مۇسۇلمانلارنىڭ پەخرى دۇنياغا داڭلىق ئالىم- پىروفېسسور دوكتور فۇئات سەزگىن

م. يۈسۈپ-ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
ئۆمرىنى بىلىم تارىخىغا بولۇپمۇ ئىسلام بىلىم تارىخىغا ئاتىغان بۈيۈك ئالىم دۇنياغا مەشھۇر تارىخچى پىروفېسسور دوكتور فۇئات سەزگىن ۋاپات بولدى، ئۇ ئىنسانىيەتكە يىللارچە ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىلىدىغان بۈيۈك ۋە قىممەتلىك ئەسەر مىراس قالدۇرۇپ كەتتى.
سۈرىيانىچە، ئىبرانىچە، لاتىنچە، ئەرەبچە ۋە نېمىسچە بولۇپ 27 تىلنى پىششىق بىلىدىغان، 1960-يىلى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان دېكتاتور «ئەسكەرلەر»تەرىپىدىن «زىيانلىق پىروفېسسور»دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ ئالىي مەكتەپتىن قوغلاپ چىقىرىلغان، دا ۋىنچىنىڭ سىرىنىڭ ئىسلام بىلىمىدە يوشۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسەرلەر بويىچە زور ئىجادلار روياپقا چىقارغانلىقىنى دۇنياغا دادىللىق بىلەن جاكارلىغان، ئىسلام ۋە دۇنيادىكى بىلىم تارىخچىلىرى قاتارىغا ئىسمىنى يازدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان پىروفېسسور دوكتور فۇئات سەزگىن 2018-يىلى 30-ئىيۇندا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.
«ئىنسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ھەممىدىن بۇرۇن ئۆز-ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىدىن خالاس بولۇش كېرەك، بۇ ھېس-تۇيغۇ تۈرك مىللىتىنى راككا ئوخشاش چىرمىۋالغان»دېگەن سۆزنىڭ ئىگىسى بولغان پىروفېسسور دوكتور فۇئات سەزگىن كەمتەرلىكى، زېرەكلىكى، دانالىقى ۋە ساغلام كىشىلىك خاراكتېرى بىلەن بىلىم دۇنياسىنىڭ نادىر شەخسلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ئۇ دۇنيا بويىچە نوپۇزلۇق تارىخچىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
نېمىسچە يېزىلغان «ئىسلامدا بىلىم ۋە تېخنولوگىيە»ناملىق 5 توملۇق ئەسەرنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، مەزكۇر كىتابنى مۇكەممەل دەرىجىدە خۇلاسىلاپ چىققان فۇئات سەزگىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ھايات سەرگۈزەشتىسى تۆۋەندىكىچە:
پىروفېسسور دوكتور فۇئات سەزگىن 1924-يىلى 24-يانۋاردا تۈركىيەنىڭ بىتلىس ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلدى. 1943-يىلدىن 1951-يىلغىچە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات پاكۇلتىتى شەرقىيات ئىنستىتۇتىدا «ئىسلامىي بىلىملەر ۋە شەرقشۇناسلىق»ساھەسى بويىچە نوپۇزلۇق پىروفېسسورلاردىن بولغان نېمىس شەرقشۇناس ھېلمۇت رىتتېر (1982-1971)نىڭ قولىدا تەلىم كۆردى. ئۇستازىنىڭ «پەننىڭ ئاساسى ئىسلامىي بىلىملەردۇر»دېگەن سۆزىنىڭ ئۆزىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغانلىقىنى ئېيتقان فۇئات سەزگىن، ئۆز ۋاقتىدىكى ھېسسىياتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئۇستازىم بىر كۈنى مەندىن مۇنداق سوئال سورىدى: كۈندە قانچە سائەت ئۆگىنىش قىلىسەن؟ مەن: 13، 14 سائەت ئۆگىنىش قىلىمەن، دېدىم. ئۇ ھەيران قالغان ھالدا: بۇنداق ئۆگىنىش قىلساڭ ئىلىم ئەھلى بولالمايسەن. ئەگەر ئىلىم ئەھلى بولۇش ئارزۇيۇڭ بولسا تېخىمۇ كۆپ ئۆگىنىش قىلىپ ئىزدىنىشىڭ كېرەك، دېدى. ئۇ كۈندە 20سائەت تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىناتتى. كۈنلەر ئۇزۇن بولغان بولسا تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان بولاتتى، مەن شۇ كۈندىن كېيىن 17 سائەت تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولدۇم، بۇ 70 ياشقىچە داۋاملاشتى، 70 ياشتىن كېيىن 1، 2 سائەت ئازايتتىم، 13، 14 سائەت تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا تىرىشمەن.»
« بۇخارىنىڭ مەنبەلىرى » ناملىق دوكتورلۇق ماقالىسى
1951-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات پاكۇلتىتىدىكى ئوقۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى ساھەسى بويىچە دوكتورلۇق ئوقىدى. 1954-يىلى ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىدە «بۇخارىنىڭ مەنبەلىرى»ناملىق دېسىرتاسىيە ياقلاپ دوتسېنت بولدى. ئۇ بۇ ئىلمىي ماقالىسى بىلەن، ھەدىس مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان بۇخارىنىڭ (810-870)، ئاغزاكى مەنبەلەرگە ئەمەس، يازما مەنبەلەرگە تايىنىدىغانلىقىنى، بۇ يازما مەنبەلەرنىڭ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىگە، ھەتتا 7-ئەسىرگىچە تۇتۇشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بۇ قارىشى ياۋروپالىق شەرقشۇناسلىق ئىچىدە ھېلىھەم مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا.
فۇئات سەزگىن شەرق بىلىمى ۋە تۈركولوگىيە ئۈستىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان نوپۇزلۇق ئالىم نېمىس كارس بىروكېلمەننىڭ (1868-1956) «ئەرەب ئەدەبىياتى تارىخى»ۋە «ئىسلام مىللەتلىرى ۋە دۆلەتلىرى تارىخى»غا ئوخشاش ئەسەرلىرىدىكى كەمچىللىكلەرنى بايقاپ، كەم تەرەپلىرىنى تولۇقلاش مەقسىتىدە 1954-يىلى ئىسلام بىلىم تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلايدۇ.
1960-يىلى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلار تەرىپىدىن «زىيانلىق پىروفېسسور»دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ ئالىي مەكتەپتىن قوغلانغان فۇئات سەزگىن، شۇ يىلى گېرمانىيەگە كېتىدۇ ۋە فىرانكفورت ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېھمان دوسېنت بولۇپ دەرس بېرىشكە باشلايدۇ. 1966-يىلى پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ «ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتى» ۋە «تەبئىي پەنلەر تارىخى»غا مەركەزلىشىدۇ.
«ئۇ قۇرغان مۇزېيدا مۇسۇلمان ئالىملار روياپقا چىقارغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىنماقتا»
ئۇ 1961-يىلى مۇسۇلمان ئالىملار ۋە كەشپىياتچىلار روياپقا چىقارغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىنىدىغان مۇزېي قۇرۇشقا تۇتۇش قىلىدۇ. بۇ ئىش زور غۇلغۇلا قوزغايدۇ، 1978-يىلى پادىشاھ فايسالنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەرەب دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ، خىيالىدىكى بۈيۈك ئارزۇسىنى ئۇلارغا بايان قىلىدۇ. ئەرەب دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىغا قىزىقىدۇ. فۇئات سەزگىن 1982-يىلى ج.ۋ. گىيوتې ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئەرەب-ئىسلام ئىلىملىرى تارىخ ئىنىستىتۇتىنى ۋە 1983-يىلى مۇزېي قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ ئىنستىتۇتقا قاراشلىق مۇزېيدا مۇسۇلمان ئالىم ۋە كەشپىياتچىلار تەرىپىدىن روياپقا چىقىرىلغان ئەسەرلەر، ئەسۋابلار ۋە ئىجادىلارنىڭ يازما مەنبەلەرنى ئاساس قىلىپ ياساپ چىققان نەمۇنىلىرى كۆزگە قىلىنماقتا.
بىلىملەر تارىخى ساھەسىدە دۇنيا بويىچە نوپۇزلۇق ئالىملاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان فۇئات سەزگىن ئەرەبچە، نېمىسچە، لاتىنچە بولۇپ 27 تىلنى پىششىق بىلىدۇ.
ئۇ دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر «ئىسلام بىلىم تارىخى»غا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق، دېھقانچىلىق، مىدېتسىنا، ئاسترونومىيە ۋە جۇغراپىيەگە ئوخشاش بارلىق بىلىم ساھەلىرىگە تەۋە بىر ئەسەر ياكى ئالاھىدە ئەسۋابنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ، بىر رازىۋىتچىككە ئوخشاش ئۇ ئەسۋابنى تېپىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. ئۇ كىتاب ياكى ئەسەرنىڭ قىممىتى قانچىلىك بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇ ئەسەرنى سېتىۋېلىپ بۇ ئەسەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.
«5 توملۇق ئىسلامدا بىلىم ۋە تېخنولوگىيە»كىتابى
ئىنستىتۇتتا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ئەرەب-ئىسلام ئىلىملىرى مەجمۇئەسىدە نەشىر قىلىناتتى. بۇ مەجمۇئە-قامۇس قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۇنيا مىقىياسىدا نوپۇزلۇق مەنبە ئەسەرگە ئايلاندى. بىلىم تارىخچىلىرى ھەممىدىن كۆپ مۇراجائەت قىلىدىغان ۋە 15-تومى نەشىر قىلىنىپ بولغان بۇ غايەت زور ھەجىملىك ئەسەر، دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدەلگەندەك زور تىرىشچانلىقلار بىلەن نەشىرگە تەييارلانماقتا. قامۇس خاراكتېرلىك بولغان بۇ ئەسەر ئەڭ توغرا مەنبەلەرگە ئاساسەن يېزىلغان «ئىسلام بىلىم تارىخى»دۇر.
جۇغراپىيە، تارىخ، ئاسترونومىيە، دېڭىزچىلىق ۋە سائەتلەر
فۇئات سەزگىن ئىنستىتۇتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنى كاتولوگ ھالىتىدە نەشىر قىلدۇرۇپ، ناھايىتى مۇھىم بىر خىزمەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. نەتىجىدە ئىسلامدا بىلىم ۋە تېخنولوگىيە ناملىق 5 توملۇق ئەسىرى نەشىردىن چىقىدۇ.
ئىستانبۇل گۈلھانە باغچىسىدىكى خاس ئاھىرلار بىناسىدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ئىسلامىي بىلىم ۋە تېخنولوگىيە تارىخىي مۇزېي»ئارقىلىق، تۈرك خەلقى ئۇنى يېقىندىن تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. مۇسۇلمان ئالىملار ۋە كەشپىياتچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئىجادلىرى نۆۋەتتە گۈلھانە باغچىسىدىكى «ئىسلامىي بىلىم ۋە تېخنولوگىيە تارىخىي مۇزېي»دا كۆرگەزمە قىلىنماقتا.
پىروفېسسور دوكتور فۇئات سەزگىننىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمانلار بىر نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان پىسخىكىسى ئىچىدە ياشاپ كەلمەكتە، بۇ ناچار ئەھۋالدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، ئەينى ۋاقىتتا غايەت زور تەرققىي قىلغان ۋە 800 يىل ئەقىل تارىخىدا زور رول ئوينىغان مەدەنىيەتنىڭ ئىگىسى بولغان مۇسۇلمانلار بۇ ئالەمشۇمۇل ئەسەر ۋە ئىجادلارنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ، بۇ مەدەنىيەتنى روياپقا چىقارغان بۈيۈك ئىنسانلارنى يېقىندىن تونۇشى كېرەك. لېكىن خاتا ھالدا ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈۋالىدىغان ھېسسىياتتىن يىراق تۇرۇش لازىم. مۇسۇلمانلار بىرۇنى، ئىبنى سىنا، جەبىر ئىبنى ھاييان، ئىبنۇل ھەيسەمنى ياخشى تونۇشى كېرەك.
ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمانلار بۇ زاتلارنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋاقىتتا بىر ئىنساننىڭ ئۆز ئالدىغا قانداق زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىنى، ئىنساننىڭ ئىجادكارلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. بۇ ئەسەرلەر پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ قانچىلىك ئىلغار ۋە يۈكسەك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىدە تۈرتكلىك رول ئوينايدۇ.
پىروفېسسور دوكتور فۇئات سەزگىن بىلىم ھاياتىدا تۆۋەندىكىچە مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ:
1. پادىشاھ فايسال مۇكاپاتى (1978)
2. فىرانكفورت ئام ماين گىيوتې ئۇنۋانى (1980)
3. گېرمانىيە 1.دەرىجىلىك فېدراتىپ خىزمەت مېدالى (1982)
4. گېرمانىيە ئۈستۈن خىزمەت مېدالى (2001)
5. ئىران ئىسلامىي بىلىملەر كىتاب مۇكاپاتى (2004) ئەرەب تىلى ئاكادېمىيەسى
6. ئەرە تىلى ئاكادېمىيەسى (دەمەشق)
7. ئالجىرىيە خان جەمەتى ئاكادېمىيەسى (رابات)
8. ئەرەب تىلى ئاكادېمىيەسى (باغداد)
9. تۈركىيە بىلىملەر ئاكادېمىيەسى شەرەب ئەزالىقى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*