ئۆز مەپتۇنلۇق ۋە ئۇنىڭ چارىلىرى

ئىسا ئۆزەل-ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
ئۆز مەپتۇنلۇق تۈرتكىسىدە پەيدا بولغان چۈشەنچە ۋە ئىش-ھەرىكەتلەر ھەم شەخسىي تۇرمۇشقا ھەمدە جەمئىيەت ھاياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. نۆۋەتتە پىسخىكا ئىلىمى ئۆز مەپتۇنلۇق ھېسسىياتىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چارە ئىزدەۋاتقان بولسا، دىنمۇ بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەكلىپ-پىكىر ۋە تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. مەزكۇر ماقالىمىزدە ئىنساننىڭ ئۆز مەپتۇنلۇق ھېسسىياتىنىڭ پىسخىكىلىق تەرىپى بىلەن دىنى نۇقتىدىن تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئىنسانلار ئۆز مەپتۇنلۇققا تاقابىل تۇرغاندا پىسخىكىلىق چارىلەردىن سىرت دىنى چارىلەرگىمۇ مۇراجائەت قىلسا ھەم شەخسىي ھەمدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا زور پايدىسى بولىدۇ.
مۇقەددىمە
كۈنىمىزدە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بىزگە نىسبەتەن مەنىۋى بايلىق ھېسابلىنىدىغان كەمتەرلىكنىڭ ئورنىغا مۇتەكەببۇرلۇق، ئۆز مەپتۇنلۇقتىن ئىبارەت يامان ئىللەتلەر دەسسەشكە باشلىغانلىقىغا شاھىت بولىۋاتىمىز. بۇ ئەسىرىمىزدە بولۇپمۇ تاراتقۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە شان-شۆھرەت چىقىرىش ھېسسىياتى كىشىلەرنىڭ روھىي ۋ زىھىن دۇنيالىرىدا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە زورىيىشقا باشلىدى. تاراتقۇلار ئىنسانلارغا ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشىش پۇرسىتى بىلەن تەر تۆكمەيلا باي بولۇش ۋە شۆھرەت ئىگىسى بولۇش شارائىتى يارىتىپ بەردى. يازما ۋە كۆرۈنۈشلۈك تاراتقۇلارنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈشى نەتىجىسىدە شان-شۆھرەت ۋە بايلىق بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ نوپۇز تىكلەشكە باشلىدى. ئېلانلار، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئىنسانلارنىڭ شەخسىي ۋە مەھرەم ھاياتىنى ئادەتتىكى ھالەتكە ئېلىپ كەلدى. بۇرۇنلاردا ئەيىبلىنىدىغان بۇنداق ھادىسىلەر ھازىر ئەيىبلەنمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالدى. كۆز-كۆز قىلىش ۋە رىياكارلىقتەك يامان ئىللەتلەر بۇرۇن كىچىك دائىرىدە بولغان بولسا نۆۋەتتە ھەممە يەردە ئومۇملاشتى. «سىلەر تېخىمۇ ياخشسىغا لايىق، سارايلاردا ئولتۇرۇشقا لايىقسىلەر، مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ ھېس-تۇيغۇڭىز، سىز ئالاھىدە ئىنسان ۋە ئۆزگىلەرگە ئوخشىمايسىز»دېگەن رومانتىزىملىق شوئار ۋە كەلىمە تۇزاقلىرى بىلەن ھەر خىل ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلىرى ئىشلىتىلىپ ئىنساننىڭ روھى ۋ زىھنى دۇنياسى ئۇچۇرلار بىلەن بومباردىمان قىلىندى. فىلىملەر، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، ئېلانلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئىنسانلار يەتكىلى بولمايدىغان قۇرۇق ئارزۇ-ھەۋەسنىڭ كەينىدىن ماڭدى. ئائىلە، كۈلتۈر، ئەخلاق ۋە دىنغا ئوخشاش قىممەتلىك نەرسىلەر قىممەتسىز ھېسابلىنىدىغان ئارزۇ-ھەۋەس،زوق، نوقۇل ئېرىشىشنىلا ئويلاش، كۈچ ۋە نوپۇز ئۈستىگە قۇرۇلغان جەمئىيەت ئەندىزىسى تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىدى. كۆرۈنۈشلۈك تاراتقۇنىڭ، ۋىدېئو تور بەتلىرىنىڭ، يۇتىيۇب، فېسبۇك، ياھو ۋە تۋىتتېرغا ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ۋ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتىشتە غايەت زور رولى بارلىقى ھەممىگە ئايان بولدى.
سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت مۇھىتلىرىنىڭ تەسىرى، شۇنداقلا تاراتقۇ ۋ باشقا ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلىرى بىلەن ئىنسانلارغا تېڭىلغان بولمىغۇر گەپ-سۆز ۋە شوئارلار تۈرتكىسىدە ئىنسانلار بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئۆز-ئۆزىگە تېخىمۇ مەپتۇن بولۇشقا باشلىدى. كۈنىمىزدە يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشاش تېز سۈرئەتتە يامراۋاتقان بۇ ئىللەتلەر ئىنسانىڭ روھىي ۋ قەلب دۇنياسىغا خىرس قىلىپ خەۋپ شەكىللەندۈردى. ئەپسۇس، بۇ سەلبىي ئەھۋال دىندار بولمىغانلارغىلا ئەمەس دىندارلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. نەتىجىدە «دۇنياۋىلىق ۋە مەنپەئەت چۈشەنچىسى»كەڭ ئومۇملاشتى. بۇ ئەھۋالغا پۇل، تېخنىكىلىق شارائىتلارغا ئوخشاش پەرقلىق نەرسىلەر قوشۇلۇپ ئۆز-مەپتۇنلۇق ھېسسىياتى كۈچلۈك ئىنسانلارنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
ماقالىمىزدا دىننىڭ ئۆز مەپتۇنلۇققا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ئۆز مەپتۇنلۇققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان چارىلىرى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.
1- ئۆز مەپتۇنلۇق (Narsizm)
كۈنىمىزدە مەيلى پىسخىكا ئىلمىدە بولسۇن مەيلى پىسخىكىلىق داۋالاشتا بولسۇن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇقۇملاردىن بىرى ئۆز مەپتۇنلۇق ئۇقۇمىدۇر. ئۆز مەپتۇنلۇق ئۇقۇمىنى ھەممە ئادەم قوبۇل قىلالايدىغان تەرىقىدە ئىزاھلاش تولىمۇ تەس. نامى گىرىك ئەپسانسىدە سۇغا ئەكس ئەتكەن كۆرۈنۈشىگە ئاشىق بولغان ناركىسوستىن كەلگەن ئۆز مەپتۇن ئۇقۇمى ھەددىن زىيادە ئۆزىگە ئىشىنىش، مەنمەنچىلىك، مۇتەكەببىرلىك، ھاكاۋۇرلۇق، ئۆز-ئۆزىگە مەپتۇن بولۇشقا ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرۈشتىن باشقا ئۆز-ئۆزىگە ئاشىق بولۇش، كىشىدە جىنسىي ھەۋەسنىڭ ئۆز بەدىنىگە قوزغىلىشى تۈرتكىسىدە جىنسىي ئازغۇنلۇقنىڭ پەيدا بولۇشىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.
ئۆز مەپتۇنلۇق بىر ئىنساندا بوۋاق چاغدا پەيدا بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ دەۋىردە بالىنىڭ ئاتا-ئانا بىلەن بولۇپمۇ ئانا بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش جەريانىدا پەيدا بولغان سەلبىي ئەھۋاللار بىلەن ئائىلىنىڭ پەرزەنت يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۆز مەپتۇنلۇق پىسخىكىسى ۋە خاراكتېرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر ئىچىدە ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى دوستىنىڭ ئۆزى بولۇشىدەك چۈشەنچىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، ھەممە ئىشتا بىرىنچى بولۇش ئارزۇسى، ئائىلە قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىز بولۇشى، ئىنساننىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ئېھتىياجىنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ھەل قىلىنماسلىقى، مەنىۋى تەربىيەنىڭ سۇس بولۇشى، كەلگۈسىدە تۇرمۇش قۇرۇپ پەرزەنت تەربىيەلەش ئارزۇسىنىڭ ئورنىغا يالغۇز ياكى يات جىنسلىقلار بىلەن بىرلىكتە ياشاش ئىستىكىنىڭ دەسسىشى قاتارلىقلاردىن سىرت كۆرۈنۈشلۈك تاراتقۇلارنىڭ، ۋىدېئو تور بەتلىرىنىڭ، يۇتىيۇپ، فېسبۇك، تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭمۇ تەسىرلىرى بارلىقى بىدۈرۈلمەكتە.
ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىرى ئۆزگىلەرگە تولىمۇ ئاز كۆڭۈل بۆلۈش تۈرتكىسىدە ئۆزلۈكنىڭ ھەددىن زىيادە تەكىتلىنىشى ۋە كىشىنىڭ پەقەت ئۆز-ئۆزى بىلەنلا بەند بولۇشى قاتارلىقلاردۇر. ئەسلىدە ئۆزلۈككە بولغان ھۆرمەت كىشىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ھېسابقا تارتىپ تۇرۇش ۋە باھالاش نەتىجىسىدە پەيدا بولغان ھېسسىيات بولۇپ، كىشىنىڭ ئۆزىنى غۇرۇرلۇق، قىممەتلىك، غەيرەتلىك، ئاكتىپ ۋە كۈچلۈك ھېس قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزلۈككە بولغان ھۆرمەتنىڭ زىھنى، مەنىۋى، ئىجتىمائىي ۋە جىسمانىي ئامىللىرى بار. ئۆزىنى قىممەتلىك ھېس قىلىش، قابىلىيىتىنى، ئىلمىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۇتۇقلىرىدىن پەخىرلىنىش، جەمئىيەتتە ئېتىبارغا ئېرىشىش، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇش، جىسمانىي ئالاھىدىلىكلىرىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئامىللار ئۆزلۈككە بولغان ھۆرمەت قىلىش تۇيغۇسىنىڭ شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئەمەلىيەتتە ياخشى كۆرۈلۈش، سۆيۈلۈش، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش، قەدىرلىنىش، ئەتىۋارلىنىش، ئۇتۇق قازىنىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈنۈشكە ئوخشاش مەنىۋى نەرسىلەر ئىنساننىڭ ئەڭ تەبىئىي مەنىۋى ئېھتىياجلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلاردا ياخشى كۆرۈلۈش، ئۇتۇق قازىنىش، قەدىرلىنىش، ئەتىۋارلىنىش تۇيغۇسى بار ئەلۋەتتە. ھەر قانداق ئىنسان مەلۇم دەرىجىگىچە ئۆزىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆزىنى چوڭ چاغلايدۇ ۋە بۇ جەھەتتە ئۆزگىلەرنىڭ ئۆزىنى توغرا چۈشىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئوخشاشلا ماختاشقا سازاۋەر بولۇش،گەپ-سۆزلىرىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىشى، ئەتىۋارلىنىش، ئۆزگىلەرنىڭ نەزىرىدە چوڭ ئادەم بولۇشقا ئوخشاش ھالەتلەرمۇ ئىنساننى خۇشال قىلىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئەھۋاللار جەمئىيەتتە مۇتەككەببۇرلۇق دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا ئىنسانلار بۇنى ئوچۇق-ئاشكارە دېيەلمەيدۇ. بىئولوگىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي سەۋىيەدە ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئىنسان تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئىشلەش، ئۆزگىلەرگە قارشى ئۆزىنى قوغداش، نەسىلىنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلار نۇقتىسىدىن باشقىلارغا قارىغاندا ئۆزىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشكە مەجبۇر. بۇ ئەھۋال ئىنسان پىسخىكىسى نۇقتىسىدىن نورمال ئەھۋال بولۇپ مۇۋاپىق بولغان ئۆز مەپتۇنلۇق ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ياشىشى، ئىشلىشى ۋە ساغلام كىشىلىك-خاراكتېر يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈرىيەتتۇر. فىرۇئېدنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋالدا ئۆز مەپتۇنلۇق ئازغۇنلۇق بولماستىن، بەلكى ئۆزىنى قوغداش ۋە ئۆزلۈكنىڭ تولۇقلىغۇچىسى بولۇشتەك رولغا ئىگە.
ئۆز مەپتۇنلۇق ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر خىل ئىللەت بولماستىن ئىنسان پىسخىكىسى نۇقتىسىدىن نورمال ھادىسىدۇر. لېكىن بىر قاتار توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەندە ئاجىز بىر ئۆزلۈك سۆيگۈسىنى پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ئىنسانلارنىڭ ئۆزلۈك سۆيگۈسى مۇبالىغە قىلىنىۋېتىلگەن چاغدا نامايەن بولىدىغان تەكرار پىكىرلەر، ئىش-ھەرىكەت ۋە ھېس-تۇيغۇ ئىپادىلىرىنىڭ ھەممىسى «ئۆز مەپتۇنلۇق خاراكتېر»دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنداقتا بۇزۇق ئۆز مەپتۇنلۇق خاراكتېر بالدۇرلا باشلىغان ۋە پەرقلىق شارائىتلاردا پەيدا بولغان ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى، ئەتىۋارلىنىش ئېھتىياجى، تۇيغۇداشلىق قىلالماسلىق ۋە بولۇپمۇ تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان ئەڭ ئاز بەش ئەھۋالدىن شەكىللىنىدىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بۇزۇق ئۆز مەپتۇن كىشىلىك خاراكتېرى بولغان كىشىلەردە مۇنۇلار كۆپ كۆرۈلىدۇ.
1. ئۆزىنىڭ قالتىس ئادەم ئىكەنلىكىنى ئويلىۋېلىش. بۇنداق ئادەم ئۇتۇق ۋە قابىلىيەتلىرىنى ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلىدۇ، قولغا كەلتۈرگەن ئەمەلىي ئۇتۇقى ياكى غەلبىسى بولمىسىمۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە قالتىس ئادەم بولۇشىنى كۈتىدۇ.
2. چەكسىز ئۇتۇق، كۈچ، ئەقىل، گۈزەللىك ياكى كەمتۈكسىز سۆيگۈ خىيالىرىنى قىلىدۇ.
3. ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ۋە تەڭداشسىز بىرى ئىكەنلىكىگە ۋە باشقا ئالاھىدە ياكى ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى بولغان شەخسلەرنىڭ (ياكى ئورۇنلارنىڭ) ئۆزىنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىغا، ئۇلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
4. ئالاھىدە ئەتىۋارلىنىشنى ئويلايدۇ.
5. جەمئىيەتتە ئىمتىيازلاردىن ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بەھرىمان بولۇش سالاھىيىتى بارلىقىنى ئويلايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىنسان ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
6. كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇشقا تىرىشىدۇ، مەقستىگە ئېرىشىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىدۇ.
7. تۇيغۇداشلىق قىلالمايدۇ، لېكىن باشقىلاردىن مۇشۇنى كۈتىدۇ.ئۆزگىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئېھتىياجلىرىنى بىلىشنى خالىمايدۇ. مۇھىم بولغىنى ئۆزلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇسى ۋ ئېھتىياجلىرىدۇر.
8. كۆپ ۋاقىتلاردا باشقىلارنى قىزغىنىدۇ ياكى باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى قىزغىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
9. ھاكاۋۇرلۇق ۋە مەنمەنچىلىك قىلىدۇ.
10. ئۆزلىرى ئارىلاشمىغان ئىشنىڭ مۇتلەق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۆزىنى ھەممە ئىشنىڭ مەركىزىگە قويىدۇ. بۇنداق ئادەم ماختانغاندا چوقۇم باشقىلارنى كەمسىتىشكە ئېھتىياج ھېس قىلىدۇ. ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئىشەنگەن مۇقەددەس نەرسە،نىشان ياكى غايەگە ئاساسەن باھالىماي باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ باھالايدۇ.
ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ تۈرلىرى
ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ كۆپ ۋاقىتلاردا يامان ئىللەتتەك تەسىر پەيدا قىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنى ئادەتتە جەمئىيەتتە ناچار ئىنسانىي ئالاھىدىلىك ۋە ئەخلاقىي كەمتۈملۈك، دېگەن قاراشتىن كېلىپ چىققان. ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ يامان ئىللەتتەك تەسىرپەيدا قىلىشى قانداقتۇر ئۇنى مۇتلەق ناچار ئىللەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئىنسانغا ئېلىپ كېلىدىغان نۇرغۇن پايدىلىق تەرىپىمۇ بار. شۇڭا ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ ئىنسانلاردا كۆرۈلۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن ياخشى سۈپەيلىك ئۆز مەپتۇنلۇق ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆز مەپتۇنلۇق دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.
1- ياخشى سۈپەتلىك ئۆز مەپتۇنلۇق
ھەر ئىنساندا كۆرۈلىدىغان ياخشى سۈپەتلىك ئۆز مەپتۇنلۇق شەخسنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە پەيدا بولىدىغان بولۇپ، كىشىنىڭ تەر تۆكۈپ غەيرەت قىلىشى نەتىجىسىدە پەيدا قىلغان ئەسەرلىرىدىن زوق ئېلىپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقى ۋە نەتىجىسىگە زىيادە مەپتۇن بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆز مەپتۇنلۇقتا ئوبيېكتىپ نەرسە شەخسىي تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە پەيدا بولىدۇ، بۇ سەۋەبتىن شەخسنىڭ ئەسىرى ۋە ئۇتۇقلىرىغا زىيادە مەپتۇن بولۇشى ئۇنىڭ ئىشلەش جەريانىغا ئەكس ئېتىپ، ئىشلەتكەن ماتېرىياللارغا بولغان مايىللىقى بىلەن مۇۋازىنەتلىك ھالغا كېلىدۇ. ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن لازىملىق ئېنېرگىيە زور دەرىجىدە ئۆز مەپتۇنلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشنىڭ ئەكسىچە، يارىتىلغان ئەسەر ھەقىقەت ۋە رىئاللىق بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولۇشى سەۋەبىدىن ئۆز مەپتۇنلۇق ئىزچىل نازارەت قىلىنىپ مەلۇم پاسىللار ئىچىدە كونترول قىلىنىدۇ. بىر كىشىنىڭ ئىگە بولغان نەرسىلىر ياكى قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى ئۆزىنى تېخىمۇ قىممەتلىك ۋە ئالاھىدە ھېس قىلدۇرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ياخشى سۈپەتلىك ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى شەخسنىڭ ئۇتۇقلىرى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن ئەتىۋارلىنىش ۋە ئېتىراپ قىلىنىش ئارزۇسىدۇر.
ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان مەپتۇنلۇقى، ياخشى كۆرۈشى، ئۆزىنى مۇھىم ۋە ئۈستۈن چاغلىشى كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزگىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقاندا گەۋدىلىنىدۇ ۋە ئۇلاردىن تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىپ ياخشى كۆرۈلۈپ ئېتىراپ قىلىنىشى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. ياخشى سۈپەتلىك ئۆز مەپتۇنلۇقتا كىشى سۆيگۈ ۋە سۆيۈش مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. شەخسنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئىجابىي تۇيغۇسى ۋە چۈشەنچىسى ئۇنىڭ ئۆزگىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەتىۋارلىنىش، ياخشى كۆرۈلۈش ياكى ئېتىراپ قىلىنپ ئېتىبارغا ئېلىنىش قاتارلىق ئىستەكلەر ئۆز مەپتۇنلۇق ئېھتىياجلىرىدۇر. ھەممەگە تونۇشلۇق بولغان بۇ ئۆز مەپتۇنلۇق ئېھتىياجلىرى ئىنساننىڭ ئاساسلىق پىسخىكىلىق ئېھتىياجلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئۆزى بىلەن چىقىشالايدىغان، ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزىدىن مەمنۇن بىر كىشى ئۆزگىلەرنىمۇ سۆيەلەيدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ شەكىللىنىشى كىشىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى تونۇپ يېتىشىدىن سىرت كەم تەرەپلىرىنىمۇ ئۆز خاراكتېرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى كېرەك. ياخشى سۈپەتلىك ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى كىشىنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلاتلىرىدىن زوق ئېلىپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىدىن پەخىرلىك ھېس قىلىشىدۇر. باشقىلارنى قەدىرلەش، ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆزگىلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىنىمۇ بىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بولۇشى كېرەك. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆز مەپتۇنلۇق مەلۇم پاسىلدىن ھالقىپ ئۆتمىگەن تەقدىردە لازىملىق ۋە قىممەتلىك خاھىش ھېسابلىنىدۇ.
ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ نورمال ياكى ناچار تەرىپىىنى ئايرىشنىڭ مۇھىم ئۆلچەملىرىدىن بىرى كىشىنىڭ باشقا ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقاندا ياكى بىريەرگە كەلگەندە قارشى تەرەپ ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ ئۇ توغرۇلۇق نېمىلەرنى ئويلىشىدۇر. ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش، ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلاش، ئالدىدىكى كىشىنى كەمسىتىش، تۆۋەن كۆرۈش دەل ناچار سۈپەتلىك ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ ئىپادىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ قالتىس ئادەملەردىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان ۋە نېمىنىڭ قەيەردە ئاخىرلىشىپ قەيەردە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىغان ئۆز مەپتۇن كىشىلەر جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشقا ئاسان ماسلىشالايدۇ ۋە ئۇتۇق قازىنالايدۇ. قاملاشقان، سالاپەتلىك، كۈچلۈك، ئەقىللىق ۋە باشقىلارنى يېتەكلىيەلەيدىغان بەزى ئۆز مەپتۇن كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ئۇتۇق ۋە ماختىنىشقا بولغان قىزىقىشى كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ مائارىپ، سودا ۋە تەشكىللىنىش ساھەلىرىدە لىدېر بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
2.ناچار سۈپەتلىك ئۆز مەپتۇنلۇق
ناچار سۈپەتلىك ئۆز مەپتۇنلۇق شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەمگىكى نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىدىن ئەمەس ئۇنىڭ تەسىرى بولمىغان تەلەي، بەدەن، تاشقى كۆرۈنۈش، سالامەتلىك، بايلىق، نەسەبكە ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەر تۈپەيلى ئۆزىنى چوڭ چاغلىشىنى كۆرستىدۇ. ناچار سۈپەتلىك ئۆز مەپتۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەتىۋارلىنىدىغان ۋە ياخشى كۆرۈلىدىغان كىشىلەر قاتارىدىن ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن بۇ ئىنسانلار ئۆزلىرىنى ھەققىي مەنىدە ياخشى كۆرۈپ بولالمايدۇ. كېرنبېرگ ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ تېگىدە قانداقتۇر كىشىنىڭ ئۆزىنى زىيادە ياخشى كۆرۈشىدىن بەكرەك ئۆزىدىن نەپرەتلىنىشىنىڭ ياتىدىغانلىقىنى دەيدۇ. ۋان دېر ۋالس ئۆز مەپتۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئەمەس، باشقىلارنى ياخشى كۆرمىگىنىگە ئوخشاش ئۆزلىرىنىمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر دەپ قارايدۇ.
ناچار سۈپەتلىك ئۆز مەپتۇن كىىشلەر جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆزلىرىنى زىيادە قالتىس چاغلايدىغان، ئۆزگىلەردىن ئېتىراپ ۋە ئېتىبار كۈتىدىغان، ئەتىۋارلىنىشنى تاما قىلىدىغان، سورۇندىكى ئەڭ ئېتىبارلىق ۋە ھۆرمەتكە ئەڭ لايىق كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر. ئۆز مەپتۇن كىشىلەر بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ قالتىس ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كەمتۈك تەرەپلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ ۋە مىھىر-شەپقەت ۋە سۆيگىگە ئاچ ئىكەنلىكىنى يوشۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ كىشىلەر ئۆزىنى ھەققىي ياخشى كۆرەلمەيدۇ. چۈنكى ناچار سۈپەتلىك ئۆز مەپتۇنلۇق بىر خىل روھىي كېسەللىك بولۇپ، بۇ كېسەللىكنىڭ ئىنسانلاردا كۆرۈلۈش دەرىجىسىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. ناچار سۈپەتلىك ئۆز مەپتۇن كىشلەرنىڭ باشقىلارنى ياخشى كۆرۈش ئىقتىدارى بولمايدۇ. تۇيغۇداشلىق تەرىپى بولمىغان بۇ خىل بىمالار ئۆزلىرىنى ئالاھىدە ھەق-ھوقۇق ۋە ئىمتىيازلارغا ئىگە «ئالاھىدە كىشى»دەپ قارايدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ھۆرمەت قىلغان ھەر قانداق كىشىنى كەمسىتىدۇ، نەپرەتلىنىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىن قانائەت ھېس قىلالمىسا ئۆزلىرىنى بوشلۇقتا ھېس قىلىپ قاتتىق بىئارام بولىدۇ. مەنمەنچى، شەخسىيەتچى، مەن مەركەزچى بولغان ئۆز مەپتۇن كىشىلەر ئۆزگىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا تۇيغۇداشلىق نەزىرى بىلەن قارىيالمايدۇ.
ئۆزلۈككە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى سىرتتىن كېلىدىغان ئېتىراپ، تەستىق ۋە ئېتىباردىن ئوزۇقلىنىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزگىلەرنىڭ دۋاملىق ماختىشىنى كۈتىدىغان بۇ خىلدىكى ئادەملەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە كۆرۈنۈشلىرى بۇلارغىلا ئېرىشىشكە مايىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئارزۇلىرى ۋە كۈتكەنلىرى ئىشقا ئاشماي قالسا روھىي جەھەتتىن قاتتىق بىئارامچىلىق ھېس قىلىدۇ. سىرتنىڭ قوللىشى تۈگىگەندە ياكى تەنقىد قىلىنغىنىدا نەپرەت، ئەندىشە ۋە تەلۋىلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ناچار سۈپەتلىك ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ مۇنداق ئىككى خىل گەۋدىلىك ئىپادىسى بار: ئۆزىنىڭ قالتىس ۋە ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئۆزگىلەرنى قەدىرسىزلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە كەمسىتىشتىن ئىبارەت. ناچار سۈپەتلىك ئۆز مەپتۇنلۇق غەيرى ئىجتىمائىيلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، ناچار سۈپەتلىك ئۆز مەپتۇنلار تۇرمۇشىدىن قانائەت ھېس قىلمايدۇ، ئۆزگىلەرنى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا بوزەك قىلىۋالىدۇ ۋە رەھىمسىزلىك قىلىدۇ.
شەخسلەردە ئۆز مەپتۇنلۇق ئالامەتلەرنىڭ بار ياكى يوقلىقىنى بېكىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەملەردە ئۆز مەپتۇنلارنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكى بار: ئۈستۈنلۈك، مەنمەنچىلىك، كۈچتۈڭگۈرلۈك، كۆز-كۆز قىلىش، ئېتىراپ قىلىنىش ۋە ئېتىبار كۈتۈش، لىدېرلىك ۋە نوپۇزدىن باشقا مۇتەكەببۇرلۇق، مەنپەئەتپەرەسلىك، رىياكارلىق، قالتىس چاغلاش، ھاكاۋۇرلۇق، ئۆزىنىلا توغرا دەپ چاغلاش،شەخسىيەتچىلىك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئۈستۈنلۈك ئۆزگىلەرگە قارىغاندا كىشىنىڭ ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئالاھىدىلىكلىرى ياكى ئەمەلىي ئىقدارىغا زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ ئۆزىنى ھەممە ئادەمدىن ئۈستۈن ۋە قالتىس چاغلىۋېلىشىنى كۆرستىدۇ. ئۆزىنىڭ قالتىس ۋە ئالاھىدە ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئويلىۋالغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىنسان ئىكەنلىكىگە ئىشىنىۋېلىپ مۇشۇنداق ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۆزىنى ئالاھىدە چاغلاش، باشقىچە ۋە پەرقلىق بولۇش ئارزۇسى ئىنساننى ئالاھىدە ۋە باشقىلاردىن تېخىمۇ ئۈستۈن چۈشەنچىسىگە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئۆزىنى قالتىس چاغلىۋېلىش ئۆزگىلەرنى كەمسىتىشنىڭ نورمال ۋە تەبئىي ئىش ئىكەنلىكى چۈشەنچىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆز مەپتۇنلار ئۆزىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ مەغرۇر، ئۆزىنىلا ماختايدىغان، ھەتتا ئۆز-ئۆزىگە چوقىنىدىغان كىشىلەردۇر. ئۆزلىرىنى قالتىس ۋە ئۈستۈن چاغلايدىغان بۇ كىشىلەر باشقىلارنى تەبىئىي ھالدا تۆۋەن كۆرىدۇ. بۇ ئەھۋال ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ خىل كىشىلەرنى جامائەتتىن يىراقلاشتۇرۇپ يالغۇزلۇققا دۇچار قىلىپ قويىدۇ. ئۆزلىرىنى«ئىلاھنىڭ دۇنياغا ئەۋەتكەن ئىھسانى»دەپ ئويلىۋالىدىغان ئۆز مەپتۇنلار ئۆزلىرىچە گۈزەللىك، ئىلىم، ئەقىل ۋە كۈچ قاتارلىق جەھەتلەردە ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. داۋاملىق ئۆزلىرى توغرىسىدىلا گەپ قىلىدىغان، باشقىلارنى تونۇشتىن بەكرەك ئۆزىنىلا تونۇشتۇرۇشنى ئويلايدىغان مىجەزى بار. باشقىلارنى ئۆزلىرىگە مەپتۇن ھەتتا چوقۇنۇش ئۈچۈن بار بولغان كىشىلەر دەپ قارايدىغان ئۆز مەپتۇنلار، ھاياتنىڭ مەركىزىدە ئۆزلىرىنىڭلا بارلىقىنى ئويلىۋالىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزگىلەرگە ناچار مۇئامىلە قىلغان ياكى ئۇلارنىڭ دوستلۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان چاغدا ۋىجدان ئازابى چېكىشتە تولىمۇ قىيىلىنىدۇ.
كۈچتۈڭگۈرلۈك
يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك ئۆز مەپتۇنلاردىكى ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى كۈچلۈك ھېس قىلىشىغا، ھەتتا ئۆزگىلەرگە قارىغاندا ئەڭ ياخشىسىدەك ھەرىكەت قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئەھۋال ئۇلارنى كېرەكسىز ئادەمدەك تۇيغۇغىمۇ كەلتۈرۈپ قويىدۇ ۋە ئۇلار سۆيگۈ ئاچارچىلىقىغا گىرىپتار قىلىدۇ. ھەم خەۋپ ھەمدە تۆۋەن كۆرۈش تۇيغۇسىغا كىرىپ قالغان ئۆز مەپتۇنلار مەنىۋى جەھەتتىكى بۇ كەمتۈكلۈكنى كۈچلۈك ۋە قالتىس كۆرسىتىشتەك خام خىياللار بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنىدۇ.
ئۆز مەپتۇنلار ئۆزلىرىنى ئۈستۈن ۋ قالتىس چاغلىۋالىغانلىقتىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ ھەر جەھەتتە ئۆزلىرىدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئويلىۋالىدۇ. جەمئىيەنى باي، ئاقسۆڭەك ۋە يالاڭتۆشلەر دەپ ئىككىگە ئايرىۋالىدىغان ئۆز مەپتۇنلار «يالاڭتۆشلەر قاتلىمى»غا چۈشۈپ قېلىشتىن تولىمۇ ئەنسىرەيدۇ. ئۆزلىرىنى ھەر ۋاقىت ئەمەلىي ئەھۋالىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن كۆرۈۋالىدۇ. كۈچكە ئېرىشىش ئۇلارغا نىسبەتەن ھالقىلىق ئىش ھېسابلانغانلىقتىن ئىش ئورنى ياكى كەسپىدە نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن ئەمەس ئۆسۈش ئۈچۈنلا تىرىشىدۇ ۋە مەقسىتىگە يېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان زىيادە ئىشەنچىسى ئۇلارنى مەلۇم دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشى مۇمكىن.
كۆز-كۆز قىلىش ۋە رىياكارلىق
كۆز-كۆز قىلىش ۋە رىياكارلىق داۋاملىق باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا ۋە ئەتىۋارلىنىشقا ئۇرۇنۇشنى كۆرستىدۇ. ئەتىۋارلىنىش ۋە دىققەت تارتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئۆز مەپتۇنلار بۇلار ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۆز مەپتۇنلار ئۆزلىرىنى پەرقلىق شەكىلدە تونۇشتۇرۇشقا ماھىر كېلىدۇ. بەزى ئۆز مەپتۇنلار گۈزەل، قاملاشقان، قابلىيەتلىك ۋە ئەقىللىق كېلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆزگىلەرگە قارىغاندا گۈزەل-قاملاشقان دەپ ئويلايدىغانلىقلىرى ئۈچۈن تاشقى كۆرۈنىشىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار قىممەت باھالىق ۋە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئۇلار ئىشلارنى قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ۋە كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن قىلىدۇ.
سۇيئىستېمال
سۇيئىستېمال بولسا مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بىچارە قىياپەتكە كىرىۋېلىش،ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىش، زوراۋانلىق، باشقىلارنىڭ ياخشى نىيىتىدىن پايدىلىنىش، دوستلۇق، قېرىنداشلىققا ئوخشاش مەنىۋى قەدرىيەتلەرنى سۇيئىستېمال قىلىشقا ئوخشاش خىلمۇ خىل ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ ئۆزگىلەردىن پايدىلىنىشقا خاھىشىنى كۆرسىتىدۇ. سۇيئىستېمال نەپكە ئېرىشىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ئىنسان ياكى شەيئىلەردىن ئادالەتسىز پايدىلىنىشنى بىلدۈرىدۇ ۋە مۇنداق ئۈچ تەرىقىدە ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنچىسى، سۇيئىستېمال قىلغۇچى سۇيئىستېمال قىلىنغان شەخسنى يا ئالدايدۇ ياكى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. سۇيئىستېمال قىلىنغۇچى بېشىغا كەلگەنلەرگە رازى بولىدۇ ياكى سۈكۈت قىلىدۇ. ئۈچىنچىسى،سۇيئىستېمال قىلغۇچى ھەر ۋاقىت نەپنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ. ئۆز مەپتۇنلار باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا تولىمۇ ماھىر كېلىدۇ. ھەر قانداق مۇناسىۋەت، قولىدىكى ئىمتىياز ۋە نوپۇزدىن ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزگىلەرنى ياخشى كۆرەلمەيدۇ، ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداقتۇر ئادىل ۋە باراۋەرلىك ئاساسىغا ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ. ئۆز مەپتۇنلار كىشىلىك مۇناسىۋەتنى سۇيئىستېمال قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ.ئۆزگىلەردىن پايدىلىنىشنىلا كۆزلەيدۇ، ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى ئورۇنداشنى كۈتىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ قالتىسلىقىنى ئېتىراپ قىلغان كىشى بىلەن مۇناسىۋىتى باردەك قىلسىمۇ، ئۇ كىشى ئۇنى ئېتىراپ قىلىشنى توختاتقاندا مۇناسىۋەت ئاخىرلىشىدۇ. ئۇلار ھېچكىم بىلەن سەممىي مۇناسىۋەت ئورنىتالمايدۇ. باشقىلار بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋىتى مەنپەئەتكە تايانغان بولغاچقا، مەنپەئەت تۈگىگەن ھامان مۇناسىۋەتمۇ تۈگەيدۇ، شۇڭا كىشىلىك مۇناسىۋەت ئۇزۇن مۇددەتلىك بولمايدۇ.
ئېتىراپ قىلىنىش ۋە ئېتىبار كۆرۈش
ئۆز مەپتۇنلار ئۆزلىرىنى ھەممە ئىشقا كۈچى يېتىدىغاندەك ئويلىسىمۇ، كۆز-قاراشلىرىنىڭ توغرا ۋە يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن باشقىلارغا ئېھتىياجى چۈشىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئەتىۋارلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۆزلىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرگۈچىلەرگە ئامراق كېلىدىغان ئۆز مەپتۇنلار ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ھۆرمەتكە ئېرىشەلمىسە قارشى تەرەپكە ھەم ئاغزاكى ھەم جىسمانىي جەھەتتە ھۇجۇم قىلىدۇ، كەمسىتىدۇ، تۆۋەن كۆرىدۇ. ئۇلار تەنقىدنى كۆتۈرەلمەيدۇ.باشقىلارنىلا ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنىڭ خاتالىقى سېزىلىپ قالسا قوبۇل قىلمايدۇ، ئاسانلا بىچارە قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ.باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاشقا ئۇستا كېلىدۇ. تەنقىدلەرگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئۆز مەپتۇنلار ھېس-تۇيغۇلىرىنى يوشۇرالايدۇ. ئۇلار مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بەزى خورلۇقلارغا ۋە زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار بۇنداق قىلىشنى ئەقىللىقلىق دەپ قارايدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇلارنى تېخىمۇ ئۆز مەپتۇن قىلىۋېتىدۇ.
لىدېرلىك ۋە نوپۇز
ئۆز مەپتۇنلار ئەڭ قالتىس، ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ نوچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىۋالىدىغان ۋە سەھنىگە چىقىپ ئۆزلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق كىشىلەر بولۇپ ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ قالتىس بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئۆزلىرىگە زىيادە ئىشىنىۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن خەتەرلەرگىمۇ بەرداشلىق بېرىش كۈچى يۇقىرى بولىدۇ. ئۆزىلا تەقدىرلەنگەندە نەتىجە يارىتىدىغان لېكىن كوللېكتىپ ھالدا تەقدىرلەنگەندە ئىشلىمەي يېتىۋالىدىغان ئۆز مەپتۇنلار كوللېكتىپ ئىشلەش روھىدىن مەھرۇمدۇر لېكىن شەخسىي ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ ۋە مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. كىشىلىك خاراكتېرى تۈپەيلى ياخشى كۆرۈلمەيدىغان، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇتۇق قازىنالايدىغان، ۋاقىتلىق خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدىغان، لېكىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشقا بولالمايدىغان، خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن قانداق تېز ئورۇن ئالغان بولسا شۇنچىلىك تېز چۈشۈپ كېتىدىغان، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت سەرمايسى ئۇزۇنغا چىدىمايدىغان ئۆز مەپتۇنلار ئۇتۇق ۋ نەتىجىلەرنى كوللېكتىپ بىلەن ھەم بەھرىلىشىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئامراق كېلىدۇ. جەمئىيەتتە بىر لىدېر سالاھىيىتى بىلەن سەھنىگە چىققان ئۆز مەپتۇنلار سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە سودا تەشكىلاتلاردا ئۆزلىرىنى ئىسپاتلاپ قابلىيىتىنى نامايەنمۇ قىلالايدۇ. بۇنداق چاغدا ئۆز مەپتۇنلۇقىنى چاندۇرۇپ قويىدۇ. بىراق مەغلۇپ بولسا روھىي چۈشۈپلا كېتىدۇ.
ھەممە ئىشقا ئۆزىنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئويلىۋېلىش
ئۆز مەپتۇنلار ئۆزلىرىنىڭ ھەممە ئىشقا لايىق ئىكەنلىكلىرىنى ئويلىۋالىدۇ. ئۆزلىرىنى قالتىس چاغلىغاچقا ھۆرمەت، شان-شۆھرەت، ئېتىبار، ھەق-ھوقۇقلارغا لايىق ئىكەنلىكىنى ياقلىشىدۇ. باشقىلارنى يېتەكلەش، باشقۇرۇش، ئۇلارغا ئىگە چىقىشنى «بۇرچ»دەپ بىلىدۇ. ئىلىمىك ئۆز مەپتۇنلار بولسا ئۆزلىرىنى شۇ ساھەنىڭ ئەڭ نوچىسى دەپ قارايدۇ.
بۇ خىلدىكى ئادەملەر ئۆزلىرىنى تەڭداشسىز دەپ قارىۋالغاچقا، ئۆزگىلەردىن ئىلتىپاتلا كۈتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى قەستەن چوڭ چاغلىۋالغاچقا،ئۆزگىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئۆزلىرىنى بىر دەرىجىدە ئۈستۈن كۆرىدۇ ۋە قارشى تەرەپتىن مۇشۇنداق مۇئامىلە كۈتىدۇ. ئۆزگىلەر ئۇلارغا ئالاھىدە ئەمەس نورمال مۇئامىلە قىلسا بىئارام بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈنلا باردەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ. ئۆزگىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ چوقۇنغۇچىسى ياكى ئىخلاسمېنى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزگىلەردىن ئالاھىدە مۇئامىلە تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىنىشنى ئۆزلىرىنىڭ «تەبىئىي»ھەققى دەپ قارايدۇ. ئىستەك ۋە ئارزۇلىرىنىڭ شەرتسىز ئادا قىلىنىشىنى كۈتىدۇ. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بولمىسا ھەممىنى دۈشمەن ئېلان قىلىدۇ.
2- ئىسلامنىڭ ئۆز مەپتۇنلۇق قارىشى
ئادەت، ئىبادەت، ئىتائەت ۋە قۇللۇق قىلىش مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان دىن (ئىسلام) ئېتىقاد ۋە بۇ ئېتىقاد ئۈستىگە قۇرۇلغان تۇرمۇش شەكلى، ھايات مىزانى، ئىنسانلارنى ئەركىن ئىرادە ۋە ئىختىيارلىقى بىلەن توغرا ۋە ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان ئىلاھىي قانۇنلار سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. دىن شەخسنىڭ ئېتىقادىنى ئىجتىمائىي ساھەدە ئەكس ئەتتۈرۈشكە تۈرتكە بولغىنىغا ئوخشاش، جەمئىيەتتىمۇ ئىنسانلارنىڭ خۇشال ۋە ئامانلىق ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن بىر قاتار قائىدە-پىرىنسىپلارنىمۇ بېكىتىدۇ. بىز ماقالىمىزدە دىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئۆز مەپتۇنلۇققا قانداقراق بىر چارە ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزىمىز.
لۇغەت مەنىسى جەھەتتە نوپۇز،ئورۇن، ئېتىبار، مەرتىبە مەنىسىنى بىدۈرىدىغان «جاھ»، بىر شەخسنىڭ ئۆزى لايىق بولمىغان مەرتىبە ۋە ئورۇنغا ئۆزىنى لايىق دەپ چاغلىۋېلىش، ياخشى ياكى يامان ھەممە ئىشىنى ياخشى دەپ ئويلىۋېلىش، ئۆزىنى قالتىس ئويلىۋېلىش، ماختىنىش، ئۆزى ۋە قىلغانلىرىغا مەپتۇن بولۇپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىش قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان «ئۇجب»، چوڭچىلىق قىلىش، ئۆزىنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ قالتىس كۆرۈش، ئەڭ قالتىس كىشى بولۇش ئارزۇسى،مەنمەنچىلىك، ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ باشقىلارنى كەمسىتىش مەنىسىنى بىدۈرىدىغان مۇتەكەببۇرلۇق، باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلماسلىق، باشقىلارغا ھاجىتى چۈشمەسلىك،ئۆزىنى مۇككەممەل ۋە كۈچلۈك دەپ قاراش (ئاللاھقىمۇ مۇھتاج بولماسلىق) ۋە ئۆزىنى ھەممىگە قۇربى يېتىدىغان دەپ ئويلىۋېلىش ۋە رىياكارلىق قاتارلىقلار ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ دىندىكى ئىپادىلىرىدۇر.
ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئۆزىنى ئالاھىدە ۋە چوڭ كۆرۈش خاھىشىغا ئىگە.ئىنسانلار ۋۇجۇدقا چىقارغان ئەسەرلىرى، دېگەنلىرى، قىلغانلىرى، ئۇتۇق ۋە نەتىجىلىرى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن مۇكاپاتلىنىش، ئەتىۋارلىنىش، ماختاشقا سازاۋەر بولۇش، ئېلتىپات ۋە ئېتىراپ قىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. «غەلىبە قىلساق ھەر ھالدا بىزگە چوقۇم چوڭ مۇكاپات بېرىلىدۇ»دېگەن چۈشەنچە بىلەن بىر قىىسىم كىشىلەرنىڭ سەھنىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن بېرىلىشىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىشلىرى ئىنساندا ئەلمىساقتىن بۇيان بولۇپ كەلگەن نەتىجە يارىتىش، ئۇتۇق قازىنىش، كۈچلۈك بولۇش، ئېلتىپات ۋە ئېتىبارغا ئېرىشىش چۈشەنچىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
قۇرئاندا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئەڭ چىرايلىق يارىتىلىپ ئەڭ ئەزىز قىلىنغان ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ زېمىندىكى خەلىپىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئۈستۈن ۋە قالتىس چاغلاش ھېسسىياتىنىڭ باشقىچە قىلىپ ئېيتساق تۇنجى ئۆز مەپتۇنلۇق قىلمىشىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ئاتىسى بولغان ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشىدا شەيتاننىڭ ئۆزىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن باشلىغانلىقى خەۋەر قىلىنىدۇ.
قۇرئاندا بايان قىلىنغان «بىر قىسمىڭلارنى يەنە بىر قىسمىڭلاردىن ئۈستۈن قىلدۇق»، «ئاللاھ ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم جەمەتىنى ۋە ئىمران ئائىلىسىنى ئىنسانلاردىن ئۈستۈن قىلدى» دېگەن ئايەتلەردىن ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ يەنە بىر قىسىم ئىنسانلارغا قارىغاندا ئۈستۈن يارىتىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بەزى ئىنسانلار ئەقىل، ئىدراك، ئىلىم، جىسمانىي ۋە ئاۋاز گۈزەللىكى، نەسەپ، بايلىق، مەرتىبە قاتارلىق بىر قاتار ئالاھىدىلىكلەر جەھەتتىن بەزى ئىنسانلارغا قارىغاندا ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. قۇرئاندا بەزى ئىنسانلارنىڭ مال-دۇنياسى ۋە پەرەزەنتلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى، بەزىلەرنىڭ سالامەتلىك، بەزىلەرنىڭ جىسمانىي كۈچ،بەزىلەرنىڭ ئەقىل، بەزىلەرنىڭ ئىبادەت ۋە بەزىلەرنىڭ ئىلىمگە ئوخشاش بىر قىسىم ئوخشىماسلىقلار سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنى باشقا ئىنسانلاردىن ئۈستۈن كۆرۈۋالىدىغانلىقلىرى بايان قىلىنىدۇ. دىن ئۈستۈنلۈكنىڭ بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ يەنە بىر قىسىم ئىنسانلارنى ئىشقا سېلىشى مەقسىتىگە بىنائەن ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىنسانغا ئەسلىدىن قالغان مىراس ۋە قولىدىن تارتىپ ئالغىلى بولمايدىغان شەخسىي ئالاھىدىلىك بولماستىن نىمەت سۈپىتىدە بىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئىنسانلار ئاللاھنىڭ مەلۇم بىر مەقسەتكە بىنائەن ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان بۇ ئالاھىدىلىك سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنى ئۆزگىلەردىن تېخىمۇ ئۈستۈن، تېخىمۇ قەدىرلىك ۋە تېخىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر چاغلىۋېلىشتەك چۈشەنچىگە كېلىپ قالىدۇ.
ئۈستۈنلۈك ھېسسىياتى بەزىدە ئىنساننىڭ شەخسىي ئالاھىدىلىكىدىن كەلسە بەزىدە تەۋەلىك ئېڭىدىن كېلىدۇ. شەخسىي ئالاھىدىلىكلەر سەۋەبىدىن ئۆزىنى قالتىس ۋە ئۈستۈن چاغلاشتىن پەيدا بولغان شەخسىي ئۆز مەپتۇنلۇق بولغىنىغا ئوخشاش، بىر جەمئىيەت ياكى بىر مىللەتكە تەۋە بولۇشتىن پەيدا بولغان ئىجتىمائىي ئۆز مەپتۇنلۇقمۇ بار. قۇرئاندا مىسىر خەلقىنىڭ «قەۋملىرى بىزنىڭ قۇلىمىز بولغان تۇرسا ھازىر بىز ئۇلارغا ئىشىنەمدۇق؟»، ئاد قەۋمىنىڭ «بىزدىنمۇ كۈچلۈك كىم بار؟»، «ئۆز ۋاقتىدا سانىمىزنىڭ كۆپ بولۇشى سىلەرگە ئىشەنچ ئاتا قىلغان بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭ پايدسى بولمىغانىدى»، «سېنى تولىمۇ ئاجىز دەپ قارايمىز»دېگەن ئايەتلەر قەۋم ياكى گۇرۇھ ۋەياكى مىللەت ئۆز مەپتۇنلۇقىغا تىپىك مىسال بولالايدۇ.

دىندا ئۆز مەپتۇنلۇق سەۋەب بولىدىغان سەلبىيلىكلەرنىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىشى
ماقالىمىزنىڭ باش قىسمىدا ئىنسانلارنىڭ ماختىنىش ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆز-كۆز قىلىش ئىستىكى بارلىقى قەيت قىلىنغانىدى. قۇرئاندا تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئىنسانلارنىڭ قىلغانلىرى ۋە ئىگە بولغان بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرى بىلەنلا ئەمەس، ھېچ ئىش قىلماي ۋە ھېچقانداق نەتىجە ۋە ئۇتۇق قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپمۇ ماختىنىشنى تاما قىلىدىغانلىقلىرى تەكىتلىنىدۇ. قۇرئاندىكى«(ئى مۇھەممەد!) قىلغان ئىشلىرىدىن (يەنى ھەقنى ياپقانلىقىدىن) خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشلىرى بىلەن مەدھىيىلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ»دېگەن ئايەتتە ھاكاۋۇر، ماختىنىشتىن ھۇزۇرلىنىدىغان ۋە قىلغان ئىشى سەۋەبىدىن ئۆزىنى قالتىس كۆرسىتىدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى دېيىلىدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلىنغان ياردەملەر، بۇ يولدا پىدا قىلىنغان جانلارغا ئوخشاش ئىشلار باشقىلارغا بىلدۈرۈش، ئېتىبارغا ئېرىشىش ئارزۇسى بىلەن قىلىنغان بولۇشى ۋە ئىنسانلار بۇنى ئۆزلىرى ۋە ئائىلىلىرى ئۈچۈن شان-شۆھرەت ۋاستىسى سۈپىتىدە كۆرۈشىمۇ مۇمكىن. لېكىن دىندا ئىشلاردا نىيەتنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ ئىنسانلارنىڭ تەقدىر ۋە ئېتىراپ قىلىشىنىڭ ئەھمىيەتسىزلىكى، مۇھىم بولغىنى ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.
ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ ئېتىقادسىزلاردىلا ئەمەس ئېتىقادلىقلاردىمۇ ئۇچرايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان قۇرئاندا ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ ناچار خاھىش ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. دىننىڭ ئەمىرلىرىنى ئادا قىلمايدىغان بىراق دىندار ئىنساندەك كۆرىنىدىغان ۋە بۇ سەۋەبتىن باشقىلاردىن ئېتىبار كۈتىدىغان ئىنسانلارنىڭ بولۇشى، ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ ئېتىقادلىقلار ئۈچۈنمۇ مەسىلە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۆزمەپتۇنلۇقنىڭ نۇرغۇن سەلبىي تەسىرلىرى باردۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مەسىلىلەردۇر. ئىنساننى بۇنداق مەسىلىگە دۇچار قىلغان ئەڭ مۇھىم ئامىل دەل ئۆزىنى ئۈستۈن ۋە قالتىس چاغلىۋېلىش تۇيغۇسىدۇر. بۇنداق تۇيغۇسى بولغان كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئۈستۈن چاغلايدۇ، لېكىن ئۆزگىلەرنى تۆۋەن كۆرىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئىنسانلارنىڭ ھەققىي دوستى بولمايدۇ، ئۇلارنى مۇشۇنداق سەلبىيلىككە ئىتتىرگەن نەرسە بولسا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىكى ئەمەلىي قابىلىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلەرگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىۋېلىشى ۋە بۇ ئىشىنىۋېلىش پەيدا قىلغان ھاكاۋۇرلۇق، مەنمەنچىلىك ۋە ئۆزگىلەرنى تۆۋەن كۆرۈش خاھىشىدۇر. باشقىلار بىلەن چىقىشالمايدىغان ۋ جەمئىيەتكە ئارىلىشىپ ئۆتەلمەيدىغان بۇ خىلدىكى كىشىلەر داۋاملىق خۇدۇكسىرەپ ياشايدۇ ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تويۇنالمايدۇ.
ئۈستۈنلۈك ۋە قالتىسلىق تۇيغۇسى سەۋەب بولىدىغان مۇنداق ئىككى خىل سەلبىي ئەھۋال بار بولۇپ ئۇ بولسىمۇ ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىك. شەكسىزكى،بۇ ھېسلەر ئىنساننى داۋاملىق غەم-قايغۇغا مۇپتىلا قىلىدۇ. ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىكنىڭ كەينىدىكى سەۋەبلەرگە نەزەر سالغىنىمىزدا، كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىگە چىدىماسلىقىدۇر. ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىك نەپرەت پەيدا قىلىدۇ، ھەسەتخور قارشى تەرەپكە دۈشمەنلىك قىلىپ زىيان سېلىشىمۇ مۇمكىن. قۇرئاندا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بىرىنىڭ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشى ۋە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلىنىشى ھېكايە قىلىنىپ، ھەسەتخورلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قان-قېرىنداشلىرىغىمۇ رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
ئۈستۈنلۈك ۋە قالتىس چاغلاش پەيدا قىلىدىغان يەنە بىر سەلبىيلىك بولسا ئىنساننىڭ ئۆزگىلەرگە ياردەم قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە كۆيىنىش تۇيغۇسىنى ئۆلتۈرۈشى ۋە باشقىلارنىڭ قاراشلىرى ۋە ئەمگەكلىرىنى يوق قىلىپ پەقەت ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەپ تۇرۇۋېلىشىدۇر. ئىنساننى ئەسىر قىلىۋالىدىغان ئۆز مەپتۇنلۇق كىشىنى ياقتۇرۇلمايدىغان بىرىگە ئايلاندۇرۇپ يالغۇزلۇققا ئىتتىرىدۇ. ئۆزىنى قالتىس چاغلاش، ئۆزىگىلا مەپتۇن بولۇش، ئۈستۈنلۈك ۋە ئالاھىدە بولۇۋېلىش قاتارلىق ئىللەتلەر جەمئىيەتتە ئەيىبلىنىدۇ. چۈنكى ئىنسانلار ئۆزلىرىنى ئالاھىدە چاغلىۋالىدىغانلارغا ئەمەس ئۆزلىرىنى باراۋەر كۆرىدىغانلارغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئۆزگىلەرنى تۆۋەن كۆرىدىغانلار جەمئىيەتتە يېتىم قالىدۇ.
ئۆزىنى ئۈستۈن ۋە قالتىس چاغلىۋېلىشنىڭ يەنە بىر روشەن ئىپادىسى ئىنساننىڭ تەنقىد ۋە خاتاسىنى قەتئىي قوبۇل قىلماسلىقىدۇر. قۇرئاننىڭ بەقەرە سۈرىسىدىكى « ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمەلدە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى زىرائەتلەرسىز ۋە ھايۋاناتلارسىز ئىنسانلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس). ئاللاھ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇنىڭغا (ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىپ يامان سۆز ـ ھەرىكەتلىرىڭدىن قايتىپ) ئاللاھتىن قورققىن دېيىلسە، غۇرۇرى ئۇنىڭغا گۇناھ يۈكلەيدۇ (يەنى ھەقتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتىپ، پىتنە ـ پاساتتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر.»دېگەن ئايەتتە تەنقىدنى قوبۇل قىلمايدىغان ۋە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغان ئىنساننىڭ خاراكتېرى تەسۋىرلىنىدۇ. ئۆزى قىلغان ئىشلارنى توغرا ۋە يوللۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغان ۋە ئۆزنەپسىنى ھېسابقا تارتىپ تۇرمايدىغان ئىنسان ئۆزىگىلا زىيان بېرىپلا قالماستىن باشقىلارغىمۇ زىيان بېرىدۇ.
قۇرئاننىڭ مۇتەففىفىن سۈرىسىنىڭ« كاپىرلار ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلەتتى ، (مۆمىنلەر) ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى ، ئۆيلىرىگە قايتقاندا (مۆمىنلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ) مەزە قىلغان ھالدا قايتىشاتتى. مۆمىنلەرنى كۆرگەندە: «بۇلار شەكسىز ئاداشقانلار» دېيىشەتتى.»دېگەن ئايەتلىرىدە ئىنسانلارنى ئاغزاكى ۋە ئاغزاكى بولمىغان قىلىقلار بىلەن كەمسىتىدىغان ۋە قىلغان ئىشلىرىنى باشقىلارغا كۆز-كۆزقىلىپ قارشى تەرەپ توغرۇلۇق خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىغان ئۆز مەپتۇنلارنىڭ قىلىقلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. مەلۇمكى، ئاغزاكى ئالاقەدىن باشقا چىراي ئىپادىلەر، قول ھەرىكەتلىرى، بەدەننىڭ تۇرۇش شەكلى، ئاۋازنىڭ ۋەزنىگە ئوخشاش ئاغزاكى بولمىغان ئۇچۇرلار بىلەنمۇ ئالاقە ئورناتقىلى بولىدۇ. بۇلار قارشى تەرەپكە مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ئۇچۇرلارنى يوللاپ سەلبىي ياكى ئىجابىي تەسىرات ۋە چۈشەنچە پەيدا قىلىدۇ. توختىماي مۇنازىرە قىلىپ چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، باشقىلارنى باھالاش ۋە ئاغزاكى بولمىغان ھەرىكەتلەر ئالاقىدە تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. قارشى تەرەپنى تەنقىدلەش، ئاغزاكى بولمىغان قىلىقلار بىلەن تۆۋەن كۆرۈش ئالاقىنى ئۈزىدۇ. راۋانسىز ئالاقە ياكى سەلبىي ئىش-ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە ئالاقەنىڭ كۈچىيىشى كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى يوق قىلىپ كىشىدە سەلبىي قىلىقلار پەيدا قىلىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانلارنىڭ كۆيىنىشى ۋە سۆيگۈسى كىشىنى تاماخورلۇققا گىرىپتار قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا بېسىم پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ناۋادا بىر كۈنلەردە باشقىلارنىڭ نەزىردىن چۈشۈپ قېلىش، ماختاشقا، ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمەسلىك ئۆز مەپتۇن كىشىلەرنى روھىي ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال رىئاللىق ۋە ھەقىقەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئىنسانلارنى توغرا چۈشەنمەيدىغان، ھەر ئىشتىن نەپ كۈتىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇنداق كىشىلەر باشقىلار ئەپ ئۆتەلمەيدۇ.
ئۆز مەپتۇنلۇققا تاقابىل تۇرۇشنىڭ دىنى چارىلىرى
1. زىھنى چارىلەر
زىھنى ئۇسۇللار ئاڭ ۋە چۈشەنچىنى ئاساس قىلىدىغان چارىلەردىن بىرىدۇر. بۇ ئارقىلىق ئۆز مەپتۇنلۇق زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى بىلەن ئۇنى تىزگىنلەش ۋە تاقابىل تۇرۇش يوللىرىنى بىلىپ يەتكىلى بولىدۇ.
ئىنساننىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئۇنىڭ چۈشەنچىسى ئارقىلىق بىگىلى بولىدۇ. كىشىنىڭ چۈشەنچىسىنىڭ قانداقلىقى ئۇنىڭ روھى كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىنساننىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ چۈشەنچىسى ئۆزگىرىشى كېرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ چۈشەنچىسى ئۆزگەرسە تەبىي ھالدا ئۇنىڭ پوزىتسىيەسىمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئىنسان بىر نەرسە ھەققىدە كەم،يۈزەكى، خىيالىي ياكى سەلبىي چۈشەنچىگە ئىگە بولسا پوزىتسىيە ۋە ئىنكاسمۇ شۇنداق بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق چۈشەنچە ئۆزگەرتىلسە پوزىتسىيە ۋە ئىنكاسمۇ ئۆزگىرىدۇ. زىھنى داۋالاش بولسا كىشىنىڭ خاتا چۈشەنچە ۋە ئېتىقادى تۈزىتىلسە ئۇنىڭ نامۇۋاپىق ۋە زىيادە ھېسسىي ئىنكاسلىرىنىڭ ئۆزگىرەيدىغانلىقى چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلىدىغان، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا نامۇۋاپىق قىلىقلار ۋە ھېس-تۇيغۇلارنى تۈزىتىش مەشغۇلاتىنى كۆرسىتىدۇ.
زىھنى چارىلەرنىڭ بىرسى مۇنداق: ئىنساننىڭ يارىتىلىشى نەزەرگە ئېلىنغان ئاساستا ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئالاھىدە ۋە پەرقلىق چاغلىۋېلىشىنىڭ نە قەدەر خاتا ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇشتۇر. ئىنسانلارنى يارىتىلىشى ھەققىدە ئويلىنىشقا، نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق يارىتىلغانلىقى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدىغان قۇرئانى كەرىم، ئىنسان تۇنجى يارىتىلغاندا تۇپراق، ئارقىدىن بىر تامچە سۇ، مەنى ۋە ئانا قورسىقىدا باشتىن كەچۈرىدىغان باسقۇچلار ئۈستىدە توختىلىپ ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ۋە ھايات باسقۇچلىرىنى بايان قىلىدۇ.ئىنساننىڭ مۇكەممەل يارىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان قۇرئاندا يارىتىلىش جەھەتتە ھەممە ئىنساننىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكى ۋە بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنسان ئالدىدا ھاكاۋۇرلۇق قىلىشقا ھېچقانداق ھەققى يوقلۇقى تەكىتلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئىرق، مال-دۇنيا، جىنسىيەت، نەسەب، مەرتىۋە، تەن رەڭگى قاتارلىقلارغا ئەمەس تەقۋادارلىق دەرىجىسىگە قارايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ھەممىڭلار ئادەمدىن ئادەم بولسا تۇپراقتىن يارىتىلدى»، «ئاللاھ سىلەرنىڭ تۇرۇقىڭلارغا ئەمەس قەلب ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ»دېگەن ھەدىسلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئىنسانلار يارىتىلغان نەرسىلەر ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. شۇنداقلا بۇ ھەدىسلەردە ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلىۋېلىشىنىڭ ئېغىر خاتالىق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ.
قۇرئاندا ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكى ۋە بۇنى ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. «ئاللاھ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر ، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ»، « كۆرەڭلەپ كەتمە، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى دوست تۇتمايدۇ»، « ئاللاھ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ»، «كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ. ئوتتۇراھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر»، « سەن زېمىندا مەغرۇرانە يۈرمىگىن، (ھاكاۋۇرلۇقتىن ئايىغىڭ بىلەن) يەرنى تېشىۋېتەلمەيسەن، (ھەرقانچە گىدەيگىنىڭ بىلەن) ئېگىزلىكتە تاغلارغا تەڭلىشەلمەيسەن»قاتارلىق ئايەتلەردە ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ ناچار قىلىق ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشنىڭمۇ بىر چارە ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. ئىنساننىڭ ھەر نېمەتتىن ھېسابقا تارتىلىدىغانلىقى ۋە ياخشى ياكى يامان بولۇپ بارلىق ئىشلارنىڭ سورىقى بولىدىغانلىقى، ھاكاۋۇرلۇق ۋە كىبىرنىڭ دوزاخ ئەھلىنىڭ سۈپىتى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان قۇرئاندا، جەننەتكە كەمتەر كىشىلەرنىڭلا كىرىشكە لايىق ئىكەنىكى ئەسكەرتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسساللاممۇ «قەلبىدە زەررىچىلىك كىبىر بولغان كىشى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ»دېگەن. ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋەتلىرى ئۈستىدە ئويلاشمۇ ئىنساننى ئۆز مەپتۇنلۇق قىلىقلاردىن ۋاز كېچىشكە تۈرتكە بولىدۇ. ئىنساننىڭ ياخشى يامان بارلىق ئىشلىرىنىڭ بەدىلىنى ئاخىرەتتە كۆرىدىغانلىقىنى، ھەر ئىش-ھەرىكىتىنىڭ ھېساۋىنى ئاخىرەتتە بېرىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ تۇرۇشى ھاياتنى تېخىمۇ مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ياشاشقا سەۋەب بولىدۇ. ئۆلۈمدىن كېيىن ھاياتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان چوڭ –كىچىك بارلىق ئىشىنىڭ بەدىلىنىڭ ئاخىرەت ھاياتىدا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئىنساننى نەپسىنى داۋاملىق ھېسابقا تارتىشىغا ياردەم قىلىدۇ.
دۇنيا ھاياتىنىڭ ئىنسانغا نىسبەتەن سىناق ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلىشمۇ ئۈنۈملۈك چارىلەردىن بىرى بولۇشى مۇمكىن. دىن دۇنيا ھاياتىنىڭ بىر ئىمتىھان ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ مال-دۇنياسى ۋە جېنى بىلەن ، شۇنداقلا ھاياتنىڭ ياخشى ۋە يامان بىلەن بىلەن سىنىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. دىن يەنە شارائىتلار، پۇرسەتلەر ۋە ئىمكانىيەتلەرنىڭ، ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىدىغان مۇسىبەتلەرنىڭ بىرەر سىناق ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتلىرى ۋە بەرگەن مىساللىرى ئارقىلىق بايان قىلىدۇ. ئىسلام بۇ دۇنيانى ماددى ۋە مەنىۋى ئىمتىھان ۋە بىر رىقابەت دۇنياسى سۈپىتىدە كۆرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىقتىساد، ئەقىل ۋە بىلىمگە ئوخشاش جەھەتلەردە ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىمۇ بۇ دۇنيادىكى سىناقنىڭ تەقەززاسىدۇر. دۇنيا ھاياتىدىكى مەرتىبە ۋە ئېتىبارلارنىڭ ئىزچىل ئۆزگىرىپ تۇرۇشى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ دولقۇنسىمان بولۇپ تۇرۇشى قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭ ئىپادىسىدۇر.
دۇنيا ۋە ئىچىدىكىلەرنىڭ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچى ۋە ھامان بىر كۈنى ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئۆزىنىڭمۇ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدىغانلىقى چۈشەنچىسى ئىنساننىڭ ئۆز مەپتۇنلۇققا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم بىر زىھنى كونترول ۋەزىپىسى ئۆتەيدۇ. ئىسلام دۇنيا ھاياتىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتىكى ھاياتقا ئېرىشىشنىڭ ۋاستىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. قۇرئاندا ئاياللار، بالىلار، ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە ئوخشاش پۇللار، نەسىللىك ئاتلارغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ئىنساننىڭ نەپىسىگە چىرايلىق كۆرسىتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، بۇلارنىڭ ناچار ئەمەسلىكىنى، لېكىن ئۆتكۈنچى نەرسىلەر ئىكەنلىكى، قانداقتۇر بۇ نەرسىلەرنىڭ مەقسەت ئەمەس بەلكى دۇنيا ھاياتىنى ۋە تىرىكچىلىكنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىشقا يارايدىغان ۋاستە ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. شۇنداقلا ئاخىرەت ھاياتىغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان دۇنيا ھاياتى ئالدىنىش، ماختىنىش، مال-دۇنيا ۋە نەسىل ئاۋۇتۇش ماكانى دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئىنساننىڭ پانىي مەخلۇق ئىكەنلىكى، ئاللاھتىن باشقا ھەر نەرسىنىڭ يوق بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ. قۇرئاندا پانىي، ئاجىز بولغان ئىنساننىڭ نېمىسىگە ئىشىنىپ كۆرەڭلەيدىغانلىقى توغرىسىدا سوئاللار سورىلىدۇ. دەرۋەقە، ئۆلۈم چۈشەنچىسى ئىنساننىڭ نەپسىي ئارزۇلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك كونترول مىخانىزمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئۆلۈم ئىنسانغا نىسبەتەن ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك نەسىھەت ھېسابلىنىدۇ.
ئىنساننىڭ ئاجىز ۋە مۇھتاج مەخلۇق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمۇ ئۆز مەپتۇنلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ مۇھىم زىنھى چارىلىرىدىن بىرى بولالايدۇ. ئىنساننىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرى، ماددىي ھەۋەسلىرى، نىشانلىرى ۋە خىيالىرىنىڭ چېكى بولمىسىمۇ ئەمەلىي شارائىتى چەكلىك ۋە كۈچى بولسا چاممىسى يەتكەنچىلىك بولىدۇ. قۇرئاندا ئاللاھنىڭ ئىنسانغا مۇسبەت بەرگەندە ئۇنى ھېچكىم يوق قىلالمايدىغانلىقى، ياخشى ۋە نېمەت ئاتا قىلغاندىمۇ ھېچكىم ئۇنىڭغا توسالغۇ بولالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلىكىگە يەنە بىر تەرەپتىن ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى تەكىتلىنىدۇ. قۇرئاندا ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئىنساننىڭ بېشىغا مۇسىبەت كەلگەندە ئاللاھقا يالۋۇرىدۇ» ۋە ئىنساننىڭ ئۆزىنى ھېچكىمنىڭ كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ قالماسلىقى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلىپ ئىنساننىڭ كۈچىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. ئۆزى تىلمەي تۇرۇپ ھېچكىمنىڭ ھېچقانداق كۈچ-قۇۋەتكە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى دېگەن ئاللاھ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مەن ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ ئاللاھ خالىماي تۇرۇپ ھېچقانداق نەرسىگە قادىر ئەمەسمەن، نە پايدا ئېلىپ كېلەلمەيمەن نە كېلىدىغان زىياننى يىراقلاشتۇرالمايمەن»دېگەن سۆزى بىلەن پەيغەمبەرلەر بولۇپ ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئۆز ئالدىغا تەسسەررۇپ ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلىقىنى دەيدۇ. ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى ۋە مۇھتاجلىقىدىن سىرت مەھرۇملۇقلار، مۇسىبەتلەر، كېسەللىكلەر ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ئاجىز مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. ھاياتتا بولۇپ ئۆتكەن بارلىق ئىمتىھانلار ئىنسانلارغا ئاجىزلىقىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ ئۇلارغا كۈچ-قۇۋەتلىرىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. ئوخشاشلا قۇرئاندا ئىنسانلارغا ۋە باشقا جانلىقلارغا رىزىق ئاتا قىلغۇچىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، ئاللاھ خالىغان كىشىنىڭ رىزىقىنى موللاشتۇرىدىغانلىقى، خالىغان كىشىنىڭ بولسا رىزىقىنى ئاز قىلىدىغانلىقى ۋە رىزىق مەسىلىسىدە مۇتلەق تەسەررۇپ ئىگىسىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. مۇشۇ شەكىلدە ئىنساننىڭ رىزىق مەسىلىسىدە مۇھتاجلىقى ۋە ئاجىزلىقى بايان قىلىنىدۇ.
ئاللاھ ئېتىقادىي ۋە ئۇنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىش ئۆز مەپتۇنلۇققا توسالغۇ بولىدىغان يوللاردىن بىرىدۇر. قۇرئاندا زېمىننى، ئاسماننى ۋە زېمىن ۋە ئاسمان ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقلارنى ياراتقۇچىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ ھىكمىتى ۋە رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ نە بىر مىۋىنىڭ بولمايدىغانلىقى، نە بىر چىشى جانلىقنىڭ ھامىلە قالالمايدىغانلىقى، نە بىر ھامىلە بولغۇچىنىڭ بالىسىنى تۇغالمايدىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلام ئاللاھنى كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدۇ. قۇرئاندا ئاللاھنىڭ خالىغاننى يارىتىدىغانلىقى، خالىغان كىشىگە قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدىغانلىقى، خالىغىنىنى قوش كېزەك قىلىپ يارىتىغانلىقى، خالىغىنىنى تۇغماس قىلىدىغانلىقى، پەرزەنت يۈزى كۆرۈشى مۇمكىن بولمايدىغان ئائىلىگە پەرزەنت ئاتا قىلىدىغانلىقى، قىز بىر ئايالنىڭ پەرزەنتلىك بولالايدىغانلىقى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ گەپ قىلالايدىغانلىقى، ئوتقا تاشلانغان پەيغەمبەرنى قۇتقۇزىدىغانلىقى، مۇسىبەتلەرنى يوق قىلىپ كېسەللىكلەرنى ساقايتىشى قاتارلىق مىساللار بىلەن سەۋەبلەر دۇنياسىدا ئىمكانسىزدەك تۇيۇلىدىغان ئىشلارنىڭ ئۆز تەسسەررۇپىدا ئىكەنلىكى ۋە ئاللاھ خالىسا سەۋەبلەرنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈپ قويىدىغانلىقى، كائىناتنىڭ چوڭ-كىچىك بارلىق قىسمىنىڭ ئاللاھنىڭ تىزگىنى ئاستىدا ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. قۇرئاندا ئاللاھنىڭ ھەممىگە مۇتلەق قادىر ئىكەنلىكى، ھېچنېمىگە مۇھتاج ئەمەسلىكى، ھەممىنىڭ ئاللاھقا مۇھتاج ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىش ھېچكىمنىڭ ئىلاھ بولالمايدىغانلىقىنى، ھەممە ئىشنى قىلىپ ھەر نەسىنى بىلەلمەيدىغانلىقىنى تەن ئېلىش بولۇپ، ئىنساننىڭ يارىتىلغان مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھقا قۇللۇق قىلىش بۇرچىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ كۈچىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلىشىغا پايدىلىقتۇر.
يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانلار قۇرئاننىڭ ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ ماھىيىتىنى، رىئاللىقتىكى ئىپادىلىرىنى، زىيان ۋە پايدىلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۈنۈملۈك بىتچىت قىلىش مېتودىنى ئىشلەتكەنلىكىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
2. ھەرىكەتسىمان چارىلەر
ھەرىكەتسىمان چارىلەر ئەسلىدە دىننىڭ ئىش-ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۆز مەپتۇنلۇقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان تەۋسىيەلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنى ھاكاۋۇر، ئۆزىگە مەپتۇن، ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ باشقىلارنى تۆۋەن كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا چارە ئوتتۇرىغا قويىدۇ.. بىز تۆۋەندە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە خۇسۇس ئۈستىدە توختىلىمىز.
قېچىش-يىراقلىشىش
قۇرئاندا تېگىشلىك ئېتىبار ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن جېدەلخور بولۇپ قالىدىغان ۋە ئۆزىنى چوڭ كۆرۈپ ئۆزگىلەرنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئىنسانلار بىلەن مۇنازىرە قىلماسلىق، ئۇلارغا ئىنكاس قايتۇرماي ياخشى مۇئامىلە قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شۇنداقلا ئىنسانلارنى ياخشى گەپ-سۆز قىلىشقا ئۈندەپ ئىشنىڭ يوغىناپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىر كىشى ھاكاۋۇرلۇق قىلغاندا ئۇنىڭ يېنىدىن يىراقلىشىش تەۋسىيە قىلىنىپ سەلبىي قىلمىشلارنىڭ يېيىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مەنىۋى جەھەتتىن سۇيئىستېمال قىلىنغان شەخس ياكى شەخسلەر ھاكاۋۇر كىشىنىڭ يېنىدىن يىراقلىشىش ئارقىلىق مەسىلەنى ھەل قىلالايدۇ.
باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشتىن ساقلىنىش
ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ بىر ئىپادىسى بولغان باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشمۇ دىن تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدۇ. دەرۋەقە، قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن بىرى بولغان كىيىم-كىچەك مەسىلىسىدە مۆمىنلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇلارغا ياخشى ۋە چىرايلىق كىيىنىشنى لېكىن بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ چوڭچىلىق قىلماسلىقىنى ۋە باشقا ئىنسانلارنى تۆۋەن كۆرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىدۇ. چۈنكى كىيىملەر ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش بىلەن بىرگە، روھىي ھالىتىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يارىتىلغانلىقى قەيت قىلىنغان ئايەتلەردىن سىرت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايلىق ۋە پاكىز كىيىم كىيىشكە رىغبەتلەندۈرگەن سۆزلىرى، چىرايلىق كىيىنىشنىڭ ناچار ئىش ئەمەسلىكىنى، ھەممە ئادەمنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن كىيىن كىيىشكە دىققەت قىلىشى لازىملىقىنى ۋە بۇنداق كىيىنىشنىڭ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىش بولىدىغانلىقىنى نەسىھەت قىلىدۇ.
كىيىم-كىچەك مەيلى ئەرلەرنىڭ بولسۇن مەيلى ئاياللارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىشتا ئىشقا يارايدىغان نەرسىلەر بولۇش بىلەن بىرگە، ھەسەتخورلۇقمۇ پەيدا قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن چىرايلىق كىيىنىش ئىنسانغا نىسبەتەن بەزىدە خەتەرلىك ئەھۋالغا كېلىپ قالماقتا. ناۋادا بىر ئىنساندا ئۆزىنى قالتىس چاغلاش تۇيغۇسى بولىدىغان بولسا بۇ ئۇنىڭ كىيىمىگىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قۇرئان بۇ ھەقتە قارۇننى مىسال كۆرسىتىدۇ. قەسەس ئايىتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:«قارۇن ئۆز قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارلىق زىننىتى بىلەن ھەشەمەتلىك ھالدا چىقتى. دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەيدىغانلار: «كاشكى بىزگە قارۇنغا بېرىلگەن بايلىق بېرىلسىچۇ، ئۇ ھەقىقەتەن (دۇنيالىقتىن) چوڭ نېسىۋىگە ئىگە ئىكەن> دېدى.»بۇ ئايەتتىن ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىىپ ئاۋامنىڭ ئىچىگە كىرىشنىڭ ئىنسانلاردا ھەسەتخورلۇق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ئىسلام بىر تەرەپتىن كىيىمنى قانداق كىيىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان تەرىقىدە كىيىنىپ سىرتقا چىقماسلىق لازىملىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا بۇيرىغانلىقى ۋە مۆمىن ئاياللار ئۈچۈن بولسا « زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن» دېگەن ئايەتتە ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتماسلىق كېرەكلىكى بۇيرۇلىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن دىندا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنىڭ بۇيرۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ،
كەمتەرلىككە ئۈندەش
كەمتەرلىك، رىياكار بولماسلىق، بىر كىشىنىڭ مەرتىبە جەھەتتىن ئۆزىدىن تۆۋەنلەرگە چوڭچىلىق قىلماسلىقى، ئىنساننىڭ باشقىلارنى كۆرىدىغان گەپ-سۆز ۋە ھەرىكەتلەردىن خالىي بولۇپ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئالدىدا غادايماسلىق ۋە ئۇلارنى تۆۋەن كۆرمەسلىك قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كىشىنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈشىمۇ توغرا ئىش ئەمەس.
ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغىن»دەپ بۇيرۇشى ۋە مۆمىنلەر توغرىسىدا «ئۆز ئىچىدە تولىمۇ كۆيۈمچىلانلار»دېگەن ئايىتىدىن باشقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇرمۇشىدا بۇنى تولۇق ئىجرا قىلىپ ئىنسانلارغا يول كۆرسىتىشى بۇ مەسىلىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مۇسا ئەلەيھىسالامدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى دېگۈچىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاگاھلاندۇرۇش تەرىقىسىدە «مېنى مۇساغا سېلىشتۇرماڭلار»دېيىشى، ئوخشاشلا «بېلىقنىڭ يولدىشى بولغان زاتقا <يۇنۇس>بولمىغىن»دېگەن ئايەت نازىل بولغاندىمۇ، بەزى ساھىبىلەر «ئەجەبا ھەزىرىتى يۇنۇس قانداق خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولغىيتتى»دەپ مۇنازىرە قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مېنى يۇنۇسقا سېلىشتۇرماڭلار»دېيىشى دەل ئىنسانلارغا ئۈلگە بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە چوڭچىلىق قىلىشىنى توسىدىغان ئەخلاقىي تەدبىر دەپ قاراشقا بولىدۇ.
قۇرئان مۆمىنلەرگە « كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ. ئوتتۇراھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر»بۇيرۇش ئارقىلىق، جەمئىيەتتە ئىش-ھەرىكەتنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىنى تەكىتلەيدۇ ۋە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-پىرىنسپلارنى بايان قىلىپ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. قۇرئاندا ئىنساننىڭ گەپ قىلىشىدىن يول مېڭىشى ۋە بەدەن تىلىغىچە بولۇپ نۇرغۇن قائىدىلەر تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت كەمتەرلىكنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەندە كەمتەرلىك ئۇقۇمىنىڭ ھاكاۋۇرلۇق، مەنمەنچىلىك ۋە ھەددىدىن ئېشىشقا ئوخشاش قىلمىشلارنى تىزگىنلەشتەك رولى بارلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۆزىنى قالتىس چاغلاش، ئىنسانلارنى تۆۋەن كۆرۈش ۋە مەغرۇرلۇقنىڭ مۇسۇلمانلارغا خاس خۇسۇسىيەت بولمىغانلىقتىن، مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق قىلىشقا يۈزلەنگەندە دەرھال ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ.
ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ چەكلىنىشى
ئىسلام دىنى شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدىكى قائىدە-پىرىنسپىلارنىڭ رولىنى كۈچەيتىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئىسلام ھەم شەخسىي ھەمدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۆز مەپتۇنلۇقمۇ دىن تەرىپىدىن تىزگىنلىدىغان قىلمىشلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
قۇرئان چوڭچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان، ئۆزىنىلا ماختايدىغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، بۇ خىلدىكى قىلمىشلارنىڭ ئىنساننى دوزاخ ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە كەمتەر كىشىلەرنىڭ جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قۇرئان ئىنسانلارنى تۆۋەن كۆرۈش، كەمسىتىش، يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىش، غادىيىپ مېڭىشقا ئوخشاش ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ ئىپادىلىرى بولغان قىلىقلارنىڭ ناچار خاھىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئوخشاشلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ غادايغۇچىلارنى ئاللاھنىڭ قەتئىي ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن سۆزلەشمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىلدىكى ئىنسانلارنىڭ جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭدىن مەيلى ئاۋاز ۋەزنى بولسۇن، مەيلى مېڭىش بولسۇن مەيلى گەپ قىلىش شەكلىدىكى چوڭچىلىق بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز مەپتۇنلۇق ئىپادىلىرىدىن ھېسابلىنىدىغانلىقى، شۇڭا بۇ خىلدىكى قىلمىشلارنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالىغىلى بولىدۇ.
ئىسلام بىر تەرەپتىن بۇلارنى بۇيرىسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى قالتىس چاغلىۋالغان شەيتاننىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغالىقىنى مىسال كۆرسىتىپ شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى، تارىخىي مۇساپىدىمۇ ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ ئىپادىلىرى بولغان رىياكارلىق، چوڭ سۆزلەش ۋە ئۆزىنى قالتىس چاغلاشنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئىنسانلارنى بۇ خىل قىلمىشلاردىن ساقلىنىشقا چاقىرىدۇ.
ئىبادەتلەرنىڭ تەسىرى
ئىبادەتتە ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ تەسىرىنى ئازايتىدىغان ھەتتا تۈگىتىدىغان ئامىللار كۆپ. ئىبادەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۈستۈنلۈك-كىبىر تۇيغۇسىنى يوق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن، باي-كەمبەغەل، باشلىق-خىزمەتچى بولۇپ بارلىق ئىجتىمائىي قاتلاملاردىن بولغان كىشىلەر بىر سەپتە تۇرۇپ ئادا قىلغان ناماز، ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىگە، كىبىر ۋە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش تۇيغۇسىدىن خالىي بولۇشىغا، ئىنساننىڭ بېكىنمىلىققا مەھكۇم بولۇپ يېتىم بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك رولغا ۋە مۇۋازىنەتلىك كىشىلىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇشىغا پايدىلىقتۇر. دەرۋەقە، ئىنساننىڭ نامازدا رۇكۇ ۋە سەجىدىگە بېرىشى كەمتەرلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسان نامازدا ئاللاھ ھۇزۇرىدا ئىنسانىي ئۆزلۈكىنى تەن ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولىدۇ. ئوخشاشلا ناماز ئاللاھنى، ئۆلۈمنى ۋە ئاخىرەتنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش ئارقىلىق ئىنساننى باشقىلارغا زىيان سالىدىغان قىلمىشلاردىن خالىي تۇرۇشقا، ھاۋايى-ھەۋەس ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى تىزگىنلەشكە، مال-دۇنيا، مەنسەب قاتارلىق ھەر خىل دۇنياۋى نەرسىلەرگە ئېرىشىش ھەۋىسىنى ئازايتىشقا پايدىلىقتۇر. نامازغا ئوخشاش زاكات ۋە سەدىقىمۇ ئىنساننى شەخسىيەتچىلىكتىن، سۇيئىستېمالچىلىقتىن، مال-دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشىن قۇتقۇزۇپ قالغىنىغا ئوخشاش، ئۆزگىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، كۆيىنىشكە يۈزلەندۈرۈپ ماددىي ۋە دۇنياغا بولغان بېقىنلىقنى ئازايتىدۇ.
ئىسلامنىڭ مۇھىم ئىبادەتلىرىدىن بولغان قۇربانلىق، ئۆمرە ۋە ھەج ئىنساننى ئۆز مەپتۇنلۇقتىن يىراقلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. مەسىلەن، قۇربان ئىنسانغا نەپسىنى ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئاللاھ يولىدا پىدا قىلالايدىغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بەرسە، ئۆمرە ۋە ھەجتە بارلىق دۇنياۋى مەنسەب، مەرتىبە، شەھۋەت، ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن خالىي بولۇپ، ھەققىي ئىنسان بولغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قىسقىسى، مۇشۇنداق ئېسىل ئالاھىدىلىكلىرى بولغان ئىبادەتلەر ئىنساننى شەخسىيەتچىلىكتىن قۇتقۇزۇپ ئۆزگىلەرنى ئويلاشقا تۈرتكە بولىدۇ. چۈنكى جامائەت بىلەن ئادا قىلىنغان ئىبادەتلەر ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. نەتىجىدە ئىبادەتلەر ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ ئىپادىلىرى بولغان كىبىر، ھاكاۋۇرلۇق، رىياكارلىق، سۇيئىستېمالچىلق، چوڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش ھېس-تۇيغۇلارنىڭ يوق بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
كوللېكتىپ ھەرىكەتكە رىغبەتلەندۈرۈش
بىر جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان شەخس ۋە ئوخشىمىغان تەبىقە ۋە گۇرۇھلارنىڭ ئۆز-ئارا بېقىندىلىق ۋە گارمونىك ھالەتتە مەلۇم بىر تەرتىپ ئىچىدە بىرلىشىش مۇساپىسىگە كوللېكتىپ ھەرىكەت ياكى گۇرۇپپا بىرلىكى دېيىلىدۇ. ئورتاق غايە ۋە مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بىر-بىرىنى قوللاپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغان، بىر-بىرىگە باغلىق بولغان ئەزالاردىن تەشكىل تاپقان بۇ خىلدىكى بىرلىكلەردە جەم بولۇش تولىمۇ مۇھىم ئامىلدۇر. جامائەت ياكى گۇرۇپپا ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلەر تۈرتكىسىدە بىر-بىرىگە نىسبەتەن ئىجابىي ھېس-تۇيغۇلار پەيدا بولۇشقا باشلىغان شەخسلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ جامائەت ياكى كوللېكتىپ سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ. بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە جامائەت ئەزالىرىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن ئىشەنچتىن ئۆز-ئارا ياردەملىشىش باسقۇچىغا ئۆتكەن جامائەت ياكى گۇرۇپپىدا ئورتاق مەقسەتلەرگە قاراپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
ئىسلام ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن شەخسىي تۇرمۇش ۋە ھەرىكەتتىن بەكرەك كوللېكتىپ ياكى جامائەت بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە تۈزۈمنى بۇنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ قۇرۇپ چىقىدۇ. دىن ئېتىقاد ئارقىلىق شەخسلەرنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ ۋە ئۇلارنى بىر ئېتىقاد ئەتراپىغا يىغىدۇ. قۇرئان بارلىق مۆمىنلەرنىڭ قېرىنداش ۋە دوست ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە ھەر قانداق ياخشى ئىشلاردا بىر-بىرىنى قوللىشى لازىملىقىنى، ناچار ئىشلاردا بولسا بىر-بىرلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئوخشاشلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسساللامۇ مۆمىنلەرگە قېرىنداش بولۇشنى بۇيرۇشى، ئۇلارنى بىر بەدەننىڭ ئەزالىرىغا ئوخشىتىشى ۋە ناچار ئەھۋالغا يولۇققاندا قولمۇ قول تۇتۇشۇپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى نەسىھەت قىلغان. بۇنىڭدىن مۆمىنلەرنىڭ بىر-بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ جامائەت سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
يەنە بىر تەرەپتىن جامائەت بىلەن ئادا قىلىنغان نامازلار، جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرى، بارلىق مۇسۇلمانلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان ھەج، زاكات، سەدىقە ۋە قۇربانغا ئوخشاش ئىبادەتلەر ئىجتىمائىي تەبىقىلەرنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. دىن كېسەللەرنى يوقلاشنى، جىنازە نامازلىرىغا قاتنىشىشنى مۆمىنلەرنىڭ بىر-بىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تەكلىپكە ئىجابەت قىلىشقا ئوخشاش تەۋسىيەلەر ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى كولكېتىپ ھالدا ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ، ئۇلارنى شەخسىي ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ كوللېتىپ ئاڭغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ. ئوخشاش چۈشەنچە، ئوخشاش ھېس-تۇيغۇ ۋە مەقسەت ئەتراپىغا يىغىلىپ تۇرمۇشىنى بۇنىڭغا ئاساسەن رەتكە سالغان شەخسلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ خىلدىكى جامائەت ياكى گۇرۇپپىلار باشقا ئىنسان دۆۋىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. كوللېكتىپ ئاڭ شەخسنى ئۆز قازىنىدا ئېرىتىپ تاشلايدۇ. نەتىجىدە جامائەت بىلەن پۈتۈنلىشىپ كەتكەن شەخس مەنپەئەتىنى، ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ جامائەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ. مەلۇمكى، شەخسلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىپ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرى ئۇزارغانسېرى ئارىسىدا شۇنچە چوڭقۇر مىھىر ۋە تەسىرات پەيدا بولىدۇ. شەخسلەرنىڭ بىر-بىرىنى تونۇش ۋە چۈشىنىش دەرىجىسى چوڭقۇرلاشقانسېرى جامائەتنى ۋە كوللېكتىپنى شۇنچە ئويلايدىغان بولىدۇ.
دىن بىر تەرەپتىن جامائەت ۋە كوللېكتىپ سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەت بىرلىكىنى بۇزىدىغان كىبىرلىك، ھاكاۋۇرلۇق، رىياكارلىق، شەخسىيەتچىلىك، سۇيئىستېمالچىلىق، مەنمەنچىلىك، باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈشكە ئوخشاش ئۆز مەپتۇنلۇق تۇيغۇلار سەۋەب بولىدىغان تەپرىقچىلىق ۋە ئىتتىپاقسىزلىقنى چەكلەيدۇ. ئىنساننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تىرىشچانلىقىنىڭ مۇكاپاتىنى يەنە شەخسىي ھالدا ئالىدىغانلىقى تەكىتلىنىدىغان دىندا ئۆزلۈك ۋە شەخسىيلىك ھەرگىزمۇ ناچار دەپ قارالمايدۇ ۋە توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ. لېكىن جامائەت ۋە كوللېكتىپ سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. دىندىن ئىلھام ئالىدىغان، زۆرۈر تېپىلغاندا ماددىي ۋە مەنىۋى پىداكارلىق كۆرسىتىپ ھەققىدىن ۋاز كېچىدىغان، ياخشى ئىشلاردا بىر-بىرىنى قوللايدىغان، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان ئىنسانلاردىن تەشكىل تاپقان جامائەت ياكى جەمئىيەتتە ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان ئۆز مەپتۇنلارنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس.
خۇلاسە
ماقالىمىزدا ئۆز مەپتۇنلۇق ۋە بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىشقا يارايدىغان دىنى چارىلەر ئۈستىدە توختالدۇق. ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقى ۋە غەيرىتى نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا چىقارغان ئەسەرلىرىدىن زوق ئېلىپ، باشقىلاردىن تەرىپىدىن ئېتىراپ ۋە ئېتىبارغا ئېرىشىش ئارزۇسى بولغان ئۆز مەپتۇنلۇق ئىجابىي ۋە ئىشقا يارايدىغان ھادىسە بولسا، مەلۇم چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە كېسەللىك دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىپ، ھەم ئۆزىگە ھەمدە باشقىلارغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. ئۆز مەپتۇنلۇقنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش تولىمۇ مۇھىمدۇر.
ئۆز مەپتۇنلۇق تۇيغۇسى ۋە ھەرىكەتلەر ھەم پەيدا بولماستىن ھەمدە پەيدا بولغاندا دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ نۇقتىدا دىن ئۆز مەپتۇنلۇققا شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردە مۇئامىلە قىلىدۇ، شەخس ۋە جەمئىيەتنى ئۆز مەپتۇنلۇققا ئېلىپ بارىدىغان ئامىللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەخسىي ئۆز مەپتۇنلۇقتىن باشقا جامائەت ۋە مىللەت ئۆز مەپتۇنلۇقىنىڭمۇ خاتالىقىنى تەكىتلەيدۇ.

پايدىلانمىلار

ADASAL, Rasim (1979). Normal ve Anormal Açıdan Psikososyal Yönleriyle Kişilik ve Karakter Portreleri, İstanbul:
Minnetoğlu Yayınları.
ADLER, Alfred (2010). İnsanı Tanıma Sanatı, çev.:Kâmuran Şipal, İstanbul: Say Yayınları.
AKTAŞ, Aliye Mavili (1997). Grup Süreci ve Grup Dinamikleri, İstanbul:Sistem Yayıncılık.
ARSLANTÜRK, Zeki&AMMAN, Tayfun (2000). Sosyoloji, İstanbul: Kaknüs Yayınları.
ATAY, Selim (2009). “Narsistik Kişilik Envanteri’nin Türkçe’ye Standardizasyonu”, Gazi İİBF Dergisi, s. 181–196.
ATKINSON, Rıta L.-Rıchard C.&HILGARD, Ernest R. (1995). Psikolojiye Giriş, çev.:Kemal Atakay v dğr, İstanbul: Sosyal
Yayınlar.
AVCI, Harun (2012). “İnsanı Yalnızlığa İten Sebepler”, Sızıntı Dergisi, S. 399, s. 134-137.
BATUR, Senar&DEMİR, Hadiye K. (2009). “Depresyonun Tedavisi:Bilişsel-Davranışçı Yaklaşım”, Bilişsel-Davranışçı
Terapiler, Ankara: Türk Psikologlar Derneği Yayınları.
BAUMEISTER, Roy F.&VOHS, Kathleen D. (2001). “Narcissism as Addictionto Esteem”, Psychological Inquiry, Vol. 12,
No. 4, pp. 206–209.
BECK, Aaron T. (2008). Bilişsel Terapi ve Duygusal Bozukluklar, İstanbul: Litera Yayınları.
BOTTON, Alain de (2010). Statü Endişesi, Türkçesi.:Ahu Sıla Bayer, İstanbul: Sel Yayınları.
BUDAK, Selçuk (2003). Psikoloji Sözlüğü, Ankara:Bilim ve Sanat Yayınları.
BURSEVÎ, İsmail Hakkı (2011). Kitâbu’l-Furûq, Kelimeler Arasındaki Farklar, çev.:Ömer Aydın, İstanbul: İşâret Yayınları.
ÇAĞRICI, Mustafa (1997). “Haset”, İslam Ansiklopedisi, İstanbul:T.D.V.Y., c. 16, s. 378-379.
————————- (2011). “Tevazu”, DİA, İstanbul: T.D.V.Y., c. 40, s. 584-585.
————————- (2002). “Kibir”, DİA, Ankara: T.D.V.Y., c. 25, s. 562.
ÇANKAYA, Z.Cihangir (2011). Kişilerarası İletişimde Dinleme Becerisi, Ankara: Nobel Yayınları.
CATER, Tamra E., ZEIGLER-HILL, Virgil&VONK, Jennifer (2011). “Narcissism and recollections of early life
experiences”, Personality and Individual Differences 51 935–939, journalhomepage: www.elsevier.com/locate/paid.
CHAPAUX-MORELLI, Pascale&COUDERC, Pascal (2012). İkili İlişkilerde Duygusal Manipülasyon Narsist Bir Partnerle
Yüzleşmek, çev.:Işık Ergüden, İstanbul: İletişim Yayınları.
DOĞAN, Mehmet (1981). Büyük Türkçe Sözlük, Ankara:Birlik Yayınları.
DOĞANER, İnci (1996).“Narsisistik Kişilik Bozukluğu”, Ege Psikiyatri Sürekli Yay., S.3, s.341-352.
DRAZ, M. Abdullah (“t.y.”). Din ve Allah İnancı, çev.: Bekir Karlığa, İstanbul:Bir Yayıncılık.
EMMONS, Robert A. (1984). “Factor Analysis and Construct Validity of the Narcissistic Personality Inventory”, Journal
of Personality Assessment, Vol. 48, No:3, pp. 291- 300.
ERDOĞAN, Emine Uçak, “Toplumsal Yozlaştırıcı Olarak Reality Şovlar”, Zaman, (14 Kasım 2012), s. 24.
EVREN, Cüneyt (1997). Narsisizm, İstanbul: BDS Yayınları.
FEYRÛZÂBÂDÎ, Mecduddîn Muhammed b. Ya’kûb (2005). El-Kâmûsu’l-Muhît, Beyrut: Müessetu’r-Risâle.
FREUD, Sigmund (2010). Narsizm Üzerine ve Schreber Vakası, çev.:Banu Büyükkal&Saffet Murat Tuna, İstanbul: Metis
Yayınları.
FROMM, Erich (2008). Fromm, Sevginin ve Şiddetin Kaynağı, çev.:Yurdanur Salman/Nalân İçten, İstanbul: Payel
Yayınları.
——————– (1991). Sahip Olmak ya da Olmak, çev.:A.Arıtan, İstanbul: Arıtan Yayınevi.
GÜNAY, Ünver (2008). Din Sosyolojisi, İstanbul: İnsan Yayınları.
HANEFÎ, Ali b. Muhammed Şerif Cürcânî Hüseynî (2007). Kitâbu’t-Ta’rîfât, Tahkik: Muhammed Abdurrahman Maraşlı,
Beyrut: Dâru’n-Nefâis.
HÖKELEKLİ, Hayati. “Tevazu” Dem Dergisi, S. 2, s. 114-119.
—————————-(1998). Din Psikolojisi, Ankara: T.D.V.Yayınları.
http://www.sosyalhizmetuzmani.org/etik.doc 22.02.2013.
HYMAN, Steven E. (1989). Acil Psikiyatri, çev.:İnci D. Hasırcı&Alp Ayan, İzmir: E.Ü.T.F. Yayınları.
IZUTSU, Toshihiko (“t.y.”). Kur’ân’da Allâh ve İnsan, çev.:Süleyman Ateş, İstanbul: Yeni Ufuklar Neşriyat.
İBRAHİM, Recep Abdu’l-Cevvâd (2002). Mu’cemu Mustalâhâti’l-İslâmiyye fî Misbâhi’l-Munîr, Kahire: Dâru’l-Âfâki’l-
Arabiyye.
İBN Manzûr (1999). Lisânu’l-Arab, Beyrut: Dâru İhyâi Türâsi’l-Arabî.
İSFAHANİ, Râğıb el (2007). Müfredât, çev.:Yusuf Türker, İstanbul:Pınar Yayınları.
KAĞITÇIBAŞI, Çiğdem (1996). İnsan ve İnsanlar, İstanbul: Evrim Yayınları.
KULAKSIZOĞLU, Adnan (1999). Ergenlik Psikolojisi, İstanbul: Remzi Kitabevi.
KERNBERG, Otto (2012). Sınır Durumlar ve Patolojik Narsisizm, çev.:Mustafa Atakay, İstanbul: Metis Yayınları.
KOHUT, Heinz (2004). Kendiliğin Çözümlenmesi, çev.:Cem Atbaşoğlu, Banu Büyükkal&Cüneyt İşcan, İstanbul:Metis
Yayınları.
KOCATÜRK, Utkan (1991). Açıklamalı Tıp Terimleri Sözlüğü, Ankara: Ankara Ün. Basımevi.
KÖROĞLU, Ertuğrul&BAYRAKTAR, Sinan (2011). Kişilik Bozuklukları, Ankara: HYB Yayınları.
Türk Dil Kurumu, (2005). Türkçe Sözlük, Ankara: Türk Dil Kurumu Yayınları.
MARDİN, Şerif (2007). Din ve İdeoloji, İstanbul:İletişim Yayınları.
MASTERSON, James F. (2008). Kişilik Bozuklukları, İstanbul: Litera Yayınları.
MEVDÛDÎ, Ebu’l-Ala (2003). Tefhimu’l Kur’an,çev.:Komisyon, İstanbul:İnsan Yayınları.
ÖZKAN, İshak (1994). “Benlik Saygısını Etkileyen Etkenler”, Düşünen Adam: Psikiyatri ve Nörolojik Bilimler Dergisi, C. 7,
S. 3, s. 4-9.
ÖZMEN, Erol (2011). Özmen, Kendini Tanıma Rehberi, İzmir: Meta Basım.
ÖZTÜRK, M. Orhan (2004). Ruh sağlığı ve Bozuklukları, Ankara: Feryal Matbaası.
ÖZÇÜRÜMEZ, Gamze, TANRIVERDİ, Nilgün&ZİLELİ, Leyla (2012). “Sınır Kişilik Organizasyonu Temelinde
Narsisistik Kişilik Bozukluğu ve Yapay Bozukluk: Psikanalitik Psikoterapi Süreci”, Türk Psikiyatri Dergisi, s. 152-160.
PLUMMER, Deborah M. (2011). Benlik Saygısı Çocuklarda Nasıl Geliştirilir?, çev.:Emel Aksay, İstanbul:Sistem Yayınları.
PEKER, Hüseyin (2000). Din Psikolojisi, Samsun: Aksiseda Matbaası.
RAPIER, Mary Lynn (2005). An Interview Study Of Narcissistic Executives: Piercing The Corporate Veil of Narcissism inthe
Workplace. (Unpublished Doctorate Dissertation). Faculty of Saybrook Graduate School and Research Center, San
Francisco, s. 4-6.
ROSENTHALL, Seth A.&HOOLEY, Jill M. (2010). “Narcissism Assessment in Social–Personality Research:
Doestheassociationbetweennarcissismandpsychologicalhealthresultfrom a confoundwith self-esteem?”, Journal of
Research in Personality 44 453–465, journalhomepage: www.elsevier.com/locate/ jrp.
ROZENBLATT, Shahal (2002). In Defence of Self: The Relationship of Self-Esteemand Narcissismto Agressive Behavior, Long
Island University, (Unpublished Doctorate Dissertation). USA.
TÜRKÇAPAR, M. Hakan (2012). Bilişsel Terapi, Ankara: HYB Yayınları.
TWENGE, Jean M.&CAMPBELL, W.Keith, (2010). Narsisizm İlleti, İstanbul: Kaknüs Yayınları.
VAZIRE, Simine, NAUMANN, Laura P., RENTFROW, Peter J.&GOSLİNG, Samuel D. (2008). “Portrait of a narcissist:
Manifestations of narcissism in physical appearance”, Journal of Research in Personality 42 1439–1447. journalhomepage:
www.elsevier.com/locate/jrp.
VOLKAN, Vamık D. (2012). Körü Körüne İnanç, çev.:Özgür Karaçam, İstanbul:Okuyan us Yayınları.
WARDETZKİ, Barbel (2010). Uçlarda Yaşayanlar Kabul Görmeye Olan Açlık/Dişi Narsisizm, çev.:Feyza
S.Öztürk&Mukaddes Öğünmez, İstanbul:Sistem Yayınları.
YAZIR, E.M. Hamdi (1992). Hak Dini Kur’an Dili, sad.: İsmail Karaçam ve diğerleri, İstanbul :Azim Dağıtım.
ZIZEK, Slavoj&BADIOU, Alain (2009). Felsefe ve Güncellik, çev.:Özgür Aktok, İstanbul:Encore Yayınları.
ZÜBEYDÎ, Muhammed Murteza Hüseyni (2001). Tâcu’l-Arûs, Tahkik:Abdulhakim Azebâvî, Kuveyt:Müessetu’l -Kuveyt
li’t -Tekaddumi’l-İlmî.

تەرجىمان: ئۆمەرجان قۇربان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*