قىرغىنچىلىق ھەققىدە

2018-يىلى 14-ماي

م. بۇغرا | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

 

قىرغىنچىلىق، بىر خەلقئارالىق جىنايى قىلمىش ئاتالغۇسىدۇر. بۇ ئاتالغۇ 1946- يىلى رافائېل لەمكىن (Raphael Lemkin) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ[1]، 1948 – يىلى «ب د ت قىرغىنچىلىقنى جازالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمنامىسى» دا (Prevention and Punishment of the Crime of Genocide) تۇنجى قېتىم رەسمىي ھۆججەتتە خەلقئارا قانۇنغا قارشى جىنايەت سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ، مەقسەتلىك ھالدا بىر مىللەت، دۆلەت، ئىرق ياكى دىنى گۇرۇپپىنى بىر پۈتۈن، ياكى قىسمەن يوقىتىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. بەلگىلىنىشىچە قىرغىنچىلىقنى شەكىللەندۈرىدىغان ھەرىكەتلەر، بىر مىللەت، ئىرق، دىنىي گۇرۇپپىنىڭ بىر پۈتۈن ياكى قىسمەن كىشىلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان:

·         بىر ئېتنىك، دىنى ياكى ئىرقى گۇرۇپپا كىشىلىرىنى ئۆلتۈرۈش

·         ئېغىر جىسمانىي ۋە روھى زەربە بېرىش

·         بۇ گۇرۇپپا كىشىلىرىنىڭ ھايات قىسمىتىگە ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىق قىلىش

·         بۇ گۇرۇپپا كىشىلىرىنىڭ نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى توسۇش.

·         بۇ گۇرۇپپا كىشىلىرى بالىلىرىنى باشقا گۇرۇپپا كىشىلىرى بالىلىرى ئارىسىغا قېتىۋېتىش

كېلىشىمنامىنىڭ 4 – 5 – ماددىلىرىغا ئاساسەن، كېلىشىمنامىگە قوشۇلغان ئەزا دۆلەتلەر قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەندە، جىنايەت سادىر قىلغۇچىغا شۇ دۆلەتتىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزامنامىلەر، ياكى خەلقئارالىق قانۇن نىزامنامىلەرگە ئاساسەن جازا بېكىتىلىشى كېرەك.


داۋامىنى پ د ف ھۆججىتىدىن ئوقۇڭ

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*