ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپى ۋە مۇستەقىللىق ھوقۇقى

 

 

مەسئۇت چەلىك[1] | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئۈچۈن ئاقھۇن تەرجىمىسى

 

قىسقىچە مەزمۇنى

 

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپى ۋە مۇستەقىللىق ھوقۇقى خەلقئارا قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئەڭ دەتالاشلىق تېمىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆز كېلەچىكىنى بەلگىلەش پىرىنسىپىغا بىر خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى باشقا دۆلەتلەردىن مۇستەقىل ھالدا ئۆزىنىڭ خالىغىنىچە بەلگىلىشى دەپ ئېنىقلىما بېرىلمەكتە. ئىككىنچى بىر مەنىسى بولسا، بىر دۆلەتتە ياشايدىغان خەلقنىڭ ھېچقانداق بېسىم ۋە زوراۋانلىققا دۇچ كەلمەستىن ئۆزلىرى خالىغان قارارىنى چىقىرىش ھوقۇقىدۇر. مۇستەقىللىق ھوقۇقى بولسا، ئوخشاش بولمىغان خەلقلەرنىڭ دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ھاكىمىيەتتىن ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىش كۈرىشىدۇر. بۇ ھەق، ئۆز كېلەچىكىنى بەلگىلىمەكچى بولغان خەلقلەرنىڭ بىر مەۋجۇتلۇق ئۇرۇشىدۇر.

بۇ ماقالىدە ئۆز كېلەچىكىنى بەلگىلەش پىرىنسىپى مۇستەقىللىق ھوقۇقى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

بىرىنچى قەدەمدە پىرىنسىپنىڭ مەنىسى، دائىرىسى، مۇستەقىللىق ھوقۇقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بايان قىلىنىدۇ، ئىككىنچى قەدەمدە، پىرىنسىپنىڭ قانۇنىيلىقى، تەتبىقلىنىشى ۋە مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى بىلەن دۆلەت بولۇپ ئېتىراپ قىلىنىشى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، ئاخىرىدا، فېدېراتسىيە سىستېمىسى ۋە ئېتىراپ قىلىنىش شەكىللىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۆز كېلەچىكىنى بەلگىلەش پىرىنسىپى، مۇستەقىللىق ھوقۇقى، فېدېراتسىيە سىستېمىسى، ئېتىراپ قىلىنىش

 

مۇقەددىمە

 

ئۆز كېلەچىكىنى بەلگىلەش پىرىنسىپى ۋە مۇستەقىللىق ھوقۇقى ئەركىن ھايات كەچۈرۈش يولىدا كۈرەش قىلغان خەلقلەرگە نىسبەتەن ۋاز كېچىلمەس ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. بۈگۈن دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئۆز كېلەچىكىنى (تەقدىرىنى) بەلگىلەش پىرىنسىپىنى چىقىش قىلغان ھالدا، مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كۆپلىگەن ئېتنىك، دىنىي ياكى تىل گۇرۇپپىلىرى بار.

ئۆز كېلەچىكىنى بەلگىلەش پىرىنسىپى 21 – ئەسىردە خەلقئارا قانۇندىكى ئەڭ كۆپ بەس – مۇنازىرە قىلىنغان ئۇقۇملارنىڭ بىرىگە ئايلاندى ۋە خەلقئارا تۈزۈمدە بىر سىلكىنىش پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ مىللىي دۆلەت قۇرۇلمىلىرىنىڭ بۇ پىرىنسىپقا ئاساسەن پارچىلىنىش دەۋرىگە كىرىشى ئۇقۇمنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى. بىراق بۇ ئۇقۇم، نەزەردىن ساقىت قىلىنغان، ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىغان خەلقلەرگە نىسبەتەن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. بۇ ئەھۋال، بۇ ئۇقۇمنىڭ خەلقئارا قانۇن – نىزاملاردا ئورۇن ئېلىشى مەسىلىسىدە دۆلەتلەرنى ئارىسالدى  قىلىپ قويماقتا. لېكىن، بەزى كىشىلىك ھوقۇق ھۆججەتلىرىدە ئۆز كېلەچىكىنى بەلگىلەش پىرىنسىپى ئورۇن ئالماقتا.

بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆز كېلەچىكىنى بەلگىلەش پىرىنسىپىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئاساسەن سۇيىئىستېمال قىلغان دۆلەتلەر، بەزىدە بۇ پىرىنسىپنىڭ ئىچىنى كاۋاكشىتىپ قويۇشقا تىرىشماقتا. بۇ پىرىنسىپنىڭ بىر كۈچ كۈرىشىنىڭ ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرىلىپ خەلقئارا سىستېمىنى پۈتمەس – تۈگىمەس ئېتنىك، دىنىي ۋە تىل توقۇنۇشلىرىغا ئىتتىرىشى خەلقئارانىڭ مۇقىملىقىنى بۇزماقتا. بۇ خىل توقۇنۇش مۇھىتىدا، ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىش يولىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەقلىق ئۇرۇشىنى بىر يانغا قايرىپ قويىدىغان بولساق، مەزكۇر پىرىنسىپتىن پايدىلىنىپ ئىسيانلار ۋە ئىچكى ئۇرۇشلارنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ توقۇنۇشلاردىن ئوزۇقلىنىپ راۋاجلانغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.

 

1 – ئۆز كېلەچىكىنى بەلگىلەش پىرىنسىپىنىڭ مەنىسى ۋە دائىرىسى

 

خەلقئارالىق ھۆججەتلەردە بايان قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، خەلقئارالىق تەڭپۇڭلۇق ۋە كونا تۈزۈمنى بۇزۇش ئېھتىمالىدىن خەۋپسىرىگەن دۆلەتلەر ئۇنچىۋالا قىزغىن قارىمايدىغان self-determinasyon (ئۆز كېلەچىكىنى بەلگىلەش پىرىنسىپى) ئۇقۇمىغا پەرقلىق چاغلاردا پەرقلىق ئىزاھاتلار بېرىلگەن، مەنىلەر يۈكلەنگەن. self-determinasyon نىڭ دەل مەنىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەم قولاي ئەمەس، ھەم دەتالاشلىق بىر مەسىلىدۇر. تېمىغا ئالاقىدار بىر – بىرىدىن تولىمۇ پەرقلىق چۈشەنچە ۋە قىيىنچىلىقلارنى نەزەردە تۇتۇپ، self-determinasyon نىڭ بەزى ئېنىقلىمىلىرىنى بېرىشكە بولىدۇ. self-determinasyon، بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنى سايلىشىدۇر. يەنە بىر ئېنىقلىما بويىچە، self-determinasyon خەلقنىڭ ئىرادىسى ئاستىدا ياشايدىغان ياكى ياشاۋاتقان ھۆكۈمەت شەكلىنى تاللاش ھوقۇقىدۇر (قىزىلقايا، 2012:44).

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە غەربلىك قانۇنشۇناسلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە قانۇنىي مەزمۇندىن خالىي، سىياسىي ۋە ئەخلاقىي بىر ئۇقۇم دەپ قاراپ كەلگەنىدى. ھازىرمۇ رىچارد ت. دې گېئورگىغا ئوخشاش ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ بىر مەسەل ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلارمۇ بار بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبىگە، بۇ ئۇقۇمنىڭ شەخسلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى تەقەززا قىلىدىغان ئومۇمىي لىبېرال ئېتىقاد ۋە خەلقنىڭ چەتئەلنىڭ بويۇنتۇرۇقى ۋە زۇلۇم تۈزۈلمىسىدىن قۇتۇلۇش ھوقۇقىنى قوغدىشى دەپ ئىزاھات بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ ئىزاھات ھوقۇق مەۋجۇت دۆلەتلەردە ياشايدىغان كۆپلىگەن ئازسانلىقلار ياكى بىر قاتار گۇرۇپپىلارغا نىسبەتەن مۇۋاپىق ئەمەس. كلايد ئېگلېتون (Clyde Eagleton) 1952 – يىلى ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ئۇقۇمىغا ئېنىقلىما بېرىشنىڭ قىيىنلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۇنچىۋالا ئاددىي بىر ئۇقۇم ئەمەسلىكىنى، ھەردائىم ئۇقۇمنىڭ ئۆزىنىڭ تولۇق ئىزاھلىنىشقا قارشى تىرەجەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى. دېمەك، ئىنتايىن يېپىق بىر ئۇقۇم بولغان ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەشنىڭ مەزمۇن ۋە قانۇنىي مەنىسىنىڭ، بۇ ئۇقۇمنى ئىزاھلىغان ئىدېئولوگىيەلىك ۋە سىياسىي كۈچلەرنىڭ (تەبىرىگە ئاساسەن) شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىمۇ مەزكۇر قارشىلىقنى كۈچەيتىدۇ (ئايھان، 2005:4).

Self-determinasyon ھوقۇقىنىڭ مەنىسىگە نەزەر تاشلانغىنىدا، ئۇنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بىرىنچى تەرىپى، دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى تەشكىلى قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇئەييەن ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىر خەلقنىڭ خالىغان باشقۇرۇش شەكلىنى، ھەرقانداق بىر تاشقى بېسىمغا ئۇچرىماستىن تاللاش ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئىچكى جەھەتتىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ھوقۇقنىڭ ئاساسلىقى سىياسىي جەھەتتىن باشقۇرۇش شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت شەكىللىرىنىڭ بېكىتىلىشىدە خەلقلەرگە ئەركىنلىك بېرىش دەپ ئىزاھلانغانلىقى كۆرۈلىدۇ. شۈبھىسىزكى ، ئىچكى جەھەتتىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش بىر دۆلەت ئىچىدىكى ئېتنىك / مىللىي ئازسانلىقلار ياكى يەرلىك خەلق دېگەندەك ئايرىم توپلۇقلارغا نىسبەتەنمۇ مۇئەييەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، ئومۇمەن دېموكراتىك تۈزۈم، مەدەنىيەت ھوقۇقى ۋە / ۋەياكى ئەركىنلىك دېگەندەك ئۇقۇملار دائىرىسىدە ئىجرا قىلىنىش ساھەسىگە ئىگە بولماقتا. بىراق، بۇ خىل باشقۇرۇش شەكلىنى تاللاش ھوقۇقىنىڭ بارغانسېرى ئىقتىسادىي مەنىگىمۇ ئىگە بولۇۋاتقانلىقى ۋە دۆلەتلەرنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك دائىمىي ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ ھوقۇق، تاشقى جەھەتتىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپىدىن پەرقلىق بولۇپ، بىر قېتىم ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن تۈگەيدىغان ياكى ئازىيىپ كېتىدىغان بىر ھەق ئەمەس. زامانىمىزدىكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بەس – مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان تېمىنىمۇ بۇ ئەھۋال شەكىللەندۈرمەكتە (كۈتۈكچۈ، 2003: 262). ئۇقۇمنىڭ ئىككىنچى تەرىپى تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقىنى مۇئەييەن بىر جايدا ياشايدىغان ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىر توپلۇقنىڭ يات بىر كۈچكە بېقىنىپ قالماستىن كېلەچىكىنى ۋە خەلقئارادىكى سالاھىيىتىنى بېكىتىشى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆز دۆلىتىگە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى، يەنى مۇستەقىللىقىدۇر. بۇ مەنە، بولۇپمۇ بۇرۇن بار بولغان ياكى بارلىقىغا ئىشىنىلىدىغان بىر ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ ۋە ئىشغال ياكى مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ خەلقئارالىق سالاھىيەتلىرىگە قارار قىلىشىغا، يەنى مۇستەقىللىقلىرىگە ئېرىشىشلىرىگە ئىشارەت قىلماقتا (قۇرۇباش، 2004: 152).

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تاشقى جەھەتتىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بىر خەلقنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ياكى ئۆزى خالىغان دۆلەتكە بېقىنىشنى تاللاش ھوقۇقىدۇر. يەنە بىر مەنىسى، بىر خەلقنىڭ چەت بىر ھۆكۈمەت بولماستىن ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئىستەكلىرىنى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىدۇر. بۇ ھوقۇق «تاشقى جەھەتتىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىچكى جەھەتتىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىق نوپۇسنىڭ كۆپ سانلىق بىر توپلۇق ئىچىدە ھايات كەچۈرۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. تاشقى جەھەتتىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بولسا، بىر دۆلەت قۇرۇشنى، بىر دۆلەت ئىچىدە ئاپتونومىيە ياكى فېدېراتسىيە بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى، مۇئەييەن بىر زېمىندا ياشايدىغان، ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىر توپلۇقنىڭ بىرەر چەت كۈچكە بېقىنىپ قالماستىن كېلەچىكىنى، خەلقئارا ساھەدىكى ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىگە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىدۇر. بۇ پوزىتسىيە، بۇرۇندىن بار بولغان ياكى بار دەپ قارىلىۋاتقان ئىگىلىك ھوقۇقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ، ئىشغال ياكى مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ خەلقئارادىكى ئەھۋاللىرىغا قارار قىلىشىغا، نەتىجىدە مۇستەقىللىقلىرىگە ئېرىشىشلىرىگە ئىشارەت قىلىدۇ. بىراق، خەلقئارا ھوقۇق بەلگىلىمىلىرى، خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىقلىرىگە ئېرىشىشلىرىگە ئالاقىدار بەزى چەكلىمىلەرنى قويغان بولۇپ، بۇ دائىرىدە، مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسلىق شەرتىنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى بىر خەلق بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلىنىدۇ (قىلىنچ، 2008: 957 – 958).

 

2 – ئۆز كېلەچىكىنى بەلگىلەش پىرىنسىپى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ھەققىنى بېرەمدۇ؟

 

بىر دۆلەتتە ياشايدىغان خەلقنىڭ ئۆزى خالىغان باشقۇرۇش شەكلىنى تاللاش ۋە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي بايلىقلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بارلىقى قەيت قىلىنىدۇ. ئىچكى جەھەتتىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپى دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ھوقۇقنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن مۇستەقىللىقىنى قوغداش ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ. مۇستەقىللىق ھوقۇقى دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ قىسمىنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ ئىشغال قىلىنىشى، بىر خەلقنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدا بولۇشى ۋە ئادەتتە بىرلىكتە ياشايدىغان خەلقلەرگە نىسبەتەن قانداق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغانلىقى مۇھىمدۇر. بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ، مىللىي مۇستەقىللىق مۇجادىلىسى ئۇقۇمى دۆلەتلەر قانۇنىغا تۇنجى قېتىم 1949 – يىلى ئىنسانىي ئۇرۇش قانۇنى دائىرىسىدە كىردى. لېكىن، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشى ياكى مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنىڭ يوللۇق بىر ھەرىكەت، دەپ تەرىپلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى دۆلەتلەر قانۇن چۈشەنچىسى مۇستەقىللىق بولۇش مەقسىتىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلەرگە باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ياردەم بېرىلىشى ئۇقۇمىدىن يىراق ئىدى. شۇڭا بۇنداق بىر ھەرىكەت ئىچكى قانۇن دائىرىسىدە جامائەت ئامانلىقىنى بۇزغۇچى ھەرىكەت دەپ قارىلاتتى (دوغان، 2008: 175).

مۇستەملىكىدىن قۇتۇلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا ئەزا بولۇشى بىلەن بىرلىكتە، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسىلىسى ئومۇمىي كېڭەشنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسىغا ئايلاندى. بىراق، بۇ يەردە شۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىش كېرەككى، مۇستەملىكە ئاستىدىكى بىر دۆلەت مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ دۆلەتتە ياشايدىغان باشقا خەلقلەرنىڭ يەنە بىر ئايرىم دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى يوق دەپ قارىلىدۇ. دەرۋەقە ب د ت نىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن كونگودىن ئايرىلماقچى بولغان كاتانگا رايونىغا مۇناسىۋەتلىك 1961 – يىلىدىكى ۋە نىگېرىيەدىن ئايرىلماقچى بولغان بىئافرا رايونىغا مۇناسىۋەتلىك 1967 – يىلىدىكى قارارلىرىدا، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ھەققى بېرىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ رايونلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىن ئايرىلىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. زامانىمىزدا ئېتنىك گۇرۇپپىلار ياشايدىغان دۆلەتلەردە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى زېمىن پۈتۈنلىكىگە قارىتا خەۋپ دەپ قارالماقتا. شۇڭا، بىر تەرەپتىن ھەقلىق رەۋىشتە پايدىلىنىدىغان يەردە ناھەق ئەيىبلەنمەسلىك، شۇنداقلا يەنە بىر تەرەپتىن زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ناھەق رەۋىشتە يوقىتىپ تاشلانماسلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقنىڭ چەك – چېگراسى ئېنىق سىزىلىشى لازىم (ئۇز، 2007: 70-71).

مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ روشەن ھالدا «مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقلەر» گە بېرىلىشى 1960 – يىلى 14 – دېكابىردىكى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 1514 (XV) نومۇرلۇق قارارى  ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقتى. «مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىقلىرىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا دائىر ھۆججەت» تە، «پۈتۈن خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى باردۇر. بۇ ھوقۇق سايىسىدا سىياسىي سالاھىيەتلىرىنى ئەركىن – ئازادە بەلگىلەيدۇ ۋە ئەركىن – ئازادە ھالدا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە گۈللىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشىدۇ» دېگەن ئىبارە بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى «بارلىق خەلقلەر» گە بېرىلگەن بولسىمۇ، 1 – ماددا «خەلقلەرنىڭ چەتنىڭ بېسىم، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەملىكىسى ئاستىدا بولۇش» لىرىنىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا، ب د ت ئەھدىنامىسىگە ۋە خەلقئارانىڭ تىنچلىق ۋە ھەمكارلىقىغا زىتلىقى» نى تەكىتلەپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ماھىيىتىنى مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقلەر بىلەن چەكلەيدۇ. ئەھدىنامىنىڭ 6 – ماددىسىدا بولسا، مىللىي بىرلىك ۋە دۆلەت پۈتۈنلىكىگە قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىق قىلىش يولىدىكى ھەر تۈرلۈك ئۇرۇنۇشنىڭ ب د ت ئەھدىنامىسىغا زىت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ. بۇ دائىرىدە 2 – ماددىغا ئاساسەن، «خەلقلەرنىڭ سىياسىي سالاھىيەتلىرىنى ئەركىن ھالدا بېكىتىش ۋە ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي ئۆزگىرىشلەرنى توسالغۇسىز داۋاملاشتۇرۇش» ھوقۇقى دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن پايدىلانغۇچى مۇستەملىكە دۆلەت خەلقىنىڭ ھەممىسىدۇر ۋە مۇستەملىكە دۆلەت چېگرالىرى قۇرۇلىدىغان مۇستەقىل دۆلەتنىڭمۇ چېگرالىرى بولىدۇ (كۈتۈكچۈ، 2003: 268). لېكىن، ب د ت نىڭ ئۆتمۈشتە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى بىر ھەق – ھوقۇق دەپ قارىغانلىقىغا دائىر مىساللار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. بۇلار باشقىلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ياشاۋاتقان نامىبىيە ۋە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىدۇر. ب د ت نامىبىيەنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ ئىرقچى جەنۇبىي ئافرىقا ھاكىمىيىتىگە قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بارلىقىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، نامىبىيە 1989 – يىلى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى. ئىككىنچى مىسال – پەلەستىن مەسىلىسىدە بولسا، ھازىرغىچە كونكرېت بىرەر ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىدى. ھالبۇكى، رەسمىيەتتە بۇ ھوقۇقنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقلەرگە، ئىشغال قىلىنغان دۆلەت ئاھالىسىگە ۋە ئىرقچى تۈزۈملەرگە قارشى پايدىلىنىلىدىغان بىر ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇرۇن چاررۇسىيە مەزگىلىدە ئاپتونومىيە بېرىلگەن، سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر مەزگىلىدە مەخسۇس سالاھىيەتكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، سۈرگۈن ۋە ھەرتۈرلۈك ئايرىمچىلىققا دۇچار بولغان چېچىنىيە خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلمىدى (دوغان، 2008: 178). مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىنى پەقەت مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ ھەققى دەپ قارايدىغانلار، ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇۋاتقانلاردۇر. ئۆزلىرى ياشايدىغان زېمىنلاردا تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پەلەستىن ۋە چېچەن خەلقلىرىنىڭ ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئالغا قەدەم باسالماسلىقى، دېموكراتىيە ھەۋارىيۇنلىرى (ھىمايىچىلىرى) بولمىش چوڭ كۈچلەرنىڭ «ھاياتلىق سەيناسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان كۈچ ساھەلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىغانلىقلىرىدىن بولۇۋاتىدۇ.

 

3 – ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ قانۇنىيلىقى ۋە ئىجرا قىلىنىشى

 

مىللىي دۆلەت گەۋدىسى ئىچىدە مىللەت  بولۇپ تونۇلۇش (ئېتىراپ قىلىنىش پۇرسىتى) دۆلەتلەر قانۇنىدا تۇنجى قېتىم ۋېنا قۇرۇلتىيىدا پولشا مىللىتىگە بېرىلدى. 1815 – يىلى 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنىدىكى ۋېنا ھۆججىتى، پولشالىقلارغا مىللىي ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقى ۋە مىللىي مۇئەسسەسەلىرىنى قۇرۇش سالاھىيىتى بەردى. ئۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى فىن مىللىتى ۋاسىتىلىك ھالدا دۆلەتلەر قانۇنى سەۋىيەسىدە ئېتىراپ قىلىندى. 1809 – يىلى 9 – ئاينىڭ 14 – كۈنى شىۋېتسىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن فرېدېرىكسخام تىنچلىق كېلىشىمىدە، رۇسىيە فىنلىقلارغا ئاپتونومىيە بېرىشنى مەزمۇن قىلغان بىر دۆلەتلەر قانۇنى مەجبۇرىيىتىنى قوبۇل قىلدى. I.ئالېكساندر 1809 – يىلى 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى بورگو ئىشتاتلىق مەجلىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، فىن خەلقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلۇس – مىللەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى (ئارساۋا، 1993: 5).

ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىلىرىغىچە دۆلەتلەر قانۇنى (خەلقئارا قانۇن) دا مەۋجۇت ئەمەسلىكى، پەقەت بىر سىياسىي پىرىنسىپ سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى ئاساسەن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى مۇستەقىللىق ھەققىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كوللېكتىپ بىر ھەق دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بىراق، بۇ ھەقنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن قانداق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بېكىتكەندە، دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىنىمۇ نەزەردە تۇتۇش لازىم. مەزكۇر ھوقۇقنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى، مۇستەقىللىقىنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن قايتىدىن ئۇنى قولىغا ئېلىش ھەققى ۋە شۇ مىللەتنىڭ ئىرادىسىدىن سىرت بۆلۈنۈپ كەتكەن تەقدىردە، قايتىدىن بىرلىشىشلىرى دېگەندەك مەسىلىلەردە پىكىر بىردەكلىكى بارلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن. لېكىن، ھازىرقى زامان دۆلەتلەر قانۇن سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى دەپ قارىلىدىغان ۋېستفاليا تىنچلىقىدىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشەلمىگەن، بۇرۇندىن تارتىپلا بىرلىكتە ياشاپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىغا روشەن جاۋاب تېپىش، مەزكۇر ھوقۇقنىڭ ئىجرائىيە كۈچىنىڭ بار – يوقلۇقىغا بېرىلىدىغان جاۋاب بىلەنمۇ ھەل بولىدىغاندەك قىلمايدۇ. چۈنكى، ئوتتۇرىدا (ئۇنىڭ) پەقەت قانۇنىي خاراكتېرگە ئىگە بىر ھەق ئىكەنلىكى تولىمۇ گۇمانلىقتۇر (دوغان، 2008: 180 – 181).

كۈنىمىزدە، دۆلەتلەرنىڭ ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا تايىنىپ بۆلۈنۈش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىشىغا كۆز يۇمۇپ، دۆلەتلەرنىڭ بۆلۈنۈشى، خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مۇقىمسىزلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا قاراپ تۇرىدىغانلىقىنى كۈتۈش دېگەندەك ئاقىلانىلىك بولمايدۇ. شۇڭا، خەلقئارا قانۇنلارنى تۈزگۈچى دۆلەتلەرنىڭ، يېڭى مۇستەقىل دۆلەتلەرنى كۆرۈش ئىستىكى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ ۋە بۇ پىرىنسىپنى دېموكراتىيەلىشىش مەنىسىدە ئىزاھلاپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتتە ياشايدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ ئاساسىي ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەردىن بەھرىمەن بولۇشى، رەھبەرلىك قاتلىمىغا قېتىلىشى دېگەندەك جەھەتلەردە ياخشىلاش ئېلىپ بېرىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەڭ كۆپ بولغاندا، رايون خاراكتېرلىك ئاپتونومىيە، فېدېراتسىيە دېگەندەك ھوقۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، مۇستەسنا ھالدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى چىقىش قىلغان ھالدا بۆلۈنۈش ھوقۇقىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنىمۇ ئېيتىشقا بولىدۇ. 2007 – يىلى باشلانغان مۇساپىدە كوسوۋونىڭ ئايرىلىپ دۆلەت قۇرۇش ئىستىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىنى بۇ ئەھۋالغا مىسال قىلىشقا بولىدۇ (قىلىنچ، 2008: 977 – 978).

دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتە تاشلىغان قەدەملىرىگە قارالغىنىدا، غەرب ئەللىرىنىڭ بىر چاغلاردا ھەق – ھوقۇق بولۇشىغا قارشى چىققان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپىنى بۈگۈنكى كۈندە، ئاساسەن بارلىق مۇستەملىكىلىرىنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن قوللىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش ياۋروپا تەشكىلاتلىرى بىر چاغلاردا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش بەس – مۇنازىرىلىرىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئوخشاش تەشكىلاتلاردىنمۇ بەكرەك بۇ مەسىلە بىلەن ھەپىلەشمەكتە ۋە بۇنىڭغا ھەسسە قوشماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ، كۆپىنچىسى كونا مۇستەملىكىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى ۋە سابىق شەرق لاگېرى دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن توختىدى (يۈجە، 2008: 52).

ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش مەسىلىسىگە ئالاقىدار يەنە بىر نۇقتا، بۇ پىرىنسىپنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىشى مەسىلىسىدۇر. بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش مۇساپىسىدە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ ئۈچىنچى تەرەپ كىشىلەر بۇ ھەقنىڭ ئادا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلالامدۇ؟ ب د ت، مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ياكى ئىشغال قىلىنغان دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقنى قايتىدىن قولىغا ئېلىش ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىشىنى يوللۇق، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتكە ئاساسەن ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئادەتتە كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن. مەسىلەن، ب د ت نىڭ، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتلاردا پەلەستىنلىكلەرنىڭ دۆلەتلىرىگە قايتالايدىغانلىقى توغرىسىدا قارارلارنى چىقارغان بولۇشىغا قارىماي، پەلەستىنلىكلەر ھازىرمۇ دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا سۈرگۈندە ياشىماقتا. بۇ ئەھۋال، ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەشنىڭ قانۇنىي بولۇشتىنمۇ بەكرەك سىياسىي بىر پىرىنسىپ بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ناماياندىسىدۇر (قىلىنچ، 2008: 976 – 977).

 

4 – ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش پىرىنسىپىغا ئاساسەن مۇستەقىللىققا ئېرىشىش تىرىشچانلىقلىرى ۋە دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىش

 

بۈگۈنىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىغىمىزدا، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ بارغانسېرى خەلقلەرنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى ئايرىۋېتىپ بارغان بىر پارچىلىغۇچى كۈچكە ئايلانغانلىقىنى، دۇنيانىڭ بولۇپمۇ 21 – ئەسىردە مىكرو مىللەتچىلىكنىڭ مەھسۇلى بولغان مىكرو دۆلەتلەرنى كۆرۈشكە باشلغانلىقىنى، بۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەردىن دۇنيانىڭ ناھايىتى كۆپ رايونلىرىنىڭ نېسىۋىسىنى ئالغانلىقىنى كۆرىمىز. سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن دۇنيانىڭ سىياسىي مەنزىرىسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆزگەردى. يۇگوسلاۋىيەنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن دۇنيا خەرىتىسىگە تۆت يېڭى دۆلەت قوشۇلدى ۋە بۇ مۇساپە قورقۇنچلۇق ئېتنىك توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاخىرىدا كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپىغا يېڭى بىر شەكىل بېغىشلىدى. سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئون بەش يېڭى دۆلەت دۇنيا سەھنىسىگە قەدەم قويدى. سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ غول نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان، بەزى تەرەپلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك ئوخشاشلىققا ئىگە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى بۆلۈنۈش مايىللىقلىرى بۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت پۈتۈنلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە. گىرۇزىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسېتيا ۋە ئابخازىيە ئوتتۇرىسىدا چىققان كىرىزىس ۋە بۇ ئىككى رايوننىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشى مىكرو دۆلەت بولۇش مۇساپىسىنى جەزملەشتۈرگەن بولسىمۇ، دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش (uti possidites juris) قائىدىسىنى ئېغىر رەۋىشتە زەخمىلەندۈردى. كەشمىر، پەلەستىن ۋە تىبەتنىڭ كېلەچىكىنىڭ ئېنىقسىزلىقى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىمۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش بېسىمى كۈچەيمەكتە (قىزىلكايا، 2012: 48).

بىر دۆلەت بولۇش ھەققى ھەم «ئىچكى ئېتىراپ (ئۆز خەلقى تەرىپىدىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىش)»، ھەم «تاشقى ئېتىراپ (خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوبۇل قىلىشى)» ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ. بۇ ئومۇمىي قاراش پەلەستىن مەسىلىسىدە، بىر تەرەپتىن ئۆز ئىچىدە غەربىي قىرغاق / غەززە ۋە ھاماس / فەتىھ بۆلۈنۈشى تۈپەيلى ئۆز خەلقىنىڭ ئورتاق قوللىشىدىن مەھرۇملۇقى، يەنە بىر تەرەپتىن ب د ت ۋاسىتىسى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، دۆلەت بولۇش مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش ھالىتىدە ئەكس ئەتمەكتە. يەنە كېلىپ، دۆلەت بولۇشنىڭ شەرتلىرى نۇقتىسىدىن مۇھىم بىر ئامىل بولغان ئىنسان توپلۇقى، پەلەستىن مەسىلىسىدە مۇساپىرلارنىڭ قايتىپ كېلىشى دائىرىسىدە قاراشقا بولىدىغان بىر تېما ھېسابلىنىدۇ. بۇمۇ، ئۆتمۈشتە پەرقلىق ئۇتۇقلار ۋە ئىزچىللىقلار ئاساسىدا كوسوۋو، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا، شەرقىي تىمور ۋە كۇۋەيت مىسالىدىمۇ كۆرۈلگىنىدەك خەلقئارا قانۇندا مىساللىرى بار بىر مەسىلىدۇر. شۇنداقلا، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپى دائىرىسىدىكى كېلىشىملەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدىكى خەلق ئۇقۇمىغا ئالاقىدار تۇراقسىزلىق، ئېنىقلىما يېتەرسىزلىكى پەلەستىننىڭ دۆلەتلىشىشى مۇساپىسىدىكى مۇھىم تېما بولغان مۇساپىرلار مەسىلىسىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ (پەلەستىنلىك) مۇساپىرلارنىڭ قايتىشىغا ئالاقىدار قاراشلىرىدىمۇ كۆرۈلمەكتە. ئىسرائىلىيەنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندا، پەلەستىنلىكلەرنىڭ قايتىپ كېلىشلىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش ھەقلىرى يوقتۇر؛ ئەمەلىيەتتىمۇ قايتىپ كېلىشلىرىنىڭ ماددىي شارائىتىمۇ مەۋجۇت ئەمەستۇر؛ ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ «يەھۇدىي خاراكتېرى» نى جاراھەتلەندۈرىدىغان بولغاچقا، خالانمايدىغان بىر ئەھۋالدۇر (باتىر ۋە ئاراس، 2011: 154).

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا تايىنىپ ئايرىلغان ئەھۋالدا، ئايرىلغان تەرەپنىڭ دۆلەت، دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆز زېمىنىدا پائال ھالەتتە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىشقا سالالىشى لازىم. پائاللىق شەرتى خەلقئارا تۈزۈمنىڭ مۇقىملىقى نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىمدۇر. پائال دۆلەت سالاھىيىتىنىڭ ئىشقا سېلىنىشى ئىچكى نوپۇز جەھەتتىن زېمىن تەۋەلىكىدە تەرتىپ – ئىنتىزام ئورنىتىش ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرۇش قابىلىيىتىنىڭ ناماياندىسىدۇر. بۇ بىرلىكنىڭ يەنە ھەقىقەتەن مۇستەقىل بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ (كۆپلىگەن كونا مۇستەملىكە رايونلىرى ھەقىقىي مەنىدە سالاھىيىتىدىن پائال پايدىلىنىش باسقۇچىغا كىرمەستىنلا خەلقئارا جەمئىيەتكە قوشۇلدى). مەسىلەن: كوسوۋونىڭ ئايرىلىشى ئىنتايىن پەرقلىق سىياسىي شارائىت ئاستىدا روياپقا چىقتى. يېڭى دۆلەت ئانا ۋەتەن تەرىپىدىن مۇستەقىل قىلىنغان تەقدىردە، پائاللىق شەرتى مۇھىم ئەمەس. مەۋجۇت دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مۇستەقىل بولغان تەقدىردە، پائاللىق شەرتى ئالدىنقى پىلانغا چىقىدۇ. كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، پائال ۋە مۇستەقىل دۆلەت سالاھىيىتىنى ئىشقا سېلىش شەرتىنىڭ ھازىرلانمىغانلىقى دەۋاسى كۈنتەرتىپكە كەلدى. كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىدىن ئىلگىرىمۇ كوسوۋودا سېربىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق سالاھىيىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تارايغانىدى. سېربىيە پەقەت سېربلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شىمالىي كوسوۋودا پاراللېل قۇرۇلما يارىتىش ئىمكانىيتىگە ئېرىشتى (ئارساۋا، 2009: 12).

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ مۇھىم تايانچلىرىنىڭ بىرى ئايرىلىش ھوقۇقىدۇر. ئايرىلىش ھوقۇقىنى ياقلىغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ئايرىلىش ھوقۇقى بولمىغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، سايلام بولمىغان دېموكراتىيەگە ئوخشايدۇ. ئۇلارچە بولغاندا، ئايرىلىش ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، خۇسۇسەن چەتكە قېقىلىش ۋە بېسىمغا دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسانلار ئۇ دۆلەتتىن ئايرىلىشنى خالىسا، ئايرىلىش دېموكراتىك بىر قىممەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى كېرەك. ئارېند لىجفارت (Arend Lijphart) نىڭ قارىشىچە، كۆپ سانلىقچى دېموكراتىك تۈزۈملەردە، ئاسسىمىلياتسىيە رەت قىلىنغاندۇر، ئەكسىچە بولغاندا، ئايرىلىش قوبۇل قىلىنىدىغان بىردىنبىر يولدۇر. ئايرىلىش ھوقۇقى قاتتىق قول تۈزۈمدىن ئۆزىڭىزنى قوغدىيالىشىڭىز ئۈچۈن، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بىر تۈرىدۇر. ئايرىلىش ھوقۇقىنى ياقلىغۇچىلار، مىللەتنىڭ پارچىلانماسلىقى ئۇقۇمىغا ۋە مۇتلەق (شەرتسىز) قىممەت دېيىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكى پىكرىگە پۈتۈنلەي قارشى تۇرىدۇ. بىراق، بۇ يەردە شۇ نۇقتىنى بىلىش كېرەككى، ئايرىلىش ھوقۇقى تەرەپدارلىرىمۇ، بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشنى زۆرۈرىي شەرتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىبارىسى بىلەن چەكلەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كىشىلەرنىڭ ھاياتى ياكى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەركىنلىكلىرى خەۋپكە دۇچار بولسا ۋەياكى خەلق ئىزچىل ھالدا يوقسۇللۇق ئىچىدە ئۆزىنىڭ سۈمۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسا، ئايرىلىشقا ئورۇنلۇق سەۋەبى بار دېمەكتۇر. ھەتتا مايكېل ۋالزېر، بۇنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەگەر توپلۇق ئىچىدە مۇئەييەن ئوخشىماسلىقلار بولسا، بۇ پەرقلىق ئامىللار ئۆزلىرىنى قوللىغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئايرىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى لازىم (ئۇز، 2007: 72 – 73).

زامانىمىزدا كۈچكە ئىگە بولۇۋاتقان خەلقئارا قانۇننىڭ ئايرىلىش ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مىساللار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ مىساللارنىڭ بىرى كانادانىڭ كۇئېبېك ئۆلكىسى بولۇپ، كانادانىڭ ئەڭ چوڭ مەھكىمىسى بولغان كانادا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ، دۆلەتنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان كۇئېبېكنىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا ئايرىلىش ئىستىكىنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، كۇئېبېك خەلقىنىڭ چەت ئەل، دۈشمەن ۋەياكى مۇستەملىكە ئىشغالىدا ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغان. بۇنىڭغا ئىلاۋە قىلىپ، ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ قانۇنلۇق بىر ھەق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە كۇئېبېكلىكلەرنىڭ بۇ ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنداق پىكىرگە كېلىشنىڭ سەۋەبى، مەزكۇر خەلقنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقلىرىنىڭ كەڭ دائىرىدە دەپسەندە قىلىنمىغانلىقى، ھەتتا بېسىم ئاستىدا بولمىغانلىقىدۇر. ئەسلىدە كۆپلىگەن كۇئېبېكلىك ئۆتمۈشتىمۇ شۇنداق بولغان، ھازىرمۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەنسىپى بولغان باش مىنىستىرلىق قاتارلىق فېدېراتىپ مەنسەپلەرنى ئەركىن – ئازادە ھالدا قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مەھكىمە، كۇئېبېكنى ئەمەلىي جەھەتتىن ئايرىلىپ، ئۆز رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى پائال شەكىلدە باشقا ئېلىپ چىقالايدۇ، دەپ قارايدۇ (يۈجە، 2008: 56). ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ خەلقئارا قانۇن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن، مۇستەملىكە ئىشغالى ئاستىدا بولۇشىنىڭ شەرت قىلىنىشى، خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق تىرىشچانلىقلىرىغا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چەكلىمە قويدى، شۇنىڭ بىلەن، خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ قانۇنىيلىقى بەس – مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلاندى.

 

5 – ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپى ۋە فېدېراتىپ تۈزۈم

 

تىلىمىزغا غەرب تىللىرىدىن كىرگەن «فېدېراتسىيە»، «فېدېراتىپ»، «فېدېرال» دېگەن ئۇقۇملارنىڭ سۆز تومۇرى لاتىنچە «foedus» تىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى «بىر مۇناسىۋەت نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بىرلىك – باراۋەرلىك، باغلىنىشلىق، بىرلىك، كېلىشىم» دېگەندەك ئۇقۇملارنىڭ مەنىلىرىگە توغرا كېلىدۇ. بىۋاسىتە شۇنداقلا كەڭ ئومۇملاشقان مەنىسى بويىچە ئېلىنغىنىدا بۇ ئۇقۇم، ئوخشاش بولمىغان گۇرۇپپىلارنىڭ ھەمكارلىشىش ئاساسىدا بىرلىشىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى مەزكۇر گۇرۇپپىلارنىڭ باشتا بىر – بىرىدىن پەرقلىق ئەمما باراۋەرلىككە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. بەزىلەر «foedus» نىڭ بۇلار بىلەن بىرگە مۇزاكىرە ۋە سودىلىشىش ئۇقۇملىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. فېدېراتىپ قۇرۇلمىلار ۋە فېدېراتسىيە ئۇقۇمى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان يازغۇچىلار «foedus» ئۇقۇمىنىڭ نېگىزىدە، ۋاسىتىلىك ۋە ئەمەلىي تەرىپى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئاددىي ھالەتتىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەت شەكلىدىن بەكرەك يىلتىزى ياۋروپا تارىخىنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا ياتىدىغان، ئېتىكىلىق ۋە بەلگىلىمە قويغۇچى (نورماتىف) تەرىپى سالمىقى ئېغىر بولغان بىر بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇش تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، فېدېراتىپ مۇناسىۋەتنىڭ نېگىزىدە «foedus» بىلەن تۇغقاندارچىلىقى بار «fides» يەنى «ئىشىنىش» ۋە «ئىشەنچ» بىلەن بۇ ئۇقۇملار دائىرىسىدە تۈزۈلگەن بىر «كېلىشىم (covenant)» ياتىدۇ (ئارىسوي، 2010: 1195 – 1196).

فېدېرالىزم سىياسىي قۇرۇلمىلىق ھادىسە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئورتاق كۈچكە ۋە ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇشقا ئىمكان بېرىدۇ. فېدېرالىزم سىياسىي قۇرۇلمىلارنىمۇ سىنىپلارغا ئايرىپ بىر قۇرۇلما شەكىللەندۈرىدۇ. پىرامىدانىڭ ئەڭ يۈكسەك نۇقتىسىدىن باشلاپ فېدېراتىپ دۆلەت، فېدېراتسىيەگە قاراشلىق دۆلەت، بىرلەشمە دۆلەتلەر، ئاپتونوم تۈزۈملەر ۋە ۋىلايەتلەرگە ئوخشاش ھەر خىل تۈزۈملەرنى بىر يەرگە مۇجەسسەم قىلىدۇ. فېدېراتىپ قۇرۇلمىلار يۇقىرى دەرىجىلىك بىر كېلىشىمنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، باشقۇرۇش مەركەزلىك ھەربىر تەرەپ باشقۇرۇش جەھەتتىكى كۈچىنى بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن شەكىللەندۈرىدۇ ۋە مەۋجۇتلۇقىنى بۇ كېلىشىمگە تاياندۇرىدۇ. كېلىشىم سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ھادىسە ئادەتتە ئاساسىي قانۇنلار شەكىلدە ئالدىمىزغا چىقىدۇ (تۈركمەن دۈمان، 2011: 64).

دۆلەتلەر قانۇنىدا بىردىن كۆپ دۆلەتنىڭ تەقدىرداشلىق ئورنىتىپ، بىرلا مەركەزدىن ۋەكىللىك قىلىنىشى مىسالىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن فېدېراتىپ دۆلەت ئورۇن ئالىدۇ. لېكىن، فېدېراتىپ دۆلەت، دۆلەتلەر بىرلىكى دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى، كىملىكى يوقىلىشقا يۈز تۇتقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورنىنى ئۆز ئالدىغا فېدېراتىپ دۆلەتنىڭ قانۇنىي كىشىلىكى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا، فېدېراتىپ مەركىزىي دۆلەت بىلەن ئۆلكىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت فېدېراتسىيە قانۇنى ئەمەس، بىر ئىچكى قانۇن مۇناسىۋىتىدۇر. چۈنكى، زۆرۈر تېپىلغاندا، فېدېراتىپ ئورگانلار ئۆلكىلىك ئورگانلارنىڭ ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلالايدۇ، ھەتتا بەزىدە ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىيالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بۇ ساھەدە ئايرىم ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس، سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئۇكرائىنا بىلەن بېلۇرۇسىيەنىڭ خەلقئارا كىملىكىنىڭ بارلىقى قوبۇل قىلىناتتى. ھەر ئىككى فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت ب د ت نىڭ ئەزاسى ئىدى. ھازىرقى كۈندىمۇ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتالايدۇ. بېلگىيە ئاساسىي قانۇنىمۇ فېدېراتسىيە تەۋە دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىپە ساھەلىرىگە كىرىدىغان مەسىلىلەردە چەت دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە يول قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، فېدېراتىپ دۆلەتكە قاراشلىق ئۆلكىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ھەرىكەتلىرىنى مەركىزىي دۆلەتكە پاراللېل ھالدا ئېلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىغا قىل سىغمايدۇ. دەرۋەقە، ئۆتمۈشتە بېلۇرۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا مەركىزىي دۆلەت سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ سىياسەتلىرىگە مۇخالىپ ئىشلارنى پەقەتلا قىلمىغانىدى (دوغان، 2008: 245 – 246).

فېدېراتىپ دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ياراتقان تەسىرىگە كەلسەك، فېدېراتىپ دۆلەت پىرىنسىپ جەھەتتىن بىر پۈتۈن دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇنداق بولغانىكەن، ھەرقانداق تاشقى مۇناسىۋەتتە – ئەكسىچە بىرەر ئەھۋال بولمىغان تەقدىردە –فېدېراتسىيەگە قوشۇلغان دۆلەتكە مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ دائىرىدە، خەلقئارا دەرىجىدە ئىناۋەتلىك قانۇنىي ئىشلارنى قىلىش سالاھىيىتى پىرىنسىپ جەھەتتىن فېدېراتىپ دۆلەتنىڭ ئىلكىدىدۇر. شۇنداقتىمۇ خەلقئارا قانۇن، ئاساسىي قانۇن يول قويغان ئەھۋالدا، فېدېراتىپ دۆلەتلەرنىڭمۇ كېلىشىم تۈزۈم سالاھىيىتى قاتارلىق ھەر تۈرلۈك قانۇنىي ئىشلارنى قىلىش سالاھىيىتىنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بەزى يازغۇچىلار تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىردىنبىر شەرت، مۇناسىۋەتلىك فېدېراتىپ دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئورۇنداش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشىدۇر. كۆپلىگەن فېدېراتىپ دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى ياكى فېدېراتىپ بەلگىلىمىسى مۇئەييەن شەرتلەر ئاستىدا فېدېراتسىيەگە قوشۇلغان دۆلەتلەرگىمۇ كېلىشىم تۈزۈش ھوقۇقى بېرىدۇ. مەسىلەن، سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ 1977 – يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 73 – ماددىسى چەت دۆلەتلەر بىلەن ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن فېدېراتسىيەگە قاراشلىق جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇسۇللىرىنى بېكىتىش ۋە كوردىناتسىيەنى تەرتىپكە سېلىش سالاھىيىتىنى فېدېراتىپ دۆلەتكە بەرگەندىن كېيىن، 80- ماددىسى فېدېراتسىيەگە قاراشلىق جايلارغا كېلىشىم تۈزۈش سالاھىيىتى بېرىدۇ. يەنە، شىۋېيتسارىيە فېدېراتىپ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 9 – ماددا بىرىنچى بۆلۈمى، دۆلەت ئىقتىسادى، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ۋە ساقچى مەسىلىلىرىدە رايونلارغا كېلىشىم تۈزۈش سالاھىيىتى بېرىدۇ (پازارجى، 1989: 85).

فېدېراتسىيە ئۇقۇمىنى بىر خىل دۆلەت شەكلى دەپ قارىغىنىمىزدا، مەسىلىنىڭ «دۆلەتلەرئارا (inter-state)» ۋە «دۆلەت ئىچى (intra-state)» شەكىللىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ ئىككى شەكىل فېدېراتىپ قۇرۇلمىنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئايدىڭلىتىش نۇقتىسىدىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، فېدېراتىپلىشىش ياكى دۆلەتلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىپ، تەشكىلىي ۋە قۇرۇلمىلىق جەھەتتىن يېڭى بىر گەۋدە شەكىللەندۈرۈشى ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ ياكى بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئىچىدىكى پەرقلىق رايونلىرىنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ، كىچىك رايونلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارالغىنىدا، فېدېراتسىيە بىر پۈتۈنلىشىش مۇساپىسىنىڭ پارچىسى ياكى مەھسۇلى بولغاندەك، بىر پارچىلىنىش مۇساپىسىنىڭمۇ پارچىسى ياكى نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىككىنچى خىلى فېدېراتسىيە «سالاھىيەت ئۆتۈنۈپ بېرىش يولى ئارقىلىق قۇرۇلغان فېدېرالىزم (federalism by devolution)» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، فېدېرالىزمنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەرەپلەرنىڭ بىر كېلىشىم دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولۇشىنى بىلدۈرىدىغان تۈپ تەبىئىتىگە ماس كەلمەيدۇ ۋە بۇ نۇقتىدىن «توغرا بولمىغان فېدېراتىپلىشىش تۈرى» دەپ قارىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تارىخىي نۇقتىدىن ئاساسلىقى بىرىنچى خىل فېدېراتىپلىشىشنىڭ مىساللىرى ئۇچرىسا (ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە، شىۋېيتسارىيە)، تەبىئىتى ئېتىبارى بىلەن زىددىيەتلىك دېيىشكە بولىدىغان ئىككىنچى خىل فېدېراتىپلىشىش شەكلىگە تولۇق چۈشىدىغان بىرلا مىسال، 1993 – يىلى تولىمۇ مۇرەككەپ بىر فېدېراتىپ قۇرۇلمىنى قوبۇل قىلغان بېلگىيەدۇر (ئارىسون، 2010: 1197).

فېدېراتىپ دۆلەتنى تەشكىل قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئايرىلىش ھوقۇقىنىڭ بار – يوقلۇقى توغرىسىدا  بىر – بىرىدىن پەرقلىق سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلۈپ كەلدى. سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى بىر فېدېراتىپ دۆلەت ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ، 1936 – يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتىن ئايرىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىغا ئورۇن بەرگەنىدى. نېمىشقىدۇر تۈزۈم يىمىرىلگۈچە ھېچبىر ئەزا دۆلەت ئىتتىپاقتىن ئايرىلمىدى. ھەتتا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەمەس، پەقەت ۋارشاۋا ئەھدىنامىسىغا ئەزا بولغان چېخىسلوۋاكىيە بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ بۇ مۇداپىئە تەشكىلاتىدىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇلمىدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاھالىسىنىڭ مەزكۇر ئەھدىنامىدىن چېكىنىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىغا ئىسيان دەپ باھا بېرىلىپ قانلىق ئۇسۇللار بىلەن باستۇرۇلدى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، قۇرۇلمىلىق جەھەتتىن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي دۆلەتتىن ئايرىلىش ھوقۇقلىرى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇلسا، قائىدە بويىچە فېدېراتسىيەگە قوشۇلغان دۆلەتلەرگە ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش ھوقۇقى بېرىلمەيدۇ. شىۋېتسارىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە گېرمانىيە مىساللىرىدىمۇ ئەزا دۆلەتنىڭ فېدېراتىپ دۆلەتتىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش سالاھىيىتى يوقتۇر (دوغان، 2008: 246).

بۈگۈنكى دۇنيادا فېدېراتىپ قۇرۇلمىنىڭ بىر ئۇلۇس/ مىللىي دۆلەتكە تەتبىقلىنىشىنىڭ بەزى ئېتنىك ۋە مەزھەپ گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدا پارچىلىنىش، بۆلۈنۈش كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم. بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئۈلگىسى ئىراق جۇمھۇرىيىتىدۇر. ئىراقتىكى سۈننىي گۇرۇپپىلار فېدېراتىپ قۇرۇلمىنى ئەجەللىك خەۋپ دەپ قارايدۇ. بۇنىڭغا ئالاقىدار بەزى ئاساسىي نۇقتىلار ئۈستىدە توختىلىش پايدىلىق بولسا كېرەك. سۈننىي گۇرۇپپىلارنىڭ فېدېرالىزمنى ئاساسلىق تەھدىت دەپ قاراشلىرىنىڭ بېشىدا ئىراقنىڭ پارچىلىنىشى ياتىدۇ. نېفىت زاپىسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا بولۇشى شۇنداقلا ئىراقنىڭ ئېلاستىكلىق بىر فېدېراتىپ قۇرۇلمىنى تاللىشىنىڭ سۈننىيلەرنىڭ ياشاش پۇرسىتىنى تارايتىۋېتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئاقىۋەتنى تونۇپ يېتىشىنى پەيدا قىلغان. چۈنكى، ئىراق كۇرد دائىرىلىرىگە پاراللېل ھالدا ئىراقنىڭ جەنۇبىدىمۇ بىر فېدېراتىپ رايوننىڭ بولۇشى، ئوتتۇرىدىكى رايوندا قالغان سۈننىيلەردە ساراسىمە پەيدا قىلىش كۈچىگە ئىگىدۇر. بۇنداق ئەھۋالدا كۇرد ۋە شىئە رايونلىرىنىڭ سۈننىي رايوننىمۇ يۇتۇۋېلىش ئەندىشىسى پەيدا بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراقنىڭ جەنۇبىدا بىر شىئە رايونى قۇرۇلغان ۋە كۈچەيگەن تەقدىردە، مەزھەپ خاراكتېرلىك ئوخشىماسلىقلار شۇنداقلا ئىراننىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ئىراقتىكى سۈننىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ خەۋپكە دۇچار بولىدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە. بولۇپمۇ 2004 – 2007 – يىللىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك ۋە مەزھەپ خاراكتېرلىك ۋەقەلەر نەزەرگە ئېلىنغىنىدا ۋە كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى يۈزىسىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئەقىللەرگە كەلتۈرۈلگىنىدە، بۇ تەھدىت / خەۋپنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ (تۈركمەن دۇمان، 2011: 65). بۇنىڭدىن فېدېراتىپ سىستېمىنىڭ ئىراقنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ. ئىراقتىكى فېدېراتىپ ھۆكۈمەت بىلەن رايونلۇق ھۆكۈمەت داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىشەلمەيدۇ. ئىراق ئاساسىي قانۇنىنىڭ 162 – ماددا 2 – بۆلۈمى، رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلىرى توقۇنۇشۇپ قالغاندا، رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىشتا پەرقلىق يول تۇتالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ (ئۇلۇتاش ۋە تورلاك، 2011: 15).

 

6 – ئەمەلىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنىش شەكىللىرى

 

نەزەرىيەدە ۋە دۆلەتلەر سىياسىتىدە ئېتىراپ قىلىنىش شەكىللىرى قانۇنەن (de jure) ۋە ئەمەلىي (de facto) دەپ ئايرىلىدۇ. ئەمەلىي ئېتىراپ قىلىشتا ئېتىراپ قىلغان دۆلەتنىڭ ھەرىكەتلىرىدە بەزى ئارىسالدىلىقلار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئېتىراپ قىلىش جەھەتتە ئىككىلىنىپ قالغان بىر دۆلەت يېڭى بىر دۆلەتنى قانۇنىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىپ، كەسكىن ئەھدە قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش يولىنى تاللىشى مۇمكىن. ئەمەلىي جەھەتتىن ئېتىراپ ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، يېنىۋېلىشقا بولىدۇ. ئەمما، قانۇنىي جەھەتتىن (de jure) ئېتىراپ قىلىش كەسكىن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتكە مەلۇم قىلىنغاندىن باشلاپ قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان شەكىلدە قانۇنىي ئىرادە بايان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. قانۇنىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىشتىن يېنىۋالغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، دۆلەتلەر ئارىسىدا دۆلەت بولۇشنىڭ بارلىق ئامىللىرىغا ئىگە بولۇپ تۇرۇپمۇ، ئېتىراپ قىلىنمىغان دۆلەتلەرمۇ بار. بۇلارنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدۇر. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى 1983 – يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان بولسىمۇ، تۈركىيەدىن باشقا بىرمۇ دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىدى. تەيۋەنمۇ ئىلگىرى مۇستەقىل بىر دۆلەت، دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، بۇ ئەھۋال 70 – يىللاردا ئۆزگىرىپ كەتتى. بۇنىڭ ئەكسىچە، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىلگىرى ب د ت دا 1988 – يىلى ئۆز زېمىنلىرىدا ئىگىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئالدىغا تۇرغۇزالمىغان بولۇشىغا قارىماي، پەلەستىن خەلقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىندى ۋە ب د ت دا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بېرىلدى. باشقا دۆلەتلەرمۇ پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنى پەلەستىن خەلقىنىڭ ۋەكىلى دەپ ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى. ھەتتا، 1993 – يىلى ئىسرائىلىيەمۇ بۇ يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلدى. تۈركىيە 1988 – يىلى پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنى پەلەستىن ھۆكۈمىتى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلدى. لېكىن، ھازىرغىچە مۇستەقىل بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغان ئەمەس (دوغان، 2008: 250 – 251).

دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۇقۇمى بولغان «سىياسىي مەركەزلىشىش»، ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىشغال تۈپەيلى رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى. تەشكىلىي جەھەتتە پائال بولمىغان بىر باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ دۆلەت بولۇشنىڭ شەرتلىرىنى تولۇق مەنىدە ھازىرلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. پەلەستىن دائىرىلىرى باش مىنىستىرى سالام فەييادنىڭ پەلەستىندە ئەمەلىي (de facto) بىر دۆلەت بەرپا قىلىش مەقسىتىدە ئىجرا قىلىشقا تىرىشقان فەيياد پىلانى پەلەستىنگە نىسبەتەن مۇھىم ئىلگىرىلەشتۇر. پەلەستىندە ئەمەلىي بىر دۆلەتنىڭ روياپقا چىقىرىلىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆتمۈشتىكى مەيلى چېگراسىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، مەيلى دۆلەت شەكىللەندۈرۈش مۇساپىسىدە ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بارغان «ئەمەلىي پاكىتلارنى پەيدا قىلىش (establishing the facts on the ground)» تاكتىكىسى ئىسرائىلىيەنى 1967 – يىل چېگرالىرىغا، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە يېڭى ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا خاتىمە بېرىشكە مەجبۇرلايتتى. (باتىر ۋە ئاراس، 2011: 159).

ئەمەلىي پەلەستىن دۆلىتىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشى قانۇنىي جەھەتتىن بىر تەرەپلىك دۆلەت ئېلان قىلىش ئەمەستۇر. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 2002 – يىلىدىكى بىر قارارى بىر تەرەپلىك دۆلەت ئېلان قىلىشنى ئىنتايىن قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى. مەزكۇر قارار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتىگە پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپلىك  (دۆلەت) جاكارلىشىنى توسۇش ئۈچۈن كېرەكلىك قانۇنىي ھوقۇق بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى. فەييادنىڭ پىلانى، پەقەت ئۇزۇندىن بۇيان پاتقاق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى ئەمەس، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قارارنىمۇ ئۇتۇقلۇق ھالدا يانداپ ئۆتۈپ كېتەتتى. گەرچە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋىگدور لىئېبېرمان مەزكۇر پىلانغا بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت، دەپ باھا بەرسىمۇ، بۇنىڭ خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن بىر تەرەپلىمە بىر جاكار ئەمەسلىكى ئېنىقتۇر. ئەسلىدە فەيياد ئوتتۇرىغا قويغان بۇ پىلان، ئىسرائىلىيە ئۆتمۈشتە مەيلى چېگرالىرىنى كېڭەيتىش، مەيلى دۆلەت شەكىللەندۈرۈش مۇساپىسىدە بولسۇن، بۇ تاكتىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانىدى. فەيياد شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىستراتېگىيەدىن پايدىلىنىپ، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلق ئارىسىدا پەيدا بولغان ئۈمىدسىز پىسخولوگىيەگە زەربە بېرىشنى نىشان قىلغانىدى. بۇ پىلان ئارقىلىق پەلەستىن خەلقىنىڭ يېڭىلىقچى ئېنېرگىيەسىنى دۆلەت شەكىللەندۈرۈش يولىدىكى ئىجابىي نۇقتىلارغا يېتەكلەشمۇ ئېھتىماللىق دائىرىسىدىكى نەتىجىلەردىن بىرىدۇر. ئىجرا قىلىنالىسا، تىنچلىق ئۈستىلىدە بىر پەلەستىن ھاكىمىيىتى ياكى پارچىلانغان ھۆكۈمەت ئەمەس، پەلەستىن دۆلىتى ئولتۇرىدۇ، بۇمۇ تىنچلىق مۇساپىسىدە پەلەستىن تەرەپنىڭ قولىنى كۈچەيتىدۇ (چىفتچى، 2009: 36).

سىياسىي، تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ئوخشىماسلىقلارغا قارىماي، ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتيا كېلىشمەسلىكى ئايرىلىش ھوقۇقى نۇقتىسىدىن كوسوۋو بىلەن پاراللىللىقلارغا ئىگىدۇر. كوسوۋوغا ئوخشاش ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتيامۇ سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە كۆپ مىللەتلىك دۆلەت قۇرۇلمىسىدىن ئاپتونوم رايونلار سۈپىتىدە ئورۇن ئالماقتا ئىدى. 1980 – يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا شەرق لاگېرىدا باشلانغان يىمىرىلىش مۇساپىسىدە، ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتيادا مۇستەقىللىق ئۇرۇنۇشلىرى بولدى، بىراق، ھەر ئىككى رايوننىڭ دۆلەت  ئىچى ياكى خەلقئارا قانۇن سەۋىيەسىدە ئايرىلىش ھوقۇقى قوبۇل قىلىنمىدى. 2008 – يىلىمۇ خەلقئارا جەمئىيەت گىرۇزىيەدىن ئايرىلغان بۇ ئىككى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇستەقىللىقىنى رەت قىلىش پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ قالدى. ھەر ئىككى ئاپتونوم رايوننىڭ نە ئايرىلىش ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنمىدى، نە ئارىلىقتا ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەلىي (de facto) تۈزۈمگە قارىماي دۆلەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن بولمىدى. گىرۇزىيە كېلىشمەسلىكى داۋاملىشىۋاتقان ئەسنادا، يەنى 2008 – يىلى ئاۋغۇستتا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسېتيانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى. پرېزىدېنت مېدۋېدېۋ بۇ دائىرىدە ئابخازىيە ۋە ئوسېتيا خەلقىنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە تاياندى (تايانغانلىقىنى بىلدۈردى). گرۇزىيە ئۇزۇنغا سوزۇلغان يارىشالماسلىق مۇساپىسى تۈپەيلى تىنچلىق ئۇسۇلدا چارە تېپىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ئابخازىيەلىكلەر ۋە ئوسېتيالىقلارنىڭ ھاياتلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ يېگانە چارىسى مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش ئىدى. بۇ قاراشقا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ب د ت ئەھدىنامىسىنى، دوستانە مۇناسىۋەتلەر باياننامىسىنى ۋە 1975- يىلىدىكى خېلسىنكى ھەل قىلغۇچ ھۆججىتىنى تايانچ قىلدى. ئېلان قىلىنغان باياناتلار ۋە ئىشارەت قىلىنغان ھۆججەتلەر رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئېتىراپ قىلىش سەۋەبىنى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتيادا ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەلىي (de facto) سالاھىيەتكە ئاساسەن ئەمەس، كوسوۋو مىسالىدا رەت قىلغان ھوقۇقلارنى تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا تاياندۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن كېيىن نىكاراگۇئا، ۋېنېسۇئېلا ۋە نائۇرۇدىن باشقا بىرمۇ دۆلەت ئابخازىيەنى ۋە جەنۇبىي ئوسېتيانى ئېتىراپ قىلمىدى. كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق ئېلانىنى ئېتىراپ قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە ۋە فرانسىيە، رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنى گرۇزىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەيىبلىگەن ۋە ھەر ئىككى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇستەقىللىق ئېلانىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى. (ئارساۋا، 2012: 15).

 

خۇلاسە

 

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپى خەلقئارا قانۇن سىستېمىسىدا مۇستەملىكە ۋە ئىشغال ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ ھايات – ماماتلىق ھوقۇقى ھېسابلىنىدۇ. ھەربىر ئاز سانلىقنىڭ ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپىنى ياقلاش، خەلقئارا سىستېمىدا ھەردائىم قوبۇل قىلىنماسلىقى مۇمكىن. دېموكراتىك جەمئىيەتلەردىكى ھۆكۈمەت قاتلىمىدا ۋەكىللىرى بولغان ئاز سانلىقلارنىڭ بۇ پىرىنسىپتىن پايدىلىنىپ بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشى، خەلقئارا تۈزۈم تەرىپىدىن قانۇنى جەھەتتىن يوللۇق دەپ قارالمايدۇ.

دەۋرىمىزدە، ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپىنىڭ بىر ھوقۇق ئىكەنلىكى قوبۇل قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ھوقۇق بېرىلىدىغان خەلقنىڭ ئېنىقلىمىسى توغرىسىدا بىردەكلىك بولمىغاچقا، خەلقئارا سىستېما ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرەلمەي كەلمەكتە. بىراق، ئېتنىك، دىنىي ۋە تىل جەھەتتىن پەرقلىق گۇرۇپپىلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە دۆلەتنىڭ سىستېمىلىق ھالدا چەتكە قېقىشىغا دۇچار بولسا، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا، ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپىغا مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ. مەسىلەن، كوسوۋودىكى ئالبانلارنىڭ سېربلار تەرىپىدىن ھەم زوراۋانلىق ۋە بېسىمغا ئۇچرىشى ھەم باشقۇرۇش ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىپ چەتكە قېقىلىشلىرى ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىشنى ئوچۇق ھالغا كەلتۈردى.

ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئالاقىدار قىيىنچىلىقلار خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئاجىزلىقىنىمۇ نامايان قىلىپ بەرمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىدە سۈرگۈن قىلىنىشقا، چەتكە قېقىلىشقا، بېسىم ۋە زوراۋانلىققا دۇچار بولغان ئاز سانلىقلارغا ياردەم قىلماسلىقى ۋە بۇ پىرىنسىپتىن مەنپەئەتلىرىگە ئاساسەن پايدىلىنىشىمۇ خەلقئارا قانۇن ساھەسىدە ساقايماس جاراھەتلەرنى پەيدا قىلماقتا.

 

پايدىلانغان مەنبەلەر

▶ Arısoy, A. (2010): “Avrupa’da Federalizm Geleneği ve Avrupa Bütünleşmesinde Federalist Akımlar”, Ege Akademik Bakış Dergisi, C.10, S.4, s.1195-1196.

▶ Arsava, A. F. (1993): “Azınlık Kavramı ve Azınlık Haklarının Uluslararası Belgeler ve Özellikle Medeni ve Siyasi Haklar Sözleşmesi’nin 27. Maddesi Işığında İncelenmesi”, Ankara Üniversitesi Siyasal Bilgiler Fakültesi Basımevi, Ankara, s.5.

▶ Arsava, F. (2009): “Self-Determinasyon Hakkı ve Kosova”, Uluslararası Hukuk ve Politika Dergisi”, C.5, S.17, s.12.

▶ Arsava, F. (2012): “Kosova, Abhazya, Güney Osetya ve Uluslararası Ayrılma Hakkı”, Uluslararası Hukuk ve Politika Dergisi, C.8, S.29, s.15.

▶ Ayhan, H. (2005): “Kendi Kaderini Tayin ve Kosova”, Yüksek Lisans Tezi, Kırıkkale Üniversitesi Sosyal Bilimler Enstitüsü, s.4.

▶ Batır, K. ve Aras, İ. (2011): “Self-Determinasyon Hakkı ve Filistin Devleti Bağlamında Filistin Sorunu”, Nevşehir Üniversitesi Sosyal Bilimler Enstitüsü Dergisi, S.1, s.154.

▶ Çiftçi, S. (2009): “El Fetih Kongresi, De Facto Filistin Devleti ve Ortadoğu Barış Süreci”, Ortadoğu Analiz Dergisi, C.1, S.10, s.36.

▶ Doğan, İ. (2008):“Devletler Hukuku”, Seçkin Yayıncılık, Ankara, Birinci Baskı, s.176.

▶ Duman Fatma, C. T. (2011): “Irak’ta Federalizm Tartışmaları”, Ortadoğu Analiz Dergisi, C.3, S.34, s.64.

▶ Kılınç,D.(2008): “Self-Determinasyon İlkesinin Azınlıklar Açısından Değerlendirilmesi”, Gazi Üniversitesi Hukuk Fakültesi Dergisi, C.12, S.1-2, s.957-958.

▶ Kızılkaya, E. (2012): “Self-Determinasyon İlkesi”, Konya Barosu Dergisi, S.22, s.44.

▶ Kurubaş, E. (2004): “Kuzey Irak’ta Olası Bir Ayrılmanın Meşruluğu ve Self-Determinasyon Sorunu”, Ankara Üniversitesi Siyasal Bilgiler Fakültesi Dergisi, C.59, S.3, s.152.

Kütükçü, M. A. (2003): “Uluslararası Hukukta Self-Determinasyon Hakkı ve Türk Cumhuriyetleri”, Selçuk Üniversitesi Sosyal Bilimler Enstitüsü Dergisi, S.12, s.262.

▶ Pazarcı, H. (1989): “Uluslararası Hukuk Dersleri”, İkinci Kitap, Ankara Üniversitesi Siyasal Bilgiler Fakültesi Yayınları, Ankara, s.85.

▶ Ulutaş, U. ve Torlak, F. (2011): “Çekilme Sonrası Irak’ta Düzen Arayışı”, SETA Analiz Dergisi, S.49, s.15.

▶ Uz, A. (2007): “Teori ve Uygulamada Self-Determinasyon Hakkı”, Uluslararası Hukuk ve Politika Dergisi, C.3, S.9, s.70-71.

▶ Yüce, C. (2008): “Uluslararası Hukukta Self-Determinasyon İlkesi ve Günümüz Uygulamaları”. Yüksek Lisans Tezi, Karadeniz Teknik Üniversitesi, Sosyal Bilimler Enstitüsü, s.52.

[1]  ئىستانبۇل سودا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتى خەلقئارا سودا قانۇنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بۆلۈمى ماگىستېر ئوقۇغۇچىسى. mesutcelik25@gmail.com

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*