مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ كىملىك كۈرىشى ۋە ئاز سانلىقلار فىقھىسى

2019-يىلى 10-ئىيۇل

د.دوكتور م.راھمى تەلكەنارئوغلۇ[1]

قىسقىچە مەزمۇنى

دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلىرىدە 500 مىليون ئەتراپىدا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار ھالىتىدە ياشىماقتا. بۇ سان، مۇسۇلمانلار ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ. بۇلارنىڭ بىر قىسمى يەرلىك خەلق، يەنە بىر قىسمى كۆچمەنلەردۇر. كۆچۈشلىرىگە زورلىغان مەسلىلەر پەرقلىق بولسىمۇ، دىنىي كىملىك مەسىلىسى ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. ساھىبخان جەمئىيەتلەرنىڭ سېكۇلار (لائىك) دۇنيا قارىشى بولۇپمۇ ياشلارنىڭ دىنغا بولغان قارىشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، غەرەزلىك ھالدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى، ئاز سانلىقلارنىڭ ئۆز ئەنئەنىلىرىنى تاشلاپ كۆپ سانلىقنىڭ تۇرمۇش شەكىللىرىنى قوبۇل قىلىشلىرىغا سەۋەب بولماقتا. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە سىستېمىلاشقان «فىھقۇلئەقەللىيات (ئاز سانلىقلار فىقھىسى)» بولسا، ئىسلام دۆلىتى سىرتىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئۆزگىچە ئۇسۇلدۇر. مەزكۇر ئۇسۇل، رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي ئورگانلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇرۇلتاي ۋە مۇھاكىمىلەرنىڭ مەھسۇلىدۇر. مېتود جەھەتتە ئىلغار ئىجتىھات ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. ھاراملارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغان باشقا چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىسلام ئالەمشۇمۇللۇقىنىڭ كاپالىتى بولغان مەقاسىد (شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى) قارىشىدىن پايدىلىنىدۇ. قانۇننىڭ ئومۇمىي بەلگىلىمىلىرى (قەۋائىدى كۇللىييە) گە مۇراجىئەت قىلىدۇ. دىنىي كۆرسەتمىلەرنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىگە قاراپ قايسىسىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدىغانلىقى تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاساسلىق نىشانى، غەيرىي مۇسۇلمان خەلقلەر بىرگە ياشايدىغان مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ فىقھىي مەسىلىلىرىگە جاۋاب ئىزدەشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنى ۋەزىپىنى ئاداش قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىدىغان تەرەپلىرىنى تەكىتلەيدۇ. فىقھۇلئەقەللىياتنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك فۇنكسىيەسى دەل مۇشۇ نۇقتىدا جۇلالىنىدۇ. چۈنكى، پەرقلىنىش كىملىكنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. پەرقلىق نۇقتىلار ياكى «بىز» ۋە «ئۇلار» ئايرىمى بولمىغان بولسا ئىدى، كىملىك خىلمۇخىللىقى ۋە مۇستەھكەملىكىمۇ بولمىغان بولاتتى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: مۇسۇلمان، فىقھى، ئاز سانلىقلار، كىملىك، ئاسسىمىلياتسىيە

مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ (يەنى پۈتۈن يەر يۈزى) ئاللاھنىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەر، ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپى (يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسى) دۇر. ئاللاھ (نىڭ مەغپىرىتى) ھەقىقەتەن كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر

I – مۇقەددىمە: مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار مەسىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرى – پانوراما

 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمىرىلىشكە باشلىشى بىلەن، ئۇنىڭ بىرلەشتۈرگۈچى ۋە ھىمايە قىلغۇچى كۈچىدىن مەھرۇم قالغان مۇسۇلمانلار گويا يىپى ئۈزۈلۈپ كەتكەن مارجاندەك يەر يۈزىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چېچىلىپ كەتتى.[2] خەۋپسىزلىك تۇيغۇسىنى ئاجىزلىتىۋەتكەن بۇ خىل سىياسىي بوشلۇققا قوشۇلۇپ، ئەركىنلىككە ئىنتىلىش، مائارىپ ئىمكانىيەتلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەر ۋە سايلام قىيىنچىلىقىغا ئوخشاش سەۋەبلەر پەيدا قىلغان كۆچ ھادىسىسى، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا مۇسۇلمانلارنى ئاز سانلىق[3] سالاھىيىتىدە ياشاشقا مەجبۇرلىدى. مەسىلەن، ياۋروپادا 44 مىليون مۇسۇلمان بار. 2010 – يىلى ئامېرىكا قىتئەسى مىقياسىدا 6 مىليون ئەتراپىدا بولۇۋاتقان مۇسۇلمان نوپۇسنىڭ (مور، 91)[4] 2030 – يىلىغا بارغاندا 10 مىليونغا يېتىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە (س ن ن تۈرك، 2011). ئەنگلىيەدە 3 مىليون، ياۋروپادا 4 مىليون، فىرانسىيەدە بولسا 5 مىليون ئەتراپىدا مۇسۇلمان بار، دەپ قارالماقتا. بېلگىيە، دانىيە، گوللاندىيە ئاۋسترىيە، نورۋېگىيە، فىنلاندىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردىمۇ كۆپ ساندا مۇسۇلماننىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك.[5] بۇنىڭدىن سىرت، «ئاز سانلىق» دېگەندە ئەقىلگە پەقەت ياۋروپانى ماكان تۇتقان مۇسۇلمانلار كەلسىمۇ، ئەسلىدە ئەمەلىيەت پەرەز قىلىنغىنىدەك ئەمەس. مەسىلەن، پەقەت خىتاي ۋە ھىندىستاندا 200 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئاز سانلىق سالاھىيىتىدە ياشىماقتا. 1980 – يىللاردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، فىلىپپىندا 13 مىليون، تايلاندتا 8 مىليون، بىرمادا 6 مىليون، سىرىلانكادا بىر يېرىم مىليون، سىنگاپوردا يېرىم مىليون دىندىشىمىز بار (مۇھەممەد ب.دەرۋىش، 1420: 28 – 33). يەنە جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە، ۋېنېزۇئېلا، كولومبىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە كۆپ ساندا مۇسۇلمان ياشىماقتا. گۇيانا (%15)، تىرىنىداد – توباگو (%12 – 13)، سۇرىنام (%33) دەك دۆلەتلەردىمۇ سەل قاراشقا بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئىنسان، ئىسلام ئېتىقادى بويىچە ھايات كەچۈرۈشكە تىرىشماقتا (مۇھەممەد ب.دەرۋىش، 1420: 46 ۋد.).

[1]  نەۋشەھىر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى ئىسلام قانۇنى كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى.

[2] يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىپ يات مەملىكەتلەرگە كۆچكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، ئولتۇراقلاشقان زېمىننىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان نۇرغۇن مۇسۇلمانلارمۇ 19 – ئەسىردىن باشلاپ ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قالدى. 1878 – يىلى ئىمزالانغان بېرلىن ئەھدىنامىسى، ئوسمان ئېمپىرىيەسى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشايدىغان ئورتودوكس خىرىستىيانلارنىڭ مىللىي دۆلەتلەرنى قۇرۇشلىرىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپ، مۇسۇلمانلارنى ئاز سانلىقلارغا ئايلاندۇرۇپ قويغان مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ مۇسۇلمانلار – ئالبانىيەنى ھېسابقا ئالمىغاندا – 19 – ئەسىردە قۇرۇلغان بارلىق بالقان دۆلەتلىرىدە ئاز سانلىق ھېسابلاندى (كارپات، 2013: 241 – 242).

[3] ئاز سانلىق؛ ئاساسىي ئورۇندا بولمىغان، بىر دۆلەتنىڭ باشقا نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا سان جەھەتتە ئاز بولغان، بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولغان ئېتنىك، دىن ۋە تىل جەھەتتە نوپۇسنىڭ باشقا قاتلاملىرىدىن پەرقلىنىدىغان، ئوچۇق – ئاشكارا بولمىسىمۇ، ئۆز كۈلتۈرىنى، ئەنئەنىسى ۋە تىلىنى مۇھاپىزەت قىلىش جەھەتتە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە گۇرۇپپىدۇر (ئونگۇر)، 2011: 68).

[4] بۇ ساننىڭ 1960 – يىللاردا 100 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، قىتئەدىكى كۆچمەن ۋە ئىسلامغا كىرگۈچىلەر سانىنىڭ ناھايىتى تېز ئاشقانلىقى كۆرۈلىدۇ (جەمالۇددىن ئەتىييە، 1423 / 2003: 12).

[5] ياۋروپادا ئولتۇراقلاشقان مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى پەرقلىق بولۇپ، بېلگىيە ۋە فىرانسىيەدە %6-8، دانىيە، ئەنگلىيە، شىۋېتسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە ئاۋستىرىيەدە %4-5، ئىسپانىيە، ئىتالىيە ۋە نورۋېگىيەدە %2-3 ئەتراپىدا مۇسۇلمان ياشىماقتا (ئارچىك، 2011: 3؛ يەنە، The Economic and Social Aspects of Migration, 2003: 16 گە قاراڭ.)

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*