شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىغا مۇراجىئەت

2018-يىلى 11-سېنتەبىر

ئەركىن ئالىپتېكىن | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

ئەزىز شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى!
خەۋىرىڭلار بار، يېقىنقى مەزگىللەردە بەزىلەر، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن ئۇلۇغ لىدىرلىرىمىزدىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى «… بۇلار ۋەتەندىن ۋەتەن ئۈچۈن ئايرىلدىم دەپ، مىللەتنى گوللاپ 70 يىل ھېچ ئىش قىلمىغان مۇناپىقلار…» دەپ تۆھمەت چاپلاشقا تىرىشتى. گەرچە، تۈرك، ئەرەب ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا نۇرغۇن مەلۇمات بولسىمۇ، بۈگۈن مەن سىلەرگە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ 1949 – يىلى چەت ئەللەرگە چىققاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئالدىدىكى ۋىجدانى قەرزلىرىنى ئادا قىلىش يولىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق قىسقىچە مەلۇمات بېرىشكە تىرىشاي:

• 1949-1960 يىللىرى ئارىسىدا ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئافغانىستانغا قېچىپ چىققان 3 مىڭدەك شەرقىي تۈركىستانلىقلنى «ئىسكانلىق كۆچمەن» (پۇقرالىق، يەر، ئۆي بېرىلىدىغان مۇھاجىرلىق سالاھىيىتى) قىلىپ تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. بۇ يەردە «نىمىشقا باشقا بىر دۆلەتگە بارماي تۈركىيەگە بارغان» دېگەن سوئال تۇغۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. سەۋەپ، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئىراققا ئوخشاش يەنە بىر مۇنچە مۇسۇلمان ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىزگە سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزگە باغرىنى ئاچقان تۈركىيەگە بېرىپ ئورۇنلىشىش قارار قىلىنغان. ئامېرىكىلىقلار مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئائىلىلىرىگە سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە تەييار بولغان بولسىمۇ، بۇ ئىككى لىدىر، «بىز يۇرتداشلىرىمىزنى تاشلاپ قويۇپ ئامېرىكىغا بارالمايمىز» دەپ رەت قىلغان.
• مۇھاجەرەتتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن، بىر يول خەرىتىسى بەلگىلەش مەقسىتىدە، 1954 – يىلى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھىجاز شەھرىدە چەت ئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ 1 – نۆۋەتلىك قۇرۇلىتىيىنى ئاچىدۇ.
• قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى «تەڭ ھوقۇقلۇق ئىككى لىدىرىمىز» دەپ سايلايدۇ.
• قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ 1950 – يىلى ھىندىستانغا كېلىپ جايلاشقاندىن كېيىن قەلەمگا ئالغان يول خەرىتىسىنى ئومۇمىي ئاۋاز بىلەن ماقۇللايدۇ. يول خەرىتىسىدە قىسقىچە مۇنداق دىيىلىدۇ:
ئا- شەرقىي تۈركىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى مەقسەت قىلىش.
ب- ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىدىيسىگە مۇستەقىللىق پىكرىنى سىڭدۇرۇش.
س- بۇ غايەنى چۆرىدېگەن ھالدا ھۆر دۇنيا بىزگە بەرگەن سۆز، پىكىر، نەشرىيات، تەرغىبات، ساياھەت ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى، داد – پەرياتلىرىنى ۋە ئارز-ئارمانلىرىنى دۇنيا جەمائاتچىلىكىگە ئاڭلىتىش، ئۇلارنىڭ يار – يۆلىكىگە ئىگە بولۇش ۋە چارە – تەدبىر يولغا قويغۇزۇش ئارقىلىق ئانا ۋەتەندىكى خەلىقىمىز ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىللىق كۈرىشىگە تىنچ ئۇسۇللار بىلەن يار -يۆلەكتە بولۇش.

• شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تەشكىلى رەۋىشتە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 1960 – يىلى ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا رەئىسى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئورۇنباسار، پولات قادىرى (ئۇيغۇر تارىخچى) باش كاتىپ بولۇپ سايلىنىدۇ. ئۇ يىللاردا تۈركىيەدە قازاق قېرىنداشلىرىمىز ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇيغۇر قېرىنداشلار كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلاتتى.
• يەنە 1960 – يىللاردا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتى مەركىزى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. تۈركىيەدە تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي پائالىيىتى چەكلەنگەن بولغاچقا، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىسمى يوشۇرۇن تۇتۇلىدۇ. ئەمما، چەت دۆلەتلەرگە يېزىلغان پۈتۈن مۇراجىئەتلەر مانا موشۇ تەشكىلاتنىڭ نامىدىن يېزىلىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا مەزكۇر «مەركەز» نىڭ تۇنجى رەئىسى بولۇپ سايلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن مەزكۇر «مەركەز» نىڭ رەئىسى بولۇپ سايلىنىدۇ. گەرچە «مىللىي مەركەز» نىڭ كۆپىنچە ئەزالىرى ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بالا-چاقا ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرىگە ھەرقانداق بىر زەرەر يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى بۇ يەردە زىكىر قىلىشتىن يالتايدىم.
• تۈركىيەلىك ئىرقداشلارغا شەرقىي تۈركىستان تارىخى، مەدەنىيەتى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان غەيرىي ئىنسانىي سىياسىتىنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ؛ ئىچىمىزدە ئانا ۋەتەندىن چىققان كەسپىي سەنئەتچىلەر بولمىغاچقا، بالا-چاقىلار بىلەن بىر سەنئەت ئۈمىگى قۇرۇپ، كونسېرتلار بېرىلىدۇ؛ بولۇپمۇ ئىستانبۇلدا خەلئقارا يىغىنلار ئۇيۇشتۇرۇلغان چاغلاردا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، چەت ئەللەردىن كەلگەن ئۈمەكلەر، كۆزەتكۈچىلەر ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشىدۇ؛ تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە كىتاپ – ژۇرناللار، مەجمۇئەلەر، مۇراجىئەتنامىلەر، باياننامىلەر نەشىر قىلىنىپ،تۈرك، ئىسلام ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە، پارلامېنت ئەزالىرىغا، مەتبۇئاتلىرىغا ۋە خەلئقارا تەشكىلاتلىرىغا تارقىتىلىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرنىڭ يازغان ئەسەرلىرى، چىقارغان مەجمۇئەلىرى، ئەۋەتكەن مۇراجىئەتنامىلىرىنى تۈرك، ئىسلام ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۈتۈپخانا ۋە ئارخىپلىرىدە ھازىرغىچە مەۋجۇت. ئۇ يىللاردا تۈركىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاساسلىقى «تۈركىستان، غەربىي تۈركىستان ۋەياكى شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئۇقۇملارنىمۇ ياخشى چۈشىنىپ كېتەلمەيتتى. «تۈركىستان» دېسە «كۈردىستانمۇ» دەپ سورايتتى. مانا ھازىر بولسا، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستاننى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى، مەدەنىيەتى، ھازىرقى ۋەزىيىتىنى بىلمەيدىغان تۈرك يوق، دېسە يالغان بولمايدۇ.
• تۈركىيە دۆلىتىدىن ماددىي قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بالىلىرىغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشىدۇ. بۇ ئوقۇش ياردەم پۇللىرىنىڭ سايىسىدا تۈركىيەدە نۇرغۇنلىغان ياشلار يېتىشىپ چىقتى. شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا «ئۈچ ئەپەندىلەر» دەپ نام چىقارغان مەسئۇت سابرى بايقۇزى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا ئەپەندىم، پۈتۈن ئۆمرىدە ياشلارنىڭ ئوقۇپ-يېتىشىشىگە ناھايتى كۆپ ئەھمىيەت بەرگەن. مەسىلەن، تۈركىيەدە مېدىتسىنا ئوقۇغان مەسئۇت سابرى بايقۇزى 1930 – يىللاردا ئىلىغا قايتىپ بېرىپ زامانىۋى مەكتەپلەرنى ئېچىپ ياشلارنى تەربىيەلەشكە تىرىشقان. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1922-1931 – يىللىرى ئارىسىدا قاراقاشتىكى ئويباغ مەدرىسىسىدە مۈدەررىس بولۇپ كۆپلىگەن ياشلارنى يېتىشتۈردى. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بولسا، 1939 – يىلى تۈركىيە زىيارىتى ئەسناسىدا كۆرۈشكەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى ئىسمەت ئىنۆنۈ (پاشا)دىن 300 شەرقىي تۈركىستانلىق بالىنى ئوقۇتۇپ بېرىشىنى رىجا قىلىدۇ. بىراق، ئىسمەت پاشا، «بۇ تەكلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رەسمىي رەۋىشتە كەلسۇن» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، «خىتايلارنىڭ ھەرگىز شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇشىغا ئىجازەت بەرمەيدىغانلىقى» نى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان بولسامۇ، ئىسمەت پاشانى قايىل قىلالمايدۇ. ئەمما، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بۇ ساياھىتى ئەسناسىدا ھىندىستان، پاكىستان ۋە ھەتتا خىتاي ئىچىدە ئىگە – چاقىسىز قالغان، يېتىم ۋەياكى سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن 50 كە يېقىن شەرقىي تۈركىستانلىق ياشنى يىغىپ، ئۆز ئىمكانىيىتىگە تايانغان ھالدا لەنجۇغا ئېلىپ بېرپ، ئۇ يەردە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا ئوقۇتۇشقا تىرىشىدۇ. ھەمىدۇللاھ ئەپەندىم، مىللىي شائىر ئابدۇرېھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈر، ئايالى خەلىچە خانىمغا ئوخشاش بەزى زىيالىلىرىمىز بۇ يەردە مۇئەللىم بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. مەنمۇ شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە بار ئىدىم. ياخشى ئوقۇغان بەزى ياشلارنى نەنجىنغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ئالىي ئوقۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، كونا تونۇشى بولغان شىمالى قىبرىس (سىپرۇس) تۈرك جۇمھۇرىيەتىنىڭ پىرېزىدېنتى رەئۇف دەنكتاشتىن بالا ئوقۇتۇپ بېرىشىنى ئۆتۈنىدۇ. پىرېزىدېنت دەنكتاش ھەر يىلى 4 بالىغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىپ ئوقۇتۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلىدۇ. 1974 – يىلى سېنتەبىردە قىبرىسقا ئوقۇشقا بارغان 4 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولغان ئەسقەرجان خاتىرىسىدە بۇ ھەقتە قىسقىچە قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «…لىدىرىمىز ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەن، ئالىمجان تارھان، غاففار كەسىجى ئوقۇغۇچى بولۇپ، 1974 – يىلى قىبرىسقا باردۇق. قىبرىسقا بېرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، قىبرىستىكى مەكتەپلەرنىڭ سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ۋە سىنىپلاردا ئىنگلىز تىلىغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلىشى ئىدى. لىدىرىمىز ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بايراقدارلىرى بولغان ياشلارنىڭ چوقۇم ئىنگلىزچە ئۆگىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنەتتى. 1975 – يىلى ئىسمائىل چىنگىز، مەقسۇت ئەلەمدار، مۇستافا بىلگە ئۆمۈر خاندىن تەركىپ تاپقان 4 ئوقۇغۇچى قىبرىسقا كېلىپ بىزگە قوشۇلدى. قىبرىس ھۆكۈمىتى بىزگە ناھايىتى كۆڭۈل بولدى. يېڭى كەلگەندە ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىدا تۇرغان بولساقمۇ، كېيىن بىزگە ئۆي تۇتۇپ بەردى. بىراق، ئۇ يىللاردا دۇنيادا «سولچىل» ھەرىكەتلەر بەكلا كۈچىيىپ كەتكەنىدى. بۇ شارائىت قىبرىسقىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. قىبرىس پارلامېنتىدىكى سولچىل سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى «ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىزنىڭ ئەسلىدىنلا نازۇك بولۇۋاتقان خامچوتىمىزغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ» دەپ پىرېزىدېتن رەئۇف دەنكتاشنى قاتتىق تەنقىت قىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە، 1975 – يىلىدىن كېيىن تۈركىيەدىن ئوقۇغۇچى ئېلىش ئىشى توختاپ قالدى. ئەگەر قىبرىستىكى سولچىل سىياسىي پارتىيەلەر نارازىلىق بىلدۈرۈپ شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىۋاتقان ئوقۇش ياردەم پۇلىنى توختىتىپ قويمىغان بولسا ئىدى، ھازىرغىچە كۆپلىگەن ياشلار يېتىشىپ قالغان بولاتتى….» 1949 – يىلى ھىندىستانغا چىقىپ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن ئامېرىكىلىق خادىملاردىنمۇ بالا ئوقۇتۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە، ئامېرىكىلىقلار 5 ياش شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىمىزنى ئامېرىكىغا ئېلىپ بېرىپ تەربىيەلەپ بەرگەن.
• مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1955 يىلىدا ھىندونېزىيەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان خەلقئارا باندۇڭ يىغىنى، 1960 – يىلى ھىندىستاننىڭ پايتەختى دېھلىدا ئېچىلغان ئاسىيا ئافرىقا يىغىنى، 1962 – يىلى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئېچىلغان دۇنيا ئىسلام قۇرۇلتىيى، 1964 ۋە 1965 – يىلى سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشو ۋە 1965 – يىلى مەككىدە ئېچىلغان دۇنيا ئىسلام قۇرۇلتىيىغا ئوخشاش يەنە بىر مۇنچە چوڭ كىچىك يىغىنلارغا قاتنىشىپ، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى توغرىسىدا داكلاتلارنى سۇنىدۇ، بۇ يىغىنلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن پىرېزىدېنت، باش مىنىستىرلار ۋە مىنىستىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇ يىللاردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئەزاسى بولۇۋاتقان مىللەتچى خىتاي ئۆمەكلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقلىرىغىمۇ قارىماي. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئۇلارغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىدۇ.
• 1960 – يىلى ھىندىستاندا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاسىيا -ئافرىقا يىغىنىغا قاتناشقان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئاينى يىل ھىندىستانغا قېچىپ چىققان دالاي لاما بىلە ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارىدۇ ۋە كېلەچەكتە يېقىن ھەمكارلىق قىلىش توغرىسىدا قارار ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇ يىللاردىكى سىياسىي ۋەزىيەت بۇنىڭغا يار بەرمەيدۇ، ئەمما بۇ ھەمكارلىق 1984 – يىلىدىن ئېتىبارەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
• 1965 – يىلى ئۇلۇغ لىدىرىمىز مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا’نىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىگە، شەرقىي تۈركىستانلىق قازاق چوڭلىرىمىزدىن ئوسمان ھاجىم تاشدان ئورۇنباسارلىققا سايلىنىدۇ. بىر ئۆمۈر قوش-كېزەك بولۇپ مۇجادەلە قىلغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ۋاپات خەۋىرىنى ئاڭلىغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن يۈرەك كېسىلى (يۈرەك سانجىقى) بولۇپ ئۈچ ئاي كېسەلخانىدا يېتىپ قالىدۇ.
• ئەمما، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن «شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئالدىدىكى ۋىجدانى قەرزىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك » دەپ يۇرتداشلارىنىڭ دۇئا، ماددىي ۋە مەنىۋى يار يۆلەكلىرى بىلەن پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئىراق، ئىيوردانىيە، لىۋان ئوخشاش يەنە بىر مۇنچە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى قايتىدىن ئايلىنىپ چىقىدۇ. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىش مەقسىتىدە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قىلغان بۇ زىيارەتلەرنىڭ بىر نەتىجىسى بولۇپ، مەركىزى مەككىدە بولغان رابىتات ئۇل ئالەم يانى دۇنيا مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى 1980 – يىلى مەككىدە ئېچىلغان 22 قۇرۇلتىيىدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى „قۇرغۇچى مەجلىس ئەزالىقىغا „ سايلايدۇ. ھەر يىل بۇ تەشكىلاتنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئۆمەكلەرنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا جەلپ قىلىشقا تىرىشىدۇ.
• مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تۈركىيە’گە كېلىپ جايلاشقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۆپرەك ئىسلام ئالەمىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشتى. ئەمما، ماددىي، مەنىۋى ۋە ئىنسانىي دېگەندەك يەنە بىر مۇنچە سەۋەبلەردىن تۈپەيلى غەرب دۆلەتلىرىگە ئاڭلىتىش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1970 – يىلى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىش مەقسىتىدە، ناھايىتى ئېغىر ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبى كورېيە، مالايشىيا، ھىندونېزىيە، فىلىپپىن، ھىندىستان، پاكىستان ئوخشاش دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىرى، باش مىنىستىرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، زىيالىيلىرى ۋە مەتبۇئات ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىدۇ.
• ئامېرىكىدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بۇرۇن خىتاي ئىچىدە، ھىندىستاندا، تۈركىيە’دە ۋە خەلقئارا يىغىنلاردا تونۇشقان، كۆرۈشكەن، پىكىر ئالماشتۇرغان مىلتون كىلارك، ھېنرى لىئېبېرمان ( نيۇ يورك تايمىز گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئىدى)، ھاررىسون سالسبۇرري (نيۇ يورك تايمىز گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ۋە يازغۇچىسى)، خالل پاختون (ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش كونسۇلى) ئوخشاش بەزى تونۇش كىشىلەر بولغان بولساممۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، مەجلىسى ۋە مەتبۇئاتى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى ياخشى بىلمەيتتى. شۇنداق بولسىمۇ، بۇرۇندىن تونۇش بولغان بۇ سىياسىيون، ژۇرنالىست، تىجارەتچىلەر ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنگە قولىدىن كەلگەن يار يۆلەكتە بولۇشقا تىرىشىدۇ. ھېنرى لىئېبېرمان، ھاررىسون سالىسبۇري ئەيسا ئەپەندىمنى تونۇشتۇرۇپ بىر قانچە ماقالە نەشر قىلدى. مىلتون كىلارك ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى، ئاغىنىسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ نيۇ يورك پارلامېنت ئەزاسى جون مۇرفي بىلەن تونۇشتۇرىدۇ. جون مۇرفي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى « Speaker of the House» يەنى «ۋەكىللەر پالاتاسىنىڭ رەئىسى» جون ماككورمىك ۋە يەنە بىر مۇنچە پارلامېنت ئەزالىرىغا تونۇشتۇرىدۇ. بۇ پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى ئۇلارغا تەقدىم قىلىدۇ. نەتىجىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردە يىراق شەرق ۋە خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل بۆلۈمنىڭ مۇدىرى دونالد ئاندېرسون، كىشىلىك ھوقۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تىموتي پېيفېر، مۇھاجىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى رايموند لائۇئېل، تۈركىيە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى فىرانك كاش قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتى، ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مۇھاجىرلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.
• ئەيسا ئەپەندىمنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى، ئامېرىكىدا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا توغرا كېلىپ قالغاچ پىرېزىدېنت نېكسون بىلەن كۆرۈشۈش مۇمكىن بولمايدۇ. نېكسون 1969 – يىلىنىڭ نويابىر ئېيىدا پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىدۇ. 1970 – يىلىنىڭ يانۋارنىڭ 20 – كۈنى قەسەم بېرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بولسا، 1970 – يىلى يانۋارنىڭ 24 – كۈنى ئامېرىكىغا بارىدۇ. بۇنداق بىر شارائىتتا، پىرېزىدېنت نېكسوننىڭ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىشىمۇ مۇمكىن ئەمەستى. ئىككىنچىدىن، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. بىلىنگەندەك، 1960 – يىللىرىدىن ئېتىبارەن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، بۇ ئىككى دۆلەت 1969 – يىلى ئامۇر ۋە ئۇسسۇرى دەريا بويلىرىدا قاتتىق قوراللىق توقۇنۇشلارغا تۇتۇشۇپ قالىدۇ. مۇشۇ مەزگىلدە، نېكسون پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنى غەرب دۆلەتلىرى ئۈچۈن «زور تەھلىكە» دەپ بىلگەن ئامېرىكا خىتاي بىلەن دەرھال «پىڭ پوڭ دىپلوماتىيەسى» دەپ ئاتىلىدىغان كېلىشىش سىياسىتىنى باشلىتىدۇ. پىرېزىدېنت نېكسوننىڭ مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باشلىقى ۋە كېيىنچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ھېنرى كىسسېنجېر خىتاي يولباشچىلىرى بىلەن يوشۇرۇن كۆرۈشۈشلىرىنى باشلىتىدۇ. بۇ كۆرۈشۈشلەرنىڭ نەتىجىسىدە پىرېزىدېنت نېكسون 1972 – يىلى خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. بۇنداق بىر مەزگىلدە خالىغان تەقدىردىمۇ پىرېزىدېنت نېكسون ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى قوبۇل قىلالمايتتى. ئەمما، پارلامېنت ئەزاسى جون مۇرفي، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ 1970 – يىلى 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قەلەمگە ئېلىنغان مۇراجىئەتىنى پىرېزىدېنت نېكسونغا قوشۇمچە بىر پارچە خەت بىلەن تەقدىم قىلىدۇ. جون مۇرپھي ئۆزىنىڭ 1970 – يىلى 2 – ئاينىڭ 6 – كۈنى يازغان خېتىدە قىسقىچە مۇنداق دەيدۇ:
«…ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتى مەركىزىنىڭ رەئىسى بولغان ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ماڭا ۋە يەنە بىر مۇنچە پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى. ھازىر ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن يازغان بىر مۇراجىئەتنامىسىنى سىزگە ئەۋەتىپ بېرىشىمنى مەندىن ئىلتىماس قىلدى. ئەگەر ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئامېرىكىدىن ئايرىلغانغا قەدەر بىر جاۋاب قايتۇرالىسىڭىز بەك خۇرسەن بولىمەن…»
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ 1970 – يىلى بولۇپمۇ ئاۋسترىيە گېرمانىيە، شىۋېيتسارىيە، بېلگىيە ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىغا قىلغان ساياھىتى ئەسناسىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى غەرب دۆلەتلىرىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بېسىلغان دەسلەپكى قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئۇ يىللاردا ياۋروپا ۋە بولۇپمۇ ئامېرىكىدا پەقەت 3-4 شەرقىي تۈركىستانلىق ئائىلە بولغاچ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىش توغرىسىدا باھالاتقان تۇنجى قېتىملىق لوبى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر باشلىتىلغان بىر پائالىيەتنىڭ ئارقىسى ئۈزۈلۈپ قالسا بەرىكىتىمۇ بولمايدۇ.
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن دۇنيا ساياھىتىدىن قايتىپ كېلىپ، بۇرۇنقى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەمما، كۆزلىرى بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار تەشكىلاتى» دىن ئىستېپا بېرىدۇ. ئورنىغا قازاق قېرىنداشلىرىمىزدىن ئوسمان ھاجىم تاشدان سايلىنىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ بۇرۇنقى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەمما، ئەيسا ئەپەندىمنىڭ پاسسىپلىشىپ قېلىشىغا ئۇنىمىغان ئابدۇغۇپۇر ھاجىم، زۇنۇن ھاجىم، ئابدۇلقادىر ھاجىم، تۇرسۇن ھاجىم، ھۈسەيىن قارىم، تۇردى يەھياغا ئوخشاش سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى يەنە بەزى بىر يۇرتداشلار ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنگە ئىستانبۇلدا ئىشخانا قىلىپ ئىشلىتىشى ئۈچۈن بىر ئۆي ئېلىپ بېرىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن پات – پات بۇ ئىشخانىغا كېلىپ، پائالىيەتلىرىنى بۇ يەردىن ماڭدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بەزى ياشلار ئىشخانىدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنگە يار – يۆلەكتە بولىدۇ. «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» دېگەن مەجمۇئەنى نەشر قىلىشقا باشلايدۇ، تۈركىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ، لېكسىيەلەرنى سۆزلەيدۇ ۋە مەككىدىكى رابىتەتۇل ئالەمىل ئىسلامىنىڭ يىغىنلىرىغا قاتنىشىشقا تىرىشىدۇ.
تۈركىيەلىك بەزى بىر قېرىنداشلار ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى بىر ۋەخپە قۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. نەتىجىدە 1978 – يىلى «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەمما، ۋەخپە تولۇق پائالىيەت باشلىماي تۇرۇپلا، يولدا بىر ماشىنا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى ئۇرۇپ قاتتىق يارىدار قىلىۋېتىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئايلارچە كېسەلخانىدا ۋە كېيىنچە ئۆيدە يېتىپ قالىدۇ. بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. كۆز نۇرىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ كۆزى كۆرمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. شەرقىي تۈركىستان توغرۇلۇق تۈركىيەدىكى پائالىيەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي توختاپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مۇھەممەد شاھ ھەبىبۇللاھ ھاجىم، مەن بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈرك ئارمىيەسىدىن پېنسىيەگە چىققان گېنېرال مۇھەممەد رىزا بەكىن پاشانى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسلىكىگە تەكلىپ قىلىدۇ. رىزا بەكىن پاشا بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ 1986 – يىلى رەسمىي بىر مۇراسىم بىلەن رىزا پاشا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلىنىدۇ. تۈركىيە دۆلىتى رىزا پاشاغا ۋەخپە بىناسى قىلىپ ئىشلىتىشى ئۈچۈن چوڭ بىر جاي بېرىدۇ. توختاپ قالغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى» مەجمۇئەسىنى قايتىدىن چىقىرىشقا باشلايدۇ. تۈركىيە دۆلىتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ياشلارغا ئىستېپېندىيە (ئوقۇش پۇلى) ھەل قىلىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ياتىدىغان (يۇرت) تاپىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئورنىغا دۇنيا مۇسۇلمانلار بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا سايلىنىدۇ. ئىستانبۇلدا چوڭ خەلقئارالىق يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىمنىڭ ئايالىنىڭ ئىنىسى بولغان مۇھەممەد رىزا بەكىن پاشا ئەيسا ئالىپتېكىننى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدۇ. رىزا پاشا بۇ ۋەزىپىنى ۋاپات بولغان 2010 – يىلىغىچە چوڭ ئۇتۇقلار بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ.
95 يىللىق ئۆمرىنىڭ 70 يىلىنى كۆپىنچە بالا-چاقىلىرىنى ئاچ، يالىڭاچ ۋە بىئىلاچ قالدۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ۋەخپە قىلغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1995 – يىلى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپات خەۋىرىنى ئاڭلىغان ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانا ۋە ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىدا ئىشلەيدىغان خىتاي دىپلوماتلىرى شامپان ئىچىشىپ كۆڭۈل ئېچىشىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، كېيىنچە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن خىتاي يولباشچىلىرىنىڭ كۆزىدە دائىما بىر قاداق ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىش، قالايمىقانچىلىق، قوزغىلاڭ ۋە توپىلاڭلارنى دائىما بۇ ئىككى لىدىرىمىزگە دۆڭگەيتتى. مەسىلەن ۋاڭ ئېنماۋ، ھامىدىن نىياز، جانابىلغا ئوخشاش كىشىلەر 1980 – يىللىرىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش، قوزغىلاڭ ۋە توپىلاڭلارنىڭ ھەممىسىنى «ئەيسا گۇرۇھى»غا دۆڭگىگەن. ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىبراھىم خالىق، ئۈرۈمچىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار توغرۇلۇق ئەنگلىيەنىڭ رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى گۇي دىنمۇرې بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە «… تىبەتلىكلەرنىڭ دالاي لاماسى بار، شىنجاڭنىڭ بولسا ئەيساسى بار. ھازىر تۈركىيەدە ياشايدىغان ئەيسا، شىنجاڭغا يوشۇرۇن ئادەم ئەۋەتىپ ئۇيغۇرلارنى خىتايلارغا قارشى كۈشكۈرتۈۋاتىدۇ….» دەپ بايانات بېرىدۇ. گۇي دىنمورې، 1988 – يىلى 22 – سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان بۇ يازمىسىدا، ئۈرۈمچىدە يوشۇرۇن كۆرۈشكەن ئوقۇغۇچى، زىيالىي ۋە فابرىكا ئىشچىلىرىنىڭ «ئەيسا ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانى» دېگەنلىكىنىمۇ يازىدۇ. 1990 – يىللىرىدىن تارتىپ تۈركىيەگە كەلگەن خىتاي باشلىقلىرى، تۈركىيەدىن خىتايغا بارغان تۈرك باشلىقلارغا داۋاملىق رەۋىشتە «بۆلگۈنچى ئەيسا گۇرۇھى» دىن شىكايەت قىلىشىدۇ. جىياڭ زېمىن 1995 – يىلىنىڭ 5 – ئېيىدا خىتايدا زىيارەتتە بولغان تۈركىيە پىرېزىدېنتى سۈلەيمان دەمىرەل ئەپەندىگە «سىز مەملىكىتىڭىزدە بۆلگۈنچى ئەيسانى بېقىۋاتىسىز» دەپ شىكايەت قىلىدۇ. دەمىرەل بولسا، «سىز ئەيسا دېگەن كىشى ھازىر 94 يېشىدا، كېسەلچان، ئاجىز ۋە كۆزى كۆرمەيدىغان بىر قارىغۇ بىر بوۋاي. بۇ ئادەمدىن نېمىشقا بۇنچىلىك قورقىسىلەر» دەيدۇ. جىياڭ زېمىن بولسا: «.. بىز بۇ ئادەمدىن ئەمەس، ئۇنىڭ تەرغىب قىلىدىغان ئىدىيەسىدىن قورقىمىز..» دەيدۇ. خىتاينى قورقۇتقان بۇ ئىدىيە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ 1956 – يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھىجاز شەھرىدە ئېچىلغان چەت ئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ 1 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغان «مۇستەقىللىق» ئىدىيەسىدۇر. مەن ئۆزۈم 1973 – 2004 – يىللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىمنى مەزكۇر ئىدىيىگە تايىنىپ يۈرگۈزدۈم. 2004 – يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۇ ئىدىيە بىلەن قۇرۇلدى. 2006- 2017 يىللىرى ئارىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ (دۇق) رەئىسى بولغان رابىيە خانىم، بەزى بىر ۋاقىتلاردا بىر ئاز تەمتىرەپ قالغان چاغلىرى بولسىمۇ، ئاينى ئىدىيە بىلەن ماڭدى. 2017 – يىلى دۇق رەئىسلىكىگە سايلانغان دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرمۇ شۇ ئىدىيە بىلەن داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ ئىدىيە ئەبەدىيەتكە قەدەر ياشنايدۇ.
سۈلەيمان دەمىرەل بىلەن جىياڭ زېمىن ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ سۆزلىشىشتىن 7 ئاي كېيىن يانى 1995 – يىلىنىڭ 12 – ئېيىدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپات بولىدۇ.
مۆھتەرەم شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى، «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلدىم» دېگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان ۋىجدانى قەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن چەت ئەللەردە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق ناھايىتى كۆپ ماتېرىيال بار. بۇ ماتېرىياللارنىڭ بىر قىسمى مەندىمۇ بار. مانا مەنمۇ بۇ ئاجىزانە يازمامنى مۇشۇ ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ سىلەر ئۈچۈن قەلەمگە ئالدىم. مېنىڭ بۇ يازمام توغرۇلۇق سوئالىڭلار بولسا، ھېچ تارتىنماي سوراڭلار. مەن خۇدانىڭ بىلگىنىنى قۇلدىن ھېچ ساقلىمىدىم. سوئالىڭلارغا چوقۇم رەۋىشتە جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن. دۇنياغا مەشھۇر ئالىم ئالبېرت ئېينىشتىيىن مۇنداق دەيدۇ: «…ئالەم ئۈچۈن ئەڭ بۈيۈك زىيان، سوئال سوراش قابىلىيىتىنى يوقۇتۇپ قويغان بىر مېڭىدۇر.» بىز پەقەت بۇيرۇق ئېلىشقا كۆندۈرۈلگەن بىر مىللەت بولغاچ سوئال سوراش قابىلىيىتىمىزنى يوقۇتۇپ قويغانمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىرغىچە ئۆز ئۆزىمىزگە «نىمە، نېمىشقا ، قانداق، قاچان، نەدە، كىم، توغرىمۇ» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى سوراپ ھەقىقەتنى ئىزدەپ تاپالماي يالغان – ياۋىداق گەپلەر بىلەن ئېزىقىپ كەتتۇق. ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن ھەقىقەتنى ئىزدەيمىز دېسەڭلا، جەزمەن ئۆزۈڭلاردىن سوئال سوراش قابىلىيىتىڭلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇڭلار.
مۇھتەرەم ياشلار، يەنە بىر مۇھىم مەسىلىدىن خەۋەردار بولۇپ قېلىڭلار: مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئانا ۋەتەندىن ئالتۇن يۈدۈپ چىققان ئەمەس. ئۇلار 1940 – يىللىرىدىن تارتىپ «گەزىت چىقىرىمىز، ژۇرنال نەشر قىلىمىز، مەتبۇئات قۇرىمىز، زامانىۋى مەكتەپ ئاچىمىز، بالا ئوقۇتىمىز، ئادەم يېتىشتۈرىمىز، مەسچىت سالىمىز» دېگەندەك ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ تەئەللۇقاتىنى يوقاتقان، ۋەتەندىن ئاران جېنىنى قۇتقۇزۇپ چىقالىغان، قولىدىكى بەش-ئون تەڭگىنى يەنە «كىتاپ نەشر قىلىمىز»، «گېزىت چىقىرىمىز»، «ياشلارغا يار يۆلەكتە بولىمىز» دېگەنگە ئوخشاش ئىشلار بىلەن تۈگەتكەن. ھەم ئۆزلىرىنىڭ، ھەم بالا – چاقىلىرىنىڭ كېلەچىكىنى قەتئىي ئويلىشىپ قويمىغان، كۆپىنچە ھاللاردا بالىلىرىنىڭ ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ قولىغا قاراپ قالغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ئۆزلىرى ۋە ھەمدە بالا-چاقىلىرى مۇھاجىرەتتە ناھايىتى ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كۆچۈرگەن كىشىلەردۇر. مانا مەن شۇ ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ چوڭ بولغانلارنىڭ بىرى. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئالاقىدار پائالىيەتلىرىنىڭ چىقىمىنى كۆپىنچە تۈركىيەلىك دوست – ئاغىنىلەر، تونۇش – بىلىش بايلار ۋە بەزى سىياسىيونلار، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى پىداكار يۇرتداشلار كۆتۈرۈشكە تىرىشتى. ئەمما، ئۇ يىللاردا تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى يۇرتداشلىرىمىزنىڭ تاپاۋىتىمۇ ناھايىتى چاغلىق ئىدى. ھازىرقىدەك ھېسابىنى سورىماي پۇل بېرىدىغان ئون مىڭلارچە يۇرتداشمۇ يوقتى. ھازىر دئۇق غا ماددىي يار يۆلەكتە بولۇۋاتقان ئامېرىكىدىكى NED مۇ يوق ئىدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1970 – يىلى دۇنيا ساياھىتىدە چىققاندا يانچۇقىدا پەقەت 200 دوللار پۇلى بار ئىدى. بۇنى ئاڭلىغان سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بەزى بىر يۇرتداشلىرىمىز ئەيسا ئالىپتېكىنگە پوچتا ئارقىلىق بىرئاز ياردەم ئەۋەتكەنىدى. ئۆزى ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرۇپمۇ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى يۇرتداشلاردىن كەلگەن ياردەمنىڭ بىر قىسمىنى، توكيودىكى مۇسۇل مۇھىتىنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن قەبرىسىنى ياسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان. مۇسۇل مۇھىتى 1933 – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ (مەھمۇت سىجاڭ) قېرىندىشى ئىدى. 1970 – يىلى باشلىغان دۇنيا ساياھىتىنىڭ پۈتۈن بېلەت چىقىملىرىنى مەن كۆتۈردۈم. ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى چىقىمىنى ئۇ چاغلاردا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مىيۇنخېندا قۇرغان ئازادلىق رادىيوسىدا ئىشلەۋاتقان تارىخچى پولات قادىرى، مىللىي شائىرىمىز ساتتار مەقبۇلچوبان تەمىنلەشكە تىرىشقان. ئامېرىكىدىكى چىقىمنىڭ ھەممىسىنى 1950 – يىلى ھىندىستاندا تونۇشقان مىلتون كلاك ئەپەندى كۆتۈرگەن.
پىروفېسسور دوكتور ئىسىك كۇسجۇ خانىم 2013 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئورتا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە تەتقىقاتلىرى ناملىق مەجمۇئەدە ئىنگلىزچە نەشر قىلىنغان «تۈركىيەدىكى بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىدە قىسقىچە قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
..» This first generation of Uyghur diaspora activity established a firm base for the later diaspora generations to build on…«
«بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى (مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن) دەۋانى بىنا قىلىش ئۈچۈن كېلەچەك ئەۋلادلارغا مەزمۇت ئاساس يارىتىپ بەردى…»

سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت بىلەن: ئەركىن ئالىپتېكىن

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*