پۇلنىڭ ھىدى

2019-يىلى 29-ئاپرېل

يۇۋال ھارىرى

 

1519-يىلى ھېرنان كورتېس ۋە ھەمراھلىرى دۇنيادىن بىخەۋەر ئايرىم ياشايدىغان مېكسىكىنى ئىشغال قىلدى. ئۆزلىرىنى ئازتەكلەر دەپ ئاتايدىغان بۇ جەمئىيەت، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ياتلارنىڭ  يەنى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ سېرىق رەڭلىك بىر مېتالغا ئالاھىدە قىزىقىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېرنان كورتېس ۋە ھەمراھلىرى توختىماي بۇ سېرىق مېتالنىڭ گېپىنى قىلاتتى، يەرلىكلەر بولسا ھەم كۆرۈنۈش جەھەتتىن تولىمۇ گۈزەل، ھەمدە  قوللىنىشچان بولغان ئالتۇندىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك مېتالغا ناتونۇش ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان ئالتۇندىن قىممەتلىك زىبۇ-زىننەت ۋە ھەيكەل ياساش ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېلىۋاتاتتى. ئازتەكلەر بىرەر نەرسە سېتىۋالماقچى بولغاندا كاكاۋ دانچىلىرى ياكى رەختلەرنى پۇل سۈپىتىدە ئىشلىتەتتى. ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ ئالتۇن  ئىشتىياقى تولىمۇ مەنتىقسىز ئىدى، ئۇلارغا نىسبەتەن يېگىلى، ئىچكىلى، تىككىلى بولمايدىغان، قورال سايمان ياساش ئۈچۈن ھەددىدىن زىيادە يۇمشاق بولغان بۇ مېتال نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا مۇھىم؟ يەرلىكلەر كورتېستىن ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ ئالتۇننى نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «چۈنكى مەن ۋە ھەمراھلىرىم ئالتۇن بىلەنلا ساقايتقىلى بولىدىغان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتا بولدۇق.»

ئىسپانىيەلىكلەر قەدەم باسقان ئافرىقا-ئاسىيا قىتئەلىرىدە ئىنسانلارنىڭ ئالتۇن ئىشتىياقى ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىدى. ئەڭ ۋەھشىي دۈشمەنلەرمۇ بۇ سېرىق مېتالغا ئېرىشىشنىڭ كويىدا ئىدى، مېكسىكا ئىشغال قىلىنىشتىن 300 يىل ئىلگىرى، كورتېس ۋە ھەمراھلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى لىبېرىيە ۋە شىمالىي ئافرىقادىكى مۇسۇلمانلار ئەمىرلىكلەرگە قارشى دىن ئۇرۇشى ئېلىپ بارغانىدى. خىرىستىيانلار بىلەن مۇسۇلمانلار قانلىق ئۇرۇش قىلدى، ئۇرۇشتا شەھەرلەر خاراب بولدى، ئېتىزلىقلار ۋە باغلار ۋەيران قىلىندى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دىن نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قانلىق ئۇرۇشلاردا خىرىستىيانلار غەلىبە قىلدى، ئۇلار غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنىدىكى جامەلەرنى يىقىتىپ ئورنىغا چېركاۋلارنى سېلىشتى، بۇنىڭلىق بىلەنمۇ بولدى قىلماي، ئۈستىدە كىرېست بەلگىسى بولغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇللارنى باستۇرۇش ئارقىلىق،  تەڭرىگە دۈشمەنلىرىگە قارىشى ئۇرۇشتا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار بۇ يېڭى پۇلدىن سىرت يەنە، پەرقلىق مەنىگە ئىگە مىللارېس نامىدا يەنە پۇل بېسىپ تارقاتتى. بۇ پۇلنىڭ ئۈستىدە ئەرەبچە خەت يېزىلغان بولۇپ، خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر.» ھەممىدىن غەلىتە يېرى شۇكى، شىمالىي فىرانسىيەدىكى مېگۇل ۋە ئاگدېدىكى كاتولىك پوپلىرىمۇ بۇ «مۇسۇلمان پۇلى»نى بېسىپ تارقاتتى، تەڭرىگە ئېتىقاد قىلىدىغان خىرىستىيانلارمۇ بۇ پۇلنى سۆيۈپ تۇرۇپ ئىشلەتتى.

يەنە بىر دىياردىمۇ ۋەزىيەت پەرقلەنمەيتتى، شىمالىي ئافرىقادىكى مۇسۇلمان سودىگەرلەر فلورانسا فلورىنى، ۋېندىك دۇكاسى  ۋە ناپولى گىگلىتوسىغا ئوخشاش خىرىستىيان پۇللىرىنى ئىشلىتىپ سودا قىلاتتى. كاپىر خىرىستىيانلارغا قارشى خەلقىنى جىھادقا چاقىرىلغان مۇسۇلمان ئەمىرلەرمۇ ئۈستىدە ئەيسا ۋە مەريەم رەسىمى چۈشۈرۈلگەن پۇللارنى باج سۈپىتىدە ئالاتتى.

 

نەرسىلەرنىڭ باھاسى قانچە؟

 

ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئوۋچى توپلۇقلارنىڭ پۇلى يوق ئىدى. ئۇلار بىرلىكتە ئوۋغا چىقاتتى، گۆش، دورا، ئاياغ، يېمەكلىك قاتارلىق ھەممە نەرسىنى ئۆزلىرى ياساپ چىقاتتى. ئۇلار ئىچىدە بىرەر كەسىپتە پىشقان ئۇستىلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى، ئۇلار ياخشىلىق ۋە مەجبۇرىيەتكە تايانغان ئىقتىسادىي تۈزۈم دائىرىسىدە ئىشلەپچىقارغان مال ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئۆز-ئارا ئورتاقلىشاتتى. ھەقسىز بېرىلگەن بىر پارچە گۆش ھامان بىر كۈنى باشقا بىر  نەرسە بىلەن قايتۇرالايتتى. بۇ توپلۇقلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاساسەن دېگۈدەك مۇستەقىل ئىدى، لېكىن يۇرتىدا تېپىلمايدىغان قۇلۇلە قېپى باشقا نەرسىلەرنى ياتلاردىن يەنى باشقىلاردىن ئالاتتى، بۇ ئېلىم-بېرىم ئەلۋەتتە پۇل بىلەن بولمايتتى، ئىككى تەرەپ قولىدىكى نەرسىلەرنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇراتتى: «سىزگە گۈزەل قۇلۇلە قېپى بېرىمىز، بۇنىڭغا بەدىلىگە سىلەرمۇ بىزگە سۈپەتلىك چاقماق تېشى بېرىسىلەر.»

تېرىقچىلىق ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىمۇ ئېلىم-بېرىم ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. كۆپ قىسىم ئىنسان كىچىك ۋە سەمىمىي توپلۇقلاردا ياشاشنى داۋاملاشتۇردى، خۇددى ئوۋچى توپلۇقلاردا بولغىنىدەك ھەر يېزىمۇ ھەر جەھەتتە ئۆز-ئۆزىنى قامدىيالايدىغان ئىقتىسادىي گەۋدىدىن ئىبارەت ئىدى. كىچىك بولغان بۇ ئىقتىسادىي گەۋدىدە ئېلىم بېرىم يەنىلا ياخشىلىق ۋە مەجبۇرىيەت ئاساسىدا بۇيۇملار ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىدا ئېلىپ بېرىلاتتى. مەسىلەن، سەھرادىكى بىرسى ناھايىتى ئۇستا موزدۇز  بولغان بولسا، يەنە بىرسى يارا تېڭىشقا ماھىرە كېلەتتى. سەھرادىكىلەرمۇ ئاياغ لازىم بولغاندا ياكى يارا تاڭدۇرماقچى بولسا كىمنىڭ قېشىغا بارسا بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. قىسقىسى، يېزىلار تولىمۇ كىچىك، ئىقتىسادىي پائالىيەت پەۋقۇلئاددە تار دائىرىدە ئېلىپ بېرىلاتتى، بۇ سەۋەبتىن بىر كۈن تولۇق ئىشلەيدىغان موزدۇز ياكى ھەكىملەر يوق ئىدى.

شەھەرلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ خانلىقلارنىڭ قۇدرەت تېپىشى، شۇنداقلا قاتناشنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن مەلۇم بىر ساھەدە مۇتەخەسسىسلىشىش ئۈچۈن زور پۇرسەتلەر بارلىققا كەلدى. نوپۇسى زىچ بولغان شەھەرلەر پەقەتلا مۇزدوزلار ۋە دوختۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس ياغاچچىلار، راھىبلار، ئەسكەرلەر ۋە ئادۋوكاتلار ئۈچۈنمۇ  بىر كۈن تولۇق كۈن ئىشلىشىش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېزىلار شان-شۆھرەتكە ئېرىشىپ ياخشى شاراب، زەيتۇن يېغى ياكى ساپال قاچا ئىشلەپچىقىرىدىغان ھالەتكە يەتتى ۋە پەقەت مۇشۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا مۇتەخەسسىسلىشىپ باشقا مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياجىنى ئۆزگە يېزىلاردىن قامداشنى ئۆگىنىۋالدى، بۇ ئەھۋال ئەقىلگە تولىمۇ مۇۋاپىق ئىدى. كىلىمات ۋە زېمىنلار بىر-بىرىدىن پەرقلىنەتتى، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن كىلىماتى ۋە توپىسى ئۈزۈم شارابلىرىغا مۇۋاپىق بىر جاينىڭ سۈپەتلىك بىر شارابى بار يەردە، ئۆزىڭىزنىڭ بېغىدىن چىققان ئۈزۈمدىن ئېچىتىلغان ئادەتتىكى شارابنى ئىستېمال قىلىسىز؟ ئەگەر سىزگە تەۋە يەردىكى توپىدىن تېخىمۇ نەپىس ۋە تېخىمۇ پۇختا ساپال قاچا ياسىغىلى بولسا، ئۇنى باشقىلارنىڭ قولىدىكى لازىملىق مەھسۇلاتلار بىلەن ئالماشتۇرسىڭىز تامامەن بولىدۇ  ئەمەسمۇ. قىسقىسى، تولۇق بىر كۈن ئىشلەيدىغان شارابچىلار ياكى ساپال قاچا ئۇستىلىرى (ئەلۋەتتە دوختۇرلار ۋە ئادۋوكاتلارمۇ بار) ئۆز ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلىكلىرىنى ھەممە ئادەم مەنپەئەتىگە پايدىلىق شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرالىدى. لېكىن  مۇتەخەسسىسلىشىش باشقا بىر مەسىلە پەيدا قىلدى: مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىم-بىلىم قانداق بولىدۇ؟

ياخشىلىق ۋە مەجبۇرىيەت ئاساسىدىكى ئىقتىسادىي تۈزۈم، بىر مۇنچە يات كىشىنىڭ ھەمكارلىق قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان مۇھىتتا ئىشقا يارىمايدۇ. بىرسىنىڭ ئىنىسىغا ياكى قوشنىسىغا خالىسانە ياردەم قىلىش بىلەن ياخشىلىقىڭىزنىڭ جاۋابنى قەتئىي قايتۇرالمايدىغان يات بىرسى بىلەن ئىش قىلىش ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار. ئېلىم-بېرىمدا قوللىنىلىدىغان ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى  ئەڭ مۇۋاپىق ئىدى، بۇ ئۇسۇل چەكلىك ساندا مەھسۇلات ئېلىم-بېرىمى بولىدىغان مۇھىتتا ئىشقا يارايتتى، لېكىن مۇرەككەپ ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىشتىن تولىمۇ ئاجىز ئىدى.

ئېلىم-بېرىمدىكى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ تار دائىرىلىك خۇسۇسىيىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر رايوندىكى ئەڭ تەملىك، ئەڭ نەپىس ئالما چىقىدىغان ئالما بېغىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. سىز ئەتىدىن كەچكىچە ئىشلەپ ئايىغىڭىزنىڭ يىرتىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالىسىز، مەھسۇلاتلىرىڭىزنى ئېشەك ھارۋىسىغا يۈكلەپ دەريا بويىدىكى بازارغا ئېلىپ بارىسىز، قوشنىڭىز سىزگە بازاردىكى بىر موزدۇزنىڭ ئۆزىگە بەش يىلدىن بۇيان كىيىپ كېلىۋاتقان ناھايىتى پۇختا ئاياغلار تىكىپ بەرگەنلىكىنى دەيدۇ. سىز ئالايىتەن موزدۇزنىڭ قېشىغا بارىسىز، لازىملىق ئاياغنى ئېلىش ئۈچۈن قولىڭىزدىكى ئالمىلاردىن بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا تەكلىپ قىلىسىز.

موزدۇز دەسلەپ ئارىسالدى قالىدۇ، ئۇ  بىر جۈپ ئايىغى ئۈچۈن سىزدىن قانچىلىك ئالما تەلەپ قىلىشى كېرەك؟ ئۇ ھەر كۈنى ئونلارچە خېرىدار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇلاردىن بەزىلىرى بىر خالتا ئالما، بەزىلىرى بىر چىپتا بۇغداي، ئۆچكە  ياكى رەخت قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بەزىلىرى بولسا خانغا خەت يېزىش ياكى  دۈمبە ئاغرىقىنى ساقايتىشقا ئوخشاش ماھارەتلەرنى تەكلىپ قىلىدۇ. موزدۇز ئۈچ ئاي بۇرۇن بىر جۈپ ئايىغىغا  ئۈچ خالتا ئالما تېگىشكەن بولغىيمىتى ياكى تۆت خالتىمۇ؟ موزدۇز بۇ ئالمىلارنىڭ تۆپىلىكلەردىكى باغلارنىڭ ئالمىسىمۇ ياكى ۋادىدىكى باغلارنىڭ  ئالمىلىرىمۇ بۇنى ئويلاپ دەسلەپ بېشى قاتىدۇ ۋە ئاخىرى بىرسىگە قارار بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالمىلار ئەرلەرنىڭ ئاياغلىرىغا قارىغاندا كىچىكرەك بولغان ئايال كىشىنىڭ ئايىغى ئۈچۈن بېرىلگەنىدى.بۇ قېتىم ئالمىچى ئەرلەرنىڭ ئايىغىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەن  ھەپتە يېزىدا كېسەللىك تارقاپ كېتىپ پادىلارنى قىرىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن تېرە قىسلىقى كېلىپ چىققانىدى. تېرىچىلەر ئوخشاش مىقداردىكى تېرە ئۈچۈن بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە ئاياغ تەلەپ قىلماقتا، ئەلۋەتتە بۇلارمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك.

ئالماشتۇرۇشنى ئاساس قىلىدىغان ئىقتىسادىي تۈزۈمدە ھەر كۈنى موزدۇز ۋە دېھقان ئونلارچە مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى  ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئەگەر بازاردا 100دەك مەھسۇلات ئايلىنىپ تۇرىدىغان بولسا، خېرىدار ۋە ساتقۇچى 4950 پەرقلىق باھا نىسبىتىنى بىلمىسە بولمايدۇ. ئەگەر مىڭ خىل مەھسۇلات بولسا بۇ نىسبەت 499500 بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ مۇرەككەپلىكنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

ھەممىدىن چاتاق يېرى، بىر جۈپ ئاياغقا قانچىلىك ئالما كېلىدىغانلىقىنى توغرا ھېسابلاپ چىققان تەقدىردىمۇ ئالماشتۇرۇش ھەر ۋاقىت مۇمكىن بولمايدۇ. سودىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قولىدا بىر-بىرىگە ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتتىن بولۇشى شەرت. موزدۇز ئالما خالىمىسىمۇ؟ موزدۇزنىڭ ئالمىغا ئەمەس ئاجرىشىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشكە ئېھتىياجى بولسىچۇ؟ دېھقان بۇ ئەھۋالدا ئالما ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادۋوكات تېپىپ ئۈچ تەرەپلىك سودا قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئادۋوكاتنىڭمۇ ئالمىغا ئېھتىياجى بولمىسىچۇ؟ ياكى ئادۋوكات ئالمىنىڭ ئورنىغا  چېچىنى ياساتقۇزۇشنى تەلەپ قىلسىچۇ؟

بەزى جەمئىيەتلەر بۇ ئەھۋالنى مەركەزدىن باشقۇرۇلىدىغان ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى ئويلاپ چىقىپ ھەل قىلدى. بۇ سىستېمىدا دېھقانلار ۋە ھۈنەرۋەنلەر ماللىرىنى يىغىپ ئېھتىياجى بارلارغا تارقىتاتتى. بۇ سىستېمىنىڭ ئەڭ چوڭ تىپتىكىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدا سىناق قىلىندى، لېكىن ئېغىر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. «ھەممە ئادەم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەيدۇ ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ مال ئالىدۇ»چۈشەنچىسى رېئاللىقتا«ھەممە ئادەم مۇمكىن قەدەر ئاز ئىشلەيدۇ ۋە قانچىلىك كۆپ مال ئېلىشقا قۇربى يەتسە شۇنچىلىك ئالسۇن»دېگەن چۈشەنچىگە ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى. بۇ سىستېمىنىڭ ئوتتۇرھال چوڭلۇقتا بولغىنىمۇ سىناق قىلىندى، مەسىلەن، ئىنكا ئىمپېرىيەسىدە بۇ سىستېما سىناق قىلىندى. لېكىن يەنىلا نۇرغۇن جەمئىيەت نۇرغۇن مۇتەخەسسىسنى بىر يەردە بىرلەشتۈرىدىغان تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىشتى: پۇل بىلەن سودا قىلىش.

 

قۇلۇلە قېپى ۋە تاماكا

 

ئەمەلىيەتتە پۇل نۇرغۇن يەردە ۋە پەرقلىق زامانلاردا ئىجاد قىلىندى. پۇلنىڭ ئىجاد قىلىنىشى تېخنولوگىيەلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولماستىن، زېھنىي جەھەتتىكى غايەت زور ئىنقىلاب ئىدى. بۇ ئىنقىلاب ئىنسانلارنىڭ ئورتاق تەسەۋۋۇر كۈچىدىكى يېڭى بىر ھەقىقەتنىڭ قېزىپ چىقىرىلىشىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

پۇل قانداقتۇر تەڭگە، داچەن ياكى رەڭلىك قەغەز ئەمەس، ئۇ مال ۋە مۇلازىمەتنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتىنى سىستېمىلىق ھالدا بېكىتىش ئۈچۈن ئىنسانلار ئۆزلىرى رازى بولغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. پۇل ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان مەھسۇلاتلارنىڭ (مەسىلەن، ئالما، ئاياغ ۋە ئاجرىشىش داۋاسى)قىممىتىنى ئاسان ۋە تېز سۈرئەتتە ھېساب چىقىش، مەھسۇلاتلارنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئېشىنىدى مەھسۇلاتلارنى ساقلاش قاتارلىقلاردا ئىشقا يارايدۇ. تارىختا خىلمۇ خىل پۇللار ئىجاد قىلىندى. بۇلار ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ئۆلچەملەشكەن باسما تەڭگە پۇل ئىدى. تەڭگە پۇل ئىجاد قىلىنىشتىن ئۇزۇن يىل ئاۋۋال ئىشلىتىلگەن پۇل ئوخشىمىغان جەمئىيەتلەردە پەرقلىق مەھسۇلاتلار ئىشلىتىلىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلدى: قۇلۇلە قېپى، ھايۋان تېرىسى، تۇز، ئۇرۇق، ئۈنچە-مارجان، رەخت ۋە توختامنامە. دېڭىز قۇلۇلىرى تۆت مىڭ يىل ئافرىقا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوكيانىيەدە پۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلدى. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇگاندادا باجلار قۇلۇلە قېپى بىلەن تۆلىنەتتى.

زامانىۋى تۈرمىلەردە ۋە ئەسىر لاگېرلىرىدا تاماكا پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلەتتى. تاماكا چېكىلمەيدىغان تۈرمىلەردىمۇ مەھبۇسلار تاماكىنى پۇل سۈپىتىدە قوبۇل قىلاتتى، تۈرمىلەردە بارلىق مال ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ باھاسى تاماكا بىلەن ئۆلچىنەتتى. ئاۋسچۋىتىزدىن قۇتۇلغان بىرسى لاگېردا پۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن تاماكا توغرۇلۇق مۇنداق ھېكايە بايان قىلىدۇ: «ھېچكىممۇ گۇمان قىلمايدىغان ۋە ھەممىمىز ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان پۇل بىرلىكىمىز بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ تاماكا. ھەر مالنىڭ باھاسى تاماكىغا ئاساسەن بېكىتىلەتتى. مەسىلەن، بىر تال بولكا 12 قاپ تاماكىغا كېلەتتى، 300 گىراملىق سۈنئىي قايماق  30، قول سائىتى 80، بىر لىتىر ھاراق 400 قاپ تاماكىغا كېلەتتى.»

ئەسلىدە كۈنىمىزدىمۇ تەڭگە ۋە قەغەز پۇللار ئۇنچىۋالا كەڭ ئومۇملاشقان ئەمەس. 2006-يىلى دۇنيادىكى جەمئىي پۇل مىقدارى 473 تىرىليون دوللار بولغان بولسا، تەڭگە ۋە قەغەز پۇللارنىڭ جەمئىي قىممىتى 47 تىرىليون دوللاردىنمۇ ئاز ئىدى. بارلىق پۇلنىڭ %90دىن ئارتۇقراقى (بىزنىڭ ھېسابلىشىمىزچە 400 تىرىليون دوللاردىن كۆپرەكى)پەقەت كومپيۇتېردىلا رەقەم سۈپىتىدە بار. نۇرغۇن مالىيە ئىشلىرى ئېلېكتىرونلۇق سانلىق-مەلۇماتنىڭ بىر كومپيۇتېر ھۆججىتىدىن باشقا بىر ھۆججەتكە يۆتكىلىشى بىلەن، يەنى ھېچقانداق فىزىكىلىق يۆتكەش بولماي تۇرۇپمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھازىرقى كۈندە، بىر جىنايەتچى ئۆي ئالغاندا قارشى تەرەپكە بىر سومكا لىق بېرىدۇ، ئىنسانلار ئېلېكتىرونلۇق سانلىق-مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ مال ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئالماشتۇرۇشقا ماھىر ۋە مايىل كېلىدۇ. بۇ ئۇسۇل پارقىراپ تۇرىدىغان تەڭگە ۋە شىرىق-شىرىق قەغەز پۇللارغا قارىغاندا بەكرەك ئۈنۈملۈك بولۇپ ھەم يەر ئىگىلىمەيدۇ ھەمدە ھېساباتىنى قىلىش ئاسانغا توختايدۇ.

مۇرەككەپ سودا سىستېمىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەر قانداق بىر خىلدىكى پۇل چوقۇم بولۇشى شەرت. بىر پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدا بىر موزدۇز بىلىشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپ ئوخشىمىغان ئاياغ تۈرلىرىنىڭ باھالىرى بولۇپ، موزدۇزلار بىلەن ئالمىلار ياكى ئۆچكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىش نىسبىتىنى بىلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. پۇل يەنە ئالمىچىلارنىمۇ ئالما ئالىدىغان موزدۇزلارنى تېپىش مەجبۇرىيىتىدىن قۇتقۇزىدۇ، دەرۋەقە، ھەممە ئادەم شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە پۇل تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى باشقا ئادەملەرمۇ شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە تەلەپ قىلىدۇ، ئەمەسمۇ. بۇ سەۋەبتىن پۇلنى خالىغان ياكى ئېھتىياجىڭىز بولغان ھەر قانداق نەرسە ئۈچۈن ئىشلىتەلەيسىز. موزدۇز پۇلىڭىزنى ئالغانلىقى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت خۇرسەن بولىدۇ، چۈنكى ئۇ  پۇل بىلەن  خالىسا ئالمىنى، خالىسا ئۆچكىنى ياكى  خالىسا باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالالايدۇ.

پۇل ئىنسانلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەر قانداق نەرسىنى باشقا ھەر قانداق نەرسە بىلەن ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغان دۇنياۋى قورالدۇر. ئارمىيە سېپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان بىر ئەسكەر يىغقان پۇللىرىنى ئوقۇش راسخوتىغا بېرىش ئارقىلىق، جىسمانىي كۈچىنى مېڭە كۈچىگە ئايلاندۇرىدۇ. بىر باي قوللىغۇچىلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر پارچە زېمىنىنى ساتقان ۋاقتىدا بۇ زېمىن تەبىئىي ھالدا ساداقەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ دوختۇر كىرىمىنى ئادۋوكات ئىشلىتىش ياكى بىر سوتچىغا پارا بېرىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن چاغدا  سەھىيە قانۇنغا ئايلىنىدۇ. 15-ئەسىردىكى پاھىشىلەر ئەرلەر بىلەن يېتىپ قوپۇش ئارقىلىق تاپقان پۇللىرىنى كاتولىك چېركاۋىدىن ئەندۇلجانس (كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئەسىرلەر بويىچە پۇل بەدىلىگە سېتىپ كەلگەن گۇناھلارنى كەچۈرۈش مۇلازىمىتى) سېتىۋالغانىدى.

مۇۋاپىق پۇل تۈرلىرى ئىنسانلارنىڭ بىر نەرسىنى باشقا بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، يىغقان بايلىقلىرىنىمۇ ساقلاش شارائىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ۋاقىت ۋە گۈزەللىككە ئوخشاش نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىنى يىغىپ ساقلاش مۇمكىن بولمايدۇ، لېكىن بەزى نەرسىلەرنى ئۇزۇن ساقلىغىلى بولمايدۇ (بۆلجۈرگەن)، ياكى ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدۇ بىراق نۇرغۇن يەرنى ئىگىلەپ كېتىدۇ، بەزى نەرسىلەر تولىمۇ قىممەت بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنى مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ قوغداشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، زىرائەت ئۇرۇقلىرىنى نەچچە يىل ساقلىغىلى بولىدۇ، لېكىن بۇلارنى ساقلاش ئۈچۈن غايەت زور چوڭلۇقتا ئامبار ياساپ، بۇغداينى چاشقاندىن، نەملىشىپ كېتىشتىن، ئوت كېتىشتىن ساقلاش كېرەك. مەيلى قەغەز پۇل بولسۇن، مەيلى كومپيۇتېردىكى سۈنئىي پۇل بولسۇن مەيلى قۇلۇلە قېپى بولسۇن يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. قۇلۇلە قېپى چىرىپ كەتمەيدۇ، چاشقانلارغا يەم بولمايدۇ، ئوتقا چىداشلىق ۋە بىر يەردە ساقلاشمۇ ئاسان.

مال-دۇنيانى ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر يەردە ساقلاشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمايدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا بىر يەردىن باشقا بىر يەرگە يۆتكەش كېرەك. ئۆي-مۈلۈككە ئوخشاش بەزى بايلىقلارنى باشقا جايغا يۆتكەش مۇمكىن ئەمەس.، بۇغداي ۋە گۈرۈچلەرنى يۆتكەش بولسا ئاسانراق. نامرات بىر دۆلەتتە ياشايدىغان ۋە يىراق بىر دىيارغا كۆچكەن بايراق بىر دېھقاننى  تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. دېھقاننىڭ قولىدا نۇرغۇن بۇغداي ۋە گۈرۈچ، شۇنداقلا ئۆي-مۈلۈكلىرى بار، لېكىن كۆچكەندە قېشىغا ئېتىزلىقىنى ئالالمايدۇ، بۇلارنى تونلارچە بۇغداي ياكى گۈرۈچكە ئالماشتۇرسا بولىدۇ، لېكىن بۇنداق ئەھۋالدا بۇنچىۋالا گۈرۈچ ياكى بۇغداينى توشۇش تولىمۇ مۈشكۈل، توشۇشقىمۇ نۇرغۇن پۇل كېتىشى مۇمكىن. پۇل دەل مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ، دېھقان پۇل ئارقىلىق بارلىق مال دۇنياسىنى بىر نەچچە خالتا قۇلۇلە قېپىغا  ساتىدۇ ۋە بۇنى يېنىدا ئاسانلا توشىيالايدۇ.

پۇل بايلىقلارنى ئاسان ئۇسۇل بىلەن باشقا نەرسىلەرگە ئالماشتۇرالايدىغانلىقى، يىغىپ ساقلىيالايدىغانلىقى ۋە يۆتكەپ قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن ھەرىكەتچان بازارلار ۋە مۇرەككەپ سودا تورلىرىنىڭ بەرپا بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. پۇل بولمىسا سودا تورلىرى ۋە بازارلار چوڭلۇق، مۇرەككەپلىك ۋە دىنامىكىلىق نۇقتىسىدىن تولىمۇ چەكلىك دائىرىدە قالغان بولاتتى.

 

ئۇنداقتا پۇل قانداق ئىشلەيدۇ؟

 

قۇلۇلە قېپى ۋە دوللارنىڭ پەقەت تەسەۋۋۇر دۇنيايىمىزدىلا مەلۇم دەرىجىدە قىممىتى بار. پۇلنىڭ قىممىتى قۇلۇلە قېپى ياكى قەغەزنىڭ خىمىيەلىك قۇرۇلمىسى، رەڭگى ياكى شەكلىگە باغلىق ئەمەس. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پۇل بىر تاۋار ئەمەس، پۇل پىسخىكىلىق بىر نەرسە بولۇپ، جىسىمنى زېھنىي نەرسىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇنداقتا پۇل نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى؟ نېمە ئۈچۈن بىرسى بەرىكەتلىك بىر بۇغداي ئېتىزلىقىنى ئاران بىر سىقىم كارغا كەلمەس قۇلۇلە قېپىغا تېگىشىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئازراق رەڭلىك قەغەزنى دەپ، سەھىيە سۇغۇرتىسى سېتىشقا، ئىشىكمۇ ئىشىك قاتراپ مال سېتىشقا ياكى بىر نەچچە يىغلاڭغۇ ۋە كەپسىز بالىنى بېقىشقا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىشقا رازى بولىمىز؟

ئىنسانلار مۇشۇنداق ئىشلارنى پەقەت كوللېكتىپ خىيال ياكى تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ ئىجادلىرىغا ئىشەنگەن ۋاقتىدىلا قىلىدۇ. ئىشەنچ بارلىق پۇل تۈرلىرىنىڭ خام ماددىسىدۇر. باي بىر دېھقان بارلىق بايلىقىنى بىر خالتا قۇلۇلە قېپى بەدىلىگە سېتىپ يىراق دىيارغا كۆچۈپ كەتكەندە، بۇ جايدىكى ئىنسانلارنىڭ قۇلۇلە قېپىغا گۈرۈچ، ئۆي ۋە ئېتىزلىقلارنى تېگىشىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇڭلاشقا پۇل ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە ئىشىنىشنى ئاساس قىلىدىغان سىستېمىدۇر. بۇ قانداقتۇر ئادەتتىكى ئىشەنچ سىستېمىسى ئەمەس: پۇل ھازىرغىچە ئىجاد قىلىنغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئالەمشۇمۇل ئىشەنچ سىستېمىسىدۇر.

بۇ ئىشەنچىنى ياراتقان نەرسە بولسا تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە ئۇزۇن يىللىق سىياسەت، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر تورىدۇر. نېمە ئۈچۈن قۇلۇلە قېپىغا، ئالتۇنغا ياكى يېشىل رەڭلىك دوللارغا ئىشىنىمەن؟ چۈنكى قوشنىلىرىممۇ بۇلارغا ئىشىنىدۇ. قوشنىلىرىم بۇ نەرسىلەرگە قانداق ئىشەنسە مەنمۇ شۇنداق ئىشىنىمەن ۋە بىز ھەممىمىز بۇلارغا ئىشىنىمىز. چۈنكى پادىشاھىمىزمۇ بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، ئۇلار باج سۈپىتىدە بۇلارنى قوبۇل قىلىدۇ، شۇنداقلا راھىبلىرىمىزمۇ بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ، باج سۈپىتىدە بۇلارنى بىزدىن ئالىدۇ. قولىڭىزغا بىر دوللارنى ئېلىپ ئىنچىكىلەپ كۆزىتىڭ. رەڭلىك بىر قەغەز ئۈستىدە بىر تەرەپتە ئامېرىكا خەزىنە ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ئىمزاسى، يەنە بىر تەرەپتە «تەڭرىگە ئىشىنىمىز»دېگەن خەتنى كۆرىسىز. دوللارنى تېگىشىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىمىز، چۈنكى ھەم ئىلاھقا ھەمدە ئامېرىكا خەزىنە ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ئىمزاسىغا ئىشىنىمىز. ئىشەنچنىڭ بۇنچىلىك مۇھىم رولى، نېمە ئۈچۈن پۇل-مۇئامىلە سىستېمىمىزنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك سىستېمىمىزغا بۇنچىلىك باغلىق ئىكەنلىكىنى، پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسلىرىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ۋە پايچىك بازارلىرىنىڭ بىر كۈندە پايچىك ئېلىپ ساتىدىغانلارنىڭ روھى ھالىتىگە باغلىق ھالدا چۈشۈپ چىقىپ قىلىدىغانلىقىنى ئوبدانلا ئىزاھلىيالايدۇ.

پۇلنىڭ تۇنجى تۈرى ئىجاد قىلىنغان چاغدا، ئىنسانلار بۇ پۇل تۈرىگە ئىشەنچ قىلالمىغانلىقتىن، قىممەتلىك بولغان نەرسىلەرنى پۇل سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغانىدى. تارىختىكى تۇنجى پۇل تۈرى بولغان سۈمەر ئارپىسى بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ. ئارپا پۇلى سۈمەر زېمىنلىرىدا مىلادىدىن بۇرۇن 3000-يىللاردا يېزىق بىلەن ئوخشاش شارائىتتا، ئوخشاش يەردە ۋە ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقتى. يېزىق  كۈندىن-كۈنگە مۇرەككەپلىشىپ بېرىۋاتقان مەمۇرىي ۋە ئىدارە خىزمەتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى  قانداق ھەل قىلالىغان بولسا، ئوخشاشلا ئارپا پۇلىمۇ كۈندىن-كۈنگە قويۇقلىشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلالىدى.

ئارپا پۇلى دەل بىزگە تونۇشلۇق ئارپا ئىدى. يەنى باشقا بارلىق مال ۋە خىزمەتلەرنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەش ۋە بىر-بىرلىرى بىلەن تېگىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مۇقىم مىقداردىكى ئارپا دانچىلىرى ئىدى. ئەڭ ئومۇملاشقان ئۆلچەم بولسا بىر لىتىرغا توغرا كېلىدىغان سىلا ئىدى. بىرسى بىر نەرسە سېتىۋالماقچى ياكى ساتماقچى بولغاندا لازىملىق ئارپا مىقدارىنى ئاسانلا ئۆلچەش ئۈچۈن، ھەر بىرى بىر سىلا پاتىدىغان نۇرغۇن مىقداردا ئۆلچەملىك ساپال قاچا ياسالدى. مائاشلارمۇ ئارپا سىلالىرىغا ئاساسەن بېكىتىلەتتى ۋە بۇ تەرىقىدە بېرىلەتتى. بىر ئەر ئىشچى ئايدا 60، ئايال ئىشچى 30، ئۇستا 1200-5000 ئەتراپىدا ئالاتتى. ئەڭ چوڭ ئۇستا 5000 لىتىر ئارپىنى يېيەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، لېكىن يېيەلمىگەن سىلالارنى ياغ، ئۆچكە، دېدەك ياكى باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلەتمەيتتى.

ئارپىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قىممىتى بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانلارنى ئارپىنىڭ ئادەتتىكى بىر مەھسۇلات ئەمەس بىر پۇل ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى رايونىمىزدىكى بىرەر سودا-سېتىق مەركىزىگە بىر خالتا ئارپا ئېلىپ بېرىپ، بىر كۆڭلەك ياكى پىززا قاتلىمى سېتىۋالماقچى بولغاندا چۈشىنەلەيسىز، سىز قارشى تەرەپكە بىر خالتا ئارپىنى تەڭلىسىڭىز ئۇلار ئامانلىقىنى ساقلاش خادىمىنى چاقىرىشى مۇمكىن. شۇنداقتا تۇنجى پۇل تۈرى بولغان ئارپا توغرۇلۇق ئىنسانلاردا ئىشەنچ پەيدا قىلىش نىسبەتەن ئاسان ئىدى، چۈنكى ئارپىنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىيولوگىيەلىك قىممىتى بار ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئارپىنى يىغىپ ساقلاشمۇ قىيىن ئىدى. پۇلنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ زور بۇرۇلۇش نۇقتىسى ، ئىنسانلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قىممىتى بولمىغان لېكىن يىغىپ ساقلاش ئاسان بولغان پۇلغا ئىشەنچ باغلاشقا باشلىغان چاغدا ۋۇجۇدقا چىقتى. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 3000-يىلى مېسوپوتامىيە ئوتتۇرىغا چىقتى،بۇ پۇل كۈمۈش  ئىدى.

بۇ كۈمۈش پۇل بىز بىلىدىغان يۇمىلاق شەكىللىك پۇل ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 8. 33 گىرام كېلەتتى. خاممۇرابى قانۇنلىرى دېدەك بىر ئايالنى ئۆلتۈرگەن ئۈستۈن ئىنساننىڭ (ئەركىن ئىنسان) دېدەكنىڭ خوجايىنىغا 30 كۈمۈش تۆلەم بېرىشى كېرەكلىكىنى جاكارلىدى، بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان 20 كۈمۈش قانداقتۇر ئايرىم ئايرىم يۇمىلاق تەڭگە ئەمەس ئىدى، دېدەكنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئۈستۈن كىشى 166 گىرام ئېغىرلىقتا تۆلەم تۆلەپ بېرىشى كېرەك ئىدى. تەۋراتتا تىلغا ئېلىنغان پۇل ئۇقۇملىرى كۈمۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئىدى، مەسىلەن، يۇسۇفنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى ئىسمائىل جەمەتىگە 20 تەڭگە كۈمۈش ئەمەس، 166 گىرام ئېغىرلىقتىكى كۈمۈش بەدىلىگە سېتىۋەتكەنىدى (دېدەك بىر ئايال بىلەن ئوخشاش باھا، يۇسۇف قانداقلا بولمىسۇن كىچىك بىر بالا ھېسابلىناتتى).

گەرچە ئارپىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قىممىتى بولسىمۇ، لېكىن كۈمۈش پۇلنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قىممىتى يوق ئىدى. كۈمۈشنى يەپ ئىچكىلى بولمايتتى ياكى كىيىم قىلىپ كىيگىلى تېخىمۇ بولمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈمۈش قوللىنىشچان بۇيۇملار ياساش ئۈچۈن ھەددىدىن زىيادە يۇمشاقتۇر (كۈمۈشتىن ياسالغان ساپال تۆمۈرلەر ياكى قىلىچلار ئاليۇمىندىن ياسالغان بۇيۇملاردەكلا ئاسان ئىگىلىدۇ). كۈمۈش بىلەن ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەر، تاج ياكى ئىجتىمائىي ئورۇنغا سىمۋوللۇق قىلىدىغان نەرسىلەرنى ياساشتىلا ئىشلىتىلدى (بەزى جەمئىيەتلەردە بىر قىسىم ئىجتىمائىي قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ ئورنى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ، بۇ ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى بولغان كىشىلەر ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن يالغان قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى ئىشلىتىدۇ)، شۇڭلاشقا بۇ نەرسىلەرنىڭ قىممىتى كۈلتۈر ۋە ئىجتىمائىيلىققا ئىگىدۇر.

مېتاللاردىن ياسالغان پۇل ئورنىدىكى نەرسىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مېتال پۇللارنىڭ پەيدا بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. تارىختىكى تۇنجى مېتال پۇل مىلادىدىن ئىلگىرى 640-يىلى لىديا پادىشاھى ئالتايتەس تەرىپىدىن ئانادولۇنىڭ غەربىي رايونىدا بېسىپ تارقىتىلدى. بۇ مېتال پۇللارنىڭ ئالتۇن ياكى كۈمۈش تۈرلىرى مۇئەييەن ئېغىرلىقتا بولۇپ، ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن ئۈستىگە ئىشارەتلەر بېسىلغانىدى. بۇ ئىشارەت مۇنداق ئىككى نەرسىنى كۆرسىتەتتى: بىرسى قىممەتلىك مېتالنىڭ قىممىتى، يەنە بىرسى پۇلنى بېسىپ ئۇنى قىممەتكە ئىگە قىلغان ھاكىمىيەت ئىدى. كۈنىمىزدە ئىشلىتىلگەن بارلىق مېتال پۇللار لىديا پۇللىرىنىڭ نەسەبىدىن كېلىدۇ.

مېتال پۇللارنىڭ تامغىسىز زىقچىلارغا قارىغاندا ئىككى جەھەتتىن ئارتۇقچىلىقى بار بولۇپ، بىرىنچىسى زىقچىلارغا ئوخشاش ھەر ئېلىم-بېرىمدا تارتىلمايتتى، ئىككىنچىسى، زىقچىلارنى تارتىش بىلەنلا ئىش تۈگىمەيتتى. ئاياغ ساتقۇچى زىقچىلارنىڭ ساپ كۈمۈش بىلەن ھەل بېرىلگەن قوغۇشۇندىنمۇ ياكى كۈمۈشكە ئوخشاش كېتىدىغان نەرسە بىلەن ھەل بېرىلگەنمۇ بۇنى قانداق بىلەلەيدۇ؟ مېتال پۇللار بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بېسىلغان ئىشارەتلەر ئۇلارنىڭ ھەققى قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى،بۇنداق بولغاندا ئاياغ ساتقۇچىمۇ پۇل ساندۇقىنىڭ قېشىدا بىر تارازا ساقلاشقا مەجبۇر بولمايتتى. ھەممىدىن مۇھىمى، پۇلنىڭ ئۈستىدىكى ئىشارەت پۇلنىڭ قىممىتىنى كاپالەتكە ۋە قىممەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ بەلگىسى ئىدى.

ئىشارەتنىڭ شەكلى ۋە چوڭلۇقى داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇردى، لېكىن بۇ يەردىكى مەقسەت ئوخشاش ئىدى: ”مەن شۇ ياكى بۇ جاينىڭ ھۆكۈمدارىمەن، سىزگە مۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، بۇ مېتال يۇمىلاق نەرسە بەش گىرام ئالتۇندۇر. ئەگەر بىرسى قوپۇپ بۇ پۇلنىڭ يالغىنىنى سىزگە بەرمەكچى بولسا، بۇ ساختىپەز مېنىڭ ئىمزايىمنى ياكى مۆھۈرىمنى تەقلىد قىلغان بولىدۇ. بۇ مېنىڭ نوپۇزۇمغا ۋە ھاكىمىيىتىمگە قىلىنغان ئېغىر ھاقارەتتۇر، شۇڭا مەن بۇنداق كىشىنى قاتتىق جازالايمەن.“ بۇ سەۋەبتىن يالغان پۇل بېسىپ تارقىتىش باشقا ساختىپەزلىك قىلمىشلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر جىنايەت ھېسابلانغان. يالغان پۇل سېتىش نوقۇل ھىيلە قىلىش بولماستىن بىر ھاكىمىيەتكە چېقىلىش، بىر دۆلەتتىكى ياكى بىر رايوندىكى ئەڭ ئالىي سىياسىي كۈچكە، ئىمتىيازلارغا ۋە ھۆكۈمدارنىڭ ئېتىبارىغا داغ چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇ جىنايى قىلمىشنىڭ قانۇندىكى تېرمىنى بولسا ھۆكۈمدارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى قىلىشتۇر. بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلار ئاساسەن ئېغىر قىيىن-قىستاق ۋە ئۆلۈم بىلەن جازالىناتتى، ئىنسانلار ھۆكۈمدارنىڭ كۈچى ۋە بىر پۈتۈنلىكىگە ئىشەنسە ئۇنىڭ پۇلىغىمۇ ئىشىنەتتى. ياتلار رىم پۇلى دېناريۇسنىڭ قىممىتىگە ئاسانلا ئىشىنەتتى. چۈنكى پۇلغا ئىسمىنى ۋە رەسىمىنى باستۇرغان رىم ئىمپېراتورىنىڭ كۈچى ۋە تەۋرەنمەسلىكىگە تولۇق ئىشىنەتتى.

بۇنىڭغا ماس ھالدا، ئىمپېراتورنىڭ كۈچىمۇ دېناريۇسقا تايىناتتى. ئىمپېراتور باج يىغىش ۋە مائاش تارقىتىش ئۈچۈن ئارپا ياكى بۇغداي ئىشلەتكەن بولسا ئىدى، رىم ئىمپېرىيەسىنى باشقۇرۇش شۇنچىلىك قىيىنغا توختايتتى. مەسىلەن، سۈرىيەدىن ئارپا باجلىرىنى يىغىپ رىمدىكى خەزىنىگە، كەينىدىن بۇ ئارپىلارنى ئېلىپ ئەسكەرلەرنىڭ ۋە مەمۇرلارنىڭ مائاشلىرىنى تۆلەش ئۈچۈن بىرىتانىيەگە يۆتكەش ھەقىقەتەن تەس ئىدى، ھەتتا ئىمكانسىز ئىدى. ئوخشاشلا، رىم خەلقىلا ئالتۇن پۇلغا ئىشەنسە، بىراق گاليالىقلار، گىرېكلار، مىسىرلىقلار ۋە سۈرىيەلىكلەر ئالتۇن پۇلغا ئىشىنىشنىڭ ئورنىغا قۇلۇلە قېپى ياكى رەختلەرگە ئىشەنسە رىم ئىمپېرىيەسىنى بىر مەركەزدىن باشقۇرۇش مۇمكىن بولارمىدى.

 

ئالتۇننىڭ خۇش خەۋىرى

 

رىم پۇلىغا بولغان ئىشەنچ شۇنچىلىك يۇقىرى ئىدىكى، ئىمپېرىيە سىرتىدىكى باشقا خەلقلەرمۇ دېناريۇسنى ئىشلىتىپ ئېلىم-بېرىم قىلىشتىن مەمنۇن ئىدى. 1-ئەسىردە رىم پۇللىرى مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ھىندىستان بازارلىرىدىمۇ ئېلىم-بېرىمدە پۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ھىندىستانلىقلار دېناريۇسقا ۋە ئۈستىدىكى ئىمپېراتورنىڭ رەسىمىگە شۇنچىلىك ئىشىنەتتىكى، يەرلىك ھۆكۈمدارلار ئۆز پۇللىرىنى باستۇرغاندا، دېناريۇسنى بىرمۇ بىر تەقلىد قىلدى. دېناريۇس بارلىق مېتال پۇللار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان پۇلغا ئايلاندى، ھەتتا خەلىپىلەرمۇ بۇنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىپ دىنار پۇلىنى بېسىپ تارقىتىشتى. دىنار ھېلىھەم ئىيوردانىيە، ئىراق،سېربىيە، تۇنىس ۋە نۇرغۇن دۆلەتنىڭ رەسمىي پۇل بىرلىكى ھېسابلىنىدۇ.

لىديا تىپىدىكى پۇل بېسىش ئادىتى ئاقدېڭىزدىن ھىندى ئوكياننىڭ شەرقىگە قاراپ كېڭەيدى، خىتايلار مىس پۇل ۋە ئىشارەتسىز ئالتۇن بىلەن كۈمۈش زىقچىلارنى ئاساس قىلىپ نىسبەتەن پەرقلىق بىر پۇل سىستېمىسى ۋۇجۇدقا چىقاردى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى پۇل سىستېمىسىنىڭ نۇرغۇن جەھەتتە ئورتاقلىقى بار ئىدى، بولۇپمۇ ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە بولغان ئىشەنچ خىتاي ۋە لىديا رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. مۇسۇلمان ۋە ياۋروپالىق سودىگەرلەر بىلەن جاھانگىرلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ لىديا پۇل سىستېمىسى ۋە ئالتۇننىڭ خۇش-خەۋىرىنى دۇنيانىڭ چەت جايلىرىغىچە تارقاتتى. مودېرن دۇنياغا كىرگەن چېغىمىزدا بولسا دۇنيا بىرلا پۇل سىستېمىسىغا ئىگە بولدى. بۇ پۇل سىستېمىسى دەسلەپ ئالتۇن ۋە كۈمۈش، ئارقىدىن ئىنگلىز فوندستېرلىڭ ۋە ئامېرىكا دوللىرىغا ئوخشاش نۇرغۇن ئىشەنچلىك پۇل بىرلىكىنى ئاساس قىلدى.

چېگرالاردىن، دېڭىزلاردىن، ئوكيانلاردىن ۋە كۈلتۈرلەردىن ھالقىغان بىر پۇل-مۇئامىلە رايونىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى نەتىجىسىدە، ئافرىقا ۋە ئاسىيانىڭ، شۇنداقلا دۇنيادىكى باشقا جايلارنىڭ ئوخشاش بىر ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت رايونى بارلىققا كەلدى. لېكىن ئىنسانلار بىر-بىرلىرىنى چۈشەنمەيدىغان تىللارنى پاراڭلىشىشنى، پەرقلىق ھۆكۈمدارلارغا ئىتائەت قىلىشنى ۋە ئوخشىمىغان ”تەڭرى“لەرگە چوقۇنۇشنى داۋاملاشتۇردى، بىراق ھەممىسى ئالتۇنغا، كۈمۈشكە ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلۈك پۇللارغا ئىشىنەتتى. پۇللارغا بولغان ئورتاق ئىشەنچ بولماي تۇرۇپ يەر شارى خاراكتېرلىك سودا تورىنىڭ شەكىللىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 16-ئەسىردە ئىستېلاچىلار تەرىپىدىن ئامېرىكادىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر، ياۋروپالىق سودىگەرلەرنىڭ شەرقىي ئاسىيادىن يىپەك، ساپال قاچا  ۋە دورا-دەرمەكلەرنى سېتىۋېلىشقا زېمىن يارىتىپ بەرگەندىن سىرت، ھەم ياۋروپادا ھەمدە شەرقىي ياۋروپادا ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. مېكسىكا ۋە ئاندلاردىن قېزىپ چىقىرىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنىڭ كۆپ قىسمى دەسلەپ ياۋروپالىقلارنىڭ قوللىرىغا ئۆتتى، ئارقىدىن خىتايدىكى يىپەك ۋە ساپال-قاچا سودىگەرلىرىنىڭ چۆنتىكىگە كىردى. خىتايلار كورتېس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ئەسىرگە ئېلىۋالغان ”يۈرەك كېسىلى تۈپەيلى ئاغرىق ئازابى“چەكمىگەن ۋە كۈمۈش ياكى ئالتۇن بىلەن ھەق تۆلەشنى قوبۇل قىلمىغان بولسا ئىدى يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تۈزۈم قانداق ۋۇجۇدقا چىققان بولاتتى؟

بۇنىڭدىن سىرت، نېمە ئۈچۈن پەرقلىق كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتلەرگە تەۋە ۋە نۇرغۇن مەسىلىدە ئۆز-ئارا ئىختىلابلىشىدىغان خىتايلار، ھىندىستانلىقلار، مۇسۇلمانلار ۋە ئىسپانىيەلىكلەر ئالتۇن مەسىلىسىگە كەلگەندە چىقىشالايدۇ؟ياكى ئالتۇنغا نىسبەتەن ئوخشاش ئىشەنچ ۋە چۈشەنچىگە ئىگە؟ نېمە ئۈچۈن ئىسپانىيەلىكلەر ئالتۇنغا، مۇسۇلمانلارغا ئارپىغا، ھىندىستانلىقلار قۇلۇلە قېپىغا ، خىتايلارغا يىپەككە ئىشەنمىدى؟ ئىقتىسادچىلارنىڭ بۇ سوئاللارغا تەييارلا جاۋابى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ مۇنداق: تىجارەت ئىككى نۇقتىنى بىرلەشتۈرگەندە، ئېھتىياج ۋە تەلەپ كۆچمە ماللارنىڭ باھاسىنى تەڭ قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزنى ئىشقا سېلىڭ، مەسىلەن، ھىندىستان بىلەن ئاقدېڭىزدا ئوتتۇرىسىدا تىجارەت باشلىغان مەزگىللەردە ھىندىستانلىقلار ئالتۇنغا بەكمۇ قىزىپ كەتمەيتتى، بۇ سەۋەبتىن ئالتۇننىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق ئىدى. ئاقدېڭىز رايونىدا بولسا ئالتۇن ئىجتىمائىي مەرتىۋىنىڭ سىمۋولى ھېسابلىناتتى، بۇ سەۋەبتىن قىممىتى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى ئىدى، ئۇنداقتا كېيىنكى باسقۇچ قانداق بولۇشى كېرەك؟

ھىندىستان بىلەن ئاقدېڭىز ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرىدىغان سودىگەرلەر بۇ ئىككى رايوندىكى خەلقنىڭ ئالتۇنغا تۇتقان قارىشىنى بايقاپ قالىدۇ ۋە كىرىم قىلىش ئۈچۈن ھىندىستاندىن ئەرزانلا ئالتۇن سېتىۋېلىپ ئاقدېڭىزدا قىممەت باھاغا ساتىدۇ. نەتىجىدە ھىندىستاندىكى ئالتۇنغا بولغان تەلەپ ۋە ئۇنىڭ قىممىتى تۇيۇقسىزلا ئۆرلەپ كېتىدۇ، لېكىن ئاق دېڭىزدا ئالتۇننىڭ قىممىتى بۇرۇنقىغا نىسبەتەن تۆۋەنلەيدۇ. نەتىجىدە ھىندىستان ۋە ئاقدېڭىزدا ئالتۇننىڭ قىممىتى ئۇزۇنغا قالماي بىر-بىرىگە يېقىنلاپ قالىدۇ. ئاقدېڭىزلىقلارنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئىشەنچىسى ھىندىستانلىقلارنىڭمۇ ئالتۇنغا ئىشىنىشكە سەۋەب بولىدۇ. ھىندىستانلىقلارغا نىسبەتەن ئالتۇننىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي قىممىتى بولمىسىمۇ، ئاقدېڭىز خەلقىنىڭ ئالتۇنغا بولغان تەلىپى ھىندىستانلىقلارنىڭمۇ ئالتۇننى چوڭ بىلىشىگە يېتەرلىك سەۋەب بولالايتتى.

ئوخشاشلا بىرىنىڭ قۇلۇلە قېپىغا ، دوللارغا ياكى ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتلارغا ئىشىنىشى- ئادەتتە بىز نەپرەتلىنىدىغان، يىرگىنىدىغان بىرسى بولسىمۇ-بىزنىڭمۇ بۇ نەرسىلەرگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرىدۇ. دىنى ئېتىقاد مەسىلىسىدە بىر-بىرلىرى بىلەن قەتئىي چۈشىنىش ھاسىل قىلالمايدىغان خىرىستىيانلار ۋە مۇسۇلمانلار پۇل مەسىلىسىگە كەلگەندە چۈشىنىش ھاسىل قىلالايتتى، چۈنكى دىن پەقەت بىزنى بىر نەرسىگىلا ئىشىنىشى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن پۇل باشقىلارنىڭمۇ بىر نەرسىگە ئىشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىز ۋە باشقىلار پۇلدىن ئىبارەت نەرسىگە تەڭ ئىشىنىمىز ۋە باشقىلارنىڭ پۇلغا ئىشىنىدىغانلىقىغا بىزمۇ چىن قەلبىمىزدىن ئىشىنىمىز.

مىڭلارچە يىلدىن بۇيان پەيلاسوپلار، مۇتەپەككۇرلار ۋە دىنى ئۆلىمالار پۇلغا لەنەت ئوقۇپ ئۇنى رەزىللىكنىڭ مەنبەسى دەپ تەرغىب قىلدى. پۇلنىڭ مۇشۇنداق خاراكتېرى بارلىقىنى تەن ئالساقمۇ،لېكىن پۇل كەڭ قورساقلىقنىڭ، سوغۇققانلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ كەلدى. پۇل تىل، دۆلەت قانۇنلىرى، ئۆرپ-ئادەتلەر، ئەنئەنىلەر، قائىدە-پىرىنسىپلار، دىنى ئېتىقادلاردىنمۇ بەكرەك ئوچۇق پىكىرلىكتۇر. پۇل ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ۋە ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق مەدەنىيەت ئوخشىماسلىقلىرىدىن ئىبارەت پاسىللاردىن ھالقىپ ئۆتەلىگەن بىردىنبىر ئىشەنچ سىستېمىسىدۇر، شۇنداقلا دىن، جىنسىيەت، ئىرق، ياش ۋە جىنسىي خاھىش قاتارلىقلار تۈپەيلى ئايرىمىچىلىق قىلمايدۇ. پۇل تۈرتكىسىدە بىر-بىرىنى پەقەتلا تونۇمايدىغان ۋە ئىشەنمەيدىغان ئىنسانلار ناھايىتى ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتالايدۇ.

 

پۇلنىڭ قىممىتى

 

پۇل ئىككى خىل ئالەمشۇمۇل پىرىنسىپ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار مۇنداق:

پۇلنىڭ ئۆزگەرتىش خۇسۇسىيىتى: پۇل بىر كىمىياگەرگە ئوخشاش زېمىننى ساداقەتكە، ئادالەتنى ساغلاملىققا، زوراۋانلىقنى بىلىمگە ئۆزگەرتەلەيدۇ.

ئالەمشۇمۇل ئىشەنچ: ھەر قانداق ئىككى ئىنسان پۇل ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەر قانداق مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتالىشى مۇمكىن.

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان پۇلنىڭ ئىككى پىرىنسىپى ئەلمىساقتىن بۇيان بىر-بىرىگە يات مىليونلارچە ئىنساننىڭ سودا ۋە سانائەتتە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق ئورنىتالىشىغا تۈرتكە بولدى. بىزگە بىغۇبار ۋە گۇناھسىزدەك بىلىنگەن بۇ ئىككى پىرىنسىپنىڭ يەنە قاراڭغۇ تەرىپىمۇ بار. دۇنيادىكى ھەممە نەرسە پۇلنىڭ بۇ تەرىپىگىلا باغلىق بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا مىللىي ئەنئەنىلەر، ئادەتلەر، ئەخلاقىي پىرىنسىپلار، ئېتىقادلار، سەمىمىي مۇناسىۋەتلەر، ئىنسانىي قىممەت قاراشلار زىيانغا ئۇچرايدۇ ۋە بۇلارنىڭ ئورنىغا ئېھتىياج ۋە تەلەپنىڭ ئاچچىق ھەقىقىتى دەسسەشكە باشلايدۇ.

ئىنسانلار جەمئىيىتى باشتىلا ئىززەت ۋە شەرەپ، ساداقەت، ئەخلاق ۋە سۆيگۈ قاتارلىق بىباھا نەرسىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇ نەرسىلەر بازارنىڭ سىرتىدىكى نەرسىلەر بولۇپ، پۇل بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. بازار بۇلارغا باھا قويغان تەقدىرىمۇ بەزى نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن، ئاتا-ئانىلار پۇلنى دەپ بالىلىرىنى باشقىلارغا سېتىۋەتمەسلىكى كېرەك، تەقۋا بىر خىرىستىيان چوڭ بىر گۇناھ قىلماسلىقى كېرەك، سادىق بىر چەۋەنداز سەپداشلىرىغا قەتئىي خائىنلىق قىلماسلىقى لازىم، بىر مىللەتنىڭ ئانا يۇرتى يەنى ۋەتىنى پۇلنى دەپ ياتلارغا سېتىلماسلىقى كېرەك.

بىر سۇ ئامبىرىنىڭ تاملىرىدىكى يېرىقلاردىن سىرغىپ چىققان سۇغا ئوخشاش پۇلمۇ ھەر دائىم يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى تېشىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى.ئۆتمۈشتە ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن بەزى پەرزەنتلىرىنى قۇل ئورنىدا سېتىشقا مەجبۇر قالغانىدى. تەقۋا خىرىستىيانلار ئۆلتۈرۈلۈپ، مال-مۈلۈكلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغانىدى، لېكىن مۇشۇ قىلمىشلارنى سادىر قىلغۇچىلار پاكلىنىش ئۈچۈن چېركاۋدىن ”كەچۈرۈم خېتى“سېتىۋالغانىدى. قارا نىيەت چەۋەندازلار ساداقىتىنى كىمنىڭ پۇلى بولسا شۇنىڭغا كۆرسەتكەن بولسا، ئەگەشكۈچىلىرىنىمۇ يەنە پۇل بىلەن ئۆزىگە سادىق قىلىشقا ئۇرۇنغانىدى. بەزىلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر تۈپەيلى دۇنيانىڭ بىر چېتىدىن كەلگەن ياتلارغا سېتىلغانىدى.

چاتاق يېرى پۇلنىڭ بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك قاراڭغۇ تەرىپى بار. پۇل بىر-بىرىنى تونۇمايدىغان يات كىشىلەر ئارىسىدا ئىشەنچ پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، بۇ ئىشەنچ قانداقتۇر ئىنسانلارغا، جەمئىيەتلەرگە ياكى مۇقەددەس قوبۇل قىلىنغان مەنىۋى بايلىقلارغا ئەمەس، پۇلنىڭ دەل ئۆزىگە ۋە پۇلنىڭ كەينىدىكى مېخانىزملارغا بولغان ئىشەنچتۇر. ئەمەلىيەتتە ياتلارغا ياكى قوشنىمىزغا ئەمەس، قولىدىكى  پۇلغا ئىشىنىمىز، ئۇلارنىڭ قولىدىكى پۇل تۈگىسە ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىمىز تۈگەيدۇ. پۇل جەمئىيەتلەرنىڭ، دىنلارنىڭ ۋە دۆلەتلەرنىڭ سېپىللىرىنى ۋە چېگرالىرىنى قانچىلىك ئاشالىسا ياكى بۇزالىسا، دۇنيانىڭ  روھسىز ۋە رەھىمسىز چوڭ بازارغا ئايلىنىش قېلىش خەتىرى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تارىخى نەپىس ئوينالغان بىر ئۇسۇلدىن ئىبارەت. ئىنسانلار ياتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن پۇلغا ئىشىنىدۇيۇ لېكىن پۇلنىڭ ئىنساننىڭ مەنىۋى بايلىقلىرى ۋە سەمىمىي مۇناسىۋەتلەرگە زىيان بېرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئىنسانلار بىر قولى بىلەن پۇل ۋە تىجارەتنىڭ يېيىلىشىغا ئۇزۇن يىل توسالغۇ بولۇپ كەلگەن جەمئىيەت، ئەنئەنە ۋە ئېتىقاد تاملىرىنى ئۆرۈپ تاشلاشقا نىيەت قىلسا، يەنە بىر قولى بىلەن جەمئىيىتىنى، دىنىنى ۋە ئەتراپىنى بازارنىڭ قۇللاشتۇرىدىغان تەسىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن يېڭى تاملار بەرپا قىلىدۇ.

كۈنىمىزدە بازارنىڭ ھەر ۋاقىت غەلىبە قىلىدىغانلىقى ۋە پادىشاھلار، راھىبلار ۋە جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان تاملارنىڭ پۇلنىڭ يېيىلىشىغا ئۇزۇن مەزگىل بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقى توغرۇلۇق ئومۇملاشقان قاراش مەۋجۇت. بۇ تولىمۇ يۈزەكى قاراش بولۇپ، رەھىمسىز ئەسكەرلەر، ئاشقۇن دىنچىلار ۋە ۋەھىمە ئىچىدىكى  كىشىلەر نۇرغۇن قېتىم پۇلنىڭ كويىدىلا يۈرگەن ئاچكۆز سودىگەرلەرنى جازالىغان، ھەتتا ئىقتىسادنى يېڭى باشتىن رەتلەپ چىققان. شۇڭلاشقا ئىنسانلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولالىشىنى، ھەمكارلىق ئورنىتالىشىنى نوقۇل پۇل بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن كۈلتۈرنىڭ بىرلىشىپ كۈنىمىزدىكى يەر شارى خاراكتېرلىك بىر شەھەرنى قانداق بەرپا قىلىپ چىققانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ رولىنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەك، شۇنداقلا پولات-تۆمۈرنىڭمۇ رولىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.

 

 

تەرجىمان: ئادىلجان

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*