ئولىگارخىيەنىڭ «پولاتتەك» ھۆكۈمرانلىقى

2018-يىلى 30-ئۆكتەبىر

ئادىلجان يۈسۈپ | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

كۈنىمىزدە «خەلقنىڭ چاكىرىمىز» دېگەن قۇرۇق شوئارنى كۆككە كۆتۈرۈۋاتقان خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەر ياكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا مەلۇم دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەتلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئوخشاش سىياسىي قاراشقا ئىگە ئىنسانلارنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان پارتىيەلەر، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەسلىدىكى مەقسىتى ۋە غايىسىدىن چەتنەپ بىر ئوچۇم ئاز سانلىق كىشى، گۇرۇھ ياكى بىرلا ئادەمنىڭلا چاڭگىلىغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. بۇنداق ئەھۋال ھازىرقى زامان مىللىي-ئۇلۇس دۆلەتلەر تۈزۈمى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان دەۋرلەردىلا ئەمەس، پادىشاھلىق تۈزۈم ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردىمۇ بار ئىدى.

كۈنىمىزدىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مەلۇم بىر گۇرۇھ ياكى بىرلا شەخسنىڭ چاڭگىلىغا مەركەزلىشىپ قالىدىغانلىقىنى گېرمانىيەدە تۇغۇلغان تېگى ئىتالىيەلىك جەمئىيەتشۇناس روبېرت مىشلىس 1911-يىلى «سىياسىي پارتىيەلەر»ناملىق ئەسىرىدە «ئولىگارخىيەنىڭ <پولاتتەك> ھۆكۈمرانلىقى (ئازسانلىق ھۆكۈمرانلىقى)» دېگەن نەزەرىيە ئاساسىدا ئەتراپلىق ئىزاھلاپ چىقىدۇ.

ئۇ دېموكراتىك ياكى باشقىچە ئۇسۇل بىلەن سايلىنىپ ھەر قانداق بىر تەشكىلاتنىڭ بېشىغا كەلگۈچىلەرنىڭ سايلىغۇچىلار ۋە ۋەكىللەرنىڭ ۋاكالەت بەرگۈچىلەر ئۈستىدە نوپۇز تىكلەپ ھۆكۈمدار بولۇۋېلىشىغا سەۋەب بولغان نەرسىنىڭ دەل تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. روبېرت بۇ مەسىلىسىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «دېموكراتىيەنىڭ گېپىنى قىلىدىغانلار ئەمەلىيەتتە تەشكىلاتنىڭ، تەشكىلاتنىڭ گېپىنى قىلغۇچىلار دەل ئولىگارخىيەنىڭ گېپىنى قىلىدۇ.»بۇنى خىتايغا تەتبىقلىساق، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمەس خىتاي كوممۇنىستىك جۇمھۇرىيىتى، خىتاي خەلق بانكىسى ئەمەس خىتاي كوممۇنىستىك بانكىسى، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئەمەس خىتاي كوممۇنىستىك ئارمىيەسى دېگەنلىك بولىدۇ، بۇنى تېخىمۇ كىچىكلىتىپ ئويلايدىغان بولساق، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ياكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەمەس خىتاي 7 كىشىلىك سىياسىي كېڭەش دۆلىتى دېگەنلىك بولىدۇ، بۇنى تېخىمۇ قىسقارتىشقا بولىدۇ.

بىر جەمئىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش قاراشتىكىلەر بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ پارتىيەلەر، ئۇيۇشمىلار، دەرنەكلەرگە ئوخشاش ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنى قۇرۇپ، ئارزۇ-تەلەپلىرىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئاۋازلىرىنى ياڭرىتىدۇ ۋە جەمئىيەتتە نوپۇز تىكلەشنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ تەشكىلاتلاردا بارلىق ئەزالارنىڭ سەھنىگە چىقىشى ياكى رەھبەرلىك قاتلىمىدىن ئورۇن ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا تەشكىلات ئەزالىرى ۋە ئاممىغا ۋەكىللىك قىلىپ ئەزالارنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان «ۋەكىللەر» ۋە تەشكىلىي ھەيئەت سايلىنىدۇ.

تەشكىلات چوڭايغانسېرى ئۆزلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەرنى سايلاش ئۈچۈن ئاۋاز بېرىش ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق كۈچى قالمىغان شەخسلەر، قارار چىقىرىش مېخانىزملىرىدىكى نوپۇزىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

تەشكىلاتلارنىڭ نوپۇز تىكلەش ئۈچۈن بىر كۈن تولۇق ئىشلەيدىغان خادىملارغا، مۇتەخەسسىسلەرگە، قائىدە-پىرىنسىپلارغا، بىيۇروكراتىيەگە ئېھتىياجى چۈشىدۇ. بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلار بىلىمى، تەجرىبىسى، كەسپىي قابىلىيىتى ۋە ھوقۇقىدىن تەشكىلاتنىڭ قارارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە پايدىلىنىشقا باشلايدۇ. تەشكىلات ئىچىدە نوپۇزىنى كۈچەيتىش ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە بولۇشنىڭ كويىدا يۈرىدىغانلار رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن يېقىن بولۇشى كېرەك، يېقىن بولۇش ئۈچۈن ئۆسۈش شەرت. كىمنىڭ ئۆسىدىغانلىقىغا دەل «رەھبەر» ۋە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئاز سانلىق گۇرۇھلا قارار قىلىدۇ، شۇڭا ئىشلەيدىغانلار ئۆسۈش ۋە ئىشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كەسپىي ئىقتىدارىدىن سىرت باشقا يوللارنىمۇ سىناشقا مەجبۇر بولىدۇ. يەنى رەھبەرلىك قاتلىمىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن تۈرلۈك يوللارغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئۇلار ئەقىدىسى، ئەخلاق پىرىنسىپلىرى ۋە غايىسىگە زىت بولسىمۇ «رەھبەر»نىڭ ھەر ئېغىز گېپى ۋە بۇيرۇقىنى بەجانىدىللىق بىلەن ئورۇنداپ ساداقىتىنى نامايان قىلىدۇ. ئۆزگىچە پىكىرلەر، نارازىلىقلار، تەنقىدلەر، يېڭىلىقلار ئازايغانسېرى ئۈستىدىكى رەھبەرلىك قاتلىمى ياكى رەھبەرنىڭ ھوقۇقى شۇنچە كۈچىيىپ بارىدۇ.

تەشكىلاتلار ۋەيران بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھات ياكى زور ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغانغان بولۇپ قالىدۇ ۋە  بارغانچە كونسېرۋاتىپلىشىدۇ. ئوخشاش ئەندىشە ئىچىدىكى رەھبەرلىك قاتلىمىمۇ بارلىق قارار ۋە ھوقۇق مېخانىزملىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ئۈستىدىكى بارلىق نازارەتنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. پەرقلىق قاراشلارنى، تەلەپلەرنى ۋە يېڭىلىقلارنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگۈچىلەر جىمىقتۇرۇلىدۇ، ساداقىتىدىن گۇمان قىلىنغان ئەزالار، ھەتتا قۇرغۇچىلاردىن بەزىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەشكىلاتتىن، قارار چىقىرىش مېخانىزملىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىدۇ.

تەشكىلات ۋە خىتاب قىلىنىدىغان شەخس ۋە قاتلاملارنىڭ نىشانلىرى، ئېھتىياجلىرى، مەنپەئەتلىرى ۋە ئارزۇ-تەلەپلىرىدىن بەكرەك رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئېھتىياج ۋە مەنپەئەتلىرى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدۇ. ئەسلىدىكى ئۇلۇغۋار غايە، نىشان ۋە مەقسەتلەرنىڭ ئورنىغا تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ۋە رەھبەرنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش خاھىشى دەسسەيدۇ. تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئاممىۋى ئاساسىدىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بارغانچە يىراقلىشىدۇ، تەشكىلاتنىڭ نىشانى ۋە مەقسەتلىرىگە يېتىشتىن بەكرەك نوپۇزىنى ۋە ئىمتىيازلىرىنى قوغداشقا يۈزلىنىدۇ.

لىدىر ئۆزىنىڭ تەشكىلاتنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى، ئۆزى بولمىسا ھېچ ئىشنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ئويلىۋالىدۇ، ھەتتا ئېلان قىلىدۇ. ھەممە ئىشقا قۇربى يېتىدىغانلىقىغا، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە ماختىشىنى تەبىئىي ئەھۋال دەپ قاراشقا، تەشكىلات ۋە ئىنسانلارغا ئەڭ پايدىلىق ۋە ياخشى بولغان نەرسىنى باشقىلار ئەمەس ئۆزىلا بىلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىۋېلىشقا باشلايدۇ (مارتىن سلاتېررېىي).

روبېرت مىشېل تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ نەزەرىيە ياكى «قانۇن»، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بولۇپمۇ خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەردە نۇرغۇن قېتىم ئىسپاتلاندى.

ئۇنداقتا بۇنداق بىر ناچار ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش مۇمكىنمۇ؟

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*