مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى

ئابدۇرېھىم دۆلەت بىلگىن

مۇقەددىمە

 

مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇزۇن دەۋرلىك مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىدا ئىلىم-پەندە قولغا كەلتۈرگەن ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، بۈگۈنكى كۈندە بىلمەسلىكى ياكى ئۇنتۇپ قېلىشى تولىمۇ ئېچىنارلىق بىر ئەھۋالدۇر. ھازىر ئىلىم-پەن تىلغا ئېلىنسا دەرھال غەرب ئېسىمىزگە كەلسە، ئىسلام دۇنياسى تىلغا ئېلىنسا پەقەت دىنىي ئىلىملەرلا ئېسىمىزگە كېلىدۇ. ئىسلام بىلىم تارىخىدا پەقەت دىنىي ئىلىملەرلا مەۋجۇت بولغاندەك، ئالىم ئاتالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت دىنىي ئىلىملەر بىلەنلا شۇغۇللانغان، شۇ ساھەدىلا ئەسەرلەر ئىجاد قىلغاندەك، تەبىئىي پەن ساھەسى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئەزەلدىن سەل قارىلىپ كەلگەندەك، دۇنيا ئىلىم-پەن تارىخىغا ئىسلامنىڭ ھېچقانداق ھەسسىسى بولمىغاندەك بىر تۇيغۇ، غەيرى مۇسۇلمان خەلقلىرىگىلا ئەمەس، ئەڭ مەسخىرىلىكى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىمىزغىمۇ شۇنداق تەبىئىي بىر رەۋىشتە ئۆزلىشىپ كەتكەندۇر. تۈركىيەلىك بۈيۈك بىلىم تارىخچىسى ئۇستاز فۇئات سەزگىن مۇنداق دەيدۇ:  «بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلارنىڭ تارىختا ئىلىم-پەندە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە مۇسۇلمانلارنى ئىشەندۈرۈش، غەربلىكلەرنى ئىشەندۈرۈشتىن قىيىن». بىزنىڭ مىلادى 8-ئەسىردىن تاكى 15-ئەسىرگىچە بولغان يەتتە يۈز يىلدىن ئارتۇق بىر ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاسترونومىيە، خىمىيە، فىزىكا، جۇغراپىيە، خەرىتىچىلىك، ماتېماتىكا، مېمارچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە يەتكەن يۈكسەك سەۋىيە ۋە يېتىشكەن دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ئالىملاردىن ئاساسەن دېگۈدەك خەۋىرىمىز يوق. بىز ئۇ دەۋرنى غەرب تارىخچىلىقىدىكى  «ئوتتۇرا ئەسىر» ئۇقۇمىنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسى بىلەن قاراڭغۇ بىر جاھالەت دەۋرى دەپ چۈشىنىمىز. ھالبۇكى، غەرب دۇنياسى ئۈچۈن زۇلمەت دەۋر ھېسابلانغان بۇ ئوتتۇرا ئەسىر، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەكسىچە ئىلىم-مەرىپەتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە مىسلىسىز نەتىجىلەر ياراتقان بىر ئالتۇن دەۋر ئىدى. ھازىر بىز  «ئۇچۇشنى تۇنجى قېتىم مۇسۇلمانلار سىناق قىلغان، ئامېرىكىنى كولومبودىن بۇرۇن مۇسۇلمانلار بايقىغان، تىرىگونومېتىرىيەنى مۇسۇلمانلار ئىجاد قىلغان، ئاتوم ئېنېرگىيەسى ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى قاراشلارنى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىغا قويغان، جەمئىيەتشۇناسلىققا مۇسۇلمانلار ئاساس سالغان، يەر شارىنىڭ يۇمىلاقلىقىنى ئەڭ ئاۋۋال مۇسۇلمانلار بايقىغان دېسەك، بەلكى ھەممىمىز ھەيران قالىمىز. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوق پاكىتلاردۇر.

تېمىغا نىسبەتەن زىيادە قىسقا تۆۋەندىكى بۇ ماقالىدە، ئىسلام ئىلىم-پەن تارىخىدىكى بەزى ئاچقۇچلۇق ئالىملارنى چۆرىدەپ تۇرۇپ، بىزگە نىسبەتەن قاراڭغۇ قالغان بۇ ئۇزۇن دەۋرگە ئازراق بولسىمۇ چىراغ تۇتۇشقا تىرىشىمىز.

 

فىزىكا

 

مۇسۇلمان ئالىملار فىزىكا ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان تېئورېما ۋە قانۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندۇر. بۇ يەردە ئەڭ ۋەكىللىك دەپ قارىلىدىغان ئىبىن ھەيسەم ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ، ئىلىم-پەن تارىخچىلىقىنىڭ بوۋىسى جورج سارتون ئىبن ھەيسەمگە  «پۈتۈن دەۋرلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئوپتىكچىسى» دەپ باھا بېرىدۇ. ئىبىن ھەيسەم 965-يىلى ئىراقنىڭ بەسرە شەھرىدە دۇنياغا كېلىپ، 1039-يىلى مىسىرنىڭ قاھىرەدە ۋاپات بولدى. ئىبىن ھەيسەم ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، ئوپتىكا ساھەسىدە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى قالدۇرغان بولسىمۇ، ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيىتى ئوپتىكا ساھەسىدىدۇر. ئىبىن ھەيسەمنىڭ ئېلىپ بارغان نۇرغۇن تەجرىبىلىرى، تەتقىقاتلىرى بىلەن ئوپتىكا ئىلمىنىڭ پىرىنسىپ-قائىدىلىرى خېلى سىستېمىلىق ھالغا كەلگەن. ئۇ نۇرنىڭ يانتۇ يېيىلىشى، سايىلەر، قاراڭغۇ ئۆي، نۇرنىڭ قايتىشى، سۇنۇشى، ھەسەن-ھۈسەننىڭ شەكىللىنىشى دېگەندەك نۇر بىلەن ئالاقىدار ھادىسىلەرنى كونا بىلىملەر ۋە ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ ماتېماتىكىلىق يولدا ئىزاھلىغان.

ئىبىن ھەيسەم غەربتە alhazen ئىسمى بىلەن مەشھۇردۇر. ئۇ تەجرىبىلەردە كۆپۈنكى، پېتىنقى ئەينەكلەرنى ئىشلەتكەن، ئوقۇش كۆزئەينىكىنى ئەڭ بۇرۇن كەشىپ قىلغان. گېرمان شەرقشۇناسى سىگرىد خانك (Sigrid hunke) ئۆزىنىڭ  «ياۋروپانى يورۇتقان ئىسلام قۇياشى» ناملىق كىتابىدا ئىبىن ھەيسەمگە مۇنداق باھا بېرىدۇ: «بۇ تالانتلىق ئالىمنىڭ غەربكە كۆرسەتكەن تەسىرى ئىنتايىن زوردۇر. ئۇنىڭ ئوپتىك فىزىكىسى ھەققىدىكى نەزەرىيەلىرى تاكى يېڭى دەۋرلەرگە قەدەر ياۋروپادا ھاكىم ئورۇندا تۇرغانىدى. ئىنگلىز ئالىمى روجر باكون (roger bacon)دىن، گېرمان ئالىمى ۋىتېللو (witello) غىچە بولغان دەۋردىكى ئوپتىكا ئىلمى alhazen يەنى ئىبىن ھەيسەمنىڭ نەزەرىيەلىرىگە تايىنىدۇ. گالىلې تېلېسكوپىنىڭ كەينىدە ئالخازېن (ئىبىن ھەيسەم) نىڭ كۆلەڭگىسى باردۇر».

ئىبىن ھەيسەمنىڭ ئوپتىكا تېمىسىدىكى گىگانت ئەسىرى  «كىتابۇل مىنزار»  دۇر. كىتاب 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان دەپ قارىلىدۇ. مەزكۇر كىتاب مەشھۇر ئالىم كېپلېر، پەيلاسوپ دېكارت، باكونلارغىچە تەسىر كۆرسەتكەن. كىتاب يەتتە بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆرۈش مەسىلىسى، نۇرنىڭ مەنبەسى، يېيىلىشى، رەڭ، نۇرنىڭ سۇنۇشى، قايتىشى، كۆزنىڭ قۇرۇلمىسى، سەزگۈدىكى پەرقلەر، كۆرۈشتىكى نۇقسانلار قاتارلىق تېمىلارنى تەتقىق قىلغاندۇر.

 

خىمىيە

 

ئەڭ دەسلەپتە مۇسۇلمانلار خىمىيە (kimya) دىن بۇرۇن سىميا (simya) بىلەن شۇغۇللانغان. بۇنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ بىرى مېتاللارنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش بولسا، يەنە بىرى ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى ئىكسىر ياساش ئىدى. بۇ رەسمىي مەنىدىكى بىلىم بولمىغاچقا، كېيىن بۇنى ئىسلام ئالىملىرىمۇ سېھىر بىلەن بىر تۈرگە قويۇپ، سىميا بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلىگەن ئىدى.

خىمىيەنىڭ ئاتىسى دەپ بىلىنگەن مۇسۇلمان ئالىم ئەبۇ مۇسا جابىر ئىبىن ھەيياندۇر. ئۇ مىلادى 721-يىلى خوراساننىڭ تۇس شەھرىدە دۇنياغا كېلىپ، 815-يىلى كۇفەدىكى لابوراتورىيەسىدە ۋاپات بولدى. ئۇ نەزەرىيە ۋە تەتبىقات ئىككىلا تەرەپتىن ھازىرقى زامان خىمىيە ئىلمىنىڭ قۇرغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ.

*جابىر ئىبنى ھەييان تۇنجى خىمىيە تەجرىبىخانىسىنى قۇردى.

*مەخسۇس تەجرىبە ئەسۋابلىرىنى ئىجاد قىلدى.

*ھەر خىل كىسلاتالارنى كەشىپ قىلدى. ئېلېمېنتلار ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى بايقاشلارنى قولغا كەلتۈردى.

*پاراشوك شەكلىدىكى زەھەرنى ئىشلەپ چىقتى.

فىرانسۇز شەرقشۇناس، ئىلىم-پەن تارىخچىسى بېرتولت (bertholt)  «ئوتتۇرا ئەسىردە خىمىيە» ناملىق كىتابىدا جابىر ئىبنى ھەييانغا مۇنداق باھا بېرىدۇ:  «ئارستوتېلنىڭ لوگىكىدىكى ئورنى قانداق بولسا، جابىر ئىبنى ھەيياننىڭ خىمىيەدىكى ئورنى شۇنداقتۇر».

جابىر ئىبنى ھەيياننى ئەڭ تەپسىلىي تونۇتقان كىشى فۇئات سەزگىن ئۇستازدۇر. فۇئات سەزگىن جابىر ئىبنى ھەيياننىڭ خىمىيەدىلا ئەمەس، تېبابەت ، فىزىكا، ئاسترونومىيە، پەلسەپە ساھەسىدىمۇ نۇرغۇن ئەسەر مىراس قالدۇرغان، دۇنيا تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان بىلىم ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. جابىر ئىبنى ھەييان ئابباسىيلار خەلىپىسى ھارۇن رەشىد دەۋرىدە باغدادقا كېلىدۇ ۋە شۇ چاغدىكى مەشھۇر باش ۋەزىر يەھيا ئىبنى بەرمەكنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ ۋە ئوردىنىڭ كىمياگەرلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. كېيىن يەھيا ئىبنى بەرمەكنىڭ ئېتىبارىنى يوقىتىشى بىلەن ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ ئوردىدىن قېچىپ چىقىدۇ ۋە كۇفەگە قايتىپ ئۆزىنىڭ لابوراتورىيەسىدە تەتقىقاتىنى داۋام قىلىدۇ.

جابىر ئىبنى ھەييان مۇنداق دەيدۇ:  «ئاللاھ بىزگە بىر قاتار فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەرنى بەرگەندۇر. بىز بۇلار ئارقىلىق، ئۆسۈملۈك، ھايۋان، ھەتتا ئىنساننىمۇ ياساپ چىقالىشىمىز مۇمكىن. ئاللاھ ئىنسانغا شۇنداق ئىقتىدار بەرگەنكى، ئىنسان بۇنىڭ بىلەن كائىناتتىكى پۈتۈن سىر پەردىلىرىنى ئېچىشقا قادىردۇر».  ئۇنىڭ ئاتومنىڭ پارچىلىنىشى ھەققىدىكى سۆزلىرىمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ ۋە ھەيران قالدۇرىدۇ:

«ماددا بىر زىچ ئېنېرگىيەدۇر، شۇڭلاشقا يۇنان فىزىكلىرىنىڭ ماددىلارنىڭ تەكرار، تەكرار بۆلۈنۈپ ئەڭ ئاخىرىدا بۆلۈنمەس بىر ھالغا كېلىدىغانلىقى ۋە ماددىلارنىڭ يەنە پارچىلىنالمايدىغان سانسىزلىغان تەركىبلەردىن تۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدىكى دەۋاسى خاتادۇر. ئۇلار پارچىلىنالمايدۇ دېگەن ئەڭ كىچىك بىرلىك بولغان ئاتوم يەنە پارچىلىنالايدۇ ۋە بۇ پارچىلىنىش بىلەن غايەت زور ئېنېرگىيە ھاسىل بولىدۇ. بۇ شۇنداق بىر ئېنېرگىيەكى-ئاللاھ ساقلىسۇن- زەررىنىڭ بۇ شەكىلدە پارچىلىنىشى بىلەن پۈتۈن باغداد شەھرىنى كۇمپەيكۇم قىلىۋېتەلەيدۇ. بۇ ئاللاھتائالانىڭ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر».

ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئەبۇ بەكرى رازى، ئىبنى سىنا، فارابى قاتارلىقلار جابىر ئىبنى ھەيياننىڭ ئەسەرلىرىدىن ئوزۇق، ئىلھام ئالغاندۇر.

 

ماتېماتىكا

 

گەرچە ئىسلام دۇنياسىدا ماتېماتىكا تۇغۇلۇپ تەرەققىي قىلىشتىن بۇرۇن، قەدىمكى يۇناندا ماتېماتىكا مەلۇم دەرىجىدە ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ماتېماتىكىلىق ئىزدىنىشلەر ئاساسەن توختاپ قالغان. ئۇلارنىڭ ماتېماتىكىسىدىكى  «سانلار سىستېمىسى» دا نۆل ئۇقۇمى يوق ئىدى. تۆۋەندە بىز بىر قانچە ماتېماتىكا ئالىمىنىڭ بۇ ساھەدىكى تۆھپىلىرىنى بايان قىلىمىز.

 

خارەزمى

 

خارەزمى 780-يىلى خارەزمنىڭ خىۋە شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن، 850-يىلى باغدادتا ۋاپات بولغان. خارەزمىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ، ماتېماتىكا، ئارىفمېتىكا، ئالگورىزم، ئالگېبرالارنىڭ تارىخىنى يېزىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى شەرق، غەرب ئالىملىرى ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان بىر پاكىتتۇر. مەن بۇ يەردە ئۇ ھەل قىلغان ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلاتلىرىغا چوڭقۇرلىماي ھەممە ئادەم ئوڭاي چۈشىنەلەيدىغان، خارەزمىنىڭ تۆھپىسى ھېسابلىنىدىغان بىر قانچە نۇقتىنى بايان قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمەن.

*ئەسلىدىكى ھىندىستان رەقەملىرى خارەزمىنىڭ سىستېمىلاشتۇرۇشى بىلەن ئەرەب رەقەملىرى نامىدا ماتېماتىكىدا قوللىنىلىشقا باشلىغان.

*نۆلنى خارەزمى كەشىپ قىلغاندۇر.(نۆلنىڭ ماتېماتىكىدا قانچىلىك مۇھىملىقىنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە ئادەملەرمۇ بىلىدۇ. بۈگۈن ئەڭ ئاددىي ھېسابلاشلارنىمۇ نۆلسىز قىلىش مۇمكىن ئەمەس)

*سانلار سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت دائىرىلىرىدە بۇ سىستېما رەسمىي قوللىنىلىشقا باشلىغان. مۇسۇلمان ماتېماتىكلار بۇ سىستېمىغا تايىنىپ، تۆت ئەمەللىك ھېسابلاشنى باشلىغان.

*ئالگېبرانى بەرپا قىلغان.

*بەيتۇل ھېكمەتنىڭ باش باشقۇرغۇچىسى خارەزمى ئىدى.

*ئالگورىزىم ئاتالغۇسى ئەسلىدە خارەزمىنىڭ ئىسمىنىڭ لاتىنچىدىكى بۇزۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىشىدىن كەلگەندۇر.

* «ئەلجەبىر ۋەل مۇقابەلە» ئالگېبرانىڭ ئۇلتاش كىتابىدۇر.

*بۇ كىتابتا تۇنجى قېتىم ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يەشكەن.

*ئونلۇق سانلار سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان.

*كەسىرلەرنى ئىجاد قىلغان.

خارەزمىنىڭ يەنە جۇغراپىيە ھەققىدىمۇ مۇھىم تەكشۈرۈشلىرى ۋە ئەسەرلىرى بار بولۇپ، بۇ يەردە پەقەت ماتېماتىكا ساھەسىدىكى نەتىجىلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز.

 

ئەبۇل ۋەفا بۇزجانى

 

بۇزجانىنىڭ ھاياتى ھەققىدە قولىمىزدا تەپسىلىي مەلۇماتلار يوقتۇر. پەقەت مەۋجۇت مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇزجانى 940-يىلى ھېرات ۋە نىشاپۇر ئارىسىدىكى بۇزجان كەنتىدە تۇغۇلغان، 998-يىلى باغداتتا ۋاپات بولغان. بۇزجانى ماتېماتىكا تارىخىدا تىرىگونومېتىرىيەنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئىلىم-پەن تارىخچىسى فلوريان كاجورى (florian cajori)  «ماتېماتىكا تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە بۇزجانى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:  «بۇزجانى شۈبھىسىزكى خارەزمىنىڭ ماتېماتىكا ۋە گېئومېتىرىيەدىكى بايقاشلىرىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇردى، بولۇپمۇ گېئومېتىرىيە بىلەن ئالگېبرا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. شۇنىڭ بىلەن ئالگېبرالىق تەڭلىمىلەرنى گېئومېتىرىك يوللار بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك يەشتى. دىففېرېنسىيال ھېساب ۋە ئانالىتىك گېئومېتىرىيەنىڭ ئاساسىنى بەرپا قىلدى. مەلۇمكى، دىففېرېنسىيال ھېساب ئىنسان ئەقلى بايقىغان ئىنتايىن مۇھىم بايقاشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرقى زامان بىلىم-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئۇلىنى شەكىللەندۈرگەندۇر. بۇنىڭدىن باشقا بەتتانىڭ ئەسەرلىرىنى شەرھلەپ ئۇنىڭدىكى چۈشىنىكسىز قىسىملارنى ئايدىڭلاتتى».

بۇزجانىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى  «كىتابۇل كامىل» دۇر.

 

بەتتانى

 

859-يىلى ھەرراننىڭ بەتتان يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى جابىر ئىبنى سىنان ئەرراقىدۇر. ئەبۇ ئابدۇللا ياكى بەتتانى دېگەن نامى بىلەن مەشھۇردۇر. 929-يىلى ۋاپات بولغان.

بەتتانى ئىلىم-پەن تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاسترونوم ۋە ماتېماتىكىچىدۇر. بۇ يەردە پەقەت ماتېماتىكا ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيىتىنىلا تىلغا ئالىمەن. بەتتانى ماتېماتىكىدا تۇنجى قېتىم سىنۇس، كوسىنۇس، تانگېنس ئۇقۇملىرىنى قوللانغان كىشىدۇر. بەتتانى سىنۇس، تانگېنس جەدۋەللىرىنى سىزىپ چىققان. ۋە بۇنىڭ بۇ ئەمگەكلىرى ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن يەنە بىر بۈيۈك ماتېماتىك بۇزجانىغا ئاساس سالغان. سىنۇس ۋە كوسىنۇس تىرىگونومېتىرىيەنىڭ ئىككى ئاساسلىق ئۇقۇمىدۇر.

 

ئۆمەر ھەييام

 

ئۇيغۇرلاردا شائىرلىقى بىلەن تونۇلغان ئۆمەر ھەييام ئەسلىدە بۈيۈك ماتېماتىكتۇر. ھاياتى ھەققىدىكى مەلۇماتلار يېتەرلىك ئەمەس. كۆپ سانلىق تارىخچىلار تەرىپىدىن تۇغۇلغان ۋاقتى 1038-1048 يىللىرى ئارىسىدا، ۋاپاتى بولسا 1123-1132 –يىللىرى ئارىسىدا دەپ قارىلىدۇ. نېشاپۇرنىڭ يېقىنلىرىدا تۇغۇلغان بولۇپ، شۇ يەردە ۋاپات بولغان، قەبرىسىنى ھېلىھەم مىڭلارچە ئىنسان زىيارەت قىلىدۇ.

ئۆمەر ھەييام بۈيۈك سالجۇقىلار دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ، بۈيۈك سەلجۇق سۇلتانى مەلىكشاھنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئوردىغا بېرىپ، بىر كالېندار تۈزۈپ بەرگەن. بۇ كالېندار ئىراندا ھازىرمۇ قوللىنىلماقتا.

*ئۆمەر ھەييام ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئون ئۈچ خىل پەرقلىق تەڭلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

*تەڭلىمىلەردىكى نامەلۇم سانلارنى  «شەيئى» دەپ ئاتىغان ۋە كېيىن بۇ ھازىر ماتېماتىكىدا قوللىنىلىۋاتقان X كە ئايلانغان.

*ئىككى ئەزالىقنى يېيىشنى تۇنجى بايقىغان ۋە قوللانغان كىشى ئۆمەر ھەييامدۇر.

*پاسكال ئۈچبۇلۇڭى دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان بۇ ماتېماتىكىلىق بايقاش ئەسلىدە ئۆمەر ھەييامغا تەۋەدۇر.

*ئۇ يازغان  «جەبىر رىسالىسى» ئوتتۇرا ئەسىر ماتېماتىكا كىتابلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئۆرنەك، تۈزۈلۈشى چۈشىنىشلىك كىتابلارنىڭ بىرىدۇر.

*ئۇ يەنە  «ئېۋكېلدنىڭ كىتابىدىكى قىيىن مەسىلىلەرگە شەرھ» ناملىق بىر كىتاب يازغان.

 

نەسرۇددىن تۇسى

 

1201-يىلى تۇس شەھرىدە تۇغۇلغان، 1274-يىلى باغداتتا ۋاپات بولغان. تۇسى بىلىمنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىدە يۈكسەك سەۋىيەدە يېتىشكەن يېتۈك بىر ئالىم بولۇپ، ئەڭ ئاساسلىق تۆھپىسى ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكىدا گەۋدىلىنىدۇ.

بەتتانى ئۇلىنى بەرپا قىلغان، بۇزجانى مۇستەھكەملەپ سىستېمىلاشتۇرغان تىرىگونومېتىرىيە تۇسى تەرىپىدىن ھەقىقىي مەنىدىكى مۇستەقىل پەنگە ئايلاندۇرۇلدى. ئۇنىڭ تىرىگونومېتىرىيەگە ئالاقىدار كىتابى ھازىرمۇ قوللىنىلىۋاتقان بەزى فورمۇلالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزكۇر كىتابى ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇزۇن بىر مۇددەتكىچە قوللانما كىتاب بولۇپ پايدىلىنىلغان ئىدى. تۇسىنىڭ ماتېماتىكا كىتابىنىڭ ئىسمىمۇ  «ئەلجەبىر ۋەل مۇقابەلە» دۇر.

ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئالىملار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، سەھىپە ئېتىبارى سەۋەبىدىن پەقەت ئەڭ ۋەكىللىك بىر قانچەيلەننى تونۇشتۇرۇشنى بىلەن كۇپايىلەندۇق.

 

تېبابەت

 

ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى سەييىد ھۈسەيىن نەسرى مۇنداق دەيدۇ:  «ئىسلام تېبابىتى ۋە ئۇنىڭ دورىگەرلىك، تاشقى كېسەللىكلەر قاتارلىق تارماقلىرى مەنىۋىي ئۇرۇقىنى ئىسلامدىن ئالغان، يۇنان، ھىندىستان تېبابىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدىن ئوزۇقلىنىپ تەرەققىي قىلغان.»

بىلىشىمىز كېرەككى، ئىسلام مەدەنىيەت تارىخىدا تېبابەت ئىلمى ئەڭ قارشى ئېلىنغان، ئەڭ سۆيۈلگەن بىر ئىلىم ئىدى. نۇرغۇنلار دىنىي ئۆلىمالار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تېۋىپ، ھەكىم ئىدى. بۇ ئەھۋال بىزنىڭ تارىخىمىزدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ھەدىس شەرىفلەردە داۋالىنىش، كېسەللىك ھەققىدە يۈزلىگەن ھەدىسلەر بار بولۇپ،  «پەيغەمبەر تېبابىتى» دېگەن ئاتالغۇمۇ شەكىللەنگەن، مەشھۇر ئالىم ئىبىن قەييىم جەۋزىنىڭ  «پەيغەمبەر تېبابىتى» دېگەن ئەسىرى مۇشۇ تېمىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر. (مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ بار) تېبابەت تىلغا ئېلىنغىنىدا، كاللىمىزغا دەماللىققا ئۇيغۇر تېبابىتىمىز كېلىدۇ، ھەرگىزمۇ ئوپېراتسىيە قىلىش، ئوكۇل ئۇرۇش، بەدەن ئاناتومىيەسى دېگەندەك غەرب مېدىتسىناسىغا تەئەللۇق ئۇقۇملار كەلمەيدۇ. ئەمما ئەسلى پاكىتلار بۇنداق ئەمەس.

مەشھۇر شەرقشۇناس جاكيۇس رىسلېر (jaques risler)  «ئەرەب مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:  «مۇسۇلمانلار تەخمىنەن بەش ئەسىردىن ئۇزۇن بىر مۇددەتتە، دۇنيا تېبابىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىدە تۇردى.  ھەزرىتى مۇھەممەدتىن كەلگەن تېبابەتكە ئالاقىدار ھەدىسلەر 300گە يېقىندۇر. 622-يىلىدىن 661-يىلىغىچە بولغان ھىجرەتتىن، خۇلەفائى راشىدىنلار دەۋرىگىچە بولغان ۋاقىتتا ھەكىملەر تېڭىقچىلىق، داغلاش، قان ئېلىش، ھىجامەت (لوڭقا قويۇش) قاتارلىق تېخنىكىلارنى بىلەتتى. يەنە ئۇنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى مۇسۇلمانلار تېبابىتىنىڭ بىز چۈشەنگەن مەنىدىكى  نوقۇل  «تېۋىپلىق» لا ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ:  «مۇسۇلمانلار قەدىمكى يۇنانلىقلار ئاچمىغان يولنى ئاچتى. سەۋرلىك، بوشاشماس، ئەستايىدىل ئىزدەنگۈچىلەر بولغانلىقتىن، تېببىي كۆزىتىشلىرىنى توپلىدى. ئۇ دەۋرلەردىن باشلاپ، تېبابەت رەسمىي تەجرىبىۋىي ماھىيەت ئالدى. ئەلى ئىبنى ئابباس ئۆزىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى بۇرۇنقى كىتابلاردىن ئەمەس، بەلكى دوختۇرخانىلاردىن توپلىغىنىنى تىلغا ئالىدۇ. شۇ دەۋردىن باشلاپ، مەدرىسلەرگە ئىلىم-پەن بۆلۈملىرى، تېبابەت فاكۇلتېتلىرى، لابوراتورىيەلەر قوشۇلدى». ئارتۇر پېللگرىنو مۇنداق دەيدۇ:  «پۈتۈن ئوتتۇرا ئەسىر بويىچە، مۇسۇلمانلار بولۇپمۇ تېبابەت ساھەسىدە ئىنكار قىلغۇسىز ئۈستۈن ئورۇندا ئىدى. مۇسۇلمان ھەكىملەر كېسەللىك مەنبەسى، جەريانى، كىلىنىك كۆزىتىش ھەتتا ئوپېراتسىيە ساھەلىرىدىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى».

مەسىلەن: ئىسپانىيەدە ياشاپ ئۆتكەن ئىبىن زۇھر (1091-1162) تېبابەتكە  «ئىلمىي تەپەككۇر پىرىنسىپلىرى» نى ئېلىپ كىردى. ئۇ مۇنداق مۇھىم مەسىلىنى بايقىغان:  «ئىنسان بەدىنى ئۆزىنى ئۆزى ساقايتىشقا قادىردۇر». (ئىممۇنىتېت ئۇقۇمى) نەپەس يوللىرى ئوپېراتسىيەسى ھەققىدە ماقالىلەر يازغان. كېسەلگە قان تومۇرى ياكى باشقا سۈنئىي يوللاردىن ئوزۇقلاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاشقازاندىكى ياكى بەدەننىڭ مەلۇم ئەزاسىدىكى راكنىڭ باشقا ئەزاغا يۆتكىلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ تىلغا ئالغان.

تېبابەت ئىسلام جۇغراپىيەسى ئىچىدە باشقا تەبىئىي پەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ تەرەققىي قىلغان بىر پەن ھېسابلىنىدۇ.  بۇ تۇپراق ئىچىدىكى باغداد ، ئەندەلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە )، تۈركىستان، ۋە ئانادولۇ (ئاناتولىيە) دا ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى زامانىۋى دوختۇرخانىلار قۇرۇلغان. ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر مەدەنىيەت تارىخچىسى ۋىل ديۇرانتنىڭ زور ھەجىملىك ئەسىرى  «دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى “ دا مۇنداق دەيدۇ:  «تارىختىكى تۇنجى ئامبۇلاتورىيە ۋە دورىخانىلارنى مۇسۇلمانلار قۇرغان. ئوتتۇرا ئەسىردىكى تۇنجى دورىگەرلىك مەكتىپىنى ئۇلار قۇردى. دورىگەرلىككە ئالاقىدار كاتتا ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇ دەۋردە ئىسلام ئالىمىدە ئوتتۇز تۆت دوختۇرخانا قۇرۇلغان. ھەتتا نېرۋا كېسەللىرى ئۈچۈن ناھايىتى ئىنسانچىل داۋالاش ئۇسۇللىرى تەتبىقلىناتتى. 931-يىلى باغداتتا 860 ھەكىم بار ئىدى، ھەر بىر دوختۇرخانىدا بىر باش ھەكىم بولاتتى. ھەر سەھەر بىمارلارنى بىر-بىرلەپ يوقلاپ ھال ئەھۋاللىشاتتى. باش ھەكىمنىڭ شاگىرت ھەكىم، ياردەمچى، كېسەل باققۇچىلار (ھازىرقى مەنىدىكى سېسترا ) ھەمراھ بولاتتى. باش ھەكىملەر بوش ۋاقىتلىرىدا تەتقىقات، ئىزدىنىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئىلىمىي يىغىنلار بولاتتى. كېسەللەر تامامەن ھەقسىز داۋالىناتتى..»

تۆۋەندە بىز بىر قانچە ئەڭ ۋەكىللىك تېبابەت ئالىمىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمىز.

 

مۇھەممەد ئىبنى زەكەرىيا رازى

 

بۇ زات ئەبۇ بەكرى رازى دېگەن نام بىلەن مەشھۇردۇر. ئۇ بەلكىم ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپكى كىلىنىك ھەكىمدۇر. 865-يىلى ئىراننىڭ رەي (ھازىرقى تېھران) شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. رازى ئوتتۇرىغا قويغان تېبابەتكە ئالاقىدار بىلىم-مەلۇماتلارنى تەپسىلاتى بىلەن تونۇشتۇرۇشقا مەزكۇر ماقالە يار بەرمەيدۇ. رازى يەنە ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر پەيلاسوپلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغاندۇر. ئۇ تېبابەتنى ئەلى ئىبنى رەبباندىن ئۆگەنگەن دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئىزدەنگەن بىيرۇنى رازىنىڭ 184 پارچە ئەسىرىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بىزگە ئۇلىشالىغان ئەسەرلىرى كۆپ ئەمەس.  «ئەلھاۋى» ئۇنىڭ تېبابەت ساھەسىدىكى يېتۈك ئەسىرىدۇر شۇنداقلا بۇ ئەسەر ئىسلام تېبابىتىدىكى ئەڭ زور ھەجىملىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. رازى ئەسلىدە ئاۋۋال رەي شەھرىدە كېيىن باغدادتىكى چوڭ دوختۇرخانىدا ئەمەلىي كېسەل داۋالىغان. بولۇپمۇ باغدادتىكى ئەڭ چوڭ دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى بولغان. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بۇ ۋەكىللىك ئەسىرى ئۆزىنىڭ داۋالاش تەجرىبىلىرى ۋە كېسەللەرنى بىۋاسىتە كۆزىتىشلىرىنى بىرىكتۈرۈپ يېزىلغاندۇر.  يەنى ئۇ نوقۇل بىر تېبابەت كىتابىلا يازغان ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي كېسەل داۋالىغان بىر دوختۇردۇر.

 

ئىبنى سىنا

 

مۇسۇلمان ئالىملىرى ئىچىدە ئىبىن سىنا ئۇيغۇرلارغا ئەڭ تونۇشلۇق ئىسىملاردىن بىرىدۇر. ئىبىن سىنا بەلكىم ئىنسانلار تارىخى شاھىت بولغان ئەڭ زېرەك، ئەڭ ئۈنۈمدار، ھوسۇلدار ئىنسانلارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە ئۇ ئون يېشىدىلا قۇرئاننى يادلاپ بولغان، ئون ئالتە يېشىغىچە ئاساسەن دېگۈدەك شۇ دەۋردىكى بارلىق ئىلىم تارماقلىرىغا مۇپەسسەل ئىگىلىگەن . ئۇ 980-يىلىدىن 1037-يىلغىچە بولغان قىسقىغىنا 57 يىللىق ئۆمرىدە ئۇزۇن-قىسقا بولۇپ جەمى 250 پارچە كىتاب يازغان. ھەتتا ئۇنىڭ بەزى كىتابلىرىنى ئات ئۈستىدە كېتىۋېتىپ يازغانلىقىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ.

شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ تېبابەتكە ئائىت ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق  «ئەلقانۇن فىت تىب» (تېبابەت قانۇنلىرى) دۇر. غەربتە ئاۋېيسېنا نامى بىلەن تونۇلغان ئىبىن سىنانىڭ مەزكۇر بۈيۈك ئەسەر ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپاسىدا يۈز يىللارچە دەرسلىك قىلىنغان ۋە كۆپ نەشر قىلىنغان تېبابەت كىتابىدۇر. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنى ئىسلام تېبابىتىنىڭ چوققىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئىبىن سىنا نوقۇل بەدەن كېسەللىكلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى روھىي كېسەللىكلەرگىمۇ دىققىتىنى قاراتقان، ئۇ خامۇشلۇق كېسىلىگە ناھايىتى ئەتراپلىق ئېنىقلىما بەرگەن. (مەزكۇر ئەسەر ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان).

 

ئاسترونومىيە

 

سەييىد ھۈسەيىن نەسر مۇنداق دەيدۇ:  «مۇسۇلمانلار ئاسترونومىيەدە ئىران، ھىندى مەنبەلىك بىلىملەرگە تايىنىش بىلەن بىرگە، يۇنان ئاسترونومى پتولېمىيغىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلغان، ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسلام ئاسترونومىيەسى ئۆزىنىڭ تارىختىكى ئەڭ پارلاق دەۋرىنى ياراتتى».

ئابباسىيلار دەۋرىدىكى ئاسترونوم مۇھەممەد ئىبىن فەزارى ئىسلام ئاسترونومىيەسىدە تۇنجى ئۇستۇرلابنى ئىجاد قىلدى. ئابباسىيلار خەلىپىسى مەئمۇن دەۋرىدە  «بەيتۇلھېكمەت» نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن پارلاق دەۋرگە كىرگەن تەرجىمىچىلىك ھەرىكىتىدە يۇنانلىق پتولېمىينىڭ مەشھۇر ئاسترونومىيە كىتابى  «ئالماگېست» (Almagest) ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئىسلام جۇغراپىيەسىدىكى ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. بۇلاردىن كېيىن بەتتانى كەلدى. بەتتانى ئىسلام ئاسترونومىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئېنىق، ئەڭ توغرا ئۆلچەشلەرنى ئېلىپ بارغان ئاسترونومدۇر. بەتتانى قۇياشتىن ئەڭ يىراق نۇقتىنىڭ داۋاملىق يىراقلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنى بايقىغاندۇر. ئۇنىڭ  «يۇلتۇزلار ئىلمى ھەققىدە» ناملىق كىتابى غەرب دۇنياسىدا ئۇزاققىچە مۇشۇ ساھەنىڭ ئانا كىتابلىرىدىن بولۇپ كەلدى. كوپېرنىكمۇ نۇرغۇن يەرلەردە بەتتانىدىن نەقىل ئالغىنىنى ۋە ئۇنىڭغا تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتىدۇ.

بەتتانى رەققە شەھرىدە بىر رەسەتخانا قۇرغان بولۇپ، بۇ رەسەتخانا 887-918-يىللىرى ئارىسىدا مۇھىم كۆزىتىشلەرنى ئېلىپ بارغان. قۇياش، ئاي تۇتۇلۇشىنى كۆزەتكەن، پەسىللەرنىڭ مۇددىتىنى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدىكى ئېنىقلىق بىلەن ھېسابلاپ چىققان. ئۇنىڭ ئەڭ مەشھۇر مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرى قۇياش يىلىنىڭ 365 كۈن بەش سائەت قىرىق ئالتە مىنۇت يىگىرمە تۆت سېكۇنت بولىدىغانلىقىنى ئۆلچەپ چىققانلىقىدۇر. ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن ساھەسىمۇ بەتتانىنى ھازىرغىچە ئۆتكەن ئەڭ بۈيۈك يىگىرمە ئاسترونومنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلغان. ئاي شارىدىكى بىر ئورەككە بەتتانىنىڭ ئىسمى بېرىلگەندۇر. (بەتتانىنىڭ غەربتىكى ئىسمى Albategnius-)

بەتتانى مۇنداق دەيدۇ:  «ئىلمى نۇجۇم (يۇلتۇزلار ئىلمى ) ئىنسانلارنىڭ شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلىش ئېھتىياجىدىن تۇغۇلغان، ئىنسانلار بۇ ئىلىم بىلەن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىسپاتلاشقا، ئۇنىڭ تەڭداشسىز ئەزەمىتىنى، چوڭقۇر ھېكمەتلىرىنى، قۇدرىتىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مۇكەممەللىكىنى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولىدۇ».

بۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇراخمان سۇفى، ئەبۇل ۋەفا بۇزجانى، ئەندەلۇستا ياشىغان ئەبۇلقاسىم مەجرىدى، زەرقالى، باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن نەسرۇددىن تۇسى، ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ تالىپى ئەلى قۇشچى قاتارلىقلار ئىسلام ئاسترونومىيەسىدىكى ئەڭ پارلاق سىمالاردۇر. بولۇپمۇ تۇسى، بەنى مۇسا ئاكا-ئۇكىلار، ئەبۇ رەيھان بىيرۇنى، فەرغانى قاتارلىقلار تارىختىكى ئەڭ بۈيۈك ئاسترونوملاردۇر.

ئىسلام ئاسترونومىيەسىدە يەنە ناھايىتى مۇھىم تەكشۈرۈش، كۆزىتىش ئەسۋابلىرىمۇ ياساپ چىقىلغان. شۇنداقلا قۇرۇلغان رەسەتخانىلارمۇ ئاسترونومىيە ئىلمىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان.

خەلىپە مەئمۇن دەۋرىدە قۇرۇلغان شەمماسىيە رەسەتخانىسى ئىسلام دۇنياسىدا قۇرۇلغان تۇنجى رەسەتخانا ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر رەسەتخانا قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەئمۇن يەنە شام دىيارىدىكى قەسيۇن تېغى ئۈستىگە ئىككىنچى رەسەتخانىسىنى سالغان. باغداد رەسەتخانىسى شۇ چاغدىكى باغداد ھۆكۈمدارى بۇۋەيھىلەردىن شەرەفۇددەۋلە تەرىپىدىن 982-يىلى بەرپا قىلىنغان بولۇپ، بۇ رەسەتخانىدا ئابدۇراخمان سۇفى، ئەبۇ سەھل كۇفى، بۇزجانى قاتارلىق بۈيۈك ماتېماتىك ۋە ئاسترونوملار خىزمەت قىلغان. ھەمەدان رەسەتخانىسى 1025-يىلى ئىبىن سىنانىڭ تەلىپى بىلەن ئىسپاھان ئەمرى ئەلائۇددەۋلە تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، رەسەتخانىدا ئىبىن سىنا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى جۇزجانى خىزمەت قىلغان. بۇ يەردە تۇنجى قېتىم مىكرومېتىرغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈسكۈنە ئىشلىتىلگەن. مەلىكشاھ رەسەتخانىسى بۈيۈك سەلجۇق ئىمپېرىيەسى سۇلتانى مەلىكشاھ تەرىپىدىن 1075-يىلى ئىسپاھان يېقىنلىرىغا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يەردە ئۆمەر ھەييام قاتارلىق كىشىلەر ئىشلىگەن، ئۆمەر ھەييام سۇلتاننىڭ تەلىپى بويىچە بىر كالېندار تۈزگەن بولۇپ، توغرىلىق دەرىجىسى ھازىر قوللىنىلىۋاتقان گرىگورىيان كالېندارىدىن يۇقىرى ۋە ئىنچىكىدۇر. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە ئۆمەر ھەييامنىڭ كالېندارىنىڭ گرىگورىياننىڭ خەرىتىسىدىن ئالتە يۈز بۇرۇن ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق لازىم. مەراغا رەسەتخانىسى 1259-يىلى ھىلاكۇ تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنى بۈيۈك ئالىم نەسرۇددىن تۇسى باشقۇرغان، ئۇ پەقەت بىر كۆزىتىش ئۆيىلا بولۇپ قالماستىن، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا قاتارلىق دەرسلەر ئوقۇتۇلىدىغان مەكتەپمۇ بولغان، 400 مىڭ پارچە كىتابقا ئىگە كۇتۇپخانىسى بار ئىدى ۋە بۇ رەسەتخانا 60 يىل ساغلام خىزمەت قىلغان.

تىمۇ ئىمپېراتورلۇقى ھۆكۈمدارلىرىدىن ئۇلۇغبەگنىڭ رەسەتخانىسى (سەمەرقەنت رەسەتخانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) 1420-يىلى سەمەرقەنتتە قۇرۇلغان بولۇپ، ئەڭ زامانىۋى ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كۆزىتىشلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى خۇلاسىلەپ ئىشلىگەن ئۇلۇغبەگ جەدۋىلى (زىججۇل ئۇلۇغبەگ) غەربتە تەرجىمە قىلىنىپ پايدىلىنىلغان. يەنە 1575-يىلى قۇرۇلغان ئىستانبۇل رەسەتخانىسى قاتارلىقلار بار. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت قۇرغان رەسەتخانىلار بولۇپ، 840-869-يىللىرى ئارىسىدا خىزمەت قىلغان بەنى مۇسا ئاكا-ئۇكىلارنىڭ رەسەتخانىسىنى ئۇلار ئۆز سەرمايىسى بىلەن ئۆيىدە قۇرغان. 887-918-يىللىرى ئارىسىدا خىزمەت قىلغان بەتتانىنىڭ شەخسى رەسەتخانىسىغا ئوخشاش خۇسۇسىيلار قۇرغان رەسەتخانىلارمۇ بولغان.

ئۇلۇغبېكنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسەن رۇسىيەگە توشۇپ كېتىلگەن بولۇپ، مەشھۇر رۇس شەرقشۇناس بارتولد  «ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ: «ئىلىم تەلەپ قىلماق ھەر بىر ئەر ۋە ئايال مۇسۇلمانغا پەرزدۇر»  دېگەن ھەدىس ئېسىلغان سەمەرقەنت، بۇخارا مەدرىسلىرى بۇ ھەدىسنىڭ ئىسپاتلىرىدۇر. ئۇلۇغبېك قۇرغان رەسەتخانا بۈيۈك نەتىجىلەرنى ياراتقاندۇر. بۇ رەسەتخانىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تاكى تېلېسكوپ ئىجاد قىلىنغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە، ئۆز ساھەسىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق بىلىم سەمەرەلىرى ئىدى». ئەمەلىيەتتىمۇ، ئۇلۇغبېكنىڭ بەش ئەسىر بۇرۇنقى ھېسابلاشلىرىنىڭ بۈگۈنكى بىلەن شۇنچە يېقىن چىقىشى بىلىم ساھەسىنى ھەيران قالدۇرغاندۇر.

ۋىل ديۇرانت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:  «بىيرۇنى دۇنيانىڭ يۇمىلاقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن، ھەممە نەرسىنى يەر مەركىزىگە تارتىدىغان بىر كۈچ بارلىقىنىمۇ بايقىدى. يەرنىڭ ھەركۈنى ئۆز ئوقىدا، يىلدا بىر قېتىم قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى تەتۈر نۇقتىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى».

نۆۋىتى كەلگەندە بىيرۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش زۆرۈر. بىيرۇنىنىمۇ ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ زېرەك، تىرىشچان، ھوسۇلدار ئالىملارنىڭ بىرى دەپ قاراش مۇمكىن. بىيرۇنى 973-يىلى خارەزمدە تۇغۇلدى. ۋاپات بولغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، ئادەتتە 1051-يىلى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇ ھاياتى بويىچە 180 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر قالدۇرغان بولۇپ، جەمى 13 مىڭ سەھىپىگە يېتىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ ئەسەرلەردىن ئاران يىگىرمە پارچىسى بىزگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ ھەم ئاسترونوم، ھەم ماتېماتىك، ھەم جۇغراپىيەشۇناس، ھەم تارىخچىدۇر. ئوتتۇز يېشىدا يەرشارىنىڭ ئايلانمىسىنى كىچىككىنە خاتالىق پەرقى بىلەن ھېسابلاپ چىققان. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان  «بۈگۈنكى تارىخ» (history today) ژۇرنىلىدا چىققان بىر ماقالىدە بىيرۇنىنى نەزەرىيە جەھەتتىن ئامېرىكا قىتئەسىنى تۇنجى بايقىغان ئادەم دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

 

جۇغراپىيە ۋە خەرىتىچىلىك

 

ھىجرىيە 1- ئەسىردىن باشلاپلا، ئىسلام جۇغراپىيەسى كېڭىيىشكە باشلىدى. بۇ خىل ئەھۋال جۇغراپىيە، خەرىتىچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ شارائىتىنى ھازىرلىدى. مۇسۇلمانلار غەربتە ئەندەلۇستىن شەرقتە تاكى ھىندىستانغىچە بولغان كەڭرى زېمىندا ئەركىن سەير-ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.

مىلادى 830-يىللىرى ئەتراپىدىلا ئابباسىيلار خەلىپىسى مەئمۇن يەرشارىنىڭ خەرىتىسىنى سىزدۇرغان. بۇ خەرىتە كېيىن ياۋروپادا سىزىلغان خەرىتىلەرنىڭ ئۆرنەك نۇسخىسى بولۇپ قالغان. 11-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئىسلام دۇنياسىدا ماتېماتىكىلىق جۇغراپىيە ئىلمىنىڭ ئاساسى بەرپا قىلىنىشقا باشلىدى. شۈبھىسىزكى، بۇ يەنە بىيرۇنىدىن باشلاندى. بىيرۇنى غەزنەۋىلەرنىڭ پايتەختى غەزنە شەھىرى بىلەن باغدادنىڭ ئارىسىدىكى يەرلەرنىڭ مېردىئان ۋە پاراللېل دەرىجىلىرىنى ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش، مۇساپە ئۆلچەش ۋە تىرىگونومېتىرىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىنى قوللىنىپ بەلگىلەپ چىققان. ئىككى ئارىدىكى ئاتمىشتىن ئارتۇق يەرنىڭ ئۆلچەنگەن سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھازىرقى ئۆلچەنگەن قىممەتلەر بىلەن بولغان پەرقى ئاران 6-45 مىنۇت ئارىلىقىدا بولۇپ چىققان.

دېڭىزچىلىقتا ئەڭ دەسلەپ كومپاسنى ئىشلەتكەنلەر مۇسۇلمانلاردۇر. كومپاس غەربكە مۇسۇلمانلارنى قولى ئارقىلىق يەتكەن. دوكتور سىگرىد يۇقىرىدىكى كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ «بىزدە ئامالفى فلاۋىئو گيويا (Amalfi Flavio gioia) كومپاسنىڭ ئىجادچىسى دەپ تونۇلىدۇ، ئەمما ئۇ كومپاسنى مۇسۇلمانلاردىن ئۆگەنگەن، ئەسلىدە ئەھلى سەلب ئۇرۇشى جەريانىدا ئەھلى سەلبتىن پېترۇس كومپاسقا ئالاقىدار مەلۇماتلارنى مۇسۇلمانلاردىن ئىگىلەپ فىرانسىيەگە ئېلىپ بارىدۇ».

بىزنىڭ ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ دىۋاندىكى دۇنيا خەرىتىسىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى خەرىتىلەردىن بىرىدۇر. دۇنيانىڭ يۇمىلاقلىقىنى ئىپادىلىگەن، تۇنجى قېتىم ياپونىيەنى خەرىتىگە چۈشۈرگەنلىكى بىلەن ئالاھىدە مەشھۇردۇر.

ئاخىرىدا بۈيۈك جۇغراپىيەچى ۋە خەرىتىچى پىرى رەئىس ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىمىز.

پىرى رەئىسنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھىيددىن پىرىبەي بولۇپ، 1465-يىلى گەلىبولۇدا تۇغۇلدى. 1554-يىلى قاھىرەدە ئىتائەتسىزلىك جىنايىتى بىلەن تۆھمەت قىلىنىپ كاللىسى ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ تاغىسىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى دېڭىز قاراقچىلىق سەپەرلىرىگە قوشۇلۇپ چوڭ بولدى. 1511-يىلى تاغىسى ئۆلگەندىن كېيىن، گەلىبولۇدا دېڭىزچىلىقتىن ۋاز كېچىپ بۇرۇن توپلىغان مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن خەرىتە سىزىشقا كىرىشتى. 1513-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى دۇنيا خەرىتىسىنى سىزدى. 1521-يىلى  «كىتابۇل بەھرىيە» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىنى تاماملىدى. 1525-يىلى بۇ كىتابنى يەنىمۇ تۈزىتىپ، باش ۋەزىر ئىبراھىم پاشانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قانۇنى  سۇلتان سۇلايمانغا تەقدىم قىلدى. 1528-يىلى 2- دۇنيا خەرىتىسىنى سىزىپ، بۇنىمۇ سۇلتان سۇلايمانغا تەقدىم قىلدى. 1513-يىلى سىزىلغان خەرىتىسى 1928-يىلى توپقاپى مۇزېيىدىن تېپىلدى. بۇ پۈتۈن خەرىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ئامېرىكا، ئافرىقا ۋە جەنۇبى قۇتۇپنى كۆرسەتكەن ئىدى. ۋەھالەنكى جەنۇبى قۇتۇپ تېخى 1818-يىلى بايقالغان ئىدى.

كىتابۇل بەھرىيە ناملىق كىتابىدا بولسا چوڭ-كىچىك 200 پارچىگە يېقىن خەرىتە سىزىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. 2013-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يۇنېسكو پىرى رەئىس خەرىتىسىنىڭ 500 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

 

جەمئىيەتشۇناسلىق

 

ئىلىم-پەن تارىخى دېگىنىمىزدە كاللىمىزغا باشتا يۇقىرىدا بايانى ئۆتكەن تەبىئىي پەنلەر كېلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا جەمئىيەتشۇناسلىقنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتۈشنى توغرا كۆردۈم. ئادەتتە جەمئىيەتشۇناسلىق تارىخىدا فىرانسىيە مۇتەپەككۇرى ئاۋگۇست كومت تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق جەمئىيەتشۇناسلىق ئەسىرى يازغان دەپ قارىلىدۇ. ئەمما يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتلاردا بۇ پەننىڭ دەسلەپكى ئاساسچىسىنىڭ 1332-يىلى تۇنىستا تۇغۇلغان بۈيۈك ئىسلام ئالىمى ۋە تارىخچىسى ئىبنى خەلدۇن ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ. ھازىر غەربتە نەشر قىلىنغان جەمئىيەتشۇناسلىق كىتابلىرىدا مەزكۇر پەننىڭ تارىخىنى سۆزلىگەندە ئىبىن خەلدۇننى تىلغا ئالىدۇ ۋە يۈكسەك باھا بېرىدۇ. ھازىر ئىبىن خەلدۇننىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مىڭلىغان ئاكادېمىك تەتقىقات ماقالە، ئەسەرلەر باردۇر ۋە داۋاملىق يېزىلىۋاتىدۇ.

ئىبىن خەلدۇنغا بۇ شۆھرىتىنى ئاتا قىلغىنى ئۇنىڭ  «كىتابۇل ئىبەر ۋە دىيۋانۇل مۇبتەدە ۋەل خەبەر» ناملىق تارىخ كىتابىغا يازغان مۇقەددىمىسىدۇر. ئىلىم ساھەسىدە مۇقەددىمە ئىسمى بىلەن مەشھۇردۇر. ئىبىن خەلدۇننى تارىخ پەيلاسوپى، جەمئىيەتشۇناس دېگەن نامغا ئىگە قىلغىنى دەل مەزكۇر مۇقەددىمىدۇر. ئىبىن خەلدۇن  «مۇقەددىمە» سىدە مەدەنىيەت، دۆلەت، مىللەتلەرنىڭ تۇغۇلۇشى، يۈكسىلىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرىدۇ. بولۇپمۇ ئىسلام مىللەتلىرى ھەققىدە ئالاھىدە چوڭقۇر مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

يازغانلىرىم ئەمەلىيەتتە دېڭىزدىن تامچىدۇر. ئۇچۇشنى ئەمەلىي سىناق قىلغان ئىبىن فىرناس، بوتانىك ئىبن بەيتار، دىنەۋەرى، تۇنجى قېتىم بۆرەك ئوپېراتسىيەسى قىلغان زەھرابى، يۇقۇملۇق ئاق كېسەل يەنى جۇزامنى داۋالىغان 10-ئەسىردە ياشىغان ئىبن جەسسار قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن بولمىدى. مەسىلەن: ئابدۇللا كوجايۈرەكنىڭ  «ئىسلام بىلىم تارىخى» دېگەن كىتابىدا جەمى 95 نەپەر ئالىمنى بايان قىلغان بولۇپ، مەن پەقەت ئون نەچچە ئالىمنىلا تىلغا ئالدىم. فۇئات سەزگىن ئۇستازنىڭ  «ئەرەبچە ئىلمىي مىراسلار تارىخى» ناملىق 27 گىگانت ئەسەرنىڭ 20 تومغا يېقىنى تەبىئىي پەن ھەققىدە توختالغاندۇر.

ئەپسۇسكى، ئىنسانلارنىڭ بىلىم تارىخىدا 800 يىللىق بىر ئالتۇن دەۋرنى ياراتقان ئىسلام دۇنياسى 16-ئەسىرلەردىن باشلاپ، بىلىمدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى يوقىتىپ قويۇشقا، غەرب دۇنياسى ئاستا-ئاستا ئۈستۈن ئورۇنغا چىقىشقا باشلىدى. ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەبىئىي پەندىكى چۆكۈشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۆز ئالدىغا چوڭ بىر مۇستەقىل تېما بولغاچقا، بۇ كىچىك ماقالىدە بۇ تېمىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش مۇمكىن بولمىدى. قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رەت قىلغىلى بولمايدىغان پاكىت شۇكى، مۇسۇلمانلار ئىلىم-پەندىكى ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىقتىساد، سىياسىي-ھەربىي كۈچ جەھەتلەردىمۇ پەيدىنپەي چۆكۈشكە يۈز تۇتتى. مانا بۈگۈن مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان خارلىقنى مۇشۇ چۆكۈشنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك نەتىجىسى دېيىش خاتا ئەمەستۇر. چۈنكى، مۇسۇلمانلار ئىلىم-پەندىنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئىلىم-پەن ئېلىپ كېلىدىغان كۈچتىن مەھرۇم قالدى، بۇنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى سۈپىتىدە كۈچسىزلىك ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولۇشتىن قۇتۇلالمىدى.

 

خاتىمە

 

گەرچە مۇسۇلمانلار تارىختا ئەنە شۇنداق شانلىق سەھىپىلەرنى يازغان، مىسلىسىز ئالتۇن دەۋر ياراتقان بولسىمۇ، بۈگۈنكى رېئاللىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنە شۇ ئەنئەنىگە لايىقىدا ۋارىسلىق قىلالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. مەسىلىنىڭ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق تەرىپى ئۇشبۇ رېئاللىقنىڭ ئۆزى بولماستىن، بەلكى ھېلىھەم مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ پاجىئەلىك رېئاللىقنى ماھىيىتىدىن تونۇپ يەتمەسلىكى، ئېتىراپ قىلماسلىقى، ئۇنىڭغا يۈزلەنمەسلىكى، قۇلاق يوپۇرۇشى، كۆرمەسكە سېلىشىدۇر. ئاجىزلىقلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىدىن قورقۇش تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئاجىزلىقتۇركى، بۇ ئاجىزلىقنى ئەبەدىيلەشتۈرىدۇ. بۈگۈنكى دەۋر  ئىلىم-پەن جۇغراپىيەسىدىكى ئەڭ قاقاس رايون مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان جۇغراپىيەدۇر. نوپۇسى سەككىز مىليون ئەتراپىدا كېلىدىغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى يۈز مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇلارنى قورقۇتۇپ تۇرالىشىنىڭ ئارقىسىدا يۈكسەك ئىلىم-پەن كۈچى باردۇر. ئۇلارنىڭ ئۇ قەدەر خورىكى ئۈستۈن، ئۆكتەملىكىنى ئۇلار ئىگە بولغان ئاتوم بومبىسى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللىرى بىلەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىز ۋە چارىسىز ھالىنى ئۇلارنىڭ قوراللىرىنىڭ ئاددىي ۋە قالاقلىقى بىلەن باغلىماسلىق مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر ھازىر مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق ئادەم ئۇيالغىنىدىن يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بىر مەنزىرىگە دۇچار بولىمىز. بۇ يەردە ئۇ سېلىشتۇرمىلارغا ھاجەت بولمىسا كېرەك.

ئەمدى سۆزىمىزنىڭ دائىرىسىنى سەل تارايتىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم-پەن پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىدىغان بولساق، ھالىمىزنى يۇقىرىقى كارتىنىدىن جىق پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ دېيىش مۇمكىن. بولۇپمۇ ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىندارلار قاتلىمىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك. تەبىئىي پەن ئۆگىنىش، ئۆگىتىش، بالىلىرىمىزنى تەبىئىي پەنلەردە ئوقۇتۇشنىڭمۇ بىر دىنىي مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەنلەر ئىنتايىن ئاز ساندا، ھەتتا ئەھلى ئۆلىمالار ئىچىدىنمۇ بۇنىڭغا تەشۋىق، تەۋسىيەدە بولىدىغانلار كۆپ ئەمەس. بالىلارنى ياخشى ئوقۇتۇشنى پەقەت دىنىي ئىلىملەردىلا ئوقۇتۇش دەپ چۈشەنگەن ساناقسىز قېرىنداشلىرىمىز بار. بۇ ھەقتە توختالساق سۆزىمىز بەك ئۇزىراپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمما كۆزى ئوچۇق كىشىلەر ئۈچۈن پاكىت شۇنچىلىك ئايدىڭ ۋە ئوچۇقتۇر.

ۋەھالەنكى، ئىسلام بىزگە ئىلىم ئىگىلەشنى پەرز قىلغاندا ھېچبىر زامان ئۇنى نوقۇل دىنىي ئىلىملەر بىلەنلا چەكلىگىنى يوق. ھەتتا مۇئەييەن دەۋر ۋە مۇئەييەن جەمئىيەتتە تەخىرسىز ئېھتىياجلار يۈزىسىدىن تەبىئىي پەنلەرنى ئۆگىنىش پەرزگە، ھەتتا پەرز ئەينگە ئايلىنىدۇ. بۈگۈنكى دەۋرىمىز مېنىڭچە تەبىئىي پەننى ئىگىلەش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرزگە ئايلانغان بىر دەۋردۇر. نۆۋەتتە ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر زۇلۇم ۋە خارلىق ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دىنىغا ھەقىقىي ئىشەنگەن، يېتەرلىك چۈشەنگەن، لايىقىدا ئەمەل قىلغان، شۇنداقلا زۆرۈر تەبىئىي پەنلەر بىلەن قوراللانغان ئەۋلادلىرىنى يېتىشتۈرۈشى، ئىسلام بۇيرۇغان، رېئاللىق تەقەززا قىلغان، قانۇنىيەت تەلەپ قىلغان بىر مەجبۇرىيەتتۇر.

 

پايدىلانمىلار

 

ئىسلامدا بىلىم ۋە تېخنىكا. فۇئات سەزگىن تۈركىيە بىلىملەر ئاكادېمىيەسى نەشرىياتى نەشرى.

ئىسلام ئىلىم-پەن تارىخى ھەققىدە لېكسىيەلەر. فۇئات سەزگىن. تىماش نەشرىياتى ئۈچىنچى نەشرى

ئىسلامدا ئىلىم-پەن تارىخى. ئابدۇللا كوجايۈرەك كۆك تورۇس نەشرىياتى نەشرى.

ئىسلامدا ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت. سەييىد ھۈسەيىن نەسر ئىنسان نەشرىياتى نەشرى.

ئىسلام ۋە ئىلىم-پەن. سەييىد ھۈسەيىن نەسرى. ئىنسان نەشرىياتى نەشرى.

تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى

 

 

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*