سەرخىللار ۋە سەرخىلىزم

2018-يىلى 11-ئۆكتەبىر

رۇقىيە تۇردۇش | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

سەرخىللار (Elites) ئادەتتە جەمئىيەتتە ئورنى بارلار ۋە ئىقتىدارلىقلاردىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر قاتلىمىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بايلار، ئاكادېمىكلار، سىياسىي پائالىيەتچىلەر، دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئادۋوكاتلار. ئەمما، بۇ كىشىلەر خەلقنى باشلاپ ماڭالايدىغان، خەلقنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قارارلارنى چىقىرالايدىغان بولۇشى كېرەك.
ئەگەر ئۇنداق قارارلارنى چىقىرالمىسا، مەيلى قانچىلىك يوغان دىپلومنى كۆتۈرۈۋالغان بولسۇن، قانچىلىك كۆپ پۇل تاپقان بولسۇن، مەيلى قانچىلىك تەقۋا ئۆلىما بولسۇن، مەيلى جەمئىيەتتە قانچىلىك يۈز – ئابرۇيى بولسۇن، مەيلى ئۆز كەسپىدە قانچىلىك غەلىبە قازانغان بولسۇن، خەلقنىڭ سەرخىللىرى ۋە خەلقنى باشلاپ ماڭغۇچى سەرخىللاردىن بولالمايدۇ.
مەسىلەن ئالايلۇق، ئامېرىكىدا ئالېكساندىر خامىلتون پۇل توغرىسىدىكى سەرخىلىزم (Elitizm) نى ئىجاد قىلغان. ئۇ، سىياسەتچىلەر ۋە بانكىرلار دۆلەتنىڭ مەبلىغىنى قەيەرگە سېلىشقا قارار قىلىشنى بەلگىلەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەڭ ياخشى قارار چىقىرالايدىغانلار دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ نەزەرىيە بىلەن خەلقنى قايىل قىلغان. كېيىن بۇ كاپىتال نەزەرىيەسىدە كاپىتالىستنىڭ ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. پۇلى بار باي بولسىلا ھېساب ئەمەس، پۇلى بولغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئىقتىسادىي سەرخىللارنىڭ قاتارىغا كىرەلمەيدۇ.
دېمەك بىر مىللەتنىڭ، بىر دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قارارلارنى چىقىرالايدىغانلار سەرخىللار ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يەردە ئوخشىمىغان سەرخىل گۇرۇپپىلىرى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، دىنىي تەتقىقاتچىلار ۋە دىنىي ئۆلىمالار ئايرىم بىر سەرخىل گۇرۇپپىسى بولۇپ شەكىللىنىشى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئايرىم سەرخىل گۇرۇپپىسى بولۇپ شەكىللىنىشى، ئادۋوكاتلار ياكى ئاكادېمىكلار ئايرىم بىر سەرخىل گۇرۇپپا بولۇپ شەكىللىنىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ خىل ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلاردىن ئوخشىمىغان شۇنداقلا بىر – بىرىگە زىت قارارلار چىققان تەقدىردە قانداق ئاقىۋەت يۈز بېرىشى مۇمكىن؟
ئادەتتە، دېموكراتىك دۆلەتلەردە قايسى پىكىر ئېقىمى خەلقنىڭ ئەڭ كۆپ قوللىشىغا ئېرىشسە، شۇ پىكىر ئۇتۇپ چىقىدۇ. ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا ئەگىشىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە بازار تاپقان پىكىر ئېقىملىرى بىلەن سەرخىللار كۆز قارىشى لىنىيەسىنى ئايرىۋېلىش كېرەك.
مەسىلەن كانادادا خۇدسون باي شىركىتىنىڭ ئىگىلىرىمۇ سودىگەر، ئىشىكىنىڭ ئالدىدا دۇكان ئاچقان بىر گۈلچى ئايالمۇ ئوخشاش سودىگەر. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئىقتىساد سەرخىللىرى قاتارىغا كىرەمدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە، بازار تاپقان ياكى داۋراڭ قىلىنغان پىكىر ئېقىمى بىلەن سەرخىللار كۆز قارىشى لىنىيەسىنى ئايرىۋېلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىمىز. بەلكىم ھەر ئىككىسى كىرمەسلىكى مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن؟
سەرخىلىزم، سەرخىللار كۆز قارىشى لىنىيەسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كۆپ سانلىق سەرخىللار قوشۇلغان بىر پىكىرگە بەزىدە ئەگىشىشى، بەزىدە ئەگەشمەسلىكى مۇمكىن. مەسىلەن، ئىقتىساد سەرخىللىرى گۇرۇپپىسى ياكى دىنىي ئۆلىمالار گۇرۇپپىسىنى مىسالغا ئالساق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن كىشىلەر ئوخشاش پىكىردە بولۇپ، بىر ئادەم ئايرىم پىكىردە بولسا، ئەگەر شۇ بىر ئادەمنىڭ پىكرى ئورۇنلۇق بولسا، ئۇنىڭ ئاز سانلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شۇ بىر كىشىنىڭ پىكرى كۆتۈرۈلۈپ چىقىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، سەرخىلىزمنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈچى ئۇنىڭ سەرخىللارنى بويسۇندۇرۇپ، قايىل قىلىپ باشلاپ ماڭالايدىغانلىقىدا. ئەگەر بىر سەرخىلىزم ئوتتۇرىغا چىقسا، ئۇ پەقەت ئاز سانلىقنىڭ پىكرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكى سەرخىللار ئەگەشمىسە، ئۇ ھالدا ئۇلار سەرخىللار گۇرۇپپىسى بولالمايدۇ، ئەكسىچە بازار تاپقان پىكىر گۇرۇپپىسى بولۇپ قالىدۇ. بازار تاپقان ياكى داۋراڭ قىلىنغان كۆزقاراشلار سەرخىلىزم كۆز قارىشىدىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز گۇرۇپپىسىنىڭ ئىچىدە قانچە كۆپ ئادەم ئوخشاش كۆز قاراشتا بولسا، شۇ كۆز قاراشنى مەيلى ئورۇنلۇق ياكى ئورۇنلۇق بولمىسۇن، داغدۇغا قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. ئادەتتە، داۋراڭ سېلىنىپ ھەممىلا ئادەم سۆزلەپ يۈرگەن بۇنداق كۆز قاراش بىلەن، سەرخىللارنىڭ گۇرۇپپىسىدىكى مۇۋاپىق دەپ قارالغان، ئەمما ھەممىلا ئادەم سۆزلەپ يۈرمىگەن كۆز قاراشنىڭ قايسىسىنىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى مەسىلىدە ئوچۇق – ئاشكارا رىقابەتكە قاراشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇرۇنقى زامانلاردىكى پادىشاھلىق تۈزۈملەردە خەلقنى يېتەكلەيدىغان سەرخىللارنى پادىشاھلىق ھۆكۈمەت ئۆزى بېكىتەتتى ۋە شۇلارنىڭ قارارلىرى ھۆكۈم سۈرەتتى. دېموكراتىك تۈزۈملەردە ئىدىيە، بىلىم، پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى بىر- بىرى بىلەن رىقابەتلىشىش ئاساسىدا كۆتۈرۈلىدۇ. شۇڭا، مەلۇم بىر ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باشلايدىغان سەرخىللار بولىدۇ، ئەمما خەلق شۇنىڭغا ئاۋاز بېرىپ ئەگەشسە، بۇنىڭ ئۈچۈن قايىل قىلىش تاكتىكىسى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ خىرىستىيان دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىشىگە 5 ئەسىر كەتكەن ئىكەن. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە سەرخىللارنىڭ ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان سەرخىلىزمغا كىشىلەرنى قايىل قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ كېتىدۇ. چۈنكى پۈتۈن خەلقنى قايىل قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەرخىلىزم دېمەك، سەرخىللارنىڭ «مۇشۇ پىكىر، مۇشۇ قارار خەلقنى توغرا يولغا باشلايدۇ» دەپ ئىشەنگەن نەرسىسى دېمەكتۇر.
بۇ يەردە بىرەر ھوقۇقدارنىڭ تۇغقىنى، قىزى ياكى ئوغلى ياكى يېقىنى سەرخىل بولالمايدۇ ۋەياكى ئوقۇپ دىپلوم ئالسىلا، پۇل تاپسىلا ياكى دىنىي ساھەدە موللا بولۇپ كەتسىلا سەرخىل بولالمايدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسىلا سەرخىل بولالمايدۇ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىرىنىڭ ھەممىسىلا سەرخىل بولالمايدۇ. بىر چاغدا كانادانىڭ بۇرۇنقى دۆلەت مىنىستىرىنىڭ بىر سۆھبەت پىروگراممىسىنى كۆرگەن ئىدىم، قايسى مىنىستىرلىقى ئېسىمدە قالماپتۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: «دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن كىتاب ئوقۇيدىغان، جىق بىلىم ئالغان ئادەملەر بار، داۋاملىق مۇنازىرە – مۇزاكىرە قىلىپ ئاغزى بېسىلمايدىغان ئادەملەر بار. ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە شۇنداق ئادەملەر باركى، ئۇلار بىزگە لازىملىق، كېرىكى بار ئادەملەردۇر، ئۇلار بىز ئالاقە قۇرۇشقا تېگىشلىك ئادەملەردۇر.» كانادالىق بۇ مىنىستىرنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنى، ئەلۋەتتە سەرخىللار ئىدى. چۈنكى، مەشھۇر ئادەملەرنىڭ ھەممىسىلا، ھەر كۈنى مەيدان ئىگىلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىلا سەرخىل بولالمايدۇ. سەرخىل بولۇش ئۈچۈن بۇ مىللەتكە كېرىكى بولۇشى، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق كېرىكى بار يېڭى ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، قارار چىقىرالايدىغان بولۇشى، مىللەتنى باشلاپ ماڭىمەن دەپ مىللەتنىڭ تەقدىرىگە ئولتۇرۇپ قويمايدىغان بولۇشى كېرەك.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*