مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى يېڭى دىنىي ھەرىكەتلەر

2018-يىلى 19-نويابىر

 

 

فارۇق سانجار | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئۈچۈن ئۆمەرجان قۇربان تەرجىمىسى

 

مۇسۇلمان دۇنياسى كېيىنكى ئىككى ئەسەردىن بۇيان ئېغىر سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي بوھرانلارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ بوھرانلار ھەر قايسى ساھەلەردە كۆرۈلگىنىدەك، مۇسۇلمان دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن يېڭى دىنى ھەرىكەتلەردىمۇ كۆرۈلمەكتە، بۇ بوھراننىڭ يېڭى دىنى ھەرىكەتلەردە ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى دېسەك مۇبالىغە قىلىۋەتكەن بولمايمىز. يېڭى دىنى ھەرىكەتلەرنى يېڭىچە-سەلەپى ھەرىكەتلىرى دەپمۇ ئاتىساق بولىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان سەلەپىيلىك بىلەن ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئىلغار، مۇنەۋۋەر ۋە سەر خىل شەخسلەرنى ئۆرنەك  قىلىشنى ئىپادىلەيدىغان سەلەپى ئۇقۇمى ئوتتۇرىسىدا ئىسىم جەھەتتىكى ئوخشاشلىقتىن باشقا ئاساسەن ئوخشاشلىق يوق، دېسەك بولىدۇ. دەرۋەقە، سەلەپى سالىھىن ياكى ئەھلى سۈننەت دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ دەۋرنىڭ كېيىنكى مۇسۇلمانلارغا ئەخلاقىي-جەھەتتىن ئۈلگە بولۇپ، دىنى جەھەتتىن رەھبەرلىك قىلىشتا  بارلىق ئىسلام چۈشەنچە ئېقىملىرى بىردەك قاراشقا ئىگە. 19-ئەسىرنىڭ بېشىدا بىخ سېلىپ 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ نوپۇزلۇق كۈچكە ئايلانغان  يېڭى سەلەپى ھەرىكەتلەر ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى ئۆرنەك ۋە سەر خىل مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش چوڭقۇر ھۆرمەتكە لايىق بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئىزچىل تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلەرنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ يەردە تەنقىد قىلىنىپ ئەيىبلىنىۋاتقان نەرسە بولسا، يېڭى سەلەپى ھەرىكەتلەرنىڭ  تەرغىباتلىرى،  ھەرىكەت  قىلىش ئۇسۇللىرى ، سىرلىق مۇناسىۋەت تورلىرى، قاراڭغۇ تەرەپلىرىدۇر. بۇ يېڭى سەلەپى ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسىدە يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە بارلىققا كەلگەن ئەل قائىدە، تالىبان، ئەششەباب، دائېش، بوكو ھارام ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش «جىھادچى ئىسلامىي» گۇرۇھلارنىڭ تەرغىباتلىرى، گەپ-سۆزلىرى ۋە  قىلىقلىرى قاتارلىقلارغا قارايدىغان بولساق، يېڭى سەلەپى ھەرىكەتلەر ھەققىدىكى گۇمانلار، تەنقىدلەر ۋە ئەيىبشلەرنىڭ ئاساسسىز ۋە ئورۇنسىز ئەمەسلىكىنى بايقايمىز.

ھازىرقى دەۋردىكى سەلەپىيە ئۇقۇمى ھەممە ئادەمنىڭ غايە، نىشان، ئارزۇ-تەلەپ ۋە ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن مەنىسى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تۇراقسىز ماھىيەتكە ئىگە. شۇڭا بۇ ئۇقۇم قانداقتۇر بىر مەزھەپنىڭ نامى بولۇشتىن بەكرەك بىر پىكىر، نۇقتىئىنەزەر ھەتتا ئىدېئولوگىيەنى ئىپادىلەيدىغان  كەڭ دائىرىلىك مەنىگە ئىگىدۇر. بۇ سەۋەبتىن سەلەپىيلىك دېگەندە بىر خىللا سەلەپىيلىك كۆزدە تۇتۇلماي، بىر نەچچە خىل ۋارىيانتى بولغان سەلەپىيلىك كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇسۇل ۋە چۈشەنچە شەكلى نۇقتىسىدىن بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئونلارچە ھەرىكەت ۋە ئېقىم ئۆزىنى بۇ سۈپەت بىلەن تەرىپىلىۋالىدۇ، ھەتتا ئەڭ ئاشقۇن چۈشەنچە شەكىللىرى ۋە تېررورچى گۇرۇھلارمۇ بۇ نامنى جان دەپ قوبۇل قىلىشىدۇ.

ئۇلارنىڭ بۇ نامنى تاللىشىدا ئىبنى تەيمىييە ۋە ئىبنى قەييۇمنىڭ ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدىن سىرت، ئىسلامنىڭ  دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئۆرنەك ۋە سەرخىل مۇسۇلمانلارنى «مۇقەددەس»كىشىلەر قاتارىدا كۆرۈۋېلىشىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ، يېڭىچە سەلەپى ئېقىمىدىكى بۇ ھەرىكەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى مۇسۇلمانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلامىي ھايات شەكىللىرىدىن پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تەرغىباتلىرى، قىلغان-ئەتكەنلىرىنى يوللۇق، ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈنلا پايدىلىنىدۇ. يېڭىچە سەلەپىي ئېقىمىدىكىلەر ئۆزلىرىنى ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى سەلەپىيلىككە نىسبەت قىلىشسىمۇ، ھازىرقى زامان سەلەپى ھەرىكەتلىرىنىڭ يىلتىزى ئاساسەن ئىككى ئەسىرلىك ئۆمرى بولغان ۋەھھابىيلىققا تۇتۇشىدۇ.

سەلەپىيلىكنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولسىمۇ، يېرىم سىياسىي يېرىم دىنى بىر ئىدېئولوگىيە ھېسابلىنىدىغان ھازىرقى زامان سەلەپىيلىكىنىڭ مۇقەددىمىسى 18-ئەسىردە مۇھەممەد بىن ئابدۇلۋاھھاب (1703-1792)نىڭ ئىدىيەسىنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن ۋەھھابىيلىق ھەرىكىتىدىن باشلىنىدۇ. ھەنبەلى ئېقىمىدىن كەلگەن مۇھەممەد بىن ئابدۇلۋاھھاب بىلەن ئەينى ۋاقىتتا دېرئىييە ئەمرى بولغان ئىبنى سەئۇد ئوتتۇرىسىدا «قورال كۈچى بىلەن بولسىمۇ ئاللاھنىڭ سۆزىنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلىش»دېگەن شوئار ئاستىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ روھىي بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ دىنى چۈشەنچىسىدىن پەرقلىق دىنى چۈشەنچىلەرگە ئىگە  بولغۇچىلارنى قورال ئىشلىتىپ بولسىمۇ بويسۇندۇرۇش نەزەرىيە جەھەتتىن ھەقلىق ۋە يوللۇق رەۋىشكە ئىگە قىلىنىدۇ. ۋاھابىيلىقنىڭ تۇنجى دۈشمىنى ئەلۋەتتە ئەينى چاغدىكى ھۆكۈمران كۈچ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بولاتتى. زېمىندا تەۋھىدنى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئىگە قىلىش، بىدئەتلەرنى يوق قىلىش ۋە سائادەت دەۋرىگە قايتىشقا ئوخشاش قارىماققا تولىمۇ گۈزەل، بىغۇبار ئارزۇ-خىياللار بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ئېقىم ۋە كېيىنچە ئوخشاش ئارزۇ-خىيال ۋە غايىدىن ئوزۇقلانغان باشقا سەلەپىي چۈشەنچىلەر، ئۆزلىرىنى ھەقىقەتنىڭ يېگانە ۋەكىللىرى دەپ ئويلىۋېلىشى سەۋەبىدىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشنى ھالال دەپ قاراشتىنمۇ يانمايدىغان ئاشقۇن سەۋىيەگە كېلىشتى.

كۈنىمىزگە قايتىپ كېلىدىغان بولساق، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان 1970-يىللاردىن باشلاپ ئىقتىسادى جەھەتتىن گۈللىنىشكە باشلىدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ سەئۇدى خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ ئۆستى. 1970-يىللارغا كەلگۈچە بېكىنمە ۋە تار بىر مۇھىتتا ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان سەلەپىيلەر مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە تېز سۈرئەتتە كۈچىيىپ نوپۇز تىكلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئەرەب جۇغراپىيەسىدىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇمىدىن قاچقان ئىسلامچى رەھبەرلەر ۋە ئاكادېمىكلار سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئىشقا ئېلىنىپ خىزمەت قىلىشىقا باشلىدى، ئىسلامچى رەھبەرلەر ۋە ئاكادېمىكلارنىڭ زور تۆھپىسى ئارقىسىدا ۋەھھابىيلىق ئۆزگىرىشكە قاراپ يۈزلەندى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ سەلەپىيلىكمۇ جىھادنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ھەرىكەتكە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن تىزگىنلەش تەس بولغان جىھادقا مەركەزلەشكەن بۇ يېڭى سەلەپىيلىكتىن ئەنئەنىۋى سەلەپىيلىك بىئارام بولۇشقا باشلىدى. دەرۋەقە، 1979-يىلدىكى قانلىق مەسجىدى ھەرەم ۋەقەسىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى جۇھەيمان ئەل-ئۇتەيبى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى كاپىرلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش، تەبىئىي بايلىقلارنى ئەجنەبىيلەرگە سۇڭگۇتۇش، كاپىر ۋە مۇشرىكلارغا قارشى جىھاد چاقىرىقىغا توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلەشتى. بۇ يېڭى سەلەپى ئېقىمىدىكىلەر ئۆزلىرىنى «خەلقئارا زىئونىست ۋە جاھانگىر غەرب دۆلەتلىرىگىلا قارشى چىقىپ قالماستىن، بۇ كۈچلەر بىلەن تىك بىرىكتۈرگەن شەخس، جەمئىيەت ۋە ھاكىمىيەتلەرگىمۇ قارشى ئاداققىچە جىھاد قىلىدىغان» سىياسىي ۋە قوراللىق كۈرەش چۈشەنچىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلاشتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇسۇلمان دىيارلىرى مۇقىمسىزلىق ۋە قالايمىقانچىلىق باش كۆتۈرگەن ھەر رايوندا يېڭىچە سەلەپىيلىكنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان «جىھاد»چى گۇرۇھلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا شاھىت بولدى. بۇنىڭ تۇنجى مىسالى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىشىدىن كېيىن كۆرۈلدى.

ئافغانىستاننى ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشكە قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن  ئافغانىستانغا كەلگەن جىھادچى گۇرۇھلار چۈشەنچە ۋە ئارزۇ-خىياللار نۇقتىسىدىن ئوخشاش بولمىسىمۇ، دۈشمەننىڭ كىملىكى ۋە كۈرەشنىڭ ماھىيىتى جەھەتتە ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىدى. بۇ ئەھۋال دەل ئۇرۇش مەزگىلدە بۇ جىھادچى گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ۋاقتىنچە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەي ئىتتىپاق ياشىشىغا زېمىن تەييارلاپ بەردى، لېكىن ئۇرۇش تۈگىگەندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتا «قېرىنداش»بولغان بۇ جىھادچى گۇرۇھلار  بىر-بىرلىرىنى كاپىر ئېلان  قىلىپ قېنىنى تۆكۈشنى ھالال دەپ قاراشتى ۋە  ئېغىر ئاشقۇنلۇقلارنى سادىر قىلىشتى. ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مول ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان جىھادچى گۇرۇھلار، ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېتىشتە تولىمۇ قىينالدى. نەتىجىدە، ئىدىيە جەھەتتىن تولىمۇ قاتمال لېكىن مول ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان تىزگىنسىز بۇ كۈچلەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن دۇنيانىڭ ئەڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۇ سەۋەبتىن جىھادچى سەلەپى ھەرىكەتلەرنىڭ زېھنىي ۋە چۈشەنچە قۇرۇلمىسى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئانالىز ئېلىپ بېرىش تولىمۇ زۆرۈردۇر.

ئومۇمىي جەھەتتىن سەلەپىيلەرنىڭ كونكرېت جەھەتتىن يېڭىچە سەلەپى (جىھادچى)لەرنىڭ زېھىن ۋە چۈشەنچىسىنىڭ ئىسلامدا كۆزدە تۇتۇلىدىغان ئىمان ۋە ئەقىدە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى كېسىپ ئېيتالمايمىز. بۇ گۇرۇھلارنىڭ كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە سادىر قىلغان ئاشقۇن قىلمىشلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلەر ۋە سەۋەب بولغان ئۆلۈملەرنىڭ %80نىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، بۇ گۇرۇھلارنى ناھايىتى سوغۇققانلىق بىلەن ئۆز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ قېنىنى تۆكۈشكە ئۈندىگەن ئېتىقاد دىنامىكلىرى ئۈستىدە چوقۇم ئەتراپلىق ئىزدىنىشكە ئەرزىيدۇ. بۇ ھەرىكەتلەر نۇرغۇن جەھەتتىن كىلاسسىك سەلەپىيلىكتىن پەرقلەنسىمۇ مەيلى كىلاسسىك سەلەپىيلىك بولسۇن مەيلى يېڭىچە سەلەپىيلىك ئېقىمى بولسۇن، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا بەزى ئورتاق نۇقتىلار مەۋجۇت. ئىسلامنى نوقۇل جىسمانىي جىھاد دائىرىسىدە ئىزاھلايدىغان بۇ ئېقىملارنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىي مۇھاكىمە قىلىنغىنىدا، بۇ ئېقىملارنىڭ نوقۇل جىسمانىي جىھادقا بۇنچىۋالا ئېسىلىۋېلىشىغا ئىلھام بولغان ئامىلنىڭ ئېتىقاد ۋە ئېتىقاد خاراكتېرلىك نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىقىش تەس بولمىسا كېرەك. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئىمان تەستىق، ئىقرار ۋە ئەمەلدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئاللاھنىڭ زاتى توغرۇلۇق قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە نىسبەت قىلىنغان بارلىق بايانلارنى تەپسىر قىلماستىن شۇ پېتى قوبۇل قىلىپ ئىمان ئېيتىش كېرەك. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تەۋھىد رۇبۇبىيەت، ئۇلۇھىيەت ۋە ئەمەللەر بىلەن بىر گەۋدىلەشكەندۇر. بىر مۇسۇلمان بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىردەك قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇلاردىن بىرىگە سەل قارىغان بىرسى شېرىك قىلغان بولىدۇ، نەتىجىدە كاپىر بولىدۇ ۋە تەكفىر قىلىنىدۇ. چوڭ گۇناھلارنى قىلىشمۇ ئىنساننى كۇپۇرلۇققا ئاپىرىدۇ. كۇپۇر ۋە شېرىكقا كۆز يۇمۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، بۇ ئىككى گۇناھ قەتئىي كەچۈرۈلمەيدۇ، بىر  مۇسۇلمان بۇ گۇناھلار سادىر قىلىپ سالسا ئۇ توغرۇلۇق بېرىلىدىغان ھۆكۈم ئاللاھقا ھاۋالە قىلىنمايدۇ، بەلكى بىۋاسىتە بۇ دۇنيادىلا ھۆكۈم بېرىلىپ جازاسى بېرىلىدۇ.

بۇ ھەرىكەتلەر ھەر قانداق بىر مەزھەپكە ئەگىشىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قۇرئان، سۈننەت ۋە ساھابىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا ئوخشاش شەرئىي دەلىللەرنى چۈشىنىشكە قۇربى يەتمەيدىغانلار، ئەتراپىدىكى ئالىملارنىڭ پەتىۋالىرىغىلا مۇراجىئەت قىلىشى كېرەك.  ئۆزلىرى بىلەن بىر يولدا ماڭمىغان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ پەتىۋا ۋە ئىلمىگە مۇراجىئەت قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئېقىمدىكىلەر باشقا مەزھەپنى، تەسەۋۋۇپ ئېقىملىرىنى بىدئەت دەپ قارىشىدۇ، ئۇلار بىدئەت دەپ ئويلىۋالغان  باشقا مەزھەپتىكىلەرنى مۇنازىرە، ۋەز ۋە تەبلىغ ۋاسىتىلىرى بىلەن «شېرىك ، كۇپۇر، گۇناھ، باتىل»نى تەرك قىلىشقا قىستايدۇ، بۇ ئۇسۇللارمۇ كار قىلمىسا، كۈچ ئىشلىتىپ تەرك قىلدۇرۇش يولىنى تۇتىدۇ، يەنى زوراۋانلىق ئۇسۇلىغا يېپىشىدۇ، ئۇلارنى بۇنى ئۆزلىرىنىڭ شەرئىي ۋەزىپىسى دەپ ئويلىۋالىدۇ. ھەنبەلى مەزھىپىدە ئىكەنلىكىنى ياقلايدىغان بۇ ئېقىمدىكىلەر نىشان، ھەرىكەت ئۇسۇللىرى، تەرغىبات ۋە مېتود قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەنبەلى مەزھىپىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئاشقۇنلۇق ئۇلارنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ئېقىمدىكىلەرنىڭ باشقا مەزھەپتىكلەرنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۆزلىرى بىلەن بىر يولدا ماڭمىغانلارنى بۇنچىلىك دەرىجىدە چەتكە قېقىپ دۈشمەنلىك نەزىرى مۇئامىلە قىلىشىنىڭ تېگىدە، ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسى ۋە تۇتقان يولىغا مۇتلەق توغرا يول دەپ ئىشىنىۋېلىشى ياتىدۇ. شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ئاشقۇن قىلمىشلىرى قەتئىي كۆزىگە كۆرۈنمەيدۇ، يەنى نورمال، ساۋابلىق، توغرىدەك بىلىنىدۇ. ئۇلار مۇشۇ پېتى ماڭسا ئۆز ئارىسىدا ئىختىلاپ، بۆلۈنۈشنىڭمۇ ئۇرۇقىنى تېرىپ ماڭغانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. مەلۇمكى، شەرت-شارائىت ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ دىنى تېكىستلەرمۇ پەرقلىق ئىزاھلىنىپ  داۋاملىق تەپسىر قىلىنىپ تۇرىدۇ. لېكىن ئىزاھلاش قىيىن يەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر خىل قاراشلار ئەنئەنىنى ياقلىغۇچىلار بىلەن يېڭىلىقنى ياقلىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىدۇ، ئىككى تەرەپ گۇرۇھۋازلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىدئەت، كۇپۇر ۋە شېرىك ئۇقۇملىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. بۇ سەۋەبتىن بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولغان ھەتتا بىر-بىرىگە دۈشمەن نۇرغۇن سەلەپى ئېقىم مەيدانغا كېلىدۇ.

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئىمانغا دائىر بايانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان سۈننىيلەرمۇ قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن يېڭى سەلەپىيچىلىك بىلەن باشقا مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ھەر جەھەتتىن روشەن پەرق بار. ئەھلى سۈننەت چۈشەنچىسىدە مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان كىشى سۆز ۋە ئەمەللىرى تۈپەيلى تەكفىر قىلىنمايدۇ، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان بىرسى ئالدىراپ كاپىرغا چىقىرىلمايدۇ، بۇ مەسىلە تولىمۇ سەزگۈر دەپ قارالغاچقا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىنىدۇ. لېكىن يېڭى سەلەپىيچىلىك دېگەن بۇ ئېقىمدىكىلەر باشقا دىنى مەسىلىلەرغۇ مەيلى،  تەكفىردىن ئىبارەت سەزگۈر مەسىلە ئۈستىدىمۇ ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. غەززالىنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، «بىرسىنىڭ ئىمانى ئۈستىدە خاتا ھۆكۈم چىقىرىش كۇپۇر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىشتىن ياخشىراقتۇر »تەرىقىسىدىكى ئاساسلىق پىرىنسىپى، بۇ يېڭى ھەرىكەتلەرنىڭ بېكىنمە، تار دائىرىلىك ۋە چەتكە قاققۇچى پوزىتسىيەسى بىلەن ئەھلى سۈننەتنىڭ ئوچۇق، كەڭ دائىرىلىك ۋە ئەپۇچان پوزىتسىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى نامايان قىلىش جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ھەرىكەتلەر يېڭى سەلەپىيلىك دېگەن نامنى ياراتمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنى يېڭى سەلەپىيچىلەر دېگەننىڭ ئورنىغا يېڭى خاۋارىجلار دەپ ئاتاش تېخىمۇ مۇۋاپىق.

 

ماقالىنىڭ تۈركچە مەنبەسى: دىيانەت ئايلىق ژۇرنىلى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*