سىياسىي كۈرەشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە شەرتلىرى

2019-يىلى 3-ئاۋغۇست

سىياسىي كۈرەشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە شەرتلىرى! (1)

يەھيا دەمەلى

كۈرەش ئىچىدە ئۆتمىگەن بىر ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ھاياتنىڭ كۈرەش، ئېمتىھان ئىكەنلىكىگە نەزەردە تۇتۇلغاندا سىياسىي كۈرەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ سىياسىي كۈرەشتىن خالىي ھايات ياكى تۈزۈم، سىستېما مەۋجۇت بولالمامدۇ؟ بۇ ھەقتە يېزىشقا تېگىشلىك ناھايىتى كۆپ نەرسە بار. تۈركىيەدە مۇئەييەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەمما يەنە بەلگىلىك بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان، جەمئىيەتنىڭ قۇرۇپ چىقىلىشى ۋە كېلەچەك نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى بولغان سىياسەتنىڭ ئەھمىيىتى بىلىنىشى كېرەك. تۈركىيە پۇقرالىرى بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بەرمىسە، كۆڭۈل بۆلمىسە، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، دۆلەت ۋە مىللەت سۈپتىدە نۇرغۇن نەرسىدىن ئايرىلىپ قالىمىز. كۈنىمىزدە سىياسەتكە بولغان ئىھتىياجنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ سىياسەت بىر خەلقنىڭ، بىر دۆلەتنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە توغرا، ساغلام نىشانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەرىكەت قىلىشى، تەپەككۇر قىلىشى ۋە بىر نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تۈرۈتكە بولىدىغان ئىجتىمائىي ۋاستە ئەمەسمۇ؟ ھەمدە مىللەت ۋە دۆلەت ئالدىدىكى ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت ئەمەسمۇ؟ بۇ سەۋەپتىن سىياسەت، ئۇلىدا ھەقتەئالانىڭ رازىلىقى، كىشىلەرگە، جەمئىيەتكە ۋە ۋەتىنىگە خىزمەت قىلىش ئېڭىغا تايىنىدۇ. ئۇنداقتا سىياسەتكە قايسى نۇقتىدىن نەزەر تاشلايمىز؟ سىياسەتكە زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ قانداق بولۇشى كېرەك؟ سىياسەت دېگەن نېمە؟ نېمە سىياسەت ئەمەس؟ كۈنىمىزدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسەت دۆلەتنىڭ شەرت – شارائىتىغا، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىمىزغا، كۈلتېرىمىزگە، قىممەت – قاراشلىرىمىزغا مۇۋاپىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتامدۇ؟ بۇنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپ، بۇ ھەقتە ئويلىنىشىمىز لازىم.
سىياسەت دېگەن نېمە؟ سىياسەتتىكى ئاساس ۋە ئۆلچەملەر نېمە بولۇشى كېرەك؟
سىياسەت، ئەرەپ سۆز بولۇپ، «بەلگىلىك بىر جەمئىيەتتە توقۇنۇش ئىچىدىكى مەنپەئەتلەرنىڭ مۇرەسسە قىلىنىش پائالىيىتىدۇر» ياكى «دۆلەت ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە يۈرگۈزۈش سەنئىتىدۇر». ئۇنى، مىللەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەت قىلىش مەركىزى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
سىياسەت، يەنە بىر ئاتىلىشى بىلەن ئېيتقاندا پولىتىكا، «جەمئىيەتنى باشقۇرۇش» دېگەنلىك بولۇپ، سىياسەت – چارە، ئۇسلۇب، باشقۇرغۇچى، باشقۇرۇلغۇچى دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. سىياسەت، كۈندىلىك سۆھبەتلىرىمىزدە پولىتىكا بىلەن ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ قالدى. مەسىلەن: مىللىي مائارىپ پولىتىكىسى، يېزا ئىگىلىك پولىتىكىسى، ئىقتىسادىي پولىتىكا، قانۇن پولىتىكىسى، تاشقىي ئىشلار پولىتىكىسى… قاتارلىقلار. سىياسەت، قارشى قۇتۇبىمىزدىكىلەرنىڭ ئىرادىسى، قارشىلىق كۈچىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە يىمىرىپ تاشلاش، چۈشەنچىسى ۋە ئۆزىنىڭ بىزنىڭ نوپۇزىمىزغا تەسلىم بولۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىلىم، قابىلىيەت، ئەقىل ۋە ئىرادىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۇسلۇبىدۇر. سىياسەت، مەسىلە ھەل قىلىش سەنئىتىدۇر. بىر مەسىلە ھەققىدە توختالغان، ھەل قىلىش يوللىرى ۋە تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولساق سىياسەتنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىمىزدە ھېچقانداق شۈبھە يوق دېمەكتۇر. گەرچە كۆپ ساندىكى كىشى ئۆزىنىڭ سىياسەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېيتسىمۇ، ئەمما ھەممە كىشى سىياسەت ھەققىدە توختۇلىدۇ. لېكىن ھەركىم سىياسەتنى پەرقلىق ھالدا چۈشىنىدۇ. بۇ ئوخشاش بولمىغان چۈشەنچىلەرنىڭ تەكتىدە پىسخولوگىيلىك ۋە ئىجتىمائىي سەۋەپلەر ياتىدۇ. سىياسەتنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ سىياسەت ئىشلىتىۋاتقانلىقىدا شۈبھە يوق. خۇددى بىر مۇتەپەككۇر ئېيتقاندەك «سىز سىياسەتتىن قاچسىڭىز، سىياسەت سىز بىلەن ھەپىلىشىدۇ». سىياسەتتىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچالمايدىغانلىقىمىز نەزەردە تۇتۇلغاندا، سىياسەت زۆرۈرىيەت تەشكىل قىلىدۇ.
ھەر خەلقنىڭ، ھەر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە خاس باشقۇرۇش شەكلى بولغاندەك، تۈرلۈك مەسلىلىرىمۇ مەۋجۇت بولىدۇ. كۆپىنچە ھۆر چۈشەنچىلەر ھاكىم ئورۇندا تۇرىدىغان، دىموكراتىيە گۈللەپ ياشنايدىغان جايلارنىڭ سىياسەتكە خاس ساھە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمىز. «دىندا سىياسەت يوق» دېگۈچىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى سىياسەت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئەقلىگە كەلتۈرمەيدۇ. ئەركىن تەپەككۇر ۋە ئەقىدىلەر، دىنلار سىياسىي مۇھىتتا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. بىر دۆلەت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، خەلقنىڭ سان جەھەتتىن ئۆزىنى باشقۇرۇشى مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان جەمئىيەتتە دۆلەت دەپ ئاتىلىدىغان دائىمىي سىياسىي خاراكتېرلىق ئورگاننى ۋاستە قىلىپ باشقۇرۇشى ئويلىشىپ كېلىنگەن. يەنى، خەلقنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇشى ئۈچۈن سايلام بىلەن ئىشنىڭ بېشىغا ئۆتكەن ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى خەلققە ۋاكالىتەن ئىجرا قىلىۋاتقان مىللەت ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان سىياسىي كادرو، ئەترەت… تەشكىللەش ئويلىشىپ كېلىنگەن.
سىياسەت، باشقۇرۇش ئۇسلۇبى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە ئىنسانلارغا خىزمەت قىلىدىغان ئۇقۇمدۇر. بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىزچىل مەۋجۇت بولۇشى سىياسەت بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، سىياسەت مەملىكەت، دۆلەت ۋە كىشىلەرنى باشقۇرۇشتۇر. بەزى مۇتەخەسىسلەر سىياسەتنى «جەمئىيەتتە قىممەت – قاراش تارقىتىشنى بۇيرىغۇچى يول ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان جەريان» دەپ ئىپادىلىگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، سىياسەت ئىلىمى پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارغا ئۆگەتكەن ئىلىملەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئورۇن ئالىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىياسەتنى «كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي سائادىتىگە ۋەسىلە بولىدىغان ھۆكۈملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش، باشقۇرۇش تېخنىكىسى» دەپ ئىزاھلاشقىمۇ بولىدۇ.
ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەن، ئادالەتنى مەنسىتمىگەن، ياخشىلىقلار (مەئرۇف)نى چەكلەپ، يامانلىقلار (مۇنكەرلەر)نىڭ يېيىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان زالىم سىياسەتچىلەرنىڭ، پاساتنىڭ تارقىلىشىغا ۋە زۇلۇمغا ۋەسىلە بولۇشىغا قارشى خاتانى خاتا، توغرىنى توغرا دەيدىغان؛ ھەققانىيەتنى، قانۇننى، ئادالەتنى ھىمايە قىلىدىغان؛ راستچىل سىياسەتچىلەرنىڭ بولۇشى زۆرۈردۇر. كۈنىمىزدىكى سىياسەتچىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى ئىسلامنىڭ سىياسەتكە خاس تەكلىپلىرىگە رازى بولماي، ئىسلامغا ئۆزىنىڭ سىياسىي تاللاشلىرىنى (شەخسى قاراشلىرىنى) تېڭىشقا ئۇرۇنماقتا. مانا بۇ نۇقتىدا «زالىم ھۆكۈمدار ئالدىدا سۈكۈت قىلغۇچى تىلسىز شەيتاندۇر» سۆزى ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىشى كېرەك. ھەقىقەتنىڭ بىلىنىشى، ھىمايە قىلىنىشى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىك ۋە پاراۋانلىقى جەھەتتىن سىياسەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىش كېرەك.
پارتىيەلەر، دىموكراتىيەنىڭ ۋازكەچكىلى بولمايدىغان ئۇلى بولۇپ، سىياسەتنىڭ ئاساسىدا مەملىكەت، دۆلەت، مىللەتنى باشقۇرۇش بولىدۇ. دۆلەت، مىللەت ئۈچۈن ھاياتلىق بولغاندەك، دۆلەت باشقۇرۇش ئۈچۈنمۇ سىياسەت ھەل قىلغۇچ ئامىلدۇر. دۆلەتنى، مىللەتنى ۋە قىممەت – قاراشلارنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش شەرت. مانا بۇ نۇقتىدا سىياسەتنىڭ ئەھمىيىتى ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ. بىزنىڭ سىياسەت چۈشەنچىمىز مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ۋە سۈمۈرۈشنى ئاساس قىلغان سىياسەتكە ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە پاراۋانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئاساس قىلغان رەھمانى سىياسەت، يەرلىك ۋە مىللىي سىياسەت بولۇشى كېرەك. سىياسىي چۈشەنچىلەرنىڭ تەشكىللىنىشى زۆرۈر بولۇپ، سىستېما، تۈزۈم ئۇ چۈشەنچىگە ئاساسەن شەكىللىنىشى، ئۆز رولىنى جارى قىلدۈرۈشى لازىم. پەقەت سايلامدا كۆپ بېلەتكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان، بېلەت يىغىپ نەپكە ئېرىشىشىكە ئايلىنىپ قالماستىن، دۆلەتنى ۋە مىللەتنى تېخىمۇ ياخشى سەۋىيىگە يەتكۈزىدىغان، بەختلىك قىلىدىغان بىر سىستېما بەرپا قىلىش سىياسەتنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. بۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
سىياسەتتە ئىنسان ۋە دەۋا
جەمئىيەت ھالىتىدە ياشايدىغان ئىنسان بالىسى ھاياتىنىڭ قوغدىلىشى، ئېتىقاد قىلغىنىدەك ياشاش شارائىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، نەسلى ۋە مال – مۈلكىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە مۇكەممەل مەۋجۇدىيەتتۇر. توپلىشىپ جەمئىيەت بولۇش ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادى، سىياسىي، قانۇنىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي ئېھتىياجلىرى بولىدۇ. گەرچە مەنبەسى پەرقلىق بولسىمۇ، بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ئىنسانلارغا بەلگىلىك مەسئۇلىيەت ئارتقانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. قۇرئانى كەرىمدە «ئىنسان ئۆزىنى ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىلىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟» دېگەن سوئالنىڭ سورىلىشىدىن، باش باشتاقلىقنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنىڭ خەۋەر بېرىلگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .
بىزنىڭ جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تۈزىمىمىز، سىياسىتىمىز، ئىنسان مودىلىمىز ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا ئىگىمۇ؟ قىلغانلىرىمىزغا نەزەر تاشلىساق يالغانچىلىق، پارىخورلۇق، تەۋەپبازلىق، ئوغرىلىق، ئادالەتسىزلىك، ئامانەتنى ئەھلىگە بەرمەسلىك بۇ مەملىكەتتە مەۋجۇت بولسا، بۇنىڭ ئەخلاقىي سىياسەت بىلەن، دىن، ئادىمىيلىك، دىندارلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ ئەگەر سىياسەتتە ئەخلاق بولمىسا، جەمئىيەتنىڭ ھەرقانداق ساھەسىدە ئەخلاق قالمايدۇ… بۇ سەۋەپتىن سىياسەتتە ئىنسان ئامىلى ۋە ئىدېئالىزم ناھايىتى مۇھىم.
دەۋا ۋە ئېتىقاد قىلغۇچى شەخستە بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىك ئەقىدىلىك بولۇشتۇر. ئۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغان بىر شەيئى بىلەن ئاۋارە بولمايدۇ، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئېرىشىشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئەقىدە قىلغان، ئۈمىت باغلىغان شەيئىلەر، «خەلقنى ۋە دەۋرنى تېخىمۇ بەختىيار كېلەچەككە يەتكۈزۈش» بولۇپ، قىلىدىغان ئىشىنىڭ ھەممىسى دۆلەت، مىللەت، ئېتىقاد ۋە غايىسى ئۈچۈن بولىدۇ. دەۋا ئادىمى دۆلىتىنىڭ، مىللىتىنىڭ ئەبەدىيلىكى ۋە كېلەچىكىگە ئىشەنچ قىلغان ھالدا ھاياتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، كۈرەش قىلىدۇ! بۇ كېلەچەكنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ۋاستىلەرگە، يوللارغا كۈچلۈك ئىشەنچ بىلەن باغلىنىدۇ. دەۋا ئادىمىنىڭ تىرىشچانلىقىدىكى مەقسەت، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى، ھەل قىلىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى بولۇش، بەختىيار كېلەچەكنىڭ خۇشخەۋەرچىسى بولۇش، رېئاللىققا، ياخشى ئىشلارغا، توغرىغا، گۈزەللىككە دەۋەت قىلغۇچى بولۇشتۇر… دائىم ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرىدىغان دۇنيانى، ئەتراپىنى، راتسىيونال شەكىلدە ئۆزگەرتىش، يەنى ئىمكانىيىتىنىڭ يار بېرىشىچە ئەڭ چوڭ ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىش ئۇنىڭ پىرىنسىپ ۋە نىشانلىرى ئارىسىدا ئورۇن ئالغان بولىدۇ. قىسقىسى، ئۇ پائال ھەرىكەت ۋە رەھبەرلىك قىلغۇچى كىشىدۇر. چۈنكى ئۆزگىرىشنىڭ ئىنسان ئىرادىسىگە ئۇيغۇن ھالدا شەكىللىنىشى پەقەت ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. دەۋا ۋە غايە ئادىمى كېلەچەكنى بەرپا قىلغۇچى كىشى بولۇپ، ئۆزگىرىشنىڭ نىشانى شەخستىن ئومۇمغا يۈزلەنگەن بولىدۇ… ئۇ ئۆتمۈش بىلەن كېلەچەكنىڭ دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكتۇر. ئۇ بەختىيار بىر جەمئىيەتكە بولغان سېغىنىشنىڭ توشىغۇچىسى ۋە خوشخەۋرىنى بەرگۈچىسىدۇر.
سىياسەتچى ئەڭ باشتا سۆزلىرىدە يالغانچىلىق، رىياخورلۇق بولماستىن، ئېلىپ بارغان سىياسىتىنى ئۆزى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان سىياسىي قۇرۇلمىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىشى كېرەك. كىشىلەرنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكى، كىشىلەرگە قىلتاق قۇرماسلىقى لازىم. كېلەچەك ئەۋلادلار ئۈچۈن دۈشمەننىڭ ھەر تۈرلۈك ئويۇنلىرىغا قارشى تەدبىرلەرنى ئېلىپ، بىناغا بىر تاش چاغلىق نەرسە بولسىمۇ ئىلاۋە قىلىشى كېرەك. ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىقى ۋە ئاۋامغا خىزمەت ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان شەيئىلەرنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىكى، جامائەت خىزمىتىنى شەرەپ تۇيغۇسى ئىچىدە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئادا قىلىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بىر پارچە ئوت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمىغان ھالدا ھوقۇق دائىرىسى ۋە ئىجرائاتلىرىدا ئادالەتتىن ئايرىلماسلىقى لازىم. بولۇپمۇ ئاممىۋىي خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قابىلىيەتسىزلىك، ئوغرىلىق، شەخسىي مەنپەئەت، ئالدامچىلىق، كۆرمەسكە سېلىش، كۆز يۇمۇش، ئىقتىسادىي مەنپەئەت قاتارلىق مەسىلىلەرگە مايىل بولماسلىقى، ھەر خىل شەكىلدە نەيرەڭۋازلىق قىلماسلىقى، باھانىلەر پەيدا قىلماسلىقى كېرەك. ھەر نەرسىنىڭ ئۆتكۈنچى بولۇپ، نۆۋەتنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى، قىلمىشلىرىنىڭ بىر كۈنى ئالدىغا چىقىدىغانلىقىنى ۋە ھېساپ بېرىدىغانلىقىنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىقى لازىم.
سىياسەت ئىبادەت ئېڭى ۋە ئەخلاقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغاندا قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. سىياسىي كۈچنى پىرئەۋنلاشتۇرۇشتىن، قارۇنلاشتۇرۇشتىن يىراق تۇتۇش كېرەك. سىياسەت ئۈچۈن چېكى يوق يالغانچىلىق قىلشتىن ھەزەر ئەيلەش ۋە تايىنى يوق نەرسىلەر بىلەن خەلقنى ئاۋارە قىلماسلىق، ئالدىماسلىق لازىم. سىياسەتتە دۇرۇست بولۇش، سەمىمىي بولۇش ۋە لاياقەتلىك بولۇش ئاساس قىلىنىپ ئادىللىق بىلەن مىللەتكە ئۈمىت، ئىشەنچ بەخش ئېتىش كېرەك. سىياسەتچى ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ھوقۇقنى شەخسى مەنپەئىتى ئۈچۈن ئەمەس، دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى لازىم! ئاللاھ، تەبىئەت، مۇھىت، مىللەت ۋە كېلەچەك ئەۋلادلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنۇتماسلىقى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىش قىلىشى لازىم.
«ئىچىڭلاردا ھەقىقەتنى ياقىلايدىغان بىر جامائەت بولسۇن» (ھەدىسى) بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، يەنى ياخشىلىققا چاقىرىپ، يامانلىقتىن توسۇش بولۇشى كېرەك… ئىسلامدا «ئۆزىنى قۇتقۇزغان كاپتان بولىدۇ» چۈشەنچىسى يوق. بولۇپمۇ «ھەر قوي ئۆزىنىڭ پاچىقىدىن ئېسىلىدۇ» ئېڭى ھەرگىز يوق. ئىسلامنىڭ شەخسكە خاس تەرىپى بولغاندەك، جەمئىيەتكە قارىتىلغان تەرىپىمۇ بار. ئىسلام شەخس بىلەن باشلىنىپ جەمئىيەت بىلەن ۋايىغا يېتىدۇ. شەخسلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا نىجاتلىققا ئېرىشىشىدىن زىيادە، جامائەت ھالىتىدە نىجاتلىققا ئېرىشىشىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مانا بۇ سەۋەپتىن ئىسلام مىللەتلەردىن، دۆلەتلەردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ دىنىدۇر.
بۈگۈن باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىمىزنى، سىياسەت چۈشەنچىمىزنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك. باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىمىزنى ئىدراك قىلىشقا، كۆرۈپ يېتىشكە تىرىشىشىمىز، توغرا – خاتانى ئايرىپ چىقىش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈشىمىز، سىياسەتتىكى مەيدانىمىز ۋە ياشاش شەكلىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشىمىز كېرەك. سىياسەت باشقۇرۇشىنىڭ ئاساسى «خەلققە خىزمەت» ۋە ئاساسلىق پىرىنسىپ «ئالدى بىلەن ئىنسان» بولسا، ئۇنداقتا «ھەرقانداق بىكار تەلەپلىك» رەت قىلىنىشى كېرەك.
ئىنسانلار ھەردائىم ئەڭ قولاي بولغاننى تاللايدۇ، لېكىن پەرقلىق بولغۇچىلار، ئىدېئالىست كىشىلەر قىيىننى تاللايدۇ. سىياسەتچى بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى كۈندىلىك مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، دۆلەت ئەربابى بولسا يۈز يىللىق پىلانلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ھەر تىرىشچانلىق ھۆرمەتكە لايىقتۇر. ئۇچقۇننى يانغىنغا ئايلاندۇرغۇچى كىچىك تارشالار بولۇپ، كىچىك بەدەن بۈيۈك روھقا ساراي بولالايدۇ. ھەر كىم قۇربىتى يېتىدىغان ئىشلارغا مەسئۇلدۇر… كۈرەشنىڭ ئۈزۈل – كېسىل زەپەر قۇچۇشى، كۆڭۈللەرنىڭ فەتىھ قىلىنىشى، ئىرادىلەرنىڭ نوپۇز ئاستىغا ئېلىنىشىدۇر. ئۇنداقتا ئاداققى جىھادىمىز، يەنى تىرىشچانلىقىمىز ۋە غەيرىتىمىز قۇرئاننىڭ تەلىماتلىرىنى ئىنسانلارغا قۇرئان دائىرىسى ئىچىدە ئۆز پېتى يەتكۈزۈش ۋە كىشىلەرنى بۇنىڭغا دەۋەت قىلىشتۇر. پۈتكۈل ئىنسانلارنى تىنچلىققا ۋە قېرىنداشلىققا ئېلىپ چىقىدىغان يول مانا بۇ يەردە .
ئىسلام دىنى پەقەت ئىبادەتلەرگىلا مەھكۇم قىلىنىپ، ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي تەرىپى ئاساسەن دېگۈدەك نەزەردىن ساقىت قىلىندى ۋە كىشىنىڭ شەخسى ھاياتىغا مەھبۇس ھالغا كەلتۈرۈلدى. ھالبۇكى، ئىسلام ھايات، كائىنات ئۆرنىكى بولۇپ، ئىسلامدا جىھاد پەرزدۇر. كۈرەشنىڭ، جىھادنىڭ ماكانى، زامانى، يېشى بولمايدۇ. بىزگە ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا «يەر يۈزىدە پىتنە تۈگەپ، دىن ئاللاھقا خاس بولغىچە كۈرەش قىلىش» ۋەزىپىسى بېرىلگەن. ئۇنداقتا سىياسەتمۇ كىشىلەرنىڭ، جەمئىيەتنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ۋە بەختكە مۇيەسسەر بولۇشىغا ۋەسىلى بولىدىغانلىقى سەۋەبىدىن پەرزدۇر. بىزلەر پەقەت ۋە پەقەت توغرىنى، ھەقىقەتنى جاكارلاش ئۈچۈن، تىلسىز شەيتان بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز، سۆزلەيمىزكى، بۈگۈن سىياسەت بۇ ئىشنىڭ دائىرىسى ئىچىدە. زالىم سۇلتاننىڭ ئالدىدا ھەقىقەتنى ئېيتىشنىڭ ئەڭ چوڭ جىھاد ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئامانەتنى ئەھلىگە تاپشۇرۇپ، ھەقنى ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىمىز. ياخشىلىققا تەرغىپ قىلىپ، يامانلىقتىن توسىدىغان جامائەت بولۇش سۈپتىمىز بىلەن ۋەزىپىمىزنى بۇ دائىرىدە ئادا قىلىمىز. مانا بۇلارنى پەقەت ئېيتىپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئەمەلىي ئىجرا قىلىشقا تۈرۈتكە بولىدىغان ساھە سىياسەتتۇر. بۇ سەۋەپتىن سىياسەت زۆرۈر.
دۆلەت، دىموكراتىيە ۋە بارلىق ئورگانلار مىللەتكە، ئىنسانغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ سەۋەپتىن پەقەت مانا بۇ مەقسەتكە خىزمەت قىلىش ئارقىلىق مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. دۆلەت ۋە سىياسەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ سەۋەبى مىللەتتۇر. ئۇنداقتا «مىللەتنى ياشاتقىنكى، دۆلەت ياشىسۇن!». مانا بۇ غايە يەنىلا سىياسەت ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىدۇ.
سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بىلىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر
دېئاگىنوز قويۇلماستىن داۋالاش ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. ئالدى بىلەن تۈرك خەلقنىڭ قۇرۇلمىسىنى بىلىش، كىشىلىرىدىن تارتىپ ۋەتىنىنىڭ ھەر غېرىچىغىچە، تۇپرىقىغىچە، بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مىللىتىنى، دۆلىتىنى تونۇش ۋە بىلىش، ئاندىن كېيىن بۇ مەملىكەت ھەققىدە ھەر تۈرلۈك پىلانلار قۇرىۋاتقانلارنى تونۇپ يېتىش كېرەك. كۈرەشتە تۈركىيە رېئاللىقىنى ئىلىم بىلەن تونۇش شەرت. ئىسلامنىڭ ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئالدىدىكى توساقلارنى بىلىش كېرەك. دۇنيا سىياسىتىگە قارشى بىزنىڭ سىياسەت يارىتىشىمىز، پاراسەتلىك بولۇشىمىز لازىم. سىياسەت، جىھاد روھى بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك! «مۇئمىنلەردىن ئۆزرىسىز ئولتۇرۇپ قالغانلار بىلەن ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغانلار باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ، ماللىرى ۋە جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلارنى مىدىرلىماستىن ئولتۇرغانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. ھەممىسىگە ياخشىلىق (جەننەت)نى ۋەدە قىلدى. لېكىن ئاللاھ جىھاد قىلغۇچىلارغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىپ، يېرىدە مىدىرلىماستىن ئولتۇرغۇچىلاردىن ئۈستۈن قىلدى» .
تەبلىغ قىلىشنى، كۈرەش قىلىشنى توختىتىپ قويغىلى بولمايدۇ. كۈرەشنى تاشلاپ قويۇشقا، بۇ ئىشتىن ئارام ئېلىشقا چىقىشقا ۋە ئۆزىمىزنى چەتكە ئېلىشقا بولمايدۇ! «ئېيتقىنكى: ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭلار، تاپقان پۇل – ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا، ئۇنداقتا سىلەر تاكى ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگىچە كۈتۈڭلار. ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» .
مۇقەددەس، ئەڭ بۈيۈك ئەندىشە نېمە بىلەمسىز؟ ھەزرىتى مۇھەممەد (ئە س)دىن كېيىن ئەبۇ بەكىرنىڭ، ئۆمەرنىڭ ئەندىشىسى، مەسئۇلىيىتى، زۆرۈر بولغان تەبلىغ ۋە ئىرشاد خىزمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى… خەلقنىڭ كېلەچىكى ۋە قانداق باشقۇرۇلۇشى ھەققىدىكى ئەندىشىسى… شەخسلەرنىڭ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ زىممىسىدىكى ئەنە شۇ مەسئۇلىيەت بۈگۈنمۇ ئۆزگەرمەستىن داۋام قىلماقتا. تۈركىيەنى، بۇ رايۇن (ئوتتۇرا شەرق)نى، ئىسلام دۇنياسىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا زىممىمىزگە ئالغان مەسئۇلىيەتنى، تەبلىغ ۋەزىپىسىنى، سىياسىي ئاڭنى ياخشى ئىدراك قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئىلمى سىياسەت ۋەزىپىسى ئادا قىلىنمىسا، ئەنە شۇ ۋاقىتتا قىزىل قىيامەت قوپىدۇ.
«سىياسەتنى ئۆگەتمىسەڭلار، ھېچقانداق ئىشىڭلارنى توغرا ئۇل ئۈستىگە بىنا قىلالمايسىلەر. سىياسەت يوق ساھە مەۋجۇت ئەمەس. سىياسەتنى ئۇستا – شاگىرت مۇناسىۋىتى ئاساسىدا، يەنى پىراكتىك ئۆگىنىش مېتودى بىلەن ئۆگىنىش لازىم. ئەمەلىي ھەرىكەت بىزگە سىياسەتنى ئۆگىتىشى كېرەك» .
تىنچلىق ۋە ئۇرۇشتا ئەڭ كۈچلۈك قورال سىياسەتتۇر. ئۇنداقتا تىنچلىق ۋە ئۇرۇشنى باشقۇرىدىغان كۈچمۇ سىياسەتتۇر! سىياسىتى يوق خەلق ياكى دۆلەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈشەنچىنىڭ، قاراشلارنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىدا، ھەر تۈرلۈك كۈرەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان كۈچ يەنىلا سىياسەتتۇر.
«قانداق بولساق» ئۇنىڭ نەتىجىسى بىلەن يۈزلىشىمىز. قىلمىشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى سۈپتىدە دۇچ كەلگەن مۇسىبەتلەر ئۈچۈن باھانە تېپىش، ئىچكى ۋە تاشقى قىسىمدا باھانە – سەۋەپ ئىزدەشكە ئۇرۇنماسلىق كېرەك. ئۆزىمىزنى قۇرئان بىلەن پات – پات تەكشۈرۈپ تۇرۇشىمىز لازىم . قىسقىسى، ھەر شەيئىنىڭ ئۈستىدە كۆزىتىپ تۇرغۇچىنىڭ بارلىقىنى ھېچقاچان ئېسىمىزدىن چىقارماستىن تىرىشىشىمىز كېرەك.
سىياسەت قانداق بولۇشى كېرەك؟ قانداق سىياسەت ئېلىپ بېرىلىشى لازىم؟
بۇ مەملىكەت دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەردە باش جاۋاپكار سىياسەتتۇر. سىياسەت كىشىنى خورىتىش ۋە خەجلىۋېتىشتىن زىيادە، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە تېپىش مەركىزىدۇر. چۈنكى كىشىلەرنى يۈزلەندۈرىدىغان، باشقۇرىدىغان كۈچ سىياسەتكە تاپشۇرۇلغان. لاياقەتلىك سىياسەتچى ئالدى بىلەن دۇرۇست بىر كىشى ۋە يېتىلگەن دۆلەت ئەربابى بولۇشى كېرەك.
سەلچۇقلۇلار دەۋرىدە مەلىك شاھنىڭ ۋەزىرى بولغان نىزامۇلمۈلكنىڭ مەشھۇر كىتابى «سىياسەتنامە»دە، «سىياسەت، يۈز بېرىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان ھادىسىگە قارشى تەدبىر ئېلىش سەنئىتىدۇر. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن تەدبىر ئېلىشقا ئۇرۇنۇش ئەھمەقلىقتۇر» دېيىلگەن. يەنى، «دۆلەت ئەربابى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارغا دۇچ كەلمەيدۇ. ئوت كەتكەندىن كېيىن تەدبىر ئېلىش ئەھمەقنىڭ ئىشىدۇر» دەيدۇ. بىزنىڭ مەسىلىمىز كىشىلەر بىلەن، ئۇنىڭ بىلەن، بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس بولۇپ، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئەبەدىيلىك دەۋاسى مەسىلىسىدۇر. كېلەچەككە قارىتا «تۈركىيەنىڭ كۆز قاماشتۇرىدىغان تۈركىيە بولۇشى» سەۋداسىدۇر! بۇنى رېئاللىققا ئاشۇرىدىغان ئامىل سىياسەتتۇر، دۆلەتتۇر. شۇڭا سىياسەت شەيتانى ئەمەس، بەلكى رەھمانى، يەرلىك، مىللىي كىملىك ۋە ئەخلاق بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى لازىم…
مەملىكىتىمىز دىموكراتىك، مىللەت مەجلىسىلىك ھاكىمىيەت تۈزۈمىگە ئاساسەن باشقۇرۇلىدىغان بىر دۆلەت بولغانلىقتىن، باشقۇرۇش شەكلى ۋە ئىجرا قىلىنىشى جەھەتتىن، سىياسەت مىللەت مەجلىسى سىستېمىسىنىڭ تەدبىقلىنىش ساھەسى بولۇپ، پارتىيەلەرمۇ بۇ تۈزۈمنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقتىن بۇ ساھەنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. دۆلەتنى، جەمئىيەتنى قىممەت – قاراشلار سىستېمىسىغا ئاساسەن باشقۇرىدىغان سىياسەتكە ۋە سىياسىي رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئېھتىياج چۈشىدۇ. بۇ ساھەدىكى بىپەرۋالىق بىزلەرنى باشقىلارنىڭ، يات مەركەزلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەپتىن يەرلىك، مىللىي سىياسەتكە ۋە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئېھتىياجىمىز بار. شۇڭا سىياسەت زۆرۈر. سىياسەت رەھمانى، ئىسلامى ۋە مىللىي كىملىك بىلەن ئېلىپ بېرىلسا، ئاساسلىق پىرىنسىپلارنى مىللىي ئىرادە بەلگىلىسە مەنىگە ئىگە بولىدۇ. كىشىلەرگە تەپەككۇر قىلىشنى، ئەقىلنى ئىشلىتىشنى، جىھاد روھىنى، ھەر كۈنىنى يېڭىدىن يارىتىشنى ئۆگىتىشى، دۆلىتىمىزنىڭ ۋە ئىسلامنىڭ مەۋجۇت ۋەزىيىتى ۋە غايىلىرى بىلەن يېڭىدىن تىرىلىشى، ئىنقىلاپنى روياپقا چىقىرىدىغان خىزمەتلەر، تىرىشچانلىقلار سىياسەت ئىچىدە قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.
مەملىكەتنى، مىللەتنى پالاكەتلەردىن ساقلاپ قالىدىغان، دۆلەتنىڭ ئەبەدىيلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان، ئىچكى تىنچلىق ۋە بىرلىكنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىل سىياسەتتۇر، سىياسىي كۈچتۇر. ئۇنداقتا سىياسەت ئىلمى بولۇشى كېرەك. سىياسەتتە ئىلىم ئۇتۇق ئېلىپ كېلىدۇ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. ئىلمى سىياسەت، ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۆگىنىدىغان بىلىم تارمىقى بولۇپ، بۇ مەسىلىنى بىر مىسال بىلەن ئىزاھلاپ ئۆتەي: بۇرۇنقى زاماندا مەملىكەتتە داڭقى چىققان بىر مەكتەپ بولغان ئىكەن. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ناھايىتى تەس بولۇپ، بۇ مەكتەپكە بىر يىگىت ئوقۇشقا كىرىپتۇ. ئۇ ناھايىتى تىرىشچان بولۇپ، مەكتەپنى بىرىنچى دەرىجە بىلەن پۈتتۈرۈپتۇ. ئۇستازلىرى: «سەن ناھايىتى ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ چىقتىڭ. ئەمما بىزنىڭ ئىلمى سىياسەت دەيدىغان بىر دەرسىمىز بار، ئۇنى ئوقۇش – ئوقۇماسلىق سېنىڭ ئىختىيارىڭغا باغلىق» دەپتۇ. ئوقۇغۇچى: «ياق، مەن مەكتەپنى پۈتتۈردۈم، ئەمدى يەنە ئوقۇشنى خالىمايمەن» دەپ مەكتەپتىن ئايرىلىپتۇ. ئۇ دەۋرلەردە ماشىنا بولمىغانلىقتىن يول ئۈستىدە بىر يېزىغا ئۇچراپتۇ، ئۇ يېزىغا بارغاندا يېزىدىكىلەر: «خوش كەلدىڭ» دەپ قارشى ئاپتۇ ۋە يات كىشى دەپ يېزىدىكى مېھمانخانىدىن بىر ھۇجرا بېرىپتۇ. يىگىت ئۇ كېچە سەھرادا قونۇپ قاپتۇ ۋە ئەتىسى يېزىدىكىلەر بىلەن بىرگە مەسچىتكە بېرىپتۇ. مەسچىتتە ئىمام: شۇنى قىلمىساڭلار ئازاپقا دۇچار بولىسىلەر، بۇنى قىلساڭلار قولۇڭلار كېسىلىدۇ، پۇتۇڭلار كېسىلىدۇ، دەپ ۋەز قىلىۋاتقانىكەن. يىگىت ئىمامنىڭ سۆزىگە قوشۇق سېلىپ: «سېنىڭ دېگەنلىرىڭ توغرا ئەمەس، سەن يالغان ئېيتىۋاتىسەن» دەپتۇ. ئىمام يېزىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى سېزىپ: «ئى جامائەت، بۇ ئارىمىزغا پىتنە سېلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەپتۇ، بۇنى قەتلى قىلىش ۋاجىپتۇر» دەپ يېزىدىكىلەرنى كۈشكۈرتۈپتۇ. يىگىت يېزىدىكىلەردىن مىڭ تەستە قۇتۇلۇپ، دەرھال مەكتىۋىگە قايتىپ بېرىپتۇ.
مۇئەللىملەر يىگىتنى مەكتەپتە كۆرۈپ: «نېمە ئۈچۈن كەلدىڭ؟» دەپ سوراپتۇ. يىگىت: «ئىلمى سىياسەت ئوقۇش ئۈچۈن» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. مۇئەللىملەر: «كېلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتۇق، لېكىن بۇنچە بالدۇر كېلىشىڭنى پەرەز قىلمىغانىدۇق» دەپتۇ. يىگىت ئۈچ ئاي ئىلمى سىياسەت دەرسىنى ئوقۇپ مەكتەپتىن ئايرىلىپتۇ. قايتىدىن ھېلىقى يېزىغا بېرىپتۇ. بۇ مۇددەت ئىچىدە ساقال قويۇپ، تەقى – تۇرۇقىنى ئۆزگەرتىپتۇ. يېزىغا كىرىش ئېغىزىدا يېزىدىكىلەرگە مەملىكەتنىڭ ئەڭ مەشھۇر مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. يېزىنىڭ كاتتىلىرى ھۆرمەت بىلەن كۈتىۋېلىپ، يېزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆيىدە مېھمان قىلىپتۇ. ئەتىسى يېزىدىكىلەر بىلەن بىرگە يەنە مەسچىتكە بېرىپتۇ. قارىسا موللام يەنە شۇ ئوخشاش گەپلەرنى تەكرارلاۋاتقانىكەن. يېزىدىكىلەر يىگىتتىن موللام ھەققىدىكى قارىشىنى سوراپتۇ. يىگىت: «ۋاللاھى سىلەرنىڭ موللامدەك كىشى ناھايىتى ئاز تېپىلىدۇ، مېنىڭچە سىلەردىن موللامنىڭ ساقىلىدىن بىر تال يۇلىۋالغان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يېزىدىكىلەر موللامنىڭ ساقىلىدىن بىر تال ئېلىۋېلىش ئۈچۈن موللامنىڭ ئۈستىگە ئېتىلىپتۇ. يېزىدىكىلەرنىڭ ئاستىدا مىجىلىۋاتقان موللام بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ يىگىتنى كۆرۈپتۇ ۋە: «سېنى تونۇپ قالدىم، سەن ئۆتكەندە بۇ يەرگە كەلگەن كىشى، لېكىن ئىلمى سىياسەت ئوقۇپ سەن» دەپتۇ.
ئىلمى سىياسەت، بىزنىڭ ئىنسانى ۋە بەشەرى تەرىپىمىز بولۇپ، بىزنىڭ بىر – بىرىمىز بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىمىزنى ئورنۇتۇش قابىلىيىتى ۋە سەنئىتىدۇر. ئىلمى سىياسەت، توغرىنى باشقىلارنى رەنجىتمەستىن، ئازار بەرمەستىن ئېيتىشتۇر. بۇنى ئۆلگىلىك بىر قىسسە بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:
پادىشاھنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىر تورۇق ئېتى بار ئىكەن. «ئاتنىڭ ياخشىسى تورۇق، يىگىتنىڭ نوچىسى ئابدال» دېيىشىدۇ. پادىشاھ بىر كۈنى بارلىق ۋەزىر – ۋۇزرالىرىنى يىغىپ: «كىمكى ماڭا ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان ئېتىمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرسا، كاللىسى ئېلىنىدۇ» دەپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئات ئۆلۈپ قاپتۇ. شۇنىڭ ھەممەيلەننى قورقۇ بېسىپتۇ. پادىشاھقا ئاتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كىم ئۇقتۇرىدۇ؟ «سەن ئېيت»، «مەن ئېيتالمايمەن»، «سېنىڭ كاللاڭ كېتىدۇ، مېنىڭ كاللام كېتىدۇ» دېيىشىپ تۇرغاندا، ۋەزىرى ئەزەم «مەن ئېيتىمەن» دەپتۇ. «ئۇنداق قىلما، بارما، كاللاڭ كېتىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، «مەن ئېيتىمەن، كەتسە مېنىڭ كاللام كەتسۇن» دەپتۇ ۋە پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ: «شانۇ شەۋكەتلىك پادىشاھىم، سىزنىڭ ھېلىقى تورۇق ئېتىڭىز بارغۇ» دەپتۇ، پادىشاھ: «نېمە بولدى، بىر ئىش بولدىمۇ؟»، ۋەزىر: «ياق، پادىشاھىم، يەرگە يېتىپ قېلىپ قوپالماس بولۇپ قالدى. پۇتنى ئۇزاتتى، يىغالماس بولدى. كۆزىنى يۇمدى، ئاچماس بولدى. نەپەس ئالدى، بېرەلمەس بولدى». پادىشاھ: «ئۆلدى دېگىنە» دەپتۇ. ۋەزىر: «مەن دېمىدىم پادىشاھىم، سىز دېدىڭىز» دەپتۇ.
پاراسەت مانا بۇ يەردە… ۋەزىر، بارلىق ئۆلۈم ئالامەتلىرىنى تىلغا ئالدى، لېكىن ئۆلدى دېمىدى. ئۇنى قارشى تەرەپكە، يەنى پادىشاھقا ئېيتقۇزدى. بۇمۇ سىياسەتنىڭ بىر ئىلىم، قابىلىيەت ۋە سەنئەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ… ئىلمى سىياسەت، سۆزنىڭ پاراسەت بىلەن ئېيتىلىشىدۇر. يۇنۇسنىڭ ئېيتقاندەك:
«سۆز باردۇر ئۇرۇش توختىتىدۇ، سۆز باردۇر باش كەستۈرىدۇ، سۆز باردۇر ئاش پىشۇرىدۇ، ياغنى ھەسەل قىلىدۇ بىر سۆز».
ئىلمى سىياسەت قارشى تەرەپتىكى كىشىنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ۋە سۆزنىڭ قانچىلىك قىسمىنى ئېيتىش كېرەكلىكىنى بىلىشتۇر. ئىلمى سىياسەت ھەر قانداق كىشىگە (قارشى تەرەپ) چۈشىنەلەيدىغان تىلدا خىتاپ قىلىشتۇر. مەۋلانا ئېيتقاندەك: «سەن نېمە دېسەڭ دېگىن، دېگەنلىرىڭ قارشى تەرەپ چۈشەنگەنچىلىكتۇر». سىياسەت بىلەن شۇغۇللانغانلار نېمىنى، قاچان، قەيەردە، قانداق ئېيتىشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىشى كېرەك… نەتىجىدە سىياسەتمۇ بىر ئىلىم ۋە لاياقەت ئىشىدۇر!
كۈرەشنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى ئىچىدە سىياسەت زۆرۈر بولۇپ، پەرزدۇر!
ئەگەر سىز بىر سىياسىي پارتىيە بولسىڭىز، ئۇنداقتا «ھەر جايدا، ھەر ۋاقىت» سىياسەت ھەققىدە توختىلىسىز. چۈنكى سىياسەت ئىلىمنىڭ، ئەخلاقنىڭ سىرتىدا بولمايدۇ، ئۇنداقتا سىياسەت ھەققىدە توختىلىمىز. سىياسەت بىر كىشىنىڭ، ئائىلىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، مەملىكەتنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئويلىنىشى، توغرا ۋە ساغلام بولغان نىشانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەرىكەت قىلىشى ۋە نەتىجىگە ئېرىشىشىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىياسەت كىشىنىڭ جەمئىيەتتىكى ۋەزىپىسىنى، ئىش – ھەرىكەتلىرىنى، بارچىغا پايدىلىق بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىجتىمائىي ۋەزىپە ۋە تەربىيەدۇر. ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، جەمئىيىتىگە، مەملىكىتىگە، دۆلىتىگە ۋە مىللىتىگە قارىتا مەسئۇلىيەتچان بولۇشتۇر. ئۇنداقتا بىزنىڭ ۋەزىپىمىز خەلقنى قىممەت – قاراشلىرى بىلەن ياشىتىش، دۆلەتنى دۆلەت ھالىغا كەلتۈرۈشتۇر. سىياسەت ئىلىم بولۇپ، خەلقنى مەلۇم تەرەپكە يۈزلەندۈرىدىغان، ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان كۈچتۇر. ئىنسان بولسا بۇ كۈچنىڭ خىزمەتچىسىدۇر. ئىنسان مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك. ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى «ئەمرى بىل مەرۇف، نەھىي ئەنىل مۇنكەردۇر (ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش)». بۇ سەۋەپتىن سىياسەتتە ۋەزىپە ئېلىشمۇ زۆرۈر بولۇپ، سىياسەت بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. سىياسەت رەھمانى بولۇپ، خەيرلىك ئىشتا، ياخشىلىقتا، پايدىلىق بولۇشتا بىر خىزمەتتۇر، ۋەزىپىدۇر…
«ئىچىڭلاردا ئەڭ ياخشى كىشى، باشقىلارغا ئەڭ كۆپ ياخشىلىق قىلغان كىشىدۇر» . ئىنساننىڭ، جەمئىيەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىنىڭ تەكتىدە سىياسەت ئىلىمى ياتىدۇ. بىر مەسىلە مەۋجۇت بولسا، ئۇنى ھەل قىلىش تەكلىپلىرىدە سىياسەت بولىدۇ. ئىلىم، پەن، تېخنىكا سىزدە بولسا ۋە جەمئىيەتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان بولسىڭىز، بۇ سىياسەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. دىنى، مىللىي، ئىتتىپاقلىق بولىدىغان بولسا، بۇ يەنىلا سىياسەت ۋاستىسى ئارقىلىق بولىدۇ. مائارىپ سىياسىتى، مەسىلە ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىنىش چارىلىرى ھەققىدە توختىلىۋاتقان بولسىڭىز، بۇ سىياسەت دېگەنلىكتۇر. بىر جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە توختىلىۋاتقان، ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىزدەۋاتقان ۋە ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان بولسىڭىز، بۇنى قىلىدىغان ساھە سىياسەتتۇر. ئۇنداقتا پىلانلانغان، قىلىنىشى كېرەك بولغان ساھەلەرنىڭ ئاساسىدا سىياسەت بار! ئىنسانىيەت، ئىسلام دۇنياسى ۋە دۆلىتىمىز دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئىلىم سىياسەتتۇر. ئىسلام مەدەنىيىتى، ئىسلام رېنىسانسى ھەققىدە توختىلىۋاتقان، بۇلارنىڭ رېئاللىققا ئايلاندۇرماقچى بولغان بولسىڭىز، بۇنىڭ شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئۇنى ئىجرا قىلىش سىياسەتنىڭ خىزمەت ساھەسىگە تەۋەدۇر.
بۈگۈنكى سىياسىتىمىز ئىلىمنىڭ ئىرشادىدىن مەھرۇم قالغان بولۇپ، تۈرك دۇنياسى، ئىسلام دۇنياسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا چارە تېپىپ چىقالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈش شەرت. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈچ دۆلەتنى ئىدارە قىلغۇچى كۈچتۇر. بۇ كۈچنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىل دەل سىياسەتنىڭ ئۆزىدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارغا توغرا – خاتانى كۆرسەتكەن ۋە ئىنسانلارنى تاللىشىدا ئەركىن قويۇپ بەرگەن بولۇپ، ئەركىن ئىرادە ۋە مەسئۇلىيەت بەرگەن. بۇ سەۋەپتىن ئىنسان تاللىشىدىن ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ… ئاللاھ ئىنسانلارنى ئەقىل ئىشلىتىشكە، تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرىيدۇ. «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزرىدە جانلىقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ زىيانداش بولغىنى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان، (كۆڭۈل قۇلىقى) گاس ۋە (ھەقىقەتنى ئېيتالمايدىغان) گاچىلاردۇر» . ئەقلىنى ۋە ھۆر ئىرادىسىنى ئىجارىگە بەرگەن كىشىلەر ۋە مىللەتلەر مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ۋەياكى باشقا دىندىكىلەر بولسۇن، باشقىلاردىن بۇيرۇق ئېلىشقا ۋە قۇل بولۇشقا مەھكۇمدۇر. بۇ سەۋەپتىن يەرلىك بولۇش، مىللىي بولۇش، ھۆرىيەت ۋە قەدىر – قىممەتلەر سىياسەت ئارقىلىق بەرپا قىلىنىدۇ.
ئىسلامدا بولمىغان سىياسەت ئەمەس، بەلكى كۈنىمىزدىكى ئىللەت ۋە مەستانىلىك سۈپتىدە ئورۇن ئالغان پارتىيۋازلىق ۋە پارتىزانلىقتۇر. كۈنىمىز سىياسىتىدە بىرئاز يالغانچىلىق، ھىيلە – نەيرەڭۋازلىق، بىر ئاز ھارامغا يول قويۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەت بولۇش مەنتىقىلىقمۇ؟ سىياسەت، قارىغۇلارچە ئەگىشىش، پارتىيۋازلىق، گۇرۇپپىۋازلىققا ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتكە، قانۇنغا ۋە ئىلىمگە تايىنىشى كېرەك.
پەيغەمبىرىمىز، كۈلتېرىمىز سىياسەتكە، يەنى «ئىلمى سىياسەت»كە بۇيرىيدۇ.
«سىياسەت، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن مۇھىمدۇر. دۆلەتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا سىياسەت يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ھەر خەلقنىڭ ئۆزىگە خاس مۇداپىئە سىستېمىسى بولۇشى كېرەك. كىشىلەرنى تاشقىي دۈشمەندىن قوغدايدىغان، خەلقنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدىغان خېيىم – خەتەرلەرگە خاتىمە بېرىدىغان ھەربىي كۈچ بولۇشى كېرەك. بۇنىمۇ يەنىلا دۆلەت روياپقا چىقىرىدۇ» .

تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى باتۇر قاراخانلې

مەنبە:

SİYASİ MÜCADELENİN ZURURİYETİ VE ŞARTLARI!  (I)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*