مۇستەبىتچىلىك: ئىدېئولوگىيەلىك يىلتىزلىرى ۋە جەمئىيەت قايتىدىن ”بەرپا قىلىش“ ۋاستىلىرى (1)

2019-يىلى 1-نويابىر

مۇستەبىتچىلىك: ئىدېئولوگىيەلىك يىلتىزلىرى ۋە جەمئىيەت قايتىدىن ”بەرپا قىلىش“ ۋاستىلىرى

خالىس چەتىن

ماقالىمىزدا مۇستەبىتچىلىكنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك يىلتىزلىرى ۋە جەمئىيەتنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ياكى تەرتىپكە سېلىش ۋاستىلىرى ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۆزىگە خاس ئەخلاق، ئىدېئولوگىيە، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە سىياسىي سىستېمىلىرى بولغان مۇستەبىتچىلىك،ھاياتنىڭ ھەممە ساھەسىگە چېتىلىدىغان تۈزۈمدۇر، ماقالىمىزدە بۇ تۈزۈمنىڭ پەلسەپىۋى ئاساسلىرى ۋە پىرىنسىپلىرىمۇ بايان قىلىنىدۇ. ماقالىمىزدا يەنە مۇستەبىتچىلىكنى باشقا سىياسىي تۈزۈملەردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئاساسلىق پىرىنسىپلارمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇلاردىن سىرت ماقالىمىزدا، مۇستەبىتچىلىكنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى بولغان سىياسىي نوپۇزۋازلىقنى يوللۇق كۆرسىتىش، ئۆزىدىن باشقىلارنى يەنى ئۆزگىلەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش ياكى دۈشمەن يارىتىش، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىنژېنېرلىق بولۇپ جەمئىيەتنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ چىقىش قاتارلىقلار توغرۇلۇقمۇ ئىزاھات بېرىلىدۇ. ماقالىمىزدا مۇستەبىتچىلىك باشقىچە بىر جەمئىيەت يارىتىش ياكى تەرتىپكە سېلىش مەقسىتىدە ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلىنىدىغان ئىدېئولوگىيە، ئەپسانىلەر، لىدېرلىق، مائارىپ، بىلىم، بيۇروكراتلىق، تېخنوكراتىيە ۋە ئىقتىساد قاتارلىقلارغىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلىدۇ.

مۇستەبىتچىلىك، ئىدېئولوگىيە، لىدېرلىق، بيۇروكراتلىق، ئجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىنژېنېرلىق

مۇقەددىمە

ماقالىمىزدا مۇستەبىتچىلىك ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇنىڭ نەزىرىيەۋى ئاساسلىرى ۋە تۈپ مەقسىتىدە ئۈستىدە توختىلىش ئارقىلىق، بۇنداق بىر تۈزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەلنى ئىدارە قىلىدىغان ھاكىمىيەت تۈزۈمى بولالمايدىغانلىقى ۋە چوقۇم قارشى تۇرۇپ ئىنكار قىلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز. مۇستەبىتچىلىكنىڭ دېموكراتىيەنىڭ دۇنياۋى پىرىنسىپى بولغان ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكتىن قانچىلىك يىراقلاشقانلىقىنى، يېڭىۋاشتىن بىر جەمئىيەت يارىتىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قايسى پىرىنسىپ ۋە ئاساسلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە يېڭى بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىش ياكى تەرتىپكە سېلىش بىلەن مەۋجۇت جەمئىيەتنى گۇمران قىلىش  ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى، بۇلارنى قىلىش جەريانىدا قايسى ۋاستىلاردىن پايدىلانغانلىقىنى، سىياسىي ھاكىمىيەت كۈچىگە تايىنىپ شەخسلەرنىڭ ئەركىنلىكلىرى ۋە ئىجتىمائىي رازىلىقنى ئاساس قىلىدىغان قانۇنىيلىق ئۆلچىمىنى نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق قىلىپ ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ئۆزگەرتىۋالغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىشقا تىرىشىمىز. ماقالىمىزدا مۇستەبىتچىلىكنىڭ مۇئەييەن بىر دەۋر ۋە ئىدېئولوگىيەگىلا خاس قىلىۋېلىشنىڭ خاتا كۆز قاراش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، دەۋرىمىزنىڭ رېئاللىقىغا ماسلىشىۋاتقان مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ شەخسلەر ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەرگە ئارىلىشىشتەك فۇنكسىيەسى ۋە سىياسىي ھاكىمىيەت ساھەلىرىنى شەخسىي ئەركىنلىكلەرگە زىت ھالدا كېڭەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ياقىلايمىز. بۇ سەۋەبتىن ماقالىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە مۇستەبىتچىلىكنىڭ نەزىرىيەسى ۋە ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تەكىتلەيمىز.

مۇستەبىتچىلىكنى ئىزاھلاش مەسىلىسى

مۇستەبىتچىلىك ئۇقۇمى فاشىست ۋە سوتسىيالىستىك دىكتاتورلارنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيەتلىرىنى بىرلا ئۇقۇم بىلەن ئىزاھلاش لازىملىقىغا قارىتا،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە كەينىدە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. مۇستەبىتچىلىك ئۇقۇمى گىتلىر دەۋردىكى گېرمانىيە، مۇسۇلىن دەۋرىدىكى ئىتالىيە ۋە سىتالىن دەۋرىدىكى رۇسىيەدە يولغا قويۇلغان سىياسىي ھاكىمىيەت تۈزۈملىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنىدى. مەن بۇ تارىخىي رېئاللىقتىن سىرت، بولۇپمۇ مودېرن تېخنولوگىيەلىك ۋاستىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە بۇ ۋاستىلارنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن جەمئىيەتنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىشى سەۋەبىدىن، مۇستەبىتچىلىكنى تېخىمۇ كەڭ تارىخىي ساھە ئىچىدە مۇھاكىمە قىلىش لازىملىقىنى ئويلايمەن. بۇ ۋەجىدىن، ماقالىمىزدا مۇستەبىتچىلىكنىڭ مۇئەييەن بىر دەۋرگە تەۋە ئۆرنەكلىرىدىن بەكرەك، دەۋرىمىزنىڭ سىياسىي رېئاللىقىنى يورىتىپ بېرەلەيدىغان ئاساسلىق پىرىنسىپ ۋە نەزىرىيەلىرىگە مەركەزلىشىمەن.

مۇستەبىتچىلىك جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك دائىرىسىگە ئالىدىغان، جەمئىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتمەكچى بولغان ۋە كونترول سىستېمىسى ئارقىلىق جەمئىيەتنى سىجىل تەرتىپكە سالىدىغان دۆلەت، ئىدېئولوگىيە،سىياسىي پارتىيە ۋە لىدېرلىق قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ بىر پۈتۈنلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مۇستەبىتچىلىكنىڭ ئەڭ رۇشەن خاراكتېرى، جەمئىيەتنى سىياسىي جەھەتتىن تولۇق كونترول قىلىشتۇر. مۇستەبىتچىلىك دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى بىر ۋە پۈتۈنلۈك ئىچىدە بىر-بىرىگە باغلايدىغان، بىر-بىرىگە ماس ھالەتكە كەلتۈرىدىغان ۋە ئورتاق دۇنيا قارىشىنى جەمئىيەتكە تاڭىدىغان سىياسىي تۈزۈمدۇر. مۇستەبىتچىلىك تۈزۈمدە جەمئىيەت ئىدېئولوگىيەلىك مۇستەبىتچىلىك ئىچىدە پىلان ۋە پىروگراممىغا ئاساسەن كونترول قىلىنىدۇ.

مۇستەبىتچىلىك كۆپ كۈلتۈرلۈككە، كۆپ خىللىققا قارشى تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، ئەركىنلىككە قارشى ھاكىممۇتلەقنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ (كامەنكا، 1992). مەن بۇ سىياسىي تۈزۈمنى مۇئەييەن بىر دەۋردىكى فاشىت ياكى كوممۇنىست دىكتاتورلار ئۈچۈن ئىشلىتىش ۋە ئۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشنى توغرا دەپ قارىمايمەن. مۇستەبىتچىلىكنىڭ ماھىيىتى، ئۇنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىزاھلىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. دەۋرىمىزدە ھېلىھەم مەلۇم بىر ئىدېئولوگىيەلىك چۈشەنچە ئەتراپىدا تەشكىللەنگەن، جەمئىىيەتنى بىر پۈتۈن ھالەتتە كونترول قىلىپ تەرتىپكە سېلىۋاتقان،بېسىم ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ۋاستىلار بىلەن سىياسىي ھاكىمىيىتىنى رەسمىي ئىدېئولوگىيەنىڭ مەنپەئەتىگە، شەخسلەرنىڭ زىيىنىغا قۇرۇپ چىققان تۈزۈملەر بار. بولۇپمۇ تېخنولوگىيە، ئارمىيە، بيۇروكراتىيە، ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلىرى ۋە مائارىپ قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتنى كونترول قىلىۋاتقان سىياسىي تۈزۈملەر ھېلىھەم مەۋجۇت. دېموكراتىيەگە نوقۇل سايلام سۈپىتىدىلا مۇئامىلە قىلىپ دۇنياۋى دېموكراتىك قىممەت قاراشلار بولغان سىياسىي ھاكىمىيەتنى نازارەت قىلىش، ئىختىيارلىق خاھىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سىياسىي ئىشتىراكنى ئەركىن ئاممىۋى ئورۇنلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق تەشكىللەش، ئوخشىمىغان ئىدېئولوگىيەلىك ئېقىملارنىڭ ئۆزىنى ئىپادە قىلىش ئەركىنلىكى، ئۆكتىچىلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى تەنقىد قىلالىشى قاتارلىق پىرىنسىپلارنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە بىرلا ئىدېئولوگىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا سىياسىي ھايات تەرتىپكە سېلىنىۋاتقان ئەندىزىلەرگىمۇ مۇستەبىتچىلىك دائىرىسىدە مۇئامىلە قىلىش لازىم.

فرېدرىچ ۋە برزېزىنسكىي مۇستەبىتچىلىكنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ”ئىنسان مەۋجۇتلۇقنىڭ جەمئىيەتتىكى بارلىق تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋە جەمئىيەتتىكى بارلىق شەخس پاسسىپ ھالەتتە بولسىمۇ بېقىندى بولىدىغان رەسمىي بىر ئىدىيە تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان رەسمىي بىر ئىدېئولوگىيە، بىرلا كىشى ۋە بىر مۇستەبىت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بىر پارتىيە، پىرامىدا شەكىللىك ۋە ئولىگارخىيە[1]تەرىقىسىدە تەرتىپكە سېلىنغان، بيۇروكراتىيە بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان پارتىيە، پارتىيەنى ھەم قوللايدىغان ھەمدە پارتىيە رەھبەرلىرىگە ۋاكالىتەن ئۇنى نازارەت قىلىدىغان ۋە ھاكىمىيەت دۈشمەنلىرىگىلا قارشى بولماستىن باشقا قاتلام ۋە تەبىقىلەرگە قارشى ئىشلىتىلىدىغان زوراۋان ساقچى نازارەت سىستېمىسى، مەتبۇئات، رادىيو، كىنو قاتارلىق بارلىق ئاممىۋى ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىلىپ، پارتىيە ۋە سادىق ئەزالىرىنىڭ چاڭگىلىدىكى نازارەت مونوپۇللۇقى، ئارمىيەدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان ۋارىسلىق سىياسىي ھاكىمىيەت سىستېمىسى، بيۇروكراتىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مەركەزدىن نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش (فرېدرىچ ۋە برزېزىنسكىي، 1964:13). بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى لىنز Linz)  )مۇنداق خۇلاسىلايدۇ: ”مونىزم[2]،لېكىن مونىزم بولمىغان بىر مەركەز ھاكىمىيەت، دۆلەت ئورگانلىرى ياكى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا خىلمۇ خىللىق بار دېيىلسە، بۇ ئەھۋال يەنىلا مەركەز ھاكىمىيەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. پىكىرىي جەھەتتىن نىسبەتەن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان مونوپوللۇق خاراكتېرى بولغان ئىدېئولوگىيە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى گۇرۇھ ياكى لىدېر، ئۇلارنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدىكى پارتىيە ئۆزلىرىنى بۇ ئىدېئولوگىيە بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈۋېتىدۇ، ئۇنى سىياسەتلىرىگە ئاساس قىلىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن سىياسەتلىرىنى يوللۇق ۋە ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن  پايدىلىنىدۇ. ئىدېئولوگىيەنىڭ دائىرىسىدىن چىقىلسا چوقۇم جازالىنىدۇ. مۇستەبىتچىلىكتە ئىدېئولوگىيە مۇئەييەن بىر پىروگرامما ياكى سىياسىي ھەرىكەتنىڭ پاسىللىرىنى بېكىتىش بىلەنلا قالماي، مەلۇم بىر دۇنيا قارىشى، ھاياتنىڭ مەنىسى، تارىخىي بۇرۇچ ۋە مەقسەت، مەسئۇلىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھەقىقەت سۈپىتىدە قارىلىدۇ. پۇقرالاردىن سىياسىي ۋەزىپە ئادا قىلىپ كوللېكتىپ ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەرگە ئشىتىراك قىلىشى ۋە بۇ مەقسەتتە ئاكتىپ ھەرىكەت ئىچىدە بولۇشى قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە بۇنىڭغا رىئايە قىلغۇچىلار مۇكاپاتلىنىدۇ. بىر پارتىيە ۋە نۇرغۇن مونوپۇل خاراكتېرلىك ئىككىلەمچى گۇرۇھ پۇقرالارنىڭ سىياسىي ۋەزىپىگە ئىشتىراك قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ (لىنز، 1984:25). مۇستەبىت سىياسىي تۈزۈمدە قانۇنىي ھاكىمىيەت سالاھىيىتى تۈزۈمنىڭ نېمىشقا كېرەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ، ئىدېئولوگىيە بۇنىڭ نېمىشقا كېرەكلىكىنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە قانداق بولۇشى لازىملىقىنى بەلگىلەيدۇ، پارتىيە-لىدېر بۇ تۈزۈمنىڭ قايسى ۋاستىلار بىلەن قۇرۇلۇپ قانداق داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى قارار قىلىدۇ.

يۇقىرىقلارغا ئاساسەن مۇستەبىتچىلىكنى مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن: ”مۇستەبىتچىلىك پەقەت يەككە بىر ئىدىيە قۇرۇلمىسى ئەتراپىدا جەمئىيەت بەرپا قىلىش، بىرلا مەقسەتكە بىرلا ھاكىمىيەت ئاستىدا يېتىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن سىياسىي تۈزۈمدۇر“ (ۋالكېر، 1972: 5). بۇ قاراش كۈچلۈك تەرىقىدە تەنقىدلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇستەبىتچىلىك ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە مۇئەييەن رول ئوينايدۇ. مېنىڭچە، مۇھىم بولغىنى سىياسىي تۈزۈمنىڭ سان جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىدىن بەكرەك ئۇنىڭ مەقسىتى، ئۇسۇلى ۋە پىرىنسىپلىرىدۇر. مۇستەبىتچىلىكنى بۇ نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدا، شەخسلەرنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرىنىڭ چەك دائىرىسىنى ۋە ئالدىدىكى توساقلارنى تېخىمۇ ئاسان چۈشىنەلەيمىز. بولمىسا، ئۆزلىرىنى دېموكراتىيە، جۇمھۇرىيەت ۋە باشقا چىرايلىق ئىبارىلەر نىقابلىغان سىياسىي تۈزۈملەرنىڭ مۇستەبىتچىلىك ماھىيىتىنى بىلەلمەيمىز. ھەممىدىن چاتاق بولىدىغىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى يوللۇق، ھەقلىق ۋە قانۇنلۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان ”خاسلىق ۋە ئۆزگىچىلىك“تۇزاقلىرىغا دەسسەپ، دۇنياۋى ئەركىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيە ۋە قاراشلىرىمىزغا زىت ئىش قىلغان بولىمىز. ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە چەكلىك ھوقۇق دۆلىتى پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلمايدىغان نامى دېموكراتىيە بولغان دۆلەتلەر ”دېموكراتىيەلىك“مۇستەبىت دۆلەت بولىدۇ (ئەردوغان، 1995: 3). شۇڭلاشقا مەن، فاشىستىك ۋە كوممۇنىستىك دىكتاتورلۇق دەۋرلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، سىياسىي ھاكىمىيەت شەخس ۋە جەمئىيەتنى تەرتىپكە سېلىپ باشقۇرىدىغان ئاپپارات سۈپىتىدە چۈشىنىلىدىغان  بارلىق سىياسىي تۈزۈملەرگە (نامى مەيلى دېموكراتىيە بولسۇن مەيلى جۇمھۇرىيەت بولسۇن)مۇستەبىتچىلىك نۇقتىسىدىن قارايمەن. پوپپېر دېگەندەك، مۇستەبىتچىلىك مەدەنىيىتىمىز تارىخىدەكلا ئۇزۇن ئۆتمۈشكە ئىگە ھادىسىدۇر (پوپپېر، 1967:1).

سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ رەسمىي ئىدېئولوگىيەسى، كۈچلۈك بيۇروكراتىيەسى، جەمئىيەتنى كونترول قىلىدىغان ئاممىۋى ئۇچۇر-ئالاقە ۋە بېسىم ئاپپاراتلىرى، مائارىپتىن جەمئىيەت ۋە شەخسلەرگە  ئىدېئولوگىيەلىك جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن پايدىلىنىشى قاتارلىق ھادىسىلەر مۇستەبىتچىلىكنىڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيەتلىرىدۇر. فرېدرېچ ۋە برېزېزىنسكىنىڭ قارىشىچە،  مۇستەبىتچىلىك دۆلەتنىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ، ئىنسانلارغا ئەركىن ھەرىكەت قىلىدىغان ياكى پاناھلىنىدىغان يەرمۇ تاشلاپ قويماي، جەمئىيەت ۋە شەخسنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ۋە يوشۇرۇن يەرلىرىگىچە سوقۇنۇپ كىرىش ئارقىلىق، ھاكىمىيى ۋە نوپۇزىنى مۇستەھكەملىشىدۇر (فرېدرېچ ۋە برېزېزىنسكى، 1964: 132). بۇ ئەھۋال جەمئىيەتنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ”ئومۇميۈزلۈك“سىياسىيلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇستەبىتچىلىكنى تولىمۇ كۈچلۈك بولغان ھەرىكەتلەندۈرۈش سىستېمىسى، دەپ قاراشقا تامامەن بولىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى بۇلارنىڭ ھەممىسى سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ ئارىلىشىش دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىش-ھەرىكەت ۋە پائالىيەت ساھەلىرى سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ ئارىلىشىش دائىرىسىدە بولغانلىقتىن، بۇ ساھەلەردە ئەركىنلىك بولمايدۇ. مۇستەبىتچىلىكتە ئەركىنلىك پەقەت سىياسىي ھاكىمىيەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەندە ئاندىن قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مۇستەبىت سىياسىي ھاكىمىيەت ئەركىنلىككە مۇشۇنداق قارايدۇ. مۇستەبىتچىلىكتە  سىياسىي ھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ مەركىزى لىدېرلىقى جەمئىيەتنى شەرتسىز ھالدا مەجبۇرىي پەيدا قىلىنغان بىرلىك مۇھىتىدا ئىدېئولوگىيەلىك جەھەتتىن تەرتىپكە سالىدۇ. بۇ سىستېمىدا شەخس ۋە دۆلەت بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. دۆلەت ماكرو شەخس، شەخس مىكرو دۆلەتتۇر. مۇستەبىتچىلىكتە دۆلەت-شەخس، سۇبيېكت ۋە  ئوبيېكتنىڭ بىر گەۋدە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشنى تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى ھېگېلدۇر. ھېگېل پەلسەپىسىدە ”ئىنسان پەقەت دۆلەت ھىمايىسىدىلا ئىتائەتچان مەخلۇققا ئايلىنىدۇ، شەخسنى سۇبيېكتلىقتىن ئازاد قىلىپ ئۇنى دۆلەت ئىچىدە ئوبيېكتىپلىققا ئىگە قىلىش كېرەك. ئىنسان بارلىق ئىنسانىي تەرەپلىرىنى دۆلەتكە قەرزداردۇر. ئىنسان ئىلكىدىكى بارلىق بايلىقلارغا دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئېرىشىدۇ. دۆلەتسىز ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ھەتتا ئىنساننىڭ جىسمانىيىتىمۇ دۆلەت سايىسىدا بولىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ جىسمانىي ھەقىقىتى دۆلەت تۈرتكىسىدە شەكىلگە ئىگە بولىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ قانۇنىي ھاياتىدا ئورنىنى تاپىدۇ. چۈنكى يېگانە ھەقىقەت ئومۇمىي ۋە خۇسۇسىي گەۋدىنىڭ بىرلىكىدۇر. بۇ پەقەت دۆلەتتىلا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. دۆلەت مەقسەتتۇر، ئىنسانلار ۋە جەمئىيەت دۆلەتنىڭ ۋاستىلىرىدۇر، دۆلەت ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان مۇقەددەس نەرسىدۇر. بارلىق خۇشاللىقلار ۋە ئارزۇ-ئىستەكلەر دۆلەت بولغاندىلا ھەققىي مەنىدە ئىشقا ئاشىدۇ. دۆلەت بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك كۈچتۇر“ (ھېگېل، 1991: 114). ھېگېلنىڭ بۇ قارىشىدا مۇستەبىتچىلىكنىڭ پەلسەپىۋى يىلىتىزىنى تېپىش مۇمكىن: شەخس-دۆلەت، سۇبيېكت-ئوبيېكت، مەقسەت-ۋاستە، سۇبيېكتىپ    ئىرادە-ئومۇمىي ئىرادە، ئەركىنلىك-مەجبۇرىيەت پۈتۈنلىكى.

پوپپېر مۇستەبىتچىلىكنىڭ پەلسەپىۋى يىلىتىزىنڭ ئەپلاتونىغىچە تۇتۇشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پوپپېر مۇستەبىتچىلىكنى بېكىنمە جەمئىيەت، لىبېرالىزمنى ئوچۇق جەمئىيەت دېگەن تەرىقىدە مۇھاكىمە قىلىدۇ. پوپپېر ھەر قانداق ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئۆزگىرىش شەيتان ئېلان قىلىنىپ ئالدى توسىلىدىغانلىقى، شەخسلەرنىڭ ئىجتىمائىي بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈك ئىچىدە ئېرىتىلىپ سىياسىي ھاكىمىيەتكە ئىتائەت قىلدۇرۇلىدىغانلىقى، فاشىت تەشۋىقاتلار ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەشكىللىنىدىغانلىقى، مۇتلەق ياخشىلىقنىڭ نوقۇل دۆلەت ئۈچۈنلا پىلانلىنىپ شەخسىي ئەركىنلىك ۋە خۇشاللىق ئىزدەش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ يوق قىلىنىدىغانلىقى، شەخسلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئەمەس مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بارلىقى، دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك، مۇقىم ۋە ساغلام بولۇشى ئۈچۈن ئورگانىزملىق جەمئىيەت ئەندىزىسى بىلەن قورشالغان مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ بارلىقى، شەخسلەرنىڭ مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتىنى يوق قىلىپ، كىچىك ياشتىنلا باشلىغان مائارىپ سىستېمىسى، دۆلەتنى قوغداشنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىنىڭ ئەڭ ئالىي ئەخلاقىي پەزىلەت ئىكەنلىكى، دۆلەتنىڭ چاڭگىلىدىكى بارلىق ھوقۇقنىڭ پۇقرالارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى، ئادالەتنىڭ دۆلەت، خەلق، سىنىپ ۋە پارتىيەنىڭ قۇدرىتى،ساقلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان نەرسىگىلا قارىتىلىدىغانلىقى (پوپپېر، 1967: 128)قاتارلىق مۇستەبىتچىلىكنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيەتلىرىدۇر. مۇشۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغان سىياسىي ھاكىمىيەت دەل مۇستەبىت ھاكىمىيەتتۇر. پوپپېرنىڭ قارىشىچە، بىر سىياسىي قۇرۇلمىنىڭ بېكىنمە ياكى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئىككى ئاساسلىق پىرىنسىپ بار: بىرىنچىسى، دۆلەتنىڭ ۋەزىپە ۋە مەقسىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكنى قوغداش بولۇشى كېرەكلىكى  پىرىنسىپى بىلەن ئومۇمىي بىر گەۋدىلىك بىلەن شەخسنىڭ ۋەزىپە ۋە مەقسىتىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش بولۇشى كېرەكلىكى پىرىنسىپى“ (پوپپېر، 1967:101). بىرىنچىسى لىبېرالىزمنىڭ، ئىككىنچىسى مۇستەبىتچىلىكنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپىدۇر. ھايېك مۇستەبىتچىلىكنى جەمئىيەتنىڭ ”ئورتاق مەقسىتى“گە يېتىش ئۈچۈن ”ئورتاق مەنپەئەتلەر“ ئەتراپىدا بىر پۈتۈنلىك ئىچىدە تەشكىللىك ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشىنى مەقسەت قىلىدىغان كوللكېتىپلىق تۈزۈم سۈپىتىدە تەرىپلەپ (ھايېك، 1999:80) كوللېكتىۋىزم بىلەن مۇستەبىتچىلىككە ئوخشاش نۇقتىدىن قارايدۇ.

مۇستەبىتچىلىكنى ”بىر پۈتۈنلەشكەن ئىنسان ۋە جەمئىيەت چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلىدىغان ”(لىنز، 1984:34)سىياسىي تۈزۈم دەپ تەرىپلىگەن لىنزنىڭ قارىشىچە، ”بىر تۈزۈمنى مۇستەبىتچىلىك دەپ تەرىپلەش ئۈچۈن چوقۇم شۇ ئالاھىلىك بولۇش كېرەك: بىر ئىدېئولوگىيە، ئاممىۋى قوشۇنى زور بولغان  يالغۇز بىر پارتىيە ۋە باشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئاپپاراتلار، ھاكىمىيەتنىڭ خەلققە ھېساب بەرمەيدىغان ۋە ھاكىمىيەتتىن تىنچ يوللار بىلەن يىراقلاشتۇرغىلى بولمايدىغان بىر شەخس ياكى كىچىك بىر گۇرۇھنىڭ چاڭگىلىدا بولۇشى“ (لىنز، 1984: 21). لىنزنىڭ بۇ تەرىپىدە ئىزاھلىنىشقا تېگىشىلىك بۇ تەرەپلەر بار: ئىدېئولوگىيەنىڭ جەمئىيەتنى يېڭىۋاشتىن تولۇق يارىتىش ۋە تەرتىپكە سالايدىغان ئالاھىدىلىكى ۋە نوپۇزى بولۇشى كېرەك.  بۇ قاراش بويىچە بولغاندا، بىر ئىدېئولوگىيە ئەگەر بىر پارتىيەلىك ياكى كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈمدە مۇتلەق سىياسىي سالاھىيەت ۋاستىسى بولسا پارتىيە سانى مۇستەبىتچىلىكنىڭ ئۆلچىمى بولماسلىقى كېرەك. مۇستەبىتچىلىكمۇ دېموكراتىيەگە ئوخشاش كۆپ خىللىققا ئوچۇقتۇر. دېموكراتىيەنىڭ ئەكسىچە مۇستەبىتچىلىكتىمۇ مونىزم يەنى ئىدېئولوگىيەلىك ھاكىمىيەت مونوپۇللىقى بار. لېكىن مۇستەبىت تۈزۈملەردىكى كۆپ خىللىق قانداقتۇر ئىجتىمائىي كۆپ خىللىق بولماستىن سىياسىي كۆپ خىللىقتۇر (لىنز، 1984: 23). يەنى مۇستەبىتچىلىك كۆپ خىللىق ئىجتىمائىي تەشكىللىنىش بىلەن شەخسلەرنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەتنى ئۆزگەرتىشى ياكى كونترول قىلىشى بولماستىن بەلكى ئىدېئولوگىيەلىك ھاكىمىيەت مونوپۇللىقىنى چاڭگىلىدا تۇتقان سىياسىي ئاكتىيورلارنىڭ سان جەھەتتىكى كۆپلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپلۈك شەخسىي بولۇش بىلەن بىرگە پارتىيە خاراكتېرىدىمۇ بولىدۇ. يالغۇز بىرلا ئىدېئولوگىيەلىك مۇستەبىتچىلىك ئىچىدە سىياسەت ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە لايىھلەنگەن بىردىن ئارتۇق پارتىيە سىستېمىسىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر پارتىيە تەشكىلاتى-ئىدېئولوگىيەلىك ھاكىمىيەت مونوپۇللىقىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭچە، سىياسىي كۆپ خىللىق جەمئىيەتنىڭ يالغۇز بىرلا ئىدېئولوگىيەلىك كىملىك بىلەن پەدازلانغان پەرقلىق پارتىيە ۋە شەخسلەردىن بىرىنى تاللىشى بولماستىن، پەرقلىق ئىدېئولوگىيەلەر ۋە ئوخشىمىغان كىملىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارتىيەلەردىن بىرىنى تاللاشنى كۆرسىتىدۇ. پەقەت كۆپ پارتىيەلىك سىياسىي قۇرۇلمىلا مۇستەبىلىكچىلىككە توسالغۇ بولمايدۇ. دەرۋەقە، مۇستەبىت ئىدېئولوگىيەلىك مونوپۇللۇق ئاستىدا ئوخشاش بىر ئىدېئولوگىيەنى ئوخشىمىغان شەخس ۋە پارتىيەلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى دەل مۇستەبىتچىلىكنى قۇۋەتلەندۈرىدۇ. قىسقىسى، مۇستەبىتچىلىك تۈزۈم يالغۇز بىرلا ئىدېئولوگىيەلىك ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا تەشكىللەنگەن سىياسىي تۈزۈمدۇر. مودېرن مۇستەبىتچىلىك ”كۆپ پارتىيەلىك بىرلا پارتىيە تۈزۈمى“ئاستىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ. دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە دۇنياۋى ئۆلچەم ۋە پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلىشنى خالىمايدىغان سىياسىي ھاكىمىيەتلەر مۇستەبىتچىلىكنى كۆپ پارتىيەلىك سىستېما  تۈزۈم بىلەنمۇ ئېلىپ بېرىشنىڭ يولىنى تېپىپ چىققان. مۇستەبىتچىلىكنىڭ زىتى كۆپ پارتىيەلىك دېموكراتىك سايلام تۈزۈمى ئەمەس شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي خاھىشلارنى ئەركىن ئاممىۋى تەشكىلاتچىلىق ئاستىدا سىياسىي ئىشتىراكقا ئېلىپ كىرىش ۋە ھاكىمىيەتنى سىياسىي ۋە قانۇن جەھەتلەردە جەمئىيەت تەرىپىدىن نازارەت قىلىشتۇر. قانۇنلۇق سالاھىيىەتكە سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك نوپۇزى ۋە رۇخسەت قىلغان دەرىجىگىچە ئېرىشەلەيدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي پارتىيەلەر شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەركىنلىكنىڭ ۋاستىلىرى بولماستىن رەسمىي ئىدېئولوگىيە ئاستىدىكى بېقىندىقىلىق ۋاستىلىرى بولۇپ، كۆپ خىللىققا ۋە رەڭدارلىققا ئىگە ئىجتىمائىي ئىشتىراكنى ئەمەس مونىزم يەنى بىر خىللىق ۋە يەككىلىككە ئىگە سىياسىي كۈچلەردۇر. يىغىنچاقلىغاندا، رەسمىي ئىدېئولوگىيە سىرتىدا ھاكىمىيەت خاھىشلىرى ۋە پۇرسەتلىرىنىڭ بولماسلىقى سىياسىي ھاكىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي رازىلىقنىڭ مونىزم-يەكچى ئورگانىزملىق تەشكىلاتچىلىق ئىچىدە پۈتۈنلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قىسقىسى، مۇستەبىتچىلىك باشقا ئىدېئولوگىيەلىك ۋە سىياسىي ئىرادە ۋە چارىلەرنىڭ بولماسلىقى دېگەنلىكتۇر.

مۇستەبىتچىلىكنىڭ قانۇنىي سالاھىيەت ئىزدىنىشى

سىياسىي ھاكىمىيەتلەر جەمئىيەتنى نېمىگە ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغانلىقىنى چوقۇم جەمئىيەتكە قوبۇل قىلدۇرۇش كېرەك. چۈنكى جەمئىيەت ئۆزى قوبۇل قىلمىغان قانۇن، پىرىنسىپ ياكى سەۋەبنى دەپ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلۇشىنى خالىمايدۇ. ئىجتىمائىي رازىلىق بولماي تۇرۇپ سىياسىي ھاكىمىيەت رەسمىي قانۇنىي سالاھىيەتكە ئىگە بولمايدۇ. ئىجتىمائىي ئاساسىي (سالاھىيەت  ياكى نوپۇز)بولمىغان بىر سىياسىي ھاكىمىيەت ھارۋىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس، شۇنداقلا بېسىم، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق قاتارلىق رەزىل ۋاستىلارنى پايدىلىنىپ خەلق ۋە جەمئىيەتنى باشقۇرىدىغان تىزگىنسىز ئىرادىدۇر. سىياسىي ھاكىمىيەت بىلەن قانۇنىي سالاھىيەت دەل مۇشۇ نۇقتىدا كېسىشىدۇ. ھاكىمىيەت نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ھاكىمىيەتكە ئېھتىياجىمىز چۈشىدۇ؟ دېگەن سوئاللار بىزگە قانۇنىي سالاھىيەت بىلەن ھاكىمىيەت مۇناسىۋىتى توغرۇلۇق يىپ ئۇچى بېرىدۇ. ۋېبېر قانۇنىي سالاھىيەتنى ”بارلىق ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان ئىجتىمائىي تەستىق ئۇرۇنۇشى“دەپ ئىزاھلايدۇ (ۋېبېر، 1968: 953) ۋە سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ چوقۇم ئىجتىمائىي رازىلىقنى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. گۇيبېرناۋنىڭ قارىشىچە، قانۇنىي سالاھىيەت ”جەمئىيەتنىڭ ياشىشىنى، جەمئىيەت تەڭپۇلۇقىنى ساقلاشنى، كوللېكتىپ بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈك ئىچىدە چۈشەنچىلىرىنى داۋاملىق مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن لازىملىق ئورتاق ئىرادىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.“ (گۇيبېرناۋ، 1997: 142). بۇ ئىپادىلەردە سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ سىجىل مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئىرادىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىدۇ. مېنىڭچە، شەخسىي ئەركىنلىك ۋە ئىجتىمائىي رازىلىق بولمىغان سىياسىي ھاكىمىيەت قانۇنىي سالاھىيەتكە ئىگە ئەمەس. يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك، بۇ ئەھۋال دىكتاتورلۇق، مۇشتۇمزورلۇق ياكى ھاكىممۇتلەقلىقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. مۇستەبىت ھاكىمىيەت جەمئىيەتنى مەجبۇرىي ئىتائەت قىلدۇرىدىغان ۋاستىلارغا ئىگە بولىدۇ ۋە قانۇنىي سالاھىيىتىنى كۈچتىن ئالىدۇ. مۇستەبىتچىلىكتە كۈچ بىردىنبىر قانۇنىي سالاھىيەتنىڭ مەنبەسىدۇر. مۇستەبىتچىلىك ئۈچۈن شەخسىي ئەركىنلىكلەر ئەمەس شەخسىي ئىتائەت، ئىجتىمائىي رازىلىق ئەمەس ئىجتىمائىي ئىتائەت، ئەركىن ۋە شەخسىي سىياسىي ئىشتىراك ئەمەس يەككىلىك ۋە ئاكتىپ بويۇن ئېگىش ئاساستۇر.

مۇستەبىتچىلىك قانۇنىي سالاھىيەتىنىمۇ ئومۇمىي بىر ئېيتىم ئىچىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. بىر قانۇنىي سالاھىيەت پىرىنسپىلىرىنى چىقىش قىلمايدىغان، پىرىنسپنى ئاساس قىلمايدىغان ھەر قانداق پىكىر ياكى ئىش-پائالىيەتلەر قانۇنلۇق ياكى يوللۇق ھېسابلانمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇستەبىتچىلىكنىڭ ھاكىمىيەت دائىرىسى كېڭەيگەنسېرى قانۇنىي سالاھىيەت دائىرىسى تارىيىپ بارىدۇ. بەلكىم بۇ نۇقتىدىن مۇستەبىتچىلىكنى ئىزاھلاپ باقىدىغان بولساق، مۇستەبىتچىلىك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەسەۋۋۇر، پىكىر ۋە ئىش-پائالىيەتلەرنىڭ قانۇنىيلىق سالاھىيەت دائىرىسى ئەڭ تار بولغان سىياسىي تۈزۈمدۇر. شۇڭلاشقا، ئىدېئولوگىيە، رېدىرلىق، پارتىيە، شەخسىي ئەركىنلىكلەر، ئىجتىمائىي رازىلىق قاتارلىقلارنى بۇ تار دائىرىدىن ئانالىز قىلىش كېرەك. مەن سىياسەت ئىلمىنىڭ دۇنياۋى مەسىلىسى بولغان سىياسىي ھاكىمىيەت ساھەسى بىلەن شەخسىي ئەركىنلىك ساھەسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش، چەكلىمە ۋە ئارىلىشىش دەرىجىلىرىنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكلەرنىڭ زىيىنىغا، سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ پايدىسىغا بولىدىغان ئىشنىڭ، ئەڭ كۆپ مۇستەبىتچىلىك تۈزۈملەردە يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەمەلىيەتتە، مۇستەبىتچىلىكنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بۇ ئىككى ساھەنى بىر پۈتۈن ھالغا سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ كونترولۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشتۇر. مۇستەبىتچىلىك ئۆزىنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سىياسىي نوپۇزىنى قوغداش، مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش، سىياسىي دۈشمەن يارىتىپ جەمئىيەت پۈتۈنلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە جەمئىيەتنى يېڭىۋاشتىن تەرتىپكە سېلىش قاتارلىقلارنى قىلىدۇ.

سىياسىي نوپۇزنىڭ ھەقلىقلەشتۈرۈلۈشى : يا ھاكىمىيەت (كۈچ) ياكى بۆھران

مۇستەبىتچىلىكنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى جەمئىيەتنى بىر پۈتۈن ھالەتتە كونترول قىلىشنى، سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ جەمئىىيەتنىڭ ھەممە ساھەسىگە قول تىقىشنى، شەخسىي ئەركىنلىكلەرنى ۋە ئېتىقادلارنى يوق قىلىشنى، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە (دۆلەت ئىدېئولوگىيەسى) جەھەتتە  مەجبۇرىي بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشىنى ئاساس قىلىدۇ. مۇستەبىتچىلىكتە ھاكىمىيەت قۇرۇش ئەمەس مەۋجۇت ھاكىمىيەتنى قانۇنىيلىق  سالاھىيەتكە ئىگە قىلىش، ئۇنى راتسىيوناللاشتۇرۇش (ئەقلىيلەشتۈرۈش) ۋە ھاكىمىيەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا سادىق بولۇش قاتارلىقلارنى مەركەز ھاكىمىيەت ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇ مەركەز ھاكىمىيەت بارلىق شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي تەسەۋۋۇر ۋە ئىش-پائالىيەتلەرنىڭ قانۇنىي مەنبەسىدۇر. سىياسىي ھاكىمىيەت ئۆزىنى مۇتلەق كۈچ دەپ قارايدۇ، بۇ يەردىكى مۇتلەق كۈچ مۇستەبىتچىلىك تۈزۈمنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىدۇر. مۇستەبىتچىلىكتە سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ نوپۇزىنى ۋە ئورنىنى قوغداپ قېلىش ھەممىدىن مۇھىم. مۇستەبىت سىياسىي ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ مۇتلەق كۈچ ئىكەنلىكى، يېگانە توغرا ۋە ھەقىقەتنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى جەمئىيەتكە تاڭىدۇ. بۇنىڭغا زىت ھەرىكەت قىلغۇچىلار خائىن ۋە دۈشمەن ئېلان قىلىنىپ جازالاندۇرىلىدۇ. بۇنداق قىلىنىشتىكى مەقسەت جەمئىيەت بىلەن بىر تەن بولۇشتۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، مۇستەبىتچىلىكنكىڭ ئەڭ ئاساسلىق قانۇنلۇق سالاھىيەت پىرىنسىپى بىرلىك، پۈتۈنلۈك ۋە ماسلىشىشتۇر.

مۇستەبىتچىلىك ھاكىمىيەتنىڭلا ئەمەس ئىجتىمائىي پىكىرنىڭمۇ قۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مۇستەبىتچىلىك ئىجتىمائىي رازىلىققا ئاساسەن ئەمەس قارار چىقارمايدۇ، سىياسىي يولغا قويمايدۇ، بەلكى ئۆزى خالىغانچە قارار چىقىرىدۇ (لىنز، 1984: 7) ۋە ھېچكىمگە ھېساب بەرمەيدۇ (برزېنىسكىي، 1964). مۇستەبىتچىلىكتە سىياسىي ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى، مەۋجۇتلىقىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ياخشىسىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى ئىجتىمائىي رازىلىق ۋە پۇقرالارنىڭ كوللېكتىپ ئىرادىسىدىن ئەمەس ئۆز نوپۇزىدىن، كۈچىدىن ئىزدەيدۇ. ئۆزىنىڭ مۇتلەقلىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى سۈپىتىدە جەمئىيەتنى رەسمىي ئىدېئولوگىيەگە ئىتائەت قىلىشنى مەجبۇرلايدۇ. لېكىن ئۆزىنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان قىممەت قاراشلىرى، قانۇن ۋە بەلگىمىلەرگە رىئايە قىلىش مەجبۇرىىيىتى يوق. چۈنكى ئۇنىڭ قانۇنى ئۆزىنىڭ مۇتلەق، پارچىلانماس ۋە چەكلىمىسىز بولۇشىدۇر. بۇ سەۋەبتىن مۇستەبىتچىلىك بارلىق كەمچىلىك، خاتالىق ۋە ئۇتۇقسىزلىقنىڭ ئەكسىچە، ئۆزىدىنمۇ ياخشى بىر سىياسىي تۈزۈمنىڭ بارلىقىغا، ھەتتا كەلگۈسىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، شۇڭلاشقا سىياسىي ھاكىمىيەت جەمئىيەتنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆزىگە بويسۇنۇشىنى كاپالەتكە ئاستىغا ئالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

مۇستەبىت ھاكىمىيەت  دۆلەتنىڭ يېگانە، بىر گەۋدە، سىجىل، مۇقەددەس ۋە مۇتلەق بولۇشى لازىملىقىنى ياقلايدۇ ۋە قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى دەل مۇشۇنىڭغا باغلايدۇ. مۇستەبىت ھاكىمىيەت جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئۈچۈن نىشان، پىرىنسىپ، نىزام ۋە شوئارلارنى بەلگىلەپ چىقىدۇ، مۇشۇ نەرسىلەر مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىدۇر. مۇستەبىتچىلىك  ”بىر گەۋدىلەشكەن ئىنسان ۋە جەمئىيەت چۈشەنچىسى“نى ئاساس قىلىدىغان سىياسىي تۈزۈم تەسەۋۋۇرىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مېخانىزملارنى ئىشقا سېلىش ۋە قانۇنلۇق سالاھىيەتنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەتكىلا خاس ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ”ھەقىقەت“نى جەمئىيەت ۋە شەخسلەرگە سىڭدۈرۈش كېرەك، بۇ دەل مۇستەبىتچىلىكنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئەنئەنىسىدە يېگانە بەرپا قىلغۇچى كۈچ دۆلەت بولۇپ، ”ياخشى بولغان، پايدىلىق بولغان، قىلىشقا تېگىشلىك بولغان يېگانە نەرسە دۆلەت ئۈچۈن ئەڭ ياخشى  ۋە ئەڭ پايدىلىقتۇر. چۈنكى ئىجتىمائىي بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈكنىڭ كاپالەتچىسى بولغان دۆلەتكە پايدىلىق بولسا ھەر قانداق نەرسە ھەممە ئادەم ئۈچۈن پايدىلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئادالەتسىزلىكلەرنى نورمال كۆرسىتىش، توغرا چۈشەندۈرۈش ۋە بەرداشلىق بەرگىلى بولىدىغان قىلىش ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق پىرىنسىپقا، ئادالەت ۋە خۇشاللىق پىرىنسىپىغا ئىشەندۈرۈلۈشى كېرەك“ (ئەپلاتون، 1995: 80).

مۇستەبىتچىلىكتە ئاساسلىق مەقسەت بىر ئىدېئولوگىيەلىك مۇستەبىتچىلىكتە جەمئىيەتنى بىر پۈتۈن ھالەتتە سىياسىيلاشتۇرۇپ شەخسلەرنى قېلىپقا كىرگۈزۈش، ”يارىتىلغان يېڭى ئىنسان“نى ئورگانىك جەمئىيەت ۋاستىسى بىلەن ئاسمىيلاتسىيە قىلىش ئارقىلىق، سىياسىي ھاكىمىيەتكە قارشى ھەر قانداق سىياسىي ئىدىيە، ھەرىكەت ياكى كۈچ يوق قىلىنىدۇ (لىنىز، 1984: 21). بىرلا ھاكىمىيەت، بىرلا ئىدېئولوگىيەلىك مۇھىت ئىچىدە بىر خىللا ئىنسان ”يارىتىلىپ“سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ نوپۇزى، مەۋجۇتلۇقى ۋە ئورنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىنىدۇ.

ئۆزىدىن بولمىغانلارنى ئىنكار قىلىش: ئۆزگىلەرنى (دۈشمەن)پەيدا قىلىش

مۇستەبىتچىلىك رەسمىي ئىدېئولوگىيە ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت دائىرىسىنى بەلگىلەش بىلەن بىرگە، ئۆزىدىن بولمىغانلار ياكى ئۆزگىلەرنىڭمۇ  سالاھىيەت ۋە دائىرىسىنى سىزىپ بېرىدۇ. سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ رەسمىيلىك ياكى قانۇنىيلق سالاھىيەت دائىرىسى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىز ۋە باھالارنىڭمۇ ئوبيېكتىپ ئۆلچەملىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق، سىياسىي تۈزۈمدىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ چېگرالىرىنى سىزىپ چىقىدۇ. بۇ سىزىق ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئارزۇ-ئىستەكلەرنىڭ رەسمىيلىك دائىرىسىنىڭ پاسىللىرى بولىدۇ. باشقىلىرى بولسا غەيرى رەسمىي سۈپىتىدە كۆرۈلۈپ تۈزۈمنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئۆزىدىن بولمىغانلار ياكى ئۆزگىلەرنى ئىنكار قىلىش سىياسىي ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىدا تۇتقۇچىلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى تەنقىدلەرنىڭ ئىجتىمائىي نوپۇز ۋە شارائىتقا ئېرىشىشىگە قارىتىلغان پوزىتسىيەدۇر.

مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسلىق مەسىلىسى، سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ رەسمىيلىكىگە دائىر ”قانۇن“ بىلەن سىياسىي ھاكىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم ئوتتۇرىسىدا بىرلىك، پۈتۈنلۈك ۋە ماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. بىرلىك، پۈتۈنلۈك ۋە ماسىلىققا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان بارلىق ئامىللارنى جەمئىيەت ۋە سىياسەت ساھەسىدىن چىقىرىپ تاشلاش لازىم، دەپ قارالغانلىقتىن، مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلارنى سەلبىي نەرسىگە چىقىرىدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇنداقتا مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە نىسبەتەن بۇ بىرلىك، پۈتۈنلۈك ۋە ماسلىق نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك مۇھىم؟، نېمە سەۋەبتىن بۇلار كەم بولسا بولمايدۇ؟ مۇستەبىت ھاكىمىيەت بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا بىرلىك، پۈتۈنلۈك ۋە ماسلىق بەرپا قىلىش ئارزۇسى زادى نېمە دېگەنلىك؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزىدىن تاپقىلى بولىدۇ.

مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتى يەككىلىشىش ۋە مونوپۇللۇقتۇر. مۇستەبىتچىلىك جەمئىيەتنى باشتىن-ئاخىرى تەرتىپكە سېلىپ چىقىش ئۈچۈن سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىدېئولوگىيە قاتارلىقلارنىڭ مونوپۇللىقىدىن تەشكىل تاپقان ”كۈچلۈك ھاكىمىيەت مونوپۇللىقى“نى قولغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق، جەمئىيەتنى كونترول قىلىشنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ (ۋاگنېر، 1993: 305). بۇ سەۋەبتىن جەمئىيەتنىڭ بىرلىكى، پۈتۈنلۈكى ۋە ماسىلىقى مونوپۇللۇق ۋە يەككىلىكنىڭ تەقەززاىسىدۇر. چۈنكى بىرلىك، پۈتۈنلۈك ۋە ماسلىق سىياسىي ھاكىمىيەتكە، بىر پۈتۈنلەشكەن ھاكىمىيەت ساھەسى ۋجۇدقا چىقىرىپ ، دۇنيانىمۇ تەرتىپكە سېلىش شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. سىياسى ھاكىمىيەت بىلەن ئىجتىمائىي ئىتائەتنىڭ بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈكى بۇ شارائىتنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ رەسمىيلىك ۋە قانۇنىيلىق سالاھىيىتىگە دائىر قانۇننى مۇقەددەسلەشتۈرۈپ مۇتلەق توغرا ھالىتىگە ئېلىپ كېلىدۇ. سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇق سەۋەبى بولغان نىزامىيلىقنىڭ زىتى ھېسابلىنىدىغان بۆھراندىن ئەندىشە قىلىدىغان بولغاچقا،بىرلىك، پۈتۈنلۈك ۋ ماسىلىقنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش خەۋپى، جەمئىيەتنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەتكە بولغان ئېھتىياجى ۋە ئىتتائىتىنى ئاشۇرىدۇ. مۇستەبىتچىلىكتە بىرلا ئىدېئولوگىيەلىكنىڭ تەشۋىقاتى قىلىنىدىغان بولغاچقا، باشقا ئىدېئولوگىيەلەر ۋە ئېتىقاد سىستېمىلىرى تەھدىت سۈپىتىدە قارىلىدۇ (لىنىز، 1984: 30). بۇ زىتلىق ئارقىلىق سىياسىي ھاكىمىيەت جەمئىيەتنى بۆلگۈنچى ۋە پېتە-پاساتچى مەخلۇقلاردىن ساقلايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. بىرلىك، پۈتۈنلۈك ۋە ماسىلىقنىڭ مۇئەككىلى ياكى مۇھاپىزەتچىسى بولغان سىياسىي ھاكىمىيەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمەنلىرى ھېسابلىنىدىغان ئىندىۋىدۇئاللىق ، كۆپ خىللىق، چېچىلاڭغۇلۇق، ماسلاشماسلىق، بۆلگۈنچىلىك بۇ تۈزۈمنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. ”بىز“ ۋە ”ئۇلار“ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ”بىز“نى ۋە ”ئۇلار“غا قارشى ئورتاق ئۇرۇش نىشانى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك جەھەتتە ئەڭ كۆپ بىر پۈتۈنلەشتۈرىدىغان ئاساسلىق تېما بولۇپ قالىدۇ. بۇ توقۇنۇش ئىدېئولوگىيە بىلەن مۇستەبىت ھاكىمىيەت خەلقنىڭ سىياسىي قوللىشىغا ئېرىشىپلا قالماستىن شەرتسىز ساداقىتىگىمۇ ئېرىشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلەر مۇستەبىتچىلىكنىڭ كەم بولمسا بولمايدىغان خۇسۇسىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ رەسمىيلىك ياكى قانۇنىيلىق سالاھىيىتى سىياسىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن چۈشەنچە ۋە ئىش-ھەرىكەت پىرىنسىپلىرىنىڭ سىرتىدىكى بارلىق چۈشەنچە ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىسىپ چەتكە قېقىش ئۈچۈن، قابىلىيەتكە بەكرەك مەركەزلىشىدۇ. دۆلەتنىڭ كۈچىمۇ بۇنىڭغا باغلىق. بۇ كۈچ تەھدىت، مونوپۇللۇق ۋە ئىنكار ۋە چەتكە قېقىش قابلىيىتىگە بەكرەك مۇناسىۋەتلىك. بۇ سەۋەبتىن جەمئىيەت ۋە سىياسىي ھاكىمىيەتكە نىسبەتەن ئورتاق دۈشمەن پەيدا قىلىش رەسمىيلىك ياكى قانۇنىي سالاھىيەت ئىزدەشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ (كلاسسېن 1998: 23). بارلىق بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ تېگىدە سىياسىي ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىش ۋەھىمىسى ياتىدۇ (لىنز، 1984: 28). بۇ ۋەھىمىدىن سىرت زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە بېسىم مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ رۇشەن ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. ۋەھىمە ۋە تېررورلۇق بىلەن دۇنيانى چاڭگىلىغا ئېلىپ ھەممە يەردە ھاكىمىيەت تىكلەشنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇستەبىتچىلىك، ”كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئۈچۈن كېڭەيمىچىلىك“، ”ھاكىمىيەت ئۈچۈن ھاكىمىيەت“نى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىنساننى يوق قىلىدۇ (ئارېندت، 1996: 11). ئارېندت مۇستەبىتچىلىكنىڭ مەنبەلىرى سۈپىتىدە جاھانگىرلىك ۋە ئانتىسەمىتىزم (يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ئېقىمى) تەھلىل قىلىنغان ئىككى توملۇق ئەسىرىدە، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىنى دۇنيانىڭ پەتھىي سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىشى ۋە بۇنىڭ ئالدىكى توسالغۇلارنى ئۆزگىلەر ياكى دۈشمەن ئېلان قىلىپ چەتكە قېقىشنىڭ،  مۇستەبىتچىلىكنىڭ ھۆكۈمرانلىق ساھەسى سۈپىتىدە چەكسىز ۋە نازارەت قىلغىلى بولمايدىغان قۇرۇلمىسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ (ئارېندت، 1996).

مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئۆزى چەتكە قاققانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان سىياسەتلىرى ۋە خىزمەتلىرىنىڭ يوللۇق ۋە توغرا ئىكەنلىكىگە جەمئىيەتنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن مائارىپ، تەشۋىقات ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا ”ئۆزگىلەرگە قارشى كۈرەش“سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ بۇرچىغا ئايلىنىدۇ. بۇ بۇرچ داۋاملاشقانسېرى، خەلقنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ رەسمىيلىكى ۋە قانۇنىيلىق سالاھىيىتىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ ئېشىپ ماڭىدۇ. بۇنداق بولغاندا، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ رەسمىيلىكى ۋە قانۇنىيلىق سالاھىيىتى ئىزچىل ئۇرۇش ۋە كۈرەش بولىۋاتقان ئەھۋالغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇرۇش مۇستەبىتچىلىكنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى بولۇپ، ئۇرۇشتىن ئوزۇقلانمايدىغان بىرمۇ مۇستەبىت دۆلەت يوق. بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، مۇستەبىتچىلىك ”ئۆزگىلەر بىلەن ئۇرۇش“تۈزۈمىدۇر. ئۆزگە دىنلار، ئۆزگە ئىرقلار، ئۆزگە سىنىپلار، ئۆزگە كۈلتۈرلەر بۇ ئۇرۇشنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. دۈشمەننىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىچكى ۋە تاشقى دۇنيادا تېررورلۇق ئارقىلىق رەسمىيلىككە ئىگە قىلىنىدۇ (فرېدرىچ، برزېنىسكىي، 1964). ھەممە نەرسە ئۇرۇش تاكتىكلىرىگە ئاساسەن شەكىللىنىدۇ. ئۇرۇشنىڭ يېگانە مەقىسىتى دۈشمەن بېكىتىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر ئۇنى يوق قىلىشتۇر.

جەمئىيەتنى يېڭىۋاشتىن بەرپا قىلىش: سىياسىي، ئىجىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئىنژېنېرلىق

مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئۆزگىلەرنى دۈشمەن قىلىپ بېكىتپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىچىگە يەنى ئىچكى دۇنياسىغا قايتىدۇ. مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئۆز ئىچىدە بىرلىك، پۈتۈنلۈك ۋە ماسلىق ئىچىدە ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈم بەرپا قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئۇرۇنىدۇ. سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ بۇ فۇنكسىيەسى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىنژېنېرلىق دەپمۇ ئاتىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر پۈتۈن يېڭىۋاشتىن بەرپا قىلىپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ.

مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم فۇنكىسيەسى جەمئىيەتنى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە سىجىل تەرتىپكە سېلىپ تۇرۇشتۇر. رەسمىيلىك ياكى قانۇنىيلىق سالاھىيىتىدىن دۆلەتتىن ئالىدىغان ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىققان مۇستەبىت ھاكىمىيەت، ئۆزى شەكىللەندۈرگەن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي دۇنيادا ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، شەخسلەرنى بۇنىڭغا ماسلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ قۇرۇلما ئىچىدە ئىدېئولوگىيە ئىنسانلار ھەر ساھەدە مۇراجائەت قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدىغان، تۇرمۇشىنى ئۇنىڭغا ئاساسەن باھالايدىغان ۋە ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە ئۇنىڭغا ئاساسەن ئىش تۇتىدىغان پىرىنسىپلارنى بېكىتىپ چىقىدۇ. بۇنى دۇنيا قارىشى دەپ ئاتىغىنىمىزدەك، كوللېكتىپ تەسلىمىيەت، كوللېكتىپ ئاڭ، ئورتاق قىممەت قاراشلار سىستېمىسى ياكى كوللېكىۋىزم دەپمۇ ئاتىساق بولىدۇ. لىنزنىڭ قارىشىچە، شەخسلەرنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىجتىمائىي رازىلىقىدىن ئىنسان شەرتسىز ۋە خالىغانچە پايدىلىنىدىغان مۇستەبىتچىلىك قانۇنىيلىق سالاھىيىتى ۋە رەسمىيلىكىنى، بىر گەۋدىلەشكەن ئىنسان ۋە جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىدىيەسىدىن ئالىدۇ (لىنز، 1984: 34). بۇ ئەھۋال شەخسنىڭ بىر ئىدېئولوگىيەلىك مۇستەبىتچىلىك ئىچىدە ئېرىتىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ”بىر پۈتۈن سىياسىيلاشتۇرۇلۇشى“، يېڭى بىر ئىنساننى ئورگانىك قۇرۇلما ئىچىدە قايتىدىن يارىتىلىش جەريانىدۇر (لىنز، 1984: 21). لىنز بۇ جەرياننىڭ دۆلەت مونوپۇللىقىدىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرى، مائارىپ ۋە بېسىم ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىن دەيدۇ (لىنز، 1984: 53). بۇلار مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ پۈتۈنلەشتۈرۈش، ئاسمىلاتسىيە قىلىش ياكى ئىتائەت قىلدۇرۇش فۇنسكىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مۇستەبىت ھاكىمىيەت جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ قانۇنىيلىق سالاھىيىتى ياكى رەسمىلىكىگە بولغان ئىشەنچنى تىكلەش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. مۇستەبىت تۈزۈم ئۆزىنى قوغداپ ساقلاپ قېلىش، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ئۆكتىچىلەرنى، تەنقىد قىلغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، جەمئىيەتتە بىرلىك ۋە نىزام بەرپا قىلىشنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ. ئىجتىمائىي بىرلىك بەرپا قىلىش ئېھتىياجى تەبىئىي ھالدا ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھە بەرپا قىلىشنىمۇ تەقەززا قىلىدۇ. مۇستەبىتچىلىكتە كۆزدە تۇتۇلغان بىر پۈتۈنلەشكەن دۇنيا، بىر خىل قېلىپتىكى مۇھىتتا شەخسلەرنى بۇنىڭغا ئاساسەن قېلىپلاشتۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تەرتىپكە سالىدىشغان پىكىر ۋە مەنىلەر دۇنيانى كۆرسىتىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ مەقسىتى سىياسىي ھاكىمىيەتكە مۇتلەق مەنىدە شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىتائەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. دۆلەتنىڭ شەخسلەرنى ئۆزى بېكىتىپ چىققان ”تەرتىپلىك“، ”ئادىللىق“، ”ياخشىلىق“ ياكى ”باياشات جەمئىيەت بولۇش“قا ئوخشاش جەمئىيەت ئەندىزىسىگە ئاساسەن باشقۇرۇشىنى، ئەردوغان سىياسىي دۆلەتچىلىك دەپ ئىزاھلاپ، بۇنىڭ مۇسبەت زوراۋانلىقنى يوللۇق، قانۇنلۇق ۋە رەسمىيلەشتۈرۈش، شۇنداقلا شەخسلەرنى ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ ئويۇنچۇقى ياكى ۋاستىسى قىلىۋېلىشنىڭ يولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ (ئەردوغان، 1995:45). سىياسىي ھاكىمىيەت شەخسلەرنى ئۆزى بېكىتىپ بەرگەن دائىرىدە ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنىيلىق سالاھىيەت پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن باشقۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ.

مۇستەبىتىچلىكنىڭ جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋاستىلىرى

مۇستەبىت ھاكىمىيەت ھەم سىياسىي، ھەم ئىجتىمائىي ھەمدە ئىقتىسادىي قاتلاملىق شەكلىدە بولىدۇ. شەخسلەر بۇ قاتلاملىق قۇرۇلمىنىڭ ئىچىگە ئېلىنىپ، ئىدېئولوگىيە ۋاستىسى ئارقىلىق بۇ قۇرۇلمىنى قوغداش ۋە مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تەربىيەلىنىدۇ. ئىدېئولوگىيەنىڭ ئۆزىمۇ بىر گەۋدىلەشكەن ۋە قاتلاملىق بولىدۇ. بۇ قاتلاملىق قۇرۇلما ئىچىدە جەمئىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىنتىزام ۋە جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ پەرقلىق كۆز-قاراشلىرى ۋە مەنپەئەتلىرى  تۈزۈمگە ماسلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ جەرياندا شەخسلەرگە نېمىنىڭ ياخشى نېمىنىڭ رەزىل، قايسى ئىش-ھەرىكەتنىڭ رەسمىي ياكى قايسىسىنىڭ غەيرى رەسمىي دېگەندەك نەرسىلەر ئەمەس، ئىدېئولوگىيەلىك پىرىنسىپلار ئۆگىتىلىپ شەخسلەر ئىجتىمائىيلاشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، ئىدېئولوگىيەلىك مونوپۇللۇق ئىچىدە ئېرىتىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، شەخسلەر ھەم ئىجتىمائىي ھەمدە سىياسىي جەھەتلەدە قايسى ئۆلچەملەرگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، ئىتائەتچان پۇقرالار بولىدىغانلىقىنى، قانداق سوتلىنىپ جازالاندۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىدۇ. مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ رەسمىيلىكى ياكى قانۇنىيلىق سالاھىيىتىنىڭ مەنبەلىرى ۋە ۋاستىلىرى بولغان ئىدېئولوگىيە، ئەنئەنە، لىدېرلىق، قەھرىمانلىق، پارتىيە، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، قانۇن، بيئوكراتىيەگە ئوخشاش نەرسىلەر ئەمەلىيەتتە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمدىكى سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنىيلىقىغا دائىر قانۇنلار ۋە مەۋجۇت قاتلاملىق قۇرۇلمىنى مۇئەييلەنلەشتۈرۈشتە ئىشقا يارايدۇ. چۈنكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قانۇنى بولغان ئىجتىمائىي ئىتائەت، بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈك ئىچىدە تارقاقلىققا ۋە كۆپ خىللىققا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. تارقاقلىق ۋە كۆپ خىللىق مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ بىرلىك ۋە پۈتۈنلىكىگە  تامامەن زىتتۇر. مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھاكىمىيەتنىڭ قاتلاملىق قۇرۇلمىسىنى قوغداپ قېلىشىغا باغلىقتۇر. قاتلاملىقنىڭ ئەڭ ئۈستىدە لىدېر بار، لېكىن بارلىق قاتلاملارنى بىر-بىرىگە ئورتاق نىشان ۋە پىرىنسىپلار بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان نەرسە رەسمىي ئىدېئولوگىيەدۇر.

رەسمىي ئىدېئولوگىيە: مۇستەبىتچىلىك، ئىدېئولوگىيەلىك ئىجتىمائىي مۇھاسىرە

مۇستەبىت ھاكىمىيەت شەخس ۋە جەمئىيەتنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىش ۋە تەرتىپكە سېلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاستىسى ئىدېئولوگىيەدۇر. ئىدېئولوگىيە سىياسىي ھاكىمىيەت بەلگىلەپ بەرگەن پىرىنسىپ ۋە مەقسەتلەر دائىرىسىدە جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۇنىڭغا ئۈستۈن كىملىك بېرىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىدېئولوگىيەنىڭ فۇنكسىيەسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولمايدۇ. ئۇنىڭ ۋاستىچىلىك رولى دۆلەتنىڭ مەقسىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. دۆلەت جەمئىيەتنى بىر تەرتىپ ۋە نىزام ئىچىدە باشقۇرىدىغان، بۇ تەرتىپ ۋە نىزامنى قوغدايدىغان، شەخس ۋە جەمئىيەتنى بىرلەشتۈرىدىغان، ئەڭ كۈچلۈك قارار چىقارغۇچى بولغان ۋە بىر دۇنيا قارىشى بىلەن ئىجتىمائىي پۈتۈنلۈكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئۈستۈن سىياسىي ھاكىمىيەت ساھەسى ياكى ئاپپاراتىدۇر (پولانتزاس، 1992: 40). ئىدېئولوگىيە “ ئىجتىمائىي ئەندىزىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ۋە داۋاملاشتۇرىدىغان، تۈزۈمنىڭ ئىجتىمائىي ئىمكانىيەتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ۋە قايتىدىن بەرپا قىلىدىغان، شۇنداقلا دۆلەت بىلەن ئوخاش بىر مەقسەتكە يۈزلەنگەن سىستېمىدۇر“ (لاكلاۋ، 1998: 73). ئىدېئولوگىيە ”ئىجتىمائىي ئەندىزىنى بەلگىلەيدىغان، بۇنىڭغا ئاساسەن جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان ۋە شەخسلەرنى بۇ مۇناسىۋەتلەر تورى ئىچىدە يېتەكلەيدىغان پىكىرلەر ۋە لايىھەلەر سىستېمىسىدۇر“ (ئالتۇسسېر، 1991: 47). قىسقىسى، ئىدېئولوگىيە ”ئىنسان ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتىنى، بۇ مەقسەتلەرگە قانداق يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى تەرىپلەپ بېرىدىغان، ئىجتىمائىي ۋە جىسمانىي ھەقىقەتلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بەلگىلەيدىغان ھۆكۈم قىلغۇچى پىرىنسىپلار سىستېمىسىدۇر“ (ئاللارد، 1971: 117)دەپ ئىزاھلىنىدۇ.

مەن ئىدېئولوگىيەنىڭ شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە ھايات پەلسەپەسى تەقدىم قىلىشىنى ئەمەس، سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ ئىدېئولوگىيەنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتنى بەرپا قىلىش ۋە تەرتىپكە سېلىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە بېقىندى قىلىۋېلىشى ياكى قورالىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىنى توغرا تاپمايمەن. شەخسنىڭ كائىنات، تارىخ، جەمئىيەت ۋە ئۆزىگە دائىر مەلۇماتلار، قاراشلار ۋە پىرىنسىپلارنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىدىكى رەسمىي ئىدېئولوگىيە تەرىپىدىن تېڭىلىشى توغرا ئەمەس. رەسمىي ئىدېئولوگىيە دۆلەتنى مۇتلەق مۇستەبىتچىلىككە ئېلىپ بارىدۇ. دۆلەت شەخس ۋە جەمئىيەتكە بىر ئارىلىشىپ قالسا، ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ،بۇ داۋاملىق كۈچىيىپ ماڭىدۇ. ئىدېئولوگىيە دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ۋاستىسى بولۇپ قالغان تەقدىردە، شەخسلەر سۇبيېكتىپلىقتىن چىقىپ ئوبيېكتىپلىققا ئايلىنىدۇ، يەنى ئىنسان ئاكتىپ ھالەتتىن پاسسىپ ھالەتكە ئۆتىدۇ، ئىجتىمائىي ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەر سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ رەسمىي ئىدېئولوگىيەسىنىڭ بېسىم ۋە مونوپۇل ۋاستىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، مەنچە بولغاندا رەسمىي ئىدېئولوگىيەنىڭ ئۆزىنىڭ بولۇشىلا بىر تۈزۈمنى مۇستەبىتچىلىك تۈزۈم دەپ قاراشقا يېتەرلىكتۇر. رەسمىي ئىدېئولوگىيە ”ئىنساننىڭ پۈتكۈل تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋە جەمئىيەتتىكى بارلىق شەخسلەر ئەگىشىدىغان ئىدىيە سىستېمىسىدۇر“ (برېزىنسكى، 1964:13). مۇستەبىت دۆلەتلەردە ئىدېئولوگىيە دۆلەتنى قىلغۇچى(ئاكتىپ)، شەخس ۋە جەمئىيەتنى قىلىنغۇچى (پاسسىپ) قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەبىتچىلىكى بىلەن ئىدېئولوگىيەلىك بىر پۈتۈنلۈك ماھىيەتكە ئىگە بولۇشى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. مۇستەبىت ئىدېئولوگىيە جەمئىيەتنى ھەممە نەرسىگە چېتىلىدۇ، ھەممە ئادەمنى مەجبۇرىي ئىتائەت قىلىشقا زورلاش بىلەن بىرگە، شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا، تۇرمۇش ساھەلىرىگە، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا خالىغانچە سوقۇنۇپ كىرىپ تەرتىپكە سېلىشقا تىرىشىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، شەخسىي ھەق-ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى يوق قىلىدۇ (كولاكوۋسكى، 1993: 319). مۇستەبىتچىلىكتە شەخسىي ساھە بىلەن ئاممىۋى ساھە ئوتتۇرىسىدا كىسىشىش بولىدۇ. قىسقىسى، مۇستەبىتچلىك سىياسىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن شەخسلەرنىڭ ئوبيېكتلاشتۇرۇلۇشى يەنى تاۋارلاشتۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مۇستەبىتچىلىكتە شەخسنىڭ ئەركىن ئىرادىسى قىلچىمۇ نەزەرگە ئېلىنمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، خەلقنى سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ مەقسىتىگە ئاساسەن يېتەكلەشتە ئىشقا يارايدىغان ئەڭ مۇھىم قورال ھېسابلىنىدىغان رەسمىي ئىدېئولوگىيە يارىتىش ئېھتىياجى، مۇستەبىتچىلىكنى ياقلايدىغان نەزىرىيەچىلەر تەرىپىدىن كۆككە كۆتۈرۈلۈپ كەلدى. ئەپلاتوننىڭ ”ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يالغانلىرى“، سورېلنىڭ ”ئەپسانىلىرى“، ناتسىستلارنىڭ ”ئىرقچى ئىدىيەسى“ بىلەن مۇسۇللىنىڭ “ كوپىراتسىيە“چى دۆلەت نەزىرىيەلىرى بۇ مەقسەتكە خىزمەت قىلغان (ھايېك، 1999: 206).

مۇستەبىت ئىدېئولوگىيە سىياسىي ھاكىمىيەتكە ھەر ۋاقىت جەمئىيەتكە ئارىلىشىش ۋە بېسىم قىلىش ھوقۇقى ۋە شارائىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ھاكىمىيەت ۋاستىسى ياكى قورالى دەيمىز. چۈنكى ”مۇستەبىت تۈزۈملەردە ئىدېئولوگىيەلەر قانۇنىيلىق سالاھىيەت مەنبەسىدۇر“ (فېدرىچ-برېزېنىسكى، 1964:35). سىياسىي ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ رەسمىيلىكى ياكى قانۇنىيلىق سالاھىيىتىنىڭ ئۆلچەملىرىنى ئۆزى قوبۇل قىلغان ئىدېئولوگىيە ئاساسىدا بېكىتىدۇ.بۇ ئىدېئولوگىيەلىك رامكا ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ رەسمىيلىك ياكى قانۇنىيلىق سالاھىيىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىدېئولوگىيە دۆلەتنىڭ تۈزۈمنى كونترول قىلىش فۇنسكىيەسىگە ئىگە. جەمئىيەت ۋە سىياسىي ساھەدە قايسى ئىدىيە ۋە ئىش-ھەرىكەتنىڭ رەسمىيلىك ياكى قانۇنىيلىق سالاھىيىتىنىڭ دائىرىسىدە ياكى ئەمەسلىكىگە ئىدېئولوگىيە قارار بېرىدۇ. مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، سىياسىي ئىشتىراكنىڭ (پائالىيەت ياكى ھەرىكەت) خاراكتېرى ۋە پارتىيە سانىنىڭ بىھۇدە ياكى ئەھمىيەتسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز. ناۋادا ئىجتىمائىي –ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە پارتىيەلەر ھاكىمىيەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ھۆكۈمرانلىقى-نوپۇزى دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارسا بۇ قانداقتۇر مۇستەبىتچىلىكنى يوق قىلماستىن بېيىتىدۇ.

مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم فۇنسكىيەلىرىدىن بىرى بولغان پۈتۈنلەشكەن چۈشەنچىلەردىن تەشكىل تاپقان مۇستەبىت تۈزۈم قۇرۇپ چىقىش، سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى يوللۇق ۋە رەسمىيلىككە ئىگە قىلىش، ھاياتنى ئىزاھلاش ۋە ئىزاھلانغان بۇ ھايات ئەندىزىسىنى شەخسلەرگە ئەڭ توغرا ۋە مۇۋاپىق يول سۈپىتىدە كۆرسىتىش قاتارلىقلار مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ مەقسىتى بولۇپ، مۇستەبىت ھاكىمىيەت بۇ مەقسىتىنى ئىدېئولوگىيە ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىدۇ (بېرگېر-لۇكمەن، 1976:94). ئىدېئولوگىيە ھاكىمىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا قارشى پىكىر ئوتتۇرىغا قويغىلى، ھەتتا بەس-مۇنازىرە قىلىغىلى قويمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. ئىدېئولوگىيە ۋاستىسى ئارقىلىق ھاكىمىيەت دوگماتىك ئېتىقاد، مۇتلەق ھەقىقەتكە، سىرلىق كۈچكە ۋە ئۆزگەرمەس پىرىنسىپ مەرتىۋىسىگە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئىدېئولوگىيە ”دۇنيا قارىشى، ئېتىقاد سىستېمىسى، پىكرىي مۇتلەقلىق ، مەركىزى ئەخلاق ياكى يۈكسەك ئاڭ ئەتراپىدا ئۇيۇشۇش دەرىجىسى، ئۆتمۈش ۋە ھازىرنىڭ چۈشەنچە تۈرلىرى بىلەن يېقىنلىقى، يېڭى ئامىللار ياكى تۈرلەرگە بېكىنمىلىك دەرىجىسى، ئىش-ھەرىكەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسى، ئەگەشكۈچىلەردىن پىكىرى جەھەتتە بىرلىكنى كېلىشنى تەلەپ قىلىش، پىكىرنىڭ قايسى دەرىجىدە ھاكىمىيەتكە يېقىن بولۇشى، ئېتىقادنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى زېممىسىغا ئالغان مۇئەسسىسە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يۇقىرى بولۇشى“ (شىلىش، 1969: 66)پۈتۈنلەشتۈرگۈچى ئىدىيە قۇرۇلمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھاكىمىيەتنى نۇرغۇن جەھەتتە كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن مۇستەبىتچىلىك تۈزۈمنى بىرلا ئىدېئولوگىيەلىك ئاساس ئۈستىگە قۇرىدۇ.

ئىدېئولوگىيە ۋاستىسى ئارقىلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەت جەمئىيەت ۋە شەخسنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىش ياكى تەرتىپكە سېلىش، مەۋجۇت سىياسىي نوپۇزنى قوغداش، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىنژېنېرلىق فۇنسكىيەسىنى ئادا قىلىدۇ. سىياسىي ھاكىمىيەت جەمئىيەتنى پۈتۈنلەشتۈرگۈچى، بىرلىككە كەلتۈرگۈچى ۋە بىرلا ئىدىيە ۋە ئىش-پائالىيەت دۇنياسى قۇرۇپ چىقىش قۇدرىتىگە ئىدېئولوگىيە تۈرتكىسىدە ئېرىشىدۇ. ئىدېئولوگىيەلەرمۇ ئېتىقاد سىستېمىلىرىغا ئوخشاش، كۈچلۈك ئىشىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ ۋە ئۆزنىڭ سىرتىدىكى دۇنيانى دوزاخ، ئۆزى ۋەدە قىلغان دۇنيانى بولسا جەننەت دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ”خەلقنىڭ ئەپىيۇنى“بولغان دىنلارنى رەت قىلىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن جەمئىيەتنىڭ ئەپىيۇن ئېھتىياجىنى مۇستەبىت ئىدېئولوگىيلەر ئېتىقادلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغان. بۇ سەۋەبتىن ئىدېئولوگىيەلەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بۇ دۇنيادىلا ”جەننەت“بەرپا قىلالايدىغانلىقىنى ۋەدە بېرىپ، ئېتىقاد سىستېمىلارنىڭ ”دۇنياۋىلىقى“دىن پايدىلىنىش ئارقىلىق يۇقىرىدا مۇستەبىتچىلىكنىڭ ۋاستىسى بولغان. بۇ ئەھۋال جەمئىيەتشۇناس پارسونسنىڭ ئىدېئولوگىيە توغرۇلۇق بەرگەن ئىزاھاتىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىدېئولوگىيەلەر ”جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئېتىقاد ۋە ئىمان سىستېمىسى، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ھاياتىنى تەرتىپكە سالىدىغان كۈلتۈر، كوللېكتىپ ۋە شەرت-شارائىتلارغا بىر پۈتۈن قارىتىلغان ئىدىيە سىستېمىسى، جەمئىيەتنى بۇ سىستېمىغا مۇۋاپىق ھالدا قۇرۇپ چىقىش، كەلگۈسىدە قۇرۇپ چىقماقچى بولغان ئۇتۇپىيەلىك جەمئىيەتنىڭ پىرىنسىپلىرى بىلەن توقۇلغان مۇناسىۋەتلەر تورى“ (پارسونس، 1951: 349)بولۇش سۈپىتى بىلەن، دىننىڭ بارلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تۇتۇشتى.

كولاكوۋسكىنىڭ قارىشىچە، مۇستەبىت ئىدېئولوگىيەلەر سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا رېئاللىقنىڭ سىرتىدا بەرپا قىلىنغانلىقتىن يالغانچى ۋە ئىككى يۈزلىمىچى بولىدۇ، شۇنداقلا ياخشىلىق ۋە خۇشاللىقنىڭ نوقۇل بۇ ئىدېئولوگىيە تۈرتكىسىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمۇ تولىمۇ بىمەنە ھېسابلىنىدۇ. ئىدېئولوگىيە ۋەدە قىلغان ”يېڭى دۇنيا ۋە جەمئىيەت“تىكى ”ھەقىقەت“، ئەمەلىيەتتە مۇستەبىت دۆلەت جەمئىيەت ۋە شەخسكە تاڭغان ئېتىقادتۇر. بۇ ”ھەقىقەتلەر“تۈرتكىسىدە جەمئىيەت  زىھنى ۋە مەنىۋى جەھەتتە ئاممىۋىيلاشتۇرۇلىدۇ. نەتىجىدە ئىنسانلار ھەم زىھنى ھەمدە مەنىۋى جەھەتلەردە دۆلەتنىڭ مال-مۈلكىگە ئايلىنىدۇ (كولاكوۋسكى، 1993: 321). شەخسنىڭ مەۋجۇتلۇقى جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا قۇربان قىلىنىش ئارقىلىق، شەخسلەر ”جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ياخشىلىقى“شوئارى ئاستىدا پاسسىپ ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئىدېئولوگىيەلىك ”ھەقىقەتلەر“مۇستەبىت قۇرۇلمىدا سىياسىي ھاكىمىيەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى تەڭسىزلىكنى، ئادالەتسىزلىكنى قوغداش، داۋاملاشتۇرۇش، يورۇشۇش ۋە نىقابلاش قاتارلىق فۇنسكىيەگە ئىگە بولغان رەھىمسىز رېئاللىقتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقىنىمىزدا، ئىدېئولوگىيەلەر سىياسىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن بېكىلىتىلگەن نىشانلارنى رەسمىيلىك ياكى قانۇنىيلىق سالاھىيەت ئىگە قىلىش ئارقىلىق، پارلاق ئىستىقبال ۋە مەۋجۇت سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى سىجىللىقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەۋجۇت سىياسىي نوپۇز ۋە ھاكىمىيەتنى قوغداشتەك رول ئوينايدۇ.

ئىدېئولوگىيەلىك رەسمىيلىك ياكى قانۇنىي سالاھىيەت ئىزدەش ئۇرۇنۇشىنىڭ تېگىدە ياتقان ئامىل، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ جەمئىيەتنى ئۆزىگە مۇتلەق ئىتائەت قىلدۇرۇپ ئۇنى باشقۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى جەمئىيەت ۋە شەخسلەرگە قوبۇل قىلدۇرۇش ئىستىكىدۇر. بۇ نۇقتىدا ئىدېئولوگىيەنىڭ يەنە بىر ۋاستىچىلىك تەرىپىنى ئىزاھلاشقا توغرا كېلىدۇ: جەمئىيەتنى سىياسىي ھاكىمىيەتكە تولۇق ئىتائەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن شەخسلەرگە پىكىر ۋە ئىش-پائالىىيەت قېلىپلىرى، پىرىنسىپلىرى ۋە نىزاملىرى تېڭىشتۇر. بۇلار ئارقىلىق شەخسلەر بىلەن دۆلەتنىڭ مەقسەتلىرى ۋە مەنپەئەتلىرى گىرەلەشتۈرۈلۈپ، شەخسلەرنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەتتىن يىراقلىشىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. شەخسلەر بۇ قېلىپلار، پىرىنسىپلار ۋە نىزاملار ئىچىدە ئۆزىگە ئوخشاش شەخسلەردىن تەشكىل تاپقان جەمئىيەتكە ئىتائەت قىلدۇرۇلىدۇ، بۇ جەرياندا شەخسلەر سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ سىياسەتلىرى ۋە ئىش-پائالىيەتلىرىگىمۇ نورمال مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدۇ.   بۇنداق جەمئىيەتتە بەزى ئىنسانلار جەمئىيەتتىن يىراقلىشىپ ياتىلىشىدىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلىدۇ، دەل مۇشۇ سەۋەب كۆزدە تۇتۇلۇپ، سىياسىي ھاكىمىيەتكە ياتلاشقان ئىنسان ۋە توپلۇقنىڭ ۋەھىمە ۋە ئەندىشىسىگە قارىتا چارىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، بۇ چارىلەر دەل ئىدېئولوگىيەنى تەشكىل قىلىدۇ (سىگمۇند، 1967: 96). جەمئىيەت بۇ ئىدېئولوگىيەلىك پۈتۈنلۈك ئىچىدە ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ ئاكتىپ ئىتائەت باسقۇچىغا ئېلىپ كىرىلىدۇ.

تىل، سىمۋول ۋە ئەپسانە: مۇستەبىت ئېيتىمنىڭ يول ئىشارەتلىرى:

مۇستەبىت ھاكىمىيەت قورال ۋە بېسىم نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلىدۇ لېكىن تىل بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئاساسىغا قۇرۇلغان مۇستەبىت سىياسىي تۈزۈم تىل تۈرتكىسىدە، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بارلىق فۇنكسىيەلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. تىل جەمئىيەتنى يېڭى ئاڭغا ئىگە قىلىش ۋە ئىجتىمائىي ۋە تارىخى خاتىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش  ئۈچۈن ۋاستە سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ (رۇپنىك، 1993: 295). سىياسىي ھاكىمىيەت تىل ۋە سېمۋوللارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا نوپۇزغا ئىگە بولىدۇ. سىياسىي ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ رەسمىيلىكى ۋە قانۇنىيلىق سالاھىيىتىنى جەمئىيەتكە قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن سېمۋوللاردىن، ھېكايىلەردىن ۋە تىلدىن پايدىلىنىدۇ. پايدىلىنىلغان تىل ۋە سېموۋللار ”دۇنيا قارىشى“نىڭ مۇھىم ئېلېمېنتلىرى بولۇش بىلەن بىرگە، ناھايىتى مۇھىم ئىجتىمائىي فۇنسكىيەسى بولغان ئامىللاردۇر. ئىنساننىڭ كائىناتنى چۈشىنىشىدە ئىشقا يارايدىغان بۇ ”قاراش“، كۈلتۈر پۈتۈنلىكىدۇر. سېمۋوللار جەمئىيەتكە ئىككى جەھەتتە يول كۆرسىتىدۇ. بىرىنچىسى، ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى سىستېمىلاشتۇرۇلىدىغان بىلىش قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئىككىنچىسى، ياخشى-يامانغا ئوخشاش ئەخلاقىي ۋە ھېس-تۇيغۇلۇق ھاياتنى تەرتىپكە سالىدۇ (گېللنېر، 1970:115). ھەر بىر سېموۋل ياكى بەلگە ۋە ھەر كەلىمە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدە پىكرىي ۋە مەنىۋى سىگناللارنى تارقىتىپ جەمئىيەتتە ئورتاق كۈلتۈر ۋە ئاڭ پەيدا قىلىدۇ. بۇ كۈلتۈر ۋە ئاڭ ئىدېئولوگىيەلىك پۈتۈنلۈك رامكىسى ئىچىدە جەمئىيەتتە بىرلىك، باراۋەرلىك شەكىللەندۈرىدۇ. سېمۋوللار شەخسلەرگە ئىجتىمائىي ئىش-ھەرىكەت قېلىپلىرىنى ئۆگىتىدۇ. سېمۋوللار دۇنيا چۈشىنىشتە ئىشقا يارايدىغان تۈزۈم كۆزئەينەكلىرىدۇر. ئۆگىنىش باسقۇچى مەلۇم بىر نۇقتىغا كەلگەندە سېمۋولغا باغلىنىدۇ، سېمۋوللار بىردىن ئارتۇق كىشى ئورتاقلىشىدىغان جەمئىيەت خەرىتىسى شەكىللەندۈرىدۇ، سېۋوللار بەزى سىگناللارنىڭ پوچتىسى ھېسابلىنىدۇ.

سېمۋوللارنىڭ بۇ مۇھىم خۇسۇسيىتى ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە ئۆتەيدىغان روللىرىغا مۇناسىۋەتلىك. بۇ روللار ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەرنى كاتېگورىيەگە ئايرىش، بىز تەئەللۇق بولغان جەمئىيەتتە مۇھىم دەپ قارىلىدىغان ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىش ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىش، بەزى ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ئېچىش، بەزىلىرىنى بولسا يوشۇرۇش ۋە زىھنى جەھەتتە دۇنيا قۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت (ماردىن، 1976: 63). بۇلار مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ نوپۇز ساھەلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقتىن، ”نۇقسانسىز ئەخلاق سىستېمىلىرى“ (ھايېك، 1999: 80) ۋاستىسى ئارقىلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە سىياسىي ھاكىمىيەتكە نىسبەتەن ”تونۇش“كۈچيتىپ ئۇنى ئۇلۇغلاش قاتارلىقلاردا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مۇستەبىت قۇرۇلما ئەپسانىلەر (ئويدۇرما، سەپسەتە خاراكتېرلىك) ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.ئەپسانىلەر مۇستەبىت ئىدېئولوگىيەنى جانلاندۇرىدىغان ئوبراز سىستېمىلىرىدۇر. ئەپسانىلەر ئىنسانلارغا  ”تۇنجى پىرىنسىپ“نى تەقدىم قىلىپ، ھەم جەمئىيەت ھەمدە دۆلەتنى بىرلا نەرسە ئەتراپىدا بىرلەشتۈرۈش ۋە ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ ۋاستىسىدۇر (كاسسىرېر، 1984: 66). ئەپسانىلەرنڭ چۆچەك ۋە داستانلار ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل مۇراسىملار بىلەن ئىنسانلارغا تۇغۇلۇشتىن ئېتىبارەن ھەقىقەتنى نىقابلاپ (يېپىش)كۆرسىتىش، ئۆتمۈش ۋە كېلەچەك ھەققىدە ئورتاق ھېس-تۇيغۇ ۋە ئىدىيە بىرلىكى بەرپا قىلىش قاتارلىقلاردا ناھايىتى ئۈنۈملۈك ۋاستىدۇر. سىرلىق مۇراسىملار ۋاستىسى ئارقىلىق جەمئىيەتتە كۈچ پەيدا قىلىنىپ جەمئىيەت ۋە شەخسلەرگە ”تۇنجى سەۋەب ۋە تۇنجى پىرىنسىپ“بۇرچى ئۆگىتىلىدۇ. ”مۇقەددەس“ ئەپسانىلەر، رىۋايەتلەر ۋاستىسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي نىجادلىق، قايتىدىن ئاپىرىدە بولۇش ۋە قۇدرەتلىك كۈچ بولۇش لازىملىقىغا ئىشىنىش ھەتتا ئېتىقاد قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. تەسىرلىك ئەپسانىلەر ئارقىلىق جەمئىيەت ۋە شەخسلەرنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىدىغان قەھرىمانلىق داستانلىرى ئويدۇرۇلۇپ ئورتاق ھېس-تۇيغۇ ۋە غايە يارىتىلىدۇ. جەمئىيەت ئېسكاتولوگيا ئەپسانلىرى ئارقىلىق  زۇلمەتلىك كۈنلەر ياكى دۈشمەن ئىستېلالىرى بىلەن يوقىلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈلىدۇ (ھوك، 1995: 10-18). قىسقىسى، ئەپسانىلەر ئىجتىمائىي پۈتۈنلۈك، بىرلىك ۋە تەرتىپنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش ئۈچن كۈچلۈك ۋاستىدۇر. ئەپسانىلەر ۋاستىسى ئارقىلىق ”ئۇلۇغلىنىدىغان ساھە، گۇرۇھ ياكى شەخس“پەيدا قىلىنىپ جەمئىيەت ۋە شەخسنىڭ مەۋجۇت سىياسىي ھاكىمىيەت ۋە تۈزۈمگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ كۈچەيتىلىش بىلەن بىرگە، ئوخشاش بىر تەقدىر ئېتىقادى بىلەن بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرى ئىدىيە ۋە زىھنى جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ، دۆلەت ۋە سىياسىي ھاكىمىيەتكە ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈپ ئىتائەت قىلدۇرۇلىدۇ (كامپبېل، 1995: 455). ئەپسانىلەر ئارقىلىق زامان ۋە ماكان ھادىسىلىرى، خالىغان زامان ۋە ماكانغا ئايلاندۇرۇلۇپ يېڭن دۇنيا دۇنيا پەيدا قىلىنىدۇ. ئەپسانىلەر بۇنداق مەنتىق ياكى ئىزچىلىققا ئىگە بولمىسىمۇ، بارلىق مەنتىقىلىق ئىش ۋە مەسىلىلەر بۇ ئەپسانىلەر ۋاستىسى ئارقىلىق قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ، مەنتىقسىز ئىشلار بولسا ئەپسانىلەر تۈرتكىسىدە مەنتىقىلىق كۆرسىتىلىدۇ. بۇنىڭدا ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسى بۈگۈنگە قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ. ماكان ھەر يەرگە تەدبىق قىلىنىدۇ. قىسقىسى، ئەپسانىلەر ۋاستىسى ئارقىلىق ھەر نەرسە ۋە ھەر ئىشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار. ئەپسانىلەر ھەر ئىش ۋە ھەر نەرسە مۇمكىن بولىدىغان بىر دۇنيانى تەسۋىرلەيدۇ (لېۋى-ستراۋۇس، 1993:335).

مۇستەبىت تۈزۈم  ئەپسانىلەرنىڭ بايان قىلىش، تارقىتىش، قوغداش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق فۇنكسىيەلىرىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتكە يېڭى تۇرمۇش پەلسەپىسى تەقدىم قىلىش ياكى تېڭىش ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە  داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشى ياكى ئىدېئولوگىيەسىنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدۇ (ماردىن، 1976: 108). شەخسلەر ئىدېئولوگىيەلىك دۇنيادا بۇ سېمۋوللارغا، ئەپسانىلەرغا (ئويدۇرما، سەپسەتە) ۋە ئۇلارغا تەۋە كۈلتۈر تىلىغا ئاسانلا ئېرىشەلەيدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا شەخسلەرنى بۇ نەرسىلەر قورشاپ تۇرغان بولىدۇ، شەخسلەر جەمئىيەتكە ماسلىشىش ۋە سىياسىي ھاكىمىيەت ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن، ئەپسانىلەر بېكىتكەن قائىدە-پىرىنسپىلار ۋە مۇراسىملارغا ئەگىشىدۇ. ئىدېئولوگىيە، ئەپسانە، سېمۋول ۋە بۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تىللىرى قاتارلىقلار سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ رەسمىيلىك ياكى قانۇنىيلىق سالاھىيىتىگە ماس ھالدا رول ئوينايدۇ، يەنى سىياسىي ھاكىمىيەت بۇلاردىن ئۆزىنىڭ قانۇنىغا جەمئىيەتنى رىئايە قىلدۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ، بۇ نەرسىلەر ھەممىسى سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ مەقسىتىگە يېتىشتىكى ۋاستىلاردۇر. بۇ تارقاق، چېچىلاڭغۇ ھالەتتىكى ئىجتىمائىي ئامىللارنى  ئاساسلىق پىرىنسىپلار ئەتراپىدا ئۇيۇشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ ئۇيۇشتۇرۇش ياكى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئۈستىدىكى ئەپسانە ياكى سېمۋول بولغان لىدېر ئۆزىنىڭ ”ئۇلۇغلىقى“، ”قەھرىمانلىقى“، ”سىھىرلىق كۈچى“ قاتارلىقلار بىلەن بارلىق تۈزۈمنى قورشاۋغا ئالىدۇ.

لىدېر: دۆلەت ماڭا تەئەللۇق ياكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ھەممىگە چېتىلىشى

 مۇستەبىتچىلىك ھاكىمىيەتنىڭ نوپۇزىنى كېڭەيتكەندە، ھاكىمىيەت ۋەكىللىكىنى تارايتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن مۇستەبىتچىلىككە ئۆزى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن بىر لىدېر ياكى لىدېرلىق چۈشەنچىسى ۋەكىللىك قىلىدۇ. لىدېرلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە پىسخىكلىق جەھەتتىن كۈچ قوشىدۇ. مۇستەبىتىچىلىكنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولغان ئىجتىمائىي بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈك ئەڭ ياخشى ۋەكىللىك قىلىنىدىغان ساھە لىدېرلىقتۇر. لىدېرلىق جەمئىيەتنىڭ بىر ئىنسان بىلەن ئۆزلىشىشى ۋە ئىدېئولوگىيە، دىن ياكى ئەنئەنىۋى ھاكىمىيەتنىڭ بىر كىشىدىلا نامايەن بولۇشى، تارىخىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك بۇرچنىڭ بىرلا كىشىنىڭ جىسمىدا ئەكس ئېتىشى، ئەندىشە، ۋەھىمە، جازا ۋە مۇكاپات قاتارلىقلارنىڭ بىرلا كىشىنىڭ قولى بىلەن پۈتكۈل جەمئىيەتكە تارقىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. لىدېرلىق يەنە سىھرى كۈچ، مۇقەددەسلىك، تارىخىي بۇرچ، ئەپسانە ياكى ئەنئەنئە، دىنىي ياكى ئىدېئولوگىيە قاتارلىقلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق بىر ئىنسانغا چوقۇنۇش پەيدا قىلىشنى، بىر ئىنساننىڭ باشقا ئىنسان ئۈستىدە مۇقەددەس كۈچ تىكلىشى، مۇنداق قىلىپ ئېيتقاندا ئىلاھلاشتۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ. سۈنئىي پەيدا قىلىنغان بىرلا كىشىگە چوقۇنۇش ئېتىقادىي بىلەن جەمئىيەتنىڭ بىر كىشىنىڭ جىسمىدا ئەكس ئېتىشى بولۇپ، ئىنساننى چوقۇنۇش تەكىتلىنىدۇ (لىنز، 1984:32). لىدېرلىق جەمئىيەتكە تەڭداشسىز، يېگانە ۋە سالاھىيەتلىك يەنى نوپۇزلۇق بىر كىشى تەقدىم قىلىدۇ ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئېيتىم بۇنى يەتكىلى، چېقىغىلى ۋە ئېرىشكىلى بولمايدىغان سىرلىق ۋە مۇقەددەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. لىدېر جەمئىيەتنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى، ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنىڭ ۋەكىلى ۋە ئۆزى دەپ قارىتىلىدۇ. بۇ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ھەر گۇرۇپپا ۋە جەمئىيەتتە شەخسلەرنى مۇۋاپىق تەرىقىدە قورشاش ئارقىلىق كونترول ئاستىغا ئېلىنغان ئاساستا بولىدۇ (ئاردىگو، 1987:34). لىدېرلىق مۇستەبىتچىلىكنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆلچەملىرىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى رۇشەن نامايەن بېرىدۇ، يەنى لىدېرلىق مۇستەبىتچىلىكنىڭ تاشقى يۈزىدۇ.

لىدېرلىق بىلەن مۇستەبىت ھاكىمىيەت قان بىلەن گۆشتەك بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن نەرسىلەردۇر. ھاكىمىيەت بۇ ئارقىلىق بارلىق كۈچى ۋە سىھىرىنى بىرلا شەخسنىڭ جىسمىغا يىغىدۇ. بۇ يەردە ۋەكىللىك قىلىنىۋاتقان نەرسە جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىك ۋە بارۋەرلىكىدۇر. لىدېر نوپۇزى ۋە قۇدرىتىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت ۋە شەخس نەزىرىدە قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ۋە  نەرسىلەرنى رەسمىيلىككە ياكى قانۇنىيلىق سالاھىيەتكە ئىگە قىلىپ، بۇلارنىڭ رەسمىيلىكىنى ئۆزىنىڭ كىشىلىكى بىلەن كاپالەت ئاستىغا ئالىدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋال رەسمىيلىك ياكى قانۇنىيلىق سالاھىيەتنىڭ نۇقسانلىق تەرىپىنىڭ لىدېرلىقنىڭ سىھىرلىق كۈچى بىلەن يوشۇرۇپ قېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ توقۇنۇشلارنىڭ، زىددىيەتلەر ۋە ئىختىلاپلارنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى كۈچى سۈپىتىدە جەمئىيەتكە چۈشەندۈرۈلىدۇ (كىپرىيانى، 1987:1). ”بۇ كۈچ لىدېرلارنى ئۆزلىرى ئوزۇق ئېلىپ كېلىۋاتقان رەسمىيلىك ياكى قانۇنىي سالاھىيەتتىن مۇستەقىل قىلىدۇ“ (ئاردىگو، 1987:33). لىدېر ئۆزىنى سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جەمئىيەتنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنىڭ ئۇلىنىڭ ئۆزىمۇ تەۋە بولغان رەسمىيلىك ياكى قانۇنىيلىق سالاھىيەتتىن ئەمەس، ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ. بۇ ئەھۋال سىياسىي ھاكىمىيەت، رەسمىيلىك ياكى قانۇنىيلىق سالاھىيەت ۋە لىدېرلىقنىڭ چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ۋېبېر بۇ ئەھۋالنى ”سەزارىزم“دەپ تەرىپلەيدۇ. ۋېبېر تېخىمۇ ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ: “ ئەنئەنە، مۇئەييەن قائىدە-پىرىنسىپ ياكى ھەر قانداق بىر چەكلىمىگە پىسەنتمۇ قىلمايدىغان بۇ شەخس، خەلق ۋەجەمئىيەتنىڭ مۇتلەق خوجايىنىدۇر (ۋېبېر، 1993:197).

مۇستەبىت دۆلەتتە لىدېر مۇتلەق ھوقۇققا ئىگە بولۇپ، ھېچكىم ئۇنى نازارەت قىلالمايدۇ ۋە ئۇ ھېچكىمگە ھېساب بەرمەيدۇ. ئۇ پىرامىدانىڭ ئەڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ.  ئۇ ”دۆلەت ماڭا تەئەللۇق ياكى مېنىڭ مۈلكۈمدۇر“دېيەلەيدىغان شەخس بولۇپ، ئۇنىڭ قانۇنىي سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ رەسمىيلىكى ياكى قانۇنىي سالاھىيىتىنىڭ ئاساسىدۇر. قەھرىمانلىق ۋە سىھرىي كۈچ مۇستەبىت لىدېرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سىھرىي كۈچى ۋە نوپۇزىغا قارىتىلىدۇ. بۇ سھرىي كۈچ ۋە نوپۇز تۈرتكىسىدە لىدېر ۋە جەمئىيەت بىر-بىرى بىلەن پۈتۈنلىشىدۇ. جەمئىيەت بىلەن لىدېر بىر پۈتۈنلىشىدۇ، بۇ كوللېكتىپ بىرلىكى بىر مىللەت، بىر سىنىپ، بىر دىن، بىر ئىدېئولوگىيە بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىدۇ. ھەممىگە نەرسىگە ئوخشاش شەخسىي ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرمۇ بۇ بىرلىك ئىچىدە يوق قىلىنىپ، لىدېرغا ئىتائەت ۋەزىپىسىگە چۈشۈرۈلۈپ قويۇلىدۇ. ھېگېل لىدېرلارنىڭ خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىدەك كۆرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھېگېلنىڭ قارىشىچە تارىخ، روھ،غايە ۋە خەلق قاتارلىقلار لىدېردىن ئىبارەت بىرلا كىشىنىڭ ۋۇجۇدى ۋە ئىرادىسىدە ئەكس ئېتىدۇ. ھېگېل مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيانىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان جەۋھەر بولسا بۈيۈك ئىنسانلارنىڭ غايىسىگە پاراللىل بولىدۇ، بۇ دەل لىدېرلارنىڭ ھەققىي كۈچىدۇر.  بۈيۈك لىدېرلار روھنىڭ ئىنسانلاشقان ئىرادىسى، تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە غايىنىڭ بىر ئەزاسىدۇر. ئۇلار تارىخىي ئىرادىدىن كەلگەن زور ۋەزىپىنىڭ چاكارلىرىدۇر. جەمئىيەت بولسا بۇ تاللانغان چاكارلارنىڭ چاكارلىرىدۇر. ئۆزى ئۈچۈن بولغان روھنىڭ غايىسىگە مۇۋاپىق خاراكتېرى بولغان كىشلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ھەر ۋاقىت ھەقلىق ۋە يوللۇق بولىدۇ، ئۇلار ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر (ھېگېل، 1991: 100).

مۇستەبىتچىلىكنىڭ بۇ ئېيتىمىنى مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن: «بويۇن ئېگىدىغان، ئىتائەت قىلىدىغان ۋە ئىشىنىدىغان ماشىنا ئادەمدەكلا ئىنسانلار پەيدا قىلىش، بارلىق كۈچنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان مۇستەبىتنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇشىدۇر» (فېدرىچ-برزېنىسكى، 1964:29). لىدېرنىڭ ”ئۇلۇغلىقى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى قۇۋىتى»تۈپەيلى جەمئىيەت تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈلىدۇ. جەمئىيەت ۋە خەلق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن لېدىرغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىشى كېرەك، جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى لىدېرنىڭ ئۇنى ھىمايە قىلىشىغا، قوغدىشىغا ۋە يول باشلىشىغا باغلىق. ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەسەۋۋۇرلار ۋە پائالىيەتلەرنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكى، لېدىر بېكىتكەن پىرىنسىپقا ئاساسەن ئۆلچىلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، لېدىرنىڭ ئىرادىسى، تەستىقى بويىچە بولمىغان پىلانلار، ئىش—پائالىيەتلەر، ھەتتا چۈشەنچىلەر خائىنلىق ھېسابلىنىپ جەمئىيەتتىن سىقىپ چىقىرىلىدۇ. نەتىجىدە، لىدېرغا چوقۇنۇش سىياسىي ھاكىمىيەتنى ئىزچىل قوغدايدىغان ۋە سىياسىي ھاكىمىيەتمۇ ئىزچىل ھىمايە قىلىدىغان مۇستەبىتچىلىكنىڭ ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. بۇ ئەھۋال لىدېرنى زالىم ھۆكۈمدارغا، جەمئىيەتنى قۇللۇققا ئېلىپ بارىدۇ. قۇللۇق تۈزۈمىدە سادىق قۇللار ”بۆشۈكتىن مازارغىچە“بىرلا ئىدىيەنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا تەربىيەنگەن كىشىلەردىن تاللىنىدۇ.

مائارىپ: ”ئۆزگىلەر“نى ئومۇميۈزلۈك مۇھاسىرە ئېلىش

مۇستەبىتچىلىك كۈچىنى، رەسمىي ئىدېئولوگىيەسىنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى جەمئىيەتكە قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن مائارىپتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي مۇئەسسەسەدىن ئەڭ كۆپ پايدىلىنىدۇ. مۇستەبىت ھاكىمىيەت جەمئىيەت تەرتىپىنى ئىدېئولوگىيەلىك مەقسىتى ۋە پىرىنسىپلىرى دائىرىسىدە قايتىدىن بەرپا قىلىش ياكى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن مائارىپىنى ۋاستىدە قىلىپ ئىشلىتىدۇ. مائارىپ مۇستەبىتچىلىك ئەڭ قويۇق كۆرۈلىدىغان ساھەدۇر.

مۇستەبىت دۆلەت قولىدىكى بارلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى سىڭدۈرىدىغان، جەمئىيەت ۋە خەلقنى ئىدېئولوگىيەلىك پىرىنسپلارغا ئاساسەن تەربىيەلەيدىغان ھاكىمىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مۇستەبىت دۆلەت مائارىپ مۇئەسسەسى ئارقىلىق بارلىق خەلقنىڭ ئىدىيەسى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى بىرلا ”داشقازان“دا ئېرىتىپ بىرلەشتۈرۈشنى كۆزلەيدۇ (بىلەك، 1989:114). بۇ سەۋەبتىن مۇستەبىت ھاكىمىيەت مائارىپنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىدا ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك پىرىنسپلىرىنى تاڭىدۇ. ئىنسانلارغا ئىدېئولوگىيە سىزىپ بەرگەن رامكا ئىچىدە ياشاشنى ئۆگىتىدۇ. ئىنسانلار ئىجتىمائىي سالاھىيەت ياكى نوپۇزغا ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا سادىق بولۇش كېرەك. مۇستەبىت دۆلەتتە مائارىپ ئىنسانلارنى يېڭىۋاشتىن ياساپ چىقىپ «ئادەم»قىلىش ۋاستىسىدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مائارىپ ئورۇنلىرى ئىنسانلارنى پىروگراممىلايدىغان مەركەزلەر ھېسابلىنىدۇ (ئىللىچ، 1988-67). بۇ مەركەزلەردە شەخسلەرگە قايتىدىن نام بېرىلىدۇ، كىملىككە ئىگە قىلىنىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق چەمبىرىكىگە قامالىدۇ.

مۇستەبىت دۆلەت ئىنسانلارنى سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ نوپۇزىغا بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئىدېئولوگىيەنىڭ نوپۇزىغا، سىياسىي تۈزۈمنىڭ ”ھەقىقەتلىرى“نى ئىنسانلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن مائارىپقا، ئىنسانلارنى مائارىپقا كۆڭۈل بۆلدۈرۈش ئۈچۈن مائارىپ ئورۇنلىرىغا، مائارىپنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىزچىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەجبۇرىي مائارىپقا، مائارىپنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەت تاڭغان دۇنيا قارىشىنىڭ زىت بولماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئىنتىزامغا ئېھتىياجى بار. مۇستەبىت دۆلەتتە مائارىپ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان فۇنكسىيەلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان سىستېمىدا شەخسلەرنى مۇستەبىت ھاكىمىيەت سىزىپ بەرگەن سىزىقلار ۋە مەقسەتلەر دائىرىسىدە قايتىدىن ”ياساپ“چىقىپ ”ئادەم“قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

مۇستەبىت دۆلەت مائارىپ ئورۇنلىرى ئارقىلىق بارلىق جەمئىيەتنى ئىدېئولوگىيەلىك پىرىنسپلار دائىرىسىدە تەربىيلەيدۇ، ئىدېئولوگىيەسىگە تەۋە بولغان سېمۋوللارنى، ئېيتىملارنى ۋە تىلنى جەمئىيەتكە يايىدۇ. مۇستەبىت ھاكىمىيەت مائارىپنى ئىجتىمائىي سەھەلەرگە مەجبۇرىي تاڭىدۇ. مائارىپ ئورونلىرى شەخسلەرگە  تەشۋىقات ئورگانلىرىغا ئوخشاش ئىدىيە سىڭدۈرىدۇ. ئىدېئولوگىيەگە ئوخشاش مائارىپمۇ ”ھەقىقەت“نى تەبىرلەشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھاكىمىيەتنىڭ چاڭگىلىدىكى ۋاستىدۇر.

مۇستەبىت دۆلەتتە مەجبۇرىي مائارىپ ”تەربىيەلىنىش، بۇيرۇققا بويسۇنۇش، ئىتائەت قىلىش ۋە چاكار بولۇش بىلەن باشلىنىدۇ“ (نىتېزى، 1991: 89) رۇسسو دېگەندەك، مائارىپ مۇئەسسەسىلىرى ئەڭ كۈچلۈك ئىجتىمائىي مۇئەسسەسە بولۇپ، ئىنساننى تەبىئەتتىن ئايرىۋېتىدۇ، ئىنساننىڭ مۇتلەق شەخسىيىتىنى نىسبىيلىككە ئىگە قىلىپ قويىدۇ، ”مەن“ ئېڭىنى ئورتاق بىرلىك ئىچىگە قوشىۋېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ھەر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئايرىم نەرسە ئىكەنلىكىگە ئەمەس، بىرلىكنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىگە، بىر گەۋدە ئىچىدىكى بىر ئەزا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ (رۇسسو، 1966:10) ۋە بۇ ئىشىنىش تۈرتكىسىدە شەخس-جەمئىيەت-دۆلەت بىرلىكى ۋە پۈتۈنلۈكى سىجىللىقا ئىگە بولىدۇ.

مۇستەبىت دۆلەتتە مەجبۇرىي مائارىپ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھەرىكەتچانلىقنىڭ ۋاستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇچۇر-ئالاقە تۈزۈمىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. مائارىپ ساھەسىدە ئالدى بىلەن شەخسلەر دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئېتىياجلىرىغا ئاساسەن قايتىدىن تەبىرلىنىدۇ، ئارقىدىن بۇ مەلۇم دەرىجىدە قۇرۇلمىغا يەنى مۇئەسسەسەلەشتۈرۈلىدۇ، سىياسىي تۈزۈم فۇنسكىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىغان ھامان، شەخسلەرنى سىياسىي تۈزۈمگە رايىش ھالغا كەلتۈرۈش باشلىنىدۇ ۋە  مۇئەسسەسەلەشكەن سىياسىي تۈزۈم ئىچىدە يېڭى كىملىك ۋە مۇناسىۋەت تورى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچتا سىياسىي تۈزۈمنى مۇھاپىزەت قىلىپ داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە مۇراسىملار، ئەپسانىلەر، قەھرىمانلاردىن تەشكىل تاپقان سېمۋوللۇق دۇنيا بەرپا قىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە ئىجتىمائىي بىرلىك، پۈتۈنلۈكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورتاق تىل يارىتىلىدۇ، ھاكىمىيەتنىڭ ئۇقۇملىرى، رېئال ئەھۋالى ۋە ”ھەقىقەتلىرى“گە مۇۋاپىق تۈزۈم ئىچىدە شەخسلەر تۈزۈمگە قاتناشتۇرۇلۇپ ئىتائەت قىلدۇرۇلىدۇ ۋە ئاخىرىدا سېۋوللۇق ئالاقە تورى ياكى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. بۇ ئالاقە تورى ياكى تۈزۈمنى داۋاملاشتۇرىدىغان كۈچ بولسا يەنى ئىجتىمائىي ساھەلەردىن قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر ھەم ئىدېئولوگىيەنىڭ بەرپا قىلغۇچى كۈچى ۋە ئېنېرگىيەسى، ھەمدە مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ كاپالەتچىسى قىلىپ تەربىيلىنىدۇ. مۇستەبىتچىلىك ياشلارنىڭ ئىجادچانلىقى، تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە قابىليىتى قاتارلىقلاردىن مۇستەبىت تۈزۈمنى بەرپا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك پىروگراممىلارنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن پايدىلىنىشنىڭ كويىدا يۈرىدۇ، شۇڭا داۋاملىق ياشلارغا ئىدىيە سىڭدۈرۈش بىلەن بەند بولىدۇ. مۇستەبىت ھاكىمىيەت شەخس جەمئىيەتتىكى رولى ۋە سالاھىيىتىنى تونۇپ يېتەلىسە ئاندىن ”ھەققىي ئەركىنلىك“كە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەرغىپ قىلىدۇ، شۇڭا داۋاملىق ياشلارنى ئىدىيە سىڭدۈرۈشنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ. بۇ ”ھەقىقەت“نى ”تونۇپ يېتىش“ قانچە بۇرۇن ئىش ئاشقا شۇنچە ياخشى. ئەمەلىيەتتە بۇ جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ تەشۋىقات تۈرمىسىگە قامىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ”بۆشۈكتىن مازارغىچە“دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ جەرياننىڭ ھەر باسقۇچىدا جەمئىيەت شەكىللىنىپ ماڭىدۇ، شەخسلەرمۇ ئۆزىنىڭ ”ھەققىي“ ”ئەركىنلىكى ۋە مەسئۇلىيىتى“نى تونۇپ يېتىدۇ ۋە  مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە مۇتلەق ئىتائەت قىلىدۇ. قىسقىسى، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئىدېئولوگىيەسى شەخسنىڭ تۇغۇلغاندىن ئۆلگىچە بارلىق ئوي ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى قورشاپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ ئىنتىزامچان، قاتلاملىق ۋە بۇيرۇقۋاز ئىدىيەسىنىڭ چاكىرى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.

ماقالىنىڭ داۋامى بار…

تەرجىمان: ئادىلجان

[1] – ئاز ساندىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلار ھەممىنى كونترول قىلىدىغان بىر خىل سىياسىي تۈزۈم.

[2] -بىر مەنبەچىلىك

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*