پاكىستان تالىبانلىرى

2018-يىلى 25-ئىيۇن

مەھمەت ئەلى كارابۈيۈك – ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلغان ئەلقائىدە ۋە ئۇنى ھىمايە قىلغان تالىبانغا قارشى ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن باشلانغان ھەربىي ھەرىكەت بىلەن بۇ رايون يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم باستى. پەقەت پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىتىراپ قىلغان تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. تىزگىنى ئاستىغا ئالغان بارلىق شەھەرلەردىن چېكىنىپ چىققان تالىبان، خەلقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن چەت ياقىلاردا ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلدى. ئەلقائىدىمۇ بارلىق گازارمىلىرىنى تاشلاپ، مۇجاھىتلىرىنى پاكىستاندىكى قەبىلىلەر رايونغا يۆتكەپ چىقتى. ھەم تالىبان ھەم ئەلقائىدە بۇ مەزگىلدە رەھبەرلىك ھەيئىتى ۋە ئەزالىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىدىن ئايرىلىپ قالدى. بىر قىسىمى ئەسىرگە چۈشۈپ گۇەنتانامۇغا ئېلىپ كېتىلدى. ئامان – ئېسەن قالغانلىرىنى شىمالى پاكىستاندىكى پەشتۇن قەبىلىلىرى پەشتۇنۋالىنىڭ تەقەززاسى بىلەن ھىمايە قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.
پاكىستان تالىبانى مەزكۇر يېڭى دەۋرنىڭ، ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، قەبىلىلەر رايونىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان مۇھاجىرلاردىن باشقا، ئافغان جىھادىغا قاتناشقان، رۇسلار چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىچكى ئۇرۇشقا ئارىلاشماي، يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن پىشقەدەم مۇجاھىتلار بار ئىدى. 11 – سېنتەبىردىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر كونا – يېڭى مۇجاھىتلارنى شىمالى پاكىستاندا جەم قىلدى. ئامېرىكا بۇ پاناھلانغۇچىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن « يا بىزنىڭ سەپتە ياكى بىزگە قارشى سەپتە تۇرىسىلەر » مەنتىقىسى بىلەن پاكىستاننى مەجبۇرلىشى نەتىجىسىدە، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ قەبىلىلەرنىڭ قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئاپتۇنۇمىيە ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپ، قەبىلىلەر رايونىغا ئەسكەر كىرگۈزۈشى ۋە ئۇ يەردە ئەلقائىدە – تالىباننى ئوۋلاشقا باشلىشى، پەشتۇن قەبىلىلىرىنى بەكمۇ بىئارام قىلغانىدى. بۇرۇندىنلا تالىباننىڭ ئىجرائاتلىرى ۋە سىياسىتىنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش دىنى ۋە زېھنى قاراشقا ئىگە بولغان شەرىئەت تەرەپتارى قەبىلە مەنسۇپلىرى، بۇ يېڭى ئىجتىمائىي مۇھىتتا مۇھاجىر تالىبان ئەسكەرلىرى ۋە چەتئەللىك مۇجاھىتلار بىلەن بىرلىشىپ پاكىستان تالىبانىنىڭ ئۇلىنى ھاسىل قىلدى.
بەيتۇللاھ مەسئۇد، 2007 – يىلى دېكابىردا پاكىستانلىق 13 پەرقلىق تالىبان گۇرۇپپىسىنى تاھرىكى تالىبانى پاكىستان ئىسىمى بىلەن بىر تەشكىلات ئاستىدا بىرلەشتۈردى. مەسئۇد بۇ ئىتتىپاقنى قۇرۇش ئارقىلىق قەبىلە كېلىپ چىقىشى پەرقلىق تالىبانلار ئارىسىدىكى سۈركىلىشىنى ئازايتقانىدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ غايىسى پاكىستاننىڭ شىمالىدا، قەبىلىلەر رايونىدا كۇپرى ھاكىمىيەت دەپ قارالغان پاكىستاندىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل ئىسلام ئەمىرلىكى قۇرۇش ئىدى. بۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى پاكىستان دۆلىتى قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ باردى. ئۇرۇش پاكىستاننىڭ ئىچكى قىسمىغا تۇتاشتى. تاھرىك ئېلىپ بارغان ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا 2007 – 2008 – يىللىرىدا بەش يۈزدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى[1].
پاكىستان تالىبانىنىڭ مەسئۇد بىلەن ئاشكارىلانغان ئەپتى-بەشرىسى، ئافغان تالىبانىدىن تېخىمۇ رادىكال، پىكىر ۋە ھەرىكەتلىرى ئەلقائىدەنىڭ غايىسى بىلەن كېسىشكەن بولۇپ، ئالەمشۇمۇل جىھادچى ۋە تەكفىرچى خاراكتېرنى ئەكىس ئەتتۈرمەكتە. فرانكو ( Franco )نىڭ ئىپادىسى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ ئەھۋالنى ئەلقائىدە مەركەزلىك ئۆرنەك بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان دىيوبەندىلىكتىن ئىلھاملانغان رادىكالىزمنىڭ بىرلىشىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭ بىلەن بىرگە باشتىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبىلەر ئاساسىدا ئەلقائىدىچى ئاشقۇنلىقتىن يىراق تۇرۇپ، تالىباننىڭ ھەنەفى ۋە سوپىلىقنى ئاساس قىلغان يەرلىك پەشتۇن كىملىكىگە قايتىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە بۇ سەۋەپتىن پاكىستان بىلەن بولغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش تەرەپتارى بولغان تالىبان ئېقىمىنىڭ ھەم ئافغان ھەم پاكىستان تالىبانى ئىچىدە مەۋجۇت ۋە جانلىق ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك[2].
يەنە دىيوبەندىييەدىن كېلىپ چىققان، لېكىن سىپاھى ساھابە ۋە تالىبان تەدبىقلىغان سىياسىي ۋە تەكفىرچى ئۇسلۇبلارنى رەت قىلغان چوڭ بىر جامائەت بولغان تەبلىغ جامائىتى بار بولۇپ، بۇ قاتارىدا مەزكۇر جامائەتنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەك.

________________________________________
[1] پاكىستان تالىبانى ھەققىدە
Franco, “The Tehrik-i Taliban Pakistan”, 269-292; M. Abou Zahab and Olivier Roy, Islamist Networks: Afghan-PakistanConnection, London, 2004, 62-7.
[2] فىرانكونىڭ يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئەسىرى، 289 – بەت.
Amin Tarzi, “The Neo-Taliban”, [Robert D. Crews and Amin Tarzi (ed.), The Taliban and the Crisis of Afghanistan, Cambridge-Massachusetts,2008] s. 306; Shehzadeh H. Qazi, “The Neo-Taliban and Counterinsurgency in Afghanistan”, The Thrid World Quarterly, 31/3 (2010), s. 487.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



ئاپتورنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرى

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*