مەزھەپچىلىك ۋە تەرىقەتچىلىك

2018-يىلى 23-ئىيۇل

مۇھەررىر | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

مەزھەپلەر ۋە تەرىقەتلەر ئىسلامنىڭ بايلىقى، قىيامەتكىچە قىلىپ قالىدىغان ئىككى تايانغۇچىسى، دىننىڭ تەبئىتى ۋە ئىنسان پىترىتىنىڭ تەقەززاسىدۇر. ئەمما مەزھەپچىلىك ۋە تەرىقەتچىلىك ئۇنداق ئەمەس؛ دەل ئەكسىچە مەزھەپلەرنىڭ ھەم تەرىقەتلەرنىڭ زەھەرلىك دۈشمىنىدۇر. قاچانىكى مەزھەپلەر ۋە تەرىقەتلەر ئارىسىدا كەڭ-قورساقلىق، قېرىنداشلىق، ”ھەممىسى بىر مۇقەددەس دەرەخنىڭ شاخلىرى،ھەممىسى ئوخشاش مەنبەدىن ئاققان تەمى پەرىقلىق سۇلار“ دىگەن چۈشەنچە ھاكىم بولغان بولسا مۇسۇلمانلار ھۇزۇر ۋە كەڭرى ئىمكانلار ئىچىدە ياشىغان، قاچانىكى مەزھەپ ۋە تەرىقەت تەئەسسۇپلىقى، مونوپولچىلىقى، شەخسىيەتچىلىكى، بىر پىكىردە بولمىغانلارنى چەتكە قېقىش پەقەت بىر مەزھەپ ۋە تەرىقەتنى دىن ئورنىغا دەسسىتىش چۈشەنچىسى، تەشۋىقاتى ۋە يۈرگۈزىلىشى باش كۆتەرگەن بولسا ئارقىسىدىن بۆلىنىش ھەتتا جېدەل-غەۋغالار كېلىپ چىققان ئىدى .
بۇ مۇناسىۋەت، شەكلى سۈننى مەزھەپلەر ئۈچۈندۇر؛ باشقا ئىسلام مەزھەپلىرىگە قارشى پوزىتسىيەمۇ ”دىن قېرىنداشلىقى ۋە ئۈممەت بىرلىكى“ تۇيغۇسى ئىچىدە بۇلۇش كىرەك .
بىر ئىككى ماقالىدە بۇ مەسىلىدە توختىلىشنىڭ يىڭىدىن ئوتتۇرغا چىقىرلىشقا تىرشىلىۋاتقان مەزھەپچىلىك ، تەرىقەتچىلىك،(ۋە ئىرىقچىلىقنىڭ )پەسكۇيغا چۈشىشى جەھەتتىن پايدىلىق بولىشىنى ئۈمىد قىلمەن .
تەئەسسۇپ: ”ئىلمىي، دىنى ۋە ئەقلى بولمىغان ئامىللارنىڭ تەسىرى ئاستىدا بىر كۆز -قاراش، پىكىر ۋە تەرەپ(گورۇھ )كە چىڭ باغلىنىش، زۈرۈر تېپىلسا ئايرىلماسلىق دىمەكتۇر .
تەئەسسۇپنىڭ قارشىسدا يول قويۇش، كەڭ -قورساقلىق يەنى كەچۈرۈش، خۇشخۇيلۇق باردۇر. دىننىڭ سىزغان چېگرالىرى ئىچىدە- مەسىلەن: قۇرئان، سۈننەت ۋە ئىجمانىڭ كەسكىن ھۆكۈملىرگە زىت كەلمەيدىغان كۆز-قاراش، پىكىر ۋە ھەركەتلەرنى-خۇشخۇيلۇق بىلەن قاشى ئېلىش كەڭ -قورساقلىقتۇر .
ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەن بىر قاراشتا بولمىغان كىشلەرگە قارشى چىقماي ئۇلارنى پاسىق، ئازغۇن، كاپىر دىمىگەن ئاساستا ئۆزىنىڭ پىكىر، مەزھەپ ۋە ئادەتلىرىدە مۇستەھكەم تۇرىشى مۇھاپىزىكارلىقتۇر ۋە زىينى يوقتۇر .
دىننىڭ كەسكىن بولغان ئورتاق ھۆكۈملىرى؛يەنى بىلىشكە تېگىشلىك دىنىي زۈرۈرىيەتلەر ۋە قەتئىي،كەسكىن ھۆكۈملەر ئۈستىدە چىڭ تۇرسا دىنىي مۇستەھكەملىك، ساغلام دىندارلىق، ئالقىشقا سازاۋەر بىر پوزىتسىيەدۇر. يامان ۋە زىيانلىق بولغان ئىجتىھادى ۋە كەسكىن بولمىغان ھۆكۈم(زاننى ھۆكۈملەر ) لەرمۇ تەئەسسۇپتۇر؛بۇلارمۇ ئۆزى بىلەن بىر پىكىردە بولمىغانلارغا قارشى چىقىۋاتىدۇ .
پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەڭ-قورساقلىق بىلەن ئەۋەتىلگەنلىكىنى سۆزلىگەن، تەئەسسۇپ ۋە ئەسەبىيلىكتىن كېلىپ چىققان جىدەللەرنى ئۆكتە قوپۇش ۋە تەرەپپازلىق قىلىشنى چەكلىگەن. پەقەت ئۆزىنىڭ سۈننىتى بىلەن توغرا يول ئۈستىدىكى خەلىپىلەر(خۇلەپائۇرراشىدىين ) لارنىڭ تۇتقان يولىغا چىڭ ئېسىلىشىمىزنى نەسىھەت قىلغان. بۇ تەلىماتنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن ۋە ئەمىلىدە كۆرسەتكەن سەلەپ؛يەنى ساھابە، تابىئىين، مۇجتەھىد ئىماملار …..ئارىسىدا تەئەسسۇپلۇق يۇز بەرمىگەن. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى ئىجتىھاد ۋە ئەگىشىشكە يەنى دەلىلىنى بىلگەن ئاساستا بىر پىكىرگە ئەمەل قىلىشقا تەشۋىق قىلغان. بىر بىرىنىڭ قىممىتىنى قىلىشقان ۋە بىرى يەنە بىرنىڭكىدىن پايدىلانغان، بىر ئىلىم ئائىلىسى ھالىتىدە ياشىغان ئىدى .
ئەبۇ ھەنىيپە (رەھمەتۇللاھ ئەلەيھ) قەبرى ئەتراپىدا بامدات نامىزى قىلغان ۋاقتىدا ئىمام شافىينىڭ -ئەبۇ ھەنەفىيىگە ھۆرمەت قىلىپ قۇنۇت ئوقۇشنى تەرك قىلىشى (شافىئى مەزھىبىدە قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇماق كۈچلۇك سۈننەت سانىلىدۇ -تەرجىماندىن) ئىمام مالىكنىڭ ھارۇن رەشىدكە خىتاب قىلىپ “ مۇۋەتتانى يالغۇز قانۇن ھالىتىگە ئەكىلىپ قويما. چۈنكى ئۆلىمالارنىڭ پەرقلىق قاراشلىرى بۇ ئۈممەت ئۈچۈن رەھمەتتۇر. ھەر ئادەم ئۆزى توغرا دەپ قارغانغا ئەمەل قىلىدۇ. ھەممىسى ھىدايەت ئۈستىدەدۇر ۋە ھەر بىرى ئاللاھنىڭ رزاسىنى ئىزدەۋاتقانلاردۇر ….“دىيشى بۇ روھ ھالىتىنىڭ پارلاق ئۆرنەكلىرىدۇر .
ئابباسى خەلىپىلىردىن مەمۇننىڭ زامانىدىن (198/813-218/833) باشلاپ يىلتىز تارتىشقا باشلىغان مەزھەپ تەئەسسۇپلىقىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلارنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلىيالايمىز :
ئالدى بىلەن دىنىي زىيانلاردىن بىر قانچىسىنى ئۆرنەك بېرەيلى :
1. ھەق ۋە ئەمەلىيەتنىڭ باشقا مەزھەپتە ئىكەنلىكى ئوتتۇرغا چىققانلىقىغا قارماي قاتماللىق ۋە مەزھىپىدىن ئايرىلماسلىق. بۇ تېمىدا ئالىملارنىڭ سۇلتانى دەپ تىلغا ئېلىنىدىغان بۈيۈك شافىئى فىقىھ ئالىمى ۋە مۇجتەھىد ئىبنى ئابدۇسالامغا (v .660-1262 ) قۇلاق سالايلى :
ھۆكۈم قىلىش پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ. ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىغان. (سۈرە يۇسۇف 40.ئايەت) بۇ ئايەتنى دەلىل قىلىپ، بىر مۇجتەھىدنىڭ يەنە بىر مۇجتەھىدنى ياكى ساھابىنى تەقلىد قىلىشى (ئۆزى ئىجتىھاد قىلماي ئۇلارنىڭ ئىجتىھادىغا ماسلىشىشى)دەك تەقلىد قىلنىشى بۇيرۇلمىغان. بىرسىگە تەقلىد قىلىش ھەققى ۋە رۇخسىتى ھېچكىم ئۈچۈن يوقتۇر. بۇنىڭ سىرتىدىكىلەر، ئىجتىھاد قىلالىغۇدەك ئىلىمى بولمىغان ئاۋام-پۇقرادۇر(جۈملىدىن مۆمىنلەردۇر) بۇلارنىڭ تەقلىدتىن باشقا دىنىي بىلىمگە ئېرىشىش يولى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تەقلىد قىلىدۇ. پەقەتلا بىر مۇجتەھىدنى تەقلىد قىلغاندىن كىيىن (بىر مەزھەپكە،قارتا ئەمەل قىلغاندىن)كىيىن باشقا بىر مۇجتەھىدكە ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئىجتىھادى (مەزھىپى) بىلەنمۇ ئەمەل قىلالايدۇ. تۆت مەزھەپ ئوتتۇرغا چىققۇچە بولغان ئارلىقتا ساھابىلەر دەۋىردىن باشلاپ مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق قىلاتتى ۋە مۆتىۋەر ئالىملاردىن ھېچبىرى بۇنى ئۇيغۇنسىز كۆرمەيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ ئۈستۈن بولغاننى چوقۇم تەقلىد قىلىش مەجبۇرىيتى يوقتۇر …
ھەيران قالارلىق ئىش شۇكى، مۇجتەھىد ئەمەس فىقىھچىلار ئىماملىرىنىڭ بىر قارىشىنىڭ زەئىپ، مەسنەدىنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىنى بىلسىمۇ ۋە كۈچلەندۇرۇشكە ئىمكان تاپالمىغان ھالەتتىمۇ يەنەئۇنى تەقلىد قىلاتتى .
قۇرئان ۋە سۈننەت كۈچەيتكەن قارشى پىكرىنى قۇبۇل قىلمايتتى. ئىماملىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇزاق ۋە خىلۋەت تەئۋىل يوللىرغا قايدۇراتتى. (Kava ‘i ,Kahire 1980c .||,s.158-159)
2. مەزھەپكە ماس كەلمىگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى تەنقىد ۋە رەت قىلىش؛ مەشھۇر ۋە سەھىھ ھەدىس كىتاپلىرىنىڭ مۇقەللىد فىقىھچىلار تەرىپىدىن تەييارلانغان بەزى شەرھىلىرىدە بۇنىڭ كۆپلىگەن مىساللىرى بار. بۇنىڭدەك شەرھىلەر ئۆز مەزھىپىگە ماس كېلىدىغان ھەدىسلەرنى زەئىپ بولسىمۇ كۈچلەندۇرۇشكە، مەزھىپىگە ماس كەلمىگەن ھەدىسلەرنى بولسا سەھىھ بولسىمۇ زەئىپىنى كۆرسىتىشكە تىرىشقان ئىدى .
3. ئىسلامنىڭ ئالىملارغا بەرگەن ئىجتىھاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋە ئىجتىھادلىرى بىلەن بەزى مەزھەپ ھۆكۈملىرىنى قۇبۇل قىلمىغان ئالىملارغا قارشى چىقماق،ئۇلارغا ئەزىيەت بېرىش ۋە ئىجتىھاد ھەركىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش .
4. مەزھەپ مۇداپىئە قىلىش يولىدا ئىسلامنىڭ روھىغا زېت پوزىتسىيەلەردە بۇلۇش، مەقسەتنى ۋاستىگە پىدا قىلىش؛ ھەنەفىي فىقىھىشۇناسلىرىدىن بابەرتى (v .786/1384) ھەنەفىي مەزھەپىنىڭ ئەۋزەللىكى توغىرسىدا قەلەمگە ئالغان بىر يازمىسىدا شافىئى ۋە ھەنەفىي مەزھەپلىرىنىڭ بەزى ھۆكۈملىرىنى سىلىشتۇرۇپ نۆۋەت ”چوڭ گۇناھ قىلغان ۋە ياكى كىچىك گۇناھتا چىڭ تۇرغان خەلىپىنىڭ چۈشۈپ چۈشمەيدىغانلىقى (يەنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرلىشى) يەنى ئىنىزال ھۆكمىگە كەلگەندە ”شافىئيلەرنىڭ قارشىغا ئاساسەن مۇنائىز بۇلىدۇ يەنى(خەلىپىلىكتىن) چۈشىدۇ. ھەنەفىيلەرنىڭ قارشىغا ئاساسەن چۈشمەيدۇ.“ دىگەندىن كىيىن زامانىنىڭ ھۆكۈمدارىغا شۇنداق خىتاپ قىلغان: ”ئەي سەگەك ۋە ھۇشىيار پادىشاھ !…بۇ مەزھەپنى تەقلىد قىلىش يەنى ئۇنىڭغا ماسلىشىش، قۇبۇل قىلىش كېرەكمۇ-كېرەك ئەمەسمۇ؟!“ Fatihktb .no :2269,vr .115/a .

بابەرتىنىڭ سۆزلىرىدىن چىققان مەنا شۇدۇر: ئەي پادىشاھ، بىزنىڭ مەزھەپنى تاللا؛ چۈنكى بۇ سايىدە ھەم گۇناھ قىلىپ ھەم سەلتەنەت سۈرىسەن .“
ئىسلام ؛قېرىنداشلىق،بىرلىك،باراۋەرلىك ،ھەمكارلىق ۋە ئۆز -ئارا ياردەم بىرىش دىنىدۇر.
بۆلىنىش،زۇلۇم، دىننى باھانە قىلىپ ئېزىش؛ يەنى پىتنە، قېرىنداش ماجرالىرى ئىسلامنىڭ قاتتىق چەكلىگەن، لەنەت قىلغان، يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىدىغان ھەركەتلىرىدۇر .
يەنە تەكرار تەكىتلەيمىزكى، مەزھەپلەر ئەمەس بەلكى مەزھەپ تەئەسسۇپلىقى جاھالەت ۋە غەپلەت سەۋەبىدىن ئىسلام تارىخىدا قېرىنداش ماجرالىرى بولغان. قانلار تۆكۆلگەن،ئائىللەر ۋەيران بولغان،گۈللىنىشلەر خاراب بولغان .
تارىختىن ئىبرەت ئېلىشىمىز، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزنى ئەستايىدىل قوغداش ۋەزىپىسىدە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇش مەقسىتى بىلەن بۇ جىدەللەرنىڭ بەزىلىرىنى ئېتىبارغا ئىلىندىغان ئىسلام مەنبەلىردىن نەقىل قىلىمەن.
بەزى مەغرىپ ئەللىرىگە فرانكلارنىڭ، شەرق مەملىكەتلىرگە بولسا موڭغۇللارنىڭ مۇسەللات قىلىنىشىنىڭ سەۋەبلىردىن بىرسىمۇ ھەم سۈننى مەزھەپلەر ئارىسىدا ھەمدە سۈننى بىلەن باشقا مەزھەپلەر ئارىسىدىكى شىددەتلىك تەئەسسۇپ، بۆلىنىش ۋە پىتنىدۇر .
بەزى ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلاردىن مىڭلارچە مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرى ئاققان شەھەرلەر خاراپ بولغان. ..” (Murtezâ Zebidî. İthâfü’s-sâde (İhyâ şerhi), c. I, s. 282; Füllânî, s. 75)
تۇغرۇل بەگنىڭ ۋەزىرى ئامىدۇل مۇلىك كۈندۇرىنىڭ تەسىرى بىلەن جامىئەلەردە، مۇنبەرلەردە ئەشئەرىلەر لەنەتلەنگەن، ھەنەفىيلەر بىلەن شافىئىيلەر بىر -بىرىگە يامان قاراشتا بۇلۇپ ماجرالار يۈز بەرگەن. قالايمىقانچىلىق ۋە پىتنە خوراسان، شام، ھىجاز ۋە ئىراققا تارقالغان. كۇشەيرى ئىمامۇل ھەرەمەين دەك زاتلارغا ئەزىيەت يەتكۇزگەن. زىندانغا تاشلانغان ۋە سۇرگۇن قىلىنغان ،مەملىكىتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان .
ئەشئەرىلەرنىڭ لەنەتلىنىش ئادىتى سۇلتان ئالپ ئارسىلان ۋە ۋەزىر نىزامۈلمۈلىك زامانىغا قەدەر داۋام قىلغان. پەقەت شۇلارنىڭ زامانىدىلا ئالدى ئېلىنغان ۋە يۇرتىدىن ئايرىلغان ئۆلىمالارنىڭ قايتىپ كېلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان. .( İbn Sübkî, Tabakâtü’ş-şâfiiyyeti’l-kübrâ, Kahire, 1965, c. III, s. 389-405; İbnü’l-Esîr, el-Kâmil fi’t-târih, Beyrut, 1966, c. X, s. 33; Prof. Dr. O. Turan, Selçuklular Tarihi, İst. 1969, s. 241. )
ئەبۇلقاسىم كۇشەيرىنىڭ ئوغلى ئەبۇ ناسىر 469/1077- يىلى ھەجدىن قايتىشىدا باغداتتا قىسقا مۇددەت تۇرغان ۋە نىزامىيەدە ۋەز- نەسىھەت قىلغان .
ۋەزلىرىدە ھەنبەلىلەرنىڭ قارىشىسىدا تۇرغانلىقى ۋە ئۇلارنى مۇجەسسەمە (بۇلار قۇرئاندىكى ئاللاھنىڭ قولىدىن يۇزىدىن دىگەندەك ئىپادىلەرنى دەلىل قىلىپ ئاللاھنى ئىنسانلارغا ئوخشىتىدۇ ۋە شەكىل بېرىدۇ. -تەرجىماندىن) دەپ ئەيىپلىگەنلىكى ئۈچۈن تەرەپلەر بىر-بىرگە ھۇجۇم قىلدى. ھەنبەلىلەر ئەشئەرىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرەتتى. باغداتتىكى ئەبۇ ئىسھاق شىرازى بىلەن نىزامۈلمۈلىك ئارىسىدا خەت يېزىشىشلار بولغان ئىدى ۋە ۋەزىر دۆلەتنىڭ مەزھەپلەر مەسىلىسىدە بىتەرەپ بولدىغانلىقىنى، مەزھەپلەرنىڭ ۋە بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلىنىڭ مۆھتەرەم بولىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئېلىنغان تەدبىرلەر بىلەن پىتنە بېسىقتى ۋە بۇ ۋاقىت ئىچىدە دىينى ۋەزلەردە مەزھەپلەر توغىرسىدا سۆز قىلىش چەكلەندى. شۇنداقلا ۋەزىر پەخرۇددەۋلە ۋەزىپىسىدىن ئېلىندى ..( İbn Sübkî, c. IV, s. 234 vd.; Suyûtî, Târihu’l-hulefâ, Kahire, 1952, s. 424; Prof. Turan, s. 241. )

ھېجرىينىڭ 317-يىلىدا خەلىپە مۇقتەدىر زامانىدا باغداتتا ”ماقامى مەھمۇد“ (پەيغەمبىرمىزنىڭ ئۈممىتىنى شاپائەت قىلىش ماقامى -تەرجىماندىن)نىڭ تەپسىرى تۈپەيلىدىن مەزھەپلەر ئارىسىدا ئىختىلاپلار ئەۋجىگە چىققان. ھەنبەلىلەر بىلەن باشقا مەزھەپ تۇتقانلار ئارىسىدا جىدەل -ماجرالار، ئۇرۇشلار بولغان، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ئۆلگەن ..(Suyûtî, s. 384).

475/1082 يىلى مەغرىپتىن كەلگەن، مەزھەپ ئېتىبارى بىلەن بولسا شافىئى ۋە ئەشئەرى بولغان ئەبۇلقاسىم ئەلبەكرى، نىزامۈلمۈلىك تەرپىدىن ئۆزىگە ئىش ھەققى قاراشلىق ھالدا باغداتقا ئەۋەتىلدى.ۈئۇ دىينى ۋەز -نەسھەتلىردە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنى مەدھىيلەپ پەقەت ھەنبەلىلەرنى ئەيىپلەيتتى .
بۇ ئىش ھەنبەلىلەرنى كۈشكۈرتكەن ۋە قازى ئابدۇللاھ دامغانىينىڭ ئۆيىگە بىر ئىلمى مۇنازىرە ئەسناسىدا بېسىپ كىرىپ كىتاپلىرنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ جىددىيچىلىكنىڭ داۋامى تۈپەيلىدىن خەلىپە ئەبۇ ئىسھاق شىرازى بىلەن ئەبۇ بەكرى شاشىينى مەلىك شاھقا (بۈيۈك سەلچۇق دۆلىتىنىڭ 3.سۇلتانى -تەرجىماندىن) ئەۋەتتى. بۇ بۈيۈك شەخىسلەر ھەر ئۆتكەن شەھەرلەردە يۇقۇرى ھۆرمەت بىلەن قارشى ئېلىندى ۋە بەركەت ۋەسىلىسى بىلىپ بويۇنلىرغا قولىنى سۈركىشەتتى .
سۇلتان مەلىك شاھ ۋە ۋەزىرى نىزامۈلمۈلىك ھۇزۇرىدا ئۇلار بىلەن ئىمامۇل ھەرەمەين ئەبۇل مەئالى ئەل جۇۋەينى ئارىسىدا ئىلىپ بېرىلغان مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرلەردىن كىيىن پۈتۈن پىكىر ۋە ئارزۇلىرى قوبۇل قىلىندى .
نىزامىيەدە ئەشئەرىيلىك ھەققىدە ۋەز -نەسىھەتلەرگە رۇخسەت قىلىندى ۋە بىرەر ھادىسە يۈز بەرمىسۇن دەپ مەدرەسلەرنىڭ ئىشىكىگە تۈرك قوغدىغۇچىلار يەرلەشتى مۇشۇنداق قىلىپ دۆلەت ئىجتىمائىي نىزام بىلەن بىرلىكتە پىكىر ۋە دىن ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تېرشىۋاتاتتى. .(İbnü’l-Esîr., c. V, s. 340-344. Murtezâ Zebidî., c. I, s. 282)

ئەبۇل مۇزەپپەر ئىبنۇسسەمانى (H.426/489) ھەجدىن قايتىشىدا كۆرگەن چۈشلىرگە ئاساسلىىنىپ داۋراڭ سالغان ھالەتتە ھەنەفىيلىكنى تەرك قىلىپ شافىئي مەزھىپىگە ئۆتىشى بىلەنلا ئىككى مەزھەپنىڭ مەنسۇپلىرى ئارىسىدا تالاش-تارتىش يۈزبەرگەن. بۇلار ئۇلغۇيۇپ پىتنە ۋە ئادەم ئۆلتۈردىغان دەرىجىگە يەتكەن. خوراساندىن ئىراققا قەدەر يىيىلغان بۇ ۋاقىت ئىچىدە مەرۋەدە چوڭ جامىي تاقالغان ۋە شافىئىيلەر بىر مەزگىل جۈمە نامىزى ئوقۇيالمىغانتى .
ھېجرىيە 7-ئەسىردە ئىسپەھان (ئېراندىكى بىر شەھەر -تەرجىماندىن )شەھرىنى زىيارەت قىلغان مەشھۇر جۇغراپىيە ئالىمى ياقۇت، مۇجەمدە شۇ قۇرلارغا ئورۇن بەرگەن :
زامانىمىزدا ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ شەھەر بىلەن ئەتراپى قانچە قىتىملاپ خاراب قىلىندى؟ بۇنىڭ سەۋەبى بولسا شافىئىيلەر بىلەن ھەنەفىيلەر ئارىسىدىكى دائىملىق تۈگمەيدىغان تەئەسسۇپ ۋە ئۇرۇشتۇر .قايسى گۇرۇپ غالىپ كەلسە يەنە بىرىنىڭ رايون ۋە مەھەللىسنى تالان -تاراج قىلغان،بۇزىۋەتكەن ۋە ئوت قويغان.
( Mu’cemu’l-buldân, Beyrut, 1957, c. I, s. 209)
ھېجرىينىڭ 617-يىلىدا رەي شەھرىنى زىيارەت قىلغان ياقۇت بۇيەرنىڭمۇ خاراب بولغانلىقىنى كۆرۈپ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرىدۇ ۋە شۇ جاۋابنى ئالىدۇ :
”سەۋەپ ئاددى؛پەقەت ئاللاھ بىر نەرسىنى ئىرادە قىلسىلا بۇلىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئۈچ گۇرۇپ ئىدى. شافىئى ئاز ئىدى. ھەنەپىيلەر تىخىمۇ كۆپ ئىدى ۋە شىئەلەرمۇ بار ئىدى ۋە كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيتى.
قوشنا ئاھالىلەر بولسا كۆپىنچىسى شىئە ئىدى ۋە ئازراق ھەنەفىيلەرمۇ بار ئىدى. ئالدى بىلەن شىئەلەر ۋە سۈننىيلەر ئارىسىدا تەئەسسۇپ ئۇرۇشى باشلاندى. ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇشتى. ھەنەفى ۋە شافىئىيلەر ئارىسىدا تەئەسسۇپ باش كۆتۈردى. جەڭ باشلاندى ۋە سانى ئاز بولىشىغا قارماي شافىئىيلەر غالىپ كەلدى. ئەتراپتىكى ھەنەفىيلەرنىڭ قوراللىنىپ كېلىپ مەزھەپداشلىرىغا ياردەم قىلىشىمۇ پايدا بەرمىدى. مانا بۇ كۆرگەن خاراپ يەرلەر شىئەلەر بىلەن ھەنەفىيلەرگە ئائىت بولغان يەرلەردۇر. ئۇلاردىن پەقەت مەزھىپىنى يۇشۇرغانلار قېلىپ قالغان ئىدى. (Yâkût, c. III, s. 117.)
بۇ مىساللارنى كۆپەيتمەك مۇمكىندۇر. پەقەت ئەسىرلەر ئىلگىرى بولسىمۇ مەيدانغا كەلگەن بۇ ئازاپ، كۆڭلىنى يىرىم قىلىدىغان ۋە ئىسلامنىڭ روھىغا تامامەن زىت ھادىسلەرنى ئوقۇش مۇسۇلماننىڭ قەلبىنى غەم -قايغۇغا پاتۇرماقتا. تېنىچ، ھۇزۇر، خاتىرجەملىك، كەڭ –قورساقلىق، ھۆرلۈك ۋە سائادەت دىينى بولغان ئىسلامنىڭ ئاساسى بۇ خىل ھادىسلەرگە رۇخسەت قىلمايدۇ. مەزھەپلەرمۇ ماھىيەت ۋە غايىسى ئېتىبارى بىلەن مەزكۇر پىتنەلەرگە سەۋەب بۇلۇشتىن يىراقتۇر. پەقەت بىر سەۋەب جاھالەت، غەپلەت ۋە تەئەسسۇپتۇر. دىينى ئالىملارنىڭ ۋەزىپىسمۇ بۇ مەنىۋى مىكروپلار بىلەن تېركەشمەك، ئىسلامنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسىنى قوغداشقا تېرىشىشتۇر. ئىقبالنىڭ بۇ سۆزى نېمە دىگەن گۈزەل ھە: ”ئىسلامنىڭ قۇرۇلمىسىدا ھېچبىر قۇسۇريوقتۇر، پۈتۈن كەمچىلىك بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزدا.“

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



One Comment

  1. ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
    بۇ خىزمىتىڭلارنى قوللايمەن، ياخشى قىلىۋاتىسىلەر. ئەمما ئۇيغۇر تىلى نۇقتىسىدىن دىققەت قىلغان بولساڭلار، بولۇپمۇ تىنىش بەلگىلىرى توغرىسىدا. توردا مۇناسىۋەتلىك كىتابلار بار.شۇلاردىن پايدىلىنىپ كوررېكتورلۇقىنى ياخشىلىساڭلار. تىنىش بەلگىلرى تۈركچىىنىڭ تەسىرىگە بەكلا ئۇچراغلىق ھالەتتە سىلەرنىڭ يازماڭلاردا.

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*