ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرى

 

خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە زامانىمىزدا پەيدا قىلغان مەسىلىلىرى

 

 

ف.د.ئا. فۈسۇن ئارساۋا[1]

 

 

خەلقئارا سەھنىدىكى ئۆزگىرىشلەر 20 – ئەسىرنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك شوئارلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بۇ غەلىبىسىنى 21 – ئەسىردىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ پەقەت بىر شوئاردىنلا ئىبارەت بولماستىن، كىشىلىك ھوقۇق ماتېرىياللىرىدا ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق دەپ قارالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك كودلاشتۇرۇش مىسالىنى تەشكىل قىلىدىغان ھەر ئىككى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ بىرىنچى ماددىسى:

پۈتكۈل خەلقلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. بۇ ھوقۇققا تايىنىپ خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي سالاھىيەتلىرىنى ئەركىن – ئازادە بەلگىلىيەلەيدۇ ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي تەرەققىياتىنى ئەركىن – ئازادە داۋاملاشتۇرالايدۇ.

پۈتكۈل خەلقلەر خەلقئارا قانۇنغا ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت پىرىنسىپىنى چىقىش قىلىدىغان خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسئۇلىيەتلىرىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن، تەبىئىي ھوقۇقلىرى ۋە بايلىقلىرىنى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خالىغانچە تەسەررۇپ قىلسا بولىدۇ. بىر خەلق ئۆزى ئىگە بولغان ماددىي مەنبەلەردىن ھېچبىر شەكىلدە مەھرۇم قىلىنالمايدۇ.

ئۆز ئۆزىگە خوجا بولمىغان، باشقىلارنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدىكى مەملىكەتلەرگە مەسئۇل دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كېلىشىمگە تەرەپ بارلىق دۆلەتلەر، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئورۇندىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) شەرتنامىسىگە ئۇيغۇن ھالدا بۇ ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ.

دېگەن ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەگەر بىر خەلق سىياسىي سالاھىيىتىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولسا، ئۆز دۆلىتىنىمۇ قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. مەزكۇر كېلىشىملەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان خەلقلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇ دائىرىدە ئۈچ خىل قاراشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى كۆرۈلمەكتە:

– بۇ قاراشلارنىڭ بىرىنچىسى بويىچە، خەلق دۆلەتنى تەشكىل قىلىدىغان كىشىلەر توپلۇقى بولۇپ، بۇ توپلۇققا بەزىدە چەت ئەللەرگە چىقىرىۋېتىلگەن، بەزىدە چەت دۆلەتلەردە ياشايدىغان خەلقلەر نەزەرگە ئېلىنغان ھالدا ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. دۆلەت زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى قولدىن بېرىپ قويغىنىدا، ئۇ جايدا ياشايدىغان كىشىلەر كۆچۈپ كەتمىسە ئاپتوماتىك ھالدا پۇقرالىقتىن چىقىپ كېتىدۇ.

– خەلقكە ئېنىقلىما بەرگەن ئىككىنچى قاراشنى 1882 – يىلى ئېرنېست رېنان ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر مىللەتنى تەشكىل قىلىدىغان ھەركۈنى يېڭىلىنىدىغان رېفېراندۇمدۇر.[2] روشەن بولغان بۇ فورمۇلا ئىككىلىنىش پەيدا قىلماقتا. ھەممە ئىش پەقەت ئۆزگىرىشچان ئىنسانلارنىڭ ئارزۇسىغا باغلىقمۇ؟ بىر ئادەم بۈگۈن بىر مىللەت، ئەتە باشقا بىر مىللەتكە تەۋە بولالامدۇ؟ كەسكىن ئورتاقلىقلار بولۇشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ ئېرنېست رېنان شۈبھىسىزكى فىرانسۇزلارنىڭ دۆلەتلىرىگە بولغان ساداقىتىنىڭ بىر كېچىدىلا ئۆزگىرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان. لېكىن، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىقلىما ئوبيېكتىپ ئانالىزلارغا يول ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. يەنە بىر تەرەپتىن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش بوش قويۇۋېتىلگەن، خالىغانچە قىلىنىدىغان نەرسە ئەمەستۇر.

– رېناننىڭ قارىشىنىڭ ئەكسىچە، ئوبيېكتىپ تايانچقا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېنىقلىما جوسېف ستالىنغا ئائىتتۇر. ستالىن، 1913 – يىلى مىللەتنى «تارىخىي جەھەتتىن ئوتتۇرىغا چىققان تىل، مەملىكەت، ئىقتىسادىي ھايات ۋە كۈلتۈر بىرلىكىنى ئاساس قىلىدىغان مۇقىم، تەۋرەنمەس ئىنسان توپلۇقى» دەپ ئىزاھلايدۇ.[3] ستالىن مىللەتكە مەنسۇپلىرىنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدىغان مۇئەييەن ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئېنىقلىما بەرگەن.

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ مەركىزىي ئامىلى قانداق ئېنىقلىما بېرىلىشىدىن قەتئىينەزەر، خەلق دەپ قوبۇل قىلىنماقتا. خەلق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. بۇ، ھېچبىر خەلقنىڭ باشقا بىر خەلقكە بىر نەرسىلەرنى بەلگىلەپ بېرىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خەلقنىڭ ئۆز ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش سالاھىيىتى چەكلىمىسىزدۇر. خەلقنىڭ ئۈستىدە باشقا بىرى يوقتۇر. ئىگىلىك ھوقۇق بۇدۇر. شۇ ۋەجىدىندۇركى، مۇستەقىل مەۋجۇتلۇق بولۇش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. بۇنىڭ مەنبەسى ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ مىللەتنى تايانچ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق نەزەرىيەسىدۇر. مىللەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پەقەت سىرتقا نىسبەتەن مۇستەقىل بولۇش ئەمەس، ئىچكى قىسىمدىمۇ ئۆزىنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت شەكلىنى بېكىتىش جەھەتتىمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلىش، قايسى شەكىلدە كىم تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى بېكىتىش ئىمكانىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دېموكراتىيە پىرىنسىپىنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە خەلقنىڭ ئۆز – ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىدۇر. مىللەتنىڭ بۇ باشقۇرۇش سالاھىيىتىنى تەبىئىي ھالدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى مۇمكىندۇر. بۇ خىل دېموكراتىيەلەر تەمسىلى دېموكراتىيە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. مىللەتنىڭ ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇش سالاھىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ بىر قىسمىدىن پارلامېنت ياكى ھۆكۈمەت ۋەياكى پىرېزىدېنت، پادىشاھ ئۈچۈن ۋاز كېچىشى دېگەنلىك بولىدۇ.

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ ئىككى خىل شەكلى ئارىسىدىكى ئايرىما مودېرن(ھازىرقى) تەتقىقاتلاردا ۋە سىياسىي بەس – مۇنازىرىلەردە ئىچكى ۋە تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى پەرقلەندۈرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ.[4]  بۇ ئىككىسى بىر – بىرىگە بەدەل يەنى تەڭ ئۇقۇملار ئەمەس، بەلكى يۇقىرى – تۆۋەنلىك مۇناسىۋىتىگە ئىگە ئۇقۇملاردۇر. تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى نۇقتىسىدىن ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. پەقەت ئاپتونومىيە دەپ ئاتىلىۋاتقان ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە خەلقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى يوقتۇر. ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بىر خەلق ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ ئورنىغا ئىچكى ئىشلىرىنى، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت شەكلىنى خالىغىنى بويىچە شەكىللەندۈرەلەيدۇ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە ھەتتا غەيرىي دېموكراتىك ئىشلارنى سادىر قىلىدۇ ياكى مۇھاپىزەت قىلالايدۇ. بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ فېدېراتىپ دۆلەتلەردە كۆرۈلىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پالاتاسىدا ياكى شىۋېيتسارىيە رايونلۇق پارلامېنتىدا ھەر بىر رايونغا نوپۇسىغا قارىماستىن ئوخشاش نىسبەتتە بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشى غەيرىي دېموكراتىك ئەھۋال، دەپ قارالماقتا.

ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئورنىنى باسمايدۇ، دەل ئەكسىچە، يېرىم تولۇقلىغۇچى چارىدۇر. ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگۈچىلەر تولۇق شەكىلدىكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ دائىرىدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يولىدىكى بىر باسقۇچ توغرىسىدا توختىلىش كېرەك. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دېموكراتىيە ئامىلى ئالدىدا ئىنسانلار قايسى دۆلەتكە تەۋە بولۇشنى خالايدىغانلىقىغا قارار قىلالايدۇ؛ يەنە، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئاساسەن، خەلقلەر بىرلىشىشنى ياكى بىر – بىرىدىن ئايرىلىپ، ئۆز  دۆلەتلىرىنى قۇرۇشنى خالىشى مۇمكىن. خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىشىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە بىئاراملىق  پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بار. ھېچبىر دۆلەت ئۆز تەۋەلىكىدىكى مەۋجۇت مىللىي گۇرۇپپىلارنىڭ، ئاز سانلىقلارنىڭ  مۇئەييەن  جەريان ئىچىدە ئاپتونومىيەسىنى، ئاخىرىدا دۆلەت سۈپىتىدە مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىش خەۋپىگە  دۇچ كېلىش مۇمكىنچىلىكىدىن مۇستەسنا ئەمەس. پىرىنسىپ جەھەتتىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا تايىنىپ  ھوقۇقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.  ئوخشاش بولمىغان خەلقلەرنىڭ ياكى پەرقلىق خەلق توپلۇقلىرىنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،  ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان دۆلەتتىن ئايرىلىش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ،  خەلقئارادىكى دۆلەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ بىر سىممېترىكى بولغان چەكلىمىسىز  ئايرىلىش ھوقۇقىنى رەت قىلماقتا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر ئۆلۈۋېلىش كۇلۇبى ئەمەسلىكىگە ئىشارەت قىلماقتا.[5]  ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى قوبۇل قىلىنسىمۇ، ئايرىلىش ھوقۇقىنىڭ رەت قىلىنىشى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە ئايرىلىش ھوقۇقىنىڭ بىر – بىرىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇش ئالاھىدىلىكىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنىشىدەك  ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بىر خەلقنىڭ ئايرىلىش ھوقۇقىغا تايىنىپ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئىمكانىيىتىنىڭ بېرىلمەسلىكى، سىممېترىك بىر تەسىر بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭمۇ رەت قىلىنىشى  نەتىجىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئايرىلىش ھوقۇقى پەقەت   ئەنسىرەش ئىچىدە بېرىلگەن تەقدىردىمۇ، بۇ ئەنسىرەش ۋە چەكلىمىلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە بولماقتا.[6]

دۆلەتلەر ئارىسىدا رايونلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى نورمالدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئاساسەن ئەمەس، مۇناسىۋەتلەرگە ئاساسەن، كۆپىنچە ھاللاردا كۈچ ئىشلىتىش يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. كۈچ مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇ پەيدا قىلىدىغان ئاقىۋەتلەر ئاپتوماتىك ھالدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئىشغال قىلىۋېلىنغان بىر دۆلەت خەلقىنىڭ دەرھاللا دۆلىتىنىڭ قولدىن قولغا ئۆتۈشىدىن مەمنۇن بولۇپ كېتىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. كۈچ مۇناسىۋەتلىرى بەلگىلىگۈچى رول ئوينايدىغان ئەھۋاللاردا يا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىلىدۇ ياكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ كۈچ مۇناسىۋەتلىرىگە مۇۋاپىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە بىر نەرسە ئىشلىتىلىدۇ. خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى «فورمۇلاسى» 1860 – يىللاردا تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىندى.[7] ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بىر شوئارغا ئايلىنىشى 1 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ. ئۆزىنى خەلق، دەپ قارايدىغان توپلۇقلارنىڭ ئىستەكلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدا ياكى بىر دۆلەتكە تەۋەلىكلىرىنىڭ بېكىتىلىشىدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئۇقۇمىنىڭ ئىشلىتىلىشى بولسا، فىرانسىيە ئىنقىلابىدىن باشلاپلا مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.[8] فىرانسىيە ئۇ مەزگىلدە ئىشغال قىلغان زېمىنلاردا فىرانسىيەگە زېمىنلارنى قوشۇۋالماستىن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزەتتى.[9] ئۆتكۈزۈلگەن خەلق سايلىمى / ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى پەقەت قارار چىقىرىش ئىشلىرىنىڭلا ئەمەس، قارارنىڭ قانۇنىيلىقىنىڭمۇ ئاساسىي دەپ قارايتتى. 1798- يىلىدىن كېيىن ناپالېئون خەلق سايلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. 1860 – يىللاردىن كېيىن خەلق سايلىمى قايتىدىن يولغا قويۇلدى. ئۇ مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلق سايلاملىرى خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ نامايان قىلىنىشىغا ئەمەس، ئۇرۇش ئارقىلىق قولغا كىرگۈزۈلگەن نەرسىلەرگە قانۇنىيلىق بېغىشلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلاتتى. بەلكى بۇ خىل سىياسەت تۈپەيلى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە خەلق سايلىمى ئۇزۇن مەزگىللەر بويىچە تىلغا ئالغۇچىلىك رول ئوينىمىغان بولۇشى مۇمكىن.

گېرمان ئىتتىپاقى شەكىللەندۈرۈلگەن مەزگىلدە خەلق سايلىمى مەغلۇپ بولغۇچىلار تەرىپىدىن تەلەپ قىلىناتتى، غەلىبە قىلغۇچىلار تەرىپىدىن رەت قىلىناتتى. لېكىن، 1930 – يىللاردا شەرت – شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غالىبلىرىنىڭ ئىستىكىگە ئاساسەن، ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەستىن ئۆكتىچىلەرنى يۇمشىتىش ۋە ۋېرسائىللېس كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىغا قانۇنىيلىق بېغىشلاش مەقسىتىدە خەلق سايلىمى ئۆتكۈزۈش پىلانلاندى.[10] ۋېرسائىللېس كېلىشىمىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلق سايلىمى 1920 – يىلى 10 – فېۋرال ۋە 7 – مارت كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

رۇس ئىمپېراتورلۇقىدا ۋە ھابسبۇرگ ئىمپېراتورلۇقىدا مىللەتچىلىك ئۇرۇشلىرىنىڭ كۆپىيىپ قېلىشى بىلەن بىرلىكتە، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى 20 – ئەسىردە قايتىدىن جانلاندى. جىددىي بەس – مۇنازىرىلەر پەقەت ماركسىزمچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى.  ئوتتو بائۇئېر ۋە كارل رېننېر قاتارلىق ماركسىزمچىلار مىللىي كىملىك بىلەن بىرلىكتە  ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان بىر فورمۇلا سۈپىتىدە خۇسۇسىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلدى.[11]  خۇسۇسىي  ئاپتونومىيە كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن ناھايىتى ياخشى بىر چارە بولسىمۇ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن تەقدىردە، تەرتىپ – ئىنتىزامنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. كېلەچەكنىڭ خۇسۇسىي ئاپتونومىيەدە ئەمەس، رايونلۇق ئاپتونومىيەدە پارلاق بولىدۇ، دەپ قارىغان لېنىن، خۇسۇسەن رۇسىيە ئىمپېراتورلۇقى تەۋەلىكىدە ياشايدىغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىنى قۇرۇش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلدى.

1903 – يىلى لېنىننىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا 9. نۇقتا سۈپىتىدە رۇسىيە ئىجتىمائىي دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسىدا ئورۇن بېرىلدى.[12] ۋىلسون ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى يېڭىدىن بايقىمىغان، ئەكسىچە ناھايىتى كېچىكىپ يولغا چىققان بىر پويىزغا چىقىۋالغانىدى.[13] ۋىلسوننىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىدىغان بىر ھوقۇق ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشى ئۈچۈنمۇ خېلى ئۇزۇن جەرياننىڭ ئۆتۈشىگە توغرا كەلدى. ۋىلسون، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ياۋروپانىڭ يېڭى تۈزۈمىنىڭ تايانچى، دەپ ئېلان قىلدى. بىراق، لېكىن، كىملەرنىڭ بۇ ھوقۇققا ئاساسەن ئەركىن بولالايدىغانلىقى ياكى باشقا كىملەر بىلەن بىرلىشەلەيدىغانلىقى مەسىلىسىنىڭ دەتالاشلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رېئال مەسىلىلەر تۈپەيلى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئۇ دەۋردە بىر شوئار بولۇشتىن ھالقىپ كېتەلمىدى. مەۋجۇت كۈچ مۇناسىۋەتلىرى، غالىبلار ۋە مەغلۇپلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەر ۋە نۇرغۇن ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلغان دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىلىرى سايىسىدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا تەرتىپكە سالغۇچى بىر پىرىنسىپ سۈپىتىدە قاراش خامخىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنمۇ 19 – ئەسىردىكىگە ئوخشاشلا ھەربىي كۈچكە تايانغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان زېمىن تەقسىماتىنى كېيىنچە يوللۇقلاشتۇرۇۋېلىشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىلدى. لېكىن، 19 – ئەسىردىكىدىن پەرقلىق تەرىپى شۇكى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قارار چىقىرىش ئۆلچىمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمىدى.

ياۋروپانىڭ يېڭى تۈزۈمىدە  ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ  ئىجرا قىلىنىشى (1918 – 1923) ئۇرۇش غالىبلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلارنىڭ ئاجىزلىشىشىغا خىزمەت قىلىدىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەندۇر.[14]خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر تۈپەيلى  كۆزلەنگەن مۇددىئانىڭ ئىشقا ئېشىش كاپالىتى يوق ئەھۋاللاردا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى  ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كېچىلدى. ئۇرۇش غالىبلىرىغا پايدىلىق زېمىن ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپىنچىسى – ئېلساس – لورېنلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە –  خەلق سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەستىنلا ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرىنىڭ بېكىتىلىشىدە تېخىمۇ پەرقلىق ئۇسۇللار قوللىنىلدى. رۇسىيە ئۇرۇشتىن بالدۇر ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن، ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇرۇش غالىبى ئەمەس، ئىككىلەمچى ئۇرۇش غالىبى ھېسابلىناتتى. تىلنى ئاساس قىلىش قائىدىسىگە ئاساسەن چېگرالار سىزىلدى. ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلارنىڭ زېمىنلىرىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلەتلەر ياكى بىتەرەپ دۆلەتلەر تەرىپىدىن دەۋا قىلىنغان جايلاردا ئۇرۇش غالىبلىرى خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا خەلق سايلىمى ئۆتكۈزدى.[15] ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ئاۋسترىيە بىلەن ۋېنگىرىيە ئارىسىدىكى دەتالاشلىق ئۆدېنبۇرگ / سوپروندا بولسا، ئۇرۇش غالىبلىرى مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇۋازىنەتنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشتى.

ئۇرۇش غالىبلىرىنىڭ  ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن قانچىلىق يىراق ئىكەنلىكىنى كۆپ سانلىق گېرمانچە سۆزلىشىدىغان ئۇپېن ۋە مالمېدينىڭ بېلگىيەگە بېرىلىشى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ گېرمانىيەگە پايدىلىق رەۋىشتە نەتىجىلىنىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولغان بۇ رايون ئۈچۈن، ۋېرسائىللېس تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ 34 – ماددىسى «كېلىشىم ئىجرا قىلىنغاندىن باشلاپ 6 ئاي ئىچىدە بېلگىيە دائىرىلىرى ئۇپېن ۋە مالېديدە تىزىملىك تۇرغۇزىدۇ؛ بۇ رايونلاردا ياشايدىغانلار يازما ھالەتتە قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي بۇ رايوننىڭ گېرمانىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاستىدا قېلىشنى خالاپ – خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر.   بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نەتىجىنى مىللەتلەر مەجلىسىگە مەلۇم قىلىش ۋە مىللەتلەر مەجلىسىنىڭ قارارىغا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بار» دېگەن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە 34726 كىشىدىن پەقەت 270 ئادەملا تىزىملىككە ئىسمىنى يازدۇردى. بېلگىيەلىك سوتسىيالىستلار بۇ ئەھۋالغا كومېدىيە، دەپ باھا بەردى.[16]

زېمىندىن ئايرىلىپ قېلىش جازا، زېمىنلارنى قولغا كىرگۈزۈش مۇكاپات دەپ قارالغان بولغاچقا، گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلەر ھوقۇقىغا خىلاپ ھۇجۇمى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بېلگىيە دەتالاشسىزلا ئورۇنلۇق، دەپ قوبۇل قىلىندى. مەسىلىنىڭ زېمىننىڭ قايسى دۆلەتكە ئائىت  بولىدىغانلىقى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىنىشى، مۇناسىۋەتلىك زېمىنلاردا ياشاۋاتقانلارنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. ئوبيېكتىپ نەزەر تاشلانغىنىدا، بەزى يېڭى چېگرالارنىڭ مىللەتلەرنىڭ چېگرالىرى سۈپىتىدە سىزىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ پايدىسى كېلىشمەسلىكلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ياكى ھېچبولمىغاندىمۇ ئازىيىشىدۇر. يېڭى تۈزۈمنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى پوزىتسىيەسى خالىغانچە سىياسەتلەر تۈپەيلى ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرايدۇ.

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئۇرۇشنىڭ غالىبلىرى تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىشى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى غالىبلارنىڭ ئۈسكۈنىسى بولۇشتىن چىقىرىپ، مەغلۇپلارنىڭ ئۈسكۈنىسىگە ئايلاندۇردى. تېخى 1920 – يىلى ناتسىيۇنال سوتسىيالىست گېرمان ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ پارتىيە پىروگراممىسىدا گىتلېر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن بېرىپ، خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئاساسەن، پۈتكۈل گېرمانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ،  بۈيۈك گېرمانىيەنى يارىتىشقا چاقىرغانىدى.[17] گىتلېر نۇتقىدا، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ دېموگرافىك كۈچىدىن ياخشى پايدىلاندى. مىللەتلەر جەمئىيىتىدە ئورۇنغا ئىگە بولغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە فىرانسىيەگە بېقىندى سائار رايونىنىڭ 1935 – يىلى 13 – يانۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئارقىلىق گېرمانىيەگە بېرىلىشى، گىتلېرغا تۇنجى غەلىبىنى ئېلىپ كەلدى. بېلەت تاشلاشقا ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ %91 ى  گېرمانىيە ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى. %1 ئاۋاز كونا تۈزۈمنىڭ ئۆز پېتى ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن، %4 ئاۋاز فىرانسىيەگە قوشۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن بېرىلدى.[18]ۋېرسائىللېس كېلىشىمىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلق سايلاملىرىنىڭ ئارىدىن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، دەپ ئىزاھلاندى. مۇناسىۋەتلەر ئاۋسترىيەنىڭ ۋە سۇدېت رايونىنىڭ قوشۇۋېلىنىشىدا تېخىمۇ روشەن شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئاۋسترىيەدە پەقەت سۇيىئىستېمال قىلىنغان، سۇدېت رايونىدا بولسا، خەلق سايلىمى پەقەتلا ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، 1919 – يىلى تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئەسلىنىشى ئۇرۇش غالىبلىرىغا نىسبەتەن پايدىلىق ئەھۋال ئەمەس ئىدى. ئۇرۇش غالىبلىرى بۈيۈك گېرمان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى؛ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا تايانمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئاۋسترىيەنىڭ قوشۇۋېلىنىشىنى يوللۇق، دەپ قاراش قىيىنغا توختايتتى. بىراق، گېتلىرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشى نەتىجىگە تەسىر كۆرسەتمىدى. گىتلېر ھاياتلىق ساھەسى دەپ قارىغان ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا تاياندۇرغان شەرقتىكى زېمىنلارنىڭ ئىشغالىنى كۈچ ئىشلىتىش ۋە كۆپىنچىسىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە قارىماي ئىشقا ئاشۇردى. گىتلېر ئۇرۇش غالىبلىرى سۇنغان ئۇ سايماندىن ناھايىتى ياخشى پايدىلاندى. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن 1939 – يىلىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا سىلوۋاكىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە 1941 – يىلى يۇگوسلاۋىيەنىڭ ۋە كىرودىيەنىڭ پارچىلىنىشىدا پايدىلىنىلدى.[19]

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىلدە ئۈستۈنلۈك قايتىدىن ئۇرۇش غالىبلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇرۇش غالىبلىرى گىتلېردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندى ۋە چېگرالىرىنى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئارزۇلىرىغا ئاساسەن سىزىشنىڭ ئورنىغا ئالدىن بىلەن چېگرالارنى سىزىپ، ئىگىلىك ھوقۇق ساھەسىنى بېكىتتى، ئارقىدىن خەلقلەرنى رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش، سۈرگۈن قىلىش ياكى ئاممىۋى قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق سىزىلغان چېگرالارغا ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈردى.[20] بىر مىللەتنىڭ يەتكۈچە ئوخشاشلىققا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى پىكرىنى ياقلايدىغان چۈشەنچىنىڭ ئۆتمۈشى 19 – ئەسىرگىچە سوزۇلىدۇ. 1945 – يىلى ئۇرۇش غالىبلىرىنىڭ بۇ پوزىتسىيەنى قوبۇل قىلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى. خەلقلەرنىڭ ئۇيەردىن – بۇيەرگە سۈرگۈن قىلىشىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقى ئېنىقتۇر. پۈتۈنلەي ئەكسىچە، 1945 – يىلى 2 – ئاۋغۇستتا ئىمزالانغان پوستدام كېلىشىمى پولشا، چېخىسلوۋاكىيە ۋە ۋېنگىرىيەدە قالغان گېرمانلارنىڭ مۇنتىزىم شۇنداقلا ئىنسانىي شەكىلدە يۆتكىلىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى مەزمۇن قىلاتتى.[21] 1945 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا كۆچۈشلەر، سۈرگۈنلەر، زوراۋانلىق ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە تولغان قەتئىي ئىنسانىي بولمىغان يوللار بىلەن پەقەتلا غالىبلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا يارايدىغان بىر ۋاسىتە سۈپىتىدىكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا كېلىپ قالغانلىقى تونۇشىنى پەيدا قىلدى. لېكىن، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. 1941 – يىلى تۈزۈلگەن ئاتلانتىك شەرتنامىسىدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى تەدبىرلىك ئۇسلۇب بىلەن  شەرھلەندى:

1 – دۆلەتلەر نە زېمىن قوشۇۋېلىش، نە باشقا شەكىلدە كېڭەيتىلمەيدۇ؛

2 – مۇناسىۋەتلىك خەلقلەرنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە ماس كەلمەيدىغان زېمىن ئۆزگىرىشى قىلىنمايدۇ؛

3 – خەلقلەرنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ياشايدىغان ھۆكۈمەت شەكلىنى بېكىتىش ۋە تاللاش ھوقۇقىغا، كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق تارتىۋېلىنغان ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ.[22]

تېخىمۇ مۇھىمى ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا مىللەتلەر مەجلىسى ئەھدىنامىسىدىن پەرقلىق ھالدا ب د ت شەرتنامىسىدا ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ب د ت شەرتنامىسىنىڭ 1 – ماددا (2) ۋە 55- ماددىسىدا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقلەرنىڭ قانۇن جەھەتتىن باراۋەرلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تايانچ قىلىدىغان دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى قوبۇل قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىنىڭ چىقىرىلىشىنى كونا مۇستەملىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن قوللىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى پىرىنسىپلىرىدىن نېمىلەرنى چۈشىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ب د ت كېلىشىملىرىدە يىپ ئۇچى بېرىلمىدى. لېكىن، باشتىن تارتىپلا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئالدى بىلەن مۇستەملىكە خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىقىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر دەپ قارىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىردەكلىك بار ئىدى. كىمنىڭ مۇستەملىكە خەلقى دەپ قارىلىدىغانلىقى ۋە مۇستەملىكە خەلقنىڭ قەيەردە مۇستەقىللىقلىرىنى روياپقا چىقىرىدىغانلىقى مەسىلىسى ئېنىقسىز ئىدى. بۇ دائىرىدە، 19 – ئەسىردە لاتىن ئامېرىكىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دېڭىز ھالقىغان مۇستەملىكە زېمىنلىرىنىڭ خەلقئارا ياكى ئىچكى مەمۇرىي چېگرالىرىغا ئاساسەن مۇستەملىكە تۈزۈمىدىن مۇستەقىل بولىدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلغان uti possidetis  پىرىنسىپىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئۆلچەم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان بۇ فورمۇلا كولومبىيە ۋە ۋېنېسۇئېلا ئارىسىدىكى كېلىشمەسلىككە مۇناسىۋەتلىك شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە مەجلىسىنىڭ ئايرىغۇچى قارارىدا روشەن شەكىلدە تىلغا ئېلىندى. ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكىلىرى 19 – ئەسىردە مۇستەقىللىقلىرىنى ئېلان قىلغاندا، بىر جامائەت قانۇنى ۋە دۆلەت قانۇنى پىرىنسىپى سۈپىتىدە «uti possidetis 1810» دەپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان پىرىنسىپنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ كونا ئىسپانىيە ئۆلكىلىرىنىڭ چېگرالىرىغا ئىگە بولىدىغانلىقى قوبۇل قىلىندى.[23] بۇ شەكىلدە چېگرالىرى بېكىتىلگەن رايوننىڭ ئاھالىسى خەلق، دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ پىرىنسىپ ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، ئەڭ چوڭ مۇستەملىكە بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىدىمۇ ئاساس بولدى. 13 مۇستەملىكە رايون مەۋجۇت چېگرالىرى ئىچىدە دۆلەت بولۇپ مۇستەقىللىقلىرىنى قولغا كىرگۈزدى ۋە مۇستەملىكە چېگرالىرى 1783 – يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى خەلقئارالىق چېگراغا ئايلاندى. بۇ نۇقتا مۇستەملىكىلەرگە خاتىمە بېرىش نۇقتىسىدىن نېمىشقا ناھايىتى مۇستەسنا ئەھۋاللاردا خەلق سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ.[24]  بۇ مۇستەقىللىق مىساللىرى 20 – ئەسىردىن باشلاپ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش دەپ تەسۋىرلەنمەكتە. مۇستەملىكە چېگرالىرى ئىچىدە ياۋروپا سىرتىدىكى رايونلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمەتلەردىن قۇرتۇلۇشى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇستەملىكە تۈزۈملىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى چەكلىك دائىرىدە مۇئەييەن مىقداردا غەلىبىلىك داۋاملاشتى. 1980 – يىللاردا بارلىق مۇھىم مۇستەملىكە زېمىنلىرى مۇستەقىل بولدى. كۆپ خىللىققا ئىگە قۇرۇلمىلار ئۈستىدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ تۇيۇقسىز پارتلاش تەسىرى پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان يېڭى دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەنسىرەپ كېتىپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ مۇستەملىكىلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئېرىشىشى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى قوبۇل قىلدى.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا تايىنىدىغان تەلەپلەردە تۇرغۇنلۇق كۆرۈلدى. بۇنىڭدا پەقەت كونا مۇستەملىكىلەرنىڭ ئەمەس، خۇسۇسەن بېلگىيەنىڭ رولى بار. 1966 – يىلى ئېلان قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى دائىرىسىدە بۇ دۆلەتلەر 1950 – يىللاردىن باشلاپ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ چەكلىمىسىز ئىجرا قىلىنىشى ۋە بۇ شەكىلدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بارلىق خەلقلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولۇشى پىكرىدە چىڭ تۇردى.[25] بۇنىڭ سەۋەبى، كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ئەمەس، ئاساسلىقى جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەملىكە دەپ قارىلىۋاتقان بولغاچقا، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ قارىلىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە پەرقلىق نوپۇسقا ئىگە يېڭى ئۈچىنچى دۆلەتلىرىگە قارشى بىر تەھدىت ئامىلى يارىتىش ئىرادىسى ئىدى. مۇستەملىكە رايونلارنىڭ كۈچلۈك مۇستەقىللىق تەلەپلىرى ئالدىدا ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇرۇنۇشلىرى ئۇتۇققا ئېرىشەلمىدى.

خۇلاسىلىگەندە، خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بەس – مۇنازىرە تېمىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلار مەيلى بۇرۇنقى مۇستەملىكە زېمىنلىرىدا، مەيلى ياۋروپادا بولسۇن پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ تەلەپلىرىگە ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن جاۋاب بېرىلمىگەنلىكى ئېنىقتۇر. بۇ ئەھۋال خۇسۇسەن مۇستەملىكە تۈزۈمىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن كېيىن ھاكىمىيەتلەرنىڭ يەرلىك خەلققە ئەمەس، كېيىنچە ئۇ يەرلەرگە ئورۇنلاشقان، كۆچۈپ كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ نەسەبىدىن بولغانلارغا ئۆتكەن دۆلەتلەردە ياشايدىغان يەرلىك خەلقلەر (مەسىلەن، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، خىتاي، ھىندىستان ۋە ئاسىيادىكى كۆپلىگەن رايونلاردا، ياۋروپادا شىمالىي ئىسكاندىناۋىيەدىكىگە ئوخشاش) گە چۈشىدۇ. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى نۇقتىسىدىن پۈتكۈل يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ، يەنى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى،  باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلالىشى خەلقئارادا قالايمىقانچىلىق، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش خەۋپىنى بىرلىكتە ئېلىپ كەلمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن، قانۇنىي ئەھۋال روشەندۇر. كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى بارلىق خەلقلەرگە چەكلىمىسىز ھالدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ. بۇ دائىرىدە قىلىشقا بولىدىغان يېگانە نۇقتا، ئەھدىنامىنىڭ خەلق ئۇقۇمىغا ئېنىقلىما بەرمىگەن بولۇشىدۇر. مۇستەملىكىلەرنىڭ ئاخىرلىشىش مەزگىلىدە پەرقلىق گۇرۇپپىلارنىڭ مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن چېگرالىرى بېكىتىلگەن جايلاردا تاسادىپىيلا ياشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، خەلق دەپ ئېتىراپ قىلىنغانىدى. ئۆزىنى خەلق دەپ ئاتىغان بۇنداق بىر گۇرۇپپىنىڭ ھازىرغا كەلگەندە خەلق بولۇش ئالاھىدىلىكىنى رەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مۇستەملىكە تۈزۈملەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرىنى بېكىتىشتە uti possidetis قائىدىسى دەردكە دەرمان بولدى. كۆپ خىل قاتلاملار ئارىلىشىپ ياشايدىغان فېدېراتىپ قۇرۇلمىغا ئىگە بىر دۆلەتتە مۇستەقىللىق تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا چىققاندا، مۇستەقىللىق ھوقۇقى ھازىرغىچە كۈچكە ئىگە بولۇپ كەلگەن مەمۇرىي چېگرالار، جۇمھۇرىيەت چېگرالىرى دائىرىسىدە قوبۇل قىلىنماقتا. بۇ شەكىل سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە يۇگوسلاۋىيەدە تەتبىقلاندى. بۇ ئۇسۇل ئەمەلىيەتچانلىق نۇقتىسىدىن قولاي بولۇش بىلەن بىرگە ئايىغى ئۈزۈلمەس پارچىلىنىشلارغا ئېلىپ بارمايدىغان بولغاچقا، مۇۋاپىق ئۇسۇل دەپ قارىماقتا. كۆپلىگەن كېلىشەلمەسلىكلەر ۋە سانسىز مۇستەقىللىق تەلەپلىرى بۇ شەكىلدە ھەل قىلىندى. ھازىرغىچە مەۋجۇت جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدا مۇناسىۋەتلىك رايونلاردا بۇ توغرىدا بىرەر تەلەپ بولمىسىمۇ، مەسىلەن، ماكېدونىيە، بېلارۇسىيە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇقىملىقنىڭ ساقلىنىشى ئۈچۈن بۇ فورمۇلانىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاساسەن دېگۈدەك زۆرۈرىيەت دەپ قوبۇل قىلىندى. بۇ ئەھۋال مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ داۋامى دەپ قارالدى. ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1960 –يىلى 14 – دېكابىردىكى  مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئالاقىدار 1514 – نومۇرلۇق (XV) قارارى «سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي شارائىتنىڭ يېتەرسىزلىكى ياكى تەييارلىقنىڭ بولماسلىقىنى مۇستەقىللىقنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە ھېچبىر شەكىلدە باھانە قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.[26]

ئىنسانلار توپلۇقىنىڭ ئوخشاش تىپلىق بولماسلىقىغا چېتىپ ئىزاھلانغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى دەۋالىرىنى ياقلاش ھەردائىم ئاسان بولمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە يۇگوسلاۋىيە كۆپ خىل قۇرۇلمىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن پارچىلانغان بولسا، بۇنىڭ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ياكى ئۇكرائىنادا نېمىشقا ئەكس ئەتمىگەنلىكى سوئالىنىڭ جاۋابىنى ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى يېڭى چېگرالار ئومۇمەن ھېچبىر شەكىلدە خەلقلەرنىڭ ئوخشاشلىققا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش نۇقتىئىنەزەرىگە ئاساسەن سىزىلمىدى. بۇ چېگرالار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىن باشقا ئاساسلار نەزەرگە ئېلىنغان ئاساستا سىتالىن، كرۇسچتچوۋ، تىتو، چارلار ياكى ياۋروپا ھەيئەتلىرى تەرىپىدىن سىزىلدى. بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا خەلقى پەرقلىق قاتلاملار نۇقتىسىدىن سابىق يۇگوسلاۋىيەنىڭ كەينىدە قالمايتتى. رۇسىيەنىڭ باشقا جايلىرىمۇ نۇرغۇن پەرقلىق ئېتنىك قاتلاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئوخشاش ئەھۋال ھىندىستان، ھىندونېزىيە ۋە كۆپلىگەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ئۈچۈنمۇ كۈچىگە ئىگىدۇر. كۆپ سانلىقنىڭ ۋە ئاز سانلىق ئەكسىگە قايتقان ئەھۋالدا، مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتمەكتە. مەسىلەن، ئۇكرائىنالىقلار، قازاقلار ياكى ئېستونىيەلىكلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ تونۇلغان ئاز سانلىقلىرى ئىدى، ئۇلار پارچىلىنىشتىن كېيىن كۆپ سانلىققا ئايلاندى، بۇنىڭ ئەكسىچە رۇسىيە ئۇكرائىنا، قازاقىستان ۋە ئېستونىيەدە ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قالدى.[27]

بۇ ئەھۋالنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. چەكلىمىسىز ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولىدىغان ئىشلاردىن كۆپ نەرسىگە ۋەدە قىلماقتا ۋە دۆلەت زېمىنىغا قالايمىقانچىلىق خەۋپى يەتكۈزمەكتە. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ھەردائىم بۇ پىرىنسىپنىڭ ئىجادچىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى (پات – پات يۇگوسلاۋىيە تەرىپىدىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەنگەن ھالدا) ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى پىرىنسىپلىرىنىڭ ب د ت شەرتنامىسىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە كىرگۈزۈلۈشىگە مۇستەملىكىچى تۈزۈملەرنى ئاجىزلىتىش مەقسىتىدە – ئەلۋەتتە ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئوخشاش تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ قويماستىن – باشلامچى بولدى.  uti possidetis  قائىدىسىنىڭ تەتبىقلىنىشى ئارقىلىق جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ چېگرالىرى مۇقىملاشتۇرۇلدى. فېدېراتىپ رايونلارنىڭ مۇستەقىللىق ھوقۇقى، ھەتتا مەجبۇرىيىتى بارلىقى قوبۇل قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، جۇمھۇرىيەتلەردە ياشاۋاتقان خەلقلەرگە بۇ ھوقۇق بېرىلمىدى.

1966 – يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدا چەكلىمىسىز ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئورۇن بېرىلگەن بولسىمۇ، جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ چېگرالىرىغا ئالاقىدار بىر بەلگىلىمىگە ھېچبىر يەردە ئورۇن ئالمىدى. بۇ دائىرىدە ئىككى تېمىنىڭ پائال ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە:

 

–  سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە يۇگوسلاۋىيە جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان uti possidetis  قائىدىسى تاھازىرغىچە بىر ئومۇمىي پىرىنسىپقا ئايلىنىپ بولمىدى. خۇسۇسەن ھەرخىل ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئارىلىشىپ ياشايدىغان ۋە توپوگرافىيە جەھەتتىن مۇرەككەپ رايونلارنى باشقۇرغان كونا مۇستەملىكىچى دۆلەتلەر ئىچكى مەمۇرىي چېگرالارنى ئاساس قىلغان ھالدا سىياسىي چېگرالارنىڭ سىزىلىشىنى رەت قىلماقتا. ھىندىستاندا، ھىندونېزىيەدە ياكى نىگېرىيەدە uti possidetis  قائىدىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇلدى. uti possidetis  قائىدىسىگە قارشى چىققان دۆلەتلەر ب د ت دە ئۆزگىچە بىر قاراشنى ياقلىدى. ھىندىستان 1966 – يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىغا قارشى «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى پەقەت چەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشايدىغان خەلقلەرگە بېرىلگەن بىر ھوقۇق بولۇپ، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ ياكى مىللىي ماسلىشىشنىڭ ماھىيىتىنى تەشكىل قىلىدىغان خەلق ياكى مىللەتنىڭ بىر پارچىسى تايانچ قىلالايدىغان بىر ھەق ئەمەستۇر» دېگەن مەزمۇندا بىر ئىزاھات بايانات بەردى.[28]

–  يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ چېگرالىرىنىڭ ئومۇمەن قوبۇل قىلىنغان چېگرالار ئىكەنلىكىنى ئېيتىش قىيىن. بۇ چېگرالار تېڭىلغان چېگرالار ئىدى. كوسوۋو مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ سەۋەبىمۇ بۇدۇر. يېڭى، كۈچكە ئىگە شەكلىي پوزىتسىيە ئاساس قىلىنغان تەقدىردە، سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىن مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئىزاھاتىغا ئەتراپلىق قاراش ئاساس قىلىنغىنىدا، قوشنا ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن پەرقلىق، ئۆزىنىڭ مىللىي ئېڭىغا ئىگە ۋە يېرىم يېپىق رايوندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر گۇرۇپپا بولغان كوسوۋولۇق ئالبانلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ھىمايە قىلىش مۇمكىن. كوسوۋونى قوللايدىغان كۈچلەر بۇ مىسالنى چىقىش قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋاللاردىن ئۆزىنى قاچۇردى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەممە ئىش كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىغا پايدىلىق شەكىلدە ئىلگىرىلىدى. بۇ نۇقتىدا ئەستىن چىقىرىلماسلىقى كېرەك بولغان نۇقتا، چەكلىمىسىز ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ تەرەپلەرنىڭ تەلەپ قىلغىنىدىنمۇ كۆپ نەرسىنى ۋەدە قىلىدىغانلىقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا قارشى مۇداپىئە ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدۇر. بۇ قارشى كۈرەش پارچىلىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشى مۇمكىن، بىراق توسۇپ قالالمايدۇ.

 

خەلقئارا جەمئىيەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بۇ ئىككى بىسلىقلىقى بىلەن بىرلىكتە ياشاشقا مەجبۇر. خەلقلەر ئاز سانلىق، مۇستەسنا ئەھۋاللاردا كۆپ سانلىق ھالەتتە ياشايدىغان دۆلەتلەردە ئۇزۇن مۇددەت كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دۇچ كەلگەن، بېسىم ئاستىدا قالغان ۋە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغان تەقدىردە، ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئايرىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنالايدىغانلىقى قارىشى زامانىمىزدىكى ھۆكۈمران قاراش ھېسابلىنىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە خاتىمە بېرىش يولىدىكى خىلمۇخىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈنۈمى بولمىغاندا، ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە مۇستەقىللىق ھوقۇقى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي يۈرگۈزۈلسە بولىدۇ. يېڭى بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى كېلىشەلمەسلىكنىڭ تەرەپلىرىنى بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىش، قۇربانلىرىنى قوغداپ قېلىش دېگەندەك سەۋەبلەر نۇقتىسىدىن قارىغاندا مۇۋاپىقتەك كۆرۈنۈشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ خىل بىر ھادىسەنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بىلەن ئالاقىسى يوقتۇر. بۇ ھوقۇقنى بارلىق خەلقلەر باشقا خەلقلەرنىڭ ئۇنىڭغا تەڭداش ھوقۇقىغا تەڭداش نىسبەتتە ھېچقانداق چەكلىمىسىز تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بىر ھەقنىڭ تەلەپ قىلىنىشى ئۇ ھەقنى بەرگۈچىنىڭ پوزىتسىيەگە باغلىنىشلىق بولۇپ قالغان تەقدىردە، كىشىلىك ھوقۇقتىن ئەمەس، زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ مۇكاپاتلىنىشىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى دائىرىسىدە جازالاش پىكرىنى چىقىش قىلىش بىمەنىدەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ پىكىرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ تۈپ قىيىنچىلىقلىرىغا ئىشارەت قىلىدىغان بىر قاراش ئىكەنلىكى يېقىنقى مەزگىللەردە ئالاھىدە گەۋدىلەنمەكتە.[29] ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى چەكلىمىسىز شەكىلدە قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە، ئورۇندىغىلى بولىدىغان ياكى تەلەپ قىلىنغاندىن ئىشلاردىن ھالقىپ كەتكەن ۋەدىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؛ شۇڭا ئۈمىدسىز شەكىلدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا چەكلىمىلەر قويۇلۇپ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا تىرىشىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. بىراق، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى – مەيلى بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن- يېڭەلەيدىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.

 

 

Bibliyografya

Alexander von Wysocki, Die Volksabstimmung bei Gebietsveränderungen. Phil. Diss. Greifswald, Hildesheim 1922.

Antonio Cassese, The self-determination of Peoples, bknz.: Louis Henkin (Hg.), The International Bill of Rights. The Covenant on Civil and Political Rights, New York, 1981.

Bernd Roland Elsner, Die Bedeutung des Volkes im Völkerrecht unter besonderer Berücksictigung der historischen Entwicklung und der Praxis des Selbstbestimmungsrechts der Völker, Berlin 2000.

Denise Brühl-Moser, Die Entwicklung des Selbstbestimmungsrechts der Völker, unter besonderer Berücksichtigun senises innerstattlich demokratischen Aspekte und seiner Bedeutung für den Minderheitenschutz, Basel 1994.

Dietrich Murswiek, Die Problematik eines Rechts auf Sezession – neu betrachtet. Bknz.: Archiv des Völkerrechts 31 (1933(.

Emmanuel Spiry, From “self-determination” to a right to ‘self-development’ for indigenous groups, bknz.: German Yearbook of International Law 38 (1995.(

Ernest Renan, Qu’est-ce qu’une nation?, Conference faite en Sorbonne, le 11 mars 1882; bknz.: Ernest Renan, Qu’est-ce qu’une nation? et autres essais politiques, Publisher Joël Roman, Paris: Presses Pocket, 1992.

Franklin D. Roosevelt, The Public Papers and Addresses, Samuel J.  Rosemann (Hg.), Bd.10, New York 1969.

Gerry J. Simpson, The diffusion of sovereignty: Self-determination in the Post-Colonial World. Bknz.: Mortimer Sellers (Hrsg.), Human rights and the self-determination of peoples. Oxford 1996.

Hans-Joachim Heintze, Selbstbestimmungsrecht  der Völker – Herausforderung der Staatengewalt. Zerfälle die internationale Gemeinschaft in Hunderte von Staaten?, Bonn 1997.

Jörg Fisch, Die Europäische Expansion und das Völkerrecht, Stuttgart 1984.

Otto Bauer, Die Nationalitätsfrage und Sozialdemokratie, bknz.: Otto Bauer, Werkausgabe, (Hrsg.) Manfred Ackermann, Bd.1, Wien 1975.

Joseph Vissarionovich Stalin, Marxismus und nationale Frage, bknz.: J. V. Stalin, Werke Bd.2, Berlin 1950.

Patrick Thornberry, The Democratic or Internal Aspect of Self-Determination with Some Remarks on Federalism. Bknz.: Christian Tomuschat (Hrsg.); Modern Law of self-determination. Dordrecht 1993, “International Law is not a suicide club for states”.

Paul Kluke: Selbstbestimmung, Der Weg einer Idee durch die Geschichte.

Göttingen 1963 Reinhold Lorenz Das Selbstbestimmungsrecht im österreichischen Kriegsparlament 1917/18. Bknz.: Wilhelm Wegener (Hg.); Festschrift für Karl-Gottfried Hugelman zum 80.Geburtstag, Hg., 2 cilt, Aalen 1959, cilt 1.

Sarah Wambaugh, The Saar plebiscite with a collection of official documents, Cambridge, Maas 1940.

Sarah Wambaugh, Plebiscites since the World War with a Collection of Official Documents, 2.Bd., Washington 1933.

Sarah Wembaugh, A Monograph on Plebiscites: With a Collection of Official Documents. New York, Oxford University Press 1920.

Volker Gerhardt, Artikel: Selbstbestimmung. Bknz.: Historisches Wörterbuch der Philosophie, 9 (Darmstadt 1995).

Wladimir Iljitsch Lenin, Über die nationale und die koloniale nationale Frage. Eine Sammlung ausgewählter Aufsätze und Reden. Berlin 1960. Für eine Analyse siehe Bernd Faulenbach.

[1] ئاتىلىم ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى.

[2] RENAN, Ernest: Qu’est-ce qu’une nation?, Conference faite en Sorbonne, le 11 mars 1882; bknz.: Ernest Renan, Qu’est-ce qu’une nation? et autres essais politiques, Publisher Joël Roman, Paris: Presses Pocket, 1992, s. 37-56.

[3] STALIN, Joseph Vissarionovich: Marxismus und nationale Frage, bknz.: J.W.Stalin, Werke Bd.2, Berlin 1950, s.272.

[4] HEINTZE, Hans-Joachim (Hrsg.): Selbstbestimmungsrecht der Völker – Herausforderung der Staatengewalt. Zerfälle die internationale Gemeinschaft in Hunderte von Staaten?, Bonn 1997, 9, 19 vd.

[5] THORNBERRY, Patrick: The Democratic or Internal Aspect of Self-Determination with Some Remarks on Federalism. Bknz.: Christian Tomuschat (Hrsg.); Modern Law of self-determination. Dordrecht 1993, 118: “International Law is not a suicide club for states”.

[6] SIMPSON, Gerry J.: The diffusion of sovereignty: Self-determination in the Post-Colonial World. Bknz.: Mortimer Sellers (Hrsg.), Human rights and the self-determination of peoples. Oxford 1996, 37.

[7] KLUKE,: Paul: Selbstbestimmung. Der Weg einer Idee durch die Geschichte. Göttingen 1963, s.52.

[8] GERHARDT; Volker: Artikel: Selbstbestimmung. Bknz.: Historisches Wörterbuch der Philosophie, 9 (Darmstadt 1995), 335-346.

[9] WEMBAUGH, Sarah: A Monograph on Plebiscites: With a Collection of Official Documents. New York, Oxford University Press 1920.

[10] Almanya ile itilaf devletleri ve ortaklarıyla yapılan Versailles anlaşması için bknz.: Reichsgesetzblatt 1919, md.109-114), s.870-889.

[11] BAUER, Otto: Die Nationalitätsfrage und Sozialdemokratie, bknz.: Otto Bauer, Werkausgabe, (Hrsg.) Manfred Ackermann, Bd.1, Wien 1975, 49-622.

[12] LENİN, Wladimir Iljitsch: Über die nationale und die koloniale nationale Frage. Eine Sammlung ausgewählter Aufsätze und Reden. Berlin 1960. Für eine Analyse s.Berndt

[13] WILSON, Woodrow: War and Peace (1917-1924), Hg. Ray Stannard Baker  und William Edward Dodd, 2.BdR, New York 1927, Ndr.ebd.1970: 1/180.

[14] COBBAU, Alfred: National self-determination, London 1945, 22.

[15]  Doğu Prusya’nın parçalarından bir olan Schleswig’te ve Yukarı Şilezya’da olduğu gibi; bknz.: Sarah Wambaugh, Plebiscites since the World War with a Collection of Official Documents, 2.Bd., Washington 1933: 1, 46-98.

[16]  WYSOCKI, Alexander von: Die Volksabstimmung bei Gebietsveränderungen. Phil.Diss.Greifswald, Hildesheim 1922, 33.

[17] ELSNER, Bernd Roland: Die Bedeutung des Volkes im Völkerrecht unter besonderer Berücksictigung der historischen Entwicklung und der Praxis des Selbstbestimmungsrechts der Völker, Berlin 2000, 103.

[18] WAMBAUGH, Sarah: The Saar plebiscite with a collection of official documents, Cambridge, Maas 1940, 304.

[19] LORENZ,  Reinhold:  Das  Selbstbestimmungsrecht  im  österreichischen Kriegsparlament 1917/18. Bknz.: Wilhelm Wegener (Hg.); Festschrift für Karl-Gottfried Hugelman zum 80.Geburtstag, Hg., 2cilt, Aalen 1959, Cilt.1, 345-382.

[20] WASSER, Bruno: Himmlers Raumplanun im Osten. Der General Plan Ost in Polen 1940-1944, Basel 1993.

[21] Amtsblatt des Kontrollrats in Deutschland, Ergänzungsblatt Nr.1 (1945), 19 (Art.3).

[22] ROOSEVELT, Franklin D.: The Public Papers and Addresses, Samuel J. Rosemann (Hg.), Bd.10, New York 1969, 314 vd

[23]  FISCH, Jörg: Die Europäische Expansion und das Völkerrecht, Stuttgart 1984, 380 vd.

[24] BRÜHL-MOSER, Denise: Die Entwicklung des Selbstbestimmungsrechts der Völker, unter besonderer Berücksichtigun senises innerstattlich demokratischen Aspekte und seiner Bedeutung für den Minderheitenschutz, Basel 1994, s.301.

[25] SPIRY,  Emmanuel:  From  “self-determination”  to  a  right  to  ‘self-development’ for indigenous groups, bknz.: German Yearbook of International Law 38 (1995), 129-152.

[26] Key Resolutions of the United Nations General Assembly 1946-1996. Dietrich Rauschning (Hg.), Cambridge 1997, 107 vd.

[27] Great Soviet Encyclopaedia. A translation of the third edition, Bd.13, New York 1976, 229.

[28]  Yeniden birleşmeyi hedefleyen Federal Almanya Fransa’nın da desteği ile bu tezi reddetmiştir. Antonio Cassese, The self-determination of Peoples, bknz.: Louis Henkin (Hg.) The International Bill of Rights. The Covenant on Civil and Political Rights, New York, 1981, 92-113.

[29] MURSWIEK, Dietrich Die Problematik eines Rechts auf Sezession – neu betrachtet. Bknz.: Archiv des Völkerrechts 31(1933), 307-332.

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*