قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى : ماھىيەتلىك ئانالىز

مۇستافا ئۆزتۈرك-ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش دېگەن گەپ تىلغا ئېلىنغىندا، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ناھايىتى مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك ۋە توغرا ئۇسۇل دېگەن قاراش پەيدا بولىدۇ. بۇ قاراش ياكى چۈشەنچە بولۇپمۇ كۈنىمىزدە قۇرئان ۋە تەپسىر ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ياكى كۆڭۈل بۆلىۋاتقان نۇرغۇن مۇسۇلمانغا جەلپ قىلارلىق تۇيۇلىشى مۇمكىن. ئۇندقتا ئىلمىي نۇقتىدىن قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى مۇۋاپىقمۇ؟ مۇۋاپىق بولىدىغان بولسا بۇ ئۇسۇل قۇرئاندا ئۇچرامدۇ؟ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۇسۇل مۇپەسسىر ياكى ئىدراك قىلغۇچىنىڭ پاراسىتىدىن مۇستەقىل خۇسۇسىيەتكە ئىگىمۇ ياكى ئۇنىڭ پاراسىتىگە باغلىق ئىشمۇ؟ شۇنداقلا قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق چۈشىنىش باشقىلار ئېيتقاندەك ھەقىقەتەن مۇۋاپىق ۋە توغرا چۈشىنىش شەكلىمۇ؟ ئەگەر مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا، ئىسلامنىڭ تۇنجى ئەسىرلىرىدىن ھازىرغىچە نۇرغۇن تەپسىر كىتابى نېمە ئۈچۈن يېزىلدى ۋە نۇرغۇن ئايەتلەرنى چۈشىنىشتە كېلىپ چىققان ئىختىلاپلار نېمە ئۈچۈن ئاخىرلاشمىدى؟ تەپسىر ساھەسىدىكى بۇنچە كۆپ ئەسەر ۋە ئىختىلاپلارغا قۇرئاننىڭ مۆجىزىۋى كالام بولۇشىمۇ ياكى ئىلمىي سەۋىيەدە ھەم قىيىن ھەمدە ئوخشىمىغان شەكىللەردە چۈشىنىلسە بولىدىغان كىتاب بولۇشى سەۋەب بولغانمۇ؟ئۇشبۇ ماقالىدە بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىپ قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىش قارىشىدىن پەرقلىق بولغان بىر قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: قۇرئان، ھەدىس-سۈننەت، قۇرئان تەپسىرى، تەپسىرنىڭ مەنبەلىرى
كىرىش
قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش دېگەن گەپ تىلغا ئېلىنغىندا، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ناھايىتى مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك ۋە توغرا ئۇسۇل دېگەن قاراش پەيدا بولىدۇ. بۇ قاراش ياكى چۈشەنچە بولۇپمۇ كۈنىمىزدە قۇرئان ۋە تەپسىر ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ياكى كۆڭۈل بۆلىۋاتقان نۇرغۇن مۇسۇلمانغا جەلپ قىلارلىق تۇيۇلىشى مۇمكىن. چۈنكى قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى تىنىمسىز ئوقۇش ئادىتى يوق، ھەتتا ئوقۇشنى ياقتۇرمايدىغان ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ھەم ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئەڭ قىسقا ۋە ئاسان يول بىلەن چۈشىنىشنى، شۇنداقلا ئەڭ ئاددىي ۋە ئاخىرقى شەكلى بىلەن چۈشىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئانى كەرىمدىمۇ ئايەتلەرنىڭ چۈشىنىشلىك ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ.
ئەلۋەتتە قۇرئانى كەرىم چۈشىنىشلىك كىتابتۇر. لېكىن قۇرئاننىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئاللاھنىڭ ئىنسانلاردىن كۈتىدىغان ئاساسلىق تەلەپلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تېخىمۇ روشەن قىلىپ ئېيتساق، ئاللاھنىڭ ئىبادەتكە لايىق يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكى، بۇ پانى دۇنيادىن كېيىن ئەبەدىي دۇنيانىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان ئەتكەنلىرىدىن ئۇ دۇنيادا سوراققا تارتىلىدىغانلىقى ۋە بۇ دۇنيادىكى ئەمەللىرىگە ئاساسەن مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىغا ئوخشاش ئاساسلىق مەسىلىلەردە قۇرئاندا ناھايىتى ئوچۇق ئايەتلەر بار بولۇپ، بۇ مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن، تەپسىر ساھەدە مەخسۇس ئىلىم تەھسىل قىلىش ئەمەس قۇرئان ئوقۇشقىمۇ ھاجەت قالمايدۇ. چۈنكى قۇرئاندا قەيت قىلىنغان ئەقەللىي ئېتىقاد ۋە ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئەنئەنە ئارقىلىق ئىزچىل نەقىل قىلىنىپ تۇرغانلىقتىن، كۈنىمىزدە ھەر مۇسۇلمان تۇغۇلغان مۇھىتتا بۇنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بىراق قۇرئاننى ئىلمىي سەۋىيەدە چۈشەنمەكچى بولساق، ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، بۇ جەھەتتە توغرا ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلغا ئېھتىياجلىقمىز.
ئۇنداقتا ئىلمىي نۇقتىدىن قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى مۇۋاپىقمۇ؟ مۇۋاپىق بولىدىغان بولسا بۇ ئۇسۇل قۇرئاندا ئۇچرامدۇ؟ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۇسۇل مۇپەسسىر ياكى ئىداك قىلغۇچىنىڭ پاراسىتىدىن مۇستەقىل خۇسۇسىيەتكە ئىگىمۇ ياكى ئۇنىڭ پاراسىتىگە باغلىق ئىشمۇ؟ شۇنداقلا قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق چۈشىنىش باشقىلار ئېيتقاندەك ھەقىقەتەن مۇۋاپىق ۋە توغرا چۈشىنىش شەكلىمۇ؟ ئەگەر مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا، ئىسلامنىڭ تۇنجى ئەسىرلىرىدىن ھازىرغىچە نۇرغۇن تەپسىر كىتابى نېمە ئۈچۈن يېزىلدى ۋە نۇرغۇن ئايەتلەرنى چۈشىنىشتە كېلىپ چىققان ئىختىلاپلار نېمە ئۈچۈن ئاخىرلاشمىدى؟ تەپسىر ساھەسىدىكى بۇنچە كۆپ ئەسەر ۋە ئىختىلاپلارغا قۇرئاننىڭ مۆجىزىۋى كالام بولۇشىمۇ ياكى ئىلمىي سەۋىيەدە ھەم قىيىن ھەمدە ئوخشىمىغان شەكىللەردە چۈشىنىلسە بولىدىغان كىتاب بولۇشى سەۋەب بولغانمۇ؟
قىسقىسى، قۇرئاننى پىرىنسىپ جەھەتتە تەپسىر قىلىش ئۇنچىۋېلا ئاسان ئىش ئەمەس. مەسىلەن، بەقەرە 2:102، مائىدە 5: 106-107، ھىجر 15 : 90-91، سەجدە 5:32، نەجم 53: 5-18 ۋە نۇرغۇن ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغان مەنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەقىقەتەن تەس ھەتتا مۇمكىن ئەمەس. دەرۋەقە، ئەبۇ جافەر ئەن-نەھھاس (338-950)، مەككى ب ئەبى تالىب (ئۆ. 437-10145)، فاخرەددىن ئەر رازى (ئۆ. 606-1210) ۋە ئەبۇ ھەييان ئەل ئەندەلۇسى (ئۆئ 745-1344)غا ئوخشاش بۈيۈك ئالىملار ۋە مۇپەسسىرلەرمۇ بەزى ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىشتا تولىمۇ قىيىنالغانلىقلىرىنى تەن ئېلىشقانىدى. مەسىلەن، نەھھاس مائىدە 5 – 106 ئايىتىنى قۇرئاندىكى چۈشىنىش ئەڭ قىيىن بولغان ئايەتلەردىن بىرى دەپ قارىغان. مەككى ب. ئەبى تالىبمۇ ئوخشاشلا مائىدە 5 : 106-108 ئايەتلىرى توغرۇلۇق «مەنىلەر ئالىمىدە ھەم ئىرابە ھەم مەنە ھەمدە ھۆكۈم جەھەتتىن چۈشىنىش قىيىن ئايەتلەردىن بىرىدۇر.» ئەبۇ ھاييام ئەل-ئەندۇلۇسى بولسا ئەنفال 8-5 ئايەتتىكى < كَمَا أَخْرَجَكَ رَبُّكَ مِن بَيْتِكَ بِالْحَقِّ> ئىبارىسنىڭ ئىرابىسى توغرىسىدا ئوندەك قاراش ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن بۇ قاراشلارنىڭ ھېچقايسىنىڭ قايىل قىلارلىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، ئايەتتىكى ئىراب مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپ ئىزدەنگەنلىكىنى، ھەتتا چۈشىدە بىر كىشى بىلەن بۇ ئايەت ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشقانلىقىنى ئېيتقانىدى.
قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش: ئەڭ مۇكەممەل تەپسىر ئۇسۇلى!
قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش ياكى قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق چۈشىنىش… بۇ جۈملە زامانىۋى دۇنيادىكى <مەشھۇر>ئىسلامچى-قۇرئانچىلار كۆككە كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان جۈملىلەردىن بىرىدۇر. بۇ قاراش كۈنىمىزدە نۇرغۇن مۇسۇلماننى قۇرئاننى قۇرئان بىلەن چۈشىنىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق، ئاسان ۋە توغرا تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈپ قويىۋاتقاندەك قىلىدۇ. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق چۈشىنىپ تەپسىر قىلىشنىڭ رېتورىك ياكى ئېيتىم جەھەتتە كونا ھېكايىسى باردۇر. بىلىشىمىزچە، بۇ ھېكايىنىڭ بەرپاچىسى سەلەفى چۈشەنچىسىگە سىستېمىلىق سالاھىيەت ئاتا قىلغان ئىبنى تەيمىييەدۇر (ئۆ. 728-1328). چۈنكى ئىبنى تەيمىييە «تەپسىر ئۇسۇللىرىنىڭ ئەڭ ئېسىلى <ئەھسانۇ تۇرۇكىت تەپسىر> نېمە؟» دېگەن تەرىقىدىكى سوئالغا «مۇقەددىمەتۇل تەپسىر»ناملىق ئەسىرىدە، «قۇرئاننىڭ قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىنىشىدۇر»دەپ جاۋاب بېرىپ مۇنۇلارني بايان قىلغان: «بىر ئايەتتە قىسقا ۋە مۈجمەل تەرىقىدە بايان قىلىنغان بىر خۇسۇس باشقا بىر ئايەتتە ئىزاھلىنىپ تەپسىر قىلىنىدۇ، يەنە بىر ئايەتتە قىسقا قىلىپ زىكىر قىلىنغان بىر خۇسۇس باشقا بىر ئايەتتە ئەتراپلىق ئىزاھلىنىدۇ .»
«قۇرئان ئۆز ئۆزىنى تەپسىر قىلىشقا كۇپايىدۇر»دېگەن تەرىقىدە خۇلاسە قىلىشقا بولىدىغان بۇ قاراش، كېيىنكى مەزگىللەردە ئىنبى كەسىرنىڭ (774-1373) تەپسىر مۇقەددىمىسى بولۇپ زەركەشى (794-1392) ۋە سۇيۇتى (911-1505)غا ئوخشاش ئالىملارنىڭ ئۇلۇمۇل قۇرئان (قۇرئان ئىلىملىرى)ناملىق ئۆلمەس ئەسەرلىرىدە كەڭ ئورۇن ئالغان. بۇنىڭدىن سىرت، مەزكۇر قاراش تەپسىردە بىرلەمچى قائىدە ۋە ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل سۈپىتىدە تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، مەيلى كىلاسسىك دەۋىردە زەركەشى ۋە سۇيۇتىغا ئوخشاش ئالىملار بولسۇن مەيلى زامانىۋى دەۋىردە زۇركانىغا ئوخشاش تەتقىقاتچىلار بولسۇن بۇ قاراش توغرۇلۇق قايىل قىلارلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. مەسىلەن، زەركەشى «مەسىلە»تېمىسىدىكى ئەسىرىدە «قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىشنى ئەڭ مۇۋاپىق ۋە مۇكەممەل تەپسىر ئۇسۇلى دەپ بايان قىلغان بىراق بۇ مەسىلە دائىرىسىدە ئىبنى تەيمىىيەنىڭ بىر قانچە جۈملىلىك قاراشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بولدى قىلغان. تەپسىرنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرى توغرىسىدا توختالغان بۆلۈمدە بولسا قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش ھەققىدە پەقەتلا ئېغىز ئاچمىغان. زەركەشىنىڭ بۇ بۆلۈمدە بەرگەن مەلۇماتىغا كۆرە، تەپسىرنىڭ تۆت ئاساسلىق مەنبەسى بار: 1. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن رىۋايەتلەر، 2. ساھەبىنىڭ سۆزلىرى، 3. ئەرەبچە، 4. پەيغەمبەرنىڭ ئىبنى ئابباس توغرۇلۇق: ئاللاھىم ئۇنى دىندا چوڭقۇر چۈشەنچە ۋە ئىدارك ئىگىسى قىلغىن ۋە ئۇنىڭغا دىننى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىت ئاتا قىلغىن»دېگەن مەزمۇندىكى دۇئاسىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ۋە مەلۇم جەھەتتىن «مەقبۇل رەي بىلەن تەپسىر قىلىش»مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەت-تەپسىر بىل مۇقتەزادۇر.
سۇيۇتىگە كەلسەك، بىر مۇپەسسىر بىلىشكە تېگىشلىك قائىدە-پىرىنسپلار دائىرىسىدە بۇ توغرۇلۇق سۆز قىلغان سۇيۇتى، نامىنى ئېنىق تىلغا ئالمىغان ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ «ھەر كىم قۇرئاننى تەپسىر قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن قۇرئانغا مۇراجائەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى قۇرئاننىڭ بىر ئايىتىدە ئېنىق زىكىر قىلىنمىغان بىر خۇسۇس باشقا بىر ئايەتتە ئوچۇق ئىزاھلىنىدۇ. يەنە بىر ئايەتتە قىسقىچە بايان قىلىنغان بىر خۇسۇس باشقا بىر ئايەتتە ئەتراپلىق بايان قىلىنىدۇ»دېگەن مەزمۇندا قاراش ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، مۇجمەل-مۇبەييەن (ئوچۇق بايان قىلىنغان)تەرىقىسىدىكى بۇ مەسىلە توغرۇلۇق مىساللارنى بەرگەن. لېكىن سۇيۇتى بۇ مەسىلىلەرنى ئەقىل دائىرىسىدە ئىزاھلىغانىدى. چۈنكى ئۇ قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىش توغرىسىدا توختالغاندا بۇنى مۇستەقىل بىر تەپسىر ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئەمەس، مۇپەسسىر بىلىشىگە تېگىشلىك قائىدە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغانن. قىسقىسى، سۇيۇتى قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىش مەسىلىسىگە مۇپەسسىرنىڭ ئەقلىدىن مۇستەقىل بولغان، تېكىستىكى ئەسلى مەنبە ۋە مېتود سۈپىتىدە قارىغان. ئىبنى كەسىر «ئەڭ مۇۋاپىق ۋە توغرا تەپسىر ئۇسۇلى قايسى؟»دېگەن سوئالغا، ئىبنى تەيمىييەنىڭ بۇ ھەقتە دېگەنلىرىنى تەكرارلىغان ھالدا جاۋاب بېرىپ مۇنۇلارنى قەيت قىلغان: «قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلغاندا قىيىنچىلىققا يولۇققان چاغدا، سۈننەتكە مۇراجائەت قىلىش لازىم. چۈنكى سۈننەت قۇرئاننى تەپسىر قىلىپ ئوچۇقلاپ بېرىدۇ. دەرۋەقە، ئىمامى شافى <رەسۇللاھ بەرگەن ھەر ھۆكۈم ئۇنىڭ قۇرئاندىن چۈشەنگەن مەنىلەرگە تايىنىدۇ»دېگەن. بۇنىڭدىن سىرت ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) سېنى كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ، ساڭا ھەقىقەتەن ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. خائىنلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن» <نىسا: 4-105>.
«(ئى مۇھەممەد!) بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) پەقەت سېنىڭ كىشىلەرگە ئۇلار (دىنىدىكى) دەتالاش قىلىشقان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولسۇن ئۈچۈنلا نازىل قىلدۇق.» 16-44>

شۇڭلاشقا رەسۇللاھ «بىلىپ قېلىڭلاركى، ماڭا قۇرئان ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىرسى بېرىلدى»دېگەن ۋە بۇ يەردىكى«ئۇنىڭغا ئوخشاش»سۆز بىلەن سۈننىتىنى كۆزدە تۇتقان. سۈننەتمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئانغا ئوخشاش ۋەھىي قىلىنغان. لېكىن ئىككىسى ئارىسىدىكى پەرق، سۈننەت قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغىنىدەك تىلاۋەت قىلىنمايدۇ. ئىمام شافى ۋە باشقا ئىماملار بۇ ھەقتە نۇرغۇن دەلىلنى كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ دەلىلەرنى بۇ ماقالىمىزدە بايان قىلمايمىز.
ھازىرقى دەۋىرگە كەلگەندە، زۇرقانىغا ئوخشاش بەزى تەتقىقاتچىلار قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىش مەسىلىسىنى «رىۋايەت تەپسىرى»دائىرىسىدە تەھلىل قىلىپ، قۇرئاندا بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئىزاھلارنى (ھۇۋە ماجائى فى قۇرئان)رىۋايەت تەپسىرىنىڭ غول ئامىللىرى سۈپىتىدە بايان قىلغان. ئايەتتىكى <مىنەل فەجر>سۆزىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى <ئەل ھاياتۇل ئەبيادۇ>سۆزىنى ئىزاھلىشىنى قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلغىلى بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كۆرسەتكەن. م. ھۈسەيىن ئەز-زەھەبى بۇ مەسىلىنى تەپسىرنىڭ دەسلەپكى دەۋىردىكى مەنبەلىرى دائىرىسىدە تەتقىق قىلغان. زەھەبىنىڭ قارىشىچە، ساھەبە دەۋرىدە تەپسىرنىڭ تۆت ئاساسلىق مەنبەسى بار بولۇپ، بىرىنچىسى قۇرئانى كەرىمدۇر، شەكسىزكى قۇرئانى كەرىم ئايەتلىرىنىڭ تېكىستى (ئىجاز)، مۇتلەق، (مۇقەييەت)، (ئۇمۇم)، خۇسۇس، مۈجمەل، مۇپەسسەلگە ئوخشاش ھەر خىل ئىپادە ۋە ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە. بۇنىڭدىن سىرت، بىر ئايەتتە مۇجەز (ئىخچام)بايان قىلىنغان بىر خۇسۇس يەنە بىر ئايەتتە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ، يەنە بەزى ئايەتلەردە مۈجمەل، ئام (ئومۇمىي: سان جەھەتتىن كۆپ بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى مۇتلەق ئىپادە قېلىپلىرى بىلەن زىكىر قىلىنغان بىر خۇسۇس باشقا ئايەتلەردە مۇبەييەن (ئوچۇق)، خاس ۋە مۇقەييەت (مەلۇم نەرسىگە باغلىق ياكى نىسپىلىق)ھالدا بايان قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەبلىك، تەپسىر پائالىيەتلىرىدە ئالدى بىلەن قۇرئانغا مۇراجائەت قىلىنىشى ۋە ئوخشاش مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىزاھلىنىشى كېرەك.
بۇ قاراشقا ئاساسلانغاندا، قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىش ئەسلىدە مۇپەسسىرنىڭ ئەقلى سەۋىيەسى ۋە سوبىيكتىپچانلىقىغا باغلىق ئۆزگىرىشچان ئەھۋالدۇر. دەرۋەقە، زەھەبىمۇ مۇتلەقنىڭ مۇقەييەتكە (نىسپىلىق)، ئامنىڭ يەنى ئومۇمنىڭ خاسلىققا، مۇجمەلنىڭ ئېنىقلىققا ئايلاندۇرۇلۇشىنى قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىش ئۇسۇلىدىن دەپ قارىغان، ئۇ يەنە قارىماققا بىر-بىرىگە زىتتەك كۆرۈنگەن ئايەتلەرنى بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە چۈشىنىپ ئىزاھلاشنى ۋە مەنە جەھەتتە قىرائەت ئوخشىماسلىقىنى نەزەرگە ئېلىشنىمۇ قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى دەپ قارىغان. مەسىلەن، ئىسرا (17-93)ئايەتتە ئۇچرايدىغان «زۇخرۇف»كەلىمىسىنىڭ ئىبنى مەسئۇد قىرائىتىدە «زەخەب»شەكلىدە ئېلىنىشى بۇ كەلىمىنىڭ «ئالتۇن»مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ئىبنى كەسىر ۋە زۇكرانىنىڭ چۈشەنچىگە كۆرە، قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش ئەسلىدە كىلاسسىك رىۋايەت تەپسىرىنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ مۇھىم ئامىللىرى ھېسابلىنىدۇ. كۈنىمىزدە بولسا قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىش دېگەندە، قۇرئاننى ئالدى بىلەن قۇرئاندىن چۈشىنىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئەھۋال ھەم زىددىيەتكە ھەمدە غەلىتە بىر ئەھۋالغا سەۋەب بولماقتا، زۇكرانىنىڭ قاراشلىرىغا دىققەت بىلەن نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەم قۇرئاننىڭ ئۆز ئۆزىنى تەپسىر قىلىدىغانلىقىنى ياقلاش ھەمدە بۇنى كىلاسسىك رىۋايەت تەپسىرىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى سۈپىتىدە تەكىتلەش دەل زىددىيەتنىڭ ئۆزىدۇر. بۇنىڭغا ماس ھالدا، ئىبنى كەسىرنىڭ قاراشلىرىغا سىنچىلاپ قارايدىغان بولساق، ھەم قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ۋە ئەڭ مۇكەممەل تەپسىر ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ھەمدە سۈننەتنى خۇددىي قۇرئانغا ئوخشاش ۋەھىي مەھسۇلى دەپ قاراپ ناسلارنى بىرلا ماددى بويىچە چۈشىنىش، شۇنداقلا سۈننەتنى ياقلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرىمەن دەپ قۇرئانچىلىق ئېقىمىغا قوشۇلۇپ كېتىش توغرا ئەمەس.
بۇ دائىرىدە قىسقىچە تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن زىددىيەت ۋە غەلىتىلىك توغرىسىدا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلالايمىز. بىراق بۇ يەردە بولۇپمۇ شۇ خۇسۇسنى تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىش بەكرەك سەلەفى-ھەنبەلى ئەنئەنىسىگە (بۇ ئەنئەنە ئەھلى-ھەدىستىن كەلگەن)تەۋە بولغان ئىبنى تەيمىييە ۋە ئىبنى كەسىرگە ئوخشاش ئالىملار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ تەپسىر ئۇسۇلى كۈنىمىزدە ھەدىس، ئەسەر، رىۋايەتكە ئوخشاش ئۇقۇملاردىن تولىمۇ يىراق تۇرىدىغان «قۇرئانچىلار»تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. مەسىلەن، ھىندى قىتئەسىدە سەييىد ئەخمەد خاننىڭ (1898) «سۈننەت ۋە ھەدىسىنىڭ نوپۇزىنى يوق قىلىپ قۇرئان بىلەنلا كۇپايىلىنىش»تەرىقىسىدىكى قاراشلىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەھلى-قۇرئان ئېقىمى تەرىپىدىن كۆككە كۆتۈرۈلدى ۋە دىنى ساھەدە قۇرئاننىڭ يېگانە مەنبە ئىكەنلىكى كۈچلۈك تەرغىپ قىلىندى.
شەكسىزكى، بۇ تەرغىبات ياكى قاراش سۈننەت ۋە ھەدىسنىڭ نوپۇزىنى رەت قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. بۇ ھەقتىكى بارلىق قاراشلارنىڭ خۇلاسىسى «قۇرئان ھەر جەھەتتىن شافى ۋە كافىدۇر»بولغان ئەھلى-قۇرئانچىلىق ئېقىمى قۇرئاننى دىنى ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەلۇماتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قامۇستەك چۈشىنىۋالدى. ئېقىمنىڭ ۋەكىللىرى قۇرئاننىڭ ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل كىتاب بولۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگە، چەكلىك ئايەتتىن تەشكىل تاپقان قۇرئان تېكىستىنىڭ مەيلى بارلىق يانداش (فەرئى)ھۆكۈملەرگە مەنبە بولۇش بولسۇن مەيلى رىئال تۇرمۇشتا ھەر كۈنى دېگۈدەك بولۇپ تۇرىدىغان سان-ساناقسىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە بولسۇن بىر پىكىرگە كېلەلمىدى. بۇ جەھەتتە ئابدۇللاھ چەكرالەۋى (1914) ئومۇمىي ۋە يەككىلىك نۇقتىسىدىن قۇرئاننىڭ بارلىق ئېھتىياجنى ھەل قىلىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. «قۇرئاندا مەيلى پەرز مەيلى نەفلە ۋە ئىباھە (بىر نەرسىنىڭ ساۋاب ياكى گۇناھ بولۇشتىن خالىي بولۇشى)بولسۇن ھەر قانداق مەسىلە بايان قىلىنغان»دېگەن چەكرالەۋى: «قۇرئان مۇجمەل، ھەدىسلەر ئەتراپلىقتۇر»دېگەن ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ قۇرئانغا زىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بۇنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك تەرغىپ قىلدى ۋە بۇنى «ئى پەيغەمبەر! ساڭا بۇ قۇرئاننى ھەر نەرسىنى ئوچۇقلاش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق» (نەھل 16-89)ئايىتى بىلەن ئىزاھلىدى.
قۇرئاندىن باشقا مەنبەنى قوبۇل قىلىشنى شىرىك دەپ قارىغان ۋە بۇ قاراشقا «ھۆكۈم پەقەت ئاللاھىنىڭدۇر»دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتلەرنى ئاساس قىلغان بۇ ئېقىم كىلاسسىك تەپسىر ئۇسۇللىرىنىمۇ كارغا كەلمەيدىغان نەرسىگە چىقىرىۋەتتى. قۇرئاننىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىزاھلاپ باشقا ھېچقانداق مەنبەگە ئېھتىياج يوقلىقىنى ياقلايدىغان ئەھلى قۇرئاننىڭ قارىشىچە، يېتەرلىك سەۋىيەدە ئەرەبچە بىلىش قۇرئاننى توغرا چۈشىنىپ ئىزاھلاشقا كۇپايە قىلاتتى. مەسىلەن، چەكرالەۋى « ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، شېرىن يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھغىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ھىممىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار » (ھۇد سۈرىسى: 11-114)مەزمۇنىدىكى ئايەتكە ئاساسەن نامازنى 24 سائەت ئىچىدە قىلسا بولىدىغان ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە نامازلارنىڭ رەكەت سانى مەسىلىسىدە فاتىر (35-1) ئايىتىگە مۇراجائە قىلىپ « جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھ يارىتىشتا خالىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر » دېگەن مەزمەندىكى بۇ ئايەتنى مۇنداق شەرھىيلىدى: « ئى ئاسمان ۋە زېمىن ئەھلى! ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا نائىل بولۇش ئۈچۈن بەش ۋاقىت نامىزىڭدا فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇڭلار. ئاللاھ سىلەرنى <قىيام، قىرائەت، رۇكى>دەك ئالتە رۇكىنى بولغان نامازغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەلچى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتتى». نامازنى باشلاش تەكبىرىدە قوللارنى قۇلاققا كۆتۈرۈش مەسىلىسىدە «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە (يەنى سىلەرنى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەيدىغان قىلىپ قويسا)، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟» (ئەنئام 6-46)مەزمۇنىدىكى ئايەتكە مۇراجائەت قىلغان چەكرالەۋى بۇ ئايەتنى مۇنداق شەرھىيلىگەن: «ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان ھېچكىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، نامازدا قوللىرىڭلارنى قۇلىقىڭلارغا كۆتۈرسەڭلار، كۆزۈڭلارنى ئوڭ-سولغا يۈرگۈرتمىسەڭلار ۋە قەلبلىرىڭلاردا ھەر دائىم ئاللاھتىن قورقۇش تۇيغۇسى بولسا سىلەر ئۈچۈن خەيرىلىكتۇر.»
يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مىساللاردىن چۈشىنىۋېلىشقا بولىدىكى، قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق چۈشىنىپ شەرھىيلەش ئەڭ مۇۋاپىق ۋە ئەڭ مۇكەممەل ئۇسۇل بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن سۈيئىستېمالغا ئوچۇق ۋە نامۇۋاپىق تەپسىر قىلىش ئۇسۇلىدۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، ئەھلى قۇرئان ئېقىمىنىڭ قاراشلىرى تولىمۇ ئاشقۇن ھېسابلىنىدۇ. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى تامامەن مۇپەسسىرنىڭ پاراسىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. مەسىلەن، سۇيۇتى بۇ ھەقتە توختالغاندا بىر ئايەتتىكى ئېنىق بولمىغان ئىپادىنىڭ باشقا بىر ئايەتتە ئوچۇقلانغانلىقى بىلدۈرۈپ، « بۇ كۈندە، (سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ. (ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ » (قىيامەت: 75-22،23)( وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَّاضِرَةٌ) مەزمۇنىدىكى ئايەتلەرنىڭ ھەم رەيەتۇللاھنىڭ ھەمدە ئەنئام (6-103)ئايىتىدىكى « كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر » ئىبارىسىنىڭ «ئۇنى كۆرەلمەيدۇ»ئەمەس، «ئۇنى ئېدراك قىلالمايدۇ» ( لاَّ تُدْرِكُهُ الأَبْصَارُ)دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدىغانلىقىنى دېگەن.
يۇقىرقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، بۇ يەردە قۇرئان ئەمەس مۇپەسسەر سۆزلەيدۇ ياكى قۇرئاننى سۇيۇتى سۆزلىتىدۇ. تېخىمۇ روشەن قىلىپ ئېيتساق، قايسى ئايەتنىڭ قايسى ئايەتنى تەپسىر قىلغانلىقى ۋە قايسى ئايەتنى قايسى ئايەتنىڭ تۈرتكىسىدە چۈشىنىپ شەرھىيلەش لازىملىقىنى مۇپەسسىر بەلگىلەيدۇ. دەرۋەقە، سۇيۇتىنىڭ قارىشىچە، قىيامەت (75، 22-23) ئايەتلەر ئەنئام (6-103)ئايەتتىكى مەنىنى ئەھلى سۈننەتنىڭ رۇيەتۇللاھ ئېتىقادىغا ماس ھالدا ئىزاھلايدۇ. بىر نەرسىنىڭ ياكى شەيئىنىڭ شەكىل ۋە كۆرۈنۈشىنىڭ ئۇنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىگە باغلىق بولۇشى ۋە ئاللاھنىڭ بارلىقىدىن قىلچە شەكلەنمەسلىك پىرىنسىپى دائىرىسىدە، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىكى تەسۋىرلەردىن دۇنيا ھاياتىدىن پەرقلىق بولىدىغان ئاخىرەت ھاياتىدا ئاللاھنىڭ زاتىنىڭ كۆرىنىدىغانلىقىنى ئەقلىي جەھەتتىن مۇمكىن ھېسابلايدىغان سۈننىي ئالىملەرنىڭ قارىشىچە، ئەنئام (6-103)ئايىتىدە ئۇچرايدىغان «ئېدراك»، «رۇيەت» (كۆرۈش)تىن پەرقلىق مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئاللاھنىڭ كۆرىنىدىغانلىقى ئەمەس ئىدراك قىلىنىدىغانلىقى دېيىلىدۇ.
لېكىن مۇتەزىلەر بۇ قاراشنىڭ زىتىنى ياقلىغان. يەنى ئەنئام (6-103) ئايىتى مۇتەزىلىنىڭ قارىشىچە ئاللاھنىڭ كۆرىنىدىغانلىقىنىڭ ئەمەس كۆرۈنمەيدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. مۇتەزىلە ئالىملىرى ئېدراك ۋە «
رەئە »پېئىللىرى ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا مۇنازىرىدە «ئېدراك»نىڭ ئىھاتا مەنىسىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ياقلىغان. مەسىلەن، قازى ئابدۇلجەببار (415-1025)مۇنداق دېگەن: « ئىھاتا (قورشاش)كەلىمىسى نە ھەققىي نە ئىستىلىستىكلىق جەھەتتىن ئىدراك مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ. شۇنى بىلمەمسىلەر: ئەرەبلەر <سېپىل شەھىرى مۇھاسىرىگە ئالدى>دېيىشىدۇ. بىراق <ئۇنى ئىدراك قىلدۇ>دېمەيدۇ… لېكىن بۇ شەرھىي مۇپەسسىرلەرنىڭ شەرھىيىسىگە زىت بولۇپ مەقبۇل ئەمەس. مۇناسىۋەتلىك ئايەتتە ئۇچرايدىغان ئىدراك سۆزىنى قورشاۋ ياكى مۇھاسىر سۆزىگە تەڭ قىلىش جايىز ئەمەس.»
بۇ نۇقتىدا مۇتەزىلەر مۇتلەق مەنىدىكى ئېدراك بىلەن كۆز ئارقىلىق كۆرگەن ئاساستىكى ئېدراك ئارىسىدا پەرقلىق بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. بۇنداق بولغاندا ئېدراك « باسار»(ئاللاھنىڭ كۆرۈش سۈپىتى) كەلىمىسى بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن ۋاقىتتا كۆز بىلەن كۆرۈشنى بىلدۈرىدۇ. مۇتلەق مەنىدە ئىشلىتىلگەندە بولسا «ئېرىشىش-يېتىش»مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، بىر كىشى باشقا بىر كىشىگە يېتىشىۋالغاندا «ئىدراكە فۇلانۇن فۇلانەن» دېيىلىدۇ. دەرۋەقە، ئاللاھمۇ يۇنۇس (10-90)ئايىتىدە پىرئەۋۇننىڭ دېڭىزغا غەرق بولۇشى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: « پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا » (حَتَّى إِذَا أَدْرَكَهُ الْغَرَقُ) ئېدراك كەلىمىسى بەزىدە ئاۋازنىڭ يېتىشى دېگەن مەنىمۇ بىلدۈرىدۇ. بىراق بۇ مەنىلەرنىڭ ھەممىسى كەلىمە مۇتلەق مەنىگە كەلگەندە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. دەرۋەقە تېمىغا ئالاقىدار بۇ كەلىمە «كۆز»بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندا باشقا بارلىق مەنىلەر كۈچكە ئىگە بولماي پەقەت بىرلا مەنىسى قالىدۇ: كۆز بىلەن كۆرۈش. بۇ سەۋەبتىن مۇناسىۋەتلىك ئايەتتىكى (لاَّ تُدْرِكُهُ الأَبْصَارُ) ئىبارىسى «كۆزلەر ئۇنى ئېدراك قىلالمايدۇ» دەپ ئەمەس «كۆرەلمەيدۇ»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، ئاللاھنى كۆز بىلەن كۆرۈش ھەر قانداق ئەھۋالدا مۇمكىن بولمايدۇ.
مۇتەزىلەر رۇيەتۇللاھ مەسىلىسى توغرۇلۇق بۇ قارىشىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، قارشى پىكىردىكىلەرگىمۇ جاۋاب بېرىش لازىملىقىنى زۆرۈر دەپ قارىغان. بۇ جەھەتتە قىلىشقا تېگىشلىك تۇنجى ئىش، رۇيەتۇللاھغا دەلىل كۆرسىتىلگەن ئايەتلەرنى (بۇ ئايەتلەر مۇتەزىلەرنىڭ قارىشچە مۇتەشابىھ ئايەتلەردۇر)مۇھكەم (ئوچۇق) ئايەتلەر تۈرتكىسىدە شەرھىيلەش كېرەك. ئەھلى سۈننەت كالامچىلىرى تەرىپىدىن ئاللاھنى كۆرەلگىلى بولىدىغانلىقىغا دەلىل سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن « وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَّاضِرَةٌ » <قىيامەت: 75: 23،22>ئايىتى مۇنداق شەرھىيلەنگەن: نازار (قاراش) بىلەن رۇيەت (كۆرۈش)ئارىسىدا پەرق بار. نازار (قاراش) بىر نەرسىنى كۆرۈش مەقسىتىدە كۆزنى ئۇ نەرسىگە بۇراشنى كۆرسىتىدۇ. رۇيەت بولسا كۆز بۇرالغان نەرسىنىڭ شۇ ۋاقتىدا ھېس قىلىنىپ ئېدراك قىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. نازار (قاراش) كۆز بىلەن مۇناسىۋەتلەندۈرۈلگەن ۋاقىتتا كۆرۈش ئىستىكىنى، قەلب بىلەن مۇناسىۋەتلەندۈرگەن ۋاقىتتا، بىلىش ئىستىكىنى ئىپادە قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىنسان بەزىدە «بىر نەرسىگە قارىدىم لېكىن ئۇنى كۆرەلمىدىم» ياكى «كۆرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارىدىم»دەيدۇ. بۇ سۆزلەردىن بىز پەقەت قارىغۇچىنىڭ قارىغانلىقىنى بىلەلەيمىز، بىراق ئۇ قارىغان نەرسىنى كۆرۈپ كۆرمىگەنلىكىنى ئۇ دېگەن چاغدا ئۇقىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن ئەرەبلەر نازار كەلىمىسىنى «خۇش پېئىلنىڭ ئادەمنىڭ قارىشى»، «ئاچىققى يامان ئادەمنىڭ قارىشى»دېگەنگە ئوخشاش جۈملىلەردە ئىشلەتكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، رۇيەت كەلىمىسىنى بۇنداق ئىپادىلىمىگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، نازار بىلەن رۇيەت ئوخشاش ئەمەس. ئەگەر ئوخشاش بولغان بولسا ئىدى «ھىلالغا قارىدىم لېكىن ئۇنى كۆرەلمىدىم»دېگەن بىر كىشى «ھىلالنى كۆردۈم لېكىن كۆرەلمىدىم» دېگەندەك غەلىتە بىر سۆز دېگەن بولاتتى.
رۇيەتۇللاھ مەسىلىسىدە ئەھلى سۈننەت بىلەن مۇتەزىلەرنىڭ ئوخشاش ئايەتتىن بىر-بىرىگە تامامەن زىت مەنىلەر ۋە ھۆكۈم چىقىرىشى قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىش ئۇسۇلىدا تەپسىر قىلغۇچىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە كۇپايە قىلىدۇ. بۇ مىساللارنىڭ ئەكسىچە، بەزى ئايەتلەر قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق چۈشىنىپ تەپسىر قىلىش ئىمكانىنى ئايەتلەردە تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنچىسىگە ئاساس تەشكىل قىلالايدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە. مەسىلەن، فاتىھە سۈرىسىنىڭ (1.7)ئايىتىدە «ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكۈچىلەر»دە كۆزدە تۇتۇلغان كىشىلەر « ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار (يەنى يۇقىرى دەرىجىلىك پەيغەمبەرلەر ۋە شېھىتلەر)، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار » مەنىسىدىكى ( نىسا، 4.69) ئايەتتە تېخىمۇ ئېنىق تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەپسۇس، مۇشۇنداق ئوچۇق مىساللارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئاسان ئەمەس. دەرۋەقە، قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىش دائىرىسىدە ئادەتتە قېلىپلاشقان مىسال بولغان فاتىھە (1.7) ۋە نىسا (4.69)ئايەتلىرىنىڭ ھەر دائىم زىكىر قىلىنىشىمۇ بۇنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، نۇرغۇن ئايەتنىڭ ۋاستىلىك ئىشارەتلەر بىلەن باشقا ئايەتلەر تۈرتكىسىدە ئىزاھلىنىشىنىمۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا قۇرئان پۈتۈنلىكىنى، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا سۈرە ۋە سىياق-سىباق (ئابزاس)پۈتۈنلىكىنى ئاساس قىلىدىغان بۇ ئىزاھلاش شەكلىنىڭ مەنە ۋە تەپسىر قىلىش جەھەتتە توغرىلىق ۋە مۇۋاپىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى شەكسىزدۇر. مەسىلەن، نۇرغۇن ئايەتتە ئۇچرايدىغان ۋە لافىز جەھەتتە مەسىلىدەك كۆرۈلىدىغان « ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ » ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئىبارىلەرگە گىراماتىكىلىق جەھەتتىن «ئاللاھ خالىسا ئازاب قىلىدۇ، خالىسا مەغپىرەت قىلىدۇ»دېگەن تەرىقىدە ئىزاھلاشنىڭ جەلپ قىلارلىق تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى قۇرئاننىڭ پۈتۈنلىكى نۇقتىسىدىن بىمالال چۈشەنگىلى بولىدۇ. يەنە ئوخشاش پۈتۈنلىكتىن ئىلاھىي مەشىئەتنىڭ (تىلەش)خالىغانچە تەجەللىي قىلمايدىغانلىقى، بەلكى ھىدايەت ۋە زالالەتنىڭ بەندىلەرگە لايىق بولۇشىغا باغلىق بولۇشتەك ھەقىقەتمۇ بار.
مەنە ۋە تەپسىردە بۇ پۈتۈنلۈك نەزەرگە ئېلىنمىغان ئەھۋالدا قۇرئاننىڭ ئۇقۇم دۇنياسىغا يات بولغان نۇرغۇن ئىنسان، ئاللاھنىڭ تىلىكىنى ياكى تىلىشىنى ئۇنىڭ خالىغانچە ئىش تۇتىدىغان، شۇنداقلا ئىنسانلارنى چەكسىز بولغان ئىلاھىي ئىرادىنىڭ قولىدىكى ئويۇنچاقتەك چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن ۋە مۇشۇنداق خاتا چۈشىنىۋېلىش نەتىجىسىدە بىلىپ بىلمەي نېمىنى نېمىشقا قىلىدىغانلىقى مەۋھۇم، ھەر قانداق بىر ئەخلاقىي پىرىنسىپى يوق ئىلاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن ھەقىقەت مۇنداق ئەمەس. « ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ » دېگەن مەنىدىكى ئايەتلەر، يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك، گىراماتىكىلىق جەھەتتە « ئاللاھ خالىغانغا ئازاب قىلىدۇ، خالىغانغا مەغپىرەت قىلىدۇ » دېگەن شەكىلدىمۇ تەرجىمە قىلىشقا مۇۋاپىقتۇر. دەرۋەقە، مۇھەممەد ئەسەدكە ئوخشاش بەزى تەپسىرشۇناسلارمۇ بۇ ئايەتلەرنى مۇشۇ تەرىقىدە تەرجىمە قىلىپ چىققان. بىراق قۇرئاندا «ئاللاھنىڭ تىلىشى»گە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئايەت مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىشنىڭ ھەر ۋاقىت مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى، ھەتتا توغرا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قىسقىسى، بۇ خىل تەرجىمىلەر مەسىلىنى چۈشىنىشكە پايدىسى تەگمەيۋاتىدۇ، بىزچە « ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ » شەكلىدىكى ئىبارىلەرنى قۇرئاننىڭ پۈتۈنلىكى دائىرىسىدە «ئاللاھ لايىق كۆرمىگەن ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، لايىق كۆرگەن ئادەمنى مەغپىرەت قىلىدۇ»دېگەن تەرىقىدە چۈشىنىپ ئىزاھلاش كېرەك.
قىسىقىس، قۇرئاننى ئۆزىنىڭ ئىچكى پۈتۈنلىكى دائىرىسىدە چۈشىنىش تولىمۇ مۇھىمدۇر. بىراق بۇ پۈتۈنلىكنى بەرپا قىلىش ئىشى يەنىلا تەپسىر قىلغۇچى تەۋە بولغان بولىدۇ. قۇرئاننى ئۆز پۈتۈنلىكى ئىچىدە چۈشىنىپ تەپسىر قىلىشىمۇ پاراسەت تەلەپ قىلىدىغان ئىشتۇر، دەل مۇشۇ جەھەتتە مۇنداق بىر زىددىيەت كۆرۈلىدۇ: قۇرئاننى ئۆز پۈتۈنلىكى ئىچىدە چۈشىنىپ تەپسىر قىلىش توغرا ۋە ئوبېيىكتىپ مەنىنىڭ تېپىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ-يۇ، بىراق بۇ پۈتۈنلۈكنىڭ تەپسىر قىلغۇچى تەرىپىدىن بەرپا قىلىنىشى بىلىپ بىلمەي مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەرۋەقە، ئىسلام ئىدىيە تارىخىدا بىر-بىرىگە زىت مەزھەپ ۋە تەرىقەتلەرنىڭ ھەر بىرسى قاراشلىرىنى قۇرئانغا ئاساسانلا تاياندۇرۇشى، شۇنداقلا قۇرئاننى نەقىل قىلغاندا كۆپ ۋاقىتلاردا ئايەتلەر ئارىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتالىشى سوبىيكتىچانلىق خەتىرىنىڭ ئەمەلىيتتىكى ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىشمۇ ياكى رىۋايەت تەپسىرىمۇ؟
قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق چۈشىنىپ تەپسىر قىلىش دېيىلگەندە، «رىۋايەت تەپسىرى» ياكى «تەپسىردە رىۋايەت مېتوتى»غا مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئۇسۇللارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە غول ئۇسۇلى ئەقلىمىزگە كېلىدۇ. چۈنكى رىۋايەت تەپسىرى « ئايەتلەرنىڭ باشقا ئايەتلەر ئارقىلىق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئىزاھلىنىشى»دەپ تەرىپلىنىدۇ. دەرۋەقە، يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتۈلگىنىدەك، زۇركانىغا ئوخشاش ھازىرقى زامان تەتقىقاتچىلىرى «رىۋايەت تەپسىرى»نى ئىزاھلىغاندا دەسلەپ قۇرئاننىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىزاھلاشتەك ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇشقان. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئىبنى كەسىرنىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى ئەسلەپ كۆرىدىغان بولساق، بۇ تەپسىر ئالدى بىلەن قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق چۈشىنىشكە تىرىشىشى، بۇ مۇمكىن بولماي قالسا ئىمام شافىنىڭ قۇرئانغا ئوخشاش سۈننەتنىڭمۇ ۋەھىينىڭ مەھسۇلى دېگەن قاراشىغا ئاساسەن سۈننەتكە مۇراجائەت قىلىش كېرەك.
دىققەت بىلەن قارايدىغان بولساق، يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئۇسۇللار ۋە ئىزاھاتلارغا ئاساسلانغاندا، قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىش پائالىيىتىدە تەپسىر قىلغۇچىنىڭ رولى زور دەرىجىدە چەكلىنىدۇ. تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ دەيدىغان بولساق، تەپسىر قىلغۇچىنىڭ بۇ پائالىيەتىكى رولى قۇرئاننىڭ ئۆز ئۆزىنى تەپسىر بايانلىرىنى بىلدۈرۈش ۋە ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ئايەتنىڭ تەپسىرىدە بۇ خىلدىكى بايانلارنى بىلدۈرۈش ئىمكانىيىتى بولماي قالسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىزاھلىرىنى مەزمۇن قىلغان رىۋايەتلەرنى نەقىل قىلىشتىن ئىبارەت. رىۋايەت تەپسىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ كىلاسىك ئۇسۇل ئىمام ماتۇرىدىنىڭ (333-944) «تەپسىر»گە بەرگەن ئىزاھاتىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە، تەپسىر قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشىغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بايانلىرىغا شاھىت بولغان ساھابىلەرگە تەۋە پائالىيەت بولۇپ، «ئاللاھ نامىغا شاھىتلىق قىلىش»نى كۆرسىتىدۇ. تەۋىل (ئىزاھلاش) فىقىھچىلارگە خاس پائالىيەت بولۇپ كەلىمىنىڭ بىر نەچچە مەنىسىدىن بىرسىنى تاللاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، تەۋىل مۇتلەق توغرا بولمايدۇ.
تەپسىر تارىخى نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا، «قۇرئاننىڭ قۇرئان ئارقىلىق ئايدىڭلىشىشى»ئەمەلىيەتتە تەپسىر قىلغۇچىنىڭ ھەرىكەت (پاراسەت)دائىرىسىنى قانچىلىك چەكلىگىلى بولسا شۇنچىلىك چەكلەشنى تەشەببۇس قىلىدىغان زىھىننىڭ نەتىجىسىدۇر. دەرۋەقە، بۇ قاراشنىڭ تۇنجى قېتىم ئىبنى تەيمىيە تەرىپىدىن سىستېمىلىق ھالغا كەلتۈرۈلۈشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ. چۈنكى ئىبنى تەيمىيە ئومۇمىي جەھەتتىن ناسلارنىڭ كونكرېت جەھەتتىن ھەدىسلەرنىڭ زاھىرى مەنىسىگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ۋە ئىلاھىي سۈپەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى ئىزاھلىماسلىق لازىملىقىنى قوبۇل قىلغان سەلەفىييە (ئەھلى ھەدىس)گە كېيىنكى مەزگىللەردە كىملىك ئاتا قىلغان زاتتۇر. ئىبنى تەيمىيەنىڭ قارىشىچە، دىنى ساھەدىكى ئەڭ توغرا ئېقىم ياكى يول ئەھمەد ب. ھەنبەل (241-855)، سۇفيان ئەس-سەۋرى (161-777)، لەيس ب سەئەد (175-791)، ئىسھاق ب راھەۋەيھ (238-853)غا ئوخشاش باشقا ئەھلى ھەدىس ئۆلىمالىرىغا تەۋە ئېقىم ۋە يولدۇر. بۇ يول ۋە ئېقىمنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەنبەلىلىككە، كېيىنكى ۋاقتىلاردا بولسا ۋاھابىلىققا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى مەلۇم. شۇنداقلا «ئەھسانۇ تۇرۇكىت تەپسىر»تەرىقىسىدىكى ئۇسۇلنىڭ مۇتەزىلەر، جەھمىييە، مۇرجىيەگە ئوخشاش مەزھەبلەرنىڭ ناسلىرى رەي مەركەزلىك چۈشىنىش-ئىزاھلاش تەرىقىسىگە قارشى ۋەز قىلىنغانىدى. ئىبنى تەيمىييەنىڭ «كىتابۇل ئىمان»دىكى مۇنۇ ئىپادىلىرىمۇ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ: رەي بىلەن تىلنى ئاساس قىلغان ئىزاھلاش ئۇسۇلى ئەھلى بىدەتكە خاستۇر، بۇ سەۋەبتىن ئىبنى ھەنبەل، ئىنسانلار ھەممىدىن بەك تەۋىل <ئىزاھلاش>ۋە قىياس مەسىلىسىدە خاتالىق سادىر قىلدى، دېگەنىدى. دەرۋەقە، مۇتەزىلەر، مۇرجىيە، رافىزا ۋە باشقا بىددەتچى پىرقىلار قۇرئاننى سوبىيكتىپ چۈشەنچىلىرى ۋە تىل ئاساسىدىكى تەۋىللەر <ئىزاھلاش>دائىرىسىدە ئىزاھلايدۇ، شۇڭلاشقا رەسۇللاھنىڭ، ساھابىلەرنىڭ، تابىئۇننىڭ ۋە بۈيۈك ئىسلام ئالىملىرىنىڭ نېمە دېگەنلىكلىرىگە قاراپ كەتمەيدۇ. شۇنداقلا، بۇ پىرقىلار سۈننەتنى، سەلەفنىڭ ئىجمائاسىنى ۋە ئۇلاردىن نەقىل قىلىنغان قاراشلارنىمۇ ئاساس ياكى دەلىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ كەتمەيدۇ. بۇ پىرقىلار ئەقىل ۋە تىلنىڭ ئالاھىدىلىكنى ئاساس قىلىشىدۇ. يەنە ئۇلار رىۋايەت تەپسىرلىرىنى، ھەدىسنى ۋە سەلەپنىڭ سۆزلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى بىلەن پىكىر جەھەتتىكى يېتەكچى ئۇستازلىرى يازغان كالام كىتابلىرىغىلا ئەھمىيەت بېرىشىدۇ. بۇ كۇپىرغا قېيىپ كەتكەنلەر <مۇلھىدلەر> تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئۇسۇلدۇر. چۈنكى كۇپىرغا قېيىپ كەتكەنلەرمۇ پەلسەپە، تىل ۋە ئەدەبىياتقا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى ئاساس قىلىپ تەپسىر، ھەدىس ۋە رىۋايەتلەرگە پۈتۈنلەي سەل قارىشىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناسلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، دەرۋەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىلمىي قىممىتى يوق. قىسقىسى، قۇرئاننى ئۆزلىرىنىڭ قارىشى بويىچىلا ئىزاھلىشىدۇ. ئۇلار قۇرئاننى تەپسىر قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشىدۇ.
يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانلاردىن شۇنى چۈشىنىش مۇمكىنكى، ئىبنى تەيمىييە نە رەيگە، نە نىسپىيلىكە، نە تەخمىنگە، نە تەۋىلگە نە مەجازغا مۇتلەق مەنىدە قارشى چىقمىغان بولۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلانغان. ئەمەلىيەتتە ئۇ قارشى چىققان رەي، تەخمىن، تەۋىل ۋە مەجاز بولسا «باشقىلارغا تەۋە»رەي، تەخمىن، تەۋىل ۋە مەجازدۇر. شۇڭلاشقا ئەھلى ھەدىس ياكى سەلەفى-ھەنبەلى ئالىملارنىڭ تەپسىر، تەۋىل ۋە تەخمىنلىرى توغرا، باشقىلارنىڭ يەنى جەھمىييە، مۇتەزىلىلەر، مۇرجىيەگە ئوخشاش پىرقىلارنىڭ تەپسىر ۋە تەۋىللىرى بولسا كۆپ ۋاقىتلاردا باتىل ياكى ھېچ بولمىغاندا «خەتەرلىك»ئىدى. جەھمىييە بولسا ئەھمەد ب. ھەنبەل ۋە ئەبۇ سەيىد ئەد دارىمى (280-894)قا ئوخشاش دەسلەپكى سەلەفى ئالىملىرى تەرىپىدىن زىندىلىق ۋە كاپىرلىق بىلەن ئەيىبلەنگەندىن سىرت، نۇرغۇن سەلەفى ئالىم تەرىپىدىنمۇ جەھمىييە پىرقىسىغا قارشى ئەسەرلەر ۋۇجۇدقا چىقارغان.
قىسقىسى، مەيلى ئىبنى تەيمىييە ۋە ئىبنى كەسىرگە ئوخشاش سەلەفى ئالىملىرى «ئەڭ مۇۋاپىق ۋە توغرا تەپسىر ئۇسۇلى»دەپ تەرغىپ قىلغان ئۇسۇل بولسۇن مەيلى مەسۇر (رىۋايەت يولى بىلەن ئۆگىتىلگەن چىن خەۋەر) تەپسىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئىزاھات بولسۇن، قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى ئەسلىدە سەلەفىيە (ئەھلى-ھەدىس)تەرىپىدىن ئوزۇقلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لېكىن بۇ ئېقىم ئىمام شافى رەيگە قارشى سۈننەت ۋە ھەدىسنىڭ نوپۇزىنى ياقلىغان چاغدا، دىنى ئەھكامنىڭ مەنبەسىنى قۇرئان بىلەنلا چەكلەپ قويىدىغان خاھىشقا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. چۈنكى ئىمام شافى پۈتۈن كۈچى بىلەن سۈننەتنى ياقلايمەن، دەپ ئۆكتىچىلەرگە پايدىلىق بەزى قاراش ۋە ئۇسۇللارغا مۇراجائەت قىلىپ سالغان. تېخىمۇ روشەن قىلىپ ئېيتساق، ئىمام شافى دىنى مەنبەلەر قاتلىمىدا سۈننەتنى چىقىرىپ تاشلىماقچى بولغان ئېقىمغا رەددىيە بېرىش جەريانىدا، سۈننەتنى قۇرئان بىلەن بىر تۇتقان ياكى ئوخشاش سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ مۇئامىلە قىلغان، نەتىجىدە بۇ خاھىش «دىنى ئەھكام ئەسلىدە يېگانە مەنبە قۇرئانغا تايىنىدۇ»دەيدىغان ئېقىمغا يوشۇرۇن يول ئېچىپ بەرگەن. دەرۋەقە، ئەلمىساقتىن بېرى، قۇرئاننى ئىسلام دىنىنىڭ يېگانە مەنبەسى ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق ئېقىملار دەلىل قىلىپ كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان «بىز كىتابتا ھېچقانداق نەرسە كەم قىلمىدۇق» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتنىڭ (ئەنئام:6-38)تەپسىرىدە فاخرەددىن ئەر-رازىنىڭ (606-1210)دېگەنلىرىمۇ ئىمام شافىنىڭ قۇرئانچىلىق خاھىشلىرىغا بىلىپ بىلمەي «ھەسسە»قوشقانلىقى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ ئايەتتىكى «كىتاب»ئىبارىسىدە كۆزە تۇتۇلغان مەقسەتنىڭ قۇرئان ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ چەكسىز مەنىسى بارلىقىنى تەكىتلىگەن رازى، ئىمام شافىغا قارىتىپ مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر كۈنى شافى ھەرەمدە ئولتۇرۇپ: ماڭا نېمە توغرۇلۇق سورىساڭلار، مەن چوقۇم بۇ سوئالغا قۇرئاندىن جاۋاب تېپىپ بېرەلەيمەن، دەپتۇدەكمىش، بۇنىڭغا قارىتا بىر ئادەم: ئىھرام باغلىۋالغان بىرسىنىڭ ئېشەك ھەرسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىگە قانداق قارايسىز؟ دەپ سوراپتۇ، شافى: ئۇ كىشىگە بىر ئىش قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ، ئادەم يەنە: ئۇنداقتا بۇ جاۋاب ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ قايسى ئايىتىدە ئۇچرايدۇ، دەپ سوراپتۇ. شافى جاۋابەن: ئاللاھ پەيغەمبەر سىلەرگە نېمە يەتكۈزسە ئۇنى ئېلىڭلار، دەيدۇ (ھاشر:59-7)دېگەن ۋە ئارقىدىن يەنە پەيغەمبەرنىڭ «سۈننىتىمگە ۋە مەندىن كېيىنكى خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار»دېگەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ھەزىرىتى ئۆمەرنىڭ «ئىھراملىق بىرسى ئېشەك ھەرىسىنى ئۆلتۈرۈسە بولىدۇ»دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلغان.
ۋاھىدى مۇنداق دېگەن: «زىناخور ئاسىفقا مۇناسىۋەتلىك ھەدىستە ئاسفنىڭ ئاتىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا <ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلغىن>دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام <جېنىمنى ھەر ۋاقىت پىدا قىلالايدىغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئىچىڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن>دېگەن ۋە ئارقىدىن ئاسىفقا دەررۇ ئۇرۇپ سۈرگۈن قىلىنىشقا، زىنا قىلغان ئايالنى بولسا قىلمىشنى تەن ئالغان ئەھۋالدا تاشلاشقا ھۆكۈم قىلغان. ھالبۇكى، قۇرئاندا دەررۇدىن باشقا سۈرگۈن قىلىش جازىسى توغرۇلۇق ھۆكۈم ئۇچرىمايدۇ. دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر ھۆكۈمىنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
مەن (فەخرەددىن رازى)شۇنى دېيەلەيمەنكى، بۇ مىسال توغرىدۇر. چۈنكى ئاللاھ « ئۇلارنى ئۇلارنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) دەلىللەر ۋە مۇقەددەس كىتابلار بىلەن (ئەۋەتتۇق)، بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق » نەھل: 16-44)دەپ بۇيرىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايان قىلغان ھەر نەرسە بۇ ئايەتنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇ جايغىچە قەيت قىلىنغان مىساللار بىلەن مۇنداق ئىككى خۇلاسىگە كېلەلەيمىز: قۇرئان، ئىجما، مۇتاۋىتىر سەۋىيەسىدە بولمىغان خەۋەرلەر ۋە قىياسنىڭ دەلىل بولالايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئۈچ يولدىن بىرىسى بىلەن جەزملەشكەن ھەر قانداق ھۆكۈمنىڭ قۇرئان بىلەن سابىت بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاللاھنىڭ <بىز كىتابتا ھېچقانداق نەرسىنى كەم قىلمىدۇق>دېگەن ئايىتىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى نامايەن بولىدۇ.
شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدىكى، قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىز قىلىش نە ئۇسۇل ئەمەس نە مەنە ۋە ئىزاھلاشتا ئوبىيكىت تۈسى بېرەلەيدىغان تەپسىر ئۇسۇلى ئەمەس. دەرۋەقە، ماقالىنىڭ بېشىدىلا قەيت قىلىنغىنىدەك، قايسى ئايەتنىڭ قايسى ئايەت بىلەن روشەنلىشىشى ئەسلىدە مۇپەسسىرنىڭ پاراسىتىگە باغلىق ئىشتۇر. بىراق مۇنداق بىر زىددىيەتلىك ئەھۋال بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئىبنى تەيمىييە ئوبىيكت بولۇشنى كۆزلەپ مۇپەسسىرنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى چەكلەش مەقسىتىدە قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق تەپسىر قىلىش قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. لېكىن مەيلى ئۆتمۈشتە بولسۇن مەيلى كۈنىمىزدە بولسۇن ئەڭ ئاشقۇن شەرھىيلەر ئەپسۇس دەل مۇشۇ تەپسىر ئۇسۇلى ئارقىلىقمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. چۈنكى قۇرئان – ھەزىرىتى ئەلى دېگەندەك – <قۇرئاننىڭ سۆزلىمەيدىغانلىقىنى، لېكىن ئىنسانلار ئۇنى سۆزلىتىدىغانلىقى>ئۈچۈن تارىختىن بېرى ئاساسەن دېگۈدەك ھەممە كىشى قارشى پىكىردىكىلەرگە ياكى دۈشمىنىگە قارشى نەزىرىيە ياكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويغاندا، قۇرئاننى خالىغانچە سۆزلەتكۈزگەن. مەسىلەن، بىر مەزھەپ مۇتەشابىھ دەپ قارىغان ئايەتنى يەنە بىر مەزھەپ مۇھكەم دەپ قارىغان. بۇ غەلىتە رىئاللىق ئال-ئىمران (3-7) ئايتىنىڭ تەپسىرىدە فاخرەددىن ئەر-رازى تەرىپىدىن مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئۈممەتنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ نەزىرىدە ھەر ۋاقىت مۇۋاپىق ۋە توغرا بولغان قائىدە مۇنداق: ھەر قانداق بىر مەزھەپكە تەۋە كىشىلەرنىڭ ئۆز مەزھەپلىرىگە ماس كېلىدىغان ھەر ئايەت مۇھكەم، مەزھەپلىرىگە زىت كېلىدىغان ئايەت بولسا مۇتەشابىھتۇر.»
قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىشنىڭ بەزى نەتىجىلىرى
شۇنى قوبۇل قىلىش كېرەككى، «قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق چۈشىنىش»قارىماققا جەلپ قىلارلىق ئۇسۇلدەك كۆرىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇسۇل بىلەن قۇرئاننى ئەڭ قىسقا، ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ توغرا ئۇسۇلدا چۈشەنگىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق بۇ ئۇسۇلنىڭ ھېساۋبىنى بېرىش ئۇنچىۋېلا ئاسان ئەمەس. قۇرئان نوقۇل لافىز-مەنە دائىرىسىدە ئىزاھلانغاندا ھەر خىل مەنىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى قۇرئاندىكى ئىبارىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئالماشلار، ئىشارەت ئىسىملىرى، بىرلەشمە ئىسىملەرگە ئوخشاش مەۋھۇم لافىزلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ ئەھۋال مىڭلارچە ئىبارىگە پەرقلىق، ھەتتا بەزىدە بىر-بىرىگە زىت مەنىلەرنى بېرىدۇ ۋە ئوخشىمىغان مەنىلەر يىغىندىسى كۆپ ئەھۋللاردا گىراماتىكىلىق جەھەتتىنمۇ پەرقلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ. بىراق بۇ ئەھۋالدا قۇرئاندا ئوخشاش مەسىلىدە بىر-بىرىگە زىت ئىككى نەرسە دېيىلىۋاتقاندەك بىر نەتىجە پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، بەقەرە (2-102) ئايىتىدە ئۇچرايدىغان « وَمَا أُنزِلَ عَلَى الْمَلَكَيْنِ »ئىبارىسىدىكى «مَا»قوشۇمچىسى ئىگىلىك ئالماش دەپ قوبۇل قىلىنغىنىدا، بۇ ئىبارىدىن ئىككى پەرىشتىگە سىھىرگەرلىك ئىلمى بېرىلگەنلىكى مەنىسى چىقىدۇ، بىراق بۇ باغلىغۇچى بولۇشسىز مەنىسى بېرىلگىنىدە بولسا باشقىچە مەنە چىقىدۇ ۋە بۇ ئىككى پەرقلىق مەنىگە ئاساسەن ئايەتنىڭ داۋامىدىكى مەنىلەر پەرقلىق بولىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال قەسەس (28-68)ئايىتىدىكى «مَا كَانَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ»ئىباردىمۇ ئۇچرايدۇ. دەرۋەقە، بۇ ئىبارىدىكى «مَا»قوشۇمچىسىمۇ ئىگىلىك ئالماش دەپ قوبۇل قىلىنغىنىدا، مۇتەزىلەرنىڭ «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن داۋملىق ئەڭ ياخشى بولغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ »دېگەن مەنىدىكى سالاھ-ئەسلەن نەزىرىيەسى توغرا بولۇپ چىقىدۇ، قوشۇمچە نەفىھ مەنىسى بېرىلگىنىدە «ئىلاھى ئىرادە ئالدىدا ئىنساننىڭ ئىرادە ۋە تاللاش ئەركىنلىكى يوق»دېگەن جەبرىييە ۋە «ئوتتۇرا ھاللىق جەبر»قارىشىنى قوبۇل قىلغان ئەشئارىلەرنىڭمۇ قارىشى توغرا بولۇپ چىقىدۇ. ئاللاھ بۇ ئىككى ئايەتتىكى «مَا»قوشۇمچىلىرىنى قايسى مەنىدە بايان قىلمىغانلىقى ۋە بىرلا ئىپادىدە بىر-بىرىگە زىت ئىككى مەنىنى كۆزدە تۇتمىغانلىقىغا ئاساسەن قۇرئاننى لافىز-مەنە دائىرىسىدە قۇرئاننى چۈشىنىش ئۇسۇلىنى يېگانە توغرا ئۇسۇل دەپ قارىساق بولمايدۇ. يەنى بۇ ئۇسۇلدا مەسىلە كۆپ كۆرۈلىدۇ. دەرۋەقە، ھەزىرىتى ئەلى ھەزىرىتى ئابدۇللاھ بىن ئابباسنى خاۋارىچىلار بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتكەندە، «ئۇلار بىلەن مۇنازىرلەشكەندە قۇرئان بىلەن مۇنازىرلەشمىگىن، چۈنكى قۇرئاندىكى ئايەتلەردىن ھەر خىل مەنىلەرنى چىقىرىشقا بولىدۇ، سەن ئۇلار بىلەن سۈننەت ئارقىلىق مۇنازىرلەشكىن »دېگەن. بۇ رىۋايەتنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتىدىمۇ ئىبنى ئابباس «ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مەن ئاللاھنىڭ كىتابنى ئۇلارغا قارىغاندا بەكرەك بىلىمەن، چۈنكى قۇرئان بىزگە نازىل بولدى»دېگەندە ھەزىرىتى ئەلىنىڭ «توغرا ئېيتىسەن، بىراق قۇرئاندىكى ئايەتلەرنىڭ خىلمۇ خىل مەنىلىرى بار. سەن بىر مەنىسىنى دېسەڭ ئۇلار باشقا بىر مەنىسىنى دەپ تۇرۇۋالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن سەن ئۇلار بىلەن ئەڭ ياخشىسى سۈننەت ئارقىلىق مۇنازىرىلەشكىن،شۇنداق قىلساڭلار ئۇلار سۈننەتنى خالىغان يەرگە تارتالمايدۇ»دېگەن.
قۇرئاننى قۇرئان ئارقىلىق چۈشىنىش ئۇسۇلىدا «مەنە»لافىزدىن ئىزدىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بەزىدە تېكىستنىڭ مەنە دائىرىسىنى مەجبۇرىي كېڭەيتىش ۋە ئۇنى مۇناسىۋەتسىز تېمىلار بىلەن مۇناسىۋەتلەندۈرۈپ چۈشەندۈرۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. دەرۋەقە، ئىسلام تەپسىر تارىخىدا قەستەن ياكى قەستەن بولمىغان ھالدا قۇرئاننى ھەر نەرسە توغرىسىدا سۆزلىتىشنىڭ سان-ساناقسىز مىساللىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. بەسرە قازىسى ئۇبەيدۇللاھ بىن ئەل ھەسەننىڭ (168-785)مۇنۇ سۆزلىرى قۇرئاننى نوقۇل لافىز-مەنە دائىرىسىدە چۈشىنىش ئىزاھلاشنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىبرەتلىك ساۋاق بېرىدۇ: «قۇرئان ئىختىلاپقا دالالەت قىلىدۇ، تەقدىر دەپ بىر نەرسە يوق دېگەن قاراش توغرا، چۈنكى قۇرئاندا بۇ قاراشقا دەلىل تاپقىلى بولىدۇ، چەكسىز ئىلاھى ئىرادە ئالدىدا ئىنسان ئىرادىسىنىڭ يوقلىقى قارىشىمۇ توغرا، دەرۋەقە قۇرئاندا بۇ قاراشقىمۇ دەلىل تاپقىلى بولىدۇ. ھەر كىم بۇ ئىككى قاراشتىن بىرىنى ياقلىسا خاتالمىشىغان بولىدۇ. چۈنكى بىر ئايەت ئىككى پەرقلىق مەنىگە ئىگە بولغان بولۇشى ۋە بىر-بىرىگە زىت مەنە بىلدۈرۈشىمۇ مۇمكىن… ھەر كىم زىنا قىلغان بىرسىنى مۆمىن دېسە خاتالاشمايدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە، زىناخورنى كاپىر دېگۈچىلەرمۇ توغرا قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، زىناخور نە مۆمىن ئەمەس، نە كاپىر ئەمەس لېكىن پاسىقتۇر، دېگۈچىلەرمۇ ھەقلىقتۇر. زىناخور نە مۆمىن ئەمەس نە كاپىر ئەمەس نە مۇناپىق ئەمەس دېگۈچىلەرمۇ توغرا دېگەن بولىدۇ. زىناخور مۇشرىك ئەمەس كاپىردۇر دېگۈچىلەرنىمۇ خاتا دېدىڭ دېگىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا زىناخور ھەم كاپىر ھەم مۇشرىكتۇر، دېگەنلەرمۇ توغرا دېگەن بولىدۇ. چۈنكى قۇرئان بۇ ئوخشىمىغان مەنىلەرنىڭ ھەممىسىگە دالالەت قىلىدۇ.»
مېنىڭچە، «قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش»نىڭ ئورنىغا «قۇرئان بويىچە ياشىغان ۋە ياشالغان قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش» ئۇسۇلى تېخىمۇ مۇۋاپىقتەك تۇرىدۇ. ياشىغان ۋە ياشالغان قۇرئان دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە سۈننىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بىراق بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان سۈننەت تېكىست ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن ھەدىسلەردىنمۇ كەڭرى دائىرىگە ئىگىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سۈننەت دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئىشەنچىلىك مەنبەلەر ئارقىلىق نەقىل قىلىنغان ۋە تارىخىي تەجرىبىدە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ «بۈيۈك ئەنئەنىسىدە»گېنلىق خۇسۇسىيەتكە ئېرىشكەن مۇسۇلمانلىقتۇر. دەل بۇ نۇقتىدا قۇرئاننى چۈشىنىشنىڭ ئەسلىدىكى مەقسىتى ئايدىڭ بولىدۇ. دەرۋەقە، ھازىرغىچە بۇ يەرگىچە دېيىلگەن قۇرئاننى چۈشىنىش مەسىلىسى قۇرئاننى ئىلىم ئوبىيكتى سۈپىتىدە تېخنىكىلىق ۋە بىلىش سەۋىيەسىدە چۈشىنىشكە مۇناسىۋەتلىك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق چۈشىنىش بولسا قۇرئاننى ھاياتنىڭ ئىچىگە ئېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ھەدەم بولۇشقا مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەسلىدە ھەر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن قۇرئاننى چۈشىنىشنىڭ مەنىسى ۋە مەقسىتىمۇ مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت بولسا كېرەك. شەكسىزكى، بۇ «رىئاللىقتىكى بولىۋاتقان»نەرسە بولۇشتىن بەكرەك، «بولۇشقا تېگىشلىك»چۈشىنىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ خىلدىكى چۈشىنىش ئۇسۇلى، تەپسىر ساھەسىدە ئىلىم ئەھلى بولۇش ياكى تەپسىر ۋە قۇرئان تەرجىمىسى ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. دەرۋەقە، مۇسۇلمانلار يېقىنقى ئەسىردە باشقا ئەسىرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تەپسىر ۋە قۇرئان تەرجىمىسى ئوقۇغان بولسىمۇ، مېنىڭچە كۆڭۈلدىكىدەك ۋە تەلەپكە لايىق مۇسۇلمان بولالمىدى. يەنە بۇ خىلدىكى چۈشىنىش ئۇسۇلىدا ئاساسلىق مەقسەت بىلىمدىن بەكرەك مۇسۇلمانچە ئاڭ ۋە پوزىتسىيەدۇر. كۈنىمىزدە بۇ زېمىنلاردا مۇسۇلمان سۈپىتىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام ۋە قۇرئاننىڭ بولۇپمۇ ئىمان ۋە ئەمەل (ئەخلاق) سەۋىيەسىدە قايسى تەلەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىدىن ئاز تولا خەۋىرى بار. ئەھۋال مۇشۇنداق بولۇشنىڭ ئەكسىچە، مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ پەرزلىرىنى ئورۇنداش مەسىلىسىدە كۆرۈلگەن ئېغىر مەسىلىلەرگە قانداقتۇر بىلىم كەمچىلىكىدىن بەكرەك، ئىمام ئىگىسى بولۇشنىڭ زۆرۈرىيەتلىرىنى ئەمەلىي جەھەتتىن ئورۇندىيالماسلىق ياكى تەلەپكە لايىق ھەل قىلماسلىق سەۋەب بولماقتا.
ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەپ قويۇش زۆرۈركى، تېكىستتىن (بۇ قۇرئان بولغان تەقدىرمۇ)كۆڭۈلدىكىدەك ۋە مۇكەممەل ئىسلامىي ھايات شەكىللەندۈرۈش تولىمۇ تەس. چۈنكى ئەمەلىي ھايات تېكىستتىن شەكىللەنمەيدۇ، شۇڭا قۇرئاندىن شەكىللىنىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق ۋە ئەڭ مۇككەممەل ھايات ئوبىيكتىپ ۋە سوبىيكتىپ مەۋجۇدلۇق پىرىنسىپىغا قېيىپ كەتمەستىن ھاياتنىڭ تەبىئىيلىكى ۋە ھەقىقىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابە تەرىپىدىن ياشىلىپ نەمۇنە ۋە ئۈلگە سۈپىتىدە ئۈممەتكە تەقدىم قىلىنغان. دەرۋەقە، بۇ ھەقىقەت دەسلەپكى دەۋرلەردە بەزى ئالىملار تەرىپىدىن (سۈننەت قۇرئاندىكى ئايەتلەرنىڭ ئەمەلىي ھاياتتىكى مەھسۇللىرىنى تەيىنلەيدۇ) دېگەن تەرىقىدە بايان قىلىنغان. ۋەھىي نازىل بولغان دەۋىردە پەيغەمبەر ئەلەيھسىساللامنىڭ ھاياتىدا ئەڭ گۈزەل ھالىتى بىلەن نامايەن بولغان ۋە ياشالغان قۇرئان ئۈممەتنىڭ بۈيۈك ئەنئەنىسى تۈرتكىسىدە جانلىق سۈننەت سۈپىتىدە ھازىرغىچە دۋاملىشىپ كەلگەن.
شۇڭلاشقا كۈنىمىزدە قۇرئاننى ھەققىي مەنىدە چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سۈننەت ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ھالدا ياشاپ چۈشىنىش، قۇرئان بىلەن سۈننەتنى بىر-بىرىدىن قەتئىي ئايرىۋەتمەسلىك كېرەك. دەرۋەقە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى چوڭ ئامەنەت دېگەن مەشھۇر ھەدىسىدىنمۇ چۈشىنىشقا بولىدىكى، مۇسۇلمانلار قۇرئانغىلا ئەمەس قۇرئان بىلەن بىرلىكتە ئەھلى بەيتكىمۇ ئەگىشىشى كېرەك. شىئەلەرنىڭ ئىدىئولوگىيەلىك ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويساق، ئەھلى بەيت قۇرئاننىڭ نازىل بولۇشىغا يېقىندىن شاھىت بولغان ۋە ئىلاھىي كالامدىكى تەلەپلەرنى ئەڭ توغرا شەكىلدە تەدبىق قىلغان توپلۇق بولغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ بۇ جەمەتتىن جاسارەت ئالغانلىقىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، بارلىق يوللار يەنە سۈننەتكە تۇتۇشىدۇ. ئۇنداقتا مۇنۇ خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدۇ: سۈننەت ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ قۇرئاننى نوقۇل قۇرئان ئارقىلىق چۈشىنىش، پەيغەمبەرگە قارىغاندا قۇرئاننى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ ياشىغىلى بولىدىغانلىقىغا ئوخشاش قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەش كېرەك.

تەرجىمان: ئىبراھىمجان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*