سەلەفىييەنىڭ ئاشقۇن نامايەندىسى- ۋاھابىلىق ئېقىمى

مەھمەت ئالى بۈيۈككارا-ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

ئىبنى تەيمىييەدىن كېيىن ھافىز زەھەبى ( ۋاپات، 748/1348 )، ئىبن قەييىم ئەل – جەۋزىييە ( ۋاپات، 751/1359 )، ئىبنۇل ۋەزىر ( ۋاپات، 840/1436 )گە ئوخشاش ئالىملار بىلەن مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلگەن سەلەفىييە ئېقىمى، 12/18 – ئەسىردە مۇھەممەد ب. ئابدۇلۋاھھاب ( ۋاپات، 1206/1792 ) بىلەن يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ مەركىزىدىكى نەجد رايونىدا ۋاھھابىييە ئىسمى بىلەن قايتىدىن ئۆزىنى نامايەن قىلدى. ئبىن ئابدۇلۋاھھاب بىلەن سەلەفىلىك سىياسىۋىيلىققا ئىگە بولۇپ، سەئۇدىي دۆلىتىدە دۆلەت مەزھىبىگە ئايلاندى.

نۇرغۇن مەسىلىدە ھەنبەلى مەزھىبىنىڭ قاراشلىرىنى قوللىغان ۋاھھابىلار، دىققىتنى تەۋھىد مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ قەۋرە زىيارىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىزاھلاشقا تىرىشقان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن بىدىئەتكە قارشى كۈرەش قىلغان. ۋاھھابىلىقنى سەلەفىييە تەركىۋىدىكى « ئاشقۇنلىشىش » دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ ئاشقۇنلۇقنىڭ نامايەندىلىرى بولسا تەكفىر ۋاستىسىنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق چەتكە قېقىلغان مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق قىلمىشتۇر. بۇ تەرىپى بىلەن ۋاھھابىلىق ئەمىر سانئانى ( ۋاپات، 1182/1768 )، مۇھەممەد شەۋكانى ( ۋاپات، 1250/1834 )غا ئوخشاش سەلەفىييە ئالىملىرى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنغان.

يىغىچاقلىغاندا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ۋاھھابىلىقنى ئايرىم ۋە مۇستەقىل بىر مەزھەپ سۈپتىدە قاراشنىڭ ئورنىغا، سەلەفىييەنىڭ سەئۇدىيلىقلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بىر قىسىم ئاشقۇن تەرىپى بىلەن قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى دەپ قاراش تارىخىي ۋە ئىلمىي جەھەتتىن تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. گەرچە ۋاھھابىلىقنىڭ تەكفىر ۋە زوراۋانلىق جەھەتتىكى ئاشقۇنلىقى تارىختىكى خاۋارىچلارنىڭ ئاشقۇنلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسىمۇ، لېكىن مەشرۇ (قانۇنلۇق) سىياسىي ھاكىمىيەتكە ئىتائەت مەسىلىسىدە ۋاھھابىييە ئېقىمىنىڭ ئىجابىي مۇئامىلىسى ۋە بۇ مەسىلىدە خاۋارىچلارنى تەنقىد قىلىشى، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاھھابىلىق ئىسمىنىڭ ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم ئىكەنلىكى بىزگە مەلۇم. تارىختا ۋە كۈنىمىزدە بۇ ئېقىمنىڭ مەنسۇپلىرى ھەرقانداق ۋاقىت ۋە ماكاندا ئۆزلىرىنى سەلەفىييە ياكى ئەھلى ھەدىس دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.

ئەرەبىستاننىڭ نەجد رايونىدىكى ئۇيەينەدە، مەزكۇر جاينىڭ ھەنبەلى قازىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ دۇنياغا كەلگەن مۇھەممەد ب. ئابدۇلۋاھھاب، مەككە ۋە مەدىنىدە ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن نەجدكە قايتىپ كەلگەن ۋە يۇرتىدا ئىدىيەسىنى تارقىتىشقا، ئۇلارنى كىتاب قىلىپ يېزىشقا باشلىغان.

ئىدىيە: ئىبن ئابدۇلۋاھھابنىڭ قارىشىچە ئىمان تەستىق، ئىقرار ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت بولۇپ، كۈچىيىدۇ ۋە ئاجىزلايدۇ. ئاللاھنىڭ زاتىغا ۋە بارلىق سۈپەتلىرىگە قۇرئان ۋە ھەدىستە خەۋەر بېرىلگەن شەكلىدە ئىشىنىش كېرەك. مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ۋە خەۋەرى سۈپەتلەرنى تەۋىل ( شەرھىيلەش ) توغرا ئەمەس. ئىبن ئابدۇلۋاھھاب تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ رۇبۇبىيەت، ئۇلۇھىيەت ۋە ئەمەل بىلەن بولغان تەرەپلىرىدىن ئۇلۇھىيەت تەۋھىدى ئۈستىدە بەكرەك توختالغان بولۇپ، شاپائەتنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ۋە ئاخىرەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ روھلىرىدىن ياكى بىر ۋەلى زات ( ئەۋلىيا )تىن بۇ دۇنيادا شاپائەت تىلەشنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاللاھقا دۇئا قىلىپ، تىلىكىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ۋەلىلەرنى شىپى كەلتۈرۈش مەنىسنى بىلدۈرىدىغان تەۋەسسۇل ئۇسلۇبىنى تەنقىد قىلغان، بۇنىڭ جاھلىيەت مەزگىلىدىكى ئەرەبلەرنىڭ بۇتلارنى شىپى كەلتۈرۈشىگە ئوخشىتىپ، شېرىك خەۋىپىگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرغان. مازار زىيارەتلىرىدە قىلىنغان دۇئالاردا ئۆلگەن بىر شەخسنى شاپائەتچى ياكى ۋاستە قىلىش ئېھتىمالى بولغانلىقتىن، قەۋر بېشىدا ناماز ئوقۇش، دۇئا قىلىشقا ئوخشاش ئەمەللەرنى ئىبن ئابدۇلۋاھھاب يەنە شېرىك قاتارىدىن تىلغا ئالغان.

تەۋھىد ئەقىدىسى ئىبن ئابدۇلۋاھھابنىڭچە بولغاندا چوقۇم ئەمەللەردە ئۆزىنى ئەكس ئېتىشى كېرەك ئىدى. ئىمان بىلەن ئەمەل بىر پۈتۈن بولۇپ، شېرىك ۋە بىدىئەت ئەمەللەرنى قىلغۇچىلار ھەقىقىي مۇئمىن ئەمەس. قۇرئان ۋە سۈننەتتە بولمىغان، كېيىن پەيدا بولغان دىنى ئەقىدە ۋە ئەمەللەرنى ئىپادىلەيدىغان « بىدىئەت »، ۋاھھابىلىقتا ئەڭ ئالدىغا چىققان ئۇقۇم بولۇپ، سىياسىي، ئېتىقادىي مەزھەبلەر، تەرىقەتلەر، كالام ۋە پەلسەپە بىلەن مەشغۇل بولۇش بىدىئەت دەپ قارالغان.

شېرىككە يول ئاچىدىغان مازارلىقلارنىڭ سېلىنىشىغا قوشۇپ، مەسچىتلەردە گۈمبەزلەر ۋە ئېگىز مۇنار ياساش، ئىچىنى بېزەش بىدىئەت دەپ قارالغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان كۈنىنى ۋە باشقا مۇبارەك كېچىلەرنى تەبرىكلەش، قۇرئان ۋە ھەدىستە كۆرسىتىلمىگەن دۇئا ۋە زىكىرلەرنى تەكرارلاش، قۇرئاننى مۇقام ۋە تەغەننى ( ئاھاڭغا سېلىش ) قىلىپ ئوقۇش، مەۋلىد ئوقۇتۇش، تەسۋى ئىشلىتىشمۇ بىدىئەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تاماكا مەس قىلغۇچى ماددا قارالغانلىقتىن ھارام ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۆلگەن شەيخ بىلەن مەنىۋى جەھەتتىن مۇناسىۋەت قۇرۇش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان رابىتا، ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەش مەنىسىدىكى ئىستىمداد ۋە ئىستىغاسىگە ئوخشاش تەسەۋۋۇپى ئىشلار ئۇلۇھىيەت تەۋھىدىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ئۈچۈن ۋاھھابى ئالىملار تەرىپىدىن تەنقىت قىلىنغان. ۋاھھابىلارنىڭ قارىشىچە تەسەۋۋۇپنىڭ ئىلىمگە ئېرىشىش ۋاستىسى بولغان مۇشكاشەفەمۇ ئىشەنچلىك مېتود ئەمەس. بىر شەيخكە باغلىنىپ دىنى ھاياتنى ياشاش كىشىنى شېرىككە ئېلىپ بارىدۇ. ۋاھھابىلار شىئە مەزھىبىنىمۇ ئوخشاش نوقتىدىن باھالىغان بولۇپ، شىئەلەرنىڭ ئەھلى بەيت ۋە ئۇلارنىڭ ماقام ۋە مازارلىقلىرىغا كۆرسەتكەن ھەددىدىن زىيادە ھۆرمىتىنى، بەزى ساھابىلەرنى تەكفىر ۋە ئەيىپلەشلىرىنى، سەھىھ سۈننەتنى ئىنكار قىلىشىنى ئاساس قىلىپ، شىئەلەرنىڭ ئىرتىدا ( دىندىن چىقىپ كېتىش ) قىلغانلىقىنى، كۇپۇرغا چۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىبن ئابدۇلۋاھھاب ھەقىقىي تەۋھىنىڭ قەلىپلەرگە ئورنىشى، شېرىك ۋە بىدىئەتنىڭ ھەر تۈرىنىڭ قەلىپلەردىن ۋە جەمئىيەتتىن تازلىنىشى ئۈچۈن « ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش » پىرىنسىپىنى ئىجرا قىلىشنى زۆرۈر دەپ قارىغان بولۇپ، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالىم، ئادىل، ھاكىمىيەت ۋە كۈچكە ئىگە ئىدارە قىلغۇچىنىڭ مۇسۇلمانلارغا باش بولۇش شەرت دېگەن. بۇنداق بىر ئىمامغا بەيئەت قىلىش بارلىق مۇسۇلمانلارغا پەرز بولۇپ، بۇ ئىمام جەمئىيەتنى شەرىئەت بىلەن باشقۇرىدۇ. ئالىملار ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشتا ئىمامغا يار – يۆلەك بولىدۇ. تەبلىغ، ۋەز – نەسىھەت، ئاگاھلاندۇرۇش، مۇنازىرە ئۇسۇللىرى بىلەن بۇ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىنىدۇ. ئەگەر كىشىلەر يەنە شېرىك ۋە بىدىئەتلەردىن ۋاز كەچمىسە، ئىمامنىڭ رۇخسىتى ۋە تەمىنلىگەن كۈچ بىلەن زۆرۈر تېپىلسا ئۇرۇش ئارقىلىق يامانلىقنى تۈگىتىشكە تىرىشىدۇ[1].

مەزكۇر چۈشەنچىگە ئاساسەن ۋاھھابىلار جىھاد شۇئارى بىلەن ئوسمانلى دۆلىتىگە، ھىجاز ھۆكۈمىتىگە، شىئەلەرگە ۋە باشقا رەقىپلىرىگە قارشى قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا ئۆزىگە ئوخشاش قاراشتا بولمىغان مۇسۇلمانلارنى تەكفىر قىلىشتىكى تەنتەكلىكى، زوراۋانلىقى، ئىشغال قىلغان جايلاردىكى خەلقلەرگە قىلغان بېسىملىرى، تۈزەتكىلى بولمايدىغان بۇزغۇنچىلىقلىرى، تارىختا ۋاھھابىلارنى خۇددى يېڭى بىر مەزھەبتەك ئەكس ئەتتۈرگەن. مۇسۇلمانلارنى تەكفىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ جان ۋە مېلىنى ھالال دەپ قارىغانلىقى سەۋەبىدىن خاۋارىچلىق بىلەن ئەيىپلەنگەن. مازار ۋە قەۋرىلەرنى چېقىپ تاشلاشلىرى سەۋەبىدىن « مازار چاققۇچىلار » دەپ ئاتالغان. فىقىھ مەزھەبلىرىگە مەنسۇپ بولغان مەدرىسلەرنى تاقىۋەتكەنلىكى، تەرىقەت پائالىيەتلىرىنى مەنئى قىلغانلىقى، كۇتۇپخانىلاردىكى نۇرغۇن فىقىھ ۋە تەسەۋۋۇپ ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن كۆپ سانلىق مۇسۇلمان ئاممىنىڭ غەزىۋىنى قوزغىغان.

تارىخ: مۇھەممەد بىن ئابدۇلۋاھھاب، يۇقىرىدىكى چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا ئەتراپىغا ئادەم يىغىش ۋە بەزى چەكتىن ئاشقان پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇيەينەدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى رىياد شەھرىگە يېقىن بولغان دىرىيە دېگەن جايغا كېتىپ، بۇ جاينىڭ رەئىسى مۇھەممەد ب. سەئۇدنىڭ ھىمايىسىگە كىرگەن. بۇ ئىككى شەخس ئارىسىدا 1744 – يىلى بىر سىياسىي كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن ئىبن ئابدۇلۋاھھاب سىياسىي يېتەكچى بولغان مۇھەممەد ب. سەئۇدغا بەيئەت قىلغان؛ ئىبن سەئۇد بۇنىڭغا قارىتا ئىبن ئابدۇلۋاھھابنىڭ دىنى تەشۋىقاتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان سىياسىي، ھەربىي ۋە ئارقا سەپ جەھەتتىن قوللاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانىدى. كېلىشىم مېۋىسىنى بەرگەن بولۇپ، ئىبن ئابدۇلۋاھھاب ۋاپات بولغان 1792 – يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا نەجد رايۇنى پۈتۈنلەي ۋاھھابىلاردىن تەشكىل قىلىنغان ھەربىي كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن سەئۇدى ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىردى.

ۋاھھابى سەئۇدىي ھەربىي كۈچى 1802 – يىلى كەربالاغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق شىئەنى ئۆلتۈرۈپ، ھەزرىتى ھۇسەيىن مازىرىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملارنى غەنىمەت ئېلىپ دىرىيەگە قايتىپ كەتتى. 1803 – 1805 – يىللىرى ئارىسىدا ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ھىجاز شەھەرلىرىنى تارتىۋالدى. مەككە ۋە مەدىندە ئەڭ باشتا جەننەتۇل باقى قەبرىستانلىقى ۋە باشقا مازارلىقلارنى بۇزۇپ چېقىۋەتتى. ئوسمانلى ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى مىسىر ۋالىيسى مەھمەت ئەلى پاشانىڭ قوشۇنى 1812 – 1813 – يىللىرى ھىجازنى قايتۇرۋالدى. 1818 – يىلى نەجدكە كىرىپ ۋاھھابىلارنىڭ پايتەختى دىرىيەنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى[2].

1822 – يىلىدا ئۇچرىغان ئېغىر مەغلۇبىيەتتىن كېيىن 1902 – يىلىغا كەلگەندە سەئۇدى – ۋاھھابى ئەسكەرلىرى نەجدنى قايتىدىن بېسىۋالدى ۋە نەجد ئىخۋانى دەپ ئاتالغان ۋاھھابى تەشكىلات تەمىنلىگەن ھەربىي كۈچ بىلەن 1924 – 1925 – يىللىرىدا ھىجاز شەھەرلىرىنى قايتىدىن ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى. بۇ كەڭ رايۇنلاردا 1932 – يىلى بۈگۈنكى سەئۇدىي ئەرەبىستان دۆلىتى قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ۋاھھابىلىق ئېقىمى سەئۇدىي ئەرەبىستان ھاكىمىيىتىنىڭ رەسمىي مەزھىبى سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى.

تەسىرى: ۋاھھابىييە – سەلەفىييە ئەرەبىستاندا نەجدتىن باشقا دېڭىز قولتۇق رايونىدا، يەمەن، ئىراق ۋە سۈرىيەدە مەزكۇر رايۇندىكى ئەنئەنىۋى يەرلىك مەزھەپلەرگە قارىماستىن بەلگىلىك تەسىر دائىرىگە ئىگە بولدى. ئەرەبىستاندىن باشقا مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى تەسىرى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. تەرەققىي قىلغان ئۇچۇر – ئالاقە ئىمكانلىرى باشقا ئەللەردىكى پەرقلىق جامائەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ نەجد ئۆلىمالىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئاسانلاشتۇردى. ھىندىستان – پاكىستان ئەھلى ھەدىس جامائىتى ۋە مىسىردىكى ئەنسارۇس – سۈننەتىل مۇھەممەدىييە بۇ جامائەتلەر ئىچىدە ئەڭ كونىلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. نىگىرىيەدىكى ئىزالە جامائىتى، مالىدىكى سۇببانۇ ھەرىكىتى، مورىتانىيەدىكى مۇجەيدىرى ئېقىمى، مالىكى مەدرىسىلىرىگە ۋە تەرىقەتلىرىگە قارشى مەيدانى بىلەن غەربىي ئافرىقىدا سەلەفىييەنىڭ ۋەكىلى بولدى.

باشقا ئىسلام ئەللىرى بىلەن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ھەر خىل دەۋەت تەشكىلىرى، نەشىرىياتلار، جامە ۋەقىپلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئۆز تۇرۇشلۇق جايلاردا سەلەفى تەلىماتلارنىڭ تەشىۋىقات ۋەزىپىسىنى جاندىللىق بىلەن ئادا قىلماقتا. غەرپكە دۈشمەنلىك قىلىش، مەزكۇر تەشكىلات ۋە جامائەتلەرنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇنى سىياسىي ساھەدە ۋە مىلىتارىست ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان، غەربلىكلەر تەرىپىدىن « جىھادىستلار » دەپ ئاتالغان ۋاھھابىييە – سەلەفىييە تەسىر ئاستىدىكى چوڭ – كىچىك زوراۋانلىق تەرەپتارى تەشكىلاتلارمۇ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. جازايىردا « جامائەتۇس – سەلەفىييە لىد داۋەت ۋەل قىتال »، ھىندېنوزىيەدە « لەشكەرى جىھاد »، سومالىدا « ئەش شەباب »، نىگىرىيەدە « بوكو ھارام »، مالىدا « ئەنسارۇد دىن »، ئىراق ۋە سۈرىيەدە « ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى ( ISIS ) » قاتارلىقلار بۇ خىل تەشكىلاردىن پەقەتلا بىر قانچىسى.

سەلەفى – ۋاھھابى ئېقىمى سەئۇدىي ئەرەبىستان ۋە دېڭىز قولتۇق ئەللىرى تەمىنلىگەن مول ئىقتىسات بىلەن كەڭ – كۇشادە ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان بولۇپ، « رابىتاتۇل ئالەمىل ئىسلامى » قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئارقىلىق كەڭ دائىرىگە خىتاپ قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. شۇنداقلا « مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى »غا ئوخشاش ئالىي دىنى ماكانلاردا ئوقۇغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز مەملىكەتلىرىدا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، سەلەف – ۋاھھابى ئېقىمى يېقىنقى بىر ئەسىردە فاستىن تا ھىندىنوزىيىگىچە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيەدىكى تەسىرى باشقا ئەللەرگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى كىچىك دائىرىدە چەكلىنىپ قالغان.

بۇنىڭ سەۋەبلىرى بىرىنچىدىن، ئوسمانلىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى رەسمىي تەرىقەت بولۇپ ھېسابلىنىدىغان نەقشى بەندىلىك تەرىقىتى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. نەقشى بەندىلىكنىڭ بولۇپمۇ خالىد ئەل باغدادىدىن كەلگەن تارمىقى ئانادولۇدا، بالقانلاردا ۋە كافكازىيادا كەڭ تارقالغان. خالىدىييە نەقشى بەندىلىكىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكىدىن بىرسى تەسەۋۋۇپى تەربىيە بىلەن بىرگە مەدرىسە تەلىم – تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، بۇ مەدرىسە ئەنئەنىسى كۈچلۈك بولغان جايلارغا ھەنەفى – ماتۇرىدى ياكى شافى – ئەشئەرى تەلىم – تەربىيە ئوقۇشلۇقى بىلەن كەلگەن. بۇ ئېقىم ھەم ئاقائىد ھەم فىقىھ ھەم تەسەۋۋۇپ مۇھىتى بىلەن سەلەفى پىكىر ۋە ئىجرائاتلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويمايدىغان شەكىلدە ئۆزىنى كۆرسەتكەن. تۈركىيەدىكى كۈندىلىك دىنى ھاياتتا، ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەنىڭ كۈلتېر ۋە سىياسىي ئىسلامچىلىقىدا بۇ تەرىقەتلەر ھازىرمۇ تەسىرىنى كۈچلۈك شەكىلدە نامايەن قىلىپ كەلمەكتە.

ئىككىنچىدىن، ۋاھھابىلىقنىڭ بىر تارمىقى دەپ قارالغان دەۋرىمىز سەلەفى ھەرىكەتلىرى، سەئۇدىيلىقلارنىڭ ئىدىئولوگىيىسى دەپ بىلىنگەنلىكى ۋە مىللەتچى كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدە تېخىچە ئۆچمىگەن تارىخى ئوسمانلى – ۋاھھابى كىرزىسى، سەلەفى چۈشەنچىلەرنىڭ تۈركىيەدە بىخلىنىشىنى چەكلەيدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرگەن. تۈركىيەدىكى خەلق مۇسۇلمانلىقنىڭ ئاشقۇن چۈشەنچىلىرىدىن يىراق بولۇپ، ئوتتۇرا يولنى تۇتقان، كەڭ قورساق، بىرلىكتە ياشاش كۈلتېرىگە ۋە تەجرىبىسىگە ئىگە بولغانلىقتىن، مەزكۇر سەلەفى چۈشەنچىلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشىنى قىيىنلاشتۇرغان.

________________________________________

[1] مەھمەت ئەلى بۈيۈككارا، « ۋاھھابىلىق »، د ئى ئا، ج. 42، 611 – 2 بەت.

[2] بۈيۈككارا، يۇقىردا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئەسەر. د ئى ئا، ج. 42، 611 – بەت؛ ئا. ملف.، « ئىخۋاندىن جۇھەيمانغا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ۋاھھابىلىق »، ئىستانبۇل، 2004، 21 – 38 بەتلەر. ئا. ملف.(ئەد.)، « ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى »، ئەسكى شەھىر، 2010، 218 – 221 بەتلەر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*