مودېرنىزم ئېتىقادى تېما بولۇپ، كالامى مەسىلىدۇر

2019-يىلى 4-ئاۋغۇست

مودېرنىزم ئېتىقادى تېما بولۇپ، كالامى مەسىلىدۇر

ئابدۇراھمان ئارسلان

مودېرنىزم ئېتىقادى تېما بولۇپ، كالامى مەسىلىدۇر. بىز ئۇنىڭ مەۋجۇدىيەت ھەققىدىكى پەلسەپىسىنى چۈشىنىپ يەتكەن ۋاقتىمىزدا ئاندىن بۇ ھەقتە توختالغىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا مودېزنىزم ھەققىدىكى باشقا مەسىلىلەرگە نۆۋەت كېلىدۇ. مودېرنىزم مۇنازىرىسى ھاياتىمىزنى قانداق شەكىللەندۈرۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.
ئۇستاز: تاسھىھ ژورنىلىنىڭ بۇ سانىدا مۇسۇلمانلىقنىڭ مودېرىن شەھەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇلاھىزە قىلدۇق. ئەلۋەتتە، بۇ ھەقتە بىزنى مودېرنىزمدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئۆزىمىزگە خاس مەيدانىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. لېكىن مودېرنىزم بىلەن بىزدىن بىر قانچە ئەجداد بۇرۇن باشلانغان مۇناسىۋىتىمىز بۇ پەرقنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزنى قىينلاشتۇرىۋاتىدۇ، دېيىشكە بولامدۇ؟ يەنى، مودېرنىزمنى بۈگۈندىن تارتىپ بار بولغان رېئاللىق دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا، بىزدىن بۇرۇن مەۋجۇد بولغان ۋە نەچچە ئەجداد ئىلگىرى باشلانغان بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قاراشقا بولامدۇ؟
ئابدۇراھمان ئارسلان: ئەلۋەتتە، يەنى مەنمۇ مۇشۇنداق دەپ كېلىۋاتىمەن. مۇسۇلمانلار تارىختا مودېرنىزمنى بەرپا قىلغان پەلسەپە بىلەن ئىككى قېتىم ئۇچراشتى. تۇنجى قېتىملىقى مىلادى يەتتىنچى ئەسىردە ئىدى. يەنى، پەلسەپىچىلەر بىلەن باشقا ئىلىم ئەھلى ئوتتۇرىسىدىكى جىدەل ئەسلىدە بۈگۈنكى جىدەلگە ئوخشايتتى. ئەپسۇسكى، غەرپ ئەقلىيەتچىلىكىنى مۇتەزىلە ئېقىمى بىلەن بىر دەپ قاراپ بۇ مەسىلە ھەققىدە توختالدۇق، لېكىن مەن ئىككىسى ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ ئوخشاشلىق بار دەپ قارىمايمەن. بۇ سەۋەپتىن مەن غەززالىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېتىرازلىرىنى بەك مۇھىم دەپ قارايمەن. بۇ مەسىلە، يەنى كۈنىمىزدىكى مودېرنىزمنى شەكىللەندۈرگەن پەلسەپىۋى قاراشلار ھەلەنىستىك مەنبەدىن كەلمەكتە. بۇ سەۋەپتىن ئۇ دەۋرلەردە بۇ مەسىلىلەر مۇنازىرە قىلىنغاندا نېمىلا بولمىسۇن مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش ساھەلىرىدە ئىسلامنىڭ رەڭگى، شەكلى بار ئىدى. زاغرا تىل بىلەن ئېيتساق، كىشىلەر تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئۆلگىچە ئالىملاردىن قاراقوساق كىشىلەرگىچە ھەممىسى ئىسلامى قىممەت – قاراشلار بىلەن ياشايتتى. ئېلىم – سېتىم، ئۆلۈم – يېتىم، تۇغۇلۇش، مىراس قالدۇرۇش… بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلاتتى.
يەنى، پەقەت بولمىغاندا رېفلىكىسلىرىمىزنى ساقلاپ قالالىغانىدۇق، دېيىشكە بولامدۇ؟
ئابدۇراھمان ئارسلان: شۇنداق، پەقەت بولمىغاندا شۇنداق ئىدى. لېكىن ھازىر ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس. بۈگۈنكى ئەھۋال بىزنىڭ تاشقى دۇنيارىمىزنى شەكىللەندۈردى ۋە شەكىللەندۈرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بىزمۇ پەقەت مەنىۋى دۇنيادىن تەركىپ تاپقان كىشىلەر ئەمەس. تۇرمۇشنىڭ ئىچىدە داۋام قىلىۋاتقان، تاشقى مۇھىتىمىزدا شەكىللىنىپ بولغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. بۇ سەۋەپتىن زېھنىمىزدە خاتا بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراپ، ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا باشلىغان مەلۇم بىر مەسىلىنى تاشقى دۇنيادىن سورىغان ۋاقتىمىزدا، تاشقى مۇھىت ئەسلىدە ئۇنىڭ خاتا ئەمەس، بەلكى توغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتماقتا. ھالبۇكى، ئۇ ئەمەلىيەتتە خاتا ئىدى. لېكىن تاشقى دۇنيارىمىز مودېرنىزىم تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەنلىكتىن، ئۇ سىزنىڭ قارىشىڭىزنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتماقتا. خوش، ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭ سىرىتىغا چىقماستىن قانداق قىلىپ قايتىدىن ئۇ ھەقتە ئويلىنالايمىز؟ مانا بۇ سەۋەپتىن بۇنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەپ قارايمەن.
ئىككىنچى خۇسۇس نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ھەممىمىزنىڭ نەزىرىدىن ساقىت قىلىنغان بىر نۇقتا بار بولۇپ، مودېرنىزم زامان ۋە ماكاننى ئۆزىگە خاس ھالەتتە شەكىللەندۈردى. يەنى، ۋاقىت ئۇقۇم پەيدا قىلدى، بىز بۇنى مېخانىك ۋاقىت ئېڭى دەپ ئاتايمىز. ئۇ بۇ ئارقىلىق ۋاقىتنىڭ ئاڭدىكى ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. كۆرۈنۈشتە ھېچقانداق پەرقى يوق. يەنى، كۈن چىقىدۇ ۋە پاتىدۇ. لېكىن بۇ نۇقتىدا شۇنداق چۈشەنچە پەيدا بولدىكى، ۋاقىتنى چەكسىز پەيتلەر مەيدانغا كەلتۈرگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلگىرىلەشكە خاس بولغان پەيتلەر دەپ بېكىتتى. بۇنداق بولغاندا سىز مۇقەددەس دەپ بىلىدىغان ۋاقىت ئۇقۇمى ئادەتتىكى نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى، ئادەتتىكى ئۇقۇمغا ئايلاندى ۋە كېچە بىلەن كۈندۈز ئوتتۇرىسىدىكى پەرق غايىپ بولدى. بۇنىڭدا ئەلۋەتتە كاپىتالىزممۇ مۇھىم رول ئوينىدى. سىزنىڭ كېچە سائەت 12 ياكى 1 دە ئىشلىشىڭىز مۇھىم ئەمەس. سىزنىڭ سەككىز سائەتلىك ئەمگىڭىزنى، يەنى كاپىتالىزمغا ياكى ئىشلەپچىقىرىشقا ۋەياكى پۇل تېپىشقا سەرپ قىلىشىڭىز ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم ئىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ ۋاقتىڭىزنى كۈندۈز ياكى كېچىدە سەرپ قىلغانلىقىڭىز مۇھىم ئەمەس. مانا بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولغان تەرەپ ئىدى. يەنى، جۈمە كۈنىنىڭ مۇبارەك بولۇشى، مۇقەددەس بولۇشىنى دېمەيۋاتىمەن، چۈنكى ئىسلامدا مۇقەددەسلىك يوق. يەنى، ئۇنىڭ مۇبارەك بولۇشى ئادەتتىكى بىر ۋاقىتقا ئايلىنىپ قالدى. ئەلۋەتتە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەك، سىز جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى قايتىدىن شەكىللەندۈرمەكچى بولسىڭىز، بۇنى ۋاقىتنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىرالايسىز. چۈنكى جەمئىيەت بۇ ۋاقىت ئىچىدە مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سىز ۋاقىتنى تەرتىپكە سالغاندا ئەسلىدە ۋاستىلىق ھالدا جەمئىيەتنىمۇ تەرتىپكە سالغان بولىسىز. مەسىلەن: ئىسلام كۈندىلىك تۇرمۇشنى بەش ۋاقىت ئارقىلىق تەرتىپكە سالىدۇ. سىز خالاڭ – خالىماڭ، ناماز سىزنى ئۇ ۋاقىتلار بىلەن تونۇشتۇرىدۇ.
يەنى، ئىسلامنىڭ ۋاقىت ئۇقۇمىنىڭ كۈندىلىك ھايات بىلەن مۇناسىۋىتى بار دېيىشكە بولامدۇ؟
ئابدۇراھمان ئارسلان: ئەلۋەتتە، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇ تەرتىپكە سېلىنىغان قېلىپقا ئاساسەن شەكىللىنىدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئۇ تەرتىپكە سېلىش شەكلىگە ئاساسەن قايتىدىن تەرتىپكە چۈشىدۇ، دېيەلەيمەن. ھەتتا ئالدىن كېلىشىپ قويۇشلارمۇ بۇنىڭغا ئاساسەن بېكتىلىدۇ. مەسىلەن: «ئەسىر ۋاقتىدا ئۇچرىشايلى» ياكى «ناماز شامدىن كېيىن كۆرىشەيلى» دېگەندەك. دىققەت قىلسىڭىز بۇ نۇقتىدا كەسكىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئەھۋال مەۋجۇت. بۇ مودېرن زېھنىيەتكە نىسبەتەن مەجھۇللۇقنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، بۇ خۇددى سىزدىن بىر شەيئى ھەققىدە «ماقۇل ياكى ياق» جاۋابىنى كۈتىۋاتقان بىرسىگە «ئىنشائاللاھ» دەپ جاۋاپ بەرگىنىڭىزگە ئوخشايدۇ. چۈنكى (مودېرن ئاڭ) كەسكىنلىك تەلەپ قىلىدۇ.
مودېرن كىشىنىڭ ئېڭىدا «ئىنشائاللاھ» جاۋاپ ئەمەسمۇ؟
ئابدۇراھمان ئارسلان: شۇنداق، ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. ھەتتا ھازىر مۇسۇلمانلارمۇ مۇشۇنداق قاراشتا. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بۇ ئۆزگەرگەن ۋاقىت چۈشەنچىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجىدۇر.
ئىككىنچىدىن، مودېرنىزم زامانىۋى شەھەرلەرنى بەرپا قىلغان چاغدا پەقەت ۋاقىتنىلا ئەمەس، ماكاننىمۇ شەكىللەندۇرىدۇ. بۇ سەۋەپتىن زامانىۋى چوڭ شەھەرلەردە تونۇشلارنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىپ قېلىشى تاسادىبىيلىق دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇلدى. ھالبۇكى، ئەنئەنىۋى شەھەر ئۇنداق ئەمەس. يەنى، ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىنى بەكرەك ئەكس ئەتتۈرىدۇ ۋە تونۇشلارنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشى نىسبەتەن زىچ بولىدۇ. چۈنكى بۇ شەھەردە (ئەنئەنىۋى شەھەر) دىن ۋە تۇققانچىلىقتىن كەلگەن مۇناسىۋەت ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن: بىر مەھەللىدىكىلەر مەسچىتتە ئەسىر ياكى ناماز شام ۋاقىتدا ئاساسەن ئۆزئارا ئۇچرىشىدۇ. بۇ، ۋاقىتنىڭ تەرتىپكە سېلىنىش شەكلى سىلەرنى مەلۇم بىر ۋاقىتتا ئۆزئارا جەم قىلىدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇ ئادەتتىكى ئەھۋال ئەمەس. يېقىنقى مەزگىللەردە مېنى ناھايىتى سەگىتكەن بىر ئىش بولدى، ئېنىرگىيە مىنىستىرى بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا مۇنداق دېدى: «ئېنىرگىيە ئەڭ ئاز سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقىت دەل كەچلىك تاماق ۋاقتىدۇر». قاراڭ، بۇ مىللەتنىڭ ئەنئەنىسىدە ئاخشام ۋاقتىدا تاماق يېيىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇپ، قالغان ھۇجرىلارنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرۋېتىدۇ. يەنى، بىر يەردە جەم بولىدۇ. بىر ئەنئەنە سىزنى ناماز شام ۋاقىتدا بىر يەرگە جەم قىلغاندا مۇشۇنداق نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ نۇقتىدا نەزەردىن چۈشۈپ قالغان بىر شەيئى بار بولۇپ، ۋاقىتنىڭ تەرتىپكە سېلىنىشى بۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ سەۋەپتىن ماكانمۇ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن: كاپىتالىزم ماكاننى قايتىدىن تەرتىپكە سالدى. يەنى، ماكان ئۇقۇمىنى ئالدىمىزغا تاشلىدى. ئۇ تەبئىي ھالدا پايدا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان ماكان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەنئەنىۋى ماكان چۈشەنچىسى ئوتتۇرىدىن غايىپ بولۇشقا باشلىدى.
بۈگۈن مودېرنىزمنى مۇزاكىرە قىلغاندا مەسىلىنى خالتا كوچىغا ئىتتىرىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرسى: «شۇنداق، دېگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق، توغرا. لېكىن تەكلىۋىڭىز نېمە؟» دېيىش بولماقتا. بۇ سەۋەپتىن بىز تەنقىدىمىزنى ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسنى قانداق قىلىپ ئەمەلىيەتكە تەدبىقلايمىز؟ مەسىلەن: كوللىكتىپ ئولتۇراق ئىدارىسى سېلىپ بەرگەن گۈللۈكلەردىن قانداق قۇتۇلىمىز؟ يېڭى مەھەللە بەرپا قىلامدۇق؟ مۇسۇلمانلار ئايرىلىپ چىقىپ ئايرىم ئولتۇراقلىشىشىنى تەكلىپ قىلىشى كېرەكمۇ؟
ئابدۇراھمان ئارسلان: بۇ ۋەزىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن ئوخشاش چۈشەنچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئايرىلىپ چىقىپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئىما قىلىۋاتىدۇ. راستىنى ئېيتسام، مەنمۇ ئىلگىرى بۇنداق ئايرىلىپ چىقىشقا قارشى ئىدىم. بىز ئۆز جايىمىزدىن ئايرىلماي مۇسۇلمانچە ھاياتىمىزنى ياشاۋېرەيلى، باشقىلارمۇ بىزنى كۆرسۇن دەيتتىم. لېكىن مەلۇم نۇقتىدىن كېيىن سىزنىڭ بالىلىرىڭىز، ئەۋلادلىرىڭىزغا خىرىس قىلىۋاتقان تاشقى بېسىم ئېشىۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا مەن «قىسمەن» بولسىمۇ ئايرىلىپ چىقىش كېرەك دەپ قارايمەن. لېكىن بۇنى ئايرىلىپ چىقىپ ئولتۇراقلىشايلى دەپ چۈشەنمەسلىك كېرەك، ئەلۋەتتە.
بۇ نۇقتىدا شۇنى ئېيتىشنى مۇناسىپ دەپ قارايمەن: ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ شەھەر تەسەۋۋۇرى – فەتىھ قىلىنغان شەھەرلەرنى ئۆزگەرتەلمىسە، ئۇنىڭ سىرىتىدىكى بىر جايدا يېڭى شەھەر بەرپا قىلىش ئىدى. ئەگەر فەتىھ قىلىنغان شەھەرنىڭ مۇھىتىنى ئىسلاملاشتۇرالىغۇدەك ساندا مۇسۇلمانلار ئۇ جايدا بولمىسا، مەۋجۇت مۇسۇلمان جامائەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى پىشىپ يېتلدۈرۈش ئۈچۈن ھەزرىتى ئۆمەر يېڭى شەھەر بەرپا قىلغانىدى. ئۇنداقتا بىز بۈگۈن ئۈچۈنمۇ «مۇسۇلمان مەھەللىلەر»نى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەكمۇ؟
ئابدۇراھمان ئارسلان: سىزگىمۇ مەلۇم، بۇ چۈشەنچىمىزنىڭ ماكاندىكى نامايەندىسىدىن ئىبارەت. لېكىن، ئەجىبا بۇ يېتەرلىك بولامدۇ ؟ بۇ سەۋەپتىن يەنە بىر مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يەنى، بۇ ماكاندىكى ھاياتنىڭ شەكلى قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر سىز بۇ ھاياتنى ئۆزىڭىزگە ئائىت دەپ قارىغان بىر ماكانغا ئېلىپ كىرسىڭىز، ئۇ جايدا، ئۇ ماكاندا يەنە بۇ ھاياتنى قايتىدىن يارىتالايسىز. شەھەر ياكى شەھەرسىمان ماكاننى ياشاش شەكلى بىلەن بىرلىكتە ئويلىشىش كېرەك. ئۇ ھايات شەكلى بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىمىزغا ۋە ئىستېمالىمىزغا قارار بېرىدىغان ھالەتكە كەلگەندە، ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۇ ماكان بىزگە ئائىت بولىدۇ. چۈنكى كۈنىمىزدە نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىزنىڭ ئىستېمالىمىز ھەققىدە قارارنى تاللا بازىرى بېرىدۇ. بۇ، تاللا بازىرىنى ئۇ جايغا توشۇپ بېرىش ياكى ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ قايتىدىن تاللا بازىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش شەكلىدە بولماسلىقى كېرەك. ماكاننى تەرتىپكە سالالىسىڭىز، سىز ياشاش شەكلىنىمۇ تەرتىپكە سالالايسىز. نەتىجىدە ھاياتنى قايتىدىن شەكىللەندۈرگەن ۋاقىتتا، بولمىسا بولمايدۇ دەپ قارىغان نۇرغۇن نەرسىنىڭ ئەسلىدە كېرەكسىز نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسىز. چۈنكى ھاياتنى تەرتىپكە سېلىش مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن بەرپا قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ھايات شەكلىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئىجتىمائىي ھاياتنى، ھايات شەكلىمىزنى، بىز ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىمىزدە قايتىدىن شەكىللەندۈرىمىز، يېڭىدىن يارىتىمىز. مەسىلەن: «تەۋھىد ۋەل ھىجرە» مانا مۇشۇنداق قىلدى. ئۇلار شەھەرنى تاشلاپ كەتتى. مېنىڭچە بۇنداق ئاشقۇنلۇققا مايىل بولماسلىق كېرەك. لېكىن مېنىڭ قارىشىمنى سورىسىڭىز، مەن يەنىلا خالتا كوچىلىق مەھەلىلەرنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنى ياكى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىشىنى توغرا دەپ قارايمەن. مەن مانا مۇشۇنداق كوچىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم. بۇ سەۋەپتىن ھازىر ئۇ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى يېڭىدىن بەرپا قىلىشنى، خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى جانلاندۇرۇشنى خالىسىڭىز، مېنىڭچە بۇ يەنىلا شۇ خالتا كوچىلاردا بولۇشى كېرەك ۋە بۇ كوچىلاردا ياشايدىغان ئاياللار ئىشلىمەسلىكى، ئۆيدە تۇرۇشى كېرەك. ئەرلەرمۇ ئۆينىڭ تۈركى سۈپتىدە ئۆيىگە قايتىشى لازىم. ئۆيگە رىزىق ئىزدەۋاتىمەن دەپ يېرىم كېچىگە ئۆيگە قايتماسلىقنىڭ ئىسمى رىزىق بولماسلىقى كېرەك. توغرىسىنى ئېيتقاندا بۇ ھايات مېنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىمگە چەكلىمە قويۇشى لازىم. ئىقتىسادىي شارائىتىم ياخشىلانغانسېرى مېنىڭ ھايات شەكلىممۇ ئۆزگىرىدۇ. ھالبۇكى، ھايات شەكلىمىز بىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىمىزنى بەلگىلىشى كېرەك. چۈشەندۈرەلىدىممۇ؟
ئەسلىدە بىز مۇسۇلمانلار يوقسۇللىقتىن كەلدۇق، ئەمما ئېھتىياجلىرىمىزدىن كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە مەھرۇم بولۇپ قالمىدۇق. لېكىن ئىسلام بەلگىلىگەن قىممەت – قاراشلار دۇنياسىدىن، يەنى ئىسراپ، ھالال – ھارام، قانائەت دۇنياسىدىن كەلدۇق. ئەمما مودېرنلىق ئىچىدە بۇ دۇنيانىڭ قىممەت – قاراشلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىدا يېشىلىشكە باشلىغاندا، مۇسۇلمانلار ئۆزىنى مەھرۇم قالدۇرۇلدۇق دەپ قاراشقا باشلىدى. كىم مەھرۇم قالدۇرغانىدى؟ كامالىزم. ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالماقچى بولدى ۋە ئۆزىنى يوقسۇل دەپ ھېس قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى يېڭى قىممەت – قاراشلار بىلەن ئۆزىنى تونۇدى. باشقىلار بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تۆۋەندە تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. مانا بۇ ۋاقىتتا نېمە بولدى؟ كاپىتالىزمنىڭ دۇنياسىغا تەسلىم بولدى. بۇ يەردىن قانداق قۇتۇلاتتى؟ ئۇ پەيدا قىلغان ئۆزىنى پەس كۆرۈش روھى – ھالىتىدىن ئۆزىنىڭ ماددىي شەرت – شارائىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىقلا قۇتۇلالايتتى. مېنىڭچە بۈگۈن مۇسۇلمانلار قىلغان ئىش مانا بۇ. ئۆزىمىز بەك ھېس قىلىپ كەتمىسەكمۇ بۈگۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىمىز.
ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھقا پات – پات «ئەڭ توغرىسىنى بىز قىلىۋاتقان بولساق، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئېزىلگەن ۋە كەمبەغەل ھالەتتە تۇرىمىز؟» دېگەن نىداسىنى بۈگۈننىڭ مۇسۇلمانلىرىمۇ قىلىۋاتىدۇ دېيىشكە بولامدۇ؟
ئابدۇراھمان ئارسلان: شۇنداق، 25 – 30 يىل ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلاردا بۇ ناھايىتى روشەن كۆرۈلەتتى. ھازىر ئانچە بەك تىلغا ئېلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇ ئۇ ۋاقىتتا بىر شۇئار ئىدى. يەنى، «مۇسۇلمان ھەممە نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا لايىقتۇر» شۇئارى.
ئۇنداقتا بۇ نۇقتىدا ۋاسات (ئوتتۇراھاللىق)نى قانداق بەلگىلەيمىز؟ يەنى، بۇ يۇقىرىدىكى ئاڭ ئۆز ئىچىدە زىتلىققا تولغان. ئەمما ئۇنىڭ قارشى قۇتۇبىدا ئۆزىنى ئەزىيەت ئىچىدە تۇتۇش كۈلتېرى بار.
ئابدۇراھمان ئارسلان: خالىسىڭىز بىز بۇ ئۇقۇملارنى قايتىدىن مۇھاكىمە قىلايلى. ئۆزىنى ئەزىيەت ئىچىدە تۇتۇش كۈلتېرى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇ ھەقتە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. ئەنئەنە ھەققىدە ئويلانماستىن ئەنئەنىگە قارشى چىقىۋاتقان مۇسۇلمان جامائەت بار. مۇسۇلمانلارنىڭ 98% مانا مۇشۇنداق. مەن ئۆزەمنى ئەنئەنىنى ياقىلايدىغان بىرىسى دەپ قارىغانلىقتىن بۇنداق دەۋاتمايمەن. لېكىن سىز ئۇ ئەنئەنە ھەققىدە قايتىدىن تەپەككۇر قىلسىڭىز، ھەدىس ۋە سۈننەتنىڭ ئەنئەنىگە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز.
سىز ئەنئەنىنى قانداق ئىزاھلايسىز؟ ياكى بۈگۈن ئۈچۈن ئەنئەنە بىزنىڭ ئېڭىمىزدا قانداق مەنىگە ئىگە بولۇشى كېرەك؟
ئابدۇراھمان ئارسلان: ئەنئەنە پەقەتلا ئۆتمۈشتە باشتىن ئۆتكۈزۈلگەن نەرسىمۇ؟ مۇشۇنداق ئاددىي نەرسىمۇ؟ ئەنئەنە مۇئاۋىيە بىلەن باشلانغان نەرسىمۇ؟ مۇسۇلمان بۈگۈن بۇ ھەقتە ئويلىنىۋاتىدۇ. مودېرنىزم دۇنياسىنى قاپلاپ كەتكەنلىكتىن قۇرئان ۋە سۈننەتتىن قالسىلا يىگانە پاناگاھ بولغان ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلاۋاتىدۇ. مېنىڭچە مۇسۇلمان ھۆرلىك ئەمەس، بەلكى ئىمانىسپىزمنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئەنئەنە ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىغانلىقتىن. قۇرئاندىن بىر ئايەتنى ئېلىپ «بىز ئەجدادىمىزنى بۇ يولدا كۆردۇق» دەيدۇ، يەنە بىر ئايەتنى ئېلىپ «كونىلارنىڭ ئەپسانىسى» دەيدۇ، يېڭىنى ئۆتمۈشكە تايىنىپ تۇرۇپ سەلبىيلەشتۈرىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يەردە ئايەت ئۆتمۈشكە تايىنىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىنسا، يەنە بىرسىدە ئايەت ئۆتمۈشكە ئائىت ھالغا كەلتۈرۈلۈپ سەلبىيلەشتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىنسانلار مودېرنىزمدىن ئۆگەنگەن ئەنئەنە ھەققىدىكى تەنقىدنى كۆرىگىلى بولمايدۇ.
ئۇستاز، ئەسلىدە بىز ۋاقىت ۋە ماكان ھەققىدە توختالغاندا مودېرنىزمدىن باشقا بۇ ئۇقۇملارنىڭ ئۆزىگە خاس مەنالىرىنى يەنە ئەنئەنىدىن ئۆگىنىمىز ئەمەسمۇ؟
ئابدۇراھمان ئارسلان: بىزنىڭ بۈگۈنىمىزنى شەكىللەندۈرگۈچى كىم؟ بىز بۈگۈنىمىزنى ھازىرقى چۈشەنچىلىرىمىز ئارقىلىق قۇرۇپ چىقتۇقمۇ؟ خالىساقمۇ – خالىمىساقمۇ ئۆتمۈشتىن كەلگەنلەر ئاساسىدا بىر شەيئى ئۈستىدە سۆز قىلالايمىز. بۇ بىزنىڭ ئىلكىمىزدە ئەمەس، تەقدىرىمىز مۇشۇنداق. «ھەر پەيغەمبەر ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىزىغا ۋارىس سۈپتىدە ئەۋەتىلگەن». بۇ بىكاردىن بىكارغا ئېيتىلغان سۆزمۇ؟ ئۇ ئىزنىڭ ئىزچىل بولۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مۇھىم نۇقتا. ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئاساسلىق مەسىلە، ئۇ ئىزلار يوقاپ كەتكەن ۋاقىتتا قانداق قىلىمىز؟ ئەجىبا تارىختا ئۇ ئىزلار يوقاپ كېتىشكە يۈزلەنگەن ۋاقىتتا پەيغەمبەر كېلەتتىمۇ؟ بولۇپ، بىزلەر مانا بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلانمىدۇق. ئۇ ئىزلار ھەر ۋاقىت خاتامۇ؟ بىز ئۈچۈن يورۇقلۇق بولۇپ چاقنىيالمامدۇ؟
غەرپتە مودېرنىزمنىڭ ئەنئەنىگە قارشى چىقىشىنى توغرا چۈشىنىمەن. چۈنكى غەرپتە ئەنئەنە دوگمىچىلىق بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالغانىدى. ھالبۇكى، بىزدە ئۇنداق ئەمەس. بىز بۇلار ھەققىدە توختالغاندا باياتىنقى سوئالىڭىزدىكى زۇھد (تەركى دۇنيالىق، ئۆزىگە ئەزىيەتنى راۋا كۆرۈش) ھەققىدە توختۇلۇشىمىز كېرەك. بۇ سەۋەپتىن بىز بۇ مودېرنىزمدىن قۇتۇلماقچى بولساق، ئالدى بىلەن ئۇقۇملارنىڭ ئەسلىگە قايتىشىمىز كېرەك. مۇسۇلمانلار بۈگۈن ئۆزىگە خاس ئۇقۇملارنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇ كائىناتنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ فىترىتىگە مودېرنىزم بىلىم ئارقىلىق، پەلسەپە ئارقىلىق ۋەياكى نېمە دېسىڭىز دەڭ، مەلۇم ۋاستىلەر ئارقىلىق ئېغۋاگەرچىلىك قىلىۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزىنى ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرغانلىقتىن ئىسلامنىڭ ئۇقۇملىرىنىڭ فىترىتىگە ئېغۋاگەرچىلىك قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. مەن «گىنۋاز» ئېغۋاگەرچىلىكنى مۇشۇنداق ئىزاھلايمەن. ئۇقۇملارنىڭمۇ فىترىتى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا قول تىقىلدى. مىللەت ئۇقۇمى بۇنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالىدۇر. ئىسلام بۇنى باشقىچە ئىزاھلايدۇ، ئۇلۇسچىلىق باشقا شەكىلدە ئىزاھلايدۇ. بۇ سەۋەپتىن مېنىڭچە بۇ ئۇقۇملارنى ئۆزى خاس بولغان ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندا بۇلار ئارقىلىق يېڭى چۈشەنچە دۇنياسى بەرپا قىلىپ، بۇ دۇنيانىڭ سىرىتىغا چىقالايمىز دەپ قارايمەن. بۇ دۇنيانىڭ سىرىتىغا چىقىش دېگەنلىك، ئىسلامنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇقۇملىرى ئارقىلىق يېڭى چۈشەنچە دۇنياسى قۇرۇپ چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دېگەنلىكتۇر. چۈشەنچە بەرپا بولماستىن دۇنيانىڭ سىرىتىغا چىققىلى بولمايدۇ، چىقىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنى پەقەت ئۇقۇملارنى ئۆزىنىڭ مەنا دۇنياسىغا قايتۇرۇش ئارقىلىقلا ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىل دەل مەنا، بىلىمدۇر. چۈنكى بىلىم بولماستىن، بىلىمگە ئاساسەن تەپەككۇر قىلماستىن بىر ئەمەل (ئىش – ھەرىكەت)، چۈشەنچە ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن بىزنىڭ چۈشەنچىلىرىمىزگە ئۇل بولغان بىلىم توغرا بىلىم بولۇشى كېرەك. مودېرنىزم تەرىپىدىن بۇلغانغان بىلىم بولماسلىقى لازىم. مۇسۇلمانلار بۇلغانمىغان دېيىشى مۇمكىن. مەسىلەن: مەدەنىيەت. سىز خالىغىنىڭىزچە «ئىسلام مەدەنىيىتى» دەڭ، لېكىن ئۇ ئۇقۇم سىزنى ئېلىپ بارغان بىر دۇنيا بار. سىز ئۇ يەردىن ئۆتمۈشىڭىزنى ئوقۇغان ۋاقتىڭىزدا باشقا بىر نەرسە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مىللەت ۋە ئادالەت ئۇقۇمىمۇ مانا مۇشۇنداق.
كۆزىتىشىمچە مۇسۇلمان ياشلارنىڭ، بولۇپمۇ تەلىم – تەربىيە كۆرگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئۇقۇمى بىر – بىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن. سىز بۇلارنى تازلىماي تۇرۇپ قانداقمۇ مۇسۇلمانچە تەپەككۇر قىلىشقا كاپالەتلىك قىلالايسىز؟ ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئارىسىدا «قانداق پەرق بار ئۇستاز؟» دېيىشىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇلارنى مەندىن سورىسا، مەنمۇ ئەڭ ئىنچىكە نۇقتىسىغىچە چۈشەندۈرەلمەسلىكىم مۇمكىن. لېكىن مۇشۇنداق مالىمانچىلىق ئوتتۇرىدا مەۋجۇت. بۇ سەۋەپتىن بۇ ئۇقۇملارنىڭ مەنا دۇنياسىنى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرەيلى دەيمەن. ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ قايتىدىن ئويلىنايلى. چۈنكى بىزنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشىمىز، پەلسەپە ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز چۈشەنچە ھاسىل قىلىش بولۇپ، «مەناغا ئىگە قىلىشتۇر». پەلسەپە مەناغا ئىگە قىلىشتۇر. دۇنيانى نېمە بىلەن مەناغا ئىگە قىلىمىز؟ ئەگەر بىز پەلسە دېگەندە ئەقلىمىزگە غەرپ پەلسەپىسى كەلسە، ئوتتۇرىدا مۇشۇنداق بىر پەلسەپە مەۋجۇت. ئۇنداقتا ئىسلام پەلسەپىسى ھەققىدە سۆز قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، تاۋچى پەلسەپە ھەققىدىمۇ سۆز قىلالمايمىز، ھىندى، بۇددىزم پەلسەپىسى ھەققىدىمۇ سۆز قىلالمايمىز. بۇنداق ئەھۋالدا پۈتكۈل پەلسەپىنى، ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتىنى غەرپ پەلسەپىسى دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويغان بولىمىز. بۇنداق نادانلارچە تەپەككۇر بولامدۇ؟ ئىنسانلارنى مۇتەۋازى ياشاشقا تەكلىپ قىلغىنىڭىز پەقەت بىر بۇردا، بىر كۆينەككە دەۋەت قىلىش ئەمەس. مېنىڭچە بۇ قەيەردىن كېلىپ چىققان، قانداق كېلىپ چىققان؟ دېگەندەك سوئاللار ئۈستىدىمۇ ئويلىنىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە بۇ بىزنى بىئارام قىلىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق ياشىشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغان بىر مۇسۇلمان، ياشاۋاتقان ھاياتىغا نەزەر سالسا نۇمۇس قىلىدۇ. مانا بۇ سەۋەپتىن بۇنى يوللۇقلاشتۇرۇشتۇر. ئىسلام ھېچقاچان خىرىستىيالىقتىكىدەك لايدا يېتىڭلار، ھەپتە بىر قېتىم يەڭلار ياكى ئالتە ئاي ھېچكىم بىلەن گەپلەشمەڭلار دېگەندەك تەۋسىيەنى بولمايدۇ. لېكىن بىزدىمۇ سۈكۈت روزىسى بار. خىرىستىيانلىق بۇلارنى ئۆزىچە بىر يەردىن تېرىۋالمىدى. بۇمۇ ئەسلىدە ئىلاھى نەرسىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ ئىجرا قىلىشتۇر. بولمىسا ئىنسان نېمىنى يېڭىدىن ئىجات قىلدى؟ ئاتۇمنى ئىجاد قىلغان بولسا ئۇ ئايرىم بىر مەسىلە. مېنىڭچە ئىنسان ۋە ئىنسانىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئىجاد يوق. بۇلار بىر ئۇلغا ئاساسلىنىدۇ. غەرپمۇ بۇنى ھىندىلاردىن، بۇددىستلاردىن ئالدى. يەنى، غەرپتە پاكلىنىش چۈشەنچىسى يوقتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھىندى پەلسەپىسىنىمۇ ئالدى. ھەلەنىك پەلسەپە بۇلارنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان. ماناستېر ھاياتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ سەۋەپتىن بۇ يەردىكى تەركى دۇنيالىق ناھايىتى پەرقلىق نەرسە. چۈنكى ئۇ تەركى دۇنيالىقتىكى ئاساسلىق ئامىل نەپسىنىڭ ئۆلتۈرلىشى بولۇپ، ئىسلامدا نەپسىنى تەربىيلەش بار. ھىندۇئىزمدا، خىرىستىيانلىقتا بەدەن يۈك بولۇپ، بەدەن روھنىڭ ئاللاھقا يېتىپ بېرىشىغا توسالغۇ بولغان ئامىلدۇر. ئىسلام بۇ چۈشەنچىنى قوبۇل قىلالامدۇ؟ بىز بۇ سەۋەپتىن بەدەننى «سەتر» قىلىمىز. ئىسلامدىنمۇ بەكرەك بەدەنگە ئىگە چىقىدىغان بىر دىن يوق. بۇ سەۋەپتىن بەدەنگە بۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر دىن ھەققىدە توختالغاندا، ئۇنى بۇنداق ئىستېمالخور ھالغا كەلتۈرەلمەيسىز. ئۇنى بۇ شەكىلدە سىياسەتنىڭ ۋاستىسىغا ئايلاندۇرالمايسىز. ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدە پىسخولوگىيەنىڭ ئىلكىدىكى نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىشىغا يول قويالمايسىز. ئۇنى بۇ دەرىجىدە بىلىمنىڭ قول چوماقچىسى ھالىغا كەلتۈرۈپ قويالمايسىز. بۇ باشقا بىر پىلان بولۇپ، بۇ پىلان ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىش، ۋۇجۇتقا چىقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قانچىلىك دەرىجىدە مۇمكىنچىلىككە ئىگە؟ يەنى، ئەرزىمدۇ؟ ئەگەر ئەرزىيدۇ دەپ قارىساق، بۇ دۇنيانىڭ سىرىتىغا چىقىدىغان بىر بىلىمنى، بىر ئاڭنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ، بۇنى قايتىدىن ئويلىنايلى. مېنىڭچە ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئىسلام ھەقىقىي مەنىدە رەھمەتكە ئايلىنىدۇ. ئەمما ئىزچىل «بۈگۈن»گە ئوخشىتىلغان ئىسلام ھېچكىمگە رەھمەت بولالمايدۇ. ماڭا دەل ئەكسىچە رەھمەت يوللىرى ئېتىپ تاشلانغان، توسۇپ قويۇلغان بىر ئىسلام باردەك تۇيۇلىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك 7 – ئەسىردىكى ئۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۈچ ئەسىر داۋاملاشقان مىسلىسىز ئىلمىي تىرىشچانلىقىغا ئوخشاش تىرىشچانلىقنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئىسلامى، يەنە تەكىتلەيمەن «ئىلىم ئەنئەنىسى گۈللىنىدۇ» ياكى ئىلىمي بايلىققا ئايلىنىدۇ. مېنىڭچە مۇھىم بولغان مەسىلە مانا بۇ. بولمىسا مەندىن تارتىپ ھەممىمىز ئۇ يەردىن ئۆگەنگەنلىرىمىزنى بۇ تەرەپتە سۆزلەپ ئولتۇرىمىز. مېنىڭچە بۇنداق بولماسلىقى، مودېرنىزمنى بۇ شەكىلدە مۇھاكىمە قىلماسلىقىمىز كېرەك ئىدى. بۇ ئىشقا كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولىدۇ. مودېرنىزم ھەممىدىن بەك ئېتىقادى تېما بولۇپ، كالامى مەسىلىدۇر. ئۇنىڭ مەۋجۇدىيەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق ئاندىن بۇ ھەقتە سۆز قىلساق بولىدۇ. مودېرنىزم بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا مەسىلىلەر ئەڭ ئاخىرىدا توختۇلۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر. مودېرنىزم مەسىلىسى ھاياتىمىزنى قانداق شەكىللەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەپسۇسكى بىز بۇ نۇقتىغا تېخىچە كېلەلمىدۇق. مېنىڭچە يېڭى نەسىللەر بۇ ئەھۋالغا ناھايىتى تېز ماسلىشالايدۇ. ئىسلام تىرىكىشىۋاتىدۇ، مۇسۇلمانلارغا قارىماستىن تىرىكىشىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇنى غەرپمۇ كۆرىۋاتىدۇ.
ئۇستاز، ئۇنداقتا مودېرنىزمغا قارشى قايسى ئۇسۇل بىلەن تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك؟ ئالدى بىلەن بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك پەلسەپە يارىتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئەمەلىي ھاياتقا تەدبىقلىنىشىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىمىز كېرەكمۇ؟ ياكى چۈشەنچە ۋە ھەرىكەتنى ئۆزئارا زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن جەريان دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەت قىلىش لازىممۇ؟
ئابدۇراھمان ئارسلان: مەن بۇ باسقۇچلارنى بىرلىكتە ئىلگىرىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن. ئىسلامدا تەپەككۇر بىلەن ئەمەل بىر – بىرىدىن ئايرىلغاندا ئاللاھ قەلىپلەرگە بەرىكەت بەرمەيدۇ.
چۈنكى سىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان 7 – ئەسىردىن 10 – ئەسىرگىچە داۋاملاشقان جەرياننىڭ ئارقىسىدا ئەمەلىي پراكتىكا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۇزۇقلانغان، ئۇ ئارقىلىق كۈچلەنگەن ۋەزىيەتتە ئىدى. پەقەت چۈشەنچە، پەلسەپىنى نەزەردە تۇتمايۋاتىمىز، پەردە ئارقىسىدىكى تەجرىبە جۇغلانمىسى ۋە ئورتاق ئەقىلنى نەزەردە تۇتىۋاتىمىز. بەلكىم ئۇنىڭ توختىماي قىممەت يارىتىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇنداقمۇ؟
ئابدۇراھمان ئارسلان: مېنىڭچە شۇنداق. لېكىن بۇ جەرياندا -ئاللاھ ئۇ ئىككىسىدىن رازى بولسۇن- غەززالى گرىك پەلسەپىسى ۋە بىرۇنى بۇددىزم، ھىندۇئىزم ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، كىچىك ھەجىملىك كىتاپلارنى يېزىپ، بىزگە ئۇلارنى تونۇشتۇرىدۇ. غەززالى، ئارىستوتىل ئارقىلىق پەلسەپىنى ۋە پەلسەپىۋى چوڭقۇرلۇقنى ئاز – كۆپ ئۆگىنىپ، ئۇ يەردىن سۆز قىلغان. بۈگۈن ئۇنداق ئەمەسىمىز. ئاللىكىملەر تارىخۋازلىق ھەققىدە دوكتۇرا ئۇنىۋانىنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تارىخۋازلىقنى بۈگۈنىمىزگە ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ بۇنىڭ ئىسلام ئۈچۈن پەيدا قىلغان خەۋپنى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن. تارىخۋازچىمۇ سەن؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس. ناھايىتى ياخشى، لېكىن بۇ نۇقتا قالماسلىقى لازىم. سەن تېما ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ باردىڭ، ئۇنىڭ بىلەن ھېساپلىشىشىڭ كېرەك. ياكى سەن بۇنى ياقىلايدىغان بولساڭ، ئۇنداقتا ئۇنى ياقىلا. لېكىن بۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا ماڭا تارىخۋازلىقتىكى مۇھىم كىشىلەرنى، ئەسەرلەرنى ماڭا يادلاپ بېرىدۇ. ئۇنىڭغا ماقۇل، بۈگۈنچۇ؟ يوق، ھېچقانداق جاۋاپ يوق. بۇ ئەسلىدە قوش خىياللىق زېھىندۇر. لېكىن بۈگۈن مۇسۇلماننىڭ زېھىنى مۇشۇنداق ئىشلەيدۇ. بۇ شۈبھىسىزكى، مۇسۇلماننى مودېرنىزمغا ئېلىپ بارىدىغان باسقۇچتۇر. سىزگىمۇ مەلۇم، كائىنات بىلەن باشقا ساھەلەر ئايرىمدۇر. سىز بۇ ئايرىلىشنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىڭىزدا ئىسلام نامىدىن سەنئەت پائالىيىتى ئېلىپ بارالايسىز، ئىسلام نامىدىن قانۇن تۈزەلەيسىز، ئىسلام نامىدىن جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنالايسىز. لېكىن ھېچقاچان سىز ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟ قانۇنچۇ؟ جەمئىيەتشۇناسلىق دېگەن نېمە؟ قاتارلىق سوئاللارنى سورىيالمايسىز. چۈنكى بۇ كاتىگورىيىگە ئايرىش سىزگە بۇنداق ئىمكانىيەتنى بەرمەيدۇ. ئۇنداق تەپەككۇر قابىلىيىتى ئاتا قىلمايدۇ. يەنى، ئۇنى ياكى ئۇ ساھەنىڭ يوللۇق بولۇشى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشىمىز كېرەك.
ئابدۇراھمان ئارسلان: شۇنداق، ئەلۋەتتە بولمايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كاتىگورىينىڭ (ئۇقۇمنىڭ) مەۋجۇت بولۇشى ھەققىدىكى سوراق بىلەن شۈبھىلىك ھالغا كىرىپ قالىدۇ. ھالبۇكى، سىز ئۇ كاتىگورىينى ئاساس قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇلار ھەققىدە توختىلالايسىز. يەنى مۇنداق، كۈلتېر ئۇقۇمىنى ئىشلەتمەيمىز. ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ؟ ھاڭ ھاسىل بولدى، بىز بۇ ھاڭغا چۈشتۇق دېگەن گەپ. ئىنشائاللاھنى ئىشلەتمەيمىز، ئۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ؟ ھاڭغا چۈشتۇق دېگەن گەپ. زېھىن تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىۋاتقان ئايروپىلانغا ئوخشاش تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. مەن بۇ سەۋەپتىن ئالدى بىلەن دەۋرنى تىلغا ئالىمەن. غەرپتە كۈلتېر ئۇقۇم 1700 – يىللاردا ئىشلىتىلىشكە باشلانغان. بىزدە بولسا كۈنىمىزگە تېخىمۇ يىقىن مەزگىلدە ئىشلىتىلىشكە باشلىدۇق. ئەجىبا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى كۈلتېر ئۇقۇمى بارمىتى؟ بۈگۈنكى مەنىسى بىلەن يوق ئىدى. ئەنئەنە بار ئىدى، تۆرە بار ئىدى. ئەمما سىلەر ئەي مۇسۇلمانلار، كۈلتېر ئۇقۇمىغا قارشى چىقمايسىلەر، لېكىن ئەنئەنە ئۇقۇمىغا قارشى چىقىۋاتىسىلەر. كۈلتېر ھەممىدىن بەك خەتەرلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇلى بوش. ئەنئەنىنىڭ بولسا ئۇلى پۇختا. خاتا بولسا تۈزىتىسىز، ئۇنىڭ ئۇلى بار. ئەمما كۈلتېر ئۇنداق ئەمەس. كۈلتېر ئىزچىل ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ سەۋەپتىن كۈلتېر بولمىغان بولسا ئۇلۇس دۆلەت پۇقرالىرىغا كىملىك بەرمەيتتى. ئۇلۇس دۆلەت، مودېرن سىياسەت ۋە كۈلتېر بىلەن بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
ئۇستاز، دەل بۇ نۇقتا ئەلى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ كۈلتېر ۋە مەدەنىيەتنى ئايرىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتەي. ئۇنىڭچە غەرپنىڭ بۈگۈنكى ھالىتى، مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرگەن كۈلتېرگە ئىگە بولغانلىقىدىن بولۇپ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ كۈلتېر ۋە مەدەنىيەت ئۇقۇمىنى بىر – بىرىدىن ئايرىغىلى بولامدۇ؟
ئابدۇراھمان ئارسلان: كۈلتېر ۋە مەدەنىيەت بىر – بىرىدىن ئايرىغىلى بولمايدىغان ئۇقۇمدۇر. مەدەنىيەت ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ قالمايدۇ. غەرپتە مەدەنىيەت دەپ نەزەردە تۇتقىنىمىز، ئەسلىدە مودېرنىزم دۇنياسىدۇر. سىزگىمۇ مەلۇم ھېگىل دۇنيادا ئۈچ خىل مەدەنىيەت بار دەيدۇ. يەنى، ئاقارتىش بولمىغان مەدەنىيەت، يېرىم ئاقارتىلغان مەدەنىيەت ۋە ئاقارتىلغان مەدەنىيەت. يېرىم ئاقارتىلغان مەدەنىيەت كاتىگورىيىسىگە ئىسلام ۋە قەدىمكى مىسىرنى، يىراق شەرقنى بولسا ئاقارتىلمىغان مەدەنىيەت كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزگەن. غەرپ ئاقارتىلغان مەدەنىيەتتۇر. تەبىئىي ھالدا مەدەنىيەت مودېرنىزم دۇنياسىدۇر. ئۇنىڭغا ئۆتمۈش دەۋرلەر، مەسىلەن: ئوتتۇرا ئەسىر «قاراڭغۇلۇق»تۇر. غەرپتىن ئالغان مەدەنىيەت ئۇقۇمى ئارقىلىق مۇسۇلمانچە كېلەچەك قۇرۇشتىن ۋازكەچسەك ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىغا ئىسلام ئىبارىسىنى قويۇش بىلەن ئىدىئولوگىيىلىك مەنىسىدىن خالىي قىلىنغان بولۇپ قالمايدۇ.
مېنىڭچە بۇ ئۇقۇملار قۇرۇلما جەھەتتىن مەسىلە تۇغدۇرىدىغان بولغاچقا قوللىنىشچان ئەمەس. يەنى، غەرپتە بولغاننى غەرپكە خاس ئۇقۇملار بىلەن ئوقۇشنىڭ سىرىتىغا چىقالىساق ئاندىن مەنىگە ئىگە بولىدۇ. چۈنكى كۈلتېرنىڭ ئېنىقلىمىسى غەرپ ئەنئەنىسى ئىچىدە ئىنساننىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ سەۋەپتىن بۇ خىل ئايرىشلارنى مۇۋاپىق دەپ قارىمايمەن. غەرپ مەدەنىيتى مەركىزىگە يۈرۈش قىلماقچى بولساق، مېنىڭچە بۇ ئۇقۇملاردىن باشقا ئۇقۇملارنى ئىشلەتمەسلىكىمىز لازىم.
يەنى، غەرپنى چۈشىنىشتە ئۆزىمىزنىڭ نۇقتئىنەزىرىنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟
ئابدۇراھمان ئارسلان: شۇنداق، ئۆزىمىزنىڭ ئۇقۇملىرىنى ئاساس قىلىپ غەرپنى چۈشىنىپ باقايلى. غەرپنىڭ مەدەنىيىتى ياكى كۈلتېرىنى ئىشلىتىشتىن، سۆزلەشتىن بۇرۇن رېنىسانس (يېڭى دەۋر) بىلەن بىرلىكتە غەرپ كىشىلىرىنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىش لازىم. كۈلتېر ئىنساننىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ نەتىجىسى بولغانىكەن، ئۇنداقتا رېنىسانس دەۋرىدىن باشلاپ غەرپ كىشىلىرى تەبىئەت بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورناتتى؟ بۇ ھەقتە توختىلىش كېرەك دېمەكچىمەن. بۈگۈن كېلىپ چىققان مۇھىت مەسىلىسىنىڭ سەۋەبى مانا بۇ. چۈنكى ئورناتقان مۇناسىۋىتى تەبىئەتكە ھۆكۈمران بولۇش خاراكتېرىدە ئىدى. مەدەنىيەت ئۇقۇمى بۇنىڭدىن مۇستەقىل ھالدا ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ھالبۇكى، سېنىڭ دىنىڭ ساڭا: «ھەممە نەرسىنى سېنىڭ ئەمرىڭگە تاپشۇردۇق» دەيدۇ. سەن قانداق بولۇپ ئۇ ئۇقۇملار دۇنياسىنى چىقىش قىلىپ بىر مەدەنىيەت بەرپا قىلىمەن دەيسەن؟ «مېنىڭ مەدەنىيىتىم تەبىئەت ئۈستىدە ھۆكۈمرانلىق مۇناسىۋىتى ئورناتمايدۇ» دېيەلەيسەن. ياق، سەن مەدەنىيەت ئۇقۇمىنى ئالدىڭ، سېنىڭ بۇ مۇناسىۋەتنى ئورناتمايدىغانلىقىڭنى كاپالىتى نېمە؟ 100 يىل ئۆتكەندىن كېيىن نەتىجىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ سەۋەپتىن بۇ يەردە تۈزىتىش كېرەك بولغان نەرسە بارلىق ئۇقۇملارغا ئۇل بولغان قاراشلار بولۇشى كېرەك. مېنىڭچە بىز غەرپكە بۇ نۇقتىدىن زەربە بېرەلەيمىز. مەسىلەن: «تەرەققىي قىلىش» ئۇقۇمى دۇنيادىن ئۆچۈرۈپ تاشلاندى. لېكىن پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىدا مەۋجۇت. سىجىل تەرەققىيات دېيىشىدۇ، لېكىن بۇ قانداق تەرەققىيات؟ مەن پات – پات بۇ مىسالنى بېرىپ ئۆتىمەن: ئافرىقىغا بارغان ۋاقتىڭىزدا قومۇشتىن ياسالغان ئەنئەنىۋى كەپىسى بولغان بىر ئائىلىنى ئۇچراتتىڭىز، لېكىن ئۇلارنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇن ياشاۋاتقانلىقىنى كۆردىڭىز. ئەمدى ماڭا ئېيتىپ بېقىڭ، بۇلار قانداق خەلق؟ ئىپتىدائىي خەلقمۇ؟ ياكى مۇئمىن خەلقمۇ؟ كۆرۈنۈشتە ئىپتىدائىي خەلق. كەپىدە ياشايدۇ، قۇمۇشتىن ياسالغان كەپىدە. شەھەر ھەققىدە توختالساق، بۇ يەردە بۇنداق بىر شەھەر يوق. ئەمما بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە نېمە؟ بۇ ئائىلىنىڭ ھاياتىغا نەزەر تاشلىغان ۋاقتىمىزدا بىز ھەۋەس قىلغان سۈننەت ۋە قۇرئانغا ئۇيغۇن ھايات بار. نېمە دەيمىز ئۇنداقتا؟ ئۆلچىمىمىز نېمە؟ قايسى ئۆلچەمنى ئاساس قىلىمىز؟ بۇنى قانداق قىلىپ سىنىپقا ئايرىمىز؟ چۈنكى غەرپ مودېرنىزم كاتىگورىيىگە ئايرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىپتىدائىيمۇ؟ شۇنداق، كەپىسى ئىپتىدائىي. لېكىن تۇرمۇش شەكلىگە نەزەر تاشلىغان ۋاقتىمىزدا ئۇلار مۇسۇلمان. ئاز – كۆپ بولسىمۇ سۈننەتكە رىئايە قىلىدۇ، ھالال – ھارامغا دىققەت قىلىدۇ، ئايالىنىڭ كىيىنىشىگە دىققەت قىلىدۇ، ئەر – ئايالنىڭ ئايرىلىپ تۇرۇشىغا دىققەت قىلىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ نۇقتىدا بۇ سوئالنىمۇ سوراش لازىم. يەنى، مودېرنىزم بىزنى ھەر تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئالدى، خاتالاشمىساق، بىزنى تىزلاندۇردى. ئۇنداقتا بىزنىڭ ھېچقانداق ساغلام، قارشىلىق كۆرسەتكۈدەك تەرىپىمىز يوقمۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا ناھايىتى ئاجىزلاشقان، ئېغىر زەربە يېگەن تەرىپىمىز قايسى؟
ئابدۇراھمان ئارسلان: مېنىڭچە ئۆزىمىز ئانچە ھېس قىلمىغان، ئەمما ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بىر تەرىپىمىز بار. يەنى، مودېرنىزمدا ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلە ھەقىقەت، ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى مەسىلىسىدۇر. بىزدە ھەقىقەت «بېرىلگەن» بولۇپ، ئاللاھ بىزگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەن. بىز ھەقىقەت ئىزدىمەيمىز. مەۋجۇدىيەت ئالىمىنى ئۇ ھەقىقەتكە ئاساسەن چۈشىنىمىز. يەنى، پەلسەپە بەرپا قىلىمىز. ھالبۇكى، مودېرنىزمدا ھەقىقەت يوق. مودېرنىزم ئەسلىدە پوست مودېرنىزمغا ئوخشاش ھەقىقەت ئىزدەنگەن جەرياندۇر. ئۇنى قانداق تاپىدۇ؟ قانۇنىيەت سۈپتىدە تېپىلىدۇ. قەيەردىن تاپىدۇ؟ تەبىئەتتىن تاپىدۇ. مودېرنىزم پوست مودېرنلىققىچە ھەقىقەتنىڭ مەنبەسىنىڭ تەبىئەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پوست مودېرنىزم بولسا «ھەقىقەت يوق» دەيدۇ. يەنى، ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى تەبىئەت ياكى ئەمەس. مەن ئۇ مۇنازىرىغا كىرمەيمەن. چۈنكى ئىنساننىڭ ئىدراكى بۇنىڭغا يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارايمەن. ئىنسان دۇنياغا شەيئى سۈپتىدە قارىيالمايدۇ، دەيدۇ. بۇنداق بولغاندا مېنىڭچە بىزنىڭ مودېرنىزم بىلەن بولغان مەسىلىمىز مانا بۇ نۇقتىدا باشلىنىدۇ. ئەپسۇسكى، بىز بۇ چوڭقۇرلۇققا شۇڭغۇپ كىرەلمىدۇق. ھەقىقەت، ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى، ھەقىقەت مەسىلىسى… چۈنكى ھەقىقەت ھاياتقا، مۇناسىۋەتلەرگە، دۇنياغا، مەنا بېرىش شەكلىدە ئۆزىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا باشقا نەرسە چىقىدۇ ۋە بۇ ئىزچىل ھالدا سىزنى مۇدېرنىزم بىلەن مۇنازىرە قىلغان زېھىن، بەدەننىڭ ساھىبىغا ئايلاندۇرىدۇ. مۇسۇلمان ھەمىشە بۇ سۈركىلىش ئىچىدە بولىدۇ.
ئەمما مودېرنىزم بۇنى ئىزچىل ئەۋج ئالدۇرۋاتمامدۇ؟ يەنى، بىزدىن ھەر شەيئىگە «ھۆرمەت قىلىشىمىزنى» سورايدۇ، ھۆرمەت قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ.
ئەلۋەتتە، چۈنكى بۇ تەلەپ نوپۇز خاراكتېرىغا ئىگە بولۇپ، بىزنى ئۆزىنىڭ نوپۇزى ئاستىغا ئالماقچى بولىۋاتىدۇ.
يەنى، «كارىڭ بولمىسۇن، ھۆرمەت قىل» دېگەنلىك، ئەسلىدە لائىكلىك بىلەن، دىموكرات بولۇش بىلەن، چاغداش بولۇش بىلەن تەڭداش بولۇپ قالغان تەلەپتىن ئىبارەت، خالاس.
كارىڭ بولمىسۇن دېگەن ۋاقىتتىمۇ پۇرسىتىنى تاپسا سېنى ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا سۆرەپ كىرىدۇ. بۇ يەردە مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان ئىككى ھۆكۈمرانلىق شەكلى بار. ھاكىمىيەت ھەققىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك. بۇ پەقەت سىياسىي ھاكىمىيەت ئەمەس. ۋەھىي بىزنى ئاللاھنىڭ ھاكىمىيىتىگە چاقىرىدۇ ۋە باشقا ھاكىمىيەتلەردىن قورقماسلىقىمىزنى ئېيتىدۇ. مودېرنىزمدا بولسا باشقا بىر ھاكىمىيەت شەكلى مەۋجۇت. ئۇ بىلىمنىڭ مەنبەسىدىكى ھۆكۈمران كۈچمۇ يەنىلا باشقا كۈچ. ئۇمۇ: سەن ئۇلۇس دۆلىتىگە مۇشت ئات، لېكىن مېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىمنى قوبۇل قىلغان ئاساستا مۇشۇنداق قىل، دەيدۇ. بۇ باشقا بىر نەرسە.
مودېرنىزىمغا قارشى باشقا تايانچ نۇقتىلىرىمىز بار. مەسىلەن: ئىسلام ئېلىپ كەلگەن ئەقىل چۈشەنچىسى. ئۇمۇ ناھايىتى مۇھىم تايانچ نۇقتىسى. ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي نۇقتئىنەزىرى مۇشۇنداق. مۇشۇنداق نەزىرىيە ھەققىدە توختۇلۇش مۇمكىنمۇ؟ بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك تايانچ نۇقتىسىدۇر. لېكىن بۇلارنىڭ كۈچلۈك بولۇپ – بولمىغانلىقىنى پەقەت ئىلمىي خىزمەتلەر ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. مەسىلەن: مودېرنىزمنى بەرپا قىلغان ئەڭ مۇھىم ئامىل نېمە؟ ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا شەخستۇر. ئىسلامدا بۇ مۇئمىن ئۇقۇمى بىلەن ئىپادىلەنمەيدۇ. ئۇنداقتا بۇلارنىڭ كىملىك، ئەمەل نۇقتىسىدا نېمىگە ۋەكىللىك قىلغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شەخسنىڭ نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئىزدىنىش كېرەك. بەلكىم ئەنە شۇ ۋاقىتتا پەرقلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بۇ ھەقتە توختىلالايمىز. چۈنكى دىننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىدىئولوگىيىلەر، دۇنيا قاراشلار ئىنسان ھەققىدىكى ئېنىقلىمىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى بەرپا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يول يوق. ئىسلاممۇ ئىنسان ئېنىقلىمىسىنى ئاساس قىلىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ ئىنسان كىم؟ (بۇ ئىنسان) پەيغەمبەرلەردۇر. بۇ بىر ئۆرنەك بولۇپ، ئىدېئال ئۆرنەكتۇر. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەندىن بەندە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىنسان ھەققىدىكى ئېنىقلىمىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، سىز بىر شەيئى ھاسىل قىلالايسىز. مەسىلەن: فارابىنىڭ «مەدىنەتۇل فازىلا» دېگەن كىتابىدا نېمە بار ئىدى؟ ئىنساننىڭ ئېنىقلىمىسىدىن مۇستەقىل ھالدا باشقا نەرسە بارمىدى؟ شەھەرنى ئىنسانلار بەرپا قىلىدۇ، «پەزىلەتلىك كىشىلەر». دېمەك، پەزىلەتلىك ئىنسان ئېنىقلىمىسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان. ئەپىلاتوندىمۇ، ئارىستوتىلدىمۇ بۇ بار. نەتىجىدە «شەھەر» ئۆزىگە نىسبەتەن پەزىلەتلىك ئىنساننىڭ يۇرتىدۇر. مېنىڭچە بۇ سەۋەپتىن سىز ئىجتىمائىي نەزەرىيىنى، بىر شەھەرنى، بىر ئىقتىسادنى «ئىنسان ئېنىقلىمىسىدىن» ئايرىم ھالدا بەرپا قىلالمايسىز، لاھىيلىيەلمەيسىز، تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. بۇنى چۈشەنگەن ۋاقتىڭىزدا ئاندىن سىز كاپىتالىزم ئېلىپ كەلگەن يامانلىقلارنى بىلىپ يېتەلەيسىز. ھالبۇكى، سىز ئىقتىسادىي ئادەم (ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قوغلاشقۇچى كىشى) سۈپتىدە ئەگەر بىر ئىنسان ئېنىقلىمىسىنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، ئەمما ئۇ ئېنىقلىمىنىڭ قىممەت – قاراشلار دۇنياسىنى قوبۇل قىلغان بولسىڭىز، «ياق، مەن ئىقتىسادىي ئادەم ئېنىقلىمىسىنى قوبۇل قىلمايمەن» دېيىشىڭىزنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. سىز ئۇنىڭغا ئاساسەن بىر شەھەر قۇرۇپ چىققان بولىسىز، ئاساسلىق مەسىلە مانا بۇ يەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئۇستاز، مودېرنىزىمغا قارشى ئۆزىمىزنىڭ ھايات ساھەلىرىنى بەرپا قىلىپ چىقالمايۋاتىمىز. شەھەر ھاياتى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش نۇقتىسىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىمىز. پەقەت ئۆزىمىزنىلا قوغداپ قېلىش ئەمەس، ئائىلىنى، بالىلارنى قوغداپ قېلىشتەك مەسئۇلىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
شۇنداق، ئېيتىپ ئۆتتۈم، ئەۋلادلىرىمىز خەۋپكە ئۇچرىغاندا كىشىنىڭ ئەقلىگە ئايرىلىپ چىقىپ مەھەللىشىش كېلىدۇ.
ئۇستاز، ئۇنداق مودېرنىزىمغا قارشى قانداق بىر شەھەر قۇرۇپ چىقىشنى ئويلىشىشىمىز كېرەك؟ بولۇپمۇ ئۆزىمىز ياشاۋاتقان زامانىۋى شەھەرنىڭ ھەر تەرەپنى قورشاپ تۇرىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقان ۋاقتىمىزدا قانداق ئۆلگىلىك شەھەر، ھەتتا ئۆرنەك شەكىللەندۈرەلەيمىز؟
ئەگەر مۇسۇلمانلار تۇرىۋاتقان رايۇندا -ئايرىلىپ چىقىپ قۇرغان مەھەللىنى نەزەردە تۇتمىدىم- سېتىۋاتقان تاۋارلارنى ھالال ۋە پاكىز قىلىپ ساتسا، سىز نىشانتېشىدىكى لائىكلەر كېلىپ سېتىۋالمايدۇ دەپ ئويلامسىز؟ ئۇلار خالىسۇن – خالىمىسۇن مېنىڭ دۇرۇستلىقىمنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مۇشرىكلار رەسۇلۇللاھنىڭ دۇرۇستلىقىغا قايىل بولمىغانىمىدى؟ ئەلۋەتتە، بۇنىڭ بىر بەدىلى بار. زۆرۈر تېپىلسا سېتىۋاتقان تاۋارنى ئۆزىڭىزى بېرىپ تەبىئىي ۋە پاكىز ھالىتىدە ئېلىشقا تىرىشىشىڭىز كېرەك. ھەتتا ئۇ يەردىكى كىشىنىڭ تىجارىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىڭىز لازىم. مۇسۇلمانلىق مانا مۇشۇنداقتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا قانداق بولاتتى دەيسىز؟ مېنىڭچە مانا بۇ ھاياتنى قايتىدىن بەرپا قىلىشتۇر.
شەھەر ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كەلسە، مېنىڭچە مۇسۇلمان قۇرۇپ چىققان شەھەردە ئۆيلەر ئىككى قەۋەتلىك بولمايدۇ. چۈنكى بىر شەھەردە ئۆيلەر ئىككى قەۋەتلىك بولغان ۋاقىتتا نامەھرەملىككە دەخلى يېتىدۇ. سەن ھەر تەرەپتىن قامىلىۋاتىسەن، ئېھتىياجىڭ بار. ئەنئەنىۋى ئىمارەتلەر بۇنداق ئەمەس ئىدى، زەيتىنبۇرنىمۇ بۇنىڭدىن 30 – 40 يىل ئىلگىرى بۇنداق ئەمەس ئىدى. شەھەر ئىجتىمائىي ئەھۋالى ژورنىلىدا بىر ئۇستاز مۇنداق دەيدۇ: «ئاق دېڭىزدىكى ئۆيلەر مۇشۇنداق، ئۆيدىكى ئايال ۋە بالىلار تەبىئەتتىن پايدىلىنىدۇ. نەچچە يىل ئىلگىرى كۇتاھياغا بارغان ۋاقتىمدا، ئۆيلەرنىڭ ۋاندىكى ئۆيلەرگە بەكمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى كۆردۈم. ئۆزەمگە، ئەقىدە ۋە دۇنيا قاراش ئوخشاش بولغاندا ئوخشاش ئىمارەتلەر ھاسىل بولىدىكەن، دېدىم».
ئەمدى بۈگۈن بىز، مېنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا «ھاياسىز ئىنسانلاردۇرمىز بىز». چۈنكى ھايا دېگەن ئىنساننىڭ ئىچىدە بولىدۇ. سىزمۇ بىلىسىز، پەيغەمبىرىمىز «ھايا ئىماندىندۇر» دېگەن. مەن نامەھرەملىكنى پەقەت باش ياغلىقىغىلا مەھكۇم قىلىپ قويۇشنى ھەر دائىم تەنقىت قىلدىم. نامەھرەملىك ئەرلەر ئۈچۈنمۇ زۆرۈر بولغان ھايات شەكلىدۇر. يەنى، سىز نامەھرەملىكنى ئاساس قىلغان ۋاقتىڭىزدا ئەمەللىرىڭىزمۇ باشقىچە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ياغلىقمۇ بار، ئەلۋەتتە. لېكىن مېنىڭچە مۇسۇلمانلار سىياسىي ھاكىمىيەت ئالدىدا بەزى چۈشەنچە ياكى تەلەپلىرىنى بەكرەك ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى، لېكىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىرىنىڭ ئىچىنى قۇرۇقداپ پۈچەكلەشتۈرىۋەتتى. مەسىلەن: ياغلىق مەسىلىسى مانا مۇشۇنداق بولدى. بۈگۈن قانداق قىلىپ بالىغا ھايانى سىڭدۈرەلەيمىز؟ بۇ ھەقتە ئويلىنىشىمىز كېرەك.
بىز ۋاقىت ۋە ماكاندىن پايدىلىنىش شەكلى ھەققىدە توختالدۇق. بۇ مەسىلە ھەققىدە ئەگەر ئوقۇمىغان بولسىڭىز «مۇمفور» نى ئوقۇڭ، تارىخ بويىنچە شەھەر كىتابى. خاتالاشمىسام ئۇنىڭدا «ئەڭ باشتا تاۋاقلىرىمىز ئايرىلدى، ئاندىن ھۇجرىلىرىمىز، ئاخىرىدا ھەممە نەرسىمىز ئايرىلدى» دېگەن جۈملىلەرنى ئوقۇغانىدىم. مانا بۇ ئەھۋالنى قانداق قىلىپ ئۆزگەرتىمىز، بۇ ھەقتە ئويلىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى جامائەت بولۇش ياكى بىر جامائەت ئەنئەنىسى ھاسىل قىلىش، بۇ شەخسنى ئاساس قىلغان ۋەزىيەت ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشنى، ئاندىن مۇئمىن ۋە مۇئمىنەنى ئۆزىگە لايىق بولغان ئورۇنغا قويۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

سۆھبەت: مۇرات قۇرتۇلدۇ
مەنبە: تاسھىھ ژورنىلى 3 – سان
2016 – يىلى ئىيۇن
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى – باتۇر قاراخانلې

https://www.dusuncemektebi.com/d/182808/abdurrahman-arslan-modernlik-her-seyden-evvel-itikadi-bir-konudur,-kelami-bir-meseledir

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*