتاق سىلاۋ كۈلتۈرى ۋە دۆلەت بەرپا قىلىش مەقسىتىدە بىر يۇگوسلاۋ ئىدىيەسىنى قوللايتتى. 1848-يىلى كىرود زىيالىلىرى ئايرىم بىر كىرود كىملىكى بەرپا قىلىشقا ئاتلاندى. بۇ مەزگىلدە كىرودلارغا نىسبەتەن زىيانلىق ۋەزىيەتمۇ شەكىللىنىشكە باشلىغانىدى. ۋېنگرىيەدىكى قوزغىلاڭدا غەلبىگە ئېرىشكەن ۋېنگرلار ، 1867-يىلى ئاۋسترىيەلىكلەرگە ئوخشاش سىياسىي جەھەتتىن ئوخشاش سالاھىيەت ۋە ھەق-ھوقۇققا ئېرىشتى. ھانسبۇرگ خاندانلىقىغا سادىق بولغان كىرودلار، ۋېنگرلارنىڭ ھاكىمىيىتىدىن تولىمۇ بىئارام ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئىككى خىل كىرود مىللەتچىلىكى شەكىللەندى. بىرسى، ئىمپېرىيەگە سادىق بولغان ئاساستا ئىمپېرىيە ئىچىدىكىلەر باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ھەق-ھوقۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلاتتى. بۇ مەزگىلدە مىللەتچىلەر كىرودلارنىڭ مىللىي ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ مەقسىتى كىرودلارنى مىللىي كىملىك ئېڭىغا ئىگە قىلىش ۋە كىردولارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىدى (ۋاندرۇسكا ۋە ئۇربانىتسچ، 1974: 481).
كىرود مىللەتچىلىك ھەرىكىتىدە ھىيرىيان ھەرىكىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھىيرىيان ھەرىكىتى كىرود مىللىتىنى قايتىدىن قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ھەرىكەتنىڭ نامى ئىدى. بۇ ھەرىكەتنىڭمۇ ئىككى تەرىپى بار بولۇپ، كىرود ۋە سلاۋ بولۇش ئىدى.بۇ ھەرىكەت سلاۋلارنىڭ بىر مىللەت ئىكەنلىكى ۋە ئايرىم بىر دۆلەت بولۇشى لازىملىقى چۈشەنچىسىنى تەرغىپ قىلاتتى. لېكىن بۇنى تەرغىپ قىلغۇچىلار كىرودلارنىڭ ئىمپېرىيە ئىچىدىكى ئاجىز سىياسىي ئورنى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى، شۇنداقلا مودېرن پان-سلاۋىزم ھەرىكىتى تۈپەيلى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىدى. بەزى سىرپلار ھىرىيان ھەرىكىتىنى رومەن كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئورتودكىس چېركاۋى ۋە سىرپ مىللەتچىلىكىگە قارشى ھەرىكەت دەپ قارىدى. سلوۋېنلار ھىيرىيان ھەرىكىتىگە گۇمان بىلەن قارايتتى. ئۇلار بۇ ھەرىكەتنى يېڭى بىر مىللىي كىملىك بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا قارشى تەھدىت دەپ چۈشەندى (كۇۋالو، 1990: 10). كىرود مىللەتچىلىكى ئاساسەن مۇداپىئەنى ئاساس قىلاتتى. بۇ مىللەتچىلىك دەسلەپ ۋېنگرلارغا قارشى سىياسىي كۈرەش سۈپىتىدە باشلاپ، ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ھەرىكەت قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، كىرودلار ھامان بىر كۈنى مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسى ساراجېۋودا بوسنىيەلىك بىر سىرپ تەرىپىدىن ئاۋسترىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ تەخت ۋارىسىغا سۇيىقەست قىلىشى بىلەن يېقىلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر بارلىق سلاۋلارنى بىرلەشتۈرۈش ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇرۇش بارلىق سلاۋلاردا ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. 1915-يىلى پارىژدا يۇگوسلاۋ كومىتېتى قۇرۇلدى. كومىتېت يېڭى بىر يۇگوسلاۋىيە دۆلىتى قۇرۇلۇشى يولىدا تىرىشچانلىق كۆرستىۋاتقانلارنى قوللاش ئۈچۈن ئىتتىپاقداش ئىزدەشنىڭ كويىغا كىردى. بۇ تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىدە 1917-يىلى 20-ئىيۇندا كورفو ئەھدىنامىسى ئىمزالاندى (بارتلېت، 2003: 14). بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە سىرپ، كىرود ۋە سلوۋېن مىللىي كېڭىشى زاگرېپتا قۇرۇلدى. 1919-يىلى 19-ئۆكتەبىردە كىرود سابور مەجلىسى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى ۋە بارلىق سىياسىي، قانۇنىي، ۋە ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇستەقىل كىرود دۆلىتىنى جاكارلىدى. سابور خىتابنامىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ مەشھۇر باياناتتايەنە، كىرودلارنىڭ جەنۇبىي سلاۋلار بىلەن بىرلىكتە بىر دۆلەت قۇرۇش نىيىتى بارلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەنىدى (بارتېلېت، 2003: 14). 1918-يىلى 24-نويابىردا چاقىرىلغان مىللىي كېڭەش كومىتېتى يىغىنىدا سلوۋېنلار، كىرودلار ۋە سىرپلاردىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە دۆلەت قۇرۇپ چىقىش قارار قىلىندى. بىرلەشمە دۆلەت قۇرۇپ چىقىش پىكىرىگە كىرود دېھقانلار پارتىيەسى قارشى چىقىپ، بۇنىڭ ئورنىغا فېدراتسىيە قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلدى. 1918-يىلى 2-دېكابىردا سىرپ، سلوۋېن ۋە كىرود پادىشاھلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. 1918-يىلى سىرپلارنىڭ نوپوزىنى بەكرەك ھېس قىلغىلى بولىدىغان يېڭى ئاساسىي قانۇن كوسوۋا ئۇرۇشىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ماقۇللاندى. 1919-يىلىمۇ ۋاقىتلىق پارلامېنت تەشكىل قىلىندى (دىراگنىچ، 1992: 64).
1934-يىلى پادىشاھ ئالېكساندېر مارسىليادا سۇيىقەستكە ئۇچرىدى. پادىشاھ ئالېكساندېرغا سۇيىقەست قىلغان تېررورچى ماكېدونىيە مىللەتچى پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، پاۋېلىچ رەھبەرلىگىدىكى رادىكال كىرود مىللەتچىلەرگە ۋاكالىتەن بۇ سۇيىقەستنى سادىر قىلغانىدى. كىرود ھەقلىرى پارتىيەسى رەھبىرى بولغان پاۋېلىچ سىرپ، كىرود ۋە سلوۋېن پادىشاھلىقىغا قارشى چىقىپ كەلگەن بۇ تېررورچى كىرود ئىنقىلاب تەشكىلاتىنى قۇرغانىدى. تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى مۇستەقىل كىرود دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىدى (دراگنىچ، 1992: 18). خاندانلىق 1938-يىلىغىچە شاھزادە پاۋۇل تەرىپىدىن ۋاكالىتەن باشقۇرۇلدى (لەمپې، 1996: 195). 1938-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا كىرودلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان دېھقانلار پارتىيەسى تەخمىنەن %44 ئاۋازغا ئېرىشتى. شاھزادە پاۋۇل دۆلەت پۈتۈنلىكىنىڭ گىتلىر رەھبەرلىگىدىكى ناتسىست گېرمانىيەنىڭ تەھدىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە 1919-يىلى ۋېرسايلېس ئەھدىنامىسىدە بېكىتىلگەن ياۋروپا تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇش خەۋپىدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. كىرودلارنىڭ نېمىسلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ يۇگوسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىشىدىن ئەندىشە قىلىناتتى. ھۆكۈمەت كىرودلارنىڭ ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشىغا ئۇزۇن مۇددەت بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. دېھقانلار پارتىيەسى باشلىقى ۋىلادكو ماكېك ۋە يۇگوسلاۋىيەنىڭ سىرپ پىرېزىدېنتى دىروگىسا كىۋېكوۋىك كىرودىيەنى ئاپتونومىيەلىك سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىشنى مەزمۇن قىلغان يېڭى ئاساسىي قانۇن ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى ( بارتېلېت، 2003:18).
1939-يىلى 20-ئاۋغۇستتا ماقۇللانغان يېڭى ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق كونا تۈزۈم ئۆزگەرتىلىپ، دۆلەتنىڭ نامىدىن يۇگوسلاۋىيە دېگەن ئاتاق چىقىرىپ تاشلاندى. بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق يەنە كىرودلارغا ئۆز ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقىش ۋە پىرېزىدېنتىنى ئۆزلىرى سايلاش ھوقۇقى بېرىلدى. فېدراتىپ دۆلەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان كىرودىيەنىڭ تۆۋەندىكىدەك ھوقۇقلىرى بار ئىدى: ئىچكى ئىشلاردا مۇستەقىل بولۇش، قانۇن، مائارىپ، سانائەت، سودا ۋە مالىيە ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىش (لامپ، 1996: 191). كىرودلار بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانىڭ بىر قىسمى بولغان ۋە نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى كىرودلاردىن تەشكىل تاپقان سىرجېم رايونى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
1941-يىلى ناتسىست گېرمانىيەنىڭ بېسىم تۈپەيلى ”تىراپارتىت ئەھدىنامىسى“چېتكوۋىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىمزالاندى. ئارقىدىن، يۇگوسلاۋىيە قوراللىق قىسىملىرى ئىنگىزلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن دۇسانسموۋىكنىڭ باشچىلىقىدا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى. شاھزادە پاۋۇل گىرېتسىيەگە سۈرگۈن قىلىندى. ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلار يېڭى ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق كىرودلارغا بېرىلگەن ھەق-ھوقۇقلارنى قايتۇرۇپ ئالدى. ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان گېنېراللار بۈيۈك سىربىيە قۇرۇپ چىقىش پىلانىغا ئىجابىي قارايتتى (بارتلېت، 2003: 19).
سىرپ گېنېراللارنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىشىدىن گىتلىر قاتتىق غەزەبلدى. 1941-يىلى 6-ئاپرېلدا بېلگىرد بومباردىمان قىلىندى، بومباردىماندا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى. ئارقىدىنلا يۇگوسلاۋىيەگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىندى، ئۇرۇشتا يۇگوسلاۋىيە ئارمىيەسى مەغلۇب بولدى. كىرودلار سىرپلار سەۋەبلىك نېمىسلارنىڭ يۇگوسلاۋىيەگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرپلارنى ئەيىبلىدى. شۇنداقتىمۇ نېمىسلارغا قارشى كىچىك كۆلەمدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. كىرود دېھقانلار پارتىيەسى باشلىقى ماكېك نېمىسلارغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارماسلىقىنى قارار قىلدى (گولدسىتيىن 1999: 130).
نېمىسلار ماكېكتىن كىرودىيە دۆلىتى قۇرۇپ بۇ دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتى بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن ماكېك ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە بېقىنىپ قالىدىغان بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى خالىمايتتى. ماكېك ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. لېكىن ماكېك ئىتالىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان فاشىست ئانتې پالېۋىك رەھبەرلىگىدىكى ئۇستاش (ئىسيان)ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ زاگرېبنى قولغا كىرگۈزۈپ مۇستەقىل كىرودىيە دۆلىتىنى ئېلان قىلالايدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغانىدى. ئەمەلىيەتتە كىرودىيە بىر بېقىندى دۆلەت ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئاستىرتتىن باشقۇرۇلاتتى ( بارتلېت، 2003: 20).
ئۇستاش ھەرىكىتىنىڭ يىلتىزى كىرود مىللەتچىلىكىگە تايىنىدۇ. ئۇستاش ھەرىكىتى ئۆزىنى كىرود خەلقىنىڭ، تىلىنىڭ ۋە كۈلتۈرىنىڭ ھەققىي ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرەتتى ( تاشار، 1996: 55). ئۇستاش ھەرىكىتى ئەزالىرى ئۆزلىرىنى ھەققىي كىرودلاردەپ قارايتتى. ھەرىكەت ئەزالىرىمۇ كىرودىيەنىڭ كاتولىك دۆلەت سۈپىتىدە ھامان بىر كۈنى قۇرۇلىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنەتتى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كىرودىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ زور توساقنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق سىرپنىڭ كىرودىيەدە ياشىشى ئىدى. ئۇستاش ھەرىكىتى چوقۇم ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنەتتى، شۇڭا گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيەدىكى فاشىست تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانىدى (گولدستىين، 1999: 133).
پادىشاھ ئالېكساندېر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇستاش ھەرىكىتى كاتتىباشلىرى ئىتالىيەگە سۈرگۈن قىلىندى. ئىتالىيەدە پىرېدېنت مۇسۇلىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئۇستاش ھەرىكىتى كاتتىباشلىرى، ئىتالىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى ئۈچۈن بىر ۋاستە قىلىپ ئىشلىتىلىشكە باشلاندى. 1941-يىلى كىرودىيە دۆلىتى جاكارلانغاندا، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئۇستاش ھەرىكىتى كاتتىباشلىرىنى كىرودىيەگە ئەۋەتتى. گېرمانىيە بولسا كىرودىيەدە فاشىست بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقتى ( گولدستېيىن، 1999: 132).
1941-يىلى 10-ئاپرېلدا ئانتې پاۋېلىك زاگرېپقا كەلدى ۋە تۇنجى مۇستەقىل كىرودىيە دۆلىتىنىڭ پىرېزىدېنتىلىقىغا تەيىنلەندى (لامېپې، 1996: 206). پىرېزىدېنت پاۋېلىك ”پوگلاۋنىك“ئۇنۋانىغا ئېرىشتى ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىدە پىرېزىدېنت، باش مىنىستىر ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالدى. 1941-يىلى مايدا ئۇستاش ھەرىكىتىنىڭ 100مىڭدىن ئارتۇق سادىق ئەزاسى بار ئىدى. لېكىن بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ھۆكۈمەت قۇرۇپ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىدى. ئۇستاش ھۆكۈمىتى دەرھال سىياسىي تېررورنى باشلاپ ئەمگەك لاگېرلىرى قۇرۇپ چىقتى، قانۇنسىز مەھكىمىلەرنى بەرپا قىلدى. كىرودىيە دۆلىتى قۇرۇلۇپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇستاش ھۆكۈمىتى قانۇنلارنىڭ مەقسىتىنىڭ ”ئىنسانلارنى ۋە دۆلەتنى قوغداش“ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. كىرودىيە دۆلىتىنىڭ مەۋجۇدلىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ۋە كىرودىيە دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزگەن كىشىلەر قاتتىق جازالاندۇرۇلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇستاشنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئىدى. سىرپ كىرىل ئېلېپەسى چەكلىنىپ، كىرود لاتى ئېلېپەسىنىڭ ئىشلىتىشكە باشلاندى( تاشار، 1996: 58). كىرودىيەدە سىياسىي ۋە گىراژدانلىق ھوقۇقى كىرودلارغىلا بېرىلدى. بارلىق قانۇنىي تۈزۈم ۋە ھوقۇق ئۇستاش ھەرىكىتىنىڭ چاڭگىلىدا ئىدى. ئۇستاش ھەرىكىتىگە ئەزا ئەمەلدارلار ھوقۇقىدىن خالىغانچە پايدىلىناتتى (بارتلېت، 2003: 21).
دەسلەپكى مەزگىللەردە خەلق يېڭى ھۆكۈمەتنى قوللىغان بولسىمۇ، كىرودىيەدە قۇرۇلغان كوممۇنىزمنى ياقلايدىغان پارتىزانلار سىرپلر زىچ ئولتۇراقلاشقان دالمايچياننىڭ لىكاك ۋە كىرىن رايونلىرىدا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى باشلىۋەتتى. چېگرالارنى ئۆزگەرتىشنى سىياسىي مەنپەئەتلەرنى چىقىش قىلىپ ئېلىپ بارغان بەزى كىرودىيەلىك سىياسەتچىلەرنىڭ پوزىتسىيەسى، كىرودىيەدە قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئانتې پاۋېلىك دالماچيا ساھىللىرىنى ئىتالىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتنى قوللىشىنى شەرت قىلىپ بېرىۋەتكەنىدى. ئۇستاش ھەرىكىتىنى 1930-يىللاردا ئىتالىيەلىكلەر، 1940-يىللاردا نېمىسلار كونترول قىلىۋالغانىدى (بارتلېت، 2003: 21).
پاۋېلىك كىرودلار تارىخىنى فاشىزمنىڭ ياۋروپادىكى نوپۇزى دائىرىسىدە سىرپلاردىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش كۈرىشى دەپ ئىزاھلىدى. ئۇستاش ھەرىكىتى كىرودىيە دۆلىتىنىڭ ئىزچىل قانۇنىي كۈچ سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا، لېكىن خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يۇگوسلاۋىيە خاندانلىقى قانۇنلۇق ھاكىمىيەت ئەمەس ئىدى. چۈنكى كىرودلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ ھاكىمىيەتنى خالىمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىياسىي ۋە دېموكراتىك سەھنىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن سايلام ياكى ئەل رايىنى سىناش ئېلىپ بېرىلمىغانىدى. بۇ ئەھۋال يۇگوسلاۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىزلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى ھېسابلىنىاتتى. ئۇستاش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ چوڭ مەقسىتى مىللىي ۋە بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئىدى. ئۇلار مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تەربىيلەش لاگېرلىرى قۇرۇپ چىقتى،لاگېرلاردا سىرپلاردىن باشقا، مۇسەۋىلەر ۋە كوممۇنىستلارمۇ قىيىن-قىستاققا ئۇچرىدى، ھەتتا بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلدى (ستوجانوۋىك، 1995: 340). ئۇستاش ھەرىكىتى ئىگىلىك ھوقۇق بىلەن ئېتنىك ئوخشاشلىقنىڭ ئوخشاش بىر نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى.
پاۋېلىك ۋەئۇنىڭ سەبداشلىرى سىياسىي پىروگراممىلار ئارقىلىق يېڭى قانۇن تۈزۈپ چىقىش، سىياسەتنى ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قايتىدىن ئىسلاھ قىلىشنى مەقسەت قىلغانىدى. ئۇلار مودېرن ئىتالىيە-گېرمانىيە ئەندىزىسى ۋە مىللىي كۈلتۈرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يېڭى تۈزۈم قۇرۇپ چىقتى. 1941-يىلى تۈزۈپ چىققان پىروگراممىلىرىدا فاشىزم ۋە مۇستەبىتلىكنىڭ ئىزلىرى قويۇق ئىدى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار فاشىزم ۋە مۇستەبىتلىكتىن ئىلھام ئېلىپ پىروگراممىلار تۈزۈپ چىققانىدى (مۇلاج، 2006: 30). ئۇستاش ھاكىمىيىتىدىكى دۆلەت مائارىپ ئورۇنلىرىدا ئۇستاش ئەزالىرىدەك ئويلايدىغان، ئۇلاردەك گەپلىشىدىغان، ئۇلارغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە دۆلەتكە مۇتلەق ئىتائەت قىلىدىغان شەخسلەرنى تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن تەلىم-تەربىيە پىروگراممىلىرى تۈزۈپ چىقتى. قىسقىسى، كىرودىيەنىڭ ھەممە يېرىدە ئۇستاش ئىدىيەلىرى ئومۇملىشىشى كېرەك ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇستاشقىلا خىزمەت قىلىدىغانلاردىن تەشكىل تاپقان ئۇستاش تەشكىلاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلدى. ئۇستاش ھەرىكىتى تەرىپىدىن كىرود مىللىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قارىلىدىغان بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا مۇسۇلمانلىرىنىڭ نوپۇسى ئۇ چاغلاردا 700 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى. بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالاھىدە سىياسەت چىقىرىلدى. ھەتتا بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلار كىرود مىللىتىنىڭ ”گۈلى“، بوسنىيە بولسا كىرودىيەنىڭ ”قەلبى“دەپ ئاتالدى. (گولدستېيىن، 1999: 135).
1941-يىلى ئۇستاش كۈچلىرى ۋە يات دۆلەتلەرنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى قوزغالدى.قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە باشلامچىلىق قىلغانلار ئىچىدە كىرودىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ياشاۋاتقان سىرپلار باشچىلىق قىلغان كوممۇنىستلارمۇ بار ئىدى. 1941-يىلى ئاپرېلدا يۇگوسلاۋىيە يىمىرىلگەندىن كېيىن كىرودىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركەز تەشكىلاتى مىللىي لىبېرال كۈرىشىنىڭ غول لىنىيەسىنى بىر خىتابنامە ئارقىلىق ئېلان قىلدى. خىتابنامىدە كىرودىيەنىڭ يات دۆلەتلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلماسلىقى ۋە چەت دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىش، قۇرۇلۇش ئالدىدىكى يېڭى دېموكراتىك يۇگوسلاۋىيەدە ئىنسانلارنىڭ باراۋەر بولىدىغانلىقى ۋە كىرودىيەنىڭمۇ مۇستەقىل يۇگوسلاۋىيەدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ شوئار ئاستىدا فاشىزمغا قارشى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى كىرودىيە مىقىياسىغا تەدرىجىي تارقالدى. كىرودىيەدە 1941-يىلى كۈز پەسلىدە قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىلىپ قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى تەشكىللەندى. ئەسكەر ۋە نورمال كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان قوراللىق قىسىملار پارتىزانلار دەپ ئاتالدى (جوس، 1996: 62). پارتىزانلار ”ئازاد قىلىنغان“ناھىيە ۋە يېزىلاردا خەلق ئازادلىق كومىتېتلىرى قۇرۇپ چىقتى. بۇ كومىتېتلار پارتىزانلىق ئۇسۇلىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلدى. بۇ ئۆزگىرىشلەردىن سىرت كىرودىيە مىقىياسىدا باش كۆتۈرگەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بۆھرانلار، شۇنداقلا قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئۇستاش ھاكىمىيىتى ۋە ئىشغالىيەتچى كۈچلەرنى ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
1928-يىلىدىن بېرى كىرود مىللىتىدىن بولغان جوسىپ بىروز تىتو يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتاتتى. كوممۇنىستلار كۈچلۈك مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ ئەھمىيىتىنى ياخشى بىلگەچكە، كىرودىيە ۋە سلوۋېنىيەدە يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەتراپىدا ئايرىم ئايرىم كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرۇپ چىقتى. قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، يۇگوسلاۋ كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىچىدىكى بۆلۈملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە سۇس بولدى. بۇ جەرياندا كىرودىيە پارتىيەسى رەھبىرى ئادرېل ھېبراگ تەرىپىدىن تەييارلانغان پارتىيە پىروگراممىسىنى قوللايدىغانلارنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىدى ( بارتلېت، 2003: 23). ھېبراگ كىرودلارنى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىشنىڭ چارىسىنىڭ كىرودلارنىڭ كىرودىيە دۆلىتى غايىسىدىن پايدىلىنىش بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. بۇ سەۋەبتىن قۇرۇلىدىغان يېڭى سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتتە كىرودلارنىڭ ئالىي ئاپتونومىيەلىك ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى ياقلىدى. كىرودىيەدە يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن ھەرىكەتلەردىن بىرسى، ئانى-فاشىست كىرودىيە مىللىي ئازادلىق كېڭىشى ئىدى. بۇ ھەرىكەت كىرودىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قوراللىق كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى (بارتلېت، 2003: 23|).
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پارتىزان تەشكىلاتى سۈرگۈندىكى خانلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى ئىۋان سۇباسىك بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى. 1944-يىلى 1-نويابىردا ھاسىل قىلىنغان مەزكۇر كېلىشىمگە كۆرە، ئۇرۇشتىن كېيىن پارتىزانلار تەرىپىدىن قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتتە سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتتىن ئۈچ كىشى ۋەزىپە ئۆتەيتتى (جېلاۋىچ، 1983: 295). بۇ ئۆزگىرىشلەردىن سىرت، 1944-يىلى مايدا خەلق ئازادلىق كومىتېتى كىرودىيەدە دۆلەتنىڭ پارلامېنت، ھۆكۈمەت ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنى تەشكىل قىلدى. بۇ ئەھۋال يېڭى قۇرۇلىدىغان يۇگوسلاۋىيەدە كىرودىيەمۇ ئورۇن ئالىدىغان باسقۇچ ھېسابلىناتتى. ج.ب تىتو ئۇرۇشتىن كېيىن تۇنجى بولۇپ 1945-يىلى مايدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقتى. 1944-يىلى نويابىردا چاقىرىلغان ئاساسىي قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك بىر يىغىندا پادىشاھلىق تۈزۈم بىكار قىلىنىپ ئورنىغا فېدراتىپ يۇگوسلاۋىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. يېڭى دۆلەت 6 جۇمھۇرىيەتلىك فېدراتسىيە سۈپىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ بىرلەشمە جۇمھۇرىيەتلەر سلوۋېنىيە، كىرودىيە، بوسىنە-گىرېتسىگوۋېنا، سىربىيە، ماكېدونىيە ۋە قاراتاغ قاتارلىقلار ئىدى (بېلوف، 1985: 73).
1960-يىللاردا يۇگوسلاۋىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئىككى جەھەتتە كىرودىيەگە تەسىر كۆرسەتتى. بىرىنچىسى، كىرودىيەدە ساياھەت سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئىدى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە كىرودىيەدىكى مېھان-سارايلارغا چەت دۆلەتلەردىن زور مىقداردا كىرىم كىردى. لېكىن بۇ پۇللار بېلگىرادتىكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ چۆنتىكىگە چۈشەتتى. بۇ سەۋەبتىن، كىرودىيەدىكى مەنپەئەت گۇرۇھلىرى ساياھەت كىرىملىرىنىڭ كىرودىيەدىن چىقماسلىقى ئۈچۈن مەركەز ھۆكۈمەتتىن سىياسەت يولغا قويۇشىنى،ھەتتا مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە بەلگىمىلەر ئۈستىدە ئىسلاھ ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى (بارتلېت، 2003: 29). ئىسلاھات تەلەپلىرى كىرودىيە كوممۇنىستىك ھەرىكىتىدىكى ئۈچ سىياسەتچىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ تەلەپ تۈرتكىسىدە يۇگوسلاۋىيە ئىچىدە كىرودىيەگە تېخىمۇ كۆپ ھەق-ھوقۇق بېرىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. مەسىلەن، كىرودىيەدە بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش تاشلىدى. لېكىن نامايىشلارنى مەركەز ھۆكۈمەت ساقچىلارنىڭ قولى بىلەن باستۇرۇۋەتتى ( بارتلېت، 2003: 20).
كىرودىيەگە تېخىمۇ كۆپ ھەق-ھوقۇق بېرىش مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان كۈنلەردە، يۇگوسلاۋىيە ھۆكۈمىتى كىرودىيەنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تاشقى پېرېۋوت ساقلىشىغا رۇخسەت قىلدى. 1967، 1971 ۋە 1974-يىللاردا يۇگوسلاۋىيە ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، نەتىجىدە جۇمھۇرىيەت ۋە ئاپتونوم رايونلارغا تېخىمۇ كۆپ ھەق-ھوقۇقلار بېرىلدى (ستوجانوۋىك، 1995: 342). 1974-يىلى يۇگوسلاۋىيە ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈش نەتىجىسىدە، كىرودىيەنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەق-ھوقۇقلارنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلدى. 1971-يىلىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى تۈرتكىسىدە كىرودىيە جۇمھۇرىيىتى ”مىللىي“دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشكەن بولسا، 1974-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى تۈرتكىسىدە ”ئۆز ئۆزىنى باشقۇرىدىغان“دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە بولدى (ھىلې، 1995: 599). بۇ ئۇنۋان شەرھىىيلەنگەندە يۇگوسلاۋىيە ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلىپ چىقىش تەلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى، سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىچىدە ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش دېگەن تەرىقىدە شەرھىيلىنىشى لازىملىقى ئەسكەرتىلدى (ئىلگار، 1992: 77). كېيىنكى مەزگىللەردە كىرودىيەگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەلۇم ئىمتىيازلار بېرىلىشىگە يول قويۇلدى. بۇ دائىردە مەركىزى ھۆكۈمەت كىرودىيەنىڭ ساياھەتتىن كېلىدىغان كىرىملارنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلدى.
1979-يىلى يۇگوسلاۋىيەدە ئىقتىسادىي كىرىزىس پارتىلدى. 1980-يىللارنىڭ بېشىغىچە، ئىشلەپچىقرىش ساھەسىدە ئېغىر مەسىلىلەر كۆرۈلدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئاستىلىدى. 1980-يىلىدا يۇگوسلاۋىيە پىرېزىدېنتى ج.ب تىتونىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئىقتىسادىي كىرىزىس تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. تىتونىڭ ئۆلۈمى، بېسىقتۇرۇلغان مىللەتچىلىك تۇيغۇلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا ياڭرىتىلىشىغا زېمىن تەييارلاپ بەردى. يەنە بىر تەرەپتىن 1974-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش خىزمىتى تۈرتكىسىدە جۇمھۇرىيەتلەرگە بېرىلگەن ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقلار ۋە ئىمتىيازلار جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ سىربىيەدىن مۇستەقىل ھالدا ھەرىكەت قىلىشىغا شارائىت ياراتتى (ئىلگار، 1992: 77). سىرپلار ئىككى ئايرىم ئاپتونوم رايون بولغان كوسوۋا ۋە ۋولۋودىناغا بېرىلگەن ھەق-ھوقۇقلارغا چىدىماي قالدى. ئالبانلار سىرپلارنىڭ بۇ خىل كەيپىياتىدىن بىئارام بولۇشقا ھەتتا ئەنسىرەشكە باشلىدى (سىلوۋىك، 2000: 150). بۇ سەۋەبتىن، ئالبانلار سىربىيەدىن تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق ئېلىش مەقسىتىدە 1981-يىلى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. كوسوۋادىكى نامايىشلار ۋە ئاپتونوم رايونلاردا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەردىن نارازى بولغان سىرپلار، 1981-يىلىنىڭ ئاخىرىدا چاقىرىلغان سىرپ كوممۇنىستىك پارتىيەلەر بىرلەشمىسى يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. 1984-يىلى سىرپ كوممۇنىستىك كومىتېتى سىربىيەنىڭ پۈتۈنلىشىشى ۋە فېدراتسىيە ئىچىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن نارازى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. سىرپ پارتىيەلىرى 1974-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىگە پىسەنتمۇ قىلماي، يۇگوسلاۋىيەدە ”قايتىدىن پۈتۈنلىشىش مۇنبىرى“نى قۇرۇپ چىقىپ، سىرپ مىللەتچىلىكىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇ جەرياندا سىرپلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن مىلوسېۋىچ ھاكىمىيىتىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە سىربىيە ۋە كوسوۋا ئاساسىي قانۇنلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. سىربىيەنىڭ بۇ قىلمىشى سلوۋېنىيە ۋە كىرودىيەدە بىئارامچىلىق پەيدا قىلدى. بۇ دۆلەتلەر كېيىنچە ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىدىمۇ مۇشۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى. لېكىن بۇ ئۆزگىرىشلەر يۇگوسلاۋىيەنىڭ يىمىرىلىش مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنى كۈچەيتتى.
كىرودىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى
1989-يىلى ئىيۇندا فرانجو تۇدجمەن دېموكراتىك كىرودىيە ئىتتىپاقىنى رەسمىي قۇردى. تۇدجمەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدا پارتىزانلار قوشۇنىدا گېنېرال بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. لېكىن كېيىنچە ئاكتىپ كىرود مىللەتچىسى بولدى (ستوجانوۋىك، 1995: 345). تۇدجمەن ياۋروپا تارىخىنى پىششىق بىلەتتى، ئۇنى ياۋروپا تارىخچىسى دېيىشكىمۇ بولاتتى. بۇ بىلىم جۇغلانمىسى ۋە تەجرىبىلىرىنى كىرودىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىشلەتتى. تۇدجمەن سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى كىرودلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئاز سانلىق سىرپلارنى باشقۇرۇشنى پىرىنسىپ قىلغان ھالدا ئېلىپ باردى.
تۇدجمەننىڭ مەقسىتى ”مىللىي بىرلىك“نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى. بۇ مەقسەت بىلەن، جەمئىيەتتىكى ئوخشىمىغان ئىدېئولوگىيەلىك قاتلاملار ۋە قاراشلارنى مۇرەسسەلەشتۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. تۇدجمەن سولچىل-ئوڭچىل ئىدىيەلىرىگە مۆتىدىل مۇئامىلە قىلىش، پارتىزان ۋە ئۇستاش ئەزالىرىنى مۇرەسسەلەشتۈرۈش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان پىروگراممىلارغا كۆرە، كىرودىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ھوقۇق تۇتقان سىرپلارغا بېرىلگەن ئىمتىياز ۋە ھەق-ھوقۇقلار جەمئىيەتتە قۇتۇپلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. بۇ سەۋەبتىن تۇدجمەننىڭ پىروگراممىلىرىدا جەمئىيەتتە باش كۆتۈرگەن بۇ قۇتۇپلىشىش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سىرپ ئەمەلدارلارغا بېرىلگەن ئىمتىياز ۋە ھەق-ھوقۇقلارغا خاتىمە بېرىلىشى لازىملىقى ئەسكەرتىلدى. تۇدجمەن يەنە بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلارنىڭ كىرود مىللىتىدىن ئىكەنلىكى، شۇڭا يۇگوسلاۋىيە يىمىرىلگەن تەقدىردە بوسنىيەنىڭ مۇستەقىل كىرودىيە دۆلىتى چېگراسى ئىچىدە قېلىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرەتتى. ئۇ بۇ كېڭەيمىچىلىك قارىشىغا كىرودىيە بىلەن بوسنىيەنىڭ تارىختىن بۇيان بىر-بىرىلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كېلىشىنىڭ ئاساس بولالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. تۇدجمەن كىرودىيە بىلەن بوسنىيە ھەمكارلىق ئورنىتىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان تەقدىردە، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان سىرپلارنى ئاسانلا مەغلۇپ قىلالايتتى (ئىرۋىنې، 1997: 10).
تۇدجمەن كىرودىيەنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا كىرىپ قېلىشىغا كىرودىيەنىڭ بېلگىراد ھۆكۈمىتى ئالدىدىكى ئادىل بولمىغان ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ سەۋەب بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرەتتى. كىرودىيەدە كۈچلۈك ئۆكتىچىلەر بولۇشنىڭ ئەكسىچە، تۇدجمەن سايلامدا يەنىلا ئۇتۇپ چىقتى. دېموكراتىك كىرودىيە بىرلەشمە پارتىيەسى كانادا ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى كىرود دىئاسپوراسىنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشتى. تۇدجمەننىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى تورونتودا ياشىغان، كېيىنچە مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان گوجكو سۇساك ئىدى. دېموكراتىك كىرودىيە بىرلەشمە پارتىيەسى كۈندىن-كۈنگە خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتاتتى. بۇ پارتىيەنى قوللىغان يەنە بىر كۈچلۈك شەخس بولسا سلوۋېنىيەدە ئوراخويكانىڭ سابىق شەھەر باشلىقى، كېيىنچە مىنىستىر، ھەتتا باش مىنسىتىر بولغان سىتىپ مېسىكتى ئىدى.
1990-يىلى مايدا يۇگوسلاۋىيەدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۆپ پارتىيەلىك سايلام ئۆتكۈزۈلدى. سايلامدا دېموكراتىك كىرودىيە بىرلەشمە پارتىيەسى 356 ئورۇندۇقلۇق پارلامېنتتا 205 ئورۇندۇققا، كوممۇنىستىك پارتىيە 75 ئورۇندۇققا ئېرىشتى. يەنە ماي ئېيىدا سابور يىغىنى چاقىرىلدى، يىغىندا فىرانجو تۇدجمەن پىرېزىدېنت بولۇپ سايلاندى، سىتېپ مېسىك باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەندى. بۇنىڭدىن سىرت، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ،جۇمھۇرىيەت نامىدىن ”سوتسىيالسىتىك“ئىبارىسى ئېلىپ تاشلاندى (بارتېلېت، 2003: 36).
سابور (پارلامېنت) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش خىزمىتى نەتىجىسىدە، ”كىرودىيە كىردولارنىڭ ئانا ۋەتىنىدۇر“دېگەن جۈملە ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭغا قوشۇمچە ھالدا، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇننىڭ تۇنجى بۆلۈمىدىكى ”ئاساسلىق ھەق-ھوقۇقلار“قىسمىدا ”كىرود مىللىتىنىڭ مىڭلارچە يىللىق مۇستەقىللىقى ۋە دۆلەت ئىزچىللىقى“ ۋە ”تارىخىي نۇقتىدىن كىرود مىللىتىنىڭ تولۇق مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇش ھەققى بارلىقى“دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇندا يەنە، ”كىرود مىللىتىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقى“ ۋە كىرودىيە جۇمھۇرىيىتى ”ئاز سانلىقلارمۇ بولغان كىرود مىللىتىنىڭ دۆلىتىدۇر“دېگەن ئىبارە كۆزگە چېلىقاتتى. يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان بايانلاردا ئۇچرايدىغان ”كىرود مىللىتى“ دېگەندە ئېتنىك يىلتىزى كىرود بولغانلار كۆزدە تۇتۇلاتتى. بۇ بايانلار ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگىچە بولغان ئارىلىقتا سىمۋوللۇق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى، شۇڭا ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي يوق ئىدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇندا رەسمىي ئېغىز ۋە يېزىق تىلىنىڭ كىرودچە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. بۇ ۋاقىتچە ئىشلىتىپ كېلىنىۋاتقان سىرپ كىرىل ئېلېپەسى بولسا بىكار قىلىندى (2003: 38).
1990-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇندا كىرودىيەنىڭ يۇگوسلاۋىيە فېدراتىپ دۆلىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى بارلىقى دېيىلگەنىدى. ئاساسىي ، شۇنداقلا ئاۋام پالاتا ۋە ئالىي پالاتا بولۇپ قوش پارلامېنتلىق قانۇن چىقىرىش تۈزۈمى بەرپا قىلىندى. بۇنىڭدىن سىرت، ئاساسىي قانۇن ئىختىلاپلار كەسكىن بولىۋاتقان شارائىتتا تۈزۈلگەنىدى. يېڭى ئاساسىي قانۇنغا كۆرە، كىرودىيە پۇقرالىقىغا بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنادىكى كىرودلار بىلەن كىرودىيە سىرتىدا ياشايدىغان كىرودلارمۇ ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بار ئىدى. كىرودىيەدە ياشىمىغان يېڭى پۇقرالارغا سايلاملاردا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بېرىلدى (بارتلېت، 2003: 38).
تۇدجمەن سىياسىي نوپۇزىنى كۈچەيتكەندىن كېيىنلا، ئاق ۋە قىزىل رەڭ چۈشۈرۈلگەن قالقان رەسمىنى كىرودىيە دۆلەت بايرىقىغا كىرگۈزدى (بارتلېت، 2003: 37). قالقان سىمۋولى ئوتتۇرا ئەسىردىكى كىردو پادىشاھلىقىنىڭ، كىرود مىللىتىنىڭ، كىملىكىنىڭ ۋە ئۇستاشنىڭ سىمۋولى ئىدى. قالقان رەسمىنىڭ كىرودىيە بايرىقىغا قايتىدىن كىرگۈزۈلۈشى، سىرپلارغا نىسبەتەن ئاشقۇن ئۇستاش ھەرىكىتىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن، شۇنداقلا سىرپلارنىڭ كىرودىيەدە قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى (بارتلېت، 2003: 37).
كىرودىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر سىرپلار ۋە كىرودلار ئوتتۇرىسىدا مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئىمكانيىتىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. سىرپلار ۋە كىرودلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئىختىلاپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى زامانلارغىچە سوزۇلاتتى. بۇ ئەھۋال كىرودلاردا ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇش خاھىشىنى، سىرپلاردا بولسا ياتلىشىش خاھىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كېيىنچە سىتېپې مېسىك “ يېڭى كىرودىيە دۆلىتىنىڭ سابورنىڭ يىغىنلىرىنى بايقۇت قىلغان سىرپ دېموكراتىك پارتىيەسى بىلەن تېز سۈرئەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىشى ۋە بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوڭۇشسىز بولۇشى قاتارلىقلارنى يېڭى دۆلەتنىڭ زور خاتالىقلىرىدىن بىرى بولىدىغانلىقىنى“دېدى (بارتلېت، 2003: 37). بۇ سىرپلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمىدى. مىلان بابىك 1990-يىلى 1-ئىيۇندا كىرىياجىنا رايونىنى ئاپتونومىيەلىك سالاھىيەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن لىكا ۋە شىمالىي دالماچيادىكى يەرلىك كېڭەشلەرنى بىرلەشتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى (بارتلېت، 2003: 38). سىرپ مىللىي پارلامېنتى سىرپ يېزىلىرىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ ھادىسىلەر تۈپەيلى كىرودىيە ھاكىمىيىتىدىن كىرىياجىنا رايونىدا ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن، كىرودىيە ھاكىمىيىتى بۇنى رەت قىلدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، سىرپلار غەيرى رەسمىي ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئەل رايىنى سىناش پائالىىيتىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن، مىلان بابىك 1990-يىلى ئاۋغۇستتا سىرپ كىرىياجىنا رايونىنىڭ ”ئاپتونوم رايون“بولغانلىقىنى جاكارلىدى (پاۋكوۋىك، 2000: 491). ئارقىدىن بۇ رايون قاتناش جەھەتتىن مۇساھىرە ئاستىغا ئېلىندى. سىربىيە مەخپىي ساقچى تەشكىلاتى سىربىيە پىرېزىدېنتى مىلوسېۋىچنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇ رايوندىكى سىرپلارنى ”بۈيۈك سىربىيە چۈشى“نى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا چاقىردى. بۇ مەزگىلدە، كىرودىيە مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن بولسىمۇ، مىلوسوۋېچ كىرودىيەدىكى سىرپلارنى سىربىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئاسترىتتىن ھەرىكەت قىلىۋاتتى (بارتلېت، 2003: 38).
1991-يىلى 19-مايدا كىرودىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتى (رېفېراندۇم) ئۆتكۈزۈلدى. ئەل رايىنى سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ %93ى كىرودىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاپ ئاۋاز بەردى (بارتلېت، 2003: 39). كىراجىنا ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى بۇ ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتىنى بايقۇت قىلىپ، سىربىيە بىلەن بىرلىشىش نىيىتى بارلىقىنى، يۇگوسلاۋىيەنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى (پاۋكوۋىك، 2000:491). 1991-يىيلى 25-ئىيۇندا كىرودىيە مۇستەقىللىقىنى ”كىرودىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك خىتابنامىسى“ئارقىلىق ئېلان قىلدى (رىچ، 1993: 37). بىر مەزگىلدىن كېيىن، ياۋروپا دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىللىرى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت ئىشلىرى مىنسىتىرى جېميىس باكېرنىڭ ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە، سلوۋېنىيە بىلەن كىرودىيە مۇستەقىللىقىنى ئۈچ ئايدىن كېيىن جاكارلاشنى قوبۇل قىلدى (سىلوۋىچ، 2000: 151). ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ، يۇگوسلاۋىيە ھاۋا ئارمىيەسى يۇگوسلاۋىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سلوۋېنىيەگە كىرىشىنى قوللاش مەقسىتىدە سلوۋېنىيەنى بومباردىمان قىلدى. يۇگوسلاۋىيە ئارمىيەسى ئون كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشتىن كېيىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. يۇگوسلاۋىيە ھۆكۈمىىتى يۇگوسلاۋىيە ئارمىيەسىنىڭ سلوۋېنىيەدىن چېكىنىپ چىقىشى ۋە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش ئۈچۈن سلوۋېنىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزدى. بۇ ئەھۋال يۇگوسلاۋىيە دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىشارىتى ئىدى. ئەسلىدە بورىس جوۋىك ۋە يۇگوسلاۋىيە ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ۋېلجكو كادىجېۋىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن مىلوسوۋچىنىڭ بۈيۈك سىربىيە پىلانىدا سلوۋېنىيە بولمىغانلىقى تۈپەيلى، سلوۋېنىيە بىلەن ئۇرۇشقا كىرىش مۇۋاپىق دەپ قارالمايتتى. مىلوسېيۋىك كۇكانغا سىرپلارنىڭ پىلانىغا قارشى چىقمىغان تەقدىردە سلوۋېنىيەلىكلەرنىڭ يۇگوسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا قارشى چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى (بارتلېت، 2003: 39).
كىرودىيەنىڭ ئەھۋالى سىلوۋېنىيەگە ئوخشىمايتتى. كىرودىيەنىڭ كىرىياجىنا رايونىدا سىرپلارنىڭ نوپۇسى كۆپ ئىدى. مىلوسېۋىچنىڭ بۈيۈك سىربىيە پىلانىدا بۇ رايوننى سىربىيە قوشۇۋېتىش بار ئىدى. مىلوسېۋىچ بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن كىرودىيەنىڭ پارچىلىنىپ، يۇگوسلاۋىيە ئارمىيەسىنىڭ كىرودىيە ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلىشى شەرت ئىدى. تۇدجمەننىڭ كوممۇنىستلارغا قارشى كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشى كىرىزىسنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. سىرپ ۋە كىرودلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا كىرىزىستىن قېچىپ مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. 1991-يىلى 11-ئاۋغۇستتا سابور (پارلامېنت)كىرودىيە مىللىي مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىغا ۋاكالىتەن يېڭى قىسىمنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. بىر ئايدىن كېيىن شەرقىي سىلوۋېنىيەدىكى يۇگوسلاۋىيە ئارمىيەسى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئۆتتى(بارتلېت، 2003: 39).
يۇگوسلاۋىيە ئارمىيەسىنىڭ زاگرېب ئايرودۇرۇمىنى بومباردىمان قىلىپ كىرودىيەگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىشى، كىرودىيەنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭمۇ مۇقەددىمىسى بولدى. 1991-يىلى 25-سېنتەبىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار چىقىرىپ (713 نومۇرلىق قارار)يۇگوسلاۋىيەگە قورال ئېمبارگوسى قويدى. سلوۋېنىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ۋۇكوۋار شەھىرىگە يېقىن جايدا بىر مەيدان كەسكىن جەڭ يۈز بەردى. ۋۇكوۋار يۇگوسلاۋىيە ئارمىيەسىنىڭ چاڭگىلىغا كىرگەندىن كېيىن، يۇگوسلاۋىيە ئارمىيەسى ئوسىجېككە قاراپ ھەرىكەت قىلدى. جەڭ ئەسناسىدا يۇگوسلاۋىيە ئارمىيەسى كىرودىيەنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئىشغال قىلىشىنىڭ مۈشكۈل بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. لېكىن بۇ ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىشتىن ئىلگىرى، ياۋروپا دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەيئىتى مىلوسېۋىك بىلەن تۇدجمەنگە تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن لاھېي شەھىرىدە بېسىم قىلدى. 1991-يىلى 3-ئۆكتەبىردە چاقىرىلغان يىغىندا يۇگوسلاۋىيە مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال كادىجېۋىك، تۇدجمەن، مىلوسېۋىك ۋە ياۋروپا دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىلى ۋان دېن برو قاتارلىق شەخسلەر پىرىنسىپ جەھەتتە تىنچلىق پىلانى تۈزۈپ چىقىشتا كېلىشتى. پىلاننىڭ روھىي بويىچە كونفېدراتسىيە بەرپا قىلىناتتى، لېكىن جۇمھۇرىيەتلەر خالىسا مۇستەقىللىق جاكارلىسا بولاتتى (بارتلېت، 2003: 40). كىرودلار يۇگوسلاۋ ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىپ چىقىشى، كىرىياجىنانى ئەسكەرلەردىن خالىي قىلىش ۋە بۇ جايغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى قوغداش ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلدى. 1991-يىلى 19-دېكابىردا كىرودىيە ياۋروپا دۆلەتلەر تەشىلاتىغا ئۆزىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس سۇندى. تىنچلىق پىلانى دائىرىسىدە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش مۇزاكىرىلىرى 1991-يىلى 23-نويابىردا باشلىنىپ، 1992-يىلى 2-يانۋاردا ئاخىرلاشتى. مۇزاكىرە ئاخىرىدا كىرودىيە ۋە يۇگوسلاۋىيە ھەربىي ۋەكىللىرى ساراي بوسنىيەدە كېلىشىم تۈزدى. رايونغا 14000 كىشىلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقى قوغداش ئەسكىرى 1992-يىلى 8-مارتتا كېلىشكە باشلىدى (بارتلېت، 2003: 41).
قىسقىسى، كىرودىيەنىڭ ئەھۋالى بولۇپمۇ تارىختىن بۇيان كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنىۋاتقان، دەسلەپ ياۋروپا كۈچلىرى، ئارقىدىن يۇگوسلاۋىيەدىن ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق ئېلىپ مۇستەقىللىققە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر نۇقتىسىدىن، سلوۋېنىيەنىڭ ئەھۋالىدىن كۆرىنەرلىك پەرقلىنىدۇ. كىرودىيەنىڭ يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلۇپ كېتىشىنىڭ تېگىدە پادىشاھلىقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشتىن بەكرەك ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى ياتاتتى. ئىككىنىچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بېشىدا يۇگوسلاۋىيەگە قارشى گېرمانىيەنىڭ ھۇجۇم قوزغىشى بىلەن، كىرودىيەگە ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش پۇرسىتى كەلدى. ناتسىست گېرمانىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنتىىش ئارقىلىق مۇستەقىللىق پۇرسىتى يارىتىش كويىدا بولغان كىرود زىيالىلىرى ۋە سىياسەتچىلەر مۇستەقىل بولۇش يولىدا ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار ئىدى. مۇستەقىل كىرودىيە دۆلىتى ئەسلىدە قانۇنسىز بىر تەشكىلات ۋە دۇنيا ئۇرۇشلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ھېسابلىنىاتتى.
ئۇستاش ھەرىكىتى ئۆزلىرىنى قوللاشقا تەييار تۇرغان ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا، مىللىي نىشان ۋە مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىن پايدىلاندى. بۇ يەردە مۇنداق زىتلىق بار، يۇقىرىدىكى بۇ تۆت دۆلەت، بولۇپمۇ ئىتالىيە كىرودىيە زېمىنىغا كېڭەيمچىلىك قىلىش سىياسىتىنى باشتىن ئاخىرى يولغا قويۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى.ئۇستاش ھەرىكىتى ئىتالىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىدى. 1941-يىلى 18-مارت كۈنى ھاسىل قىلىنغان رىم ئەھدىنامىسىغا كۆرە، ئىتالىيەنىڭ ئۇستاش ھەرىكىتىنى ئېتىراپ قىلىش بەدىلىگە، پاۋېلىك ئىتالىيەگە ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق كىرودىيە ئاراللىرىنى، دالماچيانىڭ كۆپ قىسمىنى، ھەتتا رىجېكانىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە مۇستەقىل كىرودىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئويلىغان تەقدىردىمۇ، ھېچقاچان كىرودىيە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلمىدى ياكى كىرودىيەنىڭ ھەققىي مەنىدە مۇستەقىللىققە ئېرىشىشىگە قىزىقمىدى. ئىتالىيە باشتىن ئاخىرى كىرودىيەنىڭ زېمىنىنى يۇتۇۋېلىش كويىدا يۈردى، ئىتالىيەگە نىسبەتەن كىرودىيەدىن قانچىلىك زېمىن يۇتۇۋالسا شۇنچىلىك پايدا ئىدى. گېرمانىيە بولسا بالقان رايونىدا مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى خالىسىمۇ، لېكىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىگە بېقىندى ھالەتتە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. كىرودىيەنىڭ ھېچقاچان مۇستەقىل تاشقى سىياسىتى بولۇپ باقمىدى. گېرمانىيە ئارمىيەسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردىمۇ ئۇستاش ھەرىكىتى قىسىملىرى نېمىس قوماندانلىرىنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا ھەرىكەت قىلاتتى.
زاگرېبتىكى نېمىس قوماندانلار ۋە دىپلوماتلار كىرودىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا، ھەتتا ئىدارە-جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا ئەمەلدار تەيىنلەشكىچە بولغان ئىشلارغا ئارىلاشقانىدى. ئىتالىيە بىلەن ئۇستاش ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا پىكىر ۋە ھەرىكەت پىلانى جەھەتتە زور ئىختىلاپ بار ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئىتالىيە ۋە نېمىس ئارمىيەسى، شۇنداقلا سىياسەتچىلەر ئىتتىپاقدېشى بولغان كىرودىيەنى شۈمۈرۈشكە تېگىشلىك مەملىكەت دەپ قارايتتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى گېرمانىيەنىڭ مەغلۇب بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، گېرمانىيەنىڭ مەغلۇب بولۇشى كىرودىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا تەسىر كۆرسەتتى. لېكىن كىرودىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى ئۆچمىدى. كىرودىيە جوسىپ بىروز تىتو ھاكىمىيىتىدىكى يۇگوسلاۋىيەگە قوشۇلدى،كىرودىيە يۇگوسلاۋىيە ھاكىمىيىتىدىكى باشقا جۇمھۇرىيەتلەرگە ئوخشاش ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە ئىدى. كىرودىيە ھەر ۋاقىت مۇستەقىللىق تەلىپىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ تۇردى. تىتونىڭ ئۆلۈمى ۋە كوممۇنىزم لاگېرىنىڭ ۋيران بولۇشى نەتىجىسىدە كىرودىيە تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ھوقۇقلارغا ۋە ئەركىنلىكلەرگە ئىگە بولدى. بۇنىڭدىن سىرت، يۇگوسلاۋىيەدە سىياسىي ۋەزىيەتمۇ ئۆزگىرىۋاتقانىدى. سىربىيەدە سايلامدا ئۇتۇپ چىققان سلوبودان مىلوسېۋىك جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئاپتونوم رايونلارغا كۆپلەپ ھەق-ھوقۇق بېرىشنى مەزمۇن قىلىدىغان 1974-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى بىكار قىلدى. كىرودىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ئۇتۇپ چىققان فىرانجا تۇدجمەن ئاشقۇن مىللەتچى سىياسەتچى بولۇپ، كىرودىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلدى. بۇ ھادىسىلەر يۇگوسلاۋىيەنىڭ يىمىرىلىش مۇساپىسىنى تىزلەشتۈرۈپ، كىرودىيەنىڭ قايتىدىن مۇستەقىللىققە ئېرىش ئارزۇسىنى كۈچەيتتى. تۇدجمەن پىرېزىدېنت ۋاقتىدا ئۇنى كىرودلار، ياۋروپا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ گېرمانىيە ۋە ئاۋستىرىيە كۈچلۈك قوللىدى. ئۇ كىرودىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى، كىرودىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقىنى ۋە كىرودلارنىڭ ئۆز دۆلىتى بولۇشى لازىملىقىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن سىياسەتچى ئىدى. تۇدجمەن بۈيۈك كىرودىيەنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا كىرودىيەگە قوشۇلمىغان تەقدىردە، بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنادا كىرودلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ كىرودىيەگە قوشۇلۇشى ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلدى.
يۇقىرىدىكىلەر شۇنى كۆسىتىپ بېرىدۇكى، تارىخىي نۇقتىدىن دۆلەت بولۇش ئېڭى ئىنسانلارنىڭ مىللەتچىلىك ھېسسىياتىنىڭ قايتىدىن قوزغىلىشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، تۇدجمەن كىرودىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۈرەش قىلدى. كىرودىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. فىرانجا تۇدجمەننىڭ كىرودىيەنىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشىشىدا شەخسىي تىرىشچانلىقى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.
بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا
20-ئەسىردىن ئىلگىرىكى مەزگىللەردە بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى بوسنىيە- گىرېتسىگوۋېنا تارىخى ئاساسەن دېگۈدەك تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى بىلەن تولغان. ئوتتۇرا ئەسىردىكى بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنادا ئىككى خىل دۆلەت تەشكىلاتى بار بولۇپ، 1377-يىلىغىچە بانوۋىنا، 1377-يىلىدىن 1463-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خانلىق بار ئىدى. بۇ مەزگىللەردە بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇردى. ئوتتۇرا ئەسىردە بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا دۆلىتى ئەنئەنىۋى قانۇن تۈزۈملىرى ۋە دەۋرنىڭ دۆلەت قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاساسەن باشقۇرۇلاتتى. بوسنىيە قانۇنىنىڭ ھەممىسى يازما شەكىلدە ئەمەس ئىدى، قانۇنلار ھەم ئەنئەنىلەردىن ھەمدە يازما قائىدە-پىرىنسىپلاردىن تەشكىل تاپاتتى. بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا ئەنئەنىۋى قانۇنىغا ئاق سۆڭەكلەر ۋە نوپۇزلۇق كىشىلەرمۇ چوقۇم رىئايە قىلىشى كېرەك ئىدى (فېنې، 1992: 6). بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنادا تەختنى قولغا كىرگۈزگەنلەرنىڭ تۇنجى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى، ئاتا-بوۋىلىرى تەرىپىدىن مىراس قالغان ھەق-ھوقۇقلارنى ئېتىراپ قىلىشنى مەزمۇن قىلىدىغان خىتابنامە ئېلان قىلىش ئىدى. بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا قانۇنىنىڭ يازما مەنبەلىرى بولسا خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر، زېمىن خوجىدارلىرىنىڭ ئىمتىيازلىرى ۋە ئابىدىلەردىن تەشكىل تاپاتتى (ئىبراھىماگىك، 19995: 124). تارىخى مەنبەلەر بان كۇلىننىڭ ھۆكۈمدارلىقى (1180-1204|)مەزگىلىدە دۆلەت مۇئەسسەسىلىرىنىڭ بارلىقىنى، بوسنىيەدە ئىتقىسادىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئالغا ئىلگىرىلەش بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 1189-يىلى ئېلان قىلىنغان مەشھۇر دۇبرونوۋىك خەلق خىتابنامىسىدە بوسنىيەنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكى ۋە تېررىتورىيەسىدىكى دۇبرونوۋىك رايونىدا سودىگەرلەرنىڭ ئەركىن سودا ۋە ساياھەتلەرنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. بوسنىيەدە باننىڭ ھۆكۈمدارلىقى مەزگىلىدە بوسنىيەنىڭ ياتلارنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى دۆلەت بولۇشتىن بەكرەك، مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان ئەڭ ئىشەنچىلىك مەنبەلەر، سودىگەرلەرگە بوسنىيە بانى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىمتىيازلاردىن سىرت پوپنىڭ ھۆكۈمدارلار ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە يازغان مەكتۇبلىرىدۇر (كلاجىك، 1989-160).
1376-يىلى پادىشاھ 1.تىۋرتكو (1353-1391) ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا بوسنىيەدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلدى. پادىشاھ تىۋرتكو غەربىي سىربىيە ۋە ئادرىياتىك ساھىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى قولغا كىرگۈزۈپ دۆلەت تېررىتورىيەسىنى كېڭەيتتى. پادىشاھنىڭ سىياسىي مەقسىتى بوسنىيەنى ئېتنىك كىملىك ئەتراپىدا بىرلەشتۈرۈش ئىدى (كوروۋىك، 1999-8). پادىشاھ تىۋرتكو دەۋرىدە بوسنىيەدە ھەم قانۇنىي ھەدەم سىياسىي مۇئەسسەسىلەر بار ئىدى. بۇلار مەھكىمىلەر ۋە دۆلەت كېڭىشى ئىدى. بۇ ئىككى مۇئەسسەسە دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە قارار چىقىرىشتا ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە ئىدى.
1389-يىلى پادىشاھ تىۋرتكو ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىگە قارشى كىرودىيە ۋە دالماچيا قوزغىلاڭلىرىنى قوللىدى، 1390-يىلىغا كەلگەندە بولسا كىرودىيە ۋە دالماچيانىڭ ھۆكۈمدارى بولدى. 1414-يىلى پادىشاھ 2- تىۋرتكونى قانۇنلۇق پادىشاھ سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلغان، شۇنداقلا بوسنىيەگە زور ھەربىي قوشۇن ئەۋەتكەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بوسنىيەدىكى ھەربىي ۋە سىياسىي تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلىدى. بوسنىيە سەۋەبلىك ۋېنگرىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا ۋېنگرىيە قوشۇنى مەغلۇب بولدى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بوسنىيە مەسىلىسى سەۋەبلىك ۋېنگرىيە بىلەن داۋاملىق ئىختىلاپ ئىچىدە بولۇپ كەلدى (مالكوم، 1994: 23). ۋېنگرىيە ھۆكۈمدارى ستېپھېن ۋۇلكىك تېخىمۇ كۆپ كۈچ يىغىشنىڭ كويىدا يۈرگەن بولسا، پادىشاھ 2- تىۋرتكو (1443-يىلىدىن ئۆلۈمىگىچە) تەختتە ئولتۇردى. ۋېنگرىيە ھۆكۈمدارى ۋۇلكىك پادىشاھ 2- تىۋرتكونىڭ ۋارىسى ستېفھېن توماسنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىشى سەۋەبىدىن بوسنىيەدە بىرنەچچە يىل ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەردى. ۋۇلكىك بوسنىيەدىكى نوپۇزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، 1448-يىلى ۋېنگىر ۋە كىرود دۇكۇ دېگەن ئۇنۋانىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى. 1450-يىلىنىڭ بېشىدا، چوڭ ئوغلى بىلەن ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشىگە كىرىپ قالدى. ئائىلە ئىچىدىكى ئىختىلاپ كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلەشتى، 1462-يىلى ۋۇلكىكنىڭ ئوغلى ئوسمانلى دۆلىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ۋۇلكىكنىڭ ئوغلى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېناغا ھۇجۇم قىلىپ بۇ جاينى تېرروتورىيەسىگە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى(ھېگۋۇد، 1993: 23). شۇ يىلى ئوسمانلى قوشۇنى بوسنىيەدىكى دىنى ئىختىلابلار تۈپەيلى بۇ جايغا ئاسانلا كىردى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگەن بوسنىيەدە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىسلام كەڭ تارقالدى (ھېگۋۇد، 1993: 54).
1580-يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بوسنىيەنى ئەڭ ئالىي ھوقۇق ھېسابلىنىدىغان پاشا ياكى بەگلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان ۋىلايەت قىلىشنى قارار قىلدى ( سېلۋېر، 2003: 82). بوسنىيە ۋىلايىتىنىڭ چېگرالىرى ھازىرقى بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا، سىلوۋېنىيەنىڭ بىر قىسمى، كىرودىيەنىڭ دالماچيا ساھىللىرى ۋە سىربىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە نىسبەتەن بوسنىيە ۋىلايىتى ئاۋسترىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ۋېنېدىككە قارشى مۇداپىئە لىنىيەسى بولالايدىغان ئىستراتېگىيەلىك جاي ھېسابلىناتتى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە بوسنىيە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى. ئېتنىك سىرپ پادىشاھلىقى بىر نەچچە قىسىمغا بۆلۆنۈپ كەتكەن بولسا، بوسنىيە ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە پارچىلانماي بىر پۈتۈن ھالىتىنى ساقلاپ قالدى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ قانۇن سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان شەرىئەت قانۇنى ۋە سۇلتان قانۇننامىلىرى بوسنىيەدىمۇ ئىجرا قىلىناتتى. قانۇننامىلەر پەرمان تەرىقىسىدە ئېلان قىلىناتتى. مەمۇرىي قانۇن ھاكىمىيەت، دەرىجە تۈزۈملىرى ۋە باجقا ئوخشاش شەرىئەت قانۇنلىرى دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىنمايدىغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرتىپكە سالاتتى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە كۈچىدىكى بەزى ئاجىزلىقلار، يېرىم ئاپتونومىيەلىك يەرلىك مۇسۇلمان خانلىقلارنىڭ زورىيىشىغا پۇرسەت ياراتتى (ئادانىر، 2002: 300). بۇ دەۋردە پەرقلىق دىنلار ئوتتۇرىسىدا پات-پات توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇردى. لېكىن بۇ ئەھۋال ئوسمانلى ھاكىمىيىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئاۋسترىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ئەمەس ئىدى. 1875-يىلىدا يۇقىرى مىقداردا باج تۆلەشكە مەجبۇرلانغان خىرسىتىيان بوسنىيە يېزىلىرىدا نارازىلىق سادالىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ھەم دېھقانچىلىق ھەمدە ئورتودوكسلارنىڭ ئوچۇق- ئاشكارا سىرپ دۆلىتىگە بېقىندىلىق قىلىشى ئىدى (ھۇپچىك، 2001: 255). بوسنىيە ھۆكۈمىتى 1875-1876 يىلىنىڭ كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە ئىسيانلارغا قارشى كۈچ ئىشلىتىشكە باشلىدى. 1876-يىلى يەرلىك كىرىزىس خەلقئارا سەۋىيەگە يەتتى. 1876-يىلى ئىيۇلدا سىربىيە ۋە قاراتاغ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە قارشى ئۇرۇش ئاچتى (ھۇپچىك، 2001: 255). لېكىن رۇسىيەنىڭمۇ 1877-يىلى بۇ ئۇرۇشقا كىرىشى ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئوسانلى ئىمپېرىيەسى سىربىيە ۋە قاراتاغدىكى تەھدىتلەرگە بەكمۇ ئىرەنشىپ كەتمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيە بىلەن ئاۋسترىيە بالقان زېمىنلىرىنى پارچىلاش مەسىلىسىدە كېلىشىپ بولغانىدى. 1887-يىلىنىڭ باشلىرىدا رۇس ئارمىيەسىنىڭ ئىستانبۇلغا يېقىلىشىشىغا قارىتا، رۇسىيە بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرىسىدا سان ستېفونا كېلىشىمى ئىمزالاندى. كېلىشىمدە بوسنىيە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تېررىتورىيەسىدە قالدى، لېكىن ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئىسلاھاتلار دائىرىسىدە بوسنىيە خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك ۋە ھوقۇق بېرىلدى. بوسنىيەگە ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىقىغا تەۋەلىك شەرتى ئاستىدا ئۆزلىرى ھاكىمىيەت قۇرۇش ھوقۇقى بېرىلدى. ئاخىرىدا، بوسنىيەنىڭ ئاۋسترىيەگە بېقىنىشمۇ ياكى ۋېنگرىيەگە بېقىنىشمۇ دېگەندەك مەسىلىلەر كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى. بۇ مەسىلە بوسنىيەنى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېتىش ئارقىلىق ھەل قىلىندى.
ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا
قانۇنى نۇقتىدىن قارالغىنىدا، بوسنىيە-گىرېتسىگۋوېنادىكى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ھۆكۈمدارلىقىنى ئىككى دەۋرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بىرىنچى دەۋر 1878-1908 يىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەزگىلدۇر. بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا بۇ دەۋردە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان بولسىمۇ، رەسمىي ھالدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تېررىتورىيەسى ئىچىدىكى ۋىلايەت ئىدى. ئىككىنچى دەۋر، 1908-1918 يىللىرى ئارىسىدىكى مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (پىنسون، 1993: 91). بۇ دەۋردە بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ باشقۇرۇلۇشىغا تاپشۇرۇلغان ئىدى. بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا ھەربىي قانۇنىي تۈزۈملىرى ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋە چەكلىك دەرىجىدە ئەركىنلىككە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ھېچقاچان ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ باقمىدى. ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەر 1878-يىلى ئىيۇلدا چاقىرىلغان بېرلىن يىغىنىدا سان ستېفانودا ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەرنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن بىر يەرگە يىغىلدى. بۇ دۆلەتلەر رۇسىيەنىڭ بالقان رايونىدىكى نوپۇزى ۋە ئاق دېڭىزغا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىدىن بىئارام بولىۋاتاتتى. 1878-يىلىدىن كېيىن بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانىڭ سياسىي سالاھىيىتىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق قانۇنى ھۆججەتلەر 1879-يىلى ئىستانبۇل قۇرۇلتىيى ۋە بېرلىن كېلىشىمىنىڭ 25-ماددىسىدا ئېنىق كۆرسىتىلدى . بوسنىيە-گىرېتسىگۋوېنا قانۇنىي جەھەتتىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە تەۋە بولغان تۇرۇپمۇ، بېرلىن قۇرۇلتىيىدا ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىشغال قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدى (فىرېدمەن، 2000: 170). بۇ قۇرۇلتاي چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كىچىك مەملىكەتلەرنىڭ سىياسى تەقدىرىگە قارار بېرەلەيدىغانلىقىغا تىپىك مىسال بولايدۇ.
ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ بوسنىيە ئىشغالىيىتى بوسنىيەگە پەقەتلا پايدىلىق بولمىدى. بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانى 1882-يىلىدىن 1903-يىلىغىچە بولغان مەزگىللەردە ئاۋسترالىيەلىك دىپلوماتىك شۇنداقلا تارىخچى بېنجامىن كاللېي باشقۇردى (فىرېدمەن، 2000: 171). كالاي بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ مەنپەئەتى بويىچە ئىش تۇتتى. غەلىتە بولغىنى، 1883-يىلىمۇ كىرودىيەگە ۋېنگرىيەلىك لورد كۇئېن ۋالىي قىلىپ تەيىنلەندى. بۇ ئىككى شەخس بۇ ئىككى مەملىكەتنى ئاۋستىرىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىقماسلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى (فىرېدمەن، 2000: 172).
بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانىڭ ئىشغالىيەتتىن كېيىنكى قانۇنىي سالاھىيىتى خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن توغرا ئەمەس ئىدى. قانۇنىي جەھەتتىن بوسنىيەگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىلكىدە ئىدى، لېكىن ھەققىي كۈچ ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيەنىڭ چاڭگىلىدا ئىدى (پىنسون، 1993: 86). بۇ زىددىيەتلىك ئەھۋال بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپ ھالىغا كەلتۈرۈپ قويدى. قانۇنىي جەھەتتىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى پادىشاھى بوسنىيەنىڭ ھۆكۈمدارى ئىدى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئوسمانلى پادىشاھىنىڭ ھېچقانداق ئىجرا قىلىش كۈچى يوق ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا ياۋروپانىڭ تەلىپى ۋە ئوسمانلى بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم نەتىجىسىدە ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشتىن بەكرەك ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تېررىتورىيەسىگە جايلاشقان ئىمتىيازلىق جاي ئىدى (پىنسون، 1993: 87). ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنادىكى ھاكىمىيىتى بېرلىن كېلىشىمىدىن كېيىن ئۈچ شەرت بىلەن مەلۇم دەرىجىدە چەكلىك ھالەتكە كەلتۈرۈلدى: بىرىنچىسى، ياۋروپانىڭ مەنپەئەتى ۋە مەقسىتىگە ئاساسەن بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنادا تىنچلىق ۋە جەمئىيەت تەرتىپى بەرپا قىلىش. ئىككىنچىسى، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ بوسنىيەدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن بوسنىيەگە مۇناسىۋەتلىك چىقىرىلىدىغان ھەر قانداق قانۇننىڭ ئوسمانلى پادىشاھىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى. ئۈچىنچىسى، خەلقئارالىق كېلىشىملەر ئىمزالىنىدىغان ۋاقىتتا، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ بوسنىيەدىكى ھاكىمىيىتىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنىڭ چوقۇم ئەسكەرتىلىشى قاتارلىقلار (پىرېك، 1905: 31).
ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەسلىدىكى مەقسىتى بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا، دالماچيا ساھىللىرى ۋە ئىسترىيا قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ دېڭىز يولىنى ئېچىش ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى ئوسمانلى ئىمېپرىيەسىنىڭ بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنادىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تارىخى رىئاللىقلارغا زىت ئىشلارنى قىلاتتى. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنادا ئىچكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى چاڭگىلىدا تۇتتى (پىنسون، 1993: 92). ئوسمانلى دۆلىتى ئاجىزلىشىشقا ۋە ئوتتۇرا ياۋروپادىن چېكىنىشكە باشلىغان مەزگىللەردە، باشقا دۆلەتلەرنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئېھتىياجى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھابسبۇرگ پادىشاھلىقىمۇ ئاجىزلىشىشقا باشلىدى. ھابىسبۇرگنىڭ بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنادىكى ئىقتىسادىي سىياسىتى گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتنى ئەمەس شۈمۈرۈشنى ئاساس قىلاتتى. 1908-يىلى بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا رەسمىي ئىشغال قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمېپرىيەسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندى، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى پادىشاھى بولسا بوسنىيەدىكى قانۇنىي نوپۇزىدىن ئايرىلىپ قالدى (ھال، 2008:8). 1910-يىلى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان بوسنىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن قۇرۇلغان يېڭى بوسنىيە پارلامېنتى، يېڭى قانۇنلارنى چىقىرىپ بوسنىيەدە يېڭى قانۇن سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا باشلىدى (ئىبراھىماگىك، 1999: 154).
1913-يىلى باھار ئايلىرىغىچە ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە بىلەن سىربىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئىنتايىن كەسكىن بولدى. سىربىيە تېررىتورىيەسىنى ئىزچىل كېڭەيتىپ ماڭدى، بۇ سەۋەبتىن ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە، سىربىيەنىڭ ئالبانىيەنىڭ ساھىللىرىنى ئىشغال قىلغان تەقدىردە ئۆزىگە نىسبەتەن ئادرىياتىكتا زور تەھدىت پەيدا بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى. ھابىسبۇرگ خانلىقىنىڭ ۋارىسى بولغان دۇك فىرانز فېردىناند ئۆلدى، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى سىربىيەگە جەڭ ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلدى. مۇسۇلمانلار پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ دەرھال تەشكىللىنىشكە باشلىدى، 1919-يىلىدا يۇگوسلاۋىيە مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى قۇرۇلدى (مالكوم، 1994: 163).
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر يېڭىلدى، سىياسىي پارتىيە ۋە گۇرۇھلار 1918-يىلى سېنتەبىردە زاگرېبتە ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقىنى مەزمۇن قىلىدىغان بايانات ئېلان قىلدى، بۇ ئەھۋال سىياسىي پارتىيە ۋە گۇرۇھلارغا تىنچلىق مۇزاكىلىرى ئۆتكۈزۈش بېرىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. 1918-يىلى 6-ئۆكتەبىردە سىرپ، كىرود ۋە سلوۋېن مىللىي كېڭىشى قۇرۇلدى. كېڭەش ئاۋسترىيە ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ جەنۇبىي سلوۋ زېمىنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن 1918-يىلى 29-ئۆكتەبىردە مۇستەقىللىقىنى جاكارلىدى. سىرپ، كىرود ۋە سلوۋېن مىللىي كېڭىشى قۇرۇلغاندىن كېيىنلا ئارقا-ئارقىدىن بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا، سلوۋېنىيە، دالماچيا ۋە كىرودىيە مىللىي ھۆكۈمەتلىرى، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى قوشۇنلىرى چېكىنىپ چىققان جەنۇبىي سلاۋ زېمىنلىرىدا سىرپ، كىرود ۋە سلوۋېن دۆلىتى قۇرۇلدى (ئىرۋىن، 1984: 458).
1941-يىلى ياش پائالىيەتچى ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ ۋە سەبداشلىرى ياش مۇسۇلمانلار تەشىلاتىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ تەشكىلات فاشىزم ۋە كوممىنىزمغا قارشى قۇرۇلدى، نېمىسلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلى بۇ تەشىلات ۋاقىتلىق تارقىلىپ كەتتى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىززەتبېگوۋىچ تەشكىلات ئەزالىرىنى قايتىدىن تەشكىللەپ چىقتى. ئىززەتبېگوۋىچ بۇ پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن ئۈچ يىل تۈرمىدە ياتتى (ستوكېس، 2005: 6). 1941-يىلى 6-ئاپرېلدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىغاندىن كېيىن نېمىس قوشۇنلىرى يۇگوسلاۋىيەنى ئىشغال قىلدى. بۇ دەۋردە مۇسۇلمانلار نېمىس فاشىزمىغا ۋە سىرپ چېتلىك قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى تىتو رەھبەرلىك قىلغان پارتىزان قىسىملىرىغا قوشۇلدى (فىرېدمەن، 2000: 177). 1943-يىلى سېنتەبىردە ئىتالىيەنىڭ تەسلىم بولۇشى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى ئېنىق بولۇپ بولغاندىن كېيىن، بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا مەركىزى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش تەييارلىقلىرىنى باشلىدى.1943-يىلى 25-يانۋاردا بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن فاشىتلارغا قارشى خەلق كېڭىشى قۇرۇلدى. بۇ ۋاقىت كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ دېموكراتىيە قىممەت ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىش پىرىنسپى ئۈستىگە قۇرۇلغان يېڭى بوسنىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش ۋاقىتى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. سىياسىي جەھەتتە يېڭى بوسنىيە دۆلىتىنى قۇرۇش ۋە بۇ دۆلەتنىڭ فېدراتىپ يۇگوسلاۋىيە ئىچىدە جۇمھۇرىيەت سۈپىتىدە مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش بوسنىيەدە ياشاۋاتقان پەرقلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئۈچۈن زور ئۇتۇق ھېسابلىناتتى. ئوتتۇرا ئەسىردىكى بوسنىيە دۆلىتى بوسنىيە مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكلىرىنى قوغداش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتە مۇھىم سىمۋول ھېسابلىناتتى (رىپپىن، 2008: 5).
1943-يىلى 29-نويابىردا يۇگوسلاۋىيەنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن فاشىزمغا قارشى خەلق ھەرىكىتى يۇگوسلاۋىيەنىڭ فېدراتىپ جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنى، بوسنىيەنىڭمۇ بۇ فېدراتىپ دۆلەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 1945-يىلى 6-ئاپرېلدا پارتىزان قىسىملىرى سارايبوسنانى ئازاد قىلدى. بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بوسنىيەنىڭ ھەممىسى پارتىزانلار قىسىملىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى. بوسنىيە گىرېتسىگوۋېنادا خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. پارتىزانلار بوسنىيە-گىرېتسىگۋوېنانىڭ يۇگوسلاۋىيە فېدراتىپ دۆلىتى ئىچىدە تەڭ ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدىغان بىرلەشمە دۆلەت بولىدىغانلىقىنى مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزدى. 1946-يىلى ماقۇللانغان يۇگوسلاۋىيە ئاساسىي قانۇنىدا يۇگوسلاۋىيەنىڭ دىنى ئېتىقادلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان لايىك دۆلەت بولىدىغانلىقىغا دائىر ماددا ئورۇن ئالدى (باگۋېل، 1991: 490).
بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىش مۇساپىسى
بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنادا مىللەت بەرپا قىلىش مەقسىتىدىكى ئىدېئولوگىيەلەر ئىككى خىل شەكىلدە تەرەققىي قىلدى. بىرىنچىسى، رەسمىي ھالدا قوبۇل قىلىنغان غەيرى دىنى ئىدېئولوگىيە، ئىككىنچىسى، پان ئىسلامچى مىللىي ئىدېئولوگىيە ئىدى. 1941-يىلى سىياسىي ۋە دىنى تەشكىلات سۈپىتىدە قۇرۇلغان ياش مۇسۇلمانلار ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەت ئوبيېكتى بولغان بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا، 1968-يىلى يۇگوسلاۋىيەنى تەشكىل قىلىدىغان ئالتە جۇمھۇرىيەتتىن بىرى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى (ستوكېس، 2005:6). رەسمىي ھالدا قوبۇل قىلىنغان ئىدېئولوگىيەگە كۆرە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي-ئېتنىك كىملىكلەرگە، دىنى ئەنئەنىلەرگە، دىنى ئەدەبىيات ۋە سىياسىي-مەدەنىي مەنىۋى بايلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىندى (پاۋكوۋىك، 2000: 94). بۇ ئەھۋال كوممۇنىست
يۇگوسلاۋىيەدە بوسنىيەلىكلەرنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشى بىلەن نەتىجىلەندى. 1948-يىلىدىكى نوپۇس ئېنىقلاش خىزمىتىدە ئىشلىتىلگەن ”مىللىتى كۆرسىتىلمىگەن مۇسۇلمانلار“ئىبارىسىنىڭ ئورنىغا، 1971-يىلى ئېلىپ بېرىلغان نوپۇس ئېنىقلاش خىزمىتىدە ”مۇسۇلمانلار“ئىبارىسى ئىشلىتىلدى. ھۆكۈمەت يۇگوسلاۋىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كوممۇنىستلارنىڭ قوللىشى بولماي تۇرۇپ نە ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى نە مىللەت بولالمايدىغانلىقىنى پۇرىتىپ قويدى (پاۋكوۋىك، 2000: 95).
بوسنىيە-گىرېتسىگوۋىنا مىللەتچىلىكى پان-ئىسلامىزمغا ماسلاشتۇرۇلدى، بوسنىيە-گىرېتسىگوۋىنالىق مۇسۇلمانلار ئىسلامنىڭ مۇسۇلمان مىللىتى ۋە سىياسىي كىملىكىنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلاتتى. بۇ ئىسلامىي ئىدېئولوگىيە 1941-يىلىدىن باشلاپ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى تەلىم-تەربىيە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، توغرا يولدىكى ئىسلامىي جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى، ئازادلىقنى ۋە بارلىق ئىسلام ئالىمىنى بىرلەشتۈرۈشنى ياقلايتتى. كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت 1940-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ياش مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ بەزى ئەزالىرىنى تۈرمىگە تاشلاپ، بەزىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن بولسىمۇ، ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىدا مەدرەسلەردىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ لىدېرى بولۇپ ھەرىكەتكە ئۆتتى (ئىززەتبېگوۋىچ، 2003: 27). ئىززەتبېگىۋوچ ”Islam izmedju Istoka i Zapada “ (شەرق بىلەن غەرب ئارىلىقىدا ئىسلام) ناملىق كىتابنى يېزىپ چىقتى. ئىززەتبېگوۋىچ بۇ كىتابىنى تۈرمىگە قامىلىشتىن ئىلگىرى يازغانىدى. لېكىن بۇ كىتابنىڭ يازما نۇسخىسى 20يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ساقلاندى. ئىززەتبېگوۋىچنىڭ بۇ كىتابى ئۇ تۈرمىدە يېتىۋاتقان مەزگىلدە، ئامېرىكالىق بىر كىشى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى ( ستوكېس، 2005: 7).
ئۇرۇشتىن كېيىن بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۇنجى قۇرۇلتىيىدا بوسنىيەدە كىرودلار ۋە سىرپلارنىڭلا ياشىمايدىغانلىقى، بۇ رايوندىكى نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مۇسۇلمان بوسنىيەلىكلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تارىختىن بۇيان بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلار بوسنىيەدىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە ئاساسەن سىرپلار ۋە كىرودلار بىلەن تىنچ ئىتتىپاق ياشاپ كەلگەنىدى.
بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا كوممۇنسىتىك پارتىيەسى تەرىپىدىن 1968-يىلىدا چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا مۇسۇلمانلارغا ئۆزلىرىنى مىللەت سۈپىتىدە كۆرسىتىش ۋە دىنى كىملىك بەرپا قىلىشتا ئۆز –ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىلدى (فىردمەن، 2000: 177). 1970-يىلىدا ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ تەرىپىدىن ”ئىسلام خىتابنامىسى: مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلاملىشىش پىروگراممىسى ۋە مۇسۇلمانلار“نامىدا بىر خىتابنامە ئېلان قىلىندى. بۇ پىروگراممىنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت مۇسۇلمانلارنى كوممۇنست ۋە كاپىستالىستلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇش ئىدى. بۇ خىتابنامىدە ئىسلامىي قاراشنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈلىدىغانلىقى ۋە تارىخى ئاڭنىڭ يېڭىدىن ئاپىرىدە بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى (ستوكېس، 2005:6). خىتابنامىدە ئومەمەن مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئەيىبلىنىپ، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش لازىملىقى تەكىتلىنىدۇ. خىتابنامىدە يەنە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش لازىملىقىمۇ ئەسكەرتىلىدۇ. بۇ خىتابنامىدە ”ئىسلامىيەت“نىڭ ئىنساننىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتىغا خىتاب قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلامنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلەرگە چارە بولالايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. پىروگرامما جۇمھۇرىيەتچى ئۈچ سىياسىي پىرىنسپىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان بولۇپ،بۇلار دۆلەت پىرېزىدېنتىنىڭ سايلام بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى، دۆلەت پىرېزىدېنتىنىڭ خەلق ئالدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە بارلىق مەسىلىلەرگە بىرلىكتە چارە ئىزدەشنىڭ مۇھىملىقى قاتارلىقلاردىن ئىدى (ستوكېس، 2005:6). مەزكۇر پىروگراممىغا كۆرە، ئىسلام نىزامىغا يېتىشنىڭ دىنى مەقسەت ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭغا قەتئىي سەل قارالماسلىقى كېرەك. بۇنىڭ مەنىسى مۇشۇنداق بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دېموكراتىيەلىك ئۇسۇللارغا مۇراجائەت قىلىشنىڭ زۆرۈر ئەمەسلىكىدۇر (ستوكېس، 2005:7).
ئىززەتبېگوۋىچ ئىسلامىي ھەرىكەت ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مەلۇم جەھەتتە قوللاشقا ئېرىشىلگەندە مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىدىغانلىقىنى، ھاكىمىيەتكە كېلىش ئۈچۈن مەۋجۇت ھاكىمىيەتنى مەجبۇرىي ئاغدۇرۇۋېتىشنىڭ زۆرۈر ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى (ستوكېس، 2005:7).
1970-يىللاردا بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانىڭ نوپۇسىنىڭ %40ى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپاتتى. بۇ مەزگىلدە مۇنداق ئىككى مۇھىم ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. بىرىنچىسى، لايىك مۇسۇلمان مىللەتچىلىكى ھەرىكىتى ئىدى، يەنە بىرسى بولسا ئىسلام ئېتىقادىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ھەرىكىتى ئىدى (ستوكېس، 2005:7). ئىززەتبېگوۋىچنىڭ پىروگراممى مۇسۇلمانلار ئىچىدە مىللىي كىملىك ۋە سىياسىي ئىسلامنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئىززەتبېگوۋىچ مۇسۇلمانلارنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن سىياسىي چۈشەنچىلىرىنى ئىسلام ئېتىقادىنى چۆرىدىگەن ھالدا شەكىللەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى ياقلايتتى (پاۋېرس، 1996: 237).
ئىززەتبېگۋوچ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئىسلام ھەرىكىتى پائالىيەتلىرىنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇردى. ئۇ باشچىلىق قىلغان دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مەقسىتى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش ئىدى. پارتىيە تەرىپىدىن بۇ مەقسەتتە قۇرۇلغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەشكىلاتلار مۇسۇلمانلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. بوسنىيە-گىرېتىسگوۋېنادا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئىززەتبېگوۋىچنىڭ قۇرغان پارتىيەسى ئۇتۇپ چىقتى. ئىززەتبېگوۋىچ بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان كوللېكتىپ رەئىسلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولدى. تۇدجمەن ئىززەتبېگوۋىچنى بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانى كىرودىيەگە قوشۇۋېتىش مەسىلىسىدە قايىل قىلىشقا تىرىشتى، لېكىن ئىززەتبېگوۋىچ بۇنى رەت قىلدى (ئىززەتبېگوۋىچ، 2000: 84).
يۇگوسلاۋىيەدىن تەشكىل تاپقان جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن سىرپلار ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەر 1991-يىلىنىڭ بېشىدا ئۈزۈلۈپ قالدى، 1991-يىلى 20-دېكابىردا بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا سوتسىيالسىتىك جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. 1992-يىلى 28-فېۋرالدىن 1-مارتقىغچە ئۆتكۈزۈلگەن ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتىنى رادوۋان كارازىك باشچىلىقىدىكى سىرپ دېموكراتىك پارتىيەسى بايقۇت قىلدى (پاۋكوۋىك، 2000: 492). مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتىدە %66 كىشى بوسنىيە-گىرېتسىگۋوېنانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاپ ئاۋاز بەردى (پاۋكوۋىك، 2000: 493). سىرپ دېموكراتىك پارتىيەسى تەرىپىدىن پەقەت سىرپلار ئىچىدىلا ئۆتكۈزۈلگەن ئەل رايىنى سىناش پائالىيتىدە سىرپلار يۇگوسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ چىقماسلىق ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى (مۇلاج، 2006: 31). 1992-يىلى 7-ئاپرېلدا بوسنىيە-گىرېتسىگۋوېنا خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىندى.
قىسقىسى، بوسنىيە-گىرېتسىگۋوېنا يات دۆلەتلەرنىڭ ئىشغال ۋە زۇلۇملىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر بىلەن تولغان ئۇزۇن ۋە باي تارىخققا ئىگىدۇر. بانلار ۋە پادىشاھلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مەزگىللەردە بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا مۇستەقىل كىملىككە ئىگە ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا ئىمپېرىيەلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتتى، كېيىنچە ياۋروپادىكى چوڭ كۈچلەرنىڭ توقۇنۇش سەھنىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانى بەزىدە ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى، بەزىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى باشقۇرۇدى، يەنى بۇ جاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بۇ ئىككى ئىمپېرىيە ئارىسىدا ئالمىشىپ تۇردى. لېكىن بوسنىيە-گىرېتسىگۋوېنا خەلقى ئاز بولسىمۇ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى بىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنىدى. يۇگوسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى كىشىلەرنىڭ سىياسىي چۈشەنچىلىرىنى ياكى مىللىي كىملىكلىرىنى دىننى ئاساس قىلىپ ئىپادە قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايتتى. بۇ سەۋەبتىن، مۇسۇلمانلارغا دىنى گۇرۇپپا سۈپىتىدىلا مۇئامىلە قىلىنغان بولۇپ، ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشىغا ئاساسەن يول قويۇلمىغان. يۇگوۋسلاۋىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى كىرودىيە مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن ۋاقىتتا، بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانى سىربىيە تېررىتورىيەسىگە قايتىدىن قوشۇۋېلىش ئۈچۈن قاتتىق كۈچىگەنىدى.
بۇ مەزگىللەردە ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ بوسنىيە ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش چۈشەنچىسىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئىززەتبېگوۋىچ ئىسلام نىزامى بەرپا قىلىشنىڭ پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ تۈپ مەقسىتى بولۇشى كېرەكلىكىنى ياقلايتتى. لېكىن، بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرىدىن بىرسى بۇ دۆلەتتە نۇرغۇن ئېتنىك گۇرۇپپا ياشايتتى. بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنادا ياشايدىغان سىرپلار ئېتىقاد جەھەتتىن ئورتودوكس بولۇپ، يۇگوسلاۋىيە ھاكىمىيىتىگە سادىق ئىدى. ئوخشاشلا، بوسنىيە-گىرېتسىگۋوېنادا ياشايدىغان كىرودلارمۇ كاتولىك بولۇپ، كىرودىيەگە مايىل ئىدى. شۇڭلاشقا، بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنادىكى نە سىرپلار نە كىرودلار ئىسلام دۆلىتى ئىچىدە ياشاشنى خالىمايتتى. بۇ سەۋەبتىن كىرودلار ۋە سىرپلار بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلارنىڭ تارىختىن بۇيان سىرپ ۋە كىرود ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوسنىيە زېمىنلىرىنى كىرودىيە ياكى سىربىيە زېمىنلىرىغا قوشۇۋېتىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى قايىل قىلىشقا كۈچەيتتى. بۇ ئامىللار مۇستەقىل بوسنىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ نە قەدەر مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى، بۇ جايدىكى توقۇنۇشلارنىڭ قانچىلىك قانلىق ۋە كەسكىن بولغانلىقىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئىزاھلاشقا يېتىپ ئاشىدۇ. شۇنداقلا بۇ جايدا نېمە ئۈچۈن فېدراتىپ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزنىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ.
خۇلاسە
ماقالىمىزدا چىققان يەكۈن ئۈستىدە ئىزچىل تالاش-تارتىش قىلىنسا بولىدۇ. لېكىن ماقالىمىزدا دۆلەت قۇرۇش يولىدا تارىختىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ئوزۇنغا سوزۇلغان كۈرەشلەردىن مىللەت بولۇش بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش ھەمدە دۆلەت قۇرۇش ۋە قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلغانلىقىدىن ئىبارەت يەكۈنگە ئېرىشتۇق. سلوۋېنيە ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئانالىز شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، سلوۋېنلار ئۇزۇن يىللار ئوخشاش بىر زېمىندا بىرلىكتە ياشاپ كەلگەن. بۇ ھەقىقەت سلوۋېنلارغا تىلىنى، ئەنئەنىلىرىنى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى ياشاپ تېخىمۇ بېيىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇنىڭدىن سىرت، سلوۋېنىيەلىكلەر ئاۋسترىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە بىلەن يېقىن ۋە كۈچلۈك مۇناسىۋەت قۇرغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىگە ماس كېلىدىغان تۈزۈلمە قۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ماقالىمىزدا تەكىتلەنگىنىدەك، سلوۋېنىيەدىكى ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلار ۋە سەر خىللار سلوۋېنىيەنىڭ ئايرىم مۇستەقىل دۆلەت بولۇشى ۋە سلوۋېنىيەلىكلەرنىڭ مىللىي غۇرۇرىنىڭ كۈچىيىشىدە باشلامچىلىق رول ئوينىغان. ئەمەلىيەتتە، سلوۋېنىيەدىكى نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ سلوۋېنلاردىن تەشكىل تېپىشى سلوۋېنىيەنىڭ بىرلىكىنى كۈچەيتىش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. سلوۋېنىيە ھۆكۈمىتى مىلوسېۋىچ باشچىلىقىدىكى سىربىيەنىڭ زور خەۋپ شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ھامان، سلوۋېنىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىدۇ. كوسوۋدا مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەر سىرپلار بىلەن ئالبانلار ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق ئېتنىك توقۇنۇشلار، سلوۋېنىيەلىكلەرنىڭ كېيىنكى قېتىم ئۆزلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەركىنلىكىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
بىرمۇ جۇمھۇرىيەت يۇگوسلاۋىيەنى پارچىلاش توغرۇلۇق تەلەپ ياكى ئارزۇ-ئىستەك بىلدۈرمىگەنىدى. بارلىق جۇمھۇرىيەتلەر فېدراتىپ يۇگوسلاۋىيەدە ئىچىدە ئورۇن ئېلىشىنىڭ ئەكسىچە، سلوۋېنىيە ھاكىمىيىتى بېلگىرادتىكى ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ چىقىشنىڭ سلوۋېنىيەگە نىسبەتەن يېگانە يول ئىكەنلىكىنى قارار قىلدى. شۇنداقلا سلوۋېنىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارادا دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن ھەم سىياسىي ۋەزىيەت، ھەم خەلقئارا ۋەزىيەت ھەمدە مۇۋاپىق ۋاقىت قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدى. تۇنجى بولۇپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلدى. بۇ جەرياندا سلوۋېنىيە ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ يۇگوسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. سلوۋېنىيە بىخەتەرلىك تالاش-تارتىشلىرىدىن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ۋە مۇستەقىللىققە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. سلوۋېنىيە بېلگىراد ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان كونا ئىدېئولوگىيەلەرگە قارشى ھالدا،مۇستەقىللىق ئۈچۈن دېموكراتىيەنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى بولىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلدى. سلوۋېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ سلوۋېنلاردىن تەشكىل تېپىشى، باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ بولماسلىقى قاتارلىقلار، بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ فېدراتىپ يۇگوسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشىنى ئاسانلاشتۇردى. سلوۋېنلارنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئوخشاش بىر زېمىندا ياشاپ كېلىشىمۇ، سلوۋېنىيەنىڭ خەلقئارادا ئىتىراپ قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.
كىرودىيەگە كەلسەك، دۆلەت قۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرى ھەم سلوۋېنىيە ھەمدە بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا قارىغاندا تېخىمۇ ئۇزۇن تارىخقا سوزۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىرودلار بىرى 10-ئەسىردە، يەنە بىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغانىدى. لېكىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا داۋاملاشقان، گېرمانىيە تەرىپىدىنلا قوللاشقا ئېرىشىلگەن كىرودىيە دۆلىتى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشەلمەي قالغانىدى. خەلقئارانىڭ جەمئىيەتنىڭ بۇ دۆلەتنى قوللاپ قوللىمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتىمۇ ئۆتكۈزۈلمىدى. بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىيلىقى زور تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولسىمۇ، لېكىن كىرودىيەنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەن مودېرن زامانلاردىكى سىياسىىي ئىدىيەلەرگە تەسىر كۆسەتكەنىدى. بۇ ئىدىيەلەرنى كىرود جەمئىيىتىگە ماسلاشتۇرغان مىللەتچى رەھبەر فىرانجو تۇدجمەن، جەمئىيەتتە مىللەتچىلىك ئېڭى ۋە تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىش ۋە ئويغىتىش يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. مىللەتچىلىك ئېڭى ۋە تۇيغۇسى كىرود جەمئىيىتىدە 80-يىللاردىن كېيىن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى، يۇگوسلاۋىيەدە مىلوسوۋىچ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە يولغا قويۇلغان سىياسەتلەر سلوۋېنلارنى قانداق ئەندىشە سالغان بولسا، ئوخشاشلا كىرودلارنىمۇ شۇنداق ئەندىشىگە سالغانىدى.
تىتونىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن سلوۋېنىيە ۋە كىرودىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيەتلىرى يولغا قويغان سىياسەتلەرگە قارايدىغان بولساق، ھەر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ يۇگوسلاۋىيەنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىپ كېتىشىنىڭ ئەكسىچە، يۇگوسلاۋىيەدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ئىقتىسادىنىڭ ناچارلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان بېلگىراد ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭسىز سىياسەتلىرى، كىرىملارنىڭ تەڭسىز تەقسىماتى، يۇگوسلاۋىيەنىڭ قەرزلىرىنى تۆلەش جەھەتتىكى ئادىل بولمىغان سىياسەتلەر قاتارلىقلار تۈپەيلى مۇستەقىللىقىنى جاكارلىدى. سىربىيەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ستىپې مېسىك ئىسىملىك كىرودنىڭ نۆۋەتچى پىرېزىدېنتلىقىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى كىرودىيە بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. سلوۋېنىيە ۋە كىرودىيە جۇمھۇرىيەتلىرى مىلوسوۋېچنىڭ ئايرىمچىلىق ۋە بېسىم سىياسەتلىرىگە قارشى چىقتى، شۇنداقلا مىلوسوۋىچنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولۇش پىلانىنى خەۋپكە ئىتتىرىشىدىن ئەنسىرىدى. سلوۋنىيە بىلەن كىرودىيەنىڭ مەقسىتى پەرقلىق ئىدى، يۇگوسلاۋىيەنىڭ بۆھرانلاردىن قۇتۇلالمايدىغانلىقى ئاساسەن ئايدىڭلىشىپ بولغانىدى. كىرودىيە مۇستەقىللىقتىن سىرت كېڭەيمچىلىك سىياسىتى يولغا قويۇپ، بوسنىيە-گىرېتسىگۋوېنانىڭ بىر قىسم زېمىنىنى تېررىتورىيەسىگە قوشۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇرۇندى. سلوۋېنىيە بولسا فېدراتىپ يۇگوسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنىلا ئويلايتتى.
بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت دۆلەت بولۇش شەرتىنى تولۇق ئورۇندىغاندىن كېيىن ئاندىن خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن رەسمىي دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىندى. ماقالىمىزدىكى يەكۈنلەردىن شۇنى كۆرۈۋۋېلىشقا بولىدىكى، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ يولدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ. سلوۋېنىيە فېدراتىپ يۇگوسلاۋىيە تېررىتورىيەسىدە بولسىمۇ، فېدراتسىيە ئىچىدىكى باشقا جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئاپتونوم رايونلارغا قارىغاندا بېلگىراد ھاكىمىيىتىدىن مۇستەقىل سىياسەت يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ نىسبەتەن تەرەققىي قىلغانىدى. كىرودىيە بولسا مۇستەقىللىققە ئېرىشىش ئۈچۈن تارىخىي ھەقىقەتلەردىن پايدىلاندى. كىرود مىللىتىنىڭ 10-ئەسىردە ئايرىم بىر دۆلىتى بولغانىدى. بۇ تارىخىي ھەقىقەت دائىرىسىدە كىرود مىللىتى ئايرىم ۋە مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ۋە بېلگىرادتىن مۇستەقىل ھالدا ھەرىكەت قىلىدىغان ھۆكۈمەتكە ئىگە بولۇش ئارزۇسىنى ھەر خىل شەكىلدە ئىپادىلەپ كەلدى. بۇ سەۋەبتىن، خەلقئارا جەمئىيەت سلوۋېنىيە ۋە كىرودىيەنىڭ ئېتىراپ قىلىنىش تەلەپلىرىنىڭ كەينىدىكى سەۋەبلەر ۋە ئاساسلارنى تولۇق چۈشىنىپ يەتكەنىدى.
بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانىڭ ئەھۋالى سلوۋېنىيە ۋە كىرودىيەگە قارىغاندا خېلىلا پەرقلىق. بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا تارىختا نۇرغۇن قېتىم ياتلارنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىدى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بولسا بۇ جايلاردا ئادالەت بەرپا قىلدى، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى پەرقلىق سىياسەت يولغا قويدى. بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنادا مۇسۇلمان دۆلىتى قۇرۇش ئارزۇسى بولغان ۋە بۇ ئارزۇسىنى ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ مۇھىم شەخس يەنىلا ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچتۇر. بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلار ئۇزۇن يىللار دىنىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ياشاش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلدى. سلوۋېنىيە ۋە كىرودىيە يۇگوسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغانىدى، ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ بېلگراد ۋە زاگرېب ھۆكۈمەتلىرىدىن ئەندىشە قىلاتتى. ئىززەتبېگوۋىچ بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانىڭ نە ”بۈيۈك سىربىيە“نىڭ نە ‘بۈيۈك كىرودىيە“نىڭ بىر قىسمى بولۇشىنى خالىمايتتى. بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنالىق مۇسۇلمانلار بېلگراد ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئاستىدا كەلگۈسىدە ئۆزلىرىنى قانداق بىر ئاقىۋەتنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىنى، كۈلتۈرىنى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىدا زور توسالغۇلارنىڭ چىقىشىدىن ئەنسىرەتتى. بۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمانلار مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلاندى. بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېناغا نىسبەتەن خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىش سىربىيە ۋە كىرودىيە تەرىپىدىن بۆلۈنۈۋېلىنىش خەۋپىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يېگانە چارە ئىدى. بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنادىكى كىرودلارنىڭ كىرودىيەگە، سىرپلارنىڭ سىربىيەگە قوشۇلۇپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، بۇ جايدا بىر مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۈشكۈل ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلدۇرۇشمۇ تولىمۇ قىيىن، ھەتتا مۇمكىنچىلىكى يوق ئىش ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ مەۋجۇت چېگرالارنى ئاساس قىلغان ھالدا بىرلەشمە بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشنى ياقلايتتى. بۇ سەۋەبتىن، بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانى دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش زۆرۈرىيەت ھالىتىگە كېلىپ قالغانىدى. بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا خەلقئارادا دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنسا، كىرودىيە ۋە سىربىيەنىڭ بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا زېمىنىدىكى تەلەپلىرى ئاخىرلىشاتتى. بۇ خەلقئارا خەۋپسىزلىك سەۋەبلىرىدىن بەكرەك، بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانىڭ مۇستەقىللىق تەلەپلىرى تۈپەيلى ئېلىنغان قارار ئىدى. بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنادا بولغىنىدەك، بەزى ئۆزگىرىشلەر خەلقنىڭ كىملىككە ئىگە بولۇش تۇيغۇسىنى قوزغىتىشى مۇمكىن ئىدى. كېڭەيمىچى سىياسەت يولغا قويغان كىرودىيە ۋە سىربىيەنىڭ پوزىتسىيەلىرى تۈپەيلى، ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنانىڭ مەۋجۇت چېگرالىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كۈلتۈرىنى قوغداش ئۈچۈن مۇستەقىللىق يولىنى تۇتتى.
يۇگوسلاۋىيەنىڭ يىمىرلىشىنى نوقۇل مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. يۇگوسلاۋىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەلىپى، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ماس كېلىپ بېرىشى ۋە مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ياراتقان تەسىرلىرىنىڭ تۈپەيلى يىمىرىلىدى. سابىق يۇگوسلاۋىيەدىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە دۆلەتلەردىن بولغان سلوۋېنىيە، كىرودىيە ۋە بوسنىيە-گىرېتسىگوۋېنا قاتارلىقلار يۇگوسلاۋىيەدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ، دەسلەپ مەۋجۇت بىرلەشمە جۇمھۇرىيەت ھالىتىنى ساقلىغان ئاساستا فېدراتىپ يۇگوسلاۋىيە تېررىتورىيەسى ئىچىدە قېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بېلگراد ھۆكۈمىتىنىڭ سىرپ مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن قولغا كىرگۈزۈۋېلىشى ۋە بۇ ھۆكۈمەت يولغا قويغان ئاشقۇن مىللەتچىلىك سىياسەتلىرى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ماس كېلىپ بېرىشى قاتارلىق بەزى ئامىللار بۇ دۆلەتلەردىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنى كۈچەيتىپ ئۇتۇق قازىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.
تەرجىمان: ئادىلجان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*