سەئۇدىلىق ۋە جىھادىيلىق ئارىسىدا يېڭى يۈزلىنىش – سىياسىي سەلەفىلىك

مەھمەت ئەلى كارابۈيۈك | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

2005 – يىلىدىن كېيىن ئەلقائىدىنىڭ جاھان خاراكتېرلىق جىھاد چۈشەنچىسىنى رەسمىي نىزامنامىگە ئايلاندۇرۇشى ۋە تېرورلۇق مېتودلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشى، بۇ يېڭى يۈزلىنىشكە قارشى يەنە جىھادى تەرەپتارلاردىن، بولۇپمۇ « ساھۋە » شەيخلىرى دەپ ئاتالغان ئىسلامچى سەلەفى ئالىملاردىن كەلگەن تەنقىدلەر؛ ئامېرىكىنىڭ ئىراقنى ئىشغال قىلىشى، پەلەستىن ۋە يەمەندە، بولۇپمۇ ئافرىقىدا سومالى، نىگىرىيە ۋە مالىدا تەسىرى چوڭ بولغان ئاشقۇنلۇق تەرەپدارى قوراللىق سەلەفى تەشكىلاتلار، مىسىر « ئەل جامائەتۇل ئىسلامىيە »گە ئوخشاش تېرورلۇق تەرەپدارى تەشكىلاتلارنىڭ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان مېتودلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆزىنى تەنقىدلىشى ۋە خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشى؛ ئەرەب باھارى مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققان پەرقلىق سەلەفى خاھىشلار، بولۇپمۇ مىسىردىكى بىر قىسىم سەلەفىييەنىڭ سىياسىي پارتىيە شەكلىدە تەشكىللىنىشى ۋە ئەركىن سايلامدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك دەرىجىدە ئاۋازغا ئېرىشىشى قاتارلىق يېڭىلىقلار، « جىھاد »نى قانۇنىي ئاتمۇسفىرادا ئاممىۋى سىياسەتنى ھەر خىل ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىش، ياكى قانۇنسىز ۋەياكى قوراللىق يوللار بىلەن ئېلىپ بېرىش ھەققىدە پەرقلىق قاراشلارنىڭ جىھادى سەلەفىييە ئىچىدە روشەن ھالدا باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى بىزگە كۆرسەتتى. ئانا مەنبەدىن ھاسىل بولغان ماتېرىياللارغا ئىلاۋە ھالدا بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەر بۇ ئايرىلىپ چىقىش ھادىسىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كەڭ ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

سىياسىي سەلەفىلىكنى سەئۇدى ۋە جىھادى ئېقىمدىن ئايرىم دەپ قاراش توغرا ئەمەس. چۈنكى ھەر ئىككى ئېقىم ئۆز ئىچىدە ئۆزىگە خاس سىياسەتنى ھاسىل قىلغان. بۇ سىياسەت « دېموكراتىك » ئاساستا ئېلىپ بېرىلغانلىقتىن، بۇنىڭ قورقماستىن سوراقچى مەنتىق (تەنقىدى تەپەككۇر) بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىزدىنىشنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكى، قاتتىق تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرايدىغانلىقى، بۇلارغا قارشى كۆكرەك كىرىشى كېرەكلىكى مەلۇم بولماقتا.

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*