مىللىي ئارمىيەنىڭ 74 يىللىقى خاتىرىلەندى

2019-يىلى 9-ئاپرېل

ئىنستىتۇتىمىزتەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ۋە مىللىي ئارمىيەنىڭ 74 – يىلى» تېمىلىق خاتىرىلەش پائالىيىتى 2019 – يىلى 4 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

1945 – يىلى 4 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تەشكىللەنگەنلىكى جاكارلانغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ 74 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىنستىتۇت خادىملىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا ئادەم قاتناشتى. پائالىيەت، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنىپ مىللىي ئارمىيە مەنسۇپلىرىنىڭ روھلىرىغا ئاتاپ دۇئا قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مارشلىرىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن باشلاندى.

خاتىرىلەش پائالىيىتى ئىنستىتۇتىمىز مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ «دۆلەت ۋە ئارمىيە» دېگەن تېمىدىكى لېكسىيەسى بىلەن رەسمىي باشلاندى؛ ئۇ، دۆلەتنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىللار ئىچىدە ئارمىيەنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق ئىزاھلاپ ئۆتتى ۋە مىللىي ئارمىيەنى خاتىرىلەشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئارقىدىن ياش تەتقىقاتچى، تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى مۇھەممەتئېلى مەمتىمىن «مىللىي ئارمىيە بىلەن گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى» دېگەن تېمىدا تەييارلىغان دوكلاتىنى سۇندى. ئۇ، پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىغا مەزكۇر ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي كۈچىگە ئالاقىدار ناھايىتى ئەتراپلىق سانلىق مەلۇماتلارنى بەردى.

ئارقىدىن قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا «مىللىي ئارمىيەنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، سەئىدىيە خانلىقىدىن تارتىپ تاكى 1944 – يىلىدىكى جۇمھۇرىيەتكىچە بولغان تارىخىي جەريانلاردىكى ئەسكىرىي تەشكىلاتلىنىشلار توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

ئارقىدىن ياش تەتقىقاتچى مەھمۇتجان ياسىن «مىللىي ئارمىيەدە ئىشلىتىلگەن ھەربىي ئۇنۋانلار ۋە ئوردېنلار» دېگەن تېمىدىكى دوكلاتىنى سۇندى. دوكلاتنىڭ بۇ قىسمىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۈمھۇرىيىتى مەزگىلىدە ئىشلىتىلگەن ھەربىي ئۇنۋانلار ۋە ئوردېنلار تونۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، كىمنىڭ قايسى ئۇنۋانغا ۋە قانداق مېدال ياكى ئوردېنلارغا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالدى.

پائالىيەت دوكتور ئالىمجان بۇغدانىڭ شېھىت ۋە غازىلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قىلغان دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*