مۇۋافىقاتقا كىرىش سۆز

2018-يىلى 2-ئىيۇل

بىلگىن | ئۇيغۇر تەتقىقات ئېنىستىتۇتى

ئىسلام ئىلىملىرى تارىخىغا بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ، ئىنچىكە نەزەر سالغان كىشى، ئىجتىھاد ئەھلىنىڭ كۆرسەتكەن ھىممەت-ئىجتىھادلىرىغا كۆپلەپ تەھسىن ئېيتسىمۇ، ئۇلارنىڭ شەرىئەت تېمىسىدىكى ئەسەرلىرىنى يېزىشتا قوللانغان ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسىگە تولۇق قوشۇلۇپ كېتەلمەيدۇ.
مەن بۇ يەردە ئەرەپ تىل- ئەدەبىياتى ياكى قۇرئان ئىلىملىرى ھەققىدە ئەمەس، پەقەت تەپسىر، ھەدىسشۇناسلىق، فىقھى، فىقھى پىرىنسىپلىرى قاتارلىق شەرىئەت ئىلىملىرى ھەققىدىلا بەزى قاراشلىرىمنى قىسقىچە بايان ئەيلەپ ئۆتمەكچىمەن.
ئىسلامىيەت دۇنياسىدا ئىسلام ئالىملىرى تەرىپىدىن يېزىلغان قۇرئان تەپسىرلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر. ھالبۇكى، ئۇشبۇ تەپسىرلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەپسىر قىلىشتا نوقۇل تىل ياكى رىۋايەت تەرەپلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان بولۇپ، <ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا يېتەكچى> سۈپىتى بىلەن نازىل قىلىنمىش بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمىي ساھەسى ۋە ھاياتىي كۈچىگە دىققىتىنى قاراتقان بىرمۇ تەپسىر تېپىلمايدۇ. تەبەرى، كەششاف، بەيداۋىي، رازى قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق تەپسىرلەر مېنىڭ بۇ ھۆكۈمۈمنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.
مەن بۇ سۆزۈمنى مۇپەسسىرلەرگە تەگكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن دەۋاتمايمەن، < بۇ كىتاپتىن ھېچنەرسىنى ساقىت قىلىپ قويمىدۇق> سۈپىتىگە ئىگە قۇرئان كەرىمنىڭ مەزكۇر سۈپىتىگە داغ چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن دائىما بۇ سۆزۈمنى تەكرارلايمەن. بۇ سۆزۈمنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ھەم قۇرئان كەرىمدىن تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھادىسىلەرنى بايان قىلغان، ۋەھالەنكى ئۆلىمالارنىڭ دىققىتىگە نائىل بولالمىغان يۈزلەرچە ئايەتنى نەقىل كەلتۈرەلەيمەن، بۇ تېمىدىكى ئايەتلەرنىغۇ قويۇپ تۇراي، فىقھى ئەھكاملارغا ئائىت ئايەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىمۇ، تەپسىرلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا تېگىشلىك دەرىجىدە بەھس قىلىنىپ بولالمىغان.
ھەتتا تىل-بالاغەت تەرىپىنى ئالساقمۇ، مۇپەسسىرلەرنىڭ مەنىسى شۇنچە چۈشىنىشلىك، ئوچۇق تۇرغان ئايەتلەر ھەققىدىكى بىھۇدە تالاش-تارتىشلىرى مېنىڭ يۇقارقى ئىددىئايىمغا دەلىل بولالماسمۇ؟
جازانىدەك ئىقتىسادىي مەسىلىلەر، شۇرادەك سىياسىي مەسىلىلەر، ھاراقنى ھارام قىلىشتەك ئىنسانلارنىڭ بىۋاستە بەختىگە چېتىشلىق مەسىلىلەر، شۇنداقلا نىكاھ-تالاقتەك ئائىلىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرلىرىدە، مۇپەسسىرلەر سادىر قىلغان ئاجايىپ نۇقسانلارمۇ ئىسپات بولالماسمۇ؟
ئەھلى كالامنىڭ ئەقىدە مەسىلىلىرى ھەققىدىكى دالالىتى ئېھتىمال ئايەتلەرنى نەقىل كەلتۈرۈشۈپ قىلىشقان ئەدەپسىزلەرچە ھۇجۇملىرى؛ بىر ئايەتنى بىر-بىرىگە زىت دەۋالىرىغا دەلىل كەلتۈرۈشلىرى؛ < يوقلۇق شەيئىمۇ ئەمەسمۇ؟> دېگەندەك قىلچىلىك ئەھمىيتى يوق مەسىلىلەردە قىلنى قىرىق يېرىشىپ، < مەۋجۇتلۇقنىڭ غايىسى نېمە؟> دېگەندەك ئەڭ بۈيۈك مەسىلىلەردىكى سالاپەتلىك سۈكۈتلىرى مېنىڭ يۇقارقى قارىشىمنى قۇۋۋەتلىمەسمۇ؟
ھېچبىر كىشىگە دوق قىلماقچى ئەمەسمەن، مەندە پەقەت ھەقىقەتنى تاپماق ئىستىكىدىن باشقا نەرسە يوق. بىزنىڭ تەپسىرلىرىمىز زادى نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق؟
تەپسىردىن قالسا ئىسلام ئالىمىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق، ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىلىم ھەدىس ئىلمىدۇر(ھەدىسشۇناسلىق). چۈنكى ھەدىس ئىلمى بىر تەرەپتىن قۇرئان كەرىمنى بىزگە بايان قىلىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنسانلارنى ئىككى دۇنيالىق سائادەتكە باشلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى بىزگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
مانا مۇشۇنداق ئەھمىيىتى زور ئىلىمگە ئىسلام ئۆلىمالىرى قانداق خىزمەت قىلغان؟ بۇ توغرىلىقمۇ پەقەت ھەقنى ئىزدەش نىيىتى بىلەن لىللا مەيداندا ئىككى كەلىمە سۆز قىلىپ ئۆتەيلى.
شۈبھە يوقكى، ئىسلام ئۆلىمالىرى ھەدىسلەرنىڭ سەنەدى بابىدا غايەت بۈيۈك ھىممەتلەرنى كۆرسىتىشكەن ئىدى. يەنى رىۋايەتنىڭ رەۋىشى، راۋىينىڭ ئادىللىقى، تەقۋالىقى دېگەندەك شەخسىيىتىگە ئالاقىدار نۇقتىلارغا قىلچە سەل قارىمىغان، پەۋقۇلئادددە ئىنچىكە مۇئامىلە قىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەدىسلەرنى توپلاش، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زەئىپ، توقۇلما ھەدىسلەرنى تازىلاشتا قىلچىمۇ بوشاڭلىق، يېتەرسىزلىك سادىر قىلمىغان ئىدى. ئادەم ھەدىس ئەھلىنىڭ ھەدىس ئىلمىگە قوشقان تۆھپىلىرىگە مۇشۇ نۇقتىدىن نەزەر سالغىنىدا، قانائەت ھاسىل قىلماي تۇرالمايدۇ. ھالبۇكى، ھەدىسلەرگە < ئىنسان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى، ئىلمىي مەسىلىلەردىكى قىممىتى> نۇقتىسىدىن نەزەر سالغىنىدا بولسا، قانائەت ھاسىل قىلماسلىقى ھەرگىز ئورۇنسىز ئەمەس. چۈنكى، ھەدىس كىتاپلىرىنى ئىنچىكە نەزەردە قېدىرىپ چىققان كىشى، شەرھ-بايانلاردىكى ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرنىڭ بەك كۆپلىكىنى، بىر قەدەر قىممىتى بار مەسىلىلەرنىڭ بولسا بەكلا ئازلىقىنى بايقايدۇ. لېكىن، ئىجتىمائىي ھايات مەسىلىلىرىدە ئاساس بولىدىغان، ۋە ياكى ئىلمىي تەپەككۇرنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بەھسلەر ھەدىس كىتاپلىرىدا ئۇچرىمايدۇ. ئەلۋەتتە، < ۋەھىي قانداق باشلانغان؟> تېمىسىدىكى ۋە ئەخلاق-پەزىلەت بابىدىكى ھەدىس شەرھىلىرىنى بۇ قاتارددىن سانىمايمەن.
كېيىنكى دەۋرلەردە ھەدىس كىتاپلىرىنىڭ مۇئەللىپلىرى زىيادە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكەن ئىدى. ئۇلار مۇمكىنقەدەر ئىستىنبات قىلىۋالاي دېگەن ئۈمىتتە ئەڭ ئۇششاق، ئەھمىيەتسىز مەسىلىلەردىمۇ، ھەدىسلەردىن مەنە چىقىرىۋېلىشقا كۈچەپ كۈچىگەن ئىدى. ھەدىسلەرنىڭ ئەھمىيەتلىك مەنىلىرىنى بولسا، بايانلىرىنىڭ ئاخىرىغا بولسىمۇ قىستۇرۇپ قوياتتى. لېكىن، كېيىنكى زامان مۇئەللىپلىرى ھەدىسلەرنىڭ ئەھمىيەتلىك مەنىلىرىدىن سۈكۈت قىلىشىپ، ئەڭ ئۇششاق مەسىلىلەرگە ئەڭ بۈيۈك ئىشتىياق-زەۋق بىلەن ھىممەت سەرپ ئېتىشكەن ئىدى.
ھېچبىر ئادەمگە قۇسۇر يۈكلىمەكچى ئەمەسمەن. پەقەت بۇ ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى ئۇقۇپ بېقىش ئۈمىدى بىلەن پىكىر قىلىۋاتىمەن. ھەدىس كىتاپلىرىمىز نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بوپقالغان؟
تەپسىر، ھەدىس ئىلىملىرىدىن كېيىن فىقھى ئىلمى شەرىئەت ئىلىملىرى ئىچىدە ئۈچىنچى مەرتىبىدە تۇرىدۇ. گەرچە بۇ ئىلىم قۇرئان، ھەدىسنىڭ تەرتىبى نۇقتىسىدىن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرسىمۇ، ئىنسان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى نۇقتىسىدىن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى:
قۇرئان كەرىمنىڭ جىمىي ئىنسانلار ئۈچۈن قىيامەتكىچە باقىي ساماۋىي كىتاپ ئىكەنلىكىدە شۈبھە يوقتۇر، ھالبۇكى بۇ ساماۋىي ھەقىقەت پەقەت فىقھى ئىلمى ئارقىلىق ئىنسان ھاياتىغا تەدبىقلىنىش بىلەن ئاندىن جۇلاسىنى كۆرسىتەلەيدۇ. ئىسلام تەلىماتلىرى ئەڭ ئالىي تەلىما بولالمىسا، ئىسلام فىقھىسى ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن ئەڭ مۇكەممەل، ئادىل قانۇن بولالمىسا، ئۇ ھالدا بىزنىڭ بۇ ئېتىقادىمىز ۋە دەۋايىمىز پەقەت قۇرۇق گەپتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ.
ئىسلام رىسالىتىنىڭ ئاساسى مۆجىزىدۇر. ۋەھالەنكى، بۇ مۆجىزە پەقەت قۇرئاننىڭ تۈزۈلىشىدىلا ئەمەس، ماھىيەتتە قۇرئاننىڭ مەنىسىدىدۇر. بۇنداق بولغاندا، قۇرئان كەرىمنىڭ يۈكسەك تەلىماتلىرى، ئىسلام شەرىئىتى ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن ئەڭ مۇكەممەل قانۇن بولالىشى لازىم بولىدۇ. بۇنداق بولمىسا، قۇرئان كەرىم مەنە ئېتىبارىدىن مۆجىزە بولماي قالىدۇ.
لېكىن، بىزنىڭ مەزھەپلىرىمىزدە يېزىلمىش فىقھى ئەسەرلىرى قۇرئان كەرىمنىڭ ئەنە شۇ مۆجىزىسىنى نامايەن قىلالايدىغان دەرىجىدە مۇكەممەلمۇ؟قىيامەتكىچە پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئادىل قانۇنى بولالايدىغان دەرىجىدە كەڭمۇ؟ ئىنسانلارغا ھەركۈن، ھەر دەۋردە ئۇچراۋاتقان مۇشكىلاتلىرىنىڭ جاۋاپلىرى بىزنىڭ فىقھى كىتاپلىرىمىزدا تېپىلامدۇ؟
ئىسلامغا بولغان مۇھەببىتىم ۋە ئېتىقادىمنىڭ تەقەززاسى بىلەن مەزكۇر سوئاللارنىڭ ھەر بىرىگە < ياق! ئۇنداق ئەمەس> دېيىشكە مەجبۇرمەن. مەن بۇنى فىقھى ئىلمىگە تەنە قىلىپ دەۋاتمايمەن. پەقەت شەرىئەتكە بولغان مۇھەببىتىم تۈپەيلى شۇنداق دەۋاتىمەن.
فىقھى كىتاپلىرىمىزدا ئىبادەت قىسمى بىر قەدەر مۇكەممەل ۋە مۇپەسسەل بولسىمۇ، ئىقتىسادىي مۇئامىلە، ئىجتىمائىي ۋە خۇسۇسىي ھوقۇق، دۆلەت ئىدارە قىلىش دېگەندەك ساھەلەر ئۇ قەدەر مۇكەممەل دەرىجىدە ئەمەس. ھەتتا بەزى فىقھى كىتاپلىرىمىزدا ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان، ئادالەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بەزى مەزمۇنلارمۇ مەۋجۇت.
فىقھى ئىلمىمىز نېمە ئۈچۈن بۇنداق بوپقالغان؟
مېنىڭ قارىشىمچە، ئەلۋەتتە، بارلىق مۇئمىنلەر شۇنداق قارايدۇكى، ئىسلام فىقھىسى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان شۇنداقلا ئادالەت ئۈستىگە بەرپا قىلىنغان ئەڭ مۇكەممەل قانۇن بولۇشى كېرەك ئىدى.
لېكىن بىزنىڭ فىقھى ئىلمىمىز بۇنداق بولمىغان؟
بىر- بىرى بىلەن مەيلى يىلتىز، مەيلى شاخچە مەسىلىلەردە چېتىشىپ كەتكەن بۇ تەپسىر، ھەدىس، فىقھى ئىلىملىرى نېمە سەۋەپتىن مەن دېگەندەك ھالغا چۈشۈپ قالغان؟
شۈبھىسىزكى، مەسىلە ھەرگىزمۇ شەرىئەت ئاساسى بولغان قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىس شەرىفتە ئەمەس، ئەلۋەتتە، ھەر بىر مۇئمىن مۇشۇنداق تونۇشتا. ئۇنداقتا مەسىلىلەر، بۇ نۇقسانلار زادى نەدە؟
مېنىڭ پىكرىمچە، مەسىلە بىزنىڭ قۇرئان بىلەن ھەدىسكە، شۇنداقلا بۇ ئىككىسىنى مەنبە قىلغان شەرىئەتكە تۇتقان نەزىرىمىزدىدۇر. ياكى باشقىچە ئىبارە بىلەن ئىپادە قىلسام، < ئۇسۇلى فىقھى>دەدۇر.
بىزنىڭ يېزىلغان ئۇسۇلى فىقھى كىتاپلىرىمىزدا ئومۇمەن دېگىدەك، شەرىئەت دەلىللىرى ھەققىدىكى بەھس ئىككى ئاساس ئۈستىگە بەرپا قىلىنغان. بىرى شارىئ دىن كەلگەن تەكلىف، يەنى، خىتاب ئاساسى. يەنە بىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجرا قىلىشى ياكى ئىجرا ئاساسى. مۇشۇ ئىككى ئاساس ئېتىبارى بىلەن، ئۇسۇلى فىقھى چوڭ جەھەتتىن دەلىللەر ۋە ئەھكاملاردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ. كۆپىنچە مۇئەللىپلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە بىرىنچى قىسمى قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ، قىياسنى بايان قىلىدۇ. قۇرئاندىن بەھس ئېتىلگەندە، بەھىس ئاساسەن تىل نۇقتىسىدىن قۇرئان لەبزىنىڭ دالالەت، ئىستىېمال يەنى، مەنە ئىپادىلىشىگە مەركەزلىشىدۇ. بەھس ئاساسەن ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش مەسىلىلىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. سۈننەتنى بايان قىلغاندا بولسا- كۆپىنچە مۇئەللىپلەرنىڭ ئادىتىدە-تىلغا ئالاقىدار تەرەپلىرى ئاساسەن تىلغا ئېلىنمايدۇ. چۈنكى، بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر قۇرئان قىسمىدا بەھس قىلىنىپ بولغاچقا، يەنە تىلغا ئېلىشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. بۇ قىسىمدا بەھس سۈننەتنىڭ سەنەدىگە مەركەزلىشىدۇ. بەزىدە بۇ ھەقتىكى ئېتىرازىي قاراشلارمۇ زىكىر قىلىنىدۇ. لېكىن، مەلۇمكى بۇنىڭلىق بىلەن سۈننەتنىڭ دالالىتىگە دەخلى يەتمەيدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن، نۆۋەت ئىجمائقا كېلىدۇ. بۇ قىسىمدا، ئىجمائنىڭ مەنىسى، ھۆججەتلىكى ۋە دەرىجىلىرى بەھس قىلىنىدۇ. ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا، ئىجمائ ئىلمىي مەسىلىلەرنى بېكىتىش، تۇرغۇزۇشتا دەلىل بولمايدۇ، ئۇ پەقەت مەلۇم بىر ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشتا قوللىنىدىغان مەلۇم بىر ۋاستىدىنلا ئىبارەت. ھالبۇكى، ئۇسۇلۇل فىقھى ئالىملىرى ئىجمائنى بىر دەلىل، ھەتتا ئەڭ چوڭ بىر دەلىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. گەرچە، ئىجمائ قانۇن چىقىرىشتا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر مەنبە بولسىمۇ، بىزنىڭ ئالىملىرىمىز بۇ تەرىپىگە قىلچىلىك ياكى تېگىشلىك ئەھمىيەت بەرمىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئىنسان ھاياتىنىڭ ئۆزگىرىش، تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىپ ماڭىدىغان ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى ۋە كەڭلىكىگە بىر داغ چۈشكەندۇر. مىڭ يىل بۇرۇنقى فىقھى ئىلمىمىز قانداق بولسا، بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ شۇ پېتى قالغاندۇر.
ئىجمائدىن كېيىن قىياسقا كېلىدۇ. قۇرئان، ھەدىس ياكى ئىجمائ بىلەن سابىت بولغان مەلۇم ھۆكۈمنى باشقا مەسىلىلەرگە تەدبىقلىماق ئۈچۈن، قىياس بابىدا قىياسنىڭ شەرتلىرى زىكىر قىلىنىدۇ. مەزھەپلەرنىڭ قىياسنىڭ شەرتلىرى ۋە ھۆججەتلىكى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئوخشىمايدۇ. شارىئ تەرىپىدىن ھۆكۈمنىڭ ئىللىتى زىكىر قىلىنمىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىللەت مۇتەئەددىينى ( ئىللەت ئوبيېكتى) تېپىش تولىمۇ قىيىنغا چۈشىدۇ. تېپىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇشبۇ تېپىلغان سۈپەتنىڭ ئىللەتلىكىگە دەلىل تېپىشمۇ ئوخشاشلا ئاسانغا چۈشمەيدۇ. ياكى ئىللەتلىكى ئېھتىمال نەرسىلەر خىلمۇ-خىل بولۇپ قېلىپ، قىياس بىزگە پەقەت نۇرغۇن ئىختىلاپتىن باشقا بىر نەرسە تېپىپ بەرمەيدۇ. بۇ سەۋەپتىن، قىياسنىڭ ھۆججەتلىكىگە ئىسلام شەرىئىتى ئۇنچىۋالا كەڭ يول بەرمىگەن.
دېمەك، شەرىئەت دەلىللىرى ھەققىدە ئۇسۇلى فىقھنىڭ قاراشلىرى تىل ۋە رىۋايەت تەرىپىنىڭ سىرتىغا چىقالمىغان. مېنىڭ گۇمانىمچە، ئەھلى ئىجتىھادنىڭ ئىجتىھادلىرىمۇ ئەشۇ ئىككى چەك ئىچىدە چەكلىنىپ قالغان.
مۇشۇنداق بىر پىرىنسىپ ئۈستىگە تەپسىر، ھەدىس ئىلمى، فىقھى قاتارلىق ئەڭ مۇھىم شەرىئەت ئىلىملىرى بەرپا قىلىنغان. مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ ئۈچ ئىلىمنىڭ يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان نۇقسانلىرى دەل مۇشۇ سەۋەپتىن كېلىپ چىققاندۇر.
مۇپەسسىرلەر قۇرئان ئايەتلىرىنى تەپسىر قىلغاندا، ئومۇمەن بىر خىل يول تۇتۇپ، ھەم تەپسىر، ھەمدە دەلىللەشنى ئۇسۇلۇل فىقھى كىتاپلىرىدا بايان قىلىنغان پىرىنسىپلار ئۈستىگە قۇرغان بولسىمۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىلىرىنى تىل ۋە رىۋايەتتىن ئىبارەت ئىككى چەك ئىچىدە مۇھاسىرە قىلىپ، تەپەككۇر، ئەقىل بىلەن بايقاش مۇمكىن بولىدىغان مەنىلىرىنى ئاساسەن نەزەردىن ساقىت قىلغان. ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن قانۇن بولىدىغان شەرىئەت ئەھكاملىرىغا دالالەت بولىدىغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدىمۇ پەقەت، ئام، خاس، ئىبارە، ئىشارە، مۇھكەم، مۇجمەل قاتارلىق تىل تەرىپى بىلەنلا چەكلىنىپ، ئۇشبۇ ئەھكامنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەھمىيتى، تەسىرى، قىممىتىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەن. مانا بۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ تۇرغۇنلۇقىغا، يەنى تەرەققىي قىلماي بىر ھالدا تۇرۇپ قېلىشىغا سەۋەپ بولغاندۇر.
ھەدىس ئالىملىرىمۇ مۇپەسسىرلەرگە ئوخشاش ھۆكۈم ئېلىش، دەلىللەشلىرىنى ئۇسۇلۇل فىقھى كىتاپلىرىدا بايان قىلىنغان ئاساسلار ئۈستىگە قۇرغان، ھەدىسلەرنىڭ تىل قىسمىغا قارىغاندا رىۋايەت قىلىنىشىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەن. ئىنسان ھاياتىغا قانۇن، ئىبادىتىگە يول بولىدىغان ئەڭ مۇھىم ئەھكام مەسىلىلەردە بىر ھەدىسنىڭ ئوخشىمىغان رىۋايتلىرىگە تايىنىۋالغان. بۇ يەردە مۇنداق ئىككى خاتالىق مەۋجۇت: بىرى دەلىل بولالمايدىغان نەرسىلەرنى دەلىل قىلىۋېلىش، يەنە بىرى قانۇندەك ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى ئىختىلاپلىق لەبزلەرگە بويسۇندۇرۇپ قويۇش. ئۇششاق مەسىلىلەرنىڭ ھەربىرىگە ھېسابسىز رىۋايەتلەرنى زىكىر قىلىپ، ئەھمىيىتى زور مەسىلىلەرگە بىر ھەدىس بولسىمۇ زىكىر قىلماسلىقتەك بۇ ئەھۋال، شۈبھىسىزكى، شەرىئەت دەلىللىرىگە بولغان قاتمال قاراشتىن، ياكى ئىنسان ھاياتىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىكتىن كېلىپ چىققاندۇر.
مۇھەددىسلەر ھەدىسلەر، مۇپەسسىرلەر ئايەتلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە، بايانلىرىنى دائىم ئۇسۇلۇل فىقھى كىتاپلىرىدىكى پىرىنسىپلار ئۈستىگە قويۇپ، قۇرئان-ھەدىسنىڭ مەقسەتلىرىگە، قانۇن بولىدىغان مەسىلىلەرنى ئىنسان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتىگە تېگىشلىك ئەھمىيەت بەرمىگەن. چۈنكى، ئۇلار ئاساس قىلىدىغان پىرىنىسپلىرىنىڭ دائىرىسى يېتەرلىك دەرىجىدە كەڭ ئەمەستۇر.
فىقھى ئىلىملىرىمىزگە كەلسەك، بىزنىڭ فەقىھلەر نەسنىڭ دالالىتىگە ۋە رىۋايەتكە زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، شەرىئەت ئەھكامىنى شۇ ئىككى ئاساس ئۈستىگە بىنا قىلغان. ئەگەر بىر رىۋايەت تېپىلىپ قالسا، ياكى ئۇسۇلۇل فىقھى كىتاپلىرىدا بايان قىلىنغان بىرەر يول بىلەن زورۇقۇپ تۇرۇپ، ياكى تەئۋىل بىلەن نەسنىڭ دالالىتى بېكىتىلگەندەك بولسا، ئۇ چاغدا باشقا تەپسىلاتلاردىن بەھس ئېتىلمىگەن. تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ئىلىم نۇقتىسىدىن يەنىلا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قېلىۋەرگەن. ھاياتنىڭ نىزامىغا، ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجلىرىغا قىلچىلىك پايدىسى بولمىغان.
جازانىدەك تېخىچە ھەل قىلىنمىغان چوڭ مەسىلىلەر، ۋاقىتلىق ھالاللاش، ھىلە شەرئىيدەك ئىسلامنىڭ يۈزىگە قارا سۇۋايدىغان، ئىسلامغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان قىلمىشلار مېنىڭ ئۇشبۇ سۆزلىرىمنى قۇۋۋەتلىمەسمۇ؟
بولۇر-بولماس ئۇششاق مەسىلىلەردە ئاجايىپ ئەزۋەيلەپ، جەمىيەتنىڭ، كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە تامامەن سۈكۈت قىلغان، ياكى سۆزلەپ قويۇپلا ھەل قىلمىغان فىقھى كىتاپلىرىمىز مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمگە گۇۋاھ بولالماسمۇ؟
< مەدەنىيەت يولىغا قەدەم ئېلىپ بولدۇق> دەۋاسىدە بولغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھېچبىرى نېمە ئۈچۈن ئىسلام قانۇنى، شەرىئىتى بويىچە ئىدارە قىلىنمايدۇ؟
ئۆمۈر بويى قۇرئان-ھەدىس ئوقۇغان، بەش-ئون توم پەتىۋا كىتاپلىرىنى مۇتالىئە قىلىپ بولغان فەقىھلەر مىللەت ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئىسلاھاتلارغا ھازىر بولالمايدۇ؟
بۇ ئىسلام ھۆكۈمەتلىرى ئىسلام شەرىئىتىنى تاشلاپ قويۇپ، ياۋروپا قانۇنلىرىغا ئىلتىجا قىلىشتىن نېمىشقا نومۇس قىلىشمايدۇ؟ < بۇنداق مۇۋاپىق قانۇنلار ئىسلام شەرىئىتىدە تېپىلمايدۇ> دېيىشتى ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا بىزنىڭ فىھقى ئىلىملىرىمىز بىزگە نېمىشقا شۇنداق مۇۋاپىق قانۇنلارنى تەمىن ئېتەلمىدى؟ ۋە ئېتەلمەيدۇ؟
شۇنداق قارايمانكى، مانا مۇشۇ سوئاللارنىڭ ھەر بىرى مېنىڭ يۇقارقى دەۋالىرىمغا ئىسپات بولالايدۇ.
مەن بۇ دەۋالىرىمدە نىيىتىم خالىس، ھەمدە ئىشەنچ بىلەن سۆزلەۋاتىمەن. لېكىن، خۇداغا ئايانكى، ھەرگىزمۇ مەن ئىسلام ئىلىملىرىگە تەنە قىلىش نىيىتىدە ئەمەس، بەلكى ئىسلام شەرىئىتىگە بولغان يۈكسەك بىر مۇھەببەت، چوڭقۇر بىر ئېتىقاد بىلەن بۇلارنى سۆزلەۋاتىمەن. چۈنكى، ماڭا شۇ ئېنىقكى، قۇرئان كەرىم ھەم مۇقەددەس، ھەم مۆجىزە بولغان ساماۋىي كىتاپتۇر. مۆجىزىسى پەقەت ئۇنىڭ نەزمىي شەكلىدىلا ئەمەس، مەنىسىدىدۇر. بۇنداق بولغانىكەن، قۇرئان كەرىمگە مۇناسىپ مۆجىزىدار شەرىئەت، يەنى مەدەنىيەت ئالىمىدە مىسلى تېپىلماس دەرىجىدە مۇكەممەل شەرىئەت ياكى قانۇن ئىسلامىيەت ئۈچۈن زۆرۈر ئىدى. ۋەھالەنكى، ئەنە شۇنداق مۇكەممەل قانۇننى بەرپا قىلىدىغان ۋە مەدەنىيەت ئالىمىدە قوبۇل قىلىنالايدىغان دەرىجىدىكى فىقھى ئىلىملىرى نېمىشقا ئىسلام دۇنياسىدا تېپىلمايدۇ؟ شۈبھىسىزكى، تېپىلىشى كېرەك ئىدى.
مېنىڭ قارىشىمچە، شەرىئەت ئىلىملىرىمىزنىڭ، خۇسۇسەن فىقھى ئىلىملىرىمىزنىڭ يۇقارقىدەك نۇقسانلىرى شەرىئەت دەلىللىرى ۋە ئەھكاملىرىنى تەتقىق قىلىدىغان نەزەرىيە ئۇسۇلى فىقھىدىن كېلىپ چىققاندۇر. چۈنكى، ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ تارقالغان ئۇسۇلى فىقھى كىتاپلىرى ئۈستىدە قەيت قىلىنغان ئۇسلۇپلار ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، ھېچبىرى قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان ئەڭ مۇھىم، ئەڭ بۈيۈك شەرىئەت مەقسەتلىرىنى يا ئومۇملاشتۇرۇپ، يا ئىنچىكىلەپ بايان قىلمىغان. شەرىئەت بىلەن ھاياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى، قىسقىچە بولسىمۇ بايان قىلمىغان. ئىنساننىىڭ چوڭ-كىچىك ئېھتىياجلىرى ھەققىدە كەڭ، چوڭقۇر بولمىسىمۇ، ئومۇمىي دائىرىدە بولسىمۇ توختالمىغان. ئۇشبۇ سەۋەپتىن، ئۇسۇلى فىقھىنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن تار بوپقالغان، فىقھى ئىلىملىرىمىز مىڭ يىل بۇرۇن قانداق بولغان بولسا، ھېلىھەم شۇ پېتى قالغاندۇر.
ئەگەر فىقھى ئىلىملىرىمىزنى ئىسلامنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا مۇناسىپ ئەڭ كامىل، ئەڭ كەڭ شەكىلدە قەلەمگە ئېلىش زۆرۈرىيىتىگە قايىل بولغان بولساق ياكى شۇنىڭغا تەرەددۇت قىلماقچى بولساق، ئۇ چاغدا بىزگە ئەڭ باشتا مۇنداق ئىككى ئامىل زۆرۈر بولىدۇ:
بىرىنچىسى، زامانىۋىي ئىلىملەردىن خەۋەردار، ئىخلاسمەن، ھۆر فەقىھلەر
ئىككىنچىسى، قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ مەقسەتلىرىنى؛ ئىنسان ھاياتىنىڭ زۆرۈر ۋە تولۇقلىما ئېھتىياجلىرىنى؛ ھوقۇقلىرىنىڭ مەنبەلىرىنى؛ نەسلەرنىڭ مەزھەپ-ئېقىملارغا باغلىنىپ قالمىغان دالالەتلىرىنى؛ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد كەبى مۇجتەھىدلىرىمىزنىڭ ئىسلام شەرىئىتى ۋە ئىنسان ھاياتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى مۇكەممەل رەۋىشتە بايان قىلغان بىر ئۇسۇلى فىقھى ئىلمى.
شۈبھىسىزكى، ئۈستىدە قەيت قىلغاندەك مەلۇماتلىق، ھۆر فەقىھلىرىمىز بىلەن ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇسۇلى فىقھى بىزدە بولسا، ئىسلامنىڭ مۆجىزىلىكىگە مۇناسىپ، مەدەنىيەت ئالىمىدە تەڭدىشى تېپىلماس مۇكەممەل بىر قانۇن ۋە مۆجىزىدار شەرىئەت بىزدە بولغان بولاتتى. قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىكىنى مەدەنىيەت ئالىمىگە ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن بولاتتۇق. ئۇ چاغدا ئىسلامغا بولغان ئىمانىمىز، نوقۇل قورقۇشتىن ئەمەس، بەلكى چوڭقۇر بىلىشتىن كەلگەن بولاتتى.
بەزى تەرەپبازلىق خاھىشى بار كىشىلەر ئىنكار قىلسىمۇ، ئەھلى ئىنساپ مۇنداق بىر پاكىتىنى ھېچبىر زامان ئىنكار قىلالمايدۇ: شۇ ۋاقىتقا قەدەر ئىسلام دۇنياسىدا مەقبۇل ۋە نوپۇز ئورنىدا تۇرۇپ كەلگەن ئۇسۇلى بەزدەۋىي، فۇسۇلى بەدائىئ، ئەتتەھرىر، جەمئۇلجۋامىئ، ئەلمەھسۇل، مىنھاجۇل ۋۇسۇل، ئەلمۇنتەھە، تەنقىيھ، مۇسلىمۇ سۇبۇت قاتارلىق كىتاپلار يۇقىرىدا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن تەلەپلىرىمىزنىڭ مىڭنىڭ بىرىنى بولسىمۇ قاندۇرالىغىدەك دەرىجىدە ئەمەس. ئەلۋەتتە، كەلىمە تەتقىقاتلىرى ۋە كالامچىلارنىڭ تالاش-تارتىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاپلار ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇسۇلى فىقھى بولالمايدۇ.
بىر ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇسۇلۇل فىقھى بولالايدىغان بىر كىتاپ ئىسلامىيەت ئىلىم ساھەسىدە بار دېيىلسە، ئۇ بولسىمۇ پەقەت مۇشۇ < ئەلمۇۋافىقات> تىن ئىبارەتتۇر.
< مۇۋافىقات> قۇرئان-ھەدىستىكى شەرىئەت مەقسەتلىرىنى ئەڭ كەڭ شەكىلدە بايان قىلىدۇ. ئىنساننىڭ زۆرۈر ۋە تولۇقلىما ئېھتىياجلىرىغا چوڭقۇر نەزەر ئاغدۇرىدۇ. شەرىئەت دەلىللىرى بىلەن ئىنسان ھاياتىنىڭ تۇتىدىغان ئورنىنى ئەڭ پۇختا ئاساسلار بىلەن تۇرغۇزىدۇ. ھەر بىر مەسىلىنى ناھايىتى ئەركىن تەرزدە مۇھاكىمە قىلىپ، مۇتالىئە قىلغۇچىلارغا ئەقىل دائىرىسى بىلەن چەكلەنگەن ئەڭ ئەركىن بىر نەزەر بەخش ئېتىدۇ.
بىزنىڭ فىقھى، تەپسىر، ھەدىس ئىلىملىرىمىز ئەڭ يۈكسەك كامالىتىگە ئېرىشمەكچى بولسا، دەل ئۇشبۇ يول، ئۇشبۇ ئۇسۇل بىلەن ئېرىشەلەيدۇ.
ئەنە شۇ بۈيۈك مەقسەت ئۈچۈن بىر قەدەم ئاتماق ياكى بىر ئىشىك ئاچماق ئۈمىدىدە، رۇسىيە ئۆلىمالىرىنىڭ تالىبلىرىغا ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇسۇلى فىقھىدىن بىر نەمۇنە كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىپ، قازاندىكى < ساباھ > كىتاپخانىسى < مۇۋافىقات>نى بېسىشقا بەل باغلىدى.
< مۇۋافىقات> ئەندەلۇس ئۆلىمالىرىدىن ئىمان ھاپىز ئىبراھىم ئىبن مۇسا شاتىبىي ھەزرەتلىرىنىڭ تەڭدىشى يوق بىر كىتابىدۇر. بۇنىڭدىن25 يىللار مۇقەددەم، يەنى، 1352-يىلى تۇنىستا بىر قېتىم بېسىلغان ئىدى. گەرچە تولىمۇ يۈكسەك بىر ئېتىبار بىلەن باسقان بولسىمۇ، ئۇ نەشرىدە يەنىلا بەزى خاتالىقلار كۆرۈلۈپ قالغانىكەن.
مەن بۇ قېتىم خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن كىتاپنىڭ شۇ چاغدا قالغان خاتالىقلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تۈزىتىپ چىقتىم. خۇدادىن شۇنى ئۈمىت قىلىمەنكى، بۇ قېتىم كىتاپنىڭ بىر يېرىدىمۇ خاتالىق قالمىغاي.
كىتاپنىڭ مۇتالىئەسىنىڭ قولاي بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۈملىلەرنى چېكىت بىلەن ئايرىدىم. مۇناسىپ ئورۇنلاردا جۈملىلەرنى قۇر بېشىدىن باشلىدىم. مەسىلىگە چېتىشلىق ئىلمىي مەسىلىلەرنى ئاستىغا ھاشىيە شەكلىدە قىستۇردۇم.
دىنىي مەدرىسلىرىمىزدە دىنىي ئىلىملەرنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئىسلاھ قىلماق لازىم دەپ قارالسا، تالىبلىرىمىزغا ئىدراك كۈچى، پىكىر قۇۋۋىتى، شۇنداقلا مۇستەقىللىك ۋە ئىجتىھاد روھى بېرەلمەيدىغان مەنار، تەۋزىھ كەبى كىتاپلارنىڭ ئورنىغا < مۇۋافىقات> تەك ھەقىقىي مەنىدە ئۇسۇلى فىقھىنى بايان قىلغان، ھەمدە تالىبلارغا ئىجتىھاد قۇۋۋىتى، مۇستەقىللىق روھى بەخىش ئېتىدىغان كىتاپلارنى قوبۇل ئەتمەك لازىمدۇر. بولمىسا، دىنىي مەدرىسلىرىمىزدىكى ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى قانائەتلىنەرلىك مېۋە بېرەلمەيدۇ.
قازان 1326-يىل. رەبىئەنىڭ 23-كۈنى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*