سىز يالغانچىمۇ؟

2018-يىلى 31-ئىيۇل

بىلگىن|ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى

كىشىنىڭ ئاڭلىغانلا نەرسىنى سۆزلەپ يۈرۈشى ئۇنىڭ يالغانچىلىقىغا يېتەرلىك دەلىلدۇر. مۇسلىم

يالغانچىلىق گەرچە ئىسلام ھارام قىلغان ئەڭ قەبىھ گۇناھلارنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېڭىدا بۇ ھارامنىڭ قەبىھلىك دەرىجىسى ھاراق ئىچىش، چوشقا گۆشى يېيىش قاتارلىق ھاراملارنىڭكىدىن كۆپ يەڭگىل تۇرىدۇ. بەش ۋاقىت نامازدا مەسچىتتىن قالمايدىغان، ئېغىزىدىن زىكىر تەسبىھ چۈشمەيدىغان، كىيىم-كېچەك، يېمەك- ئىچمەكتىكى ۋاجىپ، سۈننەت، مۇستەھەبلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سودا سېتىقتا يالغان ئېيتىشى، ماللىرىنىڭ ئەييىبىنى يوشۇرۇپ سېتىشى، ئاداش سەن نەدە دەپ تېلىفون قىلىنغاندا، ئاشخانىدىكى بىرىنىڭ مەن يولدا دەپ قويۇشى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يالغانلارغا كۈندە دېگىدەك شاھىد بولۇپ تۇرىمىز. بۇ يالغانلارنى سادىر قىلغانلارنىڭ ھەجەب بىر قەبىھ ھارامنى ئىشلەپ قويدۇم دەپ بىئارام بولغىنىنى، تەۋبىگە ئالدىرىغىنىنىمۇ ھېس كۆرەلمەيمىز. يەنى، يالغانچىلىق بىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا مۇباھقا يېقىن بىر ئورۇنغا ئىگە. ئەمەلىيەتتە دېگىدەك بارلىق نامازخانلىرىمىز يالغان ئېيتىشنىڭ مۇناپىقلىقنىڭ بىر ئالامىتى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ ۋە ئۆزى ئەمەل قىلمىسىمۇ بالىسىنىڭ يالغىنىنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايدۇ. بىزدىكى < سامان ئارىلاشمىسا لاي بولماس، ھارام ئارىلاشمىسا باي بولماس> دېگەن تەمسىللەرنىڭ ئېڭىمىزدىكى ئورنى، ساختىپەزلىك ئارىلاشقان سودىدا بەرىكەت يوق دېگەن دىنىي پىرىنسىپلاردىن كۆپ يۇقىرى تۇرىدۇ. قەلبىمىزنىڭ بىر بۇرجەكلىرىدە مۇشۇ بەرىكەتنىڭ ھەقىقەتەن بار يوقلىقىغا ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلىشتىن ئۇيۇلىدىغان بىر شۈبھىلەر بار.
يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئىنساندىكى يالغانچىلىق، ۋەدىدە تۇرماسلىق، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، ئىككى يۈزلىمىلىك، پەرۋاسىزلىق دېگەندەك خىلمۇ-خىل يامان ئىللەتلەرنىڭ تېگىدە سەمىمىيەتسىزلىك ياتىدۇ. بۇلاردىن يالغانچىلىق بولسا سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ تىلدىكى ئىپادىسىدۇر. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، سەمىمىيەتسىزلىك ئىنساندىكى بارلىق يامانلىقنىڭ يىلتىز سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. سەمىمىي ئىنسان ئۆزىگە يامان قىلىقلارنى،ھەقسىزلىقلارنى راۋا كۆرمەيدۇ، قىلىقسىزلىقلارغا كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بىلەن ھېسابلىشىشنى بىلىدۇ، ئۆزىنى ئالدىمايدۇ، يالغان تەسەللى بەرمەيدۇ، ئۆزىگە يۈزلىنەلەيدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ھالبۇكى مانا بۇ سەمىمىيەت بولسا ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدىغان، ۋەزنى ئەمەلدىن ھەسسە يۈكسەك بىر ئامىلدۇر. يەنى سەمىمىيەت دەل ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ مەنىۋى شەرتى بولمىش ئىخلاسنىڭ ئۆزىدۇر. تۆۋەندىكى ھەدىس بۇ سۆزىمىزنى كۈچلۈك دەلىللەيدۇ، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن < دىن سەمىمىيەتتۇر، يەنى،ئاللاھقا سەمىمىي بولماق، كىتابىغا سەمىمىي بولماق، پەيغەمبەرگە سەمىمىي بولماق، مۇسۇلمان ئەمىرلەرگە سەمىمىي بولماق ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا سەمىمىي بولماقتۇر> مۇسلىم. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، مۇسۇلماندا چىن سەمىمىيەت بولماي تۇرۇپ ئاللاھقا مەقبۇل دىندارلىق بەرپا بولمايدۇ. دېمەك، يالغانچىلىق ئىنساندىكى دىندارلىقنىڭ يىلتىزىغا چۈشكەن مىتىدۇر. بىر ئىنساندا يالغانچىلىق ئادەتكە ئايلانغاندا ئۇنىڭدىن ھەر قانداق يامانلىقنى كۈتۈش مۇمكىن. دېمەك، سەمىمىيەت ئىنسان روھىدىكى يورۇقلۇقنىڭ ئۇرۇقى بولسا، ئەكسىچە سەمىمىيەتسىزلىك قاراڭغۇلۇقنىڭ ئۇرۇقى ھېسابلىنىدۇ. بىز راستچىللىق بىلەن سەمىمىيەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ ئۇنىڭدىن گۈللەر ئېچىلدۇرىمىز ياكى يالغانچىلىق بىلەن قاراڭغۇ تەرىپىمىزنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن تىكەنلەر ئۆستۈرىمىز. مۇنۇ ھەدىس بۇ قارىشىمىزنى دەلىللەيدۇ < چوقۇمكى راستچىللىق كىشىنى ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ، ياخشىلىق بولسا جەننەتكە ئېلىپ بارىدۇ. كىشى راست سۆزلەۋەرسە ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىددىق ( ئىنتايىن راستچىل مەنىسىدە) دەپ يېزىلىدۇ. يالغانچىلىق كىشىنى گۇناھقا يېتەكلەيدۇ، گۇناھ بولسا دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ. كىشى ھەقىقەتەن يالغان سۆزلەۋەرسە، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاززاپ ( قىپقىزىل يالغانچى مەنىسىدە) دەپ يېزىلىدۇ>. بۇخارى، مۇسلىم.
ئۆتكەندە بىر دوستۇم ھەج قىلغان چاغدىكى بىر ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. دوستۇمنىڭ ھەج ھەمراھى ھەر كۈنى بەش ۋاقىت نامازنى كەئبىدە ئوقۇيدىكەن، تەھەججۇدنى ئاساسەن دېگىدەك تەرك قىلمايدىكەن. ئۇ ئادەمنىڭ يېشى دوستۇمدىن خېلىلا چوڭ بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىبادەتتىكى بۇ شىجائىتى دوستۇمنى بەكلا ئۇيالدۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئاكىمىزنىڭ ئامبىرىغا سۇ كىرىپ كېتىپ، ماللىرى سۇدا قاپتۇ ۋە ماللارنىڭ سۇدا قالغان قىسمى سەل قارىداپ، سۈپىتى بۇزۇلۇپتۇ. شۇ ۋاقىتتا بىر چەتئەللىك ئۇ ئادەمگە تېلىفون قىلىپ مېلىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاكىمىز ناماز شامغا يېقىنلاشقاندا، دوستۇمغا ماللارنى بىللە ئاپىرىشىپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ، ئۇنىڭ دېيىشىچە مۇشۇ كۆز باغلانغان شام ۋاقتىدا ئاپارسا، ماللارنىڭ بۇزۇلغىنىنى پەرق ئېتەلمەسمىش، قولىدىن ئاسان چىقىرالارمىش. دوستۇم نەچچە كۈننىڭياقى ئىبادەتتە ئۆزىنى خىجىل قىلىۋەتكەن بۇ ئادەمنىڭ بۇ ئىشىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. سودا ساھەسىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئەلۋەتتە بۇنداق كەچۈرمىشلىرىدىن سان ساناقسىزنى ئەسلەپ بېرەلەيدۇ، ئەلۋەتتە.
مەنمۇ قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ تېلىفوندىكى قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ ئورنىنى، شۇئان قىلىۋاتقان ئىشىنى يالغان مەلۇم قىلغانلىقىنىمۇ ئەسلەپ بولالمايمەن.بۇيەردە ئەسلى ئادەمنى ھەقىقىي بىئارام قىلىدىغان مەسىلە ئېيتىلىۋاتقان يالغاندىن باشقا شۇ يالغانغا شاھىد بولغان باشقا بەشنامازلارنىڭ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماسلىقى، يالغان ئېيتقۇچىلارنىڭمۇ شۇنچە بىمالاللىقى ۋە ھېچبىر گۇناھ تۇيغۇسىدا بولماسلىقى، ياكى ئەتراپىدىكىلەرگە بۇ يالغانغا مەلۇم سەۋەبلەردىن مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈرىيىتىنىمۇ ھېس قىلماسلىقىدۇر. مانا بۇلار بىزگە بىزدە يالغان ۋە يالغانچىلار چەتكە قېقىلمايدىغان، ئەكسىچە قوبۇل قىلىنىدىغان بىر غەلىتە دىنىي مۇھىتنىڭ ئاللىبۇرۇن يېتىلىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
مېنىڭ بۇ ماقالىدە توختالماقچى بولغىنىم ئۈستىدىكى ھەدىستە ئىما قىلىنغان يالغاندۇر. ئادەتتە يالغانچىلىق مەقسەتلىك، بىلىپ قىلىنىدىغان قىلمىشتۇر. يەنى، يالغان ئېيتقۇچى مەلۇم پايدىغا ئېرىشىش ياكى مەلۇم زىياندىن ساقلىنىش مەقسىتىدە سۆزلەۋاتقان سۆزىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ. ئەگەر ئۇ سۆزلەۋاتقان سۆزىنىڭ يالغانلىقىنى بىلمىسە ياكى ئۇشبۇ يالغاننى ھەقىقەت دەپ قاراپ سۆزلىسە ئۇنى يالغانچى دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما يۇقارقى ھەدىس بىزگە يالغانچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى ھەققىدە يەنە باشقا بىر ئۆلچەم سۇنىدۇ. بىزنىڭ راست سۆزلەرنى باشقىلارغا يەتكۈزۈپ تۇرۇقلۇق يەنە يالغانچى بولۇپ قېلىش مۇمكىنچلىكىمىز بارمۇ؟ يەنى راست سۆزلەپ تۇرۇقلۇقمۇ يەنە يالغانچىلىق گۇناھىغا چۈشۈپ قېلىشىمىز مۇمكىنمۇ؟ يۇقارقى ھەدىسنىڭ مەنىسىگە قارىغاندا بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ھەئە. ئەمدى دىققىتىمىزنى ھەدىسكە ئاغدۇرايلى.
كىشىنىڭ ئاڭلىغانلا ھەممە نەرسىنى سۆزلەپ يۈرۈشى ئۇنىڭ يالغانچىلىقىغا يېتەرلىك دەلىلدۇر.
مۇسلىم
بىز ھەركۈنى سانسىز ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىمىز. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن راست ئۇچۇرلارمۇ، شۇنىڭدەك نۇرغۇن يالغان ئۇچۇرلارمۇ بار. كۆپىنچە ھاللاردا بىز قايسىسىنىڭ راست قايسىسىنىڭ يالغانلىقىنى دەلىللەپ يۈرمەستىنلا ئاڭلىغان، كۆرگەن ھەممە ئۇچۇرنى دوستلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىۋېرىمىز. يەنى يۇقارقى ھەدىستىكىدەك ئاڭلىغانلا نەرسىنى سۆزلەۋېرىمىز، ھېچقايسىمىز مەن يالغان سۆزلىدىم دەپ قارىمايمىز. چۈنكى ئېڭىمىزدا بۇ مېنىڭ گېپىم ئەمەس، مەن پەقەتلا يەتكۈزدۈم، يالغان بوپقالسىمۇ گۇناھى ماڭا بولمايدۇ دەيدىغان بىر خاتىرجەملىك بار. مانا بۇ خاتىرجەملىك بىزنى ئاڭلىغانلا نەرسىنى بىمالال سۆزلەۋېرىشكە جۈرئەتلەندۈرىدۇ. مەزكۇر ھەدىس شەرىف بىزدىكى مانا بۇ خاتىرجەملىكنىڭ ماھىيەتتە بىر غەپلەت ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىدۇ. ئىنچىكە تەپەككۇر يۈرگۈزگىنىمىزدە بۇ ھەدىستىن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى سۈزۈپ ئېلىش مۇمكىن.
بىرىنچىدىن، ئاۋال شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئادەملەرنىڭ ئاڭلىغانلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشى ئەسلىدە ھېچقانداق خاتا ئىش ئەمەس. ئۇ ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ مۇقەررەر تەقەززاسى شۇنداقلا بەزىدە مۇھىم بىر زۆرۈرىيەتتۇر، ناۋادا بىر ئىنساندىن ئاڭلىغانلىرىڭنى باشقىلارغا يەتكۈزمە دەپ تەلەپ قىلىنسا، بەلكىم ئىنساننىڭ تاقىتىدىن ئېشىپ كەتكەن بىر تەلەپ بولۇشى مۇمكىن. دىنىمىزنىڭ ئىنساننى تاقىتىدىن ھالقىغان ئىشقا بۇيرۇمايدىغان بۇ تۈپ پىرىنسىپىغا ئاساسلانغىنىمىزدا، ھەدىستىكى بىر ئادەمنىڭ يالغانچىلىقىغا دەلىل بولالىغىدەك < ئاڭلىغاننى سۆزلەش>نىڭ ئەسلىدە ئاڭلىغان ھەممىنى توغرا-خاتاسىنى ئىلغىماستىن قارا-قويۇق يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلىيەلەيمىز. ھەدىسنىڭ ئەرەپچىسىدىكى ان يحدث بكل ما سمع دەل ئاڭلىغان بارلىق نەرسىنى سۆزلەش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئاڭلىغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىچىدە راست سۆزلەرنىڭمۇ بولۇش ئېھتىماللىقى تۇرۇقلۇق يەنىلا چەكلەنگىنىدىن قارىغاندا، يالغاننىڭ تارقىلىشىنىڭ زىيىنىنىڭ، بەزىدە راستنىڭ تارقىلالماسلىق زىيىنىدىن ئېغىرلىقىغا ئىشارە بار. يەنى بەزى راستلار مەلۇم مەھەل يوشۇرۇلۇپ قالسىمۇ، ھامان بىر كۈنى پارلايدۇ. بىراق يالغانلار تارقالغاندىن كېيىن ئىنسانلارغا ئەمەلىي زىيان ئەكىلىدىغان ئېغىر پىتنە پاسات، ئىغۋالارغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ. شەرىئەتتىكى < زىياندىن ساقلىنىش پايدا ئەكىلىشتىن ئەۋۋەلدۇر > دېگەن مۇھىم پىرىنسىپمۇ بۇنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ھەدىس چەكلىگەن قىلمىش ئاڭلىغاننى يەتكۈزۈش ئەمەس، بەلكى ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزۈۋېرىشتىن ئىبارەت مەلۇم دەرىجىدە تۇراقلاشقان يامان ئادەتتۇر. ئادەمگە بەزىدە بەزى يالغانلار توغرىدەك كۆرۈنۈپ كېتىپ ئۇنى باشقىلارغا يەتكۈزگۈسى كېلىدۇ، ھەتتا بۇنى ئىخلاس بىلەن ساۋاپ ئۈمىدىدە قىلىدۇ. كىشىلىك ھاياتتا بۇنىڭدىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، ئاڭلىغان ھەممە نەرسىنى يەتكۈزۈۋېرىشتىن ساقلىنىش تامامەن مۇمكىن. مەزكۇر ھەدىستىكى < ئاڭلىغان ھەممە نەرسىنى سۆزلەپ يۈرۈش > قىلمىشى ماھىيەتتە شۇ خىل يامان ئادەتنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئادەمنىڭ يالغانچىلىقىغا دەلىل بولىدىغىنى بىرەر قېتىم ياكى پات پات قىلىپ تاشلىغان ئىشى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئاڭسىز ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن، دائىم تەكرارلايدىغان ھەرىكەت ئەندىزىسىدۇر.
تۆتىنچىدىن، يۇقىرىدا تەكىتلىگىنىمدەك يالغانچىلىق ئەسلىدە بىر مەقسەتلىك قىلمىش ھېساپلىنىدۇ، ھالبۇكى بۇ ھەدىستە ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى سۆزلىگۈچىدە ئەگەر ئۇ مەقسەتلىك بىر سۇخەنچى، پىتنىخور بولمىسلا، گەرچە ھېچقانداق يالغان ئېيتىش مۇددىئاسى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئەمەلىي قىلمىشىدا يالغاننى يەتكۈزۈپ تاشلاش ئېھتىماللىقى يۈكسەك بولغىنى ئۈچۈن يەنىلا يالغانچىلىق بابىغا تەۋەلىكى بايان قىلىنغان. يەنى، ئۇنىڭ يالغان ئېيتماسلىق نىيىتى، ئۇنىڭ يالغان يەتكۈزۈپ تاشلاش ئەمەلىيىتىنى ئاقلىيالمايدۇ. ھەتتا ئۇ ساۋاپ ئىزدەپ شۇ ئاڭلىغان سۆزنى يەتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. ۋەھالەنكى يەتكۈزگەن سۆز يالغان بولغىنى ئۈچۈن نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ساۋاپقا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن ئەكسىچە يالغانچى تامغىسى ئۇرۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ بەزىدە بەزى خاتا قىلمىشلىرىمىزنى ياخشى نىيىتىمىزنى باھانە قىلىپلا ئاقلاپ ئۆزىمىزگە تەسەللى تېپىشىمىزغا بىر رەددىيە بولالايدۇ. دېمەك، بۇ ھەدىس يەنە نىيەت بىلەن ھەرىكەتنىڭ بىردەك بولۇشى كېرەكلىكىگە، بەزى ئىشلاردا نىيەتنىڭلا ئەمەس، يەنە نەتىجە، ئاقىۋەتنىڭمۇ ئېغىر باسىدىغانلىقىغا ئىما قىلىدۇ.
بەشىنچىدىن، ھەدىس مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سۆز-ھەرىكەتتە ئېنىقلىق،توغرىلىقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى، ئاڭلىغانلا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزۈشكە خۇشتارلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەمەلىيەتتە ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ياكى تارقىتىۋاتقان ئۇچۇرىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى بىلمەيدۇ، بىلىشنى مۇھىم دەپمۇ قارىمايدۇ، سۈرۈشتۈرۈپمۇ ئولتۇرمايدۇ. تارقىتىش ھەۋىسى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ جاپاسىنى بېسىپ چۈشىدۇ. پەقەت ئۆزىگە ياققانلىقى، قىزىقارلىق ئىكەنلىكى دېگەندەك ئاددى سەۋەبلەر بىلەنلا تارقىتىدۇ. ئاقىۋىتى بىلەن قىلچىمۇ ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. بۇ ھەدىس بىزگە بىز ئاڭلايدىغان ۋە يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ مەنبەسىگە ، توغرا-خاتالىقىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشنى، ئۇنى بىر تۈپكى تۇرمۇش پوزىتسىيىسىگە ئايلاندۇرۇشنى سەمىمىزگە سالىدۇ. چۈنكى، بىز ئاڭلىغانلىرىمىزدىن يالغان ئۇچۇرلارنىڭ يالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تارقاتمايمىز. ئۇنى يالغان ئەمەس دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن تارقىتىمىز. ئەگەر ئۇچۇرلارنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكىگە ئۆزىمىز دىئاگنوز قويالىساق، ئەلۋەتتە تارقاتمايمىز. دېمەك، ھەدىس روھىدىن مەلۇمكى، ھەر بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن يېگەن تاماقلىرىدىكى ھالال-ھارامغا دىققەت قىلىش قانچىلىك مۇھىم بولسا، قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلىرىدىكى راست-يالغاننى پەرقلەندۈرۈشمۇ شۇ دەرىجىدە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك مۇھىمدۇر. چۈنكى تاماقتىكى ھارامنىڭ زىيىنى بىر شەخس بىلەن چەكلەنسە، سۆزلەردىكى يالغاننىڭ زىيىنى پۈتۈن جەمىئيەتكە زەرەر يەتكۈزىدۇ. پىتنە، ئىتتىپاقسىزلىق تېرىيدۇ. بىز ئەنە شۇ توغرىلىققا، ئېنىقلىققا سەل قاراش ئادىتىمىز تۈپەيلىدىن باشقىلارغا كەۋسەر بەردىم دەپ زەھەر بېرىشىمىز مۇمكىن.
ئالتىنچىدىن، ئاڭلىغان ئۇچۇرلارنى چىنلىق نۇقتىسىدىن راست، يالغان دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. يەنە ئىنچىكىلىسەك راست دەپ قارىغان ئۇچۇرلارنىمۇ پايدىلىق ياكى پايدىسىز، ئەھمىيەتلىك ئەھمىيەتسىز دېگەندەك تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن. دېمەك، بۇ نۇقتا بىلەن ھەدىسنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغىنىمىزدا، ئاڭلىغانلىرىمىز ئىچىدىكى ئۆزى راست ئەمما پايدىسىز ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشمۇ يالغانچىلىق بابىغا تەۋە بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئاددى ھايات تەجرىبىلىرىدىنمۇ بىلىش مۇمكىنكى، ئەسلى راست ئەمما بەزى ئەھمىيەتسىز سۆزلەرنى يەتكۈزۈش نۇرغۇنلىغان كۆڭۈل ئاغرىقلىرىغا، ئارىلارنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. راست ئىكەنلىكىنىڭ ئۆزىلا چوقۇم ئۇ سۆزلەرنىڭ تارقىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. دىنىمىز رۇخسەت قىلغان يالغانلارنىڭ بىرى باشقىلارنىڭ ئارىسىنى تۈزۈش ئۈچۈن ئېيتىلغان يالغاندۇر.< كىشىلەرنىڭ ئارىلىرىنى تۈزەش ئۈچۈن يالغان گەپ قىلغان كىشى يالغانچى ھېسابلانمايدۇ> بۇخارى، مۇسلىم. بۇ ھەدىسنى تەتۈر نۇقتىدىن چۈشەنگىنىمىزدە، ئارىنى تۈزەش ئۈچۈن يالغان گەپ قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان يەردە، ئارىنى بۇزىدىغان راستلارنى سۆزلىمەسلىك كېرەك دېگەن مەنە ھەم چىقىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزىدىغان، ئىتتىپاقسىزلىققا سەۋەب بولۇش ئېھتىمالى بولغان راست سۆزلەرنى سۆزلەشتىن سۆزلىمەسلىك، تارقىتىشتىن تارقاتماسلىق ئەۋزەلدۇر. يەنى، راست سۆزلەرنىڭ ھەممىسى پايدا ئەكىلىشى ناتايىن. بىراق، يالغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ زىيان ئەكىلىشى شۈبھىسىزدۇر. ئەلۋەتتە جايىز يالغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
يەتتىنچىدىن، بۈگۈنكى كۈندە ئاڭلىغانلا نەرسىنىڭ ھەممىنى سۆزلەپ يۈرۈشنى، ئوقۇغانلا نەرسىلەرنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرمەستىن، تەھقىقلىمەستىن ئىشىنىش، شۇنداقلا يېزىپ تارقىتىش دەپ تەپسىر قىلىشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئوقۇشنى ئاڭلاشنىڭ بىر شەكلى، يېزىشنى بولسا سۆزلەشنىڭ بىر شەكلى دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ھەدىستىن بىزنىڭ ئىلمىي تەتقىقات يېزىقچىلىقىمىز ئۈچۈنمۇ بىر ئۆلچەم چىقارغىلى بولىدۇ. يەنى ئوقۇغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە يەڭگىللىك بىلەن ئىشىنىپ كەتمەسلىك، مەنبەنى ئېنىقلاش، دەلىللەرنى تەھقىقلەش ئەسلىدە مۇسۇلمان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي مېتودى بولۇشى كېرەك ئىدى.
ئەمدى ھەدىسنىڭ بىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە كېلەيلى.
مېنىڭ بۇ ھەدىس ھەققىدە بۇ قەدەر زىغىرلاپ توختىلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بىزنى ئاڭلىغانلا ھەممە نەرسىنى ئىنتايىن قولاي، شۇنداقلا ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن يەتكۈزىدىغان، تارقىتىدىغان بىر ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى. ھازىر كۈندە يۈزلەرچە ئۇچۇر قوبۇل قىلىمىز، ئاز دېگەندىمۇ ئونلارچىسىنى تارقىتىمىز. بىزنىڭ فېيسبۇك، ۋوتسئەپلەردىن قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى تارقىتىۋېرىشىمىزمۇ دەل ھەدىس چەكلىگەن ئاڭلىغان ھەممە نەرسىنى سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ زامانىمىزدىكى ئىپادىسىدۇر. شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن قوبۇل قىلغان مۇتلەق كۆپىنچىسىنىڭ تۇنجى مەنبەسىنى بىلمەيمىز ھەم بىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىپمۇ ئولتۇرمايمىز. كۆڭلىمىزگە ياقسا، بىزنىڭ مەلۇم قارىشىمىزنى قۇۋۋەتلىسە، بىز ياقتۇرمايدىغانلار ئۈچۈن زىيانلىق بىلىنسە، بىز ئۈچۈن تارقىتىش قىممىتى بار نەرسىگە ئايلىنىدۇ دە، دەرھال تارقىتىمىز. ھەتتا بەزى قېرىنداشلار تارقاتقان نەرسىسىنى ئوقۇپمۇ باقماستىن تارقىتىدۇ. مۇشۇنداق قىلىش بىلەن بىز شېكەر تارقاتتىم دەپ خروئىن، ھەسەل تارقاتتىم دەپ زەھەر تارقىتىشىمىز، ئۇلغىيىۋاتقان پىتنە-پاساتقا ئۆزىمىز خالاپ ئوتۇن تاشلىشىمىز، ھازىرغىچە بىلمەي تالاي قېتىم تاشلاپ بولغان بولۇشىمىز مۇمكىن.
بەنى ئىسرائىل قىسسىدىكى مۇنداق بىر مۇھىم ۋەقەلىك بىلەن باغلاپ چىقىرايلى. بەلكىم بىز بۇ ۋەقەدىن ئىتتىپاقلىقنىڭ زادى قايسى دەرىجىدە مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنەلىشىمىز مۇمكىن. مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇر تېغىغا ئاللاھ بىلەن سۆزلەشكىلى كەتكەندە، ھارۇننى ئۆزىنىڭ ئورنىغا قويۇپ كېتىدۇ. سامىرى ئىسىملىك بىرى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ دەرھال كالىنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ، بەنى ئىسرائىلغا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بۇ كالىدۇر، مۇسا ئۆز ئىلاھىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئىزدەپ تۇر تېغىغا كەتتى دەپ ئالدايدۇ. بەنى ئىسرائىلمۇ سامىرىغا ئەگىشىپ كالىغا چوقۇنۇشنى باشلايدۇ. بۇنى كۆرگەن < ھارۇن ئۇلارغا (مۇسا قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن) ئى قەۋمىم! سىلەر موزاي بىلەن قايمۇقتۇرۇلدۇڭلار، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار مەرھەمەتلىك ئاللاھتۇر، ماڭا بويسۇنۇڭلار، ( موزايغا چوقۇنۇشنى تەرك ئېتىش بىلەن) بۇيرۇقۇمغا ئىتائەت قىلىڭلار> دەيدۇ. سۈرە تاھا 90-ئايەت. ئۇلار < مۇسا كەلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋېرىمىز< دېيىشىدۇ. تاھا 91-ئايەت. مۇسا ئەلەيھىسسالام قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىنتايىن غەزەپناك بولۇپ، ھارۇننىڭ ساقىلىدىن تۇتۇپ ( ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا< خۇدالىق ئۈچۈن غەزەپلىنىشتە> ماڭا ئەگىشىشتىن نېمە توسالغۇ بولدى؟ مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟) دەيدۇ. تاھا 92-ئايەت. ھارۇن بۇنىڭغا جاۋابەن( ئى قېرىندىشىم! ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن. مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە دىققەت قىلماپسەن، دېيىشىڭدىن قورقتۇم) دەيدۇ. تاھا 94-ئايەت. ھارۇننىڭ جاۋابىغا نىسبەتەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئىنكاس قايتۇرماستىن، سۆزىنى سامىرىغا قارىتىپ مۇنداق ( ئى سامىرى! سەن نېمە بولدۇڭ؟) تاھا 95-ئايەت. يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالام ھارۇننىڭ مەن سېنىڭ بەنى ئىسرائىلنى بۆلۈۋېتىپسەن دېيىشىڭدىن قورقتۇم دېگەن جاۋابىنى سۈكۈت بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ھېچقانداق ئېتىرازدا بولمايدۇ. دېمەك، بۇ دىئالوگلاردىن زۇلۇم ئىچىدىكى بىر مىللەتنىڭ ( پىرئەۋننىڭ زۇلمى)، شۇنداقلا ئاجىز، نادان بىر مىللەتنىڭ ( ئۇ ۋاقىتتا بەنى ئىسرائىل تولىمۇ نادان، ئاجىز ھالەتتە ئىدى) ئىتتىپاقلىقى، بۆلۈنمەسلىكى بەزى ئالاھىدە ھاللاردا، دىننىڭ يادروسى بولغان تەۋھىدنىڭمۇ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ يەردە بەنى ئىسرائىل سادىر قىلغان ئاللاھنى قويۇپ، كالىغا چوقۇنۇش قىلمىشى تەۋھىدنى بۇزۇپ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر. دىندىكى ئەڭ قوبۇل قىلىنماس، ئەڭ ئېغىر گۇناھتۇر. ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ رىسالىتىنىڭ بىردىنبىر ئورتاق نۇقتىسى، ئۆزگەرمەس ماھىيىتىدۇر. شۇنداق بولسىمۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھارۇننىڭ كۆرسەتكەن سەۋەبىنى سۈكۈت بىلەن قوبۇل قىلىشى يۇقارقى ئىددىئايىمنىڭ دەلىلىدۇر.
ھەر دائىم بەنى ئىسرائىل قىسسىسىنى ئوقۇغۇنۇمدا خۇددى بۇ قىسسىلەرنى ئاللاھ خۇددى ئۇيغۇرلارغىلا نازىل قىلىپ بەرگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن، بىزنىڭ بۇ قىسسىلەردىن ئالىدىغان دەرس، ساۋاقلىرىمىز ئىنتايىن كۆپ، ئىتتىپاقلىق ھەققىدىكى يۇقارقى يەكۈنمۇ شۇلارنىڭ بىرىدۇر. شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىتتىپاقلىق، بىزنىڭ ئىسلامنىڭ قايسى مەزھىپىدە بولۇشىمىز، ئايەت_ھەدىسلەرنى پەرقلىق چۈشىنىشلىرىمىز، ساقال قويۇش قويماسلىقىمىز، يۈز يۆگەش يۆگىمەسلىكىمىز، بالىلىرىمىزنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇتۇشىمىز، قانداق سودا بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز، ئامىننى ئۈنلۈك دېيىش ياكى پەس دېيىشىمىز، مائاشلىق ياكى مائاشسىزلىقىمىز، خەنزۇۋان ياكى ئۆززۇۋانلىقىمىز، باي ياكى نامراتلىقىمىز، قەيەرلىك ئىكەنلىكىمىز….قاتارلىق بىزنىڭ بۆلۈنىشىمىزنىڭ ئەقىلگە ھەتتا دىنغا ئۇيغۇن دەپ قارىۋالغان ھەرقانداق باھانە-سەۋەبلىرىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. يۇقارقىلارغا ئاساسەن دېيىش مۇمكىنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا زەررىچە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق سۆز ياكى ھەرىكەت ئېغىر گۇناھى كەبىر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەممىمىز ئېغىزىمىزدا سۆزلەۋاتقان، بارمىقىمىزدا تارقىتىۋاتقان ئاتالمىش راست ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرى، ئاقىۋىتىنى ئېنىق دەڭسىشىمىز، < ئارىنى بۇزىدىغان راستلار> قانچە جەلپكار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىمىزگە ھاي بېرەلىشىمىز كېرەك. بولمىسا ساۋاپ كۆزلەپ جازاغا ئۇچراپ قېلىشىمىز، قۇرىمەن دەپ بۇزۇشىمىز، سىزىمەن دەپ جىجىشىمىز، خۇددى مۇھەممەد غەززالىنىڭ < دۈشمەنگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خائىن بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ھاماقەت بولساڭلا كۇپايە> دېگەن ئېسىل جۈملىسىدىكى ھاماقەتلەردىن بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*